#Article 1: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى (880 words)


جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى  ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان بىر دەۋلەت. پايتەختى بېيجىڭ، ئەڭ چوڭ شەھىرى شاڭخەي شەھىرى. دۆلەت تىلى خەنزۇ تىلى/خەنزۇچە. ھازىرىقى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ. ھازىرىقى باش ۋەزىر/زۇڭلى لى كېچياڭ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 1949 يىلى 10 ئاينىڭ 1 كۇنى مۇستەققىلىقىنى ئېلان قىلغان، يەر مەيدانى 9 مىليون 640 مىڭ 821 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 1 مىليارد 321 مىليون 851 مىڭ.

جوڭخۇا خەلق جومھۇرىيىتى 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلغان، دۆلەت شېئىرى « پىدائىيلار مارشى»، دۆلەت گېربى مەزمۇنى دۆلەت بايرىقى، تيەنەنمېن، چىشلىق چاق ۋە بۇغداي، شال باشىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پايتەختى بېيجىڭ، ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون بويىچە 23 ئۆلكە، بەش ئاپتونوم رايون، تۆت بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئىككى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون بار. خەنزۇ مىللىتىنى ئاساسىي مىللەت قىلغان، 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ، خەنزۇلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ % 91.5 ىنى ئىگىلەيدۇ.

جۇڭگو تۆت چوڭ مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئۇزاق مەدەنىيەتلىك تارىخقا ئىگە ،يەر كۆلىمى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە 3 - چوڭ دۆلەت، دۇنيا بويىچە 1-چوڭ نوپۇسى كۆپ دۆلەت، ئەنگلىيە ،فرانسىيە،ئامېرىكا، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت . جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ سودا دۆلىتى، دۇنيا بويىچە 1-چوڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى دۆلىتى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پولات تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ۋە دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ يېزا ئىگىلىك دۆلىتى، دۇنيا بويىچە 1-چوڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ۋە دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ئۆسۈپ يېتىلىشى ئەڭ تېز دۆلەتلەرنىڭ بىرى. چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلغۇچى 2-چوڭ دۆلەت، يەنە دۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىم ئەزاسى، يوشۇرۇن دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارالغان.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قۇرۇش قانات يايدۇرۇلۇپ،1953- يىلدىن باشلاپ، ئۈچ چوڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىپ، 1956- يىلى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىزىم ئۈستىدە ئىزدىنىش باسقۇچىغا كىرگەن. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلىپ، تەدرىجىي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئورنىتىلغان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇقلۇق كۆلىمى تەخمىنەن 960 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، چوڭ قۇرۇقلۇق دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى 18 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق، ئارال قىرغاق لىنىيىسى 14 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق، ئىچكى دېڭىز، ۋە چېگرا، دېڭىز سۇ يۈزى تەخمىنەن 4مىليون 700 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دېڭىز رايونىدا تارقالغان كىچىك ئاراللار 7600 دىن ئارتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە تەيۋەن ئارىلى ئەڭ چوڭ بۇلۇپ، كۆلىمى 35798 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ . قۇرۇقلۇقتا 14 دۆلەت، دېڭىزدا بىلەن ئالتە دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ.

قۇرۇقلۇق تېررىتورىيەسى:

جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە دېڭىز بويىدىكى ئاراللار، تەيۋەن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللار دۇڭشا تاقىم ئارىلى، شىشا تاقىم ئاراللىرى، جۇڭشا تاقىم ئاراللىرى، نەنشا تاقىم ئارىلى ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە باشقا بارلىق ئاراللارنى (جۈملىدىن دىياۋيۈ تىزما ئاراللىرى )، قۇرۇقلۇق زېمىنى 9 مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

دېڭىز - ئوكيان تېررىتورىيەسى : 

بوخەي دېڭىزىنىڭ پۈتۈن دائىرىسى ۋە خۇاڭخەي دېڭىزى، دۇڭخەي دېڭىزى  جەنۇبىي دېڭىزنىڭ كۆپ قىسمى ۋە مەخسۇس باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئىقتىسادىي رايونلار، جەمئىي تەخمىنەن 470 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇلار ئىچىدە جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى توققۇز خىل سىزىق ئىچىدىكى بارلىق دېڭىز تەۋەلىكى كۆلىمى تەخمىنەن 300 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. جۇڭگونىڭ ھاۋا تەۋەلىكى زېمىن ۋە دېڭىز تەۋەلىكىدىن 35 كىلومېتىردىن يۇقىرى بوشلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرقى ۋە جەنۇبى، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى دېڭىز ياقىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 18400 كىلومېتىر،14 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق ئارال قىرغاق لىنىيىسى، ئىچكى دېڭىز ۋە چېگرا، دېڭىز سۇ يۈزى تەخمىنەن  4مىليون 700 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دېڭىز رايونىدا 7600 كىچىك ئارال تارقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە تەيۋەن ئارىلى ئەڭ چوڭ بۇلۇپ، تەخمىنەن 35989.76 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگرىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20000 كىلومېتىردىن ئارتۇق، قۇرۇقلۇقتا 14 دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، دېڭىزدا ئالتە دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ.

جۇڭگونىڭ يەر تۈزۈلۈشى غەربى ئېگىز، شەرقى پەس، مۇرەككەپ، كۆپ خىل؛ تۈرلۈك يەر شەكلى پۈتۈن مەملىكەت قۇرۇقلۇق كۆلىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى : تاغلىق %33.3، ئېگىزلىك % 26، ئويمانلىق %18.8، تۈزلەڭلىك % 12، ئېدىرلىق% 9.9 . جۇڭگودىكى تاغلىق،ئېگىزلىك ۋە ئېدىرلىق قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ % 67 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئويمانلىق ۋە تۈزلەڭلىك تەخمىنەن قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ % 33 ىنى ئىگىلەيدۇ. تاغ تىزمىلىرى كۆپ ھاللاردا شەرق غەرب ۋە  شەرقىي شىمال-غەربىي جەنۇبقا سوزۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئالتاي تاغلىرى، تەڭرىتېغى، كوئىنلۇن تېغى، قاراقۇرۇم تېغى، ھىمالايا تىغى، يىنشەن تېغى، چىنلىڭ چوققىسى، نەنلىڭ چوققىسى، چوڭ ھىنگان تاغ تىزمىلىرى، چاڭبەيشەن تېغى، 
تەيخاڭشەن تېغى، ۋۇيىشەن تېغى، تەيۋەن تاغ تىزمىسى، ۋۇشەن ۋە خېڭدۈەنشەن تېغى قاتارلىق تاغ تىزمىلىرى بار.

يەر بايلىقى : تاغلىق رايون 3 مىليون 200 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئېگىزلىك 2 مىليون 500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئويمانلىقى بىر مىليون 800 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، تۈزلەڭلىك 1 مىليون 150 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئېدىرلىق مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ ( 1997 ).

دۆلەت زېمىن كۆلىمى :

قۇرۇقلۇق يەر كۆلىمى 960 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، دۇنيا قۇرۇقلۇق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن 1/15 نى ئىگىلەيدۇ، سەل سوۋېت ئىتتىپاقىدىن باشقا ياۋروپا ئەللىرىنىڭ كۆلىمىگە تەڭ، رۇسىيە (17075000 كۋادرات كىلومېتىر)، كانادا (9971000كۋادرات كىلومېتىر) دىن قالسا، دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شەرقىي رايونلارنىڭ % 10.5، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ % 25.3، غەربىي رايوننىڭ % 64.2 نى ئىگىلەيدۇ.

مەملىكەتلىك يېزا-بازار ئومۇمىي سانى37334، بۇنىڭ ئىچىدە : بازار 19883 ؛ يېزا 17451. مەملىكەت بويىچە مەھەللە ئىش باشقارمىسى 5904.

مەملىكەت بويىچە تەسىس قىلىنغان ئاھالە كومىتېتى مەھەللە ( ئاھالە كومىتېتى ) 7 مىڭدىن ئارتۇق؛ ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى 129.6 مىڭدىن ئارتۇق، كەنت ئاھالە كومىتېتى 64.4 مىڭ؛ كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى 507.9 مىڭدىن ئارتۇق.

جۇڭگودا ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلىغان 56 مىللەت بار. خەنزۇ، موڭغۇل، خۇيزۇ، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، مياۋزۇلار، يىزۇ مىللىتى، جۇاڭزۇ مىللىتى، بۇيى مىللىتى، چاۋشيەن مىللىتى، مانجۇ، دوڭزۇ مىللىتى، ياۋزۇ مىللىتى، بەيزۇ مىللىتى، تۇجيا مىللىتى، خانى مىللىتى، قازاق، دەيزۇلار، لىزۇ مىللىتى، لىسۇ مىللىتى، ۋازۇ، شېزۇ مىللىتى، گاۋشەن مىللىتى، لاخۇ مىللىتى، شۈيزۇ مىللىتى، دۇڭشىياڭ مىللىتى، ناشى مىللىتى، جىڭپو مىللىتى، قىرغىز، تۇزۇلار، داغۇر، مۇلاۋ مىللىتى، چياڭزۇ مىللىتى، بۇلاڭلار، سالالار، ماۋنەن مىللىتى، گېلاۋ مىللىتى، شىبە، ئاچاڭ مىللىتى، پۇمى مىللىتى، تاجىك، نۇزۇ مىللىتى، ئۆزبېك، روس، ئېۋېنكې مىللىتى، دېئاڭ مىللىتى، باۋئەن مىللىتى، يۇغۇر مىللىتى، جىڭزۇلار، تاتار، دۇلوڭلار، ئورونچون مىللىتى، خېجې مىللىتى، مېنبا مىللىتى، لوبا مىللىتى، جىنو قاتارلىق 56 مىللەت بار.




#Article 2: لازېر نۇرى (449 words)


 

لازىر---ئەسلى ئىنگىلىزچە LASER دىگەن سۆز بولوپ بىزگە روسچىدىن ئۆزلىشىپ كىرگەن.ئىنگىلىزچە قوزغىتىلغان رادىئاتسيە ئارقىلىق كۆچەيتىلگەن نۇردىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىپ يىزىلىشى.لازىر نۇرى ئوخشاش دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىكى فوتونلار ئىقىمىنى تارقىتىدىغان نۇر مەنبەسى بولوپ ھىسابلىنىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دوختۇرلار مېڭە ئوپېراتسىيىسىدە تىغ ئىشلەتمەستىن، بەلكى يىڭنە ئۇچى چوڭلۇقىدا يىغىلغان نۇر نۇقتىسىدىن پايدىلىنىپ ئوپېراتىسيە ئېلىپ بېرىپ، نېرۋىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىش بولغان توقۇلمىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يەنە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى باشقا نېرۋىنىڭ زەخىملىنىشىدىن ساقلىنالايدىغان بولدى. بۇ خىل ئاجايىپ نۇر نۇقتىسى ئىنسانىيەتكە بەخت ئېلىپ كېلىپ، ئۈمىد نۇرى، يەنى لازېر دەپ ئاتالدى. 1960- يىلى ئامېرىكا تۇنجى بولۇپ، دۇنيادىكى ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە بولغان تۇنجى يېڭى يورۇقلۇق مەنبەسى − لازېر ئەسۋابىنى تەتقىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى چاڭچۈن ئوپتىكا مېخانىزملىرى تەتقىقات ئورنى بۇ خىل يېڭى يورۇقلۇق مەنبەسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. لازېر ئەسۋابىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكا تەتقىقات تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ بىر چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان، ئىنسانىيەت يۇقىرى يورۇش دەرىجىسىگە ئىگە، يەككە رەڭلىكلىكى ياخشى بولغان يورۇقلۇق مەنبەسىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدى، لازېر ئەسۋابى ئىنتايىن يۇقىرى يورۇش دەرىجىسىگە ئىگە يورۇقلۇق مەنبەسى بولۇپ، ئۇ يېتەلەيدىغان يورۇش دەرىجىسى تەبىئەتتىكى يورۇش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان يورۇقلۇق مەنبەسى − قۇياش يورۇقلۇقىدىن نەچچە ئون مىليارد ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، بىر غايىۋى يەككە رەڭلىك يورۇقلۇق مەنبەسى ھېسابلىنىپ، يۇقىرى يەككە رەڭلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئادەتتىكى گېلىي - نېئون لازېر ئەسۋابى چىقارغان دولقۇن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن6328 ئانگىسترېم بولغان قىزىل نۇرنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقىنىڭ دائىرىسى پەقەت10 مىليوندىن بىر ئانگىستېرىم (°A) پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ يۇقىرى يۆنىلىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، يۆنىلىشلىك نۇرلار دەستىسى چېچىلىپ كەتمەي تۈز سىزىق بويىچە ئالدىغا تارقىلالايدۇ. لازېرنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەل ئىقتىدارلىرى بولغانلىقتىن، سانائەت، يېزا ئىگىلىك، تېببىي داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش، ئالاقىلىشىش، ھەربىي ئىشلار ۋە پەن - تەتقىقات قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلماقتا. لازېرنى يىغىپ دىئامېتىرى m6 -10 دىن كىچىك يورۇقلۇق نۇقتىسى ھاسىل قىلىنسا، بۇ يورۇقلۇق نۇقتىسىغا ناھايىتى يۇقىرى ئېنېرگىيە توپلىنىدۇ - دە، قاتتىق قىزىل ياقۇت، داتلاشماس پولات قاتارلىقلارنى ئېرىتىۋېتەلەيدۇ ياكى ھورلاندۇرۇۋېتەلەيدۇ، شۇڭا بۇ ئارقىلىق نازۇكلۇق دەرىجىسى تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ماشىنىسازلىق پىششىقلاپ ئىشلەش، مەسىلەن، لازېر ئارقىلىق كېسىش، تۆشۈك ئېچىش، كەپشەرلەشلەرنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ، بۇنىڭدا ئېنېرگىيە مەنبەسى تېجىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپلا قالماي، يەنە ئاپتوماتلىشىشنى ئاسانلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ياكى ئوخشاش بولمىغان مىقدار (ئۆلچەم) دىكى لازېر جانلىقلار ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ياكى تورمۇزلاپ، بۇزغۇنچىلىق قىلىش رولىنى ئوينايدۇ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتا لازېردىن پايدىلىنىپ سورت يېتىشتۈرۈپ، زىرائەتلەر ۋە چارۋا مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىدا، دىئاگنوز قويۇش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوپېراتسىيە قىلىش، فىزىكىلىق داۋالاش، يىڭنە سانجىپ داۋالاش، ئىچكى ئەزانى كۆزىتىش ئەينىكى ئارقىلىق داۋالاش قاتارلىقلاردا لازېر ئىشلىتىلىپ، ئەنئەنىۋى تېببىي ئىلمىدە ھەل بولمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلەر ھەل قىلىندى. لازېر ئوپتىكىلىق ئالاقىلىشىش، دۆلەت مۇداپىئەسىدە رازۋېدكا قىلىش ۋە قوغدىنىشلاردا ئىشلىتىلىدۇ. لازېر ئۇسۇلى ئارقىلىق يادرو ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنىڭ يادرو يېقىلغۇسىنى ئىشلەپچىقىرىش ئەنئەنىۋى ئۇسۇلىدىكىگە قارىغاندا ئەرزان ۋە قۇلاي بولىدۇ. لازېرنىڭ قوللىنىلىشى ئۇنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى كۆرسىتىپ بەردى، لازېر ھەقىقەتەن ئىنسانىيەتنىڭ ئۈمىد نۇرىدۇر..




#Article 3: Uyghur tili (470 words)


Uyghur tili uzaq tarixqa ige güzel til. U uzaq esirlik tereqqiyat dawamida qedimki türkiy tillar dewri, orxun uyghur tili dewri, idiqut-xaqaniye uyghur tili dewri, chaghatay uyghur tilini bésip ötken. Bu jeryanda uyghur tili orxun-yénsey yéziqi, qedimki uyghur yéziqi, biraxma yéziqi, mani yéziqi, soghd yéziqi, ereb yéziqi qatarliq yéziqlar bilen xatirilengen(bezi yéziqlar omumyüzlük, bezi yéziqlar qismen qollinilghan), shundaqla xenzu tili, sanskrit tili, sak tili, tuxar tili, soghda tili, ereb tili, pars tili, mongghul tili qatarliq nurghurn tillar bilen uchriship hem bir birige tesir körsitip, üzlüksiz mukemmelleshken we hazirqi zaman uyghur tili dewrige kirgen.

Hazirqi zaman uyghur tili 19-esirning axiri we 20-esirning deslipidin bashlap awwal chet ellik
Alimlar, andin élimiz alimliri teripidin tetqiq qilinghan. Bir esirdin köprek waqittin buyan hazirqi zaman 
Uyghur tili asasen eneniwi tilshunasliq boyiche, qoshumche qurulmichiliq tilshunasliqi, aylandurma-tughdurma
Tilshunasliqi qatarliq nezeriyiler boyiche tetqiq qilinip, xéli sistémiliq teswirlengen hem ayshem shemiyéwa,
Emir nejip, ghuji'ehmed seydiwaqasof, ibrahim muti'i, imin tursun, xemit tömür, mirsultan osmanof,
Turdi ehmed, nesrulla yolbuldi, enserdin musa qatarliq tilshunaslirimiz we yéngi bir ewlad tilchilirimizning
Her qaysi dewrlerge, métodlargha wekillik qilidighan eserliri meydangha kélip uyghur tili tetqiqatini chongqurlashturdi

Jungxu'a xelq jumhuriyiti (j x j) yaki (chin)ning Shinjang Uyghur Aptonom Rayoni, Qazaqistanning sherqiy we jenubiy qisimliri, Özbekistan,Pakistan, Qirghizistan, Türkiye, Seudi Erebistani qatarliq dölet we rayunlarda yashaydighan uyghurlar we bezi yéqin arliship olturaqlashqan bezi milletler teripidin aghizaki we yazma tilda qollinilidu.

Jungxu'a xelq jumhuriyiti téritoriyi ichideyashighuchi 11 milyon uyghur we ahaliy nopusi éning bolmighan ottura asiya we yawrupada yashighuchi bashqa uyghurlar.

Uyghurlar tarixta qachandin bashlap yéziq bilen xatirilinishke bashlighanliqi heqqide hazirghiche tetqiqatchilar teripidin birlikke kelgen qarash yoq. Özbekistan we Qazaqistan qatarliq téritoriyilerde silawyan yéziqida,türkiye we yawrupa elliride türk yéziqida, junggo/chin memlikitide ereb yéziqi,latin yéziqi we xenzuche/xitayche/chinche yéziqlarda xatirilinidu. Tilshunaslar köpinche ereb yéziqi asasidiki uyghur yéziqida xati'ondin artuq uyghur mushu tilni ishlitidu. Undin

Uyghur tili ural-altay tilliri'i séstimisi、 türkiy tillar a'ilisi、sherqiy türk tili tarmiqi, uyghur-qarluq tili toplimi ,uyghur tili bolup türkiy tillardin özbek tili eng yéqin til bolup hésaplinidu. Ikkilisi chaghatay türkchisining warisliri bolup bezi alimlar teripidin eynen bir til dep qarilidu.

Chong jehettin merkiziy dé'alikit, xoten dé'alikti we lopnur dé'alikti qatarliq üch wariyanti bar. Shinjang uyghur aptunum rayuni teweside birlikke kelgen uyghur edebiy tili asasliq merkiziy di'alikittin menbe alidu. Kitabiy til yaki yéziq tili aghzakiy til yaki xelq tili bilen asasen yéqin yaki bir az periqliq, xalas. Metbu'at, xet -chek alaqe, kinu - filim, sehne yaki uchur-axbaratlarda edebiy til qollinilidu we qollinilishi shert.ereb heripliri asasidiki uyghur kona yéziqi qanuniy yéziq bolup,özgertish yaki qisqartip yézishqa bolmaydu.
Merkiziy dé'alikit: Ürümchi, Turpan, Qumul,Ghulja,Aqsu,Atush,Qeshqer, Guma, korla shiwiliri

Xoten dé'alikti: xoten shiwisi

Lopnur dé'alikti: lopnur shiwisi

Uyghur tili uzaq tarixqa ige güzel til. U uzaq esirlik tereqqiyat dawamida qedimki türkiy tillar dewri, orxun uyghur tili dewri, idiqut-xaqaniye uyghur tili dewri, chaghatay uyghur tilini bésip ötken. Bu jeryanda uyghur tili orxun-yénsey yéziqi, qedimki uyghur yéziqi, biraxma yéziqi, mani yéziqi, soghd yéziqi, ereb yéziqi qatarliq yéziqlar bilen xatirilengen.



#Article 4: Qash (169 words)


ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى قەدىمى قازۋىن شەھرى ۋە بۇگۇنكى قاش .

ھازىرقى ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى قاش بولسا ، مىلادىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئالىب ئەرتۇڭا (ئافراسىياپ )نىڭ يازلىق ئۆردىلىرىنىڭ بىرى بولغان بولۇپ، ھازىرقى قاش قاراباغ يېزىسى - ئەپراسىياپ ۋە ئۇنىڭ قىزى قاز مەلىكىنىڭ ئىستىراھەت بىغى بولغان ، ھازىرقى قاش يېزىسى قاز مەلىكە سالدۇرغان تارىختىكى مەشھۇر  شەھرىدۇر .
قاش نامى ۋە ئۇنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدا دا مۇنداق بايانلار بار :  . يەنە بۇ شەھەر ھەققىدە تەپسىلى توختۇلۇپ  . شۇڭا قاش نامىنىڭ كىلىپ چىقىشى  بولۇپ ،كىيىن  تاۋۇشى  غا ئۆزگەرگەن ،بۇنداق ھەرىپ ئالمىشىش ھەققىدە مەخمۇت قەشقىرى دىۋاندا  دەپ كۆرسەتكەن . مەلۇمكى ،  نامى ئەسلىدە ئادەم ئىسمى بولۇپ ، كىيىنچە جۇغراپىيىلىك نامغا يەنى ، دەريا ۋە يەر نامىغا ئايلىنىپ كەتكەن .بۇنىڭدىن ، قاز مەلىكە بىنا قىلغان  شەھرى ھازىرقى قاش يېزىسى نامىدا ساقلىنىپ قالغان .مەھمۇت قەشقىرى  شەھرىنىڭ مەنىسىنى ئېزاھلاپ مۇنداق يازىدۇ :  . قاز سۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسى غاز بولۇپ ،قەدىمقى ئىلى ئۇيغۇرلىرى غاز غا ئىتىقات قىلغان بولۇپ ، بۇ خىل ئىتىقاتچىلىقنىڭ ئىپادىسى سۇپىتىدە ھازىرقى قاش يېزىسىدا  ھازىرغىچە مەشرەپ سورۇنلىرىدا ئوينىلىپ كىلىۋاتىدۇ .

مەنبە : ئابدۇرىشىت ئوسمان ،دىن




#Article 5: ﻫﯩﻴﻨﻰ (189 words)


ﻫﯩﻴﻨﻰ (1797 - 1856 )

ﺑﯩﺮ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘ ﯪﺷﯩﻖ ،
ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﺰ ﺗﺎﻟﻼﭘﺘﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ .
ﯰﻣﯘ ﻫﻪﻡ ﻛﯚﺯ ﺳﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻙ ﺭﻩﻧﺎﻏﺎ ،
ﯪﭘﺘﯘ ﯲﺯ ﯬﻣﺮﯨﮕﻪ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ،

ﻫﯩﻠﯩﻘﻰ ﻗﯩﺰ ﺩﻩﺭﺗﻜﻪ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻱ ﭼﯩﺪﺍﭖ ،
ﺗﯩﮕﯩﭙﺘﯘ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﯰﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﯬﺭﮔﻪ .
ﻫﯩﻠﯩﻘﻰ ﻳﯩﮕﯩﺘﻤﯘ ﻫﻪﺳﺮﻩﺗﻜﻪ ﭼﯚﻛﯜﭖ،
ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻧﺪﺍ ﺗﻪﺷﻨﺎ ﺯﻩﻫﻪﺭﮔﻪ .

ﺑﯘﻏﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ،
ﻟﯩﻜﯩﻦ ﯰ ﻣﻪﯕﮕﯜﮔﻪ ﻳﯩﯖﻰ ﻫﯩﻜﺎﻳﻪ .
ﻛﯩﻤﯩﻜﻰ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺑﯘ ﻳﻪﯕﻠﯩﻎ ﺋﯩﺸﻘﺎ،
ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﮔﻪﭖ - ﺳﯚﺯﺳﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﯘﺳﻰ ﭘﺎﺭﻩ .

ﺗﺎﯞﻟﯩﻨﺎﺭ ﺩﯨﯖﯩﺰ ﯪﻟﺘﯘﻧﺪﻩﻙ ﮔﻮﻳﺎ ،
ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﻮﺭﯨﺪﺍ ﭼﺎﻗﻨﺎﭖ ﺩﻩﻣﻤﯘ - ﺩﻩﻡ .
ﻗﻮﻳﯘﯕﻼﺭ ﺩﻭﺳﻼﺭ ﻣﯩﻨﻰ ﺩﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ،
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﻥ ﯬﮔﻪﺭ ﯲﻟﺴﻪﻡ .

ﻫﻪﺭ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،
ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﮕﻪ ﯪﺭﺍﻡ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ ﺩﯨﯖﯩﺰ .
ﺷﯘﯕﺎ ﺩﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺳﯚﻳﯩﻤﻪﻥ ،
ﺑﯩﺰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻨﺎﻕ ﯲﺗﯩﻤﯩﺰ .

ﯰﻻﺭﺩﯨﻦ ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ ﻗﻪﯞﻩﺕ ،
ﺗﯩﺮﯨﻜﯩﭗ ﯬﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﭼﯩﻜﯩﻤﻪﻥ ﺯﻩﺧﻤﻪﺕ .
ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻩﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﯲﭺ - ﻧﻪﭘﺮﻩﺕ ،
ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻐﯩﺸﻼﺭ ﺋﯩﺸﻘﻰ - ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ .

ﺑﻮﻟﻜﺎﻣﻐﺎ ﺳﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺯﻩﻫﻪﺭ ﻫﻪﺭ ﺳﺎﯬﺕ ،
ﺭﻭﻣﻜﺎﻣﻐﺎ ﻗﯘﻳﯘﺷﯘﭖ ﯮﻏﺎ ﺩﺍﯞﺍﻣﻪﺕ .
ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻐﯩﺸﻼﺭ ﺋﯩﺸﻘﻰ - ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ،
ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻩﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﯲﭺ - ﻧﻪﭘﺮﻩﺕ .

ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺷﯘ ﺟﺎﻧﺎﻧﯩﻢ ﻣﻪﻥ ﯴﭼﯜﻥ ﺷﯘ ﺗﺎﭖ ،
ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ﯬﯓ ﺋﯩﻐﯩﺮ ﻗﺎﻳﻐﯘ ، ﯬﻟﻪﻡ،ﺩﻩﺭﺕ .
ﯬﭘﺴﯘﺳﻜﻰ ﯰﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ ﻧﻪﭘﺮﻩﺕ ،




#Article 6: GNU (106 words)


جنۇ(GNU) بىر كومپيۇتىر مەشغۇلات سىستىمىسى بولوپ،پۈتۈنلەي ھەقسىز يۇمشاق دېتاللاردىن تۈزۈلگەن. سىستىما لايھىلىنىش جەھەتتە يۇنىكس(Unix) قا ئوخشاشسىمۇ،لىكىن ھەقسىز يۇمشاق دېتال ھەم ھىچقانداق يۇنىكس كودى ئىشلەتمەسلىك بىلەن يۇنىكستىن تۈپتىن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ.

 

 
 

جنۇ 1983-يىلى رىچارد ستالمان(Richard Stallman) تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان بولوپ، ھەقسىز يۇمشاق دېتال فوندى(FSF) نىڭ ئەسلى مەركىزى تېمىسى بولغان.

سىستىمىنىڭ ئاساسى قىسمى  GNU Compiler Collection (GCC)  GNU Binary Utilities (binutils), the bash shell, the GNU C library (glibc), and GNU Core Utilities (coreutils)  قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

جنۇنىڭ نۆۋەتتىكى تارماق سىستىما ناملىرى:
 Bee GNU/Hurd
 Debian GNU/Hurd

جنۇنىڭ ئۆزىنىڭ Hurdنى ئىشلەتمەيدىغان نۇسخىلىرىدىن:
جنۇ/لىنۇكس (GNU/Linux)---ھازىر ئەڭ كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان جنۇ تېپىدىكى سىستىما
 Debian GNU/kFreeBSD
 Debian GNU/NetBSD
 Nexenta OS

نوپوزلۇق تور ئادرىسى:




#Article 7: ئاندوررا (172 words)


 

ئاندوررا كېنەزلىكى Principat d'Andorra
پايتەخت: ئاندوررا كەنتى، ئاھالىسى 28مىڭ دۆلەت نوپۇس: 71مىڭ201ئادەم
زىمىنى468: كۇۋادىرات كىلومېتىر
تىلى: ئاھالىنىڭ 35%نى ئىگەللەيدىغان يەرلىك ئاندوررالار ۋە ۋە 43% نى ئىگەللەيدىغان ئىسپانىيىلىك كاتالونلار نىڭ كاتالون تىلى دۆلەت تىلى بولۇپ بۇلاردىن 11%پورتۇگال ۋە %7فىرانسىۇز بار.
پۇلى: ئاندوررا ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ياۋرو ئىشلىتىدۇ. ئاندوررانىڭ 2006-يىللىق مىللى دارامىتى 2مىليارت 600مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغىنى 38مىڭ دوللار. يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش نىسبىتى يىللاردىن بۇيان %3 بولۇۋاتىدۇ.
دىنى : پۈتۈن ئاھالىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

ۋاقىت رايونى : گىرنىۋىچ ۋاقتى(0-ۋاقىت رايونى)
قىسقىچە تارىخى: ئاندوررا كېنەزلىكى ياۋروپادىكى 7مىكرو دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرى كاتالونىيە دۆلىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان،8-ئەسىردىن كېيىن چارلىز ئىمپىرىيىسىنىڭ قولىدا بولۇپ 12-ئەسىردە مۇستەقىللىقا ئېرىشكەن، كېيىن ئىسپانىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىتىپاقدىشى بولغان، 1607-يىلىدىن باشلاپ فىرانسىيە بىلەن ئىسپانىيە ئاندوررانى ئارمىيىسى بولمىغان بىتەرەپ رايون قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. ئاندوررادا زامانىۋى سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكى ئاساسەن يوق بولۇپ ساياھەت ۋە ۋاكالەتچىلىك كىرىمى دۆلەت كىرىمىنىڭ 85% دىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ، پۈتۈن دۆلەتتە تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى ئۇمۇملاشقان بولۇپ، ئاھالىنىڭ %22 ى ئالى مائارىپ سەۋىيىسىگە ئىگە. -2006يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 36مىڭ، يانپون ئابونتى 65مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 23مىڭ بولغان.




#Article 8: ئەرمېنىيە (433 words)


دەرھەم. 2006-يىلى 414.69دەرھەم = بىر دوللار، 2004-يىلى 533.45دەرھەم = بىر دوللار، 2002-يىلى573.35 دەرھەم = بىر دوللار.
ئىقتىسادى: ئارمېنىيە مۇستەقىل بولۇشتىن بۇرۇن سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ رەڭلىك مېتال ۋە ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسىنى نۇقتىلىق تەرەققى قىلدۇرغان رايونى ئىدى، مۇستەققىل بولغان دەسلەپكى يىللاردا ئۇرۇش ۋە خوشنا ئەللەرنىڭ ئىمباگوسى تۈپەيلى ئارمېنىيە ئىقتىسادى ۋەيران بولۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان ئىدى. كېيىن دۇنيا بانكىسىنىڭ قەرز پۇلى بىلەن دۆلەت ئىقتىسادى تەرتىپكە چۈشتى. ھازىر ئارمېنىيەنىڭ دۆلەت قەرزى بىر مىليارت دوللاردىن ئاشىدىغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تاشقى قەرزى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت ھىساپلىنىدۇ. 2006 -يىلى ئارمېنىيەنىڭ ئۇمۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 6مىليارت 600مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 5مىڭ400 دوللار توغرا كەلگەن. ئارمېنىيەنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 10%دىن يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ.

دۆلەت بايرىمى:
(1991-يىلى)9ئاينىڭ 21-كۈنى، ئارمېنىيەنىڭ مۇستەقىل بولغان كۈنى
ۋاقىت رايونى :(شەرقى3- ۋاقىت رايونى)

ئارمېنىيە ئەسلىدە تۈركلەرنىڭ ئانا ماكانى بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇنقى 20-ئەسىردە دون دەريا بويلىرىدىن كەلگەن ھىندى ياۋروپا قان-سېستىمىسىدىكى ئارىئانلار بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىش رۇخسىتىنى ئالغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىردە يەھۇدى ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنى بولغان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 9-ئەسىردىن 6-ئەسىرگىچە مۇستەققىل ئۇرادۇ پادىشاھلىقى قۇرۇلغان، 6-ئەسىردىن كېيىن ئىران ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 331-يىلى ئىسكەندەر ماكىدونىسكى تەرپىدىن ئىشغال قىلىنغان ۋە خىرىستىان پروۋسلاۋ دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 190-يىلى ئەرمەنلەر قۇدرەتلىك ئارتاش پادىشاھلىقىنى قۇرغان ۋە مىسىرغىچە بولغان زىمىننى ئىشغال قىلىپ غەربى ئاسىيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلانغان. مىلادىدىن كېيىن شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، مىلادى 64-يىلى رىم ئىمپىرىيىسىگە بېقىندى ئارشاكۇن پادىشاھلىقى قۇرۇلغان ، مىلادى 224-يىلى ئەرمەنىيە ئىران ساسانىلار خانلىقىغا بېقىندى بولۇپ قالغان ، مىلادى 301-يىلى ئەرمەن پادىشاھى تىرىدات（Trdat III）خرىستىان دىنى پروۋىسلاۋ مەزھىبىنى دۆلەت دىنى قىلىپ دۇنيادىكى تۇنجى يەككە دىنلىق دۆلەت بولۇپ قالغان. مىلادى 405-يىلى ئەرمەن يېزىقى ئىجاد قىلىنغان. مىلادى428-يىلى ئارشاكۇن پادىشاھلىقى ساسانىلار پادىشاھلىقى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. مىلادى 680-يىلى ساسانىلار ئىمپىرىيىسى ئەرەپ ئىسلام ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان، ئەرمەنلەر ئىسلام ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، مىلادى 885-يىلى ئەرمەن قەھرىمانى ئاشوت （Ashot I）مۇستەقىللىق ھەركىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، باگراتون （Bagratunian）پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 1064-يىلى شەرقى رىم ئىمپىرىيىسى ئەرمەن پادىشاھلىقىنى بېسىۋالغان مىلادى 1071يىلىدىن كېيىن ئەرمەن دۆلىتى سالجۇق تۈركلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. بىر قىسىم كۆچمەن ئەرمەنلەر ھازىرقى سۈرىيەنىڭ دېڭىز بويى رايونىدا رۇبىنىئان پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ ئەھلى سەلىبنىڭ ئىتىپاقدىشىغا ئايلانغان. 1375-يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسى رۇبىنىان پادىشاھلىقىنى يوقىتىپ ئەھلى سەلىپنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئىتىپاقدىشىنى يوقاتقان. 1730-يىلىدىكى نەخىۋان ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىراننىڭ ئۆلكىسىگە ئايلانغان، 1828-يىلى چاررۇسىيە ئىمپىرىيىسى ئەرمەنىيەنى ئىراندىن تارتىۋالغان. 1918-يىلى ئەرمەنلەرنىڭ داشناق زۇردىيۇن پارتىيىسى مۇستەققىل جۇمھۇرىيەت قۇرغان، 1920-يىلى ئەرمەنىيە سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىگە ئايلانغان. دەل مۇشۇ مەزگىلدە تۈركىيە تەۋەسىدە ئازاربەيجان بىلەن تۈركىيىنى ئېتنىك جەھەتتىن تۇتاشتۇرۇپ ئپانتۈركىزىمغا يول ئېچىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بىر يېرىم مىليۇن ئەرمەن قىرغىن قىلىنغان. 1991-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى پارچىلىنىپ ئەرمەنىيە مۇستەققىل بولغان 1995-يىلىدىن كېيىن ئەزەربەيجاندىكى ئەرمەنلەر ئولتۇراقلاشقان رايون تاغلىق -قاراباغ )ناگورنو قاراباخ( نى تالىشىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 
ئەرمەنىيە زىمىنى ئىگىزلىك ۋە تاغلاردىن شەكىللەنگەن، ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق مۆتىدىل بەلباغقا تەۋە بولۇپ،15% ئورمانلىق.2% تېرىلغۇ يەر. تۇپراق ئۈنۈمدارلىقى بىر قەدەر يۇقىرى، كان بايلىقى مول . ئارمېنىيەدە ئاھالىنىڭ ئۈچتىن بىرى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.




#Article 9: بېلگىيە (257 words)


 

بېلگىيە پادىشاھلىقى Kingdom of Belgium 
پايتەخت: بېريۇسسېل(ياۋرۇپانىڭ پايتەختى دەپ نامى بار)، ئاھالىسى 1مىلىيۇن 510مىڭ 
زىمىنى 30مىڭ528 كۇۋادىرات كىلومېتىر
ئاھالىسى: بېلگىيەنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 10مىلىيۇن 379مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ 58%نى فلېمىڭ(گوللاند تىلىدا سۆزلىشىدىغان بېلگىيىلىكلەر)، 31%نى ۋاللونلار(فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغان بېلگىيىلىكلەر) ، 2%نى گېرمانلار، 9%نى كۆچمەنلەر ئىگەللەيدۇ.ئۈچ خوشنا دۆلەتنىڭ تىلى- گوللاند، فرانسۇز ۋە گېرمان تىللىرى دۆلەت تىلى.
دىنى : ۋاللونلار كاتولىك دىنىغا ئىشىنىدۇ. فلېمىڭلارنىڭ 70% كاتولىك دىنىغا 30% پروتىستانت دىنى مارتىن مەزھىبىگە ئىشىنىدۇ. 
پۇلى:ياۋرۇ.
ئىقتىسادى: 2006 -يىلى بېلگىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 350مىليارت326مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا34081دوللار توغرا كەلگەن. بېلگىيەنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 2%-3% بولۇۋاتىدۇ.

دۆلەت بايرىمى:( 1831-يىلى)7 -ئاينىڭ 21-كۈنى، بېلگىيەنىڭ تۇنجى قېتىم بىر پۈتۈن مەمۇرى بىرلىك سۈپىتىدە گوللاندىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەققىل بولغان كۈنى
ۋاقىت رايونى :ياۋروپا ۋاقتى(شەرقى1- ۋاقىت رايونى)
قىسقىچە تارىخى: بېلگىيە زىمىنى گۇتلارنىڭ(گېرمان تىل سېستىمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەجدادى) ئانا زىمىنى بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇن ھۇنلار پاراكەندىچىلىك سالغان. مىلادىدىن كېيىن رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ چېگرا زىمىنى بولغان. 2-ئەسىرلەردىن كېيىن شىمال ۋە جەنۇپتا ئايرىم ئايرىم كېنەزلىكلەر ۋە بەگلىكلەر قۇرۇلغان، 14-ئەسىردىن كېيىن ۋاللونلاردىن كېلىپ چىققان لىبورلاند پادىشاھلىقى بېلگىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئىككى ئەسىر ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن، 16-ئەسىردىن كېيىن ئىسپانىيە، ئاۋستىرىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيىلەر بېلگىيەنى نۆۋەت بىلەن بېسىۋالغان. 1830-يىلى بېلگىيە مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1993-يىلى پايتەخت بېريۇسسېل، ۋاللونلار ۋە فلېمىڭلار ئولتۇراقلاشقان رايوندا فىدىراتسىيە يولغا قويۇلغان. 
  
بېلگىيە ياۋرۇپا ئىتىپاقىنى قۇرغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئىگىلىكى تەرەققى قىلغان، نوپۇسى زىچ، يېرى مۇنبەت باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئاھالىدە تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى 1938-يىلىلا ئۇمۇملاشقان. ئاھالىنىڭ 29% ئالى مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە. 2006-يىلى بېلگىيەنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %1، سانائەت %24، مۇلازىمەت %75نى ئىگەللىگەن بولۇپ . -2005يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 4مىلىيۇن801مىڭ، يانپون ئابونتى 9 مىليۇن446مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 5مىلىيۇن 100مىڭ بولغان.




#Article 10: ئافغانىستان (318 words)


ئافغانىستان، رەسمى ئاتى بىلەن ئافغانىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ھېچبىر دېڭىزغا چىگرىسى بولمىغان بىر دۆلەت.

ئافغانىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى (The Islamic Republic of Afghanistan) قىسقاتىلىپ ئافغانىستان دەپ ئاتىلىدۇ. ئافغانىستان ئەنئەنە جەھەتتىن ھىندىقۇش تېغىنىڭ شىمالىدىكى قىرغىز رايونى ۋاخان كارىدورى، بەدەخشان(تاجىكلار) رايونى، بەلخ جەنۇبى تۈركىستان (ئۆزبېك-تۈركمەن) رايونى، ھىرات خۇراسان رايونى ۋەھىندىقۇش تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ھازار تاغلىق رايونى، كابۇل ئويمانلىقى، خىلماند ۋادىسى (پۇشتۇلار رايونى) ۋە جەنۇبتىكى بەلۇجىستان چۆللۈكىنىڭ ئاز بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر ئافغانىستاندا 34 ۋىلايەت بار.

دۆلەت گۈلى بۇغداي، دۆلەت بايرىمى (1919-يىلى) 8-ئاينىڭ 19-كۈنى ؛

ۋاقىت رايونى ئورتا ئاسىيا ۋاقتى(5-ۋاقىت رايونى)؛

جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ۋاقتى: 1955-يىلى1-ئاينىڭ20-كۈنى؛

مىلادىدىن ئىلگىرى ئالىكساندىرىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغاندىن تارتىپ ئېلىمىزنىڭ غەربى قىسمى بىلەن سودا ۋە سىياسى ئالاقىلەردە بولغان. كېيىن شىمالى قىسمى تۈركلەرنىڭ، جەنۇبى قىسمى پۇشتۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ كەلگەن. چىڭگىز ئىمپىرىيىسى دەۋرىدىن تاكى1532 -يىلىغىچە چاغاتاي خانلىقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 1747-يىلى بابۇرخان قۇرغان موغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ كابۇل، بەدەخشان، بەلىخ، ھىرات، قەندەھار ئۆلكىلىرى دۇرانى خانلىقىنىڭ ئىشغالى ئاستىدا مۇستەقىللىق جاكارلىغان. 1838-يىلىدىن1919-يىلىغىچە ئەنگىلىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ 3 قېتىملىق ھۇجۇمىغا، رۇسىيە ئىمپىرىيەسنىڭ  7  قېتىملىق ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرغان. ئاخىرى ئىككى چوڭ ئىمپىرىيە قوشنا بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئافغانىستان مۇستەقىللىغىنى ئېتىراپ قىلغان. 1979-يىلى رۇسىيە فىدراتسىيەسى ئافغانىستاننى كومپارتىيىسىنى يۆلەشنى باھانە قىلىپ  ئافغانىستانغا بېسىپ كىرگەن. ئافغانىستان پادىشاھلىغىنىڭ نامى ئافغانىستان دىموكراتىك جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. ئافغانىستان خەلقىنىڭ رۇسىيە ئارمىيىسىگە قارشى قوراللىق كۈرىشى بىر كۈنمۇ توختىمىغانلىقتىن پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ياردەم بېرىشى نەتىجىسىدە 1989-يىلى رۇسىيە فىدراتسىيەسى ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرگەن. 1992-يىلى 44-ئاينىڭ 28-كۈنى ئافغانىستان دۆلەت نامىنى ھازىرقىغا ئۆزگەرتكەن. 19966-يىلى ئافغانىستاندا مىللەتلەر ئارا ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىغان، نەتىجىدە قەندەھاردىكى تالىپلار باش كۆتىرىپ دۆلەت زىمىنىنىڭ كۆپ قىسمىنى كونترۇل قىلغان، 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكا نيۇيوركتىكى دۇنيا سودا بىناسىنى ئافغانىستاندىكى بىن لادىن پارتىلاتتى دىگەن باھانە بىلەن ئافغانىستانغا ئۇرۇش قوزغاپ شىمالغا قاپسىلىپ قالغان مىللىتارىستلارنى قوللىدى. 2002-يىلى ئافغانىستاندا ب د ت قىسىملىرى تېنچلىق ساقلاپ سايلام ئۆتكۈزۈلدى.

ئافغانىستاندا 34 دانە ۋىلايەت بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئاھالىنىڭ %45 نى ئىگەللەيدىغان پۇشتۇ تىلى ۋە %26 نى ئىگەللەيدىغان دارا پارىس تىلى دۆلەت تىلى بولۇپ بۇلاردىن باشقا 3 مىليون ھاجارا، 2 مىليون 600 مىڭ ئۆزبېك ۋە 710 مىڭ تۈركمەن، 3000 مىڭ بەلۇجى، 84 مىڭ قىرغىز قاتارلىقلار.

پۈتۈن مەملىكەتتە ھاجارالار ۋە ۋاخان كارىدورىدىكى ئاز سانلىق قەبىلىلەرئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىبى، ئىسمائىلىيە پىرقىغە ئەگەشكەندىن باشقا %85 دىن ئارتۇق ئاھالە ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىبىدە.




#Article 11: ئاۋستىرىيە (221 words)


ئاۋستىرىيە جۇمھۇرىيىتى Republic of Austria 
پايتەخت: ۋېنا، ئاھالىسى 2مىلىيۇن540مىڭ 
زىمىنى 83مىڭ 870 كۇۋادىرات كىلومېتىر
ئاھالىسى: ئاۋىستىرىيىنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 8مىلىيۇن 192مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ 90%نى ئاۋىستىرىيىلىكلەر، 4%نى سابىق يۇگۇسلاۋىيىلىكلەر، 2%نى تۈركلەر قالغىنىنى يەنە باشقا ئەللەردىن كەلگەن كۆچمەنلەر ئىگەللەيدۇ. دۆلەت تىلى گېرمان تىلى.
دىنى :ئاۋستىرىيىدەئاھالىنىڭ 74%ى كاتولىك دىنىغا،5%ى پروتىستانت دىنىغا، 4.2%ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ.
پۇلى: ياۋرۇ.

دۆلەت بايرىمى:( 1955-يىلى)10-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئاۋستىرىيەنىڭ تۇنجى قېتىم بىتەرەپ دۆلەت بولۇش ئاساسى قانۇنىنى ماقۇللىغان كۈنى.
ۋاقىت رايونى :ياۋروپا ۋاقتى(شەرقى1- ۋاقىت رايونى)
قىسقىچە تارىخى: ئاۋستىرىيە زىمىنى ئەسلىدىلا گۇت خەلقىنىڭ ئانا زىمىنى بولۇپ مىلادى3-ئەسىرلەردە جەنۇپقا كۆچكەن بىر قىسىم گېرمانلار غەربى رىم ئىمپىرىيىسىنى يوقاتقاندىن بۇيان ئىزچىل تۈردە بۇ رايوندىكى كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ كەلگەن، 1804 -يىلى ئىمپىرىيە جاكارلاپ ئەتراپىدىكى ۋېنگىرىيە، چېخىيە، سلوۋاكىيە، رومانىيىنىڭ كۆپ قىسىم زىمىنى، لەھىستان ۋە ئىتالىيىنىڭ بىر قىسىم زىمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ ئاۋستىرىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە بىلەن بىرلەشكەن، 1955-يىلى مەڭگۈلۈك بىتەرەپ دۆلەت ئاساسى قانۇنىنى ماقۇللىغان.
ئاۋىستىرىيە دوناي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى سۇ ۋە قۇرۇقلۇق قاتنىشى تەرەققى قىلغان مۇنبەت تۇپراقنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان دۆلەت بولۇپ دۆلەتنىڭ غەربىدە تار ئۇچۇن تاغلىق رايون بار. ئاۋىستىرىيە ياۋروپادىكى تەرەققى قىلغان باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئالى مائارىپ ئۇمۇملاشقان. ھەممىلا ساھە بولۇپمۇ خېمىيە سانائىتى يۈكسەك تەرەققى قىلغان. گەرچە ئوتتۇرا دوناي تۈزلەڭلىكى بۇغداي ئېكسپورت قىلىدىغان داڭلىق رايون بولسىمۇ 2006-يىلى ئاۋىستىرىيەنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %1.2، سانائەت %30.4، مۇلازىمەت %68نى ئىگەللەيدۇ. -2006يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى3مىليۇن705مىڭ، يانپون ئابونتى 8 مىليۇن160مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى4مىلىيۇن 650مىڭ بولغان.




#Article 12: ئالجىرىيە (188 words)


 

ئالجىرىيە دىموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى  (الجمهورية الجزائرية الديمقراطية الشّعبية) 
پايتەخت: ئالجىر، ئاھالىسى2مىلىيۇن 562مىڭ دۆلەت نوپۇسى32 :مىليۇن930مىڭ
زىمىنى: 2مىلىيۇن 381مىڭ 740كۇۋادىرات كىلومېتىر
تىلى: ئاھالىنىڭ 98%نى ئىگەللەيدىغان ئالجىرىيە ئەرەپ تىلى دۆلەت تىلى، فىرانسۇز تىلى ھۆكۈمەت تىلى بولۇپ بۇلاردىن باشقا يەنە 1% بەربەر ۋە 1% فىرانسۇزلار بار. 
پۇلى: ئالجىرىيە دىنارى (2006), 72.647دىنار=بىر دوللار، (2004) 72.61دىنار=بىر دوللار ، (2002)79.68دىنار=بىر دوللار 
ئىقتىسادى: 2006 -يىلى ئالجىرىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 85مىليارت306مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 2434دوللار توغرا كەلگەن. مىللى دارامەتنىڭ %3.6 مۇداپىئە خىراجىتى قىلىنغان.
دىنى : ئاھالىنىڭ 99% دىن ئارتۇقى ئاھالە ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىبىدە.%1كە يېقىن ئاھالە كاتولىك دىنىغا ئىشىنىدۇ

دۆلەت بايرىمى: (1954-يىلى)11-ئاينىڭ 1-كۈنى
ۋاقىت رايونى : ياۋروپا ۋاقتى(-2ۋاقىت رايونى)

مىلادىدىن ئىلگىرى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان،7 -ئەسىردىن كېيىن ئەرەپ ئىمپىرىيىسىنىڭ قولىدا بولۇپ 15-ئەسىردىن كېيىن ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. 1854-يىلىدىن باشلاپ فىرانسىيەنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان 1954-يىلى11-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. زامانىۋى سانائەت ئاساسەن يوق بولۇپ نېفىت ۋە تەبىئى گاز بايلىقلىرى دۆلەت كىرىمىنىڭ %75 دىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ، ئاھالىنىڭ%70ساۋاتلىق، 14% دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن، %13سانائەت بىلەن، %26 مۇلازىمەت بىلەن، %32 ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى ئورۇنلار ۋە نېفىت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى%5 ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ. -2006يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 2مىليۇن572مىڭ، يانپون ئابونتى 13 مىليۇن661مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 1مىليۇن920مىڭ بولغان.




#Article 13: ئەزەربەيجان (471 words)


ئازەربەيجان جۇمھۇرىيىتى  Azərbaycan Respublikası 
 
پايتەخت: باكۇ، ئاھالىسى ئىككى مىليۇن 300مىڭ.  
زېمىنى:86600 كۋادرات كىلومېتىر. 
ئاھالىسى: ئازەربەيجاننىڭ2006-يىللىق نوپۇسى 7مىلىيۇن 961مىڭ619. ئاھالىنىڭ 95%نى ئازەربەيجانلار، 2.2%نى داغىستانلىقلار ، 1.8%نى رۇسلار، 1.5%نى ئەرمەنلەر ئىگەللەيدۇ . ئازەربەيجان تىلى دۆلەت تىلى. ئاھالىلەر ئازەربەيجان، تۈرك ۋە رۇس تىلىنى قوللىنىدۇ.
دىنى : ئازەربەيجان ئاھالىسىنىڭ 85%ى ئىسلام دىنى شىئە مەزىبى ئونئىككى ئىمام ئەقىدىسىگە، 10% ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىبىگە، 5. %2 رۇس پروۋىسلاۋىيە دىنىغا، 2.3% ئەرمەن پروۋىسلاۋىيە دىنىغا ئىشىنىدۇ.
پۇلى: مانات. 2006-يىلى 0.8934مانات = بىر دوللار، 2004-يىلى 4913.48 دەرھەم = بىر دوللار، 2002-يىلى4,860.82 دەرھەم = بىر دوللار.

ئازەربەيجان 2006-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ئىلگىرىكى 5000مانات بىر يېڭى ماناتقا تەڭ بولىدىغان يېڭى پۇل تارقاتتى.

Azerbaijan Links News
Azerbaijan Photo Gallery

ئازەربەيجان مۇستەقىل بولۇشتىن بۇرۇنلا سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئى گاز ، باغۋەنچىلىك نۇقتىلىق تەرەققى قىلدۇرغان رايونى بولۇپ روسىيىدىن باشقا بىردىنبىر مەركەزنىڭ ياردىمىگە تايانمايدىغان جۇمھۇرىيەت ئىدى، مۇستەقىل بولغان دەسلەپكى يىللاردا ئۇرۇش ۋە روسىيەنىڭ ئىمبارگوسى تۈپەيلى ئازەربەيجان ئىقتىسادى ۋەيران بولۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان ئىدى. كېيىن نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە ۋە تۈركىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ياردەم ۋە قەرز پۇلى بىلەن دۆلەت ئىقتىسادى تېزلا تەرتىپكە چۈشتى. 2006 -يىلى ئازەربەيجاننىڭ ئۇمۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 14مىليارت 600مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 7مىڭ300 دوللار توغرا كەلگەن. ئازەربەيجاننىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 10%دىن يۇقىرى بولۇۋاتقان ئىدى. ئەمما 2005-يىلى 24%، 2006-يىلى33% ئېشىپ دۇنيا بويىچە ئىقتىسادى ئېشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. 
دۆلەت بايرىمى:( 1918-يىلى)5ئاينىڭ 28-كۈنى، ئازەربەيجاننىڭ بىرىنچى قېتىم مۇستەقىل بولغان كۈنى
ۋاقىت رايونى :(شەرقى3- ۋاقىت رايونى)

ئازەربەيجان جايلاشقان كاۋكاز رايونى تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئانا ماكانى بولۇپ ئازەربەيجاندىن تېپىلغان مىلادىدىن بۇرۇنقى 20-ئەسىرگە تەۋە يادىكارلىقلار بۇنى ئىسپاتلايدۇ. 
كاۋكاز رايونى ئۈچ قىتئە چېگرىسىغا يېقىن بولغاچقا ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇرۇش ئوتى توختىماي كەلگەن رايونلارنىڭ بىرى. ئازەربەيجان مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىردە يەھۇدى ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنى بولغان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىردىن 6-ئەسىرگىچە مۇستەققىل پادىشاھلىقى قۇرۇلغان، 6-ئەسىردىن كېيىن ئىران ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 333-يىلى ئىسكەندەر ماكىدونىسكى تەرپىدىن ئىشغال قىلىنغان . مىلادىدىن بۇرۇنقى 180-يىلى خازار دۆلىتىنى قۇرغان.

مىلادىدىن بۇرۇنقى 73-يىلى ھۇن ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. مىلادى 270-يىلى ئەرمەنىيە ئىران ساسانىلار خانلىقىغا بېقىندى بولۇپ قالغان ، مىلادى 3-ئەسىردە يەنە بىر قېتىم ئاقھۇن ئىمپىرىيىسىگە قاراشلىق بولغان. مىلادى 683-يىلى ئەرەپ ئىسلام ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان، ئازەربەيجانلار ئىسلام ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، مىلادى 810-يىلى ئازەربەيجانلار يەنە بىر قېتىم ئۆز دۆلىتىنى قۇرغان مىلادى 1072يىلىدىن كېيىن ئازەربەيجان سالجۇق تۈركلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1513-يىلى ئىران ئازەربەيجاننى بېسىۋالغان، 1582-يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسى ئازەربەيجاننى ئىراندىن تارتىۋالغان. 1730-يىلىدىكى نەخىۋان ئۇرۇشىدىن كېيىن ئازەربەيجان ئىراننىڭ ئۆلكىسىگە ئايلانغان، 1813-يىلى چاررۇسىيە ئىمپىرىيىسى ھازىرقى ئەزەربەيجاننى ئىراندىن تارتىۋالغان. جەنۇبى ئەزەربەيجان يەنىلا ئىراننىڭ قولىدا قالغان. 1918-يىلى ئازەربەيجان تۇنجى مۇستەققىل جۇمھۇرىيەت قۇرغان، 1920-يىلى گىرۇزىيە ۋە ئەرمىنىيە بىلەن بىللە سوۋېت ئىتىپاقى تاشقى كاۋكاز سوتسىيالىستىك ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىگە ئايلانغان. 1924-يىلى ئايرىم جۇمھۇرىيەت بولغان. 1991-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى پارچىلىنىپ ئازەربەيجان مۇستەققىل بولغان 1995-يىلىدىن كېيىن ئەزەربەيجاندىكى ئەرمەنلەر ئولتۇراقلاشقان رايون تاغلىق -قاراباغ )ناگورنو قاراباخ( مۇستەقىللىق جاكارلىغانلىقتىن قۇدرەتلىك روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئارمېنىيە بىلەن تاغلىق -قاراباغنى تالىشىش ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. 1998-يىلى ئۇرۇش توختاتقان.

ئازەربەيجان زىمىنى ئاساسەن ئېقىنى مول، تۈزلەڭلىكتىن شەكىللەنگەن بولۇپ،15% ئورمانلىق.21% تېرىلغۇ يەر. تۇپراق ئۈنۈمدارلىقى بىر قەدەر يۇقىرى، كان بايلىقى مول . ئازەربەيجاندە ئاھالىنىڭ بەشتىن بىرى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.




#Article 14: بېلورۇسسىيە (365 words)


 

بېلارۇس جۇمھۇرىيىتى Republic of Belarus 
پايتەخت: مىنىسكى، ئاھالىسى 1مىلىيۇن 510مىڭ 
زىمىنى 207مىڭ600 كۇۋادىرات كىلومېتىر
ئاھالىسى: بېلارۇسىيەنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 10مىلىيۇن 293مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ 48%نى بېلارۇسلار، 11.4%نى سېربلار، 4%نى پولەكلەر ئىگەللەيدۇ.يەنە 1% تاتار ۋە باشقا مىللەتلەر بار. رۇس ۋە بېلارۇس تىلى دۆلەت تىلى.
دىنى : بېلارۇسلار ۋە رۇسلار ئاساسەن پروۋسلاۋىيە دىنىغا، پولەكلەر كاتولىك دىنىغا ئىشىنىدۇ.
پۇلى: بېلارۇس رۇبلىسى ، (2006-يىلى) 2144رۇبلى=بىر دوللار. 2004-يىلى 2160رۇبلى=بىر دوللار. 2002-يىلى 1790رۇبلى=بىر دوللار . بېلارۇسىيە 2010-يىلىغا بارغاندا رۇسىيە بىلەن بىللە ئىقتىسادى گەۋدە قۇرۇپ رۇبلىنى بىرلىككە كەلتۈرمەكچى.
ئىقتىسادى: 2006 -يىلى بېلارۇسىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 28مىليارت560مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا7800دوللار توغرا كەلگەن. بېلارۇسىيەنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 8%-9% بولۇۋاتىدۇ.

دۆلەت بايرىمى:( 1944-يىلى)7 -ئاينىڭ 3-كۈنى، بېلارۇسىيەنىڭ تۇنجى قېتىم بىر پۈتۈن مەمۇرى بىرلىك سۈپىتىدە جۇمھۇرىيەت بولغان كۈنى
ۋاقىت رايونى :(2- ۋاقىت رايونى)

بېلارۇسىيە زىمىنى سىلاۋيانلارنىڭ ئانا زىمىنى بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇن ھۇنلارنىڭ پاراكەندىچىلىك سالىدىغان يايلىقى ئىدى. مىلادىدىن كېيىن گۇتلار(گېرمانىيىلىكلەرنىڭ ئەجدادى)بېلارۇسىيە زىمىنىدىن سۇيۇرغال سۈپىتىدە پايدىلانغان، 6-7-ئەسىرلەردە جەنۇپقا كۆچكەن بىر قىسىم لىتۋالىقلار بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ كىچىك بەگلىكلەرنى قۇرغان،9-ئەسىردىن 11-ئەسىرگىچە ككپ قىسىم زىمىنى كىيىۋرۇس بەگلىكىگە تەۋە بولغان. 14-ئەسىردە قۇرۇلغان پولەك-لىتۋا بىرلەشمە پادىشاھلىقى دەۋرىدە بېلارۇسىيە تۇنجى قېتىم بىر مۇنتىزىم بىرلىككە كەلگەن ھاكىمىيەت ئاستىدا بىر دۆلەتنىڭ زىمىنى بولغان. 17-ئەسىردىن كېيىن بېلارۇسىيىنىڭ كۆپ قىسىم زىمىنى روسىيە ئىمرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بېلارۇسىيە مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلاپ كۆپ ئۆتمەيلا سوۋېت ئىتىپاقىغا قوشۇلغان، 1938-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى پولشانىڭ شەرقىدىكى بىرىست ۋە خىرودنا دىن ئىبارەت ئىككى ئوبلاستنى تارتىۋېلىپ بېلارۇسىيىگە قوشۇپ بەرگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بېلارۇسىيە مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە ب د ت غا ئەزا بولۇپ سوۋېت ئىتىپاقى تەركىۋىدىكى ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيەت بولغان. 1991-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى سابىق سوۋېت ئىتىپاقى پارچىلانغاندا بېلارۇسلار ئۇمۇمى خەلق ئاۋازىغا قويۇپ مۇستەقىللىق جاكارلىغان. 
بېلارۇسىيە سابىق سوۋېت ئىتىپاقىدىكى بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىدىنلا قالسا بىر قەدەر باي جۇمھۇرىيەت بولۇپ، تۇپرىقى ئۈنۈملۈك، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆلىمى كەڭ، سابىق سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئاساسلىق ئاشلىق ۋە ماشىنىسازلىق بازىسىنىڭ بىرى ئىدى. پارچىلانغاندىن كېيىن گەرچە يەككە ئىگىلىككە ئادەتلىنىپ قالغان بېلارۇسىيىنىڭ ئېكىسپورتى تەسىرگە ئۇچرىغاندىن سىرت ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى جازاسىغا ئۇچراپ ئىقتىسادى تېز چېكىنگەن بولسىمۇ، ئەمما بېلارۇسىيە رۇسىيە نېفىت ۋە گازلىرىنىڭ ياۋروپاغا چىقىش ئېغىزى بولغاچقا ئەسلىدىكى سانائەت ئاساسى، رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى ساپالىق مەلىكىلىك خادىملارغا تايىنىپ يەنىلا ئوتتۇرا سەۋىيىدىكى ھاللىق دۆلەتلەر قاتارىدا كېتىۋاتىدۇ. 2006-يىلى بېلارۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %9.3، سانائەت %31.6، مۇلازىمەت %59.1نى ئىگەللەيدۇ. -2006يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 3مىلىيۇن284مىڭ، يانپون ئابونتى 4 مىليۇن100مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 3مىلىيۇن 394مىڭ بولغان.

ّ




#Article 15: ئارگېنتىنا (292 words)


ئاندوررا كېنەزلىكى Argentine Republic 
پايتەخت: بوئىنۇس-ئايرىس، ئاھالىسى 11مىلىيۇن دۆلەت نوپۇس: 39مىلىيۇن 922مىڭ
زىمىنى: 2مىلىيۇن766مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر
تىلى: ئاھالىنىڭ 85%نى ئىسپانىيىلىكلەر ئەۋلادى، 12%نى ئىتالىيىلىكلەر ئەۋلادى ئىگەللەيدۇ.يەنە %3 ئارىلاشما قانلىقلار، ئىندىئانلار ۋە نېگىرلار بولۇپ ئىسپان تىلى دۆلەت تىلى.
پۇلى: ئارگىنتىنا پىسۇسى 3.054(2006), پىسۇ=بىر دوللار2.92 (2004) , پىسۇ=بىر دوللار3.06(2002) , پىسۇ=بىر دوللار 
ئىقتىسادى - 2006 -:يىلى ئارگېنتىنانىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 161مىليارت899مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 4100دوللار توغرا كەلگەن. ئارگېنتىنانىڭ 2002-يىلىدىن بۇيانقى يىىلىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 8-9% بولۇۋاتىدۇ.
دىنى : ئاھالىنىڭ 92% دىن كۆپرەگى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پروتىستانتلار%2، يەھۇدىلار%2، مۇسۇلمانلار %1.6 ى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ.
دۆلەت بايرىمى) -1810يىلى5 (ئاينىڭ 25-كۈنى
ۋاقىت رايونى :غەربى3- ۋاقىت رايونى(

ئىسپانىيىلىكلەر كېلىشتىن ئىلگىرى شىمالدىكى بىر قىسىم زىمىنى ئىنگا ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، جەنۇبىدا ماپۇتا دۆلىتى ھۆكۈم سۈرگەن. 16-ئەسىردە ئاستا-ئاستا ئىسپانىيە مۇستەملىكىسىگە ئايلانغاندىن كېيىن ئىككىنچى مىسوپاتامىيە)يەنى مۇنبەتلىگى ئىراقتىكى ئىككى دەريا ئارىلىقىغا سېلىشتۇرما قىلىنغان ئوروگۋاي دەرياسى بىلەن پاراگۋاي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقۇرى ئۈنۈملۈك تېرىلغۇ يەرلەر،( پامپاس مۇنبەت تۇپرىقى ۋە پاتاگونىيە ئوتلىقىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى بىلەن زور كۆپ ساندىكى ئىسپانىيىلىكلەر كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. 1820-يىلى مۇستەقىللىق ئىنقىلاۋى پارتىلاپ 1826-يىلى بولىۋىيە، پاراگۋاي، ئۇرۇگۋايلار بىلەن بىرلىكتە مۇستەقىل بولغان، كېيىن باشقا دۆلەتلەر بىر-بىرلەپ ئايرىلىپ ئايرىلىپ كېتىپ قالدا زىمىندا بۈگۈنكى ئارگىنتىنا شەكىللەنگەن. مۇستەقىل بولغاندىن تارتىپ ئىزچىل مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقتا تۇرۇپ كەلگەن ئارگېنتىنا 2001-يىلىدىكى ئىقتىسادى كىرزىستىن كېيىن تۇنجى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ھاكىمىيەت تىكلەندى.

مۇنبەت زىمىن ۋە ساپالىق پۇخرالىرى بىلەن 100يىل ئاۋال دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەت شەرىپىگە ئېرىشكەن ئارگېنتىنا كېيىنكى زامانىۋى سانائەت ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا سەل كېيىن قالغان بولسىمۇ يەنىلا لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نىسبەتەن باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئارگېنتىنا زىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپ زىمىنى مۇنبەت ئوتلاق، %10زىمىنى مۇنبەت تېرىلغۇ يەر بولۇپ تېرىقچىلىق ۋە كالا باقمىچىلىقى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، كانچىلىق، نېفىت ۋە مېتاللورگىيە، ماشىنىسازلىق سانائىتى زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغان دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %9.5، سانائەت %35.8، مۇلازىمەت %54.7 نى ئىگەللەيدۇ. -2006يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى8مىلىيۇن 855مىڭ، يانپون ئابونتى 22 مىليۇن154مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 13مىلىيۇن بولغان.




#Article 16: بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنا (400 words)


بوسنىيە گېرتسوگوۋىنا فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى Bosnia and Herzegovina Federal Democratic republic 
پايتەخت: سارايېۋو، ئاھالىسى 650مىڭ, زىمىنى: 51مىڭ129 كۇۋادىرات كىلومېتىر, ئاھالىسى: بوسنىيىنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 4مىلىيۇن 498مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ 48%نى بوسنىيىلىكلەر، 37%نى سېربلار، 17%نى خورۋاتلار ئىگەللەيدۇ.يەنە 5% سىگان،2%تۈرك ۋە باشقا مىللەتلەر بار. سېربو-خورۋات تىلى دۆلەت تىلى.
دىنى : بوسنىيىلىكلەر دىنى ئېتىقادىغا ئاساسەن مىللەتكە ئايرىلغان بولۇپ، بوسنىلىكلەر، تۈركلەر، بىر قىسىم سىگانلار ئىسلام دىنىغا، سېربلار پروۋسلاۋىيە دىنىغا، خورۋاتلار كاتولىك دىنىغا ئىشىنىدۇ.
پۇلى: بوسنىيە دىنارى، (2006-يىلى) 1.557 دىنار=بىر دوللار. 2004-يىلى 1.575دىنار=بىر دوللار. 2002-يىلى 2.78 دىنار=بىر دوللار . بوسنىيە 2010-يىلىغا بارغاندا ياۋوپا ئىتىپاقىغا كىرىپ ياۋرونى ئاساسلىق پۇل بىرلىكى قىلماقچى.
ئىقتىسادى: 2006 -يىلى بوسنىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 9مىليارت158مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 5500دوللار توغرا كەلگەن.بوسنىيەنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 5%-6% بولۇۋاتىدۇ.
دۆلەت بايرىمى:( 1943-يىلى)11 -ئاينىڭ 25-كۈنى، بوسنىيەنىڭ تۇنجى قېتىم بىر پۈتۈن مەمۇرى بىرلىك سۈپىتىدە جۇمھۇرىيەت بولغان كۈنى
ۋاقىت رايونى :ياۋروپا ۋاقتى(2- ۋاقىت رايونى)

بوسنىيە زىمىنى ئەسلىدە ئىرىلىيە(ئالبان مىللىتى)لىكلەرنىڭ زىمىنى بولۇپ مىلادى6-7-ئەسىرلەردە جەنۇپقا كۆچكەن بىر قىسىم سىلاۋيانلار بۇ يىردە ئولتۇراقلىشىپ كىچىك بەگلىكلەرنى قۇرغان، 9-ئەسىردە قۇرۇلغان سېرب پادىشاھلىقى ھازىرقى بوسنىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مىلادى12-ئەسىردە قۇرۇلغان بوسنيىە بەگلىگى 1463-يىلى تۈركىيە ئىمپىرىيىسى بۇ جاينى بويسۇندۇرۇشتىن بۇرۇن جەنۇبى ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان. تۈرك ئىمپىرىيىسى دەۋرىدە نۇرغۇنلىغان بوسنىيىلىكلەر ئىسلام دىنىغا كىرگەن، 17-ئەسىردىن كېيىن بوسنىيىنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى بىر قىسىم جايلار ئاۋستىرىيە ئىمرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان، بىر قىسىم بوسنىيىلىكلەر كاتولىك دىنىغا كىرگەن.1908-يىلى پۈتكۈل بوسنىيەنى ئاۋستىرىيە ئىمپىرىيىسى ئىگەللىۋالغان. 1914-يىلى سارايىۋودا بىر سېربنىڭ ئاۋستىرىيە شاھزادىسىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشى بىلەن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن سارايىۋونىڭ نامى جاھانغا پۇر كەتكەن.بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بوسنىيە سېربو-خورۋات پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمى بولغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يۇگۇسلاۋىيە ئىتىپاقى قۇرۇلۇپ بوسنىيە ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 1992-يىلى سابىق يۇگۇسلاۋىيە پارچىلانغاندا بوسنىيىلىكلەر ئۇمۇمى خەلق ئاۋازىغا قويۇپ مۇستەقىللىق جاكارلىغان. سېربلار مۇستەقىل بولۇشقا قارشى تۇرغانلىقتىن بوسنىيەلىكلەر ۋە خورۋاتلار بىرلىشىپ سېربلار بىلەن جاپالىق مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. 1995-يىلى12-ئاينىڭ14-كۈنى ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى ۋە ناتو(شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) نىڭ ئارىغا چۈشۈشى بىلەن ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىپ بوسنىيە-خورۋات ۋە سېربىيە دىن ئىبارەت ئىككى مۇستەقىل گەۋدە سۈپىتىدە ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيەت بولۇش بەدىلىگە مۇستەقىللىقنى ساقلاپ قالغان. 

بوسنىيە ئەسلىدە سابىق يۇگۇسلاۋىيەدىكى ماكىدونىيىدىنلا قالسا ئەڭ نامرات جۇمھۇرىيەت بولۇپ، تۇپرىقى ئۈنۈمسىز، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆلىمى كىچىك، ئاشلىقتا ئۆزىنى قامدىيالمايدۇ. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىدە بوسنىيە ئىقتىسادى ناھايىتى تېز گۈللىنىپ، دۆلەت زىمىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدىغان ئېدىرلىق ۋە تاغ قاپتاللىرىدىن پايدىلىنىپ چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇردى. كان بايلىقلىرىنى قېزىش ۋە چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش نەتىجىسىدە بوسنىيە ھازىر ئوتۇۇرا سەۋىيىدىكى ھاللىق دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. 2006-يىلى بوسنىيەنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %14.2، سانائەت %30.8، مۇلازىمەت %55نى ئىگەللەيدۇ. -2006يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 995مىڭ، يانپون ئابونتى 1 مىليۇن594مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 806مىڭ400 بولغان.




#Article 17: بۇلغارىيە (311 words)


بولغارىيە جۇمھۇرىيىتى  Republic of Bulgaria 
پايتەخت: سوفىيە، ئاھالىسى 1مىلىيۇن 173مىڭ 
زىمىنى 110مىڭ910 كۇۋادىرات كىلومېتىر
ئاھالىسى: بېلارۇسىيەنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 7مىلىيۇن 385مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ 80%نى سلاۋيان تىل سېستىمىسىدا سۆزلىشىدىغان بۇلغارلار، 10%نى تۈركلەر، 5%نى سىگانلار،3%نى پوماكلار(مۇسۇلمان بۇلغارلار)، 2%نى ماكىدون، ئەرمەن ۋە باشقىلار ئىگەللەيدۇ.بۇلغار تىلى دۆلەت تىلى.
دىنى : بۇلغارلار پراۋىسلاۋ دىنىغا ئىشىنىدۇ. تۈركلەر ۋە پوماكلار ھەمدە سىگانلارنىڭ بىر قىسمى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ. 
پۇلى:لېۋ. 2006-يىلى 1.5576لېۋ=بىر دوللار، 2004-يىلى 1.575لېۋ= بىر دوللار، 2002-يىلى 2.077لېۋ= بىر دوللار
ئىقتىسادى: 2006 -يىلى بۇلغارىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 27مىليارت850مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا3773دوللار توغرا كەلگەن. بۇلغارىيەنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 5%-6% بولۇۋاتىدۇ.
دۆلەت بايرىمى:( 1878-يىلى)3 -ئاينىڭ 3-كۈنى، بۇلغارىيەنىڭ تۈركىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەققىل بولغان كۈنى
ۋاقىت رايونى :ياۋروپا ۋاقتى(2- ۋاقىت رايونى)

بۇلغارىيە زىمىنى ھىتىتلارنىڭ(مۇستەقىل تىل ئائىلىسىدىكى ياۋروپا تىلى) ئانا زىمىنى بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇنلا يۇنانلىقلار ۋە رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ چېگرا زىمىنى بولغان. 2-ئەسىردىن كېيىن ۋولگا ۋادىسىدىن كەلگەن بۇلغار تۈركلىرى ئۇششاق بەگلىكلەرنى قۇرغان، مىلادى 395-يىلدىن باشلاپ شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 6-ئەسىردىن كېيىن جەنۇپقا كۆچكەن سلاۋيانلار كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ بۇ رايوننىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولۇپ قالغان ۋە 681-يىلى تۇنجى بۇلغار پادىشاھلىقى قۇرۇلغان، مىلادى 1018-يىلى شەرقى رىم ئىمپىرىيىسى بۇلغارىيىنى يەنە بىر قېتىم بېسىۋالغان. 1185-يىلى بۇلغارىيە يەنە بىر قېتىم مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن.1396-يىلى ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1877-يىلى تۈركىيە-روسىيە ئۇرۇشىدا تۈركىيە مەغلۇپ بولۇپ ئىككىنچى يىلى بۇلغارىيە يەنە بىر قېتىم مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن. ئىككى قرتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغۇچىلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ككپ قىسىم زىمىنىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن سوتسىيالىستىك دۆلەت بولۇپ،1990-يىلى جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان. بۇلغارىيە -2008 يىلى ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا رەسمى ئەزا بولىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

بۇلغارىيە تېرىلغۇ يېرى ۋە كان بايلىغى قىس بولسىمۇ، دۇنيا بويىچە ئەتىرگۈل ئىكىسپورتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت بولۇپ، مەملىكەت زىمىنىنىڭ 35%نى ئورمانلىق ئىگەللىگەچكە ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ سابىق سوتسىيالىستىك ئەللەر ئىچىدىكى باي دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئاھالىدە تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى 1978-يىلىلا ئۇمۇملاشقان. ئاھالىنىڭ 11.8% ئالى مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە. 2006-يىلى بۇلغارىيەنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %13.6، سانائەت %32.1، مۇلازىمەت %54.3نى ئىگەللىگەن بولۇپ . -2005يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 2مىلىيۇن483مىڭ، يانپون ئابونتى 6 مىليۇن245مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 2مىلىيۇن 200مىڭ بولغان.




#Article 18: ئانگولا (333 words)


 

ئانگولا جۇمھۇرىيىتى Republic of Angola
پايتەخت: لۇئاندا، ئاھالىسى 1مىلىيۇن740مىڭ 
زىمىنى 831مىلىيۇن246مىڭ700 كۇۋادىرات كىلومېتىر
ئاھالىسى: ئانگولانىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 12مىلىيۇن 127مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ 37%نى ئوۋىمبوندو، 25%نى كىمبۇندۇ، ، 13%تىنى باكونگو، 2% ئارىلاشما قانلىقلار، 1%پورتۇگالىيىكلەر قالغىنىنى باشقا يەرلىك ئۇششاق قەبىلىلەر ئىگەللەيدۇ. دۆلەت تىلى پورتۇگال تىلى.
دىنى :ئانگولا ئاھالىسىنىڭ 47%ى يەرلىك ئىپتىدائى دىنلارغا،38%كاتولىك دىنىغا، 15%ئى پروتىستانت دىنىغا كاتولىك دىنىغا،1%ى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ.
پۇلى: كۋانزا. 2006-يىلى 80.4كۋانزا=بىر دوللار، 2004-يىلى 83.541كۋانزا= بىر دوللار، 2002-يىلى 43.53كۋانزا=بىر دوللار
ئىقتىسادى: 2006 -يىلى ئانگولانىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 28مىليارت407مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 4300دوللار توغرا كەلگەن.يىللىق دارامەتنىڭ6.6% دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئىشلىتىلگەن. ئانگولانىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 10%-15% بولۇۋاتىدۇ.

(1975-يىلى)11-ئاينىڭ 11-كۈنى،پورتۇگالىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىق جاكارلىغان كۈنى.
ۋاقىت رايونى :ياۋروپا ۋاقتى(شەرقى1- ۋاقىت رايونى)
قىسقىچە تارىخى: ئانگولا زىمىنىدا ئەسلىدە كونگو، ئىندومگو، ماتامبا ۋە لۇندا قاتارلىق يەرلىك پادىشاھلىقلار بولۇپ 1482-يىلى پورتۇگالىيىلىكلەر ئانگولاغا كەلگەندىن كېيىن ھەر خىل ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ بۇ پادىشاھلىقلارنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ئانگولانى ئامېىكا قىتئەسىگە ئەمگەك كۈچى ساتىدىغان ئوۋ مەيدانى قىلغاندىن سىرت 1576-يىلى لۇئاندا شەھرىنى قۇرۇپ ئانگولانىڭ ئورمان ۋە كان بايلىقلىرىنى بۇزۇپ چېچىشقا باشلىغان. 1885-يىلى بېرلىن يىغىنى ئانگولانى رەسمى پورتۇگالىيە زىمىنى دەپ ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، پورتۇگالىيىكلەر يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىپ يەرلىك مەدەنىيەتنى ئۈزۈل-كېسىل دىگۈدەك پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان.2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيا خەلقىنىڭ قوللىشى بىلەن ئانگولا خەلق ئازاتلىق ھەركىتى، ئانگولا مىللى ئازاتلىق فرونتى، ئانگولانىڭ ئۈزۈل-كېسىل مۇستەقىللىغىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىتىپاقى قاتارلىق پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىگىدە قانلىق كۈرەش ئېلىپ بېرىپ 1975-يىلى 1-ئايدا پورتۇگالىيىنى ئانگولانىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان. ئانگولا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن 3 پارتىيە ئوتتۇرسىدا ئىچكى ئۇرۇش پارتىلاپ شۇ يىلى 11-ئايدا، ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئانگولا خەلق ئازاتلىق ھەركىتى ھاكىمىيەت ئىگللەپ ئانگولا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1992-يىلى ئانگولا پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ دۆلەت نامىنى ئانگولا جۇمھۇرىيىتى دەپ ئۆزگەرتكەن..
ئانگولا ئافرىقىنىڭ شەرقى قىرغىقىدىكى تىروپىك بەلباغقا جايلاشقان بولۇپ يىل بويى ھۆل يېغىن ۋە يۇقىرى تېمپراتۇرىلىق بولغاچقا پۈتكۈل زىمىنى ئورمان بىلەن قاپلانغان بولۇپ ئالماس، نېفىت، تۆمۈر قاتارلىق مول كان بايلىقىغا تايىنىپ دۆلەت ئىقتىسادى تېز گۈللىنىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئانگولا يەنىلا تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسپلەرگە زور دەرىجىدە تايىنىدۇ. 2006-يىلى ئانگولانىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %10، سانائەت ۋە كانچىلىق %65.4، مۇلازىمەت %24نى ئىگەللىگەن. ئانگولانىڭ 2006يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى94مىڭ300، يانپون ئابونتى 1 مىليۇن100مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 172مىڭ بولغان.
www.sahawet.com دىن ئېلىندى.




#Article 19: سىپرۇس (419 words)


سىپرۇس جۇمھۇرىيىتى  Republic of Cyprus ( سىپرۇس ئەمەلىيەتتە گىركلەر ئىشغالىدىكى جەنۇب ۋە تۈركلەر ئىشغالىدىكى شىمالدىن ئىبارەت ئىككى مۇستەقىل دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان) 
پايتەخت: نىكوزىيە، ئاھالىسى 363مىڭ (گىرىك رايونىدا 273مىڭ، تۈرك رايونىدا 90مىڭ)
زىمىنى 9مىڭ250 كۇۋادىرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشغالىدىكى زىمىن 3355كۇۋادىرات كىلومېتىر.
ئاھالىسى: سىپرۇسنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 784مىڭ 301بولۇپ، ئاھالىنىڭ 77%نى گىرىكلار، 18%نى تۈركلەر، قالغانلىرىنى ئەرمەن، ئەرەپ، كۇردلار ئىگەللەيدۇ . گىرىك رايونىدا گىرىك تىلى، تۈرك رايونىدا تۈرك تىلى دۆلەت تىلى. شىمالى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشغالىدىكى زىمىنىڭ نوپۇسى 264مىڭ172.
دىنى :گىرىكلار، بىر قىسىم ئەرەپلەر ۋە ئەرمەنلەر پروۋسلاۋىيە دىنىغا، تۈركلەر ۋە كۇردلار ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ.
پۇلى: گىرىكلار رايونىدا سىپروس فوندى تۈركلەر رايونىدا تۈرك لىراسى . سىپرۇس 2008-يىلىدىن باشلاپ ياۋوپا ئىتىپاقىنىڭ رەسمى ئەزاسى بولىدۇ ۋە ياۋرونى ئاساسلىق پۇل بىرلىكى قىلىدۇ.
ئىقتىسادى: 2006 -يىلى سىپرۇس گىرىك رايونىنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 17مىليارت790مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 22700دوللار توغرا كەلگەن، يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 3.7% . تۈرك رايونىنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 2مىليارت540مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 7135دوللار توغرا كەلگەن، يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 10% . 
دۆلەت بايرىمى:گىرىك رايونىدا( 1960-يىلى)10-ئاينىڭ 1-كۈنى، سىپرۇسنىڭ ئەنگىلىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان كۈنى، تۈرك رايونىدا( 1983-يىلى)11-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىمالى سىپرۇسنىڭ سىپرۇستىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان كۈنى
ۋاقىت رايونى :ياۋروپا ۋاقتى(2- ۋاقىت رايونى)

سىپرۇس ئارىلى ئەسلىدە ئاسۇرىيانلارنىڭ زىمىنى بولۇپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 10-ئەسىرلەردە گىرىكلار كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، مىلادىدىن كېيىن بۇ يەر شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان.7-ئەسىرلەردە ئەرەپ ئىمپىرىيىسى بۇ جاينى بويسۇندۇرۇپ ئىككى ئەسىردىن كېيىن چېكىنىپ كەتكەن، 1192-يىلى سىپروستىكى گىرىكلار مۇستەقىل پادىشاھلىق قۇرۇپ 1489-يىلى ۋېنتسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. 1571-يىلى تۈرك ئىمپىرىيىسى سىپرۇس ئارىلىنى تارتىۋالغان. 1878-يىلى ئەنگىلىيە سىپرۇس ئارىلىنى ئىشغال قىلغان. 1960-يىلى ئەنگىلىيە سىپرۇستىكى ئاكروتىرى ۋە داكېلىيا دىن باشقا جايلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا قوشۇلغان، 1983-1976-يىلى سىپرۇستىكى گىرىكلار بىلەن تۈركلەر ئوتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتىلىغاندا تۈركىيە سىپرۇسقا ئەسكەر چىقىرىپ سىپرۇسنىڭ شىمالىدىكى 32%زىمىننى ئىشغال قىلغان، سىپرۇسنىڭ باشقا جايلىرىدىكى تۈركلەر شىمالدىكى تۈركلەر ئىشغالىدىكى رايونلارغا كۆچۈپ كەلگە. 1983-يىلى سىپرۇسنىڭ شىمالىدىكى تۈركلەرنىڭ رەھبىرى رەئۇف دىنىقتاش مۇستەقىل شىمالى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ تۈركىيىدىن باشقا بىرمۇ دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن.
سىپرۇس ئوتتۇرا دېڭىزدىكى مەنزىرىسى گۈزەل، تۆت پەسىل باھاردەك ئۆتىدىغان، كان بايلىقى مول، يېرى مۇنبەت ئارال بولۇپ يېقىنقى يىگىرمە يىلدىن بۇيان ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ زور سوممىلىق ياردىمى ئارقىسىدا ساياھەت ۋە يۇقىرى تېخنىكا كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ دۇنيادىكى باي دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. تۈركلەر كونتىرۇللىغىدىكى شىمالى سىپرۇسمۇ(تۈركچە كۈزەي كىبرىس) تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىدە باغۋەنچىلىك، ساياھەت ۋە كان ئېچىشنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ھاللىق دۆلەتلەر سەۋىيىسىدە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.2006-يىلى گىركلەر ئىشغالىدىكى سىپرۇسنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %3.7 سانائەت %19.6، مۇلازىمەت %76.8 نى ،تۈركلەر ئىشغالىدىكى سىپرۇسنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %10.6 سانائەت %20.5، مۇلازىمەت %68.9 نى ئىگەللىگەن.2005-يىلى جەنۇبى سىپرۇسنىڭ مۇقىم تېلپون ئابونتى 420مىڭ، يانپون ئابونتى 718مىڭ800، ئىنتېرنېت ئابونتى 298مىڭ، شىمالى سىپرۇسنىڭ مۇقىم تېلپون ئابونتى 92مىڭ، يانپون ئابونتى 143مىڭ178، ئىنتېرنېت ئابونتى 67مىڭ بولغان.




#Article 20: ئېستونىيە (275 words)


 

ئېستونيە جۇمھۇرىيىتى (ئېستونچە:Eesti Vabariik)
پايتەخت: تاللىن

تاللىن، ئاھالىسى 525مىڭ 
زىمىنى 45مىڭ227 كۇۋادىرات كىلومېتىر

ئېستونيەنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 1،324،000 بولۇپ، ئاھالىنىڭ 67٪نى ئۇرال تىل سېستىمىسى، فىن تىلى ئائىلىسىگە تەۋە ئېستون تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئېستونلار، 25%ىنى رۇسلار، 2%ىنى ئوكرائىنلار، 1%ىنى فىنلار ئىگەللەيدۇ . ئېستون تىلى دۆلەت تىلى.

ئېستونيەلىكلەرنىڭ ٪13.6 پروتىستانت دىنىنىڭ لۇتېر مەزھىبىگە، ٪12 پروۋسلاۋىيە دىنىغا، ٪1 كاتولىك دىنىغا ئىشىنىدۇ. كۆپ قىسمى دىنغا ئىشەنمەيدۇ.

ئېستونىيەنىڭ بۇلى ياۋرو. ئېستونىيە 2004-يىلىدىن بۇيان ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ئەزاسى.

( 1918-يىلى)2-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئېستونىيەنىڭ روسىيەدىن مۇستەققىل بولغان كۈنى،(1991-يىلى)8-ئاينىڭ 20-كانى مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كۈنى
ۋاقىت رايونى :ياۋروپا ۋاقتى(شەرقى1- ۋاقىت رايونى)

ئېستونىيە زىمىنى ئەسلىدە لاتىشلارنىڭ زىمىنى بولۇپ بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىر ئەتراپىدا ئۇرال خەلقلىرىدىن بولغان فىن ۋە ئېستون خەلقى بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ ئۇششاق بەگلىكلەرنى قۇرغان. 10-ئەسىردە ئېستونىيە دانىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. مىلادى 1397-يىلى دانىيە، شىۋىتسىيە، نورۋىگىيەلەر كارما ئىتتىپاقىنى قۇرغاندا ئېستونىيە شىۋىتسىيەگە قاراشلىق ئۆلكە بولغان. 1710-يىلى ئېستونىيەنى چار روسىيە بېسىۋالغان. 1917-يىلى ئېستونىيە مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ 1918-يىلى گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان.1920-يىلى قايتىدىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن. 1940-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى ئېستونىيەنى مەجبۇرى ئۆزىگە قوشۇۋالغان.1941-يىلى گېرمانىيە ئېستونىيەنى قايتىدىن ئىشغال قىلغان، 1944-يىلى 9-ئايداسوۋېت ئىتىپاقى ئېستونىيەنى قايتۇرىۋالغان. 1991-يىلى ئېستونىيە تۇنجى بولۇپ مۇستەقىللىق جاكارلاپ سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالغان.
ئېستونىيە زىمىنى ئاساسەن تۈزلەڭلىك، ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق بولسىمۇ ياز مەزگىلى قىسقا، يازلىق ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى 19سېلسىيە بولغاچقا دېھقانچىلىق قىلىش ئەپسىز، ئەمما ئۆي قۇشى ۋە سۈت كالىسى باقمىچىلىقى يۈكسەك تەرەققى قىلغان، سانائەت ئاساسى ياخشى، پۇخرالارنىڭ ساپاسى يۇقىرى بولۇپ سابىق سوۋېت ئىتىپاقىدىكى ئەڭ باي جۇمھۇرىيەتنىڭ بىرى ئىدى. مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن توغرا ئىقتىسادى سىياسەت ۋە ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ياردىمىدە يىلىغا 10%دىن يۇقىرى سۈرئەت بىلەن تەرەققى قىلىپ ھازىر ياۋروپادىكى باي دۆلەتلەر بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. 2005-يىلى ئېستونىيىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى 3.4%، سانائەت 28%، مۇلازىمەت 68.6%نى ئىگەللىگەن بولۇپ -2005يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 442مىڭ، يانپون ئابونتى 1 مىليۇن544مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 690مىڭ بولغان.
www.sahawet.com دىن ئېلىندى




#Article 21: فىنلاندىيە (765 words)


 

فىنلاندىيە (ڧىنچە: Suomi وشىۋىتچە: Finland)  رەسمىي ئاتىلىشى ڧىنلاندىيە جۇمھۇرىيىتى،ڧىنلاندىيە جۇمھۇرىيىتى (ڧىنچە: Suomen tasavalta ۋەشىۋىتچە: Republiken Finland)  بولۇپ، شىمالىي ياۋروپا ياكى نوردىك دۆلىتىدۇر. فىنلاندىيە شىمالىي ياۋروپانىڭ فېننوسكەندىيان(Fennoscandian) رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، غەرىپتە شىۋىتسىيە(Sweden) بىلەن، شىمالدا نورۋىگىيە (Norway) بىلەن، شەرىقتە روسسىيە (Russia) بىلەن ۋە جەنۇپتا فىنلاندىيە بوغىزى ئارقىلىق ئېستونىيە (Estonia) بىلەن تۇتىشىدۇ. 
مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىر ئەتراپىدا ئۇرال خەلقلىرىدىن بولغان فىنلارنىڭ ئەجدادى بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ ئۇششاق بەگلىكلەرنى قۇرغان. 10-ئەسىردە فىنلاندىيە دانىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. مىلادى 1397-يىلى دانىيە، شىۋىتسىيە، نورۋىگىيەلەر كارما ئىتتىپاقىنى قۇرغاندا فىنلاندىيە شىۋىتسىيەگە قاراشلىق ئۆلكە بولغان. 1581-يىلى فىنلاندىيە شىۋىتسىيەگە قاراشلىق كېنەزلىك بولغان.1809-يىلىدىكى شىۋىتسىيە چارروسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن فىنلاندىيەنى چار روسىيە بېسىۋالغان. 1917-يىلى فىنلاندىيە مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ 1939-يىلى سوۋېت-فىنلاندىيە ئۇرۇشى پارتىلاپ فىنلاندىيە بىر قىسىم زىمىنىدىن ئايرىلىپ قالغان.1941-يىلىدىن 1944-يىلىغىچە فىنلاندىيە گېرمانىيە تەرەپتە تۇرۇپ سوۋېت ئىتىپاقى بىلەن بولغان ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1948-يىلى 4-ئايداسوۋېت ئىتىپاقى بىلەن فىنلاندىيە پارىژ كېلىشىمى ئىمزالاپ فىنلاندىيە بىتەرەپ دۆلەت بولغان. فىنلاندىيە زىمىنى ئاساسەن ئورمانلىق ۋە كۆل بىلەن قاپلانغان بولۇپ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ياۋروپادا 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. تۈزلەڭلىك كۆپ، ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق، ئەمما كۆپ قىسىم زىمىنى قۇتۇپ چېگرىسىغا جايلاشقان، ياز مەزگىلى قىسقا، تېمپىراتۇرا تۆۋەن بولغاچقا دېھقانچىلىق قىلىش ئەپسىز، ئەمما ئورمان بايلىقىغا تايىنىپ قەغەز سانائىتى ۋە سۈت كالىسى باقمىچىلىقى يۈكسەك تەرەققى قىلغان،فىنلاندىيە دۇنيادا كانادادىن قالسىلا 2-چوڭ قەغەز ئېكىسپورت دۆلىتى، ئورمانچىلىق ماشىنىسازلىقى ، ئۇچۇر سانائىتى تەرەققىياتى ۋە خەلقارا ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچى دۇنيادا 1-ئورۇندا ئورۇندا تۇرىدۇ.فىنلاندىيە پۇخرالىرنىڭ ساپاسى يۇقىرى بولۇپ 1958-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى ئۇمۇملاشقان. ئاھالىنىڭ 32% ئالى مائارىپ سەۋىيىسىگە ئىگە. 2005-يىلى ئېستونىيىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى 3.4%، سانائەت 28%، مۇلازىمەت 68.6%نى ئىگەللىگەن بولۇپ -2005يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى2مىلىيۇن 120مىڭ، يانپون ئابونتى 5 مىليۇن231مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 3مىلىيۇن286مىڭ بولغان

دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ(United Nations)، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ(Council of Europe) ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ (World Trade Organization) ئەزاسىدۇر.

سۇئومى ياكى سومى سۆزى  (ڧىنلاندىيە مەنىسىدە) ئېنىقلانمىغان سۆز بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈلۈشى بەلكىم قەدىمقى بالتىق دېڭىزى رايونىدىكى يەرلىك تىلدىكى *زېمىن يەرشارى بولۇشى ئېھتىمال. ڧىن تىلىغا يېقىن بولغان باشقا تىللاردا  (ڧىنو ئۇگرىك تىللىرىدا) بۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان سۆز ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بەزى تەھلىللەرگە ئاساسلانغاندا زېمىن ۋە ئېرىشىش ياكى كۈرەش مەنىلىرىنى بېرەرمىش. ئەمما بۇ سۆزنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ھالە ئېنىق ئەمەس. 

تارىخي دەلىللارگە ئاساسلانغاندا ئاركىئولوگىيە، ھازىرقى ڧىنلاندىيىنى ئۆز ئىچىگە قالغان بۇ كەڭ شىمالىي ياۋروپا تۇپراقلىرىدا مىلادىدىن تەخمىنەن 8500 يىللار بۇرۇندىن تاكى تاش قوراللار دەۋرىگىچە مۇز ئېراسى بولغان بولۇپ، پۈتۈن زېمىن قار مۇزلار ئاستىدائىمىش. تارىخىي دەلىللەرگە قارىغاندا بۇ تۇپراقلاردا ئەڭ بۇرۇن ئولتۇراقلاشقانلار ئېستونلار، روسلار ۋە نورۋىگىيدىكى ئەڭ ئاۋۋالقى ئاھالىلەر بىلەن بىر زامانلاردا ياشىغانلار بولۇپ، بەزى تارىخچىلار ئۇلارنى قېرىنداش قەۋملەر دەپ قارىشىدۇ. ئۇلار تاشقۇراللارنى ئىشلىتىدىغان ئەڭ دەسلەپكى بېلىقچى ئاھالىلەرئىدى. ساپال قۇراللار مىلادىدىن بۇرۇنقى  5200 يىللىرى باشلاپ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ ساپال تارغاقلارنىڭ ۋە باشقا ساپال بۇيۇملارنىڭ باشلانغان دەۋرىدۇر. ۋىكىڭلار دەۋرىدىكى سودا مەدەنىيىتى ڧىنلاندىيىگە مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000-2500 يىللىرى يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ دەۋرلەردە تېرىقچىلىق باشلانغان. ئەمما تېرىقچىلىقنىڭ باشلانغانلىقى بۇ رايوندىكى تەبىئىي ياشاش ئۇسۇلى بولغان ئوۋچىلىق ۋە بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادى تامامەن ئۆزگەرتەلمىگەن. 
تۇچ مىسقۇراللار دەۋرى (1500-500 مىلادىدىن بۇرۇنقى يىللار) ۋەتۆمۈر قۇراللار دەۋرى (500 م.ب- 1200 م) باشلانغاندىن كېيىن بۇ رايوندا ۋە بالتىق دېڭىزى دائىرىسىدە باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئۇچرىشىش بولغان. ئەلۋەتتە يۇقىرىدا دېيىلگەن تۇچ ۋە تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىلىرى يەرلىك تېخنىكىلار بولماستىن، شۇ زامانلاردىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىران تۈزلەكلىكلىرىدىن بۇ زېمىنلارغا كەلتۈرۈلگەنىدى. ئۇ زامانلاردا بۇ زېمىندا ياشايدىغان ئاساسلىق ئاھالىلەر ھازىرقى ڧىنلانلار بىلەن ئانچە زور باشلىنىشى بولمىغان ھىندى ياۋروپا تىللىرىدا سۆزلايدىغان ۋىكىڭلاردىن ئىدى. كېيىنچە ئۇرال تاغلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن، ئېستون ۋە ھۇنلارنى ئاساس قىلغان كۆچمەنلەرنىڭ كۆپلەپ كېلىشى بىلەن بۇ زېمىنلاردا ئالتاي- ئۇرال تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر ئاساسلىق ئاھالە بولۇشقا باشلىغان.

شىۋىد پادىشاھلىقى ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن خىرىستىيان قوشۇنلىرىنى تەشكىل قىلىپ ئەنئەنىۋىي دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغان بەدەۋى قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بۇ تۇپراقلارنى ئۆز زېمىنلىرىغا قوشۇۋالغان.  يىل 1249. بۇ ۋاقىتتا ڧىنلاندىيە ڧىنلاندىيىدە شىۋىت تىللىق ئاقسۆڭەكلەر ھاكىمىيەت تۇتقان بولۇپ، شىۋىت تىلى ئالىي دەرىجىلىك تىل قاراتىدا كۆرۈلگەن. يەرلىك تىل بولغان قەدىمقى ڧىن تىلى بولسا ياۋايىلارنىڭ تىلى دەپ قارىلىپ تەربىيە كۆرگەن ڧىنلار تەرىپىدىنمۇ سۆزلەش رەت قىلىنغانىدى.  
يېڭى دىن تەرەپدارلىقى شىمالىي ياۋروپاغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، مىسسىيونىرلار ۋە پوپلار كەڭ ئاھالىنىڭ دىنىي كىتابلارنى ئوقۇشىغا ئىمكان يارىتىش ئۈچۈن ئەزەلدىن يېزىقى بولمىغان ڧىن تىلىغا شىۋىت يېزىقى ئاساسىدا يېزىق ئىجاد قىلغان ۋە كىشىلەرنى بۇ يېزىقتا دىنى بويىچە تەربىيلىگەن. بۇ خىزمەرلەرنىڭ بېشى بولغان مېكائىل ئاگرىكولا تۇركۇ شەھىرىدە ڧىنلاندىيىدىكى تۇنجى ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان تۇركۇ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئۇلىنى سالغان. 1640. يىللىرى ڧىنلاندىيە دائىرىسىدا ئاچارچىلىق بولغان بولۇپ، بۇ ئاچارچىلىقتا 1696-1697 يىللىرى ڧىنلاندىيە نوپۇسىنىڭ ئاران ئۈچتەن بىرى قالغان. شىۋىتسىيە ۋە روسسىيە ئۇرۇشىدا  (1714-1721) يەرلىك ڧىنلار تۆۋەن دەرىجىلىك ئەسكەر قاتارىدا ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئۇرۇشتا ڧىنلاندىيە دائىرىسىدە نۇرغۇن كىشى قازا قىلغان.  كىچىك ئۇرۇشىدا (1742-1743).   مەغلۇپ بولغان شىۋىتسىيە ڧىنلاندىيىنى ئۇرۇش تۆلىمى ۋە تېنچلىق شەرتى نامىدا روسسىيىگە بېرىۋەتكەن. چارروسسىيە ئېمپىراتورلىقى تەرىپىدىن ڧىنلاندىيىدە ئاپتونۇم كېنەزلىك بەرپا قىلىنغان.

شىۋىت-روس ئۇرۇشىدا شىۋىتسىيە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ڧىنلاندىيىنى چارروسسىيىگە ئۇرۇش تۆلىمى ۋە تېنچلىق كېلىشىمى ئۈچۈن بېرىۋېتىدۇ. چارروسسىيە ڧىنلاندىيە كېنەزلىكىنى قۇرۇپ چىقىدۇ، بۇ كېنەزلىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت دەرىجىسىدىكى كېنەزلىك بولۇپ، ئۆزىنىڭ پارلامېنتى، ئۆزىنىڭ ھەربىيسى بار ئىدى. بۇنىڭغا ئائىت تەپسىلىي ماتېرياللار ھازىرچە ئۇيغۇر تىلىدا يوق، ئىنشائاللاھ كېيىنچە قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە تولۇقلايمىز. 

ئۇيغۇرتىلىدا ماتېريال يوق، پىدائىيلارنىڭ ئىختىيارىي ياردىمىنى سورايمىز

ّ




#Article 22: چېخ جۇمھۇرىيەتى (335 words)


 

 

چېخ جۇمھۇرىيىتى  Czech Republic 
پايتەخت: پراگا، ئاھالىسى 1مىلىيۇن273مىڭ 
زىمىنى 78مىڭ866 كۇۋادىرات كىلومېتىر
ئاھالىسى: چېخنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 10مىلىيۇن 235مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ 90%نى خورۋاتلار، 4%نى موراۋىيانلار، 2% سلوۋاكلار، قالغانلىرىنى ۋېنگىر، سىگانلار ئىگەللەيدۇ . سىلاۋيان تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە چېخ تىلى دۆلەت تىلى.
دىنى : چېخلارنىڭ 27%ى كاتولىك دىنىغا، 1% پروۋسلاۋىيە دىنىغا، 2% پروتىستانت دىنىغا ئىشىنىدۇ. كۆپ قىسمى دىنغا ئىشەنمەيدۇ
پۇلى: كورونى، (2006-يىلى) 22.596كورونى=بىر دوللار. 2004-يىلى 25.7كورونى= بىر دوللار. 2002-يىلى 32.739كورونى=بىر دوللار . چېخ 2008ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ئەزاسى. 2008-يىلىدىن باشلاپ ياۋوپا ئىتىپاقىغا كىرىپ ياۋرونى ئاساسلىق پۇل بىرلىكى قىلماقچى.
ئىقتىسادى: 2006 -يىلى چېخنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 118مىليارت900مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 21600دوللار توغرا كەلگەن. چېخنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 6%-7% بولۇۋاتىدۇ.
دۆلەت بايرىمى:( 1918-يىلى)10-ئاينىڭ 28-كۈنى، چېخنىڭ ئاۋستىرىيە-ۋېنگىرىيەئىمپىرىيىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان كۈنى
ۋاقىت رايونى :ياۋروپا ۋاقتى(شەرقى1- ۋاقىت رايونى)

چېخ زىمىنى ئەسلىدە گۇتلار(گېرمان تىل ئائىلىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەجدادى) نىڭ بولۇپ كېيىن بۇ يەر غەربى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان.6-ئەسىرلەردە جەنۇپقا كۆچكەن بىر قىسىم سىلاۋيانلار بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ كىچىك بەگلىكلەرنى قۇرغان، مىلادى 623-يىلى قۇرۇلغان قۇدرەتلىك بوھمىيە پادىشاھلىقى ئوتتۇرا ياۋرپادىكى قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىر بولغان بولۇپ مىلادى 830-يىلى قۇرۇلغان موراۋىيە پادىشاھلىقى ھازىرقى پولشانىڭ بىر قىسمى ۋە چېخ، سلوۋاكىيە قاترلىق سالاۋتان ئەللىرىنى بىرلەشتۈرگەن. 10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پادىشاھلىق پارچىلىنىپ چېخلار ئايرىم دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن. 15-ئەسىردىن كېيىن چېخ بارغانسېرى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ ئاۋستىريىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان. 1621-يىلىدىن 1781-يىلىغىچە چېخلار ھاقارەتلىك قۇللۇق تۇرمۇشىنى كەچۈرگەندىن كېيىن قۇللۇق تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ چېخ ئاۋستىرىيە ھابىسبورگ ئىمپىرىيىسىنىڭ چېخ، موراۋىيە، بوھىمىيە قاتارلىق ئۆلكىلەرگە بۆلۈۋېتىلگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن چېخلار بىلەن سلوۋاكلار مۇستەقىل بولۇپ بىرلىشىپ چېخسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن سوتسىيالىستىك دۆلەت بولغان . 1990-يىلى 3-ئايدا چېخسلوۋاكىيە پارچىلىنىپ ئايرىم ئايرىم چېخ جۇمھۇرىيىتى ۋە سلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى بولغان.
چېخ سابىق ئاۋستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپىرىيىسى دەۋرىدىلا ئىمپىرىيىنىڭ سانائەت مەركىزى بولۇپ، تۇپرىقى مۇنبەت، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆلىمى كەڭ، پۇخرالارنىڭ ساپاسى يۇقىرى.يېقىنقى يىللاردىن بېرى ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ياردىمىدە چېخ ئىقتىسادى يەنىمۇ تېز گۈللىنىپ، ئەسلىدىكى سانائەت ۋە كان بايلىقلىرىغا چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش بىلەن بىللە يۇقىرى تېخنىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ تەرەققى قىلغان ئەللەر سېپىگە قوشۇلدى. 2005-يىلى چېخنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %2.8، سانائەت %37.8، مۇلازىمەت %59.4 نى ئىگەللەيدۇ. -2005يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 3مىليۇن217مىڭ، يانپون ئابونتى 11 مىليۇن776مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 5مىليۇن 100مىڭ بولغان.




#Article 23: فرانسىيە (574 words)


 

 

فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى  (République Française فرانسۇزچەغېپۈبلىك فخاڭسەزدەپ ئوقۇلىدۇ.)

ئاھالىسى: فرانسىيەنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 60مىليون 876مىڭ بولۇپ، مۇستەملىكىلىرىنى قوشقاندا 62مىليون752مىڭ. ئاھالىنىڭ 83%نى لاتىن تىل ئائىلىسىگە تەۋە فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغان فرانسۇزلار، 8%ىنى ئەرەبلەر، 2%نى ئالزاسلار، 1%نى برىتونلار،0.3%نى كورسىكالار قالغانلىرىنى كۆچمەنلەر ئىگەللەيدۇ . فرانسۇز تىلى دۆلەت تىلى.

ئىقتىسادى: 2006 -يىلى فرانسىيەنىڭ ئۇمۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 2تىرلىيۇن 54مىليارد 880مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 33مىڭ126دوللار توغرا كېلىدۇ. فرانسىيەنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 2%بولۇۋاتىدۇ.
دۆلەت بايرىمى:( 1790-يىلى)7-ئاينىڭ 14-كۈنى، فرانسىيە جۇمھۇرىيەتچىلىرىنىڭ باستىلىيە تۈرمىسىنى ئىشغال قىلغان كۈنى
)

مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىر ئەتراپىدا فرانسۇزلارنىڭ ئەجدادى بولغان گال خەلقى ھازىرقى فرانسىيەنىڭ جەنۇبى ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىدا ياشىغان بولۇپ مىلادى 1-ئەسىردە رىم ئىمپېرىيىسى بۇ يەردە گالىيە ئۆلكىسىنى تەسىس قىلغان. 500يىلدىن كېيىن گۇتلارنىڭ تارمىقى بولغان فرانكلار گالىيەدىكى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ فرانك پادىشاھلىقىنى قۇرغان ۋە كېيىن تەدرىجى كۈچىيىپ غەربى ياۋروپانىڭ كۆپ ئىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىمپېرىيىگە ئايلانغان. 9-ئەسىردە فرانك ئىمپېرىيىسى ئۈچكە پارچىلىنىپ ھازىرقى ئىتالىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيىلەرنىڭ دەسلەپكى ھالىتى شەكىللەنگەن. 10-ئەسىردە فرانسىيەنىڭ نورماندىيە ئۆلكىسىنىڭ كىنەزى ئەنگىلىيىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى بويسۇندۇرۇپ بارغانسېرى كۈچەيگەن ۋە كېيىن فرانسىيە پادىشاھى بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ1337-يىلى فرانسىيىگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلغان شۇنىڭ بىلەن تارىختا 100يىللىق ئۇرۇش دەپ ئاتالغان ئۇرۇش پارتىلاپ 1453-يىلى فرانسىيەنىڭ جېرسى ۋە گالى ئارىلىدىن باشقا پۈتۈن فرانسىيە زېمىنىنى نورماندىيە كىنەزىنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ قولىدىن قايتۇرۇۋېلىشى بىلەن تاماملانغان. ئۇرۇشتى كېيىنكى فرانسىيە كۈنسېرى گۈللىنىپ ئافرىقا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىدە نۇرغۇن مۇستەملىكىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ۋە دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى بىلەن بىللە گۈزەل -سەنئەت ۋە پەلسەپە تەرەققى قىلىپ رۇسسو قاتارلىق دۇنيا جۇمھۇرىيەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ يولباشچىلىرى بارلىققا كەلگەن. 1789-يىلى فرانسىيە خەلقى پادىشاھ لۇئىسقا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە پۇخرالار ھوقۇقى باياناتى نى ئېلان قىلىپ .1792-يىلى فرانسىيە بىرىنچى جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1799-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى فرانسىيەنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق گېنېرالى، كورسىكا مىللىتىدىن بولغان ناپالىون بوناپارت ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان، 1804-يىلى جۇمھۇرىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ فرانسىيە 1-ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان، 1805-يىلى ۋە 1806-يىلى ئەنگلىيە، ئاۋستىرىيە، روسىيە، پروسىيە)گېرمانىيە( بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمىنى مەغلۇپ قىلىپ پارىژدىكى زەپەر دەرۋازىسىنى ياساتقان، ئىمپىرىيىنى كېڭەيتىپ ياۋروپادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى دېگۈدەك ئۆز كونتىروللىقىغا ئالغان. 1810-يىلى ناپالىون بېرلىن ۋە ۋىنانى ئىشغال قىلىپ ئاۋستىرىيە مەلىكىسىنى نىكاھىغا ئالغان. فرانسىيە تارىختىن بۇيانقى ئەڭ گۈللەنگەن باسقۇچقا كەلگەن. 1812-يىلى ناپالىون 500مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن بىلەن روسىيەنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىغا ئاتلىنىپ، سوغۇق ھاۋا ۋە ئالدىنقى سەپ بىلەن ئارقا سەپ ئارىلىقى ئۇزىراپ كېتىش، رۇسىيىنىڭ شەھەرنى قۇرۇق قالدۇرۇپ چېكىنىشى تۈپەيلى ئېغىر قىيىنچىلىققا ئۇچراپ پۈتۈن قوشۇنىدىن دېگۈدەك ئايرىلىپ قالغان. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق 6-قېتىملىق بىرلەشمە ھۇجۇمنى قوزغىغان ، ئارقىمۇ ئارقا ئۇرۇشتا ھالىدىن كەتكەن فرانسىيە ئارمىيىسى ھەل قىلغۇچ لېيپزىگ جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر فرانسىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلغان، ئامالسىز قالغان فرانسىيە ناپالىوننى تەختتىن چۈشۈرۈش بەدىلىگە دۆلەتنى مەھكۇملۇقتىن ساقلاپ قالغان. ناپالىون ئىتالىيىنىڭ ۋېربا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1815-يىلى ناپالىئونغا سادىق گېنېراللارنىڭ ياردىمىدە ناپالىون پارىژغا يۇشۇرۇن قايتىپ كېلىپ ھاكىمىيەتنى قايتا قولغا ئېلىپ  يۈز كۈنلۈك ئىمپىراتورلۇق تەختىگە ئولتۇرغان. فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق 7-قېتىم ھۇجۇم قىلىپ ۋاتېرلو ئۇرۇشىدا فرانسىيە ئارمىيىسى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولغان. ناپالىون يەنە بىر قېتىم تەختنى بىكارلاپ جەنۇبى ئاتلانتىك ئوكياندىكى سانت-ھېلىنا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1826-يىلى ناپالىون ئۆلۈپ 5 يىلدىن كېيىن فرانسىيە گېنېراللىرى ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ ئىمپىرىيىنى تىرىلدۈرۈشكە يەنە بىر قېتىم ئۇرۇنغان، 1848-يىلى 2-قېتىملىق جۇمھۇرىيەت ئىنقىلابى پارتلاپ فرانسىيە 2-جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.1851-يىلى ناپاليوننىڭ جىيەنى لۇئى بوناپارت ئىككىنچى ئىمپىرىيىنى قۇرغان. 1871- يىلى فرانسىيە پروسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن 3-جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان.

فرانسىيىنىڭ ھازىر ئامېرىكا قىتئەسىدە فرانسىيە گۇاناسى، گۇادىلوپ، مارتىنىكۇې ، سان پىئېر ۋە مىكېلون، سان-مارتىن ، ئوكىيانىيەدە پولىنىزىيە، يېڭى كالىدونىيە، ۋالىس ۋە فۇتۇنا، ئافرىقىدا رۇنىون قاتارلىق مۇستەملىكىسى بار.

فرانسىيە زېمىنى ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق بولغان مۇنبەت مۆتىدىل ۋە ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ، تۈزلەڭلىك كۆپ بولغاچقا باغۋەنچىلىك ۋە ئاشلىق مەھسۇلاتى ياۋروپا رايونىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ،فرانسىيە ياۋروپادىكى كونا سانائەت دۆلىتى بولۇپ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى دۇنيادا 5-ئورۇندا ئورۇندا تۇرىدۇ. فرانسىيە پۇخرالىرنىڭ ساپاسى يۇقىرى، ئاھالىنىڭ 27% ئالى مائارىپ سەۋىيىسىگە ئىگە.

ّ




#Article 24: گرۇزىيە (461 words)


 

 

گىرۇزىيە جۇمھۇرىيىتى (گرۇزىنچە:საქართველო, Sakartvelo)

تىبلىس، ئاھالىسى بىر مىليۇن 300مىڭ. 

گېئورگىيەنىڭ2006-يىللىق نوپۇسى 4مىلىيۇن 961مىڭ437. ئاھالىنىڭ 71%نى گېرۇزىنلار، 8%نى ئارمەنلەر، 6.5%نى ئازەربەيجانلار ، 6.3%نى رۇسلار ، 2.5%نى ئابخازلار، 2.3%نى ئوسېتىئانلار ئىگەللەيدۇ . گرۇزىن تىلى دۆلەت تىلى. ئاھالىلەر ئاساسەن ئۆز تىلى ۋە رۇس تىلىنى قوللىنىدۇ.
 

گېئورگىيە ئاھالىسىنىڭ 83%ى پروۋىسلاۋىيە دىنىغا، 7%ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىبىگە ، 5%ئىىسلام دىنى شىئە مەزھىبىگە، 6%ئى ئارمەن پروۋىسلاۋىيە دىنىغا، 1% كاتولىك دىنىغا ئىشىنىدۇ.

لارى. 2006-يىلى 1.78لارى = بىر دوللار، 2004-يىلى 1.9167لارى = بىر دوللار، 2002-يىلى2.1957 لارى = بىر دوللار.
ئىقتىسادى: گېئورگىيە مۇستەقىل بولۇشتىن بۇرۇن سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ رەڭلىك مېتال ۋە ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسىنى نۇقتىلىق تەرەققى قىلدۇرغان رايونى ئىدى، مۇستەققىل بولغان دەسلەپكى يىللاردا ئۇرۇش ۋە خوشنا ئەللەرنىڭ ئىمبارگوسى تۈپەيلى گېئورگىيە ئىقتىسادى ۋەيران بولۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان ئىدى. كېيىن دۇنيا بانكىسىنىڭ قەرز پۇلى بىلەن دۆلەت ئىقتىسادى تەرتىپكە چۈشتى. ھازىر گېئورگىيەنىڭ دۆلەت قەرزى بىر مىليارت دوللاردىن ئاشىدىغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تاشقى قەرزى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت ھىساپلىنىدۇ. 2006 -يىلى گېئورگىيەنىڭ ئۇمۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 5مىليارت 272مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 3مىڭ800 دوللار توغرا كەلگەن. گېئورگىيەنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 8%دىن يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ.

(1991-يىلى)5ئاينىڭ 26-كۈنى، گېئورگىيەنىڭ مۇستەقىل بولغان كۈنى

(شەرقى 3-ۋاقىت رايونى)

ھازىرقى زىمىنى گېئورگىيەلىكلەرنىڭ ئانا ماكانى بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردە گىورگىيەنىڭ كۇتايىش شەھرىنى مەركەز قىلغان كەرشىدا پادىشاھلىقى قۇرۇلغان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 331-يىلى ئىسكەندەر ماكىدونىسكى تەرپىدىن ئىشغال قىلىنغان. تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىرنىڭ ئاخىرى كارتىۋىل پادىشاھلىقى قۇرۇلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 190-يىلى ئەرمەن ئارتاش پادىشاھلىقىنىڭ بېقىندىسى بولغان. مىلادىدىن كېيىن شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، ، مىلادى 232-يىلى ئىران ساسانىلار خانلىقىغا بېقىندى بولۇپ قالغان ، مىلادى 680-يىلى ساسانىلار ئىمپىرىيىسى ئەرەپ ئىسلام ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان، گىرۇزىيە ئىسلام ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، مىلادى 8-ئەسىردە گىرۇزىيە زىمىنىدا ئابخازىيە، كارتىۋىل، ئالان، ئاجارىيە قاتارلىق ئەرەپ ئىمپىرىيىسىگە قاراشلىق بەگلىكلەر ھۆكۈم سۈرگەن. 1064-يىلى شەرقى رىم ئىمپىرىيىسى گىرۇزىيەنى بېسىۋالغان. مىلادى 1072-يىلىدىن كېيىن گىرۇزىيە سالجۇق تۈركلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 15-ئەسىردىن 17-ئەسىرگىچە گىرۇزىيە زىمىنىدا ئابخازىيە، كارتىۋىل، مېگرىلىيە، لاز، ئالان قاتالىق ئۇششاق دۆلەتلەر مەۋجۇت بولغان. بىر قىسىم زىمىنى ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە قوشۇلغان، 17-ئەسىردىن كېيىن گىرۇزىيىدىكى دۆلەتلەر ئىران بىلەن تۈركىيىنىڭ تالىشىش ئوبېكتى بولۇپ قالغان، پۇرسەتتىن پايدىلانغان روسىيە ئىمپىرىيىسى 1801-يىلىدىن باشلاپ گرۇزىيە زىمىنىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ قوشۇۋېلىپ، 1864-يىلىغا كەلگەندە تۈرك ئىمپىرىيىى قولىدىكى مەھشەت(ئاخسكا ياكى جاۋاختى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە ئاجارىيەدىن باشقا پۈتۈن گرۇزىيىنى ئىگەللەپ، كۇتايىش ۋە تىبلىس ئۆلكىسىگە بۆلۈپ باشقۇرغان. 1918-يىلى گېرمانىيە، تۈركىيە، ئەنگىلىيە ئارمىيىسى گىرۇزىيەگە ئىلگىرى كېيىن ھۇجۇم قىلغان ۋە مەغلۇپ بولغان. 1921-يىلى 2-ئايدا گرۇزىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى ۋە ئابخازىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ ، شۇ يىلى12-ئايدا ئابخازىيە گرۇزىيەگە قوشۇۋېتىلگەن. 1936- يىلى گرۇزىيە سوۋېت ئىتىپاقىغا ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيەت بولۇپ قوشۇلغان. 1990-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. 1991-يىلى 4-ئايدا رەسمى مۇستەققىل بولغان گرۇزىيە مۇستەقىل بولغاندىن باشلاپ ئىچكى ئۇرۇشقا پېتىپ قالغاچقا، ئابخازىيە، جەنۇبى ئوسېتىيە، ئاجارىيە قاتارلىق ئاپتونومىيىلىك رايونلار مۇستەقىل بولۇۋالغان.

گىرۇزىيە زىمىنىنىڭ 60% ئىگىزلىك ۋە تاغلاردىن، 18% تۈزلەڭلىكتىن، شەكىللەنگەن بولۇپ ئورمان كۆلىمى دۆلەت يەر مەيدانىنىڭ 40% نى ئىگەللەيدۇ، قارا دېڭىز بويلىرى رايونى ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا تەۋە، تۇپراق ئۈنۈمدارلىقى بىر قەدەر يۇقىرى، كان بايلىقى مول . گېئورگىيەدە ئاھالىنىڭ ئۈچتىن بىرى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.




#Article 25: Fransiye (573 words)


 

Fransiye jumhuriyiti  (République Française fransuzcheghépüblik fxangsezdep oqulidu.)

Ahalisi: fransiyening 2006-yilliq nopusi 60milyon 876ming bolup, mustemlikilirini qoshqanda 62milyon752ming. Ahalining 83%ni latin til a'ilisige tewe fransuz tilida sözlishidighan fransuzlar, 8%ini erebler, 2%ni alzaslar, 1%ni britonlar,0.3%ni korsikalar qalghanlirini köchmenler igelleydu . Fransuz tili dölet tili.

Iqtisadi: 2006 -yili fransiyening umumiy milli ishlepchiqirish daramiti 2tirliyun 54milyard 880milyon dollar bolup kishi béshigha 33ming126dollar toghra kélidu. Fransiyening2000-yilidin buyanqi yilliq iqtisadi éshish süriti 2%boluwatidu.
Dölet bayrimi:( 1790-yili)7-ayning 14-küni, fransiye jumhuriyetchilirining bastiliye türmisini ishghal qilghan küni
)

Miladiyidin burunqi 10-esir etrapida fransuzlarning ejdadi bolghan gal xelqi hazirqi fransiyening jenubi we ottura qisimlirida yashighan bolup miladi 1-esirde rim impériyisi bu yerde galiye ölkisini tesis qilghan. 500Yildin kéyin gutlarning tarmiqi bolghan franklar galiyediki rim impériyisining hökümranliqini aghdurup frank padishahliqini qurghan we kéyin tedriji küchiyip gherbi yawropaning köp ismini öz ichige alghan impériyige aylanghan. 9-Esirde frank impériyisi üchke parchilinip hazirqi Italiye, Gérmaniye, firansiyilerning deslepki haliti shekillengen. 10-Esirde fransiyening normandiye ölkisining kinezi engiliyining köp qisim jaylirini boysundurup barghanséri kücheygen we kéyin fransiye padishahi bilen özengge soqushturup1337-yili fransiyige keng kölemde hujum qilghan shuning bilen tarixta 100yilliq urush dep atalghan urush partilap 1453-yili fransiyening jérsi we gali arilidin bashqa pütün fransiye zéminini normandiye kinezining ewladidin bolghan en'gliye xan jemetining qolidin qayturuwélishi bilen tamamlanghan. Urushti kéyinki fransiye künséri güllinip afriqa we amérika qiteliride nurghun mustemlikilerni qolgha keltürgen we dunyadiki eng qudretlik döletlerning biri bolup qélishi bilen bille güzel -senet we pelsepe tereqqi qilip russo qatarliq dunya jumhuriyetchilik idiyisining yolbashchiliri barliqqa kelgen. 1789-Yili fransiye xelqi padishah luisqa qarshi qoralliq qozghilang kötürüp, kishilik hoquq we puxralar hoquqi bayanati ni élan qilip .1792-yili fransiye birinchi jumhuriyiti qurulghan. 1799-Yili 11-ayning 9-küni fransiyening misirda turushluq générali, korsika millitidin bolghan napali'on bonapart hakimiyetni tartiwalghan, 1804-yili jumhuriyetni emeldin qaldurup fransiye 1-impériyisini qurghan, 1805-yili we 1806-yili engliye, Awstiriye, Rosiye, prosiye)gérmaniye( birleshme armiyisining ikki qétimliq hujumini meghlup qilip parijdiki zeper derwazisini yasatqan, impiriyini kéngeytip yawropadiki barliq döletlerni dégüdek öz kontirolliqigha alghan. 1810-Yili napalion bérlin we winani ishghal qilip awstiriye melikisini nikahigha alghan. Fransiye tarixtin buyanqi eng güllengen basquchqa kelgen. 1812-Yili napalion 500ming kishilik zor qoshun bilen rosiyeni boysundurush urushigha atlinip, soghuq hawa we aldinqi sep bilen arqa sep ariliqi uzirap kétish, rusiyining sheherni quruq qaldurup chékinishi tüpeyli éghir qiyinchiliqqa uchrap pütün qoshunidin dégüdek ayrilip qalghan. Pursetni ghenimet bilgen fransiyige qarshi ittipaq 6-qétimliq birleshme hujumni qozghighan , arqimu arqa urushta halidin ketken fransiye armiyisi hel qilghuch léypzig jéngide meghlup bolup ittipaqdash döletler fransiye zéminigha hujum qilghan, amalsiz qalghan fransiye napali'onni texttin chüshürüsh bedilige döletni mehkumluqtin saqlap qalghan. Napali'on italiyining wérba ariligha sürgün qilinghan. 1815-Yili napaliongha sadiq générallarning yardimide napalion parijgha yushurun qaytip kélip hakimiyetni qayta qolgha élip  yüz künlük impiratorluq textige olturghan. Fransiyige qarshi ittipaq 7-qétim hujum qilip watérlo urushida fransiye armiyisi üzül-késil meghlup bolghan. Napali'on yene bir qétim textni bikarlap jenubi atlantik okyandiki sant-hélina ariligha sürgün qilinghan. 1826-Yili napali'on ölüp 5 yildin kéyin fransiye généralliri hakimiyetni qolgha élip impiriyini tirildürüshke yene bir qétim urunghan, 1848-yili 2-qétimliq jumhuriyet inqilabi partlap Fransiye 2-jumhuriyiti qurulghan.1851-yili napalyonning jiyeni lui bonapart ikkinchi impiriyini qurghan. 1871- Yili fransiye prosiye bilen bolghan urushta meghlup bolghandin kéyin 3-jumhuriyet qurulghan.

Fransiyining hazir Amérika qiteside fransiye guanasi, guadilop, martinikué , san piér we mikélon, san-martin , okiyaniyede poliniziye, yéngi kalidoniye, walis we futuna, afriqida runion qatarliq mustemlikisi bar.

Fransiye zémini höl yéghini muwapiq bolghan munbet mötidil we ottura déngiz iqlimigha tewe bolup, tüzlenglik köp bolghachqa baghwenchilik we ashliq mehsulati yawropa rayonida birinchi orunda turidu ,fransiye yawropadiki kona sana'et döliti bolup uniwérsal dölet küchi dunyada 5-orunda orunda turidu. Fransiye puxralirning sapasi yuqiri, ahalining 27% ali ma'arip sewiyisige ige.




#Article 26: پىچان ناھىيىسى (659 words)


پىچان ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن تۇرپان ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. توقسۇننىڭ يەر مايدانى 39،548 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا ، ئۇنىڭ نۇپۇسى 210،000.

پىچان خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئالدىنقى قانقىل قەبىلىسى زېمىنىنىڭ شەرقىي قىسمى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئاستانە ئايمىقىنىڭ لۈكچۈن ۋە پىچان ناھىيىسىگە تەۋە بولغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىدىقۇت ئۇيغۇر ؟خانلىقىغا قاراشلىق بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە رۇقچاققا قاراپ، يۈز بېشى مەمۇرىي ئەمەلدارى دارۇغاچنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى لۈكچۈن دەپ ئۆزگەرتىلگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ يوڭ جىڭ  5 - يىلى (1727 - يىلى) پىچان بازىرى قۇرۇلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) پىچان خان ئامبىلى قويۇلغان. چىچەنلۇڭ  36  - يىلى (1771 - يىلى) پىچان تەپتىش بېگى قويۇلغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ  28 - يىلكى (1902 - يىلى) ناھىيە تەسىس قىلىنىپ، پىچاننىڭ خەنزۇچە نامى شەنشەنگە ئۆزگەتىلگەن ۋە تۇرپان بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگو مەزگىلىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاراشەھەر دوتەي مەھكىمىسىگە، ئۈرۈمچى ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئۈرۈمچى ۋالىي مەھكىمىسىگە، ئاپتونوم رايون ھاۋالە قىلغان تۇرپان مەركىزىي ناھىيىسىگە ۋە قۇمۇل ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان.

پىچان ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ شەرقىي بۆلىكى، بۇغدا تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى قۇمۇل شەھىرىگە، غەربىيى تۇرپان شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇبىي تەرىپى چاقىلىق ناھىيىسىگە، لوپنۇر ناھىيىسىگە، شىمالىي تەرىپى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن گۇچۇڭ ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 190 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلىقى  250 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى  38  مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭغا  5 بازار،  5 يېزا،  81 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە تۇرپان - قۇمۇل نېفىتلىكىنى قېردىرىپ تەكشۈرۈش - ئېچىش قوماندانلىق شىتابى، گېئولوگىيە - قېزىلما بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭدىكى  1 - گېئولوگىيە ئەترىتى، شىنجاڭ قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە تەتقىقات ئورنى بار، ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 277 كىلومېتىر كېلىدۇ. ناھىيىنىڭ  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  187 مىڭ  100، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  67.63% نى، خەنزۇلار  27.24% نى، باشقا مىللەتلەر  5.13% نى تەشكىل قىلىدۇ.    1975 - يىلى تۇرپان ۋىلايىتىگە قارىغان.   يەر تۈزۈلۈشى: شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس بولۇپ، شەرق،جەنۇب، شىمال تەرىپى تاغ بىلەن ئورالغان، تەڭرىتاغ تىزمىسىدىكى بۇغدا تېغى ناھىيە تەۋەسىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. تاغ يېرى  7.8%  نى، تۈزلەڭلىك 8.1% نى، قۇم - چۆل 84.1% نى ئىگىلەيدۇ. تەۋەسىدە تەڭرى تېغى ۋە يالقۇنتاغدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سۇ سىستېمىسىدا 6  دەريا بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 238 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى  480 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ياۋا تۆگە، سايگاڭ بۆكۈنى، قوڭۇر ئېيىق قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قانتېپەر، سوغىگۈل، چاكاندا قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، كۆمۈر، تۆمۈر، ئالتۇن، مىس، ماگنىي، بېنتونىت، ناترىيىلىق سېلىترا، گىلائۇبېر تۇزى، مەرمەر تاش، كرىستال قاتارلىقلار بار.   پىچان ناھىيىسى ئىسسىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  11.3℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  44.8℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 28.7℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن  126.5 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا  30℃ دىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق چۈشۈش ۋاقتى 3112.4 سائەت،  10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرا  4518.1℃، قىروسىز مەزگىلى  263 كۈن. ئوتتۇرىچە يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 25.2 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2727.0 مىللىمېتىر كېلىدۇ.   بۇ ناھىيە ئىقتىسادىي زىرائەتنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر  14 مىڭ  300 گېكتار (215 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر،  5300 گېكتار (79 مىڭ  500 مو) ئورمان،  312 مىڭ گېكتار (4 مىليون  680 مىڭ مو) ئوتلاق بار. يەنە  30 مىڭ گېكتار (450  مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر، 3300 گېكتار (50 مىڭ مو) ئورمان ئەھيا قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. ئىقتىسادىي زىرائەتتىن كېۋەز، ئۈزۈم، قوغۇننى ئاساس قىلىدۇ. قوغۇن ماكانى ھېسابلىنىدۇ. ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قۇناق قاتارلىقلارنى تېرىيدۇ. چارۋىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن قېزىلماي بايلىق قېزىش، مېتال تاۋلاش، ئانئورگانىك تۇز - خىمىيە سانائىتى، نېفىت - خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كۆمۈر، يېمەكلىك سانائىتى قاتارلىقلار بار.   پىچان ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى بىرقەدەر ياخشى. دۆلەت تاشيولىنىڭ  312 - لىنىيىسى ، لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولى تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە - يېزا تاشيوللىرى گىرەلىشىپ تۇتىشىپ كەتكەن. ئاسىيا - ياۋروپا ئوپتىك كابىلى تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. 3600 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ پۈتۈن مەملىكىتىمىز بىلەن تورلاشتۇرۇلغان. كۆچمە تېلېفون، سىمسىز چاقىرغۇ ئارقا - ئارقىدىن ئىشلىمەكتە.   

بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن يەتتە قىز مازىرى، تويۇق مىڭ ئۆيى، پىچان دۆڭ بازىرى چوڭ مەسچىتى قاتارلىقلار بار.




#Article 27: توقسۇن ناھىيىسى (482 words)


توقسۇن ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بولۇپ، مەمۇرىي جەھەتتىن تۇرپان ۋىلايىتىگە قارايدۇ. توقسۇننىڭ يەر كۆلىمى 16،128 كۇۋادرات كىلومېتىر. 2013-يىلدىكى ئىستاتىسكىغا ئاساسلانغاندا ، توقسۇننىڭ نوپۇسى 138،000.

توقسۇن ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ غەربىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى تۇرپان شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسى، خۇشۇت ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى لوپنۇر ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى ئۈرۈمچى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 204  كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 146 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى  16 مىڭ  128  كۇۋادرات كىلومېتىر. توكسۇن ناھىيىسىگە قاراشلىق 3 بازار،  4 يېزا ۋە 45 كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرى مەملىكەت بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى نۆل مېتىر بولغان بىردىنبىر ناھىيە بازىرى بولۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 162 كىلومېتىر كېلىدۇ. توقسۇن ناھىيىسىنىڭ 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 103،300 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 76.53% نى، خەنزۇلار 16.50% نى، باشقا مىللەتلەر 6.97% نى تەشكىل قىلىدۇ. يەر تۈزۈلۈشى غەربىي ئېگىز، شەرقىي پەس بولۇپ، تاغلىق 20.8% نى، تۈزلەڭلىك 4.1% نى، چۆللۈك 75.1% نى ئىگىلەيدۇ. ئالغۇي ئۆستىڭى بىلەن ئا تېرەك ئۆستىڭىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سۇ سېستىمىسىدا جەمئىي 6 دەريا بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 65 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 268 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ. ياۋايى ھايۋانلاردىن يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، غۇلجا، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئاققۇ، ئۇلار قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلاردىن ئالتۇن، مىس، قوغۇشۇن، كۆمۈر، بېنتونىت، تاشپاختا، مەرمەر تاش، دولومىت جىنىس، گرانىت، ھاك تاش، چىرىمتال، سىڭىرتاش، گىرافىت، گىلوئۇبېر تۇزى قاتارلىقلار بار. توقسۇن ناھىيىسى ئىسسىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  13.8℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 48.0℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 25.5℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 142.4 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا  30℃ دىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  3053.9 سائەت،  10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى  5299.4℃، قىروسىز مەزگىلى  297 كۈن بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  6.9 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 3723.5 مىللىمېتىر كېلىدۇ. توقسۇن ناھىيىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، 12 مىڭ 300 گېكتار (185 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 8300 گېكتار (124 مىڭ 500 مو) ئورمان، 245 مىڭ 500 گېكتار (3 مىليون 682 مىڭ 500 مو) ئوتلاق بار، يەنە  15 مىڭ  100 گېكتار ( 226  مىڭ 500 مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر،  26  مىڭ گېكتار (290 مىڭ مو) ئورمان ئەھيا قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، كېۋەز، ماش، يەر ياڭىقى قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا قوي ۋە كالىنى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، كۆمۈر، خىمىيە سانائىتى، تاشپاختا، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، پاختا توقۇمچىلىقى، ھاراق ئىشلەش، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.

توقسۇن ناھىيىسى7 دانە بازارلىق بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

توقسۇن ناھىيىسى1 دانە بازارلىق بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

توقسۇن ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ۋە دۆلەت تاشيولىنىڭ  314 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە - يېزا تاشيوللىرى گىرەلىشىپ تۇتىشىپ كەتكەن. 

بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان تاش تۇز، پارچە ساقالدىكى يېڭى تاش قورال خارابىلىقى، پەنجىر تاغدىكى تاش سىزمىلىرى، ئالغۇي ئېغىزى تىك غارىدىكى ياغاچ قاپلىما گۈكسەيلىك مازىرى، گۇستۇن جىلغىسىدىكى قەدىم تىبەت يېزىقى تاش ئويمىلىرى، ئاسار شەھىرى خارابىسى قاتارلىقلار بار.




#Article 28: تۇرپان شەھىرى (752 words)


تۇرپان شەھىرى بولسا ئەسلىدىكى تۇرپان ۋىلايىتى بولۇپ، 2015-يىلى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن تۇرپان شەھىرى بولۇپ قورۇلغان، ھازىر تۇرپان شەھىرى قارمىقىدا بىر شەھەر رايونى، ئىككى ناھىيە بولۇپ، شەھەر رايونى بولسا ئىدىقۇت رايونونى، ئىككى ناھىيە بولسا توقسۇن ناھىيىسى ۋە پىچان ناھىيىسىدىن ئىبارەت. تەڭرى تېغىنىڭ بۆلىكى، بۇغدا تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپى پىچان ناھىيىسى بىلەن، غەربىي تەرىپى توقسۇن ناھىيىسى، جەنۇبىي تەرىپى لوپنۇر ناھىيىسى، شىمالىي تەرىپى جىمىسار ناھىيىسى، گۇچۇڭ ناھىيىسى ۋە ئۈرۈمچى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 244 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 70 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 15 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر.

تۇرپان ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن ئالدى قانقىل قەبىلىسىنىڭ يېرى ئىدى. شەرقىي جىن سۇلالىسىنىڭ دەۋرىدىن جەنۇبىي شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىگىچە بۇ يەردە ئىدىقۇت ۋىلايىتى ۋە ئىدىقۇت دۆلىتى قۇرۇلغان. تاڭ دەۋرىدە قۇجۇ ئايمىقى تەسىس قىلىنغان. سوڭ، لياۋ سۇلالىلىرى مەزگىلىدە بۇ يەر ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىغا تەۋە بولغان، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەرگە قۇجۇ دالالەت بېگى قويۇلغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 12 - يىلى (1886 - يىلى) تۇرپان بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى تەسىس قىلىنغان ۋە دىخۇا مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ  2 - يىلى ( 1913 - يىلى) بىۋاسىتە قاراشلىق نازارەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تۇرپان ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان ۋە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاراشەھەر دىخۇر مەمۇرىي رايونىغا قارىغان.  1958 - يىلى تۇرپان ۋىلايىتى قۇرۇلغان.

ھازىر تۇرپان شەھىرى قارمىقىدا بىر شەھەر رايونى، ئىككى ناھىيە بولۇپ، شەھەر رايونى بولسا:

تۇرپان شەھىرى تەڭرى تېغىنىڭ شەرقىدىكى تۇرپان ئويمانلىقىغا جايلاشقان. شەرقى تەرىپى قۇمۇل شەھىرى (ئەسلىدىكى قۇمۇل ۋىلايىتى)بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي ۋە جۇنۇبىي تەرىپى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال تەرىپى ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن، شىمالىي تەرىپى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 300 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 240 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى  69 مىڭ  700 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە بىۋاسىتە قاراشلىق  221 - تۇەن - مەيدانى بار. تۇرپان ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۇرۇشلۇق تۇرپان شەھىرى شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  180 كىلومېتىر كېلىدۇ.  1995  - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 524  مىڭ 800، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  71.00% نى، خەنزۇلار  22.32% نى، باشقا مىللەتلەر  6.68% نى تەشكىل قىلىدۇ. يەر تۈزۈلۈشى شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس بۇ يەردە ھەم قاپساللىق كەتكەن ئويمانلىق، شىمالدا دېڭىز يۈزىدىن  800 مېتىر ئېگىز يالقۇن تاغ بار، جەنۇبىدا دېڭىز يۈزىدىن  154 مېتىر تۆۋەن ئايدىڭ كۆل بار. تاغ يېرى 14% نى، تۈزلەڭلىك  9% نى، چۆللۈك  77%  نى  ئىگىلەيدۇ. ئاساسلىق 9  دەرياسى بار. يەر ئۈستى بايلىقى 584 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى  1  مىليارد 111 مىليون كۇب مېتىر. 

ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاساسلىقى ياۋا تۆگە، يىلپىز، ئارقار، قوڭۇر ئېيىق قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك  300 نەچچە خىلى بولۇپ، بۇنىڭ  ئىچىدىكى دورا ئۆسۈملۈكى ئاساسلىقى چاكاندا، چۈچۈكبۇيا، سۇغىگۈل،قار لەيلىسى قاتارلىقلار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئاساسلىقى نېفىت، ئالتۇن، مىس، قەلەي، قوغۇشۇن، كۆمۈر، تۇز، گىلائۇبېر تۇزى، لكالاىي سېلىتىرا، ناتردىيلىق سېلىتىرا، كۋارتس قۇم قاتارلىقلار بار. 

تۇرپان ۋىلايىتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق رايون ئىقلىمىغا كىرىدۇ، قەدىمدىن  دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  1.9℃ ～ 31.9℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 47.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 28.7℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن  120 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30℃ دىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق چۈشۈش ۋاقتى  3000 ～ 3200 سائەت،  10℃  يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4000 ～ 5000، قىروسىز مەزگىلى 260 ～ 290 كۈن. ئوتتۇرىچە يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى  9.6 ～ 50 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2700 ～ 3700 مىللىمېتىر. شامال ئېنېرگىيىسى بايلىقى بىر قەدەر مول،  30  چاقىرىملىق شامال رايونىدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 180.2 كۈن بوران چىقىدۇ. 

بۇ ۋىلايەت دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 42 مىڭ  600 گېكتار (639 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر،  70 مىڭ گېكتار (1 مىليون 50 مىڭ مو) ئورمان، 782  مىڭ  500 گېكتار (11 مىليون  737  مىڭ 500 مو) يايلاق بار. يەنە  100 مىڭ گېكتار (1  مىليون  500 مىڭ مو) دېھقانچىلىقتا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى كېۋەز، ئۈزۈم، بۇغداي، قوناق، كۆكتات قاتارلىقلار بار. بۇلار ئىچىدە ئۈزۈم، قوغۇن، كېۋەز مەھسۇلاتى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى بولغاچقا، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بۇ جاينى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋەئكېسپورت بازىسى قاتارىغا كىرگۈزدى. چارۋىچىلىقتا دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، چارۋىسىدىن ئاساسلىقى كالا، قوي، ئات قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئاساسلىقى تۇز - خىمىيە سانائىتى، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، پاختا توقۇمچىلىقى، قېزىلما بايلىقلىرىنى قېزىش قاتارلىقلار بار.  تۇرپان ۋىلايىتىنىىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى بىر قەدەر ياخشى. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈريولى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى مۇشۇ يەردە تۇتىشىدۇ. دۆلەت تاشيولىنىڭ  312 -، 314 - لىنىيىسى تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ، تۇرپان - ئۈرۈمچى - داخۇاڭشەن ئالىي دەرىجىلىك تاشيولى بار. ئاسىيا - ياۋروپا ئوپتىكىلىق كابىلى بۇ ۋىلايەتنى كېسىپ ئۆتىدۇ. 17 مىڭ پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلغان.تۇرپان قەدىمكى زاماندا دىكى مۇھىم شەھەر بولۇپ، ئۇنىڭ ساياھەت بايلىقى مول. ئاساسلىقى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن يارغۇل قەدىمكى شەھىرى، ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى، ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقى، بېزەكلىك مىڭ ئۆيى، سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى (يەنى ئىمىن مۇنارى) قاتارلىقلار؛ ئاساسلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن كارىز سەيلىگاھى، يالقۇن تاغ، ئايدىڭكۆل، بۇيلۇق قاتارلىقلار بار.




#Article 29: قۇمۇل شەھىرى (764 words)


قۇمۇل شەھىرىشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر، شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇممىي يەر كۆلىمى 142،095 كۋادرات كىلومېتىر كىلىدۇ، قۇمۇل شەھىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا ئۆزىنىڭ ھەسەلدەك قوغۇنلىرى بىلەن داڭقى بار. 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى گوۋۇيۈننىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى قۇمۇل ۋىلايىتى بىكار قىلىنىپ قۇمۇل شەھىرى قۇرۇپ چىقىلغان.

قۇمۇل ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار قەدىمدە  دەپ ئاتالغان. ئۇسۇن خان مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي بولغان. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ يۇڭپىڭ 16 - يىلى (73 - يىلى يېخې لەشكەر بېشى قويۇلغان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ جېنگوەن 4 - يىلى (630 - يىلى) غەربىي ئىۋىرغۇل ئايمىقى تەسىس قىلىنغان. جېنگوەننىڭ 6 - يىلى (632 - يىلى) ئىۋىرغول ئايمىقى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى دەۋرىدە قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىغا قارىغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىۋىرغول ئايمىقى دېگەن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە قۇمۇل دەپ ئاتىلىپ، گەنسۇ ۋاقىتلىق ۋازارىتىگە قارىغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ يۇڭلې 4 - يىلى (1406 - يىلى) قۇمۇل ياساۋۇلخانىسى تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) قۇمۇل نازارىتى تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 10 - يىلى (4188 - يىلى) دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ بىۋاسىتە قاراشلىق نازارەت قىلىنغان. مىنگونىڭ 2 - يىلى (1913 - يىلى) قۇمۇل ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، جېندى دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 23 - يىلى (1934 - يىلى) قۇمۇل مەمۇرىي رايونى تەسىس قىلىنغان. 1943 - يىلى قۇمۇل ۋالىي مەھكمىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1970 - يىلى قۇمۇل ۋىلايىتى دەپ ئاتالغان. 2016-يىلى قۇمۇل شەھىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

ھازىر قۇمۇل شەھىرى قارمىقىدا بىر شەھەر رايونى، ئىككى ناھىيە بولۇپ، شەھەر رايونى بولسا:

قۇمۇل شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ شەرقىگە جايلاشقان. شەرقتىن گەنسۇ ئۆلكىسى، غەربتىن تۇرپان ۋىلايىتى ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، جەنۇبتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالدىن تاشقى موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسى ئۇزۇنلۇقى 595 كىلومېتىر كېلىدۇ). جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 440 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 404 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 137 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭغا 1 شەھەر، 2 ناھىيە (قۇمۇل شەھىرى، بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى، ئاتۈرۈك ناھىيىسى) قارايدۇ. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇمۇل دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئاراتۈرۈك ھەربىي ئات مەيدانى بار. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە جايلاشقان قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 588 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 446 مىڭ 300 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 19.96% نى، خەنزۇلار 66.69% نى، باشقا مىللەتلەر 13.35% نى تەشكىل قىلىدۇ.

شىمال تەرىپى ئېگىز، جەنۇب تەرىپى پەس بولۇپ، شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسىمى تاغلىق رايون، جەنۇبىي قىسمى تۈزلەڭلىك ۋە چۆل - باياۋان. تاغ يېرى 70.5% نى، تۈزلەڭلىك ۋە چۆللۈك 29.5% نى ئىگىلەيدۇ. ۋىلايەتتە شۇنازۇر كۆلى، بارىكۆل، تۇزكۆل قاتارلىق تەبىئىي كۆل ۋ 140 تىن ئارتۇق دەريا، تاغ بۇلىقى بار. يەر يۈزى سۇ بايلىقى 1 مىليارد 83 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقداردىن 1 مىليارد 350 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاساسلىقى قۇلان، ياۋا تۆگە، يىلپىز، قارا تايغان بۇغا، سۈلەيسۈن، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى چاچ سەي، زاراڭزا، سوغىگۈل، قانتېپەر، چاكاندا، قارلەيلىسى، ماندارىن قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، مىس، نېكىل، ئالتۇن، تۇز، گىلائۇبېر تۇزى قاتارلىقلار بار.

قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ئىنتايىن زور. بارىكۆل ئويمانلىقى مۆتىدىل بەلۋاغ 2 - دەرىجىلىك قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. ئاراتۈرۈك ئويمانلىقى سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. قۇمۇل ئويمانلىقى بىلەن نوم كۆلى قاتارلىق چۆللەر مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 9.9℃ ～ 0.1℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 43.9℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 43.6℃ ، كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3200 ～ 3400 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 1700℃ ～ 4100℃. قىروسىز مەزگىلى 102 ～ 229 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 250 ～ 10 مىللىمېتىر. شامال ئېنېرگىيىسى بايلىقى بىر قەدەر مول. سەنتاڭخۇ كۆلى بىلەن نوم كۆلىدە يىلدا بوران چىقىدىغان كۈن سانى ئوتتۇرىچە 100 كۈندىن ئاشىدۇ.

بۇ ۋىلايەت دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 46 مىڭ 400 گېكتار (696 مىڭ مو). ئورمان كۆلىمى 90 مىڭ 100 گېكتار (1 مىليون 351 مىڭ 500 مو)، ئوتلاق كۆلىمى 4 مىليون 193 مىڭ 600 گېكتار (62 مىليون 904 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىش باب كېلىدىغان 266 مىڭ 700 گېكتار (4 مىليون مو) قاقاس يەر بار. ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، پاختا، ئۈزۈم، قوغۇن، چىلان، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، تۆگە، ئىشەكنى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتىدىن كۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ئالتۇن قېزىش، نىئورگانىك تۇز خىمىيە سانائىتى ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى قاتارلىقلار بار. قۇمۇل ۋىلايىتى شىنجاڭنىڭ شەرقىي چوڭ دەرۋازىسى بولۇپ، قاتناش، خەۋەرلىشىش ئىشلىرى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولى، دۆلەت تاشيولىنىڭ 312 - لىنىيىسى تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. شەھەر - يېزا يوللىرى ھەر تەرەپكە تۇتاشقان. ئاسىيا - ياۋروپا نۇر كابىلى تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش تورىغا تۇتاشتۇرۇلغان. بۇ ۋىلايەتكە جايلاشقان پەسىللىك ئېغىز لاۋيېمياۋ ئېغىزى شىنجاڭنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن سودا ئېغىزىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.بۇ ۋىلايەتنىڭ ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن بەلسۇنغۇل جىلغىسىدىكى ئىپتىدائىي قىيا تاش ئويمىلىرى، قارا دۆۋە قەدىمكى قەبرىلىرى، خۇەنسەيگۇ جىلغىسىدىكى خەن سۇلالىسى، خۇيۋاڭ قەبرىسى قاتارلىقلار بار. ئاساسلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن ئاقتاش، سارچوقا قاتارلىقلار بار.




#Article 30: ئارا تۈرۈك ناھىيىسى (551 words)


ئارا تۈرۈك ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قۇمۇل ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. ئارا تۈرۈكنىڭ يەر مايدانى 19،511 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا ، ئۇنىڭ نۇپۇسى 20،000.

خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بۈگۈنكى قۇمۇل ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى خەنزۇچە  (ئاراتۈرۈك) دەپ ئاتايتتى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ  24 - يىلى  (1759 - يىلى) چىڭ ئوردىسى قۇمۇل كاتبېشى يۈسۈپنى ۋاڭ قىلىپ تەيىنلەپ، ھازىرقى ئارتۈرۈك ناھىيىسى تەۋەسىنى ئۇنىڭغا سۇيۇرغاللىق يېرى قېلىپ بەرگەن. مىنگونىڭ  19 - يىلى  (1930 - يىلى) ئارتۈرۈك تەپتىش ئىدارىسى تەسىس قىلىنىپ، ۋاڭ ئوردىسىغا قاراشلىق جايلاردىكى ئاھالىلەرنى باشقۇرغان. مىنگونىڭ  24 - يىلى ( 1935  - يىلى) باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنىپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ فونكىسىيىسىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزگەن. مىنگونىڭ 32  - يىلى (1943  - يىلى) قۇمۇل ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئارتۈرۈك ناھىيىسى قىلىپ قۇرۇلغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ، قۇمۇل ۋالىي مەھكىمىسى، قۇمۇل ۋىلايىتىگە قارىغان.

ئارتۈرۈك ناھىيىسى شەرقىي تەڭرىتاغنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 243 كىلومېتىر). شەرقىي جەنۇب تەرىپى  گەنسۇ ئۆلكىسى بىلەن، جەنۇبىي قۇمۇل شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 215 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 175 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 19 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، ئالتە يېزا، 26 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇمۇل دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ نوم كۆلى دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ ئارتۈرۈك ھەربىي ئات فېرمىسى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 741 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 18 مىڭ 600، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 45.72% نى، خەنزۇلار  48.35% نى، باشقا مىللەتلەر  5.93% نى تەشكىل  قىلىدۇ.      ناھىيىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى: غەربىي تەرىپى ئېگىز، شەرقىي تەرىپى پەس، تاغ يېرى 12.8% نى، ئېدىرلىق  27.3%  نى، تۈزلەڭلىك، چۆل 59.9% نى ئىگىلەيدۇ. مۇزلۇقتىن  63ى، چوڭ - كىچىك دەريادىن  23ى بار. تاغ ئارىسىدا  26 يەردە بۇلاق بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى  72 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۇ بايلىقى  542  مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، ياۋا تۆگە، قۇلن، قاراتايغان بوغا، قوڭۇر ئېيىق، ياۋا چوشقا، ئارقار، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈك ۋە باكتېرىيە بايلىقىدىن چاچ سەي، موگۇ، قارلەيلىسى، چاكاندا، چۈچۈكبۇيا قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىردىن گىلائۇبىر تۇزى، كۆمۇر، تۇز، ئالتۇن، تۆمۈر، گرانت قاتارلىقلار بار.   ئارتۈرۈك ناھىيىسى سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 3.6℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپراتۇرىسى  32.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 31.9℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئاران  1.3 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا  30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  3248.5 سائەت.  10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى  2059.4℃، قىروسىز مەزگىلى  154 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  89.0 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2317.8 مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى  12300 گېكتار (184 مىڭ 500 مو). ئورمان كۆلىمى  48 مىڭ  700 گېكتار (731 مىڭ مو)، ئوتلاق كۆلىمى  558 مىڭ  300 گېكتار ( 8 مىليون  375  مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 22 مىڭ  700 گېكتار (340 مىڭ مو) قاقاس يەر، ئورمان بىنا قىلىشقا باب كېلىدىغان  3300 گېكتار ( 50 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، پاختا، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، تۆگە ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسى، كۆكۆر، ئاشلىق ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   ئارتۈرۈك ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى ھەر تەرەپكە تۇتىشىدۇ.  1000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى.

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن كارساڭ خارابىسى، بار قەدىمكى شەھىرى خارابىسى قاتارلىقلار بار. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن سارچوقا، غول (بەچىر)، توڭگۇز، كۆتەل، قارلىق چوققا قاتارلىقلار بار.




#Article 31: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (2258 words)


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (ياكى شەرقىي تۈركىستان ۋە ياكى ئۇيغۇرىستان) (خەنچە: 新疆维吾尔自治区، ئىنگلىزچە: Xinjiang Uygur Autonomous Region) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى توپراقلىرى ئىچىدە يەر ئالغان، يەرلىك خەلق ۋە بەئزى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن جۇڭگو تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان دەپ قارىلىدىغان تۈرك ئىسلام تۇپراغى بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 31 ئۆلكە دەرىجىلىك مەمورىي رايونى ئىچىدە يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونوم رايوندۇر. 

ئورنىقىسقارتىلما ئىسمى بىلەن  شەرقتە جۇڭگونىڭ  گەنسۇ(كەڭسۇ)، چىڭخەي (كۆكنۇر) ئۆلكىلىرى، شەرقى شىمالدا ۋە شىمالدا موڭغۇلىيە، رۇسيە، غەربىي شىمال ۋە غەربتە قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان،ئاڧغانىستان ۋە پاكىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر ۋە ھىندىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر، جەنۇبتا بولسا جۇڭگو تىبەت قاتارلىق 8 دۆلەت ۋە 3 ئۆلكە بىلەن چىگراداشتۇر. قۇرۇقلۇق چېگرىسى 5600 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، پۈتۈن جۇڭگو قۇرۇقلۇق چېگرىسىنىڭ 4 تىن 1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، قۇرۇقلۇق چېگرا لىنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن، چېگرلىنىدىغان دۆلەت ئەڭ كۆپ بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون.
تاشقى دۇنياغا باغلىنىشىئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جۇڭگو چىگرىسى ئىچىدە شىڭشىڭشيا(ئارايۇلتۇز) ۋە باشقا تەبئىي ئېغىزلار بىلەن كىرىش-چىقىش قىلىدۇ. چەتئەلگە ئېچىۋىتىلگەن چىگرا ئېغىزلىرى: تاي كەچكەن ئېغىزى،ئالاتاۋ ئېغىزى، قورغاس ئېغىزى، باقتۇ ئېغىزى، جىمنەي ئېغىزى، تاقىشقان ئېغىزى، قونجىراب ئېغىزى، قاراسۇ ئېغىزى، تۇرغاۋۇت ئېغىزى، ئەركەشتام ئېغىزى قاتارلىقلار.

تەبىئەتئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى دېڭىز - ئوكيانلاردىن يىراق، تۆرت ئەترافىنى ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. تەۋەسىدە قاتمۇقات مۇزلۇق چوققىلار، كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقلار، بىپايان يايلاقلار، يۇلتۇزدەك تارقالغان بوستانلىقلار بار. ئۈچ تاغ ئىككى ئويمانلىقنى ئوراپ تۇرىدۇ. شىمالدا ئالتاي تېغى، جەنۇبتا قاراقۇرۇم تېغى بار. تەڭرىتاغ تىزمىلىرى تەرىپىدىن جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭ دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. تەڭرىتاغنىڭ شەرقى، قۇمۇل، تۇرپان بۆلىكى شەرقىي شىنجاڭ دېيىلىدۇ.   
تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالدا جوڭغارىيە ئويمانلىقى ۋە جەنۇبىدا تارىم ئويمانلىقى باردۇر. دۇنيانىڭ ئىككىنچى بۈيۈك چۆلى تەكلىماكان قۇملۇقى تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدا يەر ئالماقتادۇر. تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆلىمى 530 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئويمانلىق ھېسابلىنىدۇ. تارىم ئويمانلىقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 330 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ، دۇنيادىكى 2 - چوڭ كۆچمە قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. تارىم ئويمانلىقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تارىم دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2100 كىلومېتىر بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريا ھېسابلىنىدۇ. شىمالدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 380 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، جۇڭگودىكى 2 - چوڭ ئويمانلىق ھېسابلىنىدۇ. 
جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 48 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئۇ جۇڭگودىكى 2 - چوڭ قۇملۇق.
شىنجاڭدا كۆل جىق، سۇ دائىرىسى كۆلىمى 5 مىڭ 505 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە باغراش كۆلىنىڭ دائىرىسى 980 كۋادرات كىلومېتىر ، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى.
ئاپتونوم رايوندىكى شۇنداقلا جۇڭگودىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن نۇقتا تۇرپان ئويمانلىقىدۇر (155- مېتر) تۇرپان ئويمانلىقى دۇنيادا ئۆلۈك دېڭىزدىن قالسا 2. ئەڭ تۆۋەن نۇقتا بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئەڭ ئېگىز نۇقتا بولسا دېڭىز يۈزىدىن 8611 مېتىر ئېگىز بولغان پامىر چوققىسى ئېرۇر.

ئۇيغۇر ئېلىدە قېزىلما بايلىقىنىڭ تۈرى تولۇق، زاپىسى مول، ئېچىش ئىستىقبالى كەڭ. كۈنىمىزدە بايقالغان قېزىلما بايلىق 138 خىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 99 خىلىنىڭ زاپىسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان. 10 خىلىنىڭ زاپىسى جۇڭگودا بويىچە 1- ئورۇندا تۇرىدۇ، 58 خىلىنىڭ زاپىسى ئالدىنقى 10 - ئورۇندا تۇرىدۇ. نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، ئالتۇن، خروم، نېكىل، ئاز ئۇچرايدىغان مېتال، تۇز تۈرىدىكى قېزىلما، بىناكارلىق ماتېرىيالىقىلىنىدىغان مېتاللوئىد قاتارلىقلارنىڭ زاپىسى ئىنتايىن مول. جۇڭگودا 2 - قېتىملىق نېفىت- گاز بايلىقىنى باھالاشتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭي نېفىت بايلىقى 20 مىليارد 920 مىليون توننا بولۇپ، جۇڭگو قۇرۇقلۇق نېفىت بايلىقىنىڭ %30 نى ئىگىلىگەن؛ تەبىئىي گاز بايلىقى 10 ترىليون 400 مىلياردكۇب مېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە قۇرۇقلۇق تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ %34ىنى ئىگىلىدى. 
رايوننىڭ مۆلچەرىي كۆمۈر بايلىقى 2 ترىليون 190 مىليارد توننا بولۇپ، جۇڭگو كۆمۈر زاپىسىنىڭ %40 نى ئىگىلەيدۇ.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەبىئىي ساياھەت بايلىقى ۋە ئېتنوگراڧىيىلىك ساياھەت بايلىقى مول، تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل ھەم ئۆزگىچە، ھەيۋەتلىك مۇز چوققىلار، كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقلار، گۈزەل ئوت يۇرتى، قۇملۇقلارنى چۆرىدەپ تۇرىدىغان بوستانلىقلار بار. كۆپ مەدەنىيەت مۇجەسسەملەنگەن، مىللىي ئۆرپ - ئادىتى قويۇق، داڭلىق قەدىمىي يادىكارلىقلار كۆپ، ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى زور. «جۇڭگونىڭ ساياھەت بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئۆلچىمى» بويىچە تۈرگە ئايرىغاندا، جۇڭگودىكى ساياھەت بايلىقىنىڭ 6 چوڭ تۈر بويىچە 68 خىل ئاساسىي تۈرنىڭ ئاز دېگەندە 56 سى رايوندا بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ٪80 نى ئىگىلەيدۇ.

رايوننىڭ ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ ۋە ئۆزگىچە، تەرەققىيات يۇشۇرۇن كۈچى زور. شىنجاڭدىكى ياۋايى ھايۋانات ۋەئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى 4000 دىن ئاشىدۇ. قار لەيلىسى، سوغىگۈل، چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، لوپنۇر كەندىرى، توشقان زەدىكى قاتارلىقلار كەڭ تارقالغان، سۈپىتى ياخشى، سورتى ۋە تەبىئىيتى ئۆزگىچە. رايوننىڭ يەنە كېلىپ كۆپ خىل مېۋىلەرنىڭ ئاساسلىق يېتىشتۈرۈش مەركىزى ۋەيا ئىككىلەمچى مەركىزىدۇر. مېۋە بايلىقى مول بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سۈپەتلىك سورتى 300 خىلدىن ئاشىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ «مېۋە - چىۋە ماكانى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. 
ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۈرى 700 گە يېقىن بولۇپ، پۈتۈن جۇڭگودىكى ياۋايى ھايۋانلار تۈرىنىڭ %11 نى ئىگىلەيدۇ. رايوندا دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 116 خىلى بار بولۇپ جۇڭگو بويىچە قوغدىلىدىغان ھايۋاننىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىرقىسمىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 28 خىلى، 2 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 88 خىلى بار، ئۇلار موڭغۇلىيىنىڭ ياۋا ئېتى، تىبەت قۇلىنى، تىبەت بۆكىنى، يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، ئاق يەلكىلك بۈركۈت، قارا بويۇن تۇرنا قاتارلىق خەلقئارادا ئاز قالغان ياۋايى ھايۋانلاردۇر.
رايوننىڭ كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى تىپىك مۆتىدىل كىلىماتقا تەۋە ،2007 - يىلى ئوتتۇرىچە تېمپۇراتورىسى 10.9سېلتسيە گرادوس، يىللىق ئوتتۇرىچە تەبىئىي ھۆل يېغىن مىقدارى 165.6 مىللىمېتىر بولغان. تاغلاردىن ئېرىگەن قار سۇلىرى نۇرغۇن دەريالارنى ھاسىل قىلغان، بوستانلىقلار ئويمانلىقلارنىڭ چېتىگە ۋە دەريا ۋادىلىرىغا جايلاشقان، بوستانلىق ئومۇمىي كۆلىمى ئاپتونوم رايون كۆلىمىنىڭ %5 ىنى ئىگىلەيدۇ، تىپىك بوستانلىق ئىكىلوگىيىسى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. 
شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقى نىسبەتەن ئاز بولۇپ، جۇڭگو بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا سۇ بايلىقىنىڭ %3 ىنى ئىگىلەيدۇ، چوڭ - كىچىك دەريا جەمىئي 570 تىن ئاشىدۇ، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 90 مىليارد 380 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، مەۋجۇت نۇڧۇسقا قارىتا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر ئۈستى سۈيى پۈتۈن جۇڭگو ئوتتۇرىچە قىممىتىنىڭ 2.2 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. يەر ئاستى سۈيىنىڭ مىقدارى 55 مىليارد 410 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ، مۇزلۇق زاپىسى 2 ترىللىئون 130 مىليارد بولۇپ، جۇڭگو مۇزلۇق زاپىسىنىڭ %50 ىنى ئىگىلەپ، «مۇزلۇق ئامبىرى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. 
ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بۇ رايوننىڭ ھاۋاسى قۇرغاق، سۇ بايلىقى ڧەسىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ۋاقىت-بوشلۇقتا تارقىلىشى تەكشى ئەمەس، يەر ئۈستى سۈيىنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى كۆپ، شۇڭا بەئزى جايلاردا سۇ بايلىقى يېتىشمەيدۇ. 
يېزا ئىگىلىك يەر كۆلىمى 63 مىليون 81 مىڭ گېكتار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر 4 مىليون 114 مىڭ 200 گېكتار بولۇپ، كىشى بېشىغا 2.95 مودىن توغرا كېلىدۇ، بۇ جۇڭگو بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ 2.1 ھەسسىسىگە تەڭ. ئورمان كۆلىمى 6 مىليون 765 مىڭ گېكتار، يايلاق كۆلىمى 51 مىليون 120 مىڭ گېكتار بولۇپ، پۈتۈن جۇڭگو يايلاق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ٪20 نى ئىگىلەيدۇ، جۇڭگودىكى 5 چوڭ چارۋىچىلىق رايونىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىچكى مولغۇلدىن قالسىلا، 2 -ئورۇندا تۇرىدۇ.
رايوننىڭ قۇياش نۇرى، يەر ئىسسىقلىق ۋە شامال ئېنېرگىيىسى بايلىقى مول، يىللىق ئاپتاپ چۈشۈش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2600 سائەتتىن 3500 سائەتكىچە بولۇپ، جۇڭگو بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جۇڭگو مەنبئەلىرىدە قەدىمدە غەربىي دىيار (خەنزۇچە:Xīyù\西域) دەپ ئاتالغان. بۇگۈن جۇڭگو تارىخچىلىرى غەربىي يۇرت قەدىمدىن تارتىپ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە بولۇپ، بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە شۇلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا:
... مىلادىدىن ئىلگىرىكى 138 - يىلى، خەن ۋۇدى جاڭچيەننى غەربىي دىيارغا ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن، بۇنىڭ بىلەن، غەربىي خەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتى بىلەن غەربىي دىياردىكى ئەللەر ئالاقە ئورناتقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 60 - يىلى غەربىي خەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتى ئۇرلى (ھازىرقى بۈگۈر چېگرىسى)دا غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى تەسىس قىلغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن غەربىي دىيار خەن سۇلالىسىنىڭ تېررىتورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەن.... 
مىلادى 744- يىلى كۆكتۈركلەردىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۆتۈكەن ۋادىسىدە قارابالغاسۇننى مەركەز قىلغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى. ئۇيغۇرلار بۇ تارىختىن ئىتىبارەن بىر سىياسىي گەۋدە ۋە بىر ئېتنىك توپلۇلۇق بولۇپ شەكىللىنىشكە ۋە ئارقىدىنلا كۆچمەن تۈرك قەۋىملەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئولتۇراق شەھەر ھاياتىغا ئۆتۈشكە باشلىدى. 840 يىللىرى ئەتراپىدا ئارقا-ئارقىدىن ياشانغان ئۈچ يىللىق تەبئىي ئاپەت ۋە ئىچكى نىزادىن توغۇلغان خىيانەت ۋە ساتقۇنلۇق يۈزىدىن بۇ دۆلەت يىقىلدى. ئەينى چاغدا بۇگۈنكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدە ئىچىدە ئىدى. قىرغىزلار تەرىپىدىن يېڭىلگەن ئۇيغۇرلار موڭغۇل بوزقىرىدا پۇت تىرەپ تۇرالماي خان جەمەتى تېكىنلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە غەربكە كۆچتى. 

ئىسلامىيەتتىن كېيىن
مىلادى 950- يىللاردا قاراخانىيلار سۇلتانى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىسلامىيەتنى قەبۇل قىلدى ۋە كېيىنچە ئىسلام دىنى دەۋلەت دىنى ئېلان قىلىندى. كاشغەر ۋە ئەتراڧ شەھەرلەرگە غازات ئاچتى.

چىڭگىزخان ۋاپات بولۇشدىن ئالدىن تەسەررۇڧىدىكى توپراقلارنى ئوغۇللىرىغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەندە، بۇگۈنكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ماۋەرائۇننەھر ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي خانغا قالدۇرغان. بۇ توپراقلاردا ياشاغۇچە خەلقىلەر چاغاتاي ئۇلۇسى دەپ ئاتالغان. بۇ توپراقلاردا قوللىنىلغان تىلمۇ تاكى 19- ئەرنىڭ ئاخىرلىرىغچە چاغاتايچە دەپ ئاتالغان.

چاغاتاي ئەۋلادلىرى كېيىنچە ئىسلام بىلەن شەرەڧلەنگەندىن كېيىن ھاكىمىيەتتىكى تېگى موڭغۇل مۇسۇلمان سۇلتانلار موغولىستاننىڭ ئىشلاملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 15- ئەسرنىڭ باشلىرىدا پۈتكۈل ھۇدۇدنىڭ ئىسلاملىشىشى تاماملانغان.

يېقىنقى زامان - جۇڭگونىڭ رايونغا مۇداخىل بولىشى
چىڭ ھۆكۈمىتى چيەن لوڭنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە غەربىي يۇرت دېگەن نامنى شىنجاڭ دەپ ئۆزگەرتكەن. گۈاڭشۈخان زامانىسىدا، 1884 - يىلى 11- ئايغا كەلگەندە چىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۆلكىسىنى تەسىس قىلغان، ئۆلكە مەركىزى دىخۇا (بۇگۈنكى ئۈرۈمچى) بولغان. 

ئۆلكە دەۋرى

قىزىل ئارمىيەنىڭ مۇداخىل بولىشى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلىشى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىر 5 ئاپتونوم ئوبلاست، 5 ۋىلايەت، 4 ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر؛32 چېگرا ناھىيە (شەھەر)، 6 مىللىي ئاپتونومىيە ناھىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان87 ناھىيە (شەھەر)؛43 مىللىي يېزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1005 يېزا - بازار بار. «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش دېۋىزيىسى» تەركىبىدە 14 دېۋىزىيە، 175 دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق تۈەن - مەيدان بار. 

ئۆتمۈشتە بۇ رايون دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان ناتورال ئىگىلىك بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى ئەنئەنىۋىي، سانائىتى نىسبەتەن كېيىن باشلىغان.
شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرالغۇ ئىشلىتىش كۆلىمى 1980 - يىلىدىكى 5.42 كۋادرات مېتىردىن 2007 - يىلىدىكى 20.38 كۋادرات مېتىرغا، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرالغۇ كۆلىمى 1980 - يىلىدىكى 7.8 كۋادرات مېتىردىن 2007 - يىلىدىكى22.45 كۋادرات مېتىرغا يەتتى. 

ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 8 مىليون 670 مىڭ 400 توننىغا يېتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا «شىنجاڭ تەۋەسىدە تەڭپۇڭ بولۇش، ئازراق ئېشىنچا بولۇش» تەك ئىستراتېگىيىلىك نىشانغا يەتتى. 
پاختامەھسۇلاتى 2 مىليون 900 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %8.4 ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ %38.2 ىنى ئىگىلىدى.زامانىۋى چارۋىچىلىق ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %21.8 كە يەتتى. 

 
ئىنېرگىيە ساھەسى

 
كەسبلەرگە قارىتا نىسبەت

ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك ئومۇمىي كۆلىمى 13 مىليون مودىن ئارتۇق. باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتى 4 مىليون 119 مىڭ 800 توننىغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبتا تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدا 10 مىليون مو باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى شەكىللەندى. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلدى، 
رايوندا دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىدىن 16 سى، 
ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كارخانىدىن 186 سى، 
ۋىلايەت، ئوبلاست دەرىجىلىك كارخانىدىن 245ى بار، كەسىپكارلار 348 مىڭ كىشى.

يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تىجارىتى شىنجاڭدىكى %60تىن ئارتۇق دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، قۇلماق، پەمىدۇر، زاراڭزا، ئالقات، قوغۇن، ئۈزۈم، نەشپۈت، ئالما، ئۈرۈك، ئانار، ياڭاق، چىلان قاتارلىق ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا داڭقى بار، بۇنىڭ ئىچىدە شوخلا قىيامىنىڭ ئېكىسپورت مىقدارى خەلقئارا سودا مىقدارىنىڭ4/1ىنى، قۇلماق مەھسۇلاتى مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %70 تىن كۆپرەكىنى، ئالقات %50 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئاساسلىق تاۋار پاختا، قۇلماق ۋە پەمىدۇر قىيامى ئىشلەش بازىسى، مەملىكەت بويىچە مۇھىم چارۋىچىلىق ۋە قىزىلچا شېكىرى ئىشلەش بازىسى بولۇپ قالدى. 
يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى تېز بولدى. قىزىلما بايلىق ئېچىش ۋە يېزا ئىگىلىك، قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش يېتەكچى كۈچ قىلىنغان، نېفىت - تەبئىي گاز ئېچىش، نېفىت خىمىيە سانائىتى، پولات - تۆمۈر، كۆمۈر، ئېلېكترئېنىرگىيىسى، توقۇمىچىلىق، بىناكارلىق ماتېرىيالى، خىمىيە سانائىتى،تىببىي دورىگەرلىك، يېنىك سانائەت، يېمەكلىك قاتارلىق تۈرلىرى نىسبەتەنتولۇق، مۇئەييەن كۆلەمگە ئىگە زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى بارلىققا كەلدى.
جۇڭغار ئويمانلىقى، تارىم ئويمانلىقى ۋە تۇرپان - قۇمۇل ئويمانلىقىدىكى ئۈچ چوڭ نېفىتلىك ھەمدە قاراماي، مايتاغ، ئۈرۈمچى، كورلا، پوسكام قاتارلىق نېفىت خىمىيە بازىسى قۇرۇلدى. باۋگاڭ، شېنخۇا، جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى، دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى 20 نەچچە داڭلىق چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھ شىنجاڭدىكى كارخانىلارنى قايتا تەشكىللەش ۋە بايلىق ئېچىشقا ئاكتىپ قاتناشتى، بىر تۈركۈم قۇرۇلۇشلار جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ. 

رايوننىڭ تۆمۈر يول تىجارەت مۇساپىسى 2925 كىلومېتىرغايېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ئىقتىسادرايونلىرىغا تۆمۈر يول تۇتاشتۇرۇلدى. 
تاشيول قاتناش مۇساپىسى 145 مىڭ 200 كىلومېتىرغا يېتىپ، ئۈرۈمچىنى مەركەز، 7 دۆلەت يولىنى ئاساسىي رامكا قىلغان، شەرقتە گەنسۇ، چىڭخەيگە، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ئەللىرىگە، جەنۇبتا شىزاڭغا تۇتاشقان، ئاپتونوم رايون ئىچىدە 68 ئۆلكە يولىغا ۋە ۋىلايەت - شەھەرلەرگە، ناھىيە - يېزىلارغا تۇتاشقان تاشيول قاتنىشى ترانسپورت تورى بار. 
پۇقرالار ئايروپورتتىدىن 12 سى، ھاۋارايى چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان زاپاسئايروپورتتىن 1ى، ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىدىن 153 ى بولۇپ، جۇڭگودىكى 52 چوڭ، ئوتتۇراھال شەھەر ۋە چەت ئەلدىكى 43 شەھەرگە تۇتاشقان ھاۋا ترانسپورت تورى بارلىققا كەلدى، ئاۋىئاتسىيە مۇساپىسى 160 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى، مەملىكەت بويىچە ئايروپورت ئەڭ كۆپ، ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن ئۆلكىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. 
نېفىت - گاز تۇرۇبا يولى ئومۇمىي مۇساپىسى 6793 كېلومتېرغا يېتىپ، «غەرپنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» تۇرۇبىسى، ئۈرۈمچى – لەنجۇ تاييار ماي تۇرۇبىسى، پىچان – لەنجۇ خام نېفىت تۇرۇبىسى،جۇڭگو – قازاقىستان خام نېفىت تۇرۇبىسى دۆلەتنىڭ قۇرۇقلۇق ئېنېرگىيەبىخەتەرلىك چوڭ يولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. 

كۆچمە تېلېفون ئابونتى 8مىليون 83 مىڭغا يېتىپ، ئومۇملىشىش نىسبىتى ھەر يۈز ئادەمگە 39.4دىن توغراكەلدى؛ 
ئالاقە تورى ئابۇنتلىرى 1 مىليون 578 مىڭغا يېتىپ، ئوپتىك كابېلنى ئاساس قىلغان، رەقەملىك مېكرو دولقۇن ۋە سۈنئىي ھەمراھ خەۋەرلىشىشىنى ياردەمچى قىلغان زامانىۋى يەتكۈزۈش تورى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئېتىكىنى قاپلىدى. ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ،ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارى داۋاملىق ئۆستى. ئېكولوگىيىلىكمۇھىتنى قوغداش ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتەچىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت تىرىشىپ ياخشىلاندى، تەبىئىي ئورماننىقوغداش، تۈزلەڭلىكنى كۆكەرتىش، چۆل يېپىنچىسىنى قوغداش ۋە تارىمئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى قۇملىشىشنى تۈزەش، «3 شىمالى» ئېھاتە ئورمىنىنى قوغداش 4 - قەرەللىك قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىقئېكولوگىيىلىك قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ۋەئولتۇراقلىشش مۇھىتى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىلتەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم ئاساس سېلىندى. 2007 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا تۈرلۈك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن جەمئىي 28ىقۇرۇلۇپ، مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 214 مىڭ 800 كۋادراتكىلومېتىرغا يەتتى، بۇ شىنجاڭنىڭ يەر كۆلىمىنىڭ ٪12.9نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن 9ى بار؛ 
تەستىقلانغاندۆلەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيىلىك ئۈلگە رايوندىن 8ى بار، ئومۇمىي كۆلىمى 127مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەر كۆلىمىنىڭ ٪6.7نىئىگىلەيدۇ؛ 
دۆلەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيىلىك ئىقتىدار مۇھاپىزەت رايونىدىن2سى بار، كۆلىمى 180 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەر

ئاساسلىق رەھبەرلەرج ك پ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خىزمەت گرۇپپىسىنىڭ مەسئولىج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ سېكرىتارى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبىسى 1. سېكرىتارى

 ج ك پ ش ئۇ ئا ر پارتىكوم 1. سېكرىتارى

ج ك پ ش ئۇ ئا ر ئىنقىلابكوم يادرو گرۇپ گرۇپ باشلىقى

ج ك پ ش ئۇ ئا ر پارتىكومنىڭ سېكرىتارى

مەمۇرىي رايوننىڭ رەئىسىشىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكىمىتىنىڭ رەئىسى

ئانا تېما: شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى

رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپچىلىكى رايوننىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇندىلا تىل - يېزىق، مىللىي ۋە دىنى  ئۆرڧ - ئادەت ئەركىنلىكىگە ئىگە بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. رايوننى جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى سۈپىتىدە كۆرمەيدۇ، بىلئەكىس، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل، ئۆز ئۆزىنى باشقۇرالايدىغان ھۆر بىر دۆلەت بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. 

بۇ بارەدە 1933- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى قەشقەر مەركەزلىك شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. ئەڧسۇسكى قىسقا ئۆمۈرلۈك بولۇپ قالغان بۇ جۇمھۇرىيەتتىن كېيىن. 1944- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى قايتا بىر قېتىم   غۇلجا مەركەزلىك شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقتى. 




#Article 32: باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى (698 words)


باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قۇمۇل ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. باركۆلنىڭ يەر مايدانى 36،947 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا ، ئۇنىڭ نۇپۇسى 100،000.

بارىكۆل قەدىمدە بارىكۆل دۆلىتى دەپ ئاتالغان. غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ شېن جۆ  3  - يىلى (مىلادىن ئىلگىرىكى 59 - يىلى) غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. كېيىن ھونلارنىڭ چارۋا باقىدىن  يېرى بولغان. شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. كېيىن ھونلارغا تەۋە بولغان. شىمالىي سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە جورجانلارغا ۋە قاڭقىللارغا قارىغان.   تاڭ سۇلالىسىنىڭ جېنگۇەن  14 - يىلى ( 640 - يىلى) بارىكۆل ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئېۋىرغول ئايمىقىغا قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بېشىبالىق تەۋەسىدە بولغان ۋە بارىكۆل دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيراتلارنىڭ خوشۇت قەبىلىسى قولىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى  36 - يىلى (1697 - يىلى) ئوردىغا بەيئەت قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ  25  - يىلى (1760 - يىلى) بارىكۆل بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ  38 - يىلى ( 1773 - يىلى) جېنشى مەھكمىسى تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ شيەنفېڭ  5  - يىلى (1855 - يىلى) مەھكىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، جېنشى بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. مىنگونىڭ  2 - يىلى ( 1913 - يىلى) نازارەت بىكار قىلىنىپ، جېنشى ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. مىنگونىڭ  23 - يىلى ( 1934 - يىلى) قۇمۇل مەمۇرىي رايونىغا قارىغان.  1954 - يىلى بارىكۆل ناھىيىسى دېگەن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى قىلىپ قۇرۇلغان. ھازىر قۇمۇل ۋىلايىتىگە قارايدۇ.

بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ شەرقىي بۆلىكىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرقتىن ئاراتۈرۈك ناھىيىسى بىلەن، غەربتىن مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبتا قۇمۇل شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 305 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى  276.4 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى  180.6 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى  38 مىڭ  400 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ناھىيىگە ئىككى بازار،  10 يېزا،  47 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇمۇ دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىككى دېھقانچىلىق (چارۋىچىلىق) مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  709 كىلومېتىر. 1995 يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  100 مىڭ  800، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 28.43% نى، خەنزۇلار  69.78% نى، باشقا مىللەتلەر  1.79% نى تەشكىل قىلىدۇ.    يەر تۈزۈلۈشى: شەرقىي جەنۇبىي ئېگىز، غەربىي شىمالى پەس، يەر تۈزۈلۈشىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۈچ تاغ ( بارىكۆل تېغى، موچىنئۇرا تېغى، شەرقىي جۇڭغار تېغى بۆلىكى) ئوتتۇرىسىغا ئىككى ئويمانلىق (بارىكۆل ئويمانلىقى، سەنتاڭخۇ ئويمانلىقى) جايلاشقان. تاغ يېرى 38.9% نى، تۈزلەڭلىك  11.8%  نى، چۆللۈك  49.3%  نى ئىگىلەيدۇ. چوڭ - كىچىك دەرياسىدىن 46  سى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 271  مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان سۇ بايلىقى مىقدارى 233 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، قارا تايغان بۇغا، ئارقار، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك ۋە زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى 500 خىلدىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە قارلەيلىسى، موگۇ ۋە گۈلبۇغۇنلار يايلاقتىكى  دەپ ئاتىلىدۇ. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن نېفىت، كۆمۈر، ئاليۇمىن، كۆمۈر، تىتان، ئالتۇن، مىس، گىلابۇئېر تۇزى، تۇز قاتارلىقلار بار.   بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ  2  - دەرىجىلىك قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 1.0℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  33.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 43.6℃. يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن  3.1 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا  30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  3213.1 سائەت،  10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى  1735.0℃، قىروسىز مەزگىلى  102 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  203.0 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  1621.0 مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ.  دېگەن نامى بار. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 28 مىڭ 600 گېكتار (429 مىڭ مو)، ئورمان كۆلىمى 325 مىڭ 300 گېكتار (4 مىليون 880 مىڭ مو)، ئوتلاق كۆلىمى 1 مىليون 439 مىڭ 300 گېكتار (21 مىليون 590 مىڭ مو)، چارۋىچىلىقتا يايلاقتا چارۋا بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، تۆگە قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، يالىڭاچ ئارپا، ئارپا، نوقۇت، قىچا، ياڭيۇ قاتارلىقلار بار. سانائەتتە كۆن - خۇرۇم ۋە ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاساس قىلىدۇ.   بارىكۆل قازا ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. ئۆلكە تاشيولى 203 - لىنىيىسى مۇھىم قاتناش غول لىنىيىسى ھېسابلىنىدۇ. 2000 پروگراممىلىق تېلېفون ۋە قۇمۇل - بارىكۆل 2 - دەرىجىلىك نۇر كابىل غول لىنىيىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى. بۇ ناھىيىگە جايلاشقان پەسىل خاراكتېرلىك ئېغىز - لاۋ يېمياۋ ئېغىزى شىنجاڭنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن سودا قىلىشىدىكى مۇھىم ئېغىزىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.  

بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت رېنشاڭ ئابىدىسى، پېي سېنىڭ ئابىدىسى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت داخې قەدىمكى شەھىرى قاتارلىقلار بار. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن تەڭرىتاغ قارىغايلىق قارلىقى، خىيالىي مەنزىرىلەر، قاراڭغۇ جىلغىدا باھار، دەريا - ئېقىنلار ھاسىل بولغان مەنزىرە، قۇملۇقتىكى بارگاھ قاتارلىقلار بار




#Article 33: خوتەن شەھىرى (442 words)


خوتەن شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھىر بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن خوتەن ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. خوتەن تارىختا ئۇدۇن ۋە ئىلچى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن، ھازىرقى خوتەن شەھىرى قەدىمدىن تارتىپ بۇ رايوننىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن.

خوتەن شەھىرى يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن قاراقاش دەرياسىدىن ھاسىل بولغان تىنما تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، شەھەر مەركىزىدىن يۇرۇڭقاش دەرياسىغىچە بولغان ئارىلىق نەچچە كىلومىتېرلا كىلىدۇ.  شەرقى تەرىپى لوپ ناھىيىسى بىلەن يۇرۇڭقاش دەرياسى ئارقىلىقلا ئايرىلىپ تۇرىدۇ، غەربى تەرىپى خوتەن ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ، قاراقاش ناھىيە بازىرى خوتەن شەھىرىنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقى 20كىلومىتېر كېلىدۇ. شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان تاشيول مۇساپىسى  1500 كىلومېتىر، قەشقەر شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 500كىلومىتېر ئەتراپىدا كېلىدۇ.

خوتەن شەھىرى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇن دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋەيسا تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە نامى خوتەن  دەپ ئاتالغان. مىنگو 2 - يىلى خوتەن ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان. 1959 - يىلىغا كەلگەندە خەنزۇچىدىكى  خېتىگە ئۆزگەرتىلگەن. 1984 - يىلى خوتەن ناھىيىسىنىڭ بىر قىسمى ئايرىلىپ چىقىلىپ خوتەن شەھىرى تەسىس قىلىنغان ھەم خوتەن ۋىلايىتىگە قارىغان

خوتەن شەھىرى يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن قاراقاش دەرياسىدىن ھاسىل بولغان تىنما تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان. شىمالىي تەرىپى لوپ ناھىيىسى بىلەن دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، غەربىي تەرىپى خوتەن ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 27 كىلومېتىر، شەرقىتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 11.5 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى  189 كۋادرات كىلومېتىر.

خوتەن شەھىرى قارمىقىدا جەمئى 2 بازارلىق 6 يېزا، 4 مەھەللە ئىش بېجىرىش باشقارمىسى، 28 ئاھالە كومىتېتى، 58 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.
ئىككى بازارلىق بولسا:

ئالتە يېزا بولسا:

تۆت دانە مەھەللە ئىش بېجىرىش باشقارمىسى بولسا نارباغ كوچا باشقارمىسى، گۈلباغ كوچا باشقارمىسى، نۇرباغ كوچا باشقارمىسى، ئۇجانباغ كوچا باشقارمىسى.

ئۇزۇندىن بېرى خوتەن شەھىرىنىڭ ئىقتىسادى مۇقىم تۈردە تېز تەرەققى قىلىپ كەلدى. خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ، كىشى-بېشىغا كەلگەن ئوتتۇرىچە كىرىم ئۈزلۈكسىز مۇقىم ئاشتى. 2010-يىلى پۈتۈن شەھەرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى 2مىليارد500مىليون بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14ئاشقان. يەرلىك مالىيە كىرىمى 250مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41ئاشقان، كىشى-بېشىغا كەلگەن ئوتتۇرىچە كىرىم 3800يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14ئاشقان.

خوتەن شەھىرىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى380مىڭ(2010-يىلىدىكى 6-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسى) بولۇپ، ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق قاتارلىق 13مىللەت ياشايدۇ.

بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خوتەننىڭ ساياھەتچىلىكى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ماس قەدەمدە تېز ھەم مۇقىم تەرەققى قىلدى. خوتەن ئۆزىنىڭ  دېگەن شۇئارى بىلەن ساياھەتچى دوستلارنىڭ خوتەندىكى ساياھەت قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا. ئۇندىن باشقا خوتەن شەھىرىدە خوتەن چۇقۇ بازار چوڭ مەسچىتى، ئات بازىرى رايونى،  كوئىنلۇن باغچىسى، قاشتېشى مەدەنىيەت سېبىلى، قىزىل يۇلتۇز سودا شەھەرچىسىدىكى قۇملۇق كۆزىتىش مۇنارى قاتارلىق ساياھەت نۇقتىلىرى بار بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.

خوتەن شەھىرىدە نۇرغۇنلىغان ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىۋاتقان مەكتەپلەر بار، بۇلارنىڭ ئىچىدا كىشىلەر تەرىپىدىن دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان ئىككى مەكتەپ بار بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومى ۋە خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى. ئۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان كەسپىي مەكتەپلەر بار بولۇپ، ئۇلار خوتەننىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك تۆھپىلىرىنى قوشماقتا.




#Article 34: خوتەن ناھىيىسى (688 words)


خوتەن ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن خوتەن ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. خوتەن ناھىيەسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا، قارا قۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى خوتەن شەھىرى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى دەريا ئارقىلىق قاراقاش ناھىيىسى، گۇما ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شەرقىي جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايون بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي جەنۇب تەرىپى كەشمىر(ھىندسىتاننىڭ ئەمەلىي كونتروللىقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ، (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 150 كىلومېتىر) ، ئومۇمىي يەر مەيدانى 42 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېېتىر.

خوتەن ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇن دۆلتىنىڭ غەربىي شەھىرى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋەيسا تۇتۇق مەھكىمىسىگە تەۋە بولۇپ، ئەنشى باش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۇنىڭ  9 - يىلى ( 1883 - يىلى) خوتەن بىۋاسىتە قاراشلىق ئايمىقى تەسىس قىلىنىپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگو  2  - يىلى (1913 - يىلى) خوتەن ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خوتەن مەمۇرىي رايونى ۋە خوتەن ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان.  1959 - يىلى نامى خوتەن ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ھازىر خوتەن ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇۋاتىدۇ.

خوتەن ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا، قارا قۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى خوتەن شەھىرى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى دەريا ئارقىلىق قاراقاش ناھىيىسى، گۇما ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شەرقىي جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايون بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي جەنۇب تەرىپى كەشمىر (ھىندسىتاننىڭ ئەمەلىي كونتروللىقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ، (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 150 كىلومېتىر)، ئومۇمىي يەر مەيدانى  42  مىڭ 700 كۋادرات كىلومېېتىر. قارمىقىدا بىر بازار،  11 يېزا،  214 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. بۇيەردە يەنە ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىغا بىۋاسىتە قاراشلىق كارخانا - بۇيا كۆمۈر كېنى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  1520 كىلومېتىر. 1995-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 231  مىڭ 600 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  99.42% نى، خەنزۇلار  0.46% نى، باشقا مىللەتلەر  0.21% نى تەشكىل قىلىدۇ. 

جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس، جەنۇبىدا ئېگىز تاغلار سوزۇلۇپ ياتىدۇ. ئوتتۇرا قىسمى بەلۋاغسىمان تىنما تۈزلەڭلىك بولۇپ، تاغلىق رايونى  95% نى، تۈزلەڭلىك  0.14% نى، قۇملۇق  4.86% نى ئىگىلەيدۇ. قارقاش دەرياسى بىلەن يورۇڭقاش دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى  679 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى 907 مىليون كۇب مېتىر (خوتەن شەھىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئۇلار، قاپلان قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، ئالقات، يەر مەدىكى (بۆرى سامساق)، توشقان زەدىكى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئالتۇن، قاشتېشى، كۆمۈر، سىڭىرتاش، ھاك تېشى، بېرىللېي، لىتىي، نئوبىي، تانتال قاتارلىقلار بار.

خوتەن ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 12.2℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  40.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 21.6℃، كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2610.6 سائەت.  10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى  4360.9℃. قىروسىز مەزگىلى  224 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  33.4 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2602.0 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە قاتتىق قۇم ئۇچۇش - بوران چىقىش ۋاقتى  32.9 كۈن. ناھىيىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى بىرقەدەر ياخشى. ھازىر  20  مىڭ 600  گېكتار (309 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر،  21 مىڭ  300 گېكتار  (320 مىڭ مو) ئورمانلىق، ئىككى مىليون  302 مىڭ گېكتار ( 11 مىليون  510 مىڭ مو) يايلاق، يەنە 96 مىڭ 700 گېكتار (بىر مىليون 450 مىڭ مو) دېھقانچىلىققىمۇ، ئورمانچىلىققىمۇ باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، شال، كۆممىقوناق، كېۋەز، مېۋە - چېۋە  كۆكتات قاتارلىقلار بار.

خوتنەن ناھىيىسىدە ئىككى بازارلىق، ئون دانە يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

چارۋىچىلىقى يايلاق چارۋىچىلىقى ئاساس ئورۇندا تۇرىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. پىلىچىلىكىمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، يىپەك تارتىش، سېمونت، پاختا پروكاتلاش، گىلەمچىلىك، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە ، ،  يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلات. خوتەن ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ  315 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزىلارنى قورشاپ تۇرغان ئاسفالت يوللارنىڭ ئۇزۇنلۇقى  1000 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ناھىيە بازىرىدىن ئايرودرومىغىچە بولغان ئارىلىق ئالتە كىلومېتىرلا كېلىدۇ. نۇر كابىل ئارقىلىق خەۋەرلىشىش رەسىمىي باشلاندى. پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلدى.   

خوتەن ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315-لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزىلارنى قورشاپ تۇرغان ئاسفالت يوللارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1000 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ناھىيە بازىرىدىن ئايرودرومىغىچە بولغان ئارىلىق ئالتە كىلومېتىرلا كېلىدۇ. نۇر كابىل ئارقىلىق خەۋەرلىشىش رەسىمىي باشلاندى. پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلدى.

مەدەنىي يادىكارلىقلاردىن مىلىكئاۋات، پوتقان قاتارلىقلار بار. چەكسىز كەتكەن ئۈزۈم كارىدورى. مىڭ يىللىق ياڭاق دەرىخى پادىشاھى،  500 يىللىق ئەنجۈر دەرىخى پادىشاھى قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلىرى بار. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، يىپەك تارتىش، سېمونت، پاختا پروكاتلاش، گىلەمچىلىك، ئاشلىق-ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە «خوتەن قاشتېشى» ، «خوتەن گىلىمى» ، «خوتەن يىپىكى» يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلات.




#Article 35: لوپ ناھىيىسى (626 words)


لوپ ناھىيەسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرقى چىرا ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب ۋە غەرب تەرەپلىرى خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيىسىۋە قاراقاش ناھىيىسى بىلەن دەريا ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدۇ. شىمالى ئاقسۇ شەھىرى، ئاۋات ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 337.5 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 45 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 14287 كۋادرات كىلومېتىر.

لۇپ قەدىمكى دەۋرىدە ئۇدۇن دۆلىتىگە قارىغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرت قورۇقچىبەك مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. خەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدىن كېيىن ئىزچىل تۈردە ئۇدۇن دۆلىتىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 28 - يىلى (1902 - يىلى) خوتەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئايماقنىڭ يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى 15 كەنت بىلەن خوتەن ناھىيىسى ئىكىنلەنگەرنىڭ غەربىدىكى 23 كەنىتنى ئايرىپ چىقىپ لوپ ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسى خوتەن بىۋاسىتە قاراشلىق ئايمىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگو 9 - يىلى (1920 - يىلى) خوتەن دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. 2 - يىلى 7 - مەمۇرىي رايونىغا قارايدىغان بولغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خوتەن ۋالىي مەھكىمىسى، خوتەن ۋىلايىتىگە قارىغان.

لوپ ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى چىرا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب، شىمال تەرىپى خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى بىلەن دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شىمال تەرىپى ئاۋات ناھىيىسى، ئاقسۇ شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 337.5 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 45 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 13 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا ئۈچ بازار، ئالتە يېزا، 238 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى باشقۇرۇشىدىكى لوپ ماخاۋ كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى مۇشۇ يەردە. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1486 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 214 مىڭ 700، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 98.65% نى، خەنزۇلار  1.3% نى، باشقا مىللەتلەر  0.05% نى تەشكىل قىلىدۇ. 

لوپ ناھىيىسىدە ئۈچ بازارلىق، ئالتە يېزا بار بولۇپ، جەمئىي 210 دانە مەمۇرىي كەنتىدىن تەشكىل تاپىدۇ، لوپنىڭ يېزا بازارلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

غەربىي جەنۇبىي ئېگىز، شەرقىي شىمالىي پەس بولۇپ، سوقىسىمان ھالەت شەكىللەنگەن. تاغلىق رايون 10.4% نى، تۈزلەڭلىك بوستانلىق  5.6% نى، قۇملۇق  84%  نى ئىگىلەيدۇ. يۇرۇڭقاش دەرياسى، ئاچچىق دەرياسى، ئوتتۇرا قىر دەرياسى قاتارلىق دەريا بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 1 مىليارد  649 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى  268 مىليون كۇب مېتىر (ئېچىشقا بولىدىغىنى  80 مىليون كۇب مېتىر). ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن ئاق بوغۇز بۆكەن، ئۇلار، سۇغۇر، ياۋا چوشقا، تىبەت تۈلكىسى قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توغراق، يۇلغۇن، جىگدە، ئاق تىكەن، ئالقات، چۈچۈكبۇيا، توشقان زەدىكى، چاكاندا قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، سىڭىرتاش، ھاك تېشى قاتارلىقلار بار. 

لوپ ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  12.1℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  40.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 21.6℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2790 سائەت.  10℃  يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4360.9℃، قىروسىز مەزگىلى  210 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  34.8 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2602 مىللىمېتىر. 

لوپ ناھىيىسى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر  24 مىڭ گېكتار ( 359 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر،  98  مىڭ 200  گېكتار (بىر مىليون 473 مىڭ مو) ئورمان،  99 مىڭ  300  گېكتار (بىر مىليون 490 مىڭ مو) ئوتلاق بار. يەنە  84 مىڭ گېكتار (بىر مىليون  260 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر، 6700 گېكتار (100 مىڭ مو) ئورمان يېتىشتۈرۈشكەن باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، شال، پۇرچاق، ياغلىق گازىر قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، يىپەكچىلىك، پاختا چىقىرىش، سېمونت، گىلەمچىلىك، ئاشلىق - ماي ۋە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە گىلەم بىلەن يەرلىك نۇسخىدىكى  بىرقەدەر داڭلىق. لوپ ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرىنىڭ ھەممىسى ئاسفالىتلاشتۇرۇلغان.. 

مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن ئاقسېپىل قەدىمىي شەھىرى، ئىمامئاسىم مازىرى، سامپۇل قەدىمىي قەلئە قەبرىستانلىقى، ئاچچىق قەدىمكى دەۋر تۆمۈر تاۋلاش خارابىسى قاتارلىقلار بار. لوپ ناھىيەسىدە ئاقسېپىل قەدىمىي شەھىرى، راۋاق بۇددا بۇتخانىسى خارابىسى، سامپۇل قەدىمكى قەلئە قەبرىستانلىقى، ياڭاق دەرىخى شاھى، ئەنجۈر دەرىخى شاھى، ئمامئاسىم مازىرى، ئاچچىق قەدىمكى دەۋر تۆمۈر تاۋلاش خارابىسى ئۈزۈم تېكى شاھى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى ۋە مەنزىرىگاھلار بار.




#Article 36: نىيە ناھىيىسى (566 words)


نىيە ناھىيەسى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. شەرقى چەرچەن ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن، غەربى كېرىيە ناھىيىسى بىلەن، شىمالى شايار ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. قارمىقىدا بىر بازارلىق 6 يېزا بار بولۇپ ھازىرقى نوپۇسى 50 مىڭ ئەتراپىدا.

نىيە تارىختا نىران دەپ ئاتالغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە جۇرجان، ئەندىرە دۆلەتلىرىنىڭ يېرى بولغان. ۋېي، جىن سۇلالىسىدىن كېيىن ئۇدۇن دۆلىتىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋەيسا تۇتۇق مەھكىمسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنڭ گۇاڭشۈ 10 - يىلى (1884 - يىلى) كېرىيە ناھىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگو 32 - يىلى (1943 - يىلى) كېرىيە ناھىيىسىدىن ئايرىپ چىقىپ، نىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگو 33 - يىلى (1944 - يىلى) ناھىيە تەسىس قىلىنغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خوتەن ۋالىي مەھكىمسىگە خوتەن ۋىلايىتىگە قارىغان.

نىيە ناھىيىسى كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى چەرچەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەر تەرىپى كېرىيە ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى شايار ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 541 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 120 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 54 مىڭ 200 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، بەش يېزا، 32 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1215 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 30 مىڭ 500 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 90.86%  نى، خەنزۇلار 9.01% نى، باشقا مىللەتلەر  0.13% نى تەشكىل قىلىدۇ.

كېرىيە ناھىيىسىدە 1 بازارلىق ۋە 6 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس، جەنۇبىي قىسمى كوئىنلۇن تاغلىق رايونى، شىمالىي قىسمى تىنما تۈزلەڭلىك ۋە قۇملۇق. تاغلىق جايلار 42.5% نى، بوستانلىق 6.8%  نى، قۇملۇق 50.7% نى ئىگىلەيدۇ. نىيە دەرياسى، ياۋا توڭگۇز دەرياسى قاتارلىق دەرياسى بار. يەر ئۈستى دەرياسى سۇ بايلىقى  913 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى  288  مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ياۋا قوتاز، ياۋا تۆگە، تېبەت قۇلۇنى، تېبەت بۆكىنى، تېبەت تۈلكىسى، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توشقان زەدىكى، چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، كەترا قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، ئالتۇن، مىس، تۆمۈر، كۆمۈر، تاش پاختا، چىرىمتال، تۇز قاتارلىقلار بار. 

نىيە ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.7℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  41.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 28.3℃، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر يىلنىڭ  92.2 كۈنىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا  30℃  تىن ئاشىدۇ. كۈننى يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2849.3 سائەت. قىروسىز مەزگىلى  214 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  30.2 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2756.1 مىللىمېتىر. 

نىيە ناھىيىسىنىڭ دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇش شارائىتى بىرقەدەر ياخشى. ھازىر  3600 گېكتار ( 54 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر،  76 مىڭ  700 گېكتار ( 1 مىليون  150 مىڭ مو) ئورمانلىق،  518  مىڭ 600 گېكتار ( 7 مىليون  780  مىڭ مو) ئوتلاق، يەنە 11 مىڭ  700 گېكتار ( 176 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان يەر، 2300 گېكتار (43 مىڭ مو ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقى يايلاق چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، ئېشەك قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ۋە ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. نىيە ناھىيىسىنىڭ ئاساسى مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. تارىم قۇملۇق تاشيولى ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقىنى كۆپ قىسقارتتى. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرىنىڭ ھەممىسىگە قاراماي ياتقۇزۇلۇپ بولدى. پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلدى.

نىيەدە نىيە قەدىمىي شەھەر خارابىسى، ئەندىر قەدىمىي شەھىرى، ئاققوچقار قەدىمىي شەھىرى، ئىمام جەپپار سادىق مازىرى، 18 – ئاۋغۇست سۇ قۇرۇلۇشى، ياۋا توڭگۇز كەنتى، گۈزەل بېلىق كۆلى، سازلىق مەنزىرىسى، تۆت تۈپ قەدىمىي دەرەخ قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى ۋە مەنزىرىگاھلار بار.




#Article 37: گۇما ناھىيىسى (757 words)


گۇما ناھىيىسى گۇما ناھىيىىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، قاراقۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيىسىۋە قاراقاش ناھىيەىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى بولسا قاغىلىق ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى كەشمىر(ھىندسىتاننىڭ ئەمەلىي كونتروللۇقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ(چېگرا لىنىيسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 كىلومېتىر). شىمال تەرىپى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت ناھىيىسى ۋە مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 423 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 5.67 5.144 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 41 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا ئالتە بازارلىق، 8 يېزا ۋە ئىككى دانە مىللي يېزا بار بولۇپ 197 كەنت ئاھالە كومىتېتىدىن تەشكىل تاپقان. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1596 كىلومېتىر. 2012-يىلىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 250 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار % 98 نى، خەنزۇلار 0.01% نى، باشقا مىللەتلەر % 2 گە يېقىن نوپۇسنى تەشكىل قىلغان.

گۇما خەن سۇلالىسى دەۋرىدە گۇما دۆلىتىنىڭ يېرى ئىدى. سۈي، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇن دۆلىتىگە قوشۇۋېتىلگەن. شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدەن پىشان دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ  28  - يىلى (1902 - يىلى) ناھىيە قىلىپ تەسىس قىلىنىپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قاراشلىق يەكەن مەھكىمسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگو  9 - يىلى ( 1920 - يىلى) خوتەي دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىر - كېيىن بولۇپ خوتەن ۋالىي مەھكىمىسى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 

گۇما ناھىيىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، قاراقۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى خوتەن، قاراقاش ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى قاغىلىق ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى كەشمىر (ھىندسىتاننىڭ ئەمەلىي كونتروللۇقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 كىلومېتىر). شىمال تەرىپى مەكتى، مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 423 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى  5.67 ～ 5.144 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 41 مىڭ  400 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا ئىككى بازار،  13 يېزا،  197 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ.ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  1596 كىلومېتىر.  1995  - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 202 مىڭ 400 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  97.69% نى، خەنزۇلار  1.44% نى، باشقا مىللەتلەر  0.87% نى تەشكىل قىلىدۇ. 

ھازىر گۇما ناھىيىسىدە 6 بازارلىق، 8 يېزا، 2 دانە  مىللىي يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

غەربىي جەنۇبىي ئېگىز، شەرقىي شىمالىي پەس. جەنۇبىدا مۇزتاغ ۋە يىغىلىپ قالغان قار بار. ئوتتۇرا قىسمى تاغلىق ۋە جىلغىلىق، شىمالىي تۈزلەڭلىك ھەم قاقاس چۆللۈك، تاغلىق رايون  37.9% نى، تۈزلەڭلىك  22.6% نى، قۇملۇق  39.5% نى ئىگىلەيدۇ. بەش تاغ سۈيى دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى  2 مىليارد  231 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى  414 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن شىمال ئۆچكىسى، ياۋا چوشقا، كىرپە، تېبەت تۈلكىسى، ئۇلار، ئاق قوتان قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توشقان زەدىكى، كىرەش، قانتېپەر، چۈچۈكبۇيا، قارلەيلىسى، پاقا يوپۇرمىقى، ئىت ياڭىقى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، گۈڭگۈرت، قوغۇشۇن، سىنك، تۆمۈر، مەرمەرتاش، قاشتېشى، كاربورۇند، چىرىمتال، لىتىي، پېرىللىي، تانتال، سېزىي قاتارلىقلار بار. 

گۇما ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  11.9℃ ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.0℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 22.9℃. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا  91  كۈن تېمپېراتۇرا 30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2470.4 سائەت،  10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى  4303.1℃. قىروسىز مەزگىلى  218 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  48.2 كۈن. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2450.0 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە قاتتىق قۇم ئۇچۇش - بوران چىقىش ۋاقتى  30.4 كۈن. 

بۇ ناھىيە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر  21  مىڭ 900 گېكتار ( 328 مىڭ  500 مو) تېرىلغۇ يەر،  509 مىڭ  300 گېكتار ( 7 مىليون  640 مىڭ مو) ئوتلاق بار. يەنە  29  مىڭ 200  گېكتار (438  مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات، ئۈژمە پىلىسى، قىزىل گۈل قاتارلىقلار بار. چارۋىسىدىن كالا، قوي قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسى، پاختا توقۇمىچىلىقى، دېھقانچىلىق ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش، پاختا چىقىرىش، ئاشلىق - ماي ۋە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. گۇما ناھىيسىنىڭ ئاساسى مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315 - لىنىيىسى پۈتۈن ناھىيىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدۇ.  2000  پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلدى. 

بەش تاغ سۈيى دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 2 مىليارد 231 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى 414 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن شىمال ئۆچكىسى، ياۋا چوشقا، كىرپە، تېبەت تۈلكىسى، ئۇلار، ئاق قوتان قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توشقان زەدىكى، كىرەش، قانتېپەر، چۈچۈكبۇيا، قارلەيلىسى، پاقا يوپۇرمىقى، ئىت ياڭىقى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، گۈڭگۈرت، قوغۇشۇن، سىنك، تۆمۈر، مەرمەرتاش، قاشتېشى، كاربورۇند، چىرىمتال، لىتىي، پېرىللىي، تانتال، سېزىي قاتارلىقلار بار.

گۇما ناھىيەسىدە سانجۇ قىياتاش سىزمىسى، ياغاچ ئۆيلۈك قەدىمىي شەھەر، گۇما مەسچىتى، ئۈجمىلىك قەدىمىي شەھەر خارابىسى، كەڭەر دەريا ساھىلى، مىڭ يىللىق ياڭاق پادىشاھى بۇ ياڭاق دەرەخىگە ھازىر 560 يىل بولغان.  پىيالمىدىكى 10 مىڭ مولۇق ئانارلىق قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى ۋە مەنزىرىگاھلار بار. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن سانجۇ سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە قىياتاش رەسىملىرى. ياغاچئۆيلۈك خەن سۇلالىسى دەۋرى قەدىمىي شەھىرى قاتارلىقلار بار




#Article 38: چىرا ناھىيىسى (621 words)


چىرا ناھىيەسى  قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. شەرقى كېرىيە ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن، غەربى لوپ ناھىيىسى ۋە خوتەن ناھىيىسى بىلەن، شىمالى ئاقسۇ شەھىرى، شايار ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 468 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 35 121 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 33 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە ئىككى بازار، ئالتە يېزا، 124 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ.  تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خوتەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر چارۋىچىلىقى فېرمىسى بارا. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1413 كىلومېتىر.

خەن سۇلالىسى دەۋرىدە چىرانىڭ شىمالىي قىسمى ئۇزۇتقات دۆلىتىنىڭ يېرى، جەنۇبىي قىسمى كېرىيە دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. سۈي، تاڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە ئۇدۇن دۆلىتىگە قوشۇۋېتىلگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 9 - يىلى (1883 - يىلى) كېرىيە ناھىيىسى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن چىرا كېرىيە ناھىيىسىگە قاراشلىق بىر كەنت بولغان. مىنگو 8 - يىلى (1919 - يىلى) چىرا باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگو 81 - يىلى (1929 - يىلى) ناھىيە تەسىس قىلىنغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خوتەن ۋالىي مەھكىمىسى، خوتەن ۋىلايىتىگە قارىغان. 

چىرا ناھىيىسى كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبى چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى كېرىيە بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايون بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى لوپ ناھىيىسى، خوتەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى قۇملۇق ئارقىلىق ئاقسۇ شەھىرى، شايار ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 468 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 35 ～ 121 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 33 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، يەتتە يېزا، 124 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خوتەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر چارۋىچىلىقى فېرمىسى بارا. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 4131 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسىى 125 مىڭ 700 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 98.51%  نى، خەنزۇلار 1.46% نى، باشقا مىللەتلەر  0.03% نى تەشكىل قىلىدۇ. 

چىرا ناھىيىسىدە 2 بازارلىق ۋە 6 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس. جەنۇبىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان تاغ چوققىلىرى ئارىسدا تار سايلار بار. ئوتتۇرا قىسمىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى تۇز، قۇم ئېتىزلارنى ئوراپ تۇرىدۇ. شىمالىي قىسمى چەكسىز كەتكەن قۇم بارخانلىرى. تاغلىق يەرلەر 40.5%  نى، چۆل - باياۋان 56.65% نى، بوستانلىق  2.9% نى ئىگىلەيدۇ. توققۇز پەسىل خاراكتېرلىك دەيا ۋە ئالتە بۇلاق سۈيى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى  624  مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى 378 مىليون كۇب مېتىر. 

ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاق بوغۇز بۆكەن، بۆرە، ياۋا توشقان، سۇغۇر، ئۇلار، چىل قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قارلەيلىسى، چاكاندا، يېكە سېرىقى، قانتېپەر، توشقان زەدىكى، تېبەت قىزىل گۈلى،  ئالقات، يەر مەدىكى، قومۇش يىلتىزى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئالتۇن، تۆمۈر، قاشتېشى، ھاك تېشى، كۋارتس تاش، سۈرمە تاش، چىرىمتال، تاش پاختا، سىڭىرتاش، گۈڭگۈرت، تۇز قاتارلىقلار بار.  

چىرا ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.9℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  41.9℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 23.9℃. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر يىلنىڭ  91.3 كۈنىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا  30℃  تىن ئاشىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2689.6 سائەت،  10℃  يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4262.5℃. قىروسىز مەزگىلى  231 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  33.2 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2588.2 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە قاتتىق قۇم ئۇچۇش - بوران چىقىش ۋاقتى  25.2 كۈن.  چىرا ناھىيىسى يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ناھىيىسى ھېسابلىنىدۇ. 

ھازىر  18 مىڭ  400  گېكتار (276 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر،  8000 گېكتار ( 120 مىڭ مو) ئورمانلىق،  375 مىڭ گېكتار (5 مىليون  625 مىڭ مو) ئوتلاق بار. يەنە 142 مىڭ 300 گېكتار (2 مىليون 134 مىڭ 500 مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، پۇرچاق، ياغلىقدان، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا ئوتلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ ئايرىلىدۇ. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات،  ئېشەك قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، يىپەك تارتىش، پاختا چىقىرىش، گىلەمچىلىك، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. چىرا ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ  315 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشتۇرۇلغان.  1000 پروگراممىلىق تېلېفون مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلگەن.




#Article 39: كېرىيە ناھىيىسى (548 words)


كېرىيە ناھىيىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرقى نىيە ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن، غەربى چىرا ناھىيىسى بىلەن، شىمالى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭشايار ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 471.7 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 122 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 39 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر.

كېرىيە خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇزۇتقات، كېرىيە دۆلەتلىرىنىڭ يېرى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋەيا تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇل خانلىرىنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) تۆتىنچى دەرىجىلىك ھاكىمبەگ تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 8 - يىلى (1882 - يىلى) قاراقاش شەھىرىنى مەركەز قىلىپ كېرىيە ناھىيىسى قۇرۇلغان. گۇاڭشۈ 11 - يىلى (1885 - يىلى) مەركىزىي كېرىيە شەھىرىگە كۆچۈرۈلۈپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. 1959 - يىلى خەنزۇچە  (كېرىيە) دېگەن خەتنى  دەپ ئۆزگەرتىلگەن. خوتەن ۋىلايىتىگە قارىغان.

كېرىيە ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى نىيە ناھىيىسىگە، غەرب تەرىپى چىرا ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايونىغا تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى شايار ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 471.7 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى  122  كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 39 مىڭ  500 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە ئىككى بازار،  13 يېزا،  168 ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  1329 كىلومېتىر.  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  191 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  98.49% نى، خەنزۇلار  1.41%  نى، باشقا مىلللەتلەر 0.1%  نى تەشكىل قىلىدۇ. 

كېرىيە ناھىيىسىدە 2 بازارلىق ۋە 13 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس.  جەنۇبىي كوئىنلون تاغلىق رايونى، ئوتتۇرا، شىمالىي قىسمى تىنما تۈزلەڭلىك ۋە قۇملۇق. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق رايون 31.3% نى، بوستانلىق 6% نى، چۆل - باياۋان  62.7% نى ئىگىلەيدۇ. كېرىيە دەرياسى  قاتارلىق 11 دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى بىر مىليارد 114 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى 595 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن شىمال ئۆچكىسى، تېبەت بۆكىنى، يىلپىز، ياۋا قوتاز، ياۋا تۆگە، قۇلان، سۇغۇر قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توغراق، يۇلغۇن، قومۇش، توشقان زەدىكى، چاكاندا، چۈچۈكبۇيا، لوپنۇر، كەندىرى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئالتۇن، تۆمۈر، مىس، خرۇستال، تاش پاختا، قاشتېشى، چىرىمتال، كۆمۈر، گۈڭگۈرت قاتارلىقلار بار.

كېرىيە ناھىيىس مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.6℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  41.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 24.3℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2759.6 سائەت.  10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى  4199.6℃، قىروسىز مەزگىلى  214 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  44.1  مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2489.6 مىللىمېتىر. يىللىق  ئوتتۇرىچە قاتتىق قۇم ئۇچۇش - بوران چىقىش ۋاقتى 17.8 كۈن. 

ناھىيىنىڭ دېھقانچىلىقى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 23 مىڭ 800 گېكتار (357 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر. 9100 گېكتار (136 مىڭ 500 مو) ئورمانلىق، يەنە 213 مىڭ 300 گېكتار (3 مىليون 200 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر 42 مىڭ 700 گېكتار (640 مىڭ مو) ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقى ئوتلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ ئايرىلىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. پىلىچىلىكىمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، دېھقانچىلىق ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش، پاختا چىقىرىش، قاشتېشى ئويمىچىلىقى، ئاشلىق - ماي ۋە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. 

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن قارا دۆڭ خارابىلىقى، قازناق مەسچىت خارابىسى، ئىمامزار خارابىسى قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلىك جايلىرى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. دەريا بويى  يېزىسى ئۆزىنىڭ ئاجايىپ مەنزىرىسى بىلەن نۇرغۇن جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا.




#Article 40: قاراقاش ناھىيىسى (2127 words)


قاراقاش ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ناھىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەمۇرى جەھەتتىن خوتەن ۋىلايىتىگە قارايدۇ. قاراقاشنىڭ يەر مايدانى 25،667 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ، جەنۇپ تەرىپى كوئىنلۇن تاغلىرىغا، شىمال تەرىپى تەكلىماكان قۇملۇقىغا تۇتىشىدۇ. ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىغا ئاساسلاڭاندا، ھازىر قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 600 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئومۇمى نوپۇسنىڭ %98نى ئىگىلەيدۇ.

قاراقاش خەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇن دۆلىتىنىڭ يېرى ئىدى. مىنگو  8 - يىلى ( 1919 - يىلى) خوتەن ناھىيىسىدىن ئايرىپ چىقىپ ناھىيە تەسىس قىلىنىپ نامى قاراقاش دەپ ئاتالغان ھەم قەشقەر دوتەي مەھكىمسىگە قارىغان.  2 - يىلى خوتەن دوتەي مەھكىمىسىگە قارايدىغان بولغان. كېيىن خوتەن  7 - مەمۇرىي رايونىغا قارىغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، خوتەن ۋالىي مەھكىمىسى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان.
قاراقاش ناھىيىسى تارىختا قاراقاش دەپ ئاتالغان، يىپەك يۇلىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، چىيەن لۇڭ دەۋىرىنىڭ 27-يىللىرى (1762-يىلى)  قەشقەردە جەنۇبى شىنجاڭدىكى 8 شەھەرگە ياردەمچى باش ۋەزىر تەسىس قىلىنغان، خۇتەن شۇ 8شەھەرنىڭ بىرى بۇلۇپ، قاراقاش خۇتەننىڭ قارمىقىدا ئىدى، 1919يىلى قاراقاش رەسمى قاراقاش ناھىيىسى قىلىپ تەسىس قىلىندى. مىنگو دەۋىرىدە قاراقاش خۇتەننىڭ 7-مەمۇرى باشقۇرۇش مەھكىمىسىگە قارايتتى، جۇڭخۇا خەلق جومھۇرىيتى قۇرۇلغاندىن كىيىن خۇتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىگە قارايدىغان بۇلدى.

قاراقاش ناھىيىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە، شەرقىي تەرىپى خوتەن ناھىيىسى، لوپ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى گۇما ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى ئاۋات ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 319.5 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 45 ～ 5.112 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى  23  مىڭ 100 كۋادىرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار،  15 يېزا،  362  كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خوتەن دېھقانچىلق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارسىنىڭ بىر تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1535 كىلومېتىر.

قاراقاش ناھىيىسى خۇتەن قاراقاش لۇپ بۇستانلىقىنىڭ بىر قىسمى. شەرىقتىن قاراقاش دەرياسى ئارقىلىق خۇتەن ناھىيىسى بىلەن چىگىرلىنىدۇ، غەرىبى تەرىپى چۆل باياۋان بۇلۇپ، گوما ناھىيىسى بىلەن چىگىرلىنىدۇ، جەنۇبى تەرىپىنى قارقۇرۇم كوئىنلۇن تىغىنىڭ ئىتىكى ئۇراپ تۇرىدۇ، شىمالى تەرىپى تەكلىماكان قۇملۇقى ئارقىلىق ئاۋات ناھىيسى بىلەن قۇشنا كىلىدۇ، شەرىق غەرىپ كەڭلىكى 45- 112.5 كىلۇمىتىر، جەنۇپ شىمال ئۇزۇنلۇقى 319.5 كىلۇمىتىر، ئۇمۇمى كۈلۈمى 23098.5 كىۋادىرات كىلۇمىتىر، 1 بازار، 15 يىزىدىن تەركىپ تاپقان. يەر شارائىتى جەنۇپ تەرىپى ئىگىز شىمالى تەرىپى پەس بۇلۇپ ، يەر شەكلى ئۈچخىلغا ئايرىلغان ، جەنۇبى قىسمى ئىگىز – پەس تاغلىق رايۇن، ئۇتتۇرا قىسمى كەلكۈن تىنما تۈزلەڭلىكى بۇلۇپ ئاساسى يىزا ئىگىلىك تىرىقچىلىق رايۇنى، غەرىبى شىمال قىسمى قۇملۇق تۈزلەڭلىك بۇلۇپ چۇڭ كۈلەمدە تەبىئى تۇغراق ۋە يۇلغۇنلار يىتىشكەن. پۈتۈن ناھىيىدە 1مىلىيۇن 600مۇ تىرىلغۇيەر (ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش تۈۋەنى 47-تۈۋەننىمۇ ئۈز ئىچىگە ئالىدۇ)، 239مىڭمۇ يايلاق بار، ناھىيىمىز چىگىرسىدە ئۇلۇغئاتا، دۇۋا، كوئىنلۇن تاغلىرىنىڭ تارماق تاغ تىزمىلىرى، 2دەريا، 14 ئۆستەڭ، 5سۇ بۇلاق بۇلۇپ، يەر يۈزى سۇ بايلىقى 1مىلىيارىت 218مىلىيۇن كوپمىتىر، ھاۋارايى ئىسسىق قۇرغاق. يىللىق ئۇتتۇرچە تىمپىراتۇرسى 11.3سىلسىيەگىرادۇس، 1-ئاينىڭ ئۇتتۇرچە تىمپىراتۇرسى نۈلدىن تۈۋەن 6.5سىلسىيەگىرادۇس، 7-ئاينىڭ ئۇتتۇرچە تىمپىراتۇرسى 24.8سىلسىيەگىرادۇس، ئەڭ تۈۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۈۋەن 18.7سىلسىيەگىرادۇس، يىللىق ئۇتتۇرچە ھۆل يىغىن مىقدارى 36.2 مىللىمېتىر، قىرۇۋسىز مەزگىل 177كۈن، ئەتىياز ياز پەسلىدە بۇران، چاڭ تۇزان كۆپ بۇلۇپ، كۈپىنچە غەرىبى شىمال ۋە غەرىپ شامىلى كۆپ چىقىدۇ.
    

جەنۇبتىن شىمالغا پەسىيىپ بارىدۇ. جەنۇبىي تاغلىق رايون، ئوتتۇرا قىسمى يەلپۈگسىمان تىنما تۈزلەڭلىك. شىمالىي قۇملۇق، تاغلىق رايون  8.6% نى، تۈزلەڭلىك  4.7% نى، قۇملۇق  86.7% نى ئىگىلەيدۇ. قاراقاش دەرياسى خوتەن ناھىيىسى بىلەن ئورتاق پايدىلىنىدىغان دەريادۇر. يەر ئۈستى بايلىقى  21 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى 372 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋ چوشقا، ياۋا توشقان، تازقارا قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توغراق، يولغۇن قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن ئالتۇن، قاشتېشى، ئالماس قاتارلىقلار بار.

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر  33 مىڭ  500 گېكتار  (503 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر،  84 مىڭ  300 گېكتار (بىر مىليون  265 مىڭ مو) ئورمانلىق،  2700 گېكتار (40 مىڭ  500 مو) يايلاق بار. يەنە  10  مىڭ 900 گېكتار ( 163 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر،  79 مىڭ  500  گېكتار (بىر مىليون 193 مىڭ مو) ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، شال، كۆممىقوناق، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. قەغەز ياڭاق ئالاھىدە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. چارۋىچىلىق دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. پىلچىلىكمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، پاختا چىقىرىش، يىپەك تارتىش، ئاشلىق - ماي ۋە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدىرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ  315  - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە - يېزا يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەممىسىگە قاراماي ياتقۇزۇلغان. پروگراممىلىق تېلېفون تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلدى.

قاراقاش ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  11.6℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 12.5℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2829.9 سائەت.  10℃  يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4360.9℃. قىروسىز مەزگىلى  217 كۈن.  يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 41.3  مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1736.1 مىللىېمتىر. قاراقاش ناھىيىسىنىڭ كىلىماتى مۇتىدىل، قۇرغاق، چۆللۈك ئىقلىمىغا تەۋە بۇلۇپ، تۆت پەسىل ئىنىق ئايرىلغان، ياز پەسلىدە قاتتىق ئىسسىق، قۇرغاق ھۆل يىغىن كەمچىل بۇلىدۇ، ئەتىياز پەسلىدە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى ، كۈز پەسلىدە تېمپېراتۇرىنىڭ تۈۋەنلىشى تىز بۇلىدۇ، ھۆل يىغىن مىقدارى ئاز قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، قىراۋ چۈشۈش ۋاقتى ئاز، كۈندۈز كىچىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرىقى چۇڭ. يىللىق ئۇتتۇرچە تىمپىراتۇرا 11.3سىلسىيەگىرادۇس، 1-ئاينىڭ ئۇتتۇرچە تىمپىراتۇرسى نۈلدىن تۈۋەن 6.5سىلسىيەگىرادۇس، 7-ئاينىڭ ئۇتتۇرچە تىمپىراتۇرسى 24.8سىلسىيەگىرادۇس، ئەڭ تۈۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۈۋەن 18.7سىلسىيەگىرادۇس، يىللىق ئۇتتۇرچە ھۆل يىغىن مىقدارى 36-37 مىللىمېتىرغىچە، ھورلىنىش مىقدارى 2239 مىللىمىتىر، پۈتۈن بىر يىلدا قىراۋ چۈشۈش ۋاقتى ئاساسەن يۇقدىيەرلىك بۇلۇپ، 210كۈن ئەتىراپىدا چاڭ تۇزانلىق ھاۋارايى كۈرىلىدۇ، يىلدا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2655 سائەتكە يىتىدۇ. 

قاراقاش ناھىيىسىدە 4 بازارلىق، 12 يېزا بار بولۇپ، 4 بازار بولسا قاراقاش بازىرى، قاراساي بازىرى، كۇيا بازىرى ۋە زاۋا بازىرى. 

قاراقاش بازارى قاراقاش ناھىيسىنىڭ ئوتتۇرا شەرىق قىسمىغا جايلاشقان بۇلۇپ، شەرقى قىسمى قاراقاش دەرياسى ۋە خوتەن ناھىيسى بىلەن چىگىرلىنىدۇ؛ شىمال تەرىپى تۈۋەت يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇپ تەرەپى جاھانباغ يېزىسى، توخۇلا يېزىسى بىلەن چىگىرداش بۇلۇپ، غەرىپ تەرىپى ماڭلاي يېزىسى، پۇچاقچى يېزىسى بىلەن چىگىرداش. شەرقى ′43°79 ～′45°79، شىمالى′18°37 ～′15°37، ئومومى كۈلۈمى 34 كودىرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ كۈلۈمى 20251مو، كېشى بېشى تېرىلغۇ كۆلۈمى 0.56مو. 

قاراساي بازىرى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىدا بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن ㏎33 كىلىدۇ، شىمالى تەكلىماكان قۇملىقى ئارقىلىق ئاقسۇ ئاۋات ناھىيىسى بىلەن، شەرقى 47-تۈەن بىلەن، شەرقى جەنۇبى كۇيا، پۇچاقچى يېزىلىرى بىلەن،  غەربى ياۋا يېزىسى بىلەن چىگرالىنىدۇ. ئومۇمى كۆلىمى 3902كۆۋادىرات كېلومېتىر ، تېرىلغۇ كۈلۈمى 58مىڭ 913مو، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە تېرىلغۇكۈلەم 1.63مو.

كۇيا بازىرى قاراقاش ناھىيسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بۇلۇپ، يېزىلق ھۆكۈمەت كۇيا بازىرىغا جايلاشقان، ناھىيە بىلەن بولغان ئارلىقى 10 كىلومتىر، شەرقى ماڭلاي يېزىسى، پۇچاقچى يېزىسى بىلەن چىگىرلىنىدۇ؛ جەنۇپ تەرىپى ئاقساراي يېزىسى، زاۋا يېزىسى بىلەن قوشنا؛ غەرپ تەرىپى قاراساي ئۆستىڭى، ئۇرچى يېزىسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ؛ شىمال تەرەپى قاراساي يېزىسى بىلەن قوشنا، شەرقى ′35°79 ～′39°79، شىمالى ′13°37 ～′21°37، يەر شەكلى جەنۇپ تەرىپى ئېگىز، شىمال تەرىپى تۈۋەن، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1311～1340مىتىر، ئومومىي كۈلىمى 75كۇۋادىرات كىلومىتىر، تېرىلغۇ كۈلىمى 47مىڭ 265مو، كىشى-بېشى ئىگەللەيدىغان تېرىلغۇ كۈلىمى 1.19مو.

زاۋا بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى دىكى قاراقاش ناھىيىسى بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 12 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. 2012-يىلى ئۆزگەرتىپ زاۋا بازىرى قىلىنغان. تەۋەسىدە دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى «شاخلىق فېئودال قورۇق خارابىسى» بار.

تۈۋەت يېزىسى ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدا بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن ㏎9 كىلىدۇ، شەرقى قاراقاش دەرياسى ئارقىلىق خوتەن ناھىيىسى بىلەن ، جەنۇبى قاراقاش بازىرى بىلەن،  شىمالى يېڭىيەر يېزىسى بىلەن، غەربى پۇچاقچى،قوچى يېزىسى ۋە 47-تۈۋەننىڭ 1-،2-لىيەنى بىلەن چىگرالىنىدۇ. ئومۇمى كۆلىمى 47كۆۋادىرات كېلومېتىر ، تېرىلغۇ كۈلۈمى 31مىڭ 974مو، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە تېرىلغۇكۈلەم 1.44مو.

يېڭىيەر يېزىسى ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدا بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن ㏎12 كىلىدۇ، شەرقى قاراقاش دەرياسى ئارقىلىق خوتەن ناھىيىسى بىلەن ، جەنۇبى تۈۋەت يېزىسى بىلەن،  شىمالى كاۋاك يېزىسى بىلەن، غەربى قوچى يېزىسى ۋە 47-تۈۋەننىڭ 1-،2-لىيەنى بىلەن چىگرالىنىدۇ. ئومۇمى كۆلىمى 74كۆۋادىرات كېلومېتىر ، تېرىلغۇ كۈلۈمى 21مىڭ 217مو، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە تېرىلغۇكۈلەم 1.95مو.

كاۋاك يېزىسى ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدا بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن ㏎54 كىلىدۇ، شەرقى قاراقاش دەرياسى ئارقىلىق  خوتەن ناھىيىسى بىلەن ، جەنۇبى يېڭىيەر يېزىسى، بىلەن،  شىمالى تەكلىماكان قۇملىقى ئارقىلىق ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيىسى بىلەن ، غەربى قوچى يېزىسى بىلەن چىگرالىنىدۇ. ئومۇمى كۆلىمى 12مىڭ373كۆۋادىرات كېلومېتىر ، تېرىلغۇ كۈلۈمى 23مىڭ 225مو، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە تېرىلغۇكۈلەم 2.37مو.

پۇچاقچى يېزىسى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىدە بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن ㏎6 كىلىدۇ، شەرقى قاراساي يېزىسى بىلەن ، جەنۇبى ماڭلەي يېزىسى، قاراقاش بازىرى بىلەن،  شىمالى قوچى يېزىسى بىلەن، غەربى كۇيا يېزىسى بىلەن چىگرالىنىدۇ. ئومۇمى كۆلىمى 64كۆۋادىرات كېلومېتىر ، تېرىلغۇ كۈلۈمى 35مىڭ 597مو، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە تېرىلغۇكۈلەم 1.19مو.

قوچى يېزىسى ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدا بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن ㏎11 كىلىدۇ، شەرقى تۈۋەت يېزىسى،47-تۈەننىڭ 1-،2-لىيەنى، يېڭىيەر يېزىسى،كاۋاك يېزىسى بىلەن،  شىمالى تەكلىماكان قۇملىقى ئارقىلىق ئاقسۇ ئاۋات ناھىيىسى بىلەن، غەربى پۇچاقچى،قاراساي، 47-تۈەن بىلەن چىگرالىنىدۇ. ئومۇمى كۆلىمى 2669كۆۋادىرات كېلومېتىر ، تېرىلغۇ كۈلۈمى 28مىڭ 688مو، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە تېرىلغۇكۈلەم 1.21مو

ماڭلاي يېزىسى قاراقاش ناھىيسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بۇلۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت ناھىيە بازىرىدىن 5كىلومىتىر يىراقلىقتا، شەرقى قاراقاش بازارى، غەربىي كۇيا يېزىسى بىلەن يېقىن؛ شىمالى پۇچاقچى يېزىسى تۇتىشىدۇ؛ جەنۇبى توخۇلا يېزىسى، ئاقساراي يېزىسى بىلەن چىگىرلىنىدۇ.  شەرقى ′43°79 ～′39°79، شىمالى ′18°37 ～′5°37، ئومومىي كۈلىمى24 كۇۋادىرات كىلومىتىر. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومومىي تېرىلغۇ كۈلىمى 19مىڭ 322مو، كىشى-بېشى ئوتتۇرچە تېرىلغۇ كۈلىمى 0.95مونى ئىگەللەيدۇ.

ئۇرچى يېزىسى خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 16.5 كىلومېتىر كېلىدۇ. 

توخۇلا يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيىسى نىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان.  يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جايى بازاربويى كەنتى، ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبى بىلەن بولغان ئارلىقى 6 كىلومېتىر، 315-دۆلەت تاشيولى دائىرىسىنى توغرسىغا كېسىپ ئۆتكەن.

جاھانباغ يېزىسى ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن ㏎9 كىلىدۇ، بازارلىق، توخۇلا، ئاقساراي بىلەن چىگرالىنىدۇ. شەرقى تەرىپى قاراقاش دەرياسىغا، جەنۇبىي قاراقۇرۇم تېغىنىڭ چۆللىكىچە تۇتىشىدۇ، ئومۇمى كۆلىمى 45.3كۆۋادىرات كېلومېتىر.جاھانباغ يېزىسى ئازاتلىقتىن ئىلگىرى داراسكال ۋە شەيدۇللا يېزىلىرىنى كۆرسىتەتتى. يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن 1956- يىلغىچە دۆڭ داراسكال، داراسكال، ئىششىقلا، ئىشتاچى، ئېلىشبېشى قاتارلىق يېزىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

ئاقساراي يېزىسى قاراقاش ناھىيىسى نىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جايى ئالۋا كەنتىدە بولۇپ قاراقاش بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 17 كىلومېتىر. جەنۇبى ئېگىز شىمالى پەس، شىمال تەرىپى كەڭ جەنۇب تەرىپى تار بولۇپ، تەتۈر ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە. شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 5 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 13 كىلومېتىر. 

ياۋا يېزىسى ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن ㏎25 كىلىدۇ، شەرقى قاراساي يېزىسى بىلەن، غەربى گۇما ناھىيىسى بىلەن ، شىمالى تەكلىماكان قۇملىقى ئارقىلىق ئاقسۇ ئاۋات ناھىيىسى بىلەن، غەربى شىمالى قەشقەرنىڭ مارالۋېشى ناھىيىسى بىلەن،جەنۇبى ئۇرچى يېزىسى بىلەن چىگرالىنىدۇ. ئومۇمى كۆلىمى 3332كۆۋادىرات كېلومېتىر ، تېرىلغۇ كۈلۈمى 48547مو،كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە تېرىلغۇكۈلەم 1.65مو.

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ تەرەققىياتى ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، بولۇپمۇ 2000-يىلدىن بېرى ناھايىتىمۇ تىز بولدى، 2000-يىلى قاراقاشنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى 561مىليۇن، 2004-يىلى 830مىليۇن، 2010-يىلى 1مىليارد 130مىليۇن بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان يىللىق ئوتتىرىچە كىرىم 3100 يۈەنگە يەتتى.قاراقاش ناھىيىسىنىڭ 2008-يىلى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتى 1مىلىيارت 355مىلىيۇن يىۋەن بۇلۇپ ئىشىش نىسپىتى %10.6 . بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى كەسىپتىن قىلىنغان كىرىم 651 مىلىيۇن يىۋەن، ئۇخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4: ئىككىنچى كەسىپتىن 211 مىلىيۇن يىۋەن كىرىم قىلىنىپ، ئۇخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.6: ئۈچىنچى كەسىپتىن قىلىنغان كىرىم 493 مىلىيۇن يىۋەن، ئۇخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشقان: پۈتۈن ناھىيىنىڭ باغ ئورمانچىلىق ئۇمۇمى كۈلۈمى 346800مۇ قۇتان قالدۇق سانى 1مىلىيۇن 79100 تۇياق، ئاشلىق ئومۇمى مەھسۇلاتى 243100 تۇننا، يىزىلارنىڭ كىشى بىشى ئۇتتۇرچە ساپ كىرىمى 1994.44 يىۋەنگە يەتتى.

قاراشنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ناھىيە بازىرى ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ھەيۋەتلىك، كۆركەم قۇرۇلۇشلار بارلىققا كەلدى. قاراقاش مىللىي سودا كوچىسى بۇنىڭ ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلىش كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئىمارەتلەرنىڭ بىرى، بۇ قۇرۇلۇش ئالدى ئۆزىنىڭ مىللىي تۈسى بىلەن، ئۇنىڭدىن قالسا قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى بىلەن داڭلىق. ئۇندىن باشقا قاراقاش گۈللۈك ئوتۇراق رايونى، قاراقاش سارىيى، ئۈمىد سودا شەھەرچىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارمۇ قاراقاشنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىغا پاكىت بولالايدۇ.

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ 2008-يىلى يىل ئاخىرغىچە بۇلغان ئۇمۇمى نۇپۇسى 484700 (بىڭتىۋەن نۇپۇسىنىمۇ ئۈز ئىچىگە ئالىدۇ). ئاھالىسى ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 472100 بۇلۇپ ئۇمۇمى نۇپۇسنىڭ %97.4 تىنى خەنزۇلار 12400بۇلۇپ %2.56 تىنى، باشقا مىللەتلەر %0.04 تىنى ئىگەللەيدۇ. 
قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ھازىرقى ئومۇمى نوپۇسى 520مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئومۇمى نوپۇسنىڭ %98.1نى ئىگەللەيدۇ، باشقا مىللەتلەر %1.9نى ئىگىلەيدۇ.

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ساياھەتچىلىكى خوتەن ۋىلايىتىدىلا ئەمەس، پۈتكۈل شىنجاڭدا داڭلىق، ھەر يىلى نەچچە مىڭلىغان رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر بۇ قەدىمى جايغا ساياھەت ۋە تەكشۈرۈشكە كىلىدۇ. 2011-يىلى 7-ئايدا خوتەن قاشتېشى بايرىمى قاراقاش ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئىچكىرى ئۆلكىلىك ۋە چەتئەلللىك ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كىلىپ بۇ دىياردىكى خەلقنىڭ ئۈزىگە خاس ئۆرپ-ئادىتىگە ۋە تۇرمۇشىغا يۇقىرى باھالارنى بەردى. قاراقاشنىڭ قەدىمى يادىكارلىقلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مازار تاغ قەدىمى قەلئەسى بىلەن شاھلىق بەگلىك قورۇقى ئۆزىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت قىممىتى بىلەن مەشھۇردۇر.

قاراقاشنىڭ ساياھەتچىلىك  بايلىقى مول. ناھىيە بازىرىدىن 19 كىلۇمىتىر كىلىدىغان شاخلىق قۇرۇسى19-ئەسىرنىڭ ئۇتتۇرلىرىدا سىلىنغان، تۇغرىسىغا بىر ئىرىق بۇلۇپ، قۇيۇق باراقسان مۇداپىئە ئورمان بەلۋىغى ۋە كەڭ تارالغان دېھقان ھۇيلا ئاراملىرى، پۇمىچىكنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇلىرى-- تارىختىن بۇيانقى ئۈزگۈرۈشلەرنى، گۈللىنىش ۋە چۈشكۈنلىشىشلەرنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىدۇ، كىشلەرنىڭ سەيلى- ساياھەت قىلىپ ھۇزۇر ئىلىشىغا ئەرزىيدۇ، مۇئەييەن تارىخى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. ناھىيە بازىرىدىن 18 كىلۇمىتىر كىلىدىغان مىڭ يىللىق چىنار دەرىخى بۇلۇپ ئۇ تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا ھەدىيە قىلغان قىممەتلىك بايلىقى، بۇ دەرەخنىڭ ئىگەللىگەن يەر كۈلىمى 914كىۋادىراتمىتىر بۇلۇپ، 7 ئادەمنىڭ قۇچىقىغا ئاران پاتىدۇ. ھازىر چىنار دەرىخىنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىش ئەھۋالى ناھايتى ياخشى. مىڭ يىللىق چىنار دەرىخىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەمدە ئارچا، قەلەمپۇر، ياۋروپا دۇب دەرىخى، گېنال ئىرەن دەرىخى قاتارلىق مەنزىرە دەرەخلەردىن 40خىلدىن ئارتۇق يىتىشتۈرلۈپ، مۇقەددەس چىنار دەرەخ پادىشاھى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى قىلىپ قۇرۇلدى، ھازىر ساياھەتچىلەرنىڭ ھىيىت بايرام دەم ئىلىش كۈنلىرىدە تاماشا قىلىشدىكى ناھايتى ياخشى ئۇرۇن. ناھىيە بازىرىدىن 200 كىلۇمىتىر كىلىدىغان تۇزلۇقتاغ، ئورنى تەكلىماكان قۇملۇقىغا جايلاشقان، قىزىل ئاق 2 تاغ رۇشەن كۈرۈنۈپ تۇرىدۇ، تاغدا قەدىمكى بۇتخانىنىڭ قۇرۇلۇش پارچىلىرى كۈرۈنۈپ تۇرىدۇ،نىفىت گازىنى ئىچىش ئۈچۈن يۇللارغا ماي ياتقۇزۇلۇپ بۇلدى، قۇملۇق ساياھىتى، ئېكسپېدىتسىيە قىلىدىغانلار ئۈچۈن قۇلايلىق قاتناش شارائىتى يارىتىلغان بۇلۇپ، ئارخېئولوگىيە قىممىتىگە ئىگە ئارام ئالىدىغان ياخشى جاي.

ھازىر قاراقاش ناھىيىسىدە جەمئىي 24ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ، 186 دانە باشلانغۇچ مەكتەپ بار بولۇپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئومۇمى سانى 90مىڭدىن ئاشىدۇ. قاراقاش ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ بولساناھىيە ئىچىدىكى ئوقۇتۇش سۈپىتى ئەڭ ياخشى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئەڭ كۈچلۈك،  ئوقۇغۇچى سانى ئەڭ كۆپ بلغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ھەر يىلى بۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى ۋىلايەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.




#Article 41: ئونسۇ ناھىيىسى (457 words)


ئونسۇ ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Onsu Nahiyisi)  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. ئونسۇ ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى باي ناھىيىسى، توقسۇ ناھىيىسىبىلەن، جەنۇب تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى بىلەن، غەرب تەرىپى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمالىي تەرىپى قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 119 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى  153 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى  167 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى  14 مىڭ  600  كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، توققۇز يېزا، 108 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك  1 - شىسنىڭ ئىككى تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  1001 كىلومېتىر.

ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيىسى قارمىقىدا 5 دانە بازارلىق بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيىسى قارمىقىدا 6 دانە يېزا بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

شىمالىي تەرىپى ئېگىز، جەنۇب تەرىپى پەس، شىمالىي قىسمى تەڭرىتاغ رايونى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى  6000 مېتىردىن ئاشىدىغان تاغ چوققىسىدىن  20 دىن كۆپرەككى بار (تۆمۈر چوققىسى ئە ئېگىز چوققا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى  7435.29 مېتىر كېلىدۇ). جەنۇبىي قىسمى تاغ - دەريالار ئارىلىقىدىكى تۈزلەڭلىك ۋە دەريا ئېقىنىنىڭ تىنىشىدىن ھاسىل بولغان تۈزلەڭلىك. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى  52.4% نى، تۈزلەڭلىك 17.6% نى، قۇملۇق  30% نى ئىگىلەيدۇ. دەرياسىدىن توشقان دەرياسى، قومئېرىق دەرياسى، تېرەڭ دەرياسى، قارا يۇلغۇن دەرياسى ۋە مۇزات دەرياسى قاتارلىقلار بار. يەر يۈزى سۇ بايلىقى ئۈچ مىليارد  20 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى بىر مىليارد  120 مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋانات بايلىقىدىن قۇلان، يىلپىز، قاقىر، شىمال ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، ئۇلاr قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، گەج، قاشتېشى، تۇز، سېغىز توپا، مەرۋايىت تاش قاتارلىقلار بار.

بۇ ناھىيە يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ناھىيە، ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى  37 مىڭ  500 گېكتار ( 562 مىڭ  500 مو)، ئورمانلىق كۆلىمى  95 مىڭ 700  گېكتار (بىر مىليون 435  مىڭ 500  مو)، ئوتلاق كۆلىمى 541  مىڭ گېكتار (8  مىليون 115 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان  37 مىڭ  600 گېكتار (564 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، قىزىلچا، قۇلماق، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئىنچىكىلىك بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۈرۈچ، پۇراقلىق گۈرۈچ، يېپىشقاق پۇراقلىق گۈرۈچ مەملىكەتلىك دېھقانچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ  گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئات، ئېشەك قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېنېرگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېمەكلىك، يېزا ئىگىلىك ۋە قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىتىدىغان بۇيۇملار قاتارلىقلار بار. ئۆزىگە خاس مەھسۇلاتلىرىدىن دۇڭلىڭ قاشتېشىدىن سىپتا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار، دورىلىق ناترىي خلورد، ئېفېرىن قاتارلىقلار بار.

ئونسۇ ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  10.2℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  37.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 27.4℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2718.1 سائەت. قىروسىز مەزگىلى  207 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  62.9 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  180.9 مىللىمېتىر.




#Article 42: شايار ناھىيىسى (486 words)


شايار ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Shayar Nahiyisi)  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. شايار ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىسمىغا، تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى لوپنۇر ناھىيىسى، چەرچەن ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى كېرىيە ناھىيىسى، نىيە ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى بىلەن، شىمال تەرىپى توقسۇ ناھىيىسى، كۇچار ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 180  كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 220 كىلومېتىر. ناھىيە تەۋەسىدە ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارىم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېھقانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 835 كىلومېتىر.

ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيىسى قارمىقىدا 7 دانە بازارلىق بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيىسى قارمىقىدا 4 دانە يېزا بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس بولۇپ، ئۈگەن دەرياسى تىنمىسى، تارىم دەرياسى ۋادىسى تۈزلەڭلىكى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تۈزلەڭلىك، بوستانلىق  19.5% نى، قۇملۇق  80.5% نى ئىگىلەيدۇ. ئۈگەن دەرياسى ۋە تارىم دەرياسىدىن ئىبارەت چېگرا ھالقىغان ئىككى دەرياسى بار، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى ئالتە مىليارد  300 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى بىر مىليارد  120  مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن قارالەيلەك، كوكۇلىلىق تۇرنا، قارا تايغان بۇغا، تارىم توشقىنى، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا توڭگۇز، قىرغاۋۇل قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن لوپنۇر كەندىرى، توغراق (زاپاس مىقدارى 540 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىدۇ)، چۈچۈكبۇيا، ئالىقات، توشقان زەدىكى، چىغان قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، تەبىئىي گاز، گىلائۇبېر تۇزى، شۇلتا قاتارلىقلار بار.

بۇ ناھىيە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى  42 مىڭ  600 گېكتار (639 مىڭ مو)، ئورمان كۆلىمى  107 مىڭ  300 گېكتار (1  مىليون 610 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان  48 مىڭ گېكتار  (720 مىڭ مو)، ئورمان بىنا قىلىشقا ۋە چارۋىچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان  213 مىڭ  300 گېكتار (3  مىليون 200 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات، قولماق قاتارلىقلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە كېۋەز ناھايىتى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇ ناھىيە  1994 - يىلى مەملىكەت بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان كۈچلۈك  100  ناھىيە ئىچىدە 10 - قاتارغا ئۆتتى. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك، ئات قاتارلىقلار بار. ھەسەل ھەرىسى بېقىش ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۆستۈرۈش ۋە سۇ ئۆسۈملۈكلىرى باقمىچىلىقىمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە. سانائىتىدىن توقۇمىچىلىق، قەغەز ياساش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ماي خىمىيە سانائىتى، ماشىنا رېمونتچىلىقى، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. شايار ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. ئۆلكە تاشيولىنىڭ 210 - ۋە  211 - لىنىيىسى دۆلەت تاشيولىنىڭ  314 - لىنىيىسى بىلەن ناھىيە تەۋەسىدە تۇتىشىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. ئوپتىكلىق كابىل ئارقىلىق خەۋەرلىشىش رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.  3000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالاقلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى.

شايار ناھىيىسى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  10.8℃ ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  -28.7℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 87.1 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا  30℃  تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3036.3 سائەت  10℃  يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4109.6℃. قىروسىز مەزگىلى  216 كۈن. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى  42.8 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2006.7 مىللىمېتىر.  




#Article 43: ئاۋات ناھىيىسى (387 words)


ئاۋات ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Awat Nahiyisi)  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. ئاۋات ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق ۋە شىمال تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى بىلەن، غەرب تەرىپى كەلپىن ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى لوپ ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 100  كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 150 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى  13 مىڭ  300 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيە تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك  1 - شىسىنىڭ ئۈچ تۇەن - مەيدانى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق قارا دۆڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېقھانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيەبازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئارىلىقى  1071 كىلومېتىر.

ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيىسى قارمىقىدا 3 دانە بازارلىق بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

ئىزاھات:

يەر تۈزۈلۈشى تۈز بولۇپ، غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قىيپاش. بوستانلىق 18.2% نى، چۆل - قۇملۇق  81.8% نى ئىگىلەيدۇ. ئاقسۇ دەرياسى ۋە كونا دەريادىن ئىبارەت چېگرا ھالقىيدىغان ئىككى دەرياسى بار. يىللىق ئېقىن مىقدارى بىر مىليارد  387 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى  783 مىليون  كۇب مېتىر (ئېچىشقا بولىدىغان زاپاس مىقدارى  470  مىليون كۇب مېتىر). ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاق بوغۇز بۆكەن، بۆكەن (ئاھۇ)، ياۋا بۇغا، تۈلكە، ياۋا چوشقا قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، قومۇش، يۇلغۇن، لوپنۇر كەندىرى، توشقان زەردىكى قاتارلىقلار بار.  

بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى  36 مىڭ  900 گېكتار (553 مىڭ  500 مو)، ئورمان كۆلىمى  27 مىڭ  900  گېكتار (418  مىڭ  500 مو)، ئوتلاق كۆلىمى  176 مىڭ  900  گېكتار (2 مىليون  653 مىڭ  500 مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان  80  مىڭ گېكتار (1 مىليون  200 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. دېقھانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كېۋەز، بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، پۇرچاق، ياغلىق دان، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. قەغەز ياڭاق بىلەن ئۆرۈك ئاۋات ناھىيىسىنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، قوي ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، پاختا ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلاتىنى سىستېمىلىق پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.

ئاۋات ناھىيىسىنىڭ كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق كىلىماتقا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى℃ 10.5، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃ 39.4، ئەڭ تۆۋە تېمپېراتۇرىسى  -℃ 23.3، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن  75.1 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمېپراتۇرا ℃ 30 تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2596.6 سائەت. ℃ 10  يىغىندا تېمپېراتۇرىسى  3975.8، قىروسىز مەزگىلى  214 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  1.45 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1887.4 مىللىمېتىر.




#Article 44: كۇچار ناھىيىسى (462 words)


كۇچار ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Kuchar Nahiyisi)  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. كۇچا ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى بۈگۈر ناھىيىسى، باغراش ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى شايار ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى توقسۇ ناھىيىسى، باي ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 193 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 164 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 15 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، 13 يېزا، 216 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 745 كىلومېتىر.

ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا ناھىيىسى قارمىقىدا 4 دانەكوچا باشقارمىسى ، 8 دانە بازارلىق ۋە 6 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس، شىمالىي تەرىپى تەڭرىتاغ رايونى، مۇزتاغ چوققىسى ئەڭ ئېگىز بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4553 مېتىر كېلىدۇ). جەنۇبىي تەرىپى دەريا ئېقىنىنىڭ تىنىشىدىن بولغان تۈزلەڭلىك. تاغ يېرى 44% نى، تۈزلەڭلىك 56% نى ئىگىلەيدۇ. كۇچار دەرياسى بىلەن ئۈگەن دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دەرياسى بار. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى 592 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 780 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، قاقىر شىمال ئۆچكىسى، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، قارا تايغان بۇغا، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن شىنجاڭ ئارچىسى، مېۋىلىك ئاق تىكەن، تەڭرىتاغ چىتەنى، قارا ئالىقات، ئېگىر، قارا يوپۇرماقلىق جىنتيانا، چىلان، ئوسما يىلتىزى قاتارلىقلار بار.

بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 52 مىڭ 200 گېكتار ( 783 مىڭ مو)، ئورمانلىق كۆلىمى 101 مىڭ 700 گېكتار (بىر مىليون 525 مىڭ 500 مو)، ئوتلاق كۆلىمى 380 مىڭ 600 گېكتار (بەش مىليون 709 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا، ئورمان بەرپا قىلىشقا باب كېلىدىغان 341 مىڭ 500 گېكتار (بەش مىليون 122 مىڭ 500 مو) قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كېۋەز، بۇغداي، كۆممىقوناق، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئېشەك، ئات قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن كۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى ياساش، پاختا چىقىرىش، كىگىز ئىتىش ۋە ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى قاتارلىقلار بار.

كۇچار ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە، دۆلەت تاشيولىنىڭ 314 - ۋە 217 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. شەھەر، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. خەلق ئاۋىئاتسىيىنىڭ كۇچادىن كورلا، ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلانى بار. 10 مىڭ پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالاقىلىشىش توغرىغا كىرگۈزۈلدى.

كۇچار ناھىيىسى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -27.4℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 73.8 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2912.4 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4300.7℃، قىروسىز مەزگىلى 248 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 64.8 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2842.5 مىللىمېتىر.

كۇچا ناھىيىسىدە دۇنخۇاڭنىڭ غەربى، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي بويىچە سانى ئەڭ كۆپ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان تاش غار بۇتخانىسى، قەدىمكى تۇرا قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە داڭلىقلىرىدىن كۇسەن قەدىمكى شەھىرى، قۇمتۇرا مىڭئۆيى ۋە جاۋخۇلى بۇتخانىسى خارابىسى بار.




#Article 45: كەلپىن ناھىيىسى (391 words)


كەلپىن ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Kelpin Nahiyisi)  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. كەلپىن ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە، تەڭرىتاغ تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى، ئاۋات ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئاقچى ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 151 كىومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى  110 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى ئون مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر يېزا، ئۈچ يېزا،  24 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  1154 كىلومېتىر.

ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيىسى قارمىقىدا 3 دانە بازارلىق بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

ئىزاھات:

بۇ ناھىيىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قىيپاش بولۇپ، تاغلىق رايون، ئويمانلىق ۋە تىنما تۈزلەڭلىك ئۈچ قىسمدىن تەركىب تاپقان. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى  72.4% نى، تۈزلەڭلىك  27.6% نى ئىگىلەيدۇ. كەلپىن دەرياسى بىلەن قىزىلقۇم دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى بۇلاق سۈيى دەرياسى بار. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى مىقدارى  83 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى  143 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن بۆرە، تۈلكە، ياۋا توڭگۇز، ئارقار، سۇغۇر، ئاق بوغۇز بۆكەن، توشقان، بۈركۈت، ئۇلار، تاغ كەكلىكى قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن يۇلغۇن، ئاق سۆگەت، قوڭغۇراق تىكەن، ياپىلاق ئاچا، كۆك  ئەمەن، لوپنۇر كەندىرى، قومۇش قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن گۈڭگۈرت، تۆمۈر، مىس، ئاليۇمىن، فوسفور، سىنك، ئۇران، كۆمۈر، سىڭىرتاش، كۋارتس، سۇ كىرىستالى، قاشتېشى، ھېقىق، ھاك تاش، ئىسلاندىيە شىپاتى، بازالىت قاتارلىقلار بار. 

بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىپ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 6500 گېكتار ( 97 مىڭ  500 مو)، ئەمەلىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى  5000 گېكتار (75 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان، 100 مىڭ گېكتار (1 مىليون 500 مىڭ مو)، چارۋىچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان، ئورمان بىنا قلىشقا كېلىدىغان بوزيەر كۆلىمى ئايرىم - ئايرىم  66  مىڭ 700 گېكتار (1 مىليون مو)دىن توغرا كېلىدۇ. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، پاختا، ياغلىق دان قاتارلىقلار بار. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك، ئات، تۆگە قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، سۇ ئېلېكترى، سېمونت، كانچىلىق، يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش قاتارلىقلار بار.

كەلپىن ناھىيىسى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  11.4℃ ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.9℃، ھەريىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن  5.95 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇر 30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2796.9 سائەت،  10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى  4378.8℃. قىروسىز مەزگىلى  213 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 71.6  مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2847.1 مىللىمېتىر.




#Article 46: توقسۇ ناھىيىسى (408 words)


توقسۇ ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Toqsu Nahiyisi)  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. توقسۇ ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى كۇچار ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى، ئونسۇ ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى شايار ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى باي ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى  136 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى  91 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى  5559.3 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  788  كىلومېتىر.

ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسى قارمىقىدا 3 دانە بازارلىق ۋە 5 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

شىمالى ئېگىز، جەنۇبىي پەس بولۇپ، ئۈگەن دەرياسى تىنما تۈزلەڭلىكى ۋە غەربى جەنۇبىي قىسىم كەلكۈن تىنمىسى تۈزلەڭلىكى دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى  13.0% نى، بوستانلىق  21.3% نى، قۇملۇق  65.4% نى، سۇ كۆلىمى  0.3% نى ئىگىلەيدۇ. بىردىنبىر دەرياسى ئۈگەن دەرياسى چېگرا ھالقىغان  دەريا بولۇپ، يىللىق ئېقىن مىقدارى  ئىككى مىليارد  220 مىليون كۇب مېتىر. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى بەش مىليون كبۇ مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى  530 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن قارا لەيلەك، ئاق بوغۇز بۆكەن، بۆرە، تۈلكە، ياۋا چوشقا قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، پاقا يوپۇرماق ئۇرۇقى، مامكاپ قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلاردىن نېفىت، تەبىئىي گاز، تۇز قاتارلىقلار بار.  

بۇ ناھىيە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى  32 مىڭ  300 گېكتار ( 484 مىڭ  500 مو)، ئورمان كۆلىمى  40 مىڭ گېكتار (600 مىڭ مو)، ئوتلاق كۆلىمى  113 مىڭ  300  گېكتار (بىر مىليون 700  مىڭ مو). يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 26 مىڭ  700 گېكتار (400 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، كۆممىقوناق، شال، پۇرچاق، ياغلىق دان، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. مۇناقى ئۈزۈم، نەشپۈت، قەغەز ياڭاق، ئارپىبەدىيان قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار بار. مۇناقى ئۈزۈم، نەشپۈت، قەغەز ياڭاق، ئارپىبەدىيان قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى بار. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ماشىنسازلىق، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك ۋە قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.

توقسۇ ناھىيىسى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە  تېمپېراتۇرىسى 10.5℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.1℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 29.9℃. يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 74.1 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا  30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2880.1 سائەت،  10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 3995.0℃. قىروسىز مەزگىلى  218 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  53.8  مىللىمېتىر. سۇنىڭ ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2027.6 مىللىمېتىر.

ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن توغراق ئېقىن مىڭئۆيى، توڭگۇز باش قەدىمىي شەھىرى، ئۇچقات قەدىمىي شەھىرى، تاڭ دەۋرىدىكى جېجۆگۇەن قوۋۇقى خارابىسى قاتارلىقلار بار.




#Article 47: ئۇچتۇرپان ناھىيىسى (405 words)


ئۇچتۇرپان ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Uchturpan Nahiyisi)  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. ئۇچتۇرپان ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە، تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى ۋە ئونسۇ ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئاقچى ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى كەلپىن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى  116 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى  139.5 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى  124.5 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى  8560.8 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار،  8 يېزا،  108  كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 1  - شىسىنىڭ بىر تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1111 كىلومېتىر.

ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى قارمىقىدا 3 دانە بازارلىق بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى قارمىقىدا 6 دانە يېزا بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

غەربىي شىمالى ئېگىز، شەرقىي جەنۇبى پەس بولۇپ، ئىككى تەرىپى تاغ بىلەن ئورالغان. يەر مەيدانىنىڭ  59.5%  نى تاغ يېرى، 28% نى، قۇملۇق ۋە چۆللۈك  12.5% نى  دەريا ۋادىسىدىن پەيدا بولغان تۈزلەڭلىك تەشكىل قىلىدۇ. توشقان دەرياسى پۈتۈن ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى  516 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى  بىر مىليارد 70  مىليون كۇب مېتىر، (ئېچىشقا بولىدىغان زاپاس سۇ مىقدارى 640  مىليون كۇب مېتىر). ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، شىمال ئۆچكىسى، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئاققۇ، ئۇلار، تۈلكە، سۇغۇر قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چەچۈكبۇيا، قارلەيلىسى، قانتېپەر، سېرىق يۆگەي قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئالتۇن، سىماب، فوسفور، ئاليۇمىن، كۆمۈر، مەرمەر تاش، قوغۇشۇن، سىنىك، بارىت، سىڭىرتاش، سۈرمە، ھاك تاش، ساپال ۋە فار - فۇر توپىسى قاتارلىقلار بار.

بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 31 مىڭ گېكتار (465  مىڭ مو)، ئورمان كۆلىمى 18 مىڭ  500 گېكتار (277 مىڭ  500 مو) ئوتلاق كۆلىمى  18 مىڭ  300 گېكتار (275  مىڭ مو)، ئۆزلەشتۈرۈشكە بولىدىغان يەر 19  مىڭ 300 گېكتار ( 290 مىڭ مو). دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، شال، كۆممىقوناق، دادۇر، كېۋەز، مايلىق دان قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا كالا، قوينى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، پاختا چىقىرىش، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.

ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 9.1℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  35.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 26.6℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن  24.0℃ كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2871.3 سائەت.  10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى  3484.9℃، قىروسىز  مەزگىلى  185  كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 92.0 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  1981.9  مىللىمېتىر.




#Article 48: ئۈرۈمچى ناھىيىسى (353 words)


ئۈرۈمچى ناھىيىسى تەڭرىتاغ نىڭ ئوتتۇرا قىسىمىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ۋە تەڭرىتاغ رايونى نى ئوراپ تۇرىدۇ. شەرقتە تۇرپان شەھىرى بىلەن، غەربتە سانجى شەھىرى بىلەن، شىمالدا مىچۈەن شەھىرى بىلەن، جەنۇبتا توقسۇن ناھىيىسى، خوشۇت ناھىيىسى، خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ. شەرقىي شىمالدا بۇغدا تېغىدىن ئۆتۈپ جىمىسار ناھىيىسى، فۇكاڭ شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 190 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 120 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 4212 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۈرۈمچى ناھىيىسىدە 3 دانە بازارلىق ۋە 3 دانە يېزا بار بولۇپ، ئۇنىڭ يېزا بازارلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ  يەر تۈزۈلۈشى، غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئېگىزلەپ بارىدۇ. تىيانشان باغ تىزمىسىدىن ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ  شەرقىي جەبنۇبىي تەرىپىدە سوزۇلۇپ ياتىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 5445 مېتىر ئېگىز بولغان تىيانشان تېغىنىڭ ئاساسلىق چوققىسى-بۇغدا چوققىسى بۇ ناھىيەدىكى ئەڭ ئېگىز نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. جەنۇبىي تەرەپتىكى تاغلىق رايون پۈتۈن ناھىيە ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن %50ىنى، تاغلىقتىكى ئۇششاق شېغىلدىن تەركىب تاپقان تۈزلەڭلىك ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن% 16.6ىنى، شىمالكىي تەرەپتىكى ئېدىرلىق ۋە توپا تۈزلەڭلىك ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %33.4ىنى ئىگىلەيدۇ. تۇدۇڭخابا دەرياسى، ئۈرۈمچى دەرياسى، سەيۋوپۇ كۆلى، بەيياڭخېي دەرياسى، ئالغۇيدىن ئىبارەت بەش چوڭ سۇ سىستېمىسى بار.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئاسىيادىكى مۆتىدىل، قۇرغاق كىلىمات رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرسسى 5.7، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرسسى 40.5، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرسسى-41.5، يىلىغ ائوتتۇرا ھېساب بىلەن 36.7 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق كۈن بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرسى 30 تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2733.6 سائەت، 10 جۇغلانما تېمپېراتۇرا 3063.3، قىروسىز مەزگىلى 156 كۈن، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 277.6 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1914.1 مىللىمېتىر.

يەر ئۈستى سۇ بايلىقىنىڭ مىقدارى 800 مىليون كۇب مېتىر. پايدىلىنىدىغان تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ مىقدارى 556 مىليون كۇب مېتىر. ئۇلانباي-سەيۋوپۇ-داۋانچىڭ ئارىلىقى مەشھۇر شاماللىق رايون ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايلارنىڭ شامال كۈچى بايلىقى ناھايىتى مول بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە شامال سۈرئىتى 2.6 مېتىر / سېكۇنت، ئۈنۈملۈك شامال قۇۋۋىتى 2000-3000 كىلوۋات. سائەت / كۋادرات مېتىر. ئۈرۈمچى ناھىيىسىدە يەر ئاستى كان بايلىقلىرى مول، 2013 - يىلىغا قەدەر، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان كان تۈرى 8، ئاساسلىقىكۆمۈر، گەج، ھاك تېشى، مىس، فوسفور، ئالتۇن، تۆمۈر، سېغىز توپا، شور، تۇز دېگەنگە ئوخشاشلاردىن ئىبارەت. كۆمۈر تىپىدىكى كان تېغىدىن 26 سى، قۇم، شېغىل توپىدىن ئىبارەت كۆمۈردىن باشقا كان تېغىدىن 40 ى بار.

ئۈرۈمچى ناھىيىسىدە بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى، نەنسەن شياۋچۈزى مەنزىرىسى، شۇيشىگۇ، يامالىق تېغى باغچىسى قاتارلىقلار بار.




#Article 49: مارالبېشى ناھىيىسى (350 words)


مارالبېشى ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Maralbéshi Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قەشقەر ۋىلايىتىگە قارايدۇ. مارالبېشى ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى ئاۋات ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى پەيزاۋات ناھىيىسى، يوپۇرغا ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى، ئاتۇش شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى كەلپىن ناھىيىسى، ئاقچى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى  215 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى  169 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 21 مىڭ  700 كۋادرات كىلومېتىر. 

قەشقەر ۋىلايىتىمارالبېشى ناھىيىسى قارمىقىدا 4 بازارلىق ۋە 8 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

غەربىي قىسمى ئېگىز، شەرقىي قىسمى پەس، غەربىي شىمال قىسمى تاغلىق، تاغلىق يەر  10.7% نى، بوستانلىق  38.8% نى، قۇملۇق  50.5% نى ئىگىلەيدۇ. زەرەپشان دەرياسى بىردىنبىر چوڭ دەريا بولۇپ، يىللىق ئېقىن مىقدارى  820 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ يەر ئاستى سۇ زاپىسى  1  مىليارد 150 مىليون كۇب مېتىر؛ يەنە  3 سۇ ئامبىرى بولۇ، ئۇنىڭ سۇ ساقلاش مىقدارى  127 مىڭ كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن بۇغا، ساي تۈلكىسى، ياۋا توڭگۇز قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، لوپنۇر كەندىرى، توشقان زەدىكى، چاكاندا قاتارلىقلار بار. 

بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، تۆمۈر، مىس، قوغۇشۇن، فوسفور، ئالماس، ھاكا تېشى، تۇز  قاتارلىقلار بار.

بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىك ناھىيىسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر  40 مىڭ  900 گېكتار ( 613 مىڭ  500 مو) تېرىلغۇ يەر،  38 مىڭ  900  گېكتار (583 مىڭ  500 مو) ئوتلاق،  173 مىڭ گېكتار ( 2 مىليون  595 مىڭ مو) ئورمان،  330 مىڭ گېكتار ( 4  مىليون 950 مىڭ مو) ئۆزلەشتۈرگىلى بولىدىغان بۇيەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كېۋەز، بۇغداي، كۆممىقوناق، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. بولۇپمۇ پاختا بۇ ناھىيىنىڭ تۈۋرۈك مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ.  1994 - يىلى مەملىكەت بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىشتىكى  100 كۈچلۈك ناھىيە ئىچىدە  19 - ئورۇندا تۇردى.

مارالبېشى ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  11.7℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېرراتۇرىسى  42.7℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 214.2℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2884.2 سائەت.  10℃  جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4363.7℃، قىروسىز مەزگىلى  227 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  44.7  مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2108.6 مىللىمېتىر. 

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن توققۇز سەلەي خارابىسى، (خەنزۇچە تاڭ دەۋرىدىكى پادىشاھ قەلئەسى دېيىلىدۇ)، تاڭ دەۋرىدىكى تازىمغانا خارابىسى - چوڭ تام، تاڭ دەۋرىدىكى تۇرا خارابىسى قاتارلىقلار بار.




#Article 50: پوسكام ناھىيىسى (340 words)


پوسكام ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قەشقەر ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. پوسكامنىڭ يەر مايدانى 999.66 كۇۋادرات كىلومېتىر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 180،000. پوسكام ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە، زەرەپشان دەرياسىنىڭ يەلپۈگۈچسىمان تىنىمىسىغا جايلاشقان. جەنۇب تەرىپى قاغىلىق ناھىيىسى، شىمال تەرىپى يەكەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 61 كىلومېتىر. غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقىچە بولغان كەڭلىكى  14 - 23 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى  1096.2 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا بىر رايون، 2 بازار، 10 يېزا،  133  كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1447 كىلومېتىر.

قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيىسى قارمىقىدا 2 بازارلىق ۋە 10 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا پەسىيىپ بارىدۇ. تۈزلەڭلىك يېرى  67.5% نى، چۆللۈك  22.5% نى ئىگىلەيدۇ. تەۋەسىدە زەرەپشان دەرياسى بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى  550 مىليون كۇب مېتىر ئەتراپىدا، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ يەرئاستى سۇ زاپىسى  633 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋاناتتىن ساي تۈلكىسى، ئىپپار چاشقىنى قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقى بىرقەدەر مول، بۇنىڭ ئىچىدە چۈچۈكبۇيا كەڭ تارقالغان. قېزىلما بايلىقلىرىدىن نېفىت ۋە كۆمۈر بار.

پوسكام ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  11.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 38.8℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 23.0℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2659.7 سائەت. قىروسىز مەزگىلى  214 كۈن. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى  49.0 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2228.2 مىللىمېتىر.

بۇ ناھىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 24 مىڭ  200 گېكتار (362 مىڭ  400  مو) تېرىلغۇ يەر، 6200 گېكتار (93 مىڭ مو) ئورما،  5300 (75 مىڭ  700 مو) ئوتلاق،  8600  گېكتار (128 مىڭ  900 مو) سۇ يۈزى،  3300 گېكتار (50 مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر، 1200 گېكتار (17 مىڭ 500 مو)  ئورمانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كېۋەز، بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، ئالما، ئامۇت، ياڭاق، بادام، چىلان ۋە كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئېشەك ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن پاختا توقۇمىچىلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كۆمۈر، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، سۇلياۋ بۇيۇملىرى ئىشلەش قاتارلىقلار بار.  پوسكام ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت يولى  315 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. شەھەر - يېزىلارنىڭ ئاسفالىت يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدۇ.




#Article 51: پەيزاۋات ناھىيىسى (1098 words)


پەيزاۋات ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قەشقەر ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ.
پەيزاۋات ناھىيىسى تەڭرىتاغ نىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى، كونا شەھەر ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى يوپۇرغا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال تەرىپى ئاتۇش شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 140 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 80 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 2.6316 كۋادرات كىلومېتىر.  ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1415 كىلومېتىر.

قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيىسى قارمىقىدا 4 بازارلىق ۋە 9 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

غەربىي قىسمى ئېگىز، شەرقىي قىسمى پەس، شىمالىي قىسمى ئېگىز، جەنۇبىي قىسمى پەس. تاغلىق يەر  8.4% نى، تۈزلەڭلىك  46.6% نى، چۆللۈك، سايلىق، قۇملۇق  45% نى ئىگىلەيدۇ. قىزىل دەرياسى بىردىبىر دەرياسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ يىللىق ئېقىن مىقدارى  870 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ يەر ئاستى سۇ زاپىسى  799 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا توڭگۇز، ساي تۈلكىسى قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، يەر مەدىكى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، يەر مەدىكى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن مىس، گۈڭگۈرت، ياقۇت، گەژ قاتارلىقلار بار. 

پەيزىۋات ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  11.7℃ ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  ـ 22.5℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2923.3 سائەت،  10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى  4277.4℃، قىروسىز مەزگىلى  233 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  54.0 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2251.1 مىللىمېتىر.

بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر  40 مىڭ  900 گېكتار ( 613  مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 30 مىڭ  900 گېكتار ( 463 مىڭ  500 مو) ئورمان،  240  مىڭ گېكتار (3 مىليون  600  مىڭ مو) ئوتلاق، 28 مىڭ  200 گېكتار (423  مىڭ 600 مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان بوزيەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، كۆممىقوناق، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە ئاساس قىلىنىدۇ. جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە داڭقى  ئىچكىرىدىكى  22 ئۆلكە،  54 شەھەر ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرى شۇنىڭدەك چاۋ شىيەن، ياپونىيە، سىنگاپور، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلماقتا. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئېشەك ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش، كۆن - خۇرۇم، مەتبۇئاتچىلىق، پاختا چىقىرىش ۋە ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.

كونىلار شۇنداق رىۋايەت قىلىپتۇرلەركى، ئۇزاق ئۆتكەن زامانلارنىڭ بىرىدە، قەشقەردە ئارسلانخان ئىسىمىلىك بىر خان ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ ھارۇنخان  ئىسىملىك بىر مەسلىھەتچى ۋەزىرى بار ئىكەن. ئارسلانخان ئېلى ئىسىملىك، ھارۇنخاننىڭ بولسا پەيزۇللا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولغانىكەن.  بۇ ئىككىيلەننىڭ يېشى ئانچە پەرقلەنمەيدىكەن، بىر - بىرى بىلەن ئىناق خۇشال ئۆتىدىكەن. بىرەر خۇشاللىقى بولسا تەڭ كۈلۈپ، خاپىلىققا تەڭ قايغۇرىدىكەن. بىر مەكتەپتۇ، بىر ئۇزتازدىن تەلىم ئالغانىكەن. ئۇلار چوڭ بولغانسېرى ئات مىنىش، قىلىچ - نەيزىۋازلىق، ئوقيا ئېتىش ئىشلىرىغا قىزىقىدىغان بوپتۇ. كۈنلەردىن بىركۈنى ئىككى بەگزادە ئاتلىرىدىن رۇخسەت ئېلىپ، قەدىمىي ئوردا «خانئۆي» ئەتراپىغا ئوۋغا چىقىپتۇ. قۇمباغ، سايۋاغ، چارۋاغ، بايتوقاي،  لەڭگەر . . . دېگەندەك يۇرت - ئۆتەڭلەردىن ئۆتۈپ، قىزىل دەرياسى بىلەن چاقماق دەرياسى ئارىلىقىدىكى غورۇ جاڭگال ئىچىگە كەپتۇ. ئۇ يەرلەردە بۆرە، تۈلكە، قاۋان، ياۋا توڭگۇز، كېيىك، توشقان، تاغ تېكىسى، قوتاز، قىرغاۋۇل، قارىچىغا، جاغالماي، كەكلىك، بۆدۈنە، لاچىن، بۈركۈت ۋە تورغاي، قۇشقاچقا ئوخشاش گۆشخور، ئوتخور، تۆت ئاياغلىق، جۈپ قاناتلىق چوڭ - كىچىك ياۋايى ھايۋان ۋە قۇشلار ياشايدىكەن. توغراق، يۇلغۇن، جىگىدە، سۆگەت، سېدە قاتارلىق دەرەخلەر، خىلمۇ خىل ئوت - چۆپلەر ئۆسىدىكەن. ئارىلاپ - ئارىلاپ قونالغۇ ئۆيلەرمۇ ئۇچراپ تۇرىدىكەن. شاھزادىلەر تاغ باغرىدىكى ساغۇنباغدىن كۈنپېتىشقا بۇرۇلۇپ، كەڭ كەتكەن يايلاقنى توغرا كېسىپ، «ئاقسۇ دەرياسى» بويىغا كېلىشىپتۇ. ئىلگىرى ئۇلار بۇ يەرلەرگە كېلىپ باقىمىغانىكەن. بۇ يەردە بىر كېچىك، بىر - ئىككى ئۆيلۈك دېھقان بار ئىكەن. كەچقۇرۇن بىر بېلىقچى بوۋاينىڭ ئۆيىدە قونۇپتۇ. ئوۋ غەنىيمەتلىرىنى كاۋاپ قىلىپ، ئۆي ئىگىسى بىلەن تەڭ يېيىشىپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە ئاتلىرىنى تەۋەككۈل دەرياسىغا سېلىپ، قىزىلسۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپتۇ. بۇ يەردە دەريادىن سۇ چىقىدىغان، كۈنپېتىشقا ئېقىپ كېتىدىغان بىر ئۆستەڭ، ئۇ ئۆستەڭنى بويلاپ كەتكەن تار ھارۋا يولى بار ئىكەن، بەگزادىلەر يول بىلەن خېلى ئۇزاق ماڭغاندىن كېيىن، بىر كىچىك يۇرتقا يېتىپ كەپتۇ. 

بەگزادىلەر يۇرتنىڭ ئىچىگە كىرىپ، چوڭ بىر كۆلنىڭ بويىدا ئاتلىرىدىن چۈشۈپتۇ. ھايال ئۆتمەيلا ئەسىر نامىزىدىن يانغان جامائەتلەر  بۇ يەرگە كېلىپ «ئۆتكۈنچى مۇساپىرلار» بىلەن كۆرۈشۈپتۇ.  جامائەتنىڭ «كۈسەنباي ئىسىملىك بىر ئاقساقىلى بارئىكەن، ئۇ ھەم يۇرت بېشى، ھەم ئىمام ئىكەن. كۈسەنباي بۇ ئىككى مۇساپىرنى ئۆز ھويلىسىغا تەكلىپ قىلىپتۇ. كەچقۇرۇن يۇرت ئەھلى قوي سويۇپ، مەشرەپ قىلىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋاپتۇ. ئەتىسى مىھمانلار يىراق - يېقىننى كۆرۈپ ئېتىزلارنى ئارىلاپ، باغلاردا سەيلە - ساياھەت قىپتۇ. كەچلىرى ھويلىدا ئولتۇرۇپ ھېكايە ئاڭلاپتۇ. ئاۋۋال كۈسەنباي  بۇ يەرنىڭ خەلقى، يەرلىرى، ھوسۇلى، يوللىرى، قەيەرگە قاراشلىق ئىكەنلىكىنى، قانچىلىك غەللە - پاراق تۆكىدىغانلىقى ئۈستىدە چۈشەندۈرۈپتۇ. ئاندىن بۇ « كەنگىندى»لەرنىڭ قەيەردىن، نېمە سەۋەب بىلەن بۇ يەرلەرگىچە كېلىپ قالغانلىقىنى سوراپتۇ. بەگزادىلەر ئۆز ئاتىلىرىنىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەنم، ئۆزلىرىنى«يولدىن ئېزىپ بۇ يەرگە كېلىپ قالغان مۇساپىرلار» دەپ كۆرسىتىشىپتۇ. كۈسەنباي كۆپنى كۆرگەن، تەجرىبىلىك ئادەم ئىكەن. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ سۆزلىرىدىن ئۆزىچە شۈبھىلىنىپ، تولىمۇ ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈپ، ئۇلارنى قولىدىن كېلىشىچە ياخشى كۈتۈۋېلىپتۇ. بەگزادىلەر كېتىدىغان چاغدا، كۈسەنباي ئۇلارغا بىر قانچە قارا  كۆكچى قوغۇن يوللۇق تۇتۇپتۇ ۋە دەپتۇ:   _ قىزىلسۇ دەرياسىنىڭ بويىدىكى يېڭى مەھەللە دېھقانلىرى ئارسلان بۇغراخانىمىزغا سالام يوللىدى! - دەپ قويۇشالا، بەگچىلىرىم!   بەگزادىلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ سالاھىيىتى ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى سېزىپ، كۈسەنبايغا ھەقىقىي نام- شەرىپلىرىنى مەلۇم قىپتۇ. بىر قانچە كۈنلەر ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بۇ جەرياندا ئۇلار كۈسەنباينىڭ ھېكايىسىنى بەكمۇ قىزىقىپ ئاڭلاپتۇ. بۇ ھېكايىنى ئاستانىگە بارغاندىن كېيىن خان ئاتىمىزغا سۆزلەپ بېرىمىز، مولا تەكلىپ قىلىپ كىتابقا پۈتكۈزىمىز، - دەپتۇ.   شاھزادە ئېلى، بەگزادە پەيزۇللالار ئوردىغا قايتىپ كەپتۇ. ئەھۋاللارنى تولۇق مەلۇم قىپتۇ. ئارسلانخان ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ھارۇنخاندىن    : «پەيزۇللا بەگزادە ئۇ يەرگە بارسا قانداق» دەپ سوراپتۇ.  ھارۇنخان: «ئىلتىپاتلىرىغا رەھمەت شاھىم! ئۆزلىرى بىلىلا، مەن ياشىنىپ قالدىم. ئۆز يۇرتۇمنى سېغىنىۋاتىمەن، ئوغلۇم ئالدىن يېتىپ بارسا، ئارقىسىدىن مەنمۇ يېتىپ بارىمەن » دەپتۇ.   

ئارسلانخان پەيزۇللادىن بۇ ئىشقا مەيلى بار - يوقلۇقىنى سورىغانىكەن، ئۇ دەرھاللا:   _ مەن ئۇ يەرنى خانلىقىمىزنىڭ باياشات ئۆلكىسى قىلىپ چىقىشقا بەل باغلىدىم!- دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، پەيزۇللا قىزىلسۇ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى يۇرتلارغا «بەگ» قىلىپ تەيىنلىنىپتۇ. پەيزۇللا بەگنىڭ ئوردىسى دەسلەپتە «يېڭى مەھەللە»گە قۇرۇلۇپتۇ.  بەگنىڭ ھويلا يېنىدا ھەشەمەتلىك «شەرئى مەھكىمە خانا» قۇرۇلۇپتۇ. پەيزۇللا بەگ ئالدى  بىلەن كۈسەنباينى باش قىلغان « پېشقەدەملەر ئويۇشمىسى» تەسىن قىلىپ، چوڭ - كىچىك ئىشلاردا ئۇلارنىڭ توغرا، پايدىلىق مەسلىھەتلىرىنى ئالدىكەن. پەيزۇللا بەگ ئىشنى ئۆز تەۋەلىكىنى ئايرىش، ھەر بىر يۇرتلارغا يېڭىدىن «ئاقساقال»لارنى تەيىنلەش، غەللە - پاراقنى  بىر ئورۇنغا يېغىۋېلىش، ئېرىق - ئۆستەڭلەرنى رېمۇنت قىلىشتىن باشلاپتۇ. بىر - ئىككى يىل ئۆتمەيلا  يېڭى - يېڭى يۇرتلار پەيدا بولۇشقا باشلاپتۇ. كۆپ يىللار داۋام قىلغان ئۇرۇش - يېغىلىق  دەستىدىن يۇرتىنى تاشلاپ، سەرسان بولۇپ چىقىپ كەتكەنلەرمۇ قايتىپ كېلىپ، ئۆز ماكانلىرىنى قايتا قۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ  ئۈستىگە پەيزۇللا بەگ ئەسىرگە چۈشكەنلەردىن مىڭلاپ كۆچۈرۈپ كۆچۈرۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇپتۇ . . .   بىر يىلى، دەريا سۈيى تېشىپ، يېڭى مەھەللىنى سۇ بېسىپ كېتىپتۇ. دېھقانلار كۈنچىقىشقا قاراپ قېچىپتۇ. كېيىن يېڭىدىن يەنە كۆپ مەھەللە بارلىققا كەپتۇ. پەيزۇللا بەگ چوڭلارنىڭ  مەسلىھىتى بويىچە «بەگلىك ھويلا» ۋە «شەرئى مەھكىمە» لەرنى قىزىل دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى بىر يۇرتقا كۆچۈرۈپتۇ. قەدىمكى يىپەك يولى مۇشۇ يەردىن ئۆتىدىكەن. كۆپ ئۆيمەي  بۇ يەردە گۈزەل كوچىلار، رەتلىك ئۆيلەر، جۈمە كۈنلۈكى قاينايدىغان بازار سودىسى، ئۆتەڭ - سارايلار پەيدا بوپتۇ. سودا كارۋانلىرى بۇ يېڭى ئۆتەڭگە كېلىپ چۈشىدىكەن، سودا - سېتىق قىلىشىدىكەن. شۇنداق قىلىپ بۇ يۇرت بىنا بولغانىكەن. يۇرت ئىسمىنى كىشىلەر دەسلەپتە «پەيزۇللا بەگنىڭ ئاۋات قىلغان لەڭگىرى» دەپتۇ. كېيىنچە «پەيزۇللا ئاۋاتى» دەپتۇ. ھازىرقى پەيزىۋات (پەيزۇ ئاۋات) دېگەن نام ئەنە شۇنىڭدىن ئۆزگەرگەنىكەن.




#Article 52: قاغىلىق ناھىيىسى (408 words)


قاغىلىق ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى : Qaghiliq Nahiyisi) بولسا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قەشقەر ۋىلايىتىگە قارايدۇ. قاغىلىق ناھىيىسى قارا قۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇب چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى گۇما ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرپى كەشمىر (پاكىستان كونتروللۇقىدىكى رايون)  بىلەن تۇتۇشىدۇ (چېگرا لىنىيىسى ئۇزۇنلۇقى 80 كىلومېتىر)، غەرب تەرىپى پوسكام ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى مەكىت ناھىيىسى بىلەن ۇتتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 326 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 120 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 28 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا ئۈچ بازار، 17 يېزا، 302 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 3 - شىسىنىڭ بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1514 كىلومېتىر.

قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيىسى قارمىقىدا 3 بازارلىق ۋە 17 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس. جەنۇبىي قىسمىدىكى ئېگىز تاغلىق جايلارنىڭ كۆپ قىسمى مۇزلۇق ۋە قارلىق دالا (تىرام كەڭرى چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 7464 مېتىر ئېگىز)، ئوتتۇرا قىسمىدىكى تاغلىرى ئېگىز - پەس بولۇپ، ئۇنىڭدا زور كۆلەملىك ئورمانلىق، ئوتلاق بار. شىمالىي قىسمى تىنما يەلپۈگۈچسىمان شەكىلدىكى جايلار بولۇپ، تۈزۈلۈشى پەس بولۇپ، ئېگىز - پەس ئېدىرلىق، قاغىلىقنىڭ تاغ يېرى 73.3% نى، تۈزلەڭلىك 23.6% نى، قۇملۇق ۋە چۆللۈك 3.1% نى ئىگىلەيدۇ. تەۋەسىدە تىزناپ دەرياسى، ئۇلۇق دەرياسى، چىپان دەرياسى، كۆكيار دەرياسى قاتارلىق دەريالار بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 2 مىليارد 761 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ يەر ئاستى سۇ زاپىسى 689 مىليون كۇب مېتىر. 

ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن قوڭۇر ئېيىق، يوپۇرماقلىق مىمىنايا، غاز قانىتى، چۈچۈكبۇيا، تورسۇلداق قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، ئالتۇن، مىس، تۆمۈر، ئاليۇمىن، قاشتېشى، مەرمەرتاش، گرافىت قاتارلىقلار بار.
 ==ئىقلىمى==
قاغىلىق ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 39.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 22.7℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2741.9 سائەت، 10℃ جۇغلانما تېپمېراتۇرىسى 4060.6℃. قىروسىز مەزگىلى 234 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېقىن مىقدارى  53.2 مېللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2480 مىللىمېتىر. 

بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر 47 مىڭ 800 گېكتار (717 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 20 مىڭ گېكتار (300 مىڭ مو) ئورمان، 567 مىڭ گېكتار (سەككىز مىليون 505 مىڭ 700 مو) ئوتلاق، 3300 گېكتار (50 نەچچە مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان بوز يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، كۆممىقوناق، ياغلىقدان، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. ئالاھىدە مەھسۇلاتىدىن قەغەز ياڭاق، دەنەك ئانار، ئۆرۈك قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا ئات، كالا، قوي ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن كۆمۈر، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، پاختا چىقىرىش، گىلەمچىلىك، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. 




#Article 53: يوپۇرغا ناھىيىسى (362 words)


يوپۇرغا ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قەشقەر ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. يوپۇرغا ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمىغا، گەز دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى يەكەن ناھىيىسى بىلەن، غەرب ۋە غەربىي جەنۇب تەرىپى يېڭىسار ناھىيىسى، يېڭىشەھەر ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى پەيزاۋات ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان، ئۇزۇنلۇقى  93 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى  56 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى  2688.3 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا بىر بازار،  8 يېزا،  86  كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، يېزا ئىگىلىك 3 - شىسىنىڭ بىر تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  1545  كىلومېتىر. 

قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ناھىيىسى قارمىقىدا 4 بازارلىق ۋە 5 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

غەرب تەرىپى ئېگىز، شەرق تەرىپى پەس، تۈزلەڭلىك  86.7% نى، قۇملۇق  13.3% نى ئىگىلەيدۇ. يەر سۇغىرىشتا ئاساسلىقى گەز دەرياسىنىڭ سۈيى بىلەن زەرەپشان دەرياسىنىڭ سۈيىگە تايىنىدۇ. يىللىق ئېقىن مىقدارى  420 - 460 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ يەر ئاستى سۇ زاپىسى 382 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا توڭگۇز، تارىم توشقىنى قاتارلىقلار بار. ياۋايى دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، توشقان زەدىكى، ئالقات قاتارلىقلار بار.   

يوپۇرغا ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.7℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  41.8℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 23.4℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2800.3 سائەت.  10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4359.2℃،  قىروسىز مەزگىلى  241 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  47.8 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىلىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2656.9 مىللىمېتىر. 

بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر  18 مىڭ  800 گېكتار ( 282 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر،  9000 گېكتار ( 134 مىڭ  500  مو) ئورمان، 62 مىڭ گېكتار (930 مىڭ مو) ئوتلاق،  53 مىڭ  300  گېكتار (800 مىڭ مو، دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان بۇيەر،  66  مىڭ 700 گېكتار ( 1 مىليون مو) ئورمانچىلىققا باب كېلىدىغان بوزيەر بار. 

دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، ئاپىبەدىيان، ئاپتاپپەرەس، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئېشەك ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، كۆمۈر، پاختا چىقىرىش، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.

يۇپۇرغىنىڭ ساياھەتچىلىكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كۈندىن كۈنگە تەرەققىي قىلىپ مېڭىۋاتىدۇ، ھەم  يۇپۇرغىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا ساياھەت ئورنى كۈنسىرى كۈپەيمەكتە.  مەن ئۈزۈم بىر يۇپۇرغىلىق  سىلەرنى يۇپۇرغا داۋاكۆل مەنزىرە ساياھەت رايونىغا بېرىشقا تەكلىپ بېرىمەن.




#Article 54: مەكىت ناھىيىسى (356 words)


مەكىت ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى : Mekit Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بولۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قەشقەر ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. مەكىت ناھىيىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي قىسمىغا، زەرەپشان دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى گۇما ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 160  كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 136  كىلومېتىر. قارمىقىدا بىر بازار،  9 يېزا،  130  كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 3 - شىسىنىڭ ئۈچ تۇەن - مەيدانى، ئىككى ھەربىي قىسىم دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە بىر ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  1384 كىلومېتىر.

بۇ ناھىيە زەرەپشان دەرياسى ۋە تىزناپ دەرياسىنىڭ تىندۇرمىسىدىن ھاسىل بولغان يەلپۈگۈچسىمان بوستان تۈزلەڭلىك، يەر تۈزۈلۈشى تۈز. بوستانلىق  19.7% نى، قۇملۇق  80.3% نى ئىگىلەيدۇ. تەۋەسىدىن زەرەپشان دەرياسى ۋە تىزناپ دەرياسى كېسىپ ئۆتىدۇ. يىللىق ئېقىن مىقدارى  800 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ يەر ئاستى زاپاس سۇ مىقدارى  649  مىليون كۇب مېتىر. 

قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيىسى قارمىقىدا 1 بازارلىق ۋە 9 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن تارىم بۇغىسى، ئاق بوغۇز بۆكەن، قىرغاۋۇل قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، لوپنۇر كەندىرى، توشقان زەدىكى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن نېفىت، تۇز، گەژ، ھېقىق قاتارلىقلار بار.

مەكىت ناھىيىسى  مۆتىدىلك بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.7℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  42.1℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 22.4℃. قۇياشنىڭ يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى  2805.9 سائەت.  10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4285.2℃. قىروسىز مەزگىلى  215  كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 39.4 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش  مىقدارى  2349.3 مىللىمېتىر.

بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر  33 مىڭ  600 گېكتار (504 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر،  24 مىڭ  700  گېكتار (370 مىڭ مو) تەبىئىي ئورمان،  150 مىڭ گېكتار ( 2 مىليون  250  مىڭ مو) ئوتلاق،  38  مىڭ گېكتار (570 مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە كۆكتات قاتارلىقلار بار. بولۇپمۇ پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئۈستۈنلۈكى روشەن.  1986 - يىلى بۇ ناھىيە مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ بېكىتىلدى. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي ئاساس قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مەكىت دولان قويى داڭلىق. سانائىتىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، كۆمۈر، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش - ياساش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.




#Article 55: يېڭىسار ناھىيىسى (389 words)


يېڭىسار ناھىيىسى كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى يەكەن ناھىيىسى، يوپۇرغا ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى بىلەن، غەرب، جەنۇب تەرىپى ئاقتو ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 90 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 60 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 4306.5 كۋادرات كىلومېتىر.

غەربىي جەنۇب قىسمى ئېگىز، شەرقىي قىسمى پەس، تاغلىق يەر 32% نى، تۈزلەڭلىك 28.4% نى، چۆللۈك ۋە قۇملۇق 39.6% نى ئىگىلەيدۇ. كۇسەن دەرياسى ۋە ئېگىز يار دەرياسى قاتارلىق دەرياسى بار. يىللىق ئېقىن مىقدارى 712 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ يەر ئاستى سۇ زاپىسى 417 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ساي تۈلكىسى، تارىم توشقىنى، ئاق بوغۇز بۆكەن، قىرغاۋۇل. تاغ كەكلىكى قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، نېفىت، مەرمەر تاش، خرۇستال، گۈڭگۈرت، تۇز، قوغۇشۇن، ھاك تېشى، گەژ، شۇلتا قاتارلىقلار بار.

قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيىسى قارمىقىدا 2 بازارلىق ۋە 12 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

يېڭىسار ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.4℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 24.6℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2755.2 سائەت. 10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4188.3℃. قىروسىز مەزگىلى 214 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 63.5 مىللىمېتىر. سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2258.7 مىللىمېتىر.

بۇ ناھىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 24 مىڭ 700 گېكتار ( 370 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 6700 گېكتار (100 مىڭ 500 مو) ئورمان، 33 مىڭ 600 گېكتار (5 مىليون 450 مىڭ مو) ئوتلاق، 1000 گېكتار ( 15 مىڭ مو) باغ، 5200 گېكتار (78 مىڭ 500 مو) سۇ يۈزى، 386 مىڭ 900 گېكتار (5 مىليون 802 مىڭ 800 مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، ياغلىقدان، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا قوي بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن سېمونت، كۆمۈر، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، پاختا چىقىرىش، ئاشلىق، ماي، ياغ ۋە مېۋە - چېۋە پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. يېڭىسار پىچىقى يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى. يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 315 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى ئاسفالىتلاشتۇرۇلغان. يېزا - بازارلاردىكى تېلېفوننىڭ ھەممىسى پروگراممىلاشتۇرۇلدى ۋە سىمسىز چاقىرغۇ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

يېڭىسار ناھىيسىنىڭ دارۋاز مەدەنىيتى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان ، ساياھەت نۇقتىللىرىدىن يېڭسار دارۋاز مەكتىپى ، ئەگۈس يېزىسى ئەگۈس بۇلاق بېشى ساياھەت ئارامگاھى ، كەڭ ساي سۇ ئامبىرى ، قارۋاش يېزا شارقىراتما رايۇنى ، يېڭى شەھەر شىمالى كۆل ، شۇنداقلا قارۋاش پىچاقچىلار رايۇنى ساياھەت رايۇنى قاتارلىقلار بار .




#Article 56: يەكەن ناھىيىسى (248 words)


يەكەن ناھىيىسى قەشقەر ۋىلايىتى گە قاراشلىق ناھىيە بولۇپ، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرقى شىمال تەرىپى مەكىت ناھىيىسى بىلەن، شەرقىي جەنۇبى بولسا پوسكام ناھىيىسى، قاغىلىق ناھىيىسى بىلەن، غەربىي جەنۇبى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىۋە ئاقتو ناھىيىسى بىلەن، غەربى يېڭىسار ناھىيىسى بىلەن، شىمالى يوپۇرغا ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي نوپۇسى 850 دىن ئارتۇق بولۇپ نوپۇسى جەھەتتىن ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ چوڭ ناھىيە.

قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيىسى قارمىقىدا 1 دانە كوچا باشقارمىسى، 9 دانە بازارلىق ۋە 20 دانە يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

يەكەن ناھىيىسى قارمىقىدا 20 دانە يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

يەكەن قەدىمدىنلا ئۇيغۇر مائارىپنىڭ بۆشۈكى ئىدى بۈگۈنكى يەكەننىڭ مائارىپ ئاساسىي خېللا مۇستەھكەم .ھازىر تەۋەلكىدە: يەكەن كەسپى تېخنكا تەربىيلەش مەكتىپى(ئوتتۇرا تېخنىكومى)، يەكەن تىببى مەكىتىپى، كەسپى تىخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى،ئوقۇتقۇچىلاربىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى قاتارلىق ئوتتۇرا ئالىي تېخنىكوم بىلىم ئېلىش سورۇنلىرى بار.شەھەر رايۇنىدا، 8 ئوتتۇرا مەكتەپ بولغاندىن سىرىت قالغان 29  يىزا-بازارلار دا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرى بار بولغان مۇكەممەل مائارىپ تەربىيە ئورۇنلىرى بىلەن قاپلانغان.

يەكەن خەلقى بۇرۇندىن تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قىزىىقىدىغان بولۇپ توپ تۈرلىرىدىن پۇتبول، ۋاسكىتبول، ۋالىبوللار بىر قەدەر ئوموملاشقان باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنھەركەت پائالىيەتلىرىگە بولۇپمۇ توپ تۈرلىرىگە بولغان قىزغىنلىقى ئالاھىدە كۆزگە چىلىقىدۇ. يېزىلاردا بولسا قەدىمدىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە چىلىشىش ، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، ئات بەيگىلىرى پەسلگە قاراپ ئۆتكۈزىلىپ تۇرىدۇ.

يەكەندە قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى ۋە سەيلىگاھلار كۆپ. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئىجادچىلىرىدىن ئاماننىساخان مەقبەرىسى، يەكەن جامىئەسى، ئالتۇنلۇق مازىرى،  يەنە قىرىقتەن (چىلتەن) مازىرى، قاراسۇ قۇملۇق مەنزىرىگاھى قاتارلىقلار بار.

يەكەن خەلقى مىھماندوسىت، تىرىشچان ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى ئارقىلىق بۈگۈنكى گۈزەل شەھەرنى بەرپا قىلغان. ئاساسلىق ئاھالىسى ئۇيغۇر بولۇپ ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلىدۇ. 




#Article 57: تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى (619 words)


تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قەسقەر ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. تاشقۇرقاننىڭ يەر مايدانى 52،300 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 20،000.

تاشقورغان خەن سۇلالىسى دەۋرىدە پۇلى، ئىنەي دۆلەتلىرىنىڭ يېرى بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە فرپاند دۆلىتىنىڭ يېرى بولۇپ، ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە چاغاتاي خانلىقىغا قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە  دەپ ئاتىلىپ، يەكەن ئانبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 28 - يىلى (1902 - يىلى) پۇلى شۆبە مۇداپىئە نازارتى تەسىس قىلىنىپ، يەكەن مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگو 2 - يىلى (1913 - يىلى) شۆبە مۇداپىئە نازارىتى پۇلى ناھىيىسى دەپ ئۆزگەرتىلىپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. 1954 - يىلى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىگە، جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي رايونىغا ۋە قەشقەر ۋىلايىتىگە قارىغان.

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىغا، قاراقۇم تېغىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى قاغىلىق ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى ئاقتۇ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب ۋە غەرب تەرىپى ئايرىم - ئايرىم ھالدا كەشمىر (پاكىستان كونتروللىقىدىكى رايون)، ئافغانىستان، تاجىكىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسى ئۇزۇنلۇقى 808 كىلومېتىر). جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 178 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 140 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 52 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر (بۇنىڭ ئىچىدە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن تالاش - تارتىش بولۇۋاتقان يەر 28 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر) كېلىدۇ. قارمىقىدا بىر بازار، 11 يېزا، 41 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1768 كىلومېتىر. 9519 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 72 مىڭ 800 بولۇپ، تاجىكلار 84.17% نى، خەنزۇلار  3.72%  نى، باشقا مىللەتلەر 12.11% نى تەشكىل قىلىدۇ.   ناھىيە تەۋەسىنى تاغلار ئورۈپ تۇرىدۇ؛ چوققىلار بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن، مۇز چوققىلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. يارلار گىرەلىشىپ كەتكەن، ئېدىرلىقلار ئېگىز - پەس بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن كۆپرەك ئېگىز، كوئىنلۇن تېغى، قارا قۇرۇم تېغى، ھېندى قۇش تېغى ۋە تەڭرىتېغىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ تاغ تىزمىسى مۇشۇ يەردە ھەم دېڭىز يۈزىدىن 8611 مېتىر ئېگىز بولغان دۇنيا بويىچە 2 - ئېگىز چوققا - چوگىر چوققىسى بار، ھەم دېڭىز يۈزىدىن 7546 مېتىر ئېگىز بولغان  دەپ ئاتالغان مۇزتاغ چوققىسى بار. تەۋەسىدە تىزناپ دەرياسى بىلەن تاشقورغان دەرياسى بار. يەر يۈزى سۇ بايلىقى 4 مىليارد 553 مىليون كۇب مېتىر. ئارشاڭ بايلىقى بىرقەدەر مول، يانبۇلاق ئارشىڭى، تاغمان ئارشىڭى، ماريان ئارشىڭى، دابدار ئارشىڭى قاتارلىق بىرقدەر چوڭ ئارشاڭلار بار. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، شىمال قويى، ئارقار، تاغ ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئالتۇن بۈركۈت، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قارلەيلىسى، تورسۇلداق، ئەڭلىك ئوت، ئادراسمان قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئالتۇن، مىس، تۆمۈر، چىرىمتال، خرۇستال، ئالماس قاتارلىقلار بار.   تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 3.3℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 32.0℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 39.1℃. كۈننىڭ يىللىق چۈشۈش ۋاقتى  2831.0 سائەت. قىروسىز مەزگىلى  79 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  68.3 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2309.5 مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيىدە چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر  0083  گېكتار (57 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر،  0011  گېكتار (16 مىڭ مو)،  406 مىڭ گېكتار (6 مىليون 90 مىڭ مو) ئوتلاق بار. چارۋىچىلىقتا ئوتلاق چارۋىچىلىقى ئاساس قىلىنىدۇ.  ۋە قوتازنىڭ خېل داڭقى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، ئارپا، يالىڭاچ ئارپا، كۆك پۇرچاق، قىچا، كۆممىقوناق قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، تىككۈچىلىك، مىنېرۈل سۇ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى  314 - لىنىيىسى بار.  1000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش بىرلەشمە تورىغا كىرگۈزۈلدى. قونجىراپ ئېغىزى دۆلىتىمىز پاكىستان ۋە 3 - دۆلەتكە ئېچىۋەتكەن مۇھىم سودا ئېغىزى.   بۇ ناھىيە قەدىمىي  نىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا دېڭىز ياقىسىدىكى دۆلەتلەرگە بارىدىغان مۇھىم يول. 

تەۋەسىدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن كوناتاش قورال قەدىمكى دەۋرىدىكى جىرغال خارابىسى، يېڭى تاش قورال دەۋرىدىكى شامباب مازىرى، تاش قەلئە، پەرھات - شېرىن ئۆستىڭى خارابىسى قاتارلىقلار بار. مەشھۇر مەنزىرىلىك جايلىرىدىن مۇزتاغ، مۇز غار، مۇز مۇنار، ئاجايىپ - غارايىپ تاغ ۋە تا، ئاجايىپ - غارايىپ گۈل چېچەك ۋە ئوت - چۆپ، ئېتىلما بۇلاق، ئارشاڭ، ئېگىز تاغدىكى كۆل قاتارلىقلار بار.




#Article 58: ئاتۇش شەھىرى (411 words)


ئاتۇش شەھىرى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Atush Shehiri)شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھىر بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. شىمالدا قىرغىزىستاننىڭ نارىن ئوبلاستى بىلەن، غەربيە ئۇلۇغچات ناھىيىسى جەنۇبتا بولسا قەشقەر ۋىلايىتى نىڭ يېڭىشەھەر ناھىيىسى ۋە پەيزاۋات ناھىيىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ. 2016 - يىلى ئاتۇش تاۋار ئوبوروتى ۋە مۇلازىمەت تور قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئېلېكترونلۇق سودا تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئېلېكترونلۇق سودا ۋە ئۆزگىچە كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى قارمىقىدا 2 دانەكوچا باشقارمىسى ، 1 دانە بازارلىق ۋە 8 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

يەرلىكنىڭ يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى تەرتىپكە سىلپ، داڭلىق ماركىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، مۇناقى ئۈزۈم، ئەنجۈر قاتارلىق ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شەھەرگە كىرگۈزۈش، چېگرا ھالقىغان ئېلېكترونلۇق سودىسىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «ئالاقە تورى + ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى» نىڭ  ئېلېكترونلۇق سودا ئەندىزىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، تور بەرپا قىلىش، ئەشيا ئوبوروتى تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى، ئىسكىلات زاپىسى، كەسىپلەر بىرلەشمىسى، كەسپى بازىسى، يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ئېلېكترونلۇق سودا كەسپى ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، «شىركەت + بازا + دېھقان» لار ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ بازارغا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى. ئېلېكترونلۇق سودا كەسپى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەشيا يەتكۈزۈپ بېرىش، قاچىلاش ئارقىلىق، ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى بازىرىنى ماسلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىجارىتى بازىرىدا ئېلېكترونلۇق سودا تېز پويىزنى بارلىققا كەلتۈردى. ھازىر «كىچىك چېگرا شەھىرى، داڭلىق ساياھەت شەھىرى، ئېلېكترونلۇق سودا چوڭ شەھەر» ۋە «مۇناقى ئۈزۈم پىشتى» تور تىجارىتى لايىھىسى، ئوراش، تەشۋىق قىلىپ كېڭەيتىش، سېتىش، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.

ئېلېكترونلۇق سودا كارخانىلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، بارلىق خادىملارنى ئېلىكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، يۇرتىغا قايتقان ئالىي ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەنلەر، يەككە سودا - سانائەتچى، ئىش ئورنىدىن قالغانلار،  يېزىلاردىكى بېيىش باشلامچىسى قاتارلىقلارنى ئېلېكترون سودا ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېلېكترونلۇق سودا ئاساسىي گەۋدىسىنى كېڭەيتتى. كارخانا ياكى ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ئېلېكترون سودا ئىشلىرى ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشنى قوللاپ، ئېلېكترونلۇق سودا تەرەققىياتى ئۈچۈن مەسلىھەت بېرىش، خادىملارنى يېتىشتۈرۈش، تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش،  تور دۇكىنى قۇرۇلۇشى، داڭلىق ماركىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، سېتىش كېڭەيتىش، ۋاكالىتەن تىجارەت قىلىش قاتارلىق كەسىپلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. كەسىپ جەمئىيىتى قۇرۇپ، ئېلېكترونلۇق سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاپ، تەھلىل قىلىپ، ئېلىكترونلۇق سودا ئىشلىرى سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈردى. ئېلېكترونلۇق سودا كەسىپكارلارنىڭ سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، ئېلېكترونلۇق سودا مۇلازىمەت كارخانىلىرىنى كەسىپنى كېڭەيتىشكە يېتەكلىدى. ھازىرغىچە، شەھەر بويىچە بىر قارار تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىپ، كۇرسقا قاتناشقان خادىملار 1000 نەچچە ئادەمگە يېتىپ، 11 كارخانا كەسپىي جەمئىيىتى پارتىيىسىگە كىرىپ، 165 نەپەر قوشۇلۇشنى ئارزۇ قىلغان ئېلېكترونلۇق سودا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن «بىرگە بىر» تېخنىكىسى بويىچە تەربىيىلەش ئېلىپ باردى.




#Article 59: ئاقتو ناھىيىسى (466 words)


ئاقتو ناھىيىسى ( ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى : Aqto Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. ئاقتۇ ناھىيىسى پامېر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. شەرق قىسمى يېڭىسار ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب قىسمى  تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب، غەربىي جەنۇب تەرىپى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قىرغىزىستان نىڭ ئوش ئوبلاستى، تاجىكىستان نىڭ تاغلىق باداخشان ئاپتونوم ۋىلايىتى بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسى ئۇزۇنلۇقى 344 كىلومېتىر). شىمال تەرىپى ئۇلۇغچات ناھىيىسى، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى ۋە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 283 كىلومتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى  216  كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 23 مىڭ  100 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىرمىڭ  512 كىلومېتىر.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتو ناھىيىسى قارمىقىدا 2 دانە بازارلىق ۋە 9 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

غەربىي جەنۇب تەرىپى ئېگىز، شەرقىي شىمال تەرىپى پەس بولۇپ، تاغ يېرى  83.3% نى، تۈزلەڭلىك  16.7% نى ئىگىلەيدۇ. داڭلىق تاغ چوققىلىرىدىن دېڭىز يۈزىدىن  7719 مېتىر ئېگىز بولغان قوڭۇر چوققىسى (كونىلار مۇز تاغ مەلىكىسى دەپ ئاتىغان). دېڭىز يۈزىدىن  7975 مېتىر ئېگىز بولغان قوڭۇر تۆپە چوققىسى ۋە دېڭىز يۈزىدىن  7546 مېتىر ئېگىز بولغان مۇز تاغ چوققىسى (كونىلار مۇز تاغ ئاتىسى دەپ ئاتىغان) بار. ئاساسلىق دەرياسىدىن پاسراۋات دەرياسى، چارلۇڭ دەرياسى ۋە  ئېگىز يار دەرياسى، كۈسەن دەرياسى، گەز دەرياسى قاتارلىقلار بار.

ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ تۈزلەڭلىك رايونى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا  كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  11.3℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2859.4 سائەت. قىروسىز مەزگىلى  221 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  60.2 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2427.5 مىللىمېتىر.

يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى ئىككى مىليارد  484 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى  280 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، سۇغۇر، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن سېرىق كەندىر، ئىلانسىمان قامچا ئوت، قانتېپەر، زاراڭزا قاتارلىقلار بار. بايقالغان بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، قوغۇشۇن، سىنىك، كوبالت، ئالتۇن، كۈمۈش، كرىستال، ياقۇت، ئىسلاندىيە تېشى، سليۇدا، تۇز قاتارلىقلار بار.

بۇ ناھىيە يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ناھىيىسى بولۇپ، ھازىر بار تېرىلغۇ يېرى  18  مىڭ 900 گېكتار ( 283 مىڭ  500 مو)، ئوتلاق  712 مىڭ  900  گېكتار (10 مىليون  693 مىڭ  500 مو). دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، ياغلىق دان قاتارلىقلار بار. جەنۇب تەرىپىدىكى تاغلىق رايوندىكى جىلغىلارنىڭ يايلاقلىرى كەڭ بولۇپ، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شارائىتى بىرقەدەر ياخشى. مال - چارۋىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، كۆمۈرچىلىك، رەڭلىك مېتال قېزىش، سېمونت ئىشلەش، دېھقانچىلىق ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. ناھىيە بازىرىدىن يېزا - بازار، مەيدانلارغىچە تۇتىشىدىغان غول تاشيوللار بار. كەنت پوچتا - تېلېگراف مۇلازىمەت پونكىتىدىن  15ى قۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. پروگراممىلىق تېلېفوندىن  1000 ى ئېچىۋېتىلدى. بۇ ناھىيە قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇقەررەر ئۆتىدىغان يول ئىدى.

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن گەز ئۆتىڭى، مۇزتاغ چوققىسى، قوڭۇر چوققىسى، قوڭۇر تۆپە چوققىسى، قاراكۆل، بۇلۇڭكۆل، ئويتاغ ئورمانچىلىق مەيدانى قاتارلىقلار بار.




#Article 60: ئۇلۇغچات ناھىيىسى (425 words)


ئۇلۇغچات ناھىيىسى ( ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Ulughchat Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. ئولۇغچات ناھىيىسى تەڭرىتاغ بىلەن كوئىنلۇن تېغى تۇتاشقان جايغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى ئاتۇش شەھىرى، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى ئاقتو ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرپى قىرغىزىستان نىڭ ئوش ئوبلاستى بىلەن چېگرىداش، ئېركەشتام ئېغىزى دىن قىرغىزىستانغا ئۆتكىلى بولىدۇ، شىمال تەرىپى بولسا نارىن ئوبلاستى بىلەن چېگرىداش كېلىدۇ. تورۇگارت ئېغىزىدىن قىرغىزىستاننىڭ نارىن ئوبلاستى غا ئۆتكىلى بولىدۇ. (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 410  كىلومېتىر)، شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 180 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى  160 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى  17 مىڭ  900 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا ئىككى بازار، توققۇز يېزا،  30 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئارىلىقى بىر مىڭ  527 كىلومېتىر.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىئۇلۇغچات ناھىيىسى قارمىقىدا 2 دانە بازارلىق ۋە 9 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

بۇ ناھىيىنىڭ ئۈچ تەرىپىنى ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. شەرقىي - جەنۇبىي قىسمىدا قەشقەر دېلتىسى تۈزلەڭلىكى بار. تەۋەسىدە قىزىلسۇ دەرياسى ۋە چاقماق دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئېقىن بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى  960 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا چوشقا، سۇغۇر، ئۇلار، چىل قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن ئەڭلىك ئوت، چۈچۈكبۇيا، ئەنجىدان (ھىڭ)، چاكاندا، پاقا يوپۇرمىقى، قانتېپەر، كىرەش، مامىكاپ، كەتىرا، يەر مەدىكى، پالما مەرىزى قاتارلىقلار بار.

ئۇلۇغچات ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  6.8℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  34.7℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 29.9℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2797.2 سائەت.  10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى  2529.3℃، قىروسىز مەزگىلى  138 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  163 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2564.9 مىللىمېتىر.

بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، نېفىت، نېفىتلىك سىلانېتىسى، تۆمۈر، مىس، قوغۇشۇن، سىنك، سترونتىسىي، ئالتۇن، فوسفور، تۇز، گۈڭگۈرت، ھاك تاش، گەز، چىنە توپىسى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە كۆمۈر زاپىسى پۈتۈن ئوبلاست كۆمۈر زاپىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.

بۇ ناھىيە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر بار تېرىلغۇ يەر كۆلىمى  3700 گېكتار ( 55 مىڭ  500  مو)، ئورمان كۆلىمى 13 مىڭ  100 گېكتار (196 مىڭ  500 مو)، ئوتلاق كۆلىمى بىر مىليون  85 مىڭ  900 گېكتار (16 مىليون  288 مىڭ مو). مال - چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، تۆگە، ئېشەك، قوتاز قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، قىچا، يالىڭاچ ئارپا، دادۇر، كۆك پۇرچاق قاتارلىقلار بار.   ئۇلۇغچات ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. ناھىيە بازىرى بىلەن ئوبلاست مەركىزى بولغان ئاتۇش شەھىرى بىلەن تۇرغات ئېغىزىنى ئاسفالت يوللار تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ناھىيىدىن يېزا، بازارلىرىغا بارىدىغان غول تاشيوللار ۋە ئاددىي تاشيوللار بار. ناھىيە بازىرىدىن ئوبلاستقىچە بولغان بۆلەككە نۇر كابىلى ياتقۇزۇلۇپ بولدى. پروگراممىلىق تېلېفونمۇ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلۇپ بولدى. بۇ ناھىيىدىكى تورغات ۋە ئېركەشتام ئېغىزى، شىنجاڭنىڭ قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن سودا ئالاقە قىلىشىدىكى ئاساسلىق ئېغىز ھېسابلىنىدۇ.




#Article 61: ئاقچى ناھىيىسى (444 words)


ئاقچى ناھىيىسى ( ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى : Aqchi Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. ئاقچى ناھىيىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالى قىسمىغا، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى توشقان دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى، كەلپىن ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى مارالبېشى ناھىيىسى، ئاتۇش شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى قىرغىزىستان نىڭ ئىسسىقكۆل ئوبلاستى بىلەن، شەرق تەرىپى نارىن ئوبلاستى بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى  276 كىلومېتىر). ئومۇمىي يەر مەيدانى  12 مىڭ 200  كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيە قارمىقىدا بىر بازار، 5 يېزا،  23  كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1184 كىلومېتىر.  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  32 مىڭ  800، بۇنىڭ ئىچىدە قىرغىزلار  88.96% نى، ئۇيغۇرلار  4.55% نى، خەنزۇلار  6.28% نى، باشقا مىللەتلەر  0.21% نى تەشكىل قىلىدۇ.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقچى ناھىيىسى قارمىقىدا 1 دانە بازارلىق ۋە 5 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

بۇ ناھىيىنىڭ جۇغراپىيلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئىككى تاغ بىر جىلغىنى قورشاپ تۇرىدۇ. شىمالىي تەرىپى ئېگىز، جەنۇبىي تەرىپى تۆۋەن بولۇپ، غەربتىن شەرققە قىيپاش. شىمالىي تەرىپىدە كوكسال تېغى بولۇپ، ئەڭ ئېگىز چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن  5 مىڭ  958 مېتىر ئېگىز. جەنۇب تەرىپىدە قارا تېكەن تېغى بولۇپ، ئەڭ ئېگىز چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن  4 مىڭ  679 مېتىر ئېگىز. ئوتتۇرىسىدا توشقان دەرياسى جىلغىسى بار. توشقان دەرياسى غەربتىن شەرققە ئېقىپ پۈتۈن ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ.

ئاقچى ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  6.2℃. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  36.4℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 27.2℃، كۈننىڭ ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2988.6 سائەت.  10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 2434.8℃، قىروسىز مەزگىلى  171  كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 184.6 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2501.4  مىللىمېتىر.

يەر ئۈستى سۇ بايلىقى  2 مىليارد  680 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئۇلار، چىل قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈك بايلىقى بىرقەدەر مول بولۇپ، ئىككى تاغ، بىر جىلغىغا تارالغان ئۆسۈملۈك  200 خىلدىن كۆپرەك. بۇنىڭ ئىچىدە ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، ياۋا ئارپىبەدىيان، قىل يوپۇرماق، ئەمەن قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن سېرپېنتىن، گەز، مەرمەر تاش، ئىسلاندىيە تېشى، تۆمۈر، مانگان قاتارلىقلار بار.

بۇ ناھىيە تاغلىق رايون چارۋىچىلىق ناھىيىسى بولۇپ، ھازىر بار تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 4 مىڭ  300 گېكتار ( 64 مىڭ  500 مو)، ئورمان كۆلىمى  760 مىڭ گېكتار ( 11 مىليون  400  مىڭ مو)، ئوتلاق كۆلىمى 884  مىڭ 700 گېكتار ( 12  مىليون  670 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان  8 مىڭ  700  گېكتار (130 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. مال - چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، قوتاز، تۆگە، ئېشەك قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، ئارپا، يالىڭاچ، ئارپا، دادۇر (باقىلە)، زىغىر، قىچا قاتارلىقلار بار.

بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرى ۋە داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرىدىن كىرگىن قەدىمىي قەلئەسى، ئۇچتۇرپان قەدىمىي شەھەر خارابىسى، بالىگېندى قەدىمىي پوتىيى، ئىبراھىم قەدىمىي قەلئەسى، بەدەل بولال تۇراسى، قارلىق مۇز چوققا، جىلو سۇ ئارشىڭى، توشقان دەرياسى جىلغىسى مەنزىرىسى قاتارلىقلار بار.




#Article 62: كورلا شەھىرى (415 words)


كورلا شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھەر بۇلۇپ، مەمۇرى جەھەتتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىگە قارايدۇ. كورلىنى يەنە نەشپۈت شەھىرى دەيدۇ، چۈنكى كورلىنىڭ نەشپۈتلىرى جۇڭگودا ئەڭ داڭلىق. 

كورلىنىڭ يەر مەيدانى 482،665 كۇۋادىرات كىلومېتېر. كورلا ئۈرۈمچىدىن تەخمىنەن 200 كىلومېتېر غەربىي جەنۇبىگە جايلاشقان. كورلا تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدا ۋە تاكلىماكان چۆلىنىڭ شىمالىدا جايلاشقان. كورلىنىڭ مەركىزىدە كوڭچى دەرياسى ئاقىدۇ. بۇ دەريانىڭ سۈيى باغراش كۆلىدىن كېلىدۇ. 

كورلا شەھىرىنىڭ كىلىماتى ناھايىتى قۇرغاق. يىلدا 3،000 سائەت ئاپتاپ چىقىدۇ. بۇ سەۋەبتىن كۆپ كۈنلىرى ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ. ھەر يىلى پەقەت 115.9 مىللىمېتىر يامغۇر ۋە قارياغىدۇ.  ھەر يىلى 2- ئايدىن 3- ئايغىچە بىر نەچچە قېتىم قۇم  بوران چىقىدۇ ۋە توپا ياغىدۇ. 1- ئاي ئەڭ سوغۇق ئاي بولۇپ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 7 ˚ سېلسىيە گرادۇس بولىدۇ. 7- ئاي ئەڭ ئىسسىق ئاي بولۇپ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 33 ˚ سېلسىيە گرادۇس بولىدۇ.

كورلىنىڭ ئىقتىسادى ئىككى سەۋەب بىلەن تونۇلغان. بىرىنچى سەۋەب نېفىت بولىدۇ. تارىم ئويمانلىقىدىكى جۇڭگو بېنزىن شىركىتىنىڭ باش شتابى كورلىدا. ئىككىنچى سەۋەب - دېھقانچىلىق، بولۇپمۇ نەشپۈتلىرى ۋە توغاچ شاپتۇللىرى بەك داڭلىق.

كورلا شەھىرى تاغقا بەك يېقىن بولۇپ، شەرقتىن غەربكە قۇرۇلغان. شەھەرنىڭ كەڭلىكى 15 كىلومېتىر ۋە ئۇزۇنلىقى 5  كىلومېتىر. كورلىنىڭ قۇرۇلۇشلىرى تولىمۇ رەتلىك، كوچىلىرى ئازادە. شەھەرنىڭ شەرقىدە يېڭى ئېچىلغان رايون بار. بۇ رايوندا ئۈچ ئالىي مەكتەپ بار. كورلىنىڭ غەربى ئەڭ كونا راييون ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە بىرىنچى نومۇرلۇق مەكتەپ، بىر نەچچە بازارلار بار. مەسىلەن، ئالتۇن ئۈچ بولۇڭ بازىرى، باغراش بازىرى ۋە چوڭ بازار قاتارلىقلار. بۇ جايدا يەنە كۆپلىگەن دۇكانلار، سودا سارىيى ۋە جەلق مەيدانى بار. كورلىنىڭ پويىز ئىستانسىسى شىمالدا جايلاشقان. كورلىدىكى ئاممىۋى قاتناش ئىنتايىن قولايلىق. 20-30 مىنۇتتا شەھەرنىڭ بىر چەككىسىدىن يەنە بىر چەككىسىگە بارالايسىز.

كورلىدا ئۈچ گۈزەل دەريا بار: توز دەرياسى، ئاققۇ دەرياسى، ۋە كاككۇك دەرياسى. ئاققۇ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەر كۈنى رەڭدار چىراغلاردا گۈزەل مۇزىكا ساداسىغا ئەگىشىپ، فونتانلار ئېتىلىپ چىقىدۇ. دەريالارنى بويلاپ ماڭسىڭىز، چىرايلىق باغچىلارنى كۆرەلەيسىز. بۇ باغچىلاردا ياپ- يېشىل دەرەخلەر قەد كۆتىرىپ تۇرىدۇ.

كورلىدا گۈزەل باغچىلاردىن باشقا يەنە كۆپ قىزىق ئورۇنلار بار. مەسىلەن، قەدىمىي لولان شەھىرى كورلىغا بەك يېقىن. يەنە تاكلىماكان چۆلىنىڭ چېتىدە تېرەك ئورمانى بار. كۈزدە   گۈزەل ئالتۇنرەڭ تېرەك ئورمانلىقى ۋە قۇم دۇۋىلىرىنى كۆرەلەيسىز. بۇ ئورمانلىق بىلەن قۇم بارخانلىرى كورلىدىن 1.5 سائەتلىك يولدا.

كۆپ ئاھالىلەر يازدا ئىسسىقتىن قېچىپ باغراش كۆلىگە بارىدۇ. بۇ كۆل كورلىدىن پەقەت 57 كىلومېتىر يىراقلىقىدا جايلاشقان.

كورلىنىڭ ئەڭ ئېگىز ئورنى لوڭشان مەيدانى. بۇ يەر بەك قىزىقارلىق؛ بۇ يەردە كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى، كۆل، چىغىر يول ۋە ھايۋاناتلار باغچىسى بار. شۇ ياردىن كورلىنىڭ  چىرايلىق مەنزىرىلىرىنى كۆرەلەيسىز.

كورلىنىڭ يەنە تۆمۈر دەرۋازا دېگەن ساياھەت ئورنى بار. ئۇ شەھەر سىرتىدىكى تاغدا جايلاشقان. بۇ جايدا ياخشى ئارام ئالالايسىز ۋە كورلىنىڭ داڭلىق كاۋاپلىرى بىلەن بىرگە باشقا تائاملارغىمۇ ئېغىز تېگەلەيسىز. زىيارەتچىلەر بۇ يەردە ھەم تاغقا چىقالايدۇ، ھەم دەريادا سۇ ئۈزەلەيدۇ.




#Article 63: خېجىڭ ناھىيىسى (595 words)


خېجىڭ ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. خېجىڭنىڭ يەر مايدانى 34،976 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 170،000.

خېجىڭ ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىت (قارا شەھەر) دۆلىتىنىڭ يېرى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىت تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 36 - يىلى (1771 - يىلى) قاراشەھەر ئىش باشقۇرغۇچى داچېننىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 01 - يىلى (1884 - يىلى) شىنجاڭدا ئۆلكە قۇرۇلغاندىن كېيىن، قاراشەھەر بىۋاسىتە قاراشلىق نازارەتكە قارىغان. گۇاڭشۈ 24 - يىلى (1898 - يىلى) قاراشەھەر نازارىتى قاراشلىق مەھكىمىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، خېجىڭ ئۇلارنىڭ باشقۇرۇشىغا ئايرىپى بېرىلگەن. مىنگونىڭ  28 - يىلى (1939 - يىلى) رەسمىي ناھىيە تەسىس قىلىنىپ، ئۇنىڭغا خوتۇنسۇمۇل ناھىيىسى دەپ نام بېرىلگەن.  1965 - يىلى خېجىڭ ناھىيىسى دەپ ئۆزگەرتىلىپ، بايىغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارايدىغان بولغان.

خېجىڭ ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ قىسمىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، قاراشەھەر ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان. شەرقىي خوشۇت ناھىيىسى، توخسۇن ناھىيىسى بىلەن، غەربىي تەرىپى كۈنەس ناھىيىسى، تېكەس ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى يەنجى ناھىيىسى، باي ناھىيىسى، كورلا شەھىرى بىلەن، شىمالىي تەرىپى ئۈرۈمچى شەھىرى، قۇتۇبىي ناھىيىسى، ساۋەن ناھىيىسى، شىخۇ ناھىيىسى ۋە نىلقا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 435 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 150 كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى 36 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر. بۇ ناھىيىگە 1 رايون. 2 بازار، 52 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2 - شىسىنىڭ بىر قىسىم تۇەن - مەيدانلىرى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 456 كىلومېتىر. 9951 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى نوپۇسى 170 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇڭغۇللار 16.76%  نى، ئۇيغۇرلار 22.06% نى، خەنزۇلار  56.59%  نى، باشقا مىللەتلەر 4.59% نى تەشكىل قىلىدۇ.     يېرى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ يانتۇ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق  92.6% نى، تۈزلەڭلىك  7.4%  نى تەشكىل قىلىدۇ. قاراشەھەر دەرياسى، ئالار دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 5  مىليارد 670  مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلاردىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 518 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋاناتلاردىن يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن بۇغا، سۈر تورنا، قارا تۇرنا، گاز قانات تۇرنا، بۆكەن، ئاققۇ قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈكلەردىن قارلەيلىسى، چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، شامشاد، گىنىتىئانا، ئالقات، جىگدە قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلىرىدىن تۆمۈر، مانگان، مىس، سىنك، ۋولفرام، ئالتۇن، كۈمۈش، ماگنېزىت، چىرىمتال، ھاك تاش، مەرمەر تاش قاتارلىقلار بار.   خېجىڭ ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېردىكى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  8.7℃، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 37.2℃ قا چىقىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا - 30.0℃ قا چۈشىدۇ. يىلدا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن  49.0 كۈن  30℃ دىن يۇقىرى ئىسسىق بولىدۇ. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  3036 سائەت.  10℃ نىڭ يىغىلما تېمپېراتۇرىسى  3590.4℃. قىروسىز مەزگىل  196 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  50.6 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2302.5 مىللىمېتىر.   ناھىيە يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ناھىيىسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر  16 مىڭ گېكتار ( 240 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر.  13 مىڭ  100  گېكتار (196 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر. 50 مىڭ  300 گېكتار (755 مىڭ مو) ئورمانلىق، 2 مىليون  333 مىڭ  300 گېكتار (35 مىليون مو) ئوتلاق بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، قىزىلچا، تاۋۇز ئۇرۇقى قاتارلىقلار بارت. چارۋىلاردىن قوي، ئات، كالا، قوتاز، تۆگە، چوشقا قاتارلىقلار بار. ھەسەل ھەرىسى بېقىش كەسپىمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە. سانائەت جەھەتتە سېمونت، ئاشلىق پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەر بار.   خېجىڭ ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى ناھىيە تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. تاشيوللار ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىپ كەتكەن.  2864 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ مەملىكەت تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى.   

 
شىمالىي تاغ كۆكەرتىش مەنزىرىلىك باغچە رايۇنى ، ئېكىلوگىيى باغچىسى ، تىيەنفۇ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايۇنى، ئۇلانباي ئۆستىڭى، كۆنەس ئورمىنى قاتارلىقلار بار.

مەدەنىي يادىكارلىق ئىزلىرىدىن چابغا قەدىمىي قەبرىستانلىقى، ئالغۇي قەدىمكى شەھىرى، خارموردون كونا شەھىرى، بالفۇنتاي بۇتخانىسى، خېجىڭ بەگلىكى قاتارلىقلار بار. مەشھۇر مەنزىرىلىك جايلاردىن كۈنەس ئورمانچىلىق مەيدانى، بايىنبۇلاق بايلىقى، ئاققۇ كۆلى، ئارشاڭ، ئارشاڭ شارقىراتمىسى ۋە كۆك ئۇسان چوقچايما تاشلىرى قاتارلىقلار بار.




#Article 64: لوپنۇر ناھىيىسى (545 words)


لوپنۇر ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. لوپنۇرنىڭ يەر مايدانى 59،399 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 100،000.

لوپنۇر غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ۋايىر، كرورەن قاتارلىق دۆلەتلەرگە تەۋە بولغان. شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىت دۆلىتىگە تەۋە بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كىگىت  تۇتۇق مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە  دەپ ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ  24 - يىلى (1898 - يىلى) شىنپىڭ ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ قاراشەھەر مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ  3 - يىلى  (1914 - يىلى) شىنپىڭ ناھىيىسى لوپنۇر ناھىيىسىگە ئۆزگەرتىلىپ، قاراشەھەر ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ قاراشەھەر ۋالىي مەھكىمىسى، كورلا ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان.  1960 - يىلى بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونون ئوبلاستىغا قارايدىغان بولغان.

تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمال قىسىمىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپى چاقىلىق ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى چەرچەن ناھىيىسى بىلەن، غەربىي تەرىپى شايار، كۇچا ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى بۈگۈر، كورلا، باغراش، خوشۇت ناھىيىلىرى، تۇرپان شەھىرى، توخسۇن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 502.8  كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 165 كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى  59 مىڭ  800  كۋادرات كىلومېتىر. لوپنۇر ناھىيىسىگە 2  بازار، 7 يېزا،  42 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك  2  - شىسىنىڭ 5  تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 530  كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  89 مىڭ  800، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  28.95% نى، خەنزۇلار  70.28% نى، باشقا مىللەتلەر  0.77% نى تەشكىل قىلىدۇ.

يېرى بىرقەدەر تۇز. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق يەر  22.7% نى، تۈزلەڭلىك  24.9% نى، قۇملۇق  52.4% نى تەشكىل قىلىدۇ. چوڭ - كىچىك كۆلدىن  37 سى ۋە ۋە تارىم دەرياسى، كۆنچى دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سۇ سىستېمىسى بار بولۇپ، يىللىق سۇ مىقدارى  2 مىليارد  840  مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 98 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. ياۋايى ھايۋاناتلاردىن قوش لوكىلىق تۆگە، سۈر بۇغا، ئىپار چاشقىنى، ئاق بۇغۇز بۆكەن، ئېيىق قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈكلەردىن لۇپنۇر كەندىرى، چۈچۈكبۇيا بايلىقى ئەڭ مول. قېزىلما بايلىقلىرىدىن فوسفور، زۈلۈك تېشى، ھاك تېشى، گرانىت، تۆمۈر قاتارلىقلار بايقالدى. بۇنىڭ ئىچىدە زۈلۈك تېشى زاپىسى مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي زۈلۈك تېشى زاپىسىنىڭ  92.98% نى تەشكىل قىلىدۇ.   لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  10.6℃، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا  42.2℃ قا چىقىدۇ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا  - 30.9℃ قا چۈشىدۇ. يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن  103.2 كۈن  30℃ دىن يۇقىرى ئىسسىق بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە قۇياشنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2970.3 سائەت.  10℃ يىغىلىما تېمپېراتۇرىسى 4183.9℃، قىروسىز مەزگىلى214 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  40.8 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2910.5 مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر  15 مىڭ  600  گېكتار (233 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر،  235 مىڭ ( 3 مىليون  525 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر،  71  مىڭ 100 گېكتار ( 1 مىليون  67 مىڭ مو) ئوتلاق بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، كۆكتات، قوغۇن - تاۋۇز، يەل - يېمىش قاتارلىقلار بار. چارۋىلاردىن كالا، قوي، چوشقا بار. سانائەت جەھەتتە ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، گۈل چېكىش، چۈچۈكبۇيا پىششىقلاپ ئىشلەش كەسىپلىرى بار.   لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە.  218 - دۆلەت تاشيولى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتۇشۇپ كەتكەن. 2000 پروگراممىلىق تېلېفون ۋە 028 يول سانلىق مىكرو خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلىپ مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى.   مەدەنىي يادىكارلىقلىردىن گۇم جىلغىسى قەبرىستانلىقى، يارقورول تۇز، قۇرۇق تاغ قىياتاش رەسىملىرى، قارا چۆگۈن قەدىمكى شەھىرى، شاردۆڭ قەدىمكى شەھىرى. پىچان شەھىرى، سەكسەنكۆۋرۈك قاتارلىقلار بار.




#Article 65: خوشۇت ناھىيىسى (514 words)


خوشۇت ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. خوشۇتنىڭ يەر مايدانى 12،753 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 60،000.

خۇشۇت خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بوستان دۆلىتىنىڭ يېرى ئىدى. شەرقتىن خەن سۇلالىسىدىن كېيىن كىنگىت دۆلىتىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىت تۇتۇق مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قاراشەھەر مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ  28 - يىلى (1939 - يىلى) خوشۇت باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ  35  - يىلى (1946  - يىلى) ناھىيىگە كۆتۈرلۈپ، قاراشەھەر ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. 1954 - يىلى بايىغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارايدىغان بولغان.

خۇشۇت ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، قاراشەھەر ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان. شەرقىي جەنۇبىي تەرىپى توخسۇن  ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى  باغراش ناھىيىسى، لوپنۇر ناھىيىسى بىلەن، غەربىي شىمال تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 152.8 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى  141.8 كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى  12 مىڭ  900 كۋادرات كىلومېتىر. بۇ ناھىيىگە  1 بازار،  5  يېزا، 21  كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2  - شىسىنىڭ 2 تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى  380 كىلومېتىر.  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  57  مىڭ 200، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇللار  9.25% نى، ئۇيغۇرلار  14.51% نى، خەنزۇلار  66.45% نى، باشقا مىللەتلەر  9.79% نى تەشكىل قىلىدۇ.      يېرىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپى ئېگىز، شەرقىي جەنۇب تەرىپى پەس. ئۈچ تەرىپى تاغ، بىر تەرىپى سۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق  51.1% نى، تۈزلەڭلىك  47.2% نى، قۇملۇق  1.7% نى تەشكىل قىلىدۇ. قاراشەھەر دەرياسى، سۈزۈكسۇ دەرياسى، ئۇششاقتال دەرياسى قاتارلىق دەريا، ئېقىنلار بار بولۇپ، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى  213 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش  مىقدارى  20  مىليارد 100 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ئۆسۈملۈكلەردىن قارلەيلىسى، قانتېپەر، چاكاندا، چۈچۈكبۇيا، ياۋا كەندىر، بامبۇك قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلىرىدىن تۇز، تازىلانغان شور، گرانىت تاش، فوسفورلۇق تاش، بارىت، ھاك تېشى، چىرىمتال، مەمەر تاش، تاشپاختا، كۆمۈر، ئاليۇمىن، ئالتۇن، مىس قاتارلىقلار بار.   خوشۇت ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېردىكى ئىسسىق بەلۋاغنىڭ قۇرۇغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  8.7℃، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا  39.2℃ قا چىقىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا- 31.6℃ قا چۈشىدۇ. يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن  59.2 كۈن  30℃ دىن يۇقىرى ئىسسىق بولىدۇ. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  3132.0 سائەت. 10℃ يىغلىما تېمپېراتۇرىسى  3605.7℃، قىروسىز مەزگىل  184 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  75.1 مىللىمېتىر. سۇنىڭ ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2247.2 مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيە يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ناھىيىسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر 10 مىڭ گېكتار (150 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر،  74 مىڭ  500 گېكتار (1 مىليون  117 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر.  21 مىڭ  600 گېكتار (324 مىڭ مو) ئورمانلىق،  592 مىڭ  800 گېكتار (8  مىليون 892  مىڭ مو) ئوتلاق بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، شال، ئاپتاپپەرەس، قېزىلچا،پەمىدور قاتارلىقلار بار. چارۋىدا كالا، قوي، ئات ئاساس قىلىنىدۇ. سانائەت جەھەتتە دورىگەرلىك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەر بار.   خۇشۇت ناھىيىسىدە قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش بىرقەدەر قولايلىق. 314 - دۆلەت تاشيولى ناھىيە تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزىلارنىڭ تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىپ كەتكەن. ئوپتىكىلىق خەۋەرلىشىش، پروگراممىلىق تېلېفون قاتارلىق زامانىۋى ۋاسىتىلەر قوللىنىلدى.   

مەدەنىي يادىكارلىق ئىزلىرىدىن چۇقۇ قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، شىنتاران قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، نىنا قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، تاغاچى تۇراسى خارابىسى، دەنزىل قەدىمكى شەھىرىدىكى تۇرا خارابىسى قاتارلىقلار بار. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن شىخەيزى سۇ ئۈزۈش كۆلى، قىزىلتاي جەنۇبىي بۇغدا كۆلى ساياھەت رايونى قاتارلىقلار بار.




#Article 66: چەرچەن ناھىيىسى (4749 words)


چەرچەن ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. چەرچەننىڭ يەر مايدانى 138،645 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 60،000.

چەرچەن ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە چەرچەن ئەنرىرە بەگلىكىنىڭ زېمىنى بولۇپ،  نىڭ غەربىي بۆلىكى مۇھىم ئۆتەڭ ئىدى. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە چەرچەن بەگىلىكى تەسىس قىلىنغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بوشەن قورغىنى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ  10  - يىلى (1884 - يىلى) شىنجاڭدا ئۆلكە قۇۇرلغاندىن كېيىن كاچۇڭ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەسىس قىلىپ، كىرىيە ناھىيىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ  3 - يىلى ( 1914 - يىلى) ناھىيىگە كۆتۈرۈلۈپ چەرچەن دەپ ئاتىلىپ، ئاقۇس دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغا. كېيىن ئۆزگەرتىلىپ قاراشەھەر مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاراشەھەر ۋالىي مەھكىمىسى، كورلا ۋالىي مەھكىمسىگە قارىغان.  1960 - يىلى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئايرىپ بېرىلگەن.

چەرچەن ناھىيىسى كوئىنلۇن تېغى، ئالتۇنتاغنىڭ شىمالىي چېتىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى چاقىلىق ناھىيىسى بىلەن، غەربىي تەرىپ نىيە ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن، شىمالىي تەرىپى لوپنۇر ناھىيىسى، شايار ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 320  كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 460  كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى 138 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر.ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى  1264 كىلومېتىر.  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  48 مىڭ  300، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  80.75% نى، خەنزۇلار  19.1% نى، باشقا مىللەتلەر  0.15% نى تەشكىل قىلىدۇ.     يىېرىنىڭ جەنۇب تەرىپى  ئېگىز، شىمال تەرىپى پەس، جەنۇب قىسمى تاغلىق، غەربىي شىمال قىسمى چۆللۈك، قۇملۇق. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق يەر  44.5% نى، تۈزلەڭلىك  15.9% نى، قۇملۇق، چۆللۈك  39.6% نى تەشكىل قىلىدۇ. چەرچەن دەرياسى، جاڭگالساي دەرياسى، تاشساي دەرياسى، مولچى دەرياسى قاتارلىق دەريا، ئېقىنلار بار. يەر ئۈستى سۈيى بايلىقى  176  مىڭ كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلاردىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 63  مىڭ كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋاناتلاردىن ياۋا ئېشەك، ياۋا قوتاز، ياۋا تۆگە، ئارقار، قارا ئېيىق، ئۇلار، بۆكەن، بۇغا، تورۇق تىكە، ئاق بوغۇز بۆكەن، سۈلەيسۈن قاتارلىقلار بار. ياۋايى دورا ئۆسۈملۈكلەردىن توشقان زەدىكى، چۈچۈكبۇيا، تۆگە قۇلاق، چاكاندا، ئاكچېيە دەرىخى، پەربۇت قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلىرىنىڭ نېفىت، كۆمۈر، ئالتۇن، مىس، تۆمۈر، قاشتېشى، چىرىمتال، تاشپاختا، خرۇستال، تازىلانغان شور، چۆيۈن، سىنك، نىكېل، گەج قاتارلىقلار بار.   چەرچەن ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى ئىسسىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ ئەڭ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 10.1℃، ئەڭ  ئىسسىق بولغاندا 41.3℃ قا چىقىدۇ. يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 85.4 كۈن  30℃ دىن يۇقىرى ئىسسىق بولىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە قۇياشنىڭ چۈشۈش ۋاقتى  907.3 سائەت.  10℃  يىغىلما تېمپېراتۇرىسى 3853.1℃ . قىروسىز مەزگىلى 207 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  18.6 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2506.9 مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيە يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ناھىيىسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر  8400 گېكتار ( 126 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 578 مىڭ  300 گېكتار (8  مىليون 674 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر.  83 مىڭ  300 گېكتار (1 مىليون  250 مىڭ مو) ئورمانلىق،  2  مىليون 266 مىڭ  700  گېكتار (34 مىليون مو) ئوتلاق بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، شال، كېۋەز، كۆممىقوناق، ئاق قوناق، ئۈزۈم، قوغۇن - تاۋۇز، يەل - يېمىش، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىدىن كالا، قوي، ئېشەك، چوشقا قاتارلىقلار بار. سانائەت جەھەتتە ئېلېكتر قۇۋۋىتى، كۆمۈر، سېمونت، كەشتىچىلىك، قاشتېشى قېزىش، پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسپلەر بار.   چەرچەن ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا.  315 - دۆلەت تاشيولى ناھىيە تەۋەسىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1360 كىلومېتىر. كورلا ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان بار.  1000 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى.

چەرچەن ناھىيىسىگە  1 رايون،  1 بازار،  11 يېزا،  51  كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە يېزا ئىگىلىك 2 - شىسىنىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تارماق ئەترىتى بار.

چەرچەن ناھىيىسى ش ئۇ ئا ر دىكى تارىخى ئۇزۇن، قەدىمىي يۇرتلىرىمىزدىن بىرى . ئۇنىڭ تارىخىي نامى چەرچەن 2100 يىلدىن بۇيان ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن قوللىنىلىپ كەلمەكتە . بۇ تارىخىي نامنىڭ ئېتىمولوگىيىسى تېخى سىر بولۇپ تۇرماقتا . 

چەرچەن (鄯善) خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشى ھەققىدە ‹‹ خەننامە››دە يېزىلىشىچە، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77 – يىلى خەن سۇلالىسى خەنجەرۋازى فۇ جېزى باشچىلىقىدىكى بىر بۆلۈك ئەسكەرنى ئىبەرتىپ، كروران پادىشاھى ئامگوكانى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن . خەن سۇلالىسى ئۆزىدە تۇرغاق بولۇپ تۇرىۋاتقان ئۇتۇشنى خان قىلىپ تىكلەپ ئوردا ئايىملىرىدىن بىرنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلغان . بۇرۇنقى كروران خانىنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە يېقىنلىرى كروران شەھىرىدە ياشاۋاتقان بولغاچقا، ئۇتۇش كروران شەھىرىدە تۇرالماي ھازىرقى چاقىلىق ناھىيىسىدىكى مىرەن كونا شەھىرى ۋە چاقىلىق ناھىيە بازىرى ئەتراپلىرىنى مەركەز قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن . شۇ دەۋردە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ نامى چەرچەن (鄯善) دەپ ئاتالغان. بۇ خانلىق مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77 – يىلىدىن مىلادىيە 5 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بەش ئەسىردىن ئارتۇق داۋام قىلغان.

چەرچەن نامى ئەڭ دەسلەپ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77 – يىلى ئوتتۇرىغا چىققان ، شۇندىن ھېسابلىغاندا ئاز كەم 2100 يىللىق تارىخقا ئىگە نام ھېسابلىنىدۇ . بۇ نام ئەسلىدە ھازىرقى چاقىلىق ناھىيىسىنى مەركەز قىلغان بىر يەرلىك ھاكىمىيەتنىڭ نامى ئىدى . چاقىلىقنى مەركەز قىلغان بۇ يەرلىك ھاكىمىيەت مىلادىيە 2 – ئەسىردىن باشلاپ كۈچۈيۈپ ھازىرقى چاقىلىق ، چەرچەن ، نىيا ناھىيىلىرىنىڭ دائىرىسىنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە ئالغان . مىلادىيە 445 – يىلى دۇخاندىن چىققان جۇرچى ئۇرغۇنىڭ تۈمەن كىشىلىك ئېچىرقىغان ئادەملىرىنىڭ پاراكەندىچىلىگىدىن قورققان خان بەگروڭ 4000 ئائىلىدىن ئارتۇق ئاھالىنى باشلاپ سارمادان ( ھازىرقى چەرچەن)غا كۆچكەن، ناۋادا بىز ھەر بىر ئائىلىدە بەشتىن ئادەم بار دەپ قارىساقمۇ تەخمىنەن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە كۆچكەن بولىدۇ . مىلادىيە 445 – يىلى سارماداننىڭ يەرلىك ئاھالىسى 10 مىڭغىمۇ يەتمەيتتى . يازما ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مىلادىيەنىڭ بېشىدا چاقىلىق دائىرىسىدە چوڭ چەرچەن ۋە كىچىك چەرچەن دېگەن شەھەرلەرمۇ بولغان . تەخمىنەن 20 مىڭدەك چەرچەنلىك ئاھالىنىڭ سارمادانغا كۆچۈشى جاي نامىنىڭ كۆچۈشىگە سەۋەب بولغان ، بۇ خۇددى تۇرپانلىقلارنىڭ ئۇچقا بېرىپ ئولتۇراقلىشىشى بىلەن ئۇچتۇرپان نامى بارلىققا كەلگىنىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ . مەسىلەن : ئىلى رايونىدا تۇرپان يۈزى ، قۇمۇلدا لاپچۇق ... ناملىرى بار. چەرچەن نامى سارمادان نامى بىلەن پاراللېل قوللىنىلىپ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ، تەدرىجىي چەرچەن نامى ئومۇملاشقان . 8 – ئەسىرگە مەنسۇپ تۈبۈت يېزىقىدىكى پۈتۈكلەردە سارمادان نامى بىلەن ئەمەس چەرچەن دەپ خاتىرىلىنىشى بۇنىڭ دەلىلىدۇر . شۇ دەۋرلەردىن باشلاپ چەرچەن نامى سارماداننىڭ بىردىنبىر نامىغا ئايلاندى . مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ماركوپولو ، مىرزا ھەيدەر كۆرەگانلارنىڭ يازمىلىرى ، ئۇندىن كېيىنكى خەنزۇچە ۋە باشقا يازما ئەسەرلەردە تاكى 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئومۇميۈزلۈك چەرچەن نامىنىڭ تەلەپپۇز تەرجىمىسى قىلىنىشى ، ئۇيغۇرلارنىڭ تاكى بۈگۈنگىچە بۇ نامنى قوللىنىپ كېلىشى سۆزىمىزنىڭ دەلىلىدۇر. چەرچەن نامىنىڭ 2100 يىلدىن بۇيان ئىزچىل قوللىنىلىشى ، تېخىمۇ كونكىرىت قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ كەم دېگەندىمۇ 2100 يىلدىن بۇيان مۇشۇ زېمىندا ئىزچىل ياشاپ كەلگەنلىكىنىڭ بىر دەلىلىدۇر. ئەلۋەتتە ، بۇ نام ھەققىدە ئەجەبلىنەرلىك سىر يوشۇرۇنغان ، جۈملىدىن 鄯善 نامى خەنزۇچە يازما مەنبەلەردە كۆرۈلىدۇ ، لېكىن خاندانلىقنىڭ ھۆكۈمەت يېزىقى بولغان قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە كۆرۈلمەيدۇ . بۇ داۋاملىق تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە. بىز يۇقىرىدا كۆرگەن تارىخىي مەنبەلەردىكى چەرچەنگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن مىسال كەلتۈرگەندە ، جاي ناملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ ئالدىم ، چۈنكى ‹‹ خەننامە›› قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلەر ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندا ، جاي ناملىرى كۆپۈنچە ھازىرقى جاي ناملىرى بىلەن ئېلىنغان . بۇ مۇھاكىمىمىز جاي نامى ئۈستىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ، جاي ناملىرى ئەسلىي يازما شەكلى بويىچە ئەسلىگە قايتۇرۇلدى ھەمدە خەنزۇچە خەتلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەلەپپۇزى بېرىلدى . چەرچەن ناھىيىسىنىڭ سارمادان (چالمادانا ، 折摩驮那،且末) ۋە چەرچەن (鄯善 ، Carcan، CHARCHAN، چۇرچان) ناملىرىنىڭ بولغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق . سارمادان ياكى چالمادانا مىلادىيەدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىن باشلاپ تەخمىنەن مىلادىيە 6 – ئەسىرگىچە قوللىنىلغان ، لېكىن بۇ نام ماقالىمىزنىڭ مۇھاكىمە دائىرىسىدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە توختالمايمىز. ئەمدىكى مۇھاكىمىمىزنىڭ ئۆزىگە قايتساق، چەرچەن نامىنىڭ ئېتىمولوگىيىلىك قانداق ؟ چەرچەن نامىنىڭ ئېكولوگىيىسىنى تۆۋەندىكىدەك شەكىللەردىن ئىزدەشكە بولىدۇ . 1. چارچان ~ چەرچەن (بۇنىڭ يازما ئاساسى خەنزۇچە يازمىدىكى 鄯善 ، تۈبۈتچە يازمىدىكى Carcan، ماركوپونىڭ يازمىسىدىكى CHARCHAN ۋە مىرزا ھەيدەر كۆرەگان يازمىسىدىكى Chārchān ). 2. چۇرچان ( مەھمۇد كاشغەرىي يازمىسىدىكى qurqan ۋە مىرزا ھەيدەر كۆرەگان يازمىسىدىكى Jurjān ، 18 – ئەسىردىكى ‹‹ كاشغەر تارىخى ـ چىڭگىزنامە ››دىكى چۇرچەن ). بەن گۇ ‹‹ خە ننامە››نىڭ 96 – جىلىد ‹‹ غەربىي يۇرت ( قۇرىقار ) تەزكىرىسى››دە، بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ئېنىق يازما ئۇچۇر قالدۇرغان . ئۇنىڭدا يېزىلىشىچە ، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77 – يىلى خەن سۇلالىسى ئۆزىدە تۇرغاق بولۇپ تۇرىۋاتقان كروران خان ئىنىسى - ئۇتۇشنى خانلىققا كۆتۈرگەن ، ئۇنىڭغا شۇ قېتىمدا 鄯善 دېگەن نامدا تامغا ئويدۇرۇپ بەرگەن . كروراندا كونا خاننىڭ تەرەپدارلىرى ۋە خەن سۇلالىسىغا قارشى ئاھالىلەر بولغانلىقتىن، ئۇتۇش كروراندا تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماي ھازىرقى چاقىلىق ناھىيە بازىرى ۋە مىرەن كونا شەھىرى خارابىسىنى مەركەز قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ، خەن سۇلالىسى مىرەن كونا شەھىرىدە قورۇقچى ئەسكەر تۇرغۇزۇپ قوغدىغان . ‹‹ خەت – يېزىقلار شەرھىي لۇغىتى(说文)››دىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا ، تامغىدىكى نام 鄯 بولىشى ئېھتىمالغا يېقىن . مۇشۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ، بۇ نامنى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77 – يىلى ۋۇجۇدقا كەلگەن دەپ قارايمەن. دەسلەپتە نامى鄯 شەھىرى نامىدىن كەلگەن ، كېيىنكى چاغلاردا ئاندىن鄯善 بولۇپ مۇقىملاشقان . بەزى ئۇچۇرلاردا ئۇتۇش قوللانغان خانلىق نامى چەرچەن شۇ يەردىكى شەھەرنىڭ نامىدىن كەلگەن دېيىلىدۇ ، لېكىن يازمىلاردا مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77 – يىلىدىن بۇرۇن مۇشۇ نامدىكى شەھەر بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوق ، خەنزۇچە مەنبەلەردىن بۇ نامنىڭ ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىققان دېيىشكە بولىدۇ. بىز يۇقىرىقى تارىخىي خاتىرىلەردىن مۇنداق يەكۈنگە كېلەلەيمىز: بىرىنچى : چەرچەن نامى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77 – يىلى بارلىققا كەلگەن . ئىككىنچى : بۇ نام بارلىققا كەلگەن ئاشۇ دەۋردە بىر يەرلىك خاندانلىقنىڭ نامى بولغان . ئۈچىنچى : 鄯善 دېگەن بۇ نام خەنزۇچە نام ئەمەس ، بەلكى تەلەپپۇز تەرجىمىسىدىن كەلگەن . شۇنداق بولغاچقا ھېچ بىر كىشى بۇ نامنىڭ يازما شەكلى鄯善 نىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنى ، ئېتمولوگىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى . ‹‹ خەت – يېزىقلار شەرھىي لۇغىتى ›› ناملىق ئەسەردە ‹‹鄯善 ، غەربىي غۇرلارنىڭ ئېلىدۇر ، بۇ نام 鄯 شەھىرىنىڭ نامىدىن كەلگەن ›› دېگەن بايانلار بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. مۇشۇ ئەسەردە يەنە ‹‹鄯 خېتى ئەنە شۇ ۋاقىتتا كەشىپ قىلىندى ›› دېيىلگەن . تارىخشۇناس خۇاڭ شېڭجاڭ بۇ نامنىcherchen نامىنىڭ تەلەپپۇز تەرجىمىسى ، خەنزۇچىدا cher تاۋۇشىنى ئىپادىلەيدىغان خەت بولمىغانلىقتىن 鄯 خېتى كەشىپ قىلىنغان›› دەپ يازغان. مۇشۇ پاكىتلارغا ئاساسەن ، بۇ نامنىڭ خەنزۇ تىلىدىن كەلگەن دېگەن قاراشنى ئىنكار قىلىمەن. تۆرتىنچى: بۇ نام ئەينى ۋاقىتتا كروران ھاكىمىيىتىنىڭ ھاكىمىيەت يېزىقى بولغان قارۇشتى يېزىقىدا خاتىرىلەنگەن تىل ( ھىندى – ئەنەتكەك )دىن كەلمىگەن ، چۈنكى قارۇشتى يېزىقىدىكى يادىكارلىقنىڭ ھېچ بىرىدە بۇ نامنىڭ خاتىرىلىگەنلىكىنى ئۇچراتمىدۇق ، بۇ نام پەقەت شۇ دەۋردىكى خەنزۇچە يادىكارلىقلاردىلا خاتىرىلەنگەن . بەشىنچى : يۇقىرىقىلارغا ئاساسلانغاندا ، 鄯善 نامىنى خەنزۇ ۋە ھىندى - ياۋروپا تىللىرىدىن كەلمىگەن دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇ . بۇ نامنى غەربىي غۇرلارنىڭ تىلىدىن جۈملىدىن ‹‹ خەت – يېزىقلار شەرھىي لۇغىتى›› (مىلادىيە 58 – يىلىدىن مىلادىيە 147 – يىلىغىچە ياشىغان شۈشېن تەرىپىدىن مىلادىيە 100 – يىلىدىن مىلادىيە 121 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈزۈلگەن ۋە خەن سۇلالىسى پادىشاھى خەن ئەمدىگە تەقدىم قىلىنغان ) دا خاتىرىلەنگەن غەربىي غۇر (西胡)لارنىڭ تىلىدىن ئىزلىشىمىز كېرەك . ئەمدى بىز يۇقىرىدا كۆرگەن ئۇچۇرلاردىن چەرچەن نامىنىڭ قەدىمكى شەكلىنى يەنى ئەڭ توغرا خاتىرىسىنى ئىزلىشىمىز لازىم. بۇلارنىڭ ئىچىدىن مەھمۇد كاشغەرىي نىڭ يازمىسىنى ئەڭ توغرا خاتىرە دەپ قاراشقا بولىدۇ . چۈنكى بۇ ئاتالغۇنى 2100 يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇر خەلقى قوللىنىپ كەلگەن ، باشقا تىللاردىكى خاتىرىسى تىلدىن تىلغا تەرجىمە قىلىشتىن ئۆتكەن خاتىرە . گەرچە خەنزۇ يېزىقىدىكى خاتىرىنى ئەڭ بۇرۇنقى يازما دەپ قارىساقمۇ ، خەنزۇ يېزىقىدا بىر تىل تاۋۇشىنى بىر ھەرب بىلەن ئىپادىلىمەستىن بىر بوغۇم بىر خەت - ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . دېمەكچى بولغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، خەتلەرنىڭ ئەنە شۇ دەۋرلەردىكى ئوقۇلىشى تۈرلۈك تەتقىقاتلار ۋە ئىلمىي پەرەزلەر ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىققان ، پايدىلىنىشقا بولىدۇكى مۇتلەق ئاساس قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ . يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى چەرچەن نامىنى خەنزۇ يېزىقى بىلەن ئىپادىلەش تەلەپ قىلىنسىمۇ ئۆز ئەينى ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەس، مۇندىن 2100 يىل بۇرۇن تېخىمۇ شۇنداق . دۇنيادا ھەر قانداق تىلنىڭ ئۆزىگە خاس تاۋۇشلىرى بولىدۇ ۋە يېزىقتىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ئىپادىلەيدىغان ھەرپ – بەلگە ئىجاد قىلىنىدۇ . ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، مەيلى قەدىمدە بولسۇن ، ھازىر بولسۇن ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ تىل تاۋۇشلىرى بىلەن خەنزۇ تىلىنىڭ تاۋۇشلىرى ئارىسىدا خېلى كۆپ پەرقلەر بولغان . تارىخنىڭ ئوبيېكتىپ ئەھۋاللىرىدىن قارىغاندا ، خەنزۇ يېزىقى بىلەن خاتىرىلەنگەن 鄯善 ئەينى ۋاقىتتىكى يەرلىك خەلق قوللانغان جاي نامى بىلەن تەلەپپۇز جەھەتتىن يېقىنلاشسىمۇ، ئۆز ئەينى تەلەپپۇز خاتىرىسى دەپ ئېيتالمايمىز.گەرچە 8 – ئەسىردىكى تۈبۈت يېزىقىدا Carcan ( بەزى پۈتۈكلەردىكىسى نام Cercen دەپ تراسىكفىكسىيە قىلىنىدۇ) دەپ يېزىلىپ تەلەپپۇز جەھەتتىن يېقىن كەلگەن بولسىمۇ، ئۆز ئەينى تەلەپپۇز خاتىرىسى دېيەلمەيمىز . چۈنكى ئالىملار تۈبۈت يېزىقىدىكى بۇ جاي نامىنىمۇ بىر قانچە خىل ترانسكرىپسىيە قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جاي نامىنىڭ ئەڭ توغرا تەلەپپۇزىنى ، مۇشۇ نام قوللىنىشقا باشلاپ، 11 ئەسىردىن كېيىنكى خاتىرىسى يەنى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى››دىكى خاتىرىسى دېيىشكە بولىدۇ . مەھمۇد كاشغەرىي خاقانىيە سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتىگە تەۋە كىشى بولغانلىقى ۋە ئۇزۇن يىل ئىلىم ئالغان ئىلىم نوپۇزى بولغانلىقى ئۈچۈن ، خاقانىيە چېگرىسىدىكى بۇ يۇرتنىڭ نامىدىن خەۋەردار بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس . يەنە ئوتتۇرا ئاسىيانى يەنى تۈركىي خەلقلەر ياشىغان يەرلەرنى ئوننەچچە يىل تەكشۈرگەن ، قاتتىق ئىلمىي قائىدە بىلەن تىل قامۇسى تۈزگەن بىر بۈيۈك ئالىمنىڭ، بۇ يەر نامىنى خاتا يېزىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. مەھمۇد كاشغەرىي تارىم ۋادىسىدا كەم دېگەندىمۇ 30 يىل ئەتراپىدا ھايات كەچۈرگەن ھەم مۇشۇ زېمىندىكى خەلقلەرنىڭ تىلى بىلەن پىششىق تونۇش ئەللامە ئىدى . مەن يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا ئاساسەن مەھمۇد كاشغەرىي نىڭ خاتىرىسىنى ئەڭ توغرا تەلەپپۇز خاتىرىسى دەپ قارايمەن . مەھمۇد كاشغەرىي ” جرجان qurqan “ دەپ خاتىرىلىگەن ، مەھمۇد كاشغەرىي نىڭ يۇقىرىقى خاتىرىسى بىلەن ئۇنىڭدىن ئالتە ئەسىر كېيىن ياشىغان ئۇيغۇر تارىخچىسى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگانىنىڭ ‹‹ تارىخى رەشىدىي››دىكى Jurjān ( ئەسلىي مەنبەدىكى ھەربنى خاتا ترانسكرىپسىيە قىلىنغان ، توغرىسى qurqān بولىشى كېرەك، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بۇ كىتاب تەرجىمە قىلىنغاندا چۇرچەن ياكى چارچان دەپ ئېلىنىشى بۇنىڭ دەلىلىدۇر) لار بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ . مەن يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن ، بىز ھازىر تىلىمىزدا ئىستېمال قىلىۋاتقان چەرچەن نامىنىڭ ئىپتىدائىي شەكلىنى ”چۇرچان“ دەپ قارايمەن . شۇنداق بولغاندا ، تىل بوغۇملىرى بويىچە تەتقىق قىلساق ، ”چۇرچان“ نامى ”چۇر + چان“ دىن كېلىپ چىققان بولىدۇ . ئەمەلىيەتتە تارىم ۋادىسىدا ”چان“ قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسالغان جاي ناملىرى خېلى بار ، بۇنىڭغا تۆۋەندىكىلەرنى مىسال قىلىش مۇمكىن : پىچان ، تۇرپان ۋىلايىتىدىكى ناھىيە نامى . ياپچان بازىرى، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە . ياپچان بازىرى كەنتى ، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە. ياپچان مەھەللىسى ، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە. ياپچان سۇ ئامبىرى ، خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيىسىدە . ياپچانلىق تاغ ئېغىزى ، بايىنغولىن ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيىسىدە. پىچان بازىرى، تۇرپان ۋىلايىتى تۇرپان شەھىرىدە. ئاچچان كەنتى ، بايىنغولىن ئوبلاستى چەرچەن ناھىيىسىدە. ئاچچان ساي ، بايىنغولىن ئوبلاستى چەرچەن ناھىيىسىدە. ئاچچان يېزىسى ، خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيىسى ۋە چەرچەن ناھىيىسىدە بىردىن. ئاشىچان ( axïqan) چىنغا بارىدىغان يول ئۈستىدە قونۇپ ئۆتىدىغان بىر شەھەر . بارچان ( barqan) ، بىر جاينىڭ نامى]19] . چۇرچان (qurqan) ، چەرچەن . چىن يولىدىكى مۇسۇلمانلار چېگرىسىنىڭ بىرى . تاپچان ( tapqan) ئۈچئاياق ، ئۈستەلگە ئوخشايدىغان بىر سايمان . قول يەتمەيدىغان يەردە ئۈزۈمنى شۇنىڭغا چىقىپ تۇرۇپ ئۈزىدۇ . ياپچان ( yapqan) جۇۋسان، شىۋاق . بۇ سۆزنىڭ yavqan دەپ ئېيتىلىدىغان شەكلىمۇ بار . بۇ خۇددى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن p نىڭ f غا ئالمىشىشى توغرىسىدىكى قائىدىگە ئوخشاش . چانبالىق : ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى››تىكى جاي نامى ، ھازىرقى سانجى شەھىرى تەۋەسى. يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ”چان“ قوشۇمچىسى بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە بولغان. مۇشۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، شەكسىزكى ”چۇرچان“ نامى ”چۇر“ + ”چان“ دىن ياسالغان بولىدۇ. رۇسىيە تۈركولوگ كونونوۋ ‹‹ 7 ~ 9 – ئەسىرلەردىكى تۈرك رونىك يېزىقىدىكى يادىكارلىقلار تىلىنىڭ گرامماتىكىسى›› ناملىق كىتابىدا ‹‹ سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە čaη-، čäη- › čan ، čän بىلەن پېئىل سۆز تومۇرىغا ئۇلىنىدۇ ، ئىسىم خاراكتېرلىك سۆز يىلتىزلىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئۇلىنىدۇ ... سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە čaη- › čan ... كىچىكلىتىش مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ ››دەپ يازغان. تۈركولوگ كلاۋسوننىڭ بايانىدىن قارىغاندا چان ، چەن قوشۇمچىلىرى ئىپتىدائىي قوشۇمچىلار چاڭ ، چەڭدىن كەلگەن ، بۇ قوشۇمچىلار تۈركولوگ ناسىلوۋنىڭ پىكرى بويىچە ئېيتقاندا سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچىلاردۇر. مانا بۇنىڭغا قارىغاندا ، چان ، چەن قوشۇمچىلىرى تۈرك رونىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر دەۋرىدىن بۇرۇنلا بار قوشۇمچىلار ھېسابلىنىدۇ . ئۇنداقتا ”چۇر“ قانداق ئاتالغۇ ؟ ئۇ قانداق مەنىگە ئىگە؟ بىز مىلادىيە 7– ئەسىرلەردىن باشلانغان يازما يادىكارلىقلاردا ”چور“ ياكى ”چۇر“ دېيىلىدىغان مەنسەپ نامىنى كۆرۈمىز . بۇ نام خەنزۇچە يادىكارلىق ۋە تەتقىقات ئەسەرلىرىدە啜 دەپ يېزىلغان . تۈرك رونىك يېزىقىدىمۇ خاتىرىلەنگەن بۇ نام، تەتقىقات ئەسەرلىرىدە كۆپۈنچە čor ، ئاز بىر قىسمىدا čur دەپ ترانسكرىپسىيە قىلىنغان . رۇس تۈركلىرى كىلياشتۇرنىي ‹‹ قەدىمكى تۈرك رونىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر ›› ناملىق كىتابىدا، تۈبۈتچە يازمىدا بايانچۇر قاغاننىڭ bugchor دەپ يېزىلغانلىقىنى ، تۈرك رونىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەردە Bägčur دەپ يېزىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان . تەيۋەنلىك ئۇيغۇرشۇناس لىۇ يىتاڭ ‹‹ ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ›› ناملىق كىتابىدا čor ياكى čur مەنسەپ نامى دەپ يازغان. فرانسىيىلىك تۈركولوگ رېنى گرائود ‹‹ شەرقىي تۈرك خانلىقى ئابىدىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ›› ناملىق كىتابىدا ‹‹ ... Tchor ياكى Tchour، ھازىرچە بىزدە شەرقىي تۈركلەرنىڭ بۇ ھۆرمەت نامىنى قوللانغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىلىمىز يوق ، شۇنداقلا بۇ نامنىڭ قانداق مەمۇرىي ۋەزىپىگە تەڭ كېلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمىز ›› دەپ يازغان. چور مەنسىبى ئەينى ۋاقىتتا مەنسەپدارلارنىڭ ئىسمىغا ئۇلىنىپ كەلگەن . م: بايانچور (مويونچور) - تەڭرىدە بولمىش ئەل تۇتمىش بىلگە قاغان ( 747-759) ئايچور (阿啜) – قۇتلۇق بىلگە قاغان ( 790- ~ 795 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) كۈلچۇر : رۇس تۈركلىرى بېرنىشتام ‹‹ ئورخۇن يېنسەي تۈركلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ›› دېگەن كىتابىدا küliČur دەپ ترانسكرىپسىيە قىلغان. گېرمانىيىلىك تۈركولوگ گابائىن خانىم ‹‹ قەدىمكى تۈرك تىلىنىڭ گرامماتىكىسى ›› دا küülčur دەپ ترانسكرىپسىيە قىلغان. يازما مەنبەلەردە ئاپىرىنچۇر ، تادىقچور ... قاتارلىق كۆپلىگەن نام ئەمەللەردە ئىسىم بىلەن ئۇلىنىپ كەلگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. ”چور“ دېگەن بۇ مەنسەپ ھەققىدە تارىخشۇناس لىن گەن ‹‹ تۈرك تارىخى ›› ناملىق كىتابىدا، ‹‹ تۈركلەر شەرقىي ۋە غەربىي دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەندىن كېيىن ، غەربىي تۈركلەرنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون قەبىلىسى يەنە ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىدى . بىر قىسمى بەش تۇغلۇقلار ، يەنە بىر قىسمى بەش ساداقلىقلار دەپ ئاتىلىپ ، ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئون قەبىلە دەپ ئاتالغانىدى . بەش تۇغلۇقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئەمەلدار چور .. دەپ ئاتىلاتتى›› . تارىخشۇناس لىن گەن ‹‹ تۈرك تارىخى ›› دېگەن كىتابىدا ئوڭ شادقا تەۋە بەش ساداقلىقلارنىڭ بەش قەبىلىسىنىڭ ئىچىدە ‹‹ ئاسكىل چور قەبىلىسى، قوشۇچور قەبىلىسى بار››  دېيىلگەن. مۇشۇ كىتابتا يېزىلىشىچە، بەش تۇغلۇق قەبىلىسىگە بەش چور تەسىس قىلىنىپ بىر چور بىر قەبىلىنى باشقۇرغان ، بۇ بەش قەبىلە چۇمۇكۇن لۇچور ، قۇيلاۋ كۆلچور ، ئېستى تۇنچور ، تۈرگەش قۇۋلاس چور ، چۇنىس چۇبەن چورلاردىن ئىبارەت . ياڭ شېڭمېي يازغان ‹‹ قەدىمكى ئۇيغۇرلار ›› دېگەن كىتابتا ‹‹ چور ، بۇ ۋەزىپىنى خاقان جەمەتىدىكىلەر ئۈستىگە ئالاتتى . مەسىلەن ، بايان خاقان بىر چاغلاردا مويۇنچور ئىدى . ئومۇمەن تارىخىي كىتابلاردا ‹چور› خاتىرىلەنگەن جايلا بولىدىكەن ، بۇ كۆپ ھاللاردا قوشۇن باشلاپ جەڭگە ئاتلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولاتتى . شۇڭا چور بىر قاراشقىلا لەشكەر باشقۇرالايدىغان ئەمەلىي ھوقۇق ئىدى . ... چورلارنى خاقانلىقنىڭ قارارگاھى ئەتراپىدا ئەسكەر باشقۇرىدىغان بەگ دېيىشكىمۇ بولاتتى ... چورنىڭ خاقانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى رولى چوڭ ئىدى ..›› دەپ يېزىلغان. ئابلىمىد ئەھەد ، دىلدار مەمتىمىنلەر تۈزگەن ‹‹ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى››دە ‹‹ چۇر ( تۇرپاندىن تېپىلغان ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي ھۆججەتلەردە) مەرتىۋە ، دەرىجە ، ئەمەل نامى ›› ، ‹‹ چور ( قۇجۇدىن تېپىلغان قەدىمكى تۈركچە مانىي دىنى يادىكارلىقلىرىدا ) مەرتىۋە ، دەرىجە ››  دەپ شەرھىيلىگەن. فرانسىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس جامېس خامېلتوننىڭ يېزىشىغا قارىغاندا، تۈركولوگ گابائىن خانىم ‹‹ čor بىر ئالىي نام ››  دەپ يازغان. ئەنگلىيەلىك تۈركولوگ كلاۋسون 1972 – يىلى لوندوندا نەشىر قىلىنغان ‹‹تۈركىي تىللارنىڭ ئېتىئولوگىيە لۇغىتى››دە ‹‹ čur ~ čor سۆزى بىر خىل ھۆرمەت نامى سۈپۈتىدە قەدىمكى تۈركىي تىلدىكى ئەسلىي مەنبەلەردە كەڭ قوللىنىلىدۇ ...تۈرك رونىك يادىكارلىقلىرىدىكى čur ~ čor ~ čura ~ čora ( ئەنەتكەك تىلىدىكى ئەسكەر ، قەھرىمان مەنىسىدىكى سۆزدىن قەدىمكى پارس تىلىغا كىرگەن ، ياكى خەنزۇچە تىلىدىكى سۆز ) سۆزى ئىشلىتىلىپ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي – مەمۇرىي ئەمەلدارنى ( خاقان بىلەن بەگ ئارىلىقىدا ) كۆرسىتىدىغان ھۆرمەت نامى بولغان ››  دەپ قارىغان . گېرمانىيىلىك تۈركولوگ گابائىن خانىم ‹‹ نۇرغۇنلىغان ئاتالغۇلار ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن تەبىئىي ئۆزگەرگەن . تۈركلەرنىڭ بوز – قىر ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە čor بىلەن šad – بەلكىم مەركىزىي ئاسىيادا كېلىپ چىققان بولىشى مۇمكىن - قاغاننىڭ ئەڭ يۇقىرى كۆرۈنەرلىك ۋەزىپىسىدۇر. ئۇيغۇر بوز قىر ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە čor نى يەنىلا ‹ مانىيغا مەدھىيە › دېگەن شېئىردا كۆرۈمىز ... ئاپىرىنچور تېگىن – ئاپا- يېنسەي ئابىدىلىرى بىلەن ئورخۇن ئابىدىلىرى دەۋرىگە كەلگەندە بىر ئالىي نامغا ئايلىنىدۇ ، ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە پەقەت ئىسىمنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كۆرۈلىدۇ...››  دەپ يازغان . تۈركولوگ كلاۋسوننىڭ يۇقىرىقى قارىشى بىر پەرەزدىنلا ئىبارەت خالاس ، شۇڭا چور نامىنىڭ ئېتمولوگىيىسىنى ئەنەتكەك ، پارس ۋە خەنزۇ تىللىرىنىڭ بىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان ، تۈركلوگلارنىڭ ئۇنىڭ čorنىڭ ئېتمولوگىيىسى ھەققىدىكى قارىشىنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىپ ئىشەنمىگەنلىكى ، باشقا تۈركلوگلارنىڭ بۇ ئېتمولوگىيىگە گۇمان بىلەن قارىغانلىقىدىن بولسا كېرەك . تىلشۇناسلىق تەھلىلى : پروفېسسور لى زېڭشىئاڭ ، پەنلەر كاندىداتى مەترېھىم سايىت ، دوكتور جاڭ تېشەنلەر بىرلىكتە يازغان ‹‹ قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى تىلىنىڭ تەزكىرىسى››  دە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىق قانۇنىيىتى بويىچە a تاۋۇشىنىڭ a ، ï ۋە u لار بىلەن ، o تاۋۇشىنىڭ a ، ï ۋە u لار بىلەن ، u تاۋۇشىنىڭ a ، ï ۋە u لار بىلەن ماسلىشىدىغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتكەن . مۇشۇنىڭغا قارىغاندا بۇ نامنىڭ چورچان ياكى چۇرچان بولىشى مۇمكىن . گېرمانىيىلىك تۈركولوگ گابائىن خانىم ‹‹ قەدىمكى تۈرك تىلىنىڭ گرامماتىكىسى ››دا ‹‹ براھمان يېزىقىدىن باشقا يېزىقلاردا o، ö بىلەن u ، ü نى پەرقلەندۈرىدىغان يېزىق يوق ... بارلىق تۈركىي تىللارغا ئوخشاش قەدىمكى تۈرك تىلىمۇ تىل تاۋۇشلىرىنىڭ ئاھاڭداشلىق قانۇنىيىتىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ . بۇ خىل ئاھاڭداشلىق سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن بىلەن بىر قىسىم ئۈزۈك تاۋۇشلاردا مەۋجۇت›› دەپ يازغان. مانا بۇنىڭدىن قارىغاندا تۈرك رونىك يېزىقى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يازمىلاردا ئۇچرايدىغان بۇ نامنى چورچان دەپمۇ ، چۇرچان دەپمۇ ترانسكرىپسىيە قىلىش تامامەن مۇمكىن ، شۇڭا بۇ نامنى بەزى ئالىملار čur ، بەزى ئالىملار čor دەپ ترانسكرىپسىيە قىلغان. بىز يۇقىرىقى تىل ئاساسلىرى بىلەن يازما ئۇچۇرلارنى بىرلەشتۈرۈپ قارايدىغان بولساق ، مەھمۇد كاشغەرىي بىزگە يەتكۈزگەن ئۇچۇرنىڭ ”چۇرچان“ ۋە ”چورچان“ دېگەن ئىككى خىل شەكىلدە بولىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرەلەيمىز. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەينى دەۋردىكى يېزىق ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا ، ئەينى دەۋرلەردە ”چور“ ياكى ”چۇر“ دېگەن شەكىللەرنىڭ ھەر ئىككىلىسى تاۋۇش جەھەتتىن بەك چوڭ پەرق قىلىپ كەتمەيدۇ . بۇ خىل ئېھتىماللىق ، ھەر بىر ئالىمنىڭ ئەينى دەۋر يېزىق خاتىرىسىنى ترانسكرىپسىيە قىلىشتىكى ئاساسلىرىنىڭ ئوخشاشماسلىقىدىن كېلىپ چىققان. ”چورچان“ دېگەن نامنىڭ تۈركىي تىلدىكى مەنسەپ ، مەرتىۋە نامى بولغان ”چور“ ياكى ”چۇر“ دىن كېلىپ چىققانلىقىنى تۆۋەندىكىدەك ئاساس بىلەن كۆرسىتىمىز. بىرىنچى : خانلىق نامى ئۇتۇش خانلىققا ئولتۇرغاندا ئاندىن بارلىققا كەلگەن . ”چور“ ياكى ”چۇر“ كېيىنكى دەۋرلەردىكى يازما ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا ، بىرەر قەبىلىنىڭ ياكى يەرلىك ھاكىمىيەتنىڭ ھەربىي ، مەمۇرىي ئەمەلدارىنىڭ نامى بولغان . ئىككىنچى : 鄯 دەستلەپ بىر شەھەرنىڭ نامى ئىدى ، شۇنىڭدىن كەلگەن دېيىلگەن ، بۇ ئېھتىماللىق چوڭ ئەمەس ، ئەۋۋەل ھۆكۈمدار – چور ئوتتۇرىغا چىققان ، چورچان نامى ئۇنىڭدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن . بۇ ئۇچۇرنى باشقىچە چۈشەنسەك ، خەن سۇلالىسى ئۇتۇشقا بەرگەن تامغىغا 鄯 دەپ يېزىلغان ، بۇ ئەينى دەۋردە ”چور“ ياكى ”چۇر“ نىڭ تەلەپپۇز تەرجىمىسى ئىدى دەپ قارايمەن . چۈنكى ، ئۇ شۇ يەرلىك خەلققە شۇلار چۈشىنىدىغان نام بىلەن ئاتىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بولىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن . شۇنداق ئېھتىماللىقنى ئوتتۇرىغا قويىمەنكى ، ئۇتۇش خانلىققا ئولتۇرغاندا ”چور“ ياكى ”چۇر“ دېگەن نامدا ئاتالغان. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77 – يىلىدىن كېيىنكى تارىخىي جەرياندا ”چور“ ياكى ”چۇر“ تۇرغان شەھەر ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە ”چان“ قوشۇلۇپ ”چورنىڭ تۇرىدىغان يېرى “ دېگەن مەنىدىكى جاي نامى ”چورچان“ بولۇپ ئومۇملاشقان. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا بۇ خىلدىكى ناملار بولغان ، مەسىلەن : خاقانىيە ، خانبالىق ، قاتۇنسىنى ، ئىدىقۇت شەھىرى ، ئوردۇكەنت ، خانئۆي .... چەرچەن نامى ئەسلىدە چورچان نامىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن ، ئۇنداقتا چاقىلىق ناھىيىسىنى مەركەز قىلغان بۇ خانلىقنىڭ نامى قانداقچە ھازىرقى چەرچەنگە نام بولۇپ قالغان؟ خەنزۇچە كلاسسىك تارىخ كىتابلىرىغا قارىغاندا ، ھازىرقى چەرچەن مىلادىيەنىڭ بېشىدا چالمادانا (سارمادان) دەپ ئاتالغان ۋە خەنزۇچە 且末 دەپ يېزىلغان . ‹‹خەننامە››دىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا ، ‹‹ ياڭگۇەن قوۋۇقىدىن چىقىپ ئالدى بىلەن بارىدىغان يېقىن جاي 婼羌 ( ھازىرقى چاقىلىق بازىرى) بولۇپ چاڭئەنگىچە 6300 چاقىرىم ، 鄯善 (چاقىلىق ناھىيە مىرەن كونا شەھىرى) چاڭئەنگە 6100 چاقىرىم ، 且末 ( ھازىرقى چەرچەن ناھىيىسى) چاڭئەنگە 6820 چاقىرىم ، 小宛 ( نىيا ناھىيە ئەندىر كونا شەھەر خارابىسى ) چاڭئەنگە 7210 چاقىرىم ، 精绝 (نىيا ناھىيىسى تەۋەسى) چاڭئەنگە 8820 چاقىرىم دەپ خاتىرىلەنگەن . مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا ( ئەينى ۋاقىتتىكى بىر چاقىرىم 445 مېتىرغا تەڭ ) ، مىرەن كونا شەھىرىدىن چاقىلىق بازىرى ( 200 چاقىرىم = 89 كىلومېتىر) ، 鄯善 دىن 且末 گىچە ( 720 چاقىرىم = 320 كىلومېتىر ) ، 且末دىن 小宛 گىچە (390 چاقىرىم = 173 كىلومېتىر) كېلىپ چىقىدۇ، مانا مۇشۇ مۇساپە مەنزىللەر ھازىرقى ئارىلىقلار بىلەن يېقىن كېلىدۇ ، بۇ جەھەتتىن ئالغاندا ئالىملارنىڭ قاراشلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. شۇڭا ، مىلادىيەنىڭ بېشىدىكى چەرچەن ( بىز يۇقىرىدا دەۋاتقان چورچان ) ئەينى ۋاقىتتا ھازىرقى چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدە ئىكەنلىكىنى ، مىلادىيە 445 – يىلى بەگروڭ باشلىغان 4000 ئائىلىلىك ( 20 مىڭدىن ئارتۇق) تىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ ئەينى چاغدىكى چالماداناغا كۆچۈشى بىلەن جاي نامىنىڭ كۆچكەنلىكىنى ، ئەسلىدىكى جاي نامى چالمادانانىڭ ئورنىنى تەدرىجىي ھالدا چەرچەن نامىنىڭ ئالغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز. بۇ يەردە يەر ناملىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان نىۇ رۇچىن ۋە نىۇ رۇجىلارنىڭ ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى›› تىكى جاي ناملىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتىدىن، چەرچەن نامىغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىنى كۆرسەك ‹‹ qurqan (丘尔羌) - qərqən ، ھازىرقى چەرچەن ناھىيىسىنىڭ ناھىيە بازىرى ، يەنە بىر قاراشتا ھازىرقى ناھىيە بازىرى بىلەن تاتراڭنىڭ ئوتتۇرىسىدا . 且末 يەنە چەرچەن دېيىلىدۇ . بۇ يەر ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە چەرچەن (鄯善) تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان ، 鄯善 ، 车尔臣 لەر ئېھتىمال qurqan (丘尔羌) نىڭ تاۋۇش ئۆزگىرىشى بولىشى مۇمكىن . خەن دەۋرىدىكى鄯善 ھازىرقى چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدە ، بۇ ھازىرقى پىچان ناھىيىسى (鄯善县) بىلەن ئوخشاشمايدۇ ›› دەپ خۇلاسە قىلىنغان. بىز يۇقىرىدىكى بايانلىرىمىز ئارقىلىق 鄯善 نامىنىڭ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77 – يىلىدىن باشلاپ قوللىنىلغانلىقىنى ، بۇ نامنىڭ دەستىلەپ چاقىلىق ناھىيىسىنى مەركەز قىلغان يەرلىك ھاكىمىيەتنىڭ نامى بولغانلىقىنى ، مىلادىيە 5 – ئەسىردىن باشلاپ تەدرىجىي چالمادانا (سارمادان) نامىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ھازىرقى چەرچەننىڭ نامىغا ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۈم . ھازىرغىچە قۇربان ۋەلى كروران ، خۇاڭ شېڭجاڭ ، خۇدابەردى سېلىم ... قاتارلىق ئالىملار 鄯善 نامى بىلەن چورچان نامىنىڭ بىر نامنىڭ باشقا – باشقا تىل يېزىقلاردىكى خاتىرىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن . ھازىرقى كۈندە 鄯善 تۇرپان ۋىلايىتىدىكى پىچان ناھىيىسىنىڭ خەنزۇچە نامىغا ئايلانغان ، ئۇنداقتا بۇ قانداق ئىش ؟ چىڭ سۇلالىسى 1902 – يىلى پىچان ناھىيىسىدە ناھىيە تەسىس قىلغان ، 1902 – يىلىدىن بۇرۇن خەنزۇچە كىتابلاردا پىچان ناھىيىسى 蒲昌 ۋە 辟展 دەپ خاتىرىلىنىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرى پىچاندا ناھىيە تەسىس قىلغاندا ، ‹‹خەننامە›› دىكى 鄯善 نى خاتا ھالدا ھازىرقى پىچان دەپ قارىغانلىقتىن، ناھىيە نامىنى 鄯善 دەپ بېكىتكەن . چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۈزۈلگەن ‹‹ پىچان ناھىيىسىنىڭ يۇرت تەزكىرىسى››دە ‹‹鄯善 ناھىيىسى گۇاڭشۈنىڭ 29 – يىلى تەسىس قىلىنغان ... خەن دەۋرىدىكى كروران ئېلىدۇر. ... جاۋدى سەلتەنەتى يۈەنفېڭنىڭ 4 – يىلى ئەلنامىنى鄯善 گە ئۆزگەرتكەن . ... گۇاڭشۈنىڭ 2 – يىلى 辟展巡检 لىكى تەسىس قىلىنغان ۋە تۇرپاننىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان . 鄯善 ناھىيىسى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن ناھىيە مەركىزىنىڭ نامى 辟展 دىن 鄯善 گە ئۆزگەرتىلگەن ۋە تۇرپان ۋازارىتىگە تەۋە بولغان ›› دېيىلگەن . ‹‹光绪朝东华录 ›› نىڭ 175 – جىلىدىدا ‹‹...辟展巡检 ... ناھىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى . بۇ جاي قەدىمكى 鄯善 ئېلى بولغاچقا 鄯善 ناھىيىسى دەپ ئاتالدى... ›› دېيىلگەن. بىز بۇ ھەقتىكى قاراشلارغا يەر ناملىرى ۋە مەمۇرىيەت ئۆزگىرىشى تەتقىقاتى بىلەن كۆپ شۇغۇللانغان يۈ ۋېيچىڭنىڭ ‹‹ بۈگۈنكى پىچان ناھىيىسى ئەسلىدە غەربىي دىياردىكى 36 ئەلنىڭ ئىچىدىكى قۇتقۇ ئېلى ئىدى . 鄯善 غەربىي دىياردىكى 36 ئەلنىڭ ئىچىدىكى 鄯善 ئېلى بولۇپ ، ھازىرقى پىچاندا بولماستىن ، چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدە ئىدى ›› دېگەن بايانىنى خۇلاسە بايان قىلىشقا بولىدۇ . ئەمدى چەرچەن نامى جورجان سۆزىدىن كېلىپ چىققان دېگەن قارتاش توغرىسىدا توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بەزى تەتقىقاتچىلار بۇ ھەقتە ياخشى ئىزلەنگەن بولسىمۇ چىقىرىلغان ھۆكۈم تازا مۇۋاپىق بولمىغان دېيىشكە بولىدۇ . مەھمۇد كاشغەرىي ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى››دا ” جرجان“ دەپ يازغان . ئەلۋەتتە ئەرەب يېزىقىدا ج بىلەن چ تاۋۇشلىرى بىرلا ھەرب بىلەن يېزىلغانلىقتىن ، بۇنى خۇددى ئالىملار ترانسكرىپسىيە قىلغاندەك qurqan دېيىش كېرەكمۇ ياكى ‹‹ جورجان›› دەپ ئوقۇش كېرەكمۇ ؟ بۇنىڭغا يەنىلا پاكىت جاۋاب بېرىدۇ . مەھمۇد كاشغەرىيدىن بىر ئەسىر كېيىنگە مەنسۇپ ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە CHARCHAN دەپ ، شۇ مەزگىلدىكى خەنزۇچە يازمىدا 廛阇 ( [ţşəţş́ ân] دەپ ئوقۇلىدۇ) دەپ يېزىلغان. مەھمۇد كاشغەرىيدىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى دەۋردە يەنى تۈبۈتلەر ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدىكى تۈبۈتچە يازمىدا Carcan دەپ يېزىلغان . مەن مانا مۇشۇ پاكىتلارغا ئاساسەن ، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ يېزىشىدىكى ‹‹ جورجان›› نى چۇرچان دەپ ئوقۇش تامامەن توغرا بولغان . ھېچ بىر مەنبەدە چەرچەننىڭ جورجان دېيىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان پاكىت يوق ( ‹‹ تارىخى رەشىدىي››دىكى جاي نامىنى Jurjān دەپ ئوقۇش پەقەت ئوقۇشتىكى سەۋەنلىكتىن ئىبارەت . ئۇيغۇر كلاسسىك يازمىلىرىدا ۋە خەنزۇچە يازمىلاردا چەرچەن ھېچقاچان جورجان دېيىلمىگەن ، ئەكسىچە ئۇيغۇرچە چەرچەن ، خەنزۇچىدا 廛阇، 车尔成 ، 卡墙 سەپ يېزىلغان. ئەمدى جورجان دېگەن قەبىلە مەسىلىسىگە كەلسەك ، ھازىر كىشىلەر جورجان دەپ ئاتىغان قەبىلە ئالتاي تىل سىستېمىسى توڭغۇس تىللىرى گۇرۇپپىسىدىكى خەلق بولۇپ خەنزۇچە كلاسسىك تارىخلاردا رورانلار دەپ يېزىلغان . خەنزۇچە تارىخ كىتابلىرىدىكى 柔然 )ئەينى ۋاقىتتا ھازىرقىغا ئوخشاش ئۇقۇلغان)، 蠕蠕 ، 芮芮، 茹茹 دەپ يېزىلغان . بۇ خەتلەرنىڭ ئەينى دەۋرلەردىكى تەلەپپۇزى ‹‹روران››غا يېقىن كېلىدۇ . بۇ قەبىلە غەربكە كۆچۈپ ، ياۋروپادا ياشىغاندىن كېيىن ياۋروپالىقلار بىلەن ئالاقە قىلغان ، مىلادىيە 6- ، 7 – ئەسىرلەردىكى غەرب مەنبەلىرىدە ئابار ـ ئاۋار دېگەن نامدا خاتىرىلەنگەن . ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاۋارلار بىلەن رورانلارنىڭ بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بولۇپ ، ھازىر ئاساسەن قوبۇل قىلىنغان قاراشتۇر. ئۇنداقتا رورانلارنى جورجان دېيىش قانداق كېلىپ چىققان؟ بۇ ئەمەلىيەتتە ، 柔然 دېگەن نامنىju-jen دەپ ئوقۇش ۋە بۇنى موڭغۇل تىلىدىكى سۆزىگە ju‵sun تەڭلەشتۈرۈشتىن كېلىپ چىققان ، ئەمما ھازىر بۇ خخل يەشمىسى قوبۇل قىلىدىغانلار ئاز. ئالىملار تەتقىقاتلار ئارقىلىق رورانلار دېگەن بۇ نامنىڭ ھاكىمىيەت نامى ئىكەنلىكىنى ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى رورانلار دەپ ئاتىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ‹‹ جۇرجان بىلەن چەرچەننىڭ مۇناسىۋىتى›› دېگەن ماقالىدە كۆرسىتىلگەندەك ، رورانلارنىڭ تارىم ۋادىسىغا قەدەم بېسىشى مىلادىيە 450 – يىلىدىن كېيىنكى ئىش . 

بىز يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك ، چەرچەن نامى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1 – ئەسىردە قوللىنىشقا باشلىغان. مۇشۇ نۇقتىلاردىن ئالغاندا چەرچەن نامىنى رورانلارغا باغلاش ( روران نامىنى جورجان دەپ تونۇش ئارقىلىق ) تازا مۇۋاپىق بولمىغان بولىشى مۇمكىن . رورانلار ۋە ئۇلارنىڭ تارىخى ، كېلىپ چىقىشى ھەققىدە جو ۋېيجونىڭ ‹‹ چىلى ۋە روران ›› ، ياپون ئالىملىرى تۈزگەن ‹‹ شىمالدىكى مىللەتلەر تارىخى ۋە موڭغۇل تارىخىغا ئائىت تەرجىمىلەردىن توپلام ›› دېگەن كىتابلاردىكى مۇناسىۋەتلىك بايانلارغا مۇراجەت قىلىش مۇمكىن ، ئەلۋەتتە مۇندىن باشقا خېلى كۆپ ماتېرىياللارمۇ بار. مەن يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن ، چەرچەن نامىنى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77 – يىلى بارلىققا كەلگەن . ئەينى ۋاقىتتا ھۆكۈمران بولغان ئۇتۇش چور ياكى چۇر دېگەن مەنسەپ نامىدا ئاتالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ تۇرىدىغان يۇرت چورچان ( چورنىڭ تۇرىدىغان يېرى ) دەپ ئاتالغان. بۇ نام ئەينى ۋاقىتتا ئۇتۇشنى خانلىققا يۆلەپ چىقارغان خەن سۇلالىسىنىڭ يازمىلىرىدا خاتىرىلەنگەن . ئەجەبلىنەرلىكى مۇشۇ خانلىقنىڭ ھاكىمىيەت يېزىقى بولغان قارۇشتى يېزىقىدىكى يازمىلاردا كۆرۈلمەيدۇ. بىز گەرچە چور مەردىۋىنىڭ ( ياكى ئالىي ھۆرمەت نامىنىڭ ) دەسلەپكى خاتىرىلىرىنى مىلادىيە 7 – ئەسىرلەردىن باشلاپ كۆرسەكمۇ ، ئۇنى قەدىمدىن كەلگەن تارىخىي ئاتالغۇ دېيىشكە بولىدۇ . بۇ نام مىلادىيە 445 – يىلىدىن باشلاپ ھازىرقى چاقىلىق ناھىيىسىدىن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ كۆچۈشى سەۋەبلىك تەدرىجىي ھالدا ھازىرقى چەرچەن ناھىيىسىگە نام بولغان ۋە تۈرلۈك يېزىقلاردا ئاشۇ نامغا تەلەپپۇزى يېقىن كېلىدىغان ھەرپلەر بىلەن ئاھاڭ تەرجىمىسى قىلىپ خاتىرىلەنگەن . مۇندىن مىڭ يىل بۇرۇن ياشىغان ئۇيغۇر ئەللامىسى مەھمۇد كاشغەرىي نىڭ خاتىرىسى ئەڭ توغرا خاتىرە شۇنداقلا بۇ سىرنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ ، بىزگە ئۈنۈملۈك ئۇچۇر قالدۇرغان . بۇ نام 2100 يىلدىن بۇيان مۇشۇ يەرلىك خەلق تەرىپىدىن قوللىنىلىپ كەلمەكتە. مۇشۇ ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا بەزى تاۋۇشلاردا ئۆزگىرىش بولۇپ ھازىرقى نام چەرچەنگە ئايلانغان.

ئاساسلىق مەدەنىي يادىكارلىق ئىزلىرىدىن قۇرۇق تاغ قىيا تاش رەسىملىرى، زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبىلىلەر قەبرىستانلىقى، چالمىدان قەدىمكى شەھىرى قاتارلىقلار بار. ئالتۇنتاغ تەبىئىي قوغداش رايونىدا چەرچەن ئوۋچىلىق مەيدانى تەسىس قىلىندى، ئۇ ئىكسپېدىتسىيە، ساياھەت قىلىدىغان ياخشى جاي.




#Article 67: باغراش ناھىيىسى (454 words)


باغراش ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. باغراشنىڭ يەر مايدانى 3،603 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 60،000.

باغراش خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىت، بوستان دۆلەتلىرىنىڭ يېرى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىت تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قاراشەھەر ئىش باشقۇرۇش بېگىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئايرىپ بېرىلگەن. مىنگو دەۋرىدە خوشۇت ناھىيىسى، قاراشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېرى ئىدى.  1970  - يىلى خوشۇت ناھىيىسى بىلەن يەنجى ناھىيىسىنىڭ 3 يېزىسى ئاجرىتىلىپ باغراش ناھىيىسى قۇرۇلدى. تەۋەسىدە باغراش كۆلى بولغانلىقى ئۈچۈن باغراش ناھىيىسى دەپ ئاتالدى. ئۇ بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارايدۇ.

باغراش ناھىيىسى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسىمىغا، باغراش كۆلىنىڭ قىرغىقىغا جايلاشقان. شەرقىي شىمال تەرىپى خوشۇت ناھىيىسى بىلەن، غەربىي شىمال تەرىپى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 91 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بوغان كەڭلىكى 67 كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى 2166.3 كۋادرات كىلومېتىر. باغراش ناھىيىسىگە 1 بازار 6 يېزا، 25 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 2  - شىسىنىڭ 2 تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 422 كىلومېتىر.  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  50  مىڭ 300. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  14.32%نى، خەنزۇلار  67.67% نى، باشقا مىللەتلەر  18.01% نى تەشكىل قىلىدۇ.      يېرىنىڭ جەنۇبىي شىمال قىسىمى ئېگىز، ئوتتۇرىسى پەس، تۆت تەرىپىنى ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. يېپىق ئويمانلىققا ئوخشايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق 18.4% نى، تۈزلەڭلىك  28.4% نى، قۇملۇق  13.4% نى تەشكىل قىلىدۇ. باغراش كۆلىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن  1000 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ تاتالىق سۇلۇق ئىچكى قۇرۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ. ككل رايونىدا بايلىق ناھايىتى مول، جەمئىي  26 خىل بېلىق بار. قومۇش كۆلىمى 560  مىڭ مو بولۇپ، مەملىكتىمىز بويىچە 4  چوڭ قومۇشلۇقنىڭ بىرى. قاراشەھەر دەرياسى ناھىيىدىن كېيىن كېسىپ ئۆتىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىش مىقدارى 3  مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونىدىكى يەر ئاستى سۇ زاپىسى مىقدارى  88 مىليون كۇب مېتىر. قېزىلما بايلىقلاردىن نېفىت، تەبىئىي گاز، تۇز، تازىلانغان شور، تورف قاتارلىقلار بايقالدى.   باغراش ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 7.9℃، قۇياش نۇرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3109 سائەت. قىروسىز مەزگىلى  175 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  64.7 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  1881.2 مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر  9000 گېكتار (135  مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 2500 گېكتار ( 37 مىڭ مو) ئورمانلىق،  51 مىڭ  300 گېكتار (770 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، پەمىدۇر، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىلاردىن قارا شەھەر ئېتى، خوشۇت كالىسى قاتارلىقلار بار. سانائەت جەھەتتە قەغەزچىلىك، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەر بار.   باغراش ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي تەرەققىي قىلماقتا.  206 - ئۆلكە تاشيولى ناھىيە تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزىلارنىڭ تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان  2240 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ مەملىكەتنىڭ تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى.  

 مەدەنىي يادىكارلىق ئىزلىرى ۋە داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن باكشىنئېنسۇم لاما ئىبادەتخانىسى، باغراش كۆلى چوڭ - كىچىك رايونلىرى قاتارلىقلار بار.




#Article 68: بۈگۈر ناھىيىسى (548 words)


بۈگۈر ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. بۈگۈرنىڭ يەر مايدانى 14،189 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 90،000.

بۈگۈر خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەردە قۇرۇلغان ئۇرمتاي دۆلىتىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كۈسەن قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسى قارمىقىدىكى ئوڭېرى ئايمىقىغا قارىغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە  دەپ ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ  12 - يىلى (1886 - يىلى) بۈگۈر مۇپەتتىشى تەسىس قىلىنغان. گۇاڭشۈ  28 - يىلى  (1902  - يىلى) بۈگۈر ناھىيىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن ھەمدە قاراشەھەر مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگو دەۋرىدە ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە قاراشەھەر باش ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن قاراشەھەر ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 1954 - يىلى كورلا ۋىلايىتىگە قارىغان.  1960 - يىلى بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارايدىغان بولغان.

بۈگۈر ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپى كورلا شەھىرى بىلەن، غەربىي تەرىپى كۇچا ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى لوپنۇر ناھىيىسى، شىمالىي تەرىپى تەڭرىتاغ ئارقىلىق خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 136  كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 110 كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى  13 مىڭ  100 كۋادرات كىلومېتىر. بۈگۈر ناھىيىسىگە  2 بازار،  10 يېزا،  65  كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 2 - شىسىنىڭ  2 تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى  641 كىلومېتىر.  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  81 مىڭ  600، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  89.58% نى، خەنزۇلار  9.93% نى، باشقا مىللەتلەر  0.49% نى تەشكىل قىلىدۇ.     يېرىنىڭ شىمال تەرىپى ئېگىز، جەنۇب تەرىپى پەس، شىمال قسىمى تاغلىق، ئوتتۇرا قىسمى تۈزلەڭ بوستانلىق، جەنۇبىي قىسمى تىنما تارىم تۈزلەڭلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق يەر  31.4% نى، تۈزلەڭلىك  38.6% نى تەشكىل قىلىدۇ. تارىم دەرياسى، دىنا دەرياسى، ياڭشا دەرياسى قاتارلىق دەريا ئېقىنلىرى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى  64  مىليون 700  مىڭ كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلاردىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 29 مىليون  200 مىڭ كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋاناتلاrدىن يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، ئاق بوغۇز بۆكەن، سۇغۇر، ئارقار، قاراتايغان بۇغا، قۇملۇق توشقىنى، ياۋا توڭگۇز قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈكلەردىن چۈچۈكبۇيا، كىرەش، قانتېپەر، چاكاندا، قارلەيلىسى قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، نېفىت، تۇ، تۆمۈر، مىس، ئالتۇن، گەج، چىرىمتال، خرۇستال، گۈڭگۈرت قاتارلىقلار بايقالدى.   بۈگۈر ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق ؟خاراكتېردىكى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  10.5℃. ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 40.1℃ قا چىقىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا - 25.5℃ قا چۈشىدۇ. يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن  82.9  كۈن 30℃ دىن يۇقىرى ئىسسىق بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە قۇياشنىڭ چۈشۈش ۋاقتى  2778.0 سائەت.  10℃ نىڭ يىغىلما تېمپېراتۇرىسى 4039.4℃؛ قىروسىز مەزگىلى  211 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  47.4 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2082.0 مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيىدە يېزا ئىگىلىك ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر  11 مىڭ  800 گېكتار (177  مىڭ  300 مو) تېرىلغۇ يەر،  359 مىڭ  300 گېكتار (5 مىليون  390  مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر،  99 مىڭ  100 گېكتار (1 مىليون  487 مىڭ مو) ئورمانلىق،  1 مىليون  100 گېكتار ( 15 مىليون  90  مىڭ مو) ئوتلاق بار. چارۋىدىن قوي، كالا، ئات، بۇغا ئاساس قىلىنىدۇ سانائەت جەھەتتە كۆمۈر، نېفىت، ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش كەسىپلىرى بار.   بۈگۈر ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. 314  -  دۆلەت تاشيولى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى (ساۋخو يېزىسىدىن باشقا) ئاسفالىتلىشىپ بولدى. 2000 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى.   

مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن كۆيۈك شەھەر خارابىسى، زوكۈت قەدىمكى شەھەر، قارا دۆڭ قەلئەسى، كونا شەھەر قەلئەسى، ئاغىلىق قەلئەسى، لايسىز تۇراسى، قارايار تۇراسى قاتارلىقلار بار. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن تارىم دەرياسى كۆۋرۈكى، توغراقلىق باغچىسى، بۈگۈرنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى نېفىتلىك كىچىك رايونى قاتارلىقلار بار.




#Article 69: چاقىلىق ناھىيىسى (584 words)


چاقىلىق ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. چاقىلىقنىڭ يەر مايدانى 198،318 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 30،000.

چاقىلىق ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە پىشامشان، كرورەن خانلىقىنىڭ يېرى ئىدى. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە پىشامشان ۋىلايىتىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەردە شىچېڭ (تاش قەلئە) قورغىنى قۇرۇلغان. چاقىلىق قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ ئىدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 24 - يىلى ( 1898 - يىلى) تايىپ ھاكىم قويۇلغان. ئۇ شىنېڭ  ناھىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان (بۈگۈنكى لوپنۇر ناھىيىسى)، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ  29 - يىلى ( 1903 - يىلى) ناھىيىگە كۆتۈرۈلۈپ، نامى پىشامشان دەپ بېكىتىلىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاراشەھەر مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ  9  - يىلى (1920 - يىلى) قاراشەھەر ۋىلايىتىگە ئايرىپ بېرىلگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن كورلا ۋالىي مەھكىمىسىگە ئايرىلىپ بېرىلگەن. 1959  - يىلى پىشامشان دېگەن نامى چاقىلىق دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1960 - يىلى بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئايرىپ بېرىلدى.

چاقىلىق ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن، غەربىي تەرىپى چەرچەن ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى لوپنۇر ناھىيىسى ۋە تۇرپان ۋىلايىتى، قۇمۇل ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 600 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 580 كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى  202 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ناھىيە ھېسابلىنىدۇ. چاقىلىق ناھىيىسىگە  1 رايون،  2 بازار،  5 يېزا،  16 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك  2 - شىسىنىڭ  36 - تۇەنى مەيدانى ۋە ئالتۇن تاغ تەبىئىي قوغداش باشقارمىسى بار. ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 913  كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  27 مىڭ  900 يۈز، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  38.38% نى، خەنزۇلار  56.07% نى، باشقا مىللەتلەر  5.55% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر كىلومېتىر يەرگە  0.13 ئادەم توغرا كېلىدۇ. مەملىكەت بويىچە نوپۇسىنىڭ زىچلىق دەرىجىسى ئەڭ ناھىيىدۇر.    يېرىنىڭ جەنۇبىي تەرىپى ئېگىز، شىمالىي تەرىپى پەس، ئالتاي تېغى ناھىيە تەۋەسىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق يەر  29.39% نى، چۆللۈك، قۇملۇق  57.6% نى، تۈزلەڭلىك، بوستانلىق  13.1% نى تەشكىل  قىلىدۇ.  14  ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريا - ئېقىنى بار. يەر ئۈستىدىكى سۇ بايلىقى 370  مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋاناتلاردىن ياۋا قوتاز، ياۋا ئېشەك، قاڭشارلىق بۆكەن، قارا بويۇن، قارا بويۇن تۇرنا، تىبەت بۆكىنى، يىلپىز، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋايى دورا ئۆسۈملۈكلەردىن قارلەيلىسى، ياۋا ئەپيۈن گۈلى، چۈچۈكبۇيا قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلاردىن مىس، تۆمۈر، ئالتۇن، كالىي تۇز، تاشپاختا قاتارلىقلار بار.   ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ چۆل قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.5℃، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا  43.6℃ قا چىقىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا  - 27.2℃ قا چۈشىدۇ. يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن  118.7 كۈن  30℃دىن يۇقىرى ئىسسىق بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە قۇياشنىڭ چۈشۈش ۋاقتى  3082.2 سائەت.  10℃ يىغىلما تېمپېراتۇرىسى  4353.9℃، قىروسىز مەزگىل  235 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  17.4 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2902.2 مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيىدىن يېزا ئىگىلىك ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر  2200 گېكتار ( 33 مىڭ  500 مو) تېرىلغۇ يەر،  11 مىڭ  300 گېكتار ( 169 مىڭ  500 مو) تەبىئىي توغراقلىق،  1  مىليون 133 مىڭ  300  گېكتار (17  مىليون مو) ئوتلاق. 20 مىڭ گېكتار ( 300 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاشلىق، مايلىقدان، كېۋەز ئاساس قىلىنىدۇ. چارۋا كالا، قوي، ئاساس قىلىنىدۇ. سانائەت جەھەتتە ئېلېكتر قۇۋۋىتى، تاش پاختا، ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە تاش پاختا تۈۋرۈك كەسىپ ھېسابلىنىدۇ.   چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا.  315، 218 - دۆلەت تاشيولى ناھىي تەۋەسىدىن ئۆتۈپ، شىمالدىن كورلىغىچە، شەرقتىن چىڭخەي ئۆلكىسىگە، غەربتىن چەرچەنچىگە بولغان قاتناش ترانسپورت تورى شەكىللەندۈردى. سانلىق پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى.   

كرۇرەن قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، مىرەن قەدىمكى قەلئە خارابىسى، قاتارلىق مەدەنىي يادىكارلىق ئىزلىرى بار، داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن ئالتۇنتاغ تەبىئىي مۇھاپىزەت راونى بار.




#Article 70: يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى (606 words)


يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. خېجىڭنىڭ يەر مايدانى 2،429 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 120،000.

يەنجى غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي رايوندىكى كىنگىت (يەنجى) دۆلىتى ئىدى ۋە غەربىي رايون قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارايتتى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىت تۇتۇق مەھكىمىسى ۋە كىنگىت قورغىنى تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، نامى قاراشەھەرگە ئۆزگەرتىلگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 8 - يىلى ( 1882 - يىلى) قاراشەھەر بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى تەسىس قىلىنغان. گۇاڭشۈ  24  - يىلى (1898 - يىلى) يەنجى دېگەن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھەمدە نازارەت مەھكىمىگە ئۆزگەرتىلگەن. مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرى كىنگىت مەھكىمىسى ۋىلايەتكە ئۆزگەرتىلگەن. مىنگونىڭ  2 - يىلى ( 1913 - يىلى) ۋىلايەت تارمىقىدا يەنجى ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان. كېيىن يەنە يەنجى مەمۇرىي رايونىغا ۋە  8 - رايونغا ئۆزگەرتىلگەن.  1954 - يىلى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلۇپ، بايىغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارىغان.

يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، قاراشەھەر ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى باغراش ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى كورلا شەھىرى بىلەن، غەربىي تەرىپى بۈگۈر ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 131.1 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى  64.8 كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى  1868 كۋادرات كىلومېتىر. يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسىگە  1 بازار،  7  يېزا، 45  كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2  - شىسىنىڭ 2 تۇەن مەيدانى ۋە تارىم دەرياسىنىڭ جەنۇبىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  412 كىلومېتىر.  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 109 مىڭ  900. بۇنىڭ ئىچىدە خۇيزۇلار  23.11% نى، خەنزۇلار  44.4% نى، ئۇيغۇرلار  29.03% نى، باشقا مىللەتلەر  3.37% نى تەشكىل قىلىدۇ.     يېرىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپى ئېگىز، شەرقىي جەنۇبىي تەرىپى پەس. ئەتراپىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ. پەۋقۇلئاددە تاغ ئارىسىدىكى ئويمانلىق. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق  52.36% نى، تۈزلەڭلىك  47.64% نى تەشكىل قىلىدۇ. قاراشەھەر دەرياسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. يىللىق سۇ مىقدارى  3 مىليارد  300 مىليون كۇب مېتىر. يەر ئۈستى سۈيى بايلىقى مىقدارى  4 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلاردىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى  4.9 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھاۋايۋاناتلاردىن يىلپىز، تاغ  ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئاق بوغۇز بۆكەن، سۈر تۇرنا، ئاققۇ قاتارلىقلار بار. ياۋايى دورىلىق ئۆسۈملۈكلەردىن چۈچۈكبۇيا، قارلەيلىسى، قانتېپەر قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلىرىدىن نېفىت، كۆمۈر، كۇۋارتس، خرۇستال، چىرىمتال، تاشپاختا، مىس، بېرىل قاتارلىقلار بار.   يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  7.9℃، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 38.0℃ غا چىقىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا  - 35.2℃ قا چۈشىدۇ. يىلدا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 7.48 كۈن 30℃ دىن يۇقىرى ئىسسىق بولىدۇ. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  3138.1 سائەت،  10℃ نىڭ يىغىلما تېمپېراتۇرىسى  3404.0℃، قىروسىز مەزگىل  167 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  64.6 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  1949.5 مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر  17  مىڭ 600  گېكتار (264  مىڭ 300 مو) تېرىلغۇ يەر،  44  مىڭ 700 گېكتار ( 670  مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر،  105 مىڭ  700 گېكتار ( 86 مىڭ مو) ئورمانلىق،  149 مىڭ گېكتار ( 2 مىليون  235 مىڭ مو) ئوتلاق بار، چارۋىدىن كالا، قوي، ئات قاتارلىقلار بار. داڭلىق قاراشەھەر ئېتى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا  دەپ نام ئالغان. سانائەت جەھەتتە شىكەرچىلىك، كۆن - خۇرۇم، دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەر بار.   يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ قاتناش تۈگۈنى. جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى ۋە  314 - دۆلەت تاشيولى ناھىيە بازىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە - يېزىلارنىڭ تاشيوللىرى بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن. پوچتا تېلېگراف، خەۋەرلىشىش ئىشلىرى قولايلىق، جەنۇبىي شىنجاڭ ئوپتىكىلىق غول لىنىيىسى بولغان يەنجى - كورلا لىنىيىسى رەسمىي تۇتاشتۇرۇلدى. پروگراممىلىق تېلېفون، سىمسىز چاقىرىش ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى كەينى - كەينىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.  

مەدەنىي يادىكارلىق ئىزلىرى ۋە داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن مىڭئۆي، شگازى قەدىمىي بۇتخانىسى خارابىسى، خەن، تاڭ قەدىمكى شەھىرى، تاڭ پادىشاھى قەلئەسى، بۇغدا چىڭ قەدىمكى شەھىرى، سېفىنىش كۆلى ساياھەت نۇقتىسى، قاراشەھەر دەرياسى باغچىسى قاتارلىقلار بار.




#Article 71: گۇچۇڭ ناھىيىسى (662 words)


گۇچۇڭ ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. گۇچۇڭنىڭ يەر مايدانى 16،641 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 230،000.

گۇچۇڭ ناھىيىسى شىمالىي شىنجاڭدىكى مەشھۇر تارىخىي شەھەر. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئارقا، قاڭقىل ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بارىۆل ناھىيىسى قۇرۇلغان بولۇپ بېشبالىققا قارايتتى. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كىدانلارنىڭ ئىلكىدە بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق ئەمىرلەشكەر مەھكىمىسىگە قارىغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيراتلارغا قارىغان. كېيىن جۇڭغالارنىڭ مال باقىدىغان يېرى بولغان، چيەنلۇڭنىڭ 24 - يىلى (1759) گۇچۇڭ قەلئەسى سېلىنغان، چيەنلوڭنىڭ 38 - يىلى (1773 - يىلى) گۇۋۇڭ ناھىيىسى قۇرۇلغان. چيەنلوڭنىڭ 41 - يىلى (1776)  گۇچۇڭ قەلئەسى كېڭەيتىلىپ،  دەپ ئاتىلىپ، غەربىي قورغان مەھكىمىسىگە قارىغان. شيەنفىڭنىڭ 3 - يىلى (1853 - يىلى) ئۈرۈمچى ئايمىقىغا قارىغان. گۇاڭشۈنىڭ 15 - يىلى (1889) ناھىيە جىڭيىڭچىڭدىن گۇچۇڭغا كۆچۈرۈلگەن. مىنگو يىللىرى ئۈرۈمچى ئايمىقىغا قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋىلايىتىگە قارىغان، 1958 - يىلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

گۇچۇڭ ناھىيىسى تەڭرىتاغ تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىي بۆلەك، شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبى چېتىگە جايلاشقان. شەرقتە مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى، غەربتە جىمسار ناھىيىسى، جەنۇبتا تۇرپان شەھىرى، پىچان ناھىيىسى بىلەن، غەربىي شىمالدا كۆكتوقاي، چىڭگىل ناھىيىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ. شەرقىي شىمالدا موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىدۇ، (چېگرا لىنىيىسى 119 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 45  ～ 150 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلىقى 250 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 18 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر. تەۋەسىدە 3 بازار، 12 يېزا، 92 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. يەنە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 6 - شىسىنىڭ 3 تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 207 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 229 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە خۇيزۇلار%  4.93 نى، خەنزۇلار% 77.73 نى، ئۇيغۇرلار% 6.84 نى، باشقا مىللەتلەر% 10.50 نى ئىگىلەيدۇ.     يەر شەكلى جەنۇب بىلەن شىمالىي ئېگىز، ئوتتۇرىسى پەس بولۇپ، خۇددى ئېگەرگە ئوخشايدۇ، يەر شەكلى خىلمۇخىل، بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق% 30، تۈزلەڭلىك% 50، قۇملۇق% 20 نى ئىگىلەيدۇ. 42 چوڭ - كىچىك مۇزلۇق بار. ئومۇمىي كۆلىمى 26.1 كۋادرات كىلومېتىر، 14 تەبىئىي مۇز كۆل بار، ئومۇمىي كۆلىمى 700 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. دەريالاردىن كەيكىن دەرياسى، جوڭجېگىن دەرياسى، كۇەنگۈ دەرياسى، بىلىيۇ دەرياسى، جىبۇكۇ دەرياسى، داۋان دەرياسى، بايياڭخې دەرياسى بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 686 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 327 مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، موڭغۇل ياۋا ئېشىكى، سايگاڭ بۆكىنى، تاغ ئۆچكىسى، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، يايلاق بۈركۈتى، قىزىل تۈلكە، ئوتلاق تۈلكىسى قاتارلىقلار بار؛ ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قاراغاي، شەمشاد، قېيىن، ئالقات، سوغىگۈل، چۈچۈكبۇيا، توشقان زەدىگى، قىزىل چوغلۇق قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، تۇز، ئالتۇن، تۆمۈر، مىس، خروم، ھاك تېشى قاتارلىقلار بار.   گۇچۇڭ ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى℃ 4.7، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى℃ 41.0، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -℃42.6، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 57.2 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى℃ 30 تىن يۇقىرى بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن چۈشۈش ۋاقتى 3075.7 سائەت،℃ 10 يىغىندا تېمپېراتۇرا℃ 3106.7، قىروسىز مەزگىلى 156 كۈن، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 175.8 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2141.3 مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر بار تېرىلغۇ يېرى 68 مىڭ 500 گېكتار (1 مىليون 275 مىڭ مو)، ئورمان يېرى 37 مىڭ 900 گېكتار (568 مىڭ مو)، يايلاق بىر مىليون 112 مىڭ 100 گېكتار (16 مىليون 831 مىڭ 500 مو)، ئاچقىلى بولىدىغان ببوي يەر 146 مىڭ 200 گېكتار (ئىككى مىليون 193 مىڭ مو). دېھقانچىلىق مەسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، ئارپا، پۇرچاق، مايلىقدان، قىزىلچا، ياڭيۇ، خۇشپۇراق ماتېرىياللار، تاماكا قاتارلىقلار بار. چارۋىلاردىن قوي، كالا، ئات، چوشقا قاتارلىقلار بار. سانائەت تۈرلىدىن شېكەرچىلىك، قەغەزاچىلىك، كۆمۈر، سېمونت، ھاراق، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   گۇچۇڭ ناھىيىسنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا، 228، 303 ئۆلكە يولى چېگرىسىنى كېسىپ ئۆتۈىدۇ. ناھىيە بازىرىنى مەركەز قىلغان ناھىيە، يېزا تاشيولى 15 يېزا - بازار ۋە بەش دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن - مەيدانىغا تۇتىشىدۇ. ئوپتىكىلىق خەۋەرلىشىش، پروگراممىلىق تېلېفون، سىمسىز چاقىرىش كەينى - كەينىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. بۇ ناھىيىدىك پەسىللىك چېگرا ئېغىزى - ئۇلاستاي ئېغىز شىنجاڭنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن سودا قىلىدىغان مۇھىم يولىنىڭ بىرى.   

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن خەن سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت شۇلى (ئىشپارى) شەھىرى، تاڭ دەۋرىگە ئائىت بارىكۆل شەھىرى، چيەنلوڭ دۇڭدى ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار بار. مەشھۇر مەنزىرىلىك جايلىرىدىن نەنشەن ياڭگۇي ساھىلى، خىيلاۋبا، نوم شەيتان شەھىرى، دىنازاۋۇر جىلغىسى، قارا مەھەللە تېغى، توياقلىق ياۋا ھايۋانات مۇھاپىزەت رايونى ۋە تاش ئورمىنى قاتارلىقلار بار. 




#Article 72: ماناس ناھىيىسى (627 words)


ماناس ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. ماناسنىڭ يەر مايدانى 9،174 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 170،000.

ماناس تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قەدىمكى دىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولغان. غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيسۇن، ئۆتتەنزىل دۆلەتلىرىگە، ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە ئۇيسۇنلارغا، سۈي دەۋرىدە غەربىي تۈرك تۇران قەبىلىسىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدەبېشبالىقنىڭ بالقاش كۆلى ناھىيىسى بولغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيراتلارغا قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە جۇڭغار خولاما قەبىلىسىنىڭ كۆچمە چارۋا باقىدىغان يېرى بولغان. چيەنلۇڭنىڭ 28 - يىلى (1763 - يىلى) سۈيلەي قورغىنى قۇرۇلغان. چيەنلوڭنىڭ 33 - يىلى (1768 - يىلى) ياردەمچى ئامبال قۇرىقى قۇرۇلۇپ سانجى ناھىيىسىگە قارىغان. چيەنلۇڭنىڭ 43 - يىلى (1778 - يىلى) رەسمىي ناھىيە تەسىس قىلىنىپ سۈيلەي دەپ ئاتالغان. ئۈرۈمچى ۋىلايىتىگە قارىغان. 1954 - يىلى ماناس ناھىيىسى دەپ ئۆزگەتىلگەن. 1958 - يىلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 1976 - يىلى شىخەنزە ۋىلايىتىگە قارىغان. 1979 - يىلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن.

ماناس ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكى، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقتە قۇتۇبى ناھىيىسى، غەربتە شىخەنزە شەھىرى، ساۋەن ناھىيىسى، جەنۇبتا خېجىڭ ناھىيىسى، شىمالدا قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 275 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 88 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 11 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر، تەۋەسىدە 6 بازار، 6 يېزا، 137 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. يەنە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، يېزا ئىگىلىك 6 - شىسى، 8 - شىسىنىڭ 5 تۇەن - مەيدانى، ئاپتونوم رايونلۇق ئېلېكتېر قۇۋىتى ئىدارىسى ماناس ئېلېكتر ئىستانسىسى بار. ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 136 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 246 مىڭ 900، بۇنىڭ ئىچىدە خۇيزۇلار %2.39نى، ئۇيغۇرلار % 1.70 نى، خەنزۇلار% 89.02 نى، باشقا مىللەتلەر% 6.89 نى ئىگىلەيدۇ.    يەر شەكلى: جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ تار ھەم ئۇزۇن سوزۇلغان، جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس، جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىقلار 26.7% ئوتتۇرا قىسمىدىكى تۈزلەڭلىك% 19.1، شىمالىي قىسمىدىكى قۇملۇق، چۆللۈك% 54.2 نى ئىگىلەيدۇ. ماناس دەرياسى ۋە ناسىرقاي دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 706 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 370 مىليون كۇب مېتىر،  ياۋا ھايۋانات بايلىقلىرىدىن يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن سوغىگۈل، قېرىقىز، چاكاندا، يۈەفو، دۇڭخۇا، يەرمەدىكى، قارلەيلىسى، چوڭ يوپۇرماقلىق چىنتىيانا، قان تېپەر، قىزىل مېۋىلىك شاقاقۇل، كەتىرا، بۇۋانە قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، قىزىل توپا، زۇمرەت، ئالتۇن، مىس، كۈمۈش، ئارسىن، ئىسلاندىيە تېشى، ھاك تېشى، كۋارتس، تۈز قاتارلىقلار بار.   ماناس ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق، يېرى قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى℃ 6.8، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇراىسى℃ 42.0، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -℃ 38.0، يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن چۈشۈش ۋاقتى 2866.3 سائەت، قىروسىز مەزگىلى 172 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 173.7 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقتارى 1946.9 مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاشلىق ۋە پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىدىن بىرى. ھازىر بار تېرىلغۇ يېرى 41 مىڭ 600 گېكتار (624 مىڭ مو)، ئورمان 24 مىڭ 300 گېكتار (364 مىڭ 500 مو)، دېھقانچىلىق قىلغىلى بولىدىغان 26 مىڭ 700 گېكتار بوز يەر (400 مىڭ مو)، ئورمانلىق قىلغىلى بولىدىغان 430 مىڭ گېكتار بوز يەر (64 مىڭ 500 مو) بار، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، مايلىقدان، قىزىلچا قاتارلىقلار بار. پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا 1994 - يىلى مەملىكەت بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان 100 كۈچلۈك ناھىيە ئىچىدە 57 - ئورۇندا تۇرغان. چارۋىلاردىن كالا، قوي ئاساس قىلىنىدۇ. دېھقانچىلىق رايونى بورداقچىلىقى خېلى كۆلەمگە ئىگە، سانائەت تۈرلىرىدىن كۆمۈر، ماشىنسازلىق، ياغاچ ماتېرىياللىرى، كۆن - خۇرۇم، فار - فۇر، پاختا توقۇمىچىلىق، ئاشلىق، ماي  ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   ماناس ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ غەربىي بۆلىكى، 312 - دۆلەت يولى، 201 - ئۆلكە يولى، ياسىلىۋاتقان ئۈرۈمچى - كۈيتۈن يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولى ناھىيە چېگرىسىدىن ئۆتىدۇ. شەھەر - يېزا ئاسفالىت يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدۇ. 8000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلدى، سىمسىز چاقىرىش ۋە خەلقئارا فوتوتېلېگرامما ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.  

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن تاسىرقاي قەدىمكى قەلئە خارابىسى، تۇرا، بۇددا ئىبادەتخانىسى، شەنشى سارىيى قاتارلىقلار بار. مەنزىرلىك جايلىرىدىن تاسىرقاي دەرياسى شارقىراتمىسى، چىڭشۈيخې، بەيياڭگو مەنزىرىلىك جايى، قاراغايلىق قاتارلىقلار بار.




#Article 73: مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى (991 words)


مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. مورىنىڭ يەر مايدانى 13،510 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 90،000.

مورى غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كېيىنكى بارىكۆل دۆلىتىگە تەۋە ئىدى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىدە بېشبالىق تۇتۇق مەھكىمىسى قارمىقىدىكى بارىكۆل ناھىيىسىگە، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دۋرلىرىدە ئىدىقۇتقا تەۋە ئىدى. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي لىياۋغا قارىغان. يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇللارنىڭ كۆچمە چارۋىچىلىق قىلىدىغان يېرى ئىدى. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مورى دەپ بېكىتىلىپ، غەربىي قۇرغان مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 6 - يىلى (1917) مورىغا ياردەمچى ئامبال مەھكىمىسى قويۇلغان. مىنگونىڭ 91 - يىلى (1930) مورى ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان. 1954 - يىلى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى ۋىلايىتىگە قارىغان، 1958 - يىلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. شەرقتە بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى، غەربتە گۇچۇڭ ناھىيىسى، جەنۇبتا پىچان ناھىيىسى، قۇمۇل شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالدا موڭغۇلىيە (چېگرا لىنىيىسى 74 كىلومېتىر) بىلەن چېگرىلىنىدۇ؛ جەنۇبتىن شىمالغىچە ئۇزۇنۇقى 168 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 128 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 12 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىر، تەۋەسىدە 2 بازار، 8 يېزا، 44 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرى ئۈرۈمچىگىچە 280 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىردىكى ئومۇمىي نوپۇسى 87 مىڭ 700، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 22.63% نى، خەنزۇلار% 70.16 نى، باشقا مىللەتلەر% 7.21 نى ئىگىلەيدۇ.      يەر شەكلى: شەرقىي جەنۇبىي ئېگىز، غەربىي شىمالىي تۈزلەڭلىك بولۇپ، تاغلىق% 11 نى، ئېدىرلىق% 24، تۈزلەڭلىك، چۆللۈك% 50 نى قۇملۇق% 15 ئىگىلەيدۇ. ئالتە دەريا بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى  288 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 134 مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋانات بايلىقلىرىدىن يىلىپىز، ياۋا ئېشەك، ئارقار، قارا تايغان بۇغا، تاغ ئۆچكىسى، چوڭ دوغداق، قوڭۇر ئېيىق، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قار لەيلىسى، سۆسۈن گۈللۈك سوغىگۈل، توشقان زەردىگى، ئەڭلىك ئوت، چۈچۈكبۇيا، كاۋاۋىچىن دەرىخى، كېشەر، قان تېپەر، ئاكېبىيە دەرىخى، چاكاندا قاتارلىقلار بار، بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن ئالتۇن، كۆمۈر، تۇز، زىئولىت، كۋارتس تاش، مىس، ھاك تېشى، شور قاتارلىقلار بار.   مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى℃ 5.0، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى℃ 36.9، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -℃ 31.8، يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن چۈشۈش ۋاقتى 3080.6 سائەت،℃ 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى℃ 2526.5، قىروسىز مەزگىلى 143 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 292.6 مىللېمىتر، سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2181.4  مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيە يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ناھىيىسى. ھازىر بار تېرىلغۇ يېرى 31 مىڭ گېكتار، ( 470 مىڭ مو)، ئورمان 97 مىڭ 700 گېكتار (1 مىليون 465 مىڭ 500 مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلغىلى بولىدىغان 31 مىڭ 300 گېكتار بوز يەر (470 مىڭ  مو)، ئورمان قىلغىلى بولىدىغان 43 مىڭ 500 گېكتار بوز يەر (650 مىڭ مو) بار، يايلاق 1 مىليون 485 مىڭ گېكتار (21 مىليون  127 مىڭ 500 مو). چارۋىلاردىن قوي، ئۆچكە، كالا، ئات، تۆگە، چوشقا قاتارلىقلار بار. ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن قوي يۇڭى، تېرە، تىۋىت، تۆگە يۇڭى قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، پۇرچاق، كۆممىقوناق، مايلىقدان، كۆكتات قاتارلىقلار بار. ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن تەڭرىتاغ ئاق پۇرچىقى، ياڭيۇ قاتارلىقلار بار. سانائەتتە چارۋا مەھسۇتلىرى ۋە تەڭرىتاغ ئاق پۇرچىقى خام ئەشيا قىلىنىدىغان پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى ئاساس قىلىنىدۇ.   مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدىرىجىي ياخشىلانماقتا. 303 ئۆلكە يولى ناھىيە چېگرىسىدىن ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيولى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدۇ. ئوپتىكىلىق خەۋەرلىشىش ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلدى.   مەدەنىيەت يادىكارلىقىرىدىن سىداۋگو ئىپتىدائىي كەنت خارابىسى ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بېشبالىق قۇرۇل شەھىرى، قەدىمكى ھەربىي ئاخبارات يەتكۈزىدىغان تۇرا، بوستان قىيا تاش رەسىملىرى توپى قاتارلىقلار بار. مەنزىرىلىك جايلىرىدىن ئىپتىدائىي توغراقلىق، تاشقا ئايلانغان ياغاچ توپى، مىڭشاشەن قاتارلىقلار بار.% 70.16 نى، باشقا مىللەتلەر% 7.21 نى ئىگىلەيدۇ.   مورى غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كېيىنكى بارىكۆل دۆلىتىگە تەۋە ئىدى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىدە بېشبالىق تۇتۇق مەھكىمىسى قارمىقىدىكى بارىكۆل ناھىيىسىگە، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دۋرلىرىدە ئىدىقۇتقا تەۋە ئىدى. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي لىياۋغا قارىغان. يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇللارنىڭ كۆچمە چارۋىچىلىق قىلىدىغان يېرى ئىدى. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مورى دەپ بېكىتىلىپ، غەربىي قۇرغان مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 6 - يىلى (1917) مورىغا ياردەمچى ئامبال مەھكىمىسى قويۇلغان. مىنگونىڭ 91 - يىلى (1930) مورى ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان. 1954 - يىلى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى ۋىلايىتىگە قارىغان، 1958 - يىلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.   يەر شەكلى: شەرقىي جەنۇبىي ئېگىز، غەربىي شىمالىي تۈزلەڭلىك بولۇپ، تاغلىق% 11 نى، ئېدىرلىق% 24، تۈزلەڭلىك، چۆللۈك% 50 نى قۇملۇق% 15 ئىگىلەيدۇ. ئالتە دەريا بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى  288 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 134 مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋانات بايلىقلىرىدىن يىلىپىز، ياۋا ئېشەك، ئارقار، قارا تايغان بۇغا، تاغ ئۆچكىسى، چوڭ دوغداق، قوڭۇر ئېيىق، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قار لەيلىسى، سۆسۈن گۈللۈك سوغىگۈل، توشقان زەردىگى، ئەڭلىك ئوت، چۈچۈكبۇيا، كاۋاۋىچىن دەرىخى، كېشەر، قان تېپەر، ئاكېبىيە دەرىخى، چاكاندا قاتارلىقلار بار، بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن ئالتۇن، كۆمۈر، تۇز، زىئولىت، كۋارتس تاش، مىس، ھاك تېشى، شور قاتارلىقلار بار.   مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى℃ 5.0، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى℃ 36.9، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -℃ 31.8، يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن چۈشۈش ۋاقتى 3080.6 سائەت،℃ 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى℃ 2526.5، قىروسىز مەزگىلى 143 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 292.6 مىللېمىتر، سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2181.4  مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيە يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ناھىيىسى. ھازىر بار تېرىلغۇ يېرى 31 مىڭ گېكتار، ( 470 مىڭ مو)، ئورمان 97 مىڭ 700 گېكتار (1 مىليون 465 مىڭ 500 مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلغىلى بولىدىغان 31 مىڭ 300 گېكتار بوز يەر (470 مىڭ  مو)، ئورمان قىلغىلى بولىدىغان 43 مىڭ 500 گېكتار بوز يەر (650 مىڭ مو) بار، يايلاق 1 مىليون 485 مىڭ گېكتار (21 مىليون  127 مىڭ 500 مو). چارۋىلاردىن قوي، ئۆچكە، كالا، ئات، تۆگە، چوشقا قاتارلىقلار بار. ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن قوي يۇڭى، تېرە، تىۋىت، تۆگە يۇڭى قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، پۇرچاق، كۆممىقوناق، مايلىقدان، كۆكتات قاتارلىقلار بار. ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن تەڭرىتاغ ئاق پۇرچىقى، ياڭيۇ قاتارلىقلار بار. سانائەتتە چارۋا مەھسۇتلىرى ۋە تەڭرىتاغ ئاق پۇرچىقى خام ئەشيا قىلىنىدىغان پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى ئاساس قىلىنىدۇ.   مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدىرىجىي ياخشىلانماقتا. 303 ئۆلكە يولى ناھىيە چېگرىسىدىن ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيولى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدۇ. ئوپتىكىلىق خەۋەرلىشىش ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلدى.   

مەدەنىيەت يادىكارلىقىرىدىن سىداۋگو ئىپتىدائىي كەنت خارابىسى ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بېشبالىق قۇرۇل شەھىرى، قەدىمكى ھەربىي ئاخبارات يەتكۈزىدىغان تۇرا، بوستان قىيا تاش رەسىملىرى توپى قاتارلىقلار بار. مەنزىرىلىك جايلىرىدىن ئىپتىدائىي توغراقلىق، تاشقا ئايلانغان ياغاچ توپى، مىڭشاشەن قاتارلىقلار بار.




#Article 74: جىمىسار ناھىيىسى (765 words)


جىمىسار ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. جىمىسارنىڭ يەر مايدانى 8،149 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 130،000.

جىمىسار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئارقا قانقىلىغا تەۋە ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىقنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. كېيىنكى چاغلاردا بېشبالىق ئۇلۇغ قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىدىقۇت دۆلىتىگە تەۋە بولغان. يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق ئايغاقچى مەھكىمىسىگە تەۋە بولغان. چيەنلوڭنىڭ 24 - يىلى (9175) ياردەمچى ئامبال مەھكىمىسى قويۇلغان. نامى جىمىسارغا ئۆزگەرتىلىپ فۇكاڭ ناھىيىسىگە قارىغان. گۇاڭشۈنىڭ 28 - يىلى (1902) قۇيۇەن ناھىيىسى قۇرۇلغان. مىنگو يىللىرى ئۈرۈمچى ۋىلايىتىگە قارىغان. 1954 - يىلى جىمىسار ناھىيىسىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئۈرۈچى ۋىلايىتىگگ قارىغان. 1958 - يىلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

جىمىسار ناھىيىسى تەڭرىتاغ تىزملىرىنىڭ شەرقىي بۆلەك، شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. شەرقتە گۇچۇڭ ناھىيىسى بىلەن، غەربتە فۇكاڭ شەھىرى، جەنۇبتا تۇرپان شەھىرى، ئۈرۈمچى ناھىيىسى بىلەن، شىمالدا كۆكتوقاي ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 60 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 214 كىومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 9756 كۋادرات كىلومېتىر، تەۋەسىدە ئۈچ بازار، 6 يېزا، 45 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 6 - شىسىنىڭ 2 تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرى ئۈرۈمچىگە 165 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 128 مىڭ 500، بۇنىڭ ئىچىدە خۇيزۇلار 13.36%، خەنزۇلار% 72.21 ئۇيغۇرلار % 4.81 باشقا مىللەتلەر % 9.62 نى ئىگەللەيدۇ.     يەر شەكلى: شىمالىي ئېگىز جەنۇبىي پەس. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق 15.5%، تۈزلەڭلىك% 16.4، قۇملۇق% 68.1 ن ئىگىلەيدۇ. شەرقىي، غەربىي دالوڭكو دەرياسى، ئەرگۇڭ دەرياسى، بەيياڭخې دەرياسى قاتارلىق دەريالار بار، يىللىق سۇ مىقدارى  346 مىليون كۇب مېتىر. يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى  149  مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋانات بايلىقىدىن ياۋا ئات (سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىلىدۇ)، يىلپىز، قۇڭۇر ئېيىق، ياۋا ئېشەك، ئاق بۇغۇز بۆكەن، ياۋا توڭگوز، قىزىل لاچىن، ئۇلاي قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن شەمشاد، بال قارىغاي، قېيىن، قامچا ئوت، سوغىگۈل، ئالىقات، قار لەيلىسى، قان تېپەر، چاكاندا قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، ئالتۇن، نېفىت، تەبىئىي گاز، تۆمۈر، زېئولىت، ھاك تېشى، كۋارتس تاش، مەرۋايىت تاش، ئاق سېغىز توپىسى، توپىلىك سېغىز توپىسى قاتارلىقلار بار.   جىمىسار ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرسى℃ 6.5، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃40.8، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  -℃ 36.6، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن  60.8 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى℃ 30 تىن يۇقىرى بولىدۇ. يىللىق دەرىجە كۈن چۈشۈش ۋاقتى 2988.2 سائەت،℃ 10 يىغىندا تېمېپراتۇرىسى 3420.2، قىروسىز مەزگىلى 171 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 168.2 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2309.7  مىللىمېتىر.   جىمىسار ناھىيىسى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر بار تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 32 مىڭ 800 گېكتار (492 مىڭ مو)، ئورمان 35 مىڭ 800 گېكتار (537 مىڭ مو)، يايلاق 685 مىڭ 300 گېكتار (12 مىليون 795 مىڭ مو) يەنە ئورمان قىلغىلى بولىدىغان 60 مىڭ 700 گېكتار بوز يەر (910 مىڭ مو) بار، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، مايلىقدان، پۇرچاق تۈرلىدى، زاراڭزا، سامساق، بۆلجۈرگەن، قىزلچا، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئاق پوستلىق سامساق، زاراڭزا، بۆلدۈرگەن شۇ جاينىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى. چارۋىلاردىن قوي، كالا، چوشقا قاتارلىقلار بار. سانائەت تۈرلىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، كۆمۈر، يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش، ياغاچ ماتېرىياللىرى، ھااق، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   جىمىسار ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. 303 ئۆلكە تاشيولى بۇ ناھىيىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، ناھىيە، يېزا يولى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. پروگراممىلىق تېلفون سىغىمچانلىقى 8300 گە يەتتى ھەمدە سىمسىز چاقىرىش ۋە خەلقئارا فوتو تېلېگىرامما يولغا قويۇلدى.   مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن تاڭ دەۋرىدىكى بەش بالىق قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىنىڭ خارابىسى، بەش بالىق ئۇيغۇر مەسچىتى خارابىسى، مىڭ ئۆي قاتارلىقلار بار. مەنزىرىلىك جايلىرىدىن ۋۇسەيۋەن دىنازاۋۇر جىلغىسى،  كۆيۈكتاغ، پۇشى ياۋا ئات بېقىش - كۆپەيتىش مەركىزى قاتارلىقلار بار.℃ 10 يىغىندا تېمېپراتۇرىسى 3420.2، قىروسىز مەزگىلى 171 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 168.2 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2309.7  مىللىمېتىر.   جىمىسار ناھىيىسى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر بار تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 32 مىڭ 800 گېكتار (492 مىڭ مو)، ئورمان 35 مىڭ 800 گېكتار (537 مىڭ مو)، يايلاق 685 مىڭ 300 گېكتار (12 مىليون 795 مىڭ مو) يەنە ئورمان قىلغىلى بولىدىغان 60 مىڭ 700 گېكتار بوز يەر (910 مىڭ مو) بار، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، مايلىقدان، پۇرچاق تۈرلىدى، زاراڭزا، سامساق، بۆلجۈرگەن، قىزلچا، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئاق پوستلىق سامساق، زاراڭزا، بۆلدۈرگەن شۇ جاينىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى. چارۋىلاردىن قوي، كالا، چوشقا قاتارلىقلار بار. سانائەت تۈرلىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، كۆمۈر، يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش، ياغاچ ماتېرىياللىرى، ھااق، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   جىمىسار ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. 303 ئۆلكە تاشيولى بۇ ناھىيىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، ناھىيە، يېزا يولى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. پروگراممىلىق تېلفون سىغىمچانلىقى 8300 گە يەتتى ھەمدە سىمسىز چاقىرىش ۋە خەلقئارا فوتو تېلېگىرامما يولغا قويۇلدى.   

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن تاڭ دەۋرىدىكى بەش بالىق قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىنىڭ خارابىسى، بەش بالىق ئۇيغۇر مەسچىتى خارابىسى، مىڭ ئۆي قاتارلىقلار بار. مەنزىرىلىك جايلىرىدىن ۋۇسەيۋەن دىنازاۋۇر جىلغىسى،  كۆيۈكتاغ، پۇشى ياۋا ئات بېقىش - كۆپەيتىش مەركىزى قاتارلىقلار بار.




#Article 75: قۇتۇبى ناھىيىسى (568 words)


قۇتۇبى ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. قۇتۇبىنىڭ يەر مايدانى 9،476 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 210،000.

قۇتۇبى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە شەرقىي قىما، ئوتتەنزىل، جىگونىڭ يېرى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارغا قارىغان. چىڭ سۇلالىسى چەنلوڭنىڭ 29 - يىلى (1764) سەييارە ئامبال مەھكىمىسى قۇرۇلۇپ ئۈرۈمچى ۋىلايىتىگە قارىغان. گۇۋاڭشۇنىڭ 29 - يىلى (1903 - يىلى) دىن تارتىپ ياردەمچى ئامبال مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن. مىنگونىڭ 7 - يىلى (1918 - يىلى) قۇتۇبى ناھىيىسى قۇرۇلغان. مىنگونىڭ 36 - يىلى (1947 - يىلى) ناھىيە نامى جىڭخۇاغا ئۆزگەرتىلگەن، 1954 - يىلى يەنە قۇتۇبىغا ئۆزگەرتىلىپ، ئۈرۈمچى ۋىلايىتىگە قارىغان. 1958 - يىلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

قۇتۇبى ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا قىسىم شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. شەرقتە سانجى شەھىرى، غەربتە ماناس ناھىيىسى، جەنۇبتا خوشۇت ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالدا قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 52 كىلومېتىر،  جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 258 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 8743.5 كۋادرات كىلومېتىر، تەۋەسىدە 4 بازار،  3 يېزا، 40 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. يەنە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 6  - شىسىنىڭ 4 تۇۋەن - مەيدانى، چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ نەسىللىك كالا فېرمىسى، شىنجاڭ غەربىي رايونىنىڭ خۇڭفۇ دېھقانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقى 76 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 187 مىڭ 500، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار  7.15% نى، خەنزۇلار %76.66 نى، ئۇيغۇرلار %3.34 نى، قازاقلار  12.12% نى، باشقا مىللەتلەر  % 0.73  ئىگىلەيدۇ.     

يەر شەكلى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالى پەس، جەنۇبىي قىسمى تاغلىق، ئوتتۇرا قىسمى تىنما تۈزلەڭلىك، شىمالىي قىسمى قۇملۇق. تاغلىق  %31.6  نى، تۈزلەڭلىك  %43.2  نى، قۇملۇق 25.2% نى ئىگىلەيدۇ. دەريالاردىن قۇتۇبى دەرياسى، چۆرگۈ دەرياسى بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 390 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 262 مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋانات بايلىقىدىن يىلىپىز، تاغ ئۆچكىسى، قارا تايغان بۇغا، قوڭۇر ئېيىق، ياۋا توڭگۇز، ئۇلار، تاغ كەكلىكى، ئاققۇ، ياۋا غاز، مۈشۈك ياپىلاق قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن شامشات، قارىياغاچ، جىگدە، سوغىگۈل، قارلەيلىسى، ئالغات، قان تېپەر، مەرزەنجۇش، چۈچۈك بۇيا، ئاق چوغلۇق، زاراڭزا، كەۋرەك قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، نېفىت، ئالتۇن، قاشتېشى، خرۇستال، ھاك تېشى، تۆمۈر، ئاليومىن قاتارلىقلار بار.   قۇتۇبى ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  ℃6.7، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃41.7، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 38.8  ℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 73.5 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن چۈشۈش ۋاقتى 3089.9  ℃ سائەت، ℃10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى ℃3561.3، قىروسىز مەزگىل 173 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى ℃164.5 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى. 22341.2 مىللىمېتىر.   قۇتۇبى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ناھىيە. ھازىر بار تېرىلغۇ يېرى 36 مىڭ 700 گېكتار (550 مىڭ مو)، ئورمان 34 مىڭ 500 گېكتار (523 مىڭ مو)، يايلاق 730 مىڭ 900 گېكتار (15 مىليون 585 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلغىلى بولىدىغان 57 مىڭ گېكتار بوز يەر (855 مىڭ مو)، يەە دېھقانچىلىق قىلغىلى بولىدىغان 36 مىڭ 900 گېكتار بوز يەر (553 مىڭ 500 مو) بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، ئاققۇناق، سۆك، تېرىق، پۇرچاق، ئات، چوشقا، قوي ئاساس قىلىنىدۇ. سانائەت تۈرلىرىدىن پاختا توقۇمچىلىق، ھاراقچىلىق، كۆن - خۇرۇم، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   قۇتۇبىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخىشلانماقتا. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ غەربىي بۆلىكى ۋە 312 - دۆلەت يولى، 201 - ئۆلكە يولى، قۇتۇبى - فاڭساۋخۇ تاشيولى ناھىيە چېگرىسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. نۇر كابىل ئارقىلىق خەۋەرلىشىش، پروگراممىلىق تېلېفون، سىمسىز چاقىرىش ۋە خەلقئارا فوتوتېلېگراف ئېچىلدى.   

مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن كاڭجىيا شىمىنزى قىيا تاش رەسىملىرى، ۋۇگۇڭتەي تۇراسى، جۆلبۆرخۇ تاش ئادىمى قاتارلىقلار بار. مەنزىرىلىك جايلىرىدىن لاۋباۋەن، شۋۇ شەنجۇاڭ قاتارلىقلار بار.




#Article 76: جىڭ ناھىيىسى (582 words)


جىڭ ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. جىڭنىڭ يەر مايدانى 11،181 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 120،000.

جىڭ ناھىيىسىنىڭ نامى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدىغان جىڭ دەرياسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكمىسىگە قاراشلىق ئۇيسۇن دۆلىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىككى ئۈگۈز تۇتۇق مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيرات قەبىلىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ  24 - يىلى (1759 - يىلى) جىڭ دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا  قەلئەسى سېلىنغان ۋە جېڭدى دوتەي مەھكىمىسنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چيەنلۇڭ  48 - يىلى (1783 - يىلى) ئەنقۇ قەلئەسىنىڭ ئىككى چاقىرىم شەرقىگە يەنە يېڭى قەلئە سېلىنغان ۋە ئۈرۈمچى باش بوغىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ  14 - يىلى (1888 - يىل) جىڭ بىۋاسىتە قاراشلق ئەمىنىيە نازارىتى تەسىس قىلىنىپ، جېڭدى دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. گۇاڭشۈ  28 - يىلى (1902 - يىلى) ئىلى - تارباغاتاي دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ  2 - يىلى ( 1913 - يىلى) بىۋاسىتە قاراشلىق نازارەت ئۆزگەرتىلىپ جىڭ ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىلى دوتەي مەھكىمىسى ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان.  1954 - يىلى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئايرىپ بېرىلگەن.

جىڭ ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ تارمىقى بولغان بولجىنۇر تېغىنىڭ شىمالىيى ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان. شەرقتىن شىخۇ شەھىرى، غەربتىن  بۆرتالا شەھىرى، جەنۇبتىن غۇلجا، نىلقا ناھىيىسى، شىمالدا تولى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 166 كىلومېتىر؛ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 134 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى  11 مىڭ  300 كۋادرات كىلومېتىر. بۇ ناھىيىگە بىر رايون، ئىككى بازار، ئۈچ يېزا،  54 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  423 كىلومېتىر.  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  113  مىڭ 100، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇللار  3.98% نى، ئۇيغۇرلار  12.20% نى، خەنزۇلار  69.50% نى، باشقا مىللەتلەر  14.32% نى تەشكىل قىلىدۇ.     

يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس ھالەتتە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى  41% نى، تۈزلەڭلىك  50%  نى، (بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ بويىچە ئىككىنچى چوڭ تۇزلۇق كۆل - ئىبنۇر كۆلى بار بولۇپ، كۆلىمى 500 كۋادات كىلومېتىر كېلىدۇ) سۇ يۈزى 9% نى ئىگىلەيدۇ. جىڭ دەرياسى، داخىيەنزى دەرياسى، ئاچال دەرياسى، تودۇگ دەرياسى قاتارلىق دەرياسى بار. يەر يۈزى سۇ بايلىقى  852 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى  317 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئارقار، قاراتايغان بۇغا، ئاق بۇغۇز بۆكەن،  ئۇلار، سۈلەيسۈن، توڭگۇز قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توشقان زەدىكى، چۈچۈكبۇيا، سوغىگۈل، قان تېپەر، بۇۋانە، ئەڭلىك ئوت، داڭگۈي قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن تۇز، گىلائۇبېر تۇزى، مولىبدېن، فوسفور قاتارلىقلار بار.   جىڭ ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېپېراتۇرىسى  7.3℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  41.3℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 36.4℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2691.9 سائەت.  10℃  يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 3582.5℃، قىروسىز مەزگىلى  173 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  91.4  مىللىمېتىر، سۇنىڭ ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1624.9 مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 21 مىڭ  400 گېكتار ( 321  مىڭ 300 مو)، ئورمان كۆلىمى  108 مىڭ  700 گېكتار  (بىر مىليون 630 مىڭ مو) ئوتلاق  716 مىڭ  700 گېكتار ( 10 مىليون  750 مىڭ مو) كېلىدۇ. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، شال، كۆممىقوناق، كېۋەز، مايلىقدان ئالقات، ھەرخىل پۇرچاق ۋە قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، چوشقا، قېچىر، تۆگە اتارلىقلار بار. سانائىتىدىن خىمىيە سانائىتى، توقۇمچىلىق، تۇزچىلىق، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   جىڭ ناھىيسىنىڭ  ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. دۆلەت تاشيولى  312 - لىنىيىسى ناھىيىنى  كېسىپ ئۆتىدۇ. يولۇچىلار توشۇش مەركىزى، جىڭ ۋوگزالى تىجارەتكە كىرىشتى. ناھىيە، يېزىلارنىڭ يوللىرى ھەممە تەرەپكە تۇتىشىدۇ.  نۇر كابىل ئارقىلىق يەتكۈزۈش، پروگراممىلىق تېلېفون قاتارلىق ئىلغار خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.   

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ئەنفۇ قەلئەسى خارابىسى، ئۇيسۇن قەبرىستانلىقى قاتارلىقلار بار.




#Article 77: ئارىشاڭ ناھىيىسى (550 words)


ئارىشاڭ ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. ئارىشاڭنىڭ يەر مايدانى 5،900 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 70،000.

ئارشاڭ ناھىيىسى تەۋەسىدە ئارشاڭ بولغانلىقىدىن ئارشاڭ دەپ ئاتالغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇسۇنلارنىڭ يېرى بولغان. سۈي، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۈركلەرگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىلى سالغۇتىغا قاراشلىق چاغار موڭغۇل لەشكىرى سول قاناتنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرىدىغان يېرى بولغان. مىنگونىڭ 27 - يىلى (1938 - يىلى) ئارشاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنىپ، ئىلى مەمۇرىي رايونىغا قارىغان، مىنگونىڭ 31 - يىلى (1942 - يىلى) دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ناھىيە تەسىس قىلىنغان. 1954 - يىلى ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىدىن بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئايرىپ بېرىلگەن.

ئارشاڭ ناھىيىسى غار ئويمانلىق غەربىي چېتىگە، بۆرتالا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جالاشقان. شەرقتىن بورتالا شەھىرى بىلەن جەنۇبتىن قورغاس ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب ۋە شىمال تەرەپتىن قازاقىستان بىلەن چېرگىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 275 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 139.4 كىلومېتىر، شىمالدىن جەنۇبقىچە بولغان كەڭلىكى 64.8 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 5663.7 كۋادرات كىلومېتىر. بۇ ناھىيىگە 2 بازار، 4 يېزا، 46 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تەۋەسىدە ئىلشەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 5 - شىسىنىڭ 2 تۇەن - مەيدانى ۋە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قارايدىغان بىر ئورمانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئارىلىقى 613 كىلومېتىر. 1995 يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 72 مىڭ 800، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇللار 14.76% نى، خەنزۇلار 61.81% نى، باشقا مىللەتلەر 23.43% نى تەشكىل قىلىدۇ. 

ناھىيىنىڭ جەنۇبىي، غەربىي، شىمالىنى تاغ قورشاپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى ۋە ئېدىرلىق 70.5% نى، تۈزلەڭلىك 25.6% نى، سۇ يۈزى 3.9% نى ئىگىلەيدۇ. بورتا دەرياسى ناھىيىدىكى بىردىنبىر دەريا ھېسابلىنىدۇ، يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى مىقدارى 928 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك راونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 340 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، قارا تايغان بۇغا، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، تاغ ئۆچكىسى، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئۇلار، شىنجاڭ شىمال سۈلەيسۈنى قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن سوغىگۈ، چاكاندا، چوڭ يوپۇرماقلىق جىنتىيانا، ئەڭلىك ئوت، قان تېپەر، قار لەيلىسى قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن تۆمۈر، ، مىس، ئاليومىن، سىنك، قەلەي، نىئوبىې، تانتال، لىتې، چرىمتال قاتارلىقلار بار. ئارشاڭ ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ يېرىم قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇراىسى 3.7℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 32.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 35.9℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2869.2℃ سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 2395.4℃، قىروسىز مەزگىلى 138 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 201.6 مىللىمېتىر، سۇنىڭ ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1558.1 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە ئۈنۈملۈك شامال ئېنېرگىيىسى ھەر كۋادرات مېتىر يەرنىڭ 360 كىلوۋات سائەت. ئارشاڭ ناھىيىسى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىپ، چارۋىچىلىق بىلەن دېھقانچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن ناھىيە. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 18 مىڭ 700 گېكتار ( 281 مىڭ مو)، ئورمان كۆلىمى 60 مىڭ 200 گېكتار (903 مىڭ مو)، ئوتلاق كۆلىمى 412 مىڭ 800 گېكتار (6 مىليون 192 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 17 مىڭ 200 گېكتار (258 مىڭ مو) قاقاس يېرى بار، چارۋىچىلىقتا قوي ئاساس قىلىنىدۇ. كالا، ئات، ئۆچكە بەلگىلىك سالماقنى ئىگىلەيدۇ. چارۋا مەھسۇلاتلىرىدىن قوي يۇڭى، تىۋىت، تۆگە يۇڭى قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىردىن بۇغداي، مايلىقدان، قىزىلچا، كۆممىقوناق قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئاشلىق، ماي، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قاتارلىقلار بار. 

ئارشاڭ ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى پەيدىنپەي مۇكەممەللەشمەكتە. بۆرتالا دەرياسىنىڭ جەنۇبىي شىمالى قىرغىقىدىكى ئىككى ئاسفالىت يول خارابۇخ بازىرىدا تۇتىشىدۇ. ناھىيىدىن بۆرتالا شەھىرىگە بارىدىغان تاشيول بارلىق يېزا، بازارلارغا تۇتىشىدۇ. ھازىر 0030 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلدى.

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەنزىرىلىك مەشھۇر جايلاردىن يىتپېرخە قەدىمكى شەھىرى، ئىكسۇم بۇتخانىسى، قەدىمكى تاش سىزما، تاش ئويما، تاش ئادەم، قەدىمكى قەبرىلەر شۇنىڭدەك بۆگدۆر ئارشىڭى، ئوتوگىسەر ئارشىڭى، ئارشات ئارشىڭى قاتارلىقلار بار. بۆگدۆر ئارشىڭى مەشھۇر داۋالىنىش ئورنى.




#Article 78: غۇلجا ناھىيىسى (409 words)


غۇلجا ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Ghulja Nahiyisi)  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھىر بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تىگە قارايدۇ. غۇلجا ناھىيىسى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى نىلقا ناھىيىسى بىلەن، غەربىي تەرىپى غۇلجا شەھىرى ۋە قورغاس ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبىي تەرىپى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى ۋە توققۇزتارا ناھىيىسى بىلەن دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، شىمال تەرىپى جىڭ ناھىيىسى ۋە بورتالا شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 116 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 95 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 4587 كۋادرات كىلومېتىر، ناھىيىگە 6 بازارلىق، 12 يېزا، 159 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 715 كىلومېتىر.

غۇلجا شەھىرى قارمىقىدا 6 دانەبازارلىق بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

غۇلجا ناھىيىسى قارمىقىدا 12 دانە يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

يەر شەكلى شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس بولۇپ، شىمالدىن غەربكە قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. تاغلىق چايلار 64.15% نى، ئېدىرلىق 11.9% نى، تۈزلەڭلىك 23.95% نى ئىگىلەيدۇ.  ناھىيە تەۋەسىدە قاش دەرياسى، بوربوسۇن دەرياسى، جىرغىلاڭ دەرياسى ۋە پىلىچى دەرياسى قاتارلىق دەريا - ئېقىنلار بولۇپ، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 470 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 1 مىليارد 142 مىليون كۇب مېتىر. تاغ ئۆچكىسى، قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، بۆرە، قىزىل تۈلكە، ياۋا چوشقا، سۇغۇر قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى ۋە ئۇششاق يوپۇرماقلىق ئاق موم، ھىڭ، سۇغىگۈل، قىرىق بوغۇم، چۈچۈك بۇيا، قانتېپەر قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ھاك تېشى، كۋارتس، چىرىمتال، بارىت، گاۋلىڭ توپىسى، پار - پۇر قاچا ۋە ساپال بۇيۇملارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان توپ قاتارلىقلار بار. 

بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىك بىلەن چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 67 مىڭ 600 گېكتار (1 مىليون 13 مىڭ 900 مو) تېرىلغۇ يەر، 31 مىڭ 600 گېكتار (474 مىڭ مو) ئورمانلىق، 322 مىڭ 300 گېكتار (4 مىليون 834 مىڭ مو) يايلاق بار. بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، زىغىر، قىچا، كۆك تاماكا، قىزىلچا، ئۇزۇن تالالىق زىغىر، پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەر قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بار. ئاساسلىقى كالا، قوي قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. ھاراق ئېچىتىش، يېمەكلىك، يېنىك سانائەت، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، قان ئېچىش، ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار.

غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل قۇرغاق كىلمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 8.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 37.9℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا - 40.4℃. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2802.4 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرا  3310.6℃، قىروسىز مەزگىلى 154 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 257.5 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1613.6 مىللىمېتىر.

ئاساسلىق مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن كۈنەس قەلئەسى، توغلۇق تۆمۈر مازىرى بار. ئاقئۆزەن ئورمانلىقى باغچىسى، ئۇششاق يوپۇرماقلىق ئاق موم قوغداش رايونى قاتارلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جايلار بار.




#Article 79: تېكەس ناھىيىسى (548 words)


تېكەس ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. تېكەسنىڭ يەر مايدانى 8،067 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 150،000.

تېكەس ناھىيىسى خەن دەۋرىدە ئۇيسۇنلارنىڭ يېرى ئىدى. تاڭ دەۋرىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە ۋە بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ كۆچۈپ يۈرۈپ مال باقىدىغان يېرى بولغان. مىنگونىڭ 23 - يىلى (1934 - يىلى) توققۇزتارا ناھىيىسىدىن ئاجرىتىلىپ تېكەس باشقۇرۇش تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 26 - يىلى (1937 - يىلى) تېكەس ناھىيىسى قۇرۇلۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 2 - مەمۇرىي رايون ۋە ئىلى ۋىلايىتىگە قارىغان. ھازىر ئىلى ۋىلايىتىگە قارپ كەلمەكتە.

تېكەس ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ غەربىي قىسىمىغا، موڭغۇلكۈرە - تېكەس ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي بۆلىكىگە جايلاشقان. جەنۇب تەرىپى باي ناھىيىسى بىلەن، شەرقتە خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن، شەرق ۋە شەرقىي شىمال تەرىپى توققۇزتارا ناھىيىسى بىلەن، غەرب ۋە غەربىي شىمال تەرىپى موڭغۈلكۈرە ناھىيىسى ھەم چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان كەڭلىكى 910 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 116 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 8352 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، يەتتە يېزا، 75 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شېسىنىڭ 78 - تۈەن - مەيدانى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ ھەربىي ئات مەيدانى ۋە غەربىي تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ تېكەس ئورمانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 980 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 143 مىڭ 100 بولۇپ، قازاقلار 40.23% نى، ئۇيغۇرلار 9.71% نى، خەنزۇلار 24.93% نى، باشقا مىللەتلەر 25.13% نى تەشكىل قىلىدۇ.     ناھىيىنىڭ يەر شەكلىدىن قارىغاندا جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس بولۇپ، تاغلىق جايلار 93.5% نى، پەلەمپەيسىمان ۋادا 5.8% نى، سۇ كۆلىمى 0.7% نى ئىگىلەيدۇ. تېكەس دەرياسى، كۆكسۇ دەرياسى، كۆكتېرەك دەرياسى قاتارلىق دەريا - ئېقىنلار بار بولۇپ، يەر ئۈستى سۇ بايلىق مەنبەسى 2 مىليارد 694 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 208 مىليون كۇب مېتىر. يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، قارا تايغان بوغا، ئىلىك، ياۋا چوشقا، ئۇلار قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى ۋە سوغىگۈل، قانتېپەر، قارلەيلىسى، گۈل سامساق، كىرەش، پەربۇن قاتارلىق دورا ماتېرىيالى قىلىنىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن ئالتۇن، مىس، نىكېل، خروم، تىتان، قوغۇشۇن، سىنك، كۈمۈش، بېرىل، چىرىمتال، سېرپېنتىن، گىرانت تاش، ھاك تېشى، تاش پاختا قاتارلىقلار بار.   تېكەس ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 5.3℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 36.7℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا - 33.4℃. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2732.2 سائەت،  10℃  يىغىندا تېمپراتۇرا 2292.2℃، قىروسىز مەزگىلى 133  كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 328.8  مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1456.8  مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيە چارۋىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 18 مىڭ 900 گېكتار (284 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 43 مىڭ گېكتار (645 مىڭ مو) ئورمانلىق، 502 مىڭ 800 گېكتار (7 مىليون 542 مىڭ مو) يايلاق بار. يەنە 15 مىڭ گېكتار (252 مىڭ مو) ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان يەر بار. چارۋىچىلىقى ئوتلاق چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئىلى ئېتى ۋە شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى چىقىدىغان ئاساسلىق جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھەسەل ھەرىسى بېقىشمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە، بۇغداي، مايلىقدان، كۆكتات، مېۋە - چېۋە قاتارلىق يېزا ئىگىلىك زىرائەتلەر ۋە ئېلېكتر - ئېنرگىيىسى، كۆمۈر، سېمونت، يۇڭ توقۇمچىلىق، تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش، سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق سانائەت تۈرلىرى بار.   تېكەس ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزۈلۈكسىز ياخشىلانماقتا. ئۆلكە تاشيولىنىڭ 220 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزىلاردىكى تاشيوللار ئۆزئارا كېسىشكەن. 1000 توچكا پروگراممىلىق تېلېفون مەمىلىكەتلىك تورغا كىرگۈزۈلگەن. 

ناھىيە بازىرى دىكى تەرەپلىك سەپ سىخىمىسى بويىچە لايھەلەنگەن بولۇپ، جايلىشىشى غەلىتە ھەم ئۆزگىچە.




#Article 80: نىلقا ناھىيىسى (400 words)


نىلقا ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Nilqa Nahiyisi)  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھىر بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تىگە قارايدۇ. نىلقا ناھىيىسى ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسى ۋە ساۋەن ناھىيىسى بىلەن، غەربىي تەرىپى غۇلجا ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى كۈنەس ناھىيىسى، توققۇزتارا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى شىخۇ شەھىرى، جىڭ ناھىيىسى ۋە كۈيتۇن شەھىرى بىلەن تۇتۇشىدۇ. شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 243 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 70 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 11 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، 10 يېزا، 93 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ ئۈچ تۇەن - مەيدانى. شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ نىلقا ھەربىي ئات مەيدانى، غەربىي تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ نىلقا ئورمانچىلىق مەيدانى، ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ كۈنەس قوي فېرمىسى قاتارلىق ئورۇنلار بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 585 كىلومېتىر.

نىلقا شەھىرى قارمىقىدا 1 دانەبازارلىق بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نىلقا ناھىيىسى قارمىقىدا 10 دانە يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ناھىيىنىڭ يەر شەكلىدىن قارىغاندا شەرقىي ئېگىز، غەربىي پەس بولۇپ، تاغلىق جايلار 55% نى، ئېدىرلىق 30% نى، دەريا ۋادىسى 15% نى ئىگىلەيدۇ. قاش دەرياسى شەرقتىن غەربكە قاراپ ناھىيىدىن ئېقىپ ئۆتكەن بولۇپ، يىللىق ئېقىن مىقدارى  4  مىليارد 40  مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 313 مىليون كۇب مېتىر. يىلپىز، قارا تايغان بۇغا، سۇغۇر، ئۇلار قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى ۋە جىگدە، سوغىگۈل، چاكاندا، قارلەيلىسى، بوۋانە، قانتېپەر قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، مىس، ئاليومىن، ئالتۇن، سىڭىرتاش، خرۇستال تاش قاتارلىقلار بار.

ناھىيە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 20 مىڭ 400 گېكتار (306 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 58 مىڭ 300 گېكتار (874 مىڭ 500 مو) ئورمانلىق. 657 مىڭ 900 گېكتار (9 مىليون 886 مىڭ 500 مو) يايلاق بار. يەنە 72 مىڭ 007 گېكتار (بىر مىليون 90 مىڭ مو) تېرىقچىلىق قىلىشقا بولىدىغان يەر بار. ئاساسلىق قازاق ئېتى، شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى، شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى، تۆگە قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ، ھەسەل ھەرىسى بېقىشمۇ بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە. بۇغداي، كۆممىقوناق، قوناق، مەيلىقدان، ياڭيۇ قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر، سېمونت، گۆش پىششىقلاپ ئىشلەش، سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئاشلىق - ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار. 

نىلقا ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  5.7℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 37.9℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېرتۇرا  - 39.9℃. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى  2795.8 سائەت،  10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرا 2369.2℃، قىروسىز مەزگىلى  102 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  353.4 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  1471.8  مىللىمېتىر. 




#Article 81: موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى (681 words)


موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. موڭغۇلكۈرەنىڭ يەر مايدانى 10،455 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 150،000.

موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تېكەس دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان. 

شەرقى تېكەس ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى باي ناھىيىسى ھەم ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 186 كىلومېتىر). شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 141 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 132 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 10 مىڭ 400 كۋادرات 
كىلومېتىر، ناھىيىگە بىر بازار، توققۇز يېزا، 84 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن 
ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ تۆت تۇەن - مەيدانى، لەنجۇ ھەربىي 
رايونىنىڭ موڭغۇلكۈرە، ھەربىي ئات مەيدانى ۋە غەربىي تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ موڭغۇلكۈرە ئورمانچىلىق مەيدانى قاتارلىقلار بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 871 كىلومېتىر. 

موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى خەن دەۋرىدە ئويسۇن دۆلىتىنىڭ يېرى ئىدى.

موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تېكەس دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان. شەرقى تېكەس ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى باي ناھىيىسى ھەم ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ ( چېگرا سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 186 كىلومېتىر). شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 141 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 132 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 10 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر، ناھىيىگە بىر بازار، توققۇز يېزا، 84 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ تۆت تۇەن - مەيدانى، لەنجۇ ھەربىي رايونىنىڭ موڭغۇلكۈرە، ھەربىي ئات مەيدانى ۋە غەربىي تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ موڭغۇلكۈرە ئورمانچىلىق مەيدانى قاتارلىقلار بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 871 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 144 مىڭ 200 بولۇپ، قازاقلار 46.58% نى، ئۇيغۇرلار 9.77% نى، 29.38% نى، باشقا مىللەتلەر 14.27% نى تەشكىل قىلىدۇ.    ناھىيىنىڭ تۆت ئەتراپى ئېگىز تاغلار بىلەن ئورالغان. ئوتتۇرا قىسمى ئويمانلىق بولۇپ، تاغلىق جايلار 73% نى، ئېدىرلىق 7.5% نى، تۈزلەڭلىك 19.5% نى ئىگىلەيدۇ. تېكەس دەرياسى، مۇزارت دەرياسى، شات دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسى قاتارلىق دەريا - ئېقىنلار بار بولۇپ، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 3 مىليارد 25 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 538 مىليون كۇب مېتىر. يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، بۇلغۇن، ئۇلار قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقىرى، كىرپىباش، پەيسىمان قارمۇقە چىقىرتماق، قارلەيلىسى، ئالقات، سۇغىگۈل، قانتېپەر قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، مىس، مانگان، قوغۇشۇن، تۆمۈر، چىرىمتال، ئالتۇن، ھاك تېشى، بېرىل، خرۇستال، سۈزۈك كالىتسىت قاتارلىقلار بار.   موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغ مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 2.9℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 33.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا - 40.1℃. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى  2699.0  سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرا  1316.7℃، قىروسىز مەزگىلى 132 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 512.1  مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1259.2  مىللىمېتىر.   موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى چارۋىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 40 مىڭ گېكتار (600 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 122 مىڭ 800 گېكتار (1 مىليارد 842 مىڭ مو) ئورمانلىق، 541 مىڭ 900 گېكتار (8 مىليارد 129 مىڭ مو) يايلاق بار. چارۋىچىلىقى ئوتلاق چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئىلى ئېتى بىلەن شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى چىقىدىغان ئاساسلىق جايلارنىڭ بىر. بۇغداي، مايلىقدان، كۆكتات، مېۋە - چېۋە قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ئېلېكتر - ئېنېرگىيە، كۆمۈركان، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار.   موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. ئۆلكە تاشيولىنىڭ 220 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزىلاردىكى ئاسفالىت يوللار تەرەپ - تەرەپكە تارالغان. نۇر كابىلى ئارقىلىق ئالاقىلىشىش يولغا قويۇلغان بولۇپ، 0001 توچكا پىروگىراممىلىق تېلېفون مەملىكەتلىك تورغا كىرگۈزۈلگەن. ناھىيە تەۋەسىدىكى مۇزارد ئېغىزى قازاقىستان بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىدىغان تاشيول ئېغىزى ھېسابلىنىدۇ.   

موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى خەت دەۋرىدە ئويسۇن دۆلىتىنىڭ يېرى ئىدى. سۈي دەۋرىدە غەربىي تۈركلەرگە تەۋە بولغان. تاڭ دەۋرىدە بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۇنىڭ 10 - يىلى (1884 - يىلى) شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندا نىڭيۈەن ناھىيىسىگە تەۋە بولغان. مىنگونىڭ 27 - يىلى (1938 - يىلى) موڭغۇلكۈرە باشقۇرۇش تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 31 - يىلى (1942 - يىلى) موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن ئىلى مەمۇرىي رايونىغا قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن يەنىلا ئىلى ۋىلايىتىگە قاراپ كېلىۋاتىدۇ. 

ناھىيە تەۋەسىدە شۇتا قەدىمكى شەھەر خارابىسى، غاردۆڭ قەدىمكى شەھەر خارابىسى، قورغاس تۇدۇڭ قەبرىستانلىقى، گېدىڭ تېغى ئابىدىسى قاتارلىق مەدەنىي يادىكارلىقلار بار. گۈزەل مەنزىرىلىك جايلاردىن شوتا ئارشىڭى بار.




#Article 82: كۈنەس ناھىيىسى (411 words)


كۈنەس ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Künes Nahiyisi)  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھىر بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تىگە قارايدۇ. كۈنەس ناھىيىسى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ شەرقىي بۆلىكىگە جايلاشقان. شارقىي جەنۇب تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن، غەربىي جەنۇب تەرىپى نىلقا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.. شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 921 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 65 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 7.6446 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە نەش بازار، بەش يېزا، 102 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيىدە يەنە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ ئىككى تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 520 كىلومېتىر.

كۈنەس ناھىيىسى قارمىقىدا 9 دانەبازارلىق بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

كۈنەس ناھىيىسى قارمىقىدا 2 دانە يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ناھىيىنىڭ يەر شەكلىدىن قارىغاندا شەرقىي ئېگىز، غەربى پەس بولۇپ، شەرق، جەنۇب، شىمال تەرەپلىرىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ. تۈزلەڭلىك 21.1% نى، تاغلىق جايلار 73.2% نى، ئېدىرلىق 5.7%  نى ئىگىلەيدۇ. كۈنەس دەرياسى، چاپ دەرياسى ۋە ناھىيىنى كېسىپ ئۆتكەن تېكەس دەرياسى قاتارلىق دەريا - ئېقىنلار بولۇپ، يەر ئۈستى بايلىقى 2 مىليارد  94 مىليون كۇب مېتىر. يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا چوشقا، ئۇلار قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى ۋە تىيانشان شامشادى، ياۋروپا سوۋدان تېرىكى، تاغ سوگىتى، قېيىن، ئۇچقات، سۇغىگۈل، چۈچۈك بۇيا، قانتېپەر، قارلەيلىسى قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، ئالتۇن، مەرمەرتاش، خرۇستال تاش، ھاك تېشى، سىڭىرتاش قاتارلىقلار بار.

ناھىيىنىڭ چارۋىچىلىقى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بولۇپ، شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي ۋە قازاق ئېتى داڭلىق. ھازىر 38 مىڭ 300 گېكتار (574 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 60 مىڭ 600 گېكتار (909 مىڭ مو) ئورمانلىق، 353 مىڭ گېكتار (7 مىليون 995 مىڭ مو) يايلاق بار. ئاشلىق، مايلىقدان ۋە ئالما قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بار. ئېلېكتر - ئېنېرگىيە، سېمونت، گۆش پىششىقلاپ ئىشلەش، ھاراق ئېچىتىش، كەسپى ئەڭ داڭلىق بولۇپ،  قاتارلىق بىر قاتار ھاراقلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا شۆھرەت قازانغان.   كۈنەس ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخىشلانماقتا. دۆلەت يولىنىڭ 172 -، 218 - لىنىيىسى ۋە ئۆلكە يولىنىڭ 316 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېىسىپ ئۆتىدۇ، ناھىيە، يېزا، كەنتلەردىكى تاشيوللار تەرەپ - تەرەپكە تارالغان.

كۈنەس ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 8.1℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 39.8℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا - 34.7℃، قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2693.5  سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرا  2952.2℃، قىروسىز مەزگىلى  150 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 479.7 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  1285.8  مىللىمېتىر.

ناھىيە داڭلىق كۈنەس يايلىقىغا جايلاشقان. نارات مەنزىرە رايونى، قاپ دەرياسى يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانى، ياۋا مېۋىزارلىق قاتارلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جايلار، قەدىمكى ئۇيسۇن قەبرىستانلىقى، يۈەن دەۋرى قەدىمىي قىياتاش رەسىملىرى قاتارلىق مەدەنىي يادىكارلىقلار بار.




#Article 83: قورغاس ناھىيىسى (406 words)


قورغاس ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Qorghas Nahiyisi)  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھىر بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تىگە قارايدۇ. قورغاس ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ غەربىي شىمال قىسىمىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى غۇلجا شەھىرى ۋە غۇلجا ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي بورتالا شەھىرى ۋە ئارىشاڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى قازاقىستان بىلەن چىگرىلىنىدۇ (چىگرا سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 128 كىلومېتىر). جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 120 كىلومېتىر، شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان كەڭلىكى 85 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 5559.3 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بەش بازار، تۆت يېزا، 73 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ ئالتە تۇەن - مەيدانى ۋە تۇەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق كارخانىلار بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 653 كىلومېتىر. 

قورغاس ناھىيىسى قارمىقىدا 5 دانەبازارلىق بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

غۇلجا ناھىيىسى قارمىقىدا 4 دانە يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ناھىيىنىڭ يېرى شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. تاغلىق جايلار 41.7% نى، ئېدىرلىق 25.2% نى، تۈزلەڭلىك 23.8% نى، سايلىق 0.4% نى، قۇملۇق 8.9% نى ئىگىلەيدۇ.  23 چوڭ - كىچىك دەريا - ئېقىن بولۇپ، يىللىق ئېقىن مىقدارى 10 مىليارد 21  مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 8  مىليارد 23 مىليون كۇب مېتىر. تۆت پۇتلۇق قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى، قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن،  ھالقا بويۇن قىرغاۋۇل، ئاققۇ، ياۋا چوشقا، تۈلكە، ئېيىق، قاپلان، قۇندۇز قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى ۋە قومۇش، ياۋا كەندىر، چۈچۈك بۇيا، سۇغىگۈل، قىزىل چوغلۇق قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىرىدىن كۆمۈر، ھال تېشى، سىڭىر تاش، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، فوسفور، مەرمەر تاش، گىرانت تاش قاتارلىقلار بار.

قورغاس ناھىيىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىقى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 53 مىڭ 100 گېكتار (375 مىڭ 500 مو) ئورمانلىق، 258 مىڭ 800 گېكتار (3  مىليون 882 مىڭ 500 مو) يايلاق بار بولۇپ، بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، پاختا، كەندىر، قوي قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. كۆمۈركان، سېمونت، ھاراق ئېچىتىش، تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، قېزىلما بايلىقلىرىنى ئېچىش قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار.قورغاس ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت يولىنىڭ 231 - ۋە 218 - لىنىيىلىرى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزىلاردىكى يوللار تەرەپ - تەرەپكە تارالغان.

قورغاس ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 9.1℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇراىسى 40.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا - 36.6℃، قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2869.5 سائەت،  10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرا 3534.0℃، قىروسىز مەزگىلى 168 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 218.9  مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1410.1 مىللىمېتىر.

ناھىيىدە ئاساسلىق مەدەنىي يادىكارلىقلاردىن خۇييۈەنجۇڭ دۇمباق مۇنارى، ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى قاتارلىقلار بار.




#Article 84: توققۇزتارا ناھىيىسى (408 words)


توققۇزتارا ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Toqquztara Nahiyisi)  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھىر بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تىگە قارايدۇ. توققۇز تارا ناھىيىسى ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا جايلاشقان. جەنۇب تەرىپى تېكەس ناھىيىسىگە، شەرقىي جەنۇب تەرىپى خېجىىڭ ناھىيىسىگە، غەربىي چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسىگە تۇتۇشىدۇ، شەرقىي شىمال تەرىپى كۈنەس ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى نىلقا ناھىيىسى ۋە غۇلجا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 162 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 42 ～ 6 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 4515.3 كۋادرات كىلومېتىر، ناھىيىگە بىر بازار، يەتتە يېزا، 52 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيىدە تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ بىر تۇەن - مەيدانى بىلەن غەربىي تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ بىر كارخانىسى بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 790 كىلومېتىر. 

توققۇزتارا ناھىيىسى قارمىقىدا 6 دانەبازارلىق بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

توققۇزتارا ناھىيىسى قارمىقىدا 2 دانە يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ناھىيىنىڭ يەر شەكلىدىن قارىغاندا شەرقىي جەنۇبىي ئېگىز، غەربىي شىمالىي پەس بولۇپ، تاغلىق جايلار 67.1%نى، ئېدىرلىق 9.5% نى، تۈزلەڭلىك 21.4% نى ئىگىلەيدۇ. جىرغىلاڭ دەرياسى، تېكەس دەرياسى، ئىلى دەرياسى قاتارلىق دەريا - ئېقىنلار بار بولۇپ، يەر ئۈستى سۇ بايلىق مىقدارى 824  مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ تولۇقلىنىش مىقدارى 583 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ تولۇقلىنىش مىقدارى 583 مىليون كۇب مېتىر. يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، قارا تايغان بۇغا، ئارقار، قوڭۇر ئېيىق، ئۇلار، ياۋا چوشقا قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى ۋە يەر ياڭىقى، ئالما، ياۋا ئۆرۈك، قومۇش، مېھرىگىيا، چۈچۈك بۇيا، سۇغىگۈل، قانتېپەر، قارلەيلسى قاتارلىق ياۋ ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، تاش پاختا، ئۇران، ھاك تېشى، بېرىل، بارىت قاتارلىقلار بار.

ناھىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 25 مىڭ گېكتار (375 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 84 مڭ 200 گېكتار (1 مىليون263 مىڭ مو) ئورمانلىق، 271 مىڭ 700 گېكتار (4 مىليون 75 مىڭ 100 مو) يايلاق بار. بۇغداي، كۆممىقۇناق، شال، كۆتات، مېۋە - چېۋە قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بار. ئاساسلىق قوي، كالا، ئات قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. ئېلېكتر - ئېنېرگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ھاراق ئېچىتىش، سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار.

توققۇزتارا ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل قورغاق كېلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 7.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 37.4℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا - 37.6℃، قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى  2731.9 سائەت.  10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرا  3055.4℃. قىروسىز مەزگىلى  150 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 256.6 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1422.5 مىللىمېتىر.

ناھىيىنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قەدىمىي قەبرىستانلىق بولۇپ، داڭلىق مەنزىرىلەردىن كوردىنېن تەبىئىي قوغداش رايونى ۋە ياۋا ياڭاق جىلغىسى تەبىئىي قوغداش رايونى قاتارلىقلار بار.




#Article 85: دۆربىلجىن ناھىيىسى (556 words)


دۆربىلجىن ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن تارباغاتاي ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. دۆربىلجىننىڭ يەر مايدانى 9،092 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 200،000.

دۆربىلجىن چىن، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ھونلارنىڭ ئوڭ ئوق يېرى بولغان، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەردە فۇيەن تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىنىڭ باشلىرىدا ئىمىل دەپ ئاتىلىپ، ئوگىداي خاننىڭ ئوردىسى تۇرۇشلۇق جاي بولغان. كېيىن بىر تۇتاش بېشبالىق ۋاقىتلىق دىۋان ۋازارىتىگە قارىغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ تورغۇت قەبىلىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تارباغاتاي مەسلىھەتچى ئامبىلىغا، چۆچەك بىۋاسىتە قاراشلىق ئەمىنىيە نازارىتىگە قارىغان. مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرى تارباغاتاي دوتەي مەھكىمىسى، تارباغاتاي مەھكىمىسى، تارباغاتاي ناھىيىسى قارمىقىدا بولغان. مىنگونىڭ 7 - يىلى (1918 - يىلى) چۆچەك ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ دۆربىلجىن ناھىيىسى قىلىپ قۇرۇلغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تارباغاتاي ۋالى مەھكىمىسىگە ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىگە قارىغان.

دۆربىلجىب ناھىيىسى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقى تەرىپى قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى چۆچەك شەھىرى بىلەن، جەنۇبى تەرىپى تولى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالى تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 104 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 123 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 87 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 8874 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا 1 بازار، 10 يېزا، 147 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 9 - شى مەمۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق 6 تۇەن - مەيدان بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 581 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 174 مىڭ 200. بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 33.59%  نى، ئۇيغۇرلار 4.15%  نى، خەنزۇلار 54.56% نى، باشقا مىللەتلەر  7.70% نى تەشكىل قىلىدۇ.     ئۇنىڭ يەر تۈزۈلۈشى: شەرقىي شىمالى ئېگىز، غەربىي جەنۇبى پەس، ئۈچ تەرىپى تاغ بىلەن ئورالغان، شىمال تەرىپى ئوچۇقچۇلۇق. تاغلىق رايون 54.1% نى تۈزلەڭلىك 45.9% نى ئىگىلەيدۇ.  34 دەرياسى،  55  بۇلىقى بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 1 مىليارد 450 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ساستى سۈيى مىقدارى 380  مىليون كۇب مېتىر، ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن يىلپىز، غۇلجا، دۇغداق، ئارقار، قوڭۇر ئېيىق، سۈلەيسۈن، ئۇلار قاتارلىقلار بار. دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن سۇغىگۈل، ئالقۇت، يۇمران بۇغا مۇڭگۈزى، ئالبىزىيە دەرىخى، رەۋەن، چۈچۈك بۇيا، قانتېپەر، پاقا يوپۇرماق، مامكاپ قاتارلىقلار بار. بايقالغان بايلىقىدىن كۆمۈر، ھاك تاش، مانگان، گاۋلىن توپىسى، سىڭىر تاش، ئالتۇن، گرانىت، مەرمەر، سۇكىرىستالى، سۈزۈك كالتىست، مانگان، مولىبدىن، ئارسىن قاتارلىقلار بار.   بۇ ناھىيە مۆتىدىل بەلۋاغ ئىككىنچى دەرىجىلىك قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 5.6℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.7℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -42.6℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2835.3 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى  2892.6℃، قىروسىز مەزگىل  149 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  271.3 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پايغا ئايلىنىش مىقدارى  1794.6 مىللىمېتىر.   دۆربىلجىن ناھىيىسى يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ناھىيە قاتارىغا كىرىدۇ. ھازىر 57 مىڭ گېكتار (855 مىڭ مو) تېرىلغۇ يېرى، 10 مىڭ 500 گېكتار (158 مىڭ مو) ئورمانلىقى، 699 مڭ 500 گېكتار (10 مىليون 924 مىڭ 500 مو) ئوتلىقى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، ئارپا، ماش - پۇرچاق، قىچا، ئاپتاپپەرەس، قىزىلچا، زاراڭزا، قۇلماق، كۆكتات، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا يايلاقتا بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، تۆگە قاتارلىقلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. سانائىتىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، سېمونت ئىشلەش، گىلەمچىلىك، كۆن - خۇرۇم ئىشلەش، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى رېمونتچىلىقى، ھاراق ئىشلەش، شېكەر ئىشلەش، ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   بۇ ناھىيىنىڭ مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. ئۆلكە تاشيولى 221 - لىنىيىسى ئۇنىڭ  ناھىيە ئىچىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە بىلەن يېزىلارنى ئۈچ غول تاشيول تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. 6000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلغان.   

دۆربىلجىن ناھىيىسىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن پەنلىخۇا چەۋەندازلار سۇپىسى، پەنلىخۇا تاش ھەيكىلى، قارائىمىل قەدىمكى تاش سىزمىلىرى قاتارلىقلار بار.




#Article 86: چاغانتوقاي ناھىيىسى (468 words)


چاغانتوقاي ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن تارباغاتاي ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. چاغانتوقاينىڭ يەر مايدانى 6،090 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 50،000.

چاغانتوقايدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 14 - يىلى (1888 - يىلى) تارباغاتاي دوتەي مەھكىمىسىگە قارايدىغان  (موڭغۇلچە مىڭبېشى دېگەن مەنىدە) لىق تۈزۈمى ئورنىتىلغان. مىنگونىڭ 29 - يىلى (1940 - يىلى) چاغانتوقاي مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 31 - يىلى (1942 - يىلى) بۇ ئىدارە ناھىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن ۋە تارباغاتاي ۋالى مەھكىمىسىگە، تارباغاتاي ۋىلايىتىگە قارايدىغان بولغان.

چاغانتوقاي ناھىيىسى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربى، دۆربىلجىن دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىي تەرىپى تولى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي تەرىپى چۆچەك شەھىر بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبى تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 140 كىلومېتىر). شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 120 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 5.65 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 8.4906 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا 1 بازار، 5 يېزا، 38 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 9 - شىسىنىڭ 1 - تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئارىلىقى 590 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدكى ئومۇمىي نوپۇسى 49 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 31.63% نى، خەنزۇلار 60% نى، باشقا مىللەتلەر 8.37%  نى تەشكىل قىلىدۇ.    

ئۇنىڭ يەر تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ، جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس، شىمالىي قىسمى قۇمۇچ كۆل تىندۇرما تۈزلەڭلىكى، ئوتتۇرا قىسمى تاغ ئېتىكى تىندۇرما تۈزلەڭلىك، جەنۇبى تاغلىق، بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق رايون 78.8% نى، تۈزلەڭلىك 20.6% نى، سازلىق 0.6% نى ئىگىلەيدۇ. 24  دەرياسى بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 589 مىليون كۇب مېتىر تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى  109  مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، سۈلەيسۈن، بۇغا، ياۋا تۇڭگۇز، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقدىن سۇغىگۈل، يۇمران بۇغا مۇگڭۈزى، چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، پەبۇت قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىرىدىن ھاكتاش، گىلائۇبېر تۇرزى قاتارلىقلار بار.   چاغانتوقاي ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىككىنچى دەرىجىلىك قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 6.5℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.8℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 35.9℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2840.2 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 2905.4℃، قىروسىز مەزگىلى  148 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 275.9 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1872.6 مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 23 مىڭ 100 گېكتار (347 مىڭ مو) تېرىلغۇ يېرى، 18 مىڭ 700 گېكتار (280 مىڭ مو) ئورمانلىقى، 471 مىڭ 300 گېكتار (7 مىليون 7ىڭ مو) ئوتلىقى بار. چارۋىچىلىقتا يايلاقتا چارۋا بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ، چارۋىسىدىن قوي، ئات، كالا قاتارلىقلار بار. بۇلار ئىچىدە باشباي ياپما قۇيرۇق قوي ئەڭ داڭلىق. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، قىچا، زاراڭزا، گازىر تاۋۇز، كۆممىقوناق، ئاپتاپپەرەس، قىزىلچا، مېۋە - چېۋە، قوغۇن - تاۋۇز كۆكتات قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، قەغەزچىلىك، سېمونت ئىشلەش، ھاراق ئىشلەش، كۆن - خۇرۇم، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، يەم - خەشەك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   چاغانتوقاي ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. ئۇنىڭ چېگرىسى ئىچىدىكى 2 ئۆلكە تاشيولى ۋە 6 ناھىيە، يېزا تاشيولى ئۆزئارا تۇتىشىپ كەتكەن. 0002 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلغان، كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە ىسمىسىز چاقىرغۇلارمۇ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.




#Article 87: ساۋەن ناھىيىسى (633 words)


ساۋەن ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن تارباغاتاي ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. ساۋەننىڭ يەر مايدانى 12،468 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 200،000.

ساۋەن غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئوتتەنزىل بەگلىكىگە قاراشلىق جاي ئىدى. ئۈچ پادىشاھلىق ۋە غەربىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدە سىيانپىيلارنىڭ سۇيۇرغالىق يېرى بولغان. سۈي - تاڭ سۇلالىرى دەۋرىدە غەربىي تۈركلەر ئىگىىۋالغان، سۇڭ، يۈەن سۇلالىرى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارغا قاراشلىق بولغان، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيراتلارغا قارىغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلوڭ يىللىرىدا ماناس ناھىيىسىگە قارىغان مىنگونىڭ 4 - يىلى (1915 - يىلى) ماناس ناھىيىسىدىن ئايرىپ چىقىپ ساۋەن ناھىيىسى قىلىپ قۇرۇلغان ۋە ئۈرۈمچى دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 6 - يىلى (1917 - يىلى) تارباغاتاي دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن تارباغاتاي ۋالى مەھكىمىسىگە قارايدىغان بولغان. 1975 - يىلى شىخەنزە ۋىلايىتىگە قارايدىغان بولغان. 1978 - يىلى شىخەنزە ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرلغاندىن كېيىن قايتىدىن تارباغاتاي ۋىلايىتىگە قارايدىغان بولغان.

ساۋەن ناھىيىسى تەڭرى تېغى ئوتتۇرا قىسىمىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپى شىخەنزە شەھىرى، ماناس ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي تەرىپى شىخۇ شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى، قاراماي شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبى تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 240 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 101 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 12 مىڭ كۋادات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭغا 7 بازار، بەش يېزا، 247 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 7 - شىسى بىلەن 8 - شىسىنىڭ 12 تۇەن - مەيدانى ۋە زاۋۇت - كان، كارخانىسى بار، ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 185 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 369 مىڭ 002، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 2.22% نى، خەنزۇلار 85.55% نى، باشقا مىللەتلەر 12.23% نى تەشكىل قىلىدۇ. 

ئۇنىڭ يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس بولۇپ، ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان: جەنۇبىي قىسمى تاغلىق، ئوتتۇرا قىسمى تۈزلەڭلىك ۋە شىمالىي قىسمى قاقاس تۈزلەڭلىك. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق 39.8% نى، تۈزلەڭلىك 22.4% نى، قاقاسلىق 37.8% نى ئىگىلەيدۇ. دەرياسىدىن ماناس دەرياسى، نىڭجياخې دەرياسى، قورغاس دەرياسى ۋە چوڭ - كىچىك جىلغا دەريالار، بايانقۇ دەرياسى قاتارلىقلار بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 1 مىليارد 810 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 240 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، بۇغا، ئاق بۇغۇز بۆكەن، ياۋ تۆڭگۈز، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن كىرەش، رەۋەن، سۇغىگۈل، قارلەيلىسى، چۈچۈكبۇيا، ئالقات، قانتېپەر، سۈلەپ، مامۇرانچىن، پاقا يوپۇرماق قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئالتۇن، كۆمۈر، ھاك تاش، گىلائۇبېر تۇزى، سىلانس، قاش تېشى قاتارلىقلار بار. ساۋەن ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 6.9℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 42.8℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -37.0℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2874.2 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 3619.1℃، قىروسىز مەزگىلى 170 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 185.5 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2046.0 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان. ھازىر 57 مىڭ گېكتار (855 مىڭ مو) تېرىلغۇ يېرى، 100 مىڭ گېكتار (1 مىليون 500 مىڭ مو) ئورمانلىقى، 588 مىڭ 007 گېكتار (8 مىليون 830 مىڭ مو) ئوتلىقى بار، يەنە 24 مىڭ گېكتار (360 مىڭ مو) تېرىقچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يېرى، 6700 گېكتار (100 مىڭ مو) ئورمان ئەھيا قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يېرى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، قىزىلچا، ماش - پۇرچاق، ياغلىق دان، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئات ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. سانائەتتە ئېلېكتر قۇۋۋتى كەسپى، كۆمۈرچىلىك، خىمىيە سانائىتى، سېمونت ئىشلەش، سۇلياۋ ئىشلەش، كاۋچوك ئىشلەش، گۈل بېسىش، پاختا توقۇمىچىلىقى، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. ساۋەن ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەلەشمەكتە. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ غەربىي بۆلىكى ۋە دۆلەت تاشيولى 312 - لىنىيىسى، ئۆلكە تاشيولى 201 -، 101 - لىنىيىسى بۇ ناھىيىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، ناھىيە - يېزا تاشيوللىرى گىرەلىشىپ كەتكەن. ئاسىيا - ياۋروپا ئوپتىكا كابىلى بۇ ناھىيە ئىچىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، 6000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلغان، كۆچمە تېلېفون، سىمسىز چاقىرغۇ ۋە خەلقئارا تېلېگراف ئىشلىتىشكە باشلىدى. 

بۇ ناھىيىنىڭ داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن لۇجاۋۋەن، موڭغۇل بۇتخانىسى، شۇيگۇ، دۇڭداتاڭ قاتارلىقلار بار.




#Article 88: قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى (607 words)


قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن تارباغاتاي ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. قوبۇقسارنىڭ يەر مايدانى 28،799 كۇۋادىرات كىلومېتر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلانغاندا، نۇپۇسى 50،000.

قوبۇقسار ئەزەلدىنلا چارۋا باقىدىغان يەر بولۇپ، كەلگەن. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇسۇنلار، ھونلارغا قارىغان، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۇ 16 - يىلى (1890 - يىلى) چۆچەك بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتىگە قارىغان. مىنگونىڭ 4 - يىلى (1915 - يىلى) بۇ يەردە ساۋەنگە قاراشلىق قوشتولجاي يەرلىك ھاكىم بەگ قويۇلغان، مىنگونىڭ 18 - يىلى (1929 - يىلى) قوبۇقسار مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئۆزگەرتىلگەن ۋە چۆچەك دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئۆزگەرتىلگەن ۋە چۆچەك دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 31 - يىلى (2194 - يىلى) ناھىيە قىلىپ تەسىس  قىلىنغان ۋە قوبۇقسار دەپو ئاتالغان. 1954 - يىلى قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى قىلىپ قۇرۇلۇپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىگە قارايدىغان بولغان.

قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپى بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبى تەرىپى سانجى شەھىرى، ماناس ناھىيىسى، قۇتۇبىي ناھىيىسى، ساۋەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي جەنۇب تەرىپى دۆربىلجىن ناھىيىسى، تولى ناھىيىسى، قاراماي شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي تەرىپى جىمىنەي ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 46 كىلومېتىر كېلىدۇ). جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 207 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى  210 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى  30  مىڭ 600  كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا 2  بازار، 5 يېزا، 65 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ، ئۇنىڭ تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 10 شىسىنىڭ 1 تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 500 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  55  مىڭ  400، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇللار  29.78% نى، خەنزۇلار  43.5% نى، قازاقلار 23.47% نى، باشقا مىللەتلەر 3.25% نى تەشكىل قىلىدۇ.    ئۇنىڭ يەر تۈزۈلۈشى: شىمالى ئېگىز، جەنۇبى پەس، شىمالىي قىسمى تاغلىق، ئېدىرلىق ئاساس قىلىنىدۇ، جەنۇبىي قىسمى تۈزلەڭلىك، قاسالىق ئاساس قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق رايون 19.1% نى، تۈزلەڭلىك 50.9% نى، قۇملۇق 30% نى ئىگىلەيدۇ. نامنىقۇل دەرياسى، قوبۇق دەرياسى قاتارلىق دەريالار بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 207 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 157 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن سۈلەيسۈن، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا توڭگۇز قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن سۇغىگۈل، چۆچۈكبۇيا، يەرمەدىكى، كەتىرا، چاكاندا، مەرزنجوش، توشقان زەردىكى، رەۋەن، يۈەنبەي، چوغلۇق، بۇۋانە، بۇتاكۆز، قاسەي قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، تۇز، نېفىت، ھاك تاش، بىنتونىت، كۋارتس قۇم، گىلائۇبېر تۇزى، چىرىمتال، سېنرىپېنتىن، گرانىت، گاۋلىن توپىسى، مەرمەر، پىروخىللىت، خروم، ئالتۇن، تۆمۈر، مىس، ئۇران، گېزىنگېرىت قاتارلىقلار بار.   قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق  ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 3.0℃ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى34.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى- 33.4℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3006.4 سائەت،  10℃  يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 2066.8، قىروسىز مەزگىلى 133 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 142.3 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1831.4 مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، ھازىر 6700 گېكتار (1000 مىڭ مو) تېرىلغۇ يېرى، 13 مىڭ 100 گېكتار (197 مىڭ مو) ئورمالىقى، 1 مىليون 583 مىڭ 300 گېكتار (23 مىليون 750 مىڭ مو) ئوتلىقى بار. يەنە 193 مىڭ 300 گېكتار (2 مىليون 900 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يېرى بار. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئات، تۆگە ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، ئارپا، ياڭيۇ، كۆك پۇرچاق، قىچاك، كۆك تاماكا، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن تۇز - خىمىيە سانائىتى ۋە  كۆمۈرچىلىك، بېنىتونىت قېزىش قاتارلىقلار بار.   قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 217 - لىنىيىسى ناھىيە ئىچىدىن ئۆتىدۇ، ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى ھەممە تەرەپكە تۇتۇشۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسىي جەھەتتىن ئاسفالىتلاشتۇرۇلغان. پروگراممىلىق تېلېفون، سىمسىز چاقىرغۇ ئارقا - ئارقىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.   

بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن قونچىنىڭ ئوۋبېل قىياتاش سىزمىلىرى، تاشتىن ياسالغان قەدىمكى قەبرىلەر، ۋاڭ ئوردىسى خارابىسى، دۆربۆن ئۆلتىيىن ئورمانلىقى قەدىمكى شەھىرى قاتارلىقلار بار. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن قارغاي جىلغىسى، ئالۋاستى شەھىرى، ئارغالىت ھور ئارشىڭى قاتارلىقلار بار.




#Article 89: تولى ناھىيىسى (498 words)


تولى ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن تارباغاتاي ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. تولىنىڭ يەر مايدانى 19،982 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 90،000.

تولى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ھونلارغا قاراشلىق يەر ئىدى، سۈي - تاڭ سۇلالىرى دەۋرىدە تۈركلەرنىڭ چارۋا باقىدىغان يېرى بولغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئويرات موڭغۇللىرى تۇرۇغۇت قەبىلىسىنىڭ چارۋىچىلىرى تۇرىدىغان جاي بولغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ ئاخىرى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ باشلىرىدا جۇڭغارلار ئىگىلىۋالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۇ 14 - يىلى (1888 - يىلى) چۆچەك ناھىيىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 7 - يىلى (1918 - يىلى) يېڭىدىن قۇرۇلغان دۆربىلجىن ناھىيىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆربىلجىن ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ تولى مەركىزىي رايونى تەسىس قىلىنغان. 1952 - يىلى تولى ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەتىلگەن. ھازىر تارباغاتاي ۋىلايىتىگە قارايدۇ.

تولى ناھىيىسى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپى قاراماي شەھىرى بىلەن تۇتۇشىدۇ، جەنۇبىي تەرىپى شەھىرى، جىڭ ناھىيىسى، بورتالا شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي تەرىپى چاغانتوقاي ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي تەرىپى دۆربىلجىن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي جەنۇبى تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرالىنىيىسىنڭ ئۇزۇنلۇقى 53 كىلومېتىر كېلىدۇ). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلىقى 6.221 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 3.159 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 01.2 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا 3 بازار، 4 يېزا، 41 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 9 - شىسىنىڭ 1 تۇەن مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 514 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 77 مىڭ 300، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 69.21% نى، خەنزۇلار 27.17% نى، باشقا مىللەتلەر 3.62% نى تەشكىل قىلىدۇ.

ئۇنىڭ يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالى پەس، تاغلىق 53.6% نى، ئېدىرلىق 25.7% نى، جىلغا تۈزلەڭلىكى 20.7% نى ئىگىلەيدۇ، 53 بۇلاق، ئېقىن دەريا، جىلغىسى بار، يەر ئۈستى سۈيى بايلىقى مىقدارى 874 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 512 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن يىلپىز، غولجا، سايگاڭ بۆكىنى ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقدىن سۇغىگۈل، قانتېپەر، قوچاق قول، چۈچۈكبۇيا، توشقان زەردىكى، يەرمەدىكى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، خروم، ھاك تاش، ئالتۇن، بازالىت، سۇۋاق شىغىل، گرانت قاتارلىقلار بار. تولى ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىككىنچى دەرىجىلىك قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 4.3℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 36.6℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2857.9 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 2336.4℃، قىروسىز مەزگىلى 138 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 253.1 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1786.2 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 15 مىڭ گېكتار (233 مىڭ مو) تېرىلغۇ يېرى، 4400 گېكتار (66 مىڭ مو) ئورمانلىق، 1 مىليون 105 مىڭ 900 گېكتار (16 مىليون 895 مىڭ مو) ئوتلىقى بار. يەنە 4500 گېكتار (68 مىڭ مو) تېرىقچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يېرى، 1000 گېكتار (15 مىڭ مو) ئورمان ئەھيا قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يېرىبار، چارۋىچىلىقتا يايلاقتا چارۋا بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ، چارۋىسىدىن كالا، قوي قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن قىچا، كۆممىقوناق، گازىر تاۋۇز، زىغىر، قىزىلچا قاتارلىقلار بار. سانائەتتىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، سېمونت ئىشلەش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كۆمۈرچىلىك، تېرە - يۇڭ پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. تولى ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. ئۆلكە تاشيولى 221 - لىنىيىسى ناھىي تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ، ئوپتىكا كابىلى بىلەن ئالاقىلىشىش ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، يېزىلاردىكى پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلدى.




#Article 90: چىڭگىل ناھىيىسى (600 words)


چىڭگىل ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئالتاي ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. چىڭگىلنىڭ يەر مايدانى 15،722 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 60،000.

چىڭگىل ناھىيىسى چىن ۋە خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ھونلارنىڭ چارۋا باقىدىغان يېرى بولغان. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي تۈرلەرگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىيەنلۇڭ 28 - يىلى (1963 - يىلى) قۇندۇ مەسلىھەتچى ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 30 - يىلى (1904 - يىلى) ئالتاي خان ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگونىڭ 26 - يىلى (1937 - يىلى) چىڭگىل باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 30 - يىلى (9411 - يىلى) دەرىجىسىنى كۆتۈرۈپ ناھىيە قىلىنىپ، چىڭگىل ناھىيىسى دەپ ئاتالغان. 6 - مەمۇرىي رايون ۋە ئاشەن ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىگە قارىغان.

چىڭگىل ناھىيىسى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا، ئالتاي تېغىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئېتكىگە جايلاشقان. شەرقىي بىلەن شىمالىي تەرىپى موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 152 كىلومېتىر). غەربىي تەرىپى بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى گۇچۇڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغا بولغان ئۇزۇنلۇقى 218 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربقىچە بولغان كەڭلىكى 97 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 15 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر. چىڭگىل ناھىيىسىگە 1 بازار، 5 يېزا، 48 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10 - شىسىنىڭ مۇستەقىل يېڭى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 534 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 51 مىڭ 100، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 74.94% نى، خەنزۇلار 19.26% نى باشقا مىللەتلەر 5.8% نى تەشكىل قىلىدۇ.      يەر تۈزۈلۈشى: شىمالىي تەرىپى ئېگىز، جەنۇبىي تەرىپى پەس بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ تاغلىق، تاغ ئارىسىدىكى ئويمانلىق، ئېدىرلىق ۋە چۆللۈككە ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى 61.3% نى، ئېدىرلىق 19.5% نى، تۈزلەڭلىك 19.2% نى، تەشكىل قىلىدۇ. چوڭ چىڭگىل، كىچىك چىڭگىل، چاڭقان، بۇلغۇنلۇق، ئۇلۇڭگۈر قاتارلىق دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 854 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۇ مىقدارى 153 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن قۇندۇز، سۆسۈن بۇلغۇن، ياۋا ئېشەك، يىلپىز، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋايى دورا ئۆسۈملۈكتىن چاكاندا، قانتېپەر، چۈچۈكبۇيا، مېھرىگىياھ، قارلەيلىسى، ئاۋېي، بۇغا مۈڭگۈزى، دىڭىزىيا، ئۇچار چاشقان مايلىقى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، مىس، ئالتۇن، قەلەي، تۆمۈر، نېكىل، كۈمۈش، قوغۇشۇن، چىرىمتال، سېرپېنتىن، بېرىل، لېتىي تېشى، فوسفورلۇق تاش، دال شىپاتى، سۈرمە تاش، خرۇستال قاتارلىقلار بار.   چىڭگىل ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى - 0.2℃ ئەڭ يۇقىرى تېمپراتۇرىسى 34.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 49.7℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3157.5 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 1983.9℃. قىروسىز مەزگىلى 72 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 162.4 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1475.6 مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 8500 گېكتار (127 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 42 مىڭ 500 گېكتار (637 مىڭ 500 مو) ئورمانلىق، 16 مىڭ 700 گېكتار (250 مىڭ مو) چاتقاللىق، 1 مىليون 552 مىڭ 700 گېكتار (23 مىليون 290 مىڭ مو) ئوتلاق بار. چارۋىچىلىقتا يايلاقتا بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن ئالتاي چوڭ قۇيرۇقلۇقى قويى، شەرقىي شىمالنىڭ نەسلى ياخشىلانغان تىۋىتلىك ئۆچكىسى ۋە كالا، ئات، تۆگە قاتارلىقلار بار. دېقھانچىلىقتا بۇغداي تېرىشنى ئاساس، قىچا، ئاق پۇرچاق، كۆممىقوناق تېرىشنى قوشۇمچە قىلىدۇ. سانائىتىدىن خۇرۇمچىلىق، ياغاچچىلىق، پولات ماتېرىيال، چارۋا مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئالتۇن قېزىش قاتارلىقلار بار.   بۇ ناھىيىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. ئۆلكە تاشيولىنىڭ 228 -، 320 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. ناھىىە، يېزا ئاسفالىت يولى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. ئوپتىكلىق خەۋەرلىشىش ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. 2000 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ مەملىكەت تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. بۇ ناھىيىدىكى تايكەشكىن ئېغىزى شىنجاڭنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن سودا قىلىشىدىكى مۇھىم يولىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.   

چىڭگىل ناھىيىسىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن قەدىمكى قىيا تاش رەسىمىرى، تاش  ئادەم سۈرىتى، ساندۇخەيزى قەدىمكى قەبرىستانلىقى، قەدىمىي ياغاچتىن ياسالغان يول، كوكۈي بۇتخانىسى قاتارلىقلار بار. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن چوڭ - كىچىك چىڭگىل دەرياسى تەبىئىي مەنزىرە رايونى، بۇلغۇنقول قوندۇز مۇھاپىزەت رايونى قاتارلىقلار بار.




#Article 91: جېمىنەي ناھىيىسى (545 words)


جېمىنەي ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئالتاي ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. جېمىنەينىڭ يەر مايدانى 8،222 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2005-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 37،733.

جېمىنەي ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە چارۋا باقىدىغان يەر بولغان. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي تۈركلىرىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تارباغاتاي خان ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 32 - يىلى (1906 - يىلى) ئالتاي خان ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگونىڭ 5 - يىلى (1916 - يىلى) جېمىنەي ئامبال ياردەمچىسى تەسىس قىلىنغان، مىنگونى 19 - يىلى (1930) دەرىجىسىنى كۆتۈتۈرۈپ ناھىيە قىلىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاشەن ۋىلايىتى، 6 - مەمۇرىي رايون ۋە ئاشەن ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىگە قارىغان.

جىمىنەي ناھىيىسى ساۋىر تېغىنىڭ شىمالىى ئېتىكىگە، ئېرتىش دەرياسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى بۇرچىن ناھىيىسى، قابا ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيسى 88 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربقىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 120 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 110 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 6472.8 كۋادرات كىلومېتىر. جېمىنەي ناھىيىسىگە 1 بازار، 5 يېزا، 59 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10 - شىسىنىىڭ بىر تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 631 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 33 مىڭ 800، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 61.25% نى، خەنزۇلار 35.5% نى، باشقا مىللەتلەر 3.25% نى تەشكىل قىلىدۇ.     يەر تۈزۈلۈشى: پەلەمپەيسىمان شەكىلىدە بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا قىيپاش، جەنۇبىي قىسمى ساۋىر تېغى، ئوتتۇرا قىسمى تىندۇرما تۈزلەڭلىك ۋە ئۇزۇن ئويمانلىق، غەربىي شىمال قىسمى قۇملۇق. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ 22.3%  نى، ئېدىرلىق، دەريا ۋادىلىر 2.4% نى، چۆللۈك قۇملۇق  73.8% نى، سازلىق سۇ يۈزى  1.5% نى تەشكىل قىلىدۇ. تاستى دەرياسى، ئۇلاستى دەرياسى ۋە ئۈلكۈن ئۇلاستو دەرياسى قاتارلىق دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدار  121 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى  99 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، بوغۇر، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋايى دورا ئۆسۈمۈكتىن چىرىمتال، ھاكاندا، چۈچۈكبۇيا، توشقان زەردىكى، ئۇچار چاشقان مايىقى، پاقا يوپۇرماق ئۇرۇقى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، مىس، سىڭىر تاش، ئاق توپا، ھاك تېشى، سودا، تۆمۈر قاتارلىقلار بار.   جېمىنەي ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا  كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرسى 3.5℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 37.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 38.5℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2940.8  سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 2242.5℃. قىروسىز مەزگىلى 137  كۈن ئەتراپىدا. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 190 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2169.9 مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 13 مىڭ 300 گېكتار (199 مىڭ 500 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 535 مىڭ 300 گېكتار (8 مىليون 30 مىڭ مو) ئوتلاق بار. چارۋىچىلىقتا يايلاقتا بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش، يېرىم ئولتۇراقلىشىش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، پۇرچاق، ياغلىقدان قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن كۆمۈر، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، سېمونت ۋە ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   جېمىنەي ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. 1995 - يىلى 10 - ئايدا دۆلەت تاشيولىنىڭ 217 - لىنىيىسى تۇتاشتۇرۇلغان جېمىنەي - خېيىشەنتۇ ئاسفالىت يولىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، بۇ ناھىيىنىڭ ئۇزاقتىن بېرى قاتنىشى قولايسىز بولۇشتەك تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. 2000 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ مەملىكەت تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. جىمىنەي ئېغىزى شىنجاڭنىڭ قازاقىستان بىلەن سودا قىلىدىغان مۇھىم يولىنىڭ بىرى.   

بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىردىن موڭغۇللارنىڭ شارۋاڭ قەبرىسى، قازاقلارنىڭ جېڭسىقاگوڭ قەبرىسى قاتارلىقلار بار.




#Article 92: بۇرچىن ناھىيىسى (580 words)


بۇرچىن ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئالتاي ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. بۇرچىننىڭ يەر مايدانى 10،362 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 70،000.

بۇرچىن ناھىيىسى بۇرچىن دەرياسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇبدۇ مەسلىھەتچى ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگونىڭ 3 - يىلى (1914 - يىلى) سارسۇمبە ناھىيىسىدىن ئايرىپ چىقىپ، بۇرچىن دەرياسى باشقۇرۇش ئىدارىسى قىلىنغان. مىنگونىڭ 8 - يىلى (1919 - يىلى) ناھىيە قىلىپ تەسىس قىلىنغان ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاشەن دوتەي مەھكىمىسى، 6 - مەمۇرىي رايون، ئاشەن ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسىگە ۋە ئالتاي ۋىلايىتىگە قارىغان.

بۇرچىن ناھىيىسى ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، ئېرىتىش دەرياسىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى ئالتاي شەھىرى بىلەن، غەربىي تەرىپى قابا ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى جىمىنەي ناھىيىسى، بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالىي تەرىپى روسىيە، قازاقىستان، موڭغولىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسى 981 كىلومېتىر). جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 200 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى  49 - 82 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 10 مىڭ 440 كۋادرات كىلومېتىر. بۇرجىن ناھىيىسىگە 1 بازار، 6 يېزا، 56 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 620 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 62 مىڭ 500، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 56.84% نى، خەنزۇلار 31.26% نى، باشقا مىللەتلەر 11.90% نى تەشكىل قىلىدۇ.      يەر تۈزۈلۈشى پەلەمپەيسىمان بولۇپ، شىمالدىن جەنۇبقا قىيپاش، شىمالىي قىسمى ئېگىز، ئوتتۇرىسى تاغلىق رايون، ئوتتۇرا قىسمى پەس تاغلىق، ئېدىرلىق جىلغا يەر، جەنۇبىي قىسمى يېرىم قاقاسلىق پەس تاغلىق رايون. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى 75.6% نى، تۈزلەڭلىك 23.3% نى، قۇملۇق 1.1% نى تەشكىل قىلىدۇ. قاناس، توقمۇت، ئاقكۆل قاتارلىق كۆللىرى ۋە ئېرتىش دەرياسى، بۇرجىن دەرياسى قاتارلىق دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى  3 مىليارد  47 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى  330 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن يىلپىز، سۈلەيسۈن، سۆسۈن بۇلغۇن، قوڭۇر ئېيىق، سۈر بۇغا، قانداغاي، ئۇلار، ئاققۇ قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈك بايلىقى بىر قەدەر مول. شىنجاڭ قىزىل قارغىيى، ئاق قارىغاي، بال قارىغاي، تاغ تېرىكى، ئاق قېيىن، سىبىرىيە چىتەنى، چاتقال سۆگىتى قاتارلىق  30  نەچچە خىل دەرەخ بار، قۇرۇقئوت، قىزىل مىھرىگىيا، چاكاندا، قانتېپەر قاتارلىق 300 نەچچە خىل قىممەتلىك دورا ئۆسۈملۈك بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن ئالتۇن، ئاليومىن، سىنىك، مىس، چرىمتال،تالىك، ھاك تېشى، گاۋلىڭ توپىسى، تازىلانغان شور قاتارلىقلار بار.   بۇرچىن ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 4.0℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 38.0℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 41.2℃ . كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2970.3 سائەت،  10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى  2837.6℃، قىروسىز مەزگىلى  128 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  118.6 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  1743.2 مىللىمېتىر.   بۇرچىن ناھىيىسى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىپ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈگەن ناھىيە. ھازىر 17 مىڭ 900 گېكتار (268 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 233 مىڭ 300 گېكتار (3  مىليون 350 مىڭ مو) ئورمانلىق، 818 مىڭ گېكتار (12 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يېرى بار. چارۋىچىلىقتا قوينى ئاساس قىلىدۇ، يۇڭ كۆپ چىقىدۇ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، پۇرچاق، ياغلىقدان، ئارپا، قىزىلچا، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، سەي  كۆكتات قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن يۇڭ توقۇمىچىلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئېچىتىپ ياساش، ئېلېكتر قۇۋۋىتى قاتارلىقلار بار. ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلىدۇرۇش ئىستىقبالى ناھايىتى ياخشى.   بۇرچىن ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 217 - لىنيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، شەھەر، يېزا تاشيوللىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. 2000 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ مەملىكەت تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى، ئاسىيا - ياۋروپا ئوپتىكىلىق خەۋەرلىشىش لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ.  

بۇرچىن ناھىيىسىنىڭ داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن قاناس تەبىئىي مەنزىرە مۇھاپىزەت رايونى بار. بۇ مۇھاپىزەت رايونىغا ئالتاينىڭ جانلىقلار بايلىقى مۇجەمسسەملەشكەن. بۇ يەردە قەدىمكى يەر قىياپىتى ئېنىق، مۇكەممەل ساقلانغان. كۆل ئەتراپى گۈزەل ھەم ھاۋالىق، مەنزىرىسى كىشىنى مەھلىيا قىلىدۇ. ئۇ ئىلىم پەن بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان ۋە ساياھەت قىلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك جاي.




#Article 93: بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى (619 words)


بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئالتاي ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. بۇرۇلتوقاينىڭ يەر مايدانى 33،273 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 70،000.

بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ھونلارنىڭ زېمىنى بولغان، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 28 - يىلى (3176 - يىلى) قوبرۇخان ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ توڭجى 6 - يىلى (1867 - يىلى) بۇرۇلتوقاي خان ئامبىلىغا قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ  گۇاڭشۈ 32 - يىلى (1906 - يىلى) ئالتاي خان ئامىبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگونىڭ 3 - يىلى (4191 - يىلى) بۇرۇلتوقاي باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 11 - يىلى (9221 - يىلى) دەرىجىسىنى كۆتۈرۈپ ناھىيە قىلىنغان. مىنگونىڭ 31 - يىلى (1942 - يىلى) بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىنىڭ خەنزۇچە (布伦托海) نامى  دەپ ئۆزگەرتىلگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىگە قارىغان.

بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە، ئېرتىش دەرياسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى كۆكتوقاي ناھىيىسى بىلەن، غەربىي تەرىپى قۇبۇقسار مۇڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى، جىمىنەي ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى سانجى شەھىرى، مىچۈەن ناھىيىسى، فۇكاڭ شەھىرى بىلەن، شىمالىي تەرىپى ئالتاي شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقىي شىمال تەرىپى موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسى 50 كىلومېتىر). جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 350 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 25 ～ 50 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 31 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىر. بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىگە 1 بازار، 5 يېزا، 64 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10 - شىسىنىڭ 5 تۇەن - مەيدانى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق بىر ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېھقانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 602 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 78 مىڭ 700، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلاچ 29.24% نى خەنزۇلار 67.0% نى، باشقا مىللەتلەر 3.76% نى تەشكىل قىلىدۇ.  يەر تۈزلۈشى پەلەمپەيسىمان بولۇپ، شىمالدىن جەنۇبقا قىيپاش كەتكەن تاغلىق، تۈزلەڭلىك ۋە قۇملۇق. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق رايون 10.8% نى، تۈزلەڭلىك 71.1% نى، قۇملۇق 1.19% نى تەشكىل قىلىدۇ. مەملىكەت بويىچە  10  چوڭ تاتلىق سۇ كۆلىنىڭ بىرى بولغان ئۈلۈڭگۈر كۆلى (بۇرۇلتۇقاي كۆلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە ئېرتىش دەرياسى، ئۈلەڭگۈر دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككىى چوڭ سۇ سىستېمىسى بار. باقمىچىلىق سۇ يۈزى كۆلىمى 1  مىليون 500 مىڭ مو. سازان بېلىق، پامپۇس بېلىقى، سۈمۇل بېلىقى، شەرق فوگۇ بېلىقى، ئالا ئىتبېلىق قاتارلىق  19 خىل بېلىق چىقىدۇ. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى  722 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ يەر ئاستى سۈيى مىقدارى  515 مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋانلاردىن قۇندۇز، موڭغول ياۋا ئېشىكى، يىلپىز، سۆسۈن بۇلغۇن، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، بۇغا، قۇر قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈكتىن مامۇرانچىن، توشقان زەدىكى، چۈچۈكبۇيا، قۇرۇتئوت قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، چىرىمتال، ئالتۇن، تۇز، ياقۇت، بېرىللىي، ئۇران، كۋارتىس تاش،  نېفىت قاتارلىقلار بار.   بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 3.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 39.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 42.7℃. كۈن نۇرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2889.9 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 2890.7. قىروسىز مەزگىلى 144 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 112.7 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1844.4 مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيىنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلىرى بىرقەدەر تەرەققىي تاپقان. ھازىر 25 مىڭ 900 گېكتار (383 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 42 مىڭ 090 گېكتار (643 مىڭ مو) ئورمانلىق، 1 مىليون 577 مىڭ 700 گېكتار (23 مىليون 665 مىڭ مو) ئوتلاق بار. چارۋىچىلىقتا يايلاقتا بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئالتاي چوڭ قۇيرۇقلۇق قويى كۆپ چىقىدۇ، چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسى ئولتۇراقلىشىپ بولدى. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، قىزىلچا قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن شېكەرچىلىك، ئالتۇنچىلىق، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىپ كەتكەن. پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ مەملىكەت تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. 

دۆلەت بويىچە 2 - دەرىجىلىك ئېچىۋېتىلگەن ئېغىز - قىزىلتاغ ئېغىزى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن سودا قىلىشىدىغان مۇھىم يولدۇر.   داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن ئارشاڭ جىلغىسى مەنزىرلىك رايونى بار. بۇ رايوننىڭ تەبىئىي مۇھىتى گۈزەل، ئۆزگىچە، جىلغا ئىچىدىكى ئىسسىق ئارشاڭ، سۈت ئاشاڭ، ئاشقازان ئارشىڭى قاتارلىق ئارشاڭلار كۆپ خىل كېسەللىكلەرگە شىپا قىلىدۇ، ئۇ كەم ئۇچرايدىغان سەگىدەيدىغان، سەيلە قىلىدىغان، داۋالىنىدىغان ياخشى جاي.




#Article 94: قابا ناھىيىسى (547 words)


قابا ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئالتاي ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. قابانىڭ يەر مايدانى 8،179 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 80،000.

قابا ناھىيىسى چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە چىتسېتىھىلتۇ ئايمىقى يېڭى تۇرغۇت موڭغۇللىرىنىڭ چارۋا باقىدىغان يېرى بولغان. ئاۋۋال قۇبدۇ مەسىلھەتچى ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا، كېيىن ئالتاي خان ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 29 - يىلى (1903 - يىلى) قابا ھەربىيلەر ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 1 - يىلى (1912 - يىلى) قابا باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 9 - يىلى (1920 - يىلى) ئامبال ياردەمچىسى قويۇلۇپ، بۇرچىن ناھىيىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 19 - يىلى (1930 - يىلى) دەرىجىسىنى كۆتۈرۈپ ناھىيە قىلىنغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاشەن ۋىلايىتى 6 - مەمۇرىي رايونىغا قارىغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئالتاي ۋىلايىتىگە قارىغان.

قابا ناھىيىسى ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى بۇرچىن ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى جىمىنەي ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا  لىنىيىسى 320 كىلومېتىر). جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 168 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە كەڭلىكى 90 ～ 100 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 8430.3 كۋادرات كىلومېتىر. قابا ناھىيىسىگە 1  بازار، 6  يېزا، 116 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك  10 - شىسىنىڭ بىر تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  673 كىلومېتىر.  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 69 مىڭ 400. بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار  60.37% نى، خەنزۇلار 31.27% نى، باشقا مىللەتلەر 8.36% نى تەشكىل قىلىدۇ.      يەر تۈزۈلۈشى شىمالدىن جەنۇبقا قىيپاش بولۇپ، شىمال قىسمىنى ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ (ساغانسالا  تېغى ئەڭ ئېگىز بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 3248 مېتىر ئېگىز). ئوتتۇرا قىسمى ئېدىرلىق، جەنۇبىي قىسمى تۈزلەڭلىك، بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى 31.7% نى، تۈزلەڭلىك 47.9% نى، قۇملۇق 20.4% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئېرتىش دەرياسى، قابا دەرياسى، بىلەزىك دەرياسى ۋە ئالقابېك دەرياسى بار. يەر ئۈستى  سۇ بايلىقى مىقدارى  1 مىليارد  341 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيىنىڭ مىقدارى  243 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانلاردىن سۆسۈن بۇلغۇن، قانداغاي، سۈر بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا توڭگۇز، بۆرە، قىيالىق تۇندار كەكلىكى قاتارلىق بار. ياۋايى دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن سىبىرىيە ئۈستۇر بېلىقى، چوڭ قىزىل بېلىق، براخىمىستاكىس بېلىقى، بايقال ئاق بالداق بېلىقى، لېش بېلىقى، دەرياسوم بېلىقى قاتارلىق 20 نەچچە خىل بېلىق بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن مىس، كۈمۈش، ئاليومىن، سىنك، گۈڭگۈرت قاتارلىقلار بار.   قابا ناھىيىسى  مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 4.0℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 38.7℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 44.8℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2954.5 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 2678.6℃. قىروسىز مەزگىلى 128 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 170.5 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2065.4 مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيىنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلىرى بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان. ھازىر 18 مىڭ 600 گېكتار (279 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 537 مىڭ 300 گېكتار (8 مىليون 60 مىڭ مو) ئوتلاق، 151 مىڭ 700 گېكتار (2 مىليون 275 مىڭ 500) ئورمانلىق بار. يەنە 74 مىڭ 700 گېكتار (1 مىليون 120 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. چارۋىچىلىقتا يايلاقتا چارۋا بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. چارۋىدىن قوي، كالا، ئات، چوشقا قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، ئاپتاپپەرەس، پۇرچاق، ياڭيۇ قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، كانچىلىق، چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش بىر قەدەر تېز تەرەققىي قىلىپ، بۇ ناھىيىنىڭ تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندى.   قابا ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. 4000 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ پۈتۈن مەملىكەت تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. 

ئاقتوبېك ئېغىزى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان دۆلەت دەرىجىلىك ئېغىز.




#Article 95: ۋىكىپېدىيە (140 words)


 

ۋىكىقامۇس بولسا بىر خىل ئوچۇق قامۇس.

ۋىكىقامۇس ۋەخپى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ۋىكى دېگەن سۆز «تىز» دېگەن مەنىدە قوللىنىلغان. قامۇسىدە ھازىر جەمئى 15 مىليوندىن ئارتۇق ماقالە بار. ئىنگىلزچىسىدە ئۈچ مىليون 200 مىڭ پارچە ماقالە بار. بۇ ماقالىلار نۇرغۇن نامسىز قەھرىمانلارنىڭ يېزىشى ۋە تەھرىرلىشى ئارقىلىق ھازىرقى ھالەتكە كەلدى.

Alexa نىڭ بەرگەن سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا زىيارەت قىلىش قېتىم سانى دۇنيادا 6-ئورۇندا تۇرىدۇ. زىيارەتچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئامېرىكىدا.

ۋىكىقامۇس بولسا بىر خىل ھەقسىز قامۇس بولۇپ ھازىر 270دىن ئارتۇق تىلدا مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ. 

ئۇندىن باشقا يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭغا يېڭى تۈرلەر قېتىلدى.

ۋىكى سىستېمىسى ئۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان مۇلازىمەت تۈرلىرى باشقۇرىدۇ ياكى بىربىرىگە باغلايدۇ.

جىمى ۋالىس (Jimmy Wales) ۋىكىقامۇسنى قۇرغۇچى كىشلەردىن بىرى.

تۆۋەندىكى كودنى تىرناقنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇزۇپ كۆچۈرۈڭ

ھەرقانداق بىر ۋىكىپېدىيا بېتىنى تەھرىرلىگەندە، تەھرىرلەش بېتىدىكى مەزمۇننىڭ بىرىنچى قۇرىغا يۇقارقى كودنى مۇشۇ نى تىرناقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا پۈتۈن كودنى كۆچۈرۈڭ. بەتنى ساقلىغاندىن كېيىن، بەت ئۇيغۇرچە فونت بىلەن كۆرىنىدۇ.




#Article 96: تەيۋەن (394 words)


تەيۋەن (جۇڭخۇا مىنگو) (خىتايچە: 台湾/壹灣/台灣؛ پىنيىن: Tái wān،تەيۋەنچە: Tâi-uân ،خاككاچە: Thòi-vàn ) بولسا ئاسىياقىتئەسىنىڭ شەرقىگە، تېنچ ئوكياننىڭ غەربىگە جايلاشقان بىر ئارالدۇر. ئۇنىڭ پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ شەھرى بولسا تەيبېي.  دۆلەت تىلى بولسا خىتاي تىلى. ھازىرقى پرىزدېنتى سەي يىنۋېندۇر. يەر مەيدانى 32 مىڭ 260 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 22 مىلليون 749 مىڭ نەپەردۇر.

قەدىمقى زامان

تەيۋەندە ئەڭ كېچىككەندىمۇ كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە (بۇنىڭدىن 50 مىڭ — 10 مىڭ يىل ئىلگىرى) ئىنسانلار ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان، پېڭخۇ سۇ يولىدا بايقالغان پېڭخۇ ئىپتىدائىي ئادەملىرى ياشىغان دەۋر بۇنىڭدىن تەخمىنەن 450 مىڭ — 190 مىڭ يىللار ئىلگىرى بولغان. بۇ يەرنىڭ ئەڭ باشتىكى ئىگىسى ئىپتىدائىي قەبىلىلەر بولۇپ، تەيۋەن ئارىلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئورۇنلاشقان، بۇ مىللەتلەرنىڭ تىلى ئاۋۇسترونېزىيە تىل سېستىمىسىگە تەۋە بولۇپ، ئەمما ئۇزۇن ۋاقىتگىچە يېزىقى بولمىغان. 

مىڭ سۇلالىسىنىڭ شىزۇڭ خانىنىڭ جياجىڭ 42-يىلى (1563-يىلى) دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ ئامانلىقى قاتارلىق ئامىللارنى نەزەردە تۇتۇپ، پېڭخۇ ھاكىمىنى قايتا تەسىس قىلىنغان. بۇ مەھكىمە تاكى-1622 يىلى گوللاندىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى پېڭخۇنى ئىگىلىگەنگە قەدەر داۋاملاشقان، ئەمما-1624 يىلى مىڭ سۇلالىسىنىڭ فۇجيەن باش يامول بېگى نەنجۈيى يەنە ئەسكەر ئەۋەتىپ پېڭخۇغا ھۇجۇم قىلغان ھەمدە پېڭخۇ ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، گوللاندىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى كۈچلەرنى پېڭخۇدىن قوغلاپ چىقىرىپ، پېڭخۇ تاقىم ئاراللىرىنى قايتا ئىشغال قىلغان. 16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە،  پورتۇگالىيەلىكلەر شەرقىي ئاسىياغا ئەڭ بالدۇر يېتىپ كېلىپ، تەيۋەننى مۇستەملىكە قىلغان ياۋروپا ئېكسپېدىتسىيەچىسى بولغان، لېكىن تەيۋەن بىلەن بولغان ماھىيەتلىك مۇناسىۋىتى پەقەت ئەپيۈن ۋە شال ئارقىلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نەرسىلىرىنى ئالماشتۇرۇشتىن توختاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇستەملىكە قىلىش غەرىزى بولمىغان. 

چىڭ سۇلالىسى زامان(1683-1895)

گۇاڭشۈنىڭ 20-يىلى (1894-يىلى) 12-ئايدا تاڭ جىڭسۇڭ تەيۋەننىڭ ھاكىمى بولغان؛ مانجۇ ئوردىسى جياۋۇ ئۇرۇشى (گۇاڭشۈنىڭ 20-يىلى، مېيجى27-يىلى، 1894-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى 1895-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى) دا مەغلۇپ بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيە ئارمىيەسى 1895-يىلى 3-ئايدا ئالدى بىلەن پېڭخۇنى ئىشغال قىلغانلىقتىن، چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى ماگۇەن شەرتنامىسى ئىمزالاپ، تەيۋەن بىلەن پېڭخۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەينى ۋاقىتتا سىرتقا پائال كېڭەيگەن ياپون جاھانگىرلىكىگە بۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. لياڭ چىچاۋ ۋە كاڭ يۇۋېي قاتارلىقلار ھۆكۈمەت مەپىسىدە ئولتۇرۇپ خانغا مەكتۇپ يوللاپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننى بۆلۈپ بەرگەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن بولسىمۇ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىغان،شۇنىڭبىلەن تەيۋەن خەلقى تەيۋەن دېموكراتىك دۆلىتى قۇرۇپ، ياپونىيەگە قارشى تۇرغان، كۆك ئەگرىسۇناي يولۋاسنىڭ« سېرىق يولۋاس بايرىقى» نى دۆلەت بايرىقى قىلىپ، تاڭ جىڭسۇڭ ۋاقىتلىق بۈيۈك زۇڭتۇڭ بولغان، ليۇ يۇڭفۇ ئۇلۇغ سانغۇن بولغان. ياپونىيە ئارمىيەسى تەيۋەننى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن، تەيۋەننىڭ قوبۇل قىلىش رەسمىيىتىنى تاماملىماي، 1895-يىل 5-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاۋدى (شىنبېي شەھىرى گۇڭلياۋ رايونىدىكى ئۈچ بۇلغۇن تۇمشۇقى ئەتراپىدا) دا قۇرۇقلۇققا چىققان، كېيىن« تەيۋەن دېموكراتىك دۆلىتى» نىڭ مۇنتىزىم قوشۇنى ۋە قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە ئۇچىردى .تەيۋەن دېموكراتىك دۆلىتى ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇپ، ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى بىلەن ياپونىيە جاھانگىرلىكىنىڭ قوراللىق قارشىلىقىغا ئۇچردى. 




#Article 97: ئەينەك (451 words)


ئەينەكنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى كۋارتىس ، ساپ ئىشقار ، ھاك تېشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . ئەينەك ياسىغاندا ، ئالدى بىلەن بۇ خام ماتېرىياللارنى يۇقىرى تېمپۇراتۇرىدا ئېرىتىپ ، سۇيۇق ھالەتتىكى « ئەينەك » ياسىلىدۇ .ئەينەك سۈزۈك بولغان، زىچلىقى ۋە قاتتىقلىقى يۇقىرى بولغان، ھاۋا ئۆتمەيدىغان ماددا. ئەينەكنىڭ خىمىيىۋىلىك ئاكتىپلىقى تۆۋەن بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن جىق يەرلەرگە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئەينەكنىڭ تەركىبى ئاساسى جەھەتتىن SiO2 دىن بولغان.

ئەينەك بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچرايدۇ. مەسلەن : ئەينەك بوتۇلكا ، دېرىزە قاتارلىقلار.

ئەينەكنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى كۋارتىس، ساپ ئىشقار، ھاك تېشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەينەك ياسىغاندا، ئالدى بىلەن بۇ خام ماتېرىياللارنى يۇقىرى تېمپۇراتۇرىدا ئېرىتىپ، سۇيۇق ھالەتتىكى «ئەينەك» ياسىلىدۇ. ئاندىن بۇ ھەم قىزىق، ھەم يۇمشاق « ئەينەك » سۇيۇق ھالەتتىكى قەلەي قاچىلانغان قېلىپقا سېلىپ سوزۇلىدۇ. ئاخىرىدا «ئەينەك» سىلىقلاش ئارقىلىق تاختا ئەينەككە ئايلاندۇرىدۇ. ھازىر كىشىلەر يەنە تۆۋەن تېمپىراتۇرىلىق خىمىيىلىك ئەينەك سىنتېزلاش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلىدى. بۇ خىل ئۇسۇلدا، يۇقىرى تېمپۇراتۇرا تەلەپ قىلىنمايدۇ. يەنە ئېنېرگىينى تېجەپ، تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

ئورگانىك ئەينەك بىلەن ئادەتتىكى ئەينەك بىر تۈرگە تەۋە ئەمەس. ئادەتتىكى ئەينەكنىڭ ماتېرىيالى سىلىفات تۇزلىرى، ئورگانىك ئەينەكنىڭ تۈرلىرى بولسا ئاتسىتون، مېتىل ئىسپىرتى، سۇلفات كىسلاتاسى، ناترىي سىيانتتىن ئىبارەت. ئورگانىك ئەينەكنىڭ خىمىيىۋى نامى پولى مېتىل ئاكرىلات ، ئۇ سۇنئىي سىنتىزلانغان بىر خىل يۇقىرى مولىكولالىق بىرىكمە، ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى پارقىراق، سۈزۈك بولۇپ، ئەينەككە ئوخشىغىنى ئۈچۈن ئورگانىك ئەينەك، دەپ ئاتالغان .

ئورگانىك ئەينەكنىڭ سۈزۈكلۈكى ناھايىتى يۇقىرى، ئادەتتىكى ئەينەكنىڭ قېلىنلىقى 15 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتكەندە، ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان نەرسىلەرى ئېنىق كۆرگىلى بولمايدۇ، لېكىن، قېلىنلىقى بىر مېتىردىن ئاشىدىغان ئورگانىك ئەينەكنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايدۇ.

ئۇنىڭ نۇر ئۆتكۈزۈشىمۇ ياخشى، ھەتتا ئۇلترا بىنەپشە نۇرلامۇ ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭدىن ئوپتىك ئەسۋابلار ياسىلىدۇ. 

ئورگانىك ئەينەكنىڭ ئىلاستىك خۇسۇسيىتىمۇ ياخشى، ئۇنى باشىقا ئەينەكلەرگە سېلشتۇرغىلى بولمايدۇ، مەسىلەن، رىئاكتىپ ئايروپىلانلار بۇلۇتلار ئارىسىدا ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن ئۇچقاندا قاتتىق سىلكىنىش، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھەم ھاۋا ئېقىمىنىڭ بىسىمى قاتارلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. بۇ ئايروپىلان كابىنكىسى ئۈچۈن قاتتىق سىناق، پەقەت ئورگانىك ئەينەكلەر شۇنداق خىلمۇ-خىل سىناقلارغا بەرداشلىق بىرەلەيدۇ، ئەگەر كۈرەشچى ئايرۇپىلان دۇشمەن ئايروپىلانى بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا، ئورگانىك ئەينەك دۇشمەن ئوقى تەرىپىدىن تېشىۋىتىلگەن تەغدىردىمۇ، پەقەن كىچىككىنە بىر تۆشۈك ئېچىلىدۇ، پۈتۈن ئەينەك چىقىلىپ كەتمەيدۇ، شۇنداق قىلىپ ئەينەك پارچىلىرىنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

ئورگانىك ئەينەكلەرنىڭ كىشىنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدىغان يەنە بىر ئالاھىدە خۇسۇسيىتى ئەگرە بولسىمۇ نۇرنى ئۆتكۈزۈۋىرىدۇ. ئېگلىگەن ئورگانىك ئەينەك تاياق پەقەت ئېگىلىش بۇلۇڭى 48 گرادۇستىن ئېشىپ كەتمىسىلا، نۇر شۇ ئەگرىنى بويلاپ خۇددى تۇربىدىن سۇ ماڭغاندەك ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ خۇسۇسيىتىدىن پايدىلىنىپ، مىدىتسىنادا ئىشلىتىدىغان ئەسۋابلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، تاشقى كېسەللىكلەر ئوپراتسىيەسى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بەرگەن. 

ئورگانىك ئەينەكلەر ئىسسىقلىق تەسىرىدە ئېلاستىك ھالەتكە ئۆتەلەيدىغان خۇسۇسيەتكە ئىگە، ئۇ قىزدۇرغاندن كىيىن ھەرخىل شەكىلگە كىرىدۇ. ئوخشىمىغان تەلەپلەرنى قاندۇرىدۇ.

ئورگانىك ئەينەكلەرنىڭ خىمىيىۋى خۇسۇسيىتىمۇ تۇراقلىق، شۇڭا ئوخشىمىغان تەلەپلەرگە ئاساسەن، ماتىرىياللارغا ھەرخىل بوياقلارنى قوشۇپ قىزىل، يىشىل، كۆك، بىنەپشە رەڭلىك خىلمۇخىل ئەينەكلەرنى ئىشلىگىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشلىتىش ساھەلىرى تېخىمۇ كەڭ.

ئەينەك سۈزۈك بولغان، زىچلىقى ۋە قاتتىقلىقى يۇقىرى بولغان، ھاۋا ئۆتمەيدىغان ماددا. ئەينەكنىڭ خىمىيىۋىلىك ئاكتىپلىقى تۆۋەن بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن جىق يەرلەرگە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئەينەكنىڭ تەركىبى ئاساسى جەھەتتىن SiO2 دىن بولغان.




#Article 98: Turk (2205 words)


Yéqindin buyan tordash dostimiz kulbilge uyghurlar we otura asiyadiki qedimqi milletlerning 'érqi alahidilikige ait matériyallarni yollap, tor bétimizdiki bir boshluqni tolduriwatidu, shu munasiwet bilen, bu sahede izdiniwatqan dostlirimizning paydilinishi üchün amérikiliq alim wilyam mak gowérnning  ootura asiyadiki qedimqi döletler tarixi  digen esirining birinchi bölüm birinchi bapini terjime qilip yollap qoydum.
 

Türkistan insaniyetning böshüki digen telimat ----- merkiziy asiyaning qedimki ” kulalchiliri “ ----- anawning qézilishi ----- gherbi jenubiy rosiyediki tiripolyi medeniyiti ----- junggoning gherbi shimaliy qismidiki qedimqi medeniyet ----- bu qedimqi medeniyetler otturisidiki baghlinishning éhtimalliqi ----- shimaldiki charwichi xelqlerning bash kötürüp chiqishi ----- ularning érqi, tili we medeniyet alahidiliki ----- shimaldiki charwichilarning merkiziy asiyadin sirtqa kéngiyishi ----- ularning shimaliy hindistan we pérsiyeni boysundurushi
Merkiziy asiyaning qedimki tarixining heqiqiy ehwalidin biz hazirghiche toluq xewerdar emesmiz. Köpligen alimlar bu rayonni insaniyetning böshüki dep qarisimu, bizde hazirghiche bu heqtiki deliller yoq diyerlik. Insaniyet qeyerde apiride bolushidin qet'iynezer nahayiti éniq bolghan bir nuqta bar, u bolsimu merkiziy asiya rayoni nahayiti qedimki dewrlerdila insanlar olturaqlashqan rayon bolupla qalmastin, bu rayonda olturaqlashqan xelqler yuquri medeniyetke ige idi‹1›.       
Merkiziy asiyaning yüriki bolghan türkistanning kéyinki dewrlerdiki tarixi charwichi xelqler bilen zich munasiwetlik idi, biraq ish shundaq bolsimu biz yéqinqi yillardin béri bayqalghan arxéologiyelik matiryallarni tetqiq qilish arqiliq érishken xulasimiz shuki, türkistanning bir qisim yerliri qedimki melum bir mezgilde melum bir érq yaki xelqler (bu roshenki birqanche xil oxshash bolmighan érq we tillarni öz ichige alatti) teripidin ishghal qilin'ghan, biz bu bir türküm xelqlerni omumlashturup ”kulalchilar“ dep ataymiz. Ularning xaraktiri köp hallarda tinchliqqa mayil bolup charwichiliqni asas qilghan idi.
Merkiziy asiya arxéologiyisi hazir téxi sübhi dewrde turghan bolghachqa bizning ”kulalchilar“ning medeniyet dairisi we mewjut bolup turghan waqtigha nisbeten melumatimiz yoq diyerlik, biraq jenubiy türkistandiki anaw kentidiki pompiliy riyasetchilik qilghan qézish xizmiti merkiziy asiyadiki qedimki ahalilerning bir qisim örp- aditini éniq sherhilep béreleydu.
Bu yerdiki arxéologiyelik qézish xizmitidin anawdiki qedimki ahalilerni biliwélipla qalmay yene ularning köchmen charwichiliq bilen shughullanmay yéza- qishlaqlarda kün nuridin mudapielinidighan öylerde olturaqlashqanliqini biliwalalaymiz. Eyni waqitta anawliqlarning turmushida yéza igiliki asasiy orunda turup kelgen, térilidighan asasliq ziraet arpa we bughday idi. Ular istimal qilidighan göshler pütünley digüdek yéqin etraptiki haywanlarni owlash arqiliq kéletti, ularning haywanlarni qandaq owlighanliqi yenila bir sir, chünki hazirghiche bu yerdin neyze yaki oq bashiqi tépilghini yoq.
Diqqet qilishqa erziydighini shuki, jenubiy türkistanning nurghunlighan ahaliliri uzun mezgillergiche öy haywanlirini béqishni bilmigen hetta étimu yoq idi. Ular anawda olturaqliship birqanche esirdin kéyin andin it, at, kala, choshqa qatarliqlarni béqishni bilgen.
Anawda eng burun olturaqlashqan ahaliler ishletken qorallar tash we tashtin yasalghan qorallarni asas qilsimu, biraq ular yene tuchni ishlitishni biletti. Anaw medeniyitining eng zor alahidiliki sapal buyumlardur, eyni waqitta bu iptidaiy xelqler sapal buyum chaqpilikini ishlitishni bilmisimu ular yasighan sapal buyumlarning shekli nahayiti chirayliq we körkem, üstige géométiriyelik shekiller sizilghan bolup ajayip ustiliq ipadilinip turatti.
Pompiliy ependi anaw medeniyitining miladiyedin burunqi 8000- yillarda bashlan'ghanliqigha ishinidu, bu qarash bekla ashuriwétilgen bolushi mümkin. Köp qisim alimlar anawda miladiyedin burunqi 4000- yillarda ademler olturaqlashqan dep qarishidu, bundaq bolghanda bu misir we méssopotamiye medeniy turmushining bashlan'ghan waqti bilen oxshash bolghan bolidu‹2›.
Jenubiy türkistandiki qedimki ahalilerning til alahidiliki toghrisida hichnerse bilmeymiz. Ularning érq mesilisi toghrisida igelligen matiryallirimizmu nahayiti az, biraq bir nuqta muhim u bolsimu uzundin béri merkiziy asiya rayoni monggholoid érqining ana yurti digen qarashlar mewjut idi, biraq anawdin qéziwélin'ghan insanlarning qalduq söngekliri eyni waqitta bu yerdiki xelqlerning heqiqetenmu kawkaz érqi yaki aq érqqa mensup ikenlikini körsütüp béridu. Emeliyette ularning köp qismining atalmish ottura déngiz tipi bilen zich alaqisi bar idi. Ottura déngiz tipi bügünki kündimu jenubiy yawropada zor tesirge ige.
Mubada anaw medeniyitini gherbi jenubiy rosiye hemde shimaliy ruminiyede barliqqa kelgen tiripolyi medeniyiti bilen sélishturidighan bolsaq nahayiti qiziqarliq ish yüz béridu. Gherbi jenubiy rosiye bilen shimaliy ruminiyediki qedimki ahaliler anawliqlargha oxshashla turmushta yéza igilikini asas qilghan, ularmu nahayiti nepis renglik sapal buyumlarni yasighan. Bu peqet nurghunlighan misallar ichidiki ikki nuqtidur. Biz tiripolyi medeniyitining kélip chiqishi adette shu yer we sherq bolupmu türkistan bilen munasiwetlik ikenlikige ishinimiz‹4›.
Oxshashla muhim bolghan emeliyet shuki yéqinqi yillarda junggoning shimaliy we gherbiy shimaliy qismidimu köpligen renglik sapal buyumlar bayqaldi. Bu sapal buyumlar anaw we tiripolyidikiler bilen oxshap qalatti, bolupmu kéyinkisi bilen bekla oxshishatti. Shunglashqa nurghunlighan alimlar junggodiki bu qedimki sapal buyumlaryasilish uslubi jehette gherpning tesirige uchrighanliqining netijisi dep qaraydu‹5›.
Bu telimatlardin bashqa yene yiraq qedimki zamandiki junggoning yéza igilik jemiyitige qarap tereqqi qilip bughday, tériq, arpa tériydighan merkez (bu üch xil ziraet eng burun yéqin sherqte térilghan idi) liridin biri bolup qalghanliqinimu qoshush kérek. Shunglashqa junggo milliti gerche junggo tupriqida apiride bolghan bolsimu, biraq qedimki junggo medeniyitining eng deslepki tereqqiyati merkiziy asiya bilen uchrashqanliqining netijisi idi digen telimat bu pikirning salmiqini téximu ashuridu‹6›.
Yuqurida bayan qilin'ghan yéza igiliki bilen shughullan'ghuchi ”kulalchilar“ning eksiche sherqiy jenubiy rosiye hem shimaliy türkistanda charwichiliq medeniyiti yaki yérim charwichiliq medeniyiti bash kötürgen idi‹7›. Bu charwichi xelqler kéyinche tarixta nahayiti muhim rol oynighan bolsimu ularning eng burunqi kélip chiqishi toghrisida köp nersilerni bilishke amalsizmen. Zadi ular bu rayonning yerlik ahalisimu yaki bashqa jaylardin bu yerge köchüp kelgenmu buninggha hazir éniq birnime digili bolmaydu, biraq qandaq bolushidin qet'iynezer ular miladiyedin burunqi 3000- yillarda bu rayonda yashighan‹8›. Biz sherqiy jenubiy rosiyening herqaysi rayonlirigha tarqalghan atalmish ”gil topa qebriler“ni ilgiriligen halda tetqiq qilsaq bu charwichi xelqlerning hayatining bir qismi toghrisida mueyyen xewerge ige bolimiz‹9›.
Bu qedimki qebrilerdin ilgiri nurghunlighan ustixanlar tépilghan. Bu ustixanlarning ”shimaldiki charwichi xelq“lerge tewe ikenliki éniq bolup, köp qismining boyi igiz hem uzun bash idi, ularning közining renggi we chéchi toghrisida birnerse bilmisekmu ularning yoghan ustixanliri bugünki shimaliy yawropa xelqliri bilen oxshap qalghachqa ularning köp qismi ”niodik“ tipigha tewe dep késip éytishqa bolidu. Biraq bu yerde shuninggha diqqet qilish kérekki, dunyada hichqandaq sap érq mewjut emes. Shimaldiki charwichi xelqler nahayiti qedimki waqitlarda yéqin xoshna xelqler bilen toylashqan bolushi mümkin, bu xoshna xelqlerning köp qismi aq érqqa tewe idi, mesilen: boyi pakar, bughday öng, uzun bashliq ottura déngiz tipigha téximu yéqin idi‹10›.
Shimaldiki bu charwichi xelqlerning yéziqi we xatirisi yoqliqini sözlep olturush hajetsiz bolghachqa biwaste ispatlardin ularning tilining qandaqliqini perez qilalmaymiz, biraq köpligen alimlar wastilik matiryallarni tetqiq qilish arqiliq ularning köp qismi arian yaki hindi- yawropa tilida sözlishetti dep qarishidu. Mundaqche qilip éytqanda ular ishletken til yaki nurghunlighan tillar yawropaning köp qisim rayonliridiki tillar mesilen yunan tili, latin tili, némis tili (gérman tili) hemde kilit tilliri bilen zich munasiwetlik idi‹11›.
Bezi alimlar ‹12› hindi- yawropa til séstimisigha tewe her xil xelqler shimaliy yawropadin kélip chiqqan hem türkistandiki bu charwichi xelqler baltiq déngiz boyliridin sherqqe köchüp kelgen xelqler ikenlikige ishinidu‹13›. Bashqa köpligen alimlar hindi- yawropa séstimisidiki herqaysi xelqlerning jenubiy rosiye hem türkistanda peyda bolghanliqini teshebbus qilipla qalmay bügünki yawropaliqlarning tili we ularning medeniyetlirining köp qismimu ottura asiyadin gherpke köchken her xil xelqlerdin kelgenlikini teshebbus qilidu. Bu chong mesilige qarita hazir téxi éniq höküm qilalmaymiz, lékin shundaq bolsimu biz hich bolmighanda mundaq diyeleymiz, nöwette herqaysi tereplerning közqarishi we pakitliri hindi- yawropa tilliri ottura asiyadin kélip chiqqan  digen qarashqa mayildur‹14›.
Biz yenimu ilgiriligen halda shimaldiki nurghunlighan qedimki milletlerning örp- aditini tetqiq qilmaqchi bolsaq uchraydighan qiyinchiliqlar téximu köptur. Tarixi matiryallar toluq bolmighachqa peqet az sandiki arxéologiyelik ispat we sélishturma tilshunasliqta qolgha keltürülgen netijilerge tayinishimizgha toghra kélidu‹15›.
Mushu matiryallargha asasen shundaq höküm qilishqa boliduki bu charwichi milletlerning nurghun jehettin birqeder burunqi ”kulalchilar“ bilen anche perqi yoqluqini bayqaymiz. Bu charwichi xelqler ”kulalchilar“gha oxshash yéza igilikidin xewerdar idi, bu charwichilar köz aldimizda peyda bolghanda ”kulalchilar“gha oxshash her xil tash qorallarni ishlitishni bilgen, biraq shuning bilen bir waqitta tuch we bironza buyumlarnimu ishlitishni biliwalghan, tömür bolsa birqeder kéyinrek ishlitilgen. Bu charwichilarmu sapal buyumlarni yasighan bolsimu, lékin ularning sapal buyumliridiki neqishler”kulalchilar“ning nahayiti nepis bolghan  buyumlirigha qarighanda perqliq idi. Biraq ”kulalchilar“gha oxshimaydighan bir nuqta mewjut bolup, u bolsimu ”kulalchilar“ bixaraman olturaq turmush kechürgen bolsa shimaldiki köchmen charwichi xelqler ”charwichi“ digen namigha yarisha uyaqtin- buyaqqa toxtimay köchüp turghan, netijide ularning köp qismi haywanlarni béqish we yiyishke tayinip turmush kechürgen we haywanlarni ozuq hem qatnash qorali qilghan.
Köngül bölüshke erziydighini shuki shimaldiki charwichilarning at bilen zich munasiwetlik bolghanliqi idi. Nahayiti burunqi dewrlerdila atning qedimki dunyaning herqaysi jaylirigha tarqalghanliqi melum, qedimki anaw, tiripolyi we junggoning gherbi shimalidiki ”kulalchilar“ atning mewjutliqini bilgen bolsimu, biraq bashqa bir tereptin at shimaldiki charwichi xelqler arisida eng muhim orunda turatti. Bu charwichi xelqler herqaysi jaylargha tarqalghanda at we atqa minish téxnikisini özliri bilen birge élip barghan‹16›.
Emdi bu charwichi xelqlerning qachandin bashlap sirtqa tarqalghanliqi toghrisidiki mesilini yenimu ilgiriligen halda muhakime qilip öteyli. Buninggha höküm qilidighan matiryallar az bolsimu biraq omumiy pikir shuki miladiyedin burunqi 2000- yillarda hawarayi özgirishi özgirishi tüpeylidin bir qétimliq milletlerning chong köchüsh herkiti bolghan idi. Texminen mushu waqitlarda merkiziy asiyadiki arian ahaliliri özige xoshna bolghan jaylargha bésim ishlitishke bashlighan. Qandaq bolushidin qet'iynezer eyni waqittiki sirtqa qarap kéngiyish astaraq bolghan bolup ming yillardin kéyin yeni miladiyedin burunqi 1000- yillarda bu xelqlerning paaliyiti eng yuquri pellige yetken idi.
Nahayiti asta hem üzülmey dawam qilghan merkiziy asiyadin sirtqa köchken köchmenlerning herkiti köp jehettin élip bérilghan. Köchmenler herkitining tesirige eng az uchrighani ottura asiyaning shimalidiki rayonlar idi, bu belkim sibiriye we shimaliy rosiyediki bük- baraqsan ormanlarning tosqunliqigha uchrighanliqidin bolghan bolushi mümkin. Bir qisim köchmenler sherqqe qarap köchken, chünki birqeder burunqi chaghlarda arianlar qeshqeriye (sherqi türkistanni körsitidu) de körülüshke bashlighan bolup taki junggo chégrisighiche yétip barghan. Türkistandiki qedimki arian ahaliliri rosiyening jenubiy qismidiki yaylaqni boylap gherpke köchken. Jughrapiyelik nuqtidin élip éytqanda jenubiy rosiye yaylaqliri büyük ottura asiya yayliqining bir qismi idi xalas. Biraq sherq we gherpke kéngiyish toghrisida bizde tarixi matiryallar bekla az‹17›.
Buning bilen köp jehettin oxshimaydighini jenupqa köchken köchmenler herkiti bolup hisaplinidu. Bu qétimqi jenupqa köchüshning tarixi iznalirining köp qismini bilmisekmu hich bolmighanda uni alahide ehwal dep qaraymiz. Nurghunlighan arian qebililiri miladiyedin burunqi 2000- yillarda türkistandin jenupqa qarap köchüp türkistanning pütün jenubiy qismini igelligen. Jenubiy türkistanda olturaqlashqan burunqi ahalilerning köp qismi bu yéngi tajawuzchilar teripidin qoshuwélin'ghan yaki yoqutulghan, biraq az bir qismi yenila uzun mezgillergiche mewjut bolup turghan bolsimu arianlardin ibaret yéngi hökümranlarning béqindisi bolup qalghan idi. Melum bolghan barliq emeliy pakitqa asaslinip eyni chaghdiki arianlarning hakimiyet merkizining jenubiy türkistanning baktériye digen yéride yeni hindiqush tagh tizmilirining shimaliy étiki rayonlirida ikenlikini biliwalghili bolidu‹18›.
Boysundurghuchilar dep atalghan arian xelqliri yaki bir türküm xelqlerning türkistanni bayqishi ularning telipini qanduralmighachqa dawamliq jenupqa qarap köchken. Ular hindiqush tagh tizmiliridin halqip ötüp iran igizlikining sherqiy shimaliy qismigha yétip kélip bu rayonning xojisigha aylan'ghan.
Eyni waqitlarda qedimki arianlarning hoquq merkezge merkezleshken siyasiy tüzülmisi téxi shekillinip bolalmighan idi. Emeliyette bu boysundurghuchilar nurghunlighan qebililer we kichik qebililerge bölünüp ketken bolup, herqaysisining pütünley erkin herket qilish hoquqi bar idi. Bir qisim kichikrek bolghan qebililer nahayiti küchlük bolghan tewekkülchiler bolup nahayiti tézlikte gherpke qarap ilgirilep yéqin sherqning herqaysi jaylirida nurghunlighan muhim xanliqlarni qurghan. Ular boysundurghuchilar salahiyiti bilen sani anche köp bolmighan aqsöngeklerdin bolup qalghan yaki gheyri arian hökümranlirining yallanma qoshuni bolghan.
Az sandiki algha ilgirilewatqan bu kishiler biz eng burun xewer tapqan arianlarning nurghunlighan ”mexsus ismi“ méssopotamiyediki qedimki émpiriyelerning qiypash yéziqida körülidu. Miladiyedin burunqi 1900- yildin miladiyedin burunqi 1500- yilliri ariliqida bir türküm ”bediwi xelqler“ning tosattinla yéqin sherqte peyda bolup qalghanliqini bayqaymiz. Ular eyni chaghda bu yerde mewjut bolup turghan nurghunlighan émpiriyelerni aghdurup tashlap özliri yéngi xanliqlarni qurup nurghunliri uzaq yillarghiche mewjut bolup turghan idi.
Eyni chaghda yéqin sherqtiki herqaysi jaylargha hökümranliq qiliwatqan bediwilerning babilondiki kassitéslarni, éfrat deryasining yuquri éqimigha hökümranliq qiliwatqini mitannilarni we süriyede qurulghan nurghunlighan kichik ellerni boysundurush pilani bar idi. Tetqiqat netijisige asaslan'ghanda bu bediwi milletler sözlishidighan til bilen arianlarning qilche munasiwiti yoqliqi melum. Biraq ulargha alaqidar xatirilerdiki nurghunlighan ”mexsus namlar“da éniqla arian puriqi bar idi, chünki bu mexsus namlarning mewjut bolup turishi alimlarni eyni chaghda bu yerge bésip kirgen barliq bediwi milletlerning hemmisining az sandiki arian aqsaqalliri teshkilligen siyasiy gewde ikenlikini hende az sandiki arian atqsaqallirining hökümranliqida ikenlikige ishendürdi, lékin nurghunlighan arian aqsaqallirining sherqtin kelgenliki muqerrerdur. Bulardin eyni chaghlardiki arianlarning nahayiti burunla iran igizlikini igelligenlikini biliwalghili bolidu‹19›.
Biraq biz shuni untimasliqimiz kérekki yéqin sherqqe bésip kirgen arian tewekkülchiliri peqet ghil- pal körünüp qoyupla ghayip bolghan. Ular bir chaghlarda méssopotamiye we süriyening pasibani dep atalghan bolsimu, biraq özlirining érqi we til alahidilikini bu yerge élip kelmigen. Emeliyette bu arian tewekkülchilirini töt etraptiki xelqler qobul qilghan, ottura sherq rayonining menggülük arianlishishi bu herbiy tewekkülchilerning töhpisi bolmastin asasiy gewde dep qaralghan arianlarning herqaysi qebililirige tewe idi ---- ular eng deslep kéyinki iranning sherqi qismidiki rayonlarda turup qalghan, biraq ular asta- asta yéqin xoshna rayonlargha tajawuz qilghan‹20›.
Bu qebililerning bir tarmiqi ilgiriki herbiy tewekkülchilerning kona izini bésip asta- asta gherp we gherbiy jenupqa qarap ilgiriligen hem eng axiri iran igizlikidiki hemme rayon'gha hökümranliq qilghan. Ular bu rayonda eslide bar bolghan barliq xelqlerni qoghliwetkendin kéyin samlar bilen xoshna bolup qalghan. Samlar eyni chaghda méssopotamiye we uning yéqin etrapidiki jaylarning asasliq ahalisi idi. U chaghda köp sandiki samlar assuriye émpiriyisige bey'et qilghan, biraq biz assuriye émpiriyisining xatiriliridin eng burun midiye we parislargha ait xatirilerni bayqiduq. Bu ikki xelq arianlargha tewe bolup birqeder kéyinki chaghlarda sherqte ayrim- ayrim halda büyük émpiriyelerni qurup chiqqan. Bu ikki millet bilen munasiwetlik bolghan eng burunqi xatiriler miladiyedin burunqi 836- yiligha ait idi. Bulardin biz iran igizlikidiki köp qisim rayonlarning hich bolmighanda, birqeder burunqi dewrlerdila arianlar teripidin ishghal qilin'ghanliqini biliwalalaymiz‹21›.
Bashqa bir türküm arianlar gherpke köchmestin asta- asta sherq we sherqiy jenupqa qarap ilgiriligen we pütün hindistanni boysundurup bu yerde ezeldin bar bolghan bughday önglük dirawidlarni qoghlap chiqarghan yaki asmilatsiye qiliwetken. Deslepte bu bir türküm arian basmichilirining paaliyiti peqet gherbiy shimaliy hindistandiki hindi deryasi wadisi bilenla cheklen'gen bolsa axirida ular yenimu ilgiriligen halda téximu sherqtiki gan'g derya wadisi we hindistan yérim arilidiki atalmish dékan rayonidiki zor bir qisim rayonlarni kontirol qilghan. Arianlarning hindistan'gha bésip kirgen waqti toghrisida biz hichqandaq melumatqa ige bolmisaqmu, lékin buning miladiyedin burunqi 1000- yillargha ait ish ikenlikini bilimiz‹22›.




#Article 99: شەرقىي تۈركىستان (4543 words)


شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Sherqiy Türkistan ) بولسا كۆپ خىل مۇرەككەپ مەنا ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، بۇنى 20-ئەسىردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى نىڭ قىسقارتىپ ئاتىلىشى ۋەيا رايون ئاتالغۇسى، تارىخى ئاتالغۇ دەپ قاراش مۇمكىن. شىمال، غەرب ۋە جەنۇب تەرەپلىرىدىكى قوشنىلىرى بولغان غەربىي تۈركىستان، ئافغانىستان، كەشمىر ۋە تىبەتتىن دۇنيانىڭ ئەڭ ئېگىز ۋە ئەڭ كەڭ تاغ تىزمىلىرى بىلەن، يۈزلەرچە كىلومېتىرلىق تەبىئىي توسالغۇلار بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شەرق تەرىپىدە چىن ۋە موڭغۇلىستاندىن 500 كىلومىتىرلىق كەڭ بىر چۆل بىلەن ئايرىلىدۇ. دېمەك، شەرقىي تۈركىستان ھېچبىر تۇتاش قوشىنىسى بولمىغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىسىدۇر. 1.820.000 چاسا كىلومىتىر كەڭلىكتە بولغان بۇ ئۆلكىنىڭ ئاران ئۈچتىن بىرىدە ئىنسان ياشىماقتا بولۇپ، ئۈچتىن ئىككىسىنى ئىچكى قىسىملاردىكى كەڭرى تۈزلەڭلىكلەر قاپلىغان ئۈچ چوڭ چۆل بىلەن يۇرتنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغان ۋە بەزى ئىچ قىسىملاردا ئورۇنلاشقان مۇزلۇق، قارلىق تاغلار تەشكىل قىلماقتا. بۇ يەرلەردە ئىنسان ياشاش مۇمكىن ئەمەس. بولۇپمۇ تەكلىماكان چۆلى 500 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىرلىق قۇم دۈۋىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىچىدە ھېچقانداق جانلىقنىڭ ياشاش ئىمكانىيىتى يوقتۇر. بۇنى سىۋىن ھېدىننىڭ ساياھەتنامىسىنى ئوقۇغان كىشى تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ.

ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا مۇمكىن بولىدىغان تەخمىنەن ئۆچتىن بىر قىسىم يەرلەر مۇنۇلاردىن ئىبارەتتۇر:

كەنت ۋە شەھەرلەردە نوپۇس خېلى كۆپ بولۇپ، ھەر بىر كۇۋادىرات كىلومىتىر يەرگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 60 كىشى توغرا كېلىدۇ. يايلاقلاردا بولسا، تەخمىنەن بىر دىن ئونغىچە ئىنسىان ياشىشى مۇمكىن.

يېغىن ئېگىز تاغلارغا كۆپ، بوستانلىقلارغا بەك ئاز ياغىدۇ. بىر يىللىق يېغىن مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 سانتىمېتىردىن ئارتۇق بولمايدۇ.

تېرىم مەھسۇلاتلىرى، نارەنجىدىن باشقىسى ئاناتولىدە يېتىشتۈرۈلگەن مەھسۇلاتلار بىلەن ئوخشاشتۇر. ئەمما سۇغۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن بولغاچقا، مەھسۇلاتنىڭ مىقدارى كۆپرەك، سۈپىتى ياخشىراق بولىدۇ.

ئەڭ باي ئوران جەۋھىرىگە ئىگە بولغان پىتچ بىلەنت (pitch bilent ) ماددىسى ئۈچ ئورۇندىن ۋە ۋولفرام جەۋھىرى ئىككى ئورۇندىن چىقىرىلماقتا. پىلاتىن، مولىبدىن ۋە باشقا رەڭلىك، قىممەتلىك مەدەنلەر ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك مەدەن جەۋھەرلىرى كۆپ مىقداردا بار. بولۇپمۇ ئالتۇن مەدەنلەر، ئالتۇن ئورمان (موڭغۇلچە ئالتاي) تاغلىرى قاتارلىق پۈتۈن تاغ ۋە دەريالاردىن چىقىرىلماقتا. پەقەتلا نېفىت، ئۇران ۋە ۋولفرام مەدەنلىرى يېڭى ئۇسۇل بىلەن ئشلىتىلمەكتە بولۇپ، باشقا مەدەنلەر كونا، ئىپتىدائىي ئۇسۇل بىلەن ئىشلىتىلمەكتە ياكى پەقەت ئىشلىتىلمەستىن يەر ئاستىدا ياتماقتا.

شەھەر ۋە كەنتلەردە ياشىغان تۈركلەرنىڭ قەدىمكى تارىخىدا ھېچقانداق قەبىلە ئىسمى يوق بولۇپ، پەقەتلا تۈرك نامى بىلەن تونۇلۇپ كەلگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارغا ئۇيغۇر ئىسمى قويۇلۇشى بولسا، ستالىن تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن مەشھۇر مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، 1921 ـ يىلى سوۋېت ھۆكۈمىتى، غەربىي تۈركىستاندا ياشىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن بىر نەچچە كىشىنى چاقىرىپ تاشكەنتدە مەجلىس ئاچقان. ئۇيغۇر مۇنەۋۋەرلىرى يىغىنى دەپ ئاتالغان بۇ ياسالما مەجلىستە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەر ۋە كەنتلىرىدىكى تۈركلەرگە ئۇيغۇر نامى مەجبۇرى قوبۇل قىلدۇرۇلۇپ ئېلان قىلىنغانىدى. مانا شۇ كۈندىن ئېتىبارەن بۇ ئىسىم ئوتتۇرىغا چىقتى. (بۈيۈك سوۋېت ئېنسىكلوپېدىسى 55 ـ جىلد، 720 ـ بەت. 1947 - يىل نەشرى.)

ھالبۇكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرقىي ۋىلايەتلىرىدە قەدىمكى زامانلاردا ياشىغان ئۇيغۇر قەبىلىسى مىلادىي 14 ـ ئەسىردە تامامەن مۇنقەرز بولغانىدى. ئۇ زاماندىن بېرى ئۇيغۇر ئىسمى بىلەن ئاتالغان ھېچبىر قەبىلە شەرقىي تۈركىستاندا كۆرۈلمىگەنىدى. تۈرك ئىسمىدىن قورقۇپ، قەبىلە ئىسىملىرىنى مىللەت ئىسمى قىلىش ئۈچۈن بۇ قەدەر ھىيلە ۋە قىيىن يولنى تۇتقان سىياسىي چۈشەنچنىڭ ئويدۇرمىسى بولغان بۇ ئىسىم، ئەپسۇسكى، بىرقانچە ئىلمىي جەمئىيەتلەرگىمۇ ئېقىپ كىردى. بۇ ھەقتە تۆۋەندە قىسقىچە تارىخى بۆلۈمىدە تەپسىلى سۆزلىنىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان
مۆھتەرەم ئەپەندىلەر ۋە خانىملار! شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ ئاز 9 مىڭ يىل بۇرۇن يۇقىرى مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان ئىنسانلارنىڭ ياشىغانلىقىنى ژاكۇسدۇ مورگان، پروفېسسور ئابىلرى، پروفېسسور ئاندرە بىرتلوت ۋە زەفائىل پومپىللى قاتارلىق مەشھۇر ئالىملار ئارخېئولوگىيىلىك دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاپ چىقتى. ئەمما ئەپسۇسكى، مورگاننىڭ ئەپسۇسلىنىپ ئېيتقىنىدەك، ئېنىق بولغان بۇ قەدىمكى مەدەنىيەتنى تەپسىلى ئىزاھلايدىغان كەڭ ۋە چوڭقۇر قېزىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تېخىچە مۇمكىن بولماي كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۇ قەدىم تارىخى مىسىر ۋە ئىراق تارىخىدەك ئاشكارىلىنالماي تۇرماقتا. 

فون لېكوك، سېۋىن ھېدىن ۋە ئورلىشتاين قاتارلىق غەيرەتلىك تەتقىقاتچىلار شەرقىي تۈركىستاندىن ھېسابسىز ئارخېئولوگىيىلىك نەرسە كېرەكلەرنى قولغا كەلتۈردى ۋە سىتوكھولىم، بېرلىن ۋە يېڭى دېھلى قاتارلىق مەركەزلەردە بۇ نەرسە - كېرەكلەر ئۈچۈن مەخسۇس مۇزىيخانىلار قۇردى. لېكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كېيىنكى ئىككى مىڭ يىلغا ئائىت نەرسىلەر بولۇپ، تەتقىقات تېمىمىز بولغان كونا تارىخىمىزنى يورۇتۇپ بىرەلمەيدۇ. چۈنكى مەزكۇر كىشىلەرنىڭ تەتقىقات ۋە قازما يەرلىرى بىزگە مەلۇمدۇر. بۇلار يەر ئۈستى ياكى بەك چوڭقۇر بولمىغان تۇپراق ئاستىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ كىشىلەر بولۇپمۇ چۆللەرنىڭ ئىچكى قىسىملىرىدا ھېچقانداق بىر قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئىشى ئېلىپ بارمىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ مەسىلىنى بۇ يەردە قويۇپ تۇرۇپ، ئازراق ياكى تامامەن بىلىنگەن تارىخ دەۋرلىرىگە ئۆتىمىز.

ئەڭ دەسلىپىدە، ئىلىم نۇرى بىلەن تېخى تولۇق روشەنلەشمىگەن بولسىمۇ، مەۋجۇت ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق شەك ـ شۈبھە بولمىغان ئەڭ قەدىمكى بۈيۈك تۈرك دۆلىتى دەۋرى توغرىسىدا قولىمىزدىكى دەلىللەرگە ئاساسلىنىپ بىر ئاز تەتقىق قىلماقچىمىز.

ھىرودوت ۋە باشقا غەرب مەنبەلىرىدە ئىسكىت، ئىران مەنبەلىرىدە تۇران ۋە ھىندىستان مەنبەلىرىدە ساكا بەزىلىرىدە تۇرۇشكا ناملىرى بىلەن ئاتالغان بۇ ئۇلۇسنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ياۋرۇپا، ئوتتۇرا ۋە شىمالىي ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك دۆلىتى بارئىدى. ئاۋۈستادا دۆلەتنىڭ مىلادىدىن 2000 يىل بۇرۇنقى چاغلاردىن بېرى مەۋجۇد ئىكەنلىكىگە ئائىت ئېنىق مەلۇمات بار.

تۇران كەلىمەسىنىڭ تۈرك كەلىمەسىنىڭ كۆپلۈكى ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق شەك ـ شۈبھە بولمىغىندەك، تۇرۇشكا كەلىمەسىنىڭمۈ تۈرك كەلىمەسىنىڭ سانسىكىرىتچە قوللنىلىشى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشىمىز لازىم. كانىشكا سۆزىنىڭ ئەسلى قېنىق بولغىنىغا ئوخشاش، قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئۇلۇسنىڭ تۈركلەرنىڭ ئەجدادى ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق شۈبھە يوقتۇر.

ھىرودوت ۋە باشقا قەدىمكى تارىخچىلار بۇ دۆلەت بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تۈۋەندىكى ئىككى ۋەقەنى قەيىت قىلىشىدۇ ۋە بۈگۈنكى ئىلمىي تەتقىقاتچىلار بۇنى تارىخىي ۋەقە دەپ قارىماقتا. بۇ ۋەقەنىڭ بىرىنچىسى: ئىسكىت ۋە ئىرانلىقلارنىڭ تۇران خاقانى مىلادىدىن بۇرۇنقى 653 ـ يىلى ئىرانغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەردىكى مەدخانىدىن بولغان پادىشاھ كىئەخسارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۆزىگە بويسۇندۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىراقتىكى ئاسۇر دۆلىتىنى بويسۇندۇرۇپ، ئاق دېڭىز بويىغىچە ئىلگىرىلىدى. 28 يىل داۋاملاشقان بۇ ئىستېلا جەريانىدا ئارقا ـ ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئۇرۇش ۋە ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقىدىن خاقاننىڭ قوشۇنلىرى ئاجىزلىشىشقا يۈزلىنىپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 625 ـ يىلى خاقان قوشۇنلىرىنى ئېلىپ تۈركىستانغا قايتىپ كەتتى. ئىككىنچى ۋەقە: ئىراننىڭ ئاخامىشلەر خانىدانىدىن پادىشاھ ئىككىنچى قۇراش (كەيخىسراۋ) مىسىر، غەربىي ئاسىيا ۋە كىچىك ئاسىيانى ئىستىېلا قىلغاندىن كېيىن، مىلادىدىن بۇرۇنقى 546 ـ يىلى تۇران ئۆلكىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. 5 يىل داۋام قىلغان نەتىجىسىز ئۇرۇشتىن كېيىن، تۇران خانى ئالىپ ئەرتۇڭا (ئىران مەنبەلىرىدە ئاپراسياپ دېيىلىدۇ) يوشۇرۇنۇپ تۇرغان بىر ئىرانلىق تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن تۇران قوشۇنلىرى مەغلۇبىيەتكە ئۈچراپ پاراكەندە بولىدۇ ۋە تۈركىستاننىڭ غەرب قىسمى سىردەرياسى بويىغىچە ئىران ئىستېلاسى ئاستىغا چۈشىدۇ. تۇران مەلىكىسى تۆمۈرسى كۈچىنى توپلاپ ۋەتىنىنىڭ شەرق قىسمىنى ئىستېلادىن قوغداپ قالىدۇ. كەيخىسراۋ ئۆلگەندىن كېيىن تۈركلەر مۇستەملىكە ئاستىدىكى ۋەتەن تۇپراقلىرىنى قۇتقۇزىدۇ.

مىلادىدىن بۇرۇنقى 332 ـ يىلى بۈيۈك ئىسكەندەر تۈركىستانغا ھۇجۇم قىلىپ، سىردەرياسى بويىغا بېسىپ كەلدى، پەقەت سىردەرياسى بويىدا تۈركلەر بىلەن بولغان ئالتۇنقان مەيدان سوقۇشىدا ئىسكەندەرنىڭ قوشۇنى زور چىقىمغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، ئالغا باسالماي قايتىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆررىيىتى ساقلاپ قېلىندى.

كېيىنچە، بىزگە تېخى نا مەلۇم ۋەقەلەر سەۋەبى بىلەن بۇدۆلەتنى تەشكىل قىلغان ئاساسىي كۈچنىڭ كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. چۈنكى بۈيۈك تۇران كۆچمەنلىرى جامائىتى ھىندىستانغا بېرىپ، ئۇ يەردە ساكا دۆلىتى ئاتلىق بۈيۈك بىر دۆلەت قۇردى. يۇرتتا قالغانلار بولسا، قەدىمكى بۈيۈك دۆلەتنىڭ ئورنىغا بىرمۇنچە مۇستەقىل كىچىك دۆلەتلەرنى قۇردى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 3 ـ ئەسىردە تۈركىستاندا 55 مۇستەقىل كىچىك دۆلەت بارلىقى مەلۇم بولدى. 

شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇ دەۋرى مىلادىدىن بۇرۇنقى 206 ـ يىلىدىن باشلىنىدۇ. ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئۇزۇن زامانلاردىن ئىبارەت بولغان بۇدەۋرلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر قانچە جىلد كىتاب بولغۇدەك دەرىجىدە كۆپ ۋە خىلمۇ خىلدۇر. بۇ قىسقا ماقالەمدە بۇ ھادىسلەرنىڭ ئارانلا بىر مۇندەرىجىسىنى تەقدىم قىلالايمەن. بۇ دەۋرلەرنىڭ بىرىنچىسى، تۈركىستاننىڭ ھۇن خاقانلىقىغا قوشۇلۇش دەۋرىدۇر. بۇ يەردە ئەسلى مەسىلىگە كىرىشتىن بۇرۇن شۇلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش لازىم. رەھمەتلىك ھۈسەين نامىق ئورخۇن ۋە باشقا ئىلىم ئەربابلىرىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، ھۇن كەلىمىسى ياۋرۇپاچە تەلەپپۇز شەكلى بولۇپ، تۈركچە تەلەپپۇزى قۇن دۇر ۋە ئادەم دېمەكتۇر. ھەقىقەتەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىل كۈن سۆزى بار بولۇپ، يۇرت ۋە خەلق مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ. موڭغۇلچە ئىنساننى كۈن دەيدۇ. بۇلارنىڭ قۇن كەلىمەسىنىڭ ئىنچىكىلەنگەن شەكلى بولىشى ئېھتىمالغا يىقىندۇر.

قۇن دۆلىتىنىڭ قاچان قۇرۇلغانلىقى ھازىرچە مەلۇم بولمىسىمۇ، لېكىن تارىخ كىتابلىرىدا بۇ دۆلەت ھەققىدىكى مەلۇمات مىلادىدىن 1767 يىل بۇرۇنقى زاماندىن بېرى قەيت قىلىنماقتا.  

تۈركىستاندا قۇن خاقانىنىڭ ئۈستۈن ھاكىمىيىتى مىلادىدىن 206 يىل بۇرۇن قۇرۇلدى. شۇ يىلدىن باشلاپ تۈركىستاندا 36 يەرلىك ھۆكۈمدار قۇن خاقانىنىڭ ھۆكمى ئاستىغا كىردى ۋە بۇنىڭ بىلەن بۈيۈك قۇن تۈرك خاقانلىق دۆلىتى چىن دېڭىزىدىن قارا دېڭىز بويىغىچە كېڭەيدى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئىگە بولغان قەھرىمان خاننىڭ ئىسمىنى چىنلىقلەر مائۇتۇن دەپ تەلەپپۇز قىلسىمۇ، دەكرۇت، ھىرىت ۋە ھۈسەين نامىق ئورخۇن بۇ كەلىمېنىڭ تۈركچە ئەسلى تەلەپپۇزىنىڭ باغاتۇر ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى ئىسپات قىلىدۇ. (بۇ ھەقتە ھۈسەين نامىق ئورخۇننىڭ ھۇنلار ناملىق كىتابىنىڭ 18 ـ بېتىگە قاراڭ.)

تۈركىستان قۇن خاقانلىقى ھىمايىسى ئاستىدا (بىرىنچى قېتىمدا) 98 يىل خاتىرجەم ياشىدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 108 ـ يىلى تۈركىستان بىرىنچى قېتىم چىن تاجاۋۇزىغا ئۈچرىدى ۋە 22 يىل داۋام قىلغان قانلىق ئۇرۇشلاردىن كېيىن، مىلادىدىن بۇرۇنقى 86 ـ يىلى يەنە قايتا قۇن خاقانلىقىنىڭ بايرىقىغا ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى قۇن ھىمايىسى دەۋرى 26 يىل داۋام قىلدى.  

چىنلىقلار قۇن دۆلىتىنىڭ ئىككىگە ئايرىلىشى بىلەن چىققان ئىچكى سوقۇشلاردىن پايدىلىنىپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 60 ـ يىلى تۈركىستاننى بېسىۋالدى ۋە بۇ ئىستېلا دەۋرى 49 يىل داۋام قىلدى.

مىلادىدىن بۇرۇنقى 10 ـ يىلى قۇن دۆلىتى غالىپ كېلىپ تۈركىستاننى قۇتقۇزدى ۋە بۇ دەۋردە تۈركىستان 83 يىل قۇن بىرلىكى ئىچىدە ياشىدى. مىلادى 74 ـ يىلىدا قۇن ۋە چىن قوشۇنلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈزبەرگەن بارىكۆل مەيدان ئۇرۇشىدا قۇن قوشۇنىنىڭ يېڭىلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇب ۋە شەرق قىسىملىرى چىن مۇستەملىكىسى ئاستىدا قالدى. بۇ قېتىمقى چىن ھاكىمىيىتى 30 يىل داۋام قىلدى. مىلادى 103 ـ يىلى يەرلىك ھۆكۈمدارلار چىن ئەسكەرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى. بۇ مەزگىلدە ئىستىقلالىدىن ئايرىلىپ قالغان قۇن خانلىقى بىلەن تۈركىستاننىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلگەنىدى.

يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن 308 يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇن بىرلىكى ئىچىدە ياشىغان ئۈچ دەۋرى 207 يىل، چىن ئىستېلاسىغا ئۇچرىغان ئۈچ دەۋرى بولسا، 101 يىل داۋاملاشتى.

بۇ ئۈچ ئەسىر ئىچىدە تۈركىستانلىقلار چىنلىقلاردىن يىپەكچىلىك، قەغەزچىلىك ھۈنەرلىرىنى ئۆگىنىپ تەرەققىي قىلدۇردى. چىنلىقلارمۇ تۈركىستانلىقلاردىن ئۈزۈم، پاختا، بىدە ۋە باشقا بىرنەچچە خىل زىرائەت تېرىشنى ۋە بىرنەچچە مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى چېلىشنى ئۆگەندى. 

شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىلادى 103 ـ يىلى باشلانغان مۇستەقىللىق دۋرى 48 يىل داۋام قىلدى. چىن تارىخى مەنبەلىرىگە قارىغاندا بۇ دەۋردە تۈركىستان بىلەن چىن ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولمىدى ۋە نورمال تىجارەت داۋام قىلدى.

شۇندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالتىشەھەر (جەنىبىي) قىسمىنىڭ قۇشخان تۈرك خانلىقىغا قوشۇلۇش دەۋرى باشلىنىدۇ. مەلۇمكى، قۇن خاندانى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى بولمىغان ياۋچى ئاتلىق بىر تۈرك قەبىلىسى مىلادى 1 ـ ئەسىر ئىچىدە غەربىي تۈركىستاننىڭ ئامۇ دەرياسى بويىدا ئايرىم بىر تۈرك دۆلىتى قۇرغانىدى ۋە خانىدانى قۇشخان[2] نامى بىلەن ئاتالغانىدى. بۇ دۆلەت كېيىنچە كېڭىيىپ پۈتۈن غەربىي تۈركىستان، ئافغانىستان ۋە غەربىي ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك بىرئىمپېراتۇرلۇق ھالىغا كەلدى. بۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ مەشھۇر قەھرىمان خاقانى بولغان قانىك مىلادى 150 ـ يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالتىشەھەر قىسمىنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالدى. بۈ خاقاننىڭ ئىسمىنى سانسىكرىتچىدە كانىشكا، يۇنانچىدا ھۇ ئېركىس دەپ يازغان بولسىمۇ، بىرۇنى قانىق دەپ يازىدۇ. بىز تامامەن تۈركچە بولغان بۇ شەكىلنى قوبۇل قىلساق، توغرا ھەرىكەت قىلغان بولىمىز، دەپ قارايمىز.

بۇ دەۋردە شەرقىي تۈركىستان ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلاتتى. كېيىن ھىندىستاندىن قوغلانغان بۇددا دىنى ئالىملىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋە كۇچا شەھەرلىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى ۋە دىنلىرىنى بۇ يەرلەردىن چىن ۋە تىبەتكە تارقاتتى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبى قىسمىنىڭ مىلادى 220 ـ يىلى قۇشخان دۆلىتىدىن ئايرىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمدارلارنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقى مەلۇم. بۇ مۇستەقىللىق دەۋرنىڭ 140 يىل داۋام قىلغانلىقى ئېھتىمالغا بەك يېقىندۇر. چۈنكى 360 ـ يىلى يۈز بەرگەن سىيانپى ئىستېلاسى ۋەقەسىگە قەدەر ئىستىقلالىنى زەخمىلەندۈرگەن ھېچقانداق بىر ۋەقە تارىخلاردا كۆرۈلمەيدۇ. مانجۇلارنىڭ رىۋايەتلىرىگە قارىغاندا، سىيانپىلار مانجۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىدى. سىيانپىلار مانجۇرىيە ۋە موڭغۇلىستاندا قۇن خانلىقىنىڭ ئورنىنى ئالغان بىر دۆلەت قۇرغانىدى. مىلادى 360 - ۋە 390 ـ يىللىرى ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالغانىدى. شۇندىن كېيىن 57 يىل داۋام قىلغان مۇستەقىللىق دەۋرى كەلدى. مىلادى 448 ـ يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرق قىسمى چىننىڭ شىمالىدىكى توپا تۈرك خانلىقىغا ۋە 460 - يىلى شىمالى ئاسىيادىكى ئاۋار تۈرك خانلىقىغا قوشۇلدى. غەرب قىسمى بولسا، 470 ـ يىلى غەربىي تۈركىستان ۋە ئافغانىستاندىكى ئاق قۇن خانلىقىغا تەۋە بولدى. مىلادى 500 ـ يىلى ئاق قۇن دۆلىتىنىڭ غەربىي تۈركىستاندىن ئاۋارلار تەرىپىدىن سۈرۈپ چىقىرىلىشىدىن كېيىن ھەر ئىككى تۈركىستان ئاۋار ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىردى.

كۆكتۈرك خاقانلىقىنى قۇرغان بۇمىن قاغان مىلادى 552 ـ يىلى ئاۋار دۆلىتىنى مۇنقەرز قىلغاندىن كېيىن 555 ـ يىلىدا پۈتۈن تۈركىستان ھۆكۈمدارلىرىنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى. بىرىنچى كۆكتۈرك دۆلىتى 89 يىل ھۆكۈم سۈردى، بۇ مۇددەت ئىچىدە تۈركىستان بۇ دۆلەتنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا تىنجىلىق ۋە راھەت ئىچىدە ياشىدى.

مىلادى 640 ـ يىلى باشلانغان تۈرك ـ چىن ئۇرۇشلىرىدىن كېيىن، 659 ـ يىلى كۆكتۈرك خانلىقى يىقىلغاندىن كېيىن، 660 ـ يىلى شەرقىي تۈركىستان چىن ئىستېلاسىغا ئۈچرىدى.

ئەمما 10 يىلدىن كېيىن تىبەتلىكلەر چىنلىقلارنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، خوتەن، ياركەند ۋە كاشغەر ۋىلايەتلىرىنى ئىشغال قىلدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمال قىسمى بولسا، ئۇ تەرەپتە قۇرۇلغان تۈركەش ئىسمىدىكى تۈرك دۆلىتىنىڭ غەيرىتى بىلەن 690 ـ يىلى چىن ئىستېلاسىدىن قۇتقۇزۇلدى. كۇچا، قاراشەھەر، قۇچۇ (تۇرپان) ۋە قۇمۇل شەھەرلىرى بولسا، 699 ـ يىلى 2 ـ كۆكتۈرك دۆلىتىنىڭ خاقانى قاپاغان قاغاننىڭ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلدى. بۇ قېتىمقى كۆكتۈرك دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈستىدىكى ھاكىمىيىتى ئاران 17 يىل داۋام قىلدى. چۈنكى تۈركەش تۈركلىرىنىڭ باشلىقى بولغان سۇلۇقاغاننىڭ 716 ـ يىلى مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تۈركەش دۆلىتىنىڭ ئىدارىسى ئاستىغا كىردى.

بۇ غەلىبىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمال قىسمىدا قارلۇق تۈركلىرى كۈچلۈك بىر دۆلەت قۇردى. جەنۇب قىسمىدا بولسا، ئۇزۇندىن بىرى داۋام قىلىپ كەلگەن يەرلىك كىچىك خانلىقلار ئايرىم ـ ئايرىم مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ ياشىدى. بۇ كىچىك دۆلەتلەر تەخمىنەن 10 دۆلەت بولغانلىقى مەلۇم. قاراخانىلار دۆلىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى 100 يىلدىن ئارتۇق بولغان بۇ مۇددەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا تۈۋەندىكى ئۈچ ۋەقە يۈز بەردى:   

بىرىنچى: 8 ـ ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا خوتەن خانى چىنغا ھۇجۇم قىلىپ، گەنسۇ ئۆلكىسىنى بويسۇندۇردى. بۇ ۋەقەنى تارىخقا قەيت قىلغان ئابىدىسى دۇنخۇاڭ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا ھازىرمۇ قەدكۆتۈرۈپ تۇرماقتا. 

ئىككىنچى ۋەقە : مىلادى 800 ـ يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇب قىسمى ئىككىنچى قېتىم تىبەت قوشۇنىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىدى، بۇ 21 يىل داۋام قىلدى. 

ئۈچىنچى ۋەقە: بۈگۈنكى موڭغۇلىستاندا كۆكتۈرك دۆلىتىنىڭ يىقىلىشىدىن كېيىن، بۈيۈك بىردۆلەت قۈرغان ئۇيغۇر دۆلىتى قىرغىز قوشۇنى تەرىپىدىن مىلادى 840 ـ يىلى يىقىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ كۆپلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرق قىسمىدىكى قۇمۇل، بەش بالىق (ئۈرۈمچى)، قۇجۇ (تۇرپان) ۋە مىقلاق شەھەرلىرىگە كېلىپ يەرلەشتى ۋە ئۇ يەردە مىلادى 848 ـ يىلى كىچىك بىر دۆلەت قۇردى.

قاراخان (ئەرەبچە ئاتىلىشى خاقان) لار دەۋرى مىلادى 880 ـ يىلى بۇكەخان ناملىق كاشغەر ھۆكۈمدارىنىڭ باشقا خانلارنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ، بىر مەركەز دۆلەتكە باغلىشى بىلەن باشلىنىدۇ. بۇندىن كېيىن قارلۇق، ئوغۇز، چىگىل، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك قەبىلىلىرىنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالدى ۋە كەڭ بىر تۈرك ئىمپېراتۇرلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، قاراخان ئۇنۋانىنى ئالدى. گەرچە بەزى چىن تارىخچىلىرى قاراخانىلار خاندانىنىڭ قارلۇق قەبىلىسىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلسىمۇ، ئۇ زاماندىن قالغان مىللى ئەسەرلىرىمىز بۇنىڭ يالغانلىقىنى ۋە بىزنىڭ يۇقىرىقى دەلىلىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا. 

قاراخانىلار دۆلىتى تامامەن مۇستەقىل ۋە كۈچلۈك خانلىق ھالىتىدە 255 يىل ھۆكۈم سۈردى. بىز بۇ يەردە بۇ دۆلەتنىڭ تارىخىمىزدىكى ئۇلۇغلۇقى، كۈچى ۋە مەدەنىيىتىنى كۆرسىتىدىغان مۇھىم ۋەقەلەردىن پەقەت ئۈچنىلا زىكىر قىلىپ ئۆتىمىز:

بىرىنچى، ھىجرى 320 ـ (مىلادى 932 ـ) يىلى بۇ دۆلەتنىڭ ياش خاقانى ساتۇق بۇغرا قاراخان ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنىڭ دەۋىتى ۋە غازاتلىرى سايەسىدە شەرقتىكى تۈركلەرنىڭ كۆپ قىسمى شامان، بۇددا ۋە مانى دىنىدەك بۇتپەرەستلىك دىنلىرىدىن قۇتۇلۇپ، مۇسۇلمان بولدى.

ئىككىنچى، ساتۇق بۇغراخاننىڭ نەۋرىسى ھارۇن بۇغراخان ھىجرى 384 ـ (مىلادى 994 ـ) يىلىدا سامانىلار دۆلىتىنى يوقىتىپ، غەربىي تۈركىستاننى ئۆز خاقانلىقىغا قوشتى.

ئۈچىنچى، بۇ دەۋردە تۈرك تىلىنىڭ ۋە ئالىي مەدەنىيىتىنىڭ ئابىدىلىرى بولغان تۈركى تىللار دىۋانى، قۇتادغۇ بىلىگكە ئوخشاش تۈركچە ئەسەرلەر ۋە سانسىزلىغان ئەرەبچە ھەدىس، تەپسىر، فىقھى كىتابلىرى ۋە باشقا پەن كىتابلىرى يېزىلدى.

قاراخانىلار دۆلىتى مىلادى 1048 ـ يىلى ئىككىگە ئايرىلىپ، بىرى ئەسلى پايتەختى بولغان كاشغەردە، يەنە بىرى سەمەرقەند شەھىرىدە مەركەز قۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھالىغا كەلگەن بولسىمۇ، ئارىلىرىدا ئۇرۇش بولغانلىقى ھەققىدە تارىخ كىتابلىرىدا بىرەر رىۋايەت يوق ھەمدە كاشغەردىكى قاراخان رەسمىيەت جەھەتتە ئۈستۈن ئىدى.  

قاراخىتاي دەۋرى: شىمالىي چىندا قىتاي ئىسىملىق بىر تۈرك قەبىلىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىردۆلەت بارئىدى. كېيىنكى كۈنلەردە بۇ دۆلەتنى تەشكىل قىلغان قەبىلىلەر ئارىسىدا ئىچكى ئۇرۇش چىقىپ مەغلۇپ بولغان قەبىلىلەر شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەنىدى. بۇلار قاراقىتاي (غەربىي قىتاي) دەپ ئاتالغانىدى. ھىجرى 530 ـ (مىلادى 1134 ـ) يىلى قاراقىتايلارنىڭ بېگى نۇسى قاراخانغا قارشى ئىسيان قىلىپ شەرقىي تۈركىستاننى بويسۇندۇردى، ئەمما قاراخاننى تەختىدىن چۈشۈرمەستىن، ئۇنى بىر قورچاق ھۆكۈمدار ھالىغا كەلتۈرۈپ، ئۆز ئورنىدا قويدى ۋە ئۆزى گورخان ئۇنۋانىنى ئالدى. 3 يىلدىن كېيىن گورخان غەربىي تۈركىستاننىمۇ بويسۇندۇرۇپ، سەمەرقەند قاراخانىنى قورچاق ھالغا كەلتۈرۈپ، ئىدارىنى قولىغا ئالدى. قاراقىتاي دۆلىتى ھىجرى 615 ـ (مىلادى 1217 ـ يىلى) يىلىغىچە ھۆكۈم سۈردى ۋە موڭغۇللار تەرىپىدىن يوق قىلىندى.

موڭغۇل دەۋرى: چىڭگىزخان ھىجرى 616 ـ (مىلادى 1218 ـ) يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ۋە بىر يىل كېيىن غەربىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلدى. ئۇنىڭ جاھانگىرلىك ھەرىكەتلىرى ھەركىمگە مەلۇمدۇر.

چىڭگىز خان ئۆلۈشتىن بۇرۇن كەڭ زېمىننى تۆت ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بەرگەنىدى. ئۇ شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاننى ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا تەقسىم قىلدى. ھىجرى 625 ـ (مىلادى 1228 ـ يىلى) يىلىدا باشلانغان چاغاتاي خاندانى دۆلىتى ھىجرى 771 ـ (مىلادى 1369 ـ يىلى) يىلىغاقەدەر ھەر ئىككى تۈركىستاننى بىر مەركەزدىن ئىدارە قىلدى. مەزكۇر تارىختا مەشھۇر تۆمۈر بېك (ئەمىر تۆمۈر) غەربىي تۈركىستاندا مەلۇم دۆلىتىنى قۇرغاندىن كېيىن، چاغاتاي خاندانىنىڭ ئىدارىسىدا پەقەت شەرقىي تۈركىستانلا قالدى. تۆمۈر بېك شەرقىي تۈركىستاننى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن 10 يىل داۋاملاشقان ئۇرۇشقا كىرىپ شىمال تەرەپتە بەزى يەرلەرنى ئالغان بولسىمۇ، خاندانلىقنى يىقىتالماي نەتىجىدە ھىجرى 762 ـ (مىلادى 1389 ـ) يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سۈلھى تۈزۈلۈپ، ئۇرۇش توختىدى. بۇ سۈلھىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا تۈۋەندىكى پاجىئەلەر يۈزبەردى:

شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمدارى خىزىر خوجا تۆمۈر بېك بىلەن ئۇرۇش قىلغان يىللاردا ئۇيغۇرلار تۆمۈر بېككە مايىل بولۇپ، خانغا قارشى داۋاملىق ئىسيان كۆتۈرۈپ تۇرغانىدى. خان بىلەن تۆمۈر بېك ئوتتۇرىسىدا سۈلھى بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار چىن ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، بىربۆلۈك چىن ئەسكەرلىرنىڭ قۇمۇلغا كېلىپ يەرلىشىشىگە سەۋەب بولدى. بۇنىڭ بىلەن خىزىر خوجا خان ھىجرى 800 ـ (مىلادى 1397 ـ) يىلى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارشى ھۇجۇم قىلىپ، كۇبىنى ئۆلتۈردى، قالغانلىرىنى يۇرتنىڭ ھەر تەرىپىگە تارقىتىۋەتتى. ئۇ تارىختىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر قەبىلىسى قالمىغاندەك، ئۇيغۇرنامىمۇ ئۆچۈپ كەتتى.

شەرقىي تۈركىستاندىكى چاغاتاي خاندانى ۋە خىزمەتلىرىدىكى پۈتۈن موڭغۇل بەگلىرى ۋە ئەسكەرلىرى ھىجرى 792 ـ (مىلادى 1351 ـ) يىلىدا مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئاستا ـ ئاستا تۈركلەشتى ۋە يەرلىك تۈركلەر بىلەن بىر ۋۇجۇت ھالىغا كېلىپ، مىللى تۈرك دۆلىتى ھالىتىدە 300 يىلدىن ئارتۇق مۇستەقىل ۋە بەختلىك ھايات كەچۈردى.

ھىدايەتۇللاھ خوجا ئاتلىق بىر تەرىقەت شەيخىنىڭ ئىسيان چىقىرىشى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان ھىجرى 1090 ـ (مىلادى 1699 ـ) يىلى قالماق موڭغۇللىرىنىڭ ئىستېلاسىغا ئۇچرىدى. قالماق خانى ھىدايەتۇللاھ خوجىنى ئاپاق خوجا دېگەن ئۇنۋان بىلەن ئالتىشەھەرگە ۋالى تەيىن قىلدى ۋە بۇ ۋالىلىق ئۇنىڭ ئەۋلادىغا مىراس قالدى. 79 يىل ھۆكۈم سۈرگەن بۇ دەۋر شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا باشتىن ئاخىر تىنجىسىزلىق ۋە پالاكەت دەۋر بولۇپ، ئەجنەبى ئىستېلاسىغا زېمىن ھازىرلىغانىدى. (شۇنىڭ بىلەن قىسقىچە تارىخى بۆلۈمى تۈگىدى.)

قالماق دۆلىتىنىڭ بۇلۇ بەۋسۇڭ زامانىدا، قالماق قەبىلىلىرى ۋە ئالتىشەھەردىكى ۋالى خاندانى بولغان خۇجىلار ئارىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇشلار توختىماي داۋام قىلماقتا، قانلار توختىماستىن تۆكۈلمەكتە، بۇلاڭ ـ تالاڭ ھۆكۈم سۈرمەكتە، جېنىنى ئېلىپ قاچالىغانلار ھەرتەرەپكە قاچماقتا ئىدى.

نىھايەت، ھىجرى 1167 ـ (مىلادى 1753 ـ) يىلى قالماق شاھزادىلىرى ئوتتۇرىسىدا تەخت تالىشىش ئۇرۇشى چىقتى. چىن ئىمپېراتۇرى بۇشاھزادىلەردىن ئۆمۈر ساناغا ئەسكىرى ياردەم قىلىش يولى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا بۇرنىنى تىقتى. ئۆمۈرسانانى تەختكە ئولتۇرغۇزغان ۋە پۈتۈن يۇرتنى ئۇنىڭ نامىغا ئىشغال قىلغان چىن قوشۇنى، ئىشى پۈتكەندىن كېيىن چىنغا قايتىپ كەتمەي، چىننىڭ ئىستېلاچىلىق غايىسىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ سەۋەبتىن ئۆمۈر سانا ۋە پۈتۈن ئاھالە چىنغاقارشى ئۇرۇش باشلىدى، نەتىجىدە ھىجرى 1171 ـ (مىلادى 1757 ـ) يىلى چىن قوشۇنى تامامەن يوقىتىلدى. بىريىلدىن كېيىن چىن ئىمپېراتۇرى 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن يوللىدى ۋە رەسمىي ئۇرۇش قىلماستىن ئۇچرىغان ھەر ئىنساننى قەتلىئام قىلىش يولى بىلەن قورقۇتۇش ۋە ئىزىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا ئەمرقىلدى، بۇ قەتلىئام يىللارچە داۋام قىلدى. مىلادى 1763 ـ يىلى چىن قوماندانى تەرىپىدىن ئىمپېراتۇرغا بېرىلگەن راپوردا 1200000 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە 12000 كىشىنىڭ ئەسىر ئېلىنىپ چىنغا سۈرگۈن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بۇ قەتلىئاملاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمال قىسمىدا ھېچبىر ئىنسان تىرىك قالمىدى. كېيىنچە ئۇ يەرلەرگە باشقا يەرلەردىن 6000 ئۆيلۈك خەلق مەجبۇرى كۆچۈرۈلۈپ، يەرلەشتۈرۈلدى ۋە چىندىن، مانجۇرىيەدىن كۆچمەنلەر كەلتۈرۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

بۇ قەتلىئاملار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھۆررىيەت رۇھىنى سۇندۇرالمىدى. چۈنكى ھىجرى 1180 ـ (مىلادى 1766 ـ) يىلى تارىخىمىزنىڭ شانلىق سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغان ئۈچتۇرپان ئىنقىلابى دەپ ئاتالغان مىللىي ئىنقىلاب يۈز بەردى. مىللىي قەھرىمانلار ئۈچتۇرپان قاتارلىق بىرنەچچە شەھەرنى قۇتقۇزغاندىن كېيىن خوقەند، بۇخارا، خىۋە خانلىرىغا ۋە ئافغانىستان پادىشاھى ئەھمەدشاھقا ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇلاردىن ياردەم تەلەپ قىلدى. ئەھمەدشاھ بۇ تەلەپنى دەرھال قوبۇل قىلىپ، قوشۇنىنى ئېلىپ بۇخاراغا كەلدى. لېكىن مەزكۇر خانلارنىڭ تەييارلىقى پۈتكىچە، چىن قوشۇنى بېسىپ كېلىپ، ھىجرى 1182 ـ يىلى ئىككىنچى قېتىملىق قەتلىئامنى باشلاپ، ئىنقىلابنى بېسىقتۇردى. بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ھۆكۈمدارلار ياردەمدىن ۋازكېچىپ قايتىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ قەتلىئامدىن قېچىپ غەربىي تۈركىستانغا ھىجرەت قىلغانلارنىڭ سانى 50000 دىن ئارتۇق ئىكەنلىكى رىۋايەت قىلنىدۇ. بۇ پاجىئەدىن كېيىن بىرەر مۇھىم قوراللىق ھەرىكەت يۈزبەرمىدى.

ھىجرى 1234 ـ (مىلادى 1818 ـ) يىلى جاھانگىر خوجىنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا كاشغەردە ھۆررىيەت ئۇرۇشى باشلاندى. ئاز مۇددەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالتىشەھەر قىسمىنى قۇتقۇزۇپ، ئىستىقلال ئېلان قىلدى. ھىجرى 1240 ـ (مىلادى 1824 ـ) يىلى چىندىن بۈيۈك بىر دۈشمەن قوشۇنى كېلىپ، مىللىي قوشۇننى مەغلۇپ قىلدى. بۇ ئەھۋال ئاستىدا كاشغەرگە قايتىپ كېلىپ كۈچىنى توپلاش ئۈچۈن غەيرەت قىلىۋاتقان جاھانگىر خوجا ئۇشتۇمتۇت چىن ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئەسىرگە چۈشتى. چىنلىقلار بۇ قەھرىماننى بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىپ ئۇ يەردە شەھىد قىلدى. بۇ ۋەقە جەريانىدا غەربىي تۈركىستانغا ھىجرەت قىلغانلارنىڭ سانى 70000 كىشىدىن ئارتۇق بولۇپ، پەرغانىگە ئورۇنلاشقانىدى.

غەربىي تۈركىستانغا ھىجرەت قىلغانلارنىڭ باشلىقى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجا بولۇپ، ھىجرى 1244 ـ مىلادى (1828 ـ) يىلى بىر مىقدار كۈچ توپلاپ كاشغەرگە كېلىپ، بۇ شەھەرنى قۇتقۇزغان بولسىمۇ سەككىز ئايدىن كېيىن دۈشمەن كۈچىگە تەڭ كېلەلمەي قايتىپ كەتتى. بۇندىن كېيىن ھىجرى 1261 ـ 1269 ـ 1273 ـ ۋە 1274 ـ يىللىرى، بۇرۇن مۇھەممەد ئەمىنخان، كېيىنچە ئىنىسى ۋەلىخاننىڭ قوماندانلىقلىرى ئاستىدا ئارقا ـ ئارقىدىن ھۆررىيەت ئۇرۇشلىرى، پەتىھلەر يۈزبەردى. بۈ ئۇرۇشلار جەريانىدا مۇجاھىدلار خوقەند خانىدىن مۇھىم ياردەم كۆردى. ئەمما ھەر ئۇرۇشتىن كېيىن چىندىن كەلگەن كۆپ ساندىكى دۈشمەن كۈچلىرى ئالدىدا ئۇزۇن ئۇرۇشلار بىلەن مۇجاھىدلار كۆپ چىقىمغا ئۇچراپ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. بۇ ۋەقە جەريانىدا غەربىي تۈركىستانغا ھىجرەت قىلغانلارنىڭ سانى شۇچاغدىكى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا 80 مىڭ بىلەن 100 مىڭ ئارىسىدا ئىدى.   

ھىجرى 1279 ـ 1280 ـ (مىلادى 1872 ـ يىلى) يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بەش ۋىلايىتىدە ئارقا ـ ئارقىدىن مۇستەقىللق ئۈچۈن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. خوتەندە ئابدۇررەھمان پاشا، ياركەندە ئابدۇررەھمان ھەزرەت، كاشغەردە سىدىق بەگ، ئاقسۇدىن قۇمۇلغىچە بولغان بىپايان زېمىنلاردا راشىددىن خان ۋە ئىلىدا ئەئلاخان قاتارلىق زاتلارنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا باشلانغان بۇ مىللىي ھۈررىيەت جەڭلىرى، ئاز مۇددەتتىن كېيىن چىن قوشۇنلىرىنىڭ تامامەن يوقىتىلىشى ۋە ئايرىم ـ ئايرىم بەش مۇستەقىل دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن نەتىجىلەندى. پەقەت ھىجرى 1283 ـ (مىلادى 1866 ـ) يىلى بۇ دۆلەتلەر ياقۇب بەگنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بىر دۆلەت ھالىغا كەلدى. لېكىن ئىلى ۋادىسىلا رۇس مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغانلىقتىن، بۇ بىرلىكنىڭ سىرتىدا قالغانىدى. ياقۇب بەگ ھىجرى 1287 ـ (مىلادى 1870 ـ) يىلى تۈركىيەگە بىر ئەلچىلىك ھەيئىتى يوللاپ سۇلتان ئابدۇلئەزىز خانغا بەيئەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىرقىسىم ئەسكەر بىلەن بىر بۆلۈك قورال يادەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. سۇلتان ئابدۇلئەزىز خان كازىم بېك ئىسىملىك بىر مىر ئالاي (ئەسكىرى ئۇنۋان)نىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا بىر ئەسكىرىي ھەيئەت ۋە بىر قىسىم قورال ئەۋەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان ئابدۇلئەزىز خان نامىغا خۇتبە ئوقۇلدى ۋە كۈمۈش پۇل باستۇرۇلدى. بۇ پۇلدىن ھازىرمۇ كىشىلەر قولىدا يادىكار سۈپىتىدە ساقلانغان نەمۇنىلەر بار.

شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى تۈركىيە، ئەنگلىيە ۋە رۇسىيە دۆلەتلىرى رەسمىي تونىغانىدى. چىن ھۆكۈمىتى تونۇشتىن قاچقان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستانغا ئەسكىرى تاجاۋۇزچىلىق قىلماسلىق ئۈچۈن ئەنگلىيە ۋە رۇسىيە دۆلەتلىرىگە ۋەدە بەرگەنىدى.

ياقۇب بەگ تۈرك ئەسكىرى ھەيئىتىنىڭ تەلىمى ئاستىدا 80 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرى قوشۇن تەييارلىدى ۋە ئىنگىلىز ھۆكۈمىتىدىن ھىندىستان ئارقىلىق يەڭگىل قورال سېتىۋالدى.

بۇ ياش دۆلەت ئۆزىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ۋەزىيىتىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ تۇرغان چاغدا، چىننىڭ شىمال ۋە غەرب ۋىلايەتلىرىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈب، مەغلۇب بولغان تۇنگانلاردىن 10 مىڭدەك مۇھاجىر قوشۇنى (توپى) شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ، ياقۇب بەگنىڭ ھىمايىسىگە ئۆتتى. ھىجرى 1292 ـ يىلى بۇ تۇنگانلارنى قوغلاپ كەلگەن چىن قوشۇنى چېگراغا كېلىپ تۇنگانلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، ياقۇب بەگ بۇنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن چىن قوشۇنى چېگرىدىن ئۆتۈپ تاجاۋۇز قىلىشقا باشلىدى. ياقۇب بەگ بۇ ئىشنى سۈلھى يولى بىلەن ھەل قىلىش ۋە چىننىڭ شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى رەسمى تونۇشىنى قولغا كەلتۇرۇش خىيالى بىلەن، ئۇرۇشماسلىق ئۈچۈن قوشۇنىنى ئارقىغا چىكىندۈردى. چىن قوشۇنىمۇ بەك ئىلگىرىلىمەستىن، پاناھىغا ئۆتكەن تۇنگانلارنى قايتۇرۇپ بەرسە، قايتىپ كېتىش ۋەدىسى بىلەن قۇمۇلدا ئۇزۇن مۇددەت تۇردى. ياقۇب بەگ تۇنگانلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇلارنى قوراللاندۇرۇپ ئۈرۈمچى ئەتراپىنى قوغداشقا ئەۋەتتى. تۇنگانلار چىن قاراۋۇللىرى بىلەن ئۇرۇش باشلىغاچقا، چىن قوماندانى بۇنى باھانە قىلىپ بۈيۈك ھۇجۇم باشلىدى. بۇ ئارىدا چىن قوماندانى جاسۇسلىرى ئارقىلىق يۇرت ئىچىگە قورقۇنچ سېلىش ۋە تەرەپتار پەيدا قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىدى. خائىنلاردىن خوتەن ۋالىسى نىياز بەگ چىن ھىيلىسىگە ئالدىنىپ، ھىجرى 1293 ـ (مىلادى 1876 ـ) يىلى ياقۇب بەگنى زەھەرلەب ئۆلتۈردى.

ياقۇب بەگنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ۋە بىر ۋەزىرى ئوتتۇرىسىدا ئۈچتەرەپلىك تەخت تالىشىش جېدىلى چىقتى. بۇ يۈزدىن ئۇرۇش مەيدانىدىكى قوشۇن قايتۇرۇلۇپ، ئىچكى ئۇرۇشتا قوللىنىلدى. ئىككى يىل داۋام قىلغان بۇ ئىچكى ئۇرۇشتا ياقۇب بەگنىڭ چوڭ ئوغلى ھەققۇلى بەگ غەلىبە قىلىپ، تەختنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەسكەرلەر پۈتۈنلەي كېرەكتىن چىققانىدى. مۇشۇ كۈننى تۆتكۆز بىلەن كۈتۈپ تۇرغان دۈشمەن قوشۇنلىرى، بېيجىڭدىن كەلگەن ياردەم بىلەن بىرلىكتە ھىجرى 1296 ـ (مىلادى 1878 ـ) يىلى ھەرىكەتكە كىرىشتى ۋە ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىماستىن ئۆلكىنى بېسىۋالدى.

مۇستەملىكىچى چىن ئىدارىسى مىللەتنى قىمىر قىلالماس ھالغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن تولىمۇ قاتتىق ۋە ھىيلىگەرلىك تەدبىر قوللانغان بولۇپ، بۇ ماقالەمدە بۇنى تەپسىلى يېزىشقا ئورۇن يېتىشمەيدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆلكىدە يېرىم ئەسىر ئىچىدە بىرەر مۇھىم قوراللىق ھەرىكەت يۈز بەرمىدى. پەقەت تۆت قېتىملا كىچىك ـ كىچىك قوراللىق ھەرىكەت يۈز بەرگەن بولسىمۇ، دەرھال چىققان يېرىدە بېسىقتۇرۇلدى.

بۇنىڭ بىلەن بىرگە يېڭى مەپكۇرە ۋە مىللەتچىلىك ئېڭى خەلقنىڭ زېھنىگە ئاستا ـ ئاستا كىرىشكە ۋە كۈندىن ـ كۈنگە ئىلگىرىلەپ بىرمىللى ئويغىنىش ماھىيىتىنى ئېلىشقا باشلىغانىدى.

ھىجرى 1350 ـ (مىلادى 1931 ـ) يىلى باشلانغان قوراللىق جەڭلەر دەسلەپتە چىن چېگرىسىغا تۇتاش بولغان قۇمۇل ۋىلايىتىدە مەيدانغا كەلدى. خوجا نىياز ھاجىم قوماندانلىقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەت چىن قوشۇنلىرىنى ئارقا ـ ئارقىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش بىلەن پۈتۈن ئۆلكە بويىچە ئومومى بىرقوراللىق قوزغىلاڭ چىقىشى ئۈچۈن ئومومىيۈزلۈك بىر كەيپىيات ياراتتى. ئۇندىن كېيىن، ھىجرى 1351 ـ (مىلادى 1932 ـ) يىلى باشلىرىدا خوتەن ۋىلايىتىدە مېنىڭ نامسىز تەشەببۇسۇم بىلەن بىر يوشۇرۇن تەشكىلات قۇرۇلدى ۋە ھىجرى 1351 ـ يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 17 ـ كۈنى، (مىلادى 1933 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى) قوراللىق قوزغىلاڭغا باشلىدۇق. مېنى بۇ قوراللق مىللى قوشۇنغا قوماندان قىلدى ۋە خوتەن ئەمىرى دېگەن ئۇنۋاننى بەردى. ئەسكەرلىكتىن ھېچقانداق بىر نەرسە بىلمىگەن ۋە بىردانە يېڭى قورالغا ئىگە بولمىغان بۇ مىللىي قوشۇنغا ئاللاھ ياردەم قىلدى. 4 ئايلىق ئۇرۇشۇش نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالتىشەھەر قىسمىنىڭ جەنۇبىنى تەشكىل قىلغان تۆت ۋىلايىتىنى ئەجنەبىلەرنىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتقۇزدۇق.            

بو جەرياندا خوجانىياز ھاجىم قۇمۇلدىن چىقىپ، يۇرت ئىچىگە يۈرۈش قىلدى، نەگىلا بارسا خەلق ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ چىن ئەسكەرلىرىنى بىرمۇ بىر يوق قىلدى. ھىجرى 1352 ـ يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 20 ـ كۈنى (مىلادى 1933 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى) خوجا نىياز ھاجىمنىڭ رەئىسلىكىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلنىپ، شەرقىي تۈركىستاندا رەسمىي مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇلدى. چىن ۋالىيسىنىڭ قولىدا ئۆلكىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى ۋە ئەتراپىدىن باشقا ھېچبىر تۇپراق قالمىدى. مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ دۆلەت تۈۋەندىكى ئىككى بۆرىنىڭ تەھدىدى ئاستىدا قالغانىدى: 

مانا بۇ ئىككى تەھدىتكە قارشى بىرلا ۋاقتتا ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولغان، سان ۋە قورال جەھەتتە دۈشمەنلىرىدىن ئاجىز بولغان مىللىي مۇجاھىدلەر كۈندىن ـ كۈنگە ئېرىپ تۆگىمەكتە ئىدى. مەسىلەن: (ھىجرى 1353 ـ يىلى مۇھەررەم ئېيىنىڭ 8 ـ كۈنى (مىلادى 1934 يىلى 4 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى) مېنىڭ قوماندانلىقىم ئاستىدىكى 12 مىڭ كىشلىك قوشۇننىڭ كۆپ قىسمى يېڭىساردا 38 كۈن داۋام قىلغان ئۇرۇش نەتىجىسىدە بۇ قىسىمنىڭ قوماندانلىرى بولغان ئىككى ئىنىم بىلەن باراۋەر شەھىد بولۇپ تۆگىدى.

بۇ ھادىسىدىن كېيىن، خوجا نىياز ھاجىم دۈشمەننىڭ ساختا ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ تەسلىم بولدى. ئەمما مەن يېنىمدا قالغان بىر بۆلۈك ئەسكەر بىلەن بىر قانچە ئاي تىركىشىپ باققان بولساممۇ كۈچۈم تامامەن تۆگەپ كەتكەنلىكتىن، ھىندىستانغا پاناھلىتىش نىيىتى بىلەن ھىجرى 1353 ـ يىلى رەبىئەل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 16 ـ كۈنى (مىلادى 1934 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى) يۇرتۇمدىن ئايرىلدىم. 

ھىجرى 1356 ـ (مىلادى 1937 ـ) يىلى ئابدۇنىياز دېگەن كىشىنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا بىر مىللىي ئىنقىلاب چىقىپ، ئالتىشەھەرنىڭ بىر قىسمى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن بولسىمۇ، كېيىنچە چىن ـ رۇس بىرلەشمە قوشۇنى تەرىپىدىن باستۇرۇلدى.

ھىجرى 1356 ـ يىلى مۇھەررەم ئېيىنىڭ 2 ـ كۈنى (مىلادى 1944 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى) ئىلى ۋىلايىتىدە ئەلىخان تۆرەمنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا بۈيۈك بىر ئىنقىلاب چىقتى. بۇ مىللىي ئىنقىلاب چىن قوشۇنلىرى ئۈستىدىن پارلاق غەلىبىلەرگە ئېرىشىپ، بىر قانچە ئاي ئىچىدە ئىلى، چۆچەك ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى پەتھى قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. رۇسىيەدىن قورال سېتىۋېلىپ، ياخشى قوراللانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە قاراپ ئىلگىرىلەشكە باشلىدى.

بۇ ئەسنادا چىن ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ دەللاللىقى بىلەن سۈلھى تەلەپ قىلدى. ئۇزۇن مۇزاكىرىدىن كېيىن كېلىشىم ئىمزالاندى. بۇسۈلھى بويىچە شەرقىي تۈركىستان چىنغا تەۋە بولۇپ، ئىچكى ئىشلىرىدا بىرخىل ئاپتونوم ئۇسۇلى بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان ۋە مىللىي قوشۇن ئۆز ئورنىدا قالىدىغان بولدى. بۇ سۈلھىگە ئاساسەن 25 ئەزادىن تەركىب تاپقان بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلدى. ئەزالار سىياسى جامائەتلەردىن ۋە ئايماقلاردىن سايلاندى. مىللەتچى جامائەتتىن ئىككى دوستۇم ۋە مەن بولۇپ، جەمئى ئۈچ كىشى قاتناشتۇق.

بۇ كۈنگىچە قىلغان پائالىيەتلىرىمىز سىياسىي ساھەدە بولۇپ، ھەقىقىي مۇستەقىللىق غايىسىدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر ئىدى.

قىزىل خىتاي ئىستېلاسى دەۋرى: مىلادى 1949 ـ يىلى 10 - ئايدا (ھىجرى 1369 ـ يىلى زۇلقەئدە ئېيىدا) شەرقىي تۈركىستاندىكى چىن قوماندانى تاۋ بىلەن ۋالى بۇرھان شەھىدىنىڭ كوممۇنىست چىنغا تەسلىم بولۇشى بىلەن ئىككىنچى قېتىم يۇرتىمىزدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇق.

جۇمھۇرىيەتلەر:

Muhammad Emin Bughra 
مۇھەررىردىن: بۇ ماقالە مەرھۇم يولباشچىمىز مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1963 ـ يىلى 4 - ئاينىڭ 13 ـ كۈنى تۈرك ئوچاقلىرىدا[1] تۈرك ئالىملىرى ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئىلمىي لىكسىيىسى بولۇپ، شۇ يىلقى شېپىگىراپ باسمىسىغا ئاساسەن نەشىرگە تەييارلاندى. ماقالىدىكى سان ـ سىفىرلار بۇنىڭدىن 37 يىل بۇرۇنقى سان ـ سىفىرلار دىن ئىبارەت بولسىمۇ، ماقالە بۈگۈنمۇ يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.

مۆھتەرەم ئەپەندىلەر! بۈيۈك تۈركىستاننىڭ شەرق قىسمىنى تەشكىل قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلكىسى، تۈرك دۇنياسىنىڭ شەرق تەرپىنىڭ تۆگەنجىسى دېگەن بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭمۇ شەرقىدە، چىن ئىچىدە ۋەسىبىرىيەنىڭ شەرقىدە يەنە بىر مۇنجە تۈرك قەبىلىلىرى ياشىماقتا.

تۈركىيەدىن بەك ئۇزاق مۇساپىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيىلىك يارىتىلىشىدا تەبىئىي توسالغۇلار بىلەن دۇنيادىن يىراق بولۇشى ۋە بىر ئەسىرگە يېقىن زاماندىن بىرى سىياسىي جەھەتتىن بەخىتسىزلىككە مۇپتىلا بولۇشى بىلەن تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىنىڭ سىرتىدا قالماقتا ۋە ئۇلارنىڭ بۇ يولدىكى ئىلمىي ئېھتىياجلىرىنى تەمىن قىلىش ئۈچۈن توغرا ياكى خاتا مەلۇمات بەرگەن يات مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ كەلگەنلىكلىرى، ئەمما قانائەت ھاسىل قىلالمىغانلىقلىرى مەلۇم بولماقتا. بۇ يۈزدىن، بۇ ۋەتەننىڭ بىر پەرزەنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھاياتىم بويىچە يېقىندىن قىلغان تەتقىق ۋە تەھقىقلىرىم ئىچىدىن بەزى خۇلاسىلەرنى ھۇزۇرۇڭىزلارغا سۇنماقچىمەن. بۇ ۋەسىلە بىلەن تۈرك زىيالىلىرىغا بىر سوۋغا تەقدىم قىلالىسام ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھېساپلايمەن. بۇ ماقالەم تۆۋەندىكى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ:




#Article 100: بىز نېمە ئۈچۈن ئىملا ئۆزگەرتمەيمىز؟ (495 words)


تۈركىيە تۈركلەرى ئىزچىل تۇرك تىلىنىڭ ساپلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە.
تۈركىيە تۈركچەسى ئوسمان ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە گەرچە ھۆكۈمران تىل بولغان بولسامۇ ئەمما بۇ تىلنىڭ لۇغەت فوندىنىڭ يارىمىدىن كۆپرەكىنى ئەرەبچە سۆزلۈك ئىگەلەپ كەتكەن بولۇپ،بۇ تىلنىڭ سۆزى ئەرەبچە،جۈملەسى تۈركچە بولغان تىل ۋەزىيەتى شەكىللەنگەن ئىدى.مۇستافا كامال تۈركىيەنى بۇ ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشقا باشلامچىلىق قىلغاندىن بېرى تۈرك تىلى دەۋرىمىزگە قەدەر ساپلاشىۋاتادۇ.

تۈرك تىلى يەنە فەقەت لۇغەت  فوندى جەھەتتىنلا تازالانىشقا باشلانىپلا قالماستىن،يەنە تۈرك تىلى تىلبىلىم(گرامماتىكا) جەھەتلەردىنمۇ كۆپ تازالانىشقا باشلاندى.

مەسلەن:ئەسلىدەكى ئانادولۇ تۇركچەسىدە تۈرك تىلىنىڭ ئاھاڭداشلىق قانۇنىيەتى بۇزۇلۇپ كەتكەن ئىدى.ئەسلىدە تۈركىيە تۈركلەرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنمۇ ئاشۇ ئاھاڭداشلىق بۇزۇلۇپ كەتكەن تىلنىڭ لۇغەتىنى تازالاپلا ئىشلەتسەمۇ بولاتتى.ئەمما ئۇلار ئۇنداق قىلمادى.نۇرغۇنلاغان تىلشۇناسلار قايتا قايتا مۇزاكىرە-تەتقىقاتلارنى ئالىپ بارىش،ئىزدەنىش-تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ تۈرك تىلىنىڭ گرامماتىكاسىنى قايتادىن رېمونت قىلدى.نۇرغۇنلاغان تىلشۇناسلار شۇ چاغدا  سىبېرىيە ۋادەسىدەكى ئورخۇن تۈركچەسىنى قوللانىش،ياكى قەشقەرىيەنىڭ ئەسلى تۈركچەسى بولغان خاقانىيە تۈرك تىلىنى قوللانىشنى ئوتتۇراغا قويغان ئىدى.ئاخىرى قايتا قايتا ئىزدەنىش،مۇزاكىرەلەشىش ئارقالىق ئانادولۇ تۈركچەسىنى ئاساس قىلغان،قەدىمكى تۈرك تىللەرىنى قوشۇمچە قىلغان ھالدا  تۈرك تىلىنىڭ تىلبىلىمىنى ،ئاساسلىقى مورفولوگىيەلىگ شەكلىنى ئۆلچەملەشتۇرۇپ بۇ تىلنى ئۆلچەملىگ ھالەتكە كەلتۈردى.
ئەمدى بىز ئوسمانلى تۈركچەسى بىلەن ھازىرقى تۈركچەنىڭ ئاددىي بىر فەرقىنى كورۈپ باقايلۇق:

Osmanlıca:
Ben Vardum.(مەن باردىم)
Ben Açdum.(مەن ئاچتىم)
Biz Gelduh.(بىز كەلدۈك)
Biz Gelmüşüz.(بىز كەلمىشمىز/كەلگەنمىز)

Yeni Türkçe:
Ben Vardım.
Ben Açtım.
Biz Geldik.
Biz Gelmişiz.

ئوسمانلى تۈركچەسى گۇياكى ئىسلاشىپ قاراداپ كەتكەن ئەينەك،ئەمما يېڭى تۈركچە بولسا شۇ ئەينەكنى پاك پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىنكى ئەينەك.بۇ ئەينەك زاماننىڭ ئۆتۈشىگە ئەرگەشىپ تېخىمۇ پارلاپ ماڭادۇ.

بىز ماۋۇ سخېمادىن شۇلارنى بىلەمىزكى ، ئۇيغۇرلار 200مىليوندىن ئاشادىغان تۇرك خەلقلەرىنىڭ ئاران 5%ىنى تەشكىل قىلادۇ.ئۇيغۇرلار بولسا  دۇنياغا ئافرىدە بولغاندىن باشلاپ قوللانىپ كېلىۋاتقان سۇزۇق تاۋۇشلارنى ئاجىزلاشتۇرماي يازادىغان بۇ ئىملانى تەخمىنەن 1960-يىللاردىن باشلاپ چۆرۈپ تاشلاپ،ھېچبىر تۈركنىڭ ئىملاسىغا ئوخشامايدىغان باشقاچە بىر ئىملانى ئىجاد قىلىپ ،خەلقىمىزنىڭ 30-40 يىللاردىن بېرى بۇ ئىملانى يازىق تىل ئورنىدا قوللانىشى ئاساستا ھازىرقى 95%تۈركىي خەلقنىڭ ئىملاسىغا زىد بولغان خاتا ئىملا تەلەپپۇزلار پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ تىلىغا سىڭىپ كەتتى.بىز ئۆزىمىزنىڭ توپتوغرا ئىملايىمىزنى 30-40 يىل ئىچىدە ئاسانلا بۇزغان بىلەن،ئەمدى بۇ بۇزۇق ئىملانى 100يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرف قىلىپ ئوڭشىيالايمىزمۇ-يوق؟(تېخى ئوڭشاش ھەققىدە يوليۇرۇق يوق).باشقا تۈرك خەلقلەرى تىلىنى ئوڭشاپ بولالماي ئاۋارە،بىز بولساق تىلىمىزنى بۇزۇپ بولالماي ئاۋارە.ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسى تۈركىي خەلق نۇپۇسىنىڭ ئاران 5%ىنى ئىگەلەيدىغان تۇرۇقلۇق ،يەنە 95%تۈرك خەلقىنىڭ ئورتاق قوللانىپ كېلىۋاتقان ئىملاسىغا  زىد بولغان ئىملانى قوللانىشىمىز بىزنىڭ باشقا تۈركىي خەلقلەر بىلەن ئوخشاپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈنمۇ؟كۆپچىلىك،قېنى ئۆزۈڭلەر ئېيتىپ باقىڭلارچۇ؟زادى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ 5%ىنى ئىگەلەيدىغان ،نۇپۇسى 10مىليۇندىن ئارتۇقراق كەلگەن بىز ئۇيغۇرلار ئاقىلمۇ؟ياكى 95%ىنى ئىگەلەيدىغان،نۇپۇسى 190-200مىليۇندىن ئارتۇق بولغان باشقا تۈركلەر ئاقىلمىكەن؟
بىز توۋەندە بىرنەچچە3 تۈرك خەلقىنىڭ جۇملەسىنى كۆرۈپ باقايلۇق:
Türkçe:        Çocuklar okulda dilimizi latin alfabesi ile yazıyor.
Gagavuzca    Uşaklar şkolada / okulda dilimizi latin alfavitindä yazêr.
Azerbaycanca  Uşaqlar məktəbdə dilimizi latin əlifbası ilə yazır.
Türkmence    Çagalar mekdepde dilimizi latyn elipbiýi bile(n) ýazýar.
Özbekçe       Bolalar maktabda tilimizni latin alifbosi bilan / ila yozadi.
Uygurca       Balilar mäktäptä tilimizni latin elipbäsi bilän yazidu.
Kazakça       Balalar mektepte tilimizdi latin alfavitimen jazadı.
Kırgızca       Baldar mektepte tilibizdi latın alfaviti menen jazat.
Tatarca       Balalar mäktäpdä telebezne latin älifbası bilän / ilä yaza.
  
بىزمۇ ئەمەلىيەتتە تۇركىيە تۈركلەرىنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىپ تىلىمىزنىڭ بۇزۇقىنى ئوڭشاساق،چولتاسىنى تولۇقلاساق،ئارىيەت ۋاقتى ئاشىپ كەتكەن سۆزلەرنى ئىگەسىگە قايتۇرۇۋەتسەك بولاتتى.ئارىيەت سۆزلۈك ئەسلىدە ئۆزىمىز سۆز ياساپ بولغۇچە ۋاقتىنچە ئىشلەتىپ تۇرغان سۆزلەرنى كۆرسەتەدۇ.يەنە ئۇيغۇر تىلىدامۇ بىر قىسىم گرامماتىكالىغ  خاتالىقلار بىزنىڭ رېمونت قىلىشىمىزنى كۈتۈۋاتادۇ.
مەسلەن: 

ئەمدى ماۋۇ سىخېماغا قاراپ باقايلۇق.بۇ تۇرك تىلىنىڭ لۇغەت فوندى سخېماسىدۇر.




#Article 101: كىتىك (2888 words)


teklimakandiki qedimki sheher - kitik
ghalib barat erk

uyghur xelq éghiz edebiyati we kilassik tezkirilerde teklimakan we teklimakan yutup ketken qedimki sheherler heqqidiki riwayetler sözlen'gen bulup shu sheherlerdin eng meshhurliridin biri ”shehri kitik“ tur.

shehri kitikning konkirit orni heqqidiki qarashlarni töwendiki bir qanche  xilgha yighinchaqlash mümkin. .
qeshqer wilayitining maralbéshi nahiyisi tewesede(1)
xoten bilen cherchen arisida yipek yoli boyida
cherchen nahiyisining xadiliq digen yéride(2)
cherchen nahiyisining aqtaz digen yéride
cherchen nahiyisining sherqi shimalidiki aqtar etrapida(3)
chaqiliq nahiyesining tewesidiki lop köli buyida(4)
chaqiliq nahiyisi teweside, tarim deryasining ayagh éqinidiki  ”étek térim“ digen jayda
lopnur nahiyisi tewesidiki aqtarma mehellisige yéqin (déhqanchiliq 2-déwiziyisi31-polk etrapigha yéqin)(5)
pichan nahiyisi tewesidiki qumtagh digen jayda(6)
bügür  nahiyisi teweside
shehri kitikning orni heqqidiki qarashlar herxil bulupla qalmastin uninggha munasiwetlik riwayetlermu xéli köp, töwende biz shehri kitikke munasiwetlik matériyallarni körüp baqayli:

ilawe:aqtarma mehellisi lopnur nahiye tewesidiki déhqanchiliq2-déwiziyisi31-polk etrapida.

ilawe: mushu matériyalda éytilishiche  ”amanshah“ digen jay nami ene shu  ”amanliq yer“ riwayitidin kelgen iken, bu riwayet bizge kitik ahaliliridin bir qismining pichan nahiyige kإchüp barghanlighini körsitip berdi.

ilawe:kitapning izahida ketek - kétek depmu atilidu. u hazirqi maralwéshigha toghra kélidu, diyilgen.

ilawe:bu tezkire chongraq bulup mezmuni hem keng idi, emma mezmuni aldinqi mezmunlar bilen asasen oxshash.

bar  ermish bu machinda shehri kétek,
qiriq  shehridi  beziler  qiriq  yek.
dua  birle  eyleng  ularni  halak,
hemme  qewmi bed  qaghusi ziri  xak.
dep yazidu.(17)

yuqarqi melumatlardin biz töwendikidek yekünlerge érisheleymiz:

bu pakitlar bizning bu heqtiki izdinishimizni nahayiti qimmetlik yip uchi bilen temin etti.
tetqiqatlargha asaslan'ghanda tughluq tömürxan chinggizxanning2 - oghli chaghatayxanning oghli duwaxanning oghli émil xojining perzendi bulup ésen buqaxan qaza tapqandin kéyin  ésen buqaxanning perzenti bolmighachqa doghlat emiri emir bolaji adem ibertip uni tapturup kélidu. miladi1345- yili tashtömür isimlik kishi tughluq tömürxanni tépip aqsugha emir bolaji hozurigha élip kélidu. miladi 1347- yili tughluq tömürxan almiliq shehrige bérip textte olturup sherqi chaghatay xanlighining xani bolidu, 1354-yili jalalidin kitikining oghli mewlane ershidinning dewitide musulman bolidu hemde  160mingdin artuq ahalini musulman qilidu. tughluq tإmürxan 1330- yili tughulup1363 - yili qaza tapidu. jalalidin kitiki bashchilighidiki kitiklikler jalaliddining bashchilighida köchüp yürüp tughluq tömürxanning aqsudiki waqtida baridu  hemde uning bilen körüshüp dini islamgha dewet qilidu . tughluq tömürxan uninggha wede qilip resmi xanliqqa kötürülgende bérishni andin shuchaghda musulman bolidighanlighini éytidu, jalaliddin kitiki qaza qilghandin kéyin oghli mewlane ershidin uning wesiyitige asasen iligha izdep baridu, tughluq tömürxanmu islam dinini qobul qilip musulmanchiliqqa musherrep bolidu, uyghurlarningmu édilogiye jehettin birlikke kélishige tarixi töhpe qoshidu.
yuqarqilardin bashqa yene melumatlarmu bar bulup mesilini éniqlashta xéli zor ehmiyetke ige bulup töwende mulahizilimizge paydisi bolsun üchün körüp ötümiz.
pakitlargha asaslan'ghanda jalaliddin kitiki bashchilighidiki köchmenlerning aqsugha kelgen waqti tughluq tömürxanning aqsudiki waqtigha toghra kelgen bulup 1345- yilidin 1347- yilighiche bolghan waqit bolidu. «tezkiretul érshat ››tiki  ”toshqan yili“ ni miladiye qanchinchi yiligha toghra kélidighanlighini tekshüridighan bolsaq miladi 1339- yili(«türki tillar diwani››, uyghur xéristiyan yadikarliqliri, «jamiut tawarix››, duxan uyghur yadikarliqliri, xenzu möchili)1335 yaki 1336- yili («tarixi reshidi››), 1337- yili («qissesul gherayip››) , 1334- yili («tarixi hemidi››), 1335- yili (qazaqistanda qollinilidighan türki möchel) bulup chiqidu. yuqurida körginimizdek möchelni miladiyege aylandursaq perq kélip chiqidu, bu perqler eyni tarixi dewr hökümdarliri keltürüp chiqiripla qalmastin yil hésaplashtiki oxshimasliqlarmu , miladiye hijiriye perqlirimu keltürüp chiqarghan. biz eger 1339- yilini qobul qilidighan bolsaq bu yilni peqet jalalidin kitiki qatarliqlarning shehri kitikni tashlap chiqqan yili dep qobul qilish mümkin. shundaqtimu biz shehri kitikni qum basqandin kéyin aqsugha kelgüche melum waqitlar kétidighanlighini oylashsaq shehri kitik 1335- yilidin1342 - yilighiche bolghan ariliqta weyran bolghan bulishi mümkin dep qaraymiz, shundaq bolghanda jalalidin bashchilighidiki köchmenler birqanche yilliq köchmenlik hayatini bashtin köchürüp texminen 1345- yilliri etrapida aqsugha yétip kelgen bulidu.
biz ene shuninggha asaslinip turup shehri kitikning  ”maralwéshi“  we  ”xoten bilen cherchen arisida“  bolishi mümkinchiligi yoq dep qaraymiz, chünki maralwéshi we xoten, cherchen qatarliq jaylar xaqaniye téritoriyesi bulup slam dini shu dewirdila omumlashqan idi, buni héchkishi inkar qilmisa kérek. elwette cherchenning sherqi tereplirini ayrim mulahize qilimiz.
biz tarixi matériyallargha dawamliq türde murajet qilidighan bolsaq menpeetlik uchurlargha érisheleymiz.
yang mingning «tang dewride töbütlerning cherchen'ge hökümranlighi heqqide birqanche mesile ›› namliq maqaliside yézishiche miren xarabisidin tépilghan101- nomurluq pütükte  Kadag)) digen jay nami uchraydu.(19)
miladi983-yili yézilghan « hududul alem ›› namliq parische eserde ”KADHAKH  chinistan chégrisi ichide, hökümdari töbütke  qaraydu“ (20) diyilgen.
miladi925- yili xoten padishahi wisa sampata teripidin shajugha ibertilgen elchiler ömigi teripidin xoten sak yézighida yézilghan «tangghut yoligha sayahet xatirisi ›› namliq yazma yadikarliqta ” kadaka“ (21)digen nam körülidu.
mirza muhemmet heyder koragani yazghan «tarixi reshidi - ottura asiya moghullirining tarixi››da munasiwetlik qimmetlik bayanlar bar. töwende uningdin pakitlar körüp baqayli:

lop shehrining orni mesiliside qarashlar köprek bolsimu arxéologiye bizge bu mesilini éniqlashta yardemde bolidu, qarashlarda  ”lop shehri hazirqi chaqiliq nahiye baziri, miren kona shehri, lop köli etrapi, washshehri kona shehri“  diyilidu. yéqinqi yillarda élip bérilghan arxéologiyelik tekshürüshlerge asaslan'ghanda chaqiliq nahiye baziri we miren kona shehrining güllen'gen dewiri 11- esirdin baldur. lop köli etrapidin ottura esir izliri bayqalmidi. undaqta washshehri kona shehridin ibaret éhtimalliqla qalidu, undaqta bu éhtimalliqni ispatlaydighan ispat barmu؟ elwette, bar.
wénitsiyelik seyyah markopoloning «sayahet xatirisi ››de: ”cherchendin chiqip,  sharaiti bekmu nachar bir chöllükni besh kün yol méngip bésip ötüshke toghra kélidu. emma hemme yerning süyi ichkili bolmaydighan derijide achchiq boliwermeydu. bu yerde bulardin bashqa ehmiyet bergüdek héchbir shmu yoq. beshinchi künlük yolni bésip ötkendin kéyin, chöllikning chétidiki rabat - lopqa yétip barghili bolidu.
lop (LOP) rabati sherqi shimal terepte, lop chöllükining kirish éghizigha jaylashqan. u ulugh xanning zéminigha tewe bulup, ahalisi slam dinigha étiqat qilidu. bu qumluqtin ötkenliki karwanlar omumen mushu lop rabatida bir mezgil yétip dem alidu. ular bu yerde bir az waqit dem alghach harduqini chiqiridu hem bu yerde kelgüsi seper üchün zörür bolghan nerse - kéreklirini teyyarliwalidu. ular özlirining uzuq- tülügi we mallirini küchlük éshek yaki töge yallap toshuydu ..... bu chong chöllüktin ötiwélish üchün sapsaq bir ayliq ozuq teyyarliwélishqa toghra kélidu. chünki bu eng qisqa chöllüktin ötüsh üchün éhtiyajliq bolghan eng töwen ölchemlik waqit ..... bu 30 künlük yolda pütünley qumluq chإl we qilche ot-giyah ünmeydighan taghlardin ötüshke toghra kélidu .... “ (27). biz bu melumattin loptin chiqsa 30 kün'giche  ”rabat“ yoqlighini pehim qilalaymiz hemde  ”lop rabati“ ning kichik bir  ”rabat“  emesligini bileleymiz. biz üchün ehmiyetlik yene bir uchur shuki markopolo lop shehridin ötken 1275- yili lop ahalisi islam dinigha étiqat qilghan, dimek mehmut qeshqiri dewride islam dini cherchen'giche tarqalghan bolsa undin kéyin sherqqe lop shehrigiche tarqalghan. arxéologiyelik tekshürüshte washshehri kona sheher xarabisidin xaqaniyening puli qatarliq bir qisim yadikarliqlar tépilghan, xaqaniye dewridin kéyinki dewirge - mongghullar hökümranlighi dewrige mensup yazma yadikarliqlarmu bayqaldi, arxéologlar bu sheher xarabisini miladi 4- esirdin 14- esirgiche güllen'gen dep qaraydu. bu sheher xarabisining kölümi ikki kuwadirat kélométirdin ashidu.  emdi markopolo éytqan cherchendin chiqip besh künlük musapige kelsek bu washshehri bilen cherchen arisigha toghra kélishige ishench qilishqa bolidu. en'giliyelik ékispiditsiyechi steyin « cherchendin chaqiliqqiche ›› namliq esiride  ”cherchendin washshehrigiche qumluqni toghrisigha késip ötidighan qum - shéghilliq bir yol bar. bu ottura yol biz emili tekshürgen ikki yolning her qandighidin köp qisqa .... qish künliri bu yol bilen mangsa hichqandaq xeterlik ish yoq .... bu yolni boylap mangghan yoluchilar adettiki méngishidimu besh künde washshehrige yétip baralaydu, belki bu yoluchilar uchritidighan  ’tunji tatliq su bar orun‘  bolishi mümkin.“ (28)
biz bu melumatlargha asasen meyli musape yaki güllen'gen yil dewri jehettin bolsun chaqiliq nahiye bazirining 70nechche kilométir gherbidiki yézisi washshehrining 7kilométir gherbi jenubidiki sheher xarabisi bolush mümkinchiligini otturigha quyimiz.
lop shehri miladining béshidila güllen'gen bulup yipek yolining muhim tügüni bolush bilen yipek yoli karwanlirigha mulazimet qilip zor töhpilerni qoshqan. deslepki matériyallarda 弩支城 dep yézilghan. tang sulalisi dewrige kelgende serdar kang yenden bashchilighida uyghurlar teripidin qayta güllendürülgechke  ”yéngi kent“ depmu atalghan, lop digen bu nam keng menide pütkül chaqiliqning nami bolghan. bu sheher  miladining bashliridila mewjut idi, töbütche yadikarliqlarda  ”nop“  dep yézilghan. rahip shuen zang (600-664) «büyük tang dewridiki gherpke sayahet xatirisi›› de yazghan 纳缚波故国 ni 10- esirde yashighan büyük uyghur alimi séngqu seli tutung  ”nop“  (29) dep terjime qilghan , shunzangning terjimisige kelsek u elwette hind tilidiki isimni xatiriliginini éhtimalgha intayin yéqin bulup ,  ” nop yaki lop “  yerlik ahalining tilidiki jay namidin ibaret. yerlik ahale ana tuprighini lop dep atighan bulup xenzuche menbelerde  纳职  dep xatirligen bulup yerlik ahale qumul rayunigha kإchkendin kéyinmu mushu namni qollan'ghan , bezi tetqiqatlargha asaslan'ghanda  ”lapchuq“  ene shu namning yaldamisi iken. kroranliqlarning kéyinki ewlatliri dep qariliwatqan bir qisim qedimiy ahale hazirmu özlirini  ”loptuq“  dop atisa bashqilar ularni  ”lopluq“ dep ataydu.  ”lop“ keng menide chaqiliq dairisini körsetse tar menide washshehri kona shehrining (hich bolmighandimu xaqaniye we mongghullar dewride) nami bolghan.
biz lop shehrini washshehri kona shehri xarabisi dep qarisaq u chaghda kitikning orni qayerde؟ biz markopoloning «sayahet xatirisi›› ge qaraydighan bolsaq xotendin taki lop shehrigiche bolghan ariliqta kitik shehri körülmeydu, nawada bu sheher cherchen bilen lop (washshehri ) arisida bolsa karwanlar nime üchün bu shunche chong hem teklimakandiki  ”sheherlerning merkizi“  bolghan kitiktin ötmeydu؟ markopolo nime üchün bunche chong merkizi sheherni tilgha almaydu؟ tarixi eserlerning hich biride kitik heqqide melumat bolmaydu؟ ejaba sherqtiki  ”lop“  (washshehri)ge tarqalghan islam dini bu ariliqqa yeni shehri kitikke tarqalmaydu؟ jawabi shuki shehri kitik cherchen bilen washshehri arisida bolishi mümkin emes.
kitikni lop shehri bolghan washshehri xarabisining sherqide deydighan bolsaq u halda kitik qayere؟  sayahet xatiriliri bolsun yaki arxéologiyelik tekshürüshler bolsun taki shaju (dunxuang)ghiche ottura esirge jümlidin 13 -  14- esirge mensup sheher bayqalmidi, lop köli etrapidin bolsa téximu shundaq. undaqta bu sheher qeyerde bulishi mümkin؟ elwette hazirche ikki éhtimalliq bar, biri biz yuqurida körüp ötkünimizdek chaqiliq tewesidiki  ”étek térim“  we lopnur nahiyesi tewesidiki  ”aqtama mehellisi“ ning gherbidiki qumluq, bular téximu chongqurlap tetqiq qilishni kütidu ( en'giliye teweligidiki on'ghuriyilik yehudi ataqliq arxiolog awral siteyin özining shehri kitikni arxiologiyilik tekshürgenligini «gherbi diyar arxiologiyisidin süretlik xatire ›› namliq kitabida yazghan bulup tepsilatidin biz hazirche xewersiz, uning yézishiche robrowiskimu shehri kitikni tekshürgen iken). shundaqtimu jughrapiyilik jaylishishi nuqtisidin élip éytqanda  ”étek térim“ bulishi éhtimal, chünki tarix kitaplarda  ”lop.kitik“  sheklide yézilip qoshmaq sheher süpütide bir rayunning nami bulup kelgen, nawada u  ”aqtama“ etrapida bolsa musape bekla yiraqlap kétidu. yene bir jehettin éytqanda kitik shehri tebii apet tüpeyli weyran bolghan, ahalilerning köchüshi buning delili. undaqta bu qandaq apet؟ sheksizki shehri kitikke baridighan tarim deryasining tarami üzülgen, suning üzülishi tupraqning qurghaqlishi, yépinche ösümlüklerning qurushi, qum - boranning köpüyüshi axirqi hisapta tebietning insanlarni qoghlap chiqirishi netijiside  ”shehri kitik“  weyran bolghan, musulman ahaliler jalaliddin kitiki bashchilighida tarim deryasining yuquri éqinigha qarap köchüp axiri aqsugha bérip olturaqlashqan. matériyallarda tilgha élinmighan , musulman emes ahalichu؟  ularmu xuddi mehmut qeshqeri uyghur élidiki nurghun jay we melumatlarni yazmighinigha oxshash chaghatay uyghur edebiyatidiki tarix - tezkire kitaplarda melumat bérilmey ölgen - qum astigha kömülüp ketken diyilgen. emeliyette ularning musulmanlar rayonigha köchüsh imkaniyiti bolmighachqa turpan, qumul tereplerge köchüsh bilen birge bir qismi shaju (duxan)gha köchüp bérip shu yerdiki burundin bar bolghan uyghurlar bilen birliship hayat kechürgen hemde hazirqi  ”sérigh uyghurlar “ (yugu milliti)ning ejdatlirining bir qismigha aylan'ghan.  ”sérigh uyghur“ digen nami «tarixi reshidi ›› qatarliq kitaplarda tilgha élin'ghan bulup ular hazirmu özlirini  ”saregh yughur“ ,  ”shara yughur“  dep ataydu.  ”yughur“ bolsa  ”uyghur“  namining téximu iptidai shekli yaki dialiktik perqtin ibaret.  ”yugu milliti“  bilen kitik shehri ahalilirining zadi munasiwiti barmu yoq؟
bu heqte gerche keskin bir ispat matériyali bolmisimu wastiliq halda  bu heqte höküm chiqirishimizgha yardem béridu. köpligen tarixi menbelerde tang sulalisi bilen munasiwiti yéqin shundaqla tang sulalisi hakimyitini saqlap qélishta zor töhpe qoshqan sherqi uyghurlar tilgha élinip ezeldin tengritagh etraplirida yashap kelgen gherbi uyghurlar tilgha élinmighan, köp hallarda sherqi uyghurlarning gherpke köchüshi asasi desmaye qilinip qedimdin béri bu ziminda yashighan uyghurlargha étibar bérilmigen , tübütche yadikarliqlargha asaslan'ghandimu tengritagh etraplirida jümlidin chaqiliq rayonida durgu(türk) , xor(uyghur) qatarliq ahaliler xéli köp sanni igelligen. mesilen biz  ”sarigh uyghur“larning éghiz edebiyatigha bolupmu tarixi dastani «yughurlar kelgen siji xajidin›› (30)gha qaraydighan bolsaq uningda ularning bu tarixi riwayitini ejdatliridin anglighanlighini, yughurlarning qedimde nahayiti yiraqtiki shiji xajida yashaydighanlighi , tümen aile ahalige ige ikenligi, yurtini tebii apet (qattiq boran diyilgen) weyran qilghanda düshmenlirining hujum qilghanlighi, nurghun chiqimlar tartip amalsiz sherqqe kochüp üch ayda toxtighanlighi éytilidu. ularning axiri 1368- yilliri etrapida sujugha kelgen diyilgen, bu waqit kitik shehri weyran bolghan 1340- yillardin 20nechche yilla perqlinidu. elwette, yughurlar إzlirini  ”sarigh uyghur“  dep atighinidek kitik, lop qatarliq sheherlerning ahalisimu menbelerde  ”sarigh uyghur“  dep atalghan. tarixchi chen bochuen «sérigh uyghurlarning étnikisi, olturaqlashqan jayliri we nami heqqide tetqiqat›› namliq maqalisida «tarixi reshidi››ning 1898- yili neshir qilin'ghan én'gilizche londun neshride: ”... xoten taghlirigha qachti, yene pash bulup qélishtin qorqup bu yerdin cherchen (Jurjan  ( we  lop katak (Lop katak ( qatarliq sérigh uyghurlar rayonigha qéchip bardi“ (31) digen jümliler barlighi yazidu.  uyghurche «tarixi reshidi››de bu jümle ”xizir xoje xanni mezkur 12 kishi u taghlardin élip qéchip , xoten taghlirigha bardi. u yerdin sériq uyghur cherchen , lop, kitik tereplerge bardi“ (32) diyilgen. bu jümle yene molla mir salih kashgheri «chinggizname›› kitabida :  ”qemeriddin xeber alip kishi buyrudi , xizir xaje xanni xoten taghigha alip qachtiler. qemriddindin qorqup churchen,  sarix uyghur,  lop we kitik sari alip qachti“ (33) dep yézilidu.  bashqa tarixi menbelerdimu  bu jayda qedimdin  sérigh uyghurlar yashaydighanlighini körsitidighan pakitlar bar.
dimek lop shehri musulman sérigh uyghurlarning, kitik bolsa azraq bir qismi musulman emma köp qismi musulman bolmighan sérigh uyghurlarning shehridur. bu sheherler tebii sewepler tüpeylidin weyran bolghan bulup, ahaliler dini étiqadini asas qilip köchken, az bir qismila yurtida qalghan bulup ular özlirini millet namida emes yashighan jayining tarixi namini qollunup  ”loptuq－ lopluq“  namida atap kelmekte. elwette shu chaghdiki musulman sérigh uyghurlar tarim deryasini boylap aqsughiche köchüp barghan bolsa,  yipek yolini boylap xoten rayonighiche barghan. musulman bolmighan sérigh uyghurlar turpan - qumul rayunlirigha hetta duxanlarghiche köchken, duxan'gha köchkenlerning ewlatliri hazirmu özlirini  ”sérigh uyghur“  dep ataydu, ular kitiktin köchüp barghandin kéyin shu yerdiki genju uyghur élining kéyinki ewlatliri bilen birliship  ”yugu – yughur - sérigh uyghur“larning  ejdadigha aylan'ghan.
kitik shehrining nami kitap matériyallarda herxil xatirlen'gen. chaghatay uyghur tilidiki tezkire kitaplirida  ”kitik , kétik, kitek, ketek, katak“  digendek xatirlense xelq éghiz edebiyatida kötök, kétek, kötek“ digendek tilgha élinidu. «yuen sulalisi tarixi›› qatarliq xenzuche kitaplarda怯台 dep yézilghan. xoten sak yézighidiki wesiqide  ”kadaka“ , töbütche yadikarliqlarda ”kadag“ dep yézilsa, 982 - yili yézilghan parische «hududul alem›› de KADHAKH dep yézilghan. «tarixi reshidi››ni én'gilizchige terjime qilip neshirge teyyarlighuchilar esli qolyazmida  ”katak“  dep yézilghanlighini emma bashqa bezi qolyazmilarda  ”kanak“  depmu yézilghanlighini yazidu.
shehri kitik tarixta heqiqeten mewjut sheher bulup , uninggha munasiwetlik riwayetler teklimakan'gha hem uyghurlar tarixidiki zor weqe tughluq tömürxanning islam dinigha kirishi bilen munasiwetlik bolghachqa nahayiti keng dairige tarqalghan,  hetta teklimakan yutup ketken her bir sheherning , teklimakanning riwayitige aylan'ghan. shungimu teklimakan boyigha jaylashqan hemme jaydikiler  ”shehri kitik“ ning öz yurtida ikenligini éytidu. emeliyette cheklik eshu tarix matériyallarni tetqiq qilip köridighan bolsaq bu sheher yipek yoli boyida bolmastin yipek yolidin chetrek , emma tarim deryasining ayagh éqini bolghan  ”étek térim“ da (chaqiliq nahiyisi tewesi bulup nahiye baziridin 100kélométir yiraqtiki toqum digen jaydin gherpke isheklik yérim künlük yol), shungimu köpligen tarix kitapliri , sayahetnamilerde bu sheher zikri qilinmighan. tarim deryasining ottura- töwen éqimliri tarixtin buyan  ”sérigh uyghur“ larning makani bulup ularning kéyinki ewlatliri bolghan lopluqlar xuddi bashqa jaylardiki uyghurlargha oxshash millet namini qollinishtin köre yurt namliri bilen bilen özlirini”loptuq“ dep atighan. ular uzun mezgil békik hayat kechürgechke til , örp-adet webashqa jehetlerdin özgiche bir uyghur topini shekillendürgen. lop we kitik , merdek qatarliq sérigh uyghur sheherliri weyran bolghandin kéyin ahalilerning az bir qismi(köchmen charwichi , béliqchi ahale) öz yurtida qélip (bular hazirqi lopluqlarning ejdadi) köller we éqinlarni izlep tépip hayatini saqlap qalghandin bashqa köp sanliq ahale dini étiqadini asas qilip aqsu , kucha, bügür,  pichan,  xotenlergiche köchken bolsa musulman bolmighan ahale sherqqe – duxan terepke köchken, ular hazirmu özlirini sérigh uyghur (saregh yughur , share yughur) dep ataydu. azatliqtin kéyin ularning shinjangdiki uyghurlardin dini étiqat we bashqa jehetlerdin perqlinidighanlighi közde tutulup hemde ularni uyghurlardin perqlendürüsh üchün  ”yugu“  digen nam bérilgen. ularning xelq éghiz edebiyatida chöl- bayawan, tebii apet, qum boran öz izini qaldurghan , ular hazirmu özlirining shinjangdin köchüp barghanlighini éytidu.

(1)(9)a.rahman: «yipek yolidiki epsane- riwayetler›› shinjang xelq neshryati 1985- yil uyghurche, 75- bet
(2)wéy langtaw: «yeken xanlighining tarixidin omumi bayan›› shinjang xelq neshryati 1999- yil,uyghurche neshri, xerite
(3)qazaqistan penler akadimiyisi: «uyghurlar we gherbi yurttiki bashqa türki xelqlerning qisqiche tarixi›› shinjang xelq neshryati, 2000-yil uyghurche neshri 365- bet
(5)(14)«tachibana zuychuning gherpke sayahet xatirisi›› shinjang xelq neshryati 1999- yil xenzuche  neshri 174- bet
(6),(7)  pérzhiwaliski «lop kإlige seper›› shinjang xelq neshryati  1999- til xenzuche neshri 172-bet
(7)(8)«pichan tarix matériyalliri›› 8- qisim 219 - bet
(10) «mewlana ershidin tezkirisi›› sh.u.a.r qedimki eserler ishxanisi, 1994- yil uyghurche,11- bet
(11)« shinjang islam tarixigha ait matériyallar›› 1- toplam , sh.u.a.r ijtimai penler akadimiyisi din tetqiqat orni,1988- yil
(12)(16)«aqsu qedimki kitaplar tetqiqati›› 1986- yil 2- san 93-, 94- betler
(13)q.gh.xalidi «tawarix xemisei sherqi›› 1- tom 110- bet , sh.u.a.r milletler tetqiqat orni basturghan
(15)molla musa sayrami «tarixi hemidi›› 1986- yil milletler neshryati, uyghurche neshri 703-, 704- bet
(17)«bulaq›› 1980- yil 2- san shinjang xelq neshiriyati uyghurche
(18)«uyghur xelq riwayetliri›› shinjang yashlar osmürler neshriyati 1998- yil uyghurche neshri
(19)«shinjang tarix tetqiqati›› xenzuche, 1986- yil 2- san21- bet
(20)«hududul alem›› sh.u.a.r ijtimai penler akadimiyisi ottura asiya tetqiqat orni1983 - yil xenzuche neshri 60- bet
(21)«ibrahim muti ilmiy maqaliliri››  milletler neshiryati 1990- yil , uyghurche 272- bet
(22)(23)(24)«tarixi reshidi—ottura asiya moghullirining tarixi›› shinjang xelq neshriyati 1983- yil xezuche neshri, 1- qisim 3 – bap, 26- bap, 32-bap
(25)(26)«tarixi reshidi—ottura asiya moghullirining tarixi›› 1983- yil shinjang xelq neshryati xenzuche neshri207- bet, 374-bet
(27)«markopoloning sayahet xatirisi›› shinjang xelq neshiryati 1991- yil uyghurche neshri 90-, 91- betler
(28)«shinjang medeniyet yadikarliqliri›› zhornili xenzuche  1990- yil 4- san 85- bet
(29)ibrahim muti «teklimakan etrapidiki qedimki sheherler››,  «shinjang tezkirisi›› uyghurche 1996- yil 1- san 108- bet
(30)«yughur xelq éghiz edebiyatidin tallanma›› 1984- yil milletler neshryati xenzuche neshri
(31)«gherbi diyar tarixigha ait maqalilerdin toplam››  (3-qisim) shinjang xelq neshryati 1990- yil xenzuche neshri
(32)«bulaq›› zhornili 2000- yil uyghurche 5- san7 - bet
(33)molla mir salih kashgheri «chinggizname›› qeshqer uyghur neshryati 1985- yil uyghurche neshri 76- bet




#Article 102: گېرمانىيە (377 words)


 

گېرمانىيە بولسا ياۋروپا جايلاشقان بىر دۆلەت. ئۇنىڭ پايتەختى بولسا بېرلىن، ئەڭ چوڭ شەھرى بولسا بېرلىن. دۆلەت تىلى بولسا نېمىس تىلى. ھازىرقى پرېزىدېنت ھورست كۆھلەر. يەر مەيدانى 357 مىڭ 021 كۇۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 82 مىللىئون 060 مىڭ، بۇلارنىڭ ئاسساسلىك دىنى پروتېستانت دىنى ۋە كاتولىك دىنى.

ئۇ شىمالدا دانىيە ، شەرقتە پولشا ۋە چېخ ، جەنۇبتا ئاۋىستىرىيە ۋە شىۋىتسارىيە ، غەربىي جەنۇبتا فرانسىيە ، غەربتە لىيۇكسېمبۇرگ ، گوللاندىيە بىلەن تۇتىشىدۇ. گېرمانىيە 16 تەركىبلىك شتاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، يەر مەيدانى 357،386 كۋادرات كىلومېتىر ، ئاساسىي جەھەتتىن مۆتىدىل ھاۋارايى بار. 83 مىليون ئاھالىسى بار ، ئۇ ياۋروپادىن كېيىنكى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ياۋروپا دۆلىتى ، ياۋروپادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت ، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت.

گېرمانىيە ئىنتايىن تارقاق دۆلەت. ئۇنىڭ پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ شەھەر بېرلىن ، فىرانكفورت بولسا پۇل-مۇئامىلە پايتەختى بولۇپ ، دۆلەتنىڭ ئەڭ ئاۋات ئايرودرومى بار. ھەر خىل گېرمان قەبىلىلىرى كلاسسىك قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ ھازىرقى گېرمانىيەنىڭ شىمالىدا ياشاپ كەلگەن. مىلادىيە 100-يىلدىن بۇرۇن گېرمانىيە دەپ ئاتىلىدىغان رايون خاتىرىلەنگەن. 10-ئەسىردىن باشلاپ ، گېرمانىيە زېمىنى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مەركىزىي قىسمىنى تەشكىل قىلغان. 16-ئەسىردە ، گېرمانىيەنىڭ شىمالىدىكى رايونلار پروتېستانت ئىسلاھاتىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى. مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن ، گېرمانىيە بىرلەشمىسى 1815-يىلى قۇرۇلغان.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە 1918-1919-يىللىرىدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن ، ئىمپېرىيەنىڭ ئورنىنى پارلامېنت ۋېيمار جۇمھۇرىيىتى ئالدى. ناتسىستلارنىڭ 1933-يىلى ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشى دىكتاتۇرا ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە چوڭ قىرغىنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ياۋروپادا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋە ئىتتىپاقداشلار ئىشغالىيىتى دەۋرىدىن كېيىن ، غەربىي گېرمانىيە ۋە شەرقىي گېرمانىيەدىن ئىبارەت ئىككى يېڭى گېرمانىيە دۆلىتى قۇرۇلدى. 1989-يىلدىكى ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى كوممۇنىزم ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئىنقىلابتىن كېيىن ، بۇ دۆلەت 1990-يىلى 3-ئۆكتەبىر بىرلىككە كەلگەن.

بۈگۈنكى كۈندە ، گېرمانىيە باش مىنىستىر باشچىلىقىدىكى فېدېراتىپ پارلامېنت جۇمھۇرىيىتى. ئۇ كۈچلۈك ئىقتىسادى كۈچلۈك دۆلەت. ئۇ ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە ، نامدىكى ئومۇمىي ئائىلە مەھسۇلاتلىرى بويىچە دۇنيادىكى تۆتىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ، سېتىۋېلىش كۈچى باراۋەرلىكى بىلەن بەشىنچى چوڭ دۆلەت. بىر قانچە سانائەت ۋە تېخنىكا ساھەسىدىكى دۇنياۋى باشلامچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئۇ دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ مال ئېكسپورت قىلغۇچى ۋە ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت.

تۇرمۇش سەۋىيىسى ئىنتايىن يۇقىرى تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئۇ ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئۇنىۋېرسال ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسى ، مۇھىت ئاسراش ۋە ئوقۇش پۇلى يوق ئۇنىۋېرسىتېت مائارىپى بىلەن تەمىنلەيدۇ. گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى 1957-يىلى ياۋروپا ئىقتىسادىي جەمئىيىتىنىڭ ، 1993-يىلى ياۋروپا بىرلەشمىسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى بولغان. ئۇ شېنگېن رايونىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ، 1999-يىلى ياۋرو رايونىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى بولغان.




#Article 103: تىلشۇناسلىق (197 words)


تىلشۇناسلىق تىللارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. بىر تىلشۇناس ئادەتتە مۇئەييەن بىرنەچچە تىللارنى تەتقىق قىلىدۇ، ئەمما ئىلمىي تەتقىقات ئوبيېكتى تىلنىڭ ئومۇمىي خۇسۇسىيىتىنى ئۆگىنىش. تىلشۇناسلار تەتقىق قىلىدىغان سوئاللارنىڭ ئىچىدە:

باشقا پەنلەردەك، تىلشۇناسلىقنىڭ ۋەزىپىسى دۇنيا تۇغرۇلۇق مەلۇمات يىغىش. تىل ھەممە كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدۇ ۋە ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسى بولىدۇ. شۇڭا تىلشۇناسلاردىن ئېلىنغان مەلۇماتلاردا نۇرغۇن ئەمەلىي قوللىنىش بولىدۇ. مەسىلەن:

تىل مۇرەككەپ ھادىسە، شۇڭا تىلشۇناسلىقتا بىرنەچچە بۆلەكلەر بار.

تاۋۇشلارنى تەتقىق قىلىدىغان تارماق. ئۇ تىلنىڭ ئاۋاز تەركىبى ۋە ئاساسىي ئاۋاز جەريانلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. فونېتىكا مۇتەخەسسىسلىرى ئىنسان ئورگانلىرىدىن تاۋۇشلارنىڭ چىقىشى،ئۇلارنىڭ ئاۋاز چىقىرىشى ۋە تاۋۇشلارنىڭ قانداق ھېس قىلىنىشىنى تەتقىق قىلىدۇ.

تىللارنىڭ تاۋۇش سىستېمىلىرىنى تەتقىق قىلىدىىغان تارماق. فونولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى تىلدا تاۋۇشلارنىڭ پەرق قىلىنىشى (مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلىدا «ۈ» ۋە «ۇ» دېگەن تاۋۇشلار پەرق قىلىنىدۇ، لېكىن ئىنگلىز تىلىدا بۇ تاۋۇشلار پەرق قىلىنمايدۇ)، تاۋۇشلارنىڭ قانداق سۆزلەرگە بىرلىشىشى (مەسىلەن ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەرنىڭ بىرىنچى تاۋۇشى «ڭ» بولالمايدۇ، ئەمما ۋېيتنام تىلىدا بولىدۇ) قاتارلىق ئىشلارنى تەتقىق قىلىدۇ.

سۆزلەرنىڭ تۈزۈلمىسىنى تەتقىق قىلىدىغان تارماق. سۆزلەر قانداق كىچىكرەك بۆلەكلەردىن قورۇلىدۇ؟ مەسىلەن، نېمىشقا ئۇيغۇر تىلىدا «يېيىلىدۇ» ۋە «يېيەلەيدۇ» دېگەن سۆزلەر بار، ئەمما «يېيىلەلەيدۇ» دېگەن سۆز يوق؟ 

جۈملىلەرنىڭ تۈزۈلمىسىنى تەتقىق قىلىدىغان تارماق. جۈملە قانداق سۆزلەر بىلەن قۇرۇلىدۇ؟ سىنتاكسىس مۇتەخەسسىسلىرى سۆزلىگۈچىنىڭ قانداق قىلىپ مەلۇم سۆزلەرنى ئىشلىتىپ جۈملىلەرنى ھاسىل قىلىشى، نېمىشقا بىر جۈملىنىڭ كۆپ مەنىسى بولىشى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ.




#Article 104: ئابدۇقادىر داموللا (575 words)


ئابدۇقادىر داموللام ئۇيغۇرلار ئاريسىدىن چىققان مەشھۇر ئىسلام ئالىمى ،ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى.

خەلقپەرۋەر، مەرىپەتچى شائىر ئابدۇقادىر داموللا 1862-يىلى قەشقەر ئاتۇشنىڭ مەشھەت يېزىسىدا تۇغۇلۇپ ،1924-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئابدۇقادىر داموللا بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك يىللىرىنى ئۆز يۇرتىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر ۋە بۇخارا مەدرىسىلىرىدە ئۇزاق مۇددەت ئىلىم تەھسىل قىلغان . ئىلىم - پەن بىلەن خەلقنى ئاقارتىش، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش شۇئارى ئاستىدا بارلىق ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇدرىتىنى مىللىي مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش ، يېڭىچە ئىلىم - پەن ۋھ مەدەنىيەتنى گۈللەندۇرۈشكە سەرپ قىلىپ ،،، ، ، ،  قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلمىي ئەسەرلەرنى ۋە ئىلغار دېموكراتىك خاھىش سىڭدۈرۈلگەن يۇقىرى سەۋىيىلىك شېئىرلارنى يېزىپ قالدۇرغان .

يېتىملارنىڭ غەمگۈزارى 

سوغۇق راسا ئەۋجىگە چىققان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ، ئابدۇقادىر داموللام ھاممام كوچىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ، ھاممامنىڭ (مونچا) ئوچىقى ئەتراپىدا كۈلگە كۆمۈلۈپ ياتقان بىر توپ سەرگەردان بالىلارنى كۆرۈپ قالىدۇ . بۇ بالىلارنىڭ باش - كۆزلىرى كۈل بىلەن بۇلغىنىپ قاپقارا بولۇپ كەتكەن ، ئۆسۈپ - چىگىشلىشىپ كەتكەن چاچلىرى گەدىنىگە چۈشكەن ، يېلىڭ - يىرتىق كىيىملىرىدىن قورايدەك ئورۇق بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ قالغان بولۇپ ، ئۇلار كۈندۈزى ناۋايخانا ۋە ئاشپۇزۇللارنىڭ ئالدىدا تىلەمچىلىك بىلەن قورسىقىنى تويغۇزغاندىن كېيىن ، ئاخشىمى سوغۇقتىن پاناھلىنىش ئۈچۈن مۇشۇ يەردە تۈنەيتتى .

كۆزلىرى قۇمچاقتەك ئويناپ تۇرىدىغان بۇ ئىگە - چاقىسىز نارەسىدىلەرنىڭ ھالىنى كۆرۈپ ، يۈرەك - باغرى ئېزىلگەن داموللام :
_ جېنىم بالىلىرىم ، قەشقەردەك بىر چوڭ شەھەردە ھالىڭلار مۇشۇ كۈنگە قالدىمۇ ؟ يۈرۈڭلار ، مەن سىلەرنىڭ قورسىقىڭلارنى تويغۇزۇپ ، مۇزلىغان بەدىنىڭلارنى ئىسسىتاي ! _ دەپ ، بالىلارنى ئەگەشتۈرۈپ ئەكىتىدۇ . ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئايالى نائىلە خېنىم يېتىم بالىلارنى بۇ ھالدا كۆرۈپ ، كۆز يېشىنى توختىتالماي قالىدۇ ۋە ئانىلىق مېھرى بىلەن ئۇلارنى ئىسسىندۇرۇپ يۇيۇندۇرىدۇ . ئاندىن تاماق تەييارلاپ ، ئېچىرقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزىدۇ . داموللام بۇ باشپاناھسىز بالىلارنى ئۆزى مۇددەرسلىك قىلىدىغان مەدرىسنىڭ بىكار ھۇجرىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن ، ئۆز خىراجىتى بىلەن ئۇلارنى بېقىپ ، ئۆز شاگىرتلىرى قاتارىدا بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ .

بىر مۇنچە تالىپ بالىلار قەشقەر كوچىلىرىدا كىشىلەرگە تەشۋىق ۋەرەقى تارقىتىپ يۈرەتتى . ئۆتكۈنچىلەر يولدىن توختاپ :  ،  دىيىشىپ ، بالىلارنىڭ قولىدىكى قەغەز پارچىلىرىنى يۇلۇۋېلىشاتتى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى خەت ئوقۇيالايدىغانلىرى ھۆسنخەت شەكلىدە دانىمۇ دانە يېزىلغان ۋە كىشىنىڭ دىققەت نەزىرىنى ماگىنىتتەك ئۆزىگە تارتىدىغان مۇنۇ قۇرلارنى ھاياجان بىلەن ئۈنلۈك ئوقۇشاتتى .:  
تەشۋىق ۋەرەقىسىگە يېزىلغىنى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ  ( ئاممىغا نەسىھەت) دىگەن ئەسىرى بولۇپ ، داموللامنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنى بىر نەچچە يۈز نۇسخا كۆچۈرۈپ چىققانىدى . ئابدۇقادىر داموللامنىڭ  گويا قاراڭغۇ روجەكلەردىن بۆسۈپ كىرگەن قۇياش نۇرىدەك خەلق ئاممىسىنىڭ كۆڭۈل قەسىرىنى نۇرلاندۇردى . ئۇلارنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىپ ، كۈرەشچانلىق ئېڭىنى ئۆستۈردى . شۇنىڭ بىلەن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ باشچىلىقىدا چەتئەل جاھانگىر كۈچلىرىنىڭ مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى خەلق كۈرىشىنىڭ يېڭى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى .

 

بۇ _ چەتئەل تاجاۋۇزچى كۈچلىرى ، مۇتەئەسىپ روھانىيلار ۋە ئەكسىيەتچى ھۆكۈمران دائىرىلىرى بىرلىكتە پىلانلىغان رەزىل سۇيقەستنىڭ ئۇلارغا ياللانغان ئىت يۈرەك خائىن تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئىدى . بۇ شۇم خەۋەر بىر پەستىلا شەھەر - يېزىلارغا پۇر كەتتى . قەشقەردىكى مۇددەرس - ئالىملار ، ياش تالىپلار ، ھۇنەرۋەن -كاسىپلار ۋە يېقىن ئەتراپتىكى يېزىلاردىن كىرگەن دېھقانلار ۋە يېتىم - يېسىرلارنىڭ ھەممىسى چەكسىز قايغۇ - ھەسرەتكە چۆكتى .خەلقنىڭ يىغا - زارى ئاسمان - پەلەككە كۆتۈرۈلدى . ھېيتگاھ مەيدانى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى .پۈتۈن ئەل- يۇرت مەرىپەت ئاسمىنىدىن بىۋاقىت ئېقىپ كەتكەن بۇ يولچى يۇلتۇز( قۇتۇپ يۇلتۇزى) غا ماتەم بىلدۇردى !.......

خەلق ئاممىسى ئۆزلىرىنىڭ بۇ دانىشمەن ئالىمىنى يادلاپ ، ئۇنىڭ شەنىگە مۇنداق قوشاقلارنى توقۇپ چىقاردى :

تاغۇ تاشلار تەۋرىنىپ ،

قاتتىق چاقماق چاققانمۇ ؟

تۈمەن دەريا سۇلىرى
 
بۇگۈن تەتۈر ئاققانمۇ؟ 

ئاي تۇتۇلماس دەپتىمىز ،

كۈن تۇتۇلماس دەپتىمىز .

داموللامغا دەيۈزلەر
 
قەست قىلالماس دەپتىمىز .

داموللام شېھىت بولدى ،

ياتار جايى بېھىش بولدى .

داموللامغا قەشقەرلىك 

كۆپ يىغلاپ بىھۇش بولدى.....

بۇ قوشاقلار مەيدانغا كېلىپ ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا قۇشتەك قانات چىقىرىپ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا كەڭ تارقىلىپ كەتتى .




#Article 105: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر (419 words)


ئۇيغۇر بۇگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ يارقىن نامايەندىلىرىدىن، يىرىك شائىر ۋە يازغۇچى مول نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىستىداتلىق مەرھۇم ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923- يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇراھال تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۆز ئاتا- ئانىسىدىن كىچىكىدىلا ئايرىلىپ، يېتىم قالغان. دادىسى تىلەش بېگىم ئارتۇش تىجەنلىك كىشى بولۇپ، ئالەمدىن ئۆتەر چېغىدا، ئەمدىلا تۆرت ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىمنى قۇمۇل مۆتىۋەرلىرىدىن بولغان دوستى ئوسمان ھاجىغا ئوغۇللۇققا بېرىۋەتكەن. ئوسمان ھاجىم كۆپنى كۆرگەن، ئوقۇمۇشلۇق، تەرەققىيپەرۋەر كىشى ئىدى. ئۇ ئۆمۈر بويى پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن بولغاچقا، ئابدۇرېھىمنى ئىنتايىن ئارزۇلاپ ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىگەن. ئۇنى ئۆزى ئوقۇتۇپ خەت-ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن، دىنىي مەكتەپكە بەرگەن. دىنىي مەكتەپتە دەرسلىك قىلىنغان كلاسسىك ئەسەرلەر ئىچىدە «سوڧى ئاللايار» دېگەن كىتاب تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك، ئاممىباب، گۈزەل، تەسىرلىك بولۇشى ۋە ۋەزنىنىڭ جاراڭلىقلىقى بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئۆزىگە مەڧتۇن قىلىۋالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىككى مىڭ مىسرادىن ئارتۇق شېئىردىن تۈزۈلگەن بۇ كىتابنىڭ كۆپ قىسمىنى يادىلاپ بولغان. 

قىزىل ئارمىيە تۈركىستان ھۇدۇدىغا داخىل بولغاندىن كېيىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر خېلى بىر مەزگىل ئاساسەن تەرجىمانلىق، كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن، جۈملىدىن چەتئەل تىللىرى ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللانغا ن بولسىمۇ، ئەدەبىي ئىجادىيەتنى توختىتىپ قويمىغان ئىدى. لېكىن شۇ چاغلاردا ئۇ سولچىللىقنىڭ كاساپىتى بىلەن مەتبۇئات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان. پەقەت ج ك پ 11-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىنلا قايتىدىن ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە ئېرىشكەن.
ئۇ قىسقىغىنا بىر نەچچە يىل ئىچىدە «ياخشى» ، «كېرەك بولسا»، «ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس»، «بوغدا ئانام»، «مەن ئاق بايراق ئەمەس»، «قەشقەر كېچىسى»، «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»، «گۈل ۋە ئازغان» قاتارلىق شېئىر، داستان ۋە باللادالارنى، «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» رومانلىرىنى ئېلان قىلىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى تولۇق نامايان قىلغان ئىدى. 
ئەپسۇسكى بۇ ھارماس قەلەمكەش، ئىستىداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم تىلەشوۋ ئۆتكۈر 1995-يىلى 10-ئايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خەيرىلەشتى.

كۈچلىك رېئالىزملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985- يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان «ئىز»نى ئېلان قىلغاندىن كىيىن، كىتابخانلارنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، يىڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلغان چولپان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى-ئاخىر «قەشقەر كېچىسى»،«ئىز»، «ئۆمۈرمەنزىللىرى»، «ئويغانغان زېمىن» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىندى.
ئۇنىڭ يەنە «شېئىر ۋە شائىر»، «تۇرپان تەسىراتلىرى»، «قەشقەر كېچىسى» ، «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك» قاتارلىق شېئىر ۋە داستانلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، «شېئرىيەت»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «غەربىي دىيار ئەدەبىياتى» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى.

كىتابلار

ماقالىلەر
ئۇيغۇر شىئېرىيىتىدىكى ئارۇز ۋەزىنى ھەققىدە، شىنجاڭ سەنئىتى (ئۇيغۇرچە)، 1980- يىلى 7-8- سانلار
قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەككىلىنىشى ۋە تەرەققىياتى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى 1982- يىلى 2- سان سان
ئۇيغۇر قەدىمكى زامان ئەدەبىياتىدىكى بەئزى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە، شىنجاڭ سەنئىتى (ئۇيغۇرچە)، 1981- 8- سان
ئۇيغۇر شىئېرىيىتىدىكى روبائىي ھەققىدە، شىنجاڭ سەنئىتى (ئۇيغۇرچە)، 1981- 8- سان

 




#Article 106: مەسىھچىلىك (1157 words)


 

خىرىستىئان دىنى ناسىرەلىك ئەيسا نىڭ ھاياتى ۋە تەلىماتلىرىنى ئاساس قىلغان ئىبراھىم دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان دىن. ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى خىرىستىيان دەپ ئاتالغان ، ئەيسا مەسىھ مەسىھ دەپ قارايدۇ ، ئۇنىڭ مەسىھ سۈپىتىدە كېلىشى ئىبرانىي تىلىدىكى ئىنجىلدا ئالدىن ئېيتىلغان ، خىرىستىئان دىنىدا كونا ئەھدە دەپ ئاتالغان ۋە يېڭى ئەھدە دا خاتىرىلەنگەن. 
خىرىستىئان دىنى 1-ئەسىردە رىمنىڭ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە ئىككىنچى ئىبادەتخانا يەھۇدى مەزھىپى سۈپىتىدە باشلانغان. ئەيسانىڭ ئەلچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى دەسلەپكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بولسىمۇ ، سۈرىيە ، لېۋانت ، ياۋروپا ، ئانادولۇ ، مېسوپوتامىييە ، ترانكاۋكازىيە ، مىسىر ۋە ئېفىيوپىيە قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەھۇدىيلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىدىن ئايرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نازۇك خۇدادىن قورققۇچىلارنى جەلپ قىلدى ، مىلادىيە 70-يىلى ئېرۇسالىم يىقىلغاندىن كېيىن ، بۇتخانىنى ئاساس قىلغان يەھۇدىي دىنىنى ئاخىرلاشتۇردى ، خىرىستىئان دىنى ئاستا-ئاستا يەھۇدىي دىنىدىن ئايرىلدى. ئىمپېراتور كونستانتىن مىلان پەرمانى (313) بىلەن رىم ئىمپېرىيىسىدىكى خىرىستىيان دىنىنى قانۇنسىزلاشتۇردى ، كېيىن نىكايا كېڭىشىنى (325) چاقىردى ، دەسلەپكى خىرىستىيان دىنى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ دۆلەت چېركاۋىغا ئايلىنىدۇ (380). كونستانتىن ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى خىرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلغان (337).

دەسلەپكى چېركاۋ چوڭ زىددىيەتلەر يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى بىرلىككە كەلگەن چېركاۋ ئىدى. ئەفەس كېڭىشى (431) ۋە شەرق پراۋۇسلاۋىيە خىرىستىيان دىنىدىكى ئوخشىماسلىق سەۋەبىدىن چالكېدون كېڭىشى (451) دىن كېيىن بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن ، شەرق چېركاۋى پارچىلىنىپ كەتتى ، شەرقىي پراۋۇسلاۋىيە چېركاۋى بىلەن كاتولىك چېركاۋى شەرق-غەرب شىزىمدا ئايرىلدى (1054) بولۇپمۇ رىم ئېپىسكوپىنىڭ ھوقۇقى ئۈستىدىن.
ئوخشاشلا ، پروتېستانت دىنى ئىسلاھات دەۋرىدىكى (16-ئەسىر) لاتىن كاتولىك چېركاۋىنىڭ ئىلاھىيەت ۋە چېركاۋ ماجىرالىرى سەۋەبىدىن نۇرغۇن مەزھەپلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ ، كۆپىنچىسى ئاقلاش ۋە رىم ئېپىسكوپىنىڭ ئەۋزەللىكى مەسىلىسىدە. بايقاش دەۋرىدىن كېيىن (15-ئەسىردىن 17-ئەسىرگىچە) خىرىستىيان دىنى مىسسىيونېرلىق خىزمىتى ئارقىلىق ئامېرىكا قىتئەسى ، ئوكيانىيە ، سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا تارقالغان. 

خىرىستىئان دىنى غەرب ۋە شەرق تارماقلىرىدا ، شۇنداقلا ھەققانىيلىق ۋە نىجاتلىقنىڭ ماھىيىتى ، چېركاۋ ، بۇيرۇق ۋە خىرىستىيان دىنىغا ئائىت تەلىماتلىرىدا مەدەنىيەت جەھەتتە كۆپ خىللاشقان. خىرىستىيان دىنىنىڭ تۆت چوڭ تارمىقى كاتولىك چېركاۋى (1 مىليارد 300 مىليون / 50.1%) ، پروتېستانت دىنى (920 مىليون /% 36.7) ، شەرقىي پراۋۇسلاۋىيە چېركاۋى (260 مىليون) ۋە شەرق پراۋۇسلاۋىيە (86 مىليون / ھەر ئىككىسى% 11.9). ئىتتىپاقلىق ئۈچۈن تىرىشىش. . ئۇلارنىڭ ئەقىدىسى ئادەتتە ئەيسا مەسىھنى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىغان بولۇپ ، ئۇ كرېستكە مىخلانغان ، ئازابلانغان ۋە كرېستكە مىخلانغان ، ئەمما ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىلگەن. ئىنجىلدا (مۇقەددەس كىتاب) «خۇش خەۋەر» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئىنجىل دەپ ئاتىلىدۇ. ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە تەلىماتلىرىنى تەسۋىرلەش مەتبۇئات ، مارك ، لۇك ۋە يۇھاننانىڭ يەھۇدىيلارنىڭ كونا ئەھدىسى بىلەن يېزىلغان تۆت خىل ئىنجىلنى ئىنجىلنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئارقا كۆرۈنۈشى دەپ تەسۋىرلىگەن.

خىرىستىئان دىنى ۋە خىرىستىيان ئەخلاقى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا گەۋدىلىك رول ئوينىدى.  غەربتە چىڭ تۇرۇش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ ، خىرىستىئان دىنى بۇ رايوندىكى ئاساسلىق دىن بولۇپ ، تەخمىنەن% 70 ئاھالە خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.   دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ قىتئە بولغان ئافرىقا ۋە ئاسىيادا خىرىستىيان دىنى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. . خىرىستىيانلار دۇنيادىكى ئەڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دىنىي گۇرۇپپا ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق ، شىمالىي ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادا. 

دەسلەپكى يەھۇدىي خىرىستىيانلىرى ئۆزىنى «يول» (της οδου) دەپ ئاتىغان ، بەلكىم يەشايا 40: 3 دىن كەلگەن ، «رەببىمىزنىڭ يولىنى تەييارلاڭ».  ئەلچىلەر 11: 26 گە ئاساسلانغاندا ، «خىرىستىيان» (گرېكچە: Χριστιανός) دېگەن سۆز تۇنجى قېتىم ئانتاكيادىكى يەھۇدىي ئەمەس يەھۇدىيلار تەرىپىدىن «مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى» مەنىسىدىكى ئانتاكيا شەھىرىدىكى ئەيسا شاگىرتلىرىنى تىلغا ئالغان.  «خىرىستىئان دىنى» (گرېكچە: Χριστιανισμός) ئاتالغۇسىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى خاتىرىلىنىشى مىلادىيە 100-يىللىرى ئەتراپىدا ئانتاكيالىق Ignatius تەرىپىدىن يېزىلغان. 

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خىرىستىيانلار ئاساسىي ئەقىدىلەرنى ئورتاقلاشسىمۇ ، ئىنجىل ۋە خىرىستىئان دىنىنى ئاساس قىلغان مۇقەددەس ئەنئەنىلەرگە بولغان چۈشەنچە ۋە كۆز قاراشلارمۇ ئوخشىمايدۇ.

ئىخچام تەلىمات بايانلىرى ياكى دىنىي ئېتىقادنىڭ ئىقرارلىرى ئەقىدە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار سۇغا چۆمۈلدۈرۈش فورمۇلاسى سۈپىتىدە باشلانغان ۋە كېيىن 4- ۋە 5-ئەسىردىكى خىرىستىيان دىنى تالاش-تارتىشلىرى جەريانىدا كېڭىيىپ ، ئېتىقادنىڭ بايانلىرىغا ئايلانغان.

ئەلچىلەر ئەقىدىسى خىرىستىيان ئېتىقادى ماقالىلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلىنغان باياناتى. ئۇ بىر قاتار خىرىستىيان دىنىنىڭ مەزھەپلىرى ۋە كاتولىك دىنى مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ ، ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغىنى غەرب خىرىستىيان ئەنئەنىسىنىڭ كاتولىك چېركاۋى لاتىن چېركاۋى ، لۇتېر دىنى ، ئانگېلانىزىم ۋە غەربنىڭ ئۆرپ-ئادەت پراۋۇسلاۋىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنى پرېسبېرىئانلار ، ئۇسۇلچىلار ۋە جامائەتچىلەرمۇ ئىشلىتىدۇ. بۇ ئالاھىدە ئەقىدە 2-ئەسىردىن 9-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭ مەركىزىي تەلىماتلىرى ئۈچ ئىلاھ ۋە ياراتقۇچى خۇدادۇر. بۇ ئەقىدەدە بايقالغان ھەر بىر تەلىماتنى ئەلچىلىك دەۋرىدىكى بايانلاردىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ.

ئۇنىڭ نۇقتىلىرى:

نىكېن ئەقىدىسى ئاساسلىقى ئارىيان دىنىغا جاۋابەن ، 325 ۋە 381-يىللىرى نىكايا ۋە كونستانتىنوپول كېڭىشىدە تۈزۈلگەن ۋە 431-يىلى ئەفەس بىرىنچى كېڭىشى تەرىپىدىن خىرىستىيان دىنىنىڭ دۇنياۋى ئەقىدىسى دەپ تەستىقلانغان.  451-يىلى چالكېدون كېڭىشىدە تەرەققىي قىلغان چالكېدونىيە ئېنىقلىمىسى ياكى ئەقىدىسى ، گەرچە شەرق پراۋۇسلاۋىيە تەرىپىدىن رەت قىلىنغان بولسىمۇ ، مەسىھكە «ئىككى تەبىئەتتە ئېتىراپ قىلىنىشنى ، ئاساسسىز ، ئۆزگەرمەس ، ئايرىلماس ، ئايرىلماس» دەپ ئۆگەتكەن: بىرى ئىلاھىي ۋە بىر ئىنسان ، ھەمدە ھەر ئىككى تەبىئەت گەرچە ئۆزىدە مۇكەممەل بولسىمۇ ، ئەمما ئوخشاشلا مۇكەممەل بىر ئادەمگە مۇجەسسەملەنگەن. 

كۆپىنچە خىرىستىيانلار (كاتولىك ، شەرق پراۋۇسلاۋىيە ، شەرق پراۋۇسلاۋىيە ۋە پروتېستانتلار ئوخشاشلا) ئەقىدە ئىشلىتىشنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە كەم دېگەندە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەقىدىلەرگە مۇشتەرى بولىدۇ.  
نۇرغۇنلىغان خۇش خەۋەرچى پروتېستانتلار ئەقىدىنىڭ بەزى ماددىلىرى ياكى ھەممىسىگە قوشۇلغان تەقدىردىمۇ ، ئەقىدىلەرنى ئىماننىڭ ئېنىق بايانلىرى سۈپىتىدە رەت قىلىدۇ. كۆپىنچە چۆمۈلدۈرگۈچىلەر «ئۆز-ئارا چەكلەش كۈچىگە ئىگە ئېتىقادنى ئېتىراپ قىلىشنى مەقسەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن» ئەقىدىلەرنى ئىشلەتمەيدۇ. 

خىرىستىئان دىنىنىڭ مەركىزى پرىنسىپى ئەيساغا خۇدانىڭ ئوغلى ۋە مەسىھ (مەسىھ) دەپ ئىشىنىش. خىرىستىيانلار ئەيسا مەسىھنىڭ مەسىھ بولۇش سۈپىتى بىلەن خۇدا تەرىپىدىن ئىنسانىيەتنىڭ نىجاتكارى سۈپىتىدە مەسىھ قىلىنغانلىقىغا ئىشىنىدۇ ۋە ئەيسانىڭ كېلىشىنىڭ كونا ئەھدىدىكى مەسىھنىڭ بېشارەتلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. خىرىستىيانلارنىڭ مەسىھ ئۇقۇمى ھازىرقى يەھۇدىي ئۇقۇمىدىن كۆرۈنەرلىك پەرقلىنىدۇ. خىرىستىيان دىنىنىڭ يادرولۇق ئېتىقادى شۇكى ، ئەيسانىڭ ئۆلۈمى ۋە تىرىلىشىگە ئىشىنىش ۋە قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ، گۇناھكار ئىنسانلار خۇدا بىلەن يارىشىپ ، شۇ ئارقىلىق نىجاتلىق ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ ۋەدىسىنى بېرىدۇ. 

خىرىستىيان تارىخىنىڭ دەسلەپكى ئەسىرلىرىدە ئەيسانىڭ ماھىيىتى ھەققىدە نۇرغۇن ئىلاھىي تالاش-تارتىشلار بولغان بولسىمۇ ، ئادەتتە ، خىرىستىيانلار ئەيسانى تەڭرىنىڭ ئوبرازى ۋە «ھەقىقىي خۇدا ۋە ھەقىقىي ئادەم» (ياكى پۈتۈنلەي ئىلاھىي ۋە تولۇق ئىنسان) دەپ قارايدۇ. ئەيسا تولۇق ئىنسان بولۇپ ، ئىنساننىڭ ئازابى ۋە ئېزىقتۇرۇشىغا دۇچار بولدى ، ئەمما گۇناھ قىلمىدى. تولۇق خۇدا بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئۇ قايتا تىرىلدى. يېڭى ئەھدىگە ئاساسلانغاندا ، ئۇ ئۆلۈكلەردىن تىرىلىپ ، جەننەتكە كۆتۈرۈلگەن ، ئاتىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغان ، ئاخىرىدا قايتىپ كېلىپ ، مەسىھنىڭ ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىشى ، ئاخىرقى قىيامەت قاتارلىق باشقا بېشارەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ھەمدە خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ ئاخىرقى ئورنىتىلىشى. 

مەتتا ۋە لۇقانىڭ ئىنجىلدىكى ئىنجىللىرىغا ئاساسلانغاندا ، ئەيسا مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ھامىلىدار بولۇپ ، مەريەم مەريەمدىن تۇغۇلغان. ئەيسا مەسىھنىڭ بالىلىق دەۋرى ئاز بولمىغان ئىنجىللاردا خاتىرىلەنگەن ، گەرچە بوۋاقلار ئىنجىللىرى قەدىمكى دەۋرلەردە ئومۇملاشقان. سېلىشتۇرۇشقا سېلىشتۇرغاندا ، ئۇنىڭ قۇرامىغا يەتكەنلىكى ، بولۇپمۇ ۋاپات بولۇشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن ، يېڭى ئەھدە ئىچىدىكى ئىنجىللاردا ياخشى خاتىرىلەنگەن ، چۈنكى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسمى ئەڭ مۇھىم دەپ قارىلىدۇ. ئەيسانىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىنجىلدىكى خاتىرىلەر: ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشى ، مۆجىزىلىرى ، ۋەز-نەسىھەتلىرى ، تەلىماتلىرى ۋە ئەمەللىرى.

خىرىستىئان دىنى باشقا دىنلارغا ئوخشاش ئەقىدىلىرى بار ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى ۋە ئىنجىلنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئوخشىمايدۇ. خىرىستىئان دىنى ئىنجىلدىكى قانۇن ، كونا ئەھدە ۋە يېڭى ئەھدىلەرنى ئاللاھنىڭ ئىلھاملانغان سۆزى دەپ قارايدۇ. ئەنئەنىۋى ئىلھام كۆز قارىشى شۇكى ، خۇدا ئىنسان ئاپتورلىرى ئارقىلىق ئىشلىگەن ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقارغانلىرى تەڭرىنىڭ ئالاقىلىشىشنى ئارزۇ قىلغان. 2 تىموتىي 3: 16 دىكى ئىلھامنى كۆرسىتىدىغان گرېتسىيە سۆزى theopneustos بولۇپ ، مەنىسى «خۇدادىن نەپەس ئالغان» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. .

بەزىلەر ئىلاھىي ئىلھام بىزنىڭ ھازىرقى ئىنجىللىرىمىزنى توغرا ئەمەس دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر ئىنجىلنىڭ ئەسلى قوليازمىلىرىدا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنە بەزىلەر پەقەت مەلۇم بىر تەرجىمىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ساقلاپ قالىدۇ. زىچ مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر قاراش ئىنجىلنىڭ خاتالىقى ياكى چەكلىمىسىزلىكى بولۇپ ، ئۇ ئىنجىلنىڭ نىجات تېپىشنىڭ يېتەكچىسى سۈپىتىدە خاتالىق يوقلىقىنى ئىسپاتلايدۇ ، ئەمما تارىخ ، جۇغراپىيە ياكى ئىلىم-پەن قاتارلىق مەسىلىلەردە خاتالىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.




#Article 107: ئۇيغۇر تىلى (2162 words)


 

ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېيتقان بىر تۈركىي تىلى. ئۇ ئۇزاق ئەسىرلىك تەرەققىيات داۋامىدا قەدىمكى تۈركىي تىللار دەۋرى، ئورخۇن ئۇيغۇر تىلى دەۋرى، ئىدىقۇت-خاقانىيە ئۇيغۇر تىلى دەۋرى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرىنى بېسىپ ئۆتكەن. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر تىلى ئورخۇن-يېنسەي يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، بىراخما يېزىقى، مانى يېزىقى، ، ئەرەب يېزىقى قاتارلىق يېزىقلار بىلەن خاتىرىلەنگەن (بەئزى يېزىقلار ئومۇميۈزلۈك، بەزى يېزىقلار قىسمەن قوللىنىلغان)، شۇنداقلا سانسىكرىتچە، ساكچە، تۇخارچە،  سوغدچە، ئەرەبچە، پارسچە، موڭغۇلچە، خىتايچە قاتارلىق نۇرغۇرن تىللار بىلەن ئۇچرىشىپ ھەم ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشكەن ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرىگە كىرگەن.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىن باشلاپ ئاۋۋال چەتئەللىك ئالىملار، ئاندىن ئېلىمىز ئالىملىرى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان. بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئاساسەن ئەنئەنىۋى تىلشۇناسلىق بويىچە، قوشۇمچە قۇرۇلمىچىلىق تىلشۇناسلىقى، ئايلاندۇرما-تۇغدۇرما تىلشۇناسلىقى قاتارلىق نەزەرىيىلەر بويىچە تەتقىق قىلىنىپ، خېلى سىستېمىلىق تەسۋىرلەنگەن ھەم ئايشەم شەمىيېۋا، ئەمىر نەجىپ، غۇجىئەھمەد سەيدىۋاقاسوف، ئىبراھىم مۇتىئى، ئىمىن تۇرسۇن، خەمىت تۆمۈر، مىرسۇلتان ئوسمانوف، تۇردى ئەھمەد، نەسرۇللا يولبۇلدى، ئەنسەردىن مۇسا قاتارلىق تىلشۇناسلىرىمىز ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد تىلچىلىرىمىزنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەرگە، مېتودلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەسەرلىرى مەيدانغا كېلىپ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ياكى (چىن)نىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي قىسىملىرى، ئۆزبەكىستان جۇمھۇرىيىتى،پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە بەئزى يېقىن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بەئزى مىللەتلەر تەرىپىدىن ئاغىزاكى ۋە يازما تىلىدا قوللىنىلىدۇ.

ج خ ج تېرىتورىيىسى ئىچىدە ياشىغۇچى غەيرى رەسمىي سانلىق مەئلۇماتلارغا كۆرە 18 مىليون ئۇيغۇر ۋە ئاھالىي نوپۇسى ئېنىق بولمىغان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپادا ياشىغۇچى باشقا ئۇيغۇرلار.

ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى، تۈركىي تىللار ئائىلىسى، شەرقىي تۈرك تىلى تارمىقى، ئۇيغۇر-قارلۇق تىلى توپلىمى ،ئۇيغۇر تىلى بولۇپ تۈركىي تىللاردىن ئۆزبەك تىلى ئەڭ يېقىن تىل بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئىككىلىسى چاغاتاي تۈركچىسىنىڭ ۋارىسلىرى بولۇپ بەزى ئالىملار تەرىپىدىن ئەينەن بىر تىل دەپ قارىلىدۇ.

چوڭ جەھەتتىن مەركىزىي دېئالىكىت، خوتەن دېئالىكتى ۋە لوپنۇر دېئالىكتى قاتارلىق ئۈچ ۋارىيانتى بار. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى تەۋەسىدە بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئاساسلىق مەركىزىي دىئالىكىتتىن مەنبە ئالىدۇ. كىتابىي تىل ياكى يېزىق تىلى ئاغزاكىي تىل ياكى خەلق تىلى بىلەن ئاساسەن يېقىن ياكى بىر ئاز پەرىقلىق، خالاس. مەتبۇئات، خەت -چەك ئالاقە، كىنۇ - فىلىم، سەھنە ياكى ئۇچۇر-ئاخباراتلاردا ئەدەبىي تىل قوللىنىلىدۇ ۋە قوللىنىلىشى شەرت.ئەرەب ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى قانۇنىي يېزىق بولۇپ،ئۆزگەرتىش ياكى قىسقارتىپ يېزىشقا بولمايدۇ.
مەركىزىي دېئالىكىت: ئۈرۈمچى، تۇرپان، قۇمۇل،غۇلجا،ئاقسۇ،ئاتۇش،قەشقەر، گۇما، كورلا شىۋىلىرى

خوتەن دېئالىكتى: خوتەن شىۋىسى

لوپنۇر دېئالىكتى: لوپنۇر شىۋىسى

ئۇيغۇرلار تارىختا قاچاندىن باشلاپ يېزىق قوللىنىشقا باشلىغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق. ئۆزبەكىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق تېرىتورىيىلەردە سىلاۋيان يېزىقىدا، تۈركىيە ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىدە تۈرك يېزىقىدا، جۇڭگو/چىن مەملىكىتىدە ئەرەب يېزىقى، لاتىن يېزىقى ۋە خەنزۇچە/خىتايچە/چىنچە يېزىقلاردا خاتىرىلىنىدۇ. تىلشۇناسلار كۆپىنچە ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا خاتىرىلىنىدىغان ئۇيغۇر يېزىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى پەقەت تور قاتارلىق بەئزى ساھەلەردە ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىغا يانداش قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئۆتمۈشتىن بۇيان يېزىق قوللىنىپ كەلگەن ئەڭ قەدىمىي خەلقلەردىن بىرى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 13 خىل يېزىق ئالماشتۇرۇش ۋە ئىسلاھ قىلىش تارىخىنى باشتىن كەچۈرگەن. قەدىمدىن ھازىرغىچە ئىشلىتىلگەن يېزىقلار:

ھازىرقى رەسمى ئىشلىتىلىۋاتقان يېزىق: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى

ئۇيغۇر تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىلىشى
 

تىنىش بەلگىلىرى – ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئوي- پىكىرنى توغرا، تولۇق ئىپادىلەش ئۈچۈن يېزىق تىلىدا يېزىقنىڭ قوشۇمچە ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بەلگىلەردۇر. ئۇ يېزىق تەرەققىياتىنىڭ مەلۇم باسقۇچىدا تەدرىجىي مەيدانغا كەلگەن ھەم تىل ۋە تەپەككۇرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىپ، مۇكەممەللىشىپ، ئۆزىنىڭ بىر پۈتۈن سىستېمىسىنى تەشكىل قىلغان.

ئۇيغۇر تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرىنىڭ تەرەققىياتىمۇ مۇشۇنداق تەرەققىيات جەريانىدىن مۇستەسنا ئەمەس.ئالايلى، ئورقۇن يېزىق يادىكارلىقلىرىدا جۈملىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان قوش چېكىت (:) تىن باشقا تىنىش بەلگىسى ئۇچرىمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر يېزىقىدا دۇنيادىكى ھەرقايسى يېزىقلاردا قوللىنىلىدىغانبەلگىلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشايدىغان 12 خىل تىنىش بەلگىسى قوللىنىلىدىغان بولدى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكى ئۆزىگە خاس بىر قىسىم تىنىش بەلگىلىرىنى شەرت قىلىدىغان بولغاچقا، باشقا يېزىقلارنىڭ تىنىش بەلگىلىرىدىن مەلۇم جەھەتتە پەرقلىنىدۇ. ئالايلى، كۆپ چېكىت خەنزۇچىدا (......) بىلەن ئىپادىلەنسە، ئۇيغۇرچىدا (...) بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ، يەنى خەنزۇچىدا چېكىتنىڭ سانى ئالتە، ئۇيغۇرچىدا بولسا ئۈچ. خەنزۇچىدا قوش پەش (” “) قوللىنىلسا، ئۇيغۇرچىدا پەقەت قوش تىرناق («»)لا قوللىنىلىدىغان بولۇپ قېلىپلاشتۇرۇلدى. ئەپسۇسكى، ھازىر بەزى نەشرىيات ۋە مەتبۇئات ئورۇنلىرى ھەم شەخسلەر يۇقىرىقى تىنىش بەلگىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ قوللىنىپ، تىنىش بەلگىلىرىنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كومپيۇتېرنىڭ تېز ئومۇملىشىشى، ئۇيغۇر تىلىدىكى كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ ھەر خىل بولۇشى، ئىقتىدارىنىڭ تەكشىسىزلىكى تىنىش بەلگىلىرىنىڭ قوللىنىلىشىدا بەزى ئوخشىماسلىقلارنى، ھەتتا بەزى قالايمىقانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

تىنىش بەلگىلىرى يېزىق تىلىدىكى ئالاقە ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن ۋە يېزىقنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان بولغاچقا، ئۇنىڭ بىرلىككە كېلىپ تۇراقلىشىشى ۋە ئىشلىتىلىشى خۇددى يېزىقنىڭ قوللىنىلىشى قائىدىلىك بولغىنىغا ئوخشاشلا قائىدە- قانۇنىيەتلىك بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، ئۇ ئۆزىنىڭ قوشۇمچە ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ، ئومۇمىي خەلق تەرىپىدىن ئورتاق ئېتىراپ قىلىنىپ، مۇئەييەن ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولالايدۇ. تىلدا تىنىش بەلگىلىرىنى قوللىنىش، بىر جەھەتتىن ئالغاندا، ئىلمىي مەسىلە؛ يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، ئادەت مەسىلىسى. ئادەت مەسىلىسىنى بىر يولىلا ئۆزگەرتىش، بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر سىستېمىغا سېلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. لېكىن تىلىمىزنى ھازىرقى تەرەققىيات قەدىمىگە ماس ھالدا ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، ھازىرقى ئۈچ مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىمىزدا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ئۇنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش نۇقتىسىدىن ئالغاندا، تىنىش بەلگىلىرىنىڭ بىر سىستېمىغا چۈشۈرۈلۈشى، ئىلمىي ئاساستا بېكىتىلىشى ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

سىنتاكسىسلىق پرىنسىپ – مەلۇم بىر تىنىش بەلگىسىنىڭ قويۇلۇش- قويۇلماسلىقىنى سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ بەلگىلەش، يەنى جانلىق تىلدىكى تىنىشنىڭ قۇرۇلما بىلەن مەنە جەھەتتە مۇناسىۋىتى بار ياكى يوقلۇقىغا قاراپ بەلگىلەش پرىنسىپىدۇر. ئەمەلىيەتتە، جۈملە قۇرۇلمىسى شۇ جۈملىدىكى تىنىشنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى، تىنىش بەلگىسىنىڭ ھاجەت ياكى ھاجەت ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. مەنە پرىنسىپى – مەلۇم سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىنىڭ ياكى مەلۇم سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىدا كەلگەن ئايرىم سۆز- ئىبارىلەرنىڭ مەنە ۋە رول جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆزدە تۇتۇشقا قارىتىلغان. بۇنىڭدىن باشقا «ئىنتوناتسىيە (پۈتۈن بىر سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىنىڭ تەلەپپۇزدىكى ئالاھىدىلىكى) پرىنسىپى» دېگەن پرىنسىپنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئوخشاش بىر قۇرۇلمىدىكى جۈملىنىڭ ھەر خىل ئىنتوناتسىيىدە تەلەپپۇز قىلىنىشى نەتىجىسىدە قۇرۇلمىنىڭ ئىپادىلىگەن مەنىسىدە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن:

بازارغا باردىم. (بايان ئىنتوناتسىيە، بايان جۈملە)

بازارغا باردىم؟ (سوئال ئىنتوناتسىيە، سوئال جۈملە)

ئىنتوناتسىيە پۈتۈن بىر جۈملە قۇرۇلمىسى بىلەن ئالاقىدار ھادىسە. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ھەرقانداق جۈملە قۇرۇلمىسىنىڭ ئىنتوناتسىيىسى بايان، سوئال، تەنە، ئۈندەش ياكى چاقىرىق قاتارلىق بىرنەچچە خىلدىن ھالقىپ كەتمەيدۇ. بۇنداق ھادىسە يالغۇز ئۇيغۇر تىلىدىلا مەۋجۇت بولۇپ قالماستىن، باشقا تىللارغىمۇ ئورتاق بولغان ھادىسە. نۇتۇق مەلۇم سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىغا ئاساسلىنىدۇ. شۇڭا ئىنتوناتسىيە مەلۇم سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىنىڭ نۇتۇقتىكى ئەمەلىي ئىپادىسى. مەلۇم بىر سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىغا ئاساسلانمىغان نۇتۇق ۋە ئىنتوناتسىيىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ئىنتوناتسىيە پەقەت مەلۇم سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىنىڭ نۇتۇقتىكى تەركىبىي قىسمى، خالاس.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا قوللىنىلىۋاتقان تىنىش بەلگىلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

تىنىش بەلگىلىرى گەرچە جۈملىدە مۇستەقىل بىر بىرلىك سۈپىتىدە قوللىنىلسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدىدا كەلگەن سۆز، سۆز بىرىكمىسى ياكى جۈملىنىڭ خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان بولغاچقا، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى سۆزگە بېقىنىدۇ. ھازىر كومپيۇتېردا قوللىنىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە بەزى مەشغۇلات سىستېمىلىرى تېخى مۇكەممەللىشىپ كېتەلمىگەچكە، نەشرىيات، مەتبۇئات ئورۇنلىرى تىنىش بەلگىلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بىر تەرەپ قىلالماي كېلىۋاتىدۇ. ئالايلى، بىر قىسىم مەشغۇلات سىستېمىلىرى ھازىرغىچە قۇر ئايرىيالمايدۇ ياكى بوغۇم كۆچۈرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان شۇڭا، ئۇلار سۆزنى بىرلىك قىلىپ ياكى بوش ئورۇننى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ قۇر ئايرىيدۇ. مۇنداق بولغاندا، بەزى سۆزلەر ئۇزۇنراق بولۇپ كەتسە، شۇ سۆزنى پۈتۈن پېتى يېڭى قۇرغا كۆچۈرۈپ، ئالدىنقى قۇرنىڭ زىچ- كەڭلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. بۇ خىل ھادىسە مەتبۇئات بۇيۇملىرىنىڭ كۆركەم چىقىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تىنىش بەلگىلىرى ئالدىنقى سۆزدىن بوش ئورۇن ئارقىلىق ئايرىۋېتىلسە، كومپيۇتېر ئۇنى ئايرىم سۆز سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىپ، باش قۇرنىڭ بېشىغا كۆچۈرۈپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ خىل ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ، تىنىش بەلگىلىرىنى ئالدىنقى سۆز بىلەن بىر سۆز سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىش ھازىرقى ئەمەلىيىتىمىزگە نىسبەتەن ئەڭ ئاقىلانە چارە، يەنى تىنىش بەلگىلىرى سۆز، سۆز بىرىكمىسى ياكى جۈملىنىڭ ئاخىرىدا كەلگەندە، ئالدىنقى سۆز بىلەن ئارىلىق (بوش ئورۇن) تاشلىماي قوشۇپ يېزىلسا، كومپيۇتېر ئۇنى ئالدىنقى بىر سۆز بىلەن بىللە بىر تەرەپ قىلىدۇ- دة، بەزىبىر تېخنىكىلىق سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولىمىز. چۈنكى بىزنىڭ ئىملا قائىدىمىزدە قۇر كۆچۈرگەندە، چوقۇم بوغۇمنى ئاساس قىلىمىز، تىنىش بەلگىلىرى ئالدىنقى سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمى بىلەن قوشۇپ كۆچۈرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. يۇقىرىقى تەرەپلەر كۆزدە تۇتۇلۇپ، تىنىش بەلگىلىرى بىلەن ئالدىنقى سۆزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بوش ئورۇننى چىقىرىۋەتسەك، ھازىرقى شارائىتىمىزدا ئىملا قائىدىسىگە بويسۇنۇپ، تېخنىكىلىق خاتالىقلارغا يول قويمىغان بولىمىز. 2. تىنىش بەلگىلىرىنىڭ قوللىنىلىشى

ئۇيغۇر تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرىنىڭ سانى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن قوللىنىلىش جەھەتتە ئۆزىگە خاس قائىدىسى بار. بۇ قائىدىلەردىن خەۋەردار بولۇش مەتبۇئات ئورۇنلىرىنىڭلا مەجبۇرىيىتى بولۇپ قالماستىن، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى مۇشۇ تىل- يېزىقنى ئالاقە ۋاسىتىسى قىلغان مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ زۆرۈر. شۇڭا تىنىش بەلگىلىرىنى ئۆز جايىدا، توغرا قوللىنىش مەتبۇئات، نەشرىيات، ئوقۇش- ئوقۇتۇش ھەم ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم ساۋاتلارنىڭ بىرى.

بۇ بەلگە ئوي- پىكىرنىڭ بايان تەرزىدە تولۇق ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلارغا قويۇلىدۇ:

 

بۇ بەلگە ئوي- پىكىرنىڭ سوراق تەرزىدە ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلارغا قويۇلىدۇ.

بۇ بەلگە ئوي- پىكىرنىڭ ئۈندەش ۋە بۇيرۇق تەرزىدە ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكى ئورۇنلارغا قويۇلىدۇ.

 

شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان جۈملىنىڭ سوئال، ئۈندەش بەلگىلىرى بۇ جۈملىنىڭ قانداق قۇرۇلمىدا كېلىشىدىن قەتئىينەزەر قويۇلىدۇ. تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان جۈملىنىڭ چېكىتى قويۇلمايدۇ.

بۇ بەلگە تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان، تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىشتىكى رولى پەشكە قارىغاندا ئۈستۈنرەك تۇرىدىغان تىنىش بەلگىسى. تەڭداش تەركىبلەرنىڭ ھەرقايسىسى ياكى ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرقانچە تەڭداش تەركىبلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولسا، ئۇلارنىڭ قاتلاملىق مۇناسىۋىتىنى ئېنىق ئايرىش ئۈچۈنئۈستۈنكى قاتلامدىكى تەڭداش تەركىبلەر ئارىسىغا چېكىتلىك پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
 

 
بۇ بەلگە ئاساسەن تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان، تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىشتىكى رولى چېكىتلىك پەشكە قارىغاندا تۆۋەنرەك بولغان تىنىش بەلگىسى. ئۇ تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلارغا قويۇلىدۇ.

ئاددىي جۈملىنىڭ تەڭداش بۆلەكلىرى (بۇ سۆزلەر مەيلى بىر سۆزلا بولسۇن، مەيلى سۆز بىرىكمىسى بولسۇن) ئارىسىغا قويۇلىدۇ.

 

تەڭداش تارماق جۈملىلەردىن ھاسىل بولغان قوشما جۈملىلەرنىڭ ھەر بىر تارماق جۈملىلىرى ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
 

شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەككى، «-سا// -سة» قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەن «بولماق» پېئىلى جۈملىنىڭ خەۋىرىگە باغلانماي، ئۆزىنىڭ ئالدىدا كەلگەن باشقا جۈملە بۆلەكلىرىدىن مەلۇم بىرىنى تەكىتلەپ كەلسە؛ «-سا// -سە» قوشۇمچىسى قوشۇلغان پېئىل «بولماق» پېئىلى ياكى باشقا سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ، تۇراقلىق بىرىكمە ھاسىل قىلسا؛ «-سا// -سە» فورمىسىدا كەلگەن پېئىل جۈملىنىڭ خەۋىرىگە ئەمەس، بەلكى جۈملىنىڭ باشقا بىرەر بۆلىكىگە باغلانغان بولسا؛ ئاددىي جۈملىنىڭ خەۋىرى ئوخشاشلا بىر پېئىل يىلتىزى (ياكى ئۆزىكى) نىڭ ھەم «-سا// -سە» فورمىسى بىلەن تۈرلىنىشى ھەم بۇيرۇق- تەلەپ رايى ياكى خەۋەر رايىدا كېلىشى ئارقىلىق ھاسىل بولسا، مەنىدىكى ئالاھىدىلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، «-سا// -سە» فورمىسىدىن كېيىن پەش قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:

لېكىن بۇنداق خەۋەرلەر كېڭەيسە، يەنىلا ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئەگەر بۇ بىرىكمىلەر ئىككى «ھەم» باغلىغۇچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كېلىپ قالسا، يەنىلا خەۋەرلىك فورمىسى تولۇق بولمىغان خەۋەر ھېسابلىنىپ، كەينىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئەگەر بۇ رەۋىشداش بىرىكمىسى خەۋەرگە يانداش كەلسە، كەينىدىن پەش قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:

ئەگەر بۇ بىرىكمە ئاساسىي پېئىلنىڭ ئىگىسى بىلەن خەۋىرىنىڭ ئارىسىدا كەلسە، ياكى بۇ بىرىكمىدىكى پېئىلنىڭ ئىشلىگۈچىسى بىلەن جۈملە خەۋىرىنىڭ ئىشلىگۈچىسى بىر بولسا، ياكى بۇ بىرىكمىنىڭ ئىشلىگۈچىسىبولماي، خەۋەرگە ياندىشىپ كەلسە، كەينىدىن پەش قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:

ئەگەر بۇ بىرىكمىلەر جۈملىنىڭ خەۋىرىگە يانداش كەلسە، كەينىدىن پەش قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:

مۇستەقىل تەركىبلەر جۈملىنىڭ بېشىدا بولسا، ئاخىرىدىن، ئوتتۇرىسىدا بولسا، ئىككى چېتىدىن، ئاخىرىدا بولسا، پەش بىلەن ئاجرىتىلىدۇ.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا باغلىغۇچى بولۇپ كېلىدىغان تىل تەركىبلىرىنىڭ سانى كۆپ ئەمەس. لېكىنئۇلارنىڭ مەنە جەھەتتىن ئۆتەيدىغان ۋەزىپىلىرى خىلمۇ خىل. بەزى باغلىغۇچىلار ھەتتا رەۋىشلەر بىلەن، قىستۇرما سۆزلەر بىلەن، تىركەلمىلەر بىلەن تۇتىشىپ كېتىدۇ. بىز ئاساسلىق پەش قويۇشتا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىۋاتقان بىرقانچە باغلىغۇچى ئۈستىدىلا توختىلىمىز.

ئەگەر «ھەم» باغلىغۇچىسى تەكىتلەش يۈزىسىدىن باغلىنىدىغان ئىككى تەركىبنىڭ ئالدىدا تەكرارلانسا، كېيىنكى «ھەم» نىڭ ئالدىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئەسكەرتىش: «بەلكىم» سۆزى باغلىغۇچى ئەمەس، قىستۇرما تەركىب، شۇڭا مۇستەقىل تەركىبلەر قاتارىدا كەينىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

 

ئەگەر بۇ باغلىغۇچى باغلىنىدىغان ئىككى تەڭداش تەركىبنىڭ ئالدىدا تەكىتلەش يۈزىسىدىن تەكرار كەلسە، ئىككىنچى قاتاردىكىسىنىڭ ئالدىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

 

پەش ھازىر مەتبۇئاتلىرىمىزدا ئەڭ كۆپ خاتا قوللىنىلىدىغان تىنىش بەلگىلىرىنىڭ بىرى، كومپيۇتېردا چېكىت، سوئال بەلگىسى، ئۈندەش بەلگىسى، پەش قاتارلىقلار ئالدىدا كەلگەن سۆزگە قوشۇپ، كەينىدىكى سۆزدىن بوش ئورۇن ئارقىلىق ئايرىپ قويۇلىدۇ. مۇنداق بولغاندا، يۇقىرىقى تىنىش بەلگىلەر بىلەن ئالدىنقى سۆزنىڭ (سۆز بىرىكمىسىنىڭ، جۈملىنىڭ) بىر گەۋدە ئىكەنلىكى ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ. ناۋادا يۇقىرىقى تىنىش بەلگىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا كەلگەن سۆز بوش ئورۇن ئارقىلىق ئايرىۋېتىلسە، قۇر ئايرىغاندا يۇقىرىقى تىنىش بەلگىلىرىنى كومپيۇتېر ئاپتوماتىك ئۇسۇلدا ئالدىدا كەلگەن سۆزلەردىن ئايرىۋېتىپ، ئىملا خاتالىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يالاڭ تىرناق قوش تىرناققا نىسبەتەن رولى كىچىكرەك بولغان تىنىش بەلگىسى. جۈملىدە قوش تىرناق ئىچىدە كەلگەن كۆچۈرمە تەركىبلەر يالاڭ تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. بۇ خۇددى پەش بىلەن چېكىتلىك پەشنىڭ قاتلام مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىگىنىگە ئوخشاش، كۆچۈرمە تەركىبلەرنىڭ قاتلام مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن:

قوش تىرناق كۆچۈرمە تەركىبلەرنى ئاپتور سۆزىدىن ئايرىپ كۆرسىتىدىغان بەلگە. ئۇنىڭ رولى يالاڭ تىرناقتىن چوڭراق. جۈملىدە كەلگەن بارلىق كۆچۈرمە تەركىبلەر، جۈملىدىن كىتاب، گېزىت- ژۇرنال ناملىرى، ماۋزۇ... قاتارلىقلار قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ.

مەيلى راي فورمىسىدا كەلگەن «دېمەك» پېئىلىنىڭ ئالدىدىكى كۆچۈرمە تەركىب بولسۇن، مەيلى «دەپ» رەۋىشدىشى ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان كۆچۈرمە تەركىب بولسۇن، دىئالوگ سۈپىتىدە ئېلىنغان بولسا، قوش تىرناققا ئېلىنمايدۇ، كۆچۈرمە تەركىبتىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 

 

ئەگەر «دەپ» رەۋىشدىشى بىلەن «دېگەن» سۈپەتدىشىنىڭ ئالدىدا كەلگەن كۆچۈرمە تەركىبنىڭ خەۋىرى ئالدىدا چۈشۈم كېلىشتە كەلگەن سۆز بولسا، مۇنداق كۆچۈرمە تەركىب قوش تىرناققا ئېلىنمايدۇ. چۈنكى، چۈشۈم كېلىشتە كەلگەن سۆز ئەمەلىيەتتە كۆچۈرمە تەركىبتىكى خەۋەرنىڭ ئىگىسى بولۇپ، مۇنداق كۆچۈرمە تەركىب بىر پۈتۈنلۈكى بۇزۇلغان كۆچۈرمە تەركىب ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئاخىرىدىكى تەركىبلەرگە نىسبەتەن ئېنىقلىغۇچىلىقى ئېنىق بولغان تەركىبلەر قوش تىرناققا ئېلىنمايدۇ. مەسىلەن:

تىرناق ئىزاھ بەلگىسىدۇر. ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى مۇنداق:

(ل. مۇتەللىپ: «يىللارغا جاۋاب»)

قوش تىرناق، يالاڭ تىرناق ۋە تىرناق كومپيۇتېردا تىرناق سىرتىدىكى سۆزلەردىن بوش ئورۇن ئارقىلىق ئايرىلىپ، تىرناق ئىچىدىكى سۆزلەر بىلەن قوشۇپ يېزىلىدۇ. مۇنداق بولغاندا تىرناق بىلەن سۆزلەرنىڭ بىر گەۋدە سۈپىتىدە كۆچۈرۈلۈشىگە قولايلىق بولىدۇ.

سىزىقچە ئاساسەن يېرىم قوشۇپ يېزىش بەلگىسىدۇر. ئۇنىڭ قويۇلىدىغان ئورنى مۇنداق:

 
ﭽﺎنلىق                         پەرۋەر

كومپيۇتېردا سىزىقچە ئالدىدىكى سۆزگە قوشۇپ يېزىلىدۇ، جۈپ سۆزلەرگە قويۇلغاندىمۇ، ئالدىدىكى سۆز بىلەن بىر گەۋدە قىلىنىپ، ئارقىدىكى سۆز بىلەن بوش ئورۇن ئارقىلىق ئايرىلىپ قويۇلىدۇ.

سىزىقنىڭ رولى ئاساسەن تىرناققا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇ كۆپىنچە ئىزاھ، بايان، چەك مەنىلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. سىزىق ئىشلىتىلىدىغان ئورنى مۇنداق.

سىزىق كومپيۇتېردا ئالدىدىكى ۋە كەينىدىكى سۆزلەردىن بوش ئورۇن ئارقىلىق ئايرىپ قويۇلسا، تېخىمۇ كۆركەم چىقىدۇ.

 
قوش چېكىت ئاساسەن بايان بەلگىسىدۇر. ئۇ تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا قوللىنىلىدۇ.

سىزنى شەنبە كەچتە «سەردار» رېستۇرانىغا چايغا تەكلىپ قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: ××× (چېسلا)

تۈرلۈك ئۇسۇل ھالەتلىرىدىن كېيىنكى جۈملە دىئالوگ سۈپىتىدە قۇر بېشىدىن باشلانسا، ياكى قۇر بېشىدىن باشلانمىسىمۇ، قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنسا، مەزكۇر ھالەتلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

كۆپ چېكىت قىسقارتىش بەلگىسىدۇر. ئۇيغۇر تىلىدا كۆپ چېكىت ئۈچ چېكىتنى قاتار قويۇش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ قوللىنىلىش ئورنى مۇنداق:

قوش چېكىت ۋە كۆپ چېكىت كومپيۇتېردا ئالدىدىكى سۆزگە قوشۇپ يېزىلىدۇ ۋە ئارقىدىكى سۆزدىن بوش ئورۇن ئارقىلىق ئايرىلىدۇ.

ئويغان!

 

رەسمى بولمىغان، ئەمما توردا كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان يېزىق:ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىتىۋاتقان رەسمى يېزىقى:ئۇيغۇر سىلاۋىيان يېزىقى

　　
　
。




#Article 108: مەملىكەت (159 words)


مەملىكەت ياكى ئەل ياكى دۆلەت، بىر دۆلەتنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا، پايتەختى، خاس بايرىقى بولغان، ئادەتتە ئۆز ئۆزىگە خۇجا مۇستەقىل توپراقلارنىڭ ھەممىسى.

ئۇيغۇرچىدىكى ئۆلكە سۆزى باشقا تۈركىي خەلقلەردە ئادەتتە ئەل، مەملىكەت مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ. م: تۈركچە: ، ئۆزبەكچە: O'lka.

مەملىكەت ئوقۇمى خەلقئارالىق سىياسەتتە نىھايەتتە تارتىشىلىدىغان ئوقۇملارنىڭ بىرىدۇر. مەملىكەتلەرنىڭ ئادەتتە ئۆز ئالدىغا پارلامېنتى ياكى ھۆكۈمىتى بولىدۇ. ئەمما دۇنيادا بەزى مەملىكەتلەرنىڭ پايتەختى، ئۆز ئالدىغا پارلامېنتى، ھۆكۈمىتى، باشۋاكىل ۋە دۆلەت ئەلباشلىرى بولۇپ تۇرۇپمۇ قىسمەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ.

مەسىلەن: جۇڭگو جۇمھۇرىيىتى، شىمالىي سېپروس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، جەنۇبىي ئوسېتيە جۇمھۇرىيىتى، كوسوۋا قاتارلىقلار. 

تاغلىق قاراباغ جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق بەئزى دۆلەتلەر بولسا دۇنيادا ھېچقانداق بىر دۆلەت تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنمايدۇ. 

بەئزى مەملىكەتلەر باشقا ئەللەر تەرىپدىن كەڭ تۈردە ئېتىراپ قىلىنسىمۇ قىسمەن ئەللەر ئۇ دۆلەتنى مۇستەقىل مەۋجۇت بىر دۆلەت سۈپىتىدە ئىتىراپ قىلىنمايدۇ. م: ئىسرائىلىيە، جۇڭگو جۇمھۇرىيىتى. 

مەملىكەتلەر ھەققىدە تالاش - تارتىشلىق يەنە بىر خۇسۇس بولسا مۇستەقىللىق ئوقۇمىدۇر. مەملىكەتلەر ئومۇمىيەت بىلەن مۇستەقىل بولۇپ، پەقەت شوتلاندىيە قاتارلىق بەزى ئەللەر پارلامېنت ۋە پايتەختى بار بولسىمۇ تامامەن مۇستەقىل ئەمەستۇر. شوتلاندىيە بۈيۈك بېرتانىيەگە قاراشلىق بىر مەملىكەتتۇر.

مەملىكەتلەر تىزىملىكى




#Article 109: لۇتپۇللا ئەسەرلىرىنىڭ چەت ئەللەردە نەشر قىلىنىشى (330 words)


lutpulla eserlirining chet ellerde neshr qilinishi 

mahmud zeyidi

shinjang ijtimaiy penler akadémiyisidin

lutpulla mutellip eserliri u hayat chaghliridila shinjangdiki metbuatlarda élan qilin'ghanidi. eyni yillarda ghuljida uyghurchidin bashqa qazaqche, rusche, xenzuche, özbékche gézit - zhurnal 11 xilgha yétetti. u gézit - zhurnallarning hemmiside lutpullaning eserlirini uchratqili bolatti. uning ölüm aldida , ejel hoduqushida (félyeton), yillargha jawab , yashliq ögen , köklem ishqi , peryat , ependi bolmaq we qiteler qatarliq eserliri almanax ning bash teripidin orun alghanidi. lutpullaning eserlirini herxil tilda chiqidighan eshu gézit - zhurnallar arqiliq deslepki qedemde chet el oqurmenliri bilen yüz körüshken déyishke bolidu. chünki lutpullaning yillargha jawab we ejel hoduqishida qatarliq eserliri x . xoseyinning ruschigha terjime qilishi bilen ghuljidiki grazhdanlar jemiyiti teripidin neshr qilin'ghan rusche gézitte élan qilin'ghanda ajayip yuqiri baha bérilgen. lutpulla mutellip eserliri sowét ittipaqi metbuatlirida köprek élan qilindi.1950 -, 1960 - yillardiki kommunizm tughi we yéngi hayat gézitliride,1980 - yillardiki uyghur awazi , bizning weten gézitliride we qazaqistan yazghuchilar jemiyitining bashqurushidiki perwaz we arzu namliq pesillik zhurnallarda tonushturuldi. 

لۇتپۇللا ئەسەرلىرىنىڭ چەت ئەللەردە نەشر قىلىنىشى 

ماھمۇد زەيىدى 

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىن 

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى ئۇ ھايات چاغلىرىدىلا شىنجاڭدىكى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغانىدى. ئەينى يىللاردا غۇلجىدا ئۇيغۇرچىدىن باشقا قازاقچە، رۇسچە، خەنزۇچە، ئۆزبېكچە گېزىت - زھۇرنال 11 خىلغا يېتەتتى. ئۇ گېزىت - زھۇرناللارنىڭ ھەممىسىدە لۇتپۇللانىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. ئۇنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا ، ئەجەل ھودۇقۇشىدا (فېليەتون)، يىللارغا جاۋاب ، ياشلىق ئۆگەن ، كۆكلەم ئىشقى ، پەرياد ، ئەپەندى بولماق ۋە قىتەلەر قاتارلىق ئەسەرلىرى ئالماناخ نىڭ باش تەرىپىدىن ئورۇن ئالغانىدى. لۇتپۇللانىڭ ئەسەرلىرىنى ھەرخىل تىلدا چىقىدىغان ئاشۇ گېزىت - زھۇرناللار ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە چەت ئەل ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى لۇتپۇللانىڭ يىللارغا جاۋاب ۋە ئەجەل ھودۇقۇشىدا قاتارلىق ئەسەرلىرى خ . خوسەيىننىڭ رۇسچىغا تەرجىمە قىلىشى بىلەن غۇلجىدىكى گرازھدانلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان رۇسچە گېزىتتە ئېلان قىلىنغاندا ئاجايىپ يۇقىرى باھا بېرىلگەن. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى مەتبۇئاتلىرىدا كۆپرەك ئېلان قىلىندى.1950 -، 1960 - يىللاردىكى كوممۇنىزم تۇغى ۋە يېڭى ھايات گېزىتلىرىدە،1980 - يىللاردىكى ئۇيغۇر ئاۋازى ، بىزنىڭ ۋەتەن گېزىتلىرىدە ۋە قازاقىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى پەرۋاز ۋە ئارزۇ ناملىق پەسىللىك زھۇرناللاردا تونۇشتۇرۇلدى. 




#Article 110: جۇڭخۇا خةلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئةمگةك توختام قانۇنى (610 words)


جۇڭخۇا خةلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئةمگةك توختام قانۇنى 

(2007-يىل 6- ئاينىڭ 29-كۈنى مەملىكەتلىك10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ

بىرىنچى باپ ئومۇمي پىرىنسىپ 

دۆلةت ئورگىنى، كةسپي ئورۇن، ئىجتىمائي تةشكىلات ۋە ئۇلار بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى تۈزۈش، ئادا قىلىش، ئۆزگةرتىش، بېكار قىلش، ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشتا مۇشۇ قانۇن تةدبىقلىندۇ. 

قانۇنلۇق تۈزۈلگةن ئةمگةك توختامىنىڭ چەكلەش كۈچى بولىدۇ، ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلەن ئةمگةكچى ئةمگةك توختامىدا پۈتۈشكەن مةجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش كېرەك. 

ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئةمگةك ھةققى، ئىش ۋاقتى، ئارام-ئوتپوسكا، ئةمگةك بىخةتةرلىكى-ساقلىقنى ساقلاش، سوغۇرتا، پاراۋانلىق، ئىشچى خىزمةتچىلةرنى تةربىيلةش، ئةمگةك ئىنتىزامى شۇنىڭدەك ئةمگةك نورمىسىنى باشقۇرۇش قاتارلىق، ئةمگةكچىلةرنىڭ جانىجان مةنپةئةتىگة بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك قائىدة تۈزۈملەرنى چىقىرىش، تۈزىتىش ياكى چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قارار قىلىشتا، ئىشچى خىزمةتچىلةر قۇرۇلتىيى ياكى بارلىق ئىشچى خىزمةتچىلةرنىڭ مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، لايھةسى ۋة پىكىرنى قويۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى ئىشچى خىزمةتچىلةر ۋەكىللىرى بىلەن باراۋةر ئاساستا كېڭىشىپ بېكىتىشى كېرەك

قائىدة تۈزۈمنى ۋة چوڭ-چوڭ ئىشلار ھەققىدىكى قارارنى يولغا قۇيۇشتا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋة ئىشچى خىزمةتچلەر مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىسا، ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇنغا پىكىرنى قويۇپ، كېڭىشىش ئارقىلىق تۈزىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ھۇقۇقلۇق. 

ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئةمگةكچىلةرنىڭ جانىجان مةنپةئىتىگة بىۋاستة مۇناسىۋەتلىك قائىدة تۈزۈمنى ۋة چوڭ-چوڭ ئىشلار توغرىسىدىكى قارارنى ئېلان قىلىش ۋە ئةمگةكچىگة ئۇقتۇرۇپ قويىشى كېرەك. 

ئىككىنچى باپ ئةمگةك توختامى تۈزۈش

ئةمگةك مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولسىمۇ، يازما ئةمگةك توختامى تۈزمىگەنلەر، ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ 1ئاي ئىچىدە بىر ئاي ئىچىدة يازمىچة ئةمگةك توختامى تۈزۈش كېرەك. 

ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئادةم ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئةمگةكچى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزگەن بولسا ئةمگةك مۇناسىۋىتى ئادةم ئىشلةتكةن كۈندىن باشلاپ ئورنىتىلدۇ. . 

ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلةن ئةمگةكچى بىر پىكىرگە كەلگەندە تۇراقلىق مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى تۈزسة بۇلىدۇ. 

ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ۋة ئةمگةكچى كىڭىشىپ بىر پىكىرگە كىلىپ تۇراقسىز مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى تۈزۈشسە بۇلىدۇ. ئةمگةكچى تۇراقلىق مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى تۈزۈشنى ئوتتۇرغا قويغىننى ھىساپقا ئالمىغاندا، تۆۋةندىكى ئةھۋاللارنىڭ بىرىدە ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى داۋاملاشتۇرۇش، تۈزۈشنى ئوتتۇرغا قويغان ياكى ئۇنىڭغا قۇشۇلۇشنى لايىق تاپقاندا، تۇراقسىز مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى تۈزۈش كېرەك، 

(1). ئةمگةكچىنىڭ شۇ ئورۇندا ئۇدا ئىشلىگىنىگە 10يىل توشقان بولسا:

(3). تۇراقلىق مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى 2-قېتىم داۋاملىق تۈزۈلگەن بولسا ھەمدە ئةمگةكچى مۇشۇ قانۇننىڭ 39-ماددىسى ھةمدة 40-ماددىسىنىڭ (1)-، (2) - تارماقچسىدا بةلگىلةنگةن ئةھۋال بولمىغانلىقتىن ئةمگةك توختامىنى داۋاملىق تۈزۈشكەن بولسا؛

ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئادةم ئىشلةتكةن كۈندىن باشلاپ بىر يىلغىچە ئةمگةكچى بىلةن يازما ئةمگةك توختامى تۈزۈشمىگەن بولسا ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلةن ئةمگةكچى تۇراقسىز مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى تۈزۈشتى دةپ قارىلىدۇ. 

ئادةم ئىشلةتكۈچى ئۈرۇن بىلةن ئەمگەكچى كېڭىشىپ بىر پىكىرگەندە كةلگةندە مۇئةييةن ئىشنى پۈتتۈرۈش مۇددەت قىلىنغان ئةمگةك توختامى تۈزۈشسە بۇلىدۇ. 

ئةمگةك توختامى ھۆججىتىنى ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلةن ئةمگةكچى بىر نۇسخىدىن ساقلايدۇ. 

(1). ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇننىڭ نامى، تۇرۇشلۇق جايى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋةكىلى، ياكى ئاساسى مەسئۇلى؛

(2). ئةمگةكچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئادىرىسى، كىملىكى ياكى باشقا كۈچكە ئىگە سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ نۇمۇرى؛

(3). ئةمگةك توختامنىڭ مۇددىتى؛

(4). قىلىدىغان ئىشى ۋە ئىش ئورنى؛

(5). ئىش ۋاقتى ۋة ئارام ئوتپوسكا؛

(6). ئةمگةك ھةققى؛

(7). ئىجتىمائى سۇغۇرتا؛

(8). ئةمگةك مۇھاپىزىتى، ئةمگةك شارائىتى، ھةمدة كةسپى خەۋەپ مۇداپىئەسى؛

(9). قانۇن نىزاملاردا ئەمگەك توختامىغا كىرگۈزۈلىدىغانلىقى بةلگىلةنگةن باشقا ئىشلار؛

ئةمگةك توختامىدا ئالدىنقى تارماقلاردا بةلگىلةنگةن زۆرۆر مەزمۇنلاردىن باشقا ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلەن ئةمگةكچى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى، تةربىيلةش، مةخپىيةتلىكنى ساقلاش، تۇلۇقلىما سۇغۇرتا ۋة پاراۋانلىق تةمىناتى قاتارلىق باشقا ئىشلارنى پۈتۈشسە بۇلىدۇ. 

ئادةم ئىشلةتكۈچى بىر ئورۇن بىر ئەمگەكچى بىلەن سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى بىرلا قېتىم پۈتۈشىدۇ. 

مۇئةييةن ئىشنى پۈتتۈرۈش مۇددەت قىلىنغان ئةمگةك توختامىدا ياكى مۇددىتى 3 ئايغا يەتمەيدىغان ئةمگةك توختامىدا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى پۈتۈشۈشكە بولمايدۇ. 

ئةمگةك توختام مۇددىتى سىناپ ئىشلتىش مۇددىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئةمگةك توختامىدا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىلا پۈتۈشۈلگەن بولسا سىناپ ئىشلتىش مۇددىتى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، ، بۇ مۇددەت ئەمگةك توختامى مۇددتى بۇلىدۇ. 

ئةمگةكچىلەردىن ئىشلەپ بېرىش مۇددىتى ھەققىدىكى پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلغانلىرى ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇنغا پۈتۈم بويىچة خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلىشى كېرەك. خىلاپلىق قىلىش پۇلىنىڭ سوممىسى ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن چىقارغان تةربىيلةش ھەققىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئةمگةكچىگە تۆلةتكۈزدىغان خىلاپلىق قىلىش پۇلى ئىشلەپ بىرىش مۇددىتىنىڭ قېپقالغان قىسمى ئۈچۈن تۆلەيدىغان تەربىيلەش ھەققىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. 

ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلةن ئةمگةكچى ئىشلەپ بىرىش مۇددىتىنى پۈتۈشكەن بولسا، ئةمگةكچىنىڭ ئىشلەپ بىرىش مۇددىتىدىكى ئةمگةك ھةققى نورمال مائاش تةڭشةش مېخانىزىمى ئۆستۈرۈشكة تةسىر يەتمەيدۇ

ئاينىڭ 29-كۈنى مەملىكەتلىك10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ




#Article 111: يەكەن (628 words)


يەركەن بولسا تەڭرېتېغېنيڭ جەنۇبيغا،تەكليماكاننڭ غەربيگە جايلاشقان بولوپ،ئۇيغۇر رايونيدكى ئەڭ چوڭ ناھېيەلەرنيڭ بيريدۇر.يەر مەيدانى 850كۇۋادرات كيلوميتيردين ئاشيدۇ.ئۇيغۇر خەلقى ئومومى نوپۇسنيڭ 98پيرسەنتيني تەشكيل قيليدۇ. ئاھاليسى 760 ميڭدين ئارتۇق بولوپ،ئۇيغۇر مەدەنييتى مەركەزليريدين بيريدۇر.ئۇيغۇرلەر تاريخيديكي سەئۇدېيە خانليقينيڭ مەركيزيدۇر.ئۇيغۇر مۇقامليرى ( ئون ئىككى مۇقام) خانيش، شائيرە ئاماننيساخان تەريپيدين مۇشۇ جايدا توپلينيپ رەتلەنگەن.

يەكەن غەربىي يۇرتتىكى قەدىمىي دۆلەت. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ جەنۋۇ 5 - يىلى (29 - يىلى) خېشى بۈيۈك سانغۇنى دۇروڭ يەكەن خانلىقىنىڭ تەيىنلىنىپ خىزمەت كۆرسەتكەن، پەزىلەتلىك خان بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قارىخانىيلار خاندانلىقىغا قارىغان. كېيىن غەربىي لياۋ سۇلالىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە چاغاتاي خانلىقىغا قارىغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇن دۆلىتىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 9 - يىلى ( 1883 - يىلى) يەكەن بىۋاستىە قاراشلىق ئايمىقى تەسىس قىلىنغان. گۇاڭشۈ 28 - يىلى (1902 - يىلى) دەرىجىسىنى كۆتۈرۈپ يەكەن مەھكىمىسى قىلىنىپ، سارىقول، مارالبېشى ئايمىقى ۋە قاغىلىق، گۇما ناھىيىلىرىنى باشقۇرغان. مىنگو 2 - يىلى ( 1913 - يىلى) يەكەن ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. مىنگو 18 - يىلى (1929 - يىلى) يەكەن، زەرەپشان دەپ ئىككى ناھىيىگە ئايرىلغان. مىنگو 32 - يىلى (1943 - يىلى) يەنە قوشۇۋېلىپ، بىر ناھىيە قىلىنغان. يەكەندە 10 - مەمۇرىي رايون تەسىس قىلىنىپ، يەكەن، قاغىلىق، پوسكام، مەكىت 4 ناھىيىنى باشقۇرغان. 1949 - يىلىدىن 1956 - يىلىغىچە يەكەن ۋالىي مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي بولغان. 1956 - يىلى يەكەن ۋالىي مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندى كېيىن، يەكەن ناھىيىسى قەشقەر ۋىلايىتىگە قارىغان.

يەكەن ناھىيىسى قارا قۇرۇم تېغىنىڭ شى؛مالىي ئېتىكىگە، پامىر ئېگىزلىكى باغرىغا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى مەكىت ناھىيىسى بىلەن، شەرقىي جەنۇب تەرىپى پوسكام ناھىيىسى، قاغىلىق ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى يېڭىسار ناھىيىسى، ئاقتۇ ناھىيىسى بىلەن، غەربىي جەنۇب تەرىپى تاشقۇرغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالى تەرىپى يوپۇرغا، مارالبېشى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 190 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 56 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 7960.5 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا 7 رايون، 7 بازار، 22 يېزا، 512 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە ئاپتون رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ پەيلۇ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېھقانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1449 كىلومېتىر. 1995 - يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 568 مىڭ 800 بولۇپ، ئۇيغۇرلار 95.02% نى، خەنزۇلار 4.10% نى، باشقا مىللەتلەر 0.88% نى، تەشكىل قىلىدۇ.

يەر تۈزۈلۈشى: غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا پەسىيىپ بارىدىغان يەلپۈگۈچسىمان تىنما بولۇپ، تاغلىق يەر 39.6% نى، تۈزلەڭلىك 60.4% نى ئىگىلەيدۇ. تەۋەسىدە زەرەپشان دەرياسى، تىزناپ دەرياسى قاتارلىق دەريالار بار. يىللىق ئېقىن مىقدارى 7 مىليارد 226 مىليون كۇب مېتىر (ئەمەلىيەتتە پايدىلىنلىۋاتقىنى 1 مىليارد 880 مىليون كۇب مېتىر). تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ يەر ئاستى سۇ زاپىسى 1 مىليارد 400 مىليون كۇب مېتىر؛ 21 سۇ ئامبىرى بولۇپ، يىللىق سۇ ساقلاش مىقدارى 175 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ساي تۈلكىسى، ياۋا توڭگۇز قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، سوغىگۈل، قانتېپەر، يۇلغۇن، يانتاق قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقدىن مىس، تۆمۈر، قوغۇشۇن، سىنك، فوسفور، گۈڭگۈرت، گەژ، تاش پاختا، كۋارتس، قاش تېشى، چىرىمتال، كۆمۈر قاتارلىقلار بار. يەكەن ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 23.5℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2970.0 سائەت. 10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4162.5℃، قىروسىز مەزگىلى 212 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 43.2 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2244.9 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر 78 مىڭ 300 گېكتار ( 1 مىليون 174 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 48 مىڭ 600 گېكتار (728 مىڭ 900 مو) سۇ يۈزى، 16 مىڭ 600 گېكتار (249 مىڭ 300 مو) ئورما، 48 مىڭ 700 گېكتار (730 مىڭ مو) ئوتلاق بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، مايلىقدان قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە يىللىق پاختا مەھسۇلاتى 50 مىڭ توننا ( 1 مىليون دەن) دىن ئاشىدۇ. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئات، ئېشەك ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن ئاشلىق، پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش، كۆمۈر، ئېلېكتر قۇۋۋىتى قاتارلىقلار بار. يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 315 - لىنىيىسى ۋە ئۆلكە تاشيولى 215 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدۇ. 4000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى. كۆچمە خەۋەرلىشىش ئاپپاراتى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.




#Article 112: بۈيۈك بېرىتانىيە (762 words)


بۈيۈك برىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى (ئىنگ: United Kingdom of Great Britain and Northern Ireland)، ياۋروپانىڭ غەربىگە جايلاشقان، بۈيۈك بېرتانىيە ئارىلىنىڭ تامامىنى، ئىرلاندىيە ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە بەئزى باشقا بېرتانىيە ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت. دۆلەت ئىسمى، دۆلەت ئىچىدە بولسۇن ياكى خەلقئارادا بولسۇن بىرلەشمە پادىشاھلىق (ئىنگ: United Kingdom) دەپ بىلىنىدۇ. بەزىدە بۈيۈك بېرتانىيە (ئىنگ: Great Britain) شەكلىدىمۇ ئەنگىلىيەگە ئىشارە قىلىنىدۇ. بىرلەشمە پادىشاھلىقنى تەشكىل قىلغۇچى ئۇنسۇرلاردىن بىرى، ئەڭ تەرەققىي قىلغان ۋە ئەڭ نۇپۇس كۆپ دۆلەت بولغان ئەنگىلىيەنىڭ ئىسمىمۇ بەئزى بەئزىدە رەسمىي قاناللاردا بىرلەشمە پادىشاھلىق مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ. بۇ دۆلەت ئۇيغۇرلاردا بولسا ئەڭ كۆپ ئەنگىلىيە دەپ بىلىنىدۇ. خەلقىغە بولسا ئەنگىلىيىلىك ياكى بېراتانىيىلىك (ئىنگ: British) دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنداقلا ئىنگىلىز كەلىمىسىمۇ خەلقئارادا كەڭ قوللىنىلىدۇ. 

بىرلەشمە پادىشاھلىق تۆرت دۆلەتتىن تەشكىل تاپىدۇ. ۋېلش، ئەنگىلىيە، شوتلاندىيە ۋە شىمالىي ئىرلاندىيە قاتارلىقلار. بۇ دۆلەتلەردىن ئىرلاندىيە ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى شىمالىي ئىرلاندىيەدىن باشقا ھەممىسى بۈيۈك بېرتانىيە ئارىلىغا جايلاشقان. بۇلاردىن باشقا پادىشاھلىققا تەۋە چوڭ كىچىك نۇرغۇن ئارىلى بار. ۋايت ئارىلى، لۇندي، سىللىي ئاراللىرى، ئانگلېسي ۋە ھېبرىد ئاراللىرى، ئوركنېي ئاراللىرى ۋە شوتلاند ئاراللىرى بۇلاردىن بەزىلىرىدۇر.

مان ئارىلى ۋە مانش ئاراللىرى (جېرسېي، گۇېرنسېي، ئالدېرنېي ۋە سارك) جۇغراڧىيلىك ھالدا پادىشاھلىققا باغلىق بولسىمۇ، رەسمىي شەكىلدە ئالاھىيدە دەرىجىگە ئىگە. رەسمىي شەكىلدە پادىشاھلىقنىڭ پارچىسى ھېساپلانمايدۇ. لېكىن مونارخىيلىك باغلىقدۇر. (ئىنگ: Dependencies of the Crown) بۇ ئاراللار ياۋروپا بىرلىكىگە تەۋە ئەمەس.

بىرلەشمە پادىشاھلىق، بىرتانىيە ئىمپېرىيسى دەۋرىدە زېمىنىنىڭ چوڭلىقىدىن كۈن ئولتۇرمايدىغان ئىمپېرىيە دەپ ئاتالغانىدى.

ئەنگىلىيەنىڭ ئەك كۆھنە خەلقىنى كەلتلەر تەشكىل قىلماقتا. م.ب. 55 - م.ك. 410 يىللار ئارىسى بېرتانىيە ئاراللىرى رىم ئىمپېرىيىسىگە قاراشلىق برىتاننيا ئۆلكىسىنى تەشكىل قىلاتتى. 5- ئەسردە بۇ رايون خرىستىيانلىقنىڭ تەسرى ئاستىغا كىردى. ئەينى يىللاردا گېرمان خەلقلىرىدىن بولمىش ئانگلوساكسونلار توپ توپ بولۇشۇپ بۇ ئارالغا كۆچە باشلىدى. 1066 - 1154 ئارىسى يەنە بىر گېرمان ئىرقىدىن بولمىش نورمانلار بۇ ئارالغا كۆچۈپ كېلىشتى. ئىنگلىزلەر بۇ گېرمان ئىرىقلىرىنىڭ داۋامىدۇر. شوتلاندلار، ۋېلشلار ۋە ئېرلاندىيەلىكلەر بولسا كەلتلەرنىڭ داۋامىدۇر.

بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ سابىق ھۆكۈمدارلىرىدىن بىرى بولمىش ئېدۋارد VIII ئۆز ئىختىيارى بىلەن تەختتىن چېكىنگەن تۇنجى بېرىتانىيە قرالىدۇر.

ئېلزابىت I

تۇدور خانەدانى دەۋرىدە ئەنگلىيە پادىشاھلىقى كۈچىيىپ شوتلاندىيەنى بېسىپ چۈشتى. ئەنگىلىيە قرالىچەسى ئېلزابىت I يىل 1588 دە ياۋروپانىڭ ئەڭ كۈچلۈك دېڭىز ئارمىيىسى بولمىش ئىسپان ئارماداسىنى يېڭىپ برىتانىيە ئىمپېراتورلىقىنىڭ ئۇلىنى سالدى. 17- ئەسردە بارغانسېرى كۈچۈيگەن ئەنگلىيە شىمالىي ئامېرىكادا مۇستەملىكىلەر قۇردى. 1707 دە ئەنگىلىيە شوتلاندىيە بىرلىشىپ بىرلەشمە بۈيۈك برىتانىيە پادىشاھلىقىنى قۇردى. 1800 دە بولسا بۇ بىرلىككە ئىرلاندىيە ھەم قوشۇلۇپ بۈيۈك برىتانىيە ۋە ئىرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىنى قۇردى. 1837 - 1901 يىللار ئارىسى ھۆكۈم سۈرگەن ۋىكتورىيە I دەۋرىدە بىرلەشمە پادىشاھلىق كۈن ئولتۇرمايدىغان برىتانىيە ئىمپېراتورلىقىنى قۇردى. 1921 گە كەلگەندە بۇ ئىمپېراتورلۇق ھىندىستان، شىمالىي ئامېرىكا، ئوتتۇرا شەرق، ئاۋۇسترالىيە ۋە ئاڧرىقا داخىل 36.6 مىلىيون كىلومېتر2 لىق بىر زرمىننى قاپسايتتى. 458 مىلىيون كىشىلىك بىر نۇپۇسقا ھۆكرانلىق قىلاتتى ۋە نۇپۇس جەھەتتە دۇنيانىڭ 4\1 قىسمى بېرتانىيەنىڭ ئەگەمەنلىكى ئاستىدا ياشايىتتى.

برىتانىيە ئىمپېراتورلىقى

ئەنگلىيىنىڭ قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە پادىشاھى-ئەنگلىيە شۇنداقلا ئەنگلىيەگە تەۋە چەتئەلدىكى زېمىنلارنىڭ پادىشاھى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ تارىخىنى بىلمەكچى بولساق، ئۇنداقتا بۇنى ئانگلوساكسونلار دەۋرىدىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇلارنى قانداشلىق بويىچە ئايرىغاندا، ھەممىسى شوتلاندىيە پادىشاھىنى ئاساس قىلىدۇ.چۈنكى كۆپلىگەن ئېنگلاند پادىشاھلىقىنىڭ ھەممىسى بىرىنچى قېتىملىق ۋىكتورىيە دەۋرىدە پەيدىنپەي يوقالغان، مىلادىيە 9-ئەسىردە ۋېيسىكېس ئېنگلاندقا تەۋە باشقا خانلىقلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىگىلەپ، مىلادى 10- ئەسىردە، ئېنگلاند رەسمىي بىرلىككە كەلگەن خانلىق دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن. 1603-يىلى، شوتلاندىيە پادىشاھى جامىس Ⅵ ئېنگلاندنىڭ خانلىق تەختىگە ئولتۇرغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئېنگلاند بىلەن شوتلاندىيە بىرلىشىپ، بىر خانلىق دۆلەت بولۇپ قالغان. 1707-يىلى، ئىككى خانلىق دۆلەت بىرلەشتۈرۈلۈپ، بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپىرىيىسى دەپ ئاتالغان. بۈگۈنگە قەدەر. پادىشاھنىڭ ئىمتىيازى يەنىلا ئىنتايىن كەڭ بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھوقۇقلارنى يۈرگۈزۈشكە ئادەتتە پادىشاھ ئۆزى ئەمەس، باش ۋەزىر ۋەكىل سۈپىتىدە يۈرگۈزىدۇ. مەسىلەن، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي ۋە پاسپورت ئىشلىرىنى بىردەك باش ۋەزىر ۋاكالىتەن بېجىرىدۇ.

ئەنگلىيە پادىشاھى گەرچە دۆلەت باشلىقى بولسىمۇ، ئەمما بىر تۇتاش باشقۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ. قانۇن جەھەتتە، ئەنگلىيە پادىشاھى باش ۋەزىر، ھەرقايسى مەمۇرىي ۋەزىر، ئالىي سودىيە ۋە ھەر قايسى تەۋەلىكتىكى باش ۋالىينى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش، پارلامېنتنى توختىتىش ۋە تارقىتىۋېتىش، قانۇن تەستىقلاش، ئوتۇغات نامى بېرىىش، ئاقسۆڭەكلەرگە شەرەپ نام بېرىش، سوتلاش ، لەشكىرىي قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىش، ئۇرۇش ئېلان قىلىش ۋە سۈلھى قاتارلىق كەڭ ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ.
بىراق بۇ ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسى كۆپىنچە ئىچكى كابېنت ۋە پارلامېنت ئارقىلىق يۈرگۈزۈلىدۇ، ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ بارلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرى پائالىيىتى ئىچكى كابېنتنىڭ كونتروللۇقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىلىق بولىدۇ، يەنى قائىدە-يوسۇن خاراكتېرلىك. لېكىن ئەنگلىيە پادىشاھى يەنە يۈكسەك شان- شۆھرەتكە مۇيەسسەر بولۇپ. باج ئېلىنمايدۇ، سوتلانمايدۇ. ئەنگلىيە پادىشاھى ئەنگلىيە ۋە ئەنگلىيە فېدىراتسىيىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىتتىپاقىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئەنگلىيىنىڭ سىياسى ۋە ئىزچىللىقىنىڭ بەلگىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىدە مەسلىھەتچىلىك رولىنى ئوينايدۇ، ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىدە، مەسلىھەت بېرىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

ئايال پادەشاھ 

ئايال پادىشاھ ئېلىزابېت Ⅱ، ئۇ 1926-يىلى تۇغۇلۇپ، 1952-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى تەختتە ئولتۇرغان (تولۇق ئىسمىHer Majesty Queen Elizabeth II)، ھازىرقى ئەنگلىيە پادىشاھى بولۇپ، ئەنگلىيە ۋە ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسىغا ئەزا 15 دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقى، شۇنداقلا ئەنگلىيە دىنىي جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى. ئۇنىڭ مەنسىپىنىڭ تولۇق نامى-« بۈيۈك برىتانىيە ۋە شىمالىي ئېرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى شۇنداقلا ئۇنىڭغا تەۋە زېمىننىڭ ئايال پادىشاھى، ئەنگلىيە فېدىراتسىيىسىنىڭ باشلىقى، خىرىستىئان ئېتىقادىنىڭ قوغدىغۇچىسى»  ئۇ 1953-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى تاج كىيگەن، تەختتە ئولتۇرغان ۋاقتى 3-ئۇزۇن پادىشاھ بولۇپ، تەخمىنەن 125 مىليون نوپۇسقا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.




#Article 113: ئىتالىيە (300 words)


 

ئىتالىيە بولسا ياۋروپاغا جايلاشقان بىر دۆلەت.پايتەختىروما، ئەڭ چوڭ شەھıرى روما. دۆلەت تىلى ئىتاليان تىلى. ھازىرقى پرېزىدېنتى گىئورگىئو ناپولىتانو. بۇ دۆلەت 1861 يىلى 3 ئاينىڭ 17 كۇنى مۇستەقىل بولگان، يەر مەيدانى 301 مىڭ 338 كۇۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 59 مىللىئون 829 مىڭ،ئاھالىسىنىڭ كوپىنچىسى كاتولىك دىنىغا ئىتىقات قىلىدۇ.

جەنۇبىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا دېڭىزدىكى مەركىزى جۇغراپىيىلىك ئورنى سەۋەبىدىن ، ئىتالىيە تارىختا تۈرلۈك-تۈمەن خەلق ۋە مەدەنىيەت ماكانى بولغان. لاتىنلار دەپ ئاتالغان ئىتالىيە قەبىلىسى مىلادىدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىردە رىم پادىشاھلىقىنى قۇرغان ، ئاخىرىدا كېڭەش پالاتاسى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن جۇمھۇرىيەتكە ئايلانغان. رىم جۇمھۇرىيىتى دەسلەپتە ئىتالىيە يېرىم ئارىلىدىكى قوشنىلىرىنى بويسۇندۇردى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلدى ، ئاخىرىدا ياۋروپا ، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئاسىيانىڭ قىسمەن رايونلىرىنى كېڭەيتتى ۋە بويسۇندۇردى.

مىلادىدىن ئىلگىرىكى بىرىنچى ئەسىرگە كەلگەندە ، رىم ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرا دېڭىز ئويمانلىقىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ ، باشلامچى مەدەنىيەت ، سىياسىي ۋە دىنىي مەركەزگە ئايلىنىپ ، پاكس رومانانى ئاچتى ، بۇ دەۋر ئىتالىيەنىڭ قانۇنى ، تېخنىكىسى ، ئىقتىسادى ، 200 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت. سەنئەت ۋە ئەدەبىيات تەرەققىي قىلدى

دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىردە ، ئىتالىيە جەمئىيەتنىڭ سىياسىي يىمىرىلىشى ۋە ۋەھشىيلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا بەرداشلىق بەردى ، ئەمما 11-ئەسىرگە كەلگەندە ، ئىتالىيەنىڭ شىمالى ۋە ئوتتۇرا رايونلىرىنى ئاساس قىلغان نۇرغۇنلىغان رەقىب شەھەر-دۆلەت ۋە دېڭىز جۇمھۇرىيەتلىرى سودا ، سودا ۋە بانكا ئارقىلىق زور گۈللەندى. زامانىۋى كاپىتالىزىمغا ئاساس سېلىش.

گۈللىنىش دەۋرى ئىتالىيەدە باشلىنىپ ياۋروپانىڭ باشقا جايلىرىغا تارقىلىپ ، ئىنسانپەرۋەرلىك ، ئىلىم-پەن ، ئىزدىنىش ۋە سەنئەتكە قايتىدىن قىزىقىش ئېلىپ كەلدى. ئىتالىيە مەدەنىيىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ ، داڭلىق ئالىملار ، سەنئەتكارلار ۋە كۆپ گۈللۈكلەر بارلىققا كەلدى. ئوتتۇرا ئەسىردە ، ئىتالىيەلىك تەتقىقاتچىلار يىراق شەرق ۋە يېڭى دۇنياغا تۇتىشىدىغان يېڭى يوللارنى بايقاپ ، ياۋروپانىڭ بايقاش دەۋرىنى باشلىدى.

ئىتالىيە 1861-يىلى پۈتۈنلەي دېگۈدەك بىرلىككە كېلىپ ، ئىتالىيە پادىشاھلىقىنى چوڭ دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ، ئىتالىيە تېز سۈرئەتتە سانائەتلەشتى ، يەنى شىمالدا ، مۇستەملىكىچى ئىمپېرىيەگە ئېرىشتى ، جەنۇب بولسا ئاساسەن نامراتلىشىپ ، سانائەتلىشىشتىن چەتنەپ كەتتى ، بۇ چوڭ ۋە تەسىرى كۈچلۈك دىئاسپورانى قوزغىدى.




#Article 114: گوللاندىيە (133 words)


 
ۋىكىپېدىيە، ئەركىن ئانسكلوپىديە

گوللاندىيە پادىشاھلىقى

گوللاندىيە   (نېدىرلاندچە: Nederland ، تۈركچە: Hollanda) ياۋروپاغا جايلاشقان بىر دەۋلەتتۇر. گوللاندىيە قراللىق (پادىشاھلىق) ىنى تەشكىل قىلغۇچى تۆرت دەۋلەتنىڭ بىرىدۇر. زېمىنىنىڭ ناھايىتى چوڭ قىسمى غەربىي ياۋروپادادۇر، ھەمدە كارايىپلەردە ئۈچ ئارىلى باردۇر.

گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستېردام بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ چوڭ شەھرىدۇر. 

دەۋلەت رەسمى تىلى بولسا نېدىرلاندچە. ئېتىراپ قىلىنغان باشقا تىللار بولسا ڧرىزچە (Frizye\ڧرىزيدە)، پاپىئامېنتو(Bonaire\بونائىرەدە)، ئىنگىلىزچە (Sint Eustatius  ۋە Saba لەردە)  

گوللاندىيەدە ياشاغۇچى ئېتنىك گۇرۇپلار%78,6 گوللاندلار, %5,9 ياۋرپا ئىتتىڧاقى ۋەتەنداشى, %2,4 تۈركلەر، %2,2 ھېندونوزىيەلىكلەر, %2,2 ماراكەشلىكلەر, %2,1 سۇرىناملىقلار, %0,9 گوللاندىيە كارايىپلىقلارى, %5,7 باشقالار[1]

پارلامېنت سېستىمىسىدا ئىدارە قىلىنغان ئاساسىي قانونلۇق مونارخىيەلىك دۆلەت بولغان گوللاندىيە پادىشاھلىقىنىڭ نۆۋەتتىكى مەۋجۇد پادىشاھى  ۋېليام ئالكساندېر (Willem-Alexander)، ۋەزىوىدىكى باش ۋەزىر ئىسە مارك رۇتتې (Mark Rutte)دۇر. 

بۇ دەۋلەت 1581 يىلى 7 ئاينىڭ 26 كۈنى مۇستەققىل بولغان، 
يەر مەيدانى 41 مىڭ 526 كۇۋادىرات كىلومېتىر، 
نوپۇسى 17 مىليون.

ئاسساسلىك دىنى پروتېستانت دىنى.




#Article 115: ئىسپانىيە (454 words)


 

ئىسپانىيە (ئىسپانچە: España) غەربىي جەنۇب ياۋروپادىكى دۆلەت. ئۇنىڭ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئىبىرىيە يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ زېمىنى يەنە ئافرىقا دېڭىز قىرغىقىدىكى كانارىي ئارىلى ۋە ئوتتۇرا دېڭىزدىكى بالارىك ئارىلىدىن ئىبارەت ئىككى تاقىم ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقى گىبرالتار بىلەن كىچىك قۇرۇقلۇق چېگراسىدىن باشقا ، ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن جەنۇب ۋە شەرق بىلەن چېگرىلىنىدۇ. شىمال ۋە شەرقىي شىمالدا فرانسىيە ، ئاندوررا غەرب ۋە غەربىي شىمالدا پورتۇگالىيە ۋە ئاتلانتىك ئوكيان.

يەر مەيدانى 505،990 كىلومىتىر ، ئىسپانىيە جەنۇبىي ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ، غەربىي ياۋروپا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئىككىنچى چوڭ دۆلەت ، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تۆتىنچى چوڭ دۆلەت. نوپۇسى (تەخمىنەن 47 مىليون) ئىسپانىيە ياۋروپادىكى ئالتىنچى ئورۇندا ، ياۋروپا بىرلەشمىسىدە بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ شەھىرى مادرىد. باشقا ئاساسلىق شەھەر رايونلىرى بارسېلونا ، ۋالېنسىيە ، سېۋىللا ، زاراگوزا ، مالاگا ۋە بىلباۋنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىبىرىيە مەدەنىيىتى قەدىمكى فىنلاندىيەلىك ، گرېتسىيە ، كېلىتلىق ۋە كارتاگىن ئولتۇراق رايونى بىلەن بىللە يېرىم ئارالدا تەرەققىي قىلىپ ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 200-يىللار ئەتراپىدا رىم ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەنگە قەدەر تەرەققىي قىلغان ، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ رايوننىڭ ئىسمى ئىسپانىيە دەپ ئاتالغان (لاتىنچە: Hispania).

غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرىدا ، گېرمانىيە قەبىلىلەر بىرلەشمىسى ئوتتۇرا ياۋروپادىن كۆچۈپ كېلىپ ، ئىبىرىيە يېرىم ئارىلىغا بېسىپ كىرىپ ، ئۇنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىلەردە سۈيبى ، ئالان ۋە ۋاندال قاتارلىق مۇستەقىل رايونلارنى قۇرغان. ئاخىرىدا ، ۋىسىگوتلار ئىسپانىيەنىڭ ۋىزانتىنا ئۆلكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېرىم ئارالدا قالغان بارلىق مۇستەقىل تېررىتورىيەنى ۋىزىگوتىك پادىشاھلىقىغا بىرلەشتۈرىدۇ ، بۇ دۆلەتلەر ئىسپانىيەنىڭ سابىق رىم ئۆلكىلىرىنىڭ سىياسىي ، چېركاۋ ۋە قانۇن جەھەتتىن بىرلىككە كەلگەن.

سەككىزىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ، ۋىسىگوتىك پادىشاھلىقى 711-يىلى يېرىم ئارالغا كەلگەن ئۇمەييە ئىسلام خەلىپىلىكى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىبىرىيە يېرىم ئارىلىدىكى مۇسۇلمانلار ھۆكۈمرانلىقى باغداتتىن ئاپتونومىيەگە ئايلاندى. شىمالدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قالغان ئاز ساندىكى كىچىك خىرىستىيان يانچۇقلىرى ، پىرېنىيە دائىرىسىگە يېقىن كارولىن ئىمپېرىيىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن ، ئاخىرىدا لېئون ، كاستىل ، ئاراگون ، پورتۇگالىيە ۋە ناۋاررې قاتارلىق خىرىستىيان خانلىقلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يەتتە ئەسىر مابەينىدە ، كېيىنكى خانلىقلارنىڭ ئارىلاپ جەنۇبقا كېڭىيىشى يۈز بېرىپ ، خىرىستىيانلارنىڭ 1492-يىلى گرانادا شىتاتىنى بويسۇندۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى. شۇ يىلى كرىستوفىر كولۇمبۇس يېڭى دۇنياغا كەلدى. دەسلەپكى زامانىۋى دەۋردە ، ئىسپانىيە تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيەلەرنىڭ بىرىنى باشقۇرۇپ ، دۇنيا مىقياسىدىكى تۇنجى ئىمپېرىيەنىڭ بىرى بولۇپ ، 300 مىليوندىن ئارتۇق ئىسپانچە سۆزلىگۈچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ مەدەنىيەت ۋە تىل مىراسلىرىنى قالدۇردى. ئالتۇن دەۋردە سەنئەتتە نۇرغۇن ئىلگىرىلەشلەر بولغان ، دۇنياغا داڭلىق رەسساملار بار. ئىسپانىيە دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ.

ئىسپانىيە دۇنياۋى پارلامېنت دېموكراتىيىسى ۋە پارلامېنت پادىشاھلىق تۈزۈمى ،  پادىشاھ فېلىپ VI دۆلەت باشلىقى بولغان. ئۇ تەرەققىي قىلغان ئاساسلىق دۆلەت  ۋە كىرىمى يۇقىرى دۆلەت ، دۇنيادىكى ئومۇمىي ئىقتىسادى نامدا 14-ئورۇندا ، سېتىۋېلىش كۈچى باراۋەرلىكى بىلەن 16-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ، ياۋروپا بىرلەشمىسى ، ياۋروپا كېڭىشى ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى ، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ، شېنگېن رايونىنىڭ ئەزاسى. ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ۋە باشقا نۇرغۇن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار.




#Article 116: دانىيە (322 words)


 

دانىيە بولسا ياۋروپا جايلاخكان بىر دۇلات. ئۇنىڭ پايتاھتى بولسا كوپېنھاگېن، ئاڭ قوڭ خاھرى بولسا كوپېنھاگېن. دۇلات تىلى بولسا دانىس تىلى. ئازىركى باش ۋەزىر لارس لوككە راسمۇسسەن. بۇ دۇلات 1918 يىلى 10 ئاينىڭ 29 كۇنى مۇستاككىل بولگان، يار مايدانى 43 مىڭ 094 كۇۋادىرات كىلومەتىر، نوپۇسى 5 مىللىئون 505 مىڭ، بۇلارنىڭ ئاسساسلىك دىنى پروتېستانت دىنى.

دانىيە پادىشاھلىقى Kingdom of Denmark

پايتەخت: كوپېنھاگېن، ئاھالىسى 1مىلىيۇن213مىڭ

زىمىنى: 43مىڭ94 كۇۋادىرات كىلومېتىرs

p0ئاھالىسى: دانىيەنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 5مىلىيۇن 450مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ 95%نى دېنماركلار، قالغانلىرىنى گېرمان، ئىنۇىت(ئسكىموس)، سىگان ۋە كۆچمەنلەر ئىگەللەيدۇ . گېرمان تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە دېنمارك تىلى دۆلەت تىلى.

دىنى : دانىيىلىكلەرنىڭ 95%ى پروتىستانت دىنىنىڭ لۇتېر مەزھىبىگە دىنىغا، 1% پروۋسلاۋىيە دىنىغا، 2% پروتىستانت دىنىغا ئىشىنىدۇ. كۆپ قىسمى دىنغا ئىشەنمەيدۇ.

پۇلى: دانىيە كرونېرى، (2006-يىلى) 5.946كرونېر=بىر دوللار. 2004-يىلى 6.587كرونېر= بىر دوللار. 2002-يىلى 7.8947كرونېر=بىر دوللار . دانىيە 1973-يىلىدىن بۇيان ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ئەزاسى. 2010-يىلىدىن باشلاپ ياۋرونى ئاساسلىق پۇل بىرلىكى قىلماقچى.

دۆلەت بايرىمى:( 1849-يىلى)1-ئاينىڭ 5-كۈنى، دانىيەنىڭ يېڭى ئاساسى قانۇنى يولغا قويۇلغان كۈنى

ۋاقىت رايونى :ياۋروپا ۋاقتى(شەرقى1- ۋاقىت رايونى)

دانىيە زىمىنى ئەسلىدىلا گۇتلار(گېرمان تىل ئائىلىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەجدادى) نىڭ بولۇپ كېيىن بۇ يەر غەربى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان. مىلادى985-يىلى قۇرۇلغان قۇدرەتلىك دانىيە پادىشاھلىقى شىمالى ياۋرپادىكى قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيىسى دۆلەتلىرنىڭ بىرى بولۇپ شىۋىتسىيىنىڭ بىر قىسمى ۋە نورۋىگىيە، ئەنگىلىيەلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى بويسۇندۇرغان. مىلادى 1397-يىلى شىۋىتسىيە، نورۋىگىيەلەرنى بىرلەشتۈرۈپ كارما ئىتتىپاقىنى قۇرغان. 1849-يىلى ئىتتىپاق پارچىلىنىپ ئاساسى قانۇنلۇق پادىشاھلىق تۈزۈم ماقۇللانغان. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1944-يىلى ئىسلاندىيە دانىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەققىل بولغان. فاروئېر تاقىم ئاراللىرى ۋە گىرىنلاندىيەدىن ئىبارەت ئىككى مۇستەملىكىسى بار. دانىيە 1949-يىلى شىمالى ئاتلانتىك تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان.

دانىيە زىمىنى پۈتۈنلەي دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىگى 400مېتىردىن ئاشمايدىغان يۇتلاندىيە يېرىم ئارىلى ۋە زىلاندىيە قاتارلىق تۈزلەڭلىك ئاراللىرىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، تۇپرىقى مۇنبەت. ئۇزۇن مەزگىل ئىمپىرىيە مەركىزى بولغان دانىيەنىڭ سانائەت ئاساسى ياخشى، ئۆي قۇشى ۋە سۈت كالىسى باقمىچىلىقى يۈكسەك تەرەققى قىلغان، پۇخرالارنىڭ ساپاسى يۇقىرى دۆلەت بولۇپ، يىللاردىن بۇيان دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. 2005-يىلى دانىيىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى 1.4% سانائەت 24.6%، مۇلازىمەت 76%نى ئىگەللىگەن بولۇپ -2005يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 3مىليۇن350مىڭ، يانپون ئابونتى 5 مىليۇن469مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 5مىليۇن469مىڭ بولغان




#Article 117: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى (568 words)


تۈركىيە- تولۇق ئىسمى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى (تۈركچە : Türkiye Cumhuriyeti, ئىنگىلىزچە: Republic of Turkey) ئاساسى قانۇنلۇق، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى، يىقىدا ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمگە ئۆزگەرتىمەكچى جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن ياۋروپا ۋە ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان بىر دۆلەت. ئۇنىڭ پايتەختى بولسا ئەنقەرە، ئەڭ چوڭ شەھىرى بولسا ئىستانبۇل. دۆلەت تىلى بولسا تۈرك تىلى. نۆۋەتتىكى پرىزدېنتى (تۈركچە جۇمھۇرباشقانى)رەجەپ تايىپ ئەردۇغان . نۆۋەتتىكى باش مىنىستېر (تۈركچە باشباقان) بنئالى يىلدىرىم. تۈركىيە 1923 - يىلى 29 - ئۆكتەبىر كۈنى مۇستەقىللىقىنى جاكارلاپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئورناتقان.

تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى ئاسيا قىتئەسىنىڭ غەربى، كىچىك ئاسيا دەپ نام ئالغان ئانادولۇ يېرىم ئارىلى ۋە ياۋرۇپا قىتئەسىنىڭ ئاڭ شەرقى بولمىش رۇمئەلى يرىم ئارىلىغا جايلاشقان، بولۇپ بۇگۈنكى زېمىنىنڭ 3% ياۋرۇپا قىتئەسىدە يەر ئالماقتا.
يىراق قەدىمكى زامانلاردىن بېرى ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت ئىزنالىرى قالدۇرۇلغان بۇ توپراقلاردا رىم ۋە ۋىزانتىيە ئىمېرىيەلىرىدىن كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن نۇرغۇن يادىكارلىقلار باردۇر.

غازى مۇستاڧا كامال ئاتاتۈرك رەھبەرلىكىدە 1919- يىلى 19- باھار\مايدا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى باشلادى. 1920- يىلى 23- ئۈمىد\ئاپرېل كۈنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئەنقەرەدە ئېچىلدى. 1922- يىلى 1- ئوغلاق\نويابر كۈنى سەلتەنەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ۋە 623 يىللىق ئوسمانلى دەۋلەتى تارىخقا كۆمۈلدى. 1923- يىلى 29- ئوغۇز\ئۆكتەبر يېڭى پايتەخت ئەنقەرەدە تۈركىيە جۇمھۇرىيەتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى رەسمى جاكارلاندى. تۇنجى دەۋلەت رەئىسى مۇستاڧا كامال پاشا سايلاندى. 

تۈركىيە ئەنئەنە جەھەتتىن ئىسلام دۆلىتى بولغاچقا ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغا مۇناسىۋىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ھايات-ماماتىغا تەئسىر يەتكۈزۈشىدىن ئېھتىيات قىلىپ دۆلەتتە دىن بىلەن ھاكىمىيەتنى ئۈزۈل-كېسىل ئايرىپ 1923-يىلىدىن بۇيان ھەرقانداق دىنى ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە پارتىيەنى قانۇنسىز ھىساپلاپ كەلگەن. ئاساسى قانۇندىكى بۇ شەرتلەرنى قوغداش ئىزچىل تۈردە تۈركىيە ھەربى تەرەپنىڭ ئىزچىل تۈركىيەسىياسىتىنى كونتىرۇل قىلىشىدىكى ئاساسى سەۋەپ بولۇپ كەلگەن ئىدى.
 

 

 

 

تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت. تۈركىينىڭ ھەرقارارلىق ھۆكۈمەتلىرى ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە غەربىي ياۋروپا بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلدى ۋە ئىزچىل تۈرە ياۋروپا ئىتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ . يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئوتتۇرا شەرق بالقان ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قاتارلىق رايونلاردىكى ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكىمۇ ئەھمىيەت بەرمەكتە. ھازىر تۈركىيىنىڭ يەر شارىدىكى 125 دۆلەت ۋە رايون بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 6دۆلەت، پاكىستان، ئىران ۋە ئازەربەيجان بىلەن بىللە قۇرغان «ئىقتىسادى گۈللىنىش تەشكىلاتى» تۈركىيەنىڭ كېيىنكى سىياسى ۋە سىپلوماتىيە-ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا مۇھىم كۆرسەتكۈچلۈك ئەھمىيەتكە ئىگە.

تۈركىيە تارىختىن بۇيان دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان يېزائىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. تۈركىيە ئەمگەك كۈچىنىڭ %35دېقھانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ، بىراق دېھقانچىلىقتىن كىرىدىغان كىرىم دۆلەت ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %9.3نى ئىگىلەيدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، تۈركىيىنىڭ توقۇمىچىلىق، پولات-تۆمۈر، قەغەز ئىشلەپچىقىرىش، سېمۇنت ئىشلەپچىقىرىش ۋە قەنت ياساش سانائىتىنى خېلى راۋاجلانغان. تۈركىيىنىڭ كان بايلىقى مول بولۇپ، كۆمۈر، مىس قاتارلىقلارنىڭ زاپىسى بىرقەدەر كۆپ. 2007-يىلى تۈركىيەنىڭ مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 361مىلىيارد دوللار بولغان دۇنيا بويىچە 20-ئورۇندا تۇرغان. تۈركىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى دۇنيادىكى ئىسلام ئەللىرى ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. تۈركىيەنىڭ 2006-يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى9100دوللار سانائەت مەھسۇلات مىقدارى ئۇمۇمى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 31%نى، مۇلازىمەت كىرىمى 60%نى ئىگەللىگەن. 

پۇل بىرلىكى: تۈرك لىراسى.
 
تۈركىيە ئىقتىسادى سىياسىتى ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ زور تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا 2004-يىلىغا كەلگەندە پۇلى پاخاللىشىپ بىر مىليۇن500مىڭ لىرا بىر دوللارغا توغرا كېلىدىغان پۇل پاخاللىقى يۈز بەرگەن ئىدى. 2005-يىلىدىكى 6نۆلنى قىسقارتىشتىن كېيىن تۈركىيەدە 1.34يېڭى تۈرك لىراسى=بىر دوللار، 2016 تۈركىيە ھەربىي ئۆزگىرىش تەشەببۇسىدىن كېيىن تۈرك لىراسىنىڭ دوللارغا بولغان ئايرىۋاشلاش نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ يوقرى پەللىگە چىقىپ 3.1 تۈرك لىراسى = 1 ئامېرىكان دوللارى بولغان.

ھەربىي مەجبۇرىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، 18ئاي ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. نۆۋەتتە 3مىليون 720مىڭ نەپەر ئەسكەر ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ.

تۈركىيەدىكى بىرقەدەر داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتللار

پۇتبول - تۈركىيەدە پۇتبول باشقا تەنتەربىيە تۈرلىرىگە قارىغاندا بىر قەدەرې راۋاجلانغان، ئاممىۋىلىقى كۈچلۈك، جەلبكارلىقى يۇقىرى بىر پائالىيەت تۈرىدۇر. يىللىق ئايلانما مۇسابىقىلىرىدىن تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى ئايلانمىسى ۋە تۈركىيە لوڭقىسى باردۇر.

داڭلىق پۇتبول كۇلۇپلىرىى:

تۈركىيەنىڭ ئىلىكتىرلىشىش ۋە ئالاقە ئىشلىرى ئورتاھال تەرەققى قىلغان بولۇپ مۇقىم تېلېڧون ئابونتى 19مىلىيۇن، يانڧون ئابونتى 44 مىلىيۇن، ئىنتېرنېت ئابونتى 13 مىلىيۇن بولغان.




#Article 118: ئۆزبېكىستان (561 words)


ئۆزبېكىستان (ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى) (ئۆزبېكچە: O‘zbekiston Respublikasi) ئوتتۇرا ئاسىياغا جايلاشقان، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تارقالغاندىن كېيىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن مەملىكەت. ئۆزبېكىستان بۇگۈن خەلقئارادا مەۋجۇد مۇستەقىل 7 تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تۈركسوينىڭ ئەزاسىدۇر. دېڭىز ئوكيان چىگرىسى بولمىغان بۇ دۆلەتنىڭ قوشنىلىرى شىمال ۋە غەربتە قازاقىستان، شەرقتە قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان، جەنۇبتا تۈركمەنىستان ۋە ئاڧغانىستان باردۇر. زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمى قەدىمكى ماۋەرائۇننەھرگە جايلاشقان. ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ شەھىرى تاشكەنت. مەملىكەت 12 ۋىلايەت ۋە بىر ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتتىن تەشكىل تاپقان.

ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى، پاختا، ئالتۇن، ئۇران ۋە تەبئىي گاز باشتا بولۇپ، كۆپىنچە مېتال ئىشلەپچىقىرىشقا تايىنىدۇ. بازار ئىقتىسادىغا كىرىشنى مەقسەد قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولىشىغا قارىماي، دۆلەت ئىچىدە مەبلەغ سالغۇچى سالغۇچى چەتئەللىكلەرنى زېرىكتۈرىدىغان قاتتىق ئىقتىسادىي تەكشۈرۈشلەر بىر شەكىلدە دەۋام قىلماقتا. ئۆزبېكىستان كىشىلىك ھوقۇق|ئىنسان ھەقلىرى ۋە شەخسىي ئەركىنلىك ھەققىدە ئىچكى سىياسەتلىرى بەئزى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئاغىر بىر شەكىلدە تەنقىد قىلىنماقتا.

ئۆزبېكىستاننىڭ ئۇمۇمىي چىگرا ئۇزۇنلىقى 6،621 كىلۇمېتىرغا، غەرىبتىن شەرىققە ئۇزۇنلۇقى 1،425 كىلومېتىرغا، شىمالدىن جەنۇبقا 925 كىلۇمېتىرغا سوزۇلغان. ئۆزبېكىستان غەرب ۋە شىمالدا قازاقىستان بىلەن، شەرىقتە قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان بىلەن، جەنۇبىدا تۈركمەنىستان ۋە ئافغانىستان بىلەن چىگرىداش.

ئۆزبەكىستاندا بىر مەكىزى پايتەخت شەھەر، 12 دانە ۋىلايەت ۋە بىر ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بار، ئۇلار:

بۇخارا –ئۆزبىكىستاندىكى بەشىنچى چوڭ شەھەر، شۇنداقلا  بۇخارا ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى بۇلۇپ، سوغدى تىلىدا خەيىرلىك جاي دىگەنلىكتۇر. 2009- يىلىغا قەدەر بولغان جەمئىي نۇپۇسى 263مىڭ. بۇخارا ئەتراپىدىكى رايونلاردا بەشمىڭ يىل ئىلگىرىلا كىشلەر ئولتۇراقلاشقان بۇلۇپ ،شەھەرنىڭ كەم دىگەندە 2500 يىللىق تارىخى بار.يىپەك يولىغا جايلاشقان بۇ شەھەر ئۇزاق دەۋىرلەردىن بۇيان سودا-سېتىق،ئىلىم-پەن،مەدەنىيەت ۋە دىننى مەركەز بولغان.بۇخارادا نۇرغۇنلىغان ئاسار ئەتىقە ،ساياھەت ئورۇنلىرى بۇلۇپ، كۆپىنچىسى ب د ت پەن مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.بۇخارادا تاجىكلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان،ئۇنىڭدىن باشقا  يەھۇدى ۋە باشقا مىللەتلەرمۇ بار.  

مەرغىلان-ئۆزبىكىستاننىڭ شەرقى قىسمىدىكى فەرغانە ۋىلايىتىگە قاراشلىق شەھەر بۇلۇپ ،2009-يىلىدىكى ئومۇمى نۇپۇسى 197مىڭ.ياۋروپا رىۋايەتلىرىگە قارىغاندا ،مەرغىلان بۈيۈك ئىمپىراتور ئالىكساندىر تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىكەن.بىر كۈنلۈك چۈشلۈك تاماققا ئۇنىڭغا توخۇ(پارىسچە مەرۇغ ) ۋە نان (پارىسچە نان)كەلتۈرلىدىكەن.بۇ شەھەرنىڭ نامى شۇنىڭدىن كىلىپ چىققانمىش. مەرغىلان يىپەك يولىدىكى قەدىمى شەھەرلەدىن بۇلۇپ ،سودىگەرلەر ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاچقۇچ شەھەر ھىساپلىنىدۇ.مەرغىلان ئەتلىسىنىڭ داڭقى بار. 

سەمەرقەند-ئۆزبىكىستاندىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر،سەمەرقەند ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى بۇلۇپ ،سو غدى تىلىدا تاش قەلئە ،تاش كەنىت دىگەن مەنىلەرگە ئىگە .بۇ شەھەر يىپەك يولىدىكى غەرىب ۋە شەرىقنى تۇتاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئورنى ۋە ئىسلام مەركەز بۇلۇش سۈپىتى داڭلىق . 14-ئەسىرلەردە سەمەرقەند تىمورلەڭ ئىمپىريىسىنىڭ مەركىزى بولغان .(گۆر ئەمىر مەقبەرىسىمۇ شۇ يەردە.) بىبى خانۇم مەسچىتى سەمەرقەندنىڭ بەلگە خاراكتىرلىك ئىمارىتى.2001-يىلى ب د ت پەن مائارىپ تەشكىلاتى سەمەرقەندنى دۇنيا مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ ،مەدەنىيەتلەر دوقمۇشى دىگەن نامنى بەردى .

نەمەنگان-ئۆزبىكىستاندىكى ئۈچۈنجى چوڭ شەھەر،نەمەنگان ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى بۇلۇپ ،فەرغانە ۋادىسىنىڭ شىمالى قىسمىغا جايلاشقان.2010-يىلىدىكى  ئومۇمى نۇپۇسى 441.3مىڭ. تاشكەنت –ئۆزبىكىستاننىڭ پايتەختى ،تاشكەنىت ۋىلايىتىگە قاراشلىق.ھۆكۈمەت سىتاتستىكىسىدا  شەھەر نۇپۇس 2.2 مىليوندىن كۆپ دىيىلگەن بۇلۇپ ،باشقا مەلۇماتلاردا ھەقىقى نۇپۇسنىڭ 4.5مىليونغا يىتىدىغانلىقى ئېيتىلغان. 

ئەندىجان-ئەندىجان ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى، ئۆزبىكىستاندىكى تۆتىنچى چوڭ شەھەر.ئەندىجان فەرغانە ۋادىسىدىكى قىرغىزىستان چىگرىسىغا يېقىن بولغان ئەندىجان ساي دەرياسى يېنىغا جايلاشقان.1999-يىلدىكى نۇپۇسى 323مىڭ. -
فەرغانە-فەرغانە ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى بۇلۇپ ،ئۆزبىكىستان ،قرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننى كىسىپ ئۆتكەن فەرغانە ۋادىسىنىڭ جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان.نۇپۇسى 214مىڭ ئەتراپىدا.فەرغانە تاشكەنىتنىڭ 420كىلومىتىر شەرق تەرىپىدە،ئەندىجاننىڭ 75كىلومىتر غەربىدە. 

خىۋە-(تارىختىكى نامى خارازىم) خارازىم ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى،ئومومى نۇپۇسى 50مىڭ ئەتراپىدا.خىۋە خارازىم خاندانلىقى ،خىۋە خاندانلىقىنىڭ پايتەختى،شۇنداقلا ئۆزبىكىستاندىكى بىرىنچى بۇلۇپ دۇنيا مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن جاي.   

زەرەفشان-ئۆزبىكىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نەۋاۋىي ۋىلايىتىگە قاراشلىق بۇلۇپ ،ئومۇمى نۇپۇسى 65مىڭ.بۇ شەھەر قىزىلقۇم قۇملۇقىغا جايلاشقان بۇلۇپ ،220كىلومىتر يىراقلىقتىكى ئامۇ دەرياسىنىڭ  سۈيىنى ئىشلىتىدۇ.

ئۆزبېكىستان ئاھالىسى تەخمىنەن 28 مىلىيون بولۇپ، ئۆزبېكلەر ئاساسلىق مىللەت سۈپىتىدە 80% (22مىلىيون)نى تەشكىل قىلىدۇ. بولۇپمۇ فەرغانە ۋادىسى، خارەزم، قاشقا دەريا ۋېلايەتلىرىدە ئاھالە تەركىبىدە ئۆزبېكلەرنىڭ سالمىقى ئالاھىيدە زور. نوپۇسى 1 مىلىيوندىن ئاشىدىغان مىللەتلەردىن رۇسلار،تاجىكلار،قازاقلار؛ 500 ئەتراپىدىكىلەر، تاتارلار،قىرغىزلار،قارا قالپاقلار دىن باشقا فارسلار (پارىسلار) (200 مىڭ)،كورىئانلار(200 مىڭ) ئۇكرائيانلار (150 مىڭ)، تۈركمەنلەر (105 مىڭ)،ئەرمەنىيلەر 100 مىڭ، ئەرەبلەر ۋە لولىلار (50 مىڭ) ۋە باشقىلار.
(ئۇيغۇرلارنىڭ ئايرىم مىللەت سۈپىتىدە سانى بېرىلمىگەن)




#Article 119: قازاقىستان (874 words)


قازاقىستان ياكى رەسمىي نامى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى (قازاقچە:  Қазақстан Республикасы) غەربىي تۈركىستان ياكى ئوتتۇرا ئاسىياغا جايلاشقان بىر جۇمھۇرىيەت بولۇپ، كۈنىمىزدىكى يەتتە مۇستەقىل تۈرك دۆلىتىنىڭ بىرىدۇر. پايتەختى ئاستانا شەھرى، ئەڭ چوڭ شەھرى ئالمۇتا شەھرى. 1991 - يىلى 16 - دېكابر س س س ر دىن مۇستەقىل بولغان. يەر مەيدانى 2 مىليۇن 717 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر. جايلاشقان ئورنى جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق مەملىكىتى ھېسابلىنىدۇ، غەربى كاسپىي دېڭىزى، شەرقى خىتتاي، شىمالى رۇسىيە فېدېراتسىيىسى، جەنۇبى ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ۋە قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. كۆپ قىسىم يەرلىرى تۈزلەڭلىك ۋە ئېدىرلىق بولۇپ، قاقاس ۋە يېرىم قاقاس يەرلەر زېمىنىنىڭ 60% نى تەشكىل قىلىدۇ. نوپۇسى 19 مىليۇندىن كۆپرەك ئاھالىنىڭ %70 ى قازاقلار

يەر كۆلىمى 2 مىليون 724 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر. ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەر مەيدانى ئەڭ كەڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى. شىمالدا رۇسىيە، جەنۇبتا ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، قىرغىزىستانلار بىلەن چېگرىلىنىدۇ. غەربىدە كاسپىي دېڭىزى بار، شەرقتە جۇڭگو بىلەن چېگرىلىنىدۇ، «ھازىرقى زاماندىكى يىپەك يولى» دەپ ئاتالغان «ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى» قازاقىستاننىڭ پۈتۈن چېگراسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. قازاقىستان زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمى تۈزلەڭلىك ۋە پەس يەرلەر بولۇپ، غەربىدىكى ئەڭ پەس جاي دېڭىز يۈزىدىن 132 مېتىر تۆۋەن؛ شەرقى ۋە شەرقىي جەنۇب قىسمىدا ئالتاي تېغى ۋە تەڭرىتاغ بار؛ تۈزلەڭلىكلەر ئاساسلىقى غەرب، شىمال ۋە غەربىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان؛ ئوتتۇرا قىسمى قازاق ئېدىرلىقلىرى. چۆللۈك ۋە يېرىم چۆللۈك قازاقىستان ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %60ىنى ئىگىلەيدۇ.

قازاقىستاندا ئىككى شەھەر، 14 ئوبلاست (ۋىلايەت) باردۇر.

ئىككى شەھەر بولسا:

ئوبلاست/ۋىلايەتلەر؛

قازاقىستاندا 130 دىن ئارتۇق مىللەت بار، ئەمما مىللەت، دىن مەسىلىسى كۆرۈنەرلىك ئەمەس، ھەقىقەتەن ئىناق دېيىشكە بولىدۇ. تەخمىنەن 18 مىليون 815 مىڭ بولۇپ، قازاق، رۇس، ئۇكرائىن، ئۆزبېك، نېمىس ۋە تاتار قاتارلىق 131 مىللەتتىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار نوپۇسنىڭ %70 ىنى ئىگىلەيدۇ. قازاق تىلى دۆلەت تىلى،  ئاھالىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە پراۋۇسلاۋىيە دىنى، خرىستىئان دىنى قاتارلىق دىنلار بار.

قازاقستان جۇمھۇريىتى مەدېنيەت ۋە ئاخپارات مېنىستىرلىقى مىللەتلەر مۇناسۋىتىنى تەتتىق قىلىش مەركىزىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا  ، قازاقستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 241400 بۇلۇپ قازاقستان نوپۇسىنىڭ %1.6 نى ېىگىلەيدۇ . ئاساسى ئالماتى ئوبلاستىنىڭ چيلەك ، پانفيلوۈ ، شارىن ، ئەمگەكچى قازاق ، چونجى قاتارلىق ناھيەلەرگە جايلاشقان . ئولار ئۇز تىلىنى ، ئۆرۈپ ئادەتىنى ياخشى ساقلىغان ، ئۇيغۇرچىدىن باشقا قازاق تىلى ۋە روس تىلىنى ئشلىتىدۇ .

قازاقستاندا دولەت ئىچىدە خىزمەت قىلۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن دوكتور 42 نەپەر ، ئاكادېميىك 4 نەپەر ، دوتسېنت 200نەپەرىدن ئارتۇق ، 5نەپەر قازاقستان خەلق ئارتېسى ، 20 نەپەر قازاقستانغا ئەجىر سىڭدۇرگەن خىزمەتكار بار .

دولەتنىڭ ھەر قايسسى مەمۇري ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان  ئۇيغۇرلار 393 نەپەر بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە 13 نەپەر سياسي جىزىمەت ئەزاسى ، مەملىكەتنىڭ توۋەن پالاتاسى ۋە ئوبلاسىت ، شەھەر ، يەرلىك پالاتالاردىمۇ ئۇيغۇر ئەزالار بار .

قازاقستان مەملىكەتلىك ئۇيغۇرلار مەدېنيەت مەركىزى مەملىكەت تەرىپىدىن تەسىقلانغان ئۇيغۇرلار مەدېنيەت تەرەققي قىلدۇرۇش مەركىزى بۇلۇپ ، رەھىسى ئەخمەتجان بەكىروۈ يولداش . قازاقستان ئۇيغۇرلار مەدەنيەت مەركىزىنىڭ خىزىمىتى مەركەزنىڭ ئىش بىجىرىش ئەزالىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىلىپ بىرىلىدۇ . (ئەزالار 35نەپەر ، 5 نەپەر دوكتور ، 2 نەپەر ئاكادېمىك ، 3نەپەر دوتسېنت ، 1نەپەر خەلق ئارتېسى ، 5نەپەر قازاقستانغا ئەجىر سىڭدۇرگەن خىزمەتچى بار ) مەركەزدە ، مائارىپ ئۇيۇشمىسى ، چوڭلار ئۇيۇشمىسى ، ياشلار ۋە ئاياللار ئۇيۇشمىسى ، رەسساملار ئۇيۇشمىسى ، تەنھەركەتچىلەر ئۇيۇشمىسى ، مەشىرەپ ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئۇيۇشمىلار بۇلۇپ مەملىكەتلىك مەركەز 9 ئوبلاستتىن قوشۇمچە مەركەز تەشكىللىگەن .

مەملىكەت ئاخپارات ۋاستىلىرى ئاساسى ئەر قايسسى مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايونغا جايلاشقان ، ئالماتى شەھىرى ۋە ئالماتى ئوبلاستىدا ئۇيغۇر تىللىق ئاخبارات ۋاستىسى 11 بۇلۇپ ، قازاق سىمسىز تېليۇزورمۇ كۇنىگە 15 مينوت ئۇيغۇرچە تارقىتىدۇ .

ھازىر ئالماتىدا 3 ئۇيغۇر مەكتەپ ، 3 ئارلاشما تىللىق مەكتەپتە جەمئى 2114 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار . ئالماتى ئوبلاستى پانفيلوۈ رايونى ، تارجار رايونلىرىدا 11 ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپ ، 78 ئارلاش تىللىق مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 12841 نەپەر . 18 ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپ جاساندى سەرىك كانالى (卫星频道 دېمەكچىمەن) يىراقتىن ئوقۇتۇش سېستىمىسى ئورناتقان . مەملىكەت ھەر يىلى ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەجىربە ئەسۋاپلىرى ئۇچۇن مەركەز خەزىنىسىدىن 13 ميلليون تەڭگە ئاجىرىتىدۇ . مائارىپنىڭ تەرەققي قىلىشىغا ئەگىشىپ دۆلەتمۇ ئاجىرىتدىغان خىراجەتنى كۆپەيتمەكتە

نوپۇسى ئاران 17 مىليون 500 مىڭ، ئەمما نېفىت ۋە تەبئىي گاز بايلىقى مول بولغان قازاقىستان ئىنتايىن باي بىر دۆلەتكە ئايلاندى (2013- يىلى كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 13 مىڭ 48 ئامېرىكا دوللىرى).

كۆچمەنلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن پۇل، ئۆي ۋە يەر بېرىدۇ.

قازاقىستان كۆچمەنلەرنى جەلپ قىلىشقا ئىزچىل كۈچەپ، پۇل، ئۆي ۋە يەر تەمىنلىمەكتە، ئامال يوق، دۆلەت چوڭ، پۇلى كۆپ تۇرسا!!! يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆچمەنلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنىڭ دائىرىسى كىچىكلەپ، ئاساسلىقى قازاق كۆچمەنلەرلا جەلپ قىلىنماقتا،

قازاقىستان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىزچىل تۈردە سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئېغىر سانائەت بازىسى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ئىقتىسادى ياخشى ئىدى. مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى يىللاردا گەرچە تېخنىكىلىق رۇس ۋە نېمىسلارنىڭ كۆپلەپ كۆچۈپ چىقىپ كېتىشى بىلەن ئىگىلىك تەسىرگە ئۇچراپ ئىقتىسادى ئازراق چېكىنگەن بولسىمۇ ئەمما خەلقئارادا نېفىت ۋە باشقا كان بايلىقلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ قازاقىستاننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادى يىلىغا 10% ئەتراپىدا ئىزچىل ئۆرلىدى. قازاقىستاندا يېزا ئىگىلىك ئاھالىسى 20%، سانائەت ئاھالىسى 30%، مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 50%نى ئىگەللەيدۇ. قازاقىستاننىڭ 2008-يىللىق مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 141مىليارت ئامېرىكا دوللىرى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۇل بىرلىكى12000 دوللار بولدى. قازاقىستاننىڭ پۇل بىرلىكى تەڭگە. 2002-يىلى 153 تەڭگە بىر دوللار، 2004-يىلى 136 تەڭگە بىر دوللار، 2006-يىلى 126تەڭگە بىر دوللار، 2008-يىلى 120تەڭگە بىر دوللار بولدى.

ھاۋا كىلىماتى ئېغىر قۇرغاق قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ، ياز پەسلى تومۇز ئىسسىق ھەم قۇرغاق بولىدۇ، قىش پەسلىدە قەھرىتان سوغۇق بولىدۇ ۋە قار ئاز ياغىدۇ. 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃19- دىن ℃4- قىچە، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃19تىن ℃26قىچە بولىدۇ. مۇتلەق ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئايرىم ئايرىم ھالدا ℃45 ۋە ℃45-، قۇملۇقتىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃70قا يىتىدۇ. يىللىق ھۆل يىغىن مىقدارى چۆللۈك رايونلىرىدا 100 مىللىمېتىرغا يەتمەيدۇ، شىمالىي قىسمىدا 300 مىللىمېتىردىن 400 مىللىمېتىرغىچە؛ تاغلىق رايونلاردا 1000 2000 مىللىمېتىر بولىدۇ.




#Article 120: ياپونىيە (278 words)


 

ياپونىيە () غەربىي شىمال تىنچ ئوكيان غا جايلاشقان شەرقىي ئاسىيا دىكى ئارال دۆلىتى. ئۇ غەربتە ياپونىيە دېڭىزى بىلەن چېگرىلىنىدۇ ، شىمالدا ئوخوتسك دېڭىزى دىن جەنۇبتا شەرقىي جۇڭگو دېڭىزى ۋە تەيۋەن گە تۇتىشىدۇ. تىنچ ئوكياننىڭ بىر قىسمى ئوت ئۈزۈكى ، ياپونىيە 377 مىڭ 975 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان 6852 ئارالنىڭ تاقىم ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەتنىڭ شىمالىدىن جەنۇبقىچە بولغان بەش چوڭ ئارال خوككايدو ، خونشۇ ، شىكوكۇ ، كيۇشۇ ۋە ئوكىناۋا. توكيو ياپونىيەنىڭ پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ شەھىرى باشقا ئاساسلىق شەھەرلەر يوكوخاما ، ئوساكا ، ناگويا ، ساپپورو ، فۇكۇئوكا.

ياپونىيە دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ 11-دۆلەت ، شۇنداقلا نوپۇسى ئەڭ زىچ ۋە شەھەرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى. دۆلەت زېمىنىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمى تاغلىق بولۇپ ، نوپۇسى 126 مىليون 200 مىڭ تار دېڭىز بويى تۈزلەڭلىكىگە مەركەزلەشكەن. ياپونىيە 47 مەمۇرىي ۋىلايەت ۋە سەككىز ئەنئەنىۋى رايونغا ئايرىلىدۇ. بۈيۈك توكيو رايونى دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ شەھەر بولۇپ ، ئاھالىسى 37 مىليون 400 مىڭدىن ئاشىدۇ.

ياپونىيە چوڭ دۆلەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (1956-يىلدىن باشلاپ) ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى ۋە G7 قاتارلىق نۇرغۇن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئەزاسى. ياپونىيە ئۇرۇش ئېلان قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ، ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى باشتىن كەچۈرۈپ ، 1990-يىلغىچە دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى. ئۈچىنچىسى ئەڭ چوڭ دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ، تۆتىنچى ئورۇندا سېتىۋېلىش كۈچى باراۋەرلىكى. ماشىنا ۋە ئېلېكترون سانائىتىنىڭ باشلامچىسى ، ياپونىيە ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكا غا زور تۆھپە قوشتى. سىنگاپور دىن كېيىن ئاسىيا دىكى ئىنسانلار تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى دىكى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت قاتارىغا تىزىلغان ياپونىيە ، گەرچە ھازىر نوپۇسنىڭ ئازىيىشىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما ئۆمرى دۇنيادىكى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ياپونىيە دۇنيادىكى ئەڭ باي مەدەنىيەتنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇ سەنئەت ، يېمەك-ئىچمەك ، مۇزىكا ۋە ئاممىباب مەدەنىيىتى بىلەن داڭلىق كارتون ۋە سىن ئويۇنى كەسپى بىلەن داڭلىق.




#Article 121: تايلاند (151 words)


 

         شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى  ھىندىچىن يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 514 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. تروپىك مۇسسۇنلۇق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، ھەر يىلى 5-ئايدىن 10-ئايغىچە ھۆل يېغىن پەسلى، 11-ئايدىن ئىككى يىلنىڭ 4-ئېيىغىچە قۇر[غاق پەسىل بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃22-℃28 ئارىلىقىدا بولىدۇ، پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ %58 نى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. تايلاندنىڭ ئاھالىسى 65 مىليوندىن ئاشىدۇ، 40 نەچچە مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاھالىنىڭ %9ا دىنىغا، ئاز ى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. تايلاند ئىقتىسادىي جەھەتتىن يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ، ئاھالىنىڭ %80تى يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. دېھقانچىلىق ئاساسلىقى شال ئۆستۈرۈلىدۇ، شال تېرىيدىغان يەر پۈتۈن دۆلەتتىكى تېرىلغۇ يېرىنىڭ %70 نى ئىگەللەيدۇ، دۇنيادا مەشھۇر گۈرۈچ ئېكىسپورت قىلىدىغان دۆلەت. سانائەتتە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، كاۋچۇك، شېكەر، كونسېرۋا، سېمونت، يېمەك-ئىچمەك، نېفىت ئايرىش، ماشىنىسازلىق، پولات-تۆمۈر، خىمىيە، ئېلېكترون قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. ئېغىر سانائىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خېلى تېز ب[ولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ تۆتتىن بىرىدىن كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدۇ.




#Article 122: قىرغىزىستان (158 words)


قىرغىزستان بولسا ئاسىيا جايلاشكان بىر دۆلات. ئۇنىڭ پايتاختى بولسا بىشكەك. دۆلەت تىلى بولسا قىرغىز تىلى ۋە رۇس تىلى.پىرزەنتى قۇرمانبەك باكىيىف ، ھازىركى باش ۋەزىرى ئالماز. بۇ دۆلەت 1991-يىلى، 8-ئاينىڭ، 31-كۇنى مۇستاككىل بولغان. يەر مايدانى 199 مىڭ، 900 كۋادرات كىلومەتىر، نوپۇسى 5،356،000.

قىرغىزىستاندا ئىككى شەھەر، يەتتە ئوبلاست بار.
ئىككى شەھەر بولسا:

مۇستەقىللىق كۈنى ___1991-يىلى 8-ئاي31-كۈنى 

ئاسىاسى قانۇن بايرىمى ___5-ئاينىڭ 5-كۈنى (1995-يىلى)

ئارمىيە بايرىمى ___5-ئاي 29-كۈنى (1995-يىلى)
زۇڭتۇڭ ___كۇرمانبىك باكيۇف(Kurmanbek Bakiyev) 

زۇڭلىسى ___ئىگور چۇ دىنوف (Igor Chudinov) 

ئومۇمى يەر كۆلۈمى 19.85تۈمەن كۇۋادىرات كېلومىتىر ،قازاقىستان ،ئۆزبىكىستان ،تاجىكىستان ۋە ئىلىمىزنىڭ شىنجاڭ بىلەن چىگىرلىنىدۇ .

پۈتۈن زىمىنىنىڭ 90پېرسەنتى دېڭىز يۈزىدىن ئىگىز كىلدۇ ،نوپۇسى 517تۈمەن ،80دىن كۆپرەك مىللەت بار .قىرغىز 65پېرسەنىت ،ئۆزبىك 14پېرسەنىت ،روس 12.4پېرسەنىت كىلىدۇ .ئۇيغۇر ،تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرمۇ بار .ئاھالىسىنىڭ 70پېرسەنتى ئىسلام دىنىنىڭ سۈنئى مەزھىپىگە ئىتقات قىلىدۇ .دۆلەت تىلى قىرغىز تىلى .

پايتەختى ___(Bishkek)بېشكەك

بېشكەك نۇپۇسى 79.77تۈمەن ئادەم(2003-يىلى ).پۈتۈن دۆلەت 7ئوبلاسىت 1شەھەرگە ئايرىلغان .پۇل بېرلىكى سوم (som).
دۆلىتىمىز بىلەن 1992-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى دېپلۇماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ،دۆلىتىمىز بىلەن بولغان چىگرا لىىنيىسى 1100كېلومىتىر كىلىدۇ 




#Article 123: ۋيېتنام (158 words)


 

خەلقارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى0084. 2008-يىلى ۋېتنامدا تېلپون ئابونتى25 مىلىيۇن 591 مىڭ، يانپون ئابونتى 70مىلىيۇن254مىڭ

ۋېتنام ئاساىي قانۇنىدا :«ۋېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى قىزىل تەگلىك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق» دەپ بەلگىلەنگەن، يەنى دائىم ئېيتىپ كېلىۋاتقان ئالتۇن يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقتۇر. ۋېتنامنىڭ دۆلەت بايرىقى قىزىل رەڭدە بولۇپ، بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر دانە بەش بۇرجەكلىك ئالتۇن يۇلتۇزنىڭ نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن. بۇنىڭدىكى قىزىل رەڭ ئىنقىلاپ بىلەن قلەبىنىڭ سىمۋولى، بەش بۇرجەكلىك ئالتۇن يۇلتۇز ۋېتنامدىكى ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىنىڭ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان، يۇلتۇزنىڭ بەش بۇرجىكى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئىشچى ، دېھقان ، ئارمىيە، زىيالىي ۋە ياشلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. قىزىل رەڭلىك چەمبەر شەكىللىك گېربىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە بىر دانە سېرىق رەڭلىك بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇزنىڭ نۇسخىسى، ئەڭ ئاستىغا سانائەتنىڭ سىمۋولى بولغان بىر دانە سېرىق رەڭلىك چىشلىق چاقنىڭ نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن. چەمبەرنىڭ ئەتراپىنى يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە قىزىل لېنتا بىلەن باغلانغان شال ۋە باشاق سىممېترىك ھالدا ئوراپ تۇرىدۇ ئالتۇن رەڭلىك چاقنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى لېنتىغا ۋېيتنام يېزىقىدىكى « ۋېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى» دېگەن خگت يېزىلغان. دۆلەت گېربىنىڭ نۇسخىسى 1956 ـ يىلى بېكىتىلگەن.
ۋيېتنام 




#Article 124: ئىسرائىلىيە (4145 words)


ئىسرائىلىيە ( تەلەپپۇزى: ɪzriəl, ˈɪzreɪəl/ ; يەھۇدىيچە: יִשְׂרָאֵל ‎;ئەرەبچە: إِسْرَائِيل‎) بولسا ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان دۆلەت بولۇپ، ئىسرائىلىيە جۈمھۈرىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىسرائىلىيە ئوتتۇرا شەرقتىكى بىردىىنبىر دېموكراتىك دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ پايتەختى بولسا ئېرۇسالىم، ئەڭ چوڭ شەھىرى بولسا تېلاۋىف. دۆلەت تىلى بولسا ئىبرانى ۋە ئەرەب تىلى.

ئىسرائىلىيە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقى ۋە قىزىل دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان. شىمالدا لىۋان ، شەرقىي شىمالدا سۈرىيە ، شەرقتە ئىئوردانىيە ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززە رايونىنىڭ پەلەستىن زېمىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەرق ۋە غەربتە ، [22] ، مىسىر بىلەن غەربىي جەنۇبتا تۇتىشدۇ. بۇ دۆلەت بىر قەدەر كىچىك رايوننىڭ جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن كۆپ خىل ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. [23] ئىسرائىلىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا مەركىزى تېل ئاۋىۋ بولۇپ ، [25] ئۇنىڭ ھۆكۈمەت ۋە ئېلان قىلىنغان پايتەختى ئېرۇسالىم ، گەرچە دۆلەتنىڭ ئېرۇسالىمغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش چەكلىك بولسىمۇ. [26] [27] [28] [29] [fn 4]

ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ بالدۇر ئافرىقىدىن كۆچۈپ كەلگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بار. كەنئان قەبىلىلىرى ئوتتۇرا مىس قوراللار دەۋرىدىن باشلاپ ئارخولوگىيەلىك ئىسپاتلانغان ، [31] [32] ، ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىقى تۆمۈر دەۋردە بارلىققا كەلگەن. [33] [34] يېڭى ئاسسۇر ئىمپېرىيىسى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 720-يىللىرى ئىسرائىلىيەنى ۋەيران قىلغان. يەھۇدىيە كېيىنچە بابىلون ، پارس ۋە گرېتسىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلدى ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئاپتونوم ئۆلكىسى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇراتتى. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مەككە قوزغىلاڭلىرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 110-يىلغىچە مۇستەقىل خاسمون خانلىقىنى بارلىققا كەلتۈردى ، [38] مىلادىدىن ئىلگىرىكى 63-يىلى رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ خېرىدارى دۆلىتىگە ئايلانغان ، كېيىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 37-يىلى ھىرود خاندانلىقىنى ئورناتقان ، مىلادىيە 6-يىلى رىمنىڭ يەھۇدىيە ئۆلكىسىنى قۇرغان. . [39] يەھۇدىيە قوزغالغان مەغلۇبىيەتلەر كەڭ كۆلەمدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغۇچە ، يەھۇدىيە رىم ئۆلكىسى سۈپىتىدە داۋاملاشتى ، [38] يەھۇدىيلار نوپۇسىنىڭ قوغلىنىشى [38] [40] ۋە بۇ رايوننىڭ ئىدائادىن سۈرىيە پالاستىناغا ئۆزگەرتىلىشى. يەھۇدىيلارنىڭ بۇ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقى ئەسىرلەردىن بۇيان مەلۇم دەرىجىدە ساقلىنىپ كەلگەن. مىلادىيە 7-ئەسىردە ، لېۋانتلار ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىدىن ئەرەبلەر تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن ۋە 1099-يىلدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپلەرگىچە مۇسۇلمانلارنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرغان ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاييۇبلار 1187-يىلى بويسۇندۇرۇلغان. مىسىرنىڭ ماملۇك سۇلتانلىقى لېۋانتتىكى كونتروللۇقىنى كېڭەيتكەن. 13-ئەسىر 1517-يىلى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغانغا قەدەر. 19-ئەسىردە ، يەھۇدىيلار ئارىسىدا مىللىي ئويغىنىش دىئاسپورادا زىئونىستلار ھەرىكىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ ، ئوسمانلى سۈرىيىسىگە ، كېيىنچە مەجبۇرى پەلەستىنگە كۆچۈپ كەلگەن.

ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ئۆزىنى يەھۇدىي ۋە دېموكراتىك دۆلەت ۋە يەھۇدىيلارنىڭ مىللىي دۆلىتى دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ. بۇ دۆلەتتە ئەركىن دېموكراتىيە بار (ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونىدا پەقەت ئىككىسىنىڭ بىرى ، يەنە بىرى تۇنىس) ، [58] [59] پارلامېنت تۈزۈمى ، نىسبەتتىكى ۋەكىللىك ھوقۇقى ۋە ئومۇمىي سايلام ھوقۇقى بار. [60] [61] باش مىنىستىر ھۆكۈمەت باشلىقى ، كېنسېت قانۇن چىقىرىش ئورگىنى. 2019-يىلغا قەدەر 9 مىليون ئەتراپىدا نوپۇسى بار ، [62] ئىسرائىلىيە تەرەققىي تاپقان دۆلەت ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت. ئۇ نامدىكى GDP بويىچە دۇنيادىكى 31-چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىگە ئىگە ، شۇنداقلا ھازىر توقۇنۇشۇۋاتقان ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت. ئۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ يۇقىرى تۇرمۇش سەۋىيىسىگە ئىگە ، [21] ۋە ھەربىي مەشىققە قاتناشقان پۇقرالارنىڭ نىسبىتى بويىچە دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ ، [65] ئالىي مائارىپ ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن پۇقرالارنىڭ نىسبىتى ، [66] تەتقىقات ۋە تەرەققىيات خىراجىتى GDP نىسبىتى ، [67] ئاياللارنىڭ بىخەتەرلىكى ، [68] ئۆمرى ، [69] يېڭىلىق يارىتىش ، [70] ۋە خۇشاللىق.

ئەنگىلىيە مانداتى (1920 - 1948) دەۋرىدە پۈتكۈل رايون پەلەستىن دەپ ئاتالغان (ئىبرانىيچە: פלשתינה [א״י] ، يورۇتۇلغان. «پەلەستىن [ئېرېت ئىسرائىلىيە]»). 1948-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ، بۇ دۆلەت رەسمىي ھالدا «ئىسرائىلىيە دۆلىتى» (ئىبرانىيچە: מְדִינַת יִשְׂרָאֵל ، بۇ ئاۋاز ھەققىدە مېدنات يىسرائىل [mediˈnat jisʁaˈʔel نى قوللانغان ؛ ئەرەبچە: دَوْلَة إِسْرَائِيل ، داۋلات ئىسرائىلىيە ، [dawlat ʔisraːˈʔiːl] ئېرېتز ئىسرائىلىيە («ئىسرائىلىيە زېمىنى») ، ئېۋىر (ئەجداد ئەبېردىن) ، سىئون ۋە يەھۇدىيە قاتارلىق تارىخى ۋە دىنىي ئىسىملار ئوتتۇرىغا قويۇلغان ، ئەمما رەت قىلىنغان ، [73] ، «ئىسرائىلىيە» دېگەن نامنى بېن گۇرىيون ئوتتۇرىغا قويغان ۋە 6–3 ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى. [74] مۇستەقىللىقنىڭ دەسلەپكى ھەپتىسىدە ، ھۆكۈمەت «ئىسرائىلىيە» دېگەن سۆزنى تاللاپ ، ئىسرائىلىيە پۇقراسىنى كۆرسىتىدۇ ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى موشې شارېت رەسمىي ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيە زېمىنى ۋە ئىسرائىلىيە بالىلىرى دېگەن ئىسىم تارىختا ئىنجىلدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقى ۋە پۈتكۈل يەھۇدىي خەلقىنى كۆرسىتىدۇ. «ئىسرائىلىيە» (ئىبرانىيچە: Yisraʾel, Isrāʾīl; Septuagint گرېكچە: Ἰσραήλ, Israēl, 'El (God) چىڭ تۇرىدۇ / قائىدىلەر' ، گەرچە خوشيا 12: 4 دىن كېيىن دائىم «خۇدا بىلەن كۆرەش قىلىش» دەپ ئىزاھلانغان) [79] [80] بۇ ئىبارىلەردە ئىبرانىي ئىنجىلغا ئاساسەن ، رەببىنىڭ پەرىشتىسى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك كۈرەش قىلغاندىن كېيىن بۇ ئىسىم قويۇلغان ئاتا-بوۋىسى ياقۇپنى كۆرسىتىدۇ. ياقۇپنىڭ ئون ئىككى ئوغلى ئىسرائىللارنىڭ ئەجدادى بولۇپ قالدى ، ئۇلار ئىسرائىلىيەنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى ياكى ئىسرائىل بالىلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قاناندا ياشىغان ، ئەمما ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن تۆت ئەۋلاد مىسىرغا كېتىشكە مەجبۇر بولغان ، 430 يىل داۋاملاشقان ، [82] ياقۇپنىڭ نەۋرىسى مۇسا [83] تاكى ئىسرائىللارنى باشلاپ كەنئانغا قايتىپ كەلگەن. «چىقىش». «ئىسرائىلىيە» سۆزىنى كوللېكتىپ سۈپىتىدە تىلغا ئالغان ئەڭ قەدىمكى ئارخولوگىيەلىك ئاسارە-ئەتىقىلەر قەدىمكى مىسىرنىڭ مېرنېپتاخ تېشى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 13-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا تۇتىشىدۇ).

بۇ يەر يەنە مۇقەددەس زېمىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ئۇ يەھۇدىي دىنى ، خىرىستىئان دىنى ، ئىسلام دىنى ۋە باھائى ئېتىقادى قاتارلىق بارلىق ئىبراھىم دىنى ئۈچۈن مۇقەددەس. ئەسىرلەر بويى بۇ تېررىتورىيە قانان ، دجاھى ، سامارىيە ، يەھۇدىيە ، يېھۇد ، ئىدائا ، سۈرىيە پالاستىنا ۋە سۈرىيەنىڭ جەنۇبى قاتارلىق باشقا ھەر خىل ئىسىملار بىلەن تونۇلغان.

ھازىرقى ئىسرائىلىيە زېمىنىدىكى دەسلەپكى ئىنسانلارنىڭ 1.5 مىليون يىل بۇرۇنقى تارىخىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئىسپاتى ، جەلىلىيە دېڭىزىغا يېقىن ئۇبەيدىيادىن تېپىلغان. باشقا مەشھۇر قەدىمكى دەۋرلەردە تابۇن ، قەيسەر ۋە مانوت ئۆڭكۈرلىرى بار. ئافرىقىدىن تېپىلغان ئاناتومىيىلىك زامانىۋى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى تاشقا ئايلانغانلىرى 120 مىڭ يىل ئىلگىرى ھازىر ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى رايوندا ياشايدىغان سكۇل ۋە كافزېخ خومىنلاردۇر. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 10-مىڭ يىللار ئەتراپىدا ، ناتۇف مەدەنىيىتى بۇ رايوندا مەۋجۇت ئىدى.

تېررىتورىيەنىڭ دەسلەپكى تارىخى ئېنىق ئەمەس. ئىسرائىللارنىڭ مىللىي ئەپسانىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ھېكايە. [88] ئاخىرقى مىس قوراللار دەۋرىدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1550 - 1200) ، قاناننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى مەمۇرىي باش ئورگىنى غەززەگە جايلاشقان مىسىرنىڭ يېڭى پادىشاھلىقىغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان ۋاسسال دۆلەتلەرنى قۇرغان. ئىسرائىللارنىڭ ئەجدادلىرى بۇ رايوندا تۇغۇلغان قەدىمكى سېمىتىت تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەپ قارىلىدۇ. بۇ قانانلىق خەلقلەردىن ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىدىن پەرۋەردىگارنى مەركەز قىلغان ئالاھىدە يەككە-يېگانە ، كېيىنچە يەككە-يېگانە دىننى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق. [91] [92] [93] [94] [95] [96] ئارخولوگىيەلىك ئىسپاتلار كەنتكە ئوخشاش مەركەزلەرنىڭ ، ئەمما بايلىقلىرى چەكلىك ۋە نوپۇسى ئاز بىر جەمئىيەتنى كۆرسىتىدۇ. كەنتلەرنىڭ نوپۇسى 300 ياكى 400 گە يېتىدۇ ، [98] [99] دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن ياشايدىغان بولۇپ ، ئاساسەن ئۆزىنى قامدىيالايدۇ ؛ [100] ئىقتىسادىي ئالماشتۇرۇش ئومۇملاشقان. يېزىقچىلىق ھەتتا كىچىك تور بېكەتلەردىمۇ خاتىرىلەنگەن ۋە خاتىرىلەنگەن.

گەرچە بىرلەشمە پادىشاھلىق تۈزۈمنىڭ ئەزەلدىن بار-يوقلۇقى ئېنىق بولمىسىمۇ ، [103] [33] [104] [105] مېرنېپتاھ تېشىدا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1200-يىللارغا تۇتىشىدىغان «ئىسرائىلىيە» نى تىلغا ئالغان ياخشى قوبۇل قىلىنغان ئارخولوگىيەلىك ئىسپاتلار بار ؛ [106] [107] [108] ۋە كەنئانلىقلار ئوتتۇرا مىس دەۋرىدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2100-1550) ئارخولوگىيەلىك ئىسپاتلانغان. [32] [109] ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇلارنىڭ دائىرىسى ۋە كۈچى ھەققىدە مۇنازىرىلەر بار ، ئەمما تارىخچىلار ۋە ئارخېئولوگلار ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ ك. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 900-يىللار [33]: 169–195 [104] [105] ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىقىنىڭ ك. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 700-يىللار. ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 720-يىللاردا ، يېڭى ئاسسۇر ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغاندا ۋەيران قىلىنغان.

مىلادىدىن ئىلگىرىكى 586-يىلى ، بابىل پادىشاھى نەبۇكەدنەسەر ئىككىنچى يەھۇدىنى بويسۇندۇردى. ئىبرانىي ئىنجىلغا ئاساسلانغاندا ، ئۇ سۇلايماننىڭ بۇتخانىسىنى ۋەيران قىلىپ ، يەھۇدىيلارنى بابىلغا سۈرگۈن قىلغان. مەغلۇبىيەت بابىلون تەزكىرىسىدىمۇ خاتىرىلەنگەن. [36] [110] بابىللىق مۇساپىرلىقى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 538-يىللىرى مىلادىيە-پارس كىرۇسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بابىلوننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئاخىرلاشقان. [111] [112] ئىككىنچى بۇتخانا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 520-يىللار ئەتراپىدا سېلىنغان. پارس ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، سابىق يەھۇدىيە پادىشاھلىقى ئوخشىمىغان چېگرالار بىلەن يەھۇدىيە ئۆلكىسى (يېھۇد مەدىناتا) غا ئايلىنىپ ، كىچىك زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئۆلكىنىڭ نوپۇسى خانلىقنىڭكىدىن زور دەرىجىدە ئازايدى ، ئارخولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5-ئەسىردىن 4-ئەسىرگىچە 30 مىڭ ئەتراپىدا نوپۇسنى كۆرسىتىپ بەردى. [33]: 308

ئارقا-ئارقىدىن پارس ھۆكۈمرانلىقى بىلەن ، ئاپتونوم رايون يېھۇد مەدىناتا تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ شەھەر جەمئىيىتىگە تەرەققىي قىلدى ، ئاساسلىقى يەھۇدىلار ھۆكۈمرانلىق قىلدى. گرېتسىيە پەتھىلىرى ھېچقانداق قارشىلىق ۋە قىزىقىشسىز رايوندىن ئاتلاپ كەتتى. پتولېمايك ۋە ئەڭ ئاخىرىدا سېلېۋىد ئىمپېرىيىسىگە سىڭىپ كەتكەن ، جەنۇبتىكى لېۋانت ئېغىر دەرىجىدە گېلىنغا ئايلىنىپ ، يەھۇدىلار بىلەن گرېتسىيەلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتتى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 167-يىلى ماككابىيان قوزغىلىڭى بىلەن پارتلىغان ، بۇ يەھۇدىدا مۇستەقىل خاسمون خانلىقى قۇرغان ، كېيىنچە ھازىرقى ئىسرائىلىيەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا كېڭەيگەن ، چۈنكى سېلۇكلار بۇ رايوندا كونتروللۇقىنى تەدرىجىي يوقىتىپ قويغان.

رىم جۇمھۇرىيىتى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 63-يىلى بۇ رايونغا بېسىپ كىرگەن ، ئالدى بىلەن سۈرىيىنى كونترول قىلغان ، ئاندىن خاسمون ئىچكى ئۇرۇشىغا ئارىلاشقان. يەھۇدىيەدىكى رىمنى قوللايدىغان ۋە پارتىيەنى قوللايدىغان گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئاخىرىدا بۈيۈك ھىرود خاننىڭ ئورنىتىلىشىنى ۋە ھىرود خانلىقىنىڭ مۇستەھكەم يەھۇدىيە دۆلىتى سۈپىتىدە مۇستەھكەملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھىرود خاندانلىقىنىڭ يىمىرىلىشىگە ئەگىشىپ ، رىم ئۆلكىسىگە ئۆزگەرتىلگەن يەھۇدىيە يەھۇدىيلارنىڭ رىملىقلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان شىددەتلىك كۈرىشىگە ئايلىنىپ ، يەھۇدىي-رىم ئۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى ، كەڭ كۆلەملىك يوقىتىش ، قوغلاپ چىقىرىش ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە قۇللۇق بىلەن ئاخىرلاشتى يەھۇدىي ئەسىرلىرى. تەخمىنەن 1 مىليون 356 مىڭ 460 يەھۇدىي بىرىنچى يەھۇدىي قوزغىلاڭلىرى نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ؛ [114] ئىككىنچى يەھۇدىي قوزغىلىڭى (115 - 117) 200،000 دىن ئارتۇق يەھۇدىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ؛ [115] ۋە ئۈچىنچى يەھۇدىي قوزغىلىڭى (132 - 136) 580،000 يەھۇدىي ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

مىلادىيە 132-يىلى بار كوخبا رىم ئىمپېرىيىسىگە قارشى قوزغىلاڭ مەغلۇب بولغاندىن كېيىن ، بۇ رايوندىكى يەھۇدىيلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى كۆرۈنەرلىك ئازايدى. شۇنداقتىمۇ ، ئۇدا كىچىك يەھۇدىيلار مەۋجۇت بولۇپ ، جەلىلىيە دىنىي مەركىزىگە ئايلاندى. [118] مىشنا ۋە تالمۇدنىڭ بىر قىسمى ، يەھۇدىيلارنىڭ مەركىزى تېكىستلىرى مىلادىيە 2-ئەسىردىن 4-ئەسىرگىچە تىبېرىيە ۋە ئېرۇسالىمدا ئىجاد قىلىنغان. بۇ رايوننى ئاساسەن دېڭىز قىرغىقىدىكى گرېتسىيە-رىملىقلار ۋە تاغلىق رايوندىكى سامارىيىلىكلەر ئولتۇراقلاشقان. بۇ رايون ۋىزانتىيە ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرغاندا ، خىرىستىئان دىنى رىم بۇتپەرەسلىكىدىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان. 5-ۋە 6-ئەسىرلەر ئارقىلىق ، قايتا-قايتا سامارىيە قوزغىلاڭلىرىدىكى دراماتىك ۋەقەلەر زېمىننى قايتىدىن شەكىللەندۈردى ، ۋىزانتىيە خىرىستىيان ۋە سامارىيە جەمئىيەتلىرىگە كەڭ كۆلەمدە بۇزغۇنچىلىق قىلدى ۋە نەتىجىدە نوپۇس ئازايدى. مىلادىيە 614-يىلى پارسلار بويسۇندۇرۇلغان ۋە قىسقا مۇددەتلىك يەھۇدىيلار ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى 628-يىلى بۇ دۆلەتنى قايتۇرۇۋالغان.

مىلادىيە 634–641-يىللىرى ئېرۇسالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ رايون يېقىندا ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ئەرەبلەر تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلدى. بۇ رايوننى كونترول قىلىش كەلگۈسى ئۈچ ئەسىر ئىچىدە راشىدۇن خەلىپىلىكى ، ئۇمەييە ، ​​ئابباسىيلار ، فاتىمىيلار ، سەلجۇقلار ، ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرى ۋە ئاييۇبلار ئارىسىدا يۆتكەلدى.

ئەڭ بۇرۇنقى يەھۇدىي دىئاسپوراسى مەۋجۇت بولغاندىن بۇيان ، نۇرغۇن يەھۇدىيلار «سىئون» ۋە «ئىسرائىلىيە زېمىنى» غا قايتىشنى ئارزۇ قىلدى ، [144] گەرچە بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قانچىلىك كۈچ سەرپ قىلىش تالاش-تارتىش بولسىمۇ. 145] [146] سۈرگۈندە ياشايدىغان يەھۇدىيلارنىڭ ئۈمىدى ۋە ئىنتىلىشى يەھۇدىيلارنىڭ ئېتىقاد سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تېمىسى. 1492-يىلى يەھۇدىيلار ئىسپانىيەدىن قوغلانغاندىن كېيىن ، بەزى مەھەللىلەر پەلەستىندە ئولتۇراقلاشقان. 16-ئەسىردە ، يەھۇدىيلار مەھەللىسى يېرۇسالېم ، تىبېرىيە ، ھىبرون ۋە سەفەدىن ئىبارەت تۆت مۇقەددەس شەھەردە يىلتىز تارتتى ۋە 1697-يىلى ، راببى يېھۇدا ھاشىد 1500 يەھۇدىينى باشلاپ يېرۇسالېمغا باردى. 18-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ، پېرۇشىم دەپ ئاتالغان ھەسىدىزىمنىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى رەقىبلىرى پەلەستىندە ئولتۇراقلاشقان. [149] [150] [151]

ئوسمانلى ھۆكۈمرانلىقىدىكى پەلەستىنگە كۆچۈپ كەلگەن تۇنجى يەھۇدىيلارنىڭ تۇنجى دولقۇنى 1881-يىلى باشلانغان ، چۈنكى يەھۇدىيلار شەرقىي ياۋروپادىكى پوگرومدىن قېچىپ كەتكەن. بىرىنچى ئالىيە پەلەستىندە يەھۇدىيلارنىڭ كەڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ئۇل سالدى. 1881-يىلدىن 1903-يىلغىچە ، يەھۇدىيلار ئون نەچچە ئولتۇراق رايون قۇرۇپ ، تەخمىنەن 350،000 دونام يەر سېتىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئىبرانىي تىلىنىڭ گۈللىنىشى پەلەستىندىكى يەھۇدىيلار ئارىسىدا باشلاندى ، ئاساسلىقى 1881-يىلى ئېرۇسالىمدا ئولتۇراقلاشقان روسىيەدە تۇغۇلغان يەھۇدىي ئېلىئېزېر بېن-يەھۇدانىڭ تۈرتكىسىدە. يەھۇدىيلار ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىشىشكە ئىلھاملاندۇرۇلغان تىللار ، ئىبرانىيچە مەكتەپ سىستېمىسى بارلىققا كېلىشكە باشلىدى ۋە يېڭى سۆزلەر زامانىۋى كەشپىيات ۋە ئۇقۇملار ئۈچۈن باشقا تىللاردىن ئىجاد قىلىندى ياكى ئارىيەتكە ئېلىندى. نەتىجىدە ، ئىبرانىي تىلى ئاستا-ئاستا پەلەستىندىكى يەھۇدىيلار مەھەللىسىنىڭ ئاساسلىق تىلىغا ئايلانغان بولۇپ ، تاكى شۇ ۋاقىتقىچە ئوخشىمىغان تىل جەمئىيەتلىرىگە بۆلۈنگەن بولۇپ ، ئۇلار ئىبرانىي تىلىنى دىنىي مەقسەتتە ۋە ئوخشىمىغان ئانا تىلدىكى يەھۇدىيلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋاستىسى قىلغان.

گەرچە زىئونىستلار ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولسىمۇ ، ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ژۇرنالىست تېئودور ھېرزل سىياسىي زىئونىزىمنى قۇرغان دەپ قارىلىدۇ ، [153] بۇ ھەرىكەت ئىسرائىلىيە زېمىنىدا يەھۇدىي دۆلىتى قۇرماقچى بولغان ، شۇڭا ئاتالمىش ​​يەھۇدىيلارغا ھەل قىلىش چارىسى بىلەن تەمىنلىگەن. ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ سوئالى ، ئەينى ۋاقىتتىكى باشقا مىللىي تۈرلەرنىڭ نىشانى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ماس ھالدا. [154] 1896-يىلى ، ھېرزېل Der Judenstaat (يەھۇدىي دۆلىتى) نى نەشر قىلىپ ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى يەھۇدىي دۆلىتىگە بولغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كېيىنكى يىلى ئۇ بىرىنچى زىئونىستلار مەجلىسىگە رىياسەتچىلىك قىلدى. ئىككىنچى ئالىيە (1904 - 14) ، كىشىنېۋ پوگرومىدىن كېيىن باشلانغان تەخمىنەن 40،000 يەھۇدى پەلەستىندە ئولتۇراقلاشقان ، گەرچە ئۇلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئاخىرىدا ئايرىلغان. [152] كۆچمەنلەرنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دولقۇنى ئاساسلىقى پراۋۇسلاۋىيە يەھۇدىلىرى ئىدى ، [156] گەرچە ئىككىنچى ئالىيەدە كىببۇت ھەرىكىتىنى قۇرغان سوتسىيالىستىك گۇرۇپپىلار بار. [157] گەرچە ئىككىنچى ئالىيەدىكى كۆچمەنلەر ئاساسەن مەھەللە دېھقانچىلىق ئولتۇراق رايونى بەرپا قىلماقچى بولغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ دەۋردە 1909-يىلى تېل ئاۋىۋنىڭ «تۇنجى ئىبرانىي شەھىرى» سۈپىتىدە قۇرۇلغانلىقى كۆرۈلدى. بۇ دەۋردە يەنە يەھۇدىيلارنىڭ قوراللىق ئۆزىنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونىنى قوغداشنىڭ ۋاستىسى سۈپىتىدە كۆرۈلدى. بۇ خىلدىكى تۇنجى تەشكىلات 1907-يىلى قۇرۇلغان كىچىك مەخپىي قاراۋۇل بار-گىئورا بولۇپ ، ئىككى يىلدىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ چوڭ Hashomer تەشكىلاتى قۇرۇلدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ، ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارتۇر بالفور بالفور خىتابنامىسىنى ئەنگىلىيە يەھۇدىيلار جەمئىيىتىنىڭ رەھبىرى بارون روتشېلدقا (ۋالتېر روتشېلد ، 2-بارون روتشېلد) ئەۋەتكەن بولۇپ ، ئەنگىلىيەنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ «مىللىي ئۆيى» قۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. پەلەستىن. [158] [159]

ئۈچىنچىسى (1919-23) ۋە تۆتىنچى ئالىيە (1924-29) پەلەستىنگە 100،000 يەھۇدىي ئېلىپ كەلدى. ناتسىزىمنىڭ كۈچىيىشى ۋە 1930-يىللاردا ياۋروپادىكى يەھۇدىيلارغا بولغان زىيانكەشلىكنىڭ كۈچىيىشى ياۋروپا بەشىنچى ئالىيەنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ، بۇنىڭ ئىچىدە تۆتتىن بىر مىليون يەھۇدى ئېقىپ كىردى. بۇ 1936-39-يىللىرىدىكى ئەرەب قوزغىلاڭلىرىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ ، بۇ يەھۇدىيلارنىڭ كۆچمەنلەر ۋە يەر سېتىۋېلىشىغا داۋاملىق ئىنكاس قايتۇرۇلغان. بىر قانچە يۈز يەھۇدىي ۋە ئەنگىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۆلتۈرۈلدى ، ئەنگىلىيە ماندات دائىرىلىرى خاگان ۋە ئىرگۇندىكى زىئونىست قوراللىق كۈچلىرى بىلەن بىللە 5032 ئەرەبنى ئۆلتۈردى ۋە 14 مىڭ 760 ئادەمنى يارىلاندۇردى ، [165] [166] نەتىجىدە قۇرامىغا يەتكەن ئەر پەلەستىن ئەرەب نوپۇسىنىڭ% 10 تىن كۆپرەكى ئۆلتۈرۈلدى. ، يارىلانغان ، تۈرمىگە تاشلانغان ياكى سۈرگۈن قىلىنغان. ئەنگىلىيەلىكلەر 1939-يىلدىكى ئاق تاشلىق كىتاب بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىنگە كۆچمەن بولۇشىغا چەكلىمە قويدى. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر چوڭ قىرغىنچىلىقتىن قاچقان يەھۇدىي مۇساپىرلارنى قايتۇرۇۋېلىش بىلەن ، يەھۇدىيلارنى پەلەستىنگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئالىيە بېت دەپ ئاتىلىدىغان مەخپىي ھەرىكەت تەشكىللەندى. [152] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا ، پەلەستىندىكى يەھۇدىيلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ% 33 گە يەتتى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ، ئەنگىلىيە يەھۇدىيلارنىڭ كۆچمەنلەر چەكلىمىسى ئۈستىدىن يەھۇدىيلارنىڭ پارتىزانلىق ھەرىكىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ، شۇنداقلا ئەرەب جامائىتى بىلەن چەك-چېگرا سەۋىيىسىدە داۋاملىق توقۇنۇشۇپ قالغانلىقىنى بايقىدى. ھاگانا ئىرگۇن ۋە لېھىغا قوشۇلۇپ ، ئەنگىلىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوراللىق كۈرەش قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يۈزمىڭلىغان يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ھايات قالغانلار ۋە مۇساپىرلار ياۋروپادىكى ۋەيران بولغان مەھەللىلىرىدىن يىراق يېڭى ھايات ئىزدىدى. ھەسەن بۇ مۇساپىرلارنى پەلەستىنگە ئېلىپ كېلىشكە ئۇرۇندى ، ئالىيە Bet ناملىق پروگراممىدا ، نەچچە ئون مىڭ يەھۇدىي مۇساپىر پاراخوت بىلەن پەلەستىنگە كىرمەكچى بولدى. پاراخوتلارنىڭ كۆپىنچىسى خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيىسى تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى ۋە مۇساپىرلار يىغىۋېلىندى ۋە ئەنگىلىيەلىكلەر ئاتلىت ۋە سىپرۇستىكى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. [170] [171]

بىر يىل ئۇرۇشقاندىن كېيىن ، ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىندى ۋە «يېشىل سىزىق» دەپ ئاتالغان ۋاقىتلىق چېگرا قۇرۇلدى. ئىئوردانىيە شەرقىي ئېرۇسالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى دەپ ئاتالغان نەرسىنى قوشۇۋالدى ، مىسىر غەززە رايونىنى ئىشغال قىلدى. ب د ت نىڭ مۆلچەرىچە ، توقۇنۇش جەريانىدا 700،000 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ياكى قېچىپ كەتكەن - بۇ ئەرەب تىلىدا ناكبا («ئاپەت») دەپ ئاتالغان. تەخمىنەن 156،000 كىشى قېلىپ ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەرەب پۇقراسى بولدى.

ئىسرائىلىيە 1949-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى كۆپ سانلىق بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ب د ت نىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندى. ئىسرائىلىيە ۋە ئىئوردانىيە ھەر ئىككىسى تىنچلىق كېلىشىمىگە ھەقىقىي قىزىقىدۇ ، ئەمما ئەنگىلىيەلىكلەر ئەنگىلىيەنىڭ مىسىردىكى مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىئوردانىيەنىڭ تىرىشچانلىقىغا تورمۇز قىلدى. دۆلەتنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ، باش مىنىستىر داۋىد بېن گۇرىيون باشچىلىقىدىكى ئىشچىلار سىئونىستلار ھەرىكىتى ئىسرائىلىيە سىياسىتىگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. [202] كىببۇتزىم ياكى كوللىكتىپ دېھقانچىلىق مەھەللىلىرى يېڭى دۆلەت قۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

چوڭ قىرغىنچىلىقتا ھايات قالغانلار ۋە ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن ئىسرائىلىيەگە كەلگەن دەسلەپكى ئۈچ يىلدا يەھۇدىيلارنىڭ سانى 700 مىڭدىن 1 مىليون 400 مىڭغا كۆپەيدى. 1958-يىلغا كەلگەندە ، ئىسرائىلىيەنىڭ نوپۇسى ئىككى مىليونغا يەتتى. 1948-يىلدىن 1970-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ، تەخمىنەن 1 مىليون 150 مىڭ يەھۇدىي مۇساپىر ئىسرائىلىيەگە كۆچۈپ كەلگەن. بەزى يېڭى كۆچمەنلەر مال-دۇنياسى يوق مۇساپىر بولۇپ يېتىپ كېلىپ ، مائاباروت دەپ ئاتىلىدىغان ۋاقىتلىق لاگېرلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 1952-يىلغا كەلگەندە ، بۇ چېدىر شەھەرلىرىدە 200،000 دىن ئارتۇق ئادەم تۇراتتى. ياۋروپا ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى يەھۇدىيلارغا ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى يەھۇدىيلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىندى - كېيىنكىلەرگە قويۇلغان تۇرالغۇ ئۆيلەر دائىم ئالدىنقىلارغا قايتا بېكىتىلدى ، نەتىجىدە ئەرەب زېمىنىدىن يېڭى كەلگەن يەھۇدىيلار ئادەتتە توشۇشتا قالدى. لاگېرلار ئۇزۇنراق. [212] [213] بۇ مەزگىلدە ، قىسىش دەۋرى دەپ ئاتالغان يېمەكلىك ، كىيىم-كېچەك ۋە ئۆي جاھازىلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنغا قويۇش كېرەك ئىدى. كرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ ئېھتىياجى بېن گۇرىيوننىڭ غەربىي گېرمانىيە بىلەن تۆلەم بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىشىغا سەۋەب بولدى ، بۇ يەھۇدىيلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىقىنى قوزغىدى ، ئىسرائىلىيە چوڭ قىرغىنچىلىق ئۈچۈن پۇل تۆلەشنى قوبۇل قىلالايدۇ دېگەن قاراشقا غەزەپلەندى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بېگىن ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئىشغال قىلىنغان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئولتۇراقلىشىشىغا ئىلھام بەردى ۋە بۇ رايوندىكى پەلەستىنلىكلەر بىلەن سۈركىلىشنى كۈچەيتتى. ئاساسىي قانۇن: ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى ئېرۇسالىم 1980-يىلى ماقۇللانغان بولۇپ ، بەزىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ 1967-يىلى ئېرۇسالىمنى ھۆكۈمەتنىڭ پەرمانى بىلەن قوشۇۋالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ ، شەھەرنىڭ ئورنى توغرىسىدىكى خەلقئارا تالاش-تارتىشنى قايتىدىن قوزغىدى. ھېچقانداق ئىسرائىلىيە قانۇنى ئىسرائىلىيە زېمىنىنى بېكىتمىدى ۋە ھېچقانداق ھەرىكەت شەرقىي قۇددۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالمىدى. ب د ت غا ئەزا كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ مەيدانى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پۇقرالارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ قانۇن ۋە مەمۇرىيىتىنى شەرقىي ئېرۇسالىمغا يۈرگۈزۈش ئۈچۈن قوللانغان ھەرىكەتلىرىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكى ۋە كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلغان نۇرغۇن قارارلاردا ئىپادىلىنىدۇ. 1981-يىلى ئىسرائىلىيە گولان ئېگىزلىكىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان ، گەرچە قوشۇۋېلىش خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنمىغان بولسىمۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ نوپۇسنىڭ كۆپ خىللىقى 1980-ۋە 90-يىللاردا كېڭەيگەن. ئېفىيوپىيەلىك يەھۇدىيلارنىڭ بىر قانچە دولقۇنى 1980-يىللىرىدىن باشلاپ ئىسرائىلىيەگە كۆچۈپ كەلگەن ، 1990-يىلدىن 1994-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېيىنكى دۆلەتلەردىن كۆچمەنلەر ئىسرائىلىيە نوپۇسىنى% 12 ئاشۇرغان.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ، بېنيامىن نېتانياخۇنىڭ رەھبەرلىكىدە ، ئىسرائىلىيە خېبروندىن چېكىنىپ چىقتى ۋە [275] ۋە ۋېي دەرياسى ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ ، پەلەستىن مىللىي ئورگىنىغا تېخىمۇ چوڭ كونترول قىلدى. 1999-يىلى باش مىنىستىر بولۇپ سايلانغان ئېھۇد باراك يېڭى مىڭ يىلنى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىن قىسىمدىن چېكىندۈرۈش ۋە پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ياسىر ئارافات ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىل كلىنتون بىلەن 2000-يىلدىكى لاگېر داۋىد باشلىقلار يىغىنىدا سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق باشلىغان. باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا ، باراك پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان دۆلەت غەززە رايونىنىڭ ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ% 90 تىن كۆپرەكىنى ئېرۇسالىم بىلەن ئورتاق مەبلەغ سۈپىتىدە ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۆھبەتنىڭ مەغلۇب بولۇشىدا ھەر قايسى تەرەپ قارشى تەرەپنى ئەيىبلىدى. لىكۇد رەھبىرى ئارىئېل شاروننىڭ بۇتخانا تېغىدىكى تالاش-تارتىشلىق زىيارىتىدىن كېيىن ، ئىككىنچى Intifada باشلاندى. بەزى ئوبزورچىلار قوزغىلاڭنى ئارافاتنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ يىمىرىلىشى سەۋەبىدىن ئالدىن پىلانلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. [278] [279] [280] [281] شارون 2001-يىلدىكى ئالاھىدە سايلامدا باش مىنىستىر بولغان. شارون ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە غەززە رايونىدىن بىر تەرەپلىمە چېكىنىش پىلانىنى يولغا قويدى ۋە ئىسرائىلىيە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى توساقنىڭ قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلدى ، [282] ئىنتىفادا ئاخىرلاشتى. [283] [284] بۇ ۋاقىتتا 1100 ئىسرائىلىيەلىك ئۆلتۈرۈلدى ، كۆپىنچىسى ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ۋەقەسىدە. پەلەستىندە قازا قىلغانلار 2000-يىلدىن 2008-يىلغىچە ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن 4791 ئادەمگە ، ئىسرائىلىيە پۇقرالىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ، 609 ئادەم پەلەستىنلىك تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

ئىسرائىلىيە مۇنبەت ھىلال ئاي رايونىنىڭ لېۋانت رايونىغا جايلاشقان. بۇ دۆلەت ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي چېتىدە ، شىمالدا لىۋان ، شەرقىي شىمالدا سۈرىيە ، شەرقتە ئىئوردانىيە ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ، مىسىر ۋە غەربىي جەنۇبتا غەززە رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئۇ كەڭلىك 29 ° 34 34 ° C ئارىلىقىدا ، ئۇزۇنلۇقى 34 ° 36 36 ° E.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىگىلىك زېمىنى (1949-يىلدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئايرىش لىنىيىسىگە ئاساسەن ۋە 1967-يىلدىكى ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇشتا ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان بارلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) تەخمىنەن 20 مىڭ 770 كۋادرات كىلومېتىر (8019 كۋادرات مىل) كېلىدۇ ، بۇنىڭ ئىككى پىرسەنتى سۇ. . [23] ئەمما ئىسرائىلىيە بەك تار (ئەڭ كەڭلىكى 100 كىلومىتىر ، شىمالدىن جەنۇبقا 400 كىلومىتىرغا سېلىشتۇرغاندا) ، ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون دۆلەتنىڭ قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ. ئىسرائىلىيە قانۇنىدىكى شەرقىي ئېرۇسالىم ۋە گولان ئېگىزلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي يەر كۆلىمى 22 مىڭ 72 كۋادرات كىلومېتىر (8522 كۋادرات مىل) ، [298] ۋە ئىسرائىلىيە كونتروللۇقىدىكى ئومۇمىي يەر ، جۈملىدىن غەربنىڭ ھەربىي كونتروللۇقىدىكى ۋە قىسمەن پەلەستىن كونتروللۇقىدىكى زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بانكا ، 27799 كۋادرات كىلومېتىر (10 مىڭ 733 كۋادرات مىل).

گەرچە ئىسرائىلىيە كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ ، جەنۇبتىكى نېگېۋ قۇملۇقىدىن ئىچكى قۇرۇقلۇق مۇنبەت جەزرائىل ۋادىسىغىچە ، جەلىلىيە ، كارمېلنىڭ تاغ تىزمىلىرى ۋە شىمالدىكى گولان تەرەپكە قاراپ ھەر خىل جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئوتتۇرا يەر دېڭىزى قىرغىقىدىكى ئىسرائىلىيە دېڭىز قىرغىقى تۈزلەڭلىكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئوتتۇرا ئېگىزلىكنىڭ شەرقى ئىئوردانىيە رىفت جىلغىسى بولۇپ ، 6500 كىلومىتىر (4039 مىل) چوڭ رىفت جىلغىسىنىڭ كىچىك قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئىئوردانىيە دەرياسى ئىئوردانىيە رىفت جىلغىسىنى بويلاپ ، ھېرمون تېغىدىن خۇلا ۋادىسى ۋە جەلىلىيە دېڭىزىدىن ئۆلۈك دېڭىزغىچە تۇتىشىدۇ ، بۇ يەر يۈزىدىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا. جەنۇب تەرىپى ئەرەپ بولۇپ ، قىزىل دېڭىزنىڭ بىر قىسمى بولغان ئېلات قولتۇقى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئىسرائىلىيە ۋە سىناي يېرىم ئارىلىغا خاس ماختېشىم ياكى يەر تەۋرەش سېپىدۇر. [302] دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماختاش نېگېۋدىكى Ramon Crater بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40 ئىنگلىز مىلى (25 مىلدىن 5 مىل) كېلىدۇ. ئوتتۇرا دېڭىز ئويمانلىقىنىڭ مۇھىت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىسرائىلىيە ئويمانلىقتىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەر كۋادرات مېتىرىدا ئۆسۈملۈك تۈرلىرى ئەڭ كۆپ. [305]

ئىئوردانىيە رىفت جىلغىسى ئۆلۈك دېڭىز ئۆزگەرتىش (DSF) كاشىلا سىستېمىسى ئىچىدىكى تىك يۆنىلىشلىك ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسى. DSF غەربتە ئافرىقا تەخسىسى بىلەن شەرقتە ئەرەب تەخسىسىنىڭ ئۆزگىرىش چېگراسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. گولان ئېگىزلىكى ۋە ئىئوردانىيەنىڭ ھەممىسى ئەرەب تەخسىسىنىڭ بىر قىسمى ، گالىلىيە ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ، دېڭىز قىرغىقى تۈزلەڭلىكى ۋە نېگېف سىناي يېرىم ئارىلى بىلەن بىللە ئافرىقا تۈزلەڭلىكىدە. بۇ تىك يۆنىلىشلىك بىر تەرەپ قىلىش رايوندا بىر قەدەر يۇقىرى يەر تەۋرەش ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پۈتكۈل ئىئوردانىيە ۋادىسى بۆلىكى قايتا-قايتا يېرىلىپ كەتتى دەپ قارىلىدۇ ، مەسىلەن ، 749 ۋە 1033-يىللىرى بۇ قۇرۇلما بويىدىكى يېقىنقى ئىككى قېتىملىق چوڭ يەر تەۋرەشتە. . [306]

ئەڭ پاجىئەلىك يەر تەۋرەش مىلادىدىن بۇرۇنقى 313-يىلى ، 363- ، 749- ۋە 1033- يىللاردا يۈز بەرگەن ، يەنى ھەر بىر ك. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 400 يىل. [307] ھەر 80 يىلدا بىر قېتىم ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك يەر تەۋرەشلەر. ھازىر قاتتىق قۇرۇلۇش نىزامى يولغا قويۇلۇپ ، يېقىندا سېلىنغان قۇرۇلۇشلار يەر تەۋرەشتىن بىخەتەر بولسىمۇ ، 2007-يىلغا قەدەر ئىسرائىلىيەدىكى بىنالارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ بەلگىلىمىدىن كونا بولۇپ ، نۇرغۇن ئاممىۋى ئىمارەتلەر شۇنداقلا 50 مىڭ تۇرالغۇ بىناسى يېڭى ئۆلچەمگە توشمىدى. ئەگەر كۈچلۈك يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا «يىمىرىلىشىدىن ئۈمىد بار».

بولۇپمۇ قىش پەسلىدە ئىسرائىلىيەنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئوخشىمايدۇ. تېل ئاۋىۋ ۋە خەيفاغا ئوخشاش دېڭىز بويى رايونلىرىدا سالقىن ، يامغۇرلۇق قىش ۋە ئۇزۇن ، تومۇز ئىسسىق ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ تىپىك ھاۋاسى بار. بېرشېبا ۋە شىمالىي نېگېۋ رايونىنىڭ يېرىم قۇرغاق ھاۋاسى بار ، ئىسسىق ياز ، سالقىن قىش ، يامغۇرلۇق كۈنلەر ئوتتۇرا دېڭىز ھاۋاسىغا قارىغاندا ئاز. جەنۇبىي نېگېۋ ۋە ئاراۋا رايونلىرىدا قۇملۇق كىلىماتى بار ، تومۇز ئىسسىق ، قۇرغاق ياز ، بىر نەچچە كۈن يامغۇر ياغىدۇ. ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا (54.0 ° C ياكى 129.2 ° F) 1942-يىلى ئىئوردانىيەنىڭ شىمالىدىكى تىرات زىۋى كىببۇتتا خاتىرىلەنگەن. [309] [310]

يەنە بىر چېكىدىن ئاشقاندا ، تاغلىق رايونلار شامال ۋە سوغۇق بولىدۇ ، ئېگىزلىكى 750 مېتىر (2460 ئىنگلىز چىسى) ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى (يېرۇسالېم بىلەن ئوخشاش ئېگىزلىك) رايونلاردا ھەر يىلى كەم دېگەندە بىر قېتىم قار ياغىدۇ. مايدىن سېنتەبىرگىچە ئىسرائىلىيەدە يامغۇر ئاز ئۇچرايدۇ. [312] [313] ئىسرائىلىيە سۇ مەنبەسى كەمچىل بولغاچقا ، تېمىتىپ سۇغىرىش قاتارلىق ھەر خىل سۇ تېجەش تېخنىكىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىسرائىلىيەلىكلەر يەنە قۇياش ئېنېرگىيىسى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن خېلى كۆپ قۇياش نۇرىدىن پايدىلىنىپ ، ئىسرائىلىيەنى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان قۇياش ئېنېرگىيىسى ئىشلىتىشتىكى باشلامچى دۆلەتكە ئايلاندۇردى (ئاساسەن ھەر بىر ئۆي قۇياش ئېنېرگىيىسى باتارېيەسىنى سۇ بىلەن ئىسسىتىشتا ئىشلىتىدۇ).

ئىسرائىلىيەدە تۆت خىل ئوخشىمىغان فىتوگېئوگرافىك رايونى بار ، بۇ دۆلەتنىڭ مۆتىدىل ۋە ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرى ئارىسىدىكى ئورنى ، غەربتە ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن شەرقتە قۇملۇق بىلەن تۇتىشىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆسۈملۈك ۋە ئۆسۈملۈكلىرى ئىنتايىن كۆپ خىل. ئىسرائىلىيەدە بايقالغان 2667 خىل ئۆسۈملۈك تۈرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە كەم دېگەندە 253 خىل جانلىق تونۇشتۇرۇلغان ۋە يەرلىك ئەمەس. 380 ئىسرائىلىيە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بار. [317]

ئىسرائىلىيە يەھۇدىيلارنىڭ ۋەتىنى سۈپىتىدە قۇرۇلدى ۋە دائىم يەھۇدىي دۆلىتى دەپ ئاتىلىدۇ. دۆلەتنىڭ قايتىش قانۇنى بارلىق يەھۇدىيلارغا ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ئىسرائىلىيە پۇقرالىق ھوقۇقىنى بېرىدۇ. [322] 1948-يىلدىن بۇيان ئىسرائىلىيە نوپۇسىنى ساقلاپ قېلىش باشقا كۆچمەنلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ. [323] يەھۇدىيلارنىڭ ئىسرائىلىيەدىن كۆچمەن بولۇشى (ئىبرانىي تىلىدا يەررىدا دېيىلىدۇ) ئاساسلىقى ئامېرىكا ۋە كاناداغا كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ ، نوپۇسشۇناسلار ھايالىق دەپ تەسۋىرلەنگەن ، [324] ، ئەمما ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ كەلگۈسىگە زور تەھدىت دەپ قارىلىدۇ. [325] [326] ]

ئاھالىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمى كۆپ خىل يەھۇدىيلار. ئىسرائىلىيەلىك يەھۇدىيلارنىڭ تەخمىنەن% 75 ى ئىسرائىلىيەدە تۇغۇلغان ، [14] 16% ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىن كەلگەن كۆچمەنلەر ، 7% ئاسىيا ۋە ئافرىقا (ئەرەب دۇنياسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن كەلگەن كۆچمەنلەر. [327] ياۋروپا ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن يەھۇدىيلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىسرائىلىيەدە تۇغۇلغان ، جۈملىدىن ئاشكىنازى يەھۇدىيلىرى يەھۇدىي ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ تەخمىنەن% 50 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن ئايرىلغان ياكى قېچىپ كەتكەن يەھۇدىيلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ، جۈملىدىن مىزراھى ۋە سېفاردى يەھۇدىيلىرى [328] قالغان يەھۇدىيلارنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. [329] [330] [331] يەھۇدىيلارنىڭ نىكاھلىنىش نىسبىتى% 35 تىن ئاشىدۇ ، يېقىنقى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشچە ، ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ سېفاردى ۋە ئاشكىنازى يەھۇدىيلىرىدىن بولغان نىسبىتى ھەر يىلى% 0.5 ئاشىدىكەن ، ھازىر% 25 تىن ئارتۇق مەكتەپ بالىلىرى ھەر ئىككى جەمئىيەتتىن كەلگەن. ئېتنىك جەھەتتىن «باشقىلار» دەپ ئېنىقلانغان ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ تەخمىنەن% 4 ى (300،000) ، ئۇلار روسىيەنىڭ ئەۋلادلىرى ياكى ئائىلىسى بولۇپ ، ئۇلار رەببانىيلار قانۇنى بويىچە يەھۇدىي ئەمەس ، ئەمما قايتىش قانۇنىدا ئىسرائىلىيە دۆلەت تەۋەلىكىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. [333] [334] ] [335]

يېشىل سىزىقتىن ھالقىغان ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 600،000 دىن ئاشىدۇ (يەھۇدىي ئىسرائىلىيە نوپۇسىنىڭ% 10). 2016-يىلى ، 399،300 ئىسرائىلىيەلىك ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئولتۇراق رايونلاردا ئولتۇراقلاشتى ، [337] ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلغان ۋە ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇشتىن كېيىن قايتا قۇرۇلغان ، خېبرون ۋە گۇش ئېتزىئون بىرلەشمىسى قاتارلىق شەھەرلەردە. ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئولتۇراق رايونلاردىن باشقا ، شەرقىي ئېرۇسالىمدا 200،000 دىن ئارتۇق يەھۇدىي ، گولان ئېگىزلىكىدە 22 مىڭدىن ئارتۇق يەھۇدىي ياشايتتى. [337] [339] 2005-يىلدىكى چېكىنىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تارقاقلاشتۇرۇلغانغا قەدەر تەخمىنەن 7800 ئىسرائىلىيەلىك غەززە رايونىدىكى گۇش كاتىف دەپ ئاتالغان ئولتۇراق رايونلاردا تۇرغان.

گۇش دان (تېل ئاۋىۋ چوڭ شەھەر رايونى ؛ نوپۇسى 3 مىليون 854 مىڭ) ، ئېرۇسالىم شەھەر رايونى (نوپۇسى 1 مىليون 253 مىڭ 900) ، ھايفا شەھەر رايونى (نوپۇسى 924،400) ، بېرشېبا شەھەر رايونى (نوپۇسى 377،100) دىن ئىبارەت تۆت چوڭ شەھەر بار.

ئىسرائىلىيەنىڭ نوپۇسى ۋە رايونىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ، يېرۇسالېم بولۇپ ، يەر مەيدانى 125 كۋادرات كىلومېتىر (48 كۋادرات مىل) كېلىدۇ. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئېرۇسالىم توغرىسىدىكى ئىستاتىستىكىسى شەرقىي قۇددۇسنىڭ نوپۇسى ۋە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، بۇ ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. تېل ئاۋىۋ ۋە ھايفا ئىسرائىلىيەنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ شەھەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ ، نوپۇسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 460 مىڭ 613 ۋە 285،316.

ئىسرائىلىيەنىڭ نوپۇسى 100 مىڭدىن ئاشىدىغان 16 شەھەر بار. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن «كومۇنا» (ياكى «شەھەر») سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئىسرائىلىيە 77 رايونى بار ، ئۇلارنىڭ تۆتى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا. [345] يەنە ئىككى شەھەر پىلانلانغان: كاسىف ، نېگېۋدا قۇرۇلماقچى بولغان شەھەر ۋە خارىش ، ئەسلىدە 2015-يىلدىن باشلاپ چوڭ شەھەرگە سېلىنىۋاتقان كىچىك شەھەر. [346]




#Article 125: Википедийә (103 words)


 

викиқамус болса бир хил очуқ қамус.

викиқамус вәхпи тәрипидин оттуриға қоюлған. вики дегән сөз тиз дегән мәнидә қоллинилған. қамусдә һазир җәми 15 милйондин артуқ мақалә бар. ингилзчисдә үч милйон 200 миң парчә мақалә бар. бу мақалилар нурғун намсиз қәһриманларниң йезиши вә тәһрирлиши арқилиқ һазирқи һаләткә кәлди.

Alexa ниң бәргән санлиқ мәлуматиға асасланғанда зиярәт қилиш қетим сани дуняда 6-орунда туриду. зиярәтчиләрниң көп қисми америкида.

викиқамус болса бир хил һәқсиз қамус болуп һазир 270дин артуқ тилда мулазимәт қиливатиду. 

ундин башқа йеқиндин буян униңға йеңи түрләр қетилди.

вики системиси униң ичидики нурғунлиған мулазимәт түрлири башқуриду яки бирбиригә бағлайду.

җими валис (Jimmy Wales) викиқамусни қурғучи кишләрдин бири.




#Article 126: ماداگاسكار (511 words)


ماداغاسقار دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بولسا ئافرىقا جايلاخكان بىر
دۇلات. ئۇنىڭ پايتاھتى بولسا تانانارىۋو، ئاڭ قوڭ خاھرى بولسا تانانارىۋو. دۇلات تىلى بولسا ماداغاسقار تىلى ۋە فرانسۇز تىلى. ئازىركى زۇڭتۇڭ مارك راۋالومانانا. ئازىركى باش ۋەزىر چارلەس رابەمانانجارا. بۇ دۇلات 1960 يىلى 6 ئاينىڭ 26 كۇنى مۇستاككىل بولگان، يار مايدانى 587 مىڭ 041 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 20 مىللىئون 042 مىڭ.

ماداغاسقارنىڭ تولۇق ئاتىلىشى ماداغاسقار جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئارال دۆلەت، يانار تاغ تىزمىلىرىدىن شەكىللەنگەن ئارال دۆلەت. يەر مەيدانى: 587مىڭ 40كۋادرات كىلومېتىر.

نوپۇسى: 21 مىليون 926 مىڭ 221، يەتتە قەبىلىگە بۆلۈنگەن، يەرلىك ئاھالە مالگاشلار دۆلەت نوپۇسىنىڭ %95نى تەشكىل قىلىدۇ، بۇلاردىن باشقا يەنە فرانسۇزلار، كومورولىقلار، سىۋاھلىلار، ھىندىلار بار. يەرلىك ئىپتىدائى دىنلارغا ئىشىنىدىغانلار ماداغاسقار ئاھالىسىنىڭ %52نى تەشكىل قىلىدۇ. ماداغاسكار ئارىلىنىڭ شەرقى-شىمالىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئانتانكارانا، ساكالاۋا قاتارلىق قەبىلىلەر 11-12-ئەسىردىلا شانلىق مەدەنىيەت بارلىققا كالتۈرگەن، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدا يېزىق بەرپا قىلىپ شانلىق يازما يادىكارلىقلارنى قالدۇرغان. ماداغاسقار ھىندى ئوكياننىڭ غەربىگە، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىدىكى دېڭىزغا جايلاشقان دۇنيادىكى 4-چوڭ ئارال. ئارىلىقى 386 كىلومېتىر كېلىدىغان موزامبىك بوغۇزى ئارقىلىق ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. پۈتۈن ئارالنى ۋولقان جىنسلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ، ئارالنىڭ ئوتتۇرا قىسمى تاغلىق بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1200-400 مېتىر كېلىدۇ. دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇب قىرغاقلىرىدا تۈزلەڭلىكلەر بار. ئەڭ ئېگىز چاراتانانا چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2880 مېتىر، ماداغاسقارنىڭ كۆپ قىسمى تروپىك بەلباغقا جايلاشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ شەرقىي قىسمى بىلەن غەربىي قىسمىنىڭ ئىقلىمى پەرقلىنىدۇ. شەرقىي تەرىپى ھىندى ئوكيان يىللىق نەم ھاۋاسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىمى شەكىللەنگەن، بۇ جايلارنىڭ يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. غەربىي قىسىمنىڭ ئىقلىمى تروپىك ساۋاننا ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، بۇ جايلارنىڭ قۇرغاق پەسلى بىلەن ھۆلچىلىك پەسلى ئېنىق بولىدۇ. ماداغاسقارنىڭ يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، قىش پەسلى بولمايدۇ. پۈتۈن دۆلەتنىڭ 1/6 قىسىم يېرىنى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. ماداغاسكار دۇنيادىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ، ئاھالىنىڭ 90% ى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ماداغاسكارنىڭ سانائەت ئاساسى ئاجىز، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئاران 15% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاساسلىق ئىقتىسادى كىرىمى چەتئەللەرنىڭ ياردىمى ۋە ساياھەتچىلىكتىن ئىبارەت بولۇپ ساياھەتچىلىك ماداگاسكارنىڭ تۆۋرۈك كەسپى ھېسابلىنىدۇ، ماداغاسكار قەھۋە، گۆش، پۇراقلىق ماتېرىياللار، شېكەر ئېكسپورت قىلىدۇ، ماشىنا - ئۈسكۈنە، ئاپتوموبىل، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئاشلىق قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ.

ماداغاسكار ئەسلىدە سىۋاھلى تىلىدىكى مىللەتلەرنىڭ زىمىنى بولۇپ مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدە بۇ يەرگە مالاي تاقىم ئاراللىرىدىكى دېڭىز بويلاپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان مالايلارنىڭ بىر قىسمى ھىندى ئوكياندىن ئۆتۈپ كۆچۈپ كېلىپ ئۇششاق بەگلىكلەرنى قۇرغان. مىلادى 10-ئەسىردىلا ئەرەب دېڭىزچىلىرى بۇ چوڭ ئارالنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. 14-ئەسىردە ئىتالىيە ساياھەتچىسى ماركو . پولو ئەڭ بۇرۇن ماداغاسكار ئارىلىنى تىلغا ئالغان، لېكىن ئۇنىڭ ئۆزى بۇ ئارالغا ھەقىقىي كېلىپ باقمىغان بولۇپ، پەقەت تارقىلىپ يۈرگەن پاراڭلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ خاتىرە قالدۇرغان، 1500-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى پورتۇگالىيە دېڭىزچىسى دېئوك دىئاس تۇنجى قېتىم بۇ ئارالغا يېتىپ كەلگەن، ئۇ كۈنى دەل سائىنىت لاۋرېنىس ئارىلى دەپ نام قويغان. ئافرىقىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان موگادىشو پادىشاھلىقى «ھازىرقى سومالى»دەپ ئويلاپ قېلىپ، خاتا ئاھاڭ ئوقۇلۇشى ۋە يېزىلىشى سەۋەبىدىن بۇ ئارال «ماداغاسقار ئارىلى»دەپ ئاتىلىپ قالغان. 14-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە مارنالار ئارالدا ئىمالنا دۆلىتىنى قۇرۇپ، 1794-يىلىغا كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ، ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن فېئوداللىق پادىشاھلىق بولغان. 1896-يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان. فىرانسىيەلىكلەر كەلگەندىن كېيىن لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسدىكى ئېلىپبە بارلىققا كېلىپ مالگاش خەلقىنىڭ يېزىقى بىرلىككە كەلگەن. 1960-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق ئاتالغان. 1975- يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى دۆلەت نامى «ماداغاسكار دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى»قىلىپ بېكىتىلگەن. 1995-يىلى دۆلەت نامىنى ماداغاسكار جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن. 




#Article 127: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى (477 words)


ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، غەربىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەرەب ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. 1971- يىلى 12- ئاينىڭ 2- كۈنى مۇستەقىل بولغان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 83600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئومۇمىي نۇفۇسى نوپۇسى 4 مىللىئون 621 مىڭ. پايتەختى ئەبۇزەبى. ئاھالىسى بىر مىليۇن 100 مىڭ، ئەڭ چوڭ شەھەر دۇبەي، ئاھالىسى بىر مىلىيۇن 500 مىڭ.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەبۇ زەبى(Abu Dhabi)، دۇبەي(Dubai)، شارجا(Sharjah)، ئۇممۇ قەيۋان (Umm al-Quwain)، 
 فۇجايراھ(Fujairah)، ئاجمان(Ajman)، خايماھ تۇمشۇقى(Ras al-Khaimah) قاتارلىق ئىچكى جەھەتتە مۇستەقىل يەتتە ئەمىرلىكنىڭ بىرلەشمىسى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئارىلى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ قەدىمى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ مىلادىدىن 2000 يىل بۇرۇنلا بۇ يەردە ئادەملەر ئولتۇراقلاشقان، ئەمما تۇپراق ئۈنۈمسىز بولغانلىقتىن شالاڭ چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ۋە دېڭىزدىن مەرۋايىت قېزىش بۇ يەر خەلقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كەسپى بولۇپ قالغان. مىلادى 7-ئەسىرگە كەلگەندە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ھەممە زىمىنى ئەرەب ئىسلام ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. 8-ئەسىرگە كەلگەندە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىنىڭ شەرقى قىسمى خاۋارىجلار مەزھىبىنىڭ قارارگاھىغا قاراشلىق بولۇپ قالغان. يەرلىك قەبىلىلەر بۇ ئادەمسىز نامرات رايوندا ئۆزىنىڭ جەمەت ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن. 16-ئەسىرگە كەلگەندە پورتۇگالىيە بۇ رايوندا بىر نەچچە مۇستەملىكە پونكىتلىرىنى قۇرۇپ باققان بولسىمۇ، قەبىلىلەرنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمى ۋە قاقاس چۆللۈك ئۇلارنىڭ رايىنى قايتۇرۇپ ئۆزلىكىدىن چېكىنىپ كەتكەن. 17-ئەسىردە ئىبادىلار مەزھىبىنى ئاساس قىلغان ئومان ياربا سۇلالىسىىغا تەۋە بولغان. 18-ئەسىردە پۈتۈن ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى پارسلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان بولسىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن يەرلىك قەبىلىلەر ھاكىمىيىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ پارىسلار بۇ يەردىن چېكىنىپ كەتكەن. 1820-يىلى ئەنگىلىيە دېڭىز قاراقچىلىرى ۋە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغۇچىلاردىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن يەرلىك خەلىپىلەر بىلەن «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» تۈزۈپ بۇ يەرلەرنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ «تېلۇشېر ئوممان»(ئۇرۇش توختاتقان ئوممان دىگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغان. نەتىجىدە ئەنگلىيە ھەر قايسى خەلىپىلىكلەرنى تەڭسىز شەرتنامە ئىمزالاشقا قىستاپ تەدرىجى سودا-ئىقتىسادنى تىزگىنلىۋالغان.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىقتىسادىدا چارۋىچىلىق ۋە كۆكتات تېرىشنى ئاساس قىلغان يېزا ئىگىلىك %2.3، نېفىت ۋە تەبىئى گاز قېزىشنى ئاساس قىلغان سانائەت 61.9%، ساياھەت-سودا كەسپىدىن قىلىنغان مۇلازىمەت %35.8 نى ئىگەللەيدۇ.  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ 2006-يىللىق مىللىي ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 164 مىليارت دوللار، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 33 مىڭ 397 دوللار. نېفىت ۋە تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ ئۆسۈشى تۈپەيلىدىن 2006-يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى %8.9 بولغان.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پۇلى دەرھەم. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دەرھەمىنىڭ كۇرسى بىر قەدەر يۇقىرى، قىممىتى ئاساسەن ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ماس قەدەملىك بولۇپ 90-يىللاردىن بۇيان 0.3673 ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دەرھەمى=بىر دوللار بولۇۋاتىدۇ.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 70-يىللاردىن بېرى نېفىت ۋە تەبىئى گاز ئېكىسپورتىغا تايىنىپ زور دەرىجىدە تاشقى پىرىۋوت توپلاپ دۆلەت ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرگەن. مۇستەقىل بولغاندىكى قانۇنغا ئاساسەن دۆلەت باشلىقى پىرىزدېنت دەپ ئاتىلىپ ئەبۇ زەبى خەلىپىلىكىنىڭ خەلىپىسى پىرىزدېنت بولىدۇ، دۇبەي خەلىپىسى باش مىنىستىر بولىدۇ، بۇ ئىككى خەلىپىلىكنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، باشقا خەلىپىلىكلەر ھەر قايسى مىنىستىرلىقنى سايلاش ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ، ئەمىرلىكلەرنىڭ مۇداپىئە، ساقچى ۋە دىپلوماتىيىسى بىردەك بولىدۇ، ئىقتىساد، ئەدلىيە ۋە مائارىپ ئىشلىرىنى ئەمىرلىكلەر ئۆزى بىىر تەرەپ قىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.

ئەمىرلەر كېڭىشى دۆلەتتىكى ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان بولۇپ، ئوتتۇرا شەرق بويىچە ئىلغار دۆلەت باشقۇرۇش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئىدىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان دۆلەت. خەلقئارا سودىنىڭ تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە ھازىر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى نېفىتقا تايىنىشى ئاجىزلىغان، سانائەت ۋە جەمئىيىتى تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولۇپ پەن-تېخنىكا ۋە ئۇل-ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى خېلىلا تەرەققى قىلغان.  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ 2006-يىلىدىكى مۇقىم تېلېفون ئىشلەتكۈچىسى 1 مىلىيۇن 310 مىڭ، كۆچمە تېلېفون ئىشلەتكۈچىسى 5 مىلىيۇن 519 مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 1 مىلىيۇن 800 مىڭ 300 بولغان.




#Article 128: ئىران (647 words)


ئىران، تولۇق ئاتىلىشى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى (فارسچە: جمهوری اسلامی ایران) بولسا ئاسىيا غاجايلاشقان بۇلۇپ ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئۇنىڭ پايتەختى بولسا تېھران، ئەڭ چوڭ شەھىرى بولسا تېھران. دۆلەت تىلى بولسا پارس تىلى. ھازىرقى زۇڭتۇڭ ھەسەن رۇھانى. ھازىرقى باش ۋەزىر پارۋىز داۋوئودى. بۇ دۆلەت 1501 يىلى مۇستەققىل بولغان، يەر مەيدانى 1 مىلىيون 648 مىڭ 195 كۇۋادىرات كىلومىتىر، نوپۇسى 70 مىلىيون 472 مىڭ

ئىران زېمىنى ئەسلى تۈركلەرنىڭ ماكانى بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 15-ئەسىر ئەتراپىدا شىمالدىن كۆچۈپ كەلگەن پارىسلارنىڭ ئىراندا ئولتۇراقلىشىشى ھەققىدە ئاراش ئىسىملىك باتۇرنىڭ تۈركلەردىن ئولتۇراقلىششقا زىمىن سوراپ گىلەم توقۇپ ئەۋەتكەنلىكى، تۈركلەر خاقانىنىڭ گىلەمنى ياخشى كۆرۈپ ئاراشقا ئوقيا ئېتىپ، ئوق نەگە چۈشسە شۇ يەرنى ئىككى مىللەتنىڭ چېگرىسى قىلىش ئىلتىماسىغا قوشۇلىدۇ. ئاراش ئوقنى ئېتىپ ئامۇ دەرياسىغا يەتكۈزىدۇ، شۇندىن بۇيان ئامۇ دەرياسى ئىران بىلەن تۇراننىڭ چېگرىسى بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدىكى رىۋايىتى بار. ئىران يازما تارىخي مىلادىدىن بۇرۇنقى 2700- يىلدىن باشلانغان قەدىمى مەدەنىيەتلىك دۆلەت بولۇپ تارىختا پېرسىيە دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 559- ئەسىردە پارس ئىمپىرىيسى قۇرۇلۇپ شىمالى كاسپى دېڭىزىغا، غەربى ئوتتۇرا دېڭىز-گىرىتسىيەگە قەدەر، شەرقى ھازىرقى تاجىكىستانغا تۇتاشقان ئۈچ قىتئەنى تۇتاشتۇرغان چوڭ ئىمپىرىيەگە ئايلانغان، ۋىلايەت ۋە چوڭ يوللار تەسىس قىلىنىپ دۆلەت قاتنىشى تەرەققى قىلدۇرۇلغان. دارا 1 ھۆكۈمرانلىق ۋاقتى ( بۇرۇنقى 485___521) . ئىمپىرىينىڭ كارتىسى شەرقى ئامو دەرياسى بىلەن ھىندى دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى، غەربى نىل دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن قىسمى، شىمالى قارا دېڭىزغا، كاسپى دېڭىز ئەتراپىغا، جەنۇبى پارس قولتۇقىغا تۇتاشقان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 330- يىلى پارس ئىمپىرىيسى ئالېكساندىر ماكىدونىسكى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. مىلادى 226 -يىلى ئوتپەرەستلىك ئەۋج ئېلىپ ساسانىلار خاندانلىقى قۇرۇلغان. 651-يىلىدىن 820-يىلىغىچە ئەرەب ئىسلام ئىمپىرىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئىسلام دىنى ئىرانغا سىڭىپ كىرگەن. 875-يىلى سامانىلار خانلىقى قۇرۇلۇپ 1005-يىلى سالجۇق ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 15- ئەسىرگىچە تۈركلەر ۋە مۇڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1502-يىلى قىزىلباش ئىسمائىلخان تەرىپىدىن قۇرۇلغان سەفەۋى پادىشاھلىقى ئون ئىككى ئىمام ئەقىدىسىنى پۈتۈن ئىران دائىرىسىگە دىگۈدەك تارقاتقان. 1795-يىلى ئازەربەيجانلار قاجار پادىشاھلىقنى قۇرۇپ، ھازىرقى ئىران چېگرىسىنى شەكىللەندۈرگەن. 1925-يىلى ھاكىمىيەت پەھلەۋى جەمەتىگە ئۆتكەن ۋە 1935- يىلى 3- ئاينىڭ 21-كۈنى دۆلەت نامىنى ئىرانغا ئۆزگەرتكەن. 1979- يىلى پادىشاھقا قارشى ئاممىۋى قوزغىلاڭ پارتىلاپ، پادىشاھ مۇھەممەد رىزا پەھلەۋى ئامېرىكىغا سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كەتكەن. شۇ يىلى 2- ئايدا دىنى رەھبەر ھۈمەينى 14 يىللىق سەرگەردان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پارىژدىن قايتىپ كېلىپ ئالى رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا ئالغان، 4- ئاينىڭ 2- كۈنى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. 1981- يىلى 10- ئايدا ھۈمەينىي ئىراننىڭ پىرىزدىنتىلىكىگە تەيىنلىنىپ مۇساۋىي زۇڭلى بولغان. ئىراننىڭ سىياسى ۋە دىن بىرلەشكەن ئىسلام قۇرۇلمىسىنى شەكىللەنگەن. 

ئىراننىڭ 2009-يىلى يەتتىنچى ئايدىكى نوپۇسى 66 مىلىيۇن 429 مىڭ 244.  دۆلەت تىلى پارس تىلى.

پارسىلار %51 ، ئەزەربەيجانلىقلار %25 (شەرقى ئەزەربەيجان، غەربى ئازەربەيجان، ئەردەبىل، زەنجانى ئۆلكىلىرىگە ئولتۇراقلاشقان)، كۇرد %8 (كۇردىستان، كېرمانشاھ ۋە شەرقى شىمالدىكى شىمالى خۇراسان ئۆلكىلىرىگە ئولتۇراقلاشقان)، گىلان ۋە مازاندىران %7، ئەرەپ %3(خۇزىستان ۋە بەندەرئابباس ئۆلكىلىرىدە ئولتۇراقلاشقان)، لۇر %2(ئىلام ۋە لۇرىستان)، بەلۇجى %2(شىستان بەلۇجىستان ۋە كېرمان ئۆلكىلىرىدە ئولتۇراقلاشقان)، تۈركمەن%2(تۈركمەنىستان بىلەن چېگرىداش گۈلىستان ئۆلكىسىدە) باشقىلار %1 نى ئىگەللەيدۇ.

ئىران ئاھالىسىنىڭ %89 ى (ئاساسەن پارىسلار، ئازەربەيجانلار، ئەرەبلەر) شىئە مەزھىبىگە، 9.8%ى سۈنئي مەزھىبىگە (كۇرد، تۈركمەن، بەلۇجى) ئىشىنىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە 50مىڭ ئوتپەرەست (زەردۇشتى)، 150مىڭ يەھۇدى، 200 مىڭ ئەرمەن پروۋىسلاۋ بار. ئىسلام دىنى شىئە مەزھىبى ئون ئىككى ئىمام ئەقىدىسى ئىراننىڭ دۆلەت دىنى. 

ئىراننىڭ كۆپ قىسىم زىمىنى تاغلىق، ئىگىزلىك، چۆللۈك بولۇپ، شىمالىدا ئىلبۇرۇس تاغ تىزمىسى(ئەڭ ئىگىز داماۋەند چوققىسى) 5671 مېتىر ئېگىز . غەربىي ۋە غەربىي جەنۇبىدا زاگىروس تاغ تىزمىسى بار، شەرقىي قۇرغاق ئويمانلىق بولۇپ، پار چە-پارچە دەشت قۇملۇقىنى شەكىللەندۈرگەن. كاسپى دېڭىز قىرغاقلىرى ۋە ئىراق بىلەن چېگرىلىشىدىغان ئەرەپ دەرياسى ۋادىسى، غەربى شىمالدىكى ئاراس ۋە قىزىل دەريا ۋادىلىرىدىلا مۇنبەت تۈزلەڭلىكلەر بار. ئىراننىڭ شىمالى مۆتىدىل بەلباغ چۆل ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ قىش ياز پەرقى چوڭ، جەنۇبى قىسمى تىروپىك بەلباغ چۆل ئىقلىمىگە تەۋە بولۇپ، قۇرغاق، يامغۇر ئاز، يىل بويى يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق. 

ئىران ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەنئەنىۋى نېفىت دۆلىتى بولۇپ نېفىت ۋە تەبىئى گاز ئىكىسپورتى دۇنيادا سەئۇدىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. نېفىت بايلىقى يەر شارى زاپاس نېفىت بايلىقىنىڭ %10 نى ئىگەللەپ بەشىنچى ئورۇندا، تەبىئى گاز بايلىقى يەر شارى زاپاس تەبىئي گاز بايلىقىنىڭ %16 نى ئىگەللەپ روسىيىدىنلا قالسا ئىككىنچى ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. نېفىت ۋە تەبىئى گاز كىرىمى دۆلەت كىرىمىنىڭ%90 دىن كۆپرەگىنى ئىگەللەيدۇ. 

ئىراننىڭ خەلقئارا بازاردىكى پىستە ئىكىسپورتى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا بولۇپ، ئەنئەنىۋى دورا ئۆسۈملۈكى زەپە ۋە خورما ئىكىسپورتى پۈتۈن دۇنيانىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدۇ. 

ئىراننىڭ پۇل بىرلىكى رىيال بولۇپ، ئامېرىكا دوللىرى قارشىسىدىكى ئايرىۋاشلاش نىسبىتى 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىدا 1 ئامېرىكا دوللارى 32 مىڭ 100 رىيال ئەتراپىدا بولغان.  




#Article 129: ئىراق (220 words)


 

ئىراق  ئاسىيا قىتئەسى گە جايلاشقان بولۇپ ئەرەب بولمىغان دۆلەتلەر بىلەن چىگراداش بىردىنبىر پارس قولتۇغى ئەرەب دەۋلەتى بولۇپ شەرقتە ئىران، شىمالدا تۈركىيە، غەربتە سۈرىيە ۋە ئىئوردانىيە، جەنۇبدا سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە كۇۋەيت بىلەن قوشنىدۇر. ئىراق تارىختا «مېسوپوتامىيە» دەپ ئاتالغان بۇلۇپ، بۇ جاي ئىنسانلار مەدەنىيتى بارلىققا كەلگەن ئاساسلىق جايلارنىڭ بىرى، ھازىر ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىنىڭ قۇشۇنلىرى ئىراقنى بېسۋالغاچقا، ئىراق ۋەزىيتىدە زور ئۆزگىرىش بۇلۇۋاتىدۇ.

ئېفرات ۋە دەژلە دەرياسى ئارىلىقىدىكى مېسوپوتامىيە تۈزلەڭلىكىدىكى مۇنبەت زېمىندا دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت - سۇمېر، بابىل ۋە ئەسسۇرىيە مەدەنىيتى بارلىققا كەلگەن. مىلادىيە 656 - يىلى بۇ رايوننى ئەرەپ ئىمپېرىيەسى بېسىۋالغان. شۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خېل ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە بۇ جاي پېرسىيەنىڭ بىر قىسمى ئىدى. 762 - يىلى ئابباس خەلىپىلىكى (مىلادىيە 750 - يىلدىن 1250 - يىلغىچە) قەدىمقى بابىل يېنىدىكى باغدادقا كۆچكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، تاكى ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيەسى ئۇنى قۇشۇۋالغىچە، باغداد ئەرەپ دۇنياسىنىڭ مەركىزى بولغان.
ئەنگىلىيە ئارمىيەسى 1915 - يىلى ئىراقنى بېسىۋىلىپ، تاكى ئىراق 1932 - يىلى مۇستەقىل بولۇپ، ھاشىم خانلىقى ھۆكۈمرانلىقىدىكى پادىشاھلىق دۆلەت قۇرۇلغىچە، خەلقئارا ئىتتىپاق نامىدا ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1968 - يىلى سوتسىيالىزىم ئارقا كۆرۈنۈشى بولغان ئىراق گۈللىنىش پارتىيەسى ھاشىم خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان. سادام ھۈسەيىن 1979 - يىلى مەزكۈر پارتىيەنىڭ داھىيسى بولغان ھەم مۇستەبىت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. سادام ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە ئوخشاش بولمىغان سىياسىي قاراشتىكىلەرگە ھەدەپ زەربە بەرگەن ھەم ئۇلارنى قىرغان. 1980 - يىلى ئىراق قوشنا دۆلەت ئىران بىلەن سەككىز يىل ئۇرۇشقان بۇلۇپ، 1988 - يىلى ئىككى دۆلەت ئاندىن ئۇرۇش توختاتقان.




#Article 130: سەئۇدى ئەرەبىستان (145 words)


سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى, ئاسىيانىڭ غەربىگە، ئەرەب يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ دۆلەتتۇر. غەربىي شىمالدا ئىئوردانىيە، شىمال ۋە شەرقىي شىمالدا ئىراق، شەرقتە كۇۋەيت، قاتار، بەھرەين ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، شەرقىي جەنۇبتا ئۇممان، جەنۇبتا يەمەن، شەرقىي شىمالدا پارس قولتۇغى ۋە غەربتە قىزىل دېڭىز بىلەن قورشىلىپ تۇرىدۇ. بۇ يەرگە ئىككى مۇقەددەس مەسجىت توپرىغى ھەم دېيىلىدۇ. چۈنكىئىسلام دىنىغا كۆرە مۇقەددەس بولغان ئىككى شەھەر مەككە ۋە مەدىنە بۇ دۆلەتتە يەر ئالىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان، ئوتتۇرا شەرقتىكى پۈتۈن پارس قولتۇغى ئەللىرىدە بولغانىدەك تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلماقتا.

ئەرەب يېرىم ئارلىلىنىڭ بۈيۈك بىر قىسمىدا مىڭ يىللاردىن بېرى كۆچمەن قەبىلە ھاياتى سۈرۈلۈپ كەلگەن. ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 571- يىلى مەككەدە توغۇلىشى، دۇنيا تارىخىدە يېڭى بىر دەۋىر باشلىتىپ، ئەرەبىستاننىڭ ئورنىنى يۈكسەلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمەسىي خانەدانىنىڭ، شامنى پايتەخت قىلىشى بىلەن، ئىسلام ئالەمىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى سۇرىيە تەرەپكە قايدى (692). ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ 16. ئەسردىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قەدەر، ئوسمانلى ئىدارەسىدە بولدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا 13 دانە ئۆلكە بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:




#Article 131: گۆشلۈك پولو (127 words)


گۆشلۈك پولۇ

 

گۈرۈچ ئىككى يېرىم كىلوگرام، ئەبجەش ياغ 500 گرام، زىرە مۇۋاپىق، گۆش بىر كىلوگرام، سوققان قەلەمپۇر مۇۋاپىق، سەۋزە بىر يېرىم كىلوگرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، پىياز بىر تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

 

سۇ گۈرۈچ يۈزىدىن بىر سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇشى، گۈرۈچ سېلىغاندىن كېيىن قازان تەكشى قاينىتىلىشى لازىم. تەكشى قاينىمىسا، پولۇ ئالا بولۇپ قالىدۇ. 

ئاشنىڭ سۈيى تارتىلىپ بولغاندا، بىر نەچچە يېرىگە تاياقچە سانجىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، گۈرۈچنىڭ يۈزىدىكى سۇ ئاستىغا چۈشۈپ قاينايدۇ. ئاستىدىكى ھور ئۈستىگە چىقىپ، گۈرۈچنىڭ ھەممە يىرىگە ھور تېگىپ، گۈرۈچنىڭ پىشىشىغا ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ. قازاننىڭ سۈيى ئاساسەن تۈگىگەندە ئاش دەملىنىدۇ. 
ئاشنىڭ دەم يېيىش ۋاقتى گۈرۈچنىڭ مىقدارى ۋە سورتىغا باغلىق. ئادەتتە مۇشۇ ئۇسۇلدا ئەتكەندە 25 ـ20 مىنۇت دەملەنسە بولىدۇ. ئاش دەم يېگەندىن كېيىن، ئاشنى ياخشى ئۆرۈپ، ئارىلاشتۇرۇپ ئۇسۇش كېرەك. داستىخانغا پولۇ بىلەن بىللە سوغۇق قورۇمىلار كەلتۈرۈلسە تېخىمۇ ياخشى.




#Article 132: مىسىر (247 words)


مىسىر ياكى رەسمىي نامى بىلەن مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتى (ئەرەبچە: جمهورية مصر العربية) شىمالىي ئافرىقاغا جايلاشقان بىر دۆلەتتۇر.

مىسىر جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بىر ئەرەب جۇمھۇرىيتىدۇر. ئاھالىنىڭ كۆپچىلىكى مۇسۇلمان ئەرەبلەردۇر. پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ شەھەرى قاھىرەدۇر. ھازىرقى پرېزدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى ئېرۇر. باش مىنىستىر، ئىبراھىم مەھلاب ئېرۇر. مىسىرنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولسا مىسىر خەلق مەجلىسى ئېرۇر.

مسىر شىمالىي ئافرىقىنىڭ نۇپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلىتىدۇر. شىمالدا ئاق دېڭىز ۋە شەرقتە قىزىل دېڭىز قىرغاقلىرىغا ئىگە مىسىرنىڭ، غەربىدە لىۋىيە، جەنۇبىدا سۇدان يەر ئالماقتا. مىسىرنىڭ ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان قىسمى سىنا يېرىم ئارىلى ئۈستىدە پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن قوشنىدۇر. مىسىرنىڭ ئەڭ مۇھىم دەرياسى بولغان نىل دەرياسى ئا دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. 

مىسىر تۆرت چوڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتنىڭ بىرىدۇر. يەر ئۆلچىمى 1 مىليون 10 مىڭ كم2 بولۇپ، 2020 - يىلى تەخمىنەن 100 مىليون نۇپۇسلۇق بىر دۆلەتتۇر.

مىسىرنىڭ 7000 يىلغا يېقىن ئۆتمۈشى بار بولۇپ، تۇنجى مەدەنىيەتتىن بۇيان نۇرغۇن ھاكىمىيەت، دۆلەت ۋە قەۋملەر ئۆتكەن. تارىختا مىسىر فىرئەۋنلىرىنىڭ مەملىكىتى، ئىسلام دۆلىتىنىڭ توپرىقى، ئەمەۋىيلەر، ئابباسىيلەر، فاتىمىيلەر، مەملۇكىيلەر ۋە ئوسمانىيلەرنىڭ ھۆكۈمدارلىقىدا بولغان مىسىر، 1922 - يىلى بۈيۈك برىتانىيەدىن مۇستەقىل بولغان ۋە 1952 - يىلى جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنغان. 

ئاخىرىقى قېتىم 2011 - يىلىدىكى مىسىر ئىنقىلابى بىلەن 32 يىل مىسىرنى باشقۇرغا ھۈسنۈ مۇبارەك غولاپ چۈشكەن ۋە مسىر دېموكراتىيەگە ئۆتۈش باسقۇچىغا كىرگەن. بۇ باسقۇچ 2013 - يىلى 3 ئىيۇل كۈنى سايلانغان تۇنجى دۆلەت رەئىسى مۇھەممەد مۇرسىينىڭ بىر سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلىشى بىلەن دەخىل كۆرگەن. 

مىسىر كۆپلىگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇپ، ب د ت، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئەرەب ئىتتىپاقى ۋە ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش بىلەن بىرگە ھەم غەرب، ھەم شەرق ئەللىرى بىلەن مۇۋازىنەتلىك ئالاقە قۇرۇپ كەلمەكتە.




#Article 133: ئۈرۈمچى شەھىرى (720 words)


ئۈرۈمچى شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ (ئۇيغۇرىستاننىڭ)مەركىزىي شەھىرى، پۈتۈن شەھەر يەتتە رايون بىر ناھىيىدىن تەركىپ تاپقان ،ئومۇمىي يەر مەيدانى 14000 كۇۋادىرات كېلومېتىر، 2014–يىلى يىل ئاخىرىدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 3530000 ئادەم ،خەنزۇ ،ئۇيغۇر ،قارزاق ،خۈيزۇ ،شىبە قاتارلىق 52 مىللەت ئولتۇراقلاشقان . ئۈرۈمچىدە تارىختا بىرمۇ خىتتاي پۇقراسى ياشىمىغان بۇلۇپ خىتتايلار مانجۇ ئىستىلاسىدىن كېيىن ئېقىپ كىرىشكە باشلىغان

ئۈرۈمچى تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلار ياشاپ كەلگەن كەڭ زىمىنلانىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان. ئۈرۈمچى دۇنيا بويىچە دېڭىز بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يىراق ئىچكى قۇرۇقلۇق شەھىرى بولۇپ ، بۇ شەھەرنىڭ دېڭىز ياقىسى بىلەن بولغان ئەڭ يېقىن ئارىلىقى 2 مىڭ 250 كىلومېتىر كېلىدۇ .

ئۈرۈمچى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە ، جۇڭغار ئويمانلىقنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تۇپرىقى مۇنبەت ، سۇلىرى ئەلۋەك بىر ماكان . ‹‹ئۈرۈمچى›› موڭغۇلچە سۆز بولۇپ ، مەنىسى گۈزەل يايلاق دېگەنلىكتۇر . 

ئۇيغۇرچە ئۆرۈمچى،توقۇمىچى دىگەن مەنىدە. قەدىمىي ئۈرۈمچى دەرياسى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئاقىدىغان بولۇپ ، شەھەر رايونىنى كېسىپ ئۆتىدۇ . شەھەرنىڭ شەرقىدە دېڭىز يۈزىدىن 5 مىڭ 400 مېتىر ئېگىز بولغان بوغدا چوققىسى ، جەنۇبىدا بولسا ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغ تىزمىلىرى ، غەربىدە بولسا رىۋايەت تۈسىنى ئالغان يامالىق تېغى ، شەھەر ئىچىدە بولسا كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان قىزىلتاغ بار بولۇپ ، بۇلار ئۈرۈمچىنى ئالاھىدە گۈزەل بىر جايغا ئايلاندۇرغان .  

ئۈرۈمچى شىنجاڭنىڭ مەركىزى شەھىرى ، ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزى شۇنداقلا كۆپ مىللەت مەدەنىيىتى توپلانغان مۇھىم ئورۇن . ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۈرۈمچى دۇنياغا داڭلىق ‹‹يىپەك يولى››دىكى مۇھىم تۈگۈنلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇيغۇر ، خەنزۇ ، خۇيزۇ ، قازاق قاتارلىق مىللەتلەر بۇ مەركىزىي شەھەردە ئىناق ياشىماقتا .

ئۈرۈمچى ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ ، قەدىمدىن تارتىپ ‹‹مۆجىزىلەر دەرۋازىسى›› دەپ ئاتىلىپ كەلگەن . ئۈرۈمچى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب–شىمالىنى ، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شىنجاڭنى تۇتاشتۇرۇشتىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ ، ھازىر مەملىكىتىمىزنىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم جاي ۋە چەت ئەللەر بىلەن بولغان ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم كۆزنەك بولۇپ قالدى .

ئۈرۈمچى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال قىسىمىغا جايلاشقان، ياۋرو ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا، تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبى گىرۋىكىگە جايلاشقان. شەرقى قىسىمى تۇرپان ۋىلايىتى بىلەن چىگرىلىنىدۇ، غەربى تۇدۇڭخابا ۋە سانجى شەھىرى بىلەن چىگرىلىنىدۇ، غەربى جەنۇبى خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن چىگرىلىنىدۇ، شىمالىدىكى بوغدا تېغى بويلاپ بىلەن جىمىسار ناھىيىسى، فۇكاڭ شەھىرى بىلەن چىگرىلىنىدۇ. شەرقىي ئۇزۇنلۇق 86°37'33-88°58'24 قا جايلاشقان، شىمالىي كەڭلىك 42°45'32-45°00'00 كە جايلاشقان.

ئۈرۈمچى شەھىرى جەمئىي 8 ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوندىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ ئچىدە 7 شەھەر رايونى ۋە بىر ناھىيە بار. ئۇلار بولسا:

ئىزاھات: 

تۆۋەندە ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم جايلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى بېرىلدى، ئۇلار بولسا:

ئۈرۈمچى دۇنيادىكى ئوكيان بىلەن بولغان ئارلىقى ئەڭ يىراق  شەھەر بولۇپ، ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرلىك قۇرغاق كىلىماتقا تەۋە ، ئەڭ ئىسسىق ۋاقتى 7 -، 8 -ئاي بولۇپ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 25.7  سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ سوغۇق ى بولسا بىرىنچى ئاي بولۇپ ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 15.2- سېلسىيە گرادۇس.
ئۈرۈمچىنىڭ كۈز پەسلى ھەر يىلى 24 – ئاۋغۇست ھەر باشلىدى. شىمالى تۈزلەڭلىكىدى 10 كۈن كېچىكىپ كېلىدۇ، كۈز كىرگەندىن كېيىن، ھاۋا مۇھىتى بىر قەدەر مۇقىم، ھاۋا سوغۇقمۇ ئەمەس، ئىسسىقمۇ ئەمەس، ناھايىتى يېقىشلىق. 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا كېيىن، سوغۇق ھاۋانىڭ كەينى-كەينىدىن  ھۇجۇم قىلىپ، تېمپىراتۇراىنىڭ تۆۋەنلىشى تېز بولىدۇ. 

جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى تاغ ئالدى ئېدىرلىق بولمىسىمۇ بىراق  بىر « مۆتىدىل بەلباغ »  باردەك، 1-ئايدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى شەھەر رايونى 4، 5 سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرى بولۇش، بۇ خىل ئۆزگىچە قىش پەسىللىك كىلىمات شارائىتى، پارنىكتا  كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشقا ماس كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى قار 175 كۈن داۋاملىشىدۇ.

ئۈرۈمچى  ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىدىكىدىكى  ئىككىنچى  ئىقتىساد بەلبېغى، جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى مۇھىم ئىقتىساد مەركىزى.  ئۈرۈمچى بىلەن قوشنا بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى ئەللەر، قەدىمدىن تارتىپ ئالاقە قىلىدىغان سودا مۇھىم تۈگۈن، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا نىسبەتەن بىر قەدەر كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش رولى بار.

ئۈچىنچى كەسىپنىڭ قۇرۇلما نىسبىتى 1.2:38.1:60.7 بولغان. پۈتۈن بىر يىلدا يەرلىك مالىيە كىرىمى 45 مېليارد 297 مېليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %13.0 ئاشقان. يىللىق تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسى 8 مېليارد 285 مېليون  دوللارغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن % 6.3 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 7 مېليارد 217 مېليون ئامېرىكا دوللىرى، %12.8ئاشقان، ئىمپورت ئومۇمىي سوممىسى1 مېليارد 68 مېليون  ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%23.6 تۆۋەنلىگەن.

ئۈرۈمچى بولسا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەتتە پۈتۈن جوڭگۇدىكى مۇھىم ساياھەت توپلاشقان مەركەزلىك ئورۇن، تەڭرىتاغ تىزمىللىرىدا ئىگىز تاغ قارمۇز مەنزىرلىرى بار، تاغدىكى ئورمان مەنزىللىرى، ئوتلاق مەزىرلىرى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتى، ئۆرپ-ئادىتى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ساياھەت مەنزىرلىرىنى شەكىللەندۈرگەن.
شىنجاڭ خەلىقئارا چوڭ بازار، دۆڭكۆۋرۈك، مىللەتلەر كوچىسى قاتارلىقلار قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مەنزىرە نۇقتىسى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق، يىپەك يولى قارمۇز ساياھىتى، يىپەك يولى كىيىم-كېچەك بايرىمى قاتارلىق يىپەك يولى مەداەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرنى مۇجەسسەم قىلغان بايرام ۋە پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلىشى ئۈرۈمچىنى ئۆزگىچە بىر شەھەر قىلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا قىزىل تاغ، يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى، شۇيموگو ساياھەت نۇقتىسى، جەنۇبىي تاغ غەربى بەيياڭگۇ قاتارلىق ساياھەت نۇقتىللىرى بار .
ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى




#Article 134: ئون پەرھىز (125 words)


 

ئون بۇيرۇق (ئىبرانىيچە: עֲשֶׂרֶת הַדִּבְּרוֹת ، Aseret ha'Dibrot) ، ئىبراھىم دىنىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئەخلاق ۋە ئىبادەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىنجىلنىڭ بىر يۈرۈش پرىنسىپلىرى. ئون بۇيرۇق ئىبرانىي ئىنجىلدا ئىككى قېتىم كۆرۈلىدۇ: چىقىش ۋە تەۋرات قانۇنى كىتابلىرىدا. بۇ بۇيرۇقلار ئۇنىڭ ئالدىدا باشقا ئىلاھلارغا ئىگە بولماسلىق ، ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلەش ۋە دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس تۇتۇش ، شۇنداقلا بۇتقا چوقۇنۇش ، كۇپۇرلۇق قىلىش ، قاتىللىق ، زىناخورلۇق ، ئوغرىلىق ، سەمىمىيەتسىزلىك ۋە شەھۋەتپەرەسلىكنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوخشىمىغان دىنىي گۇرۇپپىلار ئۇلارنى چۈشەندۈرۈش ۋە ساناشتا ئوخشىمىغان ئەنئەنىلەرگە ئەمەل قىلىدۇ.

On Periz bolsa Hudaning Musa peyghember arqiliq Israil helqini Misir ziminidin elip chiqqan vahtida chururgen qanunidur. Bu qanun Tewratning ikki yeride tilgha elinghan. ( Muqeddes Kitap, Uyghurche terjimisi, Misirdin chiqish babigha qaralsun. Exodus 20:1-17 hemde  Deuteronomy 5:6-21.)
Misirdin Chiqish 20:1-17
On Periz: 




#Article 135: خىتاي (252 words)


 

خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ پەس ۋە ئەڭ سۈپەتسىز ئىنسانلار توپىدىن بولۇپ، بىئولوگىيە ساھەسىدە خىتايلارنى ئىنسان قاتارىدا كۆرۈش ياكى باشقا بىر جانلىق تۈرى قاتارىدا كۆرۈش ھەققىدە كۆپ تالاش- تارتىشلار بولغان. گېن ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ خىتايلارنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ مەخلۇقلارنىڭ ئىنسانلاردا بولمىغان قىلمىشلىرى ۋە ئىنسانغا يات بولغان تەبىئىتى كىشىلەردە بۇلارغا بولغان خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلغان. خىتايلار ئانا- بالا چېتىشالايدىغان، شەرمىي- ھاياسىز كىشىلەر توپى بولۇپ، بۇلار مايمۇنلۇق دەۋرىدىن بۇيان پاكىزىلىققا كۆنمىگەنلىكى ۋە مەينەتچىلىكتە ياشاپ كۆنگەنلىكى ئۈچۈن جۇغى كىچىك ئەمما ئىممونىت كۈچى كۈچلۈك  بولۇپ يېتىلگەن. ھەرقانداق خىتاي ھەرقانداق باشقا بىر مىللەتنىڭ يىمىكىنى يېسە يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقمايدۇ، ئەمما بۇ مەلئۇن مىللەتنىڭ ئۆزلىرى يەيدىغان يىمەكنى باشقا ھەرقانداق مىللەتنىڭ كىشىسى يەپ سالسا كېسىنلىك بىلەن يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. بەش تەڭگە ئۈچۈن قىزى سولاپ بېرەلەيدىغان، ئانىسىنى سېتىۋېتەلەيدىغان بۇنداق ۋىجدانسىز، ئەخلاقسىز، ھەق- ئادالەت تۇيغۇسى ئەسلا مەۋجۇد بولمىغان نىجىس ئىنسانلار توپىنىڭ نامى خىتايلاردۇر. 

زامانلاردىن بىرى خەنزۇلارنى خىتاي دەپ ئاتاش ئومۇملاشقان ئادەتكە ئايلىنىپ ، بۇنىڭ تەسىرى ھازىرمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە . ئىلمى نۇقتىدىن ئېيتقان خەنزۇلارنى  دىيىش تامامەن توغرا. ئەممە قىتايلارنى خىتاي دىيىش پۈتۈنلەي خاتا .قىتاي بىلەن خىتاي ئىككىسى ئىككى مىللەتنىڭ نامى ، ماخمۇت قەشقىرىنىڭ كۆرسۇتىشىچە  لار تۇركى قەبىلىلىرىنىڭ بىرىدۇر (  1981 - يىلى نەشرى 38 - بەتكە قارالسۇن) . ئۇلار ۋەتىنىمىزنىڭ غەربى شىمالىدىكى لياۋ خې دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىدا ياشاپ ، مىلادى 916 - يىلىدىن باشلاپ  نى قۇرغان ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى مىلادى 1124 - يىلىدىن 1211 - يىلىغىچە ھازىرقى شىنجاڭ ۋە ئۇنىڭ غەربىدىكى جايلاردا  نى قۇرۇپ  يەنى  شەھىرىنى مەركەز قىلغان . ئۇلار تارىختا خەنزۇچە ماتىرياللاردا  دەپ ئاتالغان بولۇپ ، ئەسلى تۇرۇكچە  دەپ ئاتىلاتتى . خەنزۇ تىلىدا  تاۋۇشى بولمىغاچقا  تاۋۇشىدا تەلەپپۇز قىلىنغان .




#Article 136: ئەيسا مەسىھ (569 words)


ئىسا----------ئىسا ئەلەيھىسالام ھەزرىتى مەريەمنىڭ ئوغلى بۇلۇپ،بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى ئىدى، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ لەقىبى مەسىھدۇر،مەسىھ ئىبرانچە سۆز بۇلۇپ، مۇبارەك مەنىسىدە. ئىسا ئەلەيھىسسالام ئىنجىلدا يەسۇ دىيىلىدۇ. ئىسا قۇران كەرىمدە 25 جايدا ئىسا سۆزى بىلەن،11 جايدا مەسىھ سۆزى بىلەن 23 جايدا ئىبنى مەريەم سۆزى بىلەن تىلغا ئېىلىنىدۇ، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلى بۇلۇپ، ئاللاھ تەرىپىدىن ھەزرىتى مەريەمگە ئىلقا قىلىنغان روھتۇر، ئىسا ئەلەيھىسسالام قەيسەر ئوغۇستۇسنىڭ زامانىدا ،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلۇشىدىن 600 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇن،24-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى دۇنياغا كەلگەن. ئىسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلۇپ سەككىز كۈنلۈك بولغان چاغدا ئانىسى مەريەم ئىبادەتخانىغا ئېلىپ بېرىپ ئۇنىڭ خەتنىسىنى قىلدۇرغان، خەتنە قىلدۇرۇش پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننىتى بۇلۇپ،بىراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدىن تارتىپ،بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئىتىدە يولغا قۇيۇلۇپ كەلگەن، ئىسا ئەلەيھىسسالام ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ناسىرە شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن، ئاللا ئىسا ئەلەيھىسسالامغا تەۋرات ، ئىنجىل ۋە ھېكمەتنى بىلدۈرگەن، ئىسا ئەلەيھىسسالام كىچىك ۋاقتىدىلا يەھۇدى ئۆلىمالىرىنىڭ لمىي سۇرۇنلىرىغا باراتتى، ئۇلار بىلەن مۇنازىرلىشەتتى، مۇنازىرىدە غالىپ كېلەتتى، ھەزرىتى مەريەم ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈمەكچى بولغان زالىم ھېردوستىن قورقۇپ،يېقىنى يۇسۇف نەجار بىلەن بىللە ئىسا ئەلەيھىسسالامنى مىسىرغا ئېلىپ بارغان، ھىردوس ئۆلگەندىن كېيىن ،ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن، قۇران كەرىمدە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قانچە يېشىدا پەيغەمبەر بولغانلىقى تىلغا ئېىلىنمىغان ، لېكىن ئىنجىل نۇسخىلىرىنىڭ ئىبارتلىرىدىن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ 30 يېشىدا پەيغەمبەر بولغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. ....... 

.....تارىخچىلار ۋە مۇپەسسىرلەر ئىنجىلنىڭ بۇ توغرىدىكى بايانىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ، تەۋھىد ئۆلىمالىرىنىڭ ئىيتىشىچە، كۆپىنچە پەيغەمبەرلەر 40 يېشىدا پەيغەمبەر بولىدۇ، ئەمما ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ 30 يېئىشىدا پەيغەمبەر بۇلۇشى ئالاھىدە ئەھۋال. چۈنكى ئۇ 40ياشقا يەتمەي تۇرۇپ ئاللاھ تەرىپىدىن ئاسمانغا ئېىلىپ چىقىپ كېتىلگەن. ئاللاھتائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ كىشىلەرنى ئاللانىڭ توغرا دىنىغا دەۋەت قىلىشقا باشلىدى.ئاللاتائالا كىشىلەرنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە قايىل قىلىش ئۈچۈن ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى مۇيەسسەر قىلىپ بەردى. ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش، كورلارنى كۈرۈدىغان قىلىش، كىسەللەرنى ساقايتىش ئەنە شۇ مۆجىزىلەردىن ئىدى. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى يەھۇدىلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، ئىسا ئەلەيھىسسالام يەھۇدىلارنىڭ دىنىي باشلىقلىرى بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئۇلارنىڭ ئاساسسىز سۆزلىرىگە كۈچلۈك دەللىلەر بىلەن رەددىيە بېرەتتى، ئۇلارنى توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ئۈدەيتى، ئۇلارنىڭ يولىنىڭ بۇزۇقلۇقىنى بايان قىلاتتى. يەھۇدىلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئۆلىمالىرى مەسلىھەتلىشىپ ، ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن قۇتۇلۇش قارارىغا كەلدى، ئۇلار ئەينى زاماندا پادىشاھ قەيسەر تەرىپىدىن يەھۇدىئىلارغا قۇيۇلغان ھاكىم بىلاتىنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشكە كۈشكۈرتتى، يەھۇدىلارنىڭ ئۆلۈمگە ھۈكۈم قىلىنغانلارنى سىپ ئۆلتۈرۈشتەك ئەينى ۋاقىتلاردىكى قائىدىسى بويىچە ، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئېسىپ ئۆلتۈرمەكچى بۇلۇشتى، ئىسا ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، يۇشۇرۇنىۋالدى، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەۋارىيۇنلاردىن بولغان يەھۇزا ئىسىملىك بىر شاگىرتى خائىنلىق قىلىپ، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇشۇرۇنغان جايىنى ھاكىمنىڭ ئادەملىرىگە ئېيتىپ قويدى. ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالام بار جايغا كىرگەن چاغدا، ئاللاتائالا يەھۇزانىڭ شەكلىنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرىتىگە كىرگۈزدى- دە، ئۇلار يەھۇزانى ئىسا ئەلەيھىسسالام دەپ ئېسىپ ئۆلتۈردى، ئاللاھتائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاسمانغا ئېىلىپ چىقىپ كەتتى. بۇ چاغدا ئىسا ئەلەيھىسسالام 33 ياشتا ئىدى. ئىسا ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بۇلۇپ بەنى ئىسرائىلنى دىنغا دەۋەت قىلغان مۇددىتى 3 يىل بولدى. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شاگىرتلىرى بار بۇلۇپ، ئۇلار ھەۋارىيۇن دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ياردەمچىلىرى بۇلۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىگە ئوخشايدۇ، ھەۋارىيۇنلارنىڭ سانى 12 ئىدى. ئاللاتائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىنجىلنى نازىل قىلغان، ئىنجىل دىگەن سۆز بىرانىچە سۆز بۇلۇپ، بىشارەت مەنىسىدە. كۆپچىلىك ئىسلام ئۆلىمالىرى قۇران كەرىمنىڭ ۋە سەھى ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى قىيامەت بۇلۇشنىڭ ئالدىدا ئاسماندىن چۈشۈپ، دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ دەپ قارايدۇ. مەككە مۇكەررەمە شەرىئەت ۋە ئىسلام تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ پراففىسسورى، سەھۋەتۇتتەپاسىر نىڭ مۇئەللىپى مۇھەممەد ئېلى سابۇنى ئۆزىنىڭ ئەننۇبۇۋەتۇۋەلەنبىيا دىگەن ئەسىرىدە بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ: ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى تېخى تۈگۈگىنى يوق. ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تۇللۇق ئادا قىلىش ۋە دەۋىتىنى تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن زېمىنغا چۈشىدۇ، ئۇ ھازىر ئاسماندا ھايات، ئاللاتائالا ئۇنى ھايات ھالدا ئاسمانغا ئۆز دەرگاھىغا ئېىلىپ چىقىپ كەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئەھۋالنى مۇشۇ يۇسۇندا يەتكۈزگەن . بىز قۇراننىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ۋە راستچىل رەسۇلۇللانىڭ ھەدىسىگە ئىشىنىمىز، رەسۇلۇللاھ: سىلەرگە مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا چۈشۈپ، ئادىل ھۆكۈمران بۇلۇپ، سەلبىنى چېقىپ تاشلايدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇدىگەن  دەيدۇ. 

تامام. 

قۇران كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى.ئىزاھ قىسمى.629-630-بەتلەر




#Article 137: قەشقەر شەھىرى (935 words)


قەشقەر شەھرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ غەربىي جەنۇبى قىسىمىغا جايلاشقان. ۋە بۇگۈنكى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەمورىي مەركىزى. قەشقەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى شىمالىي كەڭلىك 39° 24’ 26؛ شەرقىي ئۇزۇنلۇق 76° 6’ 47، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىگى 1290 مىتىر. قەشقەر شەھرىنىڭ 1999-يىلى ئېلان قىلىنغان نوپۇسى 205،000. قەشقەردە ھازىرقى بار بولغان قەدىمى شەھەر كوچىلىرىدىن ھېيتگاھ جامىئەسىنى مەركەز قىلغان چاسا كوچا، ئوردا ئالدى، بۇلاق بېشى، ئوردا مەسچىتى، دۈڭمەسچىت، جانقۇرغان، تۆريارباغ، كونا دەرۋازا يولى، يار بېشى كولالىچىلار مەھەللىسى قاتارلىق جايلار ئۆستەڭ بويى ئەتراپلىرىغا مەركەزلەشكەن. ئوردا بېشى يولى، كونا دەرۋازا يولى، يارباغ يولى، ئارىيا يولى ئوتتۇرىسىدىكى قەدىمىي تۇرالغۇ– كوچىلار قەشقەر شەھىرىنىڭ يارباغ ئىش باشقارمىسى تەۋەسىدە بۇلۇپ، جانقۇرغان كوچىسى بىلەن بۇلاق بېشى كوچىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا يەنە 20 نەچچە تار كوچىلارغا ئايرىلغان. ئومۇمىي دائىرىسى 2 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئون نەچچە مىڭ ئاھالە ئولتۇراقلاشقان. بۇ كوچىلارنىڭ بەرپا قىلىنىش تارىخىنى مىلادى 10– ئەسىرلەرگىچە سۈرۈشكە بولىدۇ.

قەشقەر شەھىرى قەشقەر دەرياسىنىڭ دېلتىسىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قىسمىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرق، شىمال، غەرب تەرىپى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. قەنۇب تەرىپى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 13 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 19 كىلومېتىر، شەھەر رايونى كۆلىمى 15.5 كۋادرات كىلومېتىر.

يەر تۈزۈلۈشى: شىمالىي تەرىپى ئېگىز، جەنۇبىي تەرىپى پەس، تارىختىن بۇيان دەريا ئېقىنلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇشى، تىنىشى بىلە، يەر تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ بولۇپ كەتكەن. تەۋەسىدە قىزىل دەرياسى ۋە تۈمەن دەرياسى بار. ئونىڭ يىللىق ئېقىن مىقدارى 2 مىليارد 185 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك يەر ئاستى زاپاس سۇ مىقدارى 67 مىليون كۇب مېتىر.

قەشقەر شەھىرى قارمىقىدا 8 دانە كوچا باشقارمىسى بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 

ئىزاھات:

قەشقەر شەھىرى قارمىقىدا 2 دانە بازارلىق ۋە 9 دانە يېزا بار بولۇپ، ئۇنىڭ يېزا-بازارلىرى تۆۋەندىكىچە: 

قەشقەر شەھىرى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.7. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.1، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى-24.4. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ۋاقتى 2874 سائەت. 10 جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4250.5. قىروسىز مەزگىلى 218 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 61.5 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايللىنىش مىقدارى 2487.1 مىللىمېتىر.

قەشقەر شەھىرى ئىقتىسادىي جەھەتتە سانائەتنى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتى توقۇمىچىلىق سانائىتى، بۇياقچىلىق، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، خىمىيە سانائىتى، خۇرۇمچىلىق، يېمەكلىك، كىيىم-كېچەك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ماشىنسازلىق ۋە رېمونتچىلىق، مەتبۇئات ۋە ئەنئەنىۋى قول ھۆنەرۋەنچىلىكى قاتارلىق 20 خىلدىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، توقۇمىچىلىق، مىللىي، ئالاھىدە سانائەت ۋە ساياھەتچىلىك بۇ شەھەردىكى تۆت چوڭ تۈۋرۈك كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. شەھەر ئەتراپى رايونى يېزا ئىگىلىكىدە شەھەر ئاھالىسىنى «كۆك تاق» بىلەن تەمىنلەش ئاساس قىلىنىدۇ. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، مېۋە-چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار.

قەشقەر شەھرىدىكى بۇ قەدىمىي تۇرالغۇ– كوچىلار قەشقەر شەھىرى سەيلە– ساياھەتچىلىكىنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالغان. بۇ كوچا– مەھەللىلەر قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىگە، ئەڭ ئاۋات كوچىلىرىغا، ئاھالە ئەڭ زىچ ئورۇنلارغا جايلاشقان. ئاھالىلەرنىڭ سەيلە– ساياھەتچىلىك ئېڭى، تىجارەت ئېڭى ئىنتايىن يۇقىرى. بۇ يەردىكى ئىش باشقارمىلىرى، شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇ ئورۇننى ساياھەت نۇقتىسى قىلىپ بىكىتكەن ھەمدە بۇ كوچىلاردا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىي ۋە ئالاھىدىلىكى بويىچە ‹‹ كولالىچىلار ئائىلىسى››، ‹‹ مىللىي چالغۇ– ئەسۋاپلار ئائىلىسى››، ‹‹ دوپپىچىلار ئائىلىسى››، ‹‹ كەشتىچىلىك ئائىلىسى››، ‹‹ مىسكەرچىلىك ئائىلىسى››، ‹‹ پىچاقچىلىق ئائىلىسى››، ‹‹ گىلەم توقۇش ئائىلىسى››، ‹‹ ئۇيغۇر مىللىي بىناكارلىق ئائىلىسى››، ‹‹ ئاسارە– ئەتىقە يىغىپ ساقلىغۇچىلار ئائىلىسى›› دېگەندەك ئوخشىمىغان ۋىۋىسكىلارنى ئېسىپ، قەدىمى شەھەر ساياھەتچىلىكى، قەدىمى كوچا– تۇرالغۇ ساياھەتچىلىكى؛ مەدەنىيەت يادىكارلىق، ئاسارە – ئەتىقە بۇيۇملىرى ساياھەتچىلىكى؛ مىللىي ئۆرىپ– ئادەتلەر ساياھەتچىلىكى؛ مىللىي قول– ھۈنەر سەنئىتى ساياھەتچىلىك تۈرلىرىنى ئائىلە ساياھەتچىلىكى بىلەن بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ، مۇكەممەل ۋە ئەتراپلىق بولغان ساياھەت بايلىقىنى ئاچقان.

قەشقەر شەھىرىدىكى بۇ قەدىمى كوچا– تۇرالغۇلار، بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئاھالىلەرنىڭ قول– ھۈنەر سەنئىتى، ئۆرپ– ئادىتى، بىناكارلىق مەدەنىيىتى ئۇزۇن تارىخىنىڭ ئەينى سىماسىدۇر. بۇ جاي بىزگە يىراق قەدىمى دۇنيانىڭ تەسىراتىنى بېرىدۇ. قەشقەر شەھىرىنىڭ بۇ قەدىمى كوچا تۇرالغۇلىرىنى ئايلانغاندا، ھەر بىر دۇقمۇشتىن قايرىلىپ، خىلمۇ خىل مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى بايقىغاندا، نەچچە يۈز يىل، ھەتتا مىڭ يىل ئالدىدىكى دەۋردە تۇرىۋاتقاندەك، قىسقىغىنا ھاياتتا نەچچە دەۋىرنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرگەندەك بىلىنىدۇ.

بۇ بىر قەدىمىي شەھەر Ⅺ- ئەسىردىن بۇيان ناخشا-ئۇسۇل ماكانى دېگەن نامى بار. كىلاسىك مۇزىكا «12 مۇقام» ئۇيغۇر مۇزىكىسىدىكى قىممەتلىك بايلىق، يەنە ئاممىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە سازاۋەر بولغان «قەشقەر سەنىمى» ، «دولان ئۇسسۇلى» ، «ساما» ، «مەشرەپ» قاتارلىقلار ھازىرغىچە كەڭ تارقىلىپ كەلمەكتە، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ھېيتكار جامەسى، ئاپئاق خوجامازىرى(ئىپارخان مازىرى) ، بەنچاۋ قەلئەسى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى قاتارلىقلار بار. 1986-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى قەشقەر شەھىرى دۆلەت دەرىجىلىك مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى قىلىپ بېكىتىلدى.

ئولتۇراق رايوندا ھازىر ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (شەھەر) دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىدىن 12سى بار. بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى بولسۇن ياكى مەسچىد قۇرۇلۇشلىرى، رەستىلەر قۇيۇق ئىسلام مەدەنىيىتى قۇرۇلۇش تۈسىنى ئالغان. كوچىلار ئەگرى- بۈگرى، ئۈمۈچۈك تورىدەك ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. خۇددى سىرلىق ئوردا، قەلئە يوللىرىغا ئوخشايدۇ. ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى قۇرۇلما جەھەتتە خام كىسەك، توپا، پىششىق خىش، ئەنجان تاملاردىن ياسالغان. ئۆينىڭ ئۈستىگە ئۆي، سېلىنىۋىرىپ ئالدى يەر يۈزىدىن 4- 5 قەۋەتچە ئىگىزلەپ، يىراقتىن قارىغاندا قەلئەگىلا ئوخشاپ قالغان. ئولتۇراق رايوندا يەنە ئەسلى ئورنىغا ئەسلى ھالىتىنى ساقلىغان ئاساسىدا پىششىق خىشتىن يىڭىلىنىۋاتقان تۇرالغۇلارمۇ بار. ئولتۇراق ئۆيلەر بەك زىچ سېلىنغانلىقتىن كوچىلار خېلىلا تار. ئەسلى ھالىتىنى ساقلاش ۋە ئۆرۈلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرەكلەر بىلەن يۆلەپ قۇيۇلغان تۇرالغۇ- كوچىلارمۇ بار. تار كوچىلارنىڭ ئۈستى يېپىلىپ، ئۆي قىلىنغان. كوچىلارنىڭ باش- ئاخىرىنى پەرق ئەتمەك ئىنتايىن تەس. بەزىدە بۇ كوچىلاردا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر ئۆزلىرىمۇ ئادىشىپ قالىدىكەن. بىر قىسىم كوچا بۆلەكلىرىدە ئىككىنچى بىر كوچىغا ئايلىنىش يول كۆرسەتكۈچ بەلگىلىرى كۆرسىتىپ قۇيۇلغان. 

بىر قىسىم كوچىلارغا پەلەمپەي ئارقىلىق يۇقىرى ئۆرلەپ مېڭىشقا توغرا كېلىدىكەن. بۇ يەرگە جايلاشقان ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى پەس بولغاندا ئىككى قەۋەت، بەزى تۇرالغۇلار ئۈچ- تۆت قەۋەت بولغاچقا ئالقانچىلىك بوشلۇقلارمۇ ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. قورولارغا پەقەت بىرلا ياغاچ دەرۋازىدىن كىرىپ، ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى يان ئۆيلەرگە قايرىلغىلى، پەشتاق- پەلەمپەيلەر ئارقىلىق ئۈستۈنكى قەۋەتلەرگە چىققىلى بولىدۇ، ئۆگزىنىڭ گىرۋەكلىرى بىر مېتىر ۋە بىر يېرىم مېتىر ئەتراپىدا ئېگىزلىتىلىپ، كۈننىڭ ئىسسىق چاغلىرىدا كېچىسى ئارام ئېلىشقا پايدىلىنىلغان. ئاستىنقى قەۋەتتىكى قورو ئىچى ئىنتايىن تار بولسىمۇ، بۇ يەردىكى ئاھالىلەر بىرەر تۈپ ئەنجۈر كۆچىتى، ئانار كۆچىتى، بىرەر تۈپ گۈل تىكىپ ياكى گۈللۈكلەرنى ياساپ ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن. ئىقتىسادى ئەمىلى كۈچى بويىچە ئايۋان- ساراي، پىشايۋانلار ئىسىل بېزىلىپ، گىلەملەر سېلىپ قۇيۇلغان.

بۇ يەردىكى جانقورغان، بۇلاق بېشى كوچىلىرىدىن باشقا، يار بېشى كولالىچىلار مەھەللىسى قەدىمىلىكى، ئۆزگىچىلىكى بىلەن كىشلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتىدۇ. 40 مېتىرچە ئىگىزلىكتە 800 مېتىرچە ئۇزۇنلۇققا سوزۇلغان كولالچىلار مەھەللىسى تۆت- بەش يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇ كوچىدا كولالىچىلار كۆپرەك مەركەزلەشكەنلىكى ئۈچۈن ‹‹ يار بېشى كولالىچىلار مەھەللىسى›› دەپ ئاتالغان.




#Article 138: خرىستىئانلاشماسلىق (434 words)


 

خىرىستىيان دىنىنىڭ مەنبەسى ئىسلامدۇر.ناسارالار ئەيسا ئەلەيھىسسالامغا بىرىلگەن ئىنجىلنى ئۆزگەرتىپ ئەسلى توغرا ئەقىدىدىن چەتنەپ كەتكەن. ،خىرىستىيانلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى پەرۋەردىگرنىڭ بىردىنبىر ئوغلى ياكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى،ئۇ ئىنسانىيەتنى ئەسلى گۇناھتىن قۇتقۇزۇش ئۇچۇن كىرسىت ئۇستىدە ئۆلگەن دەپ ئىشىنىدۇ،مۇسۇلمانلار ھىچقانداق يەردە ئەسلى گۇناھ دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس،شۇڭلاشقا ئاللاھنىڭ ئىنسانغا ئايلىنىپ كىرىست ئۇستىدە ئۆلىشىنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئىشىنىدۇ،مۇسۇلمانلار ئەگەر ئاشۇ ئاتالمىش ئەسلى گۇناھ دىگەن نەرسە بار دىيىلگەن تەقدىردىمۇ ئاللانىڭ ھەرگىزمۇ ئۇنى مەغپىرەت قىلىش ئۇچۇن ئاشۇنداق كىرىست ئۇستىدە ئۆلگىدەك دەرىجىدە ئاجىز،ئىقتىدارسىز ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ،

خىرىستىيانلار مۇنداق دەپ مۇنازىرلىشىدۇ؛‹پەرۋەردىگار دۇنيانى شۇنداق سۆيگەنلىكتىن،ئۆزىنىڭ بىردىنبىر ئوغلىنى تەقدىم قىلدى،كىمدە كىم ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىگە ئىشەنمىسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ قايتىپ كىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كىرەك›(جون3؛16)

پەرۋەردىگار دۇنيانى شۇنداق سۆيسە،ھەتتا بۇنىڭ ئۇچۇن ئۆزىنىڭ بىردىنبىر ئوغلىنى قۇربان قىلىشنى قارار قىلغان بولسا بۇ بىردىن بىر ئوغۇل دۇنيانى ئەسلى گۇناھتىن قۇتقۇزدىمۇ دەپ سورىساق،خىرىستىيانلار ھەئە دەپ جاۋاپ بىرىدۇ.

باشقا بىر تەرەپتە مۇسۇلمانلار،بىرىنچىدىن ئاللا بىر ۋە بىردىنبىر شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئوغلى يوق،ئىككىنچىدىن ئاللا ئىنتايىن ئادىل،گۇناھكارلارنى قۇتقۇزۇش ئۇچۇن بىگۇناھلارنى جازالىمايدۇ،ئۇچىنچىدىن ئاتالمىش ئەسلى گۇناھ(ئەگەر ئۇ بار دىيىلسە) ئۇلۇغ ئاللا ئۇنىڭ ئۇچۇن‹‹ئۆزىنىڭ ئوغلى››نى قۇربان قىلىشقا مەجبۇر بولغىدەك ئۇنچىلىك قىيىن مەسىلە ئەمەس،ئۇ ئۇنى تامامەن ئۆچۇرۋىتەلەيدۇ،ياكى ئۇ بەندىلرىدىن شۇ گۇناھىغا سەمىمى تەۋبە قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا تولۇق كۇچى يىتىدۇ،دەپ قەتى ئىشىنىدۇ،ھەقىقەتەنمۇ مىل گىبسوننىڭ‹مەسىھنىڭ ئازابقا ئۇچىرشى ۋە ئۆلۇمى›دىگەن كىتابىدا تەسۋىرلىگىنىدەك،ئاللانىڭ‹‹ئۆزىنىڭ ئوغىلىنى››شۇنداق قاتتىق جازالاشقا ھىچ قانداق ھاجىتى يوق،ئەمەلىيەتتە ئەڭ دەسلەپكى خىرىستىيانلار ئىيسانىڭ ئازابقا ئۇچىرشىغا ئىشەنمىگەن،مەسىلەن بەيسىلىدىيەنس باشقا بىر مەلۇم ئادەمنىڭ كىرىست ئۇستىدە مىخلاپ ئۆلتۇرۇلگەنلىكىگە ئىشەنگەن،ئۇنىڭ ئىسمى سىمۇن كايرىن بولۇپ،ھەتتاكى ئاسى يەھۇدىلارمۇ بۇنى ئاڭلىغان،ئاللا قۇران كەرىمىدە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى خەلىقنىڭ گۇماندىن قانداق قۇتقۇزغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ؛‹‹ئۆز ۋاقتىدا ئاللا ئىيتتى،ئى ئىيسا مەن سنى(ئەجىلىڭ يەتكەندە) قەبزى روھ قىلىمەن،سىنى دەرگاھىمغا كۆتۇرىمەن،(يەنى ئاسمانغا ئىلىپ چىقىمەن،)ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كاپىرلاردىن ئۇستۇن قىلىمەن،ئاندىن مىنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر،سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش،(يەنى ئىسانىڭ ئىشى ئۇسىتدە)ئاراڭلاردا ھۆكۇم چىقىرىمەن،كاپىرلارغا بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاپ قىلىمەن،ئۇلارغا(ئۇلاردىن ئاللانىڭ ئازابىنى توسىدىغان)ھىچ مەدەتكار بولمايدۇ،››(سۇرە ئال ئىمران55-56-ئايەتلەر)شۇنداق، ئاللا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاسمانغا ئىلىپ چىقىپ كەتكەن ۋە ئۇنى كىرىست ئۇستىدە ئۆلۇشتىن قۇتقۇزۇپ قالغان،بۇ ئۇنىڭ دۇشمەنلىرىنىڭ ھەتتا ھازىر ئۆزىنى ئۇنىڭغا ئەگىشىۋاتىمىز دەپ ھىسابلايدىغان ئاتالمىش مۇرتلىرىنىڭ قارىشى بىلەن رۇشەن بىر سىلىشتۇرمىنى ھاسىل قىلىدۇ،ئىيسانىڭ دۇشمەنلىرى ئۇنى كىرىستقا مىخلاشنى پىلان قىلغان بولسىمۇ،لىكىن ئاللا ئۇلارنىڭ پىلانىنى مەغلۇپ قىلىۋەتكەن،شۇڭلاشقا ئۇنىڭ كىرىست ئۇستىدە ئۆلگەنلىكىگە ئىشىنىش،ئەمەلىيەتتە ئاشۇ دۇشمەنلەرنىڭ ئاللانىڭ پىلانىغا قارشى مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلىقىغا ئىشەنگەن بىلەن باراۋەر،بىراق ھەقىقەتەنمۇ ئۇلار ئاللانىڭ پەيغەمبىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى كىرىستقا مىخىلىيالمىغان،ئاللا قۇران كەرىمدە بۇتوغۇرلۇق مۇنداق دەيدۇ؛‹‹ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئىيسانى ئۆلتۇرگىنىمۇ يوق،دارغا ئاسقىنىمۇ يوق،ۋە لىكىن ئۇلارغا شۇبھە سىلىندى،(ئىيسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرسىنى ئاستى)ئىيسا توغۇرسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۇرۇلگەنلىكى(مەسىلىسىدە)شۇبھىدىدۇر،ئۇلار بۇ(ئىشنىڭ ھەقىقىتى)نى بىلمەيدۇ،گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ،ئۇلار ئىيسانى جەزمەن ئۆلتۇرمىدى،بەلكى ئاللا ئۇنى ئۆز تەرپىگە كۆتۇردى،(يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللا ئۇلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرۇپ،تىرىك ھالدا ئاسمانغا ئىلىپ چىقىپ كەتتى)ئاللا غالىپتۇر،ھىكىمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر،ئەھلى كىتابتىن(يەنى يەھۇدىلار ۋە ناسارالاردىن)ھەرقاندىقى جان ئۇزۇش ئالدىدا ئۇنىڭغا(يەنى ئىيسانىڭ ھەق پەيغەمبەرلكى،ۋە ئاللانىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە)ئىمان ئىيتىدۇ،ئىيسا قىيامەت كۇنى،ئۇلار(يەھۇدىلارنىڭ ئىيسانى دارغا ئاستۇق دىگەن داۋاسىنىڭ،ۋە ناسارالارنىڭ ئىيسانى ئاللانىڭ ئوغلى دىگەن داۋاسىنىڭ يالغانلىقى)غا گۇۋاھ بولىدۇ،››(سۇرە نىسا157-158-ئايەتلەر)




#Article 139: تۇرپان (763 words)


 

تۇرپان شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھىر بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن تۇرپان ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. 

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، «كېيىنكى خەننامە»دە ئوخشاشلا ئەينى زاماندىكى تۇرپاننى بىراقلا «قۇس» دەپ ئاتايدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان تارىخىي ۋەسىقىلەردىن «ۋېينامە» دېگەن كىتابتا «قۇجۇ ئالدىنقى قۇس پادىشاھلىقى دۆلىتىنىڭ قەدىمكى يۇرتى ئىدى» ... «خەلقى كۆپ، باياشات» شۇڭا «قۇجۇ» دېيىلىدۇ، دەپ خاتىرىلەنگەن. تۇرپان ۋېي سۇلالىسى دەۋرىگە يەتكەندە «قۇجۇ» دېگەن نام بىلەن ئاتالدى. بۇ ھەم ئەينى زامان دەۋرىدىكى ئانا يۇرتىمىز «تۇرپان»نىڭ نامى. «جەنۇبىي سۇلالىلەر تارىخىي»دا «قۇجۇ دۆلىتى دەسلەپتە، قۇسلارنى ئاساس قىلغانىدى ... توپىدىن سېپىل سوقۇپ، ياغاچتىن ئۆي ياساپ، ئۈستىنى توپا بىلەن ياپاتتى» دەپ خاتىرىلىگەنىدى. بۇ تارىخىي خاتىرىدە مىلادى 4—5– ئەسىرلەردىكى «تۇرپان» رايونىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئەھۋالى ناھايىتى ئىخچام بايان قىلىنغان. 
يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە 10– ئەسىرلەردە (مىلادى 970– يىللار)دا يېزىلغان خوتەن تارىخلىرىدا يۇرتىمىز تۇرپان ئالاھىدە خاتىرىلەنگەن. خوتەن تارىخنامىلىرىدا، ئەينى دەۋرلەردىكى «تۇرپان»نى خوتەننىڭ ئاشۇ زامانلاردىكى يەرلىك تىلى بويىچە «دوربان» دەپ ئاتايدىغانلىقى ھەم شۇ بويىچە تەلەپپۇز قىلىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. 
بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» دېگەن ئەسىرىدە تۇرپاننى «قۇجۇ» دەپ خاتىرىلىگەنىدى. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە تارىخلاردا يەنە داۋاملىق «قۇجۇ» دەپ خاتىرىلەندى، بىراق يۈەن دەۋرىگە كەلگەندە ئىشلەتكەن قۇجۇ دېگەن ئىككى خەت ئىلگىرى ئىشلەتكەن خەنزۇچە تارىخىي خاتىرىلەردىكى خەتلەرگە پەقەت ئوخشىماي قالدى، يەنى تۇرپان «火州» دېگەن ئىككى خەت بىلەن خاتىرىلەندى، بىراق بۇ خەتلەر پەقەت «قۇجۇ» دېگەن ئۇيغۇرچە نامنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسىدىنلا ئىبارەت، بىراق نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خەتنى خاتا ھالدا «ئوت يۇرتى» دەپ تەرجىمە قىلدى (بۇ يەردە ئاساسەن تۇرپاننىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى كۆزدە تۇرۇلغان). 
دېمەك، قانداق خاتىرىلەنمىسۇن، ھەر قانداق تەلەپپۇز قىلىنمىسۇن، بۇلارنىڭ قايسىسىلا بولمىسۇن ئوخشاشلا قەدىمكى دىيارىمىز، ئانا ماكانىمىز «تۇرپان»نىڭ نامى ئىكەنلىكىدە قىلچە گۇمان يوق. 
چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بەزى تارىخچىلار «تۇرپان» دېگەن نامغا قارىتا «ئويمانلىق» دەپ تەبىر بەرگەن. بولۇپمۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ جياچىڭ يىللىرىغا كەلگەندە، تارىخچى ۋاڭ شۇيۇڭ ئەپەندى، «غەربىي يۇرت تىللىرى» دېگەن ئەسىرىدە، تىللارنى تەتقىق قىلىپ، «تۇرپان» دېگەن سۆزنى، بۇ سۆز، غەربىي يۇرتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى، شۇڭلاشقا بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «ئويمانلىق» دېگەن مەنىدە دەپ تەبىر بەرگەن. 
دېمەك، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىمىزدىمۇ، «تىرەن»، «تۆۋەن»، «تېگى»، «تۈۋى»، «تۇر»، «پان» دېگەن تىللىرىمىز بار، بۇ سۆزلەرنىڭ گەرچە ئىشلىتىلىش ئورنى ئوخشىمىسىمۇ بىراق، مەنە جەھەتتىن بىر – بىرىگە ئىنتايىن يېقىن. دېمەك، ئوخشاش مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان مەنىداش سۆزلەر «تۇرپان» دېگەن بۇ سۆز بىلەن يېقىن مەنىداش كېلىدۇ. ئېھتىمال بۇ سۆز تارىختىكى تىل تەرەققىياتىمىزغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىپ، تىرەن ياكى تۆۋەن سۆزدىن ياسالغان بولۇشى مۇمكىن ياكى «تۇر» «پان» دېگەن سۆزلەرنىڭ قوشۇلۇشىدىن ياسالغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى «تىرەن»، «تۆۋەن» دېگەن سۆزنى ئالىدىغان بولساق، تۇرپان ۋادىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، تۇرپان دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر تۆۋەن تۇرىدۇ. تۇرپان دېگەن ئاتالغۇ تىرەن ياكى تۆۋەن سۆزنىڭ ئاساسىدا ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلغان خاس نامى بولۇشىمۇ مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا «ئويمانلىق» دېگەن مەنە ئېيتىلغانلىقىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، دېمەك غەربىي يۇرت تىللىرى دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى غەربىي رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل قائىدىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن ۋە ناھايىتى ھۆرمەت قىلغان. 
دېمەك، بىز يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن «قۇس»، «غۇز»، «قۇجۇ»، «قارا»، «خوجۇ»، «ئوت يۇرتى» دەپ ئاتالغانلارنىڭ ھەممىسى تارىخ داۋامىدا تۇرپانغا بېرىلگەن ناملار. بۇ يەردە تەكىتلەشكە تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا، يۇقىرىدا بىز بايان قىلغان تىللىرىمىزدىن «تۇر» دېگەن بۇ سۆز بەلگە، نىشان، يۇرت، مەھەللە، شەھەر، دۆلەت دېگەندەك مەنىلەرگىمۇ ئىگە، «پان» سۆزى، ئۇلۇغ، بۈيۈك، زور، گۈزەل قۇدرەتلىك دېگەندەك مەنىلەرگە ئىگە. ئەگەر بۇ ئىككى سۆز ئۆزئارا بىرىكسە «بۈيۈك دۆلەت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك يۇرتىمىز ئەزەلدىنلا مۇھىم قاتناش لىنىيىسىگە قۇرۇلغانلىقى، يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقى سەۋەبلىك، رولى ۋە ئورنىنىڭ مۇھىملىقىدىن قەدىمكى زامانلاردا «ئۇلۇغ دۆلەت» دەپ ئاتالغان بولۇشىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن. 
يۇقىرىدا بىز تەكىتلىگەن يۇرتىمىزنىڭ ھەر خىل ناملىرى بەزىدە ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىزنىڭ نامى بولۇپ خاتىرىلەنسە، بەزىدە تۇرپان ئويمانلىقىدا ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرى قۇرغان ھاكىمىيەتلەر، خانلىقلارنىڭ ئىسمى بولۇپ كەلگەن، بەزىدە غەربىي يۇرتتىكى بىر دۆلەتنىڭ نامى بولۇپ ئاتالسا، بەزىدە غەربىي دىياردىكى بىر مىللەتنىڭ نامى بىلەنمۇ ئاتىلىپ كەلدى. شۇڭا بۇ يەردە تەكىتلىنىۋاتقان بۇ ئىسىملارنى مەيلى مىللەت نامىدا ئاتالسۇن، مەيلى دۆلەت نامىدا ئاتالسۇن ياكى يەر – جاي نامىدا ئاتالسۇن، بىر – بىرىدىن ئايرىپ قاراش ئەسلا تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن ئەمەس، بۇ ئىسىملار ۋە ناملار تارىختا بۇ قەدىمكى ماكاندا ياشىغان مىللەتلەر بىلەن بۇ ماكاندا قۇرۇلغان دۆلەتلەرنى بىر – بىرى بىلەن مۇستەھكەم تۇتاشتۇرۇپ، بىرىنى يەنە بىرىگە چوڭ باغلاپ كەلگەن. شۇڭا بۇ نام ۋە ئىسىملارنى مىللەتنىڭ نامى دەپ چۈشىنىشكىمۇ ياكى دۆلەتنىڭ نامى دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. يۇقىرىقى بايانلاردىن، ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدىكى قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىش تەس ئەمەس. تۇرپان دىيارى يىراق قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنگەن، كۆپ خىل دىنلار ئۆزئارا ئۇچراشقان رايونلارنىڭ بىرى ئىدى. 
تۇرپان رايونىدا قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر، سوغدى، تۈرك، ئوغۇز، خەنزۇ، تاڭغىت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان ۋە تۇرپان ۋادىسىنى بىرلىكتە گۈللەندۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ قەدىمكى زامانلاردىكى ئاساسلىق ئاھالىسى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغانىدى. تۇرپان ئويمانلىقىدا تارىختا ياشىغان باشقا مىللەتلەرمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا قەدىمكى تۇرپاننى قۇرۇشتا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغان.

مەنبە: «تۇرپان يادىكارلىقلىرى»، ئابلىم قېييۇم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

ناھىيىنىڭ 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 250 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 71.4% نى، خەنزۇلار 20.75% نى، باشقا مىللەتلەر 7.85% نى تەشكىل قىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
مىڭ ئۆي توغرسىىدا 2008-10-01
مىللىتىمىزدىن چىققان تۆھپىكار، ئۈلگىلەر 2008-09-30
 دىگەن نام توغرىسىدا. 2008-09-29




#Article 140: تاشكەنت (152 words)


ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى، تاشكەنت ئوبلاستىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، تاشكەنت ئوبلاستىنىڭ مەمۇرىي مەركىزى.

تاشكەنت شەھىرى تۆۋەندىكىدەك تۇمانلارغا بۆلۈنگەن.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى ، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، تاشكەنت ئوبلاستىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، تاشكەنت ئوبلاستىنىڭ مەمۇرىي مەركىزى. بۇ شەھەر ئۆزبېكىستانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سىر دەرياسىنىڭ تارمىقى چىرچىق دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 2 مليون 30 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985) 

تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىلا بازار بولۇپ قۇرۇلغان. مىلادى 6-ئەسىردە سودا ھەم قول سانائىتى خېلى تەرەققىي قىلىپ، شەرق-غەرب ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەم قاتناش تۈگۈنى بولغان، كۆپ قېتىم يەر تەۋرەشنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغان. 1966-يىلدىكى چوڭ يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغاندىن كېيىن قايتىدىن قۇرۇلغان، ھازىر سوېت ئۆزبېكىستاننىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، شەھەرنىڭ ماشىنىسازلىق، توقۇمىچىلىق، يېمەك-ئىچمەك سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. شەھەرنىڭ يېنىدا چوڭ تىپتىكى ئوت ئېلېكتر ئىستانىسى بار. شەھەرنىڭ تۆمۈريول، تاشيول قاتنىشى تەرەققىي قىلغان، خەلقئارا ئايرودورمى، يەر ئاستى تۆمۈريولى بار. تاشكەنت ئۆزبېكسىتاننىڭ ئەڭ ئاتاغلىق مەدەنىيەت مەركىزى. 




#Article 141: ئىستانبۇل (449 words)


ئىستانبۇل (تۈركچە: İstanbul) تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدىن بىرى ۋە تۈركىيەدە نۇپۇسى ئەڭ كۆپ، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي - مەدەنىي جەھەتتە ئەڭ چوڭ شەھرىدۇر. بۇ شەھەر ئىقتىسادىي كۈچ جەھەتتىن دۇنيادا 34. نۇپۇس جەھەتتە شەھەر ھۇدۇدى نەزەرگە ئېلىنغاندا ياۋروپادا بىرىنچى، دۇنيا مۇقياسىدا لاگوس شەھرىدىن كېيىنلا، 6. ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئىستانبۇل، تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا، مارمارا دېڭىزى بويىغا ۋە بوغازئىچى بويىچە، خالىچنى ھەم ئوراپ تۇرىدىغان شەكىلدە قۇرۇلغان. ئىستانبۇل قىتئەلەر ئارىسى بىر شەھەر بولۇپ، ياۋروپادىكى رايونىغا ياۋرۇپا ياقاسى (Avrupa Yakası) ياكى رۇمئېلى ياقاسى، ئاسىيادىكى قىسمىغا بولسا ئاناتولىيە ياقاسى (Anadolu Yakası) ياكى ئاسىيا ياقاسى دېيىلىدۇ. تارىختا تۇنجى بولۇپ ئۈچ تەرەپى مارمارا دېڭىزى، بوغازئىچى ۋە خالىج تامانىدىن ئورالغان يېرىم ئارالنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىستانبۇلنىڭ غەربىي چىگراسى ئىستانبۇل سېپىللەرى ئىدى. ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش ۋە كېڭىيىش ئەسناسىدا سېپىللەر ھەر قېتىمدا تېخىمۇ غەربكە كۆچۈرۈلۈپ 4 قېتىم كېڭەيتىلگەن بۇ شەھەرنىڭ 39 ناھىيەسى باردۇر. چىگرالارى ئىچىدە شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن بىرگە توپلام 40 ھۆكۈمەت بىناسى باردۇر.

دۇنيادىكى ئەڭ كۆھنە شەھەرلەرىدىن بىرى بولمىش ئىستانبۇل، 330 — 395 - يىللار ئارىسى رىم ئىمپېرىيىسى، 395 — 1204 بىلەن 1261 — 1453- يىللار ئارىسى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى، 1204 — 1261- يىللار ئارىسى لاتىن ئىمپېرىيىسى ۋە نىھايەت 1453 — 1922- يىللارى ئاراسى دەۋلەتى ئالى ئوسمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پايتەختى بولدى. شۇنداقلا ئىستانبۇل، خىلاڧەتنىڭ ئوسمانلى سۇلتانلارى قولىغا ئۆتىشى 1517 دىن 1924- يىلى قالدۇرۇلغۇچە ئىسلامنىڭ ھەم مەركەزى بولغاندۇر.

ئىستانبۇلغا تارىخ بويىچە ئوخشاشمىغان ئىسىملار بېرىلگەن. بۇ شەھەر ئىسىملىرى ۋە شەھەر تارىخىنىڭ ئوخشاشمىغان تارىخى دەۋىرلەرگە باغلىقتۇر. بۇ ئاتلار تارىخى نۆۋبەتى بىلەن بيزانتيون، ئائۇگۇستا ئانتونىنا، نوۋا روما، كونستانتىنوپولىس، قوستانتىنىييە، ئىسلامبول ۋە ئىستانبۇل قاتارلىقلاردۇر. بۇلاردىن باشقا تارىختا موڭغۇللار چاكدۇريان، پولشالىقلار كاناتورىيە، چېخلىقلار ئايلانا، ماجارلار ۋىزېندۇۋار دەپ ئاتىغان. 

تارىخ بويىچە ئىستانبۇل شەھرىگە بېرىلگەن ئونلاپ ئات ئىچىدە، تۈركلەر تەرەپىدىن كەڭ تۈردە ئۆزلەشتۈرۈلگەن ۋە كۈنىمىزدە قوللىنىلماقتا بولغان ئىستانبۇل ئىسمىدۇر. بۇ ئات eis tin polin، يۇنانچە: εις την πόλιν دېگەن پۈتۈنلەمە سۆزدىن كەلگەن دەپ قارىلىدۇ. بۇ پۈتۈنلەمە، ئەينى چاغ يۇنان تىلىدا شەھەردە، شەھەرنىڭ ئىچىدە، شەھەرئىچى دېگەندەك مەنىلەرگە كېلەتتى.

شۇنداقلا خەلق ئاغزىدىكى جاراڭسىز n تاۋۇشى بىلەن بىرگە كەلگەن p تاۋۇشى b تاۋۇشىغا ئايلىنىدۇ. بۇ مەنادا ئىستانبۇل ئىسمىنىڭ يىلتىزى ناھايىتى كۆپ مەنبەئەدە بۇ پۈتۈنلەمە سۆز بىلەن باغلايدۇ. ئىسادىن كېيىنكى 2. ئەسردىن قالغان ئەرمەنى مەنبەئەلەردە ھەم Istanbol ۋە Istınbol شەكلىدە خاتىرلەنگەن شەھەر نامىنىڭ، تۈركچەگە بۇ شەكىلدە كىرگەن بولىشى مۇمكىندۇر. خالىق تارجان تەتقىقاتىغا كۆرە ئىستانبۇل نامىنىڭ يىلتىزىنىڭ يۇنانچە ياكى ئەرمەنىچە بولماي تۈركچە ئىكەنلىكىنى ۋە astan bolıq تىن كەلگەن دەپ ئىلگىرى سۈرمەكتە. As، قەدىمىي تۈركچەدە كائىنات، ساما، تەڭرى بەلدەسى دېگەندەك مەنىلەرگە كەلمەكتە. As يىلتىزىدىن As/qan (تەڭرى بەلدەسىدە ئېسىقلىق) كېلىپ زامان ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن Astan بولغان ۋە ھىتىت تىلىغا İstan دەپ ئۆتكەن. Bolıq بولسا شەھەر دېمەكتۇر ۋە بۇ كەلىمەنىڭ كۈنىمىزدە بولۇ، گېلىبولۇ، خەيرابولۇ، ئىنەبولۇ، نىغبولۇ، ساڧرانبولۇ ۋە تىرەبولۇ دېگەندەك مەۋجۇت ئۆرنەكلەرى باردۇر. بۇ ئىككى كەلىمە، Astan-bolıq بىزگە جەننەتسىمان شەھەر دېگەن مەنىنى بەرمەكتە. ئوسمانلى دەۋرىدە شەھەر مەركەزى ئۈچۈن قوللىنىلغان ئاتلار ئوخشاشمىسىمۇ ۋىلايەت دەرىجەسىدە ئاساسەن ئوخشاش ساقلانغان. ئىستانبۇل شەھرىنى باشقۇرۋاتقان ئۈست ئىدارىي ئورگاننىڭ، شەھەر بىلەن ئوخشاش ئىسىمى بىلەن ئاتىلىشى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىن قالغان ئەنئەنەدۇر. 




#Article 142: بۇخارا (363 words)


بۇخارا ئۆزبېكىستان شەهرىنىڭ‌ بىرى. بۇ شەهەردە  كۆپ تارىخىي يادگارلىقلار بار ۋە زامانىۋىى ئۆزبېكىستان شەهەرلەر ئاھالىسىنىڭ سانى بويىچە بۇخارا بەشىچى ئورۇندا. بۇخارا ئۆزبېكىستاندا جايلاشقان بولسىمۇ  شەهەردە تۇرىدىغانلارنىڭ كۆپچىلىكى پارسى- تاجىكچە سۆزلەيدۇ. بۇ تىل شىنجاڭنىڭ تاشقۇرغاندىكى تاجىك تىلىغا ئوخشىمايدۇ.

بۇخارا بوستانلىقى  بىر نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن تىكلەنگەن  بولۇپ، مىلادى بەشىنچى ئەسىردە مۇهىم مەدەنىي ۋە سىياسىي شەهەرگە  ئايلاندى . «بۇخارا»  نامى يەتتىنچى ئاسىردىن باشلاپ ئىشلىتىلدى. ئىسلام تارقالغاندا بۇخارا مۇستەقىل سۇغدىي پادىشاھلىقى  ئىدى ۋە ئاهالىسىنىڭ دىنى زەرتۇشت، بۇددا‌ ۋە شەرقىي خرىستىئان ئىدى.

ئەرەب تەرىپىدىن يېڭىلگەندىن كېيىن، بۇخارادا ئەرەپ ۋالىي ھۆكۈمرانلىق قىلسىمۇ، رايوننىڭ سىياسيى مەركىزى مەرۋدە جايلاشقان ئىدى. سەككىزىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە بۇخارادا ۋە ئۇنىڭ ئاتراپىدا خەلىپىلىككە قارشى نۈرغۈن قوزغىلاڭلار يۈز بەردى.  شۇنداق بولسىمۇ مۇشۇ دەۋردە بۇخارادىكى بىناكارلىق ئىسلامى ئۇسلۇبقا ئۆزگەردى.
ئەرەب كۆچمەنلەر ئۈچۈن يېڭى شەهەر قۇرۇلۇپ، ئۇنى شەهەرىستان دەپ ئاتىغان ۋە جۈمە مەسچىتىنىمۇ سالغان.

سامانىي سۇلالىنىڭ پايتەختى بولغاچقا، بۇخارا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ مۇهىم مەدەنىي مەركىزىگە  ئايلانغان. بۇ دەۋىردە پارس تىلى ۋە ئەدەبىياتى بارلىققا كەلگەن ۋە بۇخارا بۇ جەرياندا مۇھىم رول ئوينىغان.

موڭۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە (ئون ئۈچىنچى ئەسىر) بۇخارا خارەزم پادىشاھلىقىدىكى ئۆلكىسىنىڭ بىرى ئىدى. خارەزمشاھ موڭغۇللارغا قارشىلىق كۆرسەتكەچكە، ئۆزىنى «مەن خۇدانىڭ قامچىسى» دەپ ئاتىغان چىنڭىزخان بۇخارا شەهىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدى. شۇ سەۋەبتىن موڭغۇل دەۋرىدىن  پەقەت بىرلا «چوڭ مۇنار» ناملىق بىنا ساقلىنىپ قالغان.

گەرچە بۇخارا خارابىلىككە ئايلانغان بولسىمۇ، ئۇ تېخىچە مۇهىم شەهەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى ۋە موڭغۇللاردىن كېيىنكى ئەسىرىدىمۇ بۇخارالىق ئالىملار كۆپ ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئامىر تىمۇر سەمەرقەندنى پايتاخت قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن تىمۇرىي دەۋرىدە سەمەرقەندتە  نۇرغۇن يېڭى بىنالار سېلىنىدۇ ۋە بۇ شەھەر بۇخاراغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭىيىپ گۈللىنىپ كېتىدۇ.

ئون بەشىنچى ئەسىرىدىن باشلاپ، شىيبانى سۇلالىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا،‌ بۇخارا يەنە پايتاخت بولىدۇ، ۋە شۇنىڭ بىلەن ئاتتۇرا ئاسىانىڭ مەدەنىي مەركەزىگە ئايلىنىدۇ. بۇخارانىڭ ئاتاقلىق يادگارلىقلىرىنىڭ كۆپى بۇ دەۋردە (ئون بەشىنچىدىن يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ بېشىغىچە) قۇرۇلۇپتۇ. مەسەلەن قۇشبېگى، مىرئەرەب، ۋە كۆكەلدەش مەدرەسەلىرى.

بۇرۇنقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خانلىقلارغا قارىغاندا، بۇ دەۋردىكى خانلىقلار چوڭ بولمىسىمۇ، ۋە باشقا كۈچلۈك تۇتاشقان خانلىقلار (مەسىلەن قوقەند، خىۋە ۋە شەهرىسەبز قاتارلىقلار) بار بولسىمۇ، بۇخارانىڭ مەدەنىيەت ۋە مائارىپى ئەڭ مۇهىم ئىدى. مەسىلەن، باشقا شەهەردە مەدرەسەلەر بولسىمۇ، خوقەندلىك ياكى خىۋەلىكلەر ياخشى تەلىم ئالاي دېسە ۋە ئۇلارنىڭ پۇلى بولسا،يانىلا  بۇخاراغا باراتتى. بۇخاراغا يىراق دۆلەتلەردىن، مەسىلەن روسسىە، ئافغانىستان ئوقۇغۇچىلار كۆپ كېلەتتى.

ئون توققۇزىنچى ئەسىرىدە (۱۸۶۸) روسسىە نى يېڭىپ، بۇخارا « قوغدىلىدىغان دۆلەت » بولدى. گەرچە بۇخارا روسىيە تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان بولسىمۇ ، ماڭگىت خاندانلىقى 1920-يىلغىچە رۇسىيە ئىمپېرىيىسى ئىچىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈگەن.




#Article 143: مونترېئال (167 words)


مونترېئال __ كانادانىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، سودا-سانائەت مەركىزى. بۇ شەھەر لاۋرېنتسىيە دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى ئوتتاۋا، لىسەيلۇ قاتارلىق ئۈچ دەريانىڭ قوشۇلغان جايىدىكى مونترېئال ئارىلىغا جايلاشقان.

نامى :مونترېئال

دۆلىتى :كانادا

ئۆلكىسى :كۇيبىك ئۆلكىسى

مەمۇرىي رايون شەكلى :شەھەر

تەۋە رايون :كانادا كۇيبىك ئۆلكىسىنىڭ مونترېئال رايونى

يەر مەيدانى :365.13 كىۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :1 مىليون 669 مىڭ 237 (2013-يىلى)

كىلىماتى :مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇلۇق خاراكتېرىدىكى نەم كىلىماتقا تەۋە

چەتئەلچە نامى :Montreal

قارمىقىدىكى رايونلار :لاۋرېنتسىيە، ۋېردۇن

چوڭ مونترېئالنىڭ ئاھالىسى :2 مىليون 820 مىڭدىن ئاشىدۇ(1980)

دىئالېكتى :فىرانسوز تىلى، ئىنگلىز تىلى

بۇ شەھەر لاۋرېنتسىيە دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى ئوتتاۋا، لىسەيلۇ قاتارلىق ئۈچ دەريانىڭ قوشۇلغان جايىدىكى مونترېئال ئارىلىغا جايلاشقان.

مونترېئال پورتى، لاۋرېنتسىيە دەرياسى، بۈۋى مەريەم چېركاۋى، خان جەمەتى تېغى قاتارلىق داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرى بار.

مونترېئال كانادانىڭ ئەڭ مۇھىم بۇغداي ئېكسپورت قىلىدىغان پورتى، بۇ پورت ئارقىلىق نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. 

مونترېئال كانادانىڭ ئەڭ مۇھىم بۇغداي ئېكسپورت قىلىدىغان پورتى، بۇ پورت ئارقىلىق نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. 

مونترېئال شەھىرىنىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا، سۇ قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. شەھەرنىڭ يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1966-يىلى سېلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 38.2 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. 




#Article 144: Kalgari (608 words)


كالگارى كانادانىڭ غەربىدىكى ئالبېرتا ئۆلكىسىدىكى شەھەر. ئۇ ۋىلايەتنىڭ جەنۇبىدىكى بوۋ دەرياسى بىلەن ئېلبوۋ دەرياسىنىڭ تۇتىشىدىغان تاغ باغرى ۋە يايلاق رايونىغا جايلاشقان ، كانادا تاشيولىنىڭ ئالدىنقى سېپىنىڭ شەرقىگە تەخمىنەن 80 كىلومىتىر كېلىدۇ. ئۆلكە مەركىزى ئېدمونتوننىڭ جەنۇبى ۋە كانادا-ئامېرىكا چېگراسىنىڭ شىمالىدىن تەخمىنەن 240 كىلومىتىر.
بۇ شەھەرنىڭ 2019-يىلى 1 مىليون 285 مىڭ 711 نوپۇسى بار بولۇپ ، ئالبېرتانىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى بولۇپ قالغان. ئۇ كانادادىكى ئۈچىنچى چوڭ شەھەر (تورونتو ۋە مونترېئالدىن قالسىلا) ، كانادانىڭ غەربىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر. 2016-يىلى ، كالگارىنىڭ چوڭ شەھەر نوپۇسى 1 مىليون 392 مىڭ 609 بولۇپ ، كانادادىكى تۆتىنچى چوڭ نوپۇس تەكشۈرۈش رايونى (CMA) ، كانادانىڭ غەربىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان.
كالگارىنىڭ ئىقتىسادى ئېنېرگىيە ، پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى ، كىنو-تېلېۋىزىيە ، قاتناش ۋە ئەشيا ئوبوروتى ، تېخنىكا ، ياسىمىچىلىق ، ئالەم قاتنىشى ، ساغلاملىق ۋە ساغلاملىق ، پارچە سېتىش ۋە ساياھەتچىلىك قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كالگارى CMA كانادادىكى 800 چوڭ كارخانا ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان شىركەت باش ئىش بېجىرىش ئورنى ھېسابلىنىدۇ. 2015-يىلى كالگارىدا كانادانىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىليونېر سانى ئەڭ كۆپ بولغان. 1988-يىلى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگەن كانادانىڭ تۇنجى شەھىرى بولۇپ قالدى. 

ئىقتىسادشۇناس ئاخبارات بۆلۈمى كالگارىنى 2018-يىلى ۋە 2019-يىلى شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئەڭ ياشاشقا تىگىشلىك شەھەر قاتارىغا كىرگۈزدى. كالگارى يېقىنقى 10 يىلدا بۇ نامغا ئېرىشكەن 5 كۈچلۈك شەھەر قاتارىغا كىردى. كالگارى يەنە 2019-يىلى دۇنيادىكى شوپۇرلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى شەھەر بولۇپ باھالانغان.

كالگارى ئەنگىلىيەنىڭ شوتلاندىيە مولل ئارىلىدىكى كالگارىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. ئۆز نۆۋىتىدە ، بۇ ئىسىم كالد ۋە گارتلارنىڭ بىرىكمىسىدىن كەلگەن ، بۇنىڭغا ئوخشاش كونا نورس سۆزى ، يەنى «سوغۇق» ۋە «باغ» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ ، بۇ بەلكىم ئىچكى خېبرىدلاردا ياشايدىغان ۋىكىڭلارنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا ، بۇ ئىسىم بەلكىم گالچە كالا غوجايىنى بولۇشى مۇمكىن ، يەنى «يايلاقنىڭ دېڭىز ساھىلى (ئوتلاق)» ياكى گال تىلى «سۈزۈك ئېقىن سۇ» ياكى «قولتۇق دېھقانچىلىق مەيدانى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

كالگارى رايونىدا كلوۋىسدىن ئىلگىرىكى كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى كەم دېگەندە 11000 يىل بولغان بۇ يەردە ئەزەلدىن ئادەملەر بولۇپ كەلگەن. ئىنجىل دەۋرىدە بۇ يەردە ئادەملەر بار ئىدى. ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا كىشىلەر بۇ يەرگە سۇ بىلەن سىزىلغان بۇ يەرگە كەلدى. ئۇلار بۇ يەرگە ئوۋ ئوۋلاش ۋە بېلىق تۇتۇش ؛ سودا قىلىش ؛ ياشاش ؛ سۆيۈش ؛ زور غەلبىگە ئېرىشىش ؛ ئاچچىق ئۈمىدسىزلىكنىڭ تەمىنى تېتىش ؛ ئەمما ھەممىدىن مۇھىمى ئاشۇ ئىنسانلارنىڭ مەھەللە قۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىش.

كالگارى كانادا روكېس ئېتىكى بىلەن كانادا يايلىقى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈنچى رايونغا جايلاشقان. بۇ شەھەر پاركلاند تەبىئىي رايونى ۋە ئوتلاق تەبىئىي رايونىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان. كالگارىنىڭ شەھەر مەركىزى دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 1042.4 مېتىر (3420 ئىنگلىز چىسى) ئېگىزلىكتە ، [10] ، ئايرودروم 1076 مېتىر (3531 ئىنگلىز چىسى) كېلىدۇ. 2011-يىلى بۇ شەھەر 825.29 كىلومىتىر (318.65 كۋادرات مېتر) يەرنى ئىگىلىدى.

شەھەردىن ئىككى دەريا ۋە ئىككى ئېقىندىن ئۆتىدۇ. ئوقيا دەرياسى چوڭراق بولۇپ ، غەربتىن جەنۇبقا ئاقىدۇ. ئېلبوۋ دەرياسى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئېقىپ ، شەھەر مەركىزىگە يېقىن فورت كالگارىنىڭ تارىخى ئورنىدا ئوقيا دەرياسى بىلەن تۇتىشىدۇ. بۇرنى كرېك غەربىي شىمالدىن كالگارىغا ئېقىپ ، جەنۇبتىن بوۋ دەرياسىغا تۇتىشىدۇ ۋە ئېلبوۋ دەرياسى ئوقيا دەرياسىغا تۇتىشىدۇ. بېلىق دەرياسى غەربىي جەنۇبتىن كالگارىغا ئېقىپ ، سىكومې كۆلى ۋە كالگارىنىڭ ماكېنزى رايونىغا يېقىن ئوقيا دەرياسى بىلەن تۇتىشىدۇ. بۇ رايوننىڭ ھاۋاسى ئادەتتە قۇرغاق بولغاچقا ، قويۇق ئۆسۈملۈكلەر پەقەت دەريا ۋادىلىرىدا ، شىمالغا قارايدىغان بەزى يانتۇلۇقلاردا ۋە بېلىق كرېك ئۆلكىلىك باغچىسى ئىچىدە تەبىئىيلا پەيدا بولىدۇ.

كالگارى شەھىرى ، چوڭلۇقى 848 كىلومىتىر (327 كۋادرات مىل) ، [58] ھەر خىل زىچلىقتىكى شەھەر ئەتراپى مەھەللىلىرى بىلەن قورشالغان ئىچكى شەھەردىن تەركىب تاپقان. بۇ شەھەر دەرھال ئىككى شەھەر رايونى بىلەن قورشالغان - جەنۇبتىكى 31-نومۇرلۇق تاغ باغرىدىكى شەھەر رايونى ، شىمال ، غەرب ۋە شەرقتە تاشلىق كۆرۈنۈش ناھىيىسى. كالگارى چوڭ شەھەر رايونى ئىچىدىكى شەھەر سىرتىدىكى شەھەرلەر ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: شىمالدىكى ئايرودرى شەھىرى چېستېرمېرې شەھىرى ، ستراتخمور بازىرى ۋە شەرقتە لاڭدون قۇمۇل جەنۇبتىكى ئوكوتوك ۋە ئېگىز دەريا شەھەرلىرى. ۋە غەربىي شىمالدىكى كوكران بازىرى. نۇرغۇن يېزا تارماق رايونلىرى غەرب ۋە غەربىي شىمالدىكى ئېلبوۋ جىلغىسى ، بۇلاق دەرياسى ۋە ئېيىق رايونىغا جايلاشقان.




#Article 145: ئەرەب تىلى (425 words)


ئەرەب تىلى ياكى ئەرەبچە (اللغة العربية، el-luġatu l-‘arabiyye ياكى عربي ‘arabī) بولسا ئاڧرو-ئاسيا تىل سېستىمىسى سامىي تىل ئائىلىسىگە تەئەللۇق بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىم تىللارنىڭ بىرىدۇر. ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولمىش قۇرئان كەرىم، ئەرەبچە يېزىلغاندۇر. بۇگۈن 60 دۆلەتتە قوللىنىلۋاتقان ئەرەبچە، دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ كىشى قوللىنىدىغان تىللارنىڭ بەشىنچىسىدۇر ۋە شۇنداقلا ب د ت دا قەبۇل قىلىنغان 6 رەسمىي تىلنىڭ بىرىدۇر. ئۇ دۇنيادىكى بىر مىليارد 600 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ دىنى تىلى، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنىڭ تىلى، ھازىر دۇنيادا 250 مىلىوندىن ئارتۇق ئەرەب ۋە باشقا مىللەتلەر ئومومىيۈزلۈك قوللىنىدۇ.

ئۆلچەملىك ئەرەبچە دەپ قوبۇل قىلىنغان بۇ تىل (العربية الفصحى) ئەرەبىيەتۇل ڧۇسھا (ڧەسىھ، تۈزۈك) دەپ تەرىڧلىنىدۇ ۋە پۈتكۈل ئەرەب ئەللىرىنىڭ رەسمىي تىلىدۇر. ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە شىمالىي ئاڧرىقادا خەلقنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى، ئىران ۋە تۈركىيەدە بولسا ئاز سانلىق ئەرەب توپلۇقلىرى قوللىنىدىغان تىللار، ئەرەبچىنىڭ لەھچىلىرىدۇر. ئۆلچەملىك ئەرەبچە ھەرقانداق بىر ئەلدە خەلق تىلى شەكلىدە قوللىنىلمايدۇ. شۇنداقلا رەسمىي تىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇغان ھەر ئەرەب ئۆلچەملىك ئەرەبچىنى تۈشىنىدۇ ۋە سۆزلىيەلەيدۇ. ئۆلچەملىك ئەرەبچە دەپ قەبۇل قىلىنغان تىل قۇرئان كەرىمنىڭ تىلىدۇر. قۇرئان ئەرەبچە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەرەب تىلى ئىسلام دىنىدا ئالاھىيدە بىر ئورۇنغا ئىگە.

ئەرەبچە، تۆۋەندىكى ئەللەردە بىردىنبىر رەسمىي تىل ياكى رەسمىي تىللاردىن بىرىسىدۇر:

بۇلاردىن باشقا ئاڧغانىستان، تۈركىيە، ئىران، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە ياشىغۇچى ئەرەبلەرمۇ بۇ تىلدا سۆزلىشىدۇ. 

ئەرەب ئەلڧبەسى 28 ھەرپتىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ ھەرپلەرنى شەكىللەندۈرگەن ئاساسلىق شەكىللەر 17 دۇر. ئەرەب ئەلڧبەسى ئوڭدىن سولغا يېزىلىدۇ. ھەرپلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۈھۈك تاۋۇشلاردۇر. ھەرپلەرنىڭ تەلەڧڧۇزىنى شەكىللەندۈرگەن؛ پەقەت دىنىي مەتىنلەر ۋە شىئېرلەر تېشىدا كۆپ قوللىنىلمايدىغان ھەرەكە دېيىلىدىغان ئىشارەتلەر بار. ئەرەب ھەرپلىرىنىڭ يازىلىشى، سۆزنىڭ بېشىدا، ئوتتۇرىسد ۋە ئاخىرىدا كېلىشىگە قاراپ قىسمەن ئوخشىماسلىقلارغا ئىگە. 

ئەرەب ئەلىڧبەسى تارىختا ۋە كۈنىمىزدە پەقەتلا ئەرەبلەرگىلا خاس ئەلىڧبە بولمىغان، بولۇپمۇ ئىسلامنىڭ باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىنمۇ قوللىنىلىشى بىلەن تۈركلەر، ئىزانلىقلار، پاكىستانلىقلارغا ئوخشاش ئاسيادىكى باشقا غەربىي ئەرەب قەۋىملەر تەرىپىدىنمۇ قوللىنىلغان. كۈنىمىزدە ئەرەب ئەللىرىدىن باشقا ئىران، پاكىستان، ئاڧغانىستان ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرتەرىپىدىن قوللىنىلماقتا. لېكىن، ئەرەب تىلىدىن باشقا تىللاردا قوللىنىشتا ئوخشىمىغان تاۋۇشلار ئۈچۈن، ئەلىڧبەنىڭ ئاساسىي شەكىللىرى ئۈستىدىن ئانچە مۇنچە ئۆزگەرتىشلەر قىلىنغاندۇر. مەسلەن: ڧارسچە ۋە تۈركىي تىللاردىكى چ تاۋۇشى ئەرەب ئەلىڧبەسىدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىرانلىقلار ۋە تۈركلەر، ج (جىم) ھەرىپىنىڭ چىككىت سانىنى ئۈچكە ئۆزگەرتىپ چ (چىم) قىلىپ ئۆز ئەلىڧبەلىرىگە قوشقان.  

ئەرەب ئەلىڧبەسى، ئوتتۇرا ئاسيا ۋە ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى زېمىنلىرىدا ئۆزلەشتۈرۈلگەن، لاتىن ئەلىڧبەسىدىن قالسىلا دۇنيادا يېزىق تىلى سۈپىتىدە ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان يېزىق سېستىمىسىدۇر. ئۇيغۇرلار 1950- يىللاردىن ئېتىبارەن كرېل، لاتىن ئەلىڧبەلىرىگە قىسمەن كۆچكەن. 1960- يىلىدىن 1980- يىلىغىچە يېڭى يېزىق نامىدا لاتىن ئەلىڧبەسىگە كۆچكەن. ئەرەب ئەلىڧبەسى مىلادىدىن كېيىنكى 2-4. ئەسرلەر ئارىسىدا نەباتى يېزىقىدىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەڭ قەدىمكى يازما ئۆرنەكلىرى م.ك 6. ئەسرگە (زەبەد 512، ھارران 568) تاقىلىدۇ. ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان ئەرەب ئەلىڧبەسىدىكى 28 ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ 22 سى سامى ئەلىڧبەسىدىن ئۆتۈشتە شەكىل ئۆزگەرتكەن تاۋۇشلار بولۇپ قالغان ئالتە تاۋۇش ئەرەبچىگە خاستۇر.




#Article 146: ۋىننىپېگ (158 words)


كانادانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان مانتوبا ئۆلكىسى ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان شەھەر، ئۇ كانادانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مۇھىم سودا-سانائەت مەركىزى، شەرق، غەربتىكى تۆمۈريول، تاشيول قاتنىشىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى. شەھەرنىڭ نامى ۋىننىپېگ كۆلىنىڭ نامىغا ئاساسەن بېرىلگەن. ۋىننىپېگ شەھىرىنىڭ ئاھالىسى 708,400 ئادەم (2014-يىل). كانادا بويىچە چوڭلۇقى جەھەتتە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

نامى :ۋىننىپېگ شەھىرى

دۆلىتى :كانادا

ئۆلكىسى :مانتوبا ئۆلكىسى

مەمۇرىي رايون شەكلى :شەھەر

تەۋە رايون :كانادا مانتوبا ئۆلكىسى

يەر مەيدانى :465.16 كىۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :708,400 ئادەم (2014-يىل)

كىلىماتى :نەم كىلىماتقا تەۋە

ئىنگىلىسچە نامى :Winnipeg

كانادانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان مانتوبا ئۆلكىسى ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان شەھەر، ئۇ كانادانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مۇھىم سودا-سانائەت مەركىزى، شەرق، غەربتىكى تۆمۈريول، تاشيول قاتنىشىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى. شەھەرنىڭ نامى ۋىننىپېگ كۆلىنىڭ نامىغا ئاساسەن بېرىلگەن. ۋىننىپېگ شەھىرىنىڭ ئاھالىسى708,400 ئادەم (2014-يىل). كانادا بويىچە چوڭلۇقى جەھەتتە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

بۇ جاي ئەسلى تېرە، يۇڭلارنى يىغىپ ساتىدىغان جاي بولغان، 1885-يىلى تۆمۈريول سېلىنغاندىن كېيىن تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. ھازىر ئۇ كانادانىڭ شەرقىي قىسىم رايونلىرى بىلەن غەربىي تىنچ ئوكيان قىرغاق رايونلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىردىنبىر مۇھىم قۇرۇقلۇق قاتناش تۈگۈنى ھېسابلىنىدۇ. 




#Article 147: سەلىپنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشى (507 words)


 

ئەھلى سەلىپنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشى 

                       
ئەھلى سەلىپىنىڭ شەرققە قىلغان يۈرۈشلىرى- ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەڭ ئۇزاق داۋام قىلغان كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇرچىلىق ئۇرۇشى. شەرق ئەللىرىگە قارىتا ئىككى ئەسىر ئېلىپ بېرىلغان بۇ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا غەربىي ياۋروپادىكى فېئودال ئەللەرنىڭ بىر قىسىمى قاتناشتى. ئەھلى سەلىپ قوشۇنى ئوتتۇرا شەرق رايونىغا 1096-يىلىدىن 1291-يىلىغىچە جەمىئىي سەككىز قېتىم يۈرۈش قىلدى. 

مۇقەددەس جايىمىزنى قايتۇرۋالىمىز دېگەن بانا بىلەن، غەربىي ياۋروپادا دىنىي ئەسەبىلىك قوزغىدى ۋە ئەھلى سەلىپ قۇشۇنى تەشكىللەپ شەرققە تۈرۈش قىلىشنى پىلانلىدى. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىنى كېڭەيتمەكچى، پۇرسەت كەلگەندە. پراۋسلاۋ دىنىدىكىلەرنى ئۆزىگە قۇشۇۋالماقچى ئىدى. ئەھلى سەلىپ تۈرۈشىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاسالىق كۈچى بولغان غەربىي ياۋروپا فېئوداللىرى شەرقتىكى يەرلەرنى ۋە بايلىقلارنى تالان –تاراج قىلىشنى مەقسەت قىلاتتى بولۇپمۇ ياۋروپادا خوجىلىق يەرلەرگە چوڭ ئوغۇل ۋارىسلىق قىلىش تۈرۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ۋارىسلىق قىلىش ھۇقۇقىدىن مەھرۇم بۇلۇپ يەرسىز رىتسارلارغا ئايلىنىپ قالغان باشقا ئوغۇللار سىرتقا چىقىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى جىددىي تەلەپ قىلاتتى، نەتىجىدە، ناھايىتى زور بىر كۈچ بارلىققا كېلىپ، ئەھلى سەلىپ يۈرۈشىدىن ئىبارەت چوڭ تاجاۋۇزچىلىق دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. ئاچكۆز غەربىي ياۋروپا سودىگەرلىرى، مەسىلەن، ئىتالىيىنىڭ ۋېنتسىيە، گېنويە قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى سودىگەرلەرمۇ شەرققە بېرىپ باي بولۇش غەرىزىدە ئەھلى سەلىپنى پائال قوللىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، خانىۋەيران بولغان بىر قىسىم دېھقانلارمۇ دىننڭ تەسىرى، فېئوداللارنىڭ تەھدىدى ۋە گوللىشى بىلەن، ئېكىسپىلاتاتىسىيە ۋە زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ئارزۇسىدا، دەسلەپتە ئەھلى سەلىپ يۈرۈشگە قاتناشتى. ئەلۋەتتە، ئۇلار بۇ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ دېھقانلارغا تېخىمۇ زور ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كەلتۈردىغانلىقىنى بىلمەيتتى. 

فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە فېئوداللىرى 1096-يىلى كۈزدە تەشكىللەنگەن 30-40 مىڭ كىشىلىك ئەھلى سەلىپ قوشۇنى ئىككىنىچى يىلى ئەتىيازدا كونستانتنوپول (ئىستامبول) غا يېتىپ باردى ھەم دېڭىزىدىن ئۆتۈپ سالجۇق تۈركلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئېرۇسالىمنى ۋە باشقا جايلارنى ئىشغال قىلىپ بۇلاڭچىلىق قىلدى ھەمدە غەربىي ياۋروپانىڭ تۈزۈمى بويىچە بۇ جايلاردا نۇرغۇن ئۇششاق فېئودال بەگلىكلەرنى قۇرۇپ، يەرلىك ئاھالىلەرنى يانچىلارغا ئايلاندۇرۇپ، قاتتىق ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلدى.مانا بۇ، بىرىنچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپ يۈرۈشى. بۇ قېتىمقى يۈرۈش 1096-يىلىدىن 1099-يىلىغىچە داۋام قىلىدى. 
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا سالجۇق تۈرۈكلىرى جىددىي قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىدى بولۇپمۇ مىسىر سۇلتانى سالاھىدىن ئېرۇسالىمىنى قايتۇرۋالغاندىن كېيىن، غەربىي ياۋروپا فېئىوداللىرى قاتتىق چۆچۈپ كېتىپ، ئىككنچى قېتىملىق (1147-1149) ۋە ئۈچىنچى قېتىملىق (1189-1192) ئەھلى سەلىپ يۈرۈشىنى تەشكىللىدى. ئۈچىنچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپ يۈرۈشىگە شۇ جايدىكى ياۋروپانىڭ قۇدرەتلىك پادىشاھلىرىدىن گېرمانىيە پادىشاھى فرىدرىخ Ⅱ، ئەنگلىيە پادىشاھى رىچارت، فىرانسىيە پادىشاھى فىلىپ Ⅱ باشچىلىق قىلدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت ئېغىر ئىدى-سەپەر داۋامىدا فرىدرىخ سۇغا چۆكۈپ ئۆلدى، فىلىپ كېسىلىنى بانا قىىپ دۆلىتىگە قايتىپ كەتتى، پەقەت رىچارتلا شەرققە قارىتا قىرغىنچىلىق تاجاۋۇۋىنى داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، ئېرۇسالىمنى زادىلا ئالالمىدى. 
تۆتىنچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپ تۈرۈش (1202-1204)ئۆزىنىڭ تاجاۋۇزچۇلۇق ماھىيىتىنى تازا ئۇچۇق ئاشكارلىدى. بۇ قېتىم ئۇلار ئىسلام مۇرتىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. «مۇققەددەس جاي»نى قايتۇرۋېلىشقىمۇ كۆچمىدى. بەلكى دىنىي ئېتقادى ئوخشاش بولمىغان خىرىستىيانلار ئىلكىدىكى ۋىزانتىيىگە ھۇجۇم قىلدى. 1204-يىلى 4-ئايدا كونىستانتىىنپولنى ئېلىپ، بىر ھەپتىگىچە ئوت قويۇپ كۆيدۇرۇپ، بۇلاڭ- تالاڭ قىلدى. نەچچە يۈز يىللار داۋامىدا توپلانغان بايلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلۋەتتى. 
غەربىي ياۋروپا فېئوداللىرى تۆتىنىچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپىتىن كېيىنمۇ نۇرغۇن قېتىم ئەھلى سەلىپ يۈرۈشى قىلدى. بەشىنچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپ يۈرۈشى (1217-1221) ۋېنگىرىيە پادىشاھىنىڭ مىسىرغا تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن باشلاندى. ئالتىنچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپ يۈرىشى (1228-1229) دىمۇ مىسىرغا تاجاۋۇز قىلىندى. يەتتىنچى قېتىملىق (1248-1254) ۋە سەككىزىنچى قېتىملىق (1270-يلى باشلانغان) ئەھلى سەلىپ يۈرۈشلىرى فرانسىيە پادىشاھى ليۇدىۋىك Ⅵ باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلدى. مىسىرغا قارىتىلغان يەتتىنىچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپ يۈرۈشىدە ليۇدىۋىك ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ، نۇرغۇن تۆلەم بىلەن قۇتۇلدى. تۇنىسىنى مۇھاسىرە قىلىش بىلەن باشلانغان سەككىزىنچى قېتىملىق يۈرۈشتە فىرانسىيە ئارمىيىسىدە ۋابا تارقىلىپ، نۇرغۇن ئەسكەر ئۆلۈپ كەتتى، ليۇدىۋىكمۇ مۇشۇ يۈرۈشىتە ئۆلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەھلى سەلىپ يۈرۈشى ئاياغلاشتى. 




#Article 148: بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى (267 words)


بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى

لۇتپۇللا مۇتەللىپ

كۈرەش، كۈرەش دەپ دائىما تىرىشىپ تۇرساق،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

ھەر قەدەمدە كونا تۇرمۇش بىلەن ئېلىشىپ تۇرساق،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

جاھانگىرلار يەر يۈزىدىن تامام يوقالسا،

مەزلۈم ئەللەر يېڭى ھاياتتىن كەڭ يول ئالسا،

زادى تۈگىمەس سائادەتكە قەدەم قويسا،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

ئۆمەكلىشىپ مەزلۇملار بىلەن بىللە ئىشلىسەك،

ھەقىقەتەن يېڭى يولغا راست كىرىشسەك،

باراۋەرلىك ئۇللىرىنى مەھكەم قۇرساق،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

يوقسۇل – مىسكىنلەر ئەمدى تارتمىسا مۇشەققەت،

'ئاھ، نەيلەي، قىسىلدىمغۇ...' دېمىسە پەقەت،

ئازادلىقتىن شۇلارغا ياغسا مېھىر-شەپقەت،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

ئېلىمىزدە ئىلىم – مەرىپەت تېشىپ تۇرسا،

دولقۇنلاپ ئۆزىمىزدىن ئېشىپ تۇرسا،

خائىنلارنىڭ يوللىرى كېسىلىپ تۇرسا،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

ھەر بىر يەردە زاۋۇت، ڧابرىكا ۋارقىراپ تۇرسا،

تۆمۈر يولدا ئوت ھارۋىلار جارقىراپ تۇرسا،

ھاۋا قۇشلىرى ئۈستىمىزدە غارقىراپ تۇرسا،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

قەھرىمان ياشلار ئەمدى تەييار تۇرسا،

قەھرىمانلارچە ھەر بىر ئىشتا ھۇشيار تۇرسا،

قاراڭغۇ بۇلۇڭلارغىمۇ چىراغ يېقىلسا،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

ئەسكى تۇرمۇش ھەر قەدەمدە ۋەيران بولسا،

ئىستىباتچى قارا كۈچلەر گۇمران بولسا،

ئوقۇمىغان نادانلار ئەمدى ئىنسان بولسا،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

گۇرۇھ، گۇرۇھ زىيالىلار قىلسا خىزمەت،

ھەربىر ئېغىر ئىشلارغا قىلسا جۈرئەت،

پۈكسە كۆڭلىگە دائىما توغرا نىيەت،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

مىللەتچىلىك يىلتىزىنى يۇلۇپ تۇرساق،

ھەقىقەت دەپ مەيدىمىزنى كېرىپ تۇرساق،

جۇڭگونىڭ ئازادچى ئەللىرى بولساق،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

ھەربىر ئىشتا ئەل خىزمىتىگە ئاساسلانساق،

قۇرۇپ تېخنىكە ئېغىر ئىشنى ئاسانلاتساق،

تەرەققىيات يولىغا ئەزىزى جاننى ئاتىساق،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

مۇتەللىپ، سەن ھەقىقەتنى تارتىنماي سۆزلە،

غەيرەت بىلەن قۇزغۇنلار يوللىرىنى تورا،

بۇ يولدا ۋارقىرا، ھەيۋەتلىك قورقماي ھۇررا،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.




#Article 149: تۈركىيىدىكى تۈركچە ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىلىرى (867 words)


 
تۈركچە، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەڭ كۆپ سۆزلىشىلىۋاتقان تىللارنىڭ بىرىدۇر. پۈتكۈل دۇنيادا تۈركىيە تۈركچىسىگە بولغان قىزىقىش كۈندىن – كۈنگە ئاشماقتا. تۈركىيە تۈركچىسىدىن ئىبارەت، نېگىزلىك، ناھايىتى باي ۋە بىلىم تىلىنىڭ ئوقۇتۇلۇشى توغرىسىدا كۈنسىرى يېڭى – يېڭى خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، تىل، ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ۋە كەم بولسا زادى بولمايدىغان تەبىئىي بىر ۋاستىدۇر. 

ھازىرقى دۇنيادا مائارىپ ۋە تەلىم – تەربىيە، سەنئەت، بىلىم، سىياسەت، ھەربىي خىزمەت، ساياھەت، مەدەنىيەت، سودا – تىجارەت ۋە خەۋەرلىشىش ساھەلىرىدە ئىجتىمائىي ۋە مىللىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ساغلام بىر شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا دۇنياۋىي تىللاردىن بىرىنى بىلىشكە ئېھتىياج بار. ھەرقانداق بىر چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىش دېمەك، يېڭى بىر ئىنسان بولۇش، دېمەكتۇر. چەتئەل تىلى ئۆگىنىش بولسا، بىراۋنىڭ ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا بىر تىل ۋە مەدەنىيەت بىلەن تونۇشۇپ چىقىشى دېمەكتۇر. 

تۈركىيە تۈركچىسى، نۆۋەتتە تۈركىيىنىڭ زامانىۋىي ۋە ئىلغار پەن – تېخنىكا ۋاستىلىرىغا تايىنىپ ئوقۇتۇلماقتا. 

تۈركىيە تۈركچىسىنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇتۇلۇشى توغرىلىق، ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتىنىڭ قىسقىچە «تۆمەر» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىسى، 2002 – يىلى نەشىر قىلدۇرغان «ھىتىت چەتئەللىكلەر ئۈچۈن تۈركچە ئۆگىنىش قوللانمىسى» ناملىق بىر يۈرۈش ئەسەر؛ 2003 – يىلى مۇرات ئۆزباي بىلەن فەخرى تېمىزيۈرەك تەرىپىدىن نەشىر قىلدۇرۇلغان «تۈركچە ئۆگىنەيلى ئورخۇن» ناملىق بىر يۈرۈش ئەسەر؛ غازى ئۇنۋېرستېتىنىڭ قىسقىچە «تۆمەر» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە ئوقۇتۇش مەركىزى باشقارمىسى تەرىپىدىن نەشىر قىلدۇرۇلغان «چەتئەللىكلەر ئۈچۈن تۈركچە ئۆگىنىش قوللانمىسى» ناملىق بىر يۈرۈش ئەسەر، تۈركچە ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم مەنبەلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، تۈركىيە تۈركچىسىنى بىلمەيدىغانلارغا تۈركىيە تۈركچىسىنى ئۆگىتىش توغرىسىدا ئىشلىنىۋاتقان باشقا خىزمەتلەرگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرغىنىمىزدا؛ كېنان ئاقيۈز تەرىپىدىن ھازىرلانغان «چەتئەللىكلەر ئۈچۈن تۈركچە سۆزلىشىش قوللانمىسى» ناملىق ئەسەر؛ ھۈسەيىن ئايتاچ بىلەن ئاگاھ ئۆنەن تەرىپىدىن ھازىرلانغان «چەتئەللىكلەر ئۈچۈن ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تۈركچە ئۆگىنىش قوللانمىسى» ناملىق ئەسەر؛ سەرمەت سامى ئۇيسال تەرىپىدىن ھازىرلانغان «چەتئەللىكلەرگە تۈركچە دەرسلىك قوللانمىسى» ناملىق ئەسەر؛ قايا جان تەرىپىدىن ھازىرلانغان «چەتئەللىكلەر ئۈچۈن تۈركچە – ئىنگىلىزچە ئىزاھلىق تۈركچە دەرسلىك قوللانمىسى» ناملىق ئەسەر؛ مەھمەت ھەنگىرمەن تەرىپىدىن ھازىرلانغان «تۈركچە ئۆگىنەيلى» ناملىق ئەسەر قاتارلىقلارنىڭ بارلىقىنى چېلىقتۇرىمىز. 

تۈركىيە تۈركچىسىنى ئوقۇتۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان تۈركىيە تۈركچىسىنى ئوقۇتۇش مەركەزلىرى، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئۇلارنى قىلچە زېىكتۈرۈپ قويماستىن، ئىچ – ئىچىدىن سۆيۈنۈپ ئۆگىنىدىغان، زامانىۋىي ۋە قولاي ئۇسۇلدا تۈركىيە تۈركچىسىنى ئوقۇتۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ئورگانلاردۇر. تۈركىيىگە كەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيىدىكى ئۇنۋېرستېتلاردا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن شۇ ئۇنۋېرستېتلاردا ئوقۇتۇلۇۋاتقان دەرسلەرنى تولۇق چۈشىنىپ ئۆزلەشتۈرەلىگۈدەك دەرىجىدە تۈركىيە تۈركچىسىنى بىلىشلىرى شەرت. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شۇ سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى ئۆزلىرى ئالىدىغان دىپلوم ياكى شۇنىڭغا توغرا كېلىدىغان ئىسپات قەغىزى ئارقىلىق ئىشپاتلىشى شەرت. 

تۈركىيە تۈركچىسىنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا، ھەرقايسى ئۇنۋېرستېتلارنىڭ قارمىقىدا خىزمەت ئىشلەۋاتقان قىسقىچە «تۆمەر» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىلىرى مەسئۇلدۇر. 

تۈركىيىدە، ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتى، غازى ئۇنۋېرستېتى، ئىستانبۇل ئۇنۋېرستېتى ۋە ئەگە ئۇنۋېرستېتى قاتارلىق ئۇنۋېرستېتلارغا قاراشلىق جەمئىي 4 تۈركىيە تۈركچىسىنى ئوقۇتۇش مەركىزى باردۇر. 

تۈركىيە تۈركچىسىنىڭ ئوقۇتۇلۇشىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئورگانلاردىن بىرى بولغان ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتى مۇدىرىيىتىگە قاراشلىق ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتى قىسقىچە «تۆمەر» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە ۋە چەتئەل تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىسى، 1984 – يىلى چەتئەللىكلەرگە تۈركچە ئۆگىتىش مەقسىتىدە « British Council»، « Goethe Institut»، « Cervantes» ۋە « Alliance Française» قاتارلىق دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىل ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى ئۈلگە قىلغان ئاساستا قۇرۇلغان. ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتى قىسقىچە «تۆمەر» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە ۋە چەتئەل تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىسى، شۇ يىللاردا، چەتئەللىكلەرگە تۈركچە ئوقۇتۇش ساھەسىدە خىزمەت ئىشلىگەن تۇنجى ۋە يېگانە ئورگان بولغان. تۆمەر، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن قوللىنىلىۋاتقان تۈركچىنى بىر «لاھىيە» سۈپىتىدە قولغا ئالدى ۋە تەتقىقات خىزمىتى تەجرىبىلىرىگە تايىنىپ چەتئەللىكلەرگە ئۇلارنىڭ تۈركچىنى قولاي ئۇسۇلدا ئۆگىنەلىشى ئۈچۈن ئاكادېمىك ئاساس يارىتىپ بەردى. 

ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتى قىسقىچە «تۆمەر» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە ۋە چەتئەل تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىسىنىڭ قۇرۇلۇش نىشانى؛ تۈركىيىدە تۈركچىنى چەتئەل تىلى سۈپىتىدە، چەتئەللەردە بولسا تۈركلەرگە تۈركچىنى ئانا تىل سۈپىتىدە ئۆگىتىش، تۈركىيىنى ۋە تۈرك مەدەنىيىتىنى تونۇتۇشتىن ئىبارەت. 

تۈركىيە مىقياسىدا جەمئىي 10 شۆبىسى بار بولغان ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتى قىسقىچە «تۆمەر» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە ۋە چەتئەل تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىسى، ھەر يىلى 55 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان ئەڭ ئىلغار ئورگان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتى قىسقىچە «تۆمەر» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە ۋە چەتئەل تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىسىنىڭ ئەنقەرەدىكى قىزىلئاي ۋە تۇنالى ھىلمى شۆبىلىرىدىن باشقا يەنە ئىستانبۇل، ئىزمىر، بۇرسا، ئانتاليا، ئلانيا، ترابزون، سامسۇن ۋە دېڭىزلى قاتارلىق 10 شۆبىسى بار. 

ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتى قىسقىچە «تۆمەر» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە ۋە چەتئەل تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىسى ھەققىدە www.tomer.ankara.edu.tr ئىنتېرنېت ئادرىسىدىن تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشەلەيسىز. 

تۈركىيە تۈركچىسىنىڭ بىلىم ۋە خەۋەرلىشىش تىلى سۈپىتىدە تەرەققى قىلىپ، دۇنياغا كەڭ تارقىلىشىدا قىسقىچە «تۆمەر» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە ۋە چەتئەل تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىلىرى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدە ھەسسە قوشتى ۋە قوشماقتا. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن تۈرك ۋە قېرىنداش خەلقلەردىن، شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەردىن تۈركىيىگە ئالىي مائارىپ ساھەسىدە بىلىم ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن ۋە باكلاۋۇرلۇق، ماگىستېرلىق ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار تۇنجى بولۇپ قەدەم باسىدىغان جاي مانا مۇشۇ تۈركچە ۋە چەتئەل تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىلىرىدۇر. 

تۈركىيە تۈركچىسىنى بىلمەيدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا تۈركىيە تۈركچىسىنى پۇختا ئۆگىتىدىغان ۋە تۈرك مەدەنىيىتى بىلەن تۈركىيە ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك مەلۇمات بېرىلىدىغان تۈركىيە تۈركچىسى تىل ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىلىرى، زامانىۋى تىل ئۆگىتىش تېخنىكىلىرى ۋە يازما، ئۈن – سىن ماتېرىياللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئۆگىنىشىگە زور قولايلىق يارىتىپ بەرمەكتە. 

ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتى قىسقىچە «تۆمەر» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە ۋە چەتئەل تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىسىنىڭ سىرتىدا يەنە ئەنقەرەدە غازى ئۇنۋېرستېتىگە قاراشلىق غازى ئۇنۋېرستېتى قىسقىچە «تۆمەر» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىسى بار بولۇپ، بۇ ھەقتە www.tomer.gazi.edu.tr ئىنتېرنېت ئادرىسىدىن تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشەلەيسىز.
 يەنە ئىستانبۇل ئۇنۋېرستېتىنىڭ قىسقىچە «دىلمەر» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىسى ھەققىدە
 www.istanbul.edu.tr/dilmer/ ئىنتېرنېت ئادرىسىدىن تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشەلەيسىز.
 ئىزمىردە بولسا تۈركىيە تۈركچىسى ئوقۇتۇشى توغرىسىدا ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتىغا قاراشلىق «تۆمەر» نىڭ سىرتىدا يەنە ئەگە ئۇنۋېرستېتىگە قاراشلىق تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىنمۇ پايدىلىنالايسىز. 
ئەگە ئۇنۋېرستېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتى ھەققىدە
 ئىنتېرنېت ئادرىسىدىن تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشەلەيسىز. 




#Article 150: ئىقتىدار كونۇپكىسى F1 دىن F12 غىچە ئىشلىتىلىشى (304 words)


ئىقتىدار كونۇپكىسى F1 دىن F12 غىچە سىز قانچىنى ئىشلىتىشنى بىلىسىز؟

ئىقتىدار كونۇپكىسى F1 دىن F12 غىچە سىز قانچىنى ئىشلىتىشنى بىلىسىز؟

F1:   ئەگەر سىز ئىشلىتىۋاتقان پىروگىراممىغا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم كىرەك بولسا ، F1 نى بېسىڭ. سىز ئەگەر ھېچقانداق پروگىراممىنى ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز ، مەنبە باشقۇرغۇچ ياكى ئۈستەل يۈزىدە بولۇپ F1 نى باسسىڭىز Windows قا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم ھۆججىتى كۆرۈنىدۇ. ئەگەر سىز باشقا پىروگىراممىدا بولۇپ Windows قا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم كېرەك بولسا WinKey＋F1 نى باسىمىز.

 :F2ئەگەر سىز مەنبە باشقۇرغۇچتا بولۇپ مەلۇم مۇندەرىجە ياكى ھۆججەت تالىغانغان ھالەتتە ، F2
 نى باسسىڭىز ئاشۇ مۇندەرىجىنىڭ ياكى ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

 :F3 مەنبە باشقۇرغۇچتا ياكى ئۈستەل يۈزىدە تۇرۇپ F3 نى باسسىڭىز ، ھۆججەت ئىزدەش كۆزنىكى چىقىدۇ ،
 ئوخشاشلا Windows Media Player دا تۇرۇپ F3 نى باسسىڭىز «ئىزدەش ئارقىلىق كومپيۇتېردىكى ھۆججەتلەرنى قويۇش 
ئامبىرىغا قوشۇش» كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ.

 :F4بۇ كونۇپكا ئارقىلىق IE دىكى ئادرىس تىزىملىكلىرىنى ئاچقىلى بولىدۇ. ئەگەر خالىغان بىر كۆزنەكنى ئېتىۋەتمەكچى بولسىڭىز
 Alt＋F4 نى باسسىڭىز بولىدۇ.

 :F5بۇ كونۇپكا ئارقىلق IE دا ئېچىلغان تور بەتنى ياكى مەنبە باشقۇرغۇچتىكى خالىغان كۆزنەكنىڭ مەزمۇنىنى يېڭىلىغىلى بولىدۇ.

 :F6تىز سۈرئەتتە نۇر بەلگىنى مەنبە باشقۇرغۇچ ياكى IE نىڭ ئادرىس سىتونىغا يۆتكەپ بىرىدۇ.

 :F7بۇ كونۇپكىنىڭ Windows مەنبە باشقۇرغۇچىسدا ھېچقانداق رولى يوق ، لىكىن DOS كۆزنىكىدە سىزنىڭ بەرگەن بۇيرۇقلىلىرڭىزنى
 تەرتىپ بويىچە كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

 :F8كومپيۇتېر قوزغالغان ۋاقىتتا ، بۇ كونۇپكا ئارقىلىق قوزغىلىش تىزىملىكىنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ.
 بەزى كومپيۇتېرلاردا مۇشۇ كونۇپكا ئارقىلىق قوزغىلىش تەرتىپىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.
 (يۇمشاق دىسكا ، ئوپتىك دىسكا ياكى قاتتىق دىسكىدىن قوزغۇلۇش قاتارلىقلارنى BIOS قا كىرمەيلا تاللىغىلى بولىدۇ.)

 :F9بۇ كونۇپكىمۇ ئوخشاشلا Windows مەنبە باشقۇرغۇچىسىدا ھېچقانداق رولى يوق ، بىراق Windows Media Player دا تىز سۈرئەتتە
 ناخشا ئاۋازنى پەسەيىتكىلى بولىدۇ.

 :F10بۇ كونۇپكا ئارقىلق Windows كۆزنىكىدىكى تىزىملىكلەرنى ئاكتىپ ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ .
 Shift＋F10 نى باسقاندا مائۇس ئوڭ كونۇپكا تىزىملىكلىرى چىقىدۇ . Windows Media Player دا ئاۋازنى يۇقۇرلىتىش رولى بار. 

 :F11مەزكۇر مەنبە باشقۇرغۇچ كۆزنىكىنى ياكى IE كۆزنىكىنى پۈتۈن ئىكران ھالىتىدە كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

 :F12بۇ كونۇپكىنىڭ Windows مەنبە باشقۇرغۇچىدا ھېچقانداق رولى يوق ، لىكىن Word تا مەزكۇر ھۆججەتنى باشقا ئىسىمدا 




#Article 151: مەۋھۇم سان (346 words)


مەۋھۇم ساننىڭ كېلىش تارىخى
 

مەنپىي ساننىڭ كۋادرات يىلتىزى بولامدۇ ؟ سىز قايسىبىر ساننىڭ كۋادرات يىلتىزىنىڭ مەنپىي سان بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باققان ؟ ئۇنداق بولسا ، قانداق بىر ساننى مەنپىي ساننىڭ كۋادرات يىلتىزى قىلىشقا بولىدۇ ؟ لېكىم ماتېماتىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، ماتېماتىكلار بەزى ئۈچۈنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىنىڭ ھەقىقىي سان يىلتىزىنى ، مەنپىي ساننىڭ كۋادرات يىلتىزى ئارقىلىق ئىپادىلىمىسە بولمايدىغانلىقىنى بايقايدۇ . ئەگەر مەنپىي ساننىڭ كۋادرات يىلتىزىنى ئېتراپ قىلسا ، ئۇ ھالدا ئالگېبرالىق تەڭلىمىنىڭ يىلتىزىنىڭ بار-يوقلۇق مەسىلىسى ھەل بولىدۇ ھەمدە «n ىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىنىڭ n دانە يىلتىزى بولىدىغان » بۇنداق بىر تولۇق ھەم كىشىنى قايىل قىلىدىغان نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . بۇنىڭدىن سىرت ، مەنپىي ساننىڭ كۋادرات يىلتىزىغا نىسبەتەن ، ئەگەر سانلارنىڭ ئەمەللەر قائىدىسى بويىچە ئەمەل بېجىرسەك ، نەتىجىسىمۇ توغرا بولىدۇ . 

گەرچە مەۋھۇم ساندا «مەۋھۇم» دېگەن بىر سۆز بولسىمۇ ، لېكىن ماتېماتىكلار ئۇنىڭغا بولغان تەتقىقاتنى بوشاشتۇرمىدى . 18- ، 19- ئەسىرلەردە ، ماتېماتىكلار مەۋھۇم ساننىڭ نۇرغۇن خۇسۇسىيەتلىرى ۋە قوللىنىلىشىنى بايقىدى . بولۇپمۇ 1777- يىلى ئەيلېر «مەۋھۇم سان بىرلىكى » چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرغا قويدى . ئۇ  نى ھەقىقىي سان بىرلىكى 1 گە ئوخشاش مەۋھۇم بىرلىك قىلىپ ،  ئارقىلىق ئىپادىلىدى . يەنى  قىلىپ ئىپادىلىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن ، ھەر قانداق بىر مەۋھۇم ساننى ھەقىقىي سانغا ئوخشاش مەۋھۇم سان بىرلىكىنىڭ ھەسسىلىكى قىلىپ يازغان . مەسلەن ،

ھازىرغا قەدەر ، ماتېماتىكلار مەۋھۇم سان بىلەن ھەقىقىي سانغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپلا قالماستىن ، بەلكى ئۇلارنى كومپلېكىس سان (complex number) نامى ئاستىدا بىرلەشتۈردى . يەنى بۇ كومپلېكىس سان ھەققىي سان بىلەن مەۋھۇم ساننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، ئۇنى  بىلەن بەلگىلەيمىز ، بۇنىڭدىكى a,b لار ھەقىقىي سان ، بولسا مەۋھۇم سان بىرلىكى . a=0 بولغاندا ،  بولۇپ ، ئۇ بىر ساپ مەۋھۇم ساننى ئىپادىلەيدۇ ؛ b=0 بولغاندا ،  بولۇپ ، ئۇ بىر ھەقىقىي ساننى ئىپادىلەيدۇ . كومپلېكىس سانلاردا ، مەۋھۇم سان بىلەن ھەقىقىي سان ئۆزئارا بىر-بىرىگە ھەمدەمدە بولىدۇ . 

 

بۇ خىل تىك بۇلۇڭلۇق كوئوردېنات تەكشىلىكى كومپلېكىس سان تەكشىلىكى ، قىسقارتىلىپ كومپلېكىس تەكشىلىك دەپ ئاتىلىدۇ . كومپلېكىس سان تەكشىلىكىدىن ، كىشىلەر مەۋھۇم سان بىلەن ھەقىقىي ساننىڭ ساندىكى تۇتقان ئورنىنىڭ باراۋەر بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئېنىق كۆرىۋلدى ، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى . شۇنىڭدىن بېرى مەۋھۇم ساننىڭ ئورنى بېكىتىلدى ھەمدە مەۋھۇم ساننىڭ نامىمۇ ساقلاپ قېلىندى .

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما:




#Article 152: دۇنيا تىياتىر بايرىمى (447 words)


 
يىگىرمە يەتتىنچى مارت دۇنيا تىياتىر بايرىمى كۈنى

ئىنسانىيەت تارىخىغا ئوخشاشلا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغان تىياتىر سەنئىتى، بارلىق سەنئەت تۈرلىرىدىن تەركىپ تاپقان سەھنە سەنئىتى. تىياتىر پەقەت مۇزىكىغىلا ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ ئەقلىگىمۇ خىتاب قىلىدۇ. ئەدەبىياتقا ئوخشاش پەقەتلا تىل ياكى سۆزلەرنىلا ئەمەس، بەلكى كونكرىتلىقىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىنساندىن ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىدۇ. ئۆز نىداسىنى ئىنسان ئارقىلىق روياپقا چىقىرىدۇ. 

تىياتىر، ئىنساننى، ئىنسانغا ئىنسان ئارقىلىق چۈشەندۇرۇدىغان بىر خىل سەنئەت تۈرى بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن، پۈتۈن دۇنيا تىياتىرغا نىسبەتەن بىر سەھنىدىن ئىبارەت. يەنى دۇنيا تىياتىرنىڭ دەل ئۆزى ھېساپلىنىدۇ. تىياتىرنىڭ مۇشۇنداق قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇشنى پەقەتلا ھەزىم قىلالماي كەلگەن بىر قىسىم كىشلەر تىياتىرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بۇ دۇنيادىن يوق قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، بىراق ھېچقاچان مەقسىتىگە يېتەلمىدى ۋە يېتەلمەيدۇ. قەدىمىي دەۋىرىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم تىياتىر ئىجادىيەتلىرى، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە. ھازىرقى دەۋىرىمىزدىكىدەك كىچىك بولغان تىياتىر زاللىرى ئۆز ۋاقتىدا يوق ئىدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ دەۋىرلەردە ئىنتايىن چوڭ بولغان تىياتىر زاللىرى بىنا قىلىناتتى. 25000 ۋە 30000 كىشىلىك تىياتىر زاللىرى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.. مەسىلەن، قانچە مىڭلىغان ئويۇنلار قويۇلغان بۇ ھەيۋەتلىك تىياتىرخانىلاردا...ئوچۇقراقى، ئىزمىر سەلچۇقتىكى ئەفەس قەدىمىي تىياتىرخانىسى، ئانتاليادىكى ئاسپەندوس تىياتىرخانىسى، سىدە ۋە بەرگاما تىياتىرخانىسى...قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تاماشىنبىلار بىلەن تولۇپ تاشاتتى. بۇ تىياتىرخانىلار تاماشىبىنلار گاھ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتسە، گاھ قاققلاپ كۈلۈپ كېتىشەتتى. ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى، سەھنىدە قويۇلغان ئويۇنلار ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىپ، ئىنسانلارنى تىياتىرغا قىزىقتۇرۇشىقا شارائىت ھازىرلاپ بېرىلەتتى. ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى تىياتىر ئويۇنلىرىمۇ بۇرۇنقى تىياتىرلارغا ئوخشاش كىشىنى ئويلاندۇرىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئەلۋەتتە. تىياتىرنى ھەم ھاياتقا ئوخشاپ كەتكەنلىكى ھەمدە بۇنىڭ ئەكسىچە بولغانلىقى ئۈچۈن قىزغىن سۆيىمىز. رېئاللىق بىلەن چۈشنى پەرقلەندۈرۈشتە تېڭىرقاپ قالغانلىقىمىزدىن، چاخچاق بىلەن راست گەپنى بىر دەپ، چۈشىنىپ قالغانلىقكىمىزدىن ۋە توغرا بىلەن يالغاننى بىر- بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ قويغانلىقىمىز ئۈچۈن تىياتىرنى قىزغىن سۆيىمىز. چۈنكى تىياتىر ھاياتنىڭ دەل ئۆزى ياكى سەنئەتچىنىڭ خىيالى. تىياتىر ئارقىلىق رېئالىقتىكى ئاچچىق ھەقىقەتلەر بىلەن يۈزلىشىشنى، بىز دۇچ كەلگەن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىۋالالايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇلارغا تاقابىل تۇرۇشنى، بۇلارنى تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگەرتىشنىمۇ ئۆگىنىۋالالايمىز، خۇددى تۇرمۇشتا باشتىن كەچۈرۋاتقىنىمىزدەك.... 

بۈگۈن 27 – مارت دۇنيا تىياتىر بايرىمى كۈنى....بۈگۈن بۇ بايرامنىڭ 48 – قېتىملىقى پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا قىزغىن تەبرىكلەنمەكتە. بۈگۈن، «دۇنيا تىياتىر بايرىمى كۈنى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا تىياتىر سەھنىلىرىدە ئالاھىدە ۋە ئەھمىيەتلىك بىر كۈن. بۈگۈن پەردە شۇنداق ئېچىلىدۇكى، پەردە ئېچىلىش بىلەن تەڭ سۆيگۈ ۋە مېھرى – شەپقەت سادالىرى ھەممە ياقتا ئەكس سادا ياڭرىتىدۇ. سەنئەتچىلەرمۇ چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە ناھايىتى روھلۇق ھالدا ھەر خىل تىياتىر نومۇرلىرىنى ئورۇنلايدۇ. ئۇنداقتا تاماشابىنلارچۇ؟ ئويۇن، سەنئەتچى ۋە تاماشىبىن بىر – بىرىدىن ئەسلا ئايرىلالمايدۇ سۆيۈملۈك دوستلار. ئۇلار بۈگۈنمۇ بار، ئەتىمۇ بولىدۇ، توغرىراقى ئۇلار ھەمىشە ھەممە يەردە بولىدۇ. ئورنىدىن تۇرۇپ ئويۇنلارنى، ئويۇنچىلارنى، تىياتىرنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ. تىياتىرغا ئەمگەك سىڭدۈرگەن ۋە تىياتىرنى قىزغىن سۆيىدىغانلارنىڭ تومۇرى مانا بۇ ئەھمىيەتلىك كۈندە تىياتىر ئۈچۈن سوقىدۇ. تىياتىر ھەققىدە، ئويۇنلار ھەققىدە، سەنئەتچىلەر ھەققىدە قىزغىن بەس – مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلماقتا. ھالبۇكى تىياتىرلار بۈگۈن پەردىلىرىنى ھەقسىز ئاچىدۇ. بۈگۈن تىياتىر زاللىرى ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ. ئالقىش سادالىرى پەلەككە يېتىپ، ناتىۋان يۈرەكلەر چەكسزى شات – خۇراملىققا چۆمىدۇ. 




#Article 153: تۈركىيە ئالىي مائارىپ ئورگىنىغا قاراشلىق فوندى جەمئىيەت ئۇنىۋېرستېتلىرى (111 words)


ئاجىبادەم ئۇنىۋېرستېتى 

ئاتىلىم ئۇنىۋېرستېتى، 

باھچەشەھىر ئۇنىۋېرستېتى، 

باشكەنت ئۇنىۋېرستېتى، 

بەيكەنت ئۇنىۋېرستېتى، 

بىلكەنت ئۇنىۋېرستېتى، 

چاغ ئۇنىۋېرستېتى، 

چانكايا ئۇنىۋېرستېتى، 

دوغۇش ئۇنىۋېرستېتى، 

فاتىھ ئۇنىۋېرستېتى، 

غازىكەنت ئۇنىۋېرستېتى، 

گەدىز ئۇنىۋېرستېتى، 

ھالىچ ئۇنىۋېرستېتى، 

ئىشىق ئۇنىۋېرستېتى، 

ئىستانبۇل ئارەل ئۇنىۋېرستېتى، 

ئىستانبۇل ئايدىن ئۇنىۋېرستېتى، 

ئىستانبۇل بىلگى ئۇنىۋېرستېتى، 

ئىستانبۇل بىلىم ئۇنىۋېرستېتى، 

ئىستانبۇل كەمەربۇرگاز ئۇنىۋېرستېتى، 

ئىستانبۇل كۈلتۈر ئۇنىۋېرستېتى، 

ئىستانبۇل شەھەر ئۇنىۋېرستېتى، 

ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرستېتى، 

ئىزمىر ئېكونومى ئۇنىۋېرستېتى، 

ئىزمىر ئۇنىۋېرستېتى، 

قادىر خاس ئۇنىۋېرستېتى، 

كوچ ئۇنىۋېرستېتى، 

مالتەپە ئۇنىۋېرستېتى، 

مەلىكشاھ ئۇنىۋېرستېتى، 

ئوكان ئۇنىۋېرستېتى، 

ئۆزيەگىن ئۇنىۋېرستېتى، 

پىرى رەئىس ئۇنىۋېرستېتى، 

سابانجى ئۇنىۋېرستېتى، 

تۈركىيە ئوادالار ۋە بورسالار بىرلىگى ئكونومى ۋە تەكنونوجى ئۇنىۋېرستېتى، 

ئۇفۇك ئۇنىۋېرستېتى، 

ياشار ئۇنىۋېرستېتى، 

يەدىتەپە ئۇنىۋېرستېتى، 

يەنى يۈزيىل ئۇنىۋېرستېتى، 

زىرۋە ئۇنىۋېرستېتى. 

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئالىي مائارىپ ئورگىنىغا قاراشلىق تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان خۇسۇسىي شەكىلدىكى فوندى جەمئىيەت ئۇنىۋېرستېتى بىلكەنت ئۇنىۋېرستېتىدۇر. 




#Article 154: ئابدۇللاھ گۈل (795 words)


 

تۈركىيە دۆلتىنىڭ 11- جۇمھۇررەئىسى

 
ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغان.

ئابدۇللاھ گۈل 1950 – يىلى 10 –ئاينىڭ 29 – كۈنى تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قەيسەرىي ئۆلكىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىتىدا ئىقتىساد پەنلىرى بۇيىچە باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى ئالغان،كېين ئەنگىلىيەنىڭ لوندۇن شەھىرىگە بېرىپ ئىقتىساد پەنلىرى بۇيىچە ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئالغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ ساكارىيا ئۇنۋېرسىتېتىدا سانائەت قۇرلۇشى پاكۇلتىتىنى قۇرۇپ چىققان.

ئابدۇللاھ گۈل 1950 – يىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر كۈنى ئوتتۇرا ئاناتولىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا مەركىزى ھېسابلىنىدىغان قەيسەرى شەھىرىدە قەيسەرى ئايروپىلان زاۋۇتىنىڭ پىنسىيۇنېرى ئەھمەد ھامدى گۈل ئىسىملىك بىر دىندار كىشىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. قەيسەرى غازى پاشا باشلانغۇچ مەكتىپى، نازمى توكەر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە قەيسەرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردى. 1974- يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ئابدۇللاھ گۈل، 1983- يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئارقىدىن تىل ئۆگىنىش ۋە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەنگلىيەگە بېرىپ، لوندون ۋە ئېكستېردە ئىككى يىل تۇرۇپ قالدى. ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتى سانائەت ئىنژېنېرلىقى فاكۇلتېتىنىڭ قۇرۇلۇش ھارپىسىدا خىزمەت ئىشلىدى ۋە شۇ فاكۇلتېتتا ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە دەرس ئۆتتى. 1989- يىلى خەلقئارا ئىقتىسادى ساھەسى بويىچە دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. 1983 – يىلىدىن 1991- يىلىغىچە مەركىزى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىگە جايلاشقان ئىسلام تەرەققىيات بانكىسىدا ئىقتىسادشۇناس بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى. 1991- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دە ئۇدا بەش قېتىم قەيسەرى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى. 1991- يىلىدىن 1995 – يىللىرىغىچە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى پىلان – خامچوت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولدى. 1991- يىلىدىن 2001- يىللىرى ئارىسىدا ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، مەجلىسنىڭ كۈلتۈر، مۇزىكا، سىياسەت ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات كومىتېتلىرىدا خىزمەت قىلدى. يەنە 1995- يىلىدىن 2001- يىلىغىچە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولدى. 1996- يىلى قۇرۇلغان 54- نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتتە دۆلەت مىنىستىرى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى، ئۇ بۇ مەزگىلدە تۈرك دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. 

ئۇ تۈركىيە ئېغىر سىياسىي ئۆتكەللەردىن ئۆتۈۋاتقان بىر پەيتتە يېقىن سىياسىي دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە پارتىيەسى ئىچىدە يېڭى بىر ئېقىمنىڭ شەكىللىنىشىگە باشلامچىلىق قىلدى. «يېڭىلىقچى ھەرىكەت» دەپ ئاتالغان بۇ ئېقىمنىڭ باشلامچىسى سۈپىتىدە 2000- يىلى ئۆتكۈزۈلگەن پەزىلەت پارتىيەسىنىڭ چوڭ قۇرۇلتىيىدا پارتىيەنىڭ باشلىقلىقى ئۈچۈن نامزات بولدى. سايلامدا ناھايىتى ئازلا ئاۋاز بىلەن مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، بارلىق سىياسىي قاتلاملار ئۇ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىگە ئالاھىدە يۇقىرى ئۇتۇق، دەپ باھا بەردى. ئۆز قىممەت – قاراشلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلغان ئاساستا دۇنيا بىلەن بىر گەۋدىلىشىشنى نىشان قىلغان، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇننىڭ كۈچىگە تايىنىشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بىر ئېقىم، دېگەن تونۇشنى پەيدا قىلغان «يېڭىلىقچى ھەرىكەت» تۈركىيە سىياسىتىگە ھاياجان بېغىشلىدى. بۇ سىياسىي لىنىيە 2001- يىلى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن نەتىجىلەندى. ئۇ يېڭى قۇرۇلغان پارتىيەدە سىياسىي ۋە قانۇنىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن پارتىيە باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى. 2001 - 2002- يىللىرى ئارىسىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى.

ئابدۇللاھ گۈل 2002- يىلى 3- نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلاملاردىن كېيىن، شۇ يىلى 18- نويابىردا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 58- ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ چىقتى. قىسقىلا داۋاملاشقان باش مىنىستىرلىق مەزگىلىدە ئىراق، قىبرىس (سىپرۇس) مەسىلىسىگە ئوخشاش قىيىن مەسىلىلەر بىلەن يۈزلەشتى، ئىقتىساد ‹جىددىي ھەرىكەت پىلانى› نى تۈزۈپ چىقىپ ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. ئىراق كىرىزىسى ئەسناسىدا مۇھىم رول ئوينىغان ‹ئىراققا قوشنا ئەللەر مۇساپىسى› نىڭ شەكىللىنىشىگە باشلامچىلىق قىلدى.

ئابدۇللاھ گۈل 2003- يىلى مايدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سۈپىتىدە بىلەن تېھراندا چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى (بۇرۇنقى ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى) نىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا قىلغان ‹ئىسلام دۇنياسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش چاقىرىقى› ھەم شەرق ھەم غەربتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

خۇلاسىلىگەندە، ئابدۇللاھ گۈلنىڭ سىياسىي سەھنىگە كىرىشى پىلانلىق بىر قەدەمنىڭ نەتىجىسى ئەمەس ئىدى. ئۇ 1991- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن يازلىق تەتىلىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قەيسەرىگە كەلگىنىدە، تونۇش – بىلىش، يېقىن – يورۇقلىرى ئۇنى سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ۋە دۆلىتىگە پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. نەتىجىدە قاتناشقان بىرىنچى قېتىملىق سايلامدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلاندى. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك تاكى 2007 – يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 11 – نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسى بولۇپ سايلانغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئۇدا بەش قېتىم قەيسەرى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى، تۈركىيەنىڭ ئىچى – سىرتىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ئابدۇللاھ گۈل، نۆۋەتتە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 11- جۇمھۇر رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.

دوكتور ئابدۇللاھ گۈلگە بۇلغارىيەنىڭ بۇرگاز ھۈر ئۇنىۋېرسىتېتى (2003)، ئەنگلىيەنىڭ Exeter ئۇنىۋېرسىتېتى (2005)، ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى (2007)، رومىنىيە دىمىترى كانتېمىر خىرىستىيان ئۇنىۋېرسىتېتى (2008)، قازان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى (2009)، ھىندىستان ئامىتي ئۇنىۋېرسىتېتى (2010)، پاكىستان قائىدى ئەزەم ئۇنىۋېرسىتېتى، جەنۇبىي كورېيە خانكۇك ئۇنىۋېرسىتېتى (2010) ۋە ھىندونېزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (2011) تەرىپىدىن پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى؛ جۇڭگو غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (2009)، قىرغىزىستان يۇسۇف بالاساغۇنى مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى (2009)، قازاقىستان ئەھمەد يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتى (2010) ۋە تۈركمەنىستان ئىقتىساد ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش دۆلەت ئىنستىتۇتى (2013) قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئىنىستىتۇتلار تەرىپىدىن پەخرى پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 11- نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ئەنگلىيەدىن «Knight Grand Cross of the Order of the Bath»، پورتۇگالىيەدىن «Grande Colar»، گوللاندىيەدىن «Order of the Dutch Lion»، قازاقىستاندىن «ئالتۇن بۈركۈت ئوردېنى»، شىۋېتسىيەدىن «Royal Order of the Seraphim»، تۈركمەنىستاندىن «تۈركمەن دۆلەت ئوردېنى»، نورۋېگىيەدىن « AzizOlaf Nişanı»، ئەزەربەيجاندىن «ھەيدەر  ئەلىيېۋ دۆلەت ئوردېنى» قاتارلىق ئوردېنلاردىن باشقا ئىتالىيە، قاتار، كۇۋەيت، كەمېرۇن، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ۋېنگىرىيە ۋە پاكىستاندىن ئالىي دەرىجىلىك دۆلەت ئوردىنلىرىغا لايىق كۆرۈلدى.

ئابدۇللاھ گۈل ۋە خەيرۇننىسا گۈل ئائىلىسىنىڭ ئەھمەد مۇنىر، كۇبرا ۋە مەھمەت ئەمرە ئىسىملىك ئۈچ پەرزەنتى بار.




#Article 155: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (298 words)


 
ئىنگىلىزچە قىسقاتىپ NATO دەپ ئاتىلىدۇ.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (North Atlantic Traty Organization) ناتو، 1949- يىلى 4- ئاپرىلدا قۇرۇلغان. قۇرۇلۇش باياننامىسىدە، تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى؛ «شىمالىي ئاتلانتىك رايونىدا مۇقىملىق ۋە پاراۋانلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەركىنلىكى، ئورتاق مىراسى ۋە مەدەنىيەتلىرى قوغدىلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. تېخىمۇ ئېنىق بايان قىلىشقا توغرا كەلسە، ناتونىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپادا تەسىرىنى زورايتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىغا قارشى تۇرۇش ئىدى. تەشكىلاتنىڭ ئەنگىلىيە، فرانسىيە، بىلگىيە، گوللاندىيە، ليۇكسىمبورگ، ئامېرىكا، كانادا، ئىتالىيە، ئىسلاندىيە، دانىيە، نورۋىگىيە ۋە پورتىگالىيە قاتارلىق 12 قۇرغۇچى ئەزاسى بار ئىدى... كېيىنكى يىللاردا تۈركىيە، يۇنانىستان (گرىتسىيە)، گېرمانىيە ۋە ئىسپانىيە بۇ تەشكىلاتقا كىردى...

خەلقئارالىق ھەربىي ۋە سىياسىي بىر تەشكىلات بولغان ناتونىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش سەۋەبى، سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن تالاش – تارتىش قىلىنىشقا باشلىدى. لېكىن تالاش – تارتىشلار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ناتو يېڭى ئەزالارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن كېڭىيىشكە باشلىدى... سابىق ۋارشاۋا شەرتنامىسىگە ئەزا دۆلەتلەردىن چېك جۇمھۇرىيىتى، ۋىنگىرىيە ۋە لەھىستان قاتارلىق دۆلەتلەر 1999 – يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) غا ئەزا بولدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆزگىرىش بولسا 2004- يىلى مارت ئېيىدا مەيدانغا كەلدى. بۇ قېتىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدىن ئېستونىيە، لىتۋانىيە ۋە لېتونيە بىلەن سلوۋېنىيە، سلوۋاكىيە، بۇلغارىستان (بۇلغارىيە) ۋە رومېنىيە قاتارلىق ئەللەر ناتوغا ئەزا بولۇپ كىردى.

يۇقىرىدا، سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن بىرلىكتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى توغرىسىدا تالاش – تارتىشلارنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئۆتتۇق...

ياۋروپا- ئاتلانتىك بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، مۇداپىئە جەھەتتىن ھەمكارلىق ئورنىتىش، كرىزىسقا قارشى تاقابىل تۇرۇش كومىتېتى، ھەمكارلىشىش، ئىتتىپاقلىشىش، دىئالوگ، كېڭىيىش، ھەربىي تەلىم- تەربىيىنىڭ كۈچەيتىلىشى، قورال- ياراقلارنىڭ كونترول قىلىنىشى ۋە قورالسىزلاندۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ناتونىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. 11- سىنتەبىر ۋەقەسى ناتوغا نىسبەتەن تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەينى دەۋىرنىڭ نۆۋەتچى باش كاتىبى، ناتونىڭ قۇرۇلۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ۋاشىنگىتون ئەھدىنامىسىنىڭ 5- ماددىسنى دەرھال ئىجرا قىلىشنى باشلىۋەتكەن. چۈنكى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇم، ناتوغا قىلىنغان ھۇجۇم بولۇپ ھېسابلىناتتى.




#Article 156: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان (678 words)


Ömer celık

تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنى قۇرغان.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى تۈركىيەدىكى چوڭ سىياسى پارتىلەردىن.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەسلى يۇرتى رىزە ئۆلكىسى بولۇپ،1954-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئستانبۇلدا تۇغۇلغان.1965-يىلى قاسىم پاشا پىيالە باشلانغۇچ مەكتىۋىنى،1973-يىلى ئستانبۇل ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىۋىنى پۈتتۈرگەن. ئىمتىھان بىرىۋاتقان مەزگىلىدە يەنە ئەييۇپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىۋىدىنمۇ دىپلوم ئالغان.ئۇنىۋېرستىتنى مەرمەرە ئۇنىۋىېرستىتى ئېقتىسادى ۋە تىجارى بىلىملەر فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان ئەردوغان بۇ فاكۇلتىتنى 1981-يىلى تاماملىغان.

ياش چاغلىرىدىن باشلاپ ئىجتىمائى ھايات ۋە سياسەتكە چوڭقۇرلاشنى تاللىغان ئەردوغان ،مۇنتىزىم ھەمكارلىق خىزمىتى  ۋە ھەمكارلىق روھىنى ئۆزىگە ئنتايىن كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپ ئۆگەتكەن پۇتبول بىلەن (1969-1982)ئشتىن سرت شۇغۇللىنىش ئارقىلىق ئىپادىلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە،بۇ يىللاردا بىر ياش ئىدىئالىست بولۇش سۇپىتى بىلەن  دۆلەت ۋە دۇنيا مەسللىرى ۋە كوللىكتىپ مەسللەرگە  كۆڭۈل بۆلگەن ئەردوغاننىڭ ئاكتىپ سياسىيغا قەدەم ئىلىش دەۋرى باشلاندى. 
تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئۇنىۋرستېتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا مىللى تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپسىدا ئاكتىپ ۋەزىپە ئالغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ،1976-يىلىدا (MSP)بايئوغلۇ ياشلا تارمىقى باشلىقلىق ۋەزىپىسى ۋە شۇ يىلى (MSP)ئستانبۇل ياشلار گۇرۇپپىسى باشلىقلىق ۋەزىپىسگە سايلاندى.1980-يىلىغا قەدەر ،بۇ ۋەزىپىلەرنى داۋاملاشتۇرغان ئەردوغان سياسي پارتىيلەرنىڭ ئەسكىرى زەربىسى بىلەن تاقىۋېىتىلگەن 1980-يىلى 12-سىنتەبىر مەزگىلىدە ئالاھىدە بۆلۈمدە بىر مەزگىل مەسلىھەتچى،يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسنى ئۆتىدى.
 

ھاۋانىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى ئەردوغان دەۋرىدە تەرەققى قىلدۇرۇغان تەبئى گازغا كۆچۈش پىلانلىرى بىلەن ھەل قىلىنغان بولسا، شەھەرنىڭ قاتناش ۋە تىرانسپورت مەسىسلىسگە قارىتا 50دىن ئارتۇق كۆۋرۈك ،ئۆتۈشمە يول ۋە يۇقىرى سۈرەتلىك تاش يوللىرى ئنشا قىلىندى.مەنپەئىتى كىينكى مەزگىللەرگە قەدەر سوزۇلىدىغان نۇرغۇن چوڭ پىلانلار ئشقا كىرىشتۇرۇلدى.شەھەر بايلىق مەنبەسىنىڭ توغرا ئشلىتىلىشى ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش مەقستى بىلەن  ئالاھىدە تەدبىر قوللانغان ئەردوغان 2 مىلىيارد دوللار قەرز بىلەن ئۆتكۇزۇۋالغان ئستانبۇل بۈيۈك شەھەر بەلەدىيەسنىڭ قەرزلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە تۆلىدى ۋە بۇ ئارىدا 4 مىلىيارد دوللارلىق مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈردى.بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە شەھەرچىلىك تارىخىدا يېڭى بىر دەۋر ئاچقان ئەردوغان بىر تەرەپتىن باشقا شەھەرلەرگە ئۆربەك بولۇش بىلەن بىرگە،بىر ياندىن خەلق نەزىرىدە بۇيۇك بىر ئشەنچكە ئېرىشتى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 1997-يىلى 12-دىكابىردا خەلقكە ختاب قىلىپ سۆزلىگەن نۇتۇقى جەريانىدا ،مىللى مائارىپ مىنستىرلىكى تەرىپىدىن ئوقۇتقۇچىلارغا تەۋسيە قىلىنغان ۋە بىر دۆلەت ئاپپاراتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان كىتابتىكى بىر شئېرنى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ھەپىس جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ۋە ئستانبۇل بۇيۇك شەھەر بەلەدىيە باشلىقى ۋەزىپىسى ئاخىرلاشتۇرۇلغان.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 4 ئاي تۇرغان جازا ئۆيىدىن چىققاندىن كىين جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك تەلىۋى ۋە دىموكراتىك جەريانلارنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە 2001-يىلى 14-ئاۋغۇستتا دوسىتلىرى بىلەن بىرلىكتە ‹‹ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى››( Adalet ve Kalkınma Partisi'ni (AK Parti) )نى قۇردى ۋە پارتىيە قۇرغۇچىلار تەرىپىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسنىڭ قۇرغۇچى ئاساسى باشلىقى بولۇپ سايلاندى.

مىللەتنىڭ تاللىشى ۋە ئشەنچىسى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسنى تىخى قۇرۇلۇپ بىرىنچى يىلىلا  تۈركىيەدىكى ئەڭ كۆپ خەلق قوللىشىغا ئېرىشكەن سياسىي ھەرىكەت ھالىتىگە ئىلىپ كەلدى ۋە 2002-يىلىدىكى ئاساسى سايلامدا ئۈچتە ئىككى پارلامنىت كۆپ سانلىق ئورنى بىلەن يالغۇز ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان پارتىيە بولدى.

ئۆزى ھەققىدىكى سوت قارارى سەۋەبىدىن 2002-يىلى 3-نويابىر سايلىمىدا مىللەت ۋەكىلى نامزات بولۇشى چەكلەنگەن ئەردوغان ،قانۇنى يول ئارقىلىق نامزاتلىق سالاھىيتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن 2003-يىلى 9-مارتتا سىېر ناھىي ،ىللەت ۋەكىلى يېڭىلىنىش سايلىمىغا قاتناشتى.بۇ سايلامدا 85%ئاۋازغا ئېرىشكەن ئەردوغان 22-نۆۋەتلىك سېرر ۋىلايىتى مىللەت ۋەكىلى سالاھىيتى بىلەن پارلامنىتقا كىردى.
 

دىموكراتىيلىشش،ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يولىدا نۇرغۇن مۇساپىلەرنى باستى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە،دۆلەت ئېقتىسادى ۋە خەلق پسخىسكىنى بولۇمسز تەرەپكە بۇراپ كىلىۋاتقان ۋە ئون نەچچە يىلدىن بىرى ھەل بولمىغان پۇل پاخاللىقى كونتىرول قىلىندى.تۈرك لىراسى بۈيۈك ئېتىبار قازاندى.دۆلەتتىن قەرز ئىلىش ئۆسۈم نسبىتى تۆۋەنلىتىلدى.كېشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان مىللى كىرىم تارىخى بىر يۈكسىلىش بىلەن ئۆرلىدى.دۆلەت تارىخىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان تىزلىك ۋە زور ساندىكى سۇ توسمىلىرى،تۇرالغۇلار،مەكتەپ،دوختۇرخانا ۋە ئېنىرگىيە توك تارقېتىش زاۋۇتلىرى ئشقا كىرشتۇرۇلدى.ماددى پاراۋانلىق ۋە تەرەققىيات ھامىيسدىكى بۈيۈك مۇۋەپپەقىيەتلەر يېڭى تۈركىيەدە دىموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ساھەلىرىنىڭ كىڭەيتىلىشنى دۇنيانىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كۆزەتكۇچىلىرى ئەردوغاننىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغان ‹‹ئاۋاسسز ئنقىلاپلىرى››سۈپىتىدە تىلغا ئېلىشتى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئېتتپاقىغا كىرىش مۇساپىسدە، دۆلەت تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشەببۇسلىرىغا قوشۇمچە قىلىپ، دانا تاشقى سياسەت ۋە جىددى زىيارەت-ئالاقە يولى بىلەن سىپرۇس مەسىلىسنى مەڭگۇلۇك بىر تەرەپ قىلىش ۋە دۇنيادىكى تۈرلۈك دۆلەتلەر بىلەن ئۇنۇملۇك ئالاقىلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش ساھەلىرىدە مۇھىم قەدەملەرنى ئالدى.
 

بەرپا قىلغان ئومۇمى مۇقىم ۋەزىيەت ۋە ئىچكى دىنامىكىلىق ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى تۈركىيەنى ئۆز رايونىدا ھكرمەتكە سازاۋەر بىر مەركەز دۆلەت سۈپىتىگە كەلتۈردى.تۈركىيەنىڭ تىجارەت ھەجىمى ۋە سياسىى كۈچى،پەقەت ئۇنى ئۆز ئىچىگە جۇغراپىيلىك رايوندىلا ئەمەس،خەلقئارادا ھىس قىلىنغۇدەك سەۋىيەدە ئۆستى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2007-يىلى 22-ئيۇلىكى ئاساسى سايلامدا 46.6% ئاۋاز بىلەن بۇيۇك بىر غەلبە قازانغان ئادالەت پارتىيەسنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ 60-ھۆكۈمىتىنى قۇردى ۋە تەكرار ئشەنچلىك ئاۋازغا ئېرشتى.ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپسنڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا يىقىن 2010-يىلى  12-سىنتەبىردە ئۆتكۇزۇلگەن ئاساسى قانۇن ئۆزگەرتىشكە مۇناسۋەتلىك چوڭ رىفراندۇمدا 58%‹‹قوللايمىز››ئاۋازىغا ئېرىشپ ،رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يتەكچلىك قىلغان ھەرىكەت تارىخى بىر مۇۋەپپەقيەت قازاندى.




#Article 157: فىزىكا (240 words)


 

قۇياش نېمە ئۈچۈن ھامان شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ غەربتە ئولتۇرىدۇ؟ چاقماق چېقىش قانداق ھاسىل بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن يازدا يامغۇر، قىشتا قار ياغىدۇ؟ رادىئولۇق ئۈنئالغۇ نېمە ئۈچۈن ناخشا ياڭرىتالايدۇ؟ كىيىم ئىشكاپىدىكى نافتالىن كۇمىلىچى نەگە كەتتى؟ ئېلېكتر نەدىن كېلىدۇ؟ ھەسەن - ھۈسەن نېمىدىن ئىبارەت؟ ...

بۇ مەسىلىلەردىكى كۈچ ھادىسىسى، سوغۇق - ئىسسىقلىق ھادىسىسى، ئېلېكترو ماگنىت ھادىسىسى ۋە يورۇقلۇق ھادىسىلىرىنىڭ ھەممىسى ماددىلار ھەرىكىتىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىدىن ئىبارەت. فىزىكا ماددىلار ھەرىكىتىنىڭ ئادەتتىكى قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر پەن بولۇپ، ئۇ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. كىشىلەر پايدىلىنىدىغان ئېلېكتر لامپىسى، تېلېفون، رادىئو قوبۇللىغۇچ، تېلېۋىزور، شۇنداقلا يول يۈرۈشتە ئولتۇرىدىغان ئاپتوموبىل، پويىز، پاراخوت ۋە ئايروپىلان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى فىزىكا پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن ياسالغان. نۆۋەتتىكى ئىلغار پەن - تېخنىكىنىڭ ۋەكىلى بولغان ئاتوم بومبىسى، ھىدروگېن بومبىسى، راكېتا، يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى ۋە ئالەم كېمىسىمۇ فىزىكا تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

فىزىكا ئۆگەنگەندە، ھەر خىل فىزىكىلىق ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى، تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىش قانۇنىيەتلىرىنى چۈشىنىۋېلىپ، ھەر خىل ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنى توغرا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇپلا قالماي، يەنە قىزىقىشىنى، تەپەككۇرىنى، ئەقلىي كۈچىنى ئېچىپ، ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، قابىلىيەتنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

فىزىكا تەبئىي پەننىڭ بىر تارمىقى بولۇپ ، ئاساسلىقى ماددا ، ئېنېرگىيە ، بوشلۇق ، ۋاقىت قاتارلىقلارنى ، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتى ، ئۆز-ئاراتەسىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ . فىزىكا تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى توغرىسىدىكى بىلىم ؛ تېخىمۇ كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ، فىزىكا تەبىئەتتە يۈزبەرگەن ھادىسىلەرنى تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئۇلاردىكى قانۇنىيەتنى بايقايدۇ . فىزىكا ئەڭ قەدىمكى پەنلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئىككى مىڭ يىل مابەينىدە خىمىيە ، ئاسترونومىيە قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ تەبىئەت پەلسەپىسى دەپ
ئاتالغان ، ⅩⅦئەسىردىكى ئىلىم-پەن ئىنقىلابىدىن كېيىن فىزىكا ئاندىن بىر مۇستەقىل پەنگە ئايلانغان .

نىيوتۇن




#Article 158: فارابى (876 words)


 
قاراخانىلار خانلىقى زامانىدا ياشىغان.

مۇھەممەد ئەبۇ ناسىر فارابى

فارابىنىڭ ھاياتى:

فارابىنىڭ ئىسمى مۇھەممەد، فامىلىسى ئەبۇ ناسىر، تەخەللۇسى فارابى، لەقىمى «ئىككىنچى ئۇستاز».
فارابىنىڭ «ئىككىنچى ئۇستاز» دەپ ئاتىلىشى ـ ئۇنىڭ پەلسەپە ساھەسىدىكى گەۋدىلىك ئورنى ۋە كۆپ مىقداردىكى ئەسەرلىرى سەۋەبىدىن، ئارىستوتىل تەلىملىرىگە پىششىقلىقىدىن، ئارىستوتىل ئەسەرلىرىگە شەرھى يازغىنىدىن ھەم ئۇنىڭ ئارىستوتىلدىن كېيىنكى بۈيۈك پەيلاسوپ بولغانلىقىدىندۇر. شۇنداقلا ئارىستوتىل تەلىماتلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر تاراتقۇچىسى بولغانلىقىدىندۇر. ئارىستوتىل «بىرىنچى ئۇستاز» دەپ ئاتالغاچقا، فارابى ئۇنىڭ ۋارىسى ھەم تەلىماتلىرىنىڭ تاراتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن «ئىككىنچى ئۇستاز» دىيىلدى.
فارابى دىگەن بۇ نام ئۇنىڭ يۇرتى فارابدىن كەلگەن بولوپ، بۇ ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسى بويىغا جايلاشقان بىر يەر ئىدى. بەزىلەر فارابى سىر دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ۋاسىچ كەنتىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئەسلى يۇرتى ۋاسىچ كەنتى تەۋە بولغان فاراب ۋىلايىتى دىيىشكە مايىل. فاراب نامىدا باشقا شەھەرلەرمۇ بار. بىرى تۈركىستاندا. يەنە بىرى پىرسىيەدە.ئىبن خەللىكان ۋە بەزى تارىخچىلار فارابى تۈركىستاننىڭ فاراب شەھرىدە تۇغۇلغان دەيدۇ. ئىبنى نادىم ئۆزىنىڭ فارابى ئالەمدىن ئۆتۈپ 38 يىلدىن كېيىن يازغان «كىتابلار مەجمۇئەسى» دە: فارابىنىڭ يۇرتى پىرسىيەنىڭ فاراب شەھىرى، ئۇنىڭ ئاتىسى پارىس، ئانىسى تۈرك. دەيدۇ.
فارابى 870-يىلى تۇغۇلۇپ، 950-يىلى ۋاپات بولغان.

فارابى ئۆز يۇرتىدا ماتىماتىكا، ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە ئانا تىلى بولغان تۈرك تىلى ھەم پارس تىلى، گرىك تىلى، ئەرەپ تىلىنى ئۈگەنگەن. ھىجىرىيە 310-يىلى ئىراققا كەلگەن ۋە بۇ يەردە پەلسەپە، لوگىكا، تىبابەت، ماتىماتىكا، مۇزىكا ھەم ئەرەپ تىلى قاتارلىق مۇھىم تىللارنى ئۈگەنگەن. نۇرغۇن تارىخچىلار فارابىنى 70 خىل تىل بىلەتتى دەپ تەرىپلەيدۇ. بۇ گەرچە سەل ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولسىمۇ، فارابى ئۆز دەۋرىدە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان كۆپ قىسىم ئەدەبىي تىللارنى ئۈگەنگەن. بولۇپمۇ ئۇ ئانا تىلى بولغان تۈرك تىلى، پارس تىلى ۋە ئالىملار، ھۈنەرۋەنلەر تىلى بولغان گرىك تىلىغا بەك پىششىق ئىدى. ئۇنىڭ ئەرەب تىلىنى بىلىشىمۇ مۇشۇ تىلدا شېئىر يازالىغۇدەك سەۋىيەگە يەتكەن. ئۇ نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان بولۇپ، بۇنىڭ كۆپ قىسمى پەيلاسوپلسر ۋە ماتىماتىكلارنىڭ ئۇسلۇبىدىكى شېئىرلاردۇر.

فارابى ھىجىرىيە 330-يىلى ئىراقتىن سۈرىيەنىڭ شىمالىغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە ئۇ يەردە پادىشاھ سەيپۇل دەۋلە ھەمەدانى بىلەن ئۇچراشقان. پادىشاھ فارابىنىڭ ئىستىداتىغا قايىل بولۇپ ئۇنىڭ ئىززىتىنى قىلغان. فارابى بۇ يەردە ئوقۇتۇش ۋە ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ تەخمىنەن ھىجىرىيە 338-يىلى ئەتراپىدا بىر قىتىم مىسىرغىمۇ بېرىپ كەلگەن. زور كۆپچىلىك تارىخچىلار: فارابى ھىجىرىيە 339-يىلى دەمەشىقتە ئالەمدىن ئۆتتى دەپ قارايدۇ. پادىشاھ سەيفۇل دەۋلە ئون بەش نەپەر ئەلەمدار ھەم قەلەمدارلىرىنى باشلاپ، فارابىنىڭ نامىزىغا قاتناشقان ۋە ئۇنى دەمەشىق شەھىرىنىڭ «كىچىك دەرۋازا» سىرتىغا دەپنە قىلغان.
فارابىنىڭ تاللىۋالغىنى تەركىيدۇنيا، ئىقتىسادچىل تۇرمۇش ئىدى.ئۇ توي قىلمىغان بولۇپ، تۇرمۇشى غورىگول ئۆتكەن ئىدى. ھەر كۈنى پادىشاھ سەيپۇل دەۋلە خەزىنىسىدىن خىراجىتىگە پەقەت تۆت دەرھەم ئېلىشقىلا ئۇنايتى. فارابى پىكىر يۈرگۈزۈش ئۈچۈن يالغۇزلۇقنى ياقتۇراتتى.

فارابىنىڭ زور بىر قىسىم تىرىشچانلىقى پەلسەپە تەتقىقاتىغا قارىتىلغان. بولۇپمۇ گرىك پەلسەپىسىدىكى ئارىستوتىل پەلسەپىسىنى ۋە ئارىستوتىل ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىشقا ئۇ ناھايىتى كۆپ زېھنىنى سەرپ قىلغان ئىدى. ئىبن خەللىكاننىڭ يازغىنىغا كۆرە، فارابى ئارىستوتىلنىڭ «روھ ھەققىدە» دىگەن كىتابىنىڭ ئۈستىگە ئۆز قەلىمى بىلەن، «بۇ كىتابنى يۈز قىتىم ئوقۇدۇم» دەپ يېزىپ قويغان. خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، فارابى يەنە: «پەيلاسوپ ئارىستوتىلنىڭ ‹فىزىكا› ناملىق كىتابىنى مەن قىرىق قىتىم ئوقۇدۇم، بىراق يەنە چوقۇم ئوقۇشۇم كىرەكتەك ھىس قىلىمەن» دىگەنمىش.

فارابىنىڭ ئەرەب ئىلىم-پېنىگە قوشقان تۆھپىسى:

فارابى - ئەرەب دۇنياسى پەلسەپە تەتقىتاتىنىڭ ھەقىقىي پىشىۋاسى. بۈگۈنكى كۈندە بىز ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ تۇنجى ئاساسچىسى دەپ ئاتايدىغان ئىلىم ئىگىسى دەل مۇشۇ ئادەم. ئۇنىڭدىن كىيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئەرەب پەيلاسوپلارنىڭ ئىدىيىسى ئىچىدە ئۇنى چىقىش نۇقتا قىلمىغان ئىدىيە يوق دىيەرلىك. فارابى - پەلسەپە تارىخى ۋە ھەر قايسى مەزھەپ مۇتەپەككۈرلىرىنىڭ تەلىماتلىرىنى ئەڭ ياخشى چۈشەنگەن ئادەم. ئۇ يەنە ئەپلاتۇن بىلەن ئارىستوتىل ئارىسىدىكى ئوخشاشمىغان قاراشلارنى مۇرەسسەلەشتۈرۈشكە كۈچىگەن. سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە ئۇنىڭ شۆھرىتى ھەرگىز پەلسەپە ساھەسىدىكى ئورنىدىن تۆۋەن ئەمەس.
مۇزىكا ئىلمى جەھەتتە، فارابى ئۆز دەۋرىنىڭ تالانت ئىگىسى. بۇ ھەقتە ئۇنىڭ «مۇزىكا دەستۇرى» دىگەن مەشھۇر بىر ئەسىرى بار. ئىبن خەللىكان ئۇنى «قالۇن» دىگەن چالغۇنىڭ ئىجادچىسى دەپ ھىساپلايدۇ.

فارابى ئەسەرلىرى.

فارابى ئەسەرلىرىدىن 40 پارچىسىلا بىزگە يېتىپ كەلگەن. بۇ ئەسەرلەرنىڭ 32 پارچىسى ئەسلى نۇسخا، 6 پارچىسى ئىبرايچە تەرجىمە، 2 پارچىسى لاتىن تىلىدىكى تەرجىمە.

بۇ ئەسەر فارابىنىڭ قىممەتلىك ئەسىرى. مەزكۇر ئەسەر 1931-يىلى قاھىرەدە تۇنجى قىتىم نەشردىن چىقىپ، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشتى.
مەزكۇر ئەسەردە فارابى ئىلىمنى بەش رەتكە ئايرىپ، سەككىز تۈركۈم بويىچە تەتقىق قىلىدۇ.
فارابى بىرىنچى رەتكە تىلشۇناسلىقنى قويۇپ، ئۇنى يەتتە تارماققا ئايرىيدۇ:

(1) تاق سۆز ھەققىدىكى ئىلمى.

(2) بىرىككەن سۆز ھەققىدىكى ئىلمى.

(3) تاق سۆز گىرامماتىكا قائىدىسى ئىلمى.

(4) بىرىككەن سۆز گىرامماتىكىسى.

(5) توغرا يېزىش قائىدىسى ئىلمى.

(6) توغرا ئوقۇش قائىدىسى ئىلمى.

(7) شېئىر قائىدىلىرى ئىلمى.

ئىككىنچى رەتكە لوگىكىنى قويۇپ، لوگىكىنىڭ ئەھمىيىتى، ئورنى ۋە ئۇنىڭغا بولغان تەقەززالىقنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.
ئۈچىنچى رەتكە ماتىماتىكىنى قويۇپ، ئۇنى بەشكە تارماقلايدۇ:

(1) ئارفمىتىكا.

(2) گىئومىتىرىيە.

(3) ئاسترونومىيە.

(4) مۇزىكا.

(5) دىنامىكا.

تۆتىنچى رەتكە فىزىكا بىلەن مىتافىزىكىنى (ئىلاھىيەتنى) قويىدۇ.
بەشىنچى رەتكە ئەخلاق ۋە سىياسىينى تۆتكە تارماقلايدۇ:

(1) مەىپەت.

(2) فىقىھ.

(3) كالامىيەت.

(4) تەۋھىد.

مەزكۇر كىتابتا ئىپادىلەنگەن فارابى ئۇسلۇبىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوچۇق ھەم ئېنىق ۋە يۈكسەك بولۇپ، باشقا ئەسەرلىرىدەك مۇرەككەپ چۈشىنىكسىز ئەمەس. فارابى تۆھپىلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ بۇ كىتابىنى كىيىنكىلەر يېزىقچىلىقنىڭ ئۈلگىسى قىلغانلىقىدا. مەشھۇر پەيلاسوپ ۋە ھەكىم ئىبنىسىنامۇ ئۆزىنىڭ «ئەششىفا» دىگەن كىتابىنى فارابىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئورۇنلاشتۇرغان. ئىبنىسىنا فارابىنى ئۆز ئۇستازى قاتارىدا كۆرگەن بولۇپ، ئىبنىسىنادىن فارابى پەلسەپىسىنىڭ ۋارىسلىرىغا خاس خىسلەتنى كۆرگىلى بولىدۇ.

فارابىدىن ئىبارەت بۇ پەيلاسوپنىڭ قانچىلىك تەسىرى بارلىقىنى ۋە ئورنىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولغانلارغا ئىبنىسىنادەك ھاكاۋۇر، چوڭچى، ھەتتا ئەپلاتۇننىڭ پەلسەپىسىنىمۇ ئانچىلا ۋاي دەپ كىتىشكە ئەرزىمەيدۇ دەپ باھا بەرگەن ئادەمنىڭ فارابىنىڭ ئالدىدىكى كەمتەرلىكىنى ئىشارە قىلىشلا كۇپايە. ئىبنىسىنا مۇنداق ئىتىراپ قىلغان: «مەن ئارىستوتىلنىڭ ‹مىتافىزىكا› سىنى قىرىق قىتىم ئوقۇپ ئازراقمۇ ھەزىم قىلالمىدىم. پەقەت فارابىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن شەرھىي ئەسىرى قولۇمغا چىقىشى بىلەن زېھنىم كەڭ ئېچىلىپ كەتتى».

بۇ ئەسەر ناھايىتى يۇقۇرى تارىخىي قىممەتكە ئىگە. بۇ ئەسەردە فارابى ئەپلاتون بىلەن ئارىستوتىل ئارىسىدا تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىدۇ.

بۇ كىتاب فارابىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىنىڭ بىرى.بۇ كىتابتىن بىز فارابىنىڭ پىكىر دۇردانىلىرىنى ۋە پەلسەپەۋى ئىدىيىسىنىڭ جەۋھىرىنى كۆرەلەيمىز. كىمكى فارابى قاراشلىرىنى بىلمەكچى بولسا، پەقەت مۇشۇ كىتابنى ئوبدان ئوقۇپ كۆرسە بولىدۇ. بۇ كىتاب 37 باب بولۇپ، پەلسەپە ۋە جەمئىيەتشۇناسلىقتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلگەن.




#Article 159: باراك ئوباما (225 words)


باراك ھۈسەيىن ئوباما (ئىنگ: Barack Hussein Obama)، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ 44. دەۋلەت رەئىسى. 1961-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي شىتاتىنىڭ مەركىزى ھونولۇلۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان.

ئاتىسى كىنىيەلىك، ئانىسى كانزاس ئىشتاتىدىن. ئۇلار ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە تونۇشقان. دادىسى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كەتكەندىن كېيىن، ئوبامانى ئانىسى كىچىكىدىن باشلاپ باققان. ئوباما ئىككى ياش ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن. ئالتە ياش ۋاقتىدا ئوباما ئانىسىغا ئەگىشىپ ئۆگەي دادىسى بىلەن ھىندونېزىيەدە تۇرمۇش كەچۈرگەن. 

تۆت يىلدىن كېيىن، ئوباما ھاۋايغا قايتىپ كەلگەن. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ كالىفورنىيە ئىشتاتى غەرب ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەن ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئىككى يىلدىن كېيىن كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئالمىشىپ كەتكەن.

ئوباما دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 1996-، 1998-، 2002-يىللىرى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، ئۈچ قېتىم ئىللىنوئىس ئىشتاتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 2004-يىلى پارلامېنت سايلىمىدا ئوباما قوشما شىتات پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان، قوشما شىتاتنىڭ كېڭەش ئەزاسى بولغان مەزگىلىدە ئۇ مۇنتىزىم قۇراللارنى كونترول قىلىش توغرىسىدىكى لايىھە، قوشما شىتات فوندىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئامما نازارەت قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، سايلام ئالدامچىلىقى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، يادرو تېررورلۇقى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى بىر يۈرۈش لايىھەلەرنى تۈزۈشكە قاتناشقان. ئۇ يەنە شەرقىي ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولغان. 

ئوبامانىڭ «دادامدىن كەلگەن ئارزۇ »، «قورقماس ئۈمىد: ئامېرىكا چۈشىنى قايتا تەكىتلەش» ناملىق ئەسەرلىرى بار. «دادامدىن كەلگەن ئارزۇ » دېگەن ئەسەر ئوبامانىڭ تەرجىمىھالى بولۇپ، 1995-يىلى تۇنجى قېتىم نەشىردىن چىققان. «قورقماس ئۈمىد: ئامېرىكا چۈشىنى قايتا تەكىتلەش» 2006-يىلى نەشىردىن چىققان، ئاساسلىقى ئوبامانىڭ سىياسىي غايىسى ۋە كۆز قاراشلىرى تونۇشتۇرۇلغان.
ئوباما 1992-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ساۋاقدىشى مىچىل روبىنسۇن بىلەن توي قىلغان، ھازىر ئىككى قىزى بار.




#Article 160: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (205 words)


بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياكى قىسقىچە قىلىپ «ب د ت». 1945- يىلى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى قۇرۇلغان دۇنيا تىنچلىقىنى، بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە خەلقئارادا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي بىر ھەمكارلىق بەرپا قىلماق ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر تەشكىلات. ب د ت ئۆزىنى ئادالەت ۋە بىخەتەرلىكنى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي باراۋەرلىكنى خەلقئارادا پۈتۈن دۆلەتلەردە بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان دۇنياۋىي بىر تەشكىلات دەپ تونۇشتۇرىدۇ. خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەردە، كۈچ قوللىنىشنى تۇنجى بولۇپ دۇنياۋىي خاراكتىردە چەكلىگەن تۇنجى كېلىشىمنامە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېلىشىمنامىسىدۇر. 

تەشكىلات قۇرۇلغان دەستلەپكى يىللاردا ئەزا سانى 51 بولۇپ، بۇگۈن ئەزالىقتىن چىقىرىلغان ۋاتىكان ۋە ئۆزگەرتىلگەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، ئەڭ كېيىن قوشۇلغان جەنۇبىي سۇداننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 193 ئەزاسى بار. 

تەشكىلاتنىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرى نيۇ يوركتىكى باش شىتابىدا يۈرىتىلىدۇ ۋە ئەزا دۆلەتلەرگە ھەر يىل تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلغان يىغىنلارمۇ مۇشۇ باش شىتابتا ئېچىلىدۇ.

تەشكىلات ئۆز ئىچىدە ئىدارى بۆلۈملەرگە ئايرىلغان بولۇپ: باش كومىتېت، خەۋىپسىزلىك ھەيئىتى، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ھەيئىتى، باشقۇرۇش ھەيئىتى، باش كاتىبلىك ۋە خەلقئارالىق سوت مەھكىمىسى قاتارلىقلار. تەشكىلاتنىڭ ئەك كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان بۆلۈمى باش كاتىبلىك ئېرۇر.

ب د ت پىكرى تۇنجى بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تۈگىشى بىلەن ئۇرۇشتا يەڭگەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن، دۆلەتلەرئارا كېلىشەلمەسلىكلەرنى تۈگىتىپ، كېلەچەكتە توغۇلغۇسى ۋە ئۆز بىخەتەرلىكلىرىگە تەھدىد بولغۇسى بىر ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىدىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. تەشكىلاتنىڭ بۇگۈنمۇ بۇ مەقسەدنى دەۋام قىلغانلىقىنىڭ روشەن دەلىلى بولمىش ب د ت خەۋىپسىزلىك ھەيئىتىنىڭ مەۋجۇدلىقى ۋە ئاتقارغان خىزمەتلىرىدۇر.




#Article 161: ئەختەم ئۆمەر (149 words)


ئەختەم ئۆمەر، 1962-يىلى مەكىت ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1981-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتۈرگەن. ئۇ ئىلگىرى _ كېيىن بولۇپ يېزا ئىتتىپاق كادىرى، قەشقەر شەھەرلىك رادىيۇ ئىستانسىنىڭ دىكتورى، ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات _ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كەسپى يازغۇچىسى، تەڭرىتاغ كېنو ئىستودىيەسى، شىنجاڭ ناخشا _ ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ سىنارىستى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن. 2008-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىن تاللانما»، «قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل»، «ئاھ، رەھىمسىز دەريا»، «قانلىق جىلغا»، «سەھەرنىڭ قىممىتى»، «يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام»، «يىگانە ئارال» (ئىككى قىسىم)، «ئۆزۈڭگە ئىشەن»، «غېرىپ ـ سەنەم» قاتارلىق پوۋېست ـ ھېكايىلەر توپلاملىرى، رومانلىرى بار.
 ئۇنىڭ «ئاھ، رەھىمسىز دەريا» ناملىق كىتابى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، «قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل» مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە مۇكاپاتىغا، «تارىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «نۇرتاي ھاجى» ناملىق دىراممىسى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە مۇنەۋۋەر دىرامما مۇكاپاتىغا، «چىن مۇھەببەت» ناملىق تېلۋېزىيە ـ تىياتىرى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئايرىم ھېكايىلىرى بىرنەچچە قېتىم «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا نائىل بولغان.




#Article 162: زوردۇن سابىر (3026 words)


زوردۇن سابىر (1937 - 1998) 20 – ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەببىياتىدىكى مەشھۇر رېئالىستىك يازغۇچى . ئۇ ئاساسلىقى 20 – ئەسىرنىڭ 70 –يىللىرىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ . ئۆزى ياشىغان دەۋرىدىكى ئەدىبىي ئىجادىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشتى . شۇبىڭدەك كىتاپخانلار ، ئوبزورچىلار تەرىپىدىن ‹‹ ئۇيغۇر پروزىسىدىكى بايراقدار يازغۇچى ›› دەپ تەرىپلەنگەن . ئۇ رۇس يازغۇچىلىرىدىن شولوخوۋ ، تولىستوي ، گوركىي قاتارلىق رېئالىستىك يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپ ئوقۇغان بولغاچقا ، ئىجادىيەتتە ئاشۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ تەسىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۇرگەن . ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئەمىلىيىتىدە سىستېمىلىق بولغان رېئالىزملىق ئەدەبىي ئىجادىيەت نەزىريىسىنى مۇكەممەل تۇرغۇزغان . ئۇ تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشلار ۋە يۈزەكى ھادىسىلەرگە ھەرگىز سەل قارىمايتتى . كۈزەتكەن ، ھېس قىلغانلىرىنى جاتىرىسىگگ يېزىپ قالدۇرىۋالاتتى . بۇنداق خاتىرىلەر كېيىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىنى دەلىللەش رولىنى ئويغاپ ، ئەسەرنىڭ رېئالىزملىق پۇرىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان . تۇرمۇش بىلەن بولغان ئارىلىقىنى يېققىنلاشتۇرغان ئىدى . ئۇ مەيلى قەيەرگە بارسۇن ، قانداق ئادەملەر بىلەن ئۇچراشسۇن ئۇلاردىن ئۆز ئىجادىيىتىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئىزدەيتتى . ئۇ بىر قېتىم تۇرمۇش ئۆگۇنۇش ئۈچۈن مەكىتكە بارغاندا ئۇ يەردە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ بېيىغان دېھقان ئىسمائىل روزى بىلەن تونىشىدۇ . ئويلىمىغنا يەردىن بۇ دېھقان ئۆز ئىگىلىكى توغرىسىدا ئەمەس ، بۇركىتى توغرىسىدا كۆپ سۆزلەيدۇ . بۇ ھال رېئال تۇرمۇشقا يازغۇچىدا باشقىچە ئىلھام پەيدا قىلىدۇ . يازغۇچى ‹‹ ئىجادىيەت ۋە تۇرمۇش ›› ناملىق ماقالىسىدە ( بۇ ماقالە ‹‹ تارىم ›› ژورنىلىنىڭ 1986 – يىللىق 1 – سانىدا ئېلان قىلىنغان ) ئاشۇ ۋاقىتنى ئەسلەپ مۇنداق يازىدۇ . ›› ئۇنىڭ بۇركۇت توغرىسىدىكى قىزىقارلىق ھېكايىلىرى مېنى جەلپ قىلىۋالدى . مەن بۇ رېئاللىق ئالدىدا چارۋا توغرىسىدا ئەھۋال ئىگىلەشتىن دەرھال ۋاز كېچىم – دە ، بۇركۇت توغرىسىدا ئويلاشقا باشلىدىم . بۇركۇتنىڭ سۆھبىتى مەندە يېڭى چۇشەنچە ھاسىل قىلدى ‹‹ . دېمەك ، زوردۇن سابىر بەدىئىي توقۇلمىنى شۇ ۋەقەلىككە مۇناسىۋەتلىك ، باغلىنىشلىق بولغان رېئال تۇرمۇشنى ياكى تۇرمۇشتىن كېسىۋالغان بىر پارچە ماتېريالنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ بارلىققا كەلتۇرىدۇ .

يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ رېئاللىقا بولغان سادىقلىقى ئۇنىڭ ‹‹ قەرزدار ›› ھېكايىسىنى يېزىش جەريانىدىن تېخىمۇ روشەن كۆرۇنۇپ تۇرىدۇ . يازغۇچى ‹‹ قەرزدار ›› ھېكايىسىنى يازغان 1980- يىلى خەلق گوڭشېسى تېخى بىكار قىلىنمىغان ئىدى . لېكىن يازغۇچى خەلق گوڭشېسىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ قازاننىڭ جوڭگو دېھقانلىرىنى باي قىلالمىغانلىقىنى دېھقانلار ئارىسىدا يۇرۇپ كۆرگەن ئىدى . بۇ رېئاللىق ئۇنى ‹‹ دېھقانلارنى ھەقىقى بېيىتىش ئۈچۈن بۇ چوڭ قازاننى چاقماي بولمايدۇ ›› دېگەن ئىدىيىنى چىقىش قىلىپ ئەسەر يېزىشقا ئۈندىگەن .

زوردۇن سابىر 1937 – يىلى باھار ئايلىرىدا غۇلجا ناھىيە يېڭىتام يېزا بوستان كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . دادىسى سابىر ئاكا دېھقان بولسىمۇ ، ئىلىم – پەنگە قىزىقىدىغان ، ئىلىم ئەھلىلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان ئادەم ئىدى . ئانىسى ئانارخان ھەدە ئىشچان ، پاكىز ، چېۋەر ئايال ئىدى . زوردۇن سابىرنىڭ بالىلىق ھاياتى شىمالدىن ئابرال تېغىنىڭ شامىلى ئۇرۇپ تۇرىدىغان مۇشۇ كىچىككىنە بوستانلىق مەھەلىدى ئۆتتى . 1942 – يىلى زوردۇن سابىر بەش ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنىڭ ئانىسى ۋاپات بولۇپ كېتىپ ، بۇ ئائىلىدىكى ئالتە جان ئادەم دادىسى سابىر ئاكىنىڭ ھەم دادا ھەم ئانا بولۇپ بېقىپ چوڭ قىلىشىغا قاراشلىق بولۇپ قالىدۇ .

شۇ ۋاقىتتا مەھەلە باشلانغۇچ مەكتىپىدە زامانىدىن ئەپەندى ئىسىملىك مۇئەللىم بار بولۇپ ، ئۇ زوردۇن سابىرنىڭ داۋاملىق ئوقۇشىنى تەشەببۇس قىلغانلارنىڭ بىرى ئىدى . زامانىدىن مۇئەللىم زوردۇن سابىرنى ئارا ئۆستەڭ يېزىدى ئارا مەھەلە كەنتىدىكى تولۇقسىز مەكتەپكە ئاپىرىپ ، تۆتىنچى سىنىپقا كىرگۈزگەن . زوردۇن سابىر بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ، ئۆگۈنۈشتىكى تىرىشچانلىقى م زېرەك ، ئەقىللىقلىقى بىلەن سىنىپتا بىرىچى بولۇپ ئوقۇغان . بولۇپمۇ ماتېماتىكا دەرسىدە نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان . بىراق ئۇنىڭ بىراق ئۇنىڭ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىشى تولىمۇ قىيىن بولغان . كۆپىنچە ساۋاقداشلىرى بايلارنىڭ ياكى ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشى ئائىلەرنىڭ بالىلىرى بالىلىرى بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە زوردۇن سابىر نامرات ئائىلىنىڭ بالىسى قارىلىپ بەزىدە كەمسىتىلگەن . نۇرۇم سابىر ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ 1949 – يىلى كۈزدە زامىدىن ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىز بىر يوتقان – كۆرپە ، كىگىز نان دېگەندەكلەرنى تەسلىكتە تەييارلاپ ، زوردۇننى ئارا ئوستەڭگە يولغا سېلىپ قويدۇق . قېرىشقاندەك شۇ يىلى قىشتا ناھايىتى قېلىن قار ياغدى . دادام بالام توڭلاپ قالىدىغان بولدى ،دەپ مەندىن بىر چاپان ئەۋەتتى ، مەن بارسام راش دېگەندەك ئىنىم يازدا كەتكەن يالاڭ چاپان ئىكەن . بۇ يالاڭ چاپىنىمۇ كونا بولغاچقا سوغاقتا تالاغىمۇ چىقالماي قاپتىكەن .ھەتتا بەزى مۇئەللىملەر ئىنىمنى مەكتەپتىنمۇ قايتۇرۋەتمەكچىمۇ بولۇپ تۇرۇپتىكەن . ››

دۇنيادا مەيلى كىم بولسۇن ئۇستازنىڭ رولىسز ھايات يولىنى توغرا باسالىغان ئەمەس. نۇرۇم سابىرنىڭ ‹‹ مەن زاماندىن مۇئەللىمنى زوردۇن سابىرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئۇستازى دەپ قارايمەن ›› دەيدۇ. شۇنداق،زاماندىن مۇئەللىم زوردۇنسابىرنىڭ ئوقۇش ئارزۇسىغا ئىلھام بەرگەن ھەم ئۇنى ئۆز قولى بىلەن ئۆرلەپ ئوقۇشقا ئاپىرىپ بەرگەن.ناۋادا شۇ قېتىم زامانىدىن مۇئەللىم كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بەرمىگەن بولمىسا ،بەلكىم زوردۇن سابىر ئوقۇش ئارزۇسىدىن مەھرۇم قالغان بولاتتى.

زوردۇن سابىر كىچىگىدىنلا ئەدەبىياتقا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان . ئۇ مەھەلىدىكى باشكانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىلا مەكتەپتىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەردە شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلاتتى . ئۇنىڭ شېئىرغا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ يېتىلىشىگە ئۆز مەھەلىسىدىكى ھاشىم ئاكا ، ئومەر قاتارلىق قوشاقچى ئاغزىدىن نۇرغۇن قوشاقلارنى ئاڭلىغان ، يادلاپ ئالغان ، دائىم ئۇلارنىڭ قېشىدىن يىراق كەتمىگەن . نۇرۇم سابىرنىڭ دەپ بېرىشىچە ، زوردۇن سابىر ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە 1956 – يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى تېما قىلىنغان تۆت پەردىلىك بىر درامما يازغان . بۇ درامما شۇ يىلى يازدا ناھىيىلىك تەشۋىقات تارماقلىرىنىڭ تەستىقلىشى ۋە قوللىشى بىلەن مەھەلىدە ئوينالغان ئىكەن .

زوردۇن سابىر ئوقۇۋاتقاندا دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئەدەبىيات ، پەلسەپە ، تارىخ ، جۇغراپىيىگە دائىر نۇرغۇن كىتاپلارنى ئوقۇغان . ئۇنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئەدەبىيات مۇئەللىمى ، درامماتورگ ، يازغۇچى ماناپ قادىرىنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە ، ئۇ سىنىپ بويىچە ئەۇڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولۇپلا قالماي يەنە يېزىقچىلىق قابىلىيىتىمۇ يۇقۇرى ئوقۇغۇچى ئىكەن . ئۇ دائىم ‹‹ ئانا ›› ، ‹‹ كېلىدۇ بىر كۈن ›› ، ‹‹ ئاتۇن ۋادىدىكى شاماللار ›› ،‹‹ بوتا كۆز ›› قاتارلىق رومانلارنى قولىدىن چۇشۇرمەيدىكەن . دېمەك ، زوردۇن سابىر ئۆزىدە ناھايىتى كۆپ بىلىم جۇغلانمىسى ھاسىل قىلىشقا تىرىشقان . زوردۇن سابىر 1989 – تەتقىقاتچى ئەنۋەر ئابدۇرېھىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدىنلا باشلانغانلىقىنى توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ : ›› توققۇزۇنچى سىنىپتا ئوقۇپ يۈرگەن چاغلىرىمدا داستان يازغان ئىدىم . مەن يازغان ئىككى پارچە دراممىنىڭ بىرى ‹‹ ئېتىز كەپىسى ›› ئەينى يىللاردا رايون سەھنىلىرىدە ئوينالغان . زوردۇن سابىرنىڭ ئىلى دارىلمۇئەللىمىندىكى ئوقۇتقۇچىسى مولداغالى مۇنداق دەيدۇ . ‹‹ مەن زوردۇن سابىرغا پېداگوگىكا ، پىسخىلوگىيە ، دۇنيا يېڭى زامان تارىخى قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن . ئېسىمدە قېلىشىچە ، ئۇ مەندىن دائىم چوڭقۇر سۇئاللارنى سوراپ تۇرۇۋالاتتى . دەرسنى تولىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرەتتى . مەن ئۇنىڭ يەنە ، ‹‹ لېنىنىڭ بالىقى چاغلىرى ›› ، ‹‹ بۇ ۋەقە روۋنو ئەتراپىدا بولغان ›› دېگەندەك كىتاپلارنى ئوقۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم . ‹‹ ئانا يۇرت ›› رومانىنىڭ قازاقچە تەرجىمىسىنى ئوقۇپ چىقىپ مۇشۇنداق بىر ئوقۇغۇچۇم بولغانلىقىدىن تولىمۇ پەخىرلەندىم ›› .

نۇرۇم سابىر يەنە مۇنداق دەيدۇ : زوردۇن ھەقىقەتەن كۆپ ئوقۇيتتى . ئىلى دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇۋاتقاندا تەتىلدە بىرلا قېتىم چىقاتتى . چىققاندىمۇ بىرمۇنچە كىتاپ – ژورناللارنى ئېلىپ چىقاتتى. كۈندۇزى ئېتىز ئەمگىگە قاتناشسا كېچىسى لامپا يورۇقىدا كىتاپ ئوقۇيتتى . مەن زوردۇننىڭ تەسىرىدە كىتاپ ئوقۇشقا قىزىقىپ قالغان . مەكتەپنى پۇتتۇرگەندە مەن ئۇنى مەھەلىگە ئاچىققان ئىدىم . ئېسىمدە قېلىشىچە ، ئۇ شۇ چاغدا ئىككى يۈز پارچىدىن ئوشۇق كىتاپ ئاچىققان ئىدى . بىز ئىككىمىز كەچتە رومان ئوقۇيتتۇق . بىر قېتىم لامپا يورۇقىدا كىتاپ ئوقۇپ تاڭ ئېتىپ كېتىپتۇ . سەھەردە دادام بىزنى كۆرۇپ خاپا بولۇپ ‹‹ مۇنۇغۇ كىتاپ ئوقۇسۇن ، سەنچۇ ، سېنىڭ ئۇخلىمىغىنىڭ نېمىسى ؟ سەن دېگەن ئېتىزغا بارىدىغان ، كەتمەن چاپىدىغان تۇرساڭ ›› دەپ كايىپ كېتىۋىدى ، زوردۇن دادامغا ‹‹ مەن بىكارغا رومان ئوقۇمايمەن ، مەن كېيىن رومان يېزىپ سېنىڭ ئىسمىڭنى ئۆچمەس ئىسىمغا ئايلاندۇرىمەن ، دادا ›› دېدى . بىز تالاغا چىققاندا شىمال تەرەپتىن ئابرال تېغىنىڭ شامىلى چىقىۋېتىپتىكەن . زوردۇن ھاياجانلىنىپ ‹‹ مەن رومانىمدا مۇشۇ ئابرال شاماللىرىنى يازىمەن . قارا ، سەھەردىكى بۇ سالقىن شامالنىڭ راھىتىنى ›› دېدى . راست دېگەندەك كېيىن ‹‹ ئابرال شاماللىرى ›› يېزىپ چىقتى . مەرھۇم دادام 1976 – يىلى ئورين تۇتۇپ يېتىپ قالغان ۋاقتىدا ، روماننىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنى كۆرۇپ خوشال بولغىنىدىن ، ‹‹ بالام دېگىنىنى قىپتۇ ، مېنىڭ ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇپتۇ ›› قايتا – قايتا ماختاپ كەتكەن ئىدى .

زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي ئىجاجىيەتكە رەسمىي قەدەم قويۇپ ، يازغۇچى بولۇپ يېتىلىشىگە ئۇستاز بولغان ھەم يەسىز كۆرسەتكەن ئادەمنىڭ بىرى يازغۇچى توختاخۇن ناسىرى ئىدى .

توختاخۇن ناسىرى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى ئەۋلاد ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ ، 1963 – يىلىدىن 1970 – يىلىغىچە لەنجۇدا غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتوتىدا ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان . زوردۇن سابىر بىلەن توختاخۇن ناسىرىنىڭ دوستلۇقى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستوتىتىدا بىللە خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئورنىتىلغان .

زوردۇن سابىر 1957 – يىلى لەنجۇ مىللەتلەر ئىنىستوتىتىغا ئەۋەتىلگەن . ئۇ يەردە ئۇ بىر تەرەپتىن خەنزۇ تىلى ئۆگۇنىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن دەرس تەييارلاش ۋە تەتقىقات خىزمەتلىرىگە ياردەملىشىدۇ . كىتاپ ئوقۇش ، بىلىم ئېلىشنىڭ تېخىمۇ ئەۋزەل ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ . ئۇ تەنقىتچى ئەنۋەر ئابدۇرېھىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سلاھبەت خاتىرىسىدە شۇ يىللار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ . ›› مەن 1957 – يىلىدىن 1960 – يىلغىچە تەتمىنەن ئۈچ يۈز پارچىدىن ئارتۇق رومان ئوقۇدۇم ... مەن ئەينى يىللىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹ نېمە قىلىش كېرەك › ، ‹ ئوغرى سېغىزخان › ، ‹ ئۆلۈك جانلار › ، ‹ بوران › ، ‹ ئاباي › ، ‹ ناۋائى › قاتارلىق رومانلارنى ئوقۇپ خاتىرە قالدۇرغان . لەنجۇغا بېرىپ بىر يېرىم يىلدىن كېيىن خەنزۇچە رومانلارنىمۇ ئوقۇشقا كىرىشكەن . ۋە ‹ كۆكۈيۈن › ، › خاتا تەربىيە ‹ قاتارلىق رومانلارنى ، مۇپاسسان ھېكايىلىرى ، ماۋدۇننىڭ ‹ تۈن پاتقاندا › باجىنىڭ ‹ ئائىلە › قاتارلىق رومانلىرىنى ئوقۇغان . مەن غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستوتىتىدا ئوقۇپ يۈرگەن چاغلىرىمدا يەنە ئەدەبىيات نەزىريىسى ، ئېستىتىكا ، پەلسەپەگە ئائىت نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ، جۇملىدىن لېنىننىڭ ‹ ماتېرىيالىزممۇ ، ئىمپېرىئوكىرتىتسىزممۇ › ‹ ، پەلسەپە خاتىرلىرى › ، ‹ دۆلەت ۋە ئىنقىلاپ › قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ، ماركسنىڭ ‹ كاپىتال › ناملىق ئەسىرىنى ، ماركس بىلەن ئېنگىلسنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ھەققىدىكى بايانلىرى ، ماۋزېدوڭنىڭ ‹ ئەمەلىيەت توغرىسىدا › ، ‹ زىددىيەت توغرىسىدا › ، ‹ خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتلەتنى توغرا ھەل قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە › قاتارلىق پەلسەپەۋى كىتاپلارنى ئوقۇدۇم . قىسقىسى ، شۇ يىللاردا ئوقۇغان كىتاپلىرىم ئەدەبىي ئىجادىيىتىمدە ئاساسلىق رول ئوينىدى .

زوردۇن سابىر لەنجۇدىكى ۋاقتىدا › ئانا يۇرت ‹ ناملىق ھېكايىلەرنى ۋە شېئىرلارنى ، ئوبزور ماقالىلەرنى يېزىپ ئۆزىنى ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتتە چېنىقتۇرغان . توختاخۇن ناسىرى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ زوردۇن سابىر ئۆيۇمگە كىرەتتى . ماڭا سېئىرلىرىنى كۆرسىتەتتى . مەندە كىتاپ – ژورناللار كۆپ ئىدى . ئۇ مېنىڭ ئۆيۇمدە ‹ تارىم › قاتارلىق ژورناللارنى ئوقۇيتتى . مەن شۇ چاغدا ‹‹ ئابرال ئېتىكىدە ›› ناملىق بىر رومان يازغان ئىدىم . زوردۇن بۇ روماننىڭ قول يازمىسىنى ئوقۇپ چىققان . دېمەك ، زوردۇن سابىر قەلبىدە كىچىكىدىن يانغان ئەدەبىياتقا بولغان ھەۋىسىنى غەربىي شىمال مىللەتلەرر ئىنىستىتوتىغا بارغاندىن كېيىن ئەدىپ توختاخۇن ناسىرىنىڭ بىلەن جاللاندۇرۇپ ، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن .

مۇدھىش مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن زوردۇن سابىر 1964 – غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ 1971 – يىلغىچە ئۆز يېزىسىدا تۇرغان . كېيىن غۇلجا شەھەرلىك ئىككىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن . ئۇنىڭ بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتى يەنىلا مەدەبىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كېتىدۇ . زوردۇن سابىر 1989 – يىلى ئەنۋەر ئابدۇرېھىم بىلەن سۆھبەتتە ئاشۇ يىللار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ 1972 –يىلى ئىلىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ يۈرگىنىمدە ، ئوبلاستا ئىجادىيەت ئىشخانىسى قۇرۇلدى . بۇ ئىشخانىدا ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلالايدىغان بىر تەرجىمان كېرەك بولۇپ قېلىپ ، ، مېنى ئەكەلگەن ئىدى . مەن بۇ يەرگەن ئورۇنلىشىپ ، ئاز كۈندىن كېيىن يېزىقچىلىققا رەسمىي كىرىشىپ كەتتىم . مېنىڭ ‹ تاغ كەينىگە ئۆتكەندە › ، ‹ گۆھەرنىڭ بەختى › ، ‹ دوستۇمنىڭ تارىخى › ، ‹ ئونىنچى سىنىپنى ئەمدى تۈگەتتىم › ، ‹ سەھەرچى › قاتارلىق بىرمۇنچىلىغان ھېكايىلىرىم شۇ چاغلاردا ئېلان قىلىنغان ›› .

زوردۇن سابىر 1970 – يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ ئىجادىيەتكە زور قىزغىنلىق بىلەن كىرىشىپ كېتىدۇ . يېڭى – يېڭى ھېكايىلەرنى يېزىپ تېزلا تونۇلىدۇ . ئۆزىنى ھېكايىچىلىقتا سىناپ مۇۋاپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن ، تېزلا رومان يېزىشقا كىرىشىپ ‹‹ ئابرال شاماللىرى ›› رومانىنى يېزىپ پۇتتۇرىدۇ . بۇ رومان يازغۇچىنىڭ نىرىچى رومانى بولۇشىغا قارىماي بەدىئىيلىك جەھەتتىن خېلىلا يۇقۇرى سەۋىيىدە ئىدى . . رومان شۇ چاغدا تېيىپچان ئېلىيوف ، ئابدۇكېرىم خوجا قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ قىزغىن مۇئەييەنلەشتۈرۇشى ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولىدۇ . زوردۇن سابىر يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىدۇ . رومان بوسا شېپىگىرافتا بېسىلىپ يارغۇچى ، شائىرلارغا پىكىر ئېلىش ، كۆرۈش ئۈچۈن تارقىتىپ بېرىدۇ . ئۇ 1979 – يىلى ئۈرۈمچىگە – شىنجاڭ ،خەلق نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ كېتىدۇ .

زوردۇن سابىر ئىجادىيەتتە رېئال تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈشنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلدى . رېئاللىق تەققاززا بولىۋاتقان تېمىنى يازدى . .رېئاللىق ئاتا قىلغان ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى . شۇڭا زوردۇن سابىرنىڭ كۆپىنچە ئەسەرلىرى رېئاللىقتىكى ئۆزى كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان ئىش – ۋەقەلەرنى ئاساسىي ۋەقەلىك قىلىپ يېزىلغان . ئۇنىڭ ‹‹ ئىزدىنىش ›› رومانى ھەتتا ئۇ بىۋاستەە ئۆز بېشىدىن كەچۇرگەن كەچۇرمىشلىرىنى ۋەقەلىك لىنىيىسى قىلىپ يېزىلغان . ‹‹ گۆھەرنىڭ بەختى ›› مۇ مۇنداق : 1966 – يىلى قاش ئۆستىڭى ياسالغاندا دېھقانلارغا چاي توشۇيدىغان ئايخان دېگەن بىر ئايال بولغان . كېيىن بۇ ئۆستەڭ پۈتۈپ خەلققە بەخت ياراتقان . زوردۇن سابىر ئاشۇ ئايالنىڭ چاي توشۇش جەريانىدكى ئىش – ئىزلىرىنى ئاساس قىلىپ يۇقۇردىكى ھېكايىسىنى يازغان . ئەينى يىللاردىكى ‹‹ ماۋزېدوڭ ئەسەرلىرىنى جانلىق ئۆگۈنۈپ ، جانلىق ئىشلىتىش ›› ھەركىتىدە غۇلجا ناھىيىسىنىڭ تار كەنتىدىن سەيپى دېگەن كىشى ئۆزىنىڭ مال بېقىش ، كوللىكتىپنىڭ ماللىرىنى قوغداش يولىدكى ئەمىلىي ئىش – ئىزلىرىنى بىر قېتىم دوكلات سۆزلىگەن .زوردۇن سابىر ئاشۇ دېھقاننىڭ ئىش – ھەركىتى ئاساسىدا ‹‹ تاغ كەينىگە ئۆتكەندە ›› ھېكايىسىنى يازغان . ئاكىسى نۇرۇم سابىرنىڭ سۆزلەو بېرىشىچە ، يازغۇچىنىڭ ‹‹ ۋاپاسارلىق ›› ، ‹‹ قوشنىلار ›› ھېكايىلىرى ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بوستان مەھەللىسىدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان . ‹‹ گۆھەرنىڭ بەختى ھېكايىسى دۆڭ مازار مەھەلىسىدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ، ، ‹‹ قەرزدار ›› ھېكيىسى قاش يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ، ‹‹ سەھەرچى ›› ھېكايىسى بايتوقاي يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان ئىكەن . بۇ ھېكايىلەردە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەر ۋە ئوبرازلارنىڭ رېئاللىقتا ئەينەن تىپلىرى ۋە پروتوتىپلىرى بار ئىكەن .

زوردون سابىر ‹‹ ئىزدىنىش ›› رومانىدىمۇ ئاساسىي ۋەقەلىكنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن جەريانلار ئاساسىدا تىپىكلەشتۈرۈپ بارلىققا كەلتۇرگەن . بۇ ھەقتە ئىلى پىداگوگىكا ئىنستىتوتىدا خىزمەت قىلىپ دەم ئېلىشقا چىققان بىلقىز ئەخمەت مۇئەللىم مۇنداق دەيدۇ : 1957 – يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرى بىز 21 ئقۇغۇچى ۈك ماشىنىسىغا ئۆلتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتۇق . ئارمىزدا زوردۇن سابىرمۇ بار ئىدى .بىزنى غەربىي شىمال مىللەتلەر .ىنستوتۇتىدىن كەلگەن ئابدۇلل مۇئەللىم ئېلىپ ماڭغان ئىدى . بىز كەڭسايغا بارغاندا تاماق يېيىش ئۈچۈن چۇشتۇق . شۇ ۋاقىتتا ئابدۇللا مۇئەللىم بىزگە زوردۇن سابىرنى تونۇشتۇردى ۋە بىزنىڭ يول بوتى ھەرقانداق .ىشىمىز بولسا زوردۇن سابىرنى ئىزدىشىمىز لازىملىقىنى بىزگە ئۇنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى تاپىلىدى . بىزنىڭ سەپىرىمىز ‹‹ ئىزدىنىش ›› بېشىدا يېزىلغاندەك ئىدى . يۈك – تاقلىرىمىزنى ئاستىمىزغا قويۇپ قىستىلىپ ئولتۇراتتۇق . يول توپا – چاڭ ئىدى . بىز ئۈرۈمچىدە بىر نەچە كۈن تۈرۈپ يەنە يۈك ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ ماڭدۇق . تاكى شڭشادىن ئۆتۈپ يۈمىنگە بارغاندىن كېيىنلا پويىزغا چىقتۇق . بىز لەنجۇغا بارغاندىن كېيىن ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتۇق . مەن غەربى شىمال مىللىتلەر ئىنستىتوتىنىڭ تەييارلىق فاكولتېتىدا ئوقۇدۇم . مەكتەپتە زوردۇن سابىرنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇراتىم . مىللىتلەر ئىنستىتوتىنىڭ كۈتۈپخانىسى ناھايىتى چوڭ ، ماتېريال ناھايىتى كۆپ ئىدى . مىللى تىل – يېزىقتكى كىتاپ – ژزورناللارمۇ ئاساسەن تولۇق ئىدى . زوردۇن سابىر ئاشۇ كۈتۈپخانىدا باش چوكۈرۈپ ئۆگنەتتى . بىر قېتىم مەكتەپ بويىچە ئېچىلغان يىغىندا مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنى ئۆزلىكىدىن ئۆگۈنۈپ خەنزۇ تىلىنى پىششىق ئىگەللەپلا قالماي يەنە كەسپىي بلىملەرنى ئۆگىنپ ئالىي مەكتەپكە دەرس ئۆتەلەيدىغان سەۋىيىگە تېزلا يەتتى ، دەپ ماختاپ كەتكەن ئىدى . زوردۇن سابىر بىزنىڭ سىنپقا ئەدەبىياتتىن ئومۇمىي ساۋات دەرسى بەرگەن ، دەرسنى ناھايىتى ياخشى ئۆتەتتى . ئۇنىڭ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش رەھى ھەممەيلەننى تەسىرلەندۈرەتتى ›› .

يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ كەسپىي بىلىم قۇرۇلمىسى مول ، نەزەريىۋى تەپەككۈرى چوڭقۇر بپلغاچقا تۈرمۈشنى كۈزىتىش ، ماتېريال تاللاش ۋە تاۋلاشقا ماھىر ئىدى . ئۇ ‹‹ مەن ماڭا ئىلھام بېرىدىغان تۇرمۇش ماتېريالىسىز زادىلا ئەسەر يازمايمەن ›› دېگەن . دىمىسىمۇ ئۇنڭ ئەسەرلىرى رېئال تۇرمۇشقا يېققىنلىقى بىلەن ئالاھىدە خاراكتېرلىنىپ تۇرىدۇ .يازۇچى ‹‹ ئەدەبىي ئەسەرنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم ›› ناملىق ماقالىسىدا ئۆزىنىڭ ‹‹ دولان ياشلىرى ›› ھېكايىسىنى يېزىش جەريانىدا مەكت ناھىيىسىنىڭ يانتاق يېزىسىدا تۇرمۇش ئۆگىنىشتە بولغانلىقىنى ، مويسىپىت كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ دولان ئۇسسۇلىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئىگەللىگەنلىكىنى ، ھەتتا ئۇلارنى دولان ئۇسسۇلىنى ئوينىتىپ كۆرگنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ . ئەدەبىي تەنقىتچى چىن شياۋيىڭ ‹‹ دولان ياشلىرى ›› ھېكايىسىغا باھا بېرىپ ‹‹ بۇ پەقەت ئۇغۇر يازغۇچىسىلا يېزپ چىقالايدىغان ھېكايە ›› دېگەن . ( چىن شياۋيىڭ زوردۇن سابىر ھېكايىلىرىدىكى كومېدىيىلىك تۇش توغرىسىدا ›› ) زوردۇن سابىر ئەسەرلىرى مىللىي خاراكتېر يارىتىش جەھەتتىمۇ زور ئۇتۇقلارغا ئىگە . ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدكى خاراكتېرلار خەلقىمىزنىڭ مىللىي روھىي پىسخىكىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ، تىل ، ھەرىكىت ، تەپەككۇرغىچە مىللى خاسلىققا ئىگە قىلىنغان . تەنقىدچى لېي ماۋكۇي ، چېن بەيجۇڭلار ‹‹ ئۆزگىچە تۇرمۇش كارتىنىسى ›› ناملىق ماقالىسىدا مۇنداق يازىدۇ : ‹ زوردۇن سابىر ھېكايىلىرى ئۇيغۇر تۇمۇشىنى ئەكس ئەتتۇرۇشكە ئىرادە باغلىغان خەنزۇ يازغۇچىلىرىغا ياخشى بىر ئۈلگىدۇر › تەنقىدچى ۋاڭ جۇڭمېڭ زوردۇن سابىر ئىجادىيىتىنىڭ تەسىرى ۋە ئورنى ئۇستىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ : ‹‹ زوردۇن سابىر ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر پروزا ئىجادىيىتىنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى ۋە شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ كەلگۇسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ ›› ( ‹‹ ۋاڭ جوڭمېڭ ‹‹ زوردۇن سابىر ھېكايىلىرىدىن تاللانمىغا كىرىش سۆز ›› ) .

يازغۇچى زوردۇن سابىر ئۆزىنىڭ ‹‹ ئىجادىيەت ۋە تۈرمۈش ›› ، ‹‹ مەن بېسىپ كېلىۋاتقان مۇساپە ۋە ئىزدىنىش ›› ، ‹‹ ئەسەبىي ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم ›› ، ‹‹ تالانت ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرىش ۋە نادىر ئەسەر يارىتىش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم ›› ، ‹‹ ئېسىل ئەسەر توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم ›› ، ‹‹ تەنقىد ئەخلاقى توغرىسىدا سۆز ›› قاتارلىق ناقالىلىرىدە ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەققىدى بىر قاتار قارشلىرىنى شەرھىلىگەن . يازغۇچىنىڭ قاراشلىرى رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسسۇلىنىڭ چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىنىشى ھەم تەسۋىق قىلىنىشى بولۇپ ، ئەدەبىياتىمىزدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئىنتايىن ئاكتىپ ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ . يازغۇچىنىڭ بۇ ماقالىلەردە ئوتتۇرىغا قويغان ئىجادىيەت تەجرىبىلىرى ياش ئەدىبلىرىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك دەرسلىك بولدى . تۇرمۇشنى مەنبە قىلىش ، تىپ ۋە تىپىكلىككە ئەھمىيەەت بېرىش ، بەدىئىي پىششىقلاشقا ماھىر بولۇش قاتارلىق رېئالىزمىلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىدىكى ئاساسىق پرىنسىپلار بولۇپ ، زوردۇن سابىر ئۆزىنىڭ ‹‹ ئەدەبىي ئەسەەرلەرنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم ›› ، ‹‹ ئىجادىيەت ۋە تۇرمۇش ›› قاتارلىق ماقالىلىرىدە ئەمەلىي تەجرىبىلىرى ئاساسىدا ئۇنى مەخسۇس شەرھلەپ ئۆتكەن . ئۇ تىپ توغرىسىدا توختالغاندا ، ‹‹ مەن ئەسەرلىرىمدە پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرىنى گەۋدۇلەندۇرۇشكە ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكى بىلەن كىتاپخانلارنىڭ ئېسىدە قېلىشىنى قولغا كەلتۇرۇشكە تىرىشىمەن ›› دەيدۇ .

زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىيات قارازشلىرى ئىچىدە ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي رولى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ . ئۇ تېما تاللىغان ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى تاللىدى . ئۇنى يازغاندا ئۆزىنڭ يېزىۋاتقىنىنىڭ رېئاللىققا ، خەلق ئېڭىغا قانچىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى . مەسىلەن : ئۇ ‹‹ ئىجادىيەت ۋە تۇرمۇش ›› ناملىق ماقالىسىدە ‹‹ ئېھ ، توپىلىق يول ›› ، ‹‹ ئۇنتۇمايمەن ، گۇلسار ›› ناملىق ھېكايىلىرىنى يېزىشتىكى مەقسىتى ۋە سەۋەبىنى تپنۇشتۇرىدۇ : يېزىلاردا دېھقانلار باي بولغاندىن كېيىن گەرچە ماددىي جەھەتتە باي بولسىمۇ ، مەنىۋى جەھەتتە يەنە كۆپلىگەن دېھقانلىرىمىزنىڭ نامرات ئىكەنلىكىنى يازغۇچى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن . نەتىجىدە ‹‹ ئېھ ، توپىلىق يول ›› ھېكايىسى ئارقىلىق دېھقانلىرىمىزنىڭ مەنىېى جەھەتتىمۇ باي بولىشىغا تەسىر كۆرسەتمەكچى بولغان . ‹‹ ئۇنتىمايمەن ، گۇلسار ›› ھېكايىسى ئارقىلىق يېزىلاردا ئالدىن بېيىغان كىشىلەرنىڭ ئارقىدا قالغانلارغا ياردەم بېرىشكە تەسىر كۆرسەتمەكچى بولغان . ئەمەلىيەتتىمۇ يازغۇچىنىڭ بۇ ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە زور تەسىر قوزغىدى . دېھقانلىرىمىزنىڭ ئاڭ ۋە مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى . دېمەك ، يازغۇچى زوردۇن سابىر ئەدەبىياتنىڭ ئىجادىيەت پرىنسىپلىرىنى ئۆزىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى ئارقىلىق راۋاجلاندۇرغان ، بېيىتقان يازغۇچى . ئۇنىڭ نەزىريىۋى قاراشلىرى ماكسىم گوركى قاتارلىق پرولېتارىيات يازغۇچىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئەدەبىيات قاراشلىرىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيا ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرگەن ۋە چوڭقۇرلاشتۇرغان قارشلار بولۇپ ، بىز ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك .

ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىدا ، زوردۇن سابىر مۇھىم بىر تەتقىقات تېمىسى . يالغۇز ئئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن 86 ھېكايىسى ، توت رومان ( جەمئىي يەتتە كىتاپ ) توققۇز پوۋېستى ، ئىككى دراممىسى ، ئىككى ئەسلىمىسى ، ئىككى زىيارەت خاتىرىسى شۇنداقلا ئالتە ماقالىسى بىزنىڭ تەتقىق – تەھلىل قىلىش ئوبېكتىمىز بولۇپ قالماي يەنە يازغۇچىنىڭ ھاياتى ، ئەدەبىياتنى قىزغىن سۆيۇش روھىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ . چۈنكى ئۇنىڭ ھاياتى توختىماي ئىزدىنىش ۋە ئىجاد قىلىش بىلەن ئۆتكەن ھايات ! 




#Article 163: سېرىق تەنلىكلەر (230 words)


سېرىق تەنلىكلەر(مۇڭغۇللوئىدلار مۇ دىيىلىدۇ): تىرىسى سېرىق ،چېچى ۋە كۆزى قارا، قاڭشىرى ئانچە ئىگىز ئەمەس ياكى سەل پاناقراق، يۇزى سەل ياپىلاقراق، بۇيى ئوتتورھال ياكى پاكارراق. ھازىرقى شەرقى ئاسىيا، شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى خەلقلەر ۋە ئامىرىكىدىكى ھىندىئانلار مۇشۇ تىپقا كىرىدۇ. ئامىرىكا ھىندىئانلىرى 30مىڭ يىللار ئىلگىرى شەرقى ئاسىيادىن ئامىرىكىغا كۇچۇپ بارغان ئاسىيالىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ قارىلىدۇ.

سېرىق تەنلىكلەر چوڭ جەھەتتىن شىمالى تىپ(ياپون،كورىيە،سىبىرىيىلىكلەر ۋە مانجۇ – مۇڭغۇللار)،شەرقى تىپ(ئومومەن خەنزولار) ۋە جەنۇبى تىپ(شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى مالاي قاتارلىق مىللەتلەر) دەپ ئۇچ چوڭ تۇرگە ئايرىلىدۇ. 

نۆۋەتتە سېرىق تەنلىكلەرنى مۇڭغۇلوئىد دىيىش ياكى دىمەسلىك خەلقارادا يەنىلا تالاش-تارتىشتىكى مەسىلە ، چۇنكى بۇ ئاتالغۇنى ئەڭ دەسلەپ 18-ئەسىردىكى ياۋروپالىقلار يىراق شەرقتىكى خەلقلەرگە بولغان تار چۇشەنچىسىگە ئاساسەن قويغان بولۇپ (چىڭگىزخان دەۋرىدىكى مۇڭغۇللارنىڭ ھەيۋىسى سەۋەپ بولغان بولۇشى مۇمكىن) ، ئەمىلىيەتتە تارىختىكى مۇڭغۇللار ياكى ھازىرقى مۇڭغۇللار ئېرقى تىپ جەھەتتىن بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغان خەلق، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە سېرىق تەنلىككە خاس ئالامەتلەردىن باشقا ئوتتورا ئاسيا قىسقا باشلىق ئېرقى تىپى، ھون ئالپىنوسلار تىپى ۋە قىسمەن شىمالى ياۋروپا ئىرقى بىلەن قەدىمقى بايقال ئېرقىنىڭ ئارلاشمىسى بولغان ئىككىلەمچى ئېرقى ئالامەتلەرمۇ(قەدىمقى بايقال تۇركلىرى) ناھايىتى گەۋدىلىك، شۇنداقلا مۇڭغۇللارنىڭ كىلىپ چىقىشى مەنبىئى ھەقىقى ئىنىقلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا پۇتكۇل شەرقى ئاسىيا سېرىق تەنلىك ئىنسان تۇركۇمىنىڭ ئېرقى نامىنى مۇڭغۇل دىگەن نامغا يۇكلەپ قويۇش توغرا ئەمەس. بۇ خۇددى ھازىرقى روسىيەدىكى تاتارلار ياۋروپالىققا ئوخشاپ قالغىنى ئۇچۇنلا ،پۇتكۇل ياۋروپا ئېرقىنى تاتار ئېرقى دەيلى دىگەندەك تولىمۇ كۇلكىلىك ئىش. بۇ ئاتالغۇ كىشىلەردە خاتا تويغۇ ۋە يەكۇنلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. شۇنداقلا ئىلمى تەتقىقات خىزمەتلىرىگىمۇ(بولۇپمۇ ئوتتورا ئاسىيا ئىنسانشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق ۋە تارىخ تەتقىقات ئىشلىرىغا) نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى ئىلىپ كىلىدۇ.




#Article 164: ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺑﻮﻧﺎﭘﺎﺭﺕ (1458 words)


ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺑﻮﻧﺎﭘﺎﺭﺕ

ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻟﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﭙﯧﺮﺍﺗﻮﺭﻯ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ (1) 1769- ﻳﯩﻠﻰ ﻛﻮﺭﯨﺴﻜﺎ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻛﺴﯩﺌﻮ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺑﻮﻧﺎﭘﺎﺭﺕ . ﺋﯘ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ 15 ﺋﺎﻱ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﻛﻮﺭﯨﺴﻜﺎ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﻛﻮﺭﯨﺴﻜﺎﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﻓﺮﺍﻧﺴﻮﺯﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﺯﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﺘﻰ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﺪﻯ . 1785- ﻳﯩﻠﻰ 16 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻼﺩﺷﯩﻲ ﻟﯧﻴﺘﯩﻨﺎﻧﺘﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﺪﻯ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﺎﻳﻨﯩﻤﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ 1793-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻟﯘﻥ ﻣﯘﮬﺎﺳﯩﺮﻩ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ( ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻥ . ) ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘ ﺗﻮﭘﭽﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ( ﺑﯘ ﭼﺎﻏﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘ ﻛﻮﺭﯨﺴﻜﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻓﺮﺍﻧﺴﻮﺯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ) ﺗﯘﻟﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘ ﺑﯩﺮﯨﮕﺎﺩﺍ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻟﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ . 1796- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻘﺎ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ . 1796-1797-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﺐ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ . ﭘﺎﺭﯨﮋﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .

 

ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺋﯧﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﻣﯩﺴﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ . ﺑﯘ ﺩﻩﺳﻤﺎﻳﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﻣﯩﺴﺴﺌﻮﻧﯧﺮ ﺳﯩﺌﺎﻳﺸﯩﻞ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﻗﻮﺯﻏﺎﭖ ﻳﯧﯖﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﮬﯩﻤﺎﻳﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﮬﺎﻛﯩﻤﻤﯘﺗﻠﻪﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﻘﺎﺑﻰ ﺋﯩﺪﻯ ، ﺧﺎﻻﺱ . ﺋﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻻ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﯜﻳﻘﻪﺳﺘﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻙ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ .
 
ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﺳﯩﺰ ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﮬﯘﻗﯘﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ . 1793-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻟﯘﻥ ﻣﯘﮬﺎﺳﯩﺮﻩ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ، ﺋﯘ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻧﺎﻣﻰ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻥ 24 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮ ﮬﯧﺴﺎﺑﯩﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ . ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﺎ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﯩﻞ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ، ﺗﯧﺨﻰ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ 30 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﺪﺍﺷﺴﯩﺰ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺮﺍﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . 
ﺋﯘ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ، ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ . ﺋﺎﻻﻳﻠﯘﻕ ، ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ، ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﻼﮬ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺑﺎﻧﻜﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ . ﮬﻮﻗﯘﻗﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﺩﻯ . ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻼﺭ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﻮﯓ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻟﻤﯩﺪﻯ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﺑﯘ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺧﻪﻟﻖ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ، ﻳﻪﻧﻰ  ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ  ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ . ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﻮﻧﻜﯧﺮﯨﺘﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ، ﺋﺎﻻﻳﻠﯘﻕ ، ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ، ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯚﺭﭖ - ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ . ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜﺷﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ، ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ، ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻚ ، ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﯩﻠﯩﻘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ، ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻼ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﯩﭽﻪ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ( ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ  ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ  ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ  ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ  ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻻﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ . ) ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭙﻼ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ .
 
ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﮬﯩﻤﺎﻳﯩﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺷﺘﻪ . ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، 1804- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺋﯧﻤﭙﯧﺮﺍﺗﻮﺭﻯ ﺩﻩﭖ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ . ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ ، ﺑﯘ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻐﺎ ﺋﯜﺯﯛﻝ - ﻛﯧﺴﯩﻞ ﺧﺎﺋﯩﻨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ . 
ﺑﯩﺮﺍﻕ ، ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﯩﺪﻯ . 

 

ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ . ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼﻧﺪﻯ . ﺷﯘﯕﺎ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ، 9- ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻟﺪﻯ . ﺭﻭﺳﻼﺭ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻏﺎ ﺋﻮﺕ ﻗﻮﻳﯘﭖ ، ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﯕﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﯞﻩﺗﺘﻰ . ﻣﻮﺳﻜﯩﯟﺍﺩﺍ ﺑﻪﺵ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﻛﯜﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ( ﺋﯘ ﺭﻭﺳﻼﺭ ﺳﯜﻟﮭﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺩﻩﭖ ﺑﯩﮭﯘﺩﻩ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻛﯜﺗﻜﻪﻥ ) ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻛﯧﭽﯩﻜﻜﻪﻧﯩﺪﻯ . ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﺧﺘﺎﯞﺳﯩﺰ ﮬﯘﺟﯘﻣﻠﯩﺮﻯ ، ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﮬﺮﯨﺘﺎﻥ ﺳﻮﻏﯘﻗﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﺋﯜﭺ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺶ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻻ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ .  ﺯﻭﺭ ﻗﻮﺷﯘﻥ  ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺍﻥ 10 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻼ ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﺎﻥ - ﺋﯧﺴﻪﻥ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ . 
ﺋﺎﯞﯨﺴﺘﯩﺮﯨﻴﻪ ، ﭘﺮﻭﺳﺴﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﻧﻰ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . 1813- ﻳﯩﻠﻰ 10- ﺋﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻟﯧﻴﯩﭙﺴﯧﮓ ﺟﯧﯖﯩﺪﻩ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻳﯩﻠﻰ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺗﻪﺧﺘﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ ، ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﻠﺒﺎ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻐﺎ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .
 

ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻻﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﺎﻻﻧﺘﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﺎﯓ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﯘﺷﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻨﻼ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﺴﻪ ﺋﯩﺪﻯ ، ﺋﯘ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ، ﺋﯘ ﭘﺎﺕ -ﭘﺎﺗﻼ ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﺳﯩﻐﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯩﺴﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﮔﻪ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ . ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﺴﺘﯩﺮﺍﺗﯩﮕﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺩﺍﮬﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﺗﯩﺰﯨﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ ؟ ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ ، ﺑﯩﺮ ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻟﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﻩ . ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﯧﻜﺴﺎﻧﺪﯦﺮ ، ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﯧﻤﯘﺭﻟﻪﯕﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ . ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﯧﻼﺳﯩﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘ 1815- ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺯﯦﻤﯩﻨﻰ 1789- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯩﻨﻘﻼﺑﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ . 

ﺷﻪﻙ - ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ ، ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺪﻯ . ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﮔﯧﺘﻠﯩﺮﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﻴﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﭘﻪﺭﻕ ﺑﺎﺭ . ﮔﯧﺘﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ - ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎﺳﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﺗﯩﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ؛ ﮔﯧﺘﻠﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ، ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﺎﺭﺍ ﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﭙﻪﺭﻩﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺗﯧﺮﺭﻭﺭﻟﯘﻕ - ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﻤﯩﻐﺎﻥ . ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ﻧﺎﺗﺴﯩﺴﺘﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺟﺎﺯﺍ ﻻﮔﯧﺮﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ . 
ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﺷﺎﻥ - ﺷﯚﮬﺮﯨﺘﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺑﺎﻟﯩﻐﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﮬﻪﺗﺘﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﯧﻜﺴﺎﻧﺪﯦﺮ ﻣﺎﻛﯧﺪﻭﻧﯩﺴﻜﯩﻴﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮔﯧﺘﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺗﯚﯞﻩﻥ . ( ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ ، ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻼﺭﺩﺍ 500000 ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﺎ ﮬﺎﻟﺪﺍ ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ 8 ﻣﯧﻠﻴﻮﻥ ﻧﯧﻤﯩﺲ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ . ) ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ، ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﮔﯧﺘﻠﯩﺮﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﺗﯚﯞﻩﻥ .

 
ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻤﻠﯩﻘﻰ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﺎﻟﯧﻜﺴﺎﻧﺪﯦﺮ ﻣﺎﻛﯧﺪﻭﻧﯩﺴﻜﯩﻴﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮔﯧﺘﻠﯧﺮﺩﯨﻦ ﻣﯘﮬﯩﻤﺮﺍﻕ . ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﻳﺎﺳﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺋﻮﻥ ﻳﻪﺗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺷﯘﯕﺎ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺟﻪﮬﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻣﺎﺑﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﺗﯚﯞﻩﻥ . ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ ، ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯜﺯﯛﻣﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺑﯘﺭﮊﯗﺋﺎﺯﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﻻﮔﯧﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ . 1815- ﻳﯩﻠﻰ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻠﯩﻖ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻡ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﻛﻮﻧﺎ ﺗﯜﺯﯛﻣﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻨﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . 1799- ﻳﯩﻠﻰ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﮬﺎﻛﯩﻤﻴﻪﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ، ﻛﻮﻧﺎ ﺗﯜﺯﯛﻣﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﭖ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ . ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻧﯧﻤﯩﻼ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ، ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﺪﺍ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻠﯩﻖ ﺗﯜﺯﯛﻣﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﻪﻙ ﻗﺎﺭﺍ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻏﺎ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ . 
ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ، ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﻻﺗﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺷﺘﯘﺭﯗﯞﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﻪ ﻻﺗﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺗﯧﺰﮔﯩﻨﻠﯩﻴﻪﻟﻤﯩﺪﻯ . ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ ﻻﺗﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺸﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﺪﻯ .
 
ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ، ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﯞﻩ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭ ، ﻳﻪﻧﻰ 1803- ﻳﯩﻠﻰ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ . ﺋﯘ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﺪﺍﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭘﯘﻝ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﻟﯘﺋﯩﺴﺌﺎﻧﺎ ﺷﺘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻳﻪﺭ - ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ . ﺑﯘ ﺷﯩﺘﺎﺗﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﭼﻮﯓ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﺩﻯ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻟﯘﺋﯩﺴﺌﺎﻧﺎ ﺷﯩﺘﺎﺗﯩﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﯘﻧﻰ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻜﻰ ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ . ﺩﻩﺭ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﻟﯘﺋﯩﺴﺌﺎﻧﺎﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﭼﻮﯓ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﺎﻻﻣﺘﻰ - ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻣﺘﻰ ؟ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﻟﯘﺋﯩﺴﺌﺎﻧﺎﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺸﺘﻪ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺷﯜﺑﮭﻪ ﻳﻮﻕ . ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻜﻰ ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﭘﺎﺋﺎﻝ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﻮﺩﯨﻨﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ . ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻟﯘﺋﯩﺴﺌﺎﻧﺎﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭﻯ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻳﻠﯩﭽﻪ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﮬﯚﻛﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .




#Article 165: سوپىزم (تەسەۋۋۇپ) (1340 words)


تەسەۋۋۇپ دېگىنىمىز پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇبارەك ھاياتى بىلەن زاھىرى (تاشقى) ۋە باتىنى (ئىچكى) جەھەتتىن پۈتۈنلىشىپ، چوڭقۇر بىر مۇھەببەت بىلەن بىر يەرگە كېلىش دېگەنلىكتۇر. چۈنكى، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زاھىرى-باتىنى، ئىچكى ۋە سىرتقى تەجەللىلىرى، يەنى ھالىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ روھانىيىتىدىن پاي ئېلىش ۋە روھى جەھەتتە ئۇنىڭ بىلەن مەزج (ئارىلىشىپ كېتىش، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كېتىش دېگەن مەنىدە) بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا تەسەۋۋۇپ ـــ ئىشىق مۇھەببەت بىلەن بىرلەشكەن ئىمان، ۋەجد (سۆيگۈ-مۇھەببەت) بىلەن ئادا قىلىنغان ئىبادەت ۋە گۈزەل ئىش-ھەرىكەتتۇر. قىسقىسى، تەسەۋۋۇپ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا «روھ (جان) كىرگۈزۈلۈشى» بىلەن باشلانغان بىر ئۇلۇغ نېسىۋىنىڭ ئاخىر زامان پەيغەمبىرىدىكى مۇكەممەل نامايەندىسىدىن مۇھەببەتلىك كۆڭۈللەردە ئەكس ئەتكەن پەيز (مەنىۋى ئۇزۇق) شەبنەملىرىدۇر. 
تەسەۋۋۇپنىڭ ماھىيىتىنى تەشكىل قىلغان بۇ سالاھىيەت ۋە ئىقتىدارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتىدىكى قەلبتىن قەلبكە، شەخستىن شەخسكە تارقىلىش ئەھۋالىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇ مۇبارەك پەيغەمبەرنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالىغا تولۇق نەزەر سېلىش لازىم. 
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاياتىنىڭ ھەر ساھەسىدە ئۈسۋەئى-ھەسەنە (ئەڭ گۈزەل ئۆرنەك) بولغىنىدەك، ئىنسانلارنى تەربىيىلەش، مەنىۋى جەھەتتە پاكىزلاش جەھەتتىمۇ ئەڭ گۈزەل ئۆرنەكتۇر. پەيغەمبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ نۇرغۇن ۋەزىپىسى ۋە سالاھىيىتى بار بولغان. ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگەن تۆۋەندىكى تۆت ۋەزىپە ئالاھىدە گەۋدىلىك بولۇپ، تېخىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان: 

ئىلاھىي ئەھكامنى شەرھىلەش، ئىزاھلاش ۋەزىپىسى ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن «ئىجتىھاد» ئىسمى ئاستىدا داۋاملاشماقتا. ئەھلى يوق ئەھۋاللاردا بۇ ئىش بەزىدە بىر تەرەپتە تاشلىنىپ قالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئائىت ئېھتىياج ۋە زۈرۈرىيەت ھەمىشە باقى قالغان. بۇ ۋەزىپە ئىجتىھاد ماقامىغا ئېرىشكەن ئالىملارغا ئائىتتۇر. 

تەسەۋۋۇپ ئەسلىدە دىننىڭ ماھىيىتىنى تەشكىل قىلىشى جەھەتتىن ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن باشلىنىپ، ئەسرى-سائادەت (پەيغەمبىرىمىز ۋە دەسلەپكى تۆت خەلىپە دەۋرى)گە قەدەر بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ھەر پەيغەمبەرنىڭ ھاياتىدا تەسەۋۋۇپنىڭ نۇرغۇن دەستۇرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. لېكىن تەسەۋۋۇپنىڭ كۈنىمىزدىكى مەنىسى بىلەن سىستېمىلىق بىر ئىلىم شەكلىدە كىتاپلىشىشى ۋە سۈلۈك بولغان بىر يول شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى ھىجرىيە 2-ئەسىردە باشلانغان. 
ئەسرى-سائادەتتە كالام، ئېتىقاد ۋە فىقىھقا ئائىت مەزھەپلەر تېخى شەكىللەنمىگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مەزھەپلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ئىلگىرىلا ئېتىقادى، فىقھى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھۆكۈملەر مەۋجۇت ئىدى ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنى ساھابىلەرگە تەلىم ۋە تەتبىق قىلغان ئىدى. لېكىن بۇلار ئىلمىي ئۇسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تېخى كىتاپلاشمىغان ئىدى. مۇئەييەن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مەسىلەن: «فىقىھ»ئىلمىدە نۇپۇزلۇق ھېساپلانغان چوڭ ئالىملارنىڭ ئىجتىھادلىرىنى تالىپلىرى قوبۇل قىلىپ سىستېمىلاشتۇرغان ۋە بۇ يەردىكى پەرقلىق ئۇسۇللارغا «مەزھەپ» ئىسمى بېرىلگەن ئىدى. مەزھەپلەر ئۇ چوڭ ئالىملارنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئىدى. ھەنەفىي، شافىئىي، مالىكىي، ھەنبەلىي... دېگەندەك. بۇ مەزھەپلەر فىقھىي ئېھتىياجلارنى ھەل قىلىشتا بىر ئوسۇل ۋە يول دەپ قارىلىپ، كەڭ خەلق تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىدى. 
باشقا دىنىي ئىلىملەردە بولغىنىدەك، تەسەۋۋۇپ تەلقىن قىلغان زۈھد ۋە تەقۋا ھاياتىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا ئەسرى-سائادەتتە مەۋجۇت ئىدى. ئارىدىن ۋاقىت ئۆتكەنسىرى بۇ خىل پەيزلىك ياشاشنى داۋاملاشتۇرغان ۋە ئۆزىنىڭ ھايات ئۇسلۇبىغا ئايلاندۇرغان ھەقتائالا دوستلىرى خەلقنىڭ دۇنياغا رام بولۇپ، غەپلەتكە چۆكۈپ كېتىشىنى توسۇش مەقسىتىدە ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ، غەپلەتتىن ئويغىتىش ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. بۇ زاتلارنىڭ چىغىر يول ئېچىش، تەرىقەت ياكى ياشاش ئۇسلۇبى مەيدانغا كەلتۈرۈشتەك بىر غايىسىمۇ يوق ئىدى. تۈپ غايىسى ــــ ئىسلامنىڭ ماھىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا گۈزەل ياشاش ۋە ئىبادەتلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەتتە بىلدۈرۈلگىنى بويىچە تەئدىل-ئەركان بىلەن ئادا قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ سۆھبەت ۋە نەسىھەتلىرىدىن نەپ ئېلىپ، ھاللىرىدىن ئۆزىگە بىر پاي ئالماق ئىستىگەن ئىنسانلار بۇ زاتلارنى ئۆزىگە بىرەر مەنىۋى رەھبەر ۋە ئۇستاز دەپ قوبۇل قىلغان. بۇ ئىنسانلار ئۇ زاتلارنىڭ نەسىھەتلىرىنى، يەنى مۆمىننى روھى تاكامۇللۇققا ۋە ئىستىقامەتكە (توغرا يولغا) يېتەكلەيدىغان نەپسىي پاكىزلىق ۋە تەربىيە ئۇسۇللىرىنى مېتودلاشتۇرۇپ مەنىۋى ئىنتىزام ھالىتىگە كەلتۈرگەن. نەتىجىدە بۇ ئۇستازلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتالغان تەرىقەتلەر مەيدانغا كەلگەن. قادىرىييە، مەۋلەۋىييە، نەقشىبەندىيە... ۋاھاكازالار. 
ھەر تەسەۋۋۇپ يولىنىڭ بەندىنى ئاللاھقا يېتەكلەش، تەپەككۈر ۋە ئىھسان تۇيغۇسىنى كۈچلەندۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسلاردا قوللانغان ئۇسۇلى تەرىقەت دەپ ئاتالغان. تەرىقەتلەر مېتودلىرىغا ئاساسەن ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ: 

بۇ سەۋەپتىن ھەر مۆمىن مەنىۋى پاكلىق ۋە روھى تاكامۇللۇق ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مىجەزىگە ئۇيغۇن كەلگەن بىرەر تەرىقەتكە كىرسە بولىدۇ. مىجەز پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تەرىقەتلەرنىڭ خىلمۇ-خىل بولۇشىمۇ تەبىئىيدۇر. 
جانابى ئاللاھ قۇرئانى-كەرىمدە مۇنداق دېگەن: 
لِكُلٍّ جَعَلْنَا مِنْكُمْ شِرْعَةً وَمِنْهَاجًا 

بۇ يەردىكى «مىنھاج» كەلىمىسى لۇغەتلەردە «مونەۋۋەر بىر يول، ئوچۇق يول» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ جانابى ئاللاھقا يېقىنلىشىش نىيىتىدە سۈلۈك بولىدىغان قۇللۇق (بەندىلىك) يولى دېگەنلىكتۇر. تەسەۋۋۇپ ئۈلىمالىرى: 

يەنە بىر تەرەپتىن قۇرئانىي ھۆكۈملەر ئۈچكە ئايرىلىدۇ: 

فىقھى قەلبى دېگەنلىك ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى، يەنى ئەخلاقتۇر. ئېتىقاد ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنىڭ باتىنىنى (ئىچكى قىسمىنى) تەشكىل قىلىدۇ. ئەمەللەر ئۇنىڭ بىلەن سەۋىيەگە ئېرىشىپ، «سالىھ ئەمەل» ھالىتىگە كېلىدۇ. قۇرئانى-كەرىمدە قەلبنىڭ مەقبۇل ھالىتىنى بىلدۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم سۈپەتلەر: تەقۋا، زۈھد ۋە ئىھساندۇر. 
تەقۋا: ئاللاھقا ئالدىدا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئىچىدە ئىلاھىي ئەمىر-پەرمانلارنى ئەستايىدىل، ئىنچىكىلىك بىلەن ئورۇنلاش ئارقىلىق قەلبنىڭ قوغدىلىشى دېگەنلىكتۇر. 
زۈھد: ماسىۋا، يەنى ئاللاھتائالادىن باشقا ھەر قانداق شەيئىنىڭ قەلبتە ئىتىبارىنى يوقۇتۇشىدۇر. 
ئىھسان: مۆمىننىڭ ئۆزىنى ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىشى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى مۇشۇ تۇيغۇ ئىچىدە داۋاملاشتۇرۇشىدۇر. 
ھەدىس-شەرىفتە: 
(اَلْاِحْسَانُ) أَنْ تَعْبُدَ اللهَ كَأَنَّكَ تَرَاهُ فَأِنْ لَمْ تَكُنْ تَرَاهُ فَأِنَّهُ يَرَاكَ 

دىننىڭ غايىسى گۈزەل، روھى ساغلام، ئىچكى دۇنياسى پاك بولغان ئىنسان يېتىشتۈرۈشتۇر. بۇ بولسا ھەقتائالانىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىق ھىس قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىنسان (مۇكەممەل ئىنسان) ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلانغان كىشىلەردۇر. بۇ غايىگە يېتىش يولى بولسا قەلبىي تەربىيە ئارقىلىق بولىدۇ. 
قەلب جەۋھىرىنى پارلاق بىر ئەينەك كەبى ھەقتائالانىڭ تەجەللىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش قەلبتە زىكىرنىڭ ماكانلىشىشى ئارقىلىق مۇمكىن بولىدۇ. قەلبنىڭ بۇ گۈزەل ھال ئىلە ھەقتائالا تەرەپكە بۇرۇلۇشى ئىماننىڭ پارلاق نامايەندىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ. 

ئىپادە قىلغىنىمىزدەك، بەندىنىڭ رەببىنى ھەر دەقىقە كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئۆزىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىپ، ھاياتىنى مۇشۇ تەرتىپتە ئۆتكۈزۈشى، ئاللاھنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىق ئاڭ-سىزىمىنىڭ قەلبىگە مەھكەم يەرلىشىشىدىن ئىبارەت بولغان «ئىھسان» بىر قاراشتا ئاللاھقا يېقىن بولغان بەندىلەرنىڭ روھ مېراجىدۇر. بۇ جەھەتتە ئىھسان مەنىۋى، روھى، سىرلىق ۋە ئىلاھىي ھەقىقەتتۇر. مۇتەسەۋۋۇپلارنىڭ نىشانى بولسا مۇشۇ ھەقىقەتكە يېتىشتۇر. بۇ بولسا ئاللاھ بىلەن باغلانغان روھى ۋە چوڭقۇر رابىتانى ئىپادىلەيدۇ. بۇ رابىتانى ساغلام ھالدا باغلىيالىغان كىشى رەببىنىڭ ۋەلى بەندىسى ھالىتىگە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ كىشى ئىلاھىي ئەخلاق بىلەن ئەخلاقلانغان بولىدۇ. 
ئەمما بۇ ھەقىقەتكە يېتەلمىگەن ئەھۋالدا نىشانغا يېتىشكە كۈچى يەتمەيدىغان زاھىر (تاشقى كۆرۈنۈش) ۋە تەقلىد ئىلە قانائەت قىلغان پېتى قالىدۇ. 
ھەزرىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقى ۋە ياشىغان روھى ھاياتىنى ساھابىلەر، تابىئىنلار ئۆرنەك قىلغان. بۇ ھاياتنىڭ زاھىرى ۋە باتىنى، كۆرۈنگەن ۋە كۆرۈنمىگەن قىسمى، ئىزاھلانغان ۋە ئىزاھلىنالمىغان نەتىجىلىرى ئىلگىرىكى نەسىللەردىن كېيىنكى نەسىللەرگە يەتكۈزۈلگەن. لېكىن بۇ خىل شەكىلدە داۋاملاشقان مەنىۋى ھايات پۈتۈن ئۈممەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھالدا بولۇپ، خۇسۇسىي بىر جامائەتكىلا مەخسۇس ئەمەستۇر. 

ئىسلامنىڭ تۈپ قارىشى يۇقارقىدەك بولۇش بىلەن بىرلىكتە تەسەۋۋۇپنى ئەھلى سۈننەت قارىشىغا يات دەپ قارايدىغانلار ياكى مەنفى پۇزىتسىيە تۇتىدىغانلار ئۇنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ھەر خىل كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. 
پەقەت تەلەپپۇزىنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىغا قاراپلا تەسەۋۋۇپتىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك پائالىيەت يۇنانچە «ھېكمەت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈدىغان «سوفوس» (sofos) دېگەن سۆزدىن كەلگەنلىكىنى سۆلىگۈچىلەر بولغىنىدەك، ئۇنى ئىسرائىل (يەھۇدى نوقتىئنەزىرى) مەنبەسىدىن كەلگەن دېگۈچىلەردىن باشلاپ ھىند مىستىسىزمىگە باغلىغۇچىلارغا قەدەر خىلمۇ-خىل تۇتامى يوق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارمۇ چىققان. بۇلار سۆز ياكى مەزمۇندىكى كىچىككىنە ئوخشاشلىقنى تۇتۇۋېلىپلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خاتا قاراشلاردۇر. 
ھەقىقەتتە بولسا «تەسەۋۋۇپ» كەلىمىسىنىڭ قايسى تۇمۇردىن كەلگەنلىكى ھەققىدە ئىسلام ئالىملىرى ئارىسىدىكى قاراشلار ئۇنىڭ تامامەن ئىسلامىي مەنبەدىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ خۇسۇستا خىلمۇ-خىل قاراشلار ئارىسىدا تەسەۋۋۇپنىڭ «پاكىزلىنىش»، «تاللىنىش» مەنىسىدىكى «ساپا»، «ساپۋەت» ۋە «ئىستىسفا» كەلىمىسىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئىپادىلىگەنلەر بولغىنىدەك، ئۇنىڭغا ئائىت ئۇسلۇبنىڭ تۇنجى نامايەندىسى بولغان «ئەھلى سۇففە» نامى بىلەن ياد ئېتىلگەن ساھابىلەردىن بەزى ئۇبباد (ئابىدلەر) ۋە زۈھھاد (زاھىدلەر) كىيگەن «سۈف» دېيىلىدىغان يۇڭ كيىمدىن كېلىپ چىققانلىق كۆز قارىشى ئۇمۇمەن قوبۇل قىلىنغان. 
يەنە بىر تەرەپتىن ئىلىم-ئىرپان ۋە مەنىۋىيەت تەھسىل قىلىش مەقسىتىدە مەسجىدى-نەبەۋىدە ئىقامەت قىلىدىغان «ئەھلى سۇففە» دەپ ئاتالغان بۇ ساھابىلەر جامائىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەشۋىقى بىلەن زۈھد ۋە تەقۋادا يۈكسەلگەن. ھەتتا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باي ساھابىلەردىن بۇ جامائەتنىڭ تۇرمۇش خىراجەتلىرىگە ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئەھۋال تەسەۋۋۇپى ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى ئالدىدىكى ئورنىنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرنىڭ تەستىقىغا تايىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر تارىخىي پاكىتتۇر. 
ھەزرىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىن ساھابىلەر نەسلى ئارىسىدا كېلىپ چىققان سىياسىي ئىختىلاپلار ئالدىدا «ئەھلى سۇففە»دىن ھايات بولغانلار ھېچبىر تەرەپكە يان باسماي بىتەرەپ قالغان ئىدى. ھەتتا بۇ ئىختىلاپلارنىڭ مۆمىنلەر ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق رىشتىسىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقىدىن ئىبرەت ئېلىپ، زۈھد ۋە تەقۋادا تېخىمۇ ئىلگىرلەپ كەتكەن ئىدى. بۇ ھالەت نەشۋەئى سۇفىييە (سۇپىلار ھىس قىلغان ئىلاھىي زەۋق)نىڭ زىيادىلىشىشىگە سەۋەپ بولغان. ئىختىلاپلارغا ئارىلىشىشنى مەنىۋى جەھەتتىن خەتەرلىك ھىس قىلغان باشقا ساھابىلەردىن بەزىلىرىمۇ ئەھلى سۇففەگە كېلىپ قوشۇلغان. شۇنىڭ بىلەن زۈھد ۋە تەقۋا يولىنى تۇتقانلارنىڭ سانىدا كۆپىيىش مەيدانغا كەلگەن. 

ئىسلام ئالىملىرى قۇرئان ۋە سۈننەتكە باغلىق بولۇشنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن تەقۋا يولىدا ماڭغان مۇتەسەۋۋۇپلار ئوتتۇرىغا قويغان ئەسەرلىرىدە تەسەۋۋۇپى قاراشلارنى مۇجتەھىدلەرگە ئوخشاشلا شەرئىي دەللىللەر بىلەن دەلىللەپ كەلگەن ئىدى. بىراق بۇ يولدا رەھبەرلەر، يەنى ماشايىخلار زاھىرنى ھەزىم قىلغان ئىنسانلاردىن تاللانمىغان بىر قىسىم تەرىقەتلەردە «نەشۋەئى سۇفىييە»نىڭ غالىب كېلىشى سەۋەبىدىن بەزى ئېغىشلار سادىر بولغان. لېكىن تەرىقەتلەر ئارىسىدا شەيىخلىرى ئۇمۇمەن ھاجەگان، يەنى ئىلىم ئەربابى ئالىملاردىن، دىننىڭ زاھىرىنىمۇ ھەزىم قىلغان ئىنسانلاردىن بولغانلار بۇ خىل ئېغىشتىن خالىي قالغان. تەسەۋۋۇپ تەرىقىتى ئىچىدە قۇرئان ۋە سۈننەت بىلەن داۋاملاشقان نەقشىبەندىلىك ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلار تەرىقەتلەرنىڭ شەرىئەتكە سادىقلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن مەرۇف (ھەممىگە مەلۇم) تەبىر بىلەن ئېيتقاندا: 

دەرۋەقە، ھەزرىتى مەۋلانا مۇنداق دېگەن: 




#Article 166: قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى (373 words)


قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى قەدىمكى ئارامى يېزىقى ئاساسىدىكى كونا سوغدى يېزىقىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئېلىپبەلىك يېزىق بولۇپ، يېزىق تارىخىمىزدىكى يېڭى بىر دەۋر ھېسابلىنىدۇ. بۇ يېزىق ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىن ئىدىقۇت خانلىقى ۋە قاراخانىلار سۇلالىسىدە كەڭ قوللىنىلغان، جۈملىدىن شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى كۆپلىگەن تۈركىي تىللىق خەلىقلەرنىڭ ئورتاق يېزىقى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىغا قارىغاندا شۇ دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە ئۇيغۇنلاشقان بىر قەدەر ئىلمىي يېزىق بولغاچقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى تولۇق ئىپادىلەپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ قوللىنىلىپلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلار ۋە قەبىلىلەر ئارىسىدىمۇ ئومۇملاشقانلىقى كېيىنكى ۋە يېقىنقى مەزگىللەردە جاھان تۈركشۇناسلىرى تەرىپىدىن تولۇق ئاساسلار بىلەن ئىسپاتلاندى. 10- ئەسىردە ياشىغان ۋە شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن مەشھۇر سەيياھ ۋاڭ يەندېنىڭ: «ئۇيغۇرلار شېئىر-قوشاق يېزىشقا ناھايىتى ھەۋەسمەن كېلىدىكەن، ئۆز يېزىقلىرىنى كۈندىلىك ھاجەتلىرىگە ئەدەبىي ئەسەر يېزىشقا ئىشلەتكەندەك ئىشلىتىدىكەن. راھىبلارنىڭ قولىدا ئۇيغۇرچە يېزىلغان كىتابلار بەك كۆپ ئىكەن» دەپ يازغانلىقى بۇنىڭ ياخشى ئىسپاتى بولالايدۇ.

ئۇيغۇرلار قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى 8- ئەسىردىن باشلاپ قوللانغان بولۇپ، تۈركىي خەلقلەر جۈملىدىن، ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقنى خېلى ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە ئىلگىرىكى ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى بىلەن قاتار قوللىنىپ كەلگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تۈركىي قەبىلىلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن خېلى ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ شىنجاڭ زېمىنىدا ياشىغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئارىسىدا كەڭ قوللىنىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا 8-11- ئەسىرلەرگىچە، تۇرپان، قۇمۇللاردا 14-15- ئەسىرلەرگىچە، خۇراسان ۋە ئالتۇن ئوردىدا 16- ئەسىرگىچە، گەنسۇدا ياشىغۇچى يۇغۇر (سېرىق ئۇيغۇر)لار ئارىسىدا بولسا، 19- ئەسىرگىچە قوللىنىلغان.

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تارىختا باشقا مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان. 13- ئەسىردە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا موڭغۇل يېزىقى ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، ئۇ يېزىق موڭغۇل خەلقى ئارىسىدا ھازىرغىچە قوللىنىلىۋاتىدۇ. 17- ئەسىردە موڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا مانجۇ يېزىقى ئىجاد قىلىنغان. كېيىن مانجۇ يېزىقى ئاساسىدا شىبە يېزىقى ئىجاد قىلىنغان. 1748- يىلى بۇ يېزىقلار موڭغۇل ۋە مانجۇ تىللىرىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە لايىقلاشتۇرۇلۇپ، بىر قېتىم ئىسلاھ قىلىنىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلگەندىن كېيىن ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا.

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ياكى سولدىن ئوڭغا يېزىلىدۇ. بۇ يېزىقتا جەمئىي 23 ھەرپ بولۇپ، بەش ھەر سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى، 18 ھەرپ 21 ئۈزۈك تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى سوزۇق تاۋۇشلاردىن «ئى، ئە» بىر ھەرپ بىلەن، «ئو، ئۇ» بىر ھەرپ بىلەن، «ئۆ، ئۈ» بىر ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن «ب، پ» بىر ھەرپ بىلەن، «ك، گ» بىر ھەرپ بىلەن، «د، ت» بىر ھەرپ بىلەن ئىپادىلەنگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەربىر ھەرپى باشتا، ئوتتۇرىدا، ئاخىرىدا كېلىدىغان ئۈچ خىل شەكىلگە ئىگە.

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ھەر خىل دىنىي مەزمۇندىكى يادىكارلىقلار ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر ناھايىتى نۇرغۇن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىدن ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگىلىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ:




#Article 167: چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى (289 words)


ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى گەرچە قىسمەن ئىسلاھ قىلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە مەلۇم دەرىجىدە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، يەنىلا ئەرەب تىلىنىڭ خۇسۇسىيىتى، فونىما سىستېمىسى ئاساسىدا لايىھىلەنگەن يېزىق بولغاچقا، ئۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى، فونېما سىستېمىسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمىدى. شۇڭا 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ شۇ دەۋرنىڭ ئەدىبلىرى، تىلشۇناسلىرى تەرىپىدىن بۇ يېزىق داۋاملىق ئىسلاز قىلىنىپ، تولۇقلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى بىر قەدەر توغرا ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان، ئۆگىنىشكە، يېزىشقا ئەپلىك ھالەتكە كەلتۈرۈلدى.

شىنجاڭ يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئىقتىسادىي، مەدەنىي، دىنىي ۋە سودا ئالاقىلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەب تىلىدىن باشقا پارس تىلىدىنمۇ نۇرغۇن سۆزلەر قوبۇل قىلىندى. بۇ خىل سۆزلەرنى ئاساسلىقى ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى توغرا ئىپادىلەشكە ئەرەب يېزىقىدىكى ھەرپلەر يېتىشمىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن پارس يېزىقىدىن «پ، چ، گ، ژ» قاتارلىق ھەرپلەر چاغاتاي ئۇيغۇر ئېلىپبەسىگە قوبۇل قىلىندى. شۇنداقلا بۇ يېزىقتىكى ھەرپلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئېنىق ئايرىلدى. مەسىلەن، «ح، ث، ذ، ص. ض. ط. ظ، ع » ھەرپلىرى پەقەتلا ئەرەب تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنى خاتىرىلەشتە ئىشلىتىلىدىغان، ئۇيغۇر تىلىغا خاس سۆزلەر بولسا، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا ئەنئەنىسى بويىچە يېزىلىدىغان بولدى. مۇشۇنداق بىر قاتار ئىسلاھاتلاردىن كېيىن 14- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلىغا، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى بۇ رايوندا ئورتاق قوللىنىلىدىغان يېزىققا ئايلاندى.

چاغاتاي دېگەن نام 14- ئەسىردىن باشلاپ شىنجاڭ بىلەن ئامۇ دەرياسى ئەتراپىدىكى كەڭ رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى چاغاتاي خاننىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نامى بولۇپ، شۇ دەۋردىكى مۇشۇ كەڭ رايوندا قوللىنىلغان تىل ھەم يېزىق شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىغىچە قوللىنىلدى. بۇ دەۋرنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئالىملىرى، ئەدىبلىرى، شائىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ئەسەرلىرىنى مۇشۇ يېزىق بىلەن يېزىپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇردى. ئالەمشۇمۇل شائىر ئەلىشىر نەۋائىي «چاھار دىۋان»، «مۇھاكىمە تۇللۇغەتەين»، «خەمىسە نەۋائىي» ناملىق مەشھۇر ئەسەرلىرىنى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا يازغان. بۇ يېزىقنىڭ قوللىنىلغان دەۋرى ئۇزۇن، يېزىلغان ئەدەبىي، تارىخىي، تېببىي ئەسەرلەر ھەم ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلەر ناھايىتى كۆپ، بۇلاردىن ھازىرقى دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن، ۋەكىللىك خاراكتېرغا ئىگىلىرىدىن:




#Article 168: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى (428 words)


ئازادلىقتىن كېيىن پارتىيىمىز مىللىي تىل-يېزىق ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. 1950- يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قارىمىقىدا «شىنجاڭ مىللەتلەر تىل –يېزىقىنى مۇزاكىرە قىلىپ يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى» قۇرۇلدى. بۇ ھەيئەت خىزمەتنى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىش، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىكى ئاخبارات، نەشرىيات، مەتبۇئات، تىل-يېزىق خادىملىرى، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئارىسىدا كۆپ قېتىم مۇزاكىرە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشلار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېلىپبەسى بىلەن «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىلىرى» نىڭ لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، 1953- يىل 10- ئايدا ئۈرۈمچىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ مۇزاكىرە قىلدى. 1954- يىل 3-ئايدا ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ۋەكىل قاتناشتۇرۇپ چاقىرىلغان تىل-يېزىق خىزمىتى يىغىنىدا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېلىپبەسى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىلىرىنىڭ لايىھىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى. بۇ لايىھىنى سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى 1954- يىل 4- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى 21- سانلىق ھەيئەتلەر يىغىنى بىلەن 125- سانلىق مەمۇرىي يىغىندا ماقۇللاپ، 1954- يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش توغرىسىدا قارار چىقاردى.
ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ بۇ ئېلىپبەسىدە ئۇيغۇر تىلىدا مۇستەقىل فونېما سۈپىتىدە قوللىنىلمايدىغان، پەقەت ئەرەب تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنى يېزىشتا ئىشلىتىلىدىغان « ح، ث، ذ، ص. ض. ط. ظ، ع» قاتارلىق سەككىز ھەرپ ئېلىپبە جەدۋىلىدىن چىقىرىپ تاشلاندى. شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىدا ناھايىتى كەڭ قوللىنىلىدىغان، ئۇيغۇر يېزىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان سوزۇق تاۋۇشلارنى ئىپادىلەيدىغان سەككىز فونېما ئۈچۈن «ئا، ئە، ئې، ئى، ئو (ئو، ئۆ)، ئۇ (ئۇ،ئۈ) دىن ئىبارەت ئالتە ھەرپ قوشۇلدى. ئېلىپبە تەرتىپى بىلەن ھەرپلەرنىڭ نامى قايتىدىن بېكىتىلدى. بۇمۇ ئەمەلىيەتتە چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان يېقىنقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئىبارەت بىر قېتىملىق ئىسلاھات بولسىمۇ، يېزىق شەكلى ھەم يېزىق سىستېمىسى جەھەتتىن چوڭ پەرق بولمىغاچقا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ باسقۇچلىرى ھېسابىدا ئۇنىڭ تەركىبىگە قوشۇۋېتىلدى. بۇ يېزىق 1954- يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 1976- يىل 8- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە ھەممە ئاخبارات-نەشرىيات، مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خەت-ئالاقە ھۆججەتلىرىدە، مەدەنىيەت-مائارىپ سەھەلىرىدە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلدى. ئۇيغۇر تىلىنى ئىپادە قىلىغۇچى 32 تاۋۇش بۇ يېزىقتا 30 ھەرپ بىلەن ئىپادىلەندى.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى كەڭ مەنىدە چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىن كېيىنكى يېزىقنى، يەنى ئازادلىقتىن كېيىن قوللىنىلغان يېزىقنى، تار مەنىدە لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى قوللىنىلىشتىن توختاپ، قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھەمدە بىر ئاز تولۇقلاپ ئىسلاھ قىلىنغان ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى 1000 يىللار مابەينىدە خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇس، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم روللارنى ئويناپ كەلمەكتە. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، مۇشۇنداق ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا مەلۇم ئېھتىياجلار تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆلىمى ئوخشاش بولمىغان ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ئىسلاھاتلارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كەلگەنلىكى ئۈچۈن يېزىق تەرەققىيات تارىخىمىزدا ئاكتىپ رول ئوينىدى. يەنە بەزىلىرى بولسا، ئۇنىڭ ئەكسىچە پەسسىپ رول ئوينىدى.

قىسقىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى بىر قەدەر ئىلمىي، ئاممىباب، تامغىلىرى ئاددىي، ئوقۇش-ئوقۇتۇش، ساۋات چىقىرىشقا بىر قەدەر ئەپلىك يېزىققا ئايلىنىپ، خەلقىمىزنىڭ پەن-مەدەنىيەت ئۆگىنىشى، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى مۇھىم قورالغا ئايلاندى.




#Article 169: ئورخان پامۇك (375 words)


تۈرك يازغۇچى فېرىت ئورھان پامۇك 2006-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەڭ ياش يازغۇچىلاردىن بىرى بولدى.
ئۇنىڭ كىتابلىرى 58 تىلغا تەرجىمە قىلىندى ۋە 100 گە يېقىن دۆلەتتە نەشر قىلىندى.
ئۇ، يازغۇچىلىقتىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن مەشغۇل بولمىدى.

ئورھان پامۇك 2005-يىلى «Prospect» ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيانىڭ 100 زىيالىيسى ئوتتۇرىسىدا كۆرسىتىلدى،

ئورھان پامۇك، 1952-يىلى 7-ئىيۇن ئىستانبۇلدا زەردار بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى.
دادىسى ئىبم زاۋۇتىنىڭ تۈركىيە شۆبىسىدە باش دىرېكتور بولغان گۈندۈز پامۇك،
ئانىسى 1700-يىللاردا گىرىتكە ۋالىي بولغان ئىبراھىم پاشىنىڭ نەسلىدىن بولغان شەكۈرە خانىمدۇر.

ئورھان پامۇك «جەۋدەت ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى»(1982) ناملىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك ئۆي ۋە ئائىلىدە ئىستانبۇلنىڭ نىشانتاشى مەھەللىسىدە ئۆسۈپ چوڭ بولدى. كېچىكىدىن تارتىپلا رەسسام بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ روبېرت ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇدى. ئىستانبۇل پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقىنىدا مېمار ياكى رەسسام بولالمايدىغانلىقىنى قارار قىلىپ مەكتەپنى تاشلىۋەتتى. داۋاملىق كېلىش شەرت بولمىغانلىقتىن يېزىقچىلىققا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجرىتالىشىم مۇمكىن، دەپ قاراپ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ژورنالىستلىق ئىنىستىتۇتېغا ئوقۇشقا كىردى ۋە شۇ ئىنستىتۇتنى پۈتتۈردى. بىراق، «قار» رومانىنىڭ سىرتىدا بۇ كەسىپتە ھېچ ئىشلەپ باقمىدى.
ئورھان پامۇك 1982-يىلى ئايلىن تۈرەگەن خانىم بىلەن توي قىلدى. 1991-يىلى «رۈيا» ئىسىملىك بىر قىزى دۇنياغا كەلگەن بۇ ئەر-خوتۇن 2001-يىلى ئاجرىشىپ كەتتى.
ئورھان پامۇكنىڭ ئاكىسى شەۋكەت پامۇك ئىقتىساد تارىخچىسى بولۇپ، بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلماقتا.

ئورھان پامۇكنىڭ يازغۇچىلىق ھاياتى 1974-يىلى باشلاندى. 1979-يىلى تۇنجى رومانى بولغان «قاراڭغۇلۇق ۋە يورۇقلۇق» ناملىق رومانچىلىق مۇسابىقىسىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتنى مەھمەت ئەرئوغلۇ بىلەن ئورتاقلاشتى. يەنە شۇ رومانى 1982-يىلى «جەۋدەت ئەپەندى ۋە ئوغۇللىرى» تېمىسى ئاستىدا قايتىدىن نەشر قىلىندى، ھەمدە بۇ قېتىم 1983-يىلى شۇ ناملىق ئەسىرى ئارقىلىق «ئورھان كەمال رومان مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.

ئورھان پامۇكنىڭ شۇنىڭدىن كېيىن يازغان كىتابلىرى ئۇدا نۇرغۇنلىغان مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئاپتورنىڭ «تىۋىشسىز ئۆي» ناملىق ئىككىنچى رومانى 1984-يىلى «مادارالى رومان مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. بۇ روماننىڭ فرانسۇزچە تەرجىمىسى بولسا 1991-يىلى «Prix de la Découverte Européenne مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. 1985-يىلى نەشر قىلىنغان «ئاق قەلئە» ناملىق رومانى 1990-يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا «Independent Award for Foreign Fiction مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى ۋە تۈركىيە سىرتىدا ئاپرورنىڭ كەڭ تونۇلۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

ئورھان پامۇك، 2002-يىلى نەشر قىلىنغان «قار» ناملىق ئەسىرىنى، تۈركىيىنىڭ ئېتنىك ۋە سىياسىي مەسىلىلىرى ئىشلەنگەن «سىياسىي رومان» دەپ تەرىپلىمەكتە.
ئاپتورنىڭ «قار» ناملىق ئەسىرى ئامېرىكىدا 2004-يىلى «2004-يىللىق ئەڭ ياخشى كىتابتىن بىرى» دەپ تونۇشتۇرۇلدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تۈركىيە سىرتىدا تېخىمۇ شۆھرەت قازانىشقا باشلىدى.

رومانلىرىنىڭ سىرتىدا يازمىلىرىدىن ۋە دىئالوگلىرىدىن تاللانمىلار ۋە ھېكايىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «باشقىچە رەڭلەر»(1999) ۋە ئۆمەر قاۋۇر رېژىسسورلۇق قىلغان «سىرلىق يۈز» ناملىق فىلىمنىڭ سېنارىيىسى(1992) بار. بۇ سېنارىيە، يازارنىڭ 1990-يىلى نەشر قىلدۇرغان «قارا كىتاب» ناملىق رومانىدىكى بىر بۆلۈمگە ئاساسەن يېزىلغان.




#Article 170: مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك (882 words)


مۇستافا كامال ئاتاتۈرك (تۈركچە: Mustafa Kemal Atatürk) تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى جۇمھۇررەئىسى، دۆلەت ئاتىسى.

يېڭى تۈركىيىنىڭ ئىجادچىسى، ھەر ساھەدىكىگە ئوخشاشلا مائارىپ ساھەسىدىمۇ تۈركلەرگە داغدام يول ئېچىپ بەرگەن ئۇلۇغ داھى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك، تۈركىيىنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئىستىلاسىدىن قانداق قۇتۇلدۇرۇپ قالغان بولسا، جاھالەت ئىستىلاسىدىنمۇ شۇنداق قۇتۇلدۇرغاندۇر.

بۇ مەزمۇن تولۇقلانماپتۇ.

ئاتاتۈرك، ئازادلىق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يېپيېڭى بىر تۈرك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۈيۈك تۈركىيە غايىسىنىڭ ئۇل مۇەسسەسە تۈرلىرىنى يولغا قويغان، ھەمدە بۇ بۈيۈك غايىنىڭ ئۇل تېشىنىڭمۇ مائارىپ ئىكەنلىكىنى ھەمىشە تەكىتلەپ كەلگەن.

ئاتاتۈرك، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن تەڭ، كەڭ كۆلەملىك مائارىپ سەپەرۋەرلىك خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرغان. 1972 – يىلقى تۇنجى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە كۆرە، تۈركىيىدە ئوقۇش – يېزىشنى بىلىدىغانلارنىڭ نىسبىتى پەقەت يۈزدە 10.6 پىرسەننى تەشكىل قىلاتتى. ئاتاتۈرك ئېچىپ بەرگەن پارلاق يولنى بويلاپ قولغا كەلتۈرۈلگەن ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئىپتىخارلىق بىلەن شۇنى كۆرەلەيمىزكى، تۈركىيە نۆۋەتتە ئوقۇ – ئوقۇتۇش ساھەسىدە زامانىۋىلاشقان ۋە تەرەققى تاپقان ھەرقانداق بىر دۆلەتنى بېسىپ چۈشسە چۈشىدۇكى، ھەرگىزمۇ تۆۋەن ئورۇندا تۇرمايدۇ. 

نۆۋەتتە، تۈركىيە 73 مىليون نوپۇسى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە دىنامىكىلىق دۆلەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. مانا بۇ 73 مىليون نوپۇسنىڭ 21 مىليونىنى ئوقۇغۇچىلار تەشكىل قىلىدۇ. ھازىر تۈركىيىدە باشلانغۇچ مائارىپىدا مەكتەپلىشىش نىسبىتى يۈزدە يۈز پىرسەنگە يەتتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، مائارىپ ساھەسىدە كەڭ كۆلەملىك ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، پىرىنسىپ، سىياسەت ۋە پىلان جەھەتتىن خەلقنىڭ زامانغا ماس ھالدا ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ھەمدە زامانىۋىي مائارىپنىڭ پۈتكۈل ئۇل تاشلىرى سېلىندى.

ئاتاتۈركنىڭ مائارىپ سىياسىتى، ئوقۇ – ئوقۇتۇشتا بىرلىك، مىللىيلىك، سېكۇلارىزىملىق يەنى دىن بىلەن سىياسەت بىر بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن سىستىما ۋە زامانغا لايىق مائارىپ ئېڭىنى ئالدىنقى پىلانغا قويىدىغان ئەڭ ئاساسلىق قىممەتلىك جەۋھەردۇر.

ئاتاتۈركنىڭ نۇتۇقلىرى بىلەن باياناتلىرىنى تەتقىق قىلغىنىمىزدا شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئۇنىڭ بىردىن بىر ئارزۇ قىلىدىغىنى، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىدە ئىجادكارلىق روھى، مىسلىسىز ئەقىل – پاراسەت، تىرىشچانلىق، ئەركىنلىك، يۈكسەك ئەخلاىي پەزىلەت ۋە زامانغا ماسلىشىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى، ئەلۋەتتە.

ئاتاتۈرك، بىر تەرەپتىن زامانىۋىي، مۇستەقىل، سېكۇلارىزىملىق يەنى دىن بىلەن سىياسەت بىر بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن سىستېمىغا ئىگە ۋە دېموكراتىك بىر جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ئاساسلىق ئامىللىرى بولغان ئالەمشۇمۇل قىممەت ئۆلچەملىرى، مەڭگۈلۈك پىرىنسىپلار ۋە زامانىۋىي ئۇسۇللارنىڭ ئۇل تاشلىرىنى سېلىپ بەرگەن.

ئاتاتۈرك بىر نۇتقىدا «ئەڭ مۇھىم، شۇنداقلا ئەڭ ئاساسلىق نۇقتا مائارىپ مەسىلىسىدۇر. مائارىپ شۇنداق بىر ھالقىدۇركى، ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسىلغان ھەر قانداق بىر مىللەت، ئۆز ئەركىگە ئېرىشەلەيدۇ ۋە مۇستەققىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۆز ئۆزىگە خوجا بولالايدۇ، شۇنداقلا شانلىق غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يامىشىپ چىقالايدۇ؛ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قالغان مىللەتلەر بولسا، قۇللۇققا ۋە خار زەبۇنلۇققا مەھكۇمدۇر» دېگەن ۋە بۇ ئارقىلىق ھەقىقىي مۇستەقىللىقنىڭ ئالدىنقى شەرتىنىڭ مائارىپ ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئاتاتۈرك «بىر تەرەپتىن زۇلمەتلىك جاھالەتنى يوقىتىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ياش – ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتتا كۈچكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان دەسلەپكى مەلۇماتلارنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرپ بېرىش، مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ ئاساسىي بولۇشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن. قىسقىسى، ئاتاتۈركنىڭ ، ئىنساننىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىشى ئۈچۈن، ھەر جەھەتتىن مائارىپنىڭ ھەم ئىنسان ھەم جەمئىيەتكە پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشىمۇ، مەملىكىتىمىزدە كەڭ قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلغان زامانىۋىي مائارىپ ئېڭىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.

ئاتاتۈرك، مائارىپقا قانچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئوقۇتقىچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئارقىلىق نامايەن قىلغان. ئاتاتۈرك بىر نۇتقىدا، «ھۆرمەتلىك ئۇستازلار! ياش ئەۋلادلارنى ئىلىم – پەن، پەن – تېخنىكا، ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن تولۇق يېتىلدۈرۈپ چىقىش جۇمھۇرىيەتنىڭ تەقەززاسىدۇر. يېڭى ئەۋلادلارنى مانا مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكلەر بويىچە يېتىشتۈرۈپ چىقىش سىلەرگە باغلىقتۇر» دېيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، شۇ ئۇلۇغۋار غايىنى تىكلەپ بەرگەن: «ئەڭ مەدەنىيەتلىك ۋە ئەڭ تەرەققى قىلغان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تەرەققىياتنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك پەللىسىگە يېتىشكە مەجبۇرمىز.»

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭلا مائارىپ خىزمىتىگە ناھايىتى زور مەبلەغ ئاجرىتىلغان. «دۈيۇنۇ ئومۇمىيە» دەپ ئاتىلىدىغان ئوسمانلى دۆلىتىدىن قالغان دۆلەت خىراجەتلىرىنىڭ يۈزدە 20 گە يېقىن قىسمى ئايرىلغان بولۇشىغا قارىماي، مائارىپ مىنىستىرلىكىگە يۈزدە 4.5 پىرسەنت مەبلەغ ئايرىلغان.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ھامان، بۈيۈك تۈرك ئىنقىلاۋىنىڭ يېتەكچىسى ئۇلۇغ داھى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «مىللىي مائارىپنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرى شۇكى، ساۋاتسىز ھېچقانداق بىر گراژدانىمىز قالماسلىقى، ئېھتىياجلىق بولغان تېخنىك خادىملىرىنىڭ يېتىشتۈرۈلۈشى، مىللىي غايە ۋە بۇ غايىنىڭ ئىدىيىسىنى پىلانلاپ چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان، ھەمدە بۇ غايىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تەرەققى قىلدۇرالايدىغان شەخسلەرنىڭ يېتىشتۈرۈپ چىقىلىشى ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى شەرت.»

ئاتاتۈرك يەنە بىر نۇتقىدا «قىز – ئوغۇل ئەۋلادلىرىمىزنىڭ مائارىپ ئېڭى ئوخشاش سەۋىيىدە يېتىلدۈرۈلۈشى كېرەك. تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئەۋلادلىرى مائارىپنىڭ ھەر بىر باسقۇچىدا، شۇنداقلا ئقتىسادىي ھاياتتا پائالىيەتچان، تۆھپىكار ۋە غالىب ئەۋلادلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىلىشى لازىم» دەپ يوليۇرۇق بەرگەن.

تۈرك مىللىي مائارىپىنى زامانىۋى ۋە ئىلغار سەۋىيىگە يەتكۈزۈش پىلانلىرىنىڭ ئۇل تېشىنى سېلىپ بەرگەن ئاتاتۈرك، مائارىپنىڭ غايىسىنى مۇنداق دەپ تەكىتلىمەكتە: «مائارىپنىڭ غايىسى، مائارىپنىڭ ئاساسىي، مائارىپنىڭ ئالاھىدىلىكى ناھايىتى بۈيۈكتۇر. ئەگەردە بۇ ھەقتە خاتا يولدا مېڭىپ قېلىپ، خەلق زاۋاللىققا قاراپ يۈز تۇتسا، بۇنىڭ بىردىن بىر جاۋابكارى، بۇ يولدا سابىت قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ياخشى نىيەتلىك، ئەقىل پاراسەتلىك، ئىجتىھاتچان ۋە خەلقى ئۈچۈن ھېچنېمىسىنى ئايىمايدىغان رەھبەرگە ئىشەنگەن بىچارە خەلقتىنمۇ كۆرە، شۇ خەلقنى خاتا يولغا باشلىغانلار ئەمەسمۇ؟ ئىلغار ۋە مەدەنىيەتلىك بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كەلگۈسىدىمۇ يەنە زامانىۋىي ئىلغارلىقنىڭ دەل مەركىزى نۇقتىسىدا ياشايمىز. بۇنىڭغىمۇ پەقەت ئىلىم – پەننىڭ كۈچى ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ئىلىم – پەن قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى شۇنى يەردىن ئېلىپ، مىللىتىمىزدىن ھەر بىر ئىنساننىڭ مېڭىسىگە يەرلەشتۈرىمىز. ئىلىم – پەنگە ئېرىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى يوقتۇر...دۇنيادا ھەممە نەرسە ئۈچۈن، جۈملىدىن كۈندىلىك ھايات ئۈچۈنمۇ، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ يەنىلا ئىلىم – پەن بولمىسا زادى بولمايدۇ. شۇڭا، بىز ياشاۋاتقان شۇ دۇنيانىڭ جۈملىدىن ئىلىم – پەننىڭ كۈنسىرى قانداقسىگە ئۇچقانداك تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم، شۇنداقلا ئىلىم – پەننىڭ ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىشىمىزگە زادى بولمايدۇ.»

بۈيۈك دۆلەت ئەربابى، يىراقنى كۆرەلەيدىغان زات ۋە بىلىم مەستانىسى بولغان ئۇلۇغ داھى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك ئۇل تېشىنى سېلىپ بەرگەن زامانىۋى ۋە مەدەنىيەتلىك بىر پارلاق يولدا غەلىبىسىرى ئالغا ئىلگىرىلەپ، قانچىلىغان ئىلمىي جەمئىيەتلەرنى قۇرۇپ چىققان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دۇنيانىڭ ساناقلىق بىلىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.




#Article 171: ئات (201 words)


ئات ئىنسانىيەت تارىخىدا ئىنتايىم مۇھىم ئۇرۇندا تۇردىغان ھايۋان.

ئات __توپ ئاتىلىشى__ يىلقا .

ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق .

ئەركىكى __ ئايغىر .

چىشىسى __ بايتال .

يېڭى تۇغۇلغان بالىسى __ قۇلۇن .

ئۇيغۇر مىللىتى ئۇزۇن مۇددەت چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق بىلەن شوغۇللانغان مىللەت بولغاچقا، ھايۋانلارغا قارىتا كۈچلۈك سېزىمچانلىق ۋە ئىنچىكە كۆزىتىش، پەرق ئېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان. مەسلەن، ئات ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە ئالاھىدە ئورۇننى ئىگەللىگەچكە «ئەر قانتى ئات » دىگەن ماقال بىلەن تەرپلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار «ئات»نى ناھايىتى ئىنچىكە پەرقلەندۈرگەن. بىر ياشقا توشمىغان يىلقا «ياباغۇ»، بىر ياشلىق يىلقا «قۇلان»، ئىككى ياشلىق يىلقا «تايچاق،تاي»،ئۈچ ياشلىق يىلقا «غۇنان»، ئۈچ ياشلىق چىشى يىلقا «بىيە»،تۆت ياشلىق ئەركەك يىلقا «دۆنەنچىن»، تۆت ياشلىق بايتال «دۆنەنچىنبىيە»، يېتىلگەن ئەركەك يىلقا «ئايغىر»، يېتىلگەن چىشى يىلقا «بىيە»، پىچىۋىتىلگەن يىلقا «ئات» دەپ ئاتىلىدۇ.ئاتلارنى رەڭگىگە ئاساسەن « كۈرەڭ ئات، بوز ئات، سۈر ئات، ئاق بوز ئات، تورۇق ئات ،چىلان تورۇق ئات، قارا تورۇق ئات »دەپ ئىنچىكە ئايرىغاندىن باشقا، ئاتلارنىڭ ھەرىكەتلىرىمۇ ناھايىتى ئىنچىكە كۆزۈتۈلۈپ ،ئايرىم سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن. مەسلەن: ئاستا قەدەم بىلەن مېڭىش «ئاياڭدىماق»، سىلىق مېڭىش «پايپاڭدىماق»، سوكۇلداپ مېڭىش «بۇلاڭلىماق»،ئۇششاق قەدەم بىلەن يۈگۈرۈش «بۈلكۈرمەك»، مىسىلداپ مېڭىش «كىتىڭلىماق»دەپ ئېلىنغان.بۇنىڭدىن باشقا يىلقىنىڭ ئوخشىمىغان كىشنىشى، يىلقا جابدۇقلىرى،يىلقىچىنىڭ يىلقىلارنى چاقىرىشى، يىلقىنىڭ باشقا ھەركەتلىرنىمۇ ئالاھىدە بەلگىلىگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىگەن.يىلقىلا ئەمەس باشقا كالا، قوي، تۈگە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭمۇ شۇنداق. بۇسۆزلەردە روشەن بولغان يايلاق مەدەنىيتىنىڭ تەسىرى ساقلىنىپ قالغان. 




#Article 172: تۈرك تىلى (154 words)


زامانداش تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئىچىدە قوللانغۇچى سانى ئەڭ كۆپ بولغان تۈركىي تىل بولۇپ تۈركىيە تۈركچەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۈركىيە سىرتىدا ئاسىيادا سۇرىيە، ئىراق، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلىقى ئەزاسى بولمىش مەركىزى ئاسىيادا، ياۋروپادا گوللاندىيە، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە باشتا ياۋروپانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە، ئامېرىكا ۋە ئاۋىسترالىيە، يېڭى زېللاندىيە دە ئاز ساندا بولۇپ تەقرىبەن 80 مىليۇن كىشى بۇ تىلدا سۆزلىشىدۇ.
تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ ئانا ۋەتەنى بۇگۈنكى مەركەزى ئاسيا بوزقىرلىرى بولۇپ ئۆتۈكەندىن تارىم ۋادىسىغىچە، ئالتاي تاغلىرى - بالقاش كۆلى بويلىرىدىن تۈركمەن چۆللىرىگىچە بولغان كەڭ جوغراڧىيە پۈتۈن تۈركلەرنىڭ ئاتا ۋەتەن يۇرتىدۇر.

تۈركچىنى شىۋىلىرى تراكيا، ئىستانبۇل، ئەگە، ئىچ ئاناتولىيە، يۆرۈك، قارادېڭىز، شەرقى ئاناتولىيە تۈركچىسى قاتارلىقلار.
 

تۈركلەر تارىختا ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن كۆكتۈرك يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئىسلامىيەتتىن سوڭرە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن بىرگە ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ڧارسچەگە «ڭ» ھەرىڧىنى قوشۇپ تۈركىي تىلنى خاتىرلەشتە قوللىنىشقا باشلىغان. تۈركلەر ئىسلەمىيەت بىلەن ئۇچرىشىپ 1000 يىلدىن كۆرەك ۋاقت ئەرەب ھەرىڧلىرى قوللانغان تۈركلەر 1923- تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مۇستاڧا كامال پاشانىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1928- يىلى، بۇگۈن قوللىنىلماقتا بولغان 29 ھەرڧلىك لاتىن ئەلىڧبەسىگە كۆچكەن.




#Article 173: بۇددا دىنى (207 words)


ساكيامونى بۇ دىننىىڭ ياراتقۇچىسى

بۇددا دىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅲ ئەسىردە ھىندىستاندا گائۇتاماسدخارتا دېگەن كىشى تەرىپىدىن يارىتىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅰ ئەسىردىن بۇيان ھازىرقى شىنجاڭ رايونىغا تارقىلىشقا باشلىغان، Ⅳ ئەسىرگە كەلگەندە ھازىرقى شىنجاڭ رايونى دائىرىسىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشقان، بۇددا دىنى ئىچكى ئۆلكىلەرگىمۇ شىنجاڭ ئارقىلىق تارقالغان. ئەجدادلىرىمىز بۇددا دىنىغا ئىخلاس بىلەن ئېتىقاد قىلغاچقا، Ⅹ ئەسىردىن بۇرۇنلا خوتەن، كۇچا، قوجۇ (تۇرپان) غەربىي يۇرت بويىچە بۇددا دىنى مەركەزلىرىدىن بولۇپ قالغانىدى، بۇددىزىم پەلسەپە ئىدىيە - كۆز قاراشلىرى، ئەدەبىيات - سەنئەتنىمۇ ئۇيغۇرلار ئىچىگە كەڭ تارقالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلاردا ھەيكەلتىراشلىق، نەققاشلىق، رەسساملىق، مىمارچىلىق زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، يەرلىك ئالاھىدىلىك بىرلەشكەن مىڭئۆي سەنئىتى، ئىبادەتخانىلار ئاساس قىلىنغان مىمارچىلىق شەكىللىنىپ راۋاجلاندى. تىل - ئەدەبىيات ساھەسىدىمۇ زور تەرەققياتلار بارلىققا كەلدى، ئۆز دەۋرىدە بۇددىزىمنىڭ ئاساسلىق نوملىرى (كىتابلىرى) ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان، ئۇيغۇر راھىپلىرى بۇددىزىمنىڭ بەزى نوملىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ خەنزۇ راھىپلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. ئۆز دەۋرىدە، بولۇپمۇ قوجۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە بۇددا دىنى گەرچە دۆلەت دىنى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرسىمۇ، مانى دىنى ئىككىنچى چوڭ دىن سۈپىتىدە بۇددا دىنى بىلەن ئۇزۇن بىر مۇددەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. ئەجدادلىرىمىز مانى دىنىغىمۇ ئۇزۇن مۇددەت ئېتىقاد قىلغانلىقى، كېيىن شىمالدىن كۆچۈپ كەلگەنلەرمۇ مانى مۇرتلىرىدىن بولغانلىقى تۈپەيلى مانى دىنى بىلەن بۇددا دىنىنىڭ بەزى قاراش - ئەھكاملىرى مەلۇم دائىرىدە ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىپ سىڭىشكەن. شۇڭا قوجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەلىكىدىكى بەزى بۇدا مەزھەپلىرى مانى دىنى تۈسىنى ئالغان.

پايدىلانغان مەنبەلەر




#Article 174: ئىت (582 words)


ئىت (بەزىدە، ئىشىت دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىندۇ) بولسا ئىت ئائىلىسى ئەمگۈچىلەر سىنىپىدىكى  ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەڭ بۇرۇن كۆندۈرۈلگەن ھايۋان ، شۇنداقلا ئىنسانلارغا ئەڭ تونۇشلۇق بولغان ھايۋان . 

ئىت بولسا بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان ئىت سۈت ئەمگۈچى ھايۋان ، شۇنداقلا بېقىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئەرمەك ھايۋان . 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا ، يەر شارى ئومۇمىي ئىتلارنىڭ سانى تەخمىنەن 600 مىليون، دۆلىتىمىزدە تەخمىنەن 200 مىليون . ئىت ئىنسانلار ئەڭ بالدۇر كۆندۈرگەن ھايۋان .ئىت ئىنسانلار ئارسىدا ياشايدىغان گۆشخور ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ بىرسى، ئادەتتە ئىتلارنىڭ ھەممىسى ئۇخلىغاندا  يۈزە ئۇخلاش ھالىتىدە تۇردىغان بۇلۇپ، ئازراق شەپە بولسىلا چۆچۈپ ئويغىنىدۇ ، ئارقىدىنلا يەنە قاتتىق ئۇيقۇغا كېتەلەيدۇ. ئىتنىڭ پۇراش سېزىمى ئىنتايىن ئۆتكۈر بۇلۇپ، ھەممىسىنىڭ ئادىتى ئوخشاش، قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپ ئەتراپىنى پۇراپلا يۈرىدۇ .

ئىتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئادىتى ئوخشاش ، قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپ ئەتراپىنى پۇراپلا يۈرىدۇ. ئىتنىڭ پۇراش سېزىمى ئىنتايىن ئۆتكۈر بولۇپ ، ئۇلارنىڭ بۇلۇڭ -پۇچقاقلارنى پۇراپ يۈرۈشى ، ئاساسلىقى باشقا ئىتلارنىڭ شۇ جايغا سىيىپ قويغان -قويمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈندۇر ، چۈنكى ، بۇ جايغا باشقا ئىتلار سىيىپ قويغان بولسا ،بۇ جاينىڭ ئىگىلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . ئىت يەنە شۇ جايغا سىيىپ قويغان ئىتنىڭ بوينىىنىڭ ئېگىز پاكارلىقى ، ئۆزىدىن كۈچلۈك -ئاجىزلىقىنى پۇراپ بىلەلەيدۇ. ئەگەر ئۇ ئىتنى ئۆزىدىن يامان دەپ ئويلىسا ، ئۇ ياۋاشلىق بىلەن باشقا جايدىن ئۇرۇن ئىزدەيدۇ، ئۇ ئىت ئۆزىدىن ئاجىز بولسا ، بۇ جاينى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدۇ . شۇڭا،ئىتلار ئىچىدىمۇ ياماندىن قورقۇپ ، ياۋاشنى بوزەك قىلىدىغانلىرى خېلى بار .

ئىككنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە ، ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ بىر پاراخوت ئۇرۇشى داۋامىدا دۈشمەن ئارمىيىسى تەرىپىدىن چۆكتۈرۋېتىدۇ . تەلىيى كېلىپ ھايات قالغان ئەسكەرلەر « جۇدى » ئىسىملىك بىر ھەربىي ئىتقا ئەگىشىپ سۇ ئۈزۈپ بىر قاقاس ئارالغا چىقىۋالىدۇ . ئەسكەرلەر بۇ ئارالدىن ئىچكۈدەك تاتلىق سۇ تاپالماي ئۈمىد سىزلىنىپ تۇغان چاغدا ھېلىقى ئىت پۇراش سېزىمىگە تايىنىپ تاتلىق سۇ مەنبەسىنى تېپىپ ، ئەسكەرلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ . 

ئىت ئىتنىڭ بۇرنى ئادەتتىكى ھايۋانلارنىڭ بۇرنىنىڭ تۈزۈلۈشىگە قارىغاندا بۇرۇننىڭ تۈزۈلۈشىگە قارىغاندا كۆپ مۇرەككەپ ، ئۇنىڭ بۇرنى نەپەس ئېلىش رولىنى ئوينىغاندىن سىرىت ، يەنە ئۇ پۇراق سېزىم ئەزاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئىتنىڭ بۇرنىدا نۇرغۇن شىللىق پەردىلەر بار بولۇپ ، شىللىق پەردىلەر توختىماستىن شىلىمشىق سۇيۇقلۇق چىقىرىپ ،شىللىق پەردىدىكى پۇراش سېزىم ھۈجەيرىلىرىنى سىلىقلاپ تۇرىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ، ئىتنىڭ بۇرنى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى سەزگۈر بولغان پۇراش سېزىمىنى ساقلاپ تۇرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىت ، ئىتنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچلۇق قىسمىدا يەنە ئازراق تۈكسىز شىللىق پەردە توقۇلمىلىرى بار بولۇپ، كۆتۈرۈلۈپ چىققان بۇ توقۇلمىلارمۇ ئۈزلۈكسىز تۈردە نۇرغۇن شىلىمشىلق ئاجرالمىلارنى چىقىرىپ ئىتنىڭ بۇرنىنى سىلىقلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ . شۇڭا، ئىتنىڭ بۇرنى ئەتىدىن -كەچكىچە ھۆل تۇرىدۇ. ئىتنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماي قالسا ، مەسىلەن ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالسا ، ئۇنىڭ بۇرنى قۇرۇپ كېتىدۇ -دە ، پۇراش سېزىمى ساق ۋاقىتتىكىدەك سەزگۈر بولماي قالىدۇ . 

ئىت ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەڭ بۇرۇن كۆندۈرۈلگەن ھايۋان ، شۇنداقلا بىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان ھايۋان . بىز دائىم ئىتنىڭ يۈگۈرگەن چاغدا ئۇزۇن تىلىنى چىقىرىۋالىدىغانلىقىنى ، بولۇپمۇ تومۇز ئىسسىقتا ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ تېلىنى چىقىرىۋالىدىغانلىقىنى كۆرىمىز . ئەسلىدە ، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بەدەن تېمپۇراتۇرىسى نورمال ئەھۋالدا مۇقىم بولىدۇ . ئەگەر مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن تېمپۇراتۇرىسى ئۆرلەپ كەتسە ، تېمپۇراتۇرىنى تۆۋەنلىتىدىغان ئەزالىرى ئارقىلىق ئىسسىقلىقنى تارقىتىپ ، بەدەن تېمپۇراتۇرىسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ ، ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئۇلار ئاغرىپ قالىدۇ . بىزگە مەلۇمكى ، ئادەم ۋە نۇرغۇن ھايۋانلارنى بەدىنىنىڭ يۈزىدە تەر بەزلىرى بولىدۇ . تەر ئەزالىرى تەر ئاجرىتىپ چىقارغاندا ، بەدەندىكى ئارتۇق ئىسسىقلىقنى سىرىتقا چىقىرۋېتىش ئارقىلى بەدەن تېمپۇراتۇرىسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ . 

لېكىن ، زوئولوگلار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، ئىتنىڭ بەدەن يۈزىدە تەر بەزلىرىنىڭ يوقلۇقىنى ، ئۇنىڭ تەر بېزىنىڭ تىلىدا ئىكەنلىكىنى بايقىغان . شۇڭا ، يازنى تومۇز ئىسسىق كۈنلىرى ، ئىتلار نورمال بەدەن تېمپۇراتۇرىسىنى ساقلاش ئۈچۈن تىلىنى چىقىرىۋېلىپ ، تېلىدىكى تەر بەزلىرى ئارقىلىق بەدىنىدىكى ئىسسىقلىقنى تېز سۈرئەتتە سىرىتقا چىقىرۋېتىدۇ . 

ئىت تىلنى يازدىلا چىقىرىۋالماستىن ،بەلكى ئادەتتىكى ئەھۋالدا ، يۈگۈرۈپ ھېرىپ قالغان ۋە ئىسسىپ كەتكەندىمۇ ، تىلىنى چىقىۋېلىپ ، بەدەندىكى ئىسسىقلىقنى تارقىتىۋېتىدۇ . 




#Article 175: ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ (2370 words)


ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ 

( 1984 - ﻳﯩﻞ 5 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 31 - ﻛﯜﻧﻰ 6 - ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ 2 - ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻣﺎﻗﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ، 2001 - ﻳﯩﻞ 2 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 28 - ﻛﯜﻧﻰ 9 - ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ 20 - ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔ  ﻏﺎ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭﻯ ﻏﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ) 

ﺳﯚﺯ ﺑﯧﺸﻰ 

ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ _ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ _ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﻣﺎﺭﻛﺴﯩﺰﻡ - ﻟﯧﻨﯩﻨﯩﺰﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﭖ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﻩ، ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﺵ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺭﻭﻫﻨﻰ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻜﻰ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﯮﺭﺗﺎﻕ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﺪﺍ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﯲﺯ ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﯲﺯﻯ ﺧﻮﺟﺎ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﯪﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﺘﺎ، ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻚ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ، ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﯪﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﺘﺎ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻣﻠﻪﺷﺘﻪ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺭﻭﻝ ﯮﻳﻨﯩﺪﻯ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﯞﻩ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺑﯘ ﺗﯜﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﻻﺯﯨﻢ . 

ﯬﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺪﯨﻜﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﯴﭼﯜﻥ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯲﺯ ﻳﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﯬﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ ؛ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻛﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻚ ﺋﯩﺸﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺵ ﻻﺯﯨﻢ ؛ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﯲﺯ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﺭﯛﺵ، ﺟﺎﭘﺎ - ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﺪﺍﭖ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺭﻭﻫﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ، ﯲﺯ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﯴﭼﯜﻥ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ؛ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﭘﯩﻼﻧﯩﻐﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻛﯜﺭﯨﺸﯩﺪﻩ، ﭼﻮﯓ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ، ﯪﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﭼﻮﯓ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻻﺯﯨﻢ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻜﯩﻤﯘ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻻﺯﯨﻢ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﻩ، ﻣﺎﺭﻛﺴﯩﺰﻡ - ﻟﯧﻨﯩﻨﯩﺰﻡ، ﻣﺎﯞ ﺯﯦﺪﯗﯓ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺩﯦﯔ ﺷﻴﺎﯞﭘﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﺩﯨﻜﺘﺎﺗﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ، ﺋﯩﺴﻼﻫﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﺸﺘﻪ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺟﯘﯕﮕﻮﭼﻪ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺰﻡ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ، ﻛﯜﭼﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ، ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻠﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﭗ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻼﺷﻘﺎﻥ، ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﯮﺭﺗﺎﻕ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﻱ - ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ، ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻚ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﯴﭼﯜﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ . 

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺖ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﯪﻳﺮﯨﻠﻤﺎﺱ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯗﺭ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ - ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ . 

ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﺭﺍﻳﻮﻥ، ﻧﺎﻫﯩﻴﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﺪﯗ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﯬﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﯪﺳﺘﯩﺪﺍ، ﯪﻻﻫﯩﺪﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﯞﻩ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻫﻮﻗﯘﻗﻠﯘﻕ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ، ﯬﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﯪﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﯬﻣﮕﻪﻙ ﯴﻧﯜﻣﺪﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯴﻧﯜﻣﻨﻰ ﯴﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﯲﺳﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﯨﻨﭙﻪﻱ ﯲﺳﺘﯜﺭﯨﺪﯗ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﯬﻧﯭﻧﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯞﻩ ﯰﻧﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ، ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺋﯧﯖﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﭘﻪﻥ - ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﯴﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﯲﺳﺘﯜﺭﯨﺪﯗ . 

ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﯩﻨﻰ، ﺟﺎﻣﺎﯬﺕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﺲ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﻰ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺯﻭﺭﻟﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﻤﯘ، ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﻤﯘ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻻﺯﯨﻢ . 

ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﭘﺎﯪﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯗ . 

ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﮕﻪ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . 

ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﭼﻪﺕ ﯬﻝ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﻘﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ . 

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﯬﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯪﻫﺎﻟﯩﺴﻰ ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﯪﻫﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﻫﻪﺭ - ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﯲﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﯪﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﺘﯩﻦ ﯲﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﯬﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻮﺷﯘﯞﯦﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ؛ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﯰﻧﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﺘﯩﻦ ﯲﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﯲﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ؛ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﯬﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ، ﻗﻮﺷﯘﯞﯦﺘﯩﺸﻜﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﯲﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯪﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯧﯖﯩﺸﯩﭗ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﻪﺭﺗﯩﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﺘﯩﺪﯗ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﯲﺯﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯪﻟﺪﯨﺪﺍ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﯰﻻﺭﻏﺎ ﯲﺯ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﯲﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﻠﯩﺮﻯ ﯪﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ، ﺷﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻠﯩﺮﻯ ﯪﻟﺪﯨﺪﺍ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﯰﻻﺭﻏﺎ ﯲﺯ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ، ﯰﻻﺭ ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯩﺪﯗ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﯪﻳﺮﯨﻢ ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ، ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﯞﻩ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻼﺭﻏﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ، ﯲﻟﻜﯩﻠﯩﻚ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ، ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﯰﻧﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﯬﻧﮕﻪ ﯪﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻨﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﯪﯞﯨﻦ ﻣﯘﺩﯨﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﯲﺗﯩﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﻛﯩﻤﻰ ﻣﻪﺳﯱﻝ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ . ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﻛﯩﻤﻰ ﺷﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﯪﻳﺮﯨﻢ - ﯪﻳﺮﯨﻢ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . 

ﯴﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ، ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯴﭼﯜﻥ ﯪﻻﻫﯩﺪﻩ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻣﯜﻟﯜﻛﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﮔﻪﯞﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﻣﯜﻟﯜﻛﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﯜﺯﯛﻣﺪﻩ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﯮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻣﯜﻟﯜﻛﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻳﻼﻕ ﯞﻩ ﯮﺭﻣﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﻫﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻛﯚﭼﻪﺕ - ﺟﯩﺮﯨﻢ ﺗﯩﻜﯩﺶ ﯞﻩ ﯮﺕ - ﭼﯚﭖ ﺗﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﻪﺧﺴﻨﯩﯔ ﻳﺎﻳﻼﻕ ﯞﻩ ﯮﺭﻣﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﺳﯩﺘﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﻪﻧﺌﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻳﺎﻳﻼﻕ ﯞﻩ ﯮﺭﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﯮﺕ - ﭼﯚﭖ ﯞﻩ ﺩﻩﻝ - ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯧﺮﯨﻠﻐﯘ ﻳﻪﺭ ﺋﯧﭽﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻧﺌﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﯮﻣﯘﻣﯩﻲ ﭘﯩﻼﻧﯩﻐﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ، ﯲﺯﻯ ﯪﭼﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﯪﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﯪﭼﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﯰﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . 

ﭼﻪﺕ ﯬﻟﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﺍﺵ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ - ﺳﻮﺩﺍ ﭘﺎﯪﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻫﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ . ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﯬﻟﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﯮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﻰ ﯪﺳﺎﺳﯩﺪﺍ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﻘﺎﻥ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﻰ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻫﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺧﺎﻡ ﭼﻮﺕ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﺪﺍ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ، ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺕ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﻰ ﯮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﺍﭘﺎﺱ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﻡ ﭼﻮﺗﺘﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﯪﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺧﺎﻡ ﭼﻮﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ، ﯪﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﭼﯩﻘﯩﻤﺪﯨﻦ ﺗﯧﺠﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻨﻰ ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﯮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯬﻫﯟﺍﻟﻰ ﻗﯩﻴﯩﻦ، ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺗﺎﺭﻗﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﯮﻗﯘﺷﻨﻰ ﯞﻩ ﯮﻗﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﯪﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﯮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﻣﺎﯪﺭﯨﭙﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﯨﻜﻰ ﯮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﯮﻗﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺴﻰ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . 

ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﯪﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ( ﺳﯩﻨﯩﭙﻼﺭ ) ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ ﯪﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ ﻳﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺩﻩﺭﺱ ﯲﺗﯜﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ؛ ﯬﻫﯟﺍﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﺳﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯮﻣﯘﻣﯩﻲ ﯬﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﯞﻩ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﻘﺎﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﯮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻻﺯﯨﻢ . 

ﻫﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﺵ - ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺭ - ﻳﯚﻟﻪﻙ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯪﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﯮﺭﯗﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﭘﻼﺵ، ﺭﻩﺗﻠﻪﺵ، ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﯲﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﯪﺳﺎﺭ - ﯬﺗﯩﻘﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﻣﯩﺮﺍﺳﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯗ، ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯬﻧﯭﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﯰﻧﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯪﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻫﻪﻡ ﯰﻻﺭﻧﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﯪﻧﺎ - ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺪﯗ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ - ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻳﺪﯗ . 

ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﯞﻩ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ، ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ، ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ - ﺳﻪﻧﯭﺕ، ﺳﻪﻫﯩﻴﻪ، ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﭼﻪﺕ ﯬﻟﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯪﻻﻗﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﯪﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗ ﯞﻩ ﯰﻧﻰ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﯬﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺗﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . 

ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮﺕ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﯪﻟﯩﻲ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﯪﻟﯩﻲ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﯞﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . 

ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﯪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﯪﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻗﻮﺯﻏﺎﻳﺪﯗ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻠﺪﯨﻦ ﯪﺭﺗﯘﻕ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ، ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ، ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ، ﺳﻪﻫﯩﻴﻪ، ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﻗﺎﻕ ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯪﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . 

ﯪﻟﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﭼﻰ 

ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ، ﺋﯩﭽﻜﻰ - ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . 

ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﺷﺘﻪ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ . 

ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﯘﯬﺳﺴﻪﺳﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﯮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﯩﮕﻪ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﯮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﯬﻫﯟﺍﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻨﻰ ﯪﺯﺍﻳﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . 

ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﯦﯫﻝ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﯪﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﻳﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﻰ ﺯﻭﺭ ﻛﯜﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯧﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﭘﺎﯪﻝ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ، ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺏ ﯴﺳﻜﯜﻧﻪ ﯞﻩ ﻫﯜﻧﻪﺭ - ﺳﻪﻧﯭﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ . 

ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﺎﻧﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﯩﻠﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﺮﯦﺪﯨﺖ ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﭘﺎﯪﻝ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . 

ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﯲﮔﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ . 

ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺧﺎﺱ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯮﺭﯗﻧﻨﯩﯔ ﯪﺯﺍﻳﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺸﯩﮕﻪ، ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ، ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﯰﻧﻰ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺧﺎﻡ ﭼﻮﺕ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﯞﯦﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . 

ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﯲﺯ ﯪﺭﺍ ﭘﺎﻳﺪﺍ - ﻣﻪﻧﭙﻪﯬﺕ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ، ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﻰ، ﻣﯘﻫﯩﺖ ﻣﯘﻫﺎﭘﯩﺰﯨﺘﯩﮕﻪ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯰﻻﺭﻏﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﯬﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺗﯚﻟﻪﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . 

ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﻪﺧﺲ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ، ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ، ﯴﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﯘﻫﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻫﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﯪﭘﻪﺗﻨﯩﯔ ﯪﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﯰﻧﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . 

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ، ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﯮﺭﯗﻧﻼﺭ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﻯ، ﯪﻳﺮﯨﻢ ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﻯ، ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺭﯨﯫﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . 

ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻳﺎﻛﻰ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﯪﭼﯩﺪﯗ، ﯪﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺳﯩﻨﯩﭗ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯘﺭﺳﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﻠﻪﺵ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﯪﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻮﻣﻼﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﯮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ، ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯲﻟﭽﯩﻤﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﺗﯩﻨﻰ ﻻﻳﯩﻘﯩﺪﺍ ﻛﻪﯕﺮﻩﻙ ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﺪﯗ، ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﭘﻪﯞﻗﯘﻟﯫﺩﺩﻩ ﯪﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯪﻻﻫﯩﺪﻩ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﻫﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﯪﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ . 

ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﯪﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺳﯩﻨﯩﭙﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﺎﯪﺭﯨﭙﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ . 

ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﯮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﯲﺗﻪﺵ ﺷﻪﺭﺗﯩﮕﻪ ﯰﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ، ﯮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﯰﻻﺭﻏﺎ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . 

ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ 

ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺖ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﻧﺎﻫﯩﻴﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯲﻟﻜﻪ، ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﯬﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . 




#Article 176: ئون ئىككى مۆچەل (566 words)


ئون ئىككى مۆچەلنىڭ كېلىپ چىقىشى

 
ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى ئىنسانلار نېمىنىڭ يىل بېشى بولۇش مەسىلىسى ئۈستىدە كۆپ تالاش-تارتىش قىلغاندىن كېيىن، كۈننىڭ چىققانلىقنىى قايسى مەخلۇق بالدۇر كۆرسە، يىل بېشى شۇ بولسۇن، دېيىشىپتۇ. بۇ تەكلىپكە ھەممە قوشۇلۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش ھەممە ھايۋانلارغا ئۇقتۇرۇلۇپتۇ.

ئۇلار بىر كۈنى تاغ .ئارىسىغا يىغىلىپتۇ، بىراق بۇ تاغنىڭ كۈنچىقىش تەرەپتىكى چوققىسى پەس، كۈنپېتىش تەرەپتىكىسى ئېگىز، يەنە كېلىپ قىپقىزىل تاقىر تاغ ئىكەن.

مەسلىھەتكە بىنائەن، ھەممە ھايۋانلار پۈتۈن دىققىتى بىلەن كۈنچىقىشقا قاراپ تۇرۇپتۇ. يالغۇز چاشقانلا باشقا ھايۋانلارغا كەينىنى قىلىپ كۈنپېتىش تەرەپتىكى تاغ چوققىسىغا قاراپ تۇرۇپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن:دېگەن بىر چىرقىراق .ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ، لېكىن بۇ چاغدا ھېچكىم كۈننى كۆرمىگەچكە، بۇ گەپكە ئىشەنمەپتۇ. چاشقان بولسا خوشاللىقتىن قىن-قىنىغا پاتماي ۋە تىنماي: دەپ توۋلاشقا باشلاپتۇ. قالغانلار قارىسا، غەرب تەرەپتىكى تاغ چوققىسى قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرىغا چۆمگەن بولۇپ، چاشقان:دەپ توۋلاپ خېلىدىن كېيىن كۈن كۆرۈنۈپتۇ.
چاشقان ئەسلىدە بۇ تاغنىڭ يەر شەكلىگە قاراپ، كۈن نۇرىنىڭ كۈنچىقىشتىكى پاكار تاغلاردىن ئۆتۈپ كۈنپېتىشتىكى تاغ چوققىسىغا چۈشىدىغانلىقىنى، كۈنپېتىشقا قاراپ ئولتۇرسا ، كۈننىڭ چىقىشىنى ھەممىدىن بۇرۇن كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىپ، ئون ئىككى مۆچەلدە يىل بېشى بولۇۋالغانىكەن.

ئىنسانلار ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردا يېڭى يىلنى بىرەر ھايۋاننىڭ نامى بىلەن ئاتاشنى مەسلىھەتلىشىپتۇ، لېكىن قايسى ھايۋاننى يىل بېشى قىلىش ھەققىدە ناھايىتى كۆپ تالاش-تارتىش بولغان بولسىمۇ، پىكىردە بىرلىككە كېلەلمەپتۇ. بۇنى ئۇققان ھايۋانلارمۇ يىل بېشىنى تالىشىپ جېدەل قىپتۇ. تۆگە: دېسە، ئات: دەپ يىل بېشى بولماقچى بوپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار بارلىق ھايۋانلارنى ئىلى دەرياسىغا ھەيدەشكە ، قايسى ھايۋان ئالدىدا چىقسا ، شۇ ھايۋاننى يىل بېشى قىلىشقا كېلىشىپتۇ . بۇ تەكلىپكە ھەممە ھايۋانلارمۇ قوشۇلۇپتۇ-دە، قارشى قىرغاققا ئالدىدا چىقىش ئۈچۈن ئارقا-ئارقىدىن دەرياغا سەكرەپتۇ. ئۇلار ھەيۋەتلىك دولقۇنلار بىلەن ئېلىشىپ، ئارقا-ئارقىدىن قارشى قىرغاققا چىقىشىپتۇ. ھەممىنىڭ ئالدىدا كالا چىقىپتۇ، بىراق كالا قارشى قىرغاققا ئەمدىلا پۇتىنى قوياي دەپ دەپ تۇرۇشىغا، كالىنىڭ بوينىغا چىقىۋالغان چاشقان كالىدىن ئىككى-ئۈچ قەدەم نېرىغا سەكرەپ چۈشۈپ ئالدىغا ئۆتۈۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يىلنىڭ بېشى چاشقانغا بېرىلگەنىكەن.

تۈرك خاقانلىرىدىن بىرى ئۆزىدىن بىر نەچچە يىل ئىلگىر ى بولۇپ ئۆتكەن بىر ئۇرۇشنى ئۆگەنمەكچى بولغانىكەن ،
لېكىن ئۇ شۇ ئۇرۇش بولۇپ ئۆتكەن يىلنى ئېنىقلاشتا خاتالىشپتۇ .شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ خاقان ئۆز خەلقى بىلەن كېڭەش ئۆتكۈزۈپ،قۇرۇلتايدا :دەپتۇ. خەلىق خاقاننىڭ پىكرىنى قوللاپتۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خاقان ئوۋغا چىقىپتۇ ھەمدە ياۋايى ھايۋانلارنى ئىلى دەرياسىغا قاراپ قوغلاشنى بۇيرۇپتۇ. بۇ ناھايىتى چوڭ دەريا ئىكەن.خەلىق ھايۋانلارنى ئىلى دەرياسىغا قاراپ ھەيدەپتۇ. بىر مۇنچە ھايۋانلار ئۆزلىرىنى سۇغا ئېتىپتۇ،ئۇلاردىن ئون ئىككى خىلى سۇدىن ئۈزۈپ ئۆتۈپتۇ. ئەنە شۇ ئون ئىككى ھايۋاننىڭ ئىسمى ئون ئىككى يىلغا ئات قىلىپ قويۇلۇپتۇ. سۇدىن ئەڭ ئاۋۋال چاشقان ئۆتۈپتۇ، شۇڭا يىل بېشى شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپدېيىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن سۇدىن ئۆتكەنلەر تۆۋەندىكى تەرتىپتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىر يىل ئۈچۈن ئىسىم بولۇپ قاپتۇ:ئۇي يىلى(كالا يىلى)، بارىس يىلى(يولۋاس يىلى)،توشقان يىلى، لەھەڭ يىلى(بېلىق يىلى)، يىلان يىلى، ئات يىلى، قوي يىلى، مايمۇن يىلى، توخۇ يىلى، ئىت يىلى توڭگۇز يىلىغا يەتكەندىن كېيىن، ھېساب يەنە چاشقان يىلىدىن قايتا باشلىنىدىكەن.

تۈركلەر بۇ يىللارنىڭ ھەر بىرىدە بىر خاسىيەت بار دەپ تەخمىن قىپتۇ. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، كالا يىلى كىرگەندە ئۇرۇش كۆپىيىدىكەن، چۈنكى كالا بىر- بىرى بىلەن كۆپ ئۈسۈشىدىغان ھايۋان. توخۇ يىلىدا ئوزۇق-تۈلۈك كۆپىيىدىكەن، لېكىن كىشىلەر ئارىسىدا تەشۋىش ئاشىدىكەن ،چۈنكى توخۇنىڭ يېمى ، توخۇ دان تېپىش ئۈچۈن ئەخلەت-چاۋارلارنى تاتىلاپ چېچىۋىتىدىكەن. لەھەڭ يىلى كىرىش بىلەن ھۆل-يېغىن كۆپىيىپ، ئاشلىق ئوخشايدىكەن، چۈنكى لەھەڭ سۇدا ياشايدۇ. توڭگۇز يىلى كىرىشى بىلەن قار كۆپ ياغىدىكەن، سوغۇق قاتتىق بولىدىكەن، پىتنە-پاسات كۆپىيىدىكەن، ۋە ھاكازالار...
كېيىن كىشىلەر يىللارنىڭ رەت تەرتىپىنى ئوڭاي ئەستە ساقلاش ۋە ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن بۇ ھەقتە مۇنداق قوشاق توقۇپتۇ ۋە ناخشا قىلىپ ئوقۇپتۇ:

يىل بېشى چاشقان ئېرۇر،ئات ئالدىدا،قوي كەينىدە،
كالىسى مۆرەپ كېلۇر. مەرەپ كېلۇر .
يولۋىسى يولدا يېتىپ، مايمۇنى ئويناپ ماڭار،
توشقىنى سەكرەپ كېلۇر. توخۇسى چىللاپ كېلۇر.
دەريادا بېلىق ئۈزۈپ،ئىتلىرى ھاۋشىپ ئۆتەر،
يىلاننى قوغلاپ كېلۇر. توڭگۇزلىرى تويلاپ كېلۇر.

ئون ئىككى ئارقۇن (مۆچەل)[arqun] : ئارقۇن — كېلىدىغان يىل نامى. 




#Article 177: تۈرك (118 words)


تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغدن غەرىپتە ياۋروپا ئېتەكلىرىدىن شەرقتە خىتاينىڭ ئىچكى تۈزلەڭلىكلىرىگىچە كەتكەن كەڭ زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان كىشىلەرنىڭ ئورتاق نامى. تۈرك مىللىتى ئوغۇز، قىپچاق، ھون ۋە موڭغۇل قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، تارىختا بۈيۈك ھۇن دۆلىتى، كۆك تۈرك خاندانلىقى، ئۇيغۇر ئورقۇن خاندانلىقى، تۇرپان ئۇيغۇر دۆلىتى، قاراخانىيلار دۆلىتى، خارەزىمشاھلىقى، ئوسمانلىلار ئىمپىراتورلۇقى قاتارلىق يۈزلىگەن دۆلەتلەرنى قۇرزان ئەڭ مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنىڭ توپىدۇر. 

قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئارىيانلىرى بىلەن توڭگۇس موڭغۇل ئىرىقىنىڭ موڭغۇلىيە تۇزلەڭلىكىدە كەڭ كۆلەمدە قوشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن قەدىمكى مىللي بىرلىك بولۇپ،قازاقىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىن كۆچۈپ كەلگەن  ئاسنا ساكلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلگەن

This list includes dependent territories within their sovereign states (including uninhabited territories), but does not include claims on Antarctica.  EEZ+TIA is exclusive economic zone (EEZ) plus total internal area (TIA) which includes land and internal waters.




#Article 178: قۇتلۇق شەۋقى (359 words)


قۇتلۇق شەۋقى ياكى قۇتلۇق ھاجى شەۋقى (1876 - 1938) ئۆزىنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتى ۋە ئۇيغۇر نەشەرىياتچىلىقى ساھەسىدىكى تۆھپىسى بىلەن خەلقىمىز ئىچىدە خېلى زور تەسىر پەيدا قىلغان مەدەنىيەت جەڭچىسى.

قۇتلۇق ھاجى شەۋقى 1876- يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدىكى يەرلىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۇ قەشقەردىكى مەدرىسلەرنىڭ بىرىدە ئوقۇپ، ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئەرەب، پارس تىللىرىنى پۇختا ئىگەللىدى. 1908 -يىلىدىن باشلاپ قاھىرەدىكى ئەزھەر دارىلفۇنۇنىدا، ئىستانبۇلدىكى ئالىىي بىلىم يۇرتىدا ۋە بۇخارا مەدەرىسلىرىدە ئوقۇپ، ئۇزاق مۇددەت بىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن ئۆز دەۋرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى مۆتىۋەر ئالىملىرىدىن بېرى بولۇپ يېتىشىپ چىققانىدى.

چەتئەللەردىكى سەپىرىدە كۆرگەن - ئاڭلىغان ھەرخىل ئەھۋاللار، ئوقۇش ھاياتىدىكى تەسىراتلار ياش قۇتلۇق ھاجىنىڭ ئىدىيىسىدە تەرەققىيپەرۋەرلىك روھىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەل يۇرتنىڭ خانىۋەيرانچىلىقى نادانلىق ۋە خوراپاتلىق كىشەنلىرىگە چىرمالغان خەلقنىڭ ئازاپ ئوقۇبىتى ئۇنىڭدا غەپلەت ئاستىدا ياتقان خەلقنى ئويغىتىش ۋە ئاقارتىش ئارزۇسىنى كۈچەيتىپ، «شەۋقى» تەخەللۇسى بىلەن شېئىر يېزىشقا باشلايدۇ.

خەلق ئاممىسىنى ئويغۇتۇشتىكى ئەڭ ياخشى، ئەڭ جەڭگىۋار قورال قەلەم بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ خىتابىنى ئەڭ يىراق جايلارغا يەتكۈزۈپ، ھەممىنى خەۋەردار قىلىدىغان تېخىمۇ مۇھىم قورال مەتبەئە ۋە نەشىرىياتچىلىق ئىدى. شۇڭا، قۇتلۇق ھاجى شەۋقى 1918- يىلى «ئاڭ گېزىتى»نى نەشرى قىلدى. بىراق بۇ گېزىت مۇتەئەسسىپلەرنىڭ قارشىلىقى ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئۇزۇن داۋاملاشماي نەشرىدىن توختىدى. ئۇ يەنە 1933- يىلى ئىيۇلدىن باشلاپ «ئەركىن ھايات گېزىتى»نى، ئۇنىڭدىن كېيىن 1934- يىل 23- ئاۋغۇستتىن باشلاپ «يېڭى ھايات گېزىتى»نى نەشرى قىلىپ، باش مۇھەررىرلىكنى ئۆزى ئۈستىگە ئالدى.

قۇتلۇق ھاجى شەۋقى يەنە ئاتاقلىق تارىخشۇناس ئالىم بولۇپ، ئۇ يازغان تارىخى ئەسەر «ۋاقەئى كاشىغەر(قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر)» ناملىق كىتاب مۇھىم تارىخىي ھۆججەت سۈپىتىدە مۇزېيىدا ساقلانماقتا. ئۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۇ ئەرەب، پارس تىلىدىكى نۇرغۇن لۇغەتلەرنى ئۇيغۇرچە ئىشلىگەن. 

قۇتلۇق ھاجى شەۋقى تەشۋىق قىلغان ئەركىن پىكىرلەر، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك سادالىرى ئەكسىيەتچىلەرنىڭ يېغىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ ئوغىسىنى قايناتتى. شۇڭا، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت ئۇنى كۆزدىن يوقىتىشنىڭ كويىغا چۈشۈپ، تەقىب قىلدى. 1937- يىلى جاللات شىڭشىسەينىڭ تۈرمىسىگە تاشلىنىپ، ئۆكتەبىردە 61 يېشىدا پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلدى. ۋەتەنپەرۋەر شائىر دېموكرات ئەرباب، ئىقتىدارلىق نەشرىياتچى قۇتلۇق ھاجى شەۋقى بىزگە «قەشقەر»، «ئويغاندى»، «پارچە»، «ئانا تىل»، مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋاپاتىغا مەرسىيە» ۋە غەزەل قاتارلىق ئەدەبىي مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى.

ئانا تىل

قۇتلۇق ھاجى شەۋقى

ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىن قىلغۇم كېلۇر،

ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.

بۇ ئانا تىل بولسا گەر ئامېرىكايۇ، ئافرىقىدا،

سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللا، ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر.

ئەي ئانا تىل، بىزگە سەن ئۆتكەن ئۇلۇغلاردىن نىشان،

سەن بىلەن روھىي زېمىندا ئىپتىخارلانغۇم كېلۇر.

قۇتلۇق ھاجى شەۋقى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى




#Article 179: شېڭ شىسەي (175 words)


  

شېڭ شىسەي (盛世才 Shèng Shìcái)
ئىسمى جېن كاڭ ، ئەسلى يۇرتى لىياۋنىڭ ئۆلكىسى كەييۈەن ناھىيسى ، 1897-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان . 1919-يىلى ياپۇنىيە توكيو مىڭجى ئونۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، شۇ يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ، قايتىپ كەلگەندىن كىيىن يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شاۋجۇۋ ئوبلاستى قارمىقىدىكى ھەربىي مەدرىسكە ئىمتىھان بىرىپ كىرگەن . ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن شەرقىي شىمال ئارمىيسىنىڭ 8-بېرىگادىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1926-يىلى ياپۇنيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئونۋىرسىتېتىغا جۇڭگۇ ئوقۇغۇچىلار ئۆمىكى بىلەن ئوقۇشقا ئىۋەتىلگەن . 1927-يىلى ۋەتەنگە قايتىقاندىن كىيىن گومىنداڭ ئىنقىلابى ئارمىيسى باش شىتابىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى بولغان . 1930-يىلى كۈزدە شىنجاڭغا كىلىپ جىن شۇرىنن دۇبەن مەھكىمىسنىڭ مەسلىھەتچىسى ، مەسلىھەتچىلەر باشلىقى بولغان . 1932-يىلى يازدا شەرقىي يول باندىتلارنى يوقىتىش قۇماندانلىق مەركىزىدە قۇماندانلىق قىلىپ ، قۇمۇل دىھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان . 1933-يىلى  سىياسىي ئۆزگىرشىدىن كىيىن شىنجاڭنىڭ چىگرا مۇداپىئە دۇبەنى بولغان ۋە ئۆزى بىلەن قارشى ئىددىيدىكىلەرنى يوقىتىپ ، ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھۆكىمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ،  تىن ئىبارەت 6 چوڭ سىياسەتنى يۈرگۈزگەن . ئارقىدىنلا  پىلانى يۈرگۈزۈپ نۇرغۇنلىغان ئىلغار زاتلار ، كومپارتىيە ئەزالىرىغا زىيانكەشلىك قىلغان ۋە ئۇلارنى كۆپلەپ قىرغان ، 1942-يىلى گومىنداڭغا بىقىنغان . قوشۇمچە شىنجاڭ ئىنىستوتىنىڭ مۇدىرى بولغان . 1944-يىلى 9-ئايدا خەلق ھۆكىمىتى دىھقانچىلىق ئورمانچىلىق مىنىستىرى بولغان .




#Article 180: سەئىدىيە خانلىقى (1698 words)


سەئىدىيە خانلىقى

(1514-1694)

ئىستىلاچى چىڭگىزخان ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى 1225-يىلى ئاستانە قارا قۇرۇمدا داغدۇغىلىق قۇرۇلتاي چاقىرىپ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭنى مىراس سۈپىتىدە بۆلۈپ بەردى، چاغاتاي ئىلىدىكى ئوردىسىدا سەلتەنەت تاجىنى كىيدى.چاغاتاي موڭغۇل خانلىقىدىكى ھۆكۈمالار ، دۆلەت خادىملىرى ۋە ئەسكەرلەر ئاساسەن موڭغۇللار بولۇپ، ئوردا قائىدىسى، تەشكىلى، ھەرخىل مۇراسىملىرى موڭغۇل ئەنئەنىسىگە سادىق ئىدى.تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋاپاتىدىن كېيىن ئەمىر تۆمۈر كوراگان تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئوغۇللىرى خىزىر خوجا بىلەن ئىلياس خوجىنى كۆزگە ئىلماي ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتتى، شۇ كۈندىن باشلاپ چاغاتاي خانلىقى پارچىلىنىشقا يۈز تۇتتى.ئىچكى ئىختىلاپ كۈچەيدى، خان، بەگزادىلەر ئوتتۇرىسىدا تەخت ھوقۇق، زېمىن ماجىراسى بېسىقمىدى، ئەلدە ئەنسىزلىك، ۋەيرانچىلىق ئەۋج ئالدى.بۇ سورۇقچىلىقتىن قەشقەردىكى زېمندار مىرزا ئابابەكرى پايدىلىنىشقا باشلاپ قەشقەر يەكەنلەردە نوپۇز تىكلەپ، ئۆز ئالدىغا قوشۇن قۇردى.ئەھمەدخان چاغاتاي خانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ جاپا چەكتى، لېكىن مۇرادىنى ھاسىل قىلالماي ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى، مەھمۇدخاننڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىككى ئوغلى مەنسۇرخان بىلەن سەئىدخانمۇ پېتىشمىدى، سەلتەنەت تالىشىپ ئۆز ئارا سوقۇشتى ، سەئىدخان مىززا ئابابەكرى بىلەن مەنسۇرخاننىڭ ئورتاق ھۇجۇمىغا تەڭ كېلەلمەي تاغىسى بابۇر شاھتىن ياردەم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ھىندىستانغا يول ئالدى، شۇندىن كېيىن مىرزا ئابابەكرى ئالتە شەھەرنىڭ رەسىمى ھۆكۈمدارى بولدى، ئۆز ئىنتايىن زالىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆز خاھىشى بويىچە جاھان سوراپ خەلقنى قاتتىق ئەزدى، سەئىدخاننىڭ قارارگاھى ئاقسۇ بولغاچقا ئاقسۇ خەلقىنى دەھشەتلىك باستۇردى، ئاقسۇ شەھىرى 16 يىلغىچە قاغا-قۇزغۇنلارنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ، بىرمۇ ئادىمىزات ئاياق بېسىپ باقمىدى. سەئىدخان ھىندىستانغا بارماقنى نىيەت قىلىپ ئاۋال پەرغانىگە يول ئالدى، بۇنىڭ ۋەجى دادىسى ئەھمەدخان پەرغانە تەرەپتىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۆزىگە تەھدىت سېلىۋاتقان ئۆزبېك شەيبانىخان بىلەن كۆپ سوقۇشقان ئىدى، بۇ ئۇرۇشقا ئامراق ئوغلى سەئىدخانمۇ قاتناشقان ئىدى، بۇ ئۇرۇشتا ئەھمەدخان يارلىنىپ ئەسىرىگە چۈشتى ، كېيىن شاھبەگ خان ئەھمەدخاننى ئەسىردىن بوشىتىپ ئاقسۇغا چىرايلىق يولغا سېلىپ قويدى، لېكىن سەئىدخان نەمەنگاندا بىر يىلدىن ئارتۇق زىنداندا ياتتى، كېيىنكى يىلى ئەندجانغا جانبەگ سۇلتان ۋە ئۆزبېكلەر خان بولغاندىن كېيىن سەئىدخاننى زىنداندىن بوشىتىپ نازارەت ئاستىغا ئالدى، ياش سەئىدخاننىڭ جاسارىتى ۋە شىجائىتىدىن تەسىرلەنگەن يەرلىك بەگلەر ئۇنىڭغايوشۇرۇنچە ھىسداشلىق قىلدى ۋە 18 ئادىمى بىلەن قاچۇرۋەتتى، سەئىدخان قېچىپ ئىسسىقكۆل ھۆكۈمرانى مۇھەممەدخاننىڭ ھوزۇرىغا باردى، لېكىن سەئىدخان مۇھەممەدخاننىڭ چېرىكلىكىدىن بىزار بولۇپ ئۇنى ئاغدۇرماقنى نىيەت قىلدى، لېكىن سېزىلىپ قالغاچقا 200دەك ئادىمى بىلەن مۇھەممەدخاننىڭ ئادەملىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ يارىلنىپ ئەسىرگە چۈشتى، سەئىدخان بۇ يەردە ئىككى يىل زىنداندا ياتقاندىن كېيىن 1507-يىلى يەتتە سۇغا قېچىپ باردى، ھەم ئىنىسى خېلىل سۇلتان بىلەن بىرلىشىپ ئۆنى يەتتە سۇ خانى دەپ جاكارلىدى، كېيىن مۇھەممەدخاننى ئاغدۇرۇپ زېمىنىنى ئىسسقكۆلگىچە كېڭەيىتتى، ئاكىسى مەنسۇرخان سەئىدخاننى بۆشۈكىدە ئوجۇقتۇرۇش ئۈچۈن يەتتە سۇغا زور قوشۇن تارتىپ سەئىدخاننىڭ قوشۇنىنى تېرىپىرەن قىلدى،  بارلىق قوشۇنلىرىدىن مەھرۇم قالغان سەئىدخان چۆل-باياۋاندا جېنىنى جان ئېتىشكە مەجبۇر بولدى، ئىنىسى خېلىل سۇلتان جانبەگ ھۇزۇرىغا بېرىپ پاناھلاندى،  لېكىن جانبەگ سۇلتان ھوزۇرىدىكى مەنسۇرخاننىڭ يېقىنلىرىنىڭ قەستىگە ئۇچىراپ باقى دۇنيا بىلەن خوشلاشتى، سەئىدخان نارىن جاڭگاللىقىدىن ئۆتۈپ تارىم دەرياسى بويىدىكى دولانلىقلار ئارىسىغا يوشۇرۇندى ۋە دولانلىقلاردىن كۈچ توپلاپ مىرزا ئابابەكرى بىلەن قارىشىلىشىشىنى مەقسەت قىلدى، لېكىن دولانلىقلار سەئىدخانغا ۋاپا قىلمىدى، ئەكىسچە ئادەملىرىنى ئۆلتۈردى، سەئىدخان بۇ يەردىنمۇ قېچىپ نارىن جاڭگاللىقىغا قايىتتى ۋە جاڭگالدا پاناھلىنىپ يۈرگەن خوتۇن-باللىلىرىنى يايلاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن پەرغانىدىكى جانبەگ سۇلتان ھوزۇرىدىكى ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان بەگلەرنى پاناھ تارتىپ،  ھىندىستانغا بېرىش ئۈچۈن پەرغانىگە يول ئالدى، سەئىدخان پەرغانىدىكى يېقىلىرىنىڭ ياردىمىدە ئامان-ئېسەن ئەندىجانغا بېرىۋالدى ،  ئەندىجاندا جانبەگ سۇلتان تەيىنلىگەن ھاكىم خوجا باتۇر سەئىدخاننى ئىززەت -ئېكىرام بىلەن كۈتىۋالدى ۋە بەدەخشانغا يولغا سېلىپ قويدى، بەدەخشان خانى سەئىدخاننى پايتەخىت زوپەردە بىر نەچچە كۈن پاناھلاندۇرغاندىن كېيىن كابۇلغا يولغا سالدى، 1510-يىلى سەئىدخان كابۇلدا تاغىسى بابۇر شاھ بىلەن ئاخىرى دىدارلاشتى.

سەئىدخان بابۇر شاھنىڭ ھوزۇرىغا بارغاندىن كېيىن بابۇر شاھ بۇ باتۇر، قەيسەر، جەسۇر سەئىدخاندىن تولىمۇ ئېھتىيات قىلدى ۋە پايلاقچى قويۇپ نازارەت قىلدى، سەئىدخان كابۇلدا ئىككى يىلدەك تۇرۇپ كۈچ توپلىدى، پەرغانە ۋە ئالتە شەھەردىكى يېقىن-تەرەپدارلىرى بىلەن يوشۇرۇن ئالاقە قىلىپ تۇردى، ئۆز ۋاقتىدا مىرزا ئابابەكرىنىڭ سۈيقەستىدىن قوتۇلدۇرۇپ قاچۇرۋەتكەن يېقىنلىرى سەئىدىخانغا تۇشمۇ-تۇشتىن ياردەم قىلىشقا باشىلىدى، مىرزا ئابابەكرىنىڭ زۇلىمىدىن قېچىپ پەرغانىگە كەلگەنلەرمۇ سەئىدخاننىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشىنى ئۇمىد قىلدى، بابۇرشاھ ئوتتۇرا ئاسىياغا ھوجۇم قىلغاندا سەئىدخانمۇ ھەمدەم بولدى، ئىككەيلەن ئۆزبېكلەرگە قارشى دەھشەتلىك ئۇرۇشلارنى قىلغان بولسىمۇ غەلبە قىلالمىدى، بابۇرشاھ نائىلاج كابۇلغا قايىتتى، سەئىدخانمۇ باشقا ئۈمىدلىرىدىن ئامالسىز ۋاز كېچىپ بابۇر شاھتىن زور ئەسكىرى كۈچ ئېلىپ 1514-يىلى نارىنغا كەلدى، قوشۇنلىرنى تەرتىپكە سالغاندىن كېيىن 10 مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن قەشقەرگە يۈرۈش قىلدى.

مىرزا ئابابەكرى سەئىدخاننىڭ ھەربىي يۈرۈشىدىن خەۋەر تېپىپ قەشقەرنى قاتتىق مۇداپىئە قىلدى،  لېكىن سەئىدخان قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىشى بىلەن مىرزا ئابابەكرىنىڭ زۇلىمىدىن جاق تويغان قەشقەر خەلقى قوزغىلىپ سەئىدخان تەرەپكە ئۆتتى، مىرزا ئابابەكرى ئىچكى، تاشقى ھۇجۇمدا تېزلا ھالىدىن كەتتى ، قوشۇنلىرى بىرلا ھۇجۇم بىلەن تىرىپىرەن بولۇپ چېچىلىپ كەتتى، مىزرا ئابابەكرى تىبەتكە قاراپ قاچتى ۋە چۆلدە ھالاك بولدى.سەئىدخان يەكەنگە كىرگەندىن كېيىن 1514-يىلى 3-ئاينىڭ30-كۈنى قۇرۇلتاي چاقىردى، قۇرۇلتايدا سەئىدخان خانلىق تاجىنى كىيىدى، دۆلەتنىڭ نامىنى «سەئىدىيە دۆلىتى» دەپ ئاتىدى، يەكەن شەھىرى دۆلەتنىڭ دائىمى پايتەختى قىلىپ بېكىتىلدى، دۆلەت بايرىقىنىڭ شەكىلى نۇقۇت رەڭ ئۈچ بۈرجەكلىك بايراققا ئۆزگەرتىلىپ بايراقنىڭ ئوڭ تەرىپىگە«لائىلەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلىللە» دىگەن ئايەت ئالتۇن ھەل بىلەن يېزىلدى، سول تەرىپىگە دۆلەتنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى يېزىلدى. سەئىدىيە خانلىقى پارس تىلىنى دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتتى، ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلدى، مەدىرسلەردە 70% دەرسىلك پارس تىلىدا ئۆتۈلدى، يەتتە سۇ، ئىسسىق كۆل ۋە ئالتە شەھەرگىچە بولغان كەڭ زېمىن سەئىدىيە خانلىقىغا مەنسۇپ بولدى، لېكىن شىمالى شىنجاڭ ئاكىسى مەنسۇرخاننىڭ قولىدا بولغاچقا، سەئىدخان ئاكىسىغا تىنچ بىرلىشىش ئارزۇسىنى بىلدۈرۈپ مەكتۈپ ئەۋەتتى، سەئىدخان مەكتۇبىدا «دۆلەت قۇرۇشتىكى مەقسەت:زېمىن ئىگىلەپ، تاج كىيىپ، شەخسى ئارزۇنى قاندۇرۇش ئەمەس، بەلكى، ئۇزۇندىن بېرى راھەت كۆرمىگەن خەلقنى راھەتكە چىقىرىشتۇر» دىگەن، سەئىدخان تەقۋادار، رەھىمدىل، خەلقچىل نسان بولغاچقا تەخىتكە ئولتۇرۇپلا باجنى 10 يىلغىچە كەچۈرۈم قىلغان، مىرزا ئابابەكرى بۇلاپ توپلىغان بايلىقىنى خەلقكە ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەن، ئۇرۇشنى خوپ كۆرمىگەن.سەئىدخان ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەپ كۈچەيگەندىن كېيىمۇ ئاكسى مەنسۇرخانغا دۈشمەنلىك قىلمىدى، ئەكىسىچە داۋاملىق ئەلچى ئەۋەتىپ ئۆز سەمىمىيىتىنى بىلدۈردى، مەنسۇرخان سەئىدخاننىڭ سەمىمىيىتى، جاسارىتىدىن تەسىرىلىنىپ ئاخىرى بەيئەت قىلدى. نەتىجىدە سەئىدىيە خانىلىقى كۈندىن كۈنىگە زورىيىپ نوپۇزلۇق، كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى، زېمىنى يەتتەسۇ، توقماق، تىبەت، كەشمىر، قۇمۇل، بەدەخشانغىچە كېڭەيدى.دۆلەت بىرىككە كېلىپ خەلق ئەمىن تاپتى، ئىگىلىك گۈللىنىپ دۆلەت روناق تاپتى، خەلق باياشات ئىچىدە ئۆتتى، شۇڭا بۇ دەۋردە كىشلەر قۇمۇلدىن بەدەخشانغىچە سەپەرگە چىقسا ئوزۇق تۈلۈك ئالماي ئۆيدىن ئۆيگە كىرىپ مېھمان بولۇپ بارار ئىكەن.سۇلتان سەئىدخان تىبەتكە قوشۇن تارتىپ تىبەتنى بويسۇندۇرۇپ قايتاشىدا كېسەل تېگىپ 1533-يىلى 47 يېشىدا ۋاپات بولدى.مىيىتى يەكەندىكى ئالتۇنلۇق مازارغا دەپنە قىلىندى.سۇلتان سەئىدخان 16 يېشىدىن باشلاپ 47 يېشىغىچە قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ زېمىنى كەڭ، قۇدىرەتلىك،  باي سەئىدىيە خانلىقىنى قۇردى ۋە مۇستەھكەملىدى، 19 يىل سەلتەنەت سۈردى.

سەئىدخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن سەئىدخاننىڭ چوڭ ئوغلى-ئاقسۇ ۋالىيسى ئابدۇرەشىدخان دادىسىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ 
تەجىتكە ئولتۇردى، ئابدۇرەشىدخان دادىسىغا ئوخشاش قابىل، زېرەك، پاراسەتلىك، غەيۇر سەركەردە ئىدى، دادىسى بىلەن بىللە نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتنىشىپ خانلىقنىڭ تىكلىنىشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.

ئابدۇرەشىدخان تەخىتكە ئولتۇرغاندىن كېيىن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئىلم-مەرىپەت، ئەدەبىيات، سەنەت، يېزا ئىگىلىك، سۇ نشائاتى، بىناكارلق ئىشلىرى مىسلىز گۈللەندى، ئابدۇرەشىدخان پارس تىلىدا سۆزلىشىش، پارس تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇلىنىشنى تەتىرجى ئازلىتىپ ئورنىغا ئۇيغۇر تىلىنى دەسسەتتى، مەھكىمىدىن ئىدارىلارغىچە پارسچە قائىدە-يوسۇنلارنى، پارس يېزىقىدا خەت-ئالاقە قىلىشنى بىكار قىلىپ ئۇيغۇرچە قائىدە-يوسۇن ئىشلىتىشنى، ئۇيغۇر يېزىقىدا خەت-ئالاقە قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى، مەخسۇس تەرجىمە ئىدارلىرىنى تەسس قىلىپ نۇرغۇنلىغان ئەرەبچە، پارسچە، ئوردۇچە كىتاپلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدۇردى، ئابدۇرەشىدخان يېزا ئىگىلىك ۋە سۇ نشائاتىنى راۋاجلاندۇرغان، قەشقەر بەشكېرەمگە سۇ تەمىنلەيدىغان ئۆستەك تاغ گۈمۈرۈلۈپ تىنىپ قالغاچقا، مىرزا ھەيدار كورگان قايتا ئۆستەڭ چاپتۇرۇپ بۇ جايدىكى قۇرغاقچىلىققا خاتىمە بەرگەن، ئابدۇرەشىدخان بىناكارلىق، مېمارلىق، نەققاشلىقنى گۈللەندۈردى، قەشقەر ۋە يەركەندە مەدرىس، خانقا، مەسجىد، جامە بىنا قىلدى، باغ، ئېرىق-ئۆستەك، كۆۋرۈك، كۆل ۋە بوستانلىق ئەھيا قىلدى، جاي-جايدىكى مەدرسىنڭ سانىنى 2263 كە، مەكتەپنى 1533 كە يەتكۈزۈپ، چوڭ شەھەرلەردىن باشقا ناھىيە ۋە يېزا-قىشلاقلاردا مەھەللە مەدرسى قۇردى، نۇرغۇن يەر، دۇكان، مېھمانساراي.تۈگمەنلەرنى ۋەخپە قىلىپ بېرىپ كىرىمىنى مەدرس، مەكتەپلەرنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ئىشلەتتى، خانلىق مەدرسلەرنىڭ چىقىمىنى ئوردا غەزىنىسىدىن ھەل قىلدى، يەكەندىكى رەشىدىيە مەدىرىسى، يېشىل مەدرس، جامە مەدىرسى، قەشقەردىكى خانلىق مەدرسى، ساقىيە مەدرسىلىرىنىڭ نامى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە داڭق چىقاردى، 

نۇرغۇنلىغان چەتەللىك تالىپلار قەشقەر، يەكەنگە كېلىپ ئىلم تەھسىل قىلىپ قايىتتى، ئىلم ھېرىسمەلىرى ئىستانبۇل، باغداد، تېھران، كابۇل،  دېھلى، قازان، بۇخاراغا بېرىپ ئاۋارە بولمىسىمۇ يەكەن بىلەن قەشقەردە ئىلم نەپىسىنى قاندۇرالايدىغان بولۇشتى، شۇڭا قەشقەر ئىلم-پەن مەركىزىگە ئايلىنىپ «سانى بۇخارا»(ئىككىنچى بۇخارا)دىگەن نام بىلەن شۆھرەت قازاندى. بۇ دەۋردە ئۇيغۇر ئەدىبلىرىدىن نۆۋبىتى، زەلىلى، نازارى، خىرقتى، غېرىبى، سوبۇرى قاتارلىقلار يېتىشىپ چىقتى، خانىش ئاماننىسخان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ھىمايىسىدە ئون ئىككى مۇقامنى رەتلەپ چىقتى، ئابدۇرەشىدخان ئىلمخۇمار كىشى بولغاچقا ئىلىملىك كىشلەرنى ھۆرمەتلەيىتتى ۋە قەدىرلەيىتتى، شۇڭا جاھاننىڭ ئۇ قېتىدىكى نۇرغۇنلىغان مەرىپەتپەرۋەر كىئىشلەر ئابدۇرەشىدخاننىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ سەئىدىيەگە كېلىپ ئىلم-مەرىپەت بىلەن شۇغۇللانغان، ئاتاقلىق، ئالىم، ئەدىب، سىياسىيونلاردىن مىرزا ھەيدەر كوراگانى، مىرزا ھۈسىيىنلەر سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئالىي دۆلەت ئىشلىرىنى بېجىرگەن، ئىراقتىن كەلگەن قۇتىبىدىن خوجام كىشى قورغان يېزىسدا سوپى-ئىشانلىق قىلىپ ئالەمدىن ئۆتكەن، سەمەرقەنىتتىن كەلگەن خوجا مۇھەممەد شېرىپ يەكەندە تەرىقەت بىلەن شۇغۇللىنىپ شۆھرەت قازانغان.ئابدۇرەشىدخان دىن بىلەن سىياسىنى ئايرىۋەتكەن، ھەرقايسى ئىلىم ساھەلىرى بىر بىرگە بېقىنماي، مۇستەققىل تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان، دىننى مەدەنىيەت، سەنئەت ساھەسىگە ئارلاشتۇرمىغان، دىنمۇ ئۆز مەقسەت-مۇدداسى بىلەن تەرەققى قىلغان.) 

سۇلتان ئابدۇرەشىدخان 27 يىل سەلتەنەت سۈرۈپ 1560-يىلى ۋاپات بولدى ۋە يەكەن ئالتۇنلۇق مازارغا دەپنە قىلىندى. سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئوغلى ئابدۇكېرىمخان تەخىتكە ئولتۇردى، سۇلتان ئابدۇكېرىمخانمۇ ئەلنى دادىسىغا ئوخشاش ئادالەت بىلەن سورىدى ۋە 33 يىل سەلتەنەت سۈرۈپ ھىجىرىيىنىڭ 1000-يىلى ۋاپات بولدى.

سۇلتان ئابدۇكېرىمخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئوغلى مۇھەممەدخان سۇلتان بولدى، بۇ كىشى زاھىد، سىياسەتتىن خەۋىرى يوق بەغەم كىشى بولغاچقا دۆلەتكە ھىچقانداق ئىش قىلىپ بېرەلمىدى، ئىگىلىك بىر ئىزىدا توختاپ قالدى، بۇ خىل تۇرغۇنلۇق 18 يىل داۋام قىلغاندىن كېيىن مۇھەممەدخان ھىجىرىيىنىڭ 1018 - يىلى ۋاپات بولدى، ئورنىغا ئەھمەدخان سۇلتان بولدى، بۇ كىشىمۇ دەرۋىش مىجەز،  بىخۇت كىشى بولغاچقا ھىجىرىيىنىڭ 1024-يىلى ئوردىدىكى مۇناپىق خىزمەتچىلەر تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۋېتىلدى. ئورنىغا ئوغلى ئابدۇلېتىپخان سۇلتان بولدى. ئابدۇلېتىپخان مەرد، خەلقپەرۋەر ، بىلمخۇمار كىشى بولغاچقا ئىلم-پەن، مائارىپ، دىننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردى، قەشقەر، يەكەندىكى بىلم يۇرتىلىرىنى ئاۋاتلاشتۇرۇشتىن باشقا يەنەيېڭىسار، قاغىلىقتىمۇ مۇدەرس، خانقا بىنا قىلدۇردى، يۇرتنى ئادىللىق بىلەن سوراپ، ئىلم-پەننى راۋاجاندۇردى، ئەلنى بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈردى، ئابدۇلېتىپخان 12 يىل ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن ئوردىغا سوقۇنۇپ كىرۋالغان قارا نىيەت خىزمەتچىلەر تەرىپىدىن قەستكە ئۇچىراپ ۋاپات بولدى.سۇلتان ئابدۇلېتىپخان ۋاپاتىدىن كېيىن ئالتە شەھەردە پەرىشانلىق قايتىدىن باش كۆتۈردى، مەنسەپ، سەلتەنەت جېدىلى پەلەككە يەتتى، زامان زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ بولدى، قاتىللىق، بۇلاڭچىلىق ئەۋج ئالدى، بۇ پەرىشانلىقتىن خەۋەر تاپقان شىمالى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئەمىر ئابدۇللاخان قوشۇن باشلاپ يۇرتنى ئىلكىگە ئالدى-دە 1638-يىلى يەكەندە ئۆزىنى سەئىدىيەنىڭ سۇلتانى دەپ ئېلان قىلدى، ئابدۇلاخان سۇلتان بولغاندىن كېيىن دۆلەت قايتىدىن گۈللنىپ روناق تاپتى، قۇدىرىتى، نوپوزى ئاشتى، ھەربى كۈچى زورايدى.سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ ھەربىي يۈرۈشىدىن خەۋەر تاپان قوقەنىد، تاشكەنىت خانلىرى ئابدۇللاخانغا ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى، يەركەنگە ئولپان تاشۇرۇدىغانلقىنى بىلدۇرۇشتى، شۇنداق قىلىپ غەربىي تۈركىستان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولدى.سۇلتان ئابدۇللاخان ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدا بۇزۇلغان يول، مەدرسلەرنى قايتىدىن ياسىدى، بۇرۇنقى باياشادلق، ئەمىنلىكنى ئەسلىگە كەلتۈردى، كېرىيە بىلەن چېرىيەدە چوڭ ئۆستەڭ ئەھيا قىلدۇردى، ئابدۇللاخان دەۋردە موڭغۇللار تېز كۈچىيىپ قازاقلارنى مەغلۇپ قىلدى، 1659-يىلى سەئىدىيە خانلىقىغا ھوجۇم قىلىپ شىمالى شىنجاڭنى بېسىۋالدى، غەربى تۇركىستاندىكى ئۇششاق خانلىقلارمۇ ئۇرۇش قىلىپ تىنىچسىزلىق، قالايمىقانچىلىق ھۆكۈم سۈردى، شۇنىڭ بىلەن سەئىدىيەنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىپ زېمىنى ئالتە شەھەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى.غەربى تۇركىستان خەلىقى ئۇرۇش ۋەيراچىلىقىدىن قېچىپ شىنجاڭغا سەلدەك ئاقتى، بۇلارنىڭ ئىچىدە خوجىلارمۇ بار ئىدى، ئابدۇللاخان سەرسانلارغا، خوجىلارغا شەپقەت قىلىپ يەر، سۇ بەردى، ئابدۇللاخان خوجىلارنى ھەددىن زىيادە ئىززەتلەپ بېشىدا كۆتۈردى، تامام دۆلەت ئەربابلىرى ئۇلارغا مۇرت بولدى، ئاۋام خەلق ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەقىدە قىلدى، خوجىلارنىڭ نوپۇزى ئابدۇللاخاننىڭ شۆھرىتىنى بېسىپ چۈشتى.ئابدۇللاخان زالىم ئوغلى يولۋاسخاننى قەشقەرنىڭ ۋالىيلىق مەنسىپىدىن قالدۇرغاندا يولۋاسخان دادىسىغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى، 1667-يىلىدا دادىسىغا قارشى قوشۇن تارتتى ، ئابدۇللاخان ئۇرۇشتا يېڭىلدى ۋە بالىسىنىڭ ۋاپاسىزلىقى ئېغىر كېلىپ كىچىك ئوغلى ئابدۇلمۆمنخاننى ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئۆئى ھىندىستانغا كەتتى، يولۋاسخان ئابدۇلمۆمنخاننى ئۆلتۇرۇپ سەئىدىيە خانلىقىغا ئىككى يىل سۇلتان بولدى، ئۆزى زالىم بولغاچقا خەلق قوزغىلىپ ئۇنى 1670 -يىلى ئۆلتۈردى، يولۋاسخان ئۆلگەندىن كېيىن خەلقنىڭ كېڭىشىگە ئاساسەن ئىسمايىلخان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سۇلتانى بولدى.




#Article 181: Mustafa Kemal Atatürk (875 words)


Bu mezmun toluqlanmaptu.

Selanikte tughulghan. Istanbulda 1938-yili wapat bolghan. 

Éngi türkiyining ijadchisi, her sahedikige oxshashla ma'arip sahesidimu türklerge daghdam yol échip bergen ulugh dahi Mustafa Kemal Atatürk, türkiyini düshmenlirining istilasidin qandaq qutuldurup qalghan bolsa, jahalet istilasidinmu shundaq qutuldurghandur.

Atatürk, azadliq urushida ghelibe qilghandin kéyin, yépyéngi bir türk döliti qurup chiqish bilen bir waqitta, büyük türkiye ghayisining ul mu'essese türlirini yolgha qoyghan, hemde bu büyük ghayining ul téshiningmu ma'arip ikenlikini hemishe tekitlep kelgen.

Atatürk, Türkiye jumhuriyiti qurulghanliqini jakarlash bilen teng, keng kölemlik ma'arip seperwerlik xizmitini keng qanat yaydurghan. 1972 – Yilqi tunji qétimliq nopus tekshürüsh netijisige köre, türkiyide oqush – yézishni bilidighanlarning nisbiti peqet yüzde 10.6 pirsenni teshkil qilatti. Atatürk échip bergen parlaq yolni boylap qolgha keltürülgen alemshumul netijilerge nezer tashlighinimizda, iptixarliq bilen shuni köreleymizki, türkiye nöwette oqu – oqutush saheside zamaniwilashqan we tereqqi tapqan herqandaq bir döletni bésip chüshse chüshiduki, hergizmu töwen orunda turmaydu.

Nöwette, türkiye 73 milyon nopusi arqiliq dunyaning eng küchlük we dinamikiliq döletliri qataridin orun alidu. Mana bu 73 milyon nopusning 21 milyonini oqughuchilar teshkil qilidu. Hazir türkiyide bashlanghuch ma'aripida mekteplishish nisbiti yüzde yüz pirsenge yetti.

Türkiye jumhuriyiti qurulghandin buyan, ma'arip saheside keng kölemlik islahat heriketliri keng qanat yaydurulup, ghayet zor muweppeqiyetler qolgha keltürüldi. Buning netijiside, pirinsip, siyaset we pilan jehettin xelqning zamangha mas halda éngini östürüsh ishqa ashuruldi, hemde zamaniwiy ma'aripning pütkül ul tashliri sélindi.

Atatürkning ma'arip siyasiti, oqu – oqutushta birlik, milliylik, sékularizimliq yeni din bilen siyaset bir biridin ayriwétilgen sistima we zamangha layiq ma'arip éngini aldinqi pilangha qoyidighan eng asasliq qimmetlik jewherdur.

Atatürkning nutuqliri bilen bayanatlirini tetqiq qilghinimizda shuni körüwalalaymizki, uning birdin bir arzu qilidighini, her bir insanning özide ijadkarliq rohi, mislisiz eqil – paraset, tirishchanliq, erkinlik, yüksek exla'iy pezilet we zamangha maslishish éngini yétildürüshi, elwette.

Atatürk, bir tereptin zamaniwiy, musteqil, sékularizimliq yeni din bilen siyaset bir biridin ayriwétilgen sistémigha ige we démokratik bir jemiyet qurup chiqishqa tirishsa, yene bir tereptin, buning ma'arip sahesidiki asasliq amilliri bolghan alemshumul qimmet ölchemliri, menggülük pirinsiplar we zamaniwiy usullarning ul tashlirini sélip bergen.

Atatürk bir nutqida «eng muhim, shundaqla eng asasliq nuqta ma'arip mesilisidur. Ma'arip shundaq bir halqidurki, uninggha mehkem ésilghan her qandaq bir millet, öz erkige érisheleydu we musteqqiliqini qolgha keltürüp öz özige xoja bolalaydu, shundaqla shanliq ghelibilerni qolgha keltürüp, tereqqiyatning eng yuqiri pellisige yamiship chiqalaydu; uningdin mehrum qalghan milletler bolsa, qulluqqa we xar zebunluqqa mehkumdur» dégen we bu arqiliq heqiqiy musteqilliqning aldinqi shertining ma'arip ikenlikini alahide tekitligen.

Atatürk «bir tereptin zulmetlik jahaletni yoqitishqa tirishsa, yene bir tereptin, türkiye jumhuriyiti yash – ösmürlirining ijtima'iy we iqtisadiy hayatta küchke ige qilinishi üchün zörür bolghan deslepki melumatlarni emeliyetke birleshtürp bérish, ma'arip ishlirimizning asasiy bolushi kérek» dep körsetken. Qisqisi, atatürkning , insanning kündilik hayatida muweppeqiyetke érishishide türtkilik rol oynishi üchün, her jehettin ma'aripning hem insan hem jemiyetke paydiliq bolushini ümid qilishimu, memlikitimizde keng qanat yaydurulushini ümid qilghan zamaniwiy ma'arip éngining asasliq pirinsipliridin biri bolup qalghan.

Atatürk, ma'aripqa qanchilik derijide ehmiyet bergenlikini oqutqichilargha köngül bölüsh arqiliq namayen qilghan. Atatürk bir nutqida, «hörmetlik ustazlar! Yash ewladlarni ilim – pen, pen – téxnika, exlaqiy, eqliy we jismaniy jehetlerdin toluq yétildürüp chiqish jumhuriyetning teqezzasidur. Yéngi ewladlarni mana mushundaq alahidilikler boyiche yétishtürüp chiqish silerge baghliqtur» déyish bilen bir waqitta yene, shu ulughwar ghayini tiklep bergen: «eng medeniyetlik we eng tereqqi qilghan bir millet bolush süpitimiz bilen, tereqqiyatning téximu yüksek pellisige yétishke mejburmiz.»

Türkiye jumhuriyiti döliti qurulushi bilen tengla ma'arip xizmitige nahayiti zor meblegh ajritilghan. «Düyunu omumiye» dep atilidighan osmanli dölitidin qalghan dölet xirajetlirining yüzde 20 ge yéqin qismi ayrilghan bolushigha qarimay, ma'arip ministirlikige yüzde 4.5 pirsent meblegh ayrilghan.

Türkiye jumhuriyiti qurulghan haman, büyük türk inqilawining yétekchisi ulugh dahi mustafa kemal atatürk mundaq dep körsetken: «milliy ma'aripning asasliq nishanliri shuki, sawatsiz héchqandaq bir grajdanimiz qalmasliqi, éhtiyajliq bolghan téxnik xadimlirining yétishtürülüshi, milliy ghaye we bu ghayining idiyisini pilanlap chüshendürüp béreleydighan, hemde bu ghayini ewladmu ewlad tereqqi qilduralaydighan shexslerning yétishtürüp chiqilishi we qurulushlarning tesis qilinishi shert.»

Atatürk yene bir nutqida «qiz – oghul ewladlirimizning ma'arip éngi oxshash sewiyide yétildürülüshi kérek. Türkiye dölitining ewladliri ma'aripning her bir basquchida, shundaqla qtisadiy hayatta pa'aliyetchan, töhpikar we ghalib ewladlardin qilip yétishtürüp chiqilishi lazim» dep yolyuruq bergen.

Türk milliy ma'aripini zamaniwi we ilghar sewiyige yetküzüsh pilanlirining ul téshini sélip bergen atatürk, ma'aripning ghayisini mundaq dep tekitlimekte: «ma'aripning ghayisi, ma'aripning asasiy, ma'aripning alahidiliki nahayiti büyüktur. Egerde bu heqte xata yolda méngip qélip, xelq zawalliqqa qarap yüz tutsa, buning birdin bir jawabkari, bu yolda sabit qedem bilen algha ilgirilewatqan yaxshi niyetlik, eqil parasetlik, ijtihatchan we xelqi üchün héchnémisini ayimaydighan rehberge ishengen bichare xelqtinmu köre, shu xelqni xata yolgha bashlighanlar emesmu? Ilghar we medeniyetlik bir millet bolush süpitimiz bilen kelgüsidimu yene zamaniwiy ilgharliqning del merkizi nuqtisida yashaymiz. Buningghimu peqet ilim – penning küchi arqiliqla érishkili bolidu, elwette. Ilim – pen qeyerde bolushidin qetiynezer uni shuni yerdin élip, millitimizdin her bir insanning méngisige yerleshtürimiz. Ilim – penge érishishning aldinqi sherti yoqtur...dunyada hemme nerse üchün, jümlidin kündilik hayat üchünmu, muweppeqiyetke érishish üchünmu yenila ilim – pen bolmisa zadi bolmaydu. Shunga, biz yashawatqan shu dunyaning jümlidin ilim – penning künsiri qandaqsige uchqandak tereqqi qiliwatqanliqini tonup yétishimiz intayin muhim, shundaqla ilim – penning alemshumul tereqqiyatlirini nezerdin saqit qiliwétishimizge zadi bolmaydu.»

Büyük dölet erbabi, yiraqni köreleydighan zat we bilim mestanisi bolghan ulugh dahi mustafa kemal atatürk ul téshini sélip bergen zamaniwi we medeniyetlik bir parlaq yolda ghelibisiri algha ilgirilep, qanchilighan ilmiy jemiyetlerni qurup chiqqan türkiye jumhuriyiti, bügünki künge kelgende dunyaning sanaqliq bilim merkezliridin biri bolup qaldi.




#Article 182: X نۇرى (571 words)


 
X نۇرى:

دوختۇرخانىلاردا( سۆڭەك بۆلۈمىدە ) رىنتىگىن ئاپاراتى دىگەن بىر ئاپارات بار. بۇ نى بەلكىم ھەممەيلەن بىلىشى مۇمكىن.(CT ۋە ئولتۇرا ئاۋاز دولقۇن ئاپاراتلىرى ھازىر دوختۇرخانىلاردا كەڭرى ئىشلىتىلۋاتقان ئۈسكۈنىلەر.رىنتىگىن ئاپاراتى بۇرۇنلاردا خىلى ئىلغار سايمان ھىساپلانسا كىرەك . ھازىرمۇ سۆڭەك سۇنسا، زەخمە بولسا مۇشۇ ئاپرات بىلەن تەكشۈرىدۇ.) ئۇ نىڭ بىلەن بەدەن ئىچكى قىسمىدىكى ئىسكىلىتلارنى رەسىمگە تارتقىلى بولىدۇ. قانداقسىگە؟

رىنتىگىن ئاپاراتى رىنتىگىن نۇرى بىلەن ئادەم بەدىننى رەسىمگە ئالىدۇ.يەنى رىنتىگىن ئاپاراتى قويۇپ بەرگەن رىنتىگىن نۇرى ئادەم بەدىننى تىشىپ ئۆتەلەيدۇ. بۇ نۇر بەدەننى تىشىپ ئۆتكەندىن كىيىن پىلاستىنكىغا بەدەن ئىچىدىكى ئىسكىلىتلار تەرىپىندىن توسىۋېلىنغان قىسمىنىڭ ئىزنالىرى قالىدۇ.( مانا بۇ نىمە ئۈچۈن رىنتىگىن ئاپاراتىدا تارتىلغان سۆرەتلەرنىڭ ئادەمنىڭ قورققىسىنى كەلتۈرىدىغان بولۇشىنىڭ سەۋەبى.) بىز بۇ يەردە سۆزلىمەكچى بولغان X نۇرى دەل مۇشۇ رىنتىگىن نۇرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا X نۇرى قانداق نۇر؟

X نۇرى دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قىسقا (8 -10 مېتىر دىن كىچىك ياكى شۇ دائىرىدە) ، چاستوتىسى يۇقىرى بولغان( 1015× Hz30 تىن 1018× 30 Hz غىچە) بىرقەدەر يۇقىرى ئېنىرگىيەگە ئىگە ئېلىكتېر-ماگنىت دولقۇنى. ئۇنىڭ تىشىپ ئۆتۈش ئالاھىدىلىكى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، X نۇر دىفراكسىيە تەجىربىسى ئارقىلىق كىرىستاللارنىڭ ئاتوم تۈزىلىشىنى كۆزەتكىلى ھەم يۇقىردا دىيىلگەندەك دوختۇرخانىلاردا بەدەن ئىچىدىكى ئىسكىلىتلارنى سۈرەتكە تارتقىلى بولىدۇ؛ يەنە ئۇ ماددىلارنىڭ خاراكتېر X نۇرىنى چىقىرىشقا تۈرتكە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن ماتېرىيال ئەۋرىشكىسىنى نۇرلاندۇرۇش ئارقىلىق ماتېرىياللارنىڭ تۈزۈلىشى، تەركىبى، ماددا نىسبىتىنى ئۆلچىگىلى بولىدۇ. (X نۇرى نۇرلاندۇرۇش تەجىربىسى ۋە X نۇر سىپىكتېر ئانالىزى ھازىرقى زامان ماتېرىيال فىزىكىسى تەجىربىخانىللىرىدا كەڭرى قوللىنىلىدۇ) .

X نۇرى دەسلەپتە گېرمانىيە فىزىكا ئالىمى ۋېلىيام رىنتىگىن( 1845 -1923) تەرىپىدىن بايقالغان. 1895-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇ( فىزىكا ئالىمى) لېنارد بىلەن كروك نورى نىڭ كاتود نۇرىنى نۇرلاندۇرۇش ئىكرانىغا چۈشۈرۈپ . كۆزىتىۋاتقاندا بىرخىل ئاچ يېشىل رەڭلىك نۇرنىڭ بىر مېترچە ئارلىقتىكى جايدا شولا چۈشۈرۈپ تۇرغانلىقىنى بايقىغان. بۇ بىر خىل غەلىتە ھادىسە ئىدى. چۈنكى ئۇ كۆرۈنمەيدىغان باشقا نۇرلارنىڭ ئارلىشىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھىلقى  كروك نورى نى قارا كارتون قەغەز بىلەن ئوراپ قويغان! بۇ قانداق نۇر؟ بۇ نۇر قارا كارتون قۇتىنى تىشىپ ئۆتەلىگەنىكەن، ئۈستەلدىكى كىتاپ ۋە باشقا نەرسىلەرنى تىشىپ ئۆتەلەمدۇ يوق؟ئۇ شۇنىڭ بىلەن بۇ غەلىتە نۇر نى تەتقىق قىلىشقا كىرىشپ كەتكەن ھەمدە شۇ يىلى بىرىنچى ئايدا بۇ ھەقتىكى ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. رىنتىگىن بۇ  غەلىتە نۇرنى X نۇرى (نامەلۇم نۇر دىگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن ھازىرغىچە شۇنداق ئاتىلىپ كىلىۋاتىدۇ.(بەزىدە رىنتىگىن نۇرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ). رىنتىگىن مۇشۇ بايقالمىسى ئۈچۈن 1901-يىلى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن!

ۋېليام رىنتىگىن X نۇرىنى تەتقىق قىلىۋاتقاندا تاساددىبى ئۇنىڭغا قەھۋە دەملەپ كىرگەن ئايالىنىڭ قولىنىڭ (ئىسكىلىت) شولىسى ئىكرانغا چۈشۈپ قالىدۇ-دە (قورقۇپ كەتكەن ئايالى ھوشىدىن كىتىدۇ. رىنتىگىن ئايالى بىلەن كارى يوق خىيالغا كىتىدۇ...) شۇنىڭ بىلەن ئۇ X نۇرىنى داۋالاشتا قوللانسا بولىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. شۇندىن ئىتىبارەن رىنتىگىن نۇر ئاپاراتى ياسىلىپ، دوختۇرخانىلاردا ئىشلىتىلىپ كىلىنىۋاتىدۇ...

ئۇنداقتا ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا X نۇرى قانداق شەكىللىنىدۇ؟

بىز ئالدىنقى قىسىمدا نۇرنىڭ شەكىللىنىش ماھىيىتىنى سۆزلەپ ئۆتكەنىدۇق. يەنى ، ئاتوم يادرو سىرتىدىكى ئېلىكترونلارنىڭ يۇقىرى ئوربىتا قەۋىتىدىن تۆۋەن ئوربىتا قەۋىتىگە سەكرىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدىغانلىقىنى دىگەن . بۇ بەلكىم يادىڭلاردا بولسا كىرەك! دىمەك ماھىيەت شۇنداق. لىكىن بۇ يەردە ئازىراق ئوخشىماسلىق بار. نىمە دىگەن ۋاقىتتا ، X نۇرى ئاتومنىڭ ئىچكى قەۋىتىگە ئېلىكترونلارنىڭ سەكرىشىدىن شەكىللىنىدۇ، ئادەتتىكى باشقا نۇرلار بولسا تاشقى قەۋەتكە سەكرىشىدىن شەكىللىنىدۇ.(ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئالدىنقىسى 4-،3- قەۋەتتىن 1- قەۋەتكە سەكرىسە، كىينكىسى 4-قەېەتتىن 3-سىگە، 2-سىگە سەكرەيدۇ... ) رەسىمدىن تىخىمۇ ئېنىق كۆرەلەيسىز.

X نۇرى تىبابەتتە ، كىرىستال تۈزۈلۈش ئانالىز تەجىربىسىدە، ماددا تەركىپ، تۈزۈلۈش ۋە نىسبەت ئانالىز تەجىربىسىدە كەڭلرى ئىشلىتىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدىكى قوللىنىشىدىن مىسال ئالسام، مەسىلەن سىزدە بىر سىز نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان بىر قېتىشما مىتال ياكى باشقا خىمىيلىك پولىمېر ۋە ياكى باشقا بىر نىمىلەر بار دەيلى. سىز زامانىۋى فىزىكا تەجىربىخانىسىغا كىرىپ، شۇ نەرسىنى  X نۇرى نۇرلاندۇرۇش تەجىربىسى ئارقىلىق ئۇنىڭ تەركىبىنى ئۇقالايسىز. ۋە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا  X نۇرى سىپىكتېر ئانالىز تەجىربىسى(XPS) ئارقىلىق ئۇنىڭ تەركىب ماددىللىرىنىڭ نىسبىتى ۋە مىقدارىنى ھىساپلاپ چىقالايسىز. بۇ ئىككى تەجىربە ھازىرقى زامان ماتېرىيال فىزىكىسى تەجىربىخانىسىدا داۋاملىق ئېلىپ بىرىلىدۇ...




#Article 183: نۇر دىگەن نىمە؟ (185 words)


نۇر(يورۇقلۇق) بولغاچقىلا بىز كۆزىمىزنىڭ ۋاستىسى بىلەن نەرسىلەرنى كۆرۈشكە قادىر بولالايمىز. يەنى جىسىملاردىن قايتقان نۇر كۆزىمىزگە يېتىپ كەلگەندە، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر قاتار ئوپتىكىلىق(يورۇقلۇققا ئائىت) سىستىمىدىن ئۆتۈپ، كۆرۈش نىرۋىللىرىمىزنى غىدىقلىغاندىن كىيىن كاللىمىزدا جىسىمنىڭ ئوبرازى ئەكىس ئىتىدۇ. بىز كۆرۈپ تۇرىۋاتقان بۇ دۇنيا رەڭگا-رەڭ، بۇمۇ دەل جىسىمدىن قايتقان نۇرنىڭ ئوخشاشمىغان خۇسۇسىيەتتەئىگە ئىكەنلىكىدىن.ئۇنداقتا، نۇر زادى قانداق نەرسە؟

نۇرنىڭ خۇددىي سۇ دولقۇنى ۋە ئاۋاز دولغۇنلىرىغا ئوخشاش ئايلىنىپ ئۆتۈش(دىفراكسىيە) ۋە قاتلىنىش(ئىنتېرفىرىنسىيە) ھادىسلىرىگە ئاساسلىنىپ ، كىشىلەر نۇرنى بىر دولقۇندىن ئىبارەت دىگەن. بۇنىڭ ۋەكىلى كىرىستىيەن ھۇيگىنىس (1629-1695)بولۇپ، ئۇ نۇرنىڭ دولقۇن تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كىيىنكى دەۋىرلەردە نۇرنىڭ تۈز سىزىق بويىنچە تارقىلىش، تەكشى جىسىم يۈزىدىن قايتىش ۋە پەرىقلىق مۇھىت چىگرىسىدا سۇنۇش ھادىسلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، نۇرنى يۇقىرى تىزلىكتىكى زەرىچىلەر ئېقىمى دىگەن خۇلاسىگە كىلىشكەن. بۇ كۆز قاراشنىڭ ۋەكىلى ئىسساك نيوتۇن(1706-1790)بولۇپ،ئۇ نۇرنىڭ زەررىچە تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەينى ۋاقىتتا نيوتۇننىڭ ئىلىمپەن ساھەسىدە تۇتقان ئورۇننىڭ يۇقىرىلىقى سەۋەپلىك كۆپ سانلىق كىشىلەر تاكى 1900 يىللارغىچە نيوتۇننىڭ زەرىچە تەلىماتىغا ئىشىنىپ كەلگەن ئىدى. بىراق فوكاۋلت (1819-1868) ئېلىپ بارغان تەجىربە نيوتۇن تەلىماتى ئىنكار قىلىنىشىنىڭ باشلىنىش نوختىسى بولدى. يەنى ، زەرىچە تەلىماتىغا ئاساسلانغاندا نۇرنىڭ ھەقىيقى بوشلۇقتا تارقىلىش تىزلىكى(تەخمىنەن سىكونتىغا 300مىڭ كىلومېتىر) ۋە سۇدىكى تىزلىكى(تەخمىنەن سىكونتىغا 218مىڭ 400 كىلومېتىر). بۇ پاكىت نۇرنىڭ سۇنۇش ھادىسسنى چۈشەندۈرۈشكە قىيىنچىلىق تۇغدۇراتتى...




#Article 184: ئالفېرد نوبىل (397 words)


 
نوبىل مۇكاپاتىنى ياراتقۇچى ئالىم (1833-1896) ALFRED NOBEL

نوبىل مۇكاپاتى شىۋىتسىيەلىك داڭلىق خىمىيە ئالىمى نىترو گىلىتسىرىنلىق بومبىنىڭ ياراتقۇچىسى ئالفېرد نوبىل ئەفەندىنىڭ مەلۇم مىراسىنى مەبلەغ قىلىش ئاساسىدا قۇرۇلغان مۇكاپات بولۇپ ، ئالفېرد نوبىل ئەفەندى ھاياتىدا 355 تېخنىكا تۇرىدە كەشپىيات ياراتقان ھەم ياۋرۇپا قىتئەسى ، ئامېرىكا قىتئەسى قاتارلىق بەش چوڭ قىتئەدىكى 20 دۆۋلەتتە 100 يېقىن شىركەت ۋە زاۋۇد قۇرۇپ ، غايەت زور مەبلەغ توپلىغان . 1896 - يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىتالىيەدە ۋاپات بولغان ، ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بىر يىل ئىلگىرى ئۆزىنىڭ مەلۇم مىراسىنى ( 9 مىليون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى)مەبلەغ قىلىپ ، ئۇنى ئۆسۇمى بويىچە فىزىكا ، خىمىيە ، فىزىئولوگىيە ۋە تىببىي ئىلىم ، ئەدىبىيات ۋە تېنچلىق قاتارلىق 5 پەنگە بۆلۈپ تەسسىس قىلىپ بۇنى پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدىكى مۇشۇ ساھەلەردە ئىنسانىيەتكە ئالەمشۇمۇل تۆھپە قوشقان كىشىلەرگە مۇكاپات قىلىپ تارقىتىپ بېرىش توغرىسىدا ۋەسىيەت قالدۇرغان .

شۇنىڭغا ئاساسەن شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتى 1900-يىلى 6- ئايدا رەسمىي ھالدا نوبىل مۇكاپاتىنى تەستىقلاپ يولغا قويغان ، ھەم 1901 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئالفېرد نوبىل ئەفەندى ۋاپاتىنىڭ بەش يىللىق خاتىرە كۈنىدە تۇنجى قېتىملىق نوبىل مۇكاپاتىنى تارقاتقان ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدىن باشقا ۋاقىتلاردا ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە شىۋىتسىيە پايتەختى سىدگېرم ۋە نورۋىگىيە پايتەختى ئوسلۇدا داغدۇغۇلۇق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ .

ئالفېرد نوبىل ئەفەندىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ھېچقانداق دۆۋلەت ، مىللەت ، ئىجتىمائىي ئاڭ شەكلى ۋە دىننى ئېتىقادنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ ، نامزات تاللاشتا ياراتقان نەتىجىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بىردىنبىر ئۆلچەم قىلىنىدۇ دەپ بىكىتىلگەن .

ھەر يىلى 9-ئايدىن كىيىنكى يىلى 1-ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە ھەر قايسى تۈرلەردىكى مۇكاپاتقا تونۇشتۇرۇلغان كاندىدات نامزاتلار قۇبۇل قىلىنىدۇ ، تونۇشتۇرىلىدىغان كاندىداد نامزاتلار ئادەتتە 1000-2000 كىشىگىچە بولىدۇ . 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تونۇشتۇرۇلغان كاندىداد نامزاتلار شاللاپ تاللاش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش باسقۇچىغا كىرىدۇ ، 10-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ تىزىملىكى رەسمىي ھالدا ئېلان قىلىنىدۇ ، 12 -ئاينىڭ 10 -كۈنى ئالفېرد نوبىل ئەفەندى ۋاپاتىنىڭ خاتىرە كۈنىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىۋىتسىيە پايتەختى سىدگېرم ۋە نورۋىگىيە پايتەختى ئوسلۇدا داغدۇغۇلۇق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ ۋە شىۋىتسىيە پادىشاھى سەھنىگە چىقىپ مۇكاپات تارقىتىدۇ .

نوبىل مۇكاپاتى -مۇكاپات كىنىشكىسى ، ئالتۇندىن ياسالغان مۇكاپات مىدالى ۋە مۇكاپات پۇل چىكىدىن تۈزۈلىدۇ .
نوبىل مۇكاپاتى پۇل سوممىسى دەسلەپكى ۋاقىتلاردا 31000-72000 ئامېرىكا دوللىرىغىچە ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا پۇل پاخاللىقى تۇپەيلى 60- يىللاردا 75000 ئامېرىكا دوللىرى 80 - يىللاردا 220000 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن .

ئالتۇندىن ياسالغان مۇكاپات مىدالىنىڭ ئېغىرلىقى يىرىم قاداق بولۇپ ، ساپ ئالتۇن 23 گرام ، دىئامىتىرى تەخمىنەن 6.5 سانتىمىتىر بولۇپ ، ئوڭ يۈزىگە ئالفېرد نوبىل ئەفەندىنىڭ يۇزەكى سۇرىتى ئويۇلغان . ئوخشىمىغان مۇكاپات تۈرىدىكى مۇكاپات مىدالىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى زىننەت بۇيىمى ئوخشاش بولمايدۇ .




#Article 185: ھاجەتتەپە ئۇنىۋرېستېتى (606 words)


 
ھاجەتتەپە ئۇنىۋرېستېتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن بىرى بولغان ۋە ئىلمىي تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلىپ قىلىدىغان ھاجەتتەپە ئۇنىۋرېستېتى

ئەنقەرەدىكى داڭلىق ھاجەتتەپە ئۇنىۋرېستېتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن بىرى بولغان ۋە ئىلمىي تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلىپ قىلىدىغان ھاجەتتەپە ئۇنىۋرېستېتى

تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە يەرلىك ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرىستېتى، زامانىۋى دۇنيانىڭ ئىلغار ۋە خەلقئارا ئۆلچەمدىكى ئۇنىۋېرستېتلىرى بىلەن مۇسابىقىلىشەلەيدىغان بىر ئالىي مائارىپ ئورگىنىدۇر. ئىلىم – پەننىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىلمىي، پەن - تېخنىكا ۋە سەنئەت جەھەتتىكى بىباھا بايلىق مەنبەسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىقتىدارلىق بىلىم ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى نىشان قىلغان ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى، تەتقىقات، مائارىپ ۋە تۈرلۈك خىزمەت ساھەلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆز زېممىسىگە يۈكلەنگەن مۇقەددەس بۇرچى ھېساپلايدۇ.

ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى، تىرىشچان، ئەستايىدىل، كەشپىياتچان، يىراققا نەزەر تاشلىيالايدىغان ئاكادېمىكلىرى ئارقىلىق خەلقئارادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرستېتلارغا ئوخشاشلا خەلقئارا ئۆلچەمگە لايىق رەۋىشتە مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھاجەتتە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئۇل تېشى؛ 1954 – يىلى 2 – فېۋرال كۈنى قۇرۇلغان ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى مىدىتسىنا فاكولتېتىگە قاراشلىق بالىلار سالامەتلىكى بۆلۈمىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن سېلىنغان. كېيىنچە، 1957 – يىلى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى بالىلار سالامەتلىكى ئىنىستىتۇتى ۋە دوختۇرخانىسى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى قورۇسىدا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن. 1961 – يىلى ھاجەتتە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ قۇرۇسىدا مىدىتسىنا تېخنىكىسى، فىزىكىلىق داۋالاش ۋە زەھەرسىزلەندۈرۈش (سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش) ساھەلىرىدە سەھىيە بىلىملىرى ئالىي تېخنىكومى، 1962 – يىلى ئائىلە ئىقتىسادىي ئالىي تېخنىكومى قۇرۇلغان. 1963 – يىلى بولسا قايتىدىن مىدىتسىنا ۋە سەھىيە بىلىملىرى فاكولتېتى قۇرۇلغان. كېيىنكى مەزگىللەردە، بۇ فاكولتېتقا قاراشلىق ئېغىز بوشلۇقى ئالىي تېخنىكومى قۇرۇلغان.

تۈركىيىدىكى داڭلىق ۋە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن بىرى بولغان ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى، قۇرۇلغاندىن تارتىپلا ناھايىتى تېز تەرەققى قىلىپ، شەھەرنىڭ مەركىزىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان مەكتەپ بىنالىرىدىن سىرت، ئىككىنچى قورۇسىنى ئەنقەرەدىن 17 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بەيتەپە رايونىغا قۇرىدۇ. ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ فاكولتېت، ئىنىستىتۇت ۋە ئالىي تېخنىكوملىرى سېھھىيە، بەيتەپە، بەشئەۋلەر، كەچىئۆرەن، پولاتلى ۋە بالا قاتارلىق 6 ئالىي مەكتەپ قورۇسى بار. ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ بەيتەپە مەكتەپ قورۇسى، ئىلغار بىلىم ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بىر ئۇنىۋېرستېت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالاھىدە دىققەت تارتىدۇ. ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ زامانىۋىي كۈتۈپخانىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىق ئېھتىياجىنى قامدايدىغان ئىجتىمائىي مۇئەسسەسەلىرى، زامانىۋىي ياتاقلىرى ۋە باشقا خىزمەت مۇئەسسەسەلەرى، ھەمدە بەيتەپە مەكتەپ قورۇسى قانچە مىڭلىغان يەرلىك ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا زامانغا لايىق ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرمەكتە.

ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى، تۈركىيىنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر ئۇنىۋېرستېت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلمىي، پەن- تېخنىكا ۋە سەنئەت ساھەلىرىدە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە دۇنيانىڭ تەرەققى قىلىشىغا زور تۆھپە قوشماقتا.

خەلقئارا ئۆلچەمگە لايىق رەۋىشتە ئوقۇ – ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى، ھەر خىل كەسىپلەر بويىچە تۈۈكچە، ئىنگىلىزچە، فرانسوزچە، نېمىسچە قاتارلىق تىللاردا مائارىپ خىزمىتى ئېلىپ بارماقتا. مائارىپ ساھەسىدە ھەر قانداق بىر شەخسنىڭ بىلىم، مەدەنىيەت – سەنئەت ۋە پەن – تېخنىكا ساھەلىرىدە ئۆزى خالىغانچە ئوقۇش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن قۇرۇلغان ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى، خەلقئارا بىلىم دۇنياسىدىكى ئىلغار مائارىپ خىزمىتى ئارقىلىق ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىدىغان بىر ئالىي مائارىپ ئاپپاراتىدۇر. مىسىتسىنا فاكولتېتى، ئېغىز بوشلۇقى فاكولتېتىدىن ئىنژىنىرلىق فاكولتېتىغا، سەنئەت فاكولتېتىدىن خەۋەرلىشىش فاكولتېتىغا قەدەر ھەر خىل ۋە ئىلغار سەۋىيىدىكى فاكولتېتلارغا ئىگە بولغان ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى ھەققىدە www.hacettepe.edu.tr ئىنتېرنېت ئادرىسىدىن تېخىمۇ كۆپ ۋە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشەلەيسىز.

ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى گراژدانلىرىغا مائارىپ ۋە ئوقۇ – ئوقۇتۇش جەھەتتىن خىزمەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇرۇلغاندىن تارتىپلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرمەكتە. چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئىلغار سەۋىيىدە ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىۋاتقان ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى؛ تىل، تارىخ، جەمئىيەتشۇناسلىق، پەلسەپە، تۈركشۇناسلىق قاتارلىق ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە تۈركىيىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرستېتلاردىن بىرىدۇر.

ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى گىراژدانلىرىنىڭ ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇ – ئوقۇتۇش جەھەتتىن زامانغا لايىق رەۋىشتە ۋە ئىلغار سەۋىيىدە بىلىم ئالالىشى ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر مائارىپ ئورگىنىدۇر. ئىلغار، كەشپىياتچان ۋە تاللانغان ئىلىم ئەھلىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش بىلەن بىرگە يەنە، بىلىم، سەنئەت، مەدەنىيەت ۋە تېكنولوگىيە ساھەلىرىدىمۇ ئىلغار سەۋىيىدە ئوقۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىۋاتقان ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى، ھەر خىل كەسىپلەر بويىچە ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش، تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، ئوقۇ – ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى، تۈركىيىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى قىيىن مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن بىلىم ۋە تېكنولوگىيە جەھەتتىن تەرەققى قىلىشنى نىشان قىلغان.




#Article 186: Metta bayan qilghan xush xewer (111 words)


 

Bu kitabning muellipi lawiy depmu atalghan metta bolup, u burun bajgir idi.
kéyin hezriti Eysaning on ikki bagirtining biri bolghan.
Mettaning bu kitabni yézishtiki meqsiti, yehudiy kitabxanlargha ular uzun
waqitlardin béri kütüp kéliwatqan padishah, yeni muqeddes yazmilarda tilgha élin'ghan qutquzghuchi mesihning del hezriti eysa ikenlikini körsitip bérishtur.
Metta muqeddes yazmilarda aldin bérilgen bésharetlerning hezriti eysaning
kélishi bilen emelge abqanliqini ochuq körsitish üchün, hezriti eysaning
tughulubi, möjiziliri, hayati, ölümi we ölümdin tirilishini tewrattiki 
qutquzghuchi mesihke qaritilghan neqiller bilen teswirligen. buning bilen birge, muellip hezriti eysaning temsiller bilen xudaning padishahliqi heqqide köp telim bergenlikini we xudaning qanunini toghra chübendürgenlikini bayan qilghan. u yene hezriti eysaning yehudiy xelqi üchünla emes, belki pütkül insanlar üchün




#Article 187: Rejep Tayyip Erdoghan (676 words)


Türkiydning bash ministiri.

Adalet we tereqqiyat partiyisini qurghan.

Adalet we tereqqiyat partiyisi türkiyediki chong siyasi partilerdin.

Rejep tayyip erdoghanning esli yurti rize ölkisi bolup,1954-yili 2-ayning 26-küni stanbulda tughulghan.1965-yili qasim pasha piyale bashlanghuch mektiwini,1973-yili stanbul imam xatip toluq ottura mektiwini püttürgen. Imtihan biriwatqan mezgilide yene eyyup toluq ottura mektiwidinmu diplom alghan.uniwérstitni mermere uniwi'érstiti éqtisadi we tijari bilimler fakultitida oqughan erdoghan bu fakultitni 1981-yili tamamlighan.

Yash chaghliridin bashlap ijtima'i hayat we syasetke chongqurlashni tallighan erdoghan ,muntizim hemkarliq xizmiti  we hemkarliq rohini özige ntayin kichik chaghliridin bashlap ögetken putbol bilen (1969-1982)shtin srt shughullinish arqiliq ipadilidi.

Shuning bilen birge,bu yillarda bir yash idi'alist bolush supiti bilen  dölet we dunya meslliri we kolliktip mesllerge  köngül bölgen erdoghanning aktip syasiygha qedem ilish dewri bashlandi. 
Toluq ottura we uniwrstétta oquwatqan chaghlirida milli türk oqughuchilar birliki oqughuchilar guruppsida aktip wezipe alghan rejep tayyip erdoghan ,1976-yilida (MSP)bayoghlu yashla tarmiqi bashliqliq wezipisi we shu yili (MSP)stanbul yashlar guruppisi bashliqliq wezipisge saylandi.1980-yiligha qeder ,bu wezipilerni dawamlashturghan erdoghan syasy partiylerning eskiri zerbisi bilen taqiwé'itilgen 1980-yili 12-sintebir mezgilide alahide bölümde bir mezgil meslihetchi,yuqiri qatlam bashqurghuchiliq wezipisni ötidi.
 

Hawaning bulghinish mesilisi erdoghan dewride tereqqi qildurughan tebi gazgha köchüsh pilanliri bilen hel qilinghan bolsa, sheherning qatnash we tiransport mesislisge qarita 50din artuq köwrük ,ötüshme yol we yuqiri süretlik tash yolliri nsha qilindi.menpe'iti kiynki mezgillerge qeder sozulidighan nurghun chong pilanlar shqa kirishturuldi.sheher bayliq menbesining toghra shlitilishi we chiriklikning aldini ilish meqsti bilen  alahide tedbir qollanghan erdoghan 2 miliyard dollar qerz bilen ötkuzuwalghan stanbul büyük sheher belediyesning qerzlirini yuqiri ölchemde tölidi we bu arida 4 miliyard dollarliq meblegh emeliyleshtürdi.buning bilen türkiye sheherchilik tarixida yéngi bir dewr achqan erdoghan bir tereptin bashqa sheherlerge örbek bolush bilen birge,bir yandin xelq neziride buyuk bir shenchke érishti.

Rejep tayyip erdoghan 1997-yili 12-dikabirda xelqke xtab qilip sözligen nutuqi jeryanida ,milli ma'arip minstirliki teripidin oqutquchilargha tewsye qilinghan we bir dölet apparati teripidin neshr qilinghan kitabtiki bir shérni oqughanliqi üchün hepis jazasigha mehkum qilinghan we stanbul buyuk sheher belediye bashliqi wezipisi axirlashturulghan.

Rejep tayyip erdoghan 4 ay turghan jaza öyidin chiqqandin kiyn jama'etchilikning küchlük teliwi we dimokratik jeryanlarning bir netijisi süpitide 2001-yili 14-awghustta dositliri bilen birlikte ‹‹adalet we tereqqiyat partiysi››( Adalet ve Kalkınma Partisi'ni (AK Parti) )ni qurdi we partiye qurghuchilar teripidin adalet we tereqqiyat partiysning qurghuchi asasi bashliqi bolup saylandi.

Milletning tallishi we shenchisi adalet we tereqqiyat partiysni tixi qurulup birinchi yilila  türkiyediki eng köp xelq qollishigha érishken syasiy heriket halitige ilip keldi we 2002-yilidiki asasi saylamda üchte ikki parlamnit köp sanliq orni bilen yalghuz hakimiyet béshigha chiqqan partiye boldi.

Özi heqqidiki sot qarari sewebidin 2002-yili 3-noyabir saylimida millet wekili namzat bolushi cheklengen erdoghan ,qanuni yol arqiliq namzatliq salahiytni eslige keltürüsh üchün 2003-yili 9-martta si'ér nahiy ,illet wekili yéngilinish saylimigha qatnashti.bu saylamda 85%awazgha érishken erdoghan 22-nöwetlik sérr wilayiti millet wekili salahiyti bilen parlamnitqa kirdi.
 

Dimokratiylishsh,ochuq-ashkara bolush we chiriklikke qarshi turush yolida nurghun musapilerni basti.shuning bilen birge,dölet éqtisadi we xelq psxiskini bolumsz terepke burap kiliwatqan we on nechche yildin biri hel bolmighan pul paxalliqi kontirol qilindi.türk lirasi büyük étibar qazandi.dölettin qerz ilish ösüm nsbiti töwenlitildi.késhi béshigha toghra kilidighan milli kirim tarixi bir yüksilish bilen örlidi.dölet tarixida ilgiri körülüp baqmighan tizlik we zor sandiki su tosmiliri,turalghular,mektep,doxturxana we énirgiye tok tarqétish zawutliri shqa kirshturuldi.maddi parawanliq we tereqqiyat hamiysdiki büyük muweppeqiyetler yéngi türkiyede dimokratiye we erkinlik sahelirining kingeytilishni dunyaning hörmetke sazawer közetkuchiliri erdoghanning emelge ashurghan ‹‹awassz nqilapliri››süpitide tilgha élishti.

Rejep tayyip erdoghan yawropa éttpaqigha kirish musapisde, dölet tarixining burulush nuqtisi süpitide teswirligen muweppeqiyetlik teshebbuslirigha qoshumche qilip, dana tashqi syaset we jiddi ziyaret-alaqe yoli bilen siprus mesilisni mengguluk bir terep qilish we dunyadiki türlük döletler bilen unumluk alaqilerni tereqqi qildurush saheliride muhim qedemlerni aldi.
 

Berpa qilghan omumi muqim weziyet we ichki dinamikiliq heriket alahidiliki türkiyeni öz rayonida hkrmetke sazawer bir merkez dölet süpitige keltürdi.türkiyening tijaret hejimi we syasi'i küchi,peqet uni öz ichige jughrapiylik rayondila emes,xelqarada his qilinghudek sewiyede östi.

Rejep tayyip erdoghan 2007-yili 22-yuliki asasi saylamda 46.6% awaz bilen buyuk bir ghelbe qazanghan adalet partiyesning bashliqi bolush süpiti bilen türkiye jumhuriytining 60-hökümitini qurdi we tekrar shenchlik awazgha érshti.ikkinchi nöwetlik wezipsnng muweppeqiyetlik tamamlinishigha yiqin 2010-yili  12-sintebirde ötkuzulgen asasi qanun özgertishke munaswetlik chong rifrandumda 58%‹‹qollaymiz››awazigha érishp ,rejep tayyip erdoghan ytekchlik qilghan heriket tarixi bir muweppeqyet qazandi.




#Article 188: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شىركەت قانۇنى (6301 words)


جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شىركەت قانۇنى 

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پايچىكلىرى ئۆزلىرى چىقارغان مەبلەغ سوممىسىنى چەك قىلىپ، شۇ شىركەت ئالدىدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، شىركەتنىڭ قەرز مەسئۇلىيىتىنى شۇ شىركەت ئۆزىنىڭ بارلىق مۈلكى بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ. 

چەكلىك پاي شىركىتىنىڭ بارلىق كاپىتالى تەڭ سوممىلىق پايغا بۆلىنىدۇ، پايچىك ئۆز ئىلكىدىكى پاينى چەك قىلىپ شىركەت ئالدىدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، شىركەتنىڭ قەرز مەسئۇلىيىتىنى شۇ شىركەت ئۆزىنىڭ بارلىق مۈلكى بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ. 

شىركەت پايچىكلانىك مەبلەغ سېلىشى بىلەن شەكىللەنگەن بارلىق قانۇنىي ئىگىلىك مۈلۈك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

شىركەتنىڭ دۆلەت مۈلكىگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى دۆلەتكە مەنسۇپ بولىدۇ. 

شىركەت دۆلەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش ئاساسىدا، ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەتنى بازار ئېھتىياجىغا قاراپ ئۆز ئالدىغا ئۇيۇشتۇرىدۇ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش، مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. 

قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا شىركەت تەسىس قىلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىش شەرت، دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇشتىن ئىلگىرى قانۇن بويىچە تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش كېرەك. 

مۇشۇ قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان پاي چەكلىك شىركىتى شىركەتنىڭ نامىغا پاي چەكلىك شىركىتى دېگەن سۆزنى يېزىشى كېرەك. 

شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسى شىركەتنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ ۋە قانۇن بويىچە تىزىغا ئېلىنىدۇ. شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسىدىكى تۈرلەرنىڭ قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا چەك قويۇلىدىغانلىرى قانۇن بويىچە تەستىقتىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك. 

شىركەت تىجارەت ئىشلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرغان تىجارەت دائىرىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىشى كېرەك. شىركەت قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەت بويىچە شىركەتنىڭ نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ ھەمدە شىركەت تىزىملاش ئورگىنى ئارقىلىق تىزىمنى ئۆزگەرتىدۇ، ئۆزىنىڭ تىجارەت دائىرىسىنى ئۆزگەرتسىمۇ بولىدۇ. 

شىركەت گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن مەبلەغ سېلىش شىركىتى ۋە پاي چېكىنى كونترول قىلىش شىركىتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىگە، پاي چەكلىك شىركەتلىرىگە سالغان مەبلەغنىڭ جەمئىي مىقدارى ئۆز شىركىتىنىڭ ساپ مۈلكىنىڭ 50 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، مەبلەغ سالغاندىن كېيىن، مەبلەغ سېلىنغان شىركەتنىڭ پايدىدىن ئاشقان كاپىتالىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇنىڭ قوشۇلما سوممىسى بۇنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ. 

شىركەتنىڭ قانۇنى ھوقۇق – مەنپەئىتى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ، دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىمايدۇ. 

شىركەت كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ كەسىپ تەربىيىسىنى ۋە ئىش ئورنىدا تەربىيىلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ. 

دۆلەت شېرىكىسىز شىركىتىنىڭ ۋە ئىككىدىن ئارتۇق دۆلەت كارخانىسىنىڭ ياكى دۆلەت ئىلىكىدىكى ئىككىدىن ئارتۇق مەبلەغ سالغۇچى باشقا سۇبيېكتنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن تەسىس قىلىنغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاساسىي قانۇندىكى ۋە ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىشچى – خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ئارقىلىق ۋە باشقا شەكىللەر ئارقىلىق دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ. 

(1) پايچىكلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن بولۇش؛

(2) پايچىك چىقارغان مەبلەغ كاپىتالنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن چېكىگە يەتكەن بولۇش؛

(3) پايچىكلار شىركەتنىڭ نىزامنامىسىنى بىرلىكتە تۈزگەن بولۇش؛

(4) شىركەتنىڭ نامى بولۇش، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن تەشكىلىي ئاپپارات قۇرۇلغان بولۇش؛

(5) مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت ئورنى ۋە زۆرۈر ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت شارائىتى بولۇش. 

دۆلەت مەبلەغ سېلىشقا ھوقۇق بەرگەن ئاپپاراتى ياكى دۆلەت ھوقۇق بەرگەن تارماق دۆلەتنىڭ شېرىكسىز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنى ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سېلىپ تەسىس قىلسا بولىدۇ. 

دۆلەت كارخانىسىنى شىركەت قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇشنىڭ قەدەم – باسقۇچىنى ۋە كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ. 

(1) شىركەتنىڭ نامى ۋە تۈرۇشلۇق جايى؛

(2) شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسى؛

(3) شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى؛

(4) پايچىكلارنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى؛

(5) پايچىكلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى؛

(6) پايچىكلارنىڭ مەبلەغ چىقىرىش ئۇسۇلى ۋە چىقارغان مەبلەغ مىقدارى؛

(7) پايچىكلارنىڭ چىقارغان مەبلىغىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش شەرتى؛

(8) شىركەت ئاپپاراتى ۋە ئۇنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى، ھوقۇقى، كېڭىشىش قائىدىسى؛ 

(9) شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى؛

(10) شىركەتنى تارقىتىۋېتىش سەۋەبى ۋە ھېسابات ئېنىقلاش چارىسى؛ 

(11) پايچىكلار بەلگىلەشكە تېگىشلىك دەپ قارىغان باشقا ئىشلار. 

پايچىكلار شىركەتنىڭ نىزامنامىسىگە ئىمزا قويۇشى، تامغا بېسىشى كېرەك. 

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى تۆۋەندىكى ئەڭ تۆۋەن چەكتىن ئاز بولماسلىقى كېرەك: 

(1) ئىشلەپچىقىرىش – تىجارىتى ئاساس قىلىدىغان شىركەتنىڭكى 500 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى؛ 

(2) تاۋارنى توپ سېتىشنى ئاساس قىلىدىغان شىركەتنىڭكى 500 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى؛ 

(3) پارچە سېتىش سودىسىنى ئاساس قىلىدىغان شىركەتنىڭكى 300 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى؛ 

(4) پەن تېخنىكا كەشىپ قىلىش، مەسلىھەتچىلىك، مۇلازىمەتچىلىك خاراكتېرىدىكى شىركەتنىڭكى 100 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى. 

ئالاھىدە ساھەلەرنىڭ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن چەكتىن ئاشۇرۇشقا توغرا كەلسە، قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىنىدۇ. 

سانائەت مۈلۈك ھوقۇقىنى، پاتېنتسىز تېخنىكىنى پۇلغا سۇندۇرۇش يولى چىقارغان مەبلەغنىڭ سوممىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنىڭ 20 ىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، دۆلەتنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن پايدىلىنىش توغرىسىدا ئالاھىدە بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىد%ا. 

پايچىكلار تاپشۇرۇشقا يېزىلغان مەبلەغنى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە تاپشۇرمىسا، چىقىرىدىغان مەبلەغنى تولۇق تاپشۇرغان پايچىكلار ئالدىدا توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسا، تەسىس قىلىشنى تىزىمغا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، تەستىق ھۆججەتنى تاپشۇرۇشى كېرەك. 

شىركەت تىزىملاش ئورگىنى مۇشۇ قانۇندابەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى تىزىمغا ئالىدۇ، ئۇلارغا شىركەت تىجارەت كىنىشكىسى بېرىدۇ؛ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرىنى تىزىمغا ئالمايدۇ. 

شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسگە ئىمزا قويۇلغان كۈن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلغان كۈن بولىدۇ. 

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن تەسىس قىلىنغان شۆبە شىركەتلەر شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ئارقىلىق شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىپ تىزىملىتىشى، تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىش كېرەك. 

مەبلەغ چىقارغانلىق گۇۋاھنامىسىگە تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:

(1) شىركەتنىڭ نامى؛ 

(2) شىركەتنىڭ تىزىمغا ئېلىنغان ۋاقتى؛ 

(3) شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى؛ 

(4) پايچىكنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى، تاپشۇرغان مەبلىغىنىڭ مىقدارى، مەبلەغ چىقارغان ۋاقتى؛ 

(5) مەبلەغ چىقارغانلىق گۇۋاھنامىسىنىڭ رەت نومۇرى ۋە تەكشۈرۈپ بېرىلگەن ۋاقتى. 

مەبلەغ چىقارغانلىق گۇۋاھنامىسىگە شىركەت تامغا باسىدۇ. 

(1) پايچىكنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛ 

(2) پايچىك چىقارغان مەبلەغنىڭ مىقدارى؛ 

(3) مەبلەغ چىقارغانلىق گۇۋاھنامىسىنىڭ رەت نومۇرى. 

پايچىكلار ئۆزلىرى چىقارغان مەبلەغنى پايچىكتىن باشقا كىشىگە ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولغاندا، بارلىق پايچىكلارنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش شەرت؛ ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قوشۇلمىغان پايچىكلار ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان شۇ مەبلەغنى سېتىۋېلىشى كېرەك، ئەگەر ئۇلار ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان شۇ مەبلەغنى سېتىۋالمىسا، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قوشۇلدى، دەپ قارىلىدۇ. 

پايچىكلارنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان مەبلەغنى ئوخشاش شەرت ئاستىدا باشقا پايچىكلار ئاۋۋال سېتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. 

(1) شىركەتنىڭ تىجارەت فاڭجېنى ۋە مەبلەغ سېلىش پىلانىنى بەلگىلەيدۇ؛ 

(2) مۇدىرلارنى سايلايدۇ ۋە ئالماشتۇرىدۇ، مۇدىرلارنىڭ ئىش ھەققىگە ئالاقىدار ئىشلارنى بەلگىلەيدۇ؛ 

(3) پايچىكلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولىدىغان نازارەتچىلەرنى سايلايدۇ ۋە ئالماشتۇرىدۇ، نازارەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىگە ئالاقىدار ئىشلارنى بەلگىلەيدۇ؛ 

(4) مۇدىرىيەتنىڭ دوكلاتىنى قاراپ چىقىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛ 

(5) نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ ياكى نازارەتچىنىڭ دوكلاتىنى قاراپ چىقىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛ 

(6) شىركەتنىڭ يىللىق مالىيە خام چوت لايىھىسى ۋە نەق چوت لايىھىسىنى قاراپ چىقىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛ 

(7) شىركەتنىڭ پايدا تەقسىم قىلىش لايىھىسى ۋە زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش لايىھىسىنى قاراپ چىقىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛ 

(8) شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛ 

(9) شىركەت زايومىنى تارقىتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛ 

(10) پايچىكلار چىقارغان مەبلەغنى پايچىكتىن باشقا كىشىگە ئۆتۈنۈپ بېرىش توغرىسىدا قارا چىقىرىدۇ؛ 

(11) شىركەتنى قوشۇۋېتىش، ئايرىش، شىركەتنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش، شىركەتنى تارقىتىۋېتىش، ھېساباتنى ئېنىقلاش قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛ 

(12) شىركەت نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ. 

پايچىكلار يىغىنى شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش، شىركەتنى ئايرىش، قوشۇۋېتىش، تارقىتىۋېتىش ياكى شىركەتنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا چىقارغان قارار ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىدىن كۆپرەكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پايچىكلارنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت. 

قەرەللىك يىغىن شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆز قەرەلىدە چاقىرىلىدۇ. ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنىڭ تۆتتىن بىرىدىن كۆپرەكىگە ۋەكللىك قىلىدىغان پايچىكلار، ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئارتۇق مۇدىرلار ياكى نازارەتچىلەر قەرەلسىز يىغىن ئېچىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ. 

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە مۇدىرىيەت تەسىس قىلىنغان بولسا، پايچىكلار يىغىنىنى مۇدىرىيەت چاقىرىدۇ. يىغىنغا باش مۇدىر رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، باش مۇدىر ئالاھىدە سەۋەب بىلەن ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرالماي قالغاندا، باش مۇدىر كۆرسەتكەن مۇئاۋىن باش مۇدىر ياكى باشقا مۇدىرلار رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. 

پايچىكلار يىغىنىدا قارىلىدىغان ئىش توغرىسىدىكى قارار ھەققىدە يىغىن خاتىرىسى يېزىلىشى، يىغىنغا قاتناشقان پايچىكلار يىغىن خاتىرىسىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك. 

ئىككىدىن ئارتۇق دۆلەت كارخانىسىنىڭ ياكى دۆلەت ئىلكىدىكى ئىككىدىن ئارتۇق باشقا مەبلەغ سالغۇچى سۇبيېكتنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن تەسىس قىلىنغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇدىرىيىتى تەركىبىگە شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەكىلى كىرگۈزۈلۈشى كېرەك. مۇدىرىيەت تەركىبىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىلى شىركەت ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ دېموكراتىك سايلىمى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. 

مۇدىرىيەت بىر باش مۇدىر قويۇلىدۇ، بىردىن ئىككىگىچە مۇئاۋىن باش مۇدىر قويۇلسىمۇ بولىدۇ. باش مۇدىر، مۇئاۋىن باش مۇدىرلارنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش چارىسى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ. 

باش مۇدىر شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولىدۇ. 

(1) پايچىكلار يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ چاقىرىدۇ ۋە پايچىكلار يىغىنىغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ؛ 

(2) پايچىكلار يىغىنىنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ؛ 

(3) شىركەتنىڭ تىجارەت پىلانى ۋە مەبلەغ سېلىش لايىھىسىنى بەلگىلەيدۇ؛ 

(4) شىركەتنىڭ يىللىق مالىيەخام چوت لايىھىسى ۋە نەق چوت لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛ 

(5) شىركەتنىڭ پايدا تەقسىم قىلىش لايىھىسى ۋە زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛ 

(6) شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛ 

(7) شىركەتنى قوشۇۋېتىش، ئايرىش، شىركەتنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش، شىركەتنى تارقىتىۋېتىش لايىھىسىنى تەييارلايدۇ؛ 

(8) شىركەتنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى بەلگىلەيدۇ؛ 

(9) شىركەتنىڭ دىرېكتورى (باش دىرېكتور) (تۆۋەندە قىسقارتىپ دىرېكتور دېيىلىدۇ) نى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىدۇ ياكى ۋەزىپىدىن بوشىتىدۇ، دىرېكتورنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى، مالىيە مەسئۇلىنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىدۇ ياكى ۋەزىپىدىن بوشىتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىگە دائىر ئىشلارنى بەلگىلەيدۇ؛

(10) شىركەتنىڭ ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. 

مۇدىرلارنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى، پايچىكلار يىغىنى ئۇلارنى ۋەزىپىسىدىن سەۋەبسىز ئېلىۋەتسە بولمايدۇ. 

مۇدىرىيەت يىغىنىنى چاقىرىشتا، يىغىن چاقىرىشتىن ئون كۈن ئىلگىرى بارلىق مۇدىرلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك. 

مۇدىرىيەت يىغىنىدا قارالغان ئىشلار توغرىسىدىكى قارار ھەققىدە يىغىن خاتىرىسى يېزىلىشى، يىغىنغا قاتناشقان مۇدىرلار يىغىن خاتىرىسىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك. 

(1) شىركەتنىڭ ئىشلەپچقىرىش – ئىگىلىك باشقۇرۇش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، مۇدىرىيەت قارارلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ؛ 

(2) شىركەتنىڭ يىللىق تىجارەت پىلانى ۋە مەبلەغ سېلىش لايىھىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ؛ 

(3) شىركەتنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛ 

(4) شىركەتنىڭ ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛ 

(5) شىركەتنىڭ كونكرېت قائىدىلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛ 

(6)شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى، مالىيە مەسئۇلىنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىش ياكى ۋەزىپىسىدىن بوشىتىش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنىدۇ؛

(7) مۇدىرىيەت ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىدىغان ياكى ۋەزىپىدىن قالدۇرىدىغانلاردىن باشقا مەسئۇل باشقۇرغۇچى خادىملارنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىدۇ ياكى ۋەزىپىدىن بوشتىدۇ؛ 

(8) شىركەتنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن ۋە مۇدىرىيەت بەرگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ. 

دىرېكتور مۇدىرىيەت يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ 

ئىجرائىي مۇدىرنىڭ خىزمەت ھوقۇقى مۇشۇ قانۇننىڭ 46- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىش ئاساسىدا شىركەتنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ. 

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە مۇدىرىيەت تەسىس قىلىنمىغان بولسا، ئىجرائىي مۇدىر شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولىدۇ. 

نازارەتچىلىك ھەيئىتى پايچىكلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇۋاپىق نىسبەتتىكى ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، كونكرېت نىسبەت شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ. نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ دېموكراتىك سايلىمى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. 

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پايچىكلىرى ئازراق ۋە كۆلىمى كىچىكرەك بولسا، بىردىن ئىككىگىچە نازارەتچى قويۇلسا بولىدۇ. 

مۇدىر، دېرىكتور ۋە مالىيە مەسئۇلى نازارەتچىلىكنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولمايدۇ. 

(1) شىركەتنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى تەكشۈرىدۇ؛ 

(2) مۇدىرلارنىڭ، دىرېكتورنىڭ شىركەتتە ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتىدا قانۇن ۋە نىزاملارغا ياكى شىركەت نىزامنامىسىگە خىلاپلىق قىلغان ھەرىكەتلىرى ئۈستىدىن نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛ 

(3) مۇدىرلارنىڭ ۋە دىرېكتورنىڭ ھەرىكىتى شىركەتنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەندە، مۇدىرلارنىڭ ۋە دىرېكتورنىڭ تۈزىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ؛ 

(4) پايچىكلانىڭ قەرەلسىز يىغىنىنى چاقىرىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ؛ 

(5) شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن باشقاخىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ. 

نازارەتچى مۇدىرىيەت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ. 

(1) ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىسا، ياكى ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن بولسا؛ 

(2) خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق قىلىش، مۈلۈكنى ئىگىلىۋېلىش، مۈلۈكنى ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتىنى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن جىنايى جازاغا تارتىلغان، ئىجرا قىلىش مۇددىتى توشقىنىغا بەش يىل بولمىغان ياكى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان، ئىجرا قىلىش مۇددىتى توشقىنىغا بەش يىل بولمىغان بولسا؛ 

(3) ئىگلىكى ياخشى باشقۇرۇلماي ۋەيران بولۇش ھېساباتى ئېنىقلانغان شىركەتلەرنىڭ، كارخانىلارنىڭ مۇدىرى ياكى زاۋۇت باشلىقى، دىرېكتورى بولغان ھەمدە شۇ شىركەتلەرنىڭ، كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇشىدا شەخسىي جاۋابكارلىقى بولغان، شۇ شىركەتلەر، كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇپ ھېساباتى ئېنىقلانغىنىغا ئۈچ يىل توشمىغان بولسا؛ 

(4) قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تىجارەت كىنىشكىسى ئىناۋەتسىز قىلىنغان شىركەتلەرنىڭ، كارخانىلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولغان ھەمدە شەخسىي جاۋابكارلىقى بولغان، شۇ شىركەتلەر، كارخانىلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى ئىناۋەتسىز قىلىنغىنىغا ئۈچ يىل توشمىغان بولسا؛

(5) ئارتىلىپ قالغان شەخىسىي قەرز سوممىسى كۆپرەك بولۇپ، ئۆز قەرەلىدە قايتۇرۇپ بولمىغان بولسا. 

شىركەت ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمگە خىلاپ قىلىپ، مۇدىرنى، نازارەتچىنى سايلىغان، تەيىنلىگەن ياكى دىرېكتورنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلغان بولسا، شۇ سايلاش، تەيىنلەش ياكى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىش ئىناۋەتسىز بولىدۇ. 

مۇدىرلار، نازارەتچىلەر، دىرېكتورلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارا ئېلىشىغا ياكى باشقا قانۇنسىز يوللار بىلەن تاپاۋەت قىلىشىغا، شىركەتنىڭ مۈلكىنى ئىگىلىۋېلىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ. 

مۇدىرلارنىڭ، دىرېكتورلارنىڭ شىركەت مۈلكىنى ئۆزىنىڭ شەخسىي نامىدا ياكى باشقا شەخسلەرنىڭ نامىدا ھېساب ئېچىپ ساقلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. مۇدىرلار، دىرېكتورلار شىركەتنىڭ مۈلكى ئارقىلىق شۇ شىركەت پايچىكلىرىنىڭ ياكى باشقا شەخسلەرنىڭ قەرزىگە كېپىللىك قىلسا بولمايدۇ. 

گوۋۇيۈەن ئالاھىدە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن شىركەت ياكى ئالاھىدە ساھەگە تەۋە بولغان شىركەت دۆلەتنىڭ شېرىكسىز شەكلىنى قوللىنىشى كېرەك. 

نازارەتچى مۇدىرىيەت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ. 

مۇدىر، دىرېكتور ۋە مالىيە مەسئۇلى نازارەتچىلىكنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولمايدۇ. 

شىركەت مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزالىرى ئۈچتىن توققۇزغىچە بولىدۇ، ئۇلارنى دۆلەت مەبلەغ سېلىشقا ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات ياكى دۆلەت ھوقۇق بەرگەن تارماق مۇدىرىيەتنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى بويىچە تەيىنلەيدۇ ياكى ئالماشتۇرىدۇ، مۇدىرىيەتنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇشى كېرەك. مۇدىرىيەتتىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ دېموكراتىك سايلىمى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. 

مۇدىرىيەتتە بىر باش مۇدىر قويۇلىدۇ، ئېھتىياجغا قاراپ مۇئاۋىن باش مۇدىر قويۇلسىمۇ بولىدۇ. باش مۇدىر، مۇئاۋىن باش مۇدىرنى دۆلەت مەبلەغ سېلىشقا ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات ياكى دۆلەت ھوقۇق بەرگەن تارماق مۇدىرىيەت ئەزالىرىدىن بەلگىلەيدۇ. باش مۇدىر شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولىدۇ. 

مۇدىرىيەتنىڭ ئەزالىرى دۆلەتل مەبلەغ سېلىشقا ھوقۇق بەرگەن ئاپپاراتنىڭ ياكى دۆلەت ھوقۇق بەرگەن تارماقنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن دىرېكتورلۇقنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولىدۇ. 

(1) تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن بولۇش؛ 

(2) تەشەببۇس قىلغۇچىلار تاپشۇرۇشقا يېزىلغان ۋە جەمئىيەتتىن ئاشكارا توپلانغان پاي دەسمايىسى قانۇندا بەلگىلەنگەن كاپىتال مىقدارىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىگە يەتكەن بولۇش؛ 

(3) پاي تارقىتىش، قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ئىشلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇش؛ 

(4) تەشەببۇس قىلغۇچىلار شىركەت نىزامنامىسىنى تۈزۈش ۋە ئۇنى شىركەت قۇرۇش يىغىنىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش؛ 

(5) شىركەتنىڭ نامى بولۇش ۋە چەكلىك پاي شىركىتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن تەشكىلىي ئاپپارات قۇرۇش؛ 

(6) مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت ئورنى ۋە زۆرۈر ئىشلەپچقىرىش – تىجارەت شارائىتى بولۇش. 

تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق تەسىس قىلىش تەشەببۇس قىلغۇچىلار شىركەت تارقىتىشقا تېگىشلىك بارلىق پاي چېكىنى سېتىۋېلىشقا خېرىدار بولۇش يولى بىلەن شىركەت تەسىس قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. 

پاي توپلاش ئارقىلىق تەسىس قىلىش تەشەببۇس قىلغۇچىلار شىركەت تارقىتىشقا تېگىشلىك پاي چېكىنىڭ بىر قىسمىنى سېتىۋېلىشقا خېرىدار بولۇش، قالغان قىسمىغا جەمئىيەتتىن ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش يولى بىلەن شىركەت تەسىس قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. 

دۆلەت كارخانىسىنى پاي چەكىلىك شىركىتىگە ئۆزگەرتىپ قۇرۇشتا، تەشەببۇس قىلغۇچىلار بەشتىن ئاز بولسىمۇ بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭدا پاي توپلاش ئارقىلىق تەسىس قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. 

پاي چەكىلىك شىركىتى رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى 10 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ. پاي چەكلىك شىركىتى رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى يۇقىرىدا بەلگىلەنگەن چەكتىن ئاشۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئۇ قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىنىدۇ. 

(1) شىركەتنىڭ نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛ 

(2) شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسى؛ 

(3) شىركەت تەسىس قىلىش ئۇسۇلى؛ 

(4) شىركەتنىڭ ئومۇمىي پاي سانى، ھەر بىر پاينىڭ سوممىسى ۋە رويخەتكە ئالدۇرۇلغان كاپىتالى؛ 

(5) تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى سېتىۋالغان پاي چېكىنىڭ سانى؛ 

(6) پايچىكلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى؛ 

(7) مۇدىرىيەتنىڭ تەشكىل قىلىنىشى، خىزمەت ھوقۇقى، ۋاكالەت 

مۇددىتى ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش قائىدىسى؛

(8) شىركەتنىڭ قانۇنى ۋەكىلى؛ 

(9) نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ تەشكىل قىلىنىشى، خىزمەت ھوقۇقى، ۋاكالەت مۇددىتى ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش قائىدىسى؛ (10) شىركەتنىڭ پايدا تەقىسىم قىلىش چارىسى؛ 

(11) شىركەتنى تارقىتىۋېتىش سەۋەبى ۋە ھېسابات ئېنىقلاش چارىسى؛ 

(12) شىركەتنىڭ ئۇقتۇرۇش قىلىش ۋە ئېلان چىقىرىش چارىسى؛ 

(13) پايچىكلار يىغىنى بەلگىلەشكە تېگىشلىك دەپ قارىغان باشقا ئىشلار. 

تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ سانائەت مۈلۈك ھوقۇقى، پاتېنتسىز تېخنىكىنى پۇلغا سۈندۇرۇش يولى بىلەن چىقارغان مەبلەغنىڭ سوممىسى پاي چەكلىك شىركىتى رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنىڭ 20 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرە%ك. 

تەشەببۇس قىلىغۇچىلار مەبلەغنى تولۇق چىقارغاندىن كېيىن، مۇدىرىيەت ۋە نازارەتچىلىك ھەيئىتىنى سايلىشى كېرەك. مۇدىرىيەت شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا شىركەت تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى تەستىق ھۆججەت، شىركەت نىزامنامىسى، مەبلەغ تەكشۈرۈش ئىسپاتى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى يوللاپ، تەسىس قىلىشنى تىزىمغا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. 

(1) شىركەت تەسىس قىلىش تەستىقلانغان ھۆججەت؛ 

(2) شىركەت نىزامنامىسى؛ 

(3) تىجارەت مۆلچەرنامىسى؛ 

(4)تەشەببۇس قىلىغۇچىلارنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى، تەشەببۇس قىلغۇچىلار سېتىۋېلىشقا يېزىلغان پاي چېكىنىڭ سانى، چىقارغان مەبلەغنىڭ تۈرى ۋە مەبلەغ تەكشۈرۈش ئىسپاتى؛ 

(5) پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرمىسى؛ 

(6) پاي پۇلىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالىدىغان بانكىنىڭ نامى ۋە ئادرېسى؛ 

(7) سېتىپ بەرگۈچى ئاپپاراتنىڭ نامى ۋە ئالاقىدار كېلىشىملەر. 

تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ گوۋۇيۈەن ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقىسىز جەمئىيەتتىن ئاشكارا پاي توپلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

ئىلگىرىكى تەستىقنىڭ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى سېزىلسە، ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. پاي توپلاشنى توختىتىش كېرەك؛ پاي توپلىنىپ بولغان بولسا، پاي چېكىگە خېرىدار بولغانلار تەشەببۇس قىلغۇچىلاردىن تاپشۇرغان پاي پۇلىنى ھەمدە ئۇنىڭغا بانكىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئامانەت پۇل ئۆسۈمى بويىچە قوشۇلىدىغان ئۆسۈم بىلەن قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

(1) تەشەببۇس قىلغۇچىلار سېتىۋېلىشقا يېزىلغان پاي چېكىنىڭ سانى؛

(2) ھەربىر پاي چېكىنىڭ يېزىلغان سوممىسى ۋە تارقىتىش باھاسى؛

(3) ئىسمسىز پاي چېكىنىڭ ئومۇمىي تارقىتىلىش سانى؛

(4) پاي چېكىگە خېرىدار بولغۇچىنىڭ ھوقۇق – مەجبۇرىيىتى؛

(5) شۇ قېتىملىق پاي توپلاشنىڭ باشلىنىش – ئاخىرلىشىش مۆھلىتى ۋە پاي مۆھلىتى ئۆتۈپ كەتكۈچە تولۇق توپلانمىغاندا، پاي چېكىگە خېرىدار بولغۇچىنىڭ پاي چېكىگە بولغان خېرىدارلىقتىن يېنىۋېلىشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىزاھات. 

پاي پۇلىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالىدىغان بانكا پاي پۇلىنى كېلىشىم بويىچە ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋېلىشى ۋە ساقلىشى، پاي چېكىگە خېرىدار بولغانلاردىن پاي پۇلىنى تاپشۇرغانلارغا پۇل تاپشۇرۇۋېلىش ھۆججىتى بېرىشى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلار ئالدىدا پۇلنى تاپشۇرۇۋالغانلىقى توغرىسىدا ئىسپات بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

تارقىتىلىدىغان پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرمىسىدە بەلگىلەنگەن ئاخىرقى مۆھلەتتىن ئۆتۈپ كەتكۈچە 

تولۇق توپلانمىغان ياكى تارقىتىلغان پاي چېكىنىڭ پۇلى تولۇق تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن تەشەببۇس قىلغۇچى 30 كۈن ئىچىدە شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىنى ئاچمىغان بولسا، پاي چېكىگە خېرىدار بولغۇچىلار تەشەببۇس قىلغۇچىدىن ئۆزلىرى تاپشۇرغان پاي پۇلىنى ۋە ئۇنىڭغا بانكىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئامانەت پۇل ئۆسۈمى بويىچە قوشۇلىدىغان ئۆسۈم بىلەن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:

(1) تەشەببۇس قىلغۇچىنىڭ شىركەت قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقىدۇ؛

(2) شىركەت نىزامنامىسىنى ماقۇللايدۇ؛

(3) مۇدىرىيەت ئەزالىرىنى ساقلايدۇ؛

(4) نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرىنى ساقلايدۇ؛

(5) شىركەت قۇرۇش راسخوتىنى تەكشۈرىدۈ؛

(6) تەشەببۇس قىلغۇچىنىڭ پاي پۇلى قىلىنغان مۈلكىنىڭ پۇلغا سۈندۇرۇلۇشىنى تەكشۈرىدۇ؛

(7) يەڭگىلى بولمايدىغان سەۋەب ياكى تىجارەت شارائىتىدا شىركەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان زور ئۆزگىرىش كۆرۈلگەن بولسا، شىركەت قۇرماسلىق توغرىسىدا قارار چىقارسا بولىدۇ. 

شىركەت قۇرۇلۇش يىغىنىدا ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئىشلار توغرىسىدا چىقىرىلىدىغان قارار پاي چېكىگە خېرىدار بولغۇچىلاردىن يىغىنغا قاتناشقان، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە ئىگە بولغانلارنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك. 

(1) ئالاقىدار مەسئۇل تارماقنىڭ تەستىق ھۆججىتى؛

(2) شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش يىغىن خاتىرىسى؛

(3) شىركەت نىزامنامىسى؛

(4) شىركەت قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە دائىر مالىيە – ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى؛

(5) مەبلەغ تەكشۈرۈش ئىسپاتى؛

(6) مۇدىرىيەت ئەزالىرىنىڭ، نازارەتچىلىك ھەيئىتى ئەزالىرىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛

(7) قانۇنىي ۋەكىلىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، تۇرۇشلۇق جايى. 

شىركەتنىڭ تىجارەت كىنشكىسىغا ئىمزا قويۇلغان كۈن شىركەتنىڭ قۇرۇلغان كۈنى بولىدۇ. شىركەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئېلان چىقىرىشى كېرەك. 

پاي چەكلىك شىركىتى تىزىمغا ئېلىنىپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، پاي توپلاش ئارقىلىق تەسىس قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولسا، پاي توپلاش ئەھۋالىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقىغا مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. 

پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شۆبە شىركەت تەسىس قىلىنغان بولسا، شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى، تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىشى كېرەك. 

(1) شىركەتنى قۇرغىلى بولمىغان چاغدا، تەسىس قىلىش ھەرىكىتىدىن كېلىپ چىققان قەرزدارلىقنىڭ ۋە راسخوتنىڭ چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛

(2) شىركەتنى قۇرغىلى بولمىغان چاغدا، پاي چېكىگە خېرىدار بولغۇچىلار تاپشۇرغان پاي پۇلىنى ۋە ئۇنىڭغا بانكىنىڭ شۇ مەزگىلىدىكى ئامانەت پۇل ئۆسۈمى بويىچە قوشۇلىدىغان ئۆسۈم بىلەن قايتۇرىدىغان چاتما جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛

(3) شىركەت قۇرۇش جەريانىدا تەشەببۇس قىلغۇچىنىڭ سەۋەنلىكىدىن شىركەتنىڭ مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، شىركەت ئالدىدا تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

(1) شىركەتنىڭ تىجارەت فاڭجېنى ۋە مەبلەغ سېلىش پىلانىنى بەلگىلەيدۇ؛

(2) مۇدىرلارنى سايلايدۇ ۋە ئالماشتۇرىدۇ، مۇدىرلارنىڭ ئىش ھەققىگە ئالاقىدار ئىشلار قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ؛

(3) پايچىكلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولىدىغان نازارەتچىلەرنى سايلايدۇ ۋە ئالماشتۇرىدۇ، نازارەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىگە ئالاقىدار ئىشلارنى قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ؛

(4) مۇدىرىيەتنىڭ دوكلاتىنى قاراپ چىقىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛

(5) نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ دوكلاتىنى قاراپ چىقىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛

(6) شىركەتنىڭ يىللىق مالىيە خام چوت لايىھىسى ۋە نەق چوت لايىھىسىنى قاراپ چىقىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛

(7) شىركەتنىڭ پايدا تەقسىم قىلىش لايىھىسى ۋە زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش لايىھىسى قاراپ چىقىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛

(8) شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش توغرىسىدا قاراپ چىقىرىدۇ؛

(9) شىركەت زايومىنى تارقتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛

(10) شىركەتنى قوشۇۋېتىش، ئايرىش، تارقىتىۋېتىش، ھېسابات ئېنىقلاش قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛

(11) شىركەت نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ. 

(1) مۇدىرلارنىڭ سانى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا يەتمىگەن ياكى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن ئادەم سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىگە يەتمىگەندە؛

(2) شىركەتنىڭ ئورنى تولدۇرۇلمىغان زىيىنى ئومۇمىي پاي سوممىسىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە يەتكەندە؛

(3) شىركەت پېيىنىڭ10 ىدىن كۆپرەكىنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغان پايچىك تەلەپ قىلغاندا؛

(4) مۇدىرىيەت زۆرۈر تاپقاندا؛

(5) نازارەتچىلىك ھەيئىتى ئېچىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەند%ە. 

ئىسىمسىز پاي چېكى تارقىتىلىدىغان بولسا، يىغىن چاقىرىلىشتىن 45 كۈن ئىلگىرى ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئىشلار توغرىسىدا ئېلان چىقىرىش كېرەك. 

ئىلكىدە ئىسىمسىز پاي چېكى بارلار پايچىكلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بولسا، يىغىن چاقىرىلىشقا بەش كۈن قالغان كۈندىن تارتىپ پايچىكلار يىغىنى يېپىلغانغا قەدەر بولغان ۋاقىت ئىچىدە پاي چېكىنى شىركەتكە ساقلاپ قويۇشقا بېرىشى كېرەك. 

پايچىكلار يىغىنىدا چاقىرىلىدىغان قارار يىغىنغا قاتناشقان، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە ئىگە بولغان پايچىكلارنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك. پايچىكلار يىغىندا شىركەتنى قوشۇۋېتىش، ئايرىش ياكى تارقىتىۋېتىش توغرىسىدا چىقىرىلىدىغان قارار يىغىنغا قاتناشقان، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىدىن كۆپرەكىگە ئىگە بولغان پايچىكلارنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك. 

مۇدىرىيەت پايچىكلار يىغىنى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:

(1) پايچىكلار يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ چاقىرىدۇ ۋە پايچىلار يىغىنىغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ؛

(2) پايچىكلار يىغىنىنىڭ قارارلىرىنى ئىجىرا قىلىدۇ؛

(3) شىركەتنىڭ تىجارەت پىلانى ۋە مەبلەغ سېلىش لايىھىسىنى بەلگىلەيدۇ؛

(4) شىركەتنىڭ يىللىق مالىيە خام چوت لايىھىسى ۋە نەق چوت لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛

(5) شىركەتنىڭ پايدا تەقسىم قىلىش لايىھىسى ۋە زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛

(6) شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇلغان كاپىتالىنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش لايىھىسى ۋە شىركەت زايومى تارقىتىش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛

(7) شىركەتنى قوشۇۋېتىش، ئايرىش ۋە تارقىتىۋېتىش لايىھىسىنى تەييارلايدۇ؛

(8) شىركەتنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى بەلگىلەيدۇ؛

(9) شىركەتنىڭ دىرېكتورىنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىدۇ ياكى ۋەزىپىدىن بوشىتىدۇ. دىرېكتورنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورلىرىنى، مالىيە مەسئۇلىنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىدۇ ياكى ۋەزىپىدىن بوشىتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىگە دائىر ئىشلارنى بەلگىلەيدۇ؛

(10) شىركەتنىڭ ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. 

باش مۇدىر شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولىدۇ. 

(1) پايچىكلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، مۇدىرىيەت يىغىنىنى چاقىرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ؛

(2) مۇدىرىيەت يىغىنى قارارلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ؛

(3) شىركەتنىڭ پاي چېكىگە، شىركەت زايومىغا ئىمزا قويىدۇ. 

مۇئاۋىن باش مۇدىرنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ، باش مۇدىر خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمەي قالغاندا، باش مۇدىر كۆرسەتكەن مۇئاۋىن باش مۇدىر ئۇنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ. 

مۇدىرلارنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى، پايچىكلار يىغىنى ئۇنى سەۋەبسىز ۋەزىپىسىدىن قالدۇرسا بولمايدۇ. 

مۇدىرىيەت قەرەلسىز يىغىن چاقىرماقچى بولسا، مۇدىرىيەت يىغىنىنى چاقىرىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىنى ۋە ئۇقتۇرۇشنىڭ مۆھلىتىنى ئايرىم بەلگىلىسە بولىدۇ. 

مۇدىرىيەت يىغىنىدا قارالغان ئىشلار توغرىسىدىكى قارار ھەققىدە يىغىن خاتىرىسى يېزىلىشى، يىغىنغا قاتناشقان مۇدىرلار ۋە خاتىرە يازغۇچى يىغىن خاتىرىسىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك. 

مۇدىرلار مۇدىرىيەتنىڭ قارارلىرى ئالدىدا جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. مۇدىرىيەتنىڭ قارارلىرى قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا ياكى شىركەت نىزامنامىسىگە خىلاپ بولۇپ، شىركەتنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، قارار چىقىرىشقا قاتناشقان مۇدىرلار شىركەت ئالدىدا تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەمما قارار ئاۋازغا قويۇلغاندا باشقىچە پىكىردە بولغانلىقى ۋە شۇ پىكىر يىغىن خاتىرىسىگە يېزىلغانلىقى ئىسپاتلانغان مۇدىرلار جاۋابكارلىقتىن خالاس قىلىنسا بولىدۇ. 

(1) شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – ئىگىلىك باشقۇرۇش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، مۇدىرىيەت قارارلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ؛

(2) شىركەتنىڭ يىللىق تىجارەت پىلانى ۋە مەبلەغ سېلىش لايىھىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ؛

(3) شىركەتنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنى تەسىس قىلىش لايىھىسىنى تەييارلايدۇ؛

(4) شىركەتنىڭ ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تەييارلايدۇ؛

(5) شىركەتنىڭ كونكرېت قائىدىلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛

(6) شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دېركتورلىرىنى، مالىيە مەسئۇلىنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىش ياكى ۋەزىپىدىن بوشىتىش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنىدۇ؛

(7) مۇدىرىيەت ۋەزىپىدىن بوشىتىشقا تېگىشلىك بولغانلاردىن باشقا مەسئۇل باشقۇرۇش خادىملىرىنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىدۇ ياكى ۋەزىپىدىن بوشىتىدۇ؛

(8) شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن ۋە مۇدىرىيەت بەرگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ؛

دىرېكتور مۇدىرىيەت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ. 

شىركەت مۇدىرىيىتىنىڭ قارارى بىلەن، مۇدىرىيەت ئەزالىرى دىرېكتورلۇقنى قوشۇمچە ئۆتسە بولىدۇ. 

مۇشۇ قانۇننىڭ 57- ماددىسىدىن 63- ماددىسىغىچە بولغان ماددىلاردىكى مۇدىرىلىق، دىرېكتورلۇق ۋەزىىپسىنى ئۆتكەشكە بولمايدىغانلىق توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ۋە مۇدىرلارنىڭ، دىرېركتورلارنىڭ مەجبۇرىيىتى، جاۋابكارلىقى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇدىرلىرىغا، دىرېكتورلىرىغا تەتبىقلىنىدۇ. 

نازارەتچىلىك ھەيئىتى پايچىكلار ۋەكىلى ۋە شىركەت ئشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇۋاپىق نىسبەتتىكى ۋەكىلىدىن تەركىب تاپىدۇ، كونكرېت نىسبەت شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ. نازارەتچىلىك ھەيئىتىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىلى شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ دېموكراتىك سايلىمى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. 

مۇدىر، دىرېكتور ۋە مالىيە مەسئۇلى نازارەتچىلىكنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولمايدۇ. 

(1) شىركەتنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى تەكشۈرىدۇ؛

(2) مۇدىرنىڭ، دىرېكتورنىڭ شىركەتتە ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتىدا قانۇن، نىزاملارغا ياكى شىركەت نىزامنامىسىگە خىلاپ ھەرىكىتى ئۈستىدىن نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛

(3) مۇدىر ۋە دىرېكتورلارنىڭ ھەرىكىتى شىركەتنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەندە، مۇدىر ۋە دىرېكتورلاردىن ئۇنى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ؛

(4) قەرەلسىز پايچىكلار يىغىنىنى چاقىرىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ؛

(5) شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ. 

نازارەتچىلىك مۇدىرىيەت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ. 

مۇشۇ قانۇننىڭ 57- ماددىسىدىن 59- ماددىسىغىچە، 62- ماددىسىدىن 63- ماددىسىغىچە بولغان ماددىلارنىڭ نازارەتچى بولۇشقا بولمايدىغانلىق توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى ۋە نازارەتچىنىڭ مەجبۇرىيىتى، جاۋابكارلىقى توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلمىلىرى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ نازارەتچىلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ. 

ئۆتۈنۈپ بېرىشى

شىركەت پېيىدا پاي چېكى شەكلى قوللىنىلىدۇ. پاي چېكى شىركەت ئىمزا قويۇپ تارقاتقان، پايچىك ئىلكىدىكى پاينى ئىسپاتلايدىغان دوكۇمېنت. 

بىر قېتىمدا تارقىتىلغان ھەر بىر پاي چېكىنىڭ تارقىتىش شەرتى ۋە باھاسى ئوخشاش بولۇشى كېرەك. ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخس سېتىۋالىدىغان ھەر بىر پاي ئۈچۈن ئوخشاش باھادا پۇلى تاپشۇرۇشى كېرەك. 

پاي چېكىنى يېزىلغان سوممىسىدن ئاشۇرۇپ تارقىتىش ئارقىسىدا باھا ئۆرلىتىش يولى بىلەن تاپقان ئۆرلمە باھا پۇلى شىركەت كاپىتالىنىڭ جامائەت جۇغلانما فوندى قىسمىغا كىرگۈزۈلىدۇ. 

پاي چېكىنى ئۆرلىگەن باھادا تارقىتىشنى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ. 

پاي چېكىگە تۆۋەندىكى ئاساسىي ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:

(1) شىركەت نامى؛

(2) شىركەت تىزىمغا ئېلىنىپ قۇرۇلغان ۋاقىت؛

(3) پاي چىكىنىڭ تۈرى، يېزىلغان سوممىسى ۋە ۋەكىللىك قىلىدىغان پاي سانى؛

(4) پاي چېكىنىڭ رەت نومۇرى. 

پاي چېكىگە باش مۇدىر ئىمزا قويىدۇ، شىركەت تامغا باسىدۇ. 

تەشەببۇس قىلغۇچىنىڭ پاي چېكىگە تەشەببۇس قىلغۇچىنىڭ پاي چېكى دېگەن خەتلەر يېزىلىشى كېرەك. 

جامائەتچىلىككە تارقىتىلىدىغان پاي چېكى ئىسىمىلىك پاي چىكى بولسىمۇ، ئىسمسىز پاي چېكى بولسىمۇ بولىدۇ. 

(1) پايچىكلارنىڭ ئىسىم – فاملىسى ياكى نامى، تۇرۇشلۇق جايى؛

(2) پايچىكلارنىڭ ئىلكىدىكى پاي سانى؛

(3) پايچىكلار ئىلكىدىكى پاي چېكىنىڭ رەت نومۇرى؛

(4)پايچىكلارنىڭ پايغا ئىگە بولغان ۋاقتى. 

ئىسىمسىز پاي چېكى تارقىتىلغان بولسا، شىركەت ئۇنىڭغا پاي چېكىنىڭ سانى، رەت نومۇرى ۋە تارقىتىلغان ۋاقتىنى يېزىپ قويۇشى كېرەك. 

(1) ئالدىنقى قېتىمدا تارقىتىلغان پاي تولۇق توپلانغان ھەمدە ئارىدىن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولۇش؛

(2) شىركەت يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئۇدا پايدا ئالغان ۋە پايچىكلارغا پاينىڭ پايدىسىنى بەرگەن بولۇش؛

(3) شىركەت يېقىنقى ئۈچ يىللىق مالىيە – بوغالتىرلىق ھۆججىتىدىن يالغان مەلۇمات چىقمىغان بولۇش؛

(4) شىركەتنىڭ كۆزلىگەن پايدا نىسبىتى شۇ مەزگىلدىكى بانكا ئامانەت پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىگە يەتكەن بولۇش. 

شىركەت شۇ يىللىق پايدىدىن يېڭى پاي تارقاتسا، ئالدىنقى تارماقتىكى (2) تارماقچىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. 

(1) يېڭى پاينىڭ تۈرى ۋە ئۇنىڭ سانى – سوممىسى؛

(2) يېڭى پاينىڭ تارقىتىش باھاسى؛

(3) يېڭى پاي تارقىتىشنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقتى؛

(4) ئەسلىدىكى پايچىكلارغا تارقىتىلىدىغان يېڭى پاينىڭ تۈرى، سانى – سوممىسى. 

شىركەت جەمئىيەتكە ئاشكارا يېڭى پاي تارقاتسا، قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان ئاكسىيە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئاپپارات سېتىپ بېرىشنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە سېتىپ بېرىشنى ئۈستىگە ئېلىش كېلىشىمى ئىمزالىشى كېرەك. 

ئىسىملىك پاي چېكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، شىركەت قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايىنى پايچىكلار رويخېتىگە يېزىپ قويىدۇ. 

پايچىكلار يىغىنى چاقىرىلىش ئالدىدىكى 30 كۈن ئىچىدە ياكى شىركەت پاي پايدىسىنى تەقىسىم قىلىشنى قارار قىلغان ئۆلچەملىك كۈندىن ئىلگىرىكى بەش كۈن ئىچىدە ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن پايچىكلار رويخېتىدىكى تىزىمنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. 

شىركەتنىڭ مۇدىرلىرى، نازارەتچىلىرى، دىرېكتورلىرى شىركەتكە شۇ شىركەتنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى پېيىنى مەلۇم قىلىشى ھەمدە ۋاكالەت مەزگىلىدە ئۆتۈنۈپ بەرمەسلىكى كېرەك. 

شىركەت ئۆز شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئون كۈن ئىچىدە پاينىڭ شۇ قىسمىنى ئىناۋەتسىز قىلىشى، قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملار بويىچە تىزىمنى ئۆزگەرتىشى ھەمدە شۇ ھەقتە ئېلان چىقىرىشى شەرت. 

شىركەت ئۆز شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى رەنىگە قويۇش ھوقۇقىنىڭ نىشانى ئورنىدا قوبۇل قىلسا بولمايدۇ. 

ئاشكارا سۈيلەش رەسمىيىتى بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ پاي چېكىنىڭ كۈچتىن قالغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، پايچىك شىركەتكە پاي چېكىنى تولۇقلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

(1) پاي چېكى گوۋۇيۈەن ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن جەمئىيەت ئاشكارا تارقىتىلغان بولۇش؛

(2) شىركەت پاي دەسمايىسىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 50 مىليون يۈەن خەلق پۇلىدىن ئاز بولماسلىق؛

(3) تىجارەت باشلىغان ۋاقتى ئۈچ يىلدىن ئاشقان، يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئۇدا پايدا ئالغان بولۇش؛ ئەسلىدىكى دۆلەت كارخانىسىنى قانۇن بويىچە ئۆزگەرتىپ قۇرۇش يولى بىلەن تەسىس قىلىنغان ياكى مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن يېڭىدىن قۇرۇلغان، ئۇنىڭ ئاساسىي تەشەببۇسچىلىرى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى دۆلەت كارخانىسى بولغان بولسا، ۋاقتىنى ئۇلاپ ھېسابلاشقا بولىدۇ؛

(4) ئىلكىدىكى پاي چېكىنىڭ يېزىلغان قىممىتى 1000 يۈەن خەلق پۇلىدىن ئارتۇق بولغان پايچىكلارنىڭ سانى 1000 دىن ئاز بولماسلىق، جەمئىيەتكە ئاشكارا تارقىتىلغان پاي چېكى شىركەت ئومۇمىي پاي سانىنىڭ 25 ىدىن ئاشقان بولۇش؛ شىركەت پاي دەسمايىسىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 400 مىليون يۈەن خەلق پۇلىدىن ئاشقانلارنىڭ جەمئىيەتكە ئاشكارا تارقىتىدىغان پاي چېكىنىڭ نىسبىتى 15 تىن يۇقىرى بولۇش؛

(5) شىركەتتە يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئېغىر دەرىجىدە قانۇنغا خىلاپ قىلمىش يۈز بەرمىگەن بولۇش، مالىيە بوغالتىرىيىسى دوكلاتىدىن يالغان مەلۇمات چىقمىغان بولۇش؛

(6) گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا شەرتلە%ر. 

گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقى پاي چېكىنى سودىغا سېلىش ئىلتىماسىدىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولغانلىرىنى تەستىقلايدۇ؛ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەر گە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىنى تەستىقلىمايدۇ. 

پاي چېكىنى سودىغا سېلىش ئىلتىماسى تەستىقلانغاندىن كېيىن، پاي چېكىنىڭ بازارغا سېلىنىشى تەستىقلانغان شىركەت ئۆزىنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىش توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلىش ھۆججىتىنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قويۇپ جامائەتكە كۆرسىتىشى كېرەك. 

(1) شىركەت پاي دەسمايىسىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى، پاي ھوقۇقىنىڭ ئىگىلىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆگىرىش كۆرۈلۈپ بازارغا سېلىش شەرتىنى يوقاتقان بولسا؛

(2) شىركەت ئۆزىنىڭ مالىيە ئەھۋالىنى بەلگىلىمە بويىچە ئاشكارىلاپ تۇرمىغان ياكى مالىيە _ بوغالتىرلىق دوكلاتىدىن يالغان مەلۇمات چىققان بولسا؛

(3) شىركەت قانۇنغا خىلاپ زور قىلمىش سادىر قىلغان بولسا؛

(4) شىركەت يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئۇدا زىيان تارتقان بولسا. 

شىركەت تارقىلىپ كېتىشنى قارار قىلغان، مەمۇرىي مەسئۇل تارماق تەرىپىدىن قانۇن بويىچە تاقىۋېتىشكە بۇيرۇلغان ياكى ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقى ئۇنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىشنى توختىتىشنى قارار قىلىدۇ. 

شىركەت تارقىلىپ كېتىشنى قارار قىلغان، مەمۇرىي مەسئۇل تارماق تەرىپىدىن قانۇن بويىچە تاقىۋېتىشكە بۇيرۇلغان ياكى ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقى ئۇنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىشنى توختىتىشنى قارار قىلىدۇ. 

(1) پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ساپ مۈلۈك سوممىسى 30 مىليون يۈەن خەلق پۇلىدىن ئاز بولماسلىق، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ساپ مۈلۈك سوممىسى 60 مىليون يۈەن خەلق پۇلىدىن ئاز بولماسلىق؛

(2) تارقىتىلىدىغان زايومنىڭ جەمئىي سوممىسى شىركەتنىڭ ساپ مۈلۈك سوممىسىنىڭ 40 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك؛

(3) يېقىنقى ئۈچ يىللىق تەقسىم قىلغىلى بولىدىغان ئوتتۇرىچە پايدا شىركەت زايومىنىڭ بىر يىللىق ئۆسۈمىنى تۆلەشكە يېتىدىغان بولۇشى؛

(4) توپلانغان مەبلەغنىڭ سېلىنىش يۆنىلىشى دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولۇش؛

(5) زايومنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ئۆسۈم نسبىتىنىڭ سەۋىيىسىدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇش؛

(6) گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا شەرتلەر. 

شىركەت زايومى تارقىتىش ئارقىلىق توپلانغان مەبلەغنى تەستىقلىغۇچى ئورگان تەستىقلىغان ئورۇنغا ئىشلىتىش كېرەك، زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ياكى غەيرىي ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى چىقىم ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولمايد%ۇ. 

(1) ئالدىنقى قېتىم تارقىتىلغان شىركەت زايومىنىڭ پۇلى تېخى تولۇق يىغىلمىغان بولسا؛

(2) تارقىتىلغان شىركەت زايومى ياكى ئۇنىڭ قەرز جەھەتتە ئەھدىگە خىلاپلىق قىلىنغان ياكى دىرىنى ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرۇش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋاملىشىش ھالىتىدە تۇرغان بولسا. 

دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى شىركەت زايومى تارقاتماقچى بولغاندا، ئۇنى دۆلەت مەبلەغ سېلىشقا ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات ياكى دۆلەت ھوقۇق بەرگەن تارماق قارار قىلىدۇ. 

ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قارار چىقىرىلغان ياكى قارار قلىنغاندىن كېيىن، شىركەت گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقىغا مەلۇم قىلىپ تەستىقلىتىشى كېرەك. 

گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقى شىركەت زايومىنى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئىلتىماستىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغانلىرىنى تەستىقلايدۇ؛ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىنى تەستىقلايدۇ. 

تەستىق چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكى سېزىلسە، ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. شىركەت زايومى تارقىتىلمىغان بولسا، تارقتىشنى توختىتىش كېرەك؛ شىركەت زايومى تارقىتىلغان بولسا، تارقاتقۇچى شىركەت زايوم سېتىۋالغان كىشلەرگە تاپشۇرغان پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشى ھەمدە بانكىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئامانەت پۇل ئۆسۈمى بويىچە ئۆسۈم قوشۇپ بېرىشى كېرەك. 

(1) شىركەتنىڭ تىزىمغا ئېلىنىش ئىسپاتى؛

(2) شىركەت نىزامنامىسى؛

(3) شىركەت زايومى بىلەن مەبلەغ توپلاش چارىسى؛

(4) مۈلۈكنى باھالاش دوكلاتى ۋە مەبلەغنى تەكشۈرۈش دوكلاتى. 

شىركەت زايومى بىلەن مەبلەغ توپلاش چارىسىدە تۆۋەندىكى ئاساسىي ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:

(1) شىركەتنىڭ نامى؛ 

(2) زايومنىڭ ئومۇمىي سوممىسى ۋە زايومنىڭ يېزىلغان سوممىسى؛

(3) زايومنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى؛

(4) دىرىنى ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرۇش مۆھلىتى ۋە ئۇسۇلى؛

(5) زايوم تارقىتىشنى باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتى؛

(6) شىركەتنىڭ ساپ مۈلۈك سوممىسى؛

(7) تارقىتىلغان، تېخى قەرەلى توشمىغان شىركەت زايومىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى؛

(8) شىركەت زايومىنى سېتىپ بەرگۈچى ئاپپارات. 

ئىسىملىك شىركەت زايومى تارقىتىلسا، شىركەت زايومىنىڭ كۆتەك دەپتىرىگە تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:

(1) زايومنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛

(2) زايومنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچىنىڭ زايومنى قولغا ئالغان ۋاقتى ۋە زايومنىڭ رەت نومۇرى؛

(3) زايومنىڭ ئومۇمىي سوممىسى، زايومنىڭ يېزىلغان سوممىسى، زايومنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى، زايومنىڭ دىرىنى ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرۇش مۆھلىتى ۋە ئۇسۇلى؛

(4) زايوم تارقىتىلغان ۋاقىت. 

ئىسىمسىز شىركەت زايومى تارقىتىلسا، شىركەت زايومىنىڭ كۆتەك دەپتىرىگە زايومىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى، ئۆسۈم نىسبىتى، قايتۇرۇش مۆھلىتى ۋە ئۇسۇلى، زايومىنىڭ تارقىتىلغان ۋاقتى ۋە رەت نومۇرى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك. 

شىركەت زايومىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش باھاسىنى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى بىلەن قوبۇل قىلغۇچى پۈتۈشىدۇ. 

ئىسىملىك زايومنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندە، شىركەت شۇ زايومنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايىنى شىركەت زايومىنىڭ كۆتەك دەپتىرىگە يېزىپ قويىدۇ. 

ئىسىمسىز زايومنى شۇ زايومنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچى قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان ئاكسىيە بىر ژىسىدا قوبۇل قىلغۇچىغا تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئۆتۈنۈپ بېرىش كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 

پاي چېكىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان شىركەت زايومىنى تارقىتىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقىغا مەلۇم قىلىپ تەستىقلىتىش كېرەك. شىركەت زايومىنى پاي چېكىگە ئالماشتۇرۇشتا، شىركەت زايومىنى تارقىتىش شەرتلىرى ھازىرلانغاندىن باشقا، ئۇ پاي چېكى تارقىتىش شەرتلىرىگىمۇ ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. 

پاي چېكىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان شىركەت زايومىنى تارقىتىشتا، شىركەت زايومىنىڭ ئۈستىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان شىركەت زايومى، دېگەن سۆزنى ئېنىق يېزىپ قويۇش ھەمدە شىركەت زايومىنىڭ كۆتەك دەپتىرىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان شىركەر زايومىنىڭ سانى – سوممىسىنى ئېنىق يېزىپ قويۇش كېرەك. 

مالىيە – بوغالتىرلىق دوكلاتى تۆۋەندىكى مالىيە – بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋەللىرىنى ۋە قوشۇمچە تەپسىلىي جەدۋەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك؛

(1) مۈلۈك قەرزدارلىق جەدۋىلى؛

(2) پايدا – زىيان جەدۋىلى؛

(3) مالىيە ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىش جەدۋىلى؛

(4) مالىيە ئەھۋالى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرمە؛

(5) پايدا تەقسىم قىلىش جەدۋىلى. 

پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مالىيە – بوغالتىرلىق دوكلاتى پايچىكلارنىڭ يىللىق يىغىنى چاقىرىلىشتىن 20 كۈن ئىلگىرى شىركەتتە تەييارلىنىپ، پايچىكلارنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا بېرىلىشى كېرەك. 

پاي توپلاش ئارقىلىق تەسىس قىلىش ئۇسۇلى بىلەن قۇرۇلغان پاي چەكلىك شىركىتى ئۆزىنىڭ مالىيە – بوغالتىرلىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىشى شەرت. 

شىركەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت جۇغلانما فوندى شىركەتنىڭ ئالدىنقى يىللىق زىيىنىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا يەتمىسە، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت جۇغلانما فوندى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت پاراۋانلىق فوندىنى ئاجرىتىپ قېلىشتىن ئىلگىرى، زىياننىڭ ئورنىنى ئالدى بىلەن شۇ يىللىق پايدا بىلەن تولدۇرۇش كېرەك. 

شىركەت باج تاپشۇرۇلغاندىن كېيىنكى پايدىدىن قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت جۇغلانما فوندىنى ئاجراتقاندىن كېيىن، پايچىكلار يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن ئىختىيارىي جامائەت جۇغلانما فوندىنى ئايرىپ قالسا بولىدۇ. 

شىركەتنىڭ زىيىنى قاپلانغان ۋە جامائەت جۇغلانما فوندى، قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت پاراۋانلىق فوندى ئايرىپ ئېلىنغاندىن كېيىن، ئاشقان پايدىنى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پايچىكلار چىقارغان مەبلەغنىڭ نىسبىتى بويىچە، پاي چەكلىك شىركىتى پايچىكلارنىڭ ئىلكىدىكى پاينىڭ نىسبىتى بويىچە تەقسىم قىلىدۇ. 

پايچىكلار يىغىنى ياكى مۇدىرىيەت ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شىركەت زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت جۇغلانما فوندى، قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت پاراۋانلىق فوندىنى ئايرىپ ئېلىشتىن ئىلگىرى، پايچىكلارغا پايدىنى تەقسىم قىلىپ بەرگەن بولسا، بەلگىلىمىگە خىلاپ تەقسىم قىلىنغان پايدىنى شىركەتكە قايتۇرۇپ بېرىشى شەر%ت. 

پاي چەكلىك شىركىتى پايچىكلار يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن جامائەت جۇغلانما فوندىنى كاپىتال ھېسابىغا يۆتكىگەندە، پايچىكلارغا ئەسلىدىكى پېيىنىڭ نىسبىتى بويىچە يېڭى پاي قوشۇپ بېرىدۇ ياكى ھەر بىر پاي چېكىنىڭ يېزىلغان قىممىتىنى ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. لېكىن قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت جۇغلانما فوندىنى كاپىتال ھېسابىغا يۆتكىگەندە، قالدۇرۇپ قويۇلغان شۇ جامائەت جۇغلانما فوندى رويخەتكە ئالدۇرۇلغان كاپىتالنىڭ 20 ىدىن كەم بولماسلىقى كېرە%ك. 

شىركەت مەبلىغىنى ھەر قانداق شەخسنىڭ نامىدا ھېسابات ئېچىپ ساقلاشقا بولمايدۇ. 

بىر شىركەت باشقا شىركەتنى قوبۇل قىلسا، بۇ قوبۇل قىلىش يولى بىلەن قوشۇلۇش بولىدۇ. قوبۇل قىلىنغان شىركەت تارقىتىۋېتىلىدۇ. ئىككىدىن ئارتۇق شىركەتنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن يىڭى بىر شىركەت تەسىس قىلىنغان بولسا، بۇ يېڭىدىن تەسىس قىلىش يولى بىلەن قوشۇلۇش بولىدۇ، قوشۇلغان تەرەپلەر تارقىتىۋېتىلىدۇ. 

شىركەتلەر قوشۇلۇشتا، قوشۇۋېتىلگەن تەرەپلەر قوشۇلۇش كېلىشىمى ئىمزالىشى ھەمدە ئاكتىپ - پاسسىپ جەدۋىلى ۋە مۈلۈك تىزىمىنى ئىشلەپ چىقىشى كېرەك. شىركەت قوشۇلۇش توغرىسىدا قارار چىقارغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە ھەقدارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە 30 كۈن ئىچىدە گېزىتتە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم ئېلان چىقىرىشى كېرەك. ھەقدارلار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالمىغان بولسا، بىرىنچى قېتىم ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە، شىركەتتىن قەرزنى تۆلەپ بېرىشنى ياكى مۇناسىپ كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. قەرز تۆلەنمىگەن ياكى مۇناسىپ كېپىللىك بېرىلمىگەن بولسا، شىركەتلەرنى قوشۇۋېتىشكە بولمايدۇ. 

شىركەتلەر قوشۇلغاندا، قوشۇۋېتىلگەن تەرەپلەرنىڭ ھەقدارلىقى ۋە قەرزدارلىقىغا قوشۇلغاندىن كېيىنكى شىركەت ياكى يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان شىركەت ئۈستىگە ئالىدۇ. 

شىركەت ئايرىلغاندا، ئاكتىپ – پاسسىپ جەدۋىلى ۋە مۈلۈك تىزىمىنى ئىشلەپ چىقىش كېرەك. شىركەت ئايرىلىش توغرىسىدا قارار چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە ھەقدارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە 30 كۈن ئىچىدە گېزىتتە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم ئېلان چىقىرىشى كېرەك. ھەقدارلار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالمىغان بولسا، بىرىنچى قېتىم ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە، شىركەتتىن قەرزنى تۆلەپ بېرىشنى ياكى مۇناسىپ كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. قەرز تۆلەنمىگەن ياكى مۇناسىپ كېپىللىك بېرلىمىگەن بولسا، شىركەتنى ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ. 

شىركەت ئايرىلىشتىن بۇرۇنقى قەرزدارلىقنى ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم بويىچە ئايرىلغاندىن كېيىنكى شىركەتلەر ئۈستىگە ئالىدۇ. 

شىركەت رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنى ئازايتىش توغرىسىدا قارار چىقارغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە ھەقدارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە 30 كۈن ئىچىدە گېزىتتە ئازدېگەندە ئۈچ قېتىم ئېلان چىقىرىشى كېرەك. ھەقدار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالمىغان بولسا، بىرىنچى قېتىم ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە شىركەتتىن قەرزنى تۆلەپ بېرىشنى ياكى مۇناسىپ كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

شىركەتنىڭ كاپىتالى ئازايتىلغاندىن كېيىن رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن چەكتىن ئاز بولماسلىقى كېرەك. 

پاي چەكلىك شىركىتى رويخەتكە ئالدۇرۇلغان كاپىتالىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، يېڭى پاي چېكى تارقاتقاندا، پايچىكلار يېڭى پاي چېكىنى سېتىۋېلىشقا يېزىلسا، مۇشۇ قانۇننىڭ پاي چەكلىك شىركىتى تەسىس قىلىنغاندا پاي پۇلى تاپشۇرۇش توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك. 

شىركەت رويخەتكە ئالدۇرۇلغان كاپىتالىنى كۆپەيتمەكچى ياكى ئازايتماقچى بولسا، قانۇن بويىچە شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ تىزىمنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك. 

ۋە ھېساباتىنىڭ ئېنىقلىنىشى

(1) شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن تىجارەت مۇددىتى توشقان ياكى تارقىتىۋېتىشنىڭ شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا سەۋەبلىرى كۆرۈلگەن بولسا؛

(2) پايچىكلار يىغىنى تارقىتىۋېتىشنى قارار قىلغان بولسا؛

(3) قوشۇلۇش ياكى ئايرىلىش تۈپەيلىدىن شىركەتنى تارقىتىۋېتىش زۆرۈر بولۇپ قالسا. 

(1) شىركەتنىڭ مۈلكىنى ئېنىقلاپ، ئاكتىپ – پاسسىپ جەدۋىلى ۋە مۈلۈك تىزىمىنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ؛ 

(2) ھەقدارلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ ياكى بۇ ھەقتە ئېلان چىقىرىدۇ؛ 

(3) شىركەتنىڭ ھېسابات ئېنىقلاشقا ئالاقىدار بولغان، ئاياغلاشمىغان كەسپىي ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ 

(4) ئارتىلىپ قالغان باج پۇلىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرىدۇ؛ 

(5) ھەقدارلىق ۋە قەرزدارلىقنى ئېنىقلايدۇ؛ 

(6) شىركەتنىڭ قەرز تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ 

(7) شىركەتكە ۋاكالىتەن ھەق تەلەپ دەۋا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. 

ھەقدار ئۆزىنىڭ قەرز ھوقۇقىنى مەلۇم قىلغاندا، قەرز ھوقۇقىغا دائىر ئىشلار توغرىسىدا ئىزاھات بېرىشى ھەمدە ئىسپات ماتېرىياللىرىنى بېرىشى كېرەك. ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قەرز ھوقۇقىنى تىزىملىشى كېرەك. 

شىركەتنىڭ مۈلكى شىركەتنىڭ قەرزىنى تۆلەشكە يەتسە، دوكىلاتى تەييارلاپ، ئۇنى پايچىكلار يىغىنى ياكى ئالاقىدار مەسئۇل ئورگەننىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا يوللىشى ھەمدە شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا يوللاپ، شىركەتنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنى، شىركەتنىڭ ئىشتىن توختىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. شىركەتنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش ئىلتىماس قىلىنمىسا، شىركەت تىزىملاش ئورگىنى شۇ شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئىناۋەتسىز قىلىدۇ ھەمدە شۇ ھەقتە ئېلان چىقىرىدۇ. 

ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارا ئېلىشىغاياكى باشقا قانۇنسىز يوللار بىلەن تاپاۋەت قىلىشىغا، شىركەتنىڭ مۈلۈكىنى ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى قەستەنلىك ياكى زور سەۋەبلىك بىلەن شىركەتكە ياكى ھەقدارغا زىيان يەتكۈزسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

بۇ قانۇندا دېيىلگەن چەت ئەل شىركىتى چەت ئەل قانۇنى بويىچە جۇڭگو چېگرىسى سىرتىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلۇپ قۇرۇلغان شىركەتنى كۆرسىتىدۇ. 

چەت ئەل شىركىتى شۆبە ئاپپاراتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ. 

چەت ئەل شىركىتى شۆبە ئاپپاراتىنىڭ تىجارەت مەبلىغى توغرىسىدا ئەڭ تۆۋەن چەك بەلگىلەشكە توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ. 

چەت ئەل شىركىتىنىڭ شۆبە ئاپپاراتى ئۆز ئاپپاراتىدا شۇ چەت ئەل شىركىتىنىڭ نىزامنامىسىنى تەييارلاپ قويۇشى كېرەك. 

چەت ئەل شىركىتى ئۆزىنىڭ شۆبە ئاپپاراتى جۇڭگو زېمىنىدا ئېلىپ بارغان تىجارەت پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

شىركەت مۈلۈكىنى ھەرقانداق شەخىسنىڭ نامىدا ھېساب ئېچىپ ساقلىغالار نىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەمدە ئۇلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، جىنايەت سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

مۇدىرلار، دىرېكتورلار شىركەتنىڭ مەبلىغىنى ئىشلىتىۋالغان ياكى شەركەتنىڭ مەبلىغىنى باشقىلارغا بۇيرۇلىدۇ، شىركەت ئۇلارغا چارە كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ تاپاۋەت قىلىغان كىرىمى شىركەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۇرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

مۇدىرلار، دىرېكتورلار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز شىركىتىدىكى پايچىكلارنىڭ ياكى باشقا كىشىلەرنىڭ قەرزىگە شىركەتنىڭ مۈلكى بىلەن كېپىل بولغان بولسا، كېپىللىكنى بىكار قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. قانۇنسىز يول بىلەن كېپىل بولۇشتىن تاپاۋەت قىلىنغان كىرىم شىركەتنىڭ ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا شىركەت چارە كۆرىدۇ. 

شىركەت ھېسابات ئېنىقلاش ۋاقتىدا، مۈلۈكنى يوشۇرغان، ئاكتىپ – پاسىسپ جەدۋىلى ياكى مۈلۈك تىزىمىنى ساختىلىق بىلەن تولدۇرغان، ياكى قەرزنى تۆلەپ تۈگىتىشتىن ئىلگىرى شىركەتنىڭ مۈلكىنى تەقسىم قىلىۋەتكەن بولسا، تۈزىتىشككە بويرۇلىدۇ، شىركەتكە يوشۇرغان مۈلۈك سوممىسىنىڭ ياكى قەرزنى تۆلەپ تۈگىتىشتىن ئىلگىرى تەقسىم قىلىۋېتىلگەن مۈلۈك سوممىسىنڭ 1 ىدىن يۇقىرى، 5 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇلى خادىمغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكار باشقا خادىملارغا 10 مىڭ يۈەن دىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىد%ۇ. 

ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغان ياكى شىركەتنىڭ مۈلكىنى ئىگىلىۋالغان بولسا، شىركەتنىڭ مۈلكىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەمدە ئۇلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

مۈلۈك باھالاش، مەبلەغ تەكشۈرۈش ياكى ئىسپاتلاشنى ئۈستىگە ئالغان ئاپپاراتلار سەۋەنلىك بىلەن مۇھىم مەزمۇن چۈشۈپ قالغان دوكلاتنى بەرگەن بولسا، تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىرراق بولغانلارغا تاپاۋەت قىلغان كىرىمىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە شۇ ئاپپاراتلارنى ئىشتىن توختاشقا بۇيرۇسا، بىۋاسىتە جاۋابكار خادىملارنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئىناۋەتسىز قىلسا بولىدۇ. 

شىركەتنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان ئىشلىرى ئۆزگەرگەندە، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈك ئىچىدە تىزىملىتىشقا بۇيرۇلىدۇ. سۈرۈك ئۆتۈپ كەتكۈچە تىزىملاتمىغانلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 

يۇقىرى – يېڭى تېخنىكا دائىرسىگە كىرىدىغان پاي چەكلىك شىركەتلىرىدە، تەشەببۇش قىلغۇچىلار سانائەت مۈلۈك ھوقۇقىنى، پاتېنتسىز تېخنىكىنى پۇلغا سۇندۇرۇش يولى بىلەن چىقارغان مەبلەغ سوممىسىنىڭ شىركەت رويخەتكە ئالدۇرۇغان كاپىتالدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتىنى، شىركەتلەرنىڭ يېڭى پاي چېكى تارقىتىش، پاي چېكىنى بازارغا سېلشنى ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ. 




#Article 189: Türkiye (536 words)


 

Türkiye- toluq ismi Türkiye Jumhuriyiti (türkche : Türkiye Cumhuriyeti, in'gilizche: Republic of Turkey) asasi qanunluq, jumhuriyet tüzümidiki, jughrapiyelik jehettin Yawropa we Asiya qitesige jaylashqan bir dölet. Uning paytexti bolsa Enqere, eng chong shehiri bolsa Istanbul. Dölet tili bolsa türk tili. Nöwettiki prizdénti (türkche jumhurbashqani)Abdulla Gül. Nöwettiki bash ministér (türkche bashbaqan) Rejep Tayyip Erdoghan. Türkiye 1923 - yili 29 - öktebir küni musteqilliqini jakarlap, jumhuriyet tüzümi ornatqan.

Yer meydani 783 ming 562 kwadrat kilométir,

Nopusi 72milyon 561 ming.

Dölet bayrimi: (1923-yili)10-ayining 29-küni (jumhuriyet küni).

Türkiye enene jehettin islam döliti bolghachqa Yawropa we Amérika bilen bolgha munasiwitining döletning hayat-mamatigha tesir yetküzüshidin éhtiyat qilip dölette din bilen hakimiyetni üzül-késil ayrip 1923-yilidin buyan herqandaq dini arqa körünüshke ige partiyeni qanunsiz hisaplap kelgen. Asasi qanundiki bu shertlerni qoghdash izchil türde Türkiye herbi terepning izchil türkiyesiyasitini kontirul qilishidiki asasi sewep bolup kelgen idi.
 

 

 

Türkiye shimaliy atlantik ehdi teshkilatigha eza dölet. Türkiyning herqararliq hökümetliri amérika we gherb döletliri bilen ittipaqdashliq siyasitige emel qilip, iqtisadiy jehette gherbiy yawropa bilen qoyuq munasiwette bolup keldi we izchil türe yawropa itipaqigha eza bolush üchün tirishchanliq körsitiwatidu . Yéqinqi yillardin béri, ottura sherq balqan we ottura déngiz qatarliq rayonlardiki üchinchi dunya elliri bilen bolghan munasiwetkimu ehmiyet bermekte. Hazir türkiyining yer sharidiki 125 dölet we rayon bilen diplomatik munasiwiti bar. Ottura asiyadiki 6dölet, pakistan, iran we azerbeyjan bilen bille qurghan «iqtisadi güllinish teshkilati» türkiyening kéyinki siyasi we siplomatiye-iqtisadi tereqqiyatida muhim körsetküchlük ehmiyetke ige.

File:Anatolia composite NASA.png|Caption1
File:Great Ararat.jpg|Caption2
File:Akhtamar Island on Lake Van with the Armenian Cathedral of the Holy Cross.jpg|Caption2
File:Most Bosfor Istambuł RB1.jpg|Caption2
File:Cappadocia Aktepe Panorama.JPG|Caption2
File:Uzungöl lake and town.jpg|Caption2

Türkiye tarixtin buyan déhqanchiliqni asas qilidighan yézaigiliki birqeder tereqqiy qilghan. Türkiye emgek küchining %35déqhanchiliq ishlepchiqirishi bilen shughullansimu, biraq déhqanchiliqtin kiridighan kirim dölet omumiy kirimining %9.3ni igileydu. Türkiye hökümiti sanaetni tereqqiy qildurushqimu ehmiyet bergen bolup, türkiyining toqumichiliq, polat-tömür, qeghez ishlepchiqirish, sémunt ishlepchiqirish we qent yasash sanaitini xéli rawajlanghan. Türkiyining kan bayliqi mol bolup, kömür, mis qatarliqlarning zapisi birqeder köp. 2007-Yili türkiyening milli ishlepchiqirish daramiti 361miliyard dollar bolghan dunya boyiche 20-orunda turghan. Türkiyening umumi milli ishlepchiqirish daramiti dunyadiki islam elliri ichide eng aldinqi qatarda turidu. Türkiyening 2006-yilliq kishi béshigha toghra kélidighan kirimi9100dollar sanaet mehsulat miqdari umumi mehsulat miqdarining 31%ni, mulazimet kirimi 60%ni igelligen. 

Pul birliki: türk lirasi.
 
Türkiye iqtisadi siyasiti Amérika we Yawropaning zor tesirige uchrighachqa 2004-yiligha kelgende puli paxalliship bir milyun500ming lira bir dollargha toghra kélidighan pul paxalliqi yüz bergen idi. 2005-Yilidiki 6nölni qisqartishtin kéyin Türkiyede 1.34yéngi türk lirasi=bir dollar, 2006-yili 1.42yéngi türk lirasi=bir dollar boluwatidu.

Türkiye saljuqilar dewrdila büyük impiriye qurghan. Kéyin Osman impiriyisini qurup, ereb yérim arilidin Shimali Afriqa we Sherqi Yawropagha qeder bolghan ariliqqa 500yildin artuq hökümranliq qilghan. 1- Dunya urushta mezgilide, Türkiye ittipaqdash döletler sépide turup urushta meghulup bolidu. Uning shimaliy afriqa hem kichik asiyadiki béqindi döletliri Engliye, Fransiye we Italiye mustemlikilik haletke chüshüp qalidu. 1919- Yili Mustapa Kamal rehberlikidiki milliy burzhuaziye inqilabi féodal padishahliqni aghdurup tashlaydu, chet el tajawuzchiliqini chékindüridu. 1920- Yili milliy hökümet qurulidu. 1923- Yili 10- ayning 29- küni jumhuritet qurulghanliqi jakarlinip, Mustapa Kamal tunji pirizdént bolidu. 
Türkiyening iliktirlishish we alaqe ishliri ortihal tereqqi qilghan bolup muqim télpon abonti19miliyun, yanpon abonti44miliyun , intérnét abonti 13miliyun bolghan. 

Herbiy mejburiyet tüzümi yolgha qoyulidighan bolup, 18ay wezipe öteydu. Nöwette 670ming esker wezipe ötewatidu.

File:Turkish troops.jpg|quruqluq armiysi
File:DzKK BG (107).jpg|déngiz armiysi

Türkiyediki birqeder dangliq uniwérsitétllar




#Article 190: Turpan (724 words)


 

Buningdin bashqa yene, «kéyinki xenname»de oxshashla eyni zamandiki turpanni biraqla «qus» dep ataydighanliqi xatirilengen. Wéy sulalisi dewride yézilghan tarixiy wesiqilerdin «wéyname» dégen kitabta «quju aldinqi qus padishahliqi dölitining qedimki yurti idi» ... «Xelqi köp, bayashat» shunga «quju» déyilidu, dep xatirilengen. Turpan wéy sulalisi dewrige yetkende «quju» dégen nam bilen ataldi. Bu hem eyni zaman dewridiki ana yurtimiz «turpan»ning nami. «Jenubiy sulaliler tarixiy»da «quju döliti deslepte, quslarni asas qilghanidi ... Topidin sépil soqup, yaghachtin öy yasap, üstini topa bilen yapatti» dep xatiriligenidi. Bu tarixiy xatiride miladi 4—5– esirlerdiki «turpan» rayonining her tereplime ehwali nahayiti ixcham bayan qilinghan. 
Yuqiriqilardin bashqa yene 10– esirlerde (miladi 970– yillar)da yézilghan xoten tarixlirida yurtimiz turpan alahide xatirilengen. Xoten tarixnamilirida, eyni dewrlerdiki «turpan»ni xotenning ashu zamanlardiki yerlik tili boyiche «dorban» dep ataydighanliqi hem shu boyiche teleppuz qilidighanliqi xatirilengen. 
Büyük uyghur alimi mehmud qeshqeri özining «türki tillar diwani» dégen esiride turpanni «quju» dep xatiriligenidi. Yü'en sulalisi dewrige kelgende tarixlarda yene dawamliq «quju» dep xatirilendi, biraq yü'en dewrige kelgende ishletken quju dégen ikki xet ilgiri ishletken xenzuche tarixiy xatirilerdiki xetlerge peqet oxshimay qaldi, yeni turpan «火州» dégen ikki xet bilen xatirilendi, biraq bu xetler peqet «quju» dégen uyghurche namning xenzuche ahang terjimisidinla ibaret, biraq nurghun kishiler bu xetni xata halda «ot yurti» dep terjime qildi (bu yerde asasen turpanning hawa témpératurisi közde turulghan). 
Démek, qandaq xatirilenmisun, her qandaq teleppuz qilinmisun, bularning qaysisila bolmisun oxshashla qedimki diyarimiz, ana makanimiz «turpan»ning nami ikenlikide qilche guman yoq. 
Ching sulalisi dewride bezi tarixchilar «turpan» dégen namgha qarita «oymanliq» dep tebir bergen. Bolupmu ching sulalisining jyaching yillirigha kelgende, tarixchi wang shuyung ependi, «gherbiy yurt tilliri» dégen esiride, tillarni tetqiq qilip, «turpan» dégen sözni, bu söz, gherbiy yurttiki az sanliq milletlerning tili, shunglashqa bu sözning menisi «oymanliq» dégen menide dep tebir bergen. 
Démek, hazirqi zaman uyghur tilimizdimu, «tiren», «töwen», «tégi», «tüwi», «tur», «pan» dégen tillirimiz bar, bu sözlerning gerche ishlitilish orni oxshimisimu biraq, mene jehettin bir – birige intayin yéqin. Démek, oxshash menilerni bildüridighan menidash sözler «turpan» dégen bu söz bilen yéqin menidash kélidu. Éhtimal bu söz tarixtiki til tereqqiyatimizgha egiship tereqqiy qilip, tiren yaki töwen sözdin yasalghan bolushi mumkin yaki «tur» «pan» dégen sözlerning qoshulushidin yasalghan bolushi mumkin. Chünki «tiren», «töwen» dégen sözni alidighan bolsaq, turpan wadisining jughrapiyilik alahidiliki shuki, turpan déngiz yüzidin 154 métir töwen turidu. Turpan dégen atalghu tiren yaki töwen sözning asasida özgirip tereqqiy qilghan xas nami bolushimu mumkin, bundaq bolghanda «oymanliq» dégen mene éytilghanliqimu emeliyetke uyghun, démek gherbiy yurt tilliri dégen kitabning aptori gherbiy rayondiki az sanliq milletlerning til qa'idisige intayin ehmiyet bergen we nahayiti hörmet qilghan. 
Démek, biz yuqirida körsitip ötken «qus», «ghuz», «quju», «qara», «xoju», «ot yurti» dep atalghanlarning hemmisi tarix dawamida turpangha bérilgen namlar. Bu yerde tekitleshke tégishlik yene bir nuqta, yuqirida biz bayan qilghan tillirimizdin «tur» dégen bu söz belge, nishan, yurt, mehelle, sheher, dölet dégendek menilergimu ige, «pan» sözi, ulugh, büyük, zor, güzel qudretlik dégendek menilerge ige. Eger bu ikki söz özara birikse «büyük dölet» dégen menini bildüridu. Démek yurtimiz ezeldinla muhim qatnash liniyisige qurulghanliqi, yipek yolining muhim tügünige jaylashqanliqi seweblik, roli we ornining muhimliqidin qedimki zamanlarda «ulugh dölet» dep atalghan bolushimu emeliyetke uyghun. 
Yuqirida biz tekitligen yurtimizning her xil namliri bezide ulugh ejdadlirimizning nami bolup xatirilense, bezide turpan oymanliqida ejdadlirimiz özliri qurghan hakimiyetler, xanliqlarning ismi bolup kelgen, bezide gherbiy yurttiki bir döletning nami bolup atalsa, bezide gherbiy diyardiki bir milletning nami bilenmu atilip keldi. Shunga bu yerde tekitliniwatqan bu isimlarni meyli millet namida atalsun, meyli dölet namida atalsun yaki yer – jay namida atalsun, bir – biridin ayrip qarash esla tarixiy pakitlargha uyghun emes, bu isimlar we namlar tarixta bu qedimki makanda yashighan milletler bilen bu makanda qurulghan döletlerni bir – biri bilen mustehkem tutashturup, birini yene birige chong baghlap kelgen. Shunga bu nam we isimlarni milletning nami dep chüshinishkimu yaki döletning nami dep chüshinishkimu bolidu. Yuqiriqi bayanlardin, uyghurlarning shinjangdiki qedimki milletlerning biri ikenlikini chüshiniwélish tes emes. Turpan diyari yiraq qedimki zamanlardin tartipla köp millet olturaqlashqan, köp xil medeniyet alahidiliki gewdilengen, köp xil dinlar özara uchrashqan rayonlarning biri idi. 
Turpan rayonida qedimdin tartip uyghur, soghdi, türk, oghuz, xenzu, tangghit, mongghul qatarliq milletler arilash olturaqlashqan we turpan wadisini birlikte güllendürgen bolsimu, lékin turpan oymanliqining qedimki zamanlardiki asasliq ahalisi uyghurlarni asas qilghanidi. Turpan oymanliqida tarixta yashighan bashqa milletlermu uyghurlargha oxshashla qedimki turpanni qurushta öz rolini jari qildurghan.

Menbe: «turpan yadikarliqliri», ablim qéyyum, shinjang xelq neshriyati

Munasiwetlik yazmilar
Ming öy toghrsi'ida 2008-10-01
Millitimizdin chiqqan töhpikar, ülgiler 2008-09-30
 digen nam toghrisida. 2008-09-29




#Article 191: ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (139 words)


ھۆججەت:Uyghur élipbesi(Uyghur alphabet).jpg|thumb|ئەسكەرتىش: 1. ئەگەر «Öö, Üü, Ёё» لارنى كىرگۈزۈشكە ئىمكان بولمىغاندا، UKY بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ماس ھالدا «Oo, Uu, Ee» لارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. «Öö, Üü, Ёё» لارنى كىرگۈزۈش ئۇسۇلى تەپسىلىي كۆرسىتىلدى.

ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (Uyghur Latin Yёziqi) لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدا بولۇپمۇ كومپيۇتېر ساھەسىدە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىغا يانداش قىلىپ ئىشلىتىلىدىغان لاتىن ھەرپلىرىدىن تۈزۈلگەن يېزىق.ئۇيغۇرلار قاراخانىيلار دەۋرىدىن باشلاپ (ئىدىقۇت خانلىقى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن سىرت) ئەرەب يېزىقىنى قوبۇل قىلغاندىن تارتىپ، تاكى 1965-يىلى 1-ئايغىچە بولغان مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، بۇ يېزىقنى پەيدىنپەي ئىسلاھ قىلىپ، ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەن. 1965-يىلى 1-ئايغا كەلگەندە، بۇ يېزىق  ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنى 1982-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 17 يىل رەسمىي قوللانغان. 1984-يىلىدىن باشلاپ ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنى بۈگۈنگە قەدەر  قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

ھازىر قوللىنىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقى جەمئىي 32 ھەرپتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سەككىزى سوزۇق تاۋۇشنى، 24 ى ئۈزۈك تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ.




#Article 192: ئاسىيا (906 words)


ئاسىيا ئاسىيا قىتئەسى يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق قىتئەسى بولۇپ، غەرىپ تەرەپتە ياۋروپا قىتئەسى بىلەن تۇتۇشۇپ، ياۋروئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنى ھاسىلق قىلىدۇ. ئاسىيا قىتئەسىنى شەرقتە تېنىچ ئوكيان، شىمالدا شىمالى مۇز ئوكيان، جەنۇپتا ھىندى ئوكيان بىلەن قورشىلىپ تۇرىدۇ. 
ئاسىيا قىتئەسىدە ھەرخىل يەرشەكىللىرى بار، يەرشارىدىكى ئەڭ ئىگىز چوققا جۇمۇلاڭما چوققىسى، ئەڭ چوڭ كۆچمە قۇملۇق تەكلىماكان قۇملۇقى قاتارلىقلار ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان. 
ئاسىيا دېگىنىمىز قەدىمكى فىنىكىيە تىلىدا قۇياش كۆتۈرۈلىدىغان جاي دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ

ئاسىيا قىتئەسى يەرشارىنىڭ شەرقىي يېرىم شارىغا چايلاشقان بولۇپ، شىمالدا شىمالىي مۇز ئوكيان، جەنۇبتا ھىندى ئوكيان، شەرقتە تېنچ ئوكيان، غەربتە ئوتتۇرا دېڭىز ۋە قارا دېڭىزلارغا تۇتىشىدۇ. شەرقىي- شىمال تەرىپى ئۇرال تاغلىرى، ئۇرال دەرياسى، بۈيۈك كاۋكاز تاغلىرى، بوسپورۇس بوغۇزى ۋە داردانىل ئارقىلىق ياۋرۇپا بىلەن چىگرالىنىدۇ. غەربىي- جەنۇب تەرەپتە، سۇۋەيىش قانىلى ۋە قىزىل دېڭىز ئارقىلىق ئافرىقا بىلەن ياندىشىپ تۇرىدۇ. شەرقىي- جەنۇپتا، دېڭىزلار ئارقىلىق ئوكيانىيەدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شەرق تەرەپتە بولسا، بېرىنگ بوغۇزىدىكى 86 كىلومېتىرلىق ئارىلىق بىلەن شىمالىي ئامېرىكىغا ئۇلىشىپ تۇرىدۇ. ئاسىيا قىتئەسىنىڭ مېردىئان كەڭلىكى ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ، شەرقتىن غەبكە بولغان ۋاقىت پەرقى 11 سائەتكە يېتىپ بارىدۇ. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 44 مىليون كۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، يەرشارى قۇرۇقلۇقىنىڭ ٪29.4نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاسىيا قىتئەسى شۈبھىسىزكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قىتئە ھېساپلىنىدۇ.

ئومومىي ئاھالىسى 4 مىليارد بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئاھالىسىنىڭ ٪61نى ئىگىلەيدۇ. جۇڭگو ۋە ھىندىستاندىن ئىبارەت دۇنيا بويىچە ئاھالىسى بىردىنبىر بىر مىلياردتىن ئاشىدىغان ئىككى دۆلەت ئاسىياغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا، ھىندونېزىيە، پاكىستان، ياپونىيە ۋە بېنگال قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئاھاسىمۇ 100 مىليوندىن ئاشىدۇ. سىنگاپورنىڭ نوپۇس زىچلىقى ئەڭ چوڭ بولۇپ، ھەر كۋادىرات كىلومېتىر دائىرىگە 45 مىڭ ئادەم توغرا كېلىدۇ. موڭغۇلىيەنىڭ ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، ھەر كۋادىرات كىلومېتىر دائىرىگە ئاران 1 ئادەم توغرا كېلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستام، ئومان قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بولسا، ھەر كۋادىرات كىلومېتىر دائىرىگە 5-7 ئادەم توغرا كېلىدۇ.

ئاسىيادىكى ئېرق ۋە مىللەت تەركىبى ئىنتايىن مۇرەككەپ. ئاساسلىقى سېرىق تەنلىكلەرنى (موڭغۇللوئىد ئېرقى) ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئاسىيا ئومومىي ئاھالىسىنىڭ ٪60نى ئىگىلەيدۇ. قالغان قىسىمىنى ئاق تەنلىك، قوڭۇر تەنلىك ۋە ئارىلاشما تەنلىكلەر ئىگىلەيدۇ. ئاسىيادا تەخمىنەن 1000 ئەتراپىدا چوڭ- كىچىك قەۋىم- مىللەتلەر دۇنيادىكى ئومومىي قەۋىم- مىللەتلەرنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇلار چىن-تىبەت تىللىرى، دراۋىد تىللىرى، ئاۋسترو-ئاسىيا تىللىرى، ئالتاي تىللىرى، ياپۇن تىلى ۋە كورىيان تىلى (بۇ ئىككى تىلنىڭ سېستىما تەۋەلىكى ئېنىق بېكىتىلمگەن)، مالاي- پولېنىزىيە تىللىرى، ھىندى- ياۋرۇپا تىللىرى ۋە سام- ھام (ئافرو- ئاسىيا) تىللىرى سېستىمىلىرىغا تەۋە بولغان 2197 خىل تىلنى سۆزلىشىدۇ.

ئاسىيا قىتئەسىنىڭ دېڭىز قىرغىقى ئۇزۇنلۇقى 69 مىڭ 900 كىلومېتىر بولۇپ، دېڭىز قىرغىقى دۇنيادىكى بويىچە ئۇزۇن قىتئە ھېساپلىنىدۇ. يېرىم ئارال ۋە ئاراللار كۆپ. ئەرەب يېرىم ئارىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يېرىم ئارال. ھىندونېزىيىدىكى كالىمانتان ئارىلى دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى چوڭ ئارال ھېساپلىنىدۇ. ئاسيانىڭ يەر شەكلى تۈزۈلۈشى بىر قەدەر ئىگىز. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئىگىزلىكى 950 مېتىر بولۇپ، ئانتاركىتا قىتئەسىدىن قالسىلا، دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز قىتئە ھېساپلىنىدۇ. تاغلىق ۋە چوققىلىقلار ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. تاغلىق، ئىگىزلىك ۋە تۆپىلىك رايونلار ئومومىي قىتئەنىڭ 4/3 قىسىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاسىيا قىتئەسى پامىر ئىگىزلىكىنى مەركەز قىلىپ، تۆت ئەتراپىغا قاراپ ئىگىز تاغ تىزمىلىرى چەكىللەنگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى ھىمالايا تاغ تىزمىسىدۇر. ئىگىزلىكى 8000 مېتىر كېلىدىغان چوققىلار ھەممىسى قاراقۇۇرۇم تاغلىرى بىلەن ھىمالايا تاغلىرىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى جومۇلاڭما چوققۇسى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىگىز چوققا ھېساپلىنىدۇ. دۇنيانىڭ ئۆگىزىسى دەپ چىڭخەي- شىزاڭ ئىگىزلىكى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ تۆۋەن جاي بولغان ئۆلۈك دېڭىزمۇ (دېڭىز يۈزىدىن 400 مېتىر تۆۋەن) ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان. ئاسىيا قىتئەسىگە دۇنيا بويىچە يانار تاغلار ئەڭ كۆپ جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز قىرغىقى ئەتراپىدىكى ئاراللار دۇنيادىكى يانار تاغلار ئەڭ كۆپ رايون ھېساپلىنىدۇ. شەرقىي قىسىمدىكى ئاراللار، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسىملىرىدە يەر تەۋرەش كۆپ بولىدۇ. ئاسىيادىكى كۆپلىگەن دەريا- ئېقىنلار ئوتتۇرا قىسىمدىكى تاغلاردىن باشلىنىپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا تېنچ ئوكيان، ھىندى ئوكيان ۋە شىمالىي مۇز ئوكيانلارغا قۇيۇلىدۇ. ئاسىيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن دەريا چاڭجياڭ دەرياسى (يېشىل دەريا) بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 6397 كىلومېتىر، ئۇنىڭدىن قالسا خۇاڭخې دەرياسى (سېرىق دەريا)، ئۇزۇنلۇقى 5464 كىلومېتىر، ئۈچىنچى ئورۇندىكى مېكوڭ دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بولسا 4500 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريا سىر دەرياسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا ئامۇ دەرياسى بىلەن تارىم دەرياسى. بايقال كۆلى (بايكۆل) دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ كۆلى، شۇنداقلا ئەڭ چوڭقۇر كۆل ھېساپلىنىدۇ.

ئاسىيا قىتئەسى كۈچلۈك بولغان قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا ئىگە بولۇپ، سوغۇق، مۆتىدىل ۋە ئىسسىق بەلۋاغلارنى كېسىپ ئۆتىدۇ. شىمالدىكى دېڭىز قىرغىقى رايونلىرى سوغاق ئىقلىمغا تەۋە بولۇپ، سىبرىيەنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى مۆتىدىل بەلۋاغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ھاۋا كىلىماتىغا كىرىدۇ. شەرقتىكى تېنچ ئوكيان يانداش ئوتتۇرا مېردىئان رايونلىرى مۇسسون شامىلى ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ، جەنۇبقا سۈرۈلگەنسېرى سۇپ- تروپىك ئورمانلىق ھاۋا كىلىماتىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. شەرقىي- جەنۇبىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرى تروپىك (ئىسسىق) بەلۋاغ ئوتلاق ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ، ئېكۋادور ئەتراپى كۆپىنچە ئىسسىق بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمان ھاۋا كىلىماتىغا مەنسۇب بولىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيانىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى قۇملۇق ۋە ئوتلاق ئىقلىمىغا تەۋە بوۇپ، غەربىي ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرى سۇپ- تروپىك ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا كىرىدۇ.

ئاسىيا قىتئەسىدە كان بايلىقلىرى مول، تۈرى كۆپ، زاپاس تارقىلىشى كەڭ بولۇپ، ئاساسلىقلىرىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، نېفىت، قەلەي، ۋولفرام، سۈرمە، مىس، قوغۇشۇن، سىنىك، مانگان، ماگنېزىت، ئالتۇن، گرافىت (سۈرمە تاش) ۋە خروم قاتارلىقلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە نېفىت، ماگنېزىت، سۈرمە ۋە تۆمۈرنىڭ زاپىسى ھەر قايسى قىتئەلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. خروم كانىنىڭ زاپاس مىقدارى دۇنيا ئومومىي زاپىسىنىڭ ٪60تىن كۆپىرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ئورمان كۆلىمى دۇنيا ئومومىي ئورمان كۆلىمىنىڭ ٪13نى ئىگىلەيدۇ. ئىشلەتكىلى بولىدىغان سۇ كۈچى بايلىقىمۇ ئىنتايىن مول. دېڭىز قىرغىقى بېلىقچىلىق رايونلىرى دۇنيانىڭ ئومومىي دېڭىز بېلىقچىلىق رايونلىرىنىڭ ٪40نى ئىگىلەيدۇ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز قىرغىقى رايونلىرىغا جايلاشقان.

قەدىمكى زاماندا، ئاسىيالىقلار پارلاق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئىلمىي كەشپىياتلىرى، تەرەققىي قىلغان يېزا- ئىگىلىكى ۋە قول- ھۈنەرۋەنچىلىكى ئارقىلىق، دۇنيا ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى. 16-ئەسىردىن كېيىن، غەرب مۇستەملىكىلىرى ۋە جاھانگىرلىكىنىڭ ئۈلۈكسىز تاجاۋۇزچىلىقى ئارقىسىدا، ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكە ئەھۋالىغا چۈشۈپ قېلىپ، ئىقتىسادى ئېغىر زىيانغا ئۇچىرىدى، ھەمدە مىللىي ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئاستا بولدى. نۆۋەتتە، ياپۇنىيەدىن باشقا، كۆپ قىسىم ئاسىيا دۆلەتلىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت قاتارىغا كىرىدۇ. يېزا- ئىگىلىك بولسا ھەر قايسى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىگىلىكىدە مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ. كۆپ قىسىم ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ سانائەت ئاساسى ئاجىز، لېكىن كان قېزىش ۋە يېزا- ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسىپلىرى بىر قەدەر ئىلغار.




#Article 193: يىپەك يولى (5137 words)


يىپەك يولى، ئەڭ دەستلەپتە گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى جۇغراپىيەشۇناسى ڧېردىناند ۋون رىكسوڧېن (Ferdinand von Richthofen) تەرىپىدىن 1877- يىلى نەشر قىلىنغان 5 جىلدلىق ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان. ھازىر شۇنداق دەپ ئاتىلىش ئادەتكە ئايلانغان، قەدىمكى چاغدا ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئارىسىدىكى قۇرۇقلۇق قاتناش يولى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. مانا شۇ يول توغرىسىدا قەدىمكى چاغدىلا جۇڭگو تارىخچىلىرى ۋە يۇنان روما ئالىملىرى مەلۇمات بەرگەن.

سىماچيەن (تو. م.ب 145 – يىل) تارىخى خاتىرىلەر ناملىق ئەسىرىنىڭ پەرغانە ھەققىدە قىسسە ۋە سەنگو (تو. 32، ئۆ. 92) خەن سۇلالىسى يىلنامىسى غەربىي رايون ھەققىدە قىسسە بابلىرىنى يازغاندا مىلادىدىن ئىككى ئەسىر بۇرۇن غەربىي رايونغا ئىككى قېتىم كېلىپ كەتكەن (م.ب 130، م.ب 115) مەشھۇر سەيياھ ۋە دىپلومات جاڭ چيەننىڭ خەن سۇلالىسىنىڭ (م.ب 207 — م. 220) پادىشاھى خەن ۋۇدىغا (م.ب 140— 87 يىللار تەختتە ئولتۇرغان) غەربىي رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىدىن پايدىلانغان.

جۇڭگونىڭ ئەنە شۇ قەدىمكى تارىخى يىلنامىلىرىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيانىڭ شەرقىدىن غەربىگە بارىدىغان خەلقئارا قۇرۇقلۇق قاتناش يولى جەنۇبىي ۋە شىمالى يول دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. قەدىمكى چاغدا شەرقى ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان جۇڭگونىڭ پايتەختى چاڭئەن (ھازىرقى شىئەن )دىن غەرپتىكى روما ئېمپىرىيىسىگە بارىدىغان يول گەنسۇدىكى خېشى كارىدۇرى ئارقىلىق داشاتا (دۇنخۇاڭ) غا ئېلىپ كېلىدۇ. داشاتادىن غەربكە قاراپ ماڭغاندا، يول ئىككى ئاچىغا بۆلۈنىدۇ. بۇ ئاچا يولنىڭ بىرى داشاتانىڭ غەربىي شىمالىدىكى لولان ئارقىلىق لوپنورغا ئۆتۈپ قارا قۇرۇم تىزمىلىرىنى بويلاپ خوتەنگەبارىدۇ. خوتەندىن چىقىپ غەربىي شىمالغا قاراپ ماڭغاندا ياركىندكە بارىدۇ. ئاندىن كېيىن پامىر تاغلىرىدىن ئېشىپ ئافغانىستاندىكى بەدەخشان ئارقىلىق ئامۇ ۋادىسىغا بارىدۇ. بۇ يەردىن غەرپكە قاراپ ماڭغاندا ئىران،  ئارقىلىق يۇنانىستانغا بارغىلى بولىدۇ. مانا شۇ يول جەنۇبىي يول دەپ ئاتىلىدۇ.
   
داشاتادىن غەرپكە قاراپ ماڭغاندا ئىككى ئاچىغا بۆلۈنگەن يولنىڭ يەنە بىرى لولاننىڭ شىمالىدىن ئۆتۈپ قۇمۇلغا ئېلىپ بارىدۇ. ئاندىن كېيىن قۇمۇلدىن تۇرپانغا ئۆتۈپ تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي تىزمىسىنى بويلاپ غەرپكە ماڭغاندا قارا شەھەر ، كۇچار ، ئاقسۇ ئارقىلىق قەشقەرگە بارىدۇ. قەشقەردىن چىقىپ غەرپكە ماڭغاندا پامىر تاغلىرىدىن ئېشىپ پەرغانە ، سوغدى ، خارەزمى (ھازىرقى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىدە) ئارقىلىق ئالانلار مەملىكىتىگە (كاسپى دېڭىزىنىڭ غەريىي شىمالىدا) بارىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ، جەنۇپقا قاراپ مېڭىپ ئىرانغا ئۆتۈپ غەرپكە بۇرۇلۇپ ماڭغاندا مىسۇپوتامىيە (ئىراقتىكى دىجلى ۋە فىرات ۋادىسى) ئارقىلىق يۇنانىستانغا بارىدۇ. بۇ يول – شىمالى يول دەپ ئاتىلىدۇ. 
مانا شۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يوللارنىڭ ئاساسى تۈگۈنلىرى ھونلار دەۋرىدىن تارتىپ (مىلادىدىن بىرنەچچە ئەسىر بۇرۇن) ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ياشايدىغان رايونلاردا (تارىم ئويمانلىقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ، غەربىي ئاسىيادا) ئىدى. ئوچۇقراق ئېيتقاندا ، ئاسىيانىڭ شەرقىدىكى دۆلەتلەر (چاۋشيەن ، جۇڭگو) بىلەن ياۋرۇپا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى (ئىفتىسادى ، مەدىنى ، سىياسىي ئالاقىلارنى) باغلايدىغان خەلقئارا سودا يولىغا ھونلار ، تۈركلەر ، ئۇيغۇرلار ھۆكۈمران بولۇپ كەلگەن. خەلقئارا سودا يولىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جۇڭگو بىلەن ھۇنلار ئارىسىدا ، تۈركلەر بىلەن ئىران ئارىسىدا ،ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەت خانلىقى ئارىسىدا ئۇرۇشلار يۈز بەرگەن.

چۈنكى ئاسىيا بىلەن ياۋرۇپا ئارىسىدىكى قاتناش يولىغا قايسى دۆلەت ھۆكۈمران بولسا شۇ دۆلەت خەلقئارا سودىدىن نۇرغۇن پايدىنى قولغا كىرگۈزگەندىن تاشقىرى ، سىياسى جەھەتتىمۇئۆزىنىڭ تەسىرىنى ئاسىيا بىلەن ياۋرۇپاغا ئۆتكۈزۈشتە شۇ خەلقئارا يول ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىگە يېتەتتى. 
يۇنان يازغۇچىلىرى ئاسىيا بىلەن ياۋرۇپا ئارىسىدىكى خەلقئارا قۇرۇقلۇق يولى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشكە ئەھمىيەت بەرگەن. شۇ خەلقئارا يول ئارقىلىق ئەڭ قەدىمكى چاغدىن باشلاپ خوتەننىڭ يىپەك ماللىرى (مىلادىدىن 4 ئەسىر بۇرۇن) ئىچكى ئۆلكىلەردىن چىقىدىغان يىپەك ماللار (مىلادىدىن بىر ئەسىر بۇرۇن) يۇنانىستانغا ، روماغا ئېلىپ بېرىلاتتى. رومالىقلار بارغانسېرى يىپەك ماللارنى ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىدىغان بولدى. 
شۇ سەۋەپتىن مىلادىنىڭ بىرىنچى ئەسىرىدە ياشىغان يۇنانلىق چوڭ سودىگەر مائىسنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيالىقلاردىن ياللاپ ئالغان سودا گۇماشتىلىرى خەلفئارا سودا يولىنى تەكشۈرۈپ چىققان.

يۇنان يازغۇچىسى مارتىيۇس (مىلادىنىڭ بىرىنچى ئەسىرىدە ياشىغان) يازغان ئەسىرىدە مائىس ئىگىلىگەن ماتېرىيالدىن پايدىلىنىپ ئاسىيا بىلەن ياۋرۇپا ئارىسىدىكى خەلقئارا سودا يولىنى تونۇشتۇرغان. يۇناننىڭ مەشھۇر جۇغراپىيە ئالىمى كىلاۋدى پىتولمى (مىلادى 2 – ئەسىر) مارىينوس بەرگەن مەلۇماتقا ئاساسلىنىپ ئاسىيا بىلەن ياۋرۇپا ئارىسىدىكى خەلقئارا سودا يولىنى تۆۋەندىكىچە كۆرسەتكەنىدى : پىتولمىنىڭ كۆرسىتىشىچە بۇ يول ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن باشلىنىپ سۈرىيە ، ئىراق (مىسوپوتامىيە ۋادىسى) ئىران ،ئافغانىستانغا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن شىمالغا بۇرۇلۇپ تاش مۇنار (بۇ تاش مۇنار تاغلاردىن ئالاي ۋادىسىغا چىقىش جايىدا بولسا كېرەك) دىن ئۆتۈپ سىرىسلەر ئىل (يۇنانچە سۆز بولۇپ ، يىپەك ئېلى دېگەن بولىدۇ) گە (تارىم ئويمانلىقى) ئېلىپ بارىدۇ. يۇنان ئالىمى پىتولمىنىڭ مەلۇماتى جۇڭگو تارىخچىلىرىنىڭ جەنۇبىي يول دەپ ئاتىغان يولىغا توغرا كېلىدۇ. يۇقىرىدىكى مەلۇماتلار ھونلار دەۋرىدە (مىلادىدىن 240 يىل بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىنىڭ 216 – يىلىغىچە داۋام قىلغان) جۇڭگو ۋە يۇنان يازغۇچىلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتى.

تۈرك خانلىقى دەۋرىدە (مىلادىنىڭ 552 – يىلىدىن 745 – يىلىغىچە) شەرقتىن غەرپكە بارىدىغان خەلقئارا سودا يولى توغرىسىدا جۇڭگونىڭ سۈي سۇلالىسى يىلنامىسى ، پېجۈي ھەققىدە قىسسە دىمۇ مەلۇمات بېرىلگەن. شۇ يىلنامىغا كۆرە دۇنيانىڭ شەرقىدىن غەربىگە بارىدىغان يول ئۈچ تارماقتىن ئىبارەت. بۇ ھەقتە يىلنامىدا مۇنداق مەلۇمات بېرىلگەن :

سۈي سۇلالىسى (مىلادىنىڭ 504 – يىلىدىن 612 – يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) نىڭ پادىشاھى ياڭدېنىڭ ۋاقتىدا (مىلادىنىڭ 605 – يىلىدىن 618 – يىلىغىچە) غەربىي رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ سودا ئەلچىلىرىنىڭ كۆپچىلكى ھازىرقى گەنسۇدىكى چاڭيىغا كېلىپ جۇڭگو بىلەن سودا ئىشلىرىنى يۈرگۈزگەن. مانا شۇ مۇھىم ئەھۋالنى ھېساپقا ئالغان ياڭدې پىجۈي ئاتلىق كىشىنى جۇڭگو تەرەپنىڭ سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىپ تەيىن قىلغان. پىجۈي جاڭيىغا كەلگەن چەت ئەل سودىگەرلىرى بىلەن بولىدىغان مۇئامىلىدىن پايدىلىنىپ غەربىي ربيوندىكى (تارمىقىدىن ئالغاندا ئوتتۇرا ئاسىيانى ، كەڭ مەنىدىن ئالغاندا شەرقىي تۈركىستاندىن تارتىپ ياۋروپاغىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )دۆلەتلەردە ياشايدىغان خەلقلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرى ئۇلارنىڭ دۆلىتىدىكى يوللار ، تاغلار ، دەريالار ، خەتەرلىك ئۆتكەللەر (يول ئۆتكەللىرى) توغرىسىدا مەمۇمات توپلىغان. پىجۈي تتوپلىغان ماتېرىياللىرىغا ئاساسلىنىپ غەربىي رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ خەرىتىسى ناملىق ئۈچ جىلىدلىق ئەسەر يازغان. مانا شۇ ئەسەردە مۇنداق دىيىلگەن : داشاتادىن غەربكە قاراپ مېڭىپ كاسپى دېڭىزىنىڭ بويىغا كىرىشىدە ئۈچ يول بار... بۇ يوللارنىڭ بىرى شامالى يول دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ يول قۇمۇل ، بارىكۆل ، تۇرالار (ئۇيغۇرلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئا) ياشايدىغان جايلار (قۇمۇلنىڭ غەربىدىن تارتىپ ئېلى ۋادىسىغىچە بولغان جايلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ ،ئا) ئارقىلىق تۈرك خانلىقىنىڭ ئوردىسىغا (غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ تالاس دەرياسى بويىدىكى ئوردىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئا) ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن غەرپكە قاراپ ماڭغاندا چۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ شەرقىي روما ئېمپرىيىسىگە ، كاسپى دېڭىزىنىڭ بويىغا بارىدۇ. يوللارنىڭ يەنە بىرى ئوتتۇرا يول دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ يول – تۇرپان ، قاراشەھەر ، كۇچار ، قەشقەر ئارقىلىق ئۆتىدۇ. قەشقەردىن چىقىپ غەرپكە قاراپ ماڭغاندا پامىر تاغلىرىدىن ئېشىپ پەرغانە ، تاشكەنت ، سەمەرقەنت ، كىيبود ، بۇخارا ، مەرۋىدىن ئۆتۈپ ئىران ئارقىلىق كاسپى دېڭىزىنىڭ بويىغا بارىدۇ. يوللارنىڭ يەنە بىرى جەنۇبىي يول دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ يول پىچان ، خوتەن ، قاغالىق ، تاشقورغاندىن ئۆتۈپ پامىر تاغلىرىدىن ئېشىپ ۋاخان (ئافغانىستاندا) توخارىستان (ئافغانىستان) ، ئىيپتالىت (ھازىرقى پاكىستان ، شىمالى ھىندىستان) ، بامىييان (ئافغانىستاندا) ، كىبود (سەمەرقەنتنىڭ غەربىي شىمالىدا) ئارقىلىق شىمالىي ھىندىستانغا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ يەردىن غەرپكە قاراپ يۈرگەندە كاسپى دېڭىزىنىڭ بويىغا بارغىلى بولىدۇ. بۇ ئۈچ يول بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆزلىرى ماڭىدىغان يوللىرى بولۇپ ، شىمالدىن جەنۇپقا قاتنايدۇ...... قۇمۇل ، تۇرپان ، پىچان غەربىي رايونغا بارىدىغان يوللارنىڭ دەرۋازىسى بولۇپ ، داشاتا بولسا ناھايىتى مۇھىم ئۆتكەل. 
پىجۈي تەسۋىرلىگەن يوللار ، تۈرك خانلىقى دەۋرىدىكى (552 – 745) خەلقئارا سودا يوللىرى بولۇپ ، بۇ يوللار غەربىدە شەرقىي روما ئېمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى كونىستانتىنپول (ھازىرقى ئىستامبۇل) دىن تارتىپ شەرقتە كۈرىيىگىچە (ھازىرقى چاۋشيەنگىچە) بارىدىغان يول ئىدى. 
پىجۈينىڭ غەربىي ربيوندا يېڭى دۆلەتلەرنىڭ خەرىتىسى ناملىق ئەسىرىدە خاتىرىلەنگەن شىمالىي ، ئوتتۇرا ، جەنۇبىي يول دەپ ئاتالغان ئۈچ يولنىڭ ئاساسى لېنىيىسى ۋە تۈگۈنلىرى بولغان رايونلار (كاسپى دېڭىزىنىڭ شەرقىي ۋە شىمالىي قىرغاقلىرىدىكى جايلار ، ئوتتۇرا ئاسىيا ، ئافغانىستان ، تارىم ئويمانلىقى ، جۇڭغار ئويمانلىقى) تۈرك خاقانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسى ئىچىدە بولۇپ ، شۇ چاغدىلا تۈركلەر خەلقئارا سودا يولىنىڭ خوجايىنى ئىدى.
 

 
يېقىنقى يىللاردىن بېرى بەزى ئالىملار (چەت ئەل ئالىملىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) قەدىمكى خوتەننىڭ يىپەك توقۇمىچىلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەندە تارىخى ئەمەلىيەتكە زادى ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئاتالمىش شەرق مەلىكىسى دەيدىغان رىۋايەتنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، خوتەنگە پىلە قۇرۇتىنىڭ ئۇرىغىنى شەرق مەلىكىسى (جۇڭگو مەلىكىسى)نىڭ ئېلىپ كەلگەنلىكى ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن خوتەندە پىلىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدى. 
بۇ رىۋايەتلەرنى راستقا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلار رەت قىلغىلى بولمايدىغان تارىخى پاكىتلاردىن كۆز يۇمۇپ ، خوتەنگە پىلە قۇرۇتىنىڭ ئۇرىقىنى مىلادىنىڭ 440 – يىللىرى خوتەن خاقانى ۋيجايا جاۋا (بۇ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ بوددىست ھىندىچە ئىسمى بولسا كېرەك) غا ياتلىق بولغان جۇڭگو مەلىكىسى ئېلىپ كەلگەن ، شۇنىڭدىن كېيىن خوتەندە يىپەك توقۇمىچىلىقى پەيدا بولغان دىيىشىدۇ. 

ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئاساسلىنىدىغان دەسمايىسى ، جۇڭگو تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر بۇددىست شۇەنجاڭ (مىلادىنىڭ 602 – يىلى تۇغۇلۇچ 667 – يىلى ئۆلگەن )نىڭ ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىسى ناملىق ئەسىرىدىكى شەرق مەلىكىسى توغرىسىدىكى رىۋايەت.

شۇەنجاڭ ھىندو بۇددىزىمىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ھىندىستانغا بېرىپ 19 يىل (مىلادىنىڭ 627 – يىلىدىن 645 – يىلىغىچە) تۇرغان. ئۇ لوياڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئوتتۇرا ئاسىيا ، ھىندىستاندا كۆرگەن – بىلگەن ، ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسلىنىپ ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىسى دېگەن ئەسەرنى بىيەنجى دېگەن كىشىنىڭ ياردىمى بىلەن تۈزۈپ چىققان . 

بۇ رىۋايەتنىڭ تارىخى ئەمەلىيەتكە زادى ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مىلادىنىڭ 440 – يىلى خوتەن خانىغا ياتلىق قىلىنغان (بولغان) شەرق مەلىكىسى (جۇڭگو مەلىكىسى) پىلە قۇرۇتىنى خوتەنگە ئېلىپ كېلىشتىن ئاز دېگەندە 800 يىل بۇرۇن (مىلادىدىن 4 ئەسىر بۇرۇن) خوتەندە يىپەك توقۇمىچىلىقىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى ، ياۋرۇپادىكى رومالىقلارنىڭ خوتەندە توقۇلغان يىپەك ماللارنى ئەتىۋالاپ ، ئۇنىڭدىن كىيىم – كېچەك كىيگەنلىكىنى ، شۇ چاغلاردا تېخى جۇڭگودىن چىقىدىغان يىپەك ماللارنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلارنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق خوتەنگە پىلە قۇرۇتىنىڭ ئۇرۇقىنى شەرق مەلىكىسى ئېلىپ كەلگەن دېگەن رىۋايەتنى رەت قىلىش لازىم. 

ئاتالمىش شەرق مەلىكىسى توغرىسىدىكى يالغان رىۋايەتنى رەت قىلىش ئۈچۈن قەدىمكى چاغلاردا رومالىقلارنىڭ جۇڭگونىڭ يىپەك ماللىرىنى تېخى بىلمىگەن ۋە ئۇنى كۆرمىگەن چاغدا ، ئەڭ دەسلەپ قايسى خەلقلەر توقىغان يىپەك ماللارنى بىلىدىغانلىقى ۋە ئۇ ماللاردىن كىيىم – كېچەك كىيگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىش ناھايىتى مۇھىم مەسىلە.

قەدىمكى چاغدىكى يۇنان ۋە روما ئالىملىرىدىن كىتىئاس (مىلادىدىن 400 يىل بۇرۇن ئۆتكەن) ، سىترا بون (مىلادىدىن 54 يىل بۇرۇن تۇغۇلۇپ مىلادىنىڭ 24 – يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) ، خوبلىئوس ۋىيگىلى مارۇ (مىلادىنىڭ 50 – يىللىرى ئۆتكەن) ، روما تارىخچىسى فىلوروس (مىلادىنىڭ 50 – يىللىرى ئۆتكەن) ، فىلىينى (مىلادىنىڭ 23 – يىلى تۇغۇلۇپ 79 – يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) ، كىلاۋدى پىتولمى (مىلادىنىڭ 2 – ئەسىرلىرىدە ئۆتكەن) قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ يازغان ئەسەرلىرىدە تارىم ئويمانلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىنى (خوتەننى ئاساس قىلغان) يۇنان تىلىدا سىرىسلار دۆلىتى(يىپەك دۆلىتى) دەپ يېزىشقان.

ياۋرۇپالىقلاردىن تۇنجى قېتىم يىپەك دۆلىتى (سىرىسلار دۆلىتى) توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. يۇنان ئالىمى كىتىئاس بولۇپ ، ئۇ مىلادىدىن 400 يىل بۇرۇن سىرىسلار دۆلىتى دېگەن نامنى تىلغا ئالغان. 

يۇنان ئالىملىرىدىن سىتىرابون ساياھەت خاتىرىسى ناملىق ئەسىرىنى يازغاندا (مىلادىدىن بىر ئەسىر بۇرۇن) ئۇلۇغ ئىستىلاچى ئالىكاندىر ماكىدونىكى (ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن)نىڭ مىلادىدىن 328 يىل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن مەشھۇر سەركەردىسى ئۇنىسكىر يىتوسنىڭ خاتىرىسىدىن پايدىلانغان. ھىندىستانغا كەلگەن ئۇنىسكىر يىتوس ئۆزى يازغان خاتىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى بولغان تارىم ئويمانلىقىنى سىرىسلار دۆلىتى (يىپەك دۆلىتى) دەپ يازغان. 

روما يازغۇچىسى مىلا مىلادىنىڭ 50 – يىللىرى ئۆتكەن) ، ئاسىيانىڭ شەرقىدە ھىندىلار ، سىرىسلىقلار ، سىتىسىلىكلەر3 ياشايدۇ. ھىندىلار بولسا جەنۇبتا ، سىتسىلىكلەر بولسا ئەڭ شىمالدا ، سىرىسلار بولسا مانا شۇ ئىككىسىنىڭ (سىتىسلىكلەر بىلەن ھىندىلار – ئا) ئوتتۇرا قىسمىدا ياشايدۇ... سىرىسلىقلار دۇنيادا تەڭدىشى تېپىلمايدىغان سەمىمى ، سادىق ئادەملەر ، ئۇلار سودا ئىشلىرىغا ئۇستا بولۇپ ، سودا قىلغاندا يۈزمۇيۈز تۇرۇپ سۆزلەشمەيدۇ. ماللىرىنى قۇملۇققا قويۇپ – قويۇپ كەينىنى قىلىپ تۇرىدۇ  دەپ يازىدۇ. 
مىلاننىڭ سىرىسلىقلار توغرىسىدا بەرگەن مەلۇماتى. ئەمەلىيەتكە دەلمۇدەل ئۇيغۇن كېلىدۇ. بۇنىڭدا ، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئۈچ مۇھىم نۇقتا بار.
(1)مىلا ئېيتقاندەك ، ىندىستان سىرىسلىقلار (ئۇيغۇرلار – ئا)نىڭ يۇرتى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان.  مىلا سىرىسلىقلار سودا قىلغاندا ، يۈزمۇيۈز تۇرۇپ سۆزلەشمەيدۇ. مالنى قۇملۇققا قويۇپ – قويۇپ ، كەينىنى قىلىپ تۇرىدۇ دەيدۇ. بۇنداق ئەھۋال قەدىمكى چاغلاردا تۈركى خەلقلىرىدە ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن تىلسىز سۇدانى كۆرسىتىدۇ. مىلا سىرىسلىقلار مالنى قۇملۇققا قويىدۇ  دەيدۇ. مىلا ئېيتقان قۇملۇق تارىم ئورمانلىقىدىكى قۇملۇق – چۆلنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگونىڭ ئاساسى تېررىتورىيىسى بولغان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە قۇملۇق چۆل يوق. بۇنى جۇغراپىيىدىن ئاددى ساۋادى بار ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ.
 
تەبىئەتشۇناس رىم يازغۇچىسى پىلىينى تەبىئەت تارىخى ناملىق ئەسىرىدە سىرىس دۆلىتى (يىپەك دۆلىتى) توغرىسىدا مەزمۇنى مىلا بەرگەن مەلۇماتقا ئوخشايدىغان مەلۇمات بېرىدۇ. پىلىينى مۇنداق دەپ يازىدۇ : سىرىسلىقلارنىڭ ئورمانلىرىدىن يىپەك چىقىدۇ. دۇنياغا مەشھۇر.... ئۇلار كىمخاپ ، تاۋاق – دۇردۇن توقۇپ روماغا ئېلىپ بېرىپ ساتىدۇ..... سىرىسلىقلار مۇلاھىم ، تارتىنچاق كېلىدۇ.پىلىينى يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ : سىرىسلىقلار ، بوي – تۇرقى جەھەتتە ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئېگىز ، چاچلىرى قىزىل ، كۆزلىرى كۆك ، ئاۋازلىرى جاراڭلىق كېلىدۇ. چەتتىن بارغانلار ، ئۇلارنىڭ تىلىنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشەلمەيدۇ. چەتتىن بارغانلار ، ماللىرىنى مەلۇم دەريانىڭ شەرقى قىرغىقىغا ئېلىپ بېرىپ ، سىرىسلىقلارنىڭ ماللىرىنىڭ يېنىغا قويىدۇ. ئەسلىدە بېكىتىلگەن باھا بويىچە مال ئالماشتۇرۇلىدۇ. پىلىيىنىڭ مەلۇماتىدىن قارىغاندا ، سىرىسلىقلارنىڭ يىپەك ماللىرى روماغا ئېلىپ بېرىلىپ سېتىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە پىلىيىنىنىڭ ، سىرىسلىقلارنىڭ ئېرقى خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدا بەرگەن مەلۇماتى ناھايىتى يۇقىرى قىممەتكە ئىگە. بۇ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاق تەنلىك ئېرققا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. جۇڭگونىڭ قەدىمكى تارىخچىلىرىمۇ ، ئېرقى جەھەتتىن ئۇيغۇرلارغا بەكمۇ يېقىن بولغان ئويسۇنلارنى كۆك كۆز ، قىزىل چاچ دەپ يازغان بولسا ، قىرغىزلارنى چىرايى ئاق سۈزۈك ، قىزىل چاچ ، كۆزلىرى كۆك دەپ يازغان. پىلىيىنى ، رىم ئات سۆڭەكلىرىنىڭ ئەيشى – ئىشرەت ، كەيپ – ساپاغا بېرىلىپ تۇرمۇشتا چىرىكلىشىپ ، بايلىقلارنى ھەددىدىن ئارتۇق بزۇپ – چېچىپ ، ئەخلاقى جەھەتتە بەكمۇ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكى ، ئۇلارنىڭ كىيىدىغان كىيىملىرىنىڭ سىرىسلەر دۆلىتىدىن كېلىدىغان كىمخاپ تاۋار – دۇردۇنلاردىن تىكىلىدىغانلىقى ، سىرىسلار دۆلىتىدىن سېتىپ ئالىدىغان يىپەك ماللار ئۈچۈن رىم تىللالىرىنىڭ (ئالتۇن پۇللىرىنىڭ – ئا) سىرىسلىقلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەسرەتلىنىپ مۇنداق دەپ يازغان ئىدى : دۆلىتىمنىڭ تىللالىرىدىن ھىندىستان سىرىسلار دۆلىتى ۋە ئەرەپ يېرىم ئارىلى قاتارلىق ئۈچ دۆلەتكە ھەر يىلى ئاز دېگەندە يۈز مىليون سىتىر كىيىس (رىم تىللاسى) ئېقىپ كېتىدۇ. مانا مۇشۇ پۇللار ، دۆلىتىمدىكى ئەرلەر بىلەن ئاياللار (ئاق سۆڭەكلەرنى دىمەكچى)نىڭ بۇزۇپ – چېچىپ خەجلىشى ئۈچۈن كېتىدۇ. پىلىيىنىنىڭ تەبىئەت تارىخىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا ، روما ئاق سۆڭەكلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەيشى – ئىشرەت ، كەيپ – ساپالىق تۇرمۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا لازىم بولىدىغان يىپەك ماللارنى سىرىسلىقلاردىن ئالغان بولسا ، دورا – دەرمەك ، ئۈنچە – ياقۇتلارنى ھىندىستاندىن ، مەرۋايىتلارنى ئەرەبىستاندىن ئالغان. 

يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ھەر يىلى روما پۇلىدىن يۈز مىليون سىىيسىتىركىيس (رىم تىللاسى) روما ئاق سۆڭەكلىرىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن سىرىسلىقلاردىن سېتىپ ئالىدىغان يىپەك ماللار ، ھىندىستاندىن ۋە ئەرەبىستاندىن ئالىدىغان دورا – دەرمەك ، ئۈنچە – ياقۇت ، مەرۋايىتلار ئۈچۈن سەرپ بولغان. 
يونان ئالىمى كىلاۋدى پىيتۇلىيمى جۇغراپىيە ناملىق ئەسىرىدە ، سىرىسلار دۆلىتى (يىپەك دۆلىتى) نىڭ تەبىئى شارائىتى ، قانداق خەلقلەر ياشايدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ :  سىرىسلار دۆلىتىنىڭ غەربىي چېگرىسى سىستىيە بولۇپ ، ئۇ ئىمماۋىس تېغىنىڭ سىرتىدا ، شىمالى چېگراسى نامسىز يەر....... شەرقى چېگراسىمۇ نامسىز يەر. .... جەنۇبىي بولسا ، ھىندىستاندىكى گانگې دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقى بىلەن چېگرالىنىدۇ. پىتۇلىيمى ، سىرىسلار دۆلىتىنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرىدىغان تاغلار توغرىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ : سىرىسلار دۆلىتىنىڭ تۆت تەرىپىنى.... تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ تېررىتورىيىسى ئىچىدە ئىككى چوڭ دەريا ئاقىدۇ. ئۇ دەريالارنىڭ بىرىنچىسى ئۇيغۇرداس ( ) دەرياسى بولۇپ ، ئۇ ئاۋشاتىسئان ۋە ئاسمىران( ) تېغىدىن ئىبارەت ئىككى مەنبەدىن باشلىنىدۇ. دەريالارنىڭ ئىككىنچىسى باۋتىس دەرياسى بولۇپ ، ئۇكاسىيان ( ) ۋە ئوتتۇرۇ كورخۇس ( ) تېغىدىن ئىبارەت ئىككى مەنبەدىن باشلىنىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى دەريانىڭ ئالدىنقىسى ئاقسۇ ياكى قەشقەر دەرياسى ، كېيىنكىسى ياركەنت (زەرەپشان) ياكى قارىقاش دەرياسىدىن باشقا دەريا ئەمەس. 

پىتولىمى ئۇيغۇرداس دەرياسىنىڭ بويىدا ئۇيغۇرداس دۆلىتى بار دېگەن. پىتولىمىنىڭ ئۇيغۇرداس دېگىنى ، دەل ئۇيغۇرلارنىڭ يۇنان تەلەپپۇزىدا ئېيتىلىشى خالاس.
يۇنان ئالىمى مارىسىللىنوس (مىلادىنىڭ 380 – يىلى ياشىغان) تارىخنامە ئاتلىق كىتابىدا : شەرقتە سىرىسلەر ئېلى بار ، ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. بۇ تاغلار بىر تۇتاش سوزۇلۇپ تەبىئى توسۇقنى شەكىللەندۈرىدۇ. سىرىلىقلار شۇنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ يېرى تەكشى ، كەڭتاشا ۋە باي. غەربتە سېستىيە بىلەن چېگرالىنىدۇ. شەرقىي بىلەن شىمالدىن ئىبارەت ئىككى تەرىپى چۆللۈك ، تاغلىرىنىڭ ئۈستى (تەڭرى تاغلىرى بىلەن پامىر تاغلىرى كۈزدە تۇتۇلسا كېرەك) يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. جەنۇبىي چېگراسى ھىندى ۋە گانگې دەرياسىغىچە بارىدۇ.... تاغلىرىنىڭ ھەممىسى ئېگىز ، يوللىرى تىك قىيالىق ئەگرى – بۈگرى كېلىدۇ. تاغلارنىڭ ئارىسى تۈزلەڭلىك ، ئۇنىڭ تېررىتورىيىسى ئىچىدە ئۇيغۇرداس ۋە باۋتىس دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى دەريا ئاقىدۇ... سىرىسلەر تىچ ياشايدۇ. ھەربىي قورال – ياراق تۇتمايدۇ. زادى ئۇرۇش قىلمايدۇ. مۇلاھىم ، ياۋاش ، قوشنا دۆلەتلەرنى پاراكەندە قىلمايدۇ. ئىقلىمى مۆتىدىل ، ھاۋاسى ساپ ، پاكىز ، ئاسماندا بۇلۇت كۆپ بولمايدۇ. قاتتىق بوران چىقمايدۇ. ئورمانلىق ئىنتايىن كۆپ ، ئورمانلىقتا ماڭسا ئاسماننى كۆرگىلى بولمايدۇ.مارسىللىنوس يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ : سىرىسلىقلار ئاددى – ساددا ياشاشقا ئادەتلەنگەن. ئۇلار خالى جايدا ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇپ كۈن ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. كىشىلەر بىلەن بېرىش – كېلىش قىلىشنى ئانچە ياقتۇرمايدۇ. چەت ئەللىكلەر چېگرادىكى دەريادىن ئۆتۈپ ، ئۇ يەرگە يىپەك ياكى باشقا مال ئالغىلى بارسا ، كۆزلىرى بىلەن بىر – بىرىگە بېقىشىپلا باھاسىنى توختىتىدۇ. گەپلەشمەيدۇ ، ئۇلارنىڭ يەر بايلىقى مول ، باشقىلارغا ئېھتىياجى چۈشمەيدۇ .يۇقىرىدا ، يۇنان ۋە رىم ئالىملىرىنىڭ خاتىرىلىرىدىن كەلتۈرگەن پاكىتلاردىن تۆۋەندىكى خۇلاسىنى چىقىرىش مۇمكىن : 

 
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى چاغلاردا ، يىپەك توقۇمىچىلىقىدا يۇقىرى سەۋىيىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلار ئاز ئەمەس. 
ئىچكى ئۆلكىلەردىكى خەنزۇلار يىپەك توقۇمىچىلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ توقۇمىچىلىقتىكى ئارتۇقچىلىقىدىن ئۆگەنگەنلىكى بۇنىڭغا مىسال بولىدۇ. 
يېقىنقى يىللاردا ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 6 – ئەسىردە ئىچكى ئۆلكىلەردە توقۇلغان يىپەك توقۇلمىلار قېزىۋېلىندى. بۇنداق يىپەك توقۇلمىلاردىكى نىسبەتەن كۆزگە كۆرۈنەرلىك تەرەققىيات شۇ بولغانكى ، شۇ چاغلاردا تۈز يوللۇق كىمخاپلاردىن تاشقىرى يەنە قىيپاش گۈللۈك ئارقىغىدىن گۈل چىقىرىلغان كىمخاپلارمۇ مەيدانغا كەلگەن ، ئارقاقتىن بۇ خىل گۈل چىقىرىش ئۇسۇلىنى خەن سۇلالىسى ۋاقتىدىلا (مىلادىدىن بىرنەچچە ئەسىر بۇرۇن شىنجاڭدىكى قېرىنداش مىللەتلەر يۇڭ توقۇمىچىلىق ھۈنىرىدە قوللانغان. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونلىرى يىپەك توقۇمىچىلىقتا قوللانغان بۇ خىل توقۇش ئۇسۇلىنى (كىمخاپلارنىڭ ئارقىغىدىن گۈل چىقىرىش ئۇسۇلىنى – ئا) شىنجاڭدىن ئۆگەنگەن بولسا كېرەك. مانا شۇ پاكىت قەدىمكى چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ يىپەك توقۇمىچىلىقى ياكى يۇڭ توقۇمىچىلىقىدا بولسۇن يۇقىرى سەۋىيىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 

بۇنىڭدىن تاشقىرى ، مىلادىنىڭ 440 – يىللىرى ، شەرق مەلىكىسى پىلە قۇرۇتىنىڭ ئۇرۇقىنى خوتەنگە ئېلىپ كەلگەن ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن شىنجاڭ رايونىدا يىپەك يوق ئىدى دېگەن رىۋايەتنى رەت قىلىدىغان مۇنداق بىر پاكىتىمۇ بار : 
يېقىنقى يىللاردا تۇرپان رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخىئولوگىك قېزىشلەر ئارقىلىق قېزىۋېلىنغان قول يازمىلار ئىچىدە.... مىلادىنىڭ 418 – يىلىدا پىلە قۇرۇتىنى ۋە ئۈژمە دەرىخىنى ئىجارىگە ئېلىش توغرىسىدا يېزىلغان ھۆججەت ئۇچرىدى. (يادىكارلىق 40 – بەت). 
مانا بۇ پاكىت ، يىپەك مەلىكىسى (شەرق مەلىكىسى) مىلادىنىڭ 440 – يىللىرى پىلە قۇرۇتىنىڭ ئۇرۇقىنى خوتەنگە ئېلىپ كەلگەن دېگەن رىۋايەتنى رەت قىلىدۇ. قەدىمكى چاغدا خوتەندىلا ئەمەس ، ھەتتا تۇرپان رايوندىمۇ يىپەكچىلىك تەرەققىي قىلغانىدى. 

شۇنىمۇ ئېيتىش كېرەككى، قەدىمكى چاغلاردا جۇڭگودىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرىغا ياتلىق بولغان مەلىكىلەرنىڭ ئىسىملىرى جۇڭگونىڭ تارىخى يىلنامىلىرىغا ، ئۇيسۇن خانلىرىغا ياتلىق بولغان جۇڭگو مەلىكىلىرىنىڭ ئىسىملىرى جۇڭگو تارىخى يىلنامىلىرىغا يېزىلغان. ئەپسۇسكى مىلادىنىڭ 5 – ئەسىرىدە خوتەن خانىغا ياتلىق بولغان مەلىكىنىڭ ئىسمى جۇڭگونىڭ تارىخى يىلنامىلىرىدا ئۇچرىمايدۇ. 

تارىخىي پاكىتلارنىڭ راستلىقىغا ھۆرمەت قىلىنىدىغان بولسا ، تارىخىي پاكىتلار بويىچە ئىسپاتلانمىغان رىۋايەتنىڭ يالغانلىقى ئېتىراپ قىلىنسا ، خوتەنگە پىلە قۇرۇتىنىڭ ئۇرۇقىنى ، خوتەن خانىغا ياتلىق بولغان جۇڭگو مەلىكىسى ئېلىپ كەلگەن دېگەن رىۋايەتنىڭ تامامەن يالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماسلىققا ھېچقانداق بانا – سەۋەب يوق. ھونلارنىڭ ئاسىيا بىلەن ياۋرۇپا بارىدىغان خەلقئارا قاتناش يولىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ، جۇڭگو بىلەن غەرب ئەللىرى ئارىسىدىكى تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا توسقۇن بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرق بىلەن غەرب ئارىسىدىكى خەلقئارا قاتناش يولى جۇڭگوغا نىسبەتەن گاھ تاقىلىپ ، گاھ ئېچىلىپ تۇراتتى. 

مىلادىنىڭ 87 – يىلى ۋە مىلادىنىڭ 101 – يىلى ، ئىران ئەلچىلىرى جۇڭگوغا كەلگەن بولسا ، مىلادىنىڭ 97 – يىلى جۇڭگو ئەلچىسى گەن يىڭ (بۇنى بەنچاۋ ئەۋەتكەن) ئىرانغا بارغان. جۇڭگو بىلەن ئىران ئارىسىدا سودا مۇئامىلىسى توغرىسىدا بېتىم تۈزۈلگەن. 
تارىخى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا مىلادىنىڭ 120 – يىلى رومالىق بىر سېھرىگەر دېڭىز يولى بىلەن ھىندىچىنىغا كېلىپ ، بېرما ئارقىلىق جۇڭگوغا كەلگەن. مىلادىنىڭ 1660 – يىلى روما ئېمپىراتۇرى ماركۇس ئاۋرىل (مىلادىنىڭ 161 – يىلىدىن 166 – يىلىغىچە ئېمپىراتۇر بولغان) دېڭىز يولى ئارقىلىق جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن. روما ئەلچىسى دېڭىزدىن ھىندىچىنىغا چىقىپ ۋيېتنام ئارقىلىق جۇڭگوغا كەلگەن. ئەلچى جۇڭگو پادىشاھى خەن خۇئاندى (مىلادىنىڭ 147 – يىلىدىن 167 – يىلىغىچە پادىشاھ بولغان )غا پىل چىشى ، كەركە مۈڭگۈزى ، ياقۇت قاتارلىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ كەلگەن. 
يۇقىرىدىكى تارىخى پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا ئىراننىڭ جۇڭگو بىلەن ئورناتقان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى رومانلىقلارنىڭ سىرىسلەر ئېلى (يىپەك ئېلى) دەپ ئاتىغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئورناتقان يىپەك سودىسى مۇناسىۋىتى (بۇنداق مۇناسىۋەت مىلادىدىن 400 يىل بۇرۇن باشلانغان)دىن ئاز دېگەندە ئۈچ ئەسىر (مىلادىدىن 105 يىل بۇرۇن) كېيىن باشلانغان. رومالىقلارنىڭ جۇڭگو بىلەن ئورناتقان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى (ئەگەر شۇنداق مۇناسىۋەت مىلادىنىڭ 166 – يىلىدىن باشلانغان بولسا) رومالىقلارنىڭ سىرىسلەر ئېلى بىلەن ئورناتقان يىپەك سودىسى مۇناسىۋىتىدىن تەخمىنەن 600 يىل كېيىن باشلانغان. 

قەدىمكى رىم ئېمپىرىيىسى دەۋرىدە (مىلادىدىن بۇرۇن ۋە كېيىن) يىپەكتىن توقۇلغان كىمخاپ ، شايى تاۋار ، دۇردۇنلارنىڭ ياۋرۇپاغا (ئاساسەن روماغا) تارىم ئويمانلىقىدىكى يىپەك ئېلى (سىرىسلەر ئىلى)دىن بارغانلىقى ، ئاتالمىش يىپەك مەلىكىسى رىۋايىتىنىڭ يالغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتۈم. 
تۈرك خاقانلىقى دەۋرىدە ئىچكى ۋە تاشقى (خەلقئارا) سودا ئىشلىرى ئەھۋالىنىڭ ئاساسى مەشغۇلاتلىرىدىن بىرى ئىدى. بولۇپمۇ بۇ دەۋردە خەلقئارا سودا ناھايىتى كەڭ مىقياسىدا قانات يايغان ئىدى. مىلادىنىڭ 624 – يىلى تۇرپان خانلىقى (مىلادىنىڭ 460 – يىلىدىن 640 – يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن)نىڭ خانى كۈي ۋىنتاي غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ خاقانى تۇن يابغۇ خاقاننىڭ رۇقسىتىنى ئېلىپ جۇڭگودىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى لى يەن (مىلادىنىڭ 618 – يىلىدىن 627 – يىلىغىچە پادىشاھ بولغان) گە ئەۋەتكەن سوۋغا – سالاملىرى ئىچىدە شەرقىي رومادىن كەلتۈرۈلگەن كۇچۇكلار ، قارا تۈلكە موينىسى قاتارلىق نەرسىلەر بار ئىدى. شۇنىڭغا قارىغاندا تۈركلەر روما بىلەن قىلغان سودىلىرىدا رومانىڭ نەسىللىك ئىتلىرىنىمۇ ئېلىپ كەلگەن. 
تۈرك خاقانلىرى دەۋرىدىمۇ ، بۇرۇنقى چاغلارغا ئوخشاشلا ئاسىيادىن ياۋرۇپاغا ئېلىپ بېرىلىدىغان سودا ماللىرىدىن يىپەك رەختلەر ، دورا – دەرمەكلەر ، زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرى ، تېردىن ئىشلەنگەن ماللار ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيتتى. 

تۈركلەر يالغۇزلا ياۋرۇپا بىلەن سودا قىلىپ قالماستىن ، جۇڭگو بىلەنمۇ ناھايىتى كەڭ ھالدا سودا ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان. تۈرك خانلىقى تەركىبىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇھىم خانلىقلىرىدىن سەمەرقەنت خانلىقى ، بۇخارا خانلىقى قاتارلىق خانلىقلار مىلادىنىڭ 627 – يىلىدىن 647 – يىلىغىچە بولغان 20 يىل ئىچىدە جۇڭگوغا توققۇز قېتىم سودا ئەلچىلىرى ئەۋەتكەن . تۈرك خاقانلىقى تەركىبىگە كىرگەن خانلىقلار يېرىم مۇستەقىل ھالدا بولۇپ بەزى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى چوڭ ئىشلارنى قىلىشتا تۈرك خاقانىنىڭ رۇخسىتىنى ئالاتتى.
 
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ، تۈركلەر بىلەن ئىران ساسانىلار سۇلالىسى ئارىسىدا بىرنەچچە قېتىم ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىشى خەلقئارا سودا يولىغا بولغان ھۆكۈمرانلىقنى تالىشىش ۋە خەلقئارا يىپەك سودىسىدىن كېلىدىغان پايدىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بولغان بۇ كۆرەشتە شەرقىي روما بىلەن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئورناتقان تۈركلەر ئۈستۈن چىققان. 

ھەر يىلى دېگۈدەك نەچچە ئون مىليونلىغان رىم تىللاسىغا سىرىسلەر ئېلىدىن يىپەك ماللارنى سېتىپ ئېلىشقا خېلىدىن بېرى چىدىمىغان رىم ھۆكۈمرانلىرى (ئېمپىراتۇرلىرى) پىلىدىن يىپەك چىقىرىپ ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا لازىم بولىدىغان كىمخاپ ، شايى ، تاۋار ، دوردۇن قاتارلىق يىپەك ماللارنى ئۆزلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇشقان ئىدى. 
 
ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇ – ئۈمىدلىرى تۈرك خانلىقى دەۋرىدە ئەمەلگە ئاشتى. 
بۇ توغرىدا يۇنان ئالىملىرى مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ : 

تۈركلەر بىلەن شەرقىي روما ئارىسىدىن سودىدا تۈركلەر ئارقىلىق شەرقىي روماغا ئېلىپ بېرىلىدىغان ماللارنىڭ ئىچىدە ئاساسى سالماقنى يىپەك توقۇلمىلىرى ئىگەللەيدىغانلىقى ، خوتەننى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر يىپەكچىلىكىنىڭ ئەڭ قەدىمكى چاغلاردىن تارتىپ دۇنياغا مەشھۇرلىقى ، پىلە قۇرۇتى ئۇرۇقىنىڭ يىپەك مەلىكىسى توغرىسىدىكى رىۋايەت بويىچە مىلادىنىڭ 440 – يىلى جۇڭگودىن خوتەنگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ يالغانلىقى ، پىلە قۇرۇتى ئۇرۇقىنىڭ سىرىسلەر ئېلى (ئاساسەن خوتەن) دىن شەرقىي روماغا ئىسمى نامەلۇم بىر ئىرانلىق راھىپ تەرىپىدىن مىلادىنىڭ 550 – يىللىرى ئوغۇرلۇقچە ئېلىپ بېرىلغانلىقى توغرىسىدىكى پاكىتلارنى يۇقىرىدا بىر – بىرلەپ سۆزلەپ ئۆتتۈم. مېنىڭچە شۇ پاكىتلار يىتەرلىك بولسا كېرەك.
 
ئاخىرقى سۆز
قەدىمكى چاغدىكى ئاسىيادىن ياۋرۇپاغا بارىدىغان خەلقئارا سودا يولى يالغۇزلا ئاسىيادىكى خەلقلەر بىلەن ياۋرۇپادىكى خەلقلەر ئارىسىدا ئىقتىسادى جەھەتتە قىممەتلىك تاۋارلارنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش رولىنى ئويناپلا قالماستىن، بەلكى مەدەنىيەت جەھەتتە ئاسىيادىكى خەلقلەر بىلەن ياۋرۇپادىكى خەلقلەرنىڭ ئۆزئارا بىر – بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگىنىپ شانلىق مەدەنىيەت يارىتىشىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك تۈرتكىلىك روللارنى ئوينىغان. 
خەلقئارا سودا يولىدا سودا كارۋانلىرى ، ئەلچىلەر ، سەيياھلار غەربتىن شەرققە ، شەرقتىن غەربكە موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. بەزىدە بولسا تاجاۋۇزچىلىق مەقسىتى بىلەن سەپەرۋەر قىلىنغان تۈمەنلىگەن قوشۇنلارمۇ سودا ئەلچىسى ياكى ئاددى سودىگەر قىياپىتىگە كىرىۋالغان جاسۇسلارمۇ قاتناپ تۇراتتى. غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق توۋار ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنى يۈرگۈزگەندىن تاشقىرى ، مەخپىي ئاخبارات يىغىش ئىشلىرىنى قىلاتتى. باشتا ئېيتىپ ئۆتكۈنىمىزدەك مىلادىنىڭ 550 – يىللىرى ئىسمى نامەلۇم بىر ئىرانلىقنىڭ ئۇيغۇرلار يۇرتىدىن پىلە قۇرۇتىنىڭ ئۇرۇقىنى ئوغرىلاپ مەخپى ھالدا شەرقىي روماغا يەتكۈزۈپ بېرىپ يىپەك ئىشلەپچىقىرىشىدا ھۆكۈم سۈرگەن نەچچە مىڭ يىللىق سىرنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ تاشلىغان. شۇ ئىرانلىق پىلە قۇرۇتىنىڭ ئۇرۇقىنى شەرقىي روماغا يەتكۈزۈپ بېرىشتىن بۇرۇن شەرقىي روما ئېمپىراتورى ئۇلۇغ پوستىئان (مىلادىنىڭ 527 – يىلىدىن 565 – يىلىغىچە ئېمپىراتور بولغان) بىلەن شۇ مەسىلە توغرىسىدا سۆزلەشكەن. پوستىئان ئەگەر ئىرانلىق راھىپ پىلە قۇرۇتىنىڭ ئۇرۇقىنى سىرىسلەر ئېلىدىن ئوغرىلاپ ئېلىپ كېلىدىغان بولسا ئۇنىڭغا ناھايىتى قىممەت باھالىق ئىنئام (مۇكاپات) بېرىدىغان بولغان.

ئېھتىمال ئىرانلىق راھىپ خىرىستىئان مۇرىدى بولغانلىقى ، پوستىئاندىن ئالىدىغان قىممەت باھالىق ئىنئامغا قىزىققانلىقى ئۈچۈن ، سىرىسلەر ئېلىدىن پىلە قۇرۇتىنىڭ ئۇرۇقىنى ئوغرىلاپ شەرقىي روماغا يەتكۈزۈپ بەرگەن. مانا مۇشۇ ۋەقەدىن تەخمىنەن 140 يىل بۇرۇن (مىلادىنىڭ 424 – يىلى) غەربنىڭ سۈزۈك ، رەڭلىك شىشە ياساشتىكى مەخپىي سىرىنى ئاق ھون سودىگەرلىرى (ئۇلۇغ ياۋچىلار) جۇڭگوغا بىلدۈرۈپ قويغان ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن خەنزۇلار رەڭلىك شىشە ياساشنى بىلمەيتتى. ئۇلار رەڭلىك شىشىنى ناھايىتى يۇقىرى باھادا غەربتىن (سۈرىيىدىن) سېتىپ ئېلىشقا مەجبۇر ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خەنزۇلار ئۇزۇندىن بېرى رەڭلىك شىشە ياساشنىڭ سىرىنى غەربتىن بىلىپ ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنىدى. بۇنداق ئۇرۇش مىلادىنىڭ 424 – يىلى ياۋچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئەمەلگە ئاشتى.
 
بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك تارىخى پاكىتلار مۇنداق : 

شۇنىڭدىن باشلاپ سۈرىيە ، يۇنانلىقلارنىڭ رەڭلىك شىشىنى مونوپولىيە قىلىۋېلىش ھوقۇقى پاچاقلىنىپ كەتكەن. قەدىمكى تارىخىي پاكىتلار بويىچە ھۆكۈم قىلغاندا بىرەر مىللەت ياكى خەلقنىڭ ئىجاد قىلغان بىر خىل تېخنىكىسى غەرب ئەللىرىدە پۈتۈنلەي قەتئى مەخپىي ئىدى. شۇنىڭغا قارىغاندا تۇباتاۋ شىمالى ۋېي خاندانلىقىنىڭ پايتەختى داتۇڭغا كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ رەڭلىك شىشە ياساش تېخنىكىسىنى بىلىدىغانلىقىنى بىلىپ قالغان بولسا كېرەك. ئەگەر ئەھۋال بىزنىڭ قىياسىمىزدىكىدەك بولىدىغان بولسا ، ئۇ چاغدا تۇباتاۋ ئاق ھون سودىگەرلىرىگە نىسبەتەن بېسىم كۈچ ئىشلىتىپ ئۇلارنى رەڭلىك شىشە ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىشكە مەجبۇرلىغان ياكى ناھايىتى يۇقىرى باھالىق بەدەل بېرىشكە ۋەدە قىلىپ ئالىدىغان بولۇشى مۇمكىن. 
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىرانلىق راھىپ بىلەن ئاق ھون (مىلادىنىڭ 420 – يىلىدىن 565 – يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) سودىگەرلىرى ماددى مەدەنىيەت ئىچىدە ناھايىتى ئېسىل قىممەتلىك بولغان يىپەك بىلەن رەڭلىك شىشىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ سىرلىرىنى بىلمەيدىغانلارغا مەلۇم قىلىپ قويغان مەدەنىيەت ئوغرىلىرى ، جاسۇسلىرى بولسىمۇ ، مەلۇم نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇلار شەرقىي روما بىلەن جۇڭگونىڭ ماددى مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈشتە ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان. 

خەنزۇلار ئۇيغۇرلاردىن ۋە ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ماددى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتكە دائىر نۇرغۇن ئېسىل قىممەتلىك بايلىقلارغا ئىگە بولغان. جاڭ چيەن مىلادىدىن 115 يىل بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىياغا ئىككىنچى قېتىم كېلىپ كەتكەندىن كېيىن ، ئۇ ئۇيغۇرلار يۇرتىدىن ئۈزۈم ۋە بىدە ئېلىپ كەتكەن. ئۈزۈم بىلەن بىدە پادىشاھ خەنۋۇدىنىڭ ناھايىتى قەدىرلەپ ، ئېتىبار بېرىشكە ئېرىشكەن. پادىشاھ ئوردىسىنىڭ ئەتراپىدا ئۈزۈملۇك باغلار ، بىدىلىكلەر پەيدا بولغان. بولۇپمۇ بىدە ئاتنىڭ ئاساسلىق يەم – خەشەكلىرىدىن بىرى بولۇپ ، ئات بېقىشقا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. شۇ چاغلاردا خەنۋۇدى ھونلار بىلەن بولىدىغان ئۇرۇشلاردا ئاتلىق قوشۇننىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان. ئۇ جەڭ ئاتلىرىنى كۆپلەپ ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىدى. 
جاڭ چيەن ئوتتۇرا ئاسىيادىن قايتىشىدا ئۈزۈم بىلەن بىدىدىن باشقا يەنە زىغىر ، قارامۇچ ، پىياز ، تۇرۇپ ، قوغۇن ، تاۋۇز ، كاۋا قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇقىنىمۇ ئېلىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئاشۇ نەرسىلەر جۇڭگودا تېرىلىشقا باشلىغان. دەل شۇ چاغدا ياڭاق بىلەن ئانار كۆچىتىمۇ ئۇيغۇرلار يۇرتىدىن ئىچكىرىگە كەلتۈرۈلگەن. 
خەنزۇلار مىلادىنىڭ 5 – ئەسىرىگىچە پاختىدىن رەخ ئىشلەپچىقىرىشنى بىلمەيتتى. پەقەت 5 – ئەسىردىلا كېۋەز ئۇرۇقى (چىگىت) تۇرپاندىن ئىچكىرىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىنلا پاختا رەخت ئىشلەپچىقىرىش باشلانغان. ئۇنىڭغىچە خەنزۇلار پاختا رەختلەرنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ۋە باشقا مەملىكەتلەردىن ئېلىپ كېلەتتى. قەدىمكى چاغلاردا قۇنقاۋ ، پىپا ، بالابار قاتارلىق مۇزىكا ئەسۋابلىرى ئىراندىن جۇڭگوغا كىرگەن بولسا ، داپ ، نەي ، سۇناي قاتارلىق مۇزىكا ئەسۋابلىرى ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن (ئۇيغۇرلاردىن) كىرگەن. بولۇپمۇ سۈي سۇلالىسى (581 – 618) ، تاڭ سۇلالىسى (618 – 907) دەۋرىدە ئۇيغۇرلار جۇڭگو مۇزىكا سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. مىلادىنىڭ 579 – يىلى كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ بىكە (مەلىكە) لىرىدىن ئاسىنا بىكە ، شىمالى جۇ سۇلالىسى (557 – 581) نىڭ خانى جۇشۇەندىغا ياتلىق قىلىنغاندا ، تۈرك خاقانلىقىنىڭ پايتەختى ئۇتۇ كۈندىن چاڭئەنگە (شىئەنگە) ئاسىنا بىكە بىلەن بىللە سۇ جاۋا ئاتلىق مەشھۇر مۇزىكا ئۇستازىمۇ كەلگەن. ئۇ كۇچارلىق بولۇپ ، سۈي سۇلالىسى ۋاقتىدا (581 – 618) چاڭئەندە ئۇزۇن مۇددەت تۇرغان. سۇجاۋا شۇ مەزگىلدە ، جۇڭگو مۇزىكا سەنئىتىنىڭ بەكمۇ تۆۋەن ، نامراتلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ جۇڭگو مۇزىكىچىلىقىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش ، ئۇنىڭ سەنئىتىنى ناھايىتى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مۇكەممەل بولغان توققۇز يۈرۈش مۇزىكا سېستىمىسىنى بەرپا قىلغان. ئۇلار تۆۋەندىكىچە : 

بۇنىڭ ئىچىدە چىڭ مۇزىكىسى بىلەن لى خۇا مۇزىكىسى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مۇزىكىسى ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەتتە خىل مۇزىكىنىڭ ئىچىدىن ھىندى مۇزىكىسى بىلەن كۈرىيە مۇزىكىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، قالغان بەش خىل مۇزىكا كۇچار مۇزىكىسىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر مۇزىكىسى ئىدى.
 
سۇجاۋا پىيبا چېلىشقا ناھايىتى ئۇستا بولۇپ ، شۇ چاغدا جۇڭگودىن ئۇنىڭغا تەڭ كەلگەندەك بىرەر مۇزىكانت چىققان ئەمەس. شۇڭا ئۇ مۇزىكا ئۇستازى دېگەن ھۆرمەتلىك نامغا ئىگە بولغان. 

جۇڭگو تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە (618 – 907) سۇجاۋا يارىتىپ بەرگەن توققۇز يۈرۈش مۇزىكا سېستىمىسى ئاساسىدا 640 – يىلى 10 يۈرۈش مۇزىكا سېستىمىسىنى بەرپا قىلدى. بۇلار تۆۋەندىكىچە : 1. كۇچار مۇزىكىسى ، 2. قەشقەر مۇزىكىسى ، 3. تۇرپان مۇزىكىسى ، 4. غەربىي لياۋ مۇزىكىسى ، 5. بۇخارا مۇزىكىسى ، 6. سەمەرقەنت مۇزىكىسى ، 7. كامبودژا مۇزىكىسى ، 8. كۈرىيە مۇزىكىسى ، 9. يەن مۇزىكىسى ، 10. چىڭ شاڭ مۇزىكىسى. مانا شۇ ئون يۈرۈش مۇزىكا سېستىمىسى ئىچىدە ئالتە خىل مۇزىكا (بۇنىڭغا تۇرپان مۇزىكىسى قوشۇلغان) كۇچار مۇزىكىسىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر مۇزىكىسى ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى غەربىي لياۋ مۇزىكىسىمۇ مەلۇم دەرىجىدە خەنزۇ مۇزىكىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھون مۇزىكىسى بولۇپ ، قەدىمكى ئۇيغۇر مۇزىكىسى ئىدى. 
بۇنىڭدىن تاشقىرى كۇچار ئۇسۇلىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر ئۇسۇل سەنئىتىمۇ ، ئۇيغۇر مىللى ھەيكەلتاراشلىقى بىلەن رەسسامچىلىقنىڭ ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئاساس قىلغان بۇددا سەنئىتىمۇ (ئاساسەن ھەيكەلتاراشلىق ۋە رەسساملىق) خەنزۇلارنىڭ ھەيكەلتاراشلىق ۋە رەسساملىق سەنئىتىگىمۇ كۈچلۈك تەسىر قىلغان. بۇنىڭغا دۇڭخۇاڭ مىڭ ئۆيىدىكى ھەيكەللەر ، تام سىزما رەسىملىرى ئىسپات بولىدۇ. شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى ، 7 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خوتەنلىك ئۇيغۇر رەسسامى يۇچىيزىڭ تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى لى شىمىننىڭ (627 – 649) تەكلىۋىگە بىنائەن شىئەنگە كېلىپ ساكيامۇننىڭ تىپىك سۈرئىتىنى سىزىپ بەرگەن. جۇڭگو رەسساملىرى بۇددا رەسسامچىلىقىدىكى رەسىم سىزىش سەنئىتىنى ۋە غەرب ئەللىرىدىكى كىشىلەرنىڭ رەسىمىنى سىزىش سەنئىتىنى ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن. چۈنكى يۇچىيزىڭ رەسسامچىلىقتا (غەرب ئۇسلۇبىدىكى رەسسامچىلىقتا) تەڭدىشى يوق رەسسام ئىدى. 
جۇڭگونىڭ قەدىمكى چاغدىكى مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ (پەلسەپە بىلەن ئەدەبىياتنىڭ) بېيىشى ۋە يۈكسۈلۈشىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قوشقان ئۆچمەس تۆھپىسىدىن ئاجرىتىپ قاراش تولىمۇ بىمەنىلىك بولىدۇ.
بۇددا دىنى ئەڭ دەسلەپ جۇڭگوغا تارقىلىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يىلتىز تارتقان ئىدى. ئۇيغۇلار ئىچىدىن چىققان مەشھۇر بۇددىست ، راھىبلار 3 – ئەسىردىن باشلاپ بۇددا دىنىنى جۇڭگوغا تونۇشتۇرۇشقا كىرىشكەن. بۇنىڭغا كۇچارلىق ئۇلۇغ بۇددىست پەيلاسۇپ ۋە مەشھۇر تەرجىمان ، شائىر كوماراجىۋانى مىسال كەلتۈرۈش يېتەرلىك. 
كوماراجىۋا (مىلادىنىڭ 344 – يىلى تۇغۇلۇپ 431 – يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) كىچىك ۋاقتىدا دادىسىغا ئەگىشىپ ھىندىستانغا بارغان. ئۇ ھىندىستاندا كۆپ يىللار تۇرۇپ بۇددىزىم ئەقىدىلىرىنى تىرىشىپ ئۆگەنگەن. شۇ چاغلاردا بۇددىزىم تەلىماتىدا ماخىيانا ۋە خىنيايانا دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ ئىككى مەزھەپ ، ئىككى ئېقىم بار ئىدى. كوماراجىۋا بۇ ئىككى چوڭ مەزھەپ ئىچىدىن خىنيايانا مەزھىپىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ ھىندىستاندىن قايتىپ كېلىۋاتقان چاغدا قەشقەردە شورى ئاساما ئاتلىق بۇددا راھىپىغا يولۇققان ۋە ئۇنىڭدىن ماخىيانا مەزھىپىنى ئۆگىنىپ بۇرۇن قوبۇل قىلغان خىنيانا مەزھىپىدىن ۋاز كەچكەن. كوماراجىۋا قەشقەردىن ئۆتۈپ ئاقسۇغا كەلگەندە ئاجايىپ بىر راھىپقا يولۇققان ، ئۇ راھىپ ئۆزىنى دۇنيادا تەڭداشىسز راھىپ ھېسابلاب ھەمىشە ماختىنىپ : ئەگەر بۇددا ئەقىدىلىرى بويىچە بىرەر كىشى مەن بىلەن مۇنازىرىلىشىپ مېنى يېڭىدىغان بولسا ئۇنداق كىشىگە بېشىمنى كېسىپ بېرىمەن دەيدىكەن. كوماراجىۋا شۇ راھىپ بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئۇنى يېڭىپ قويىدۇ. بۇ ۋەقە غەربتىكى بۇددا دۇنياسىنى زىلزىلىگە كەلتۈرىدۇ. كوماراجىۋانىڭ داڭقى غەرب ئەللىرىگە تارقىلىدۇ. بۇ ۋەقەدىن كۇچار خانى ناھايىتى چوڭ پەخىرلىنىش ھېس قىلىپ كوماراجىۋانىڭ ئالدىغا – ئاقسۇغا كېلىپ ئۇنى ئىززەت – ھۆرمەت بىلەن كۇچارغا ئېلىپ كېتىدۇ. كوماراجىۋانى كۇچار دۆلىتىنىڭ پىرى ئۇستازى دەپ جاكالايدۇ. 
تارىختىن خەۋرى بار كىشىلەرگە مەلۇم بولغاندەك كوماراجىۋا مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن مىلادىنىڭ 385 – يىلى ھازىرقى گەنسۇنىڭ ئوۋىيغا كەلگەن. ئۇ شۇ جايدا 15 يىل تۇرغان. كوماراجىۋا شۇ مەزگىلدە خەنزۇ يېزىقىنى (تىلىنى) پۇختا ، مۇكەممەل ، چوڭقۇر ئۆگەنگەن. 
شۇ چاغدىكى جۇڭگو تارىخىدا ئىككى چىن سۇلالىسى بىلەن شىمالى ۋە جەنۇبى سۇلالىلەر دەۋرى دەپ ئاتالغان ناھايىتى قالايمىقان (ئاساسەن ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى) بىر دەۋر ئىدى. جۇڭگودىكى بەزى خانلىقلارنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىرى بۇددا دىنىنىڭ نادان ، ساددا خەلقلەرنى ئاسانلا ئالداپ كېتەلەيدىغان پاسسىپ ئىدىيىسىدىن پايدىلىنىپ خەلقنى بىخۇتلاشتۇرۇپ ئۆزلىرىگە قارشى چىقمايدىغان يۇۋاش پۇقرالارغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھىچنەرسىگە قارىماي بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ ، بۇددا دىنىنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئىدى. بۇددا دىنىغا كۈچلۈك تەرپدار بولغان كېيىنكى چىن خانلىقى (384 – 417) نىڭ خانى ياۋشىيىن (مىلادىنىڭ 394 - يىلىدىن 415 – يىلىغىچە خان بولغان) مىلادىنىڭ 401 – يىلى كوماراجىۋانى تەكلىپ قىلىپ شىئەنگە ئېلىپ كەلگەن ۋە ئۇنى دۆلەتنىڭ پىرى ئۇستازى دەپ جاكالىغان. ياۋشىيىننىڭ يارىتىپ بەرگەن كەڭ ئىمكانىيىتىدىن پايدىلانغان كوماراجىۋا شىئەندىكى مەشھۇر بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنىڭ بىرىدە 3000 شاگىرتقا بۇددا ئەقىدىلىرىدىن دەرس بەرگەن. ياۋشىيىن دائىم ئىبادەتخانىغا بېرىپ ئۇنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغان. كېيىنكى چاغلاردا ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرقانچىسى دانىشمەن – ئەۋلىيا دېگەن نامغا ئىگە بولغان. 
كوماراجىۋا شىئەندە بۇددا ئەقىدىلىرىدىن دەرس ئۆتكەندىن تاشقىرى بۇددا نامىلاردىن 384 جىلىدلىق 74 پارچە كىتابنى قەدىمكى ھىندى تىلىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا بەدىئىلىگى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان بۇددا رىۋايەتلىرىدىن ناھايىتى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى قەدىمكى ھىندى تىلىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭ قولىدىن چىققان تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ تىلى بەكمۇ راۋان ، مەزمۇنى چوڭقۇر بولسىمۇ ، چۈشىنىشلىك بولغان.
كوماراجىۋانىڭ دىن ، پەلسەپە ، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى پائالىيىتى جۇڭگو بۇددىزىم پەلسەپىسىنىڭ ۋە ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئۇ ، ئۇلۇغ بۇددىست ، پەيلاسوپ ، داڭلىق تەرجىمان ، تالانتلىق شائىر دېگەن نامغا ئىگە بولغان. 
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا ، قەدىمكى چاغدىن تارتىپ 15 – ئەسىرگىچە (ئۇلۇغ ساياھەتچى ماگېلان غەرب بىلەن شەرق ۋە شەرق بىلەن غەرب ئارىسىدىكى دېڭىز ، ئوكيان يولىنى ئاچقۇچى) ئاسىيا بىلەن ياۋرۇپا ئارىسىدىكى خەلقئارا قاتناش يولى (ئاتالمىش يىپەك يولى) يالغۇزلا غەرب بىلەن شەرق ئەللىرى ئارا سودا ئارقىلىق ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش يولى بولۇپلا قالماستىن ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق شەرق ئەللىرى بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىۋى مىللى مەدەنىيىتى ئاساسىدا شانلىق ، يۈكسەك مەدەنىيەت يارىتىشىدا ئالتۇن كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. بولۇپمۇ بۇ ئۇلۇغ تارىخىي مۆجىزىدە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئاساسى (ئۆگىتىش ۋە تونۇشتۇرۇش جەھەتتە) رولىنى ئوينىغان. 

ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئۆز تارىخىنىڭ ئۇزاق داۋام قىلغان قەدىمكى باسقۇچلىرىدا ئىران ، ئەھمانلار سۇلالىسى (مىلادىدىن 700 يىل بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىدىن 328 يىل بۇرۇنقى چاغقىچە ھۆكۈم سۈرگەن) ، گىرىك باكتىرىيە پادىشاھلىقى (مىلادىدىن 250 يىل بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىدىن 150 يىل بۇرۇنقى چاغقىچە ھۆكۈم سۈرگەن) ، ياۋچىلار دۆلىتى بولغان توخارىستان (مىلادىدىن 150 يىل بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىدىن 50 يىل بۇرۇنقى چاغقىچە ھۆكۈم سۈرگەن) ، كوشات ئېمپىرىيىسى (مىلادىدىن 50 يىل بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىنىڭ 420 – يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) ،ئاق ھون ئېمپىرىيىسى (مىلادىنىڭ 420 – يىلىدىن 565 – يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قەدىمكى چاغدىكى شانلىق مەدەنىيىتىنى يارىتىشىدا قاتناشقان بولسا ، تۈرك خانلىقى دەۋرىدىكى (552 – 745) ناھايىتى يۈكسەك مەدەنىيەتنى ياراتقۇچىلار قاتارىدىن ئۈستۈن ئورۇن ئالغان ئىدى.

  




#Article 194: كيوتو كىلىشىمنامىسى (425 words)


ب د ت(بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) كىلىمات ئۆزگىرىش رامكا ئەھدىنامىسى دائىرىسىدە يەر شارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كىتىش ۋە كېلىمات ئۆزگىرىش ھادىسىلىرىگە چارە تېپىش مەقسىتىدە، 1997- يىلى 11- نويابىردا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىمپىراتورلۇق پايتەختى كيوتو شەھىرىدە بىر كېلىشىمنامە ئىمزالاندى. كيوتو كېلىشىمنامىسى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ خەلقئارالىق كېلىشىمنامىنىڭ ئىجرا قىلىنىش شەرتلىرى 2005- يىلى 16- فېۋرالدا ھازىرلانغان بولۇپ، شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانىدى.

قانۇنى كۈچكە ئىگە بولۇش شەرتلىرى، كېلىشىمنامىنى كەم دېگەندە 55 دۆلەتنىڭ ئىمزالىشى ۋە كيوتو كېلىشىمنامىسىگە قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنىڭ 55 % كە يېتىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

كيوتو كېلىشىمنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى -1990 يىلىدىكى پارنىك ئېففېكتى پەيدا قىلىدىغان گازلارنى قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، كېلىشىمنامىنى ئىمزالىغان دۆلەتلەرنىڭ بۇ گاز مىقدارىنى يەنە 5.2% ئەتراپىدا ئازايتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. دۇنياغا مۇھىت جەھەتتىن ئەڭ ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن دۆلەتلەر، ئەڭ كۆپ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردۇر. بۇ دۆلەتلەرنىڭ بېشىدا كيوتو كېلىشىمنامىسى ئىمزالاشنى رەت قىلغان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى كېلىدۇ. كيوتو كېلىشىمنامىسىنى ئىمزdgsddsfvxالىغان دۆلەتلەر ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. بىرىنچىسى، پارنىك ئېففېكتى پەيدا قىلىدىغان گازلارنى قويۇپ بېرىش مىقدارى يوقىرى بولغان دۆلەتلەر بولۇپ، بۇلار ياۋرۇپا ئىتتىپاقى 26.5%، رۇسىيە 8%، جۇڭگو 7.6%، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى 29.3% قاتارلىقلاردور. تۈركىيە بولسا بۇلارغا سېلىشتۇرغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە تۆۋەن بولۇپ، 0.004% ئەتراپىدىدۇر. تۈركىيە كيوتو كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالاش بىلەن ھەم ئىتتىپاقىنىڭ شەرتلىرىدىن بىرىنى ئادا قىلغان بولىدۇ، ھەمدە يەر شارىغا قارىتاcvxcvx مەسئۇلىيىتىنى ۋە ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جانلىقلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنىمۇ ئادا قىلغان بولىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغان كيوتو كېلىشىمنامىسىنىڭ مۇددىتى 2012- يىلى ئاخىرلىشىدۇ. 2012- يىلى، دېكابر ئېيىدا، دانىيىنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېن شەھرىدە بۇ كېلىشىمنامىنى ئىمزالىغان دۆلەتلەر بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى بىر كېلىشىمنامە ئىمزالايدۇ. تۈركىيە، بۇ كېلىشىمنامىگە ئەزا بولۇش ئارقىلىق، يېڭى كېلىشىمنامىنىڭ روياپقا چىقىشىدا باشقا ئەزا دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا، پىكىر قاتناشتۇرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.

نۆۋەتتىكى دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى ئىنسانلارنىڭ تەن – سالامەتلىكى ۋە مۇھىت ئاسراش مەسىلىسىدە تولىمۇ قورقۇنچلۇق بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ھازىرقى دەۋردىكى سانائەت ۋە ئىشلىتىلىۋاتقان پەن – تېخنىكىنىڭ مۇھىت ۋە جانلىقلارنىڭ ھاياتىغا ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. پاكىز ھاۋا، ئىچكىلى بولىدىغان سۇ ۋە سەھىيە ئۆلچەملىرىگە توشقان يىمەك – ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى بارغانسىرى ئازايماقتا. ئۆلچەمگە لايىق مەھسۇلات ۋە ھاۋا، بۈگۈنكى كۈنلەردە باي كىشىلەرلار پايدىلىنالايدىغان نوقتىغا كېلىپ قالدى.

بارلىق دۆلەتلەر، خۇسۇسەن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر، ئاتموسفېرا پۈتۈن جانلىقلارنىڭ ئورتاق پايدىلىنىش ساھەسىدۇر، يەنى كائىنات بارلىق جانلىقلارغا ئائىتتۇر، دېگەن نوقتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، مۇھىت ۋە ئاتموسفېرادىن پايدىلىنىشتا ئەركىن- ئازادە ھەرىكەت قىلىشنى مەسئۇلىيەتسىزلىك نوقتىسىغا يەتكۈزمەسلىكلىرى شەرت، ئەلۋەتتە.

كيوتو كېلىشىمنامىسى، ئەزا دۆلەتلەرنى مۇھىتقا زىيان يەتكۈزمەيدىغان يېقىلغۇلارنى ئىشلىتىش، موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ پارنىك گازى تارقىتىشلىرىنىڭ ئازايتىلىشى، قۇياش، شامال ۋە يادرو ئېنىرگىيىسىگە ئوخشاش پاكىز ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى، سانائەت مۇئەسسەسەلىرىنىڭ تېخىمۇ ئاز كاربوندىئوكسىت قويۇپ بېرىشلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ۋە يېزا – ئىگىلىكتە تېخىمۇ ئاز خېمىيىلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلىتىلىشى قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئېلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى مەلۇمدۇر. بۇ مەجبۇرلاشلار بارلىق جانلىقلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ناھايىتى ئىجابى رول ئوينايدۇ.




#Article 195: تېھران (220 words)


 

تېھران بولسا ئىران دىكى بىر شەھەر، تېھراننىڭ2006-يىلقى سىتاتىكىىسىدا 7،705،036 نوپۇسىبار، 686 كم² دائىرسىدا نوپۇس جايلاشقان، شىمالى كەڭلىك 35.41°، شەرقى ئۇزۇنلۇك 51°25.

ئىراننىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. غەربىي ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر. تېھران ئىلبورس تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەھەر جايلاشقان ئورۇننىڭ دېڭىز ئېگىزلىكى 1220 مېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 8 مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدۇ )1984(. تېھران ئەڭ قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى. مىلادى 9 - ئەسىردە رېي شەھەرلىك بىرلەشمىسى بولۇپ قۇرۇلغان. 1788 - يىلى كاجار پادىشاھلىقى بۇ جاينى پايتەخت قىلىپ تېھران دەپ نام بەرگەن. تېھران پارس تىلىدا پاك جاي، پاكىز شەھەر دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شەھەردە كاجار پادىشاھلىقى دەۋرىدە قۇرۇلغان قەدىمىي ئورۇنلار ناھايىتى كۆپ. تېھران ئىراننىڭ ئەڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، بۇ جايغا پۈتۈن دۆلەتتىكى سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ يېرىمى توپلانغان، ئۇنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن دۆلەتتىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ جايغا توقۇمىچىلىق، شېكەر، تاماكا، ئەينەك، فارفور، سېمونت، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، ماشىنىسازلىق، ئاپتوموبىل، نىفىت ئايرىش، ھەربىي قورال - ياراق ياساش، گىلەم توقۇش، يىپەكچىلىك قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى مەركەزلەشكەن. ئىران ھۆكۈمىتى تېھران شەھىرىگە سانائەتنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق مەركەزلىشىپ ئېغىر بۇلغىنىش كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېھران شەھىرىنىڭ 120 كىلومېتر دائىرىسى ئىچىدە زاۋۇت - فابرىكا قۇرۇشنى چەكلىدى. 

تېھران ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا ئارىلىقىدىكى مۇھىم ئاۋىئاتسىيە نۇقتىسى، ئىراننىڭ تۆمۈريول، تاشيول، ھاۋا يول تۈگۈنى، بۇ جايدىن دۆلەتنڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىگە سوزۇلغان تۆمۈريول، تاشيول، ھاۋا يوللىرى بار. شەھەردە يەنە چوڭ خەلقئارا ئايرودرومى قاتارلىق ئورۇنلار بار.




#Article 196: دۇبائى (216 words)


 

دۇبائى بولسا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دىكىبىخاھار 2008 نوپۇس بار، دۇبائىنىڭ 2،262،000 نوپۇسىبار، 4،114 كم² دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاخكان، خىمالىكاڭ لىك 55.18°، خارىكى ئۇزۇنلۇك 25°15.

دۇبائى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ شەھەر ۋە دۇبەي خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى. دۇبەي ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىغا پارس قولتۇقى دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ ، غەربىي ئاسىيانىڭ سودا مەركىزى بولۇشنى نىشان قىلغان. ئۇ يەنە يولۇچىلار ۋە يۈكلەرنىڭ يەرشارىدىكى ئاساسلىق قاتناش مەركىزى. نېفىت كىرىمى ئاللىبۇرۇن ئاساسلىق سودا مەركىزى بولغان شەھەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە ياردەم بەردى. بۈگۈنكى كۈندە ، ئەمىرلىكنىڭ كىرىمىنىڭ% 5 كىمۇ يەتمەيدىغان يېرى نېفىتتىن كېلىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ رايون ۋە خەلقئارا سودا مەركىزى ، دۇبەينىڭ ئىقتىسادى سودا ، ساياھەت ، ئاۋىئاتسىيە ، ئۆي-مۈلۈك ۋە پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتىدىن قىلىنغان كىرىمگە تايىنىدۇ. 

ھازىر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرىپىدىن ئېنىقلانغان بۇ رايوندىكى ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش تارىخى مول ۋە مۇرەككەپ بولۇپ ، ھىندى ۋادىسى بىلەن مېسوپوتامىييە مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى كەڭ سودا ئالاقىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ، شۇنداقلا لېۋانت بىلەن بولغان ئارىلىقىمۇ يىراق.

دۇبەي 18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بېلىقچىلىق كەنتى قىلىپ قۇرۇلغان دەپ قارىلىپ ، 1822-يىلغا بارغاندا ، شۇ يەردىكى قەبىلىنىڭ 700 ~ 800 گىچە ئەزاسى بار ۋە ئەبۇزەبىنىڭ شەيخلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنىدىغان شەھەر ئىدى.
ئەنگىلىيە 1892-يىلى ئەمىرلىكنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولغان. دۇبەينىڭ ئىرانغا جۇغراپىيىلىك يېقىنلىقى ئۇنى مۇھىم سودا ئورنىغا ئايلاندۇردى. دۇبەي شەھىرى چەتئەللىك سودىگەرلەرنى چاقىرىدىغان مۇھىم پورت بولۇپ ، ئاساسلىقى ئىراندىن كەلگەن ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاخىرىدا بۇ شەھەرگە ئورۇنلاشقان. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ، ئۇ مۇھىم پورت ئىدى.




#Article 197: قۇياش سىستېمىسى (302 words)


 

قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى ئىچىدىن سىرتىغا : مېركۇرىي ، ۋىنىرا ، يەرشارى ، مارس ، يۇپىتېر ، ساتۇرن ، ئۇران ، نېپتۇن .
قۇياش سىستىمىسى قۇياشنى مەركەز قىلغان ، ھەمدە بارلىق قۇياشنىڭ ئېغىرلىق كۇچ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان ئاسمان جىسىمىنىڭ بىرلەشمىسى : 8 سەييارە ، ئاز دىگەندىمۇ 165 دانە ھەمراھى بار ، 5 دانە بايقالغان پەتەك يۇلتۇز ۋە مىليونلىغان قۇياش سىستېمىسى كىچىك ئاسمان جىسىملىرىدىن تۇزەلگەن . بۇ كىچىك ئاسمان جىسىملىرى كىچىك سەييارە ، كۇيپېر بەلبېغى ئاسمان جخسىملىرى ، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ، بوشلۇق ئارا ماددىلاردىن تەشكىل قىلغان پىلانىتلار سىستىمىسىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ .
قۇياش بولسا سامان يولى سىستىمىسىدىكى بىر ئاددى تۇرغۇن يۇلتۇز. قۇياش باشقا سانسىزلىغان تۇرغۇن يۇلتۇزلارغا ئوخشاش يۇلتۇز تۇمانىدىن شەكىللەنگەن . بۇ يۇلتۇز تۇمانى بۇندىن تەخمىنەن تۆت مىليارد 600 مىليۇن يىل ئىلگىرى سامان يولى سىستىمىسىنىڭ بىر بۆلىكىدە بولۇپ ، سامان يولى سىستىمىسى مەركىزى بىلەن بولغان ئارلىقى 30 مىڭ يۇرۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا. ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ماسسى ھازىرقى قۇياش ماسسىنىڭ بەش مىليۇن ھەسسىگە تەڭ بولۇپ ناھايىتى ئۇزۇن يىللار ئۆز مەركىزىنى چۆرىدەپ ئايلىنىشىدىن ھازىقى قۇياش شەكىللەنگەن. قۇياش شەكىللىنپ ئۇزۇن ئۆتمەي قۇياش ئەتراپىدىكى باشقا ئالەم ماددىلىرى يىغىلىپ ھازىرقى سەككىز پىلانىت ۋە باشقا قۇياش سىستىمىسى ئەزالىرىنى شەكىلىلەندۈرگەن.
ھازىر قۇياش سىستىمىسىدا سەككىز چوڭ پىلانىت بار. بۇ پىلانىتلار ئىككى تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ يەرشارى تىپىدىكىلەر: مىركۇرى ، ۋىنىرا ، مارس ، يەر شارى قاتارلىق قاتتىق بولغان يەر پوستىغا ئىگە بولغان پىلانىتلار. بۇلارنىڭ ھەمراھى ناھايىتى ئاز بولۇپ مىركۇرى ۋىنىرىلارنىڭ ھەمراھى يوق. مارىسنىڭ سىرتىدا كىچىڭ پىلانىتلار بەلبىغى بولغانىقى ئۈچۈن بۇ پىلانىتلار يەنە بەلباغ ئىچىدىكى پىلانىتلار دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بىر تىپتىكىلەر يۇپىتىر تىپىدىكىلەر : يەنى بەلباغ سىرسىتىدىكىلەر . ئۇلارنىڭ قاتتىق يەر پوستى يوق . ئاساسەن گازلاردىن تۈزۈلگەن. ئۇلارنىڭ ھەمراھى ناھايىتى كۆپ . ئۇلارنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئۇلار نۇر بەلبىغىغا ئىگە بولۇپ ساتۇرىننىڭ نۇر بەلبىغى ئەڭ گەۋدىلىك ھەم ناھايىتى ھەيۋەتلىك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قۇياش سىستىمىسىنىڭ يىراق بۇرجىكىدە ھەجىمى كىچىك ئۆزىنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن ئەتراپىدىكى باشقا ئاسمان جىسىملىرىنى ھەيدىۋىتەلمەي ئەگەشتۈرۋالىدىغان پىلوتۇن ، چارون قاتارلىق پەتەك پىلانىتلارمۇ بار .




#Article 198: ئافرىقا (188 words)


ئافرىقا، يەر مەيدانى ۋە نۇپۇس زىچلىقى نوقتىسىدىن دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ قىتئەسىدۇر. ئۆزىگە باغلىق دەپ قارالغان ئاراللار ئىلە بىرلىكتە 30.8 مىلىيون كلومېتر2 لىق چوڭلىقى بىلەن دۇنيا ئومۇمىي يۈزىنىڭ 6% سىنى ۋە دۇنيا قۇرۇقلۇق مەيدانىنىڭ 24.4% ىنى قاپلايدۇ. 1 مىلىيارد كىشىلىك نۇپۇسى ئىلە دۇنيا نۇپۇسىنىڭ 15% ىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئافرىقاشىمالدا ئاق دېڭىز، جەنۇبتا ھىندى ئوكيان، غەربتە ئاتلانتىك ئوكيان، شەرقتە سىنا يېرىم ئارىلى، قىزىل دېڭىز ۋە سۇۋەيىش قانىلى بىلەن ئورۇلۇپ تۇرىدۇ. ماداغاسقار ۋە تۈرلۈك تاقىم ئاراللىرى ھەم ئۇنىڭغا تەۋەدۇر. قىتئەدە 54 دېپلوماتىك ئېتىراپ قىلىنغان مۇستەقىل دۆلەت، توققۇز رايون ۋە 3 مەلۇم دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىنغان دۆلەت باردۇر.

پۈتۈن قىتئەلەر ئاراسىدا ئەڭ كۆپ ياش نۇپۇس ئافرىقىدا ياشىماقتا. ئافرىقالىقلارنىڭ 50% سى 19 ياشنىڭ ئاستىدادۇر. ئالجىرىيە يۈز ئۆلچىمى ئەڭ چوڭ ئافرىقا دۆلىتى، نۇپۇس جەھەتتە ئەڭ چوڭ ئافرىقا دۆلىتى بولسا نىگېرىيەدۇر. بولۇپمۇ غەربىي ئافرىقا ئىنسانىيەتنىڭ بۆشۈكى دەپ قارىلىدۇ. 

ئافرىقا، تۈرلۈك ئىقلىم بەلباغلىرى بولغان ئېكۋاتورنىڭ ھەر ئىككى تەرەپىدە ۋە دۇنيا يۈزىدە ھەر ئىككى ئىقلىم بەلباغىغا ئۇزانغان بىردىنبىر قىتئەدۇر.

ئافرىقا ئېتنىك، مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتىن ئىنتايىن رەڭگارەڭ بىر قىتئەدۇر. 19. ئەسرنىڭ ئاخىرىدا ياۋروپا ئەللىرى تامانىدىن سۈمۈرگە قىلىنغان. ئافرىقانىڭ زامانەۋىي دەۋلەتلەرى 20. ئەسردىكى مۇستەملىكەلەرنىڭ مۇستەقىللىق باسقۇچىدىن سوڭرە ئوتتۇرىغا چىققان. ئافرىقا ئەللىرى قىسمەن 1881-1914 يىللاردىكى ئافرىقا تالانى ئەسناسىدا شەكىللەنگەندۇر.




#Article 199: تارىم ئويمانلىقى (220 words)


تارىم ئويمانلىقى بولسا جەنۇبىيشىنجاڭغا تەۋە بولغان ئويمانلىق، يار مايدانى 400،000 كۇۋادىرات كىلومەتىر. بۇنىڭدىن 500 مىليون يىل ئىلگىرى بۇ يەر بىپايان دېڭىز ئىچىدىكى قەدىمكى قۇرۇقلۇق بولۇپ، بۇنىڭدىن 2  —  3 مىليون يىل ئىلگىرى يەر شارىدا غايەت زور كۆچلۈك تاغ ھاسىل بولۇش ھەرىكىتى  بولغاندا تەڭرى تېغى كۆتۈرۈلۈپ چىققان. يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن قۇرۇم (ۋە قاراقۇرۇم كوئىنلۇن) تاغلىرى شەكىللەنگەن. نەتىجىدە بۇ قەدىمكى قۇرۇقلۇق چوڭ ۋە قاتمۇ قات تاغلار ئوراپ تۇرغان چوڭ  غا ئايلىنىپ قالغان.

تارىم ئويمانلىقى مەملىكەت ئىچىدىكى يېڭى ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنىڭ جەڭ مەيدانىغا ئايلاندى، جۇڭگو ئاسىيا ياۋروپا يەرمەنكىسى ئارقىلىق، 20مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ شامال، قوياش ئېنېرگىيەسى ئالاھىدە مول بۇ رايونغا مەركەزلەشتى.

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا ياۋروپا يەرمەنكىسىدە ئېلىمىزنىڭ شەرقىي قىسىم رايونلاردىن كەلگەن يېڭى ئېنېرگىيە كارخانىلىرى كورلا شەھىرى، چەرچەن ناھىيەسى قاتارلىق تۆت ناھىيە شەھەر بىلەن مەبلەغ سوممىسى 20 مىليارد 660مىليون يۈەن كېلىدىغان پاكىز ئېنېرگىيە تۈرىدىن بەشنى ئىمزالىدى، بۇ شامال، قوياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش، يورۇقلۇقتىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۇ توختامنىڭ %64نى ئىگىلەيدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قوياش ئېنېرگىيەسى بايلىق مىقدارى ۋە شامال ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان، بۇ يەر قوياش ئېنېرگىيەسى ۋە شامال ئېنېرگىيەسى ئەڭ مەركەزلەشكەن رايون. 12-بەش يىلدا شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئېنېرگىيە تەمىنلىشىدىكى نىسبىتىنى داۋاملىق كۆپەيتىپ، 2015-يىلغىچە جۇڭگودىكى مۇھىم چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر ۋە يورۇقلۇق ئېلېكتىر بازىسى بەرپا قىلىدۇ.




#Article 200: Tarim oymanliqi (225 words)


Tarim 'Oymanliqi bolsa jänubiy Shinjanggha tävä bolghan 'oymanliq, yär mäydani 400,000 kvadrat kilometir.  buningdin 500 milyon yil 'ilgiri bu yär bipayan dengiz 'ichidiki qädimki quruqluq bolup, buningdin 2-3 milyon yil 'ilgiri yär sharida ghayät zor küchlük tagh hasil bolush härikiti bolghanda Tängri Teghi kötürülüp chiqqan.  yänä bir mäzgildin keyin Qurum (vä Qaraqurum Kunlun) Taghliri shäkillängän.  nätijidä bu qädimki quruqluq chong vä qatmu qat taghlar 'orap turghan chong ,,Tarim 'Oymanliqi‘‘gha 'aylinip qalghan

Tarim 'Oymanliqi mämlikät 'ichidiki yengi 'energiyä karkhanilirining jäng mäydanigha 'aylandi, Junggo 'Asiya Yavropa yärmänkisi 'arqiliq 20 milyard yü'ändin 'artuq mäblägh shamal, quyash 'energiyäsi 'alahidä mol bu rayongha märkäzläshti
 

tunji növätlik Junggo 'Asiya Yavropa yärmänkisidä 'elimizning shärqiy qisim rayonlardin kälgän yengi 'energiyä karkhaniliri Korla Shähiri, Chärchän Nahiyäsi qatarliq töt nahiyä shähär bilän mäblägh sommisi 20 milyard 660 milyon yü'än kelidighan pakiz 'energiyä türidin bäshni 'imzalidi, bu shamal, quyash 'energiyäsidin paydilinip tok tarqitish, yoruqluqtin paydilinip tok tarqitish qatarliq sahälärgä chetilidighan bolup, Bayingholin Mongghul 'Aptonom 'Oblasti bu tokhtamning 64%ni 'igiläydu
 

Shinjang 'Uyghur 'Aptonom Rayonining quyash 'energiyäsi bayliq miqdari vä shamal 'energiyäsidin paydilinish miqdari mämlikät boyichä 2- 'orunda turidu, Bayingholin Mongghul 'Aptonom 'Oblasti Tarim 'Oymanliqining shärqiy shimaligha jaylashqan, bu yär quyash 'energiyäsi vä shamal 'energiyäsi 'äng märkäzläshkän rayon.  12- bäsh yilda Shinjang yengi 'energiyäni bir tutash 'orunlashturup, yengi 'energiyäning 'energiyä täminlishidiki nisbitini davamliq köpäytip, 2015- yilghichä Junggodiki muhim chong tiptiki shamal 'elektir vä yoruqluq 'elektir bazisi bärpa qilidu




#Article 201: ئاقسۇ ۋىلايىتى (601 words)


ئاقسۇ ۋىلايىتى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Aqsu Wilayiti) تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى خوتەن ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي جەنۇب تەرىپى قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، شىمالىي تەرىپى تەڭرىتاغ ئارقىلىق ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ تېكەس ناھىيىسى ۋە موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال تەرىپى قازاقىستان ئالمۇتا ئوبلاستى نىڭ رايىمبەك رايونى بىلەن، قىرغىزىستان نىڭ ئىسسىقكۆل ئوبلاستى بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 235 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن  510 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن  350 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 132 مىڭ  500 كۋادرات كىلومېتىر.

ئاقسۇ ۋىلايىتى قارمىقىدا 1 شەھەر ۋە 8 ناھىيە بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى شىمالىي تەرىپى ئېگىز، جەنۇبىي تەرىپى پەس بولۇپ، غەربىي شىمال ۋە شىمالىي قىسمى تاغلىق رايون (بىرقەدەر داڭلىق چوققىلاردىن تەڭرىتاغنىڭ ئاساسلىق چوققىسى تۆمۈر چوققىسى بار، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7435.29 مېتىر كېلىدۇ). ئوتتۇرا قىسمى دەريا ئېقىنلىرىنىڭ تىنىشىدىن ھاسىل بولغان تۈزلەڭلىك ۋە دېلتا، جەنۇبىي قىسمى قۇملۇق. بۇنىڭ ئىچىدە  تاغ يېرى 22.63% نى، تۈزلەڭلىك ۋە دېلتا  48.72%. قۇملۇق  28.65% نى ئىگىلەيدۇ. ئاساسلىق دەريالىرىدىن ئاقسۇ دەرياسى، ئۈگەن دەرياسى، تارىم دەرياسى قاتارلىقلار بار.

يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى مىقدارى  6 مىليارد  382 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى مىقدارى  7 مىليارد  885 مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋانات بايلىقىدىن ئاساسلىى ياۋا تۆگە، موڭغۇل قۇلىنى، يىلپىز، ئاق تۇرنا، شىمال ئۆچكىسى، ئارقار، قارا تايغان بۇغا، قوڭۇر ئېيىق، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى شىنجاڭ ئارچىسى، داغال قارىغاي، توغراق، چۈچۈكبۇيا، قانتېپەر، قارلەيلىسى ۋە چاكاندا قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، تۇز، ھاك تاش، گەج، فوسفور، مانگان، تۆمۈر، گرانت تاش، فلوگوپىت، مولىبدېن، ئاليۇمىن، ۋانادىي، ئۇران، ئالتۇن، كۈمۈش قاتارلىقلار بار.

ئاقسۇ ۋىلايىتى تۈزلەڭلىكنىڭ ئىقلىمى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق، ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. (باي ئويمانلىقى بىلەن ئۇچتۇرپان ئويمانلىقى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  11.4℃ ～ 9.8℃ (باي ئويمانلىقى بىلەن ئۇچتۇرپان ئويمانلىقىنىڭ  9.1℃ ～ 7.1℃). ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.9℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 32.0℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2600 ～ 3000  سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى  4400℃ ～ 3300℃. قىروسىز مەزگىلى  190 ～ 250 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى تاغلىق رايونلارنىڭ  200 ～ 300 مىللىمېتىر. تۈرلەرنىڭ  40 ～ 70 مىللىمېتىر (باي ئويمانلىقى بىلەن ئۇچتۇرپان ئويمانلىقىنىڭ 90 مىللىمېتىر ئەتراپىدا).

ئاقسۇ دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن ۋىلايەت. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى  326 مىڭ  400  گېكتار (4 مىليون  896 مىڭ مو)، ئوتلاق كۆلىمى  2 مىليون  221 مىڭ گېكتار (33 مىليون  332 مىڭ  500 مو)، ئورمان كۆلىمى  314 مىڭ گېكتار (4  مىليون 710 مىڭ مو). يەنە ئۆزلەشتۈرۈشكە بولىدىغان 1 مىليون  699 مىڭ گېكتار ( 25 مىليون  485  مىڭ مو) قاقاس يېرى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال پاختا، قىزىلچا، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە شالنىڭ قەدىمدىن  دېگەن نامى بار، ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن يېشىل يېمەكلىك ىلىپ بېكىتلدى. چارۋىچىلىقى يايلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ بېكىتىلدى. چارۋىچىلىقى يايلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. چارۋىچىلىقىداقوي، كالا ئاساس قىلىنىدۇ. ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە. سانائىتىدىن ئاساسلىقى توقۇمىچىلىق، خىمىيە سانائەت، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، كۆمۈر، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇككەممەللەشمەكتە. دۆلەت تاشيولىنىڭ  314 - لىنىيىسى ۋىلايەتنى كېسىپ ئۆتىدۇ. دۆلەت تاشيولىنىڭ  217 - لىنىيىسى جەنۇبتا كۇچادا ئاخىرلىشىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى ئاسفالىتلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت تاشيولى، ئۆلكە تاشيولى ۋە ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تۇتاشقان ھەم كېسىشكەن قاتناش تورى شەكىللەندۈرۈلدى. ئاقسۇ، كۇچا بىلەن ئۈرۈمچى ئوتتۇرىسىدا قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناپ تۇرىدۇ.  44000 پروگراممىلىق تېلېفون، سىمسىز چاقىرغۇ ۋە كۆچمە تېلېفون ئارقا - ئارقىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.  ئاقسۇ قەدىمكى دىكى مۇھىم ئۆتەيول بولۇپ، ۋىلايەت تەۋەسىدە مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ئورنىدىن  59 ى بار. بۇنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر داڭلىقلىرىدىن قىزىل مىڭئۆي، قۇمتۇرا مىڭئۆيى، كۇسەن قەدىمىي شەھىرى قاتارلىقلار بار.




#Article 202: بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى (868 words)


بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى نۇفۇسى 1،056،970، يۈز ئۆلچىمى 140،749 كۋادىرات كىلومېتىر. شىمالىي كەڭلىك 36.11°، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 102°43.

بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىت، چىدىر، كىروران قاتارلىق 11 دۆلەت يېرى بولغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە چىدىر (بۈگۈنكى بۈگۈر)دە غەربىي يۇرۇن قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىن تۇتۇق مەھكىمىسى ۋە يېڭىسار (بۈگۈنكى خېجىڭ ناھىيىسىنىڭ جۇلتۇس ئويمانلىقى) تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق ۋاقىتلىق ۋازارىتىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ يىللىرىدا قاراشەھەر خان ئامبىلى قويۇلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 8 - يىلى (1882 - يىلى) قاراشەھەر بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى تەسىس قىلىنغان. گۇاڭشۈ 24 - يىلى (1898 - يىلى) دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ مەھكىمە قىلىپ، نامىنى كىنگىت دەپ ئۆزگەرتىپ ئاقسۇن دوتەيلىكىگە قارايدىغان قىلىنغان. مىنگو 9 - يىلى ( 1920 - يىلى) كىنگىت دوتەيلىكى تەسىس قىلىنغان. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 8 - مەمۇرىي رايون ۋە كىنگىت ۋالىي مەھكىمىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1954 - يىلى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە كورلا ۋالىي مەھكىمىسى قىلىپ تەسىس قىلىنغان. 1960 - يىلى كورلا ۋالىي مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قوشۇۋېتىلگەن.

بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقى جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقى تەرىپى گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى كوئىنلون تېغى ئارقىلىق شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن، غەربىي تەرىپى خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن، شىمالىي تەرىپى تەڭرىتېغى ئارقىلىق ئىلى ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، تۇرپان ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى 474 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئوبلاست ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭغا 1 شەھەر، 8 ناھىيە (يەنى كورلا شەھىرى، بۈگۈر ناھىيىسى، لوپنۇر ناھىيىسى، چەرچەن ناھىيىسى، چاقىلىق ناھىيىسى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى، خېجىڭ ناھىيىسى، خۇشۇت ناھىيىسى، باغراش ناھىيىسى) قارايدۇ. ئوبلاست تەۋەسىدە تارىم نېفىتلىكىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش، ئېچىش قوماندانلىق شتابى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ۋاقىتلىق باشقۇرۇش باشقارمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 2 - شىسىگە قاراشلىق 21 تۇەن - مەيدانى بار. ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي - كورلا شەھىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 464 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 930 مىڭ 700، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇللار 4.73% نى، ئۇيغۇرلار 34.86% نى، خەنزۇلار 54.46% نى، باشقا مىللەتلەر 5.95% نى تەشكىل قىلىدۇ. 

يەر تۈزۈلۈشى: شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ تىيانشان تېغى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە كوئىنلۇن تېغى، ئالتۇن تاغدىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا ئايرىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېري 48.9% نى، تۈزلەڭلىك 51.1% نى، تەشكىل قىلىدۇ. ئوبلاست تەۋەسىدە تارىم دەرياسى، قاراشەھەر دەرياسى، كۆنچى دەرياسى قاتارلىق چوڭ - كىچىك دەريادىن 50 نەچچىسى، چوڭ - كىچىك كۆلدى 69 سى بار. بۇنىڭ ئىچىدە تارىم دەرياسى ئېلىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى، باغراش كۆلى ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى ھېسابلىنىدۇ. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 10 مىليارد 120 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 2 مىليون 980 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن ئاساسلىقى ياۋا قوتاز، زاڭزۇا ياۋا ئېشىكى، زاڭزۇ بۆجىنى، يىلپىز، ئارقار، ئاققۇ قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن ئاساسلىقى توغراق، يۇلغۇن، شامشاد، يىڭنە يوپۇرماقلىق قارىغاي، قارلەيلىسى، سوغىگۈل قاتارلىقلار بار. ئاساسلىقى نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، تۆمۈر، مانگان، سىنك، ئالتۇن قاتارلىق 56 خىل قېزىلما بايلىق بايقالدى. بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كىلىماتىدا پەرق ناھايىتى چوڭ. چوڭ - كىچىك يۇلتۇز ئويمانلىقى (بايىنبۇلاق) ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ ئىقلىمى 2 - دەرىجىلىك سوغۇق بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى - 4.5℃ ، تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغاندا 28.0℃قا چىقىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا - 46.6℃ قا چۈشىدۇ. قىروسىز مەزگىلى 18 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 250 - 500 مىللىمېتىر. قاراشەھەر ئويمانلىقى ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 6.2℃ - 7.8℃ بولىدۇ. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 39.2℃. ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 35.2℃ بولىدۇ. قىروسىز مەزگىلى 170 - 190 كۈن بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 50 - 80 مىللىمېتىر بولىدۇ. تارىم ئويمانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تۈزلەڭلىكلەرنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.5℃ ～ 10.1℃، تېمپېراتۇران ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 43.6℃ قا چىقىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا - 30.9℃ قا چۈشىدۇ. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4000℃ دىن يۇقىرى بولىدۇ. قىروسىز مەزگىلى 210 ～ 240 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 25 ～ 50 مىللىمېتىر. بۇ ئوبلاستتا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. 109 مىڭ 700 گېكتار ( 1 مىليون 645 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 10 مىليون 666 مىڭ 300 گېكتار (160 مىليون مو) ئوتلاق بار. يەنە 2 مىليون 906 مىڭ گېكتار (43 مىليون 590 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، شال، كۆممىقوناق، پاختا، قىزىلچا، ياغلىقدان، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىدا قوي بىلەن كالىنى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتىدىن ئاساسلىقى نېفىت، ماشىنسازلىق، ئېلېكترون، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، توقۇمىچىلىق، قەغەزچىلىك، يېمەكلىك كەسىپلىرى بار. باينغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى بىرقەدەر ياخشى. جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، كورلا شەھىرى جەنۇبىي شىنجاڭغا بارىدىغان يولوچىلار، توشۇلىدىغان يۈكلەر توپلىشىدىغان، تارقىلىدىغان مەركەزگە ئايلاندى. تاشيوللار تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان بولۇپ، دۆلەت تاشيولىدىن 5 ى ئوبلاست تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. كورلا، چەرچەن ئايرودورمىدا ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان ھاۋا لىنىيىسى ئېچىلدى. ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى كورلىنىڭ تېلېفون تورىغا كىرگۈزلۈلدى ھەمدە سىمسىز چاقىرىش ۋە كۆچمە تېلېفون يولغا قويۇلۇپ، پروگراممىلىق ئالماشتۇرۇش ۋە مىكرو دولقۇنلۇق، ئوپتىكىلىق يەتكۈزۈش ئاساس قىلىنغان كۆپ ۋاستىلىك زامانىۋى خەۋەرلىشىش تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.

بۇ ئوبلاستنىڭ ئاساسلىق مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن كىروران خارابىسى، بالونتاي بۆتخانىسى، شىكشىن مىڭ ئۆيى، بۇغداچىن قەدىمكى شەھىرى، چاپغا جىلغىسى قەدىمىي قەبرىستانلىقى، تۈرغۈت تور خارابىسى، باش ئەگىم قاتارلىقلار بار. ئاساسلىقى تەبىئىي مەنزىرىلىك جايلاردىن بايىنبۇلاق يايلىقى،  ئاققۇ كۆلى، تىيانشان تاش ئويمانلىقى، خوتۇنسالا شارقىراتمىسى، كۈنەس دەرياسى جىلغىسى، باغراش كۆلى، تەكلىماكان قۇملۇقى ۋە مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ تەبىئىي قوغداش رايونى ئالتۇن تاغ تەبىئىي قوغداش رايونى قاتارلىقلار بار.




#Article 203: بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى (719 words)


بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بولسا شىنجاڭ دىكىبىخاھار 2000 نوپۇس بار، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 424،300 نوپۇسىبار، 27،000 كۇۋادىرات كىلومەتىر دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاخكان، خىمالىكاڭ لىك 47.52°، خارىكى ئۇزۇنلۇك 88°07.

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. شەرقىي تاراباغاتاي ۋىلايىتىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇبىي ئىلى ۋىلايىتىگە تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇقلۇقى 380 كىلومېتىر) شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 315 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 136 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 24 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر. ئوبلاستقا بىر شەھەر، ئىككى ناھىيە (يەنى بورتالا شەھىرى، جىڭ ناھىيىسى، ئارشاڭ ناھىيىسى) قارايدۇ. ئوبلاستتا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 5 - شىسى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق 11 تۇەن - مەيدان بار. ئوبلاست مەركىزى بورتالا شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 528 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 374 مىڭ 500. بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇللار 7.01% نى، ئۇيغۇرلار 13.16% نى، خەنزۇلار 65.41% نى، باشقا مىللەتلەر 14.42% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئوبلاستىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى: غەربىي ئېگىز، شەرقى پەس بولۇپ، شىمالىي، غەربىي جەنۇبىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ. نۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق يەر 53% نى، تۈزلەڭلىك 43% نى، كۆل 4% نى ئىگىلەيدۇ. ئاساسلىق دەريالاردىن ئارشاڭ دەرياسى، ئۆتۈگسەر دەرياسى، بورتالا دەرياسى، داخەنزە دەرياسى، جىڭ دەرياسى، كۈيتۈن دەرياسى قاتارلىقلار بار. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى مىقدارى ئىككى مىليارد 353 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 948 كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاساسلىقى قاڭشارلىق بۆكەن، قارا تايغان بۇغا، ئۇلار، شىنجاڭ شىمال سەمەندىرى قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن ئاساسلىق سوغىگۈل، توشقان زەدىكى، چاكاندا، قارلەيلىسى قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن ئاساسلىقى نېفىت، تۇز، گلائۇبېر تۇزى، گرانىت، پېرلىيىت، ۋولفىرام، قەلەي، مىس، ئالتۇن، تۆمۈر، مولىبدىن، فوسفور، ھاك تېشى قاتارلىقلار بار. بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق، يېرىم قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 3.7℃ ～ 8.3℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 44.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 36.4℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2700 ～ 2870 سائەت. قىروسىز مەزگىلى 140 ～ 175 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 90 ～ 002 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1550 ～ 3400 مىللىمېتىر. ئالاتاۋ ئېغىزى داڭلىق شامال ئېغىزى بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئۈنۈملۈك شامال ئېنېرگىيىسى ھەركۋادرات مېتىر يەرنىڭ 2000 ～ 3200 كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاست دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. ھازىر 63 مىڭ 800 گېكتار (957 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 198 مىڭ گېكتار (2 مىليون 970 مىڭ مو) ئورمانلىق، بىر مىليون 697 مىڭ 300 گېكتار (25 مىليون 460 مىڭ مو) ئوتلاق بار، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 56 مىڭ 700 گېكتار (850 مىڭ مو) قاقاس يەر، ئورمان بىنا قىلىشقا باب كېلىدىغان 22 مىڭ 200 گېكتار (333 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، سېرىق پۇرچاق، كېۋەز، ياغلىقدان، تاۋۇز گازىرى، ئالقۇت، مېۋە - چېۋە ۋە كۆكتات قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئالقاتنىڭ دۆلەت ئىچىدە خېلىلا داڭقى بار. چارۋىچىلىقتا قوينى ئاساس قىلىدۇ. شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى چىقىدىغان بازىلارنىڭ بىرى. سانائىتىدىن ئاساسلىقى پاختا توقۇمچىلىق، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، شېكەر، خىمىيە سانائىتى قاتارلىقلار بار. بوتارلا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ غەربىي بۆلىكى ۋە دۆلەت تاشيولىنڭ 312 - لىنيىسى ئوبلاستنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزىلارنىڭ يوللىرى پۈتۈنلەي ئاسفالىتلاشتۇرۇلدى. پروگراممىلىق تېلېفون ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، يەتكۈزۈش سېفىرلاشتۇرۇلدى. سىمسىز چاقىرغۇ ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ ئوبلاستقا جايلاشقان ئالاتاۋ ئېغىزى دۆلەتنىڭ تۆمۈر يولمۇ ۋە تاشيولمۇ ئۆتىدىغان بىرىنچى خىل چېگرا ئېغىزى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، شۇنىڭدەك شەرقىي ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن سودا قىلىشىدىكى مۇھىم يولنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى جايلار غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە ئۇيسۇن دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. غەربىي خەن سۇلالىسى شېنجۆنىڭ 2 - يىلى (مىلادىن ئىلگىرى 60 - يىلى) غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن. شەرقىي خەن سۇلالىسىدىن جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىگىچە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئۇيسۇن ياپبانلارنىڭ چارۋا باقىدىغان يېرى بولغان. تاڭ سۇلالىسى جىنگۇەن 23 - يىلى (649 - يىل) ۋە شيەنچىڭ 3 - يىلى (658 - يىلى) ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ياۋچى تۇتۇق مەھكىمىسى ۋە ئىككى ئۆگۈز تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ، ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئالمالىق ۋاقىتلىق نازارىتىگە قارىغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيرات قەبىلىسىنىڭ چارۋا باقىدىغان يېرى بولغان. مىنگونىڭ 9 - يىلى (1920 - يىلى) بورتالا ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ، ئىلى ۋالى مەھكىمىسىگە قارىغان. 4195 - يىلى 7 - ئايدا ئىلى ۋىلايىتىدىن جىڭ، بورتالا، ئارشاڭ ناھىيىلىرى ئايرىلىپ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قىلىپ قۇرۇلغان. 1955 - يىلى 2 - ئايدا بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى دەپ ئاتالغان.

بۇ ئوبلاستنىڭ ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ئەنخۇ قەلئەسى خارابىسى، قەدىمكى تاشقا ئويۇلغان رەسىملەر، ئۇيسۇن قەبرىستانلىقى قاتارلىقلار بار. مەشھۇر مەنزىرلىك جايلاردىن سايرام كۆلى، قويتاش ۋە ئارشاڭ ساناتورىيىسى قاتارلىقلار بار.




#Article 204: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى (713 words)


سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى‎ بولسا شىنجاڭ دىكىبىخاھار 2002 نوپۇس بار، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى‎نىڭ 1،503،097 نوپۇسىبار، 77،129 كۇۋادىرات كىلومەتىر دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاخكان، خىمالىكاڭ لىك 44.01°، خارىكى ئۇزۇنلۇك 87°19.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى     سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىغا، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. شەرقتە قۇمۇل ۋىليىتى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبتا ئۈرۈمچى شەھىرى، تۇرپان ۋىلايىتى، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، غەربتە شىخەنزە شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالدا ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن، شەرقىي شىمالىدا موڭغۇلىيە بىلەن (چېگرالىنىيىسى 193 كىلومېتىر كېلىدۇ) تۇتىشىدۇ. شەرقىتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 541 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 285 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 77 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر. ئوبلاست مەركىزىي بولغان سانجى شەھىرى ئۈرۈمچى شەھىرىگە 35 كىلومېتىر كېلىدۇ. تەۋەسىدە ئۈچ شەھەر، بەش ناھىيە(يەنى سانجى شەھىرى، مىچۈەن شەھىرى، قۇتۇبى ناھىيىسى، ماناس ناھىيىسى، گۇچۇڭ ناھىيىسى، فۇكاڭ ناھىيىسى، فۇكاڭ شەھىرى، جىمسار ناھىيىسى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى بار. ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ يېزا ئىگىلىك 6 - شى شتابى ۋە يېزا ئىگىلىك، 6 -، 8 - شىسىنىڭ 24 تۇەنى جايلاشقان.    

يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس بولۇپ، تاغلىق  %22.7، تۈزلەڭلىك  %25.3، قۇملۇق، چۆللۈك % 52 نى ئىگىلەيدۇ. ئاساسلىق دەرياللاردىن ماناس دەرياسى، تاش دەرياسى، قۇتۇبى دەرياسى، سەنتۈن دەرياسى، تۇدۇنخې دەرياسى، كەيكىن دەرياسى، مورى دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 3 مىليارد 285 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 1 مىليارد 723 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى يىلپىز، ياۋا ئات، ياۋا ئېشەك، سايگاڭ بۆكىنى، تاغ ئۆچكىسى، ئارقار، قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى سۇغىگۈل، قان تېپەر، پەربۇن، قارلەيلىسى قاتارلىقلار بار. بايقالغان كان بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى كۆمۈر، خرۇستال، نېفىت، تەبىئىي گاز، ھاك، مىس، ئالتۇن، قاشتېشى قاتارلىق 40 نەچچە خىل بايلىق بار، بۇنىڭ ئىچىدە كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گازنىڭ زاپاس مىقدارى مولراق. ئېنىقلانغان زاپاس كۆمۈر مىقدارى 30 مىليارد 800 مىليون توننىغا يېتىدۇ. كۆيۈك تاغ، بېيىسەنتەي، ماجۇاڭ سەينەن قاتارلىق 10 نېفىتلىك بايقالدى.   سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ رايونلار ئارا تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭراق. جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە تاغ بەلۋاغلىرى مۆتىدىل قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا تاغ بەلۋاغلىرى سوغاق. ئسسىق بەلۋاغ ئاسىيا نەم كىلىمات رايونىغا كىرىدۇ. تاغلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرىچە يىللىق تېمپېراتۇرىسى ℃9 ～ ℃7.0 ، ئەڭ يوقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃43.5 ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  ℃42.6  يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن چۈشۈش ۋاقتى  2600  ～ 3200 سائەت، ℃10  يىغىلما تېمپېراتۇرىسى ℃1200 ～  ℃3500، قىروسىز مەزگىلى 180 ～97 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى تاغلىق رايونلارنىڭ 500 مىللىمېتىردىن كۆپرەك، تۈزلەڭلىكلەرنىڭ 300 ～ 120 مىللىمېتىرغىچە؛ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2300 ～ 1400 مىللىمېتىر.   بۇ ئوبلاستنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىرقى تېرىلغۇ يېرى 286 مىڭ 900 گېكتار (4 مىليون 330 مىڭ 500 مو)، ئورمىنى 2 مىليون 238 مىڭ گېكتار (33 مىليون 570 مىڭ مو)، يايلىقى 5 مىليون 780 مىڭ گېكتار (86 مىليون 700 مو) يەنە دېھقانچىلىق قىلغىلى بولىدىغان 61 مىڭ 400 گېكتار بوز يەر (921 مىڭ مو) بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، شال، كۆممىقۇناق، كېپەز، قىزىلچا، پۇرچاق، مايلىقدان، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىلاردىن كالا، قوي ئاساس ئورۇندا تۇرىدۇ. سانائەتنىڭ تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز، ئېنېرگىيە، يېمەكلىك ۋە يەم - خەشەك پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، ماشىنىسازلىق - ئېلېكترون، بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق تۈرلەردىكى زامانىۋى سانائەت دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە تۇنخى سېمونتى، شىنشۇ باتارىيىسى، سەنتەي ئاق ھارىقى، تەڭرىتاغ گۈڭگۈرتلۈك ئىشقارى، تەڭرىتاغ ئۇنى قاتارلىق بىر تۈركۈم سانائەت مەھسۇلاتلىرى دۆلەت، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەلا مەھسۇلات ياكى داڭلىق مەھسۇلات دېگەن نامغا ئېرىشتى.   سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى بۇ قەدەر ياخشى. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ غەربىي بۆلىكى ۋە 312 -، 621 - دۆلەت يولى بۇ ئوبلاستىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، يولوچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ ناھىيە، يېزا، كەنتلەرنى قاپلاش نىسبىتى %98 كە يېتىدۇ. ئوبلاسىت مەركىزىي سانجى شەھىرى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىغا 18 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاسىيا - ياۋروپا نۇر كابىلى بۇ ئوبلاستىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. پروگراممىلىق تېلېفون ، كۆچمە خەۋەرلىشىش، گۇرۇپپىلاشتۇرۇپ ئالماشتۇرۇلىدىغان سانلىق خەۋەرلىشىش قاتارلىقلار كەينى - كەينىدىن ئشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئوبلاست بويىچە تېلېفون ئالماشتۇرۇش پروگراممىلاشتى، يەتكۈزۈش نۇر كابىللاشتى. مەزكۇر ئوبلاستىغا جايلاشقان پەسىللىك ئېغىز - ئۇلاستاي ئېغىزى شىنجاڭنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن سودا قىلىدىغان مۇھىم ئېغىزلاردىن بىرى. مەزكۇر ئوبلاستنىڭ ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بېشبالىق قورۇقچىلىق مەھكىمىسى خارابىسى، شىداسى مەسچىتى خارابىسى، قۇتۇبىدىكى تاش دەرۋازا قىيا تاش رەسىملىرى رەسىملىرى توپى قاتارلىقلار بار. ئاساسلىق مەشھۇر سەيلىگاھلىرىدىن ئېگىز تاغدىكى كۆل - بوغدا كۆلى، سىلىكون دىئولىسى ئورمىنى، ۋۇسەيۋەن ئالۋاستى شەھىرى، جىمىسار ياۋا ئاتنى سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىش - كۆپەيتىش فېرمىسى قاتارلىقلار بار.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە جېگو، بىلو قاتارلىق 13 دۆلەتنىڭ يېرى، شۇنىڭدەك ئۇيسۇنلارنىڭ شەرقىي  چېگرىسى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق قۇرۇلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە جۇڭغارلارنىڭ يايلىقى بولغان. شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قارىغان.




#Article 205: قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى (463 words)


قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Qizilsu Qirghiz Aptonom Oblasti)بولسا شىنجاڭ دىكى بىر ئاپتونوم ئوبلاست، غەربىدىكى پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرق تەرىپى ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن، جەنۇب تەرىپى قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەرب ۋە غەربىي شىمال تەرىپى ئايرىم  ئايرىم ھالدا تاجىكىستان، قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مىڭ 154  كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى  500 نەچچە كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى  140 نەچچە كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى  67 مىڭ  300 كۋادرات كىلومېتىر. ئوبلاست مەركىزىي ئاتۇش شەھىرى، شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر مىڭ  428 كىلومېتىر.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قارمىقىدا 1 شەھەر ۋە 3 ناھىيە بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھات:

يەر تۈزۈلۈشى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، تاغلىق رايون  90% تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. قىزىلسۇ دەرياسى، توشقان دەرياسى، بوغاز دەرياسى، چاقماق دەرياسى، گەز دەرياسى قاتارلىق ئالتە چوڭ سۇ سىستېمىسى بار، يەر ئۈستى بايلىقى ئالتە مىليارد  250 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى  552 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاسلىقى يىلپىز، غولجا (ئارقار)، ئۇلار قاتارلىقلار با. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئاساسلىقى كۆمۈر، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، مانگان، خروم، قوغۇشۇن، سىنك، قەلەي، نىكېل، كۇبالىت، ۋۇلفىرام، مولىبدېن، ۋانادىي، تىتان، لىتىي، بېرىللىي، نىئوبىي، تانتال، ستررونتسىي،  ئۇران قاتارلىقلار بار.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  6.2℃ - 12.9℃؛ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  41.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 32.4℃. تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2750  سائەتتىن 3000 سائەتكىچە.  10℃جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى  4000℃ تىن كۆپرەك. قىروسىز مەزگىلى  260 كۈن ئەتراپىدا، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى تاغلىق رايونلىرىنىڭ  120 - 260 مىللىمېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ  60 - 120 مىللىمېتىر؛ سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2400 - 3200 مىللىمېتىر.

ئوبلاستىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شارائىتى بىرقەدەر ياخشى. ھازىر بار تېرىلغۇ يەر كۆلىمى  40 نەچچە مىڭ گېكتار ( 600 مىڭ مو)، ئورمان كۆلىمى  577 مىڭ  600 گېكتار (سەككىز مىليون 664 مىڭ مو)، وتلاق كۆلىمى ئۈچ مىليون  400 مىڭ گېكتار (51 مىليون مو). ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، شال، كېۋەز، كۆممىقوناق، مايلىق دان، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. ئەنجۈر، ئانار ۋە موناقى ئۈزۈمى ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاساسلىق چارۋىسىدىن قوي، قوتاز، كالا، ئات قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئاساسلىقى كان قېزىش،  ئېلېكتر ئېنېرگىيە، ئاشلىق -  ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. دۆلەت تاشيولىنىڭ 314  - لىنىيىسى ئوبلاستىنى كېسىپ ئۆتۈپ، جەنۇبتا قەشقەر شەھىرىگە، شىمالدا ئاقسۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىگە بارىدۇ. پروگراممىلىق تېلېفون، كۆچمە تېلېفون، گۇرۇپپىلاشتۇرۇلغان كومېتاتور سىفىرلىق ئالاقىلىشىش قاتارلىق ئالاقە ئۈسكۈنلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، ئوبلاستنىڭ شىمالىي چېگرىسىغا جايلاشقان. قىرغىزىستانغا ئېچىۋېتىلگەن تورغات ئېغىزى دۆلەتنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك سودا ئېغىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئوبلاستنىڭ ساياھەت بايلىقى ناھايىتى مول. ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ۋە تەبىئىي داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان داڭلىق ئۈچ مىراۋان غارى، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازارى، سۇلى دۆلىتى ۋە قارا خانىيلار پادىشاھلىقى ئوردىسى خارابىسى، گەزئۆتەڭ خارابىسى، قاراكۆل، بۇلۇڭ كۆل، مۇزتاغ چوققىسى (كونىلار مۇزتاغ ئاتىسى دەپ ئاتىغان)، قوڭۇر چوققىسى (كونىلار مۇزتاغ مەلىكىسى دەپ ئاتىغان) قاتارلىقلار بار.




#Article 206: ئالتاي ۋىلايىتى (795 words)


ئالتاي ۋىلايىتى بولسا شىنجاڭ دىكىبىخاھار 2000 نوپۇس بار، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ 561،667 نوپۇسىبار، 118،015 كۇۋادىرات كىلومەتىر دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاخكان، خىمالىكاڭ لىك 47.50°، خارىكى ئۇزۇنلۇك 88°08.

ئالتاي ۋىلايىتى شىنجاڭ رايونىنىڭ شىمالىي قىسىمىغا، ئالتاي تېغىنىڭ غەربىي جەنۇب ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق، غەرب، شىمال تەرىپى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قازاقىستان، روسىيە، موڭغۇلىيە بىەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1109 كىلومېتىر). جەنۇب تەرىپى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 420 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 467 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 116 مىڭ 200 كۋادرات كىلومېتىر. ئالتاي ۋىلايىتىگە 1 شەھەر، 6 ناھىيە (يەنى ئالتاي شەھىرى، بۇرجىن ناھىيىسى، بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى، كۆكتوقاي ناھىيىسى، قابا ناھىيىسى، چېڭگىل ناھىيىسى، جىمىنەي ناھىيىسى) قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 10 - شىسىنىڭ 9 تۇەن - مەيدانى بار. مەمۇرىي مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي، ئالتاي شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 675 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 542 مىڭ 900، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 51.0%  نى، ئۇيغۇرلار 1.87% نى، خەنزۇلار  41.74% نى، باشقا مىللەتلەر  5.39% نى تەشكىل قىلىدۇ.      يەر تۈزۈلۈشى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، شەرقىي شىمال تەرىپى ئېگىز، غەربىي جەنۇب تەرىپى پەس. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق 93% نى، قۇملۇق 7% نى، تۈزلەڭلىك 45% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئىككى چوڭ كۆل (داڭلىق ئۇلۇڭگۈر كۆلى، كۆلىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 745 كۋادرات كىلومېتىر ۋە 45 كۋادرات كىلومېتىر) بار. چوڭ سۇ سىستېمىسى (ئېرتىش دەرياسى، ئۇلۇڭگۈر دەرياسى) بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 10 مىليارد 760 مىليون  كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر يىلپىز،قۇندۇز، سۆسۈن بۇلغۇن، ياۋا ئېشەك، بۇغا، قانداغاي، ئاققۇ قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈكتىن چۈچۈكبۇيا، پەربۇت، چاكاندا، توشقان زەردىكى، قۇرۇتئوت قاتارلىقلار بار. ئاساسلىق قېزىلما بايلىقلىرىدىن 42 خىلى بايقالدى، ئۇ ئېلىمىزدىكى گرانىت بېگماتىن تىپىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان مېتال، رەڭلىك مېتال، قىممەت باھالىق مېتال ۋە ياقۇت، قاش تېشى چىقىدىغا مۇھىم رايون.   ئالتاي ۋىلايىتىدە تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ، تاغلىق رايونلار تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغ، ئىككىنچى دەرىجىلىك سوغۇق بەلۋاغ ئىقلىمى، سوغۇق بەلۋاغ ئىككىنچى دەرىجىلىك قۇرغاق، ئىككىنچى دەرىجىلىك مۆتىدىل، نەملىك ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شىمالىدىكى تۈزلەڭلىك رايونلار مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى - 4.3℃ ～ 0.2℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 51.5℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  3150 ～ 2800 سائەت، قىروسىز مەزگىل 150 ～ 70 كۈن. ۋادىسى ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى تاغلىق رايوندا  600 ～ 200 مىللىمېتىر، دەريا ۋادىسى ۋە ئويمانلىقتا  170 ～ 120 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2300 ～ 1500 مىللىمېتىر.   ئالتاي چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنىپ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن ۋىلايەت. ھازىر 118 مىڭ گېكتار (1 مىليون 770 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 1 مىليون 66 مىڭ 700 گېكتار (16 مىليون مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغا قاقاس يەر، 577 مىڭ 300 گېكتار (8 مىليون 660 مىڭ مو) ئورمانلىق، 064 مىڭ گېكتار (9 مىليون 600 مىڭ مو) ئورمان بىنا قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر، 10 مىليون 666 مىڭ گېكتار 700 گېكتار (160 مىليون مو) ئوتلاق بار.ل چارۋىچىلىقتا يايلاقتا بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. ئۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىم گۆش ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ئالتاينىڭ چوڭ قۇيرۇقلۇق قوي ئاساسلىق چارۋا ھېسابلىنىدۇ. بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىمۇ ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈككە ئىگە. شۇڭا ۋىلايەت يەنە ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىم سۇ مەھسۇلالتىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، كۆممىقوناق، ھەرخىل پۇرچاق، قىزىلچا بار. سانائىتىدىن كانچىلىق، خرومچىلىق، يۇڭ توقۇمىچىلىق، گۆش پىششىقلاپ ئىشلەش، ئاشلىق پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئاساسى مۇئەسسەسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 216 - لىيىسى ئالتايدىن باشلىنىدۇ، ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتۇشۇپ كەتكەن. ئالتاي ئايرودورمىدىن قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۈرۈمچىگە قاتناپ تۇرىدۇ. ۋىلايەت، ناھىيىلەردە پروگراممىلىق تېلېفون يولغا قويۇلدى، ئوپتىكىلىق، سانلىق مىكرولۇق،كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق زامانىۋى خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرى كەينى - كەينىدىن ئىشلىتىلدى. بۇ ۋىلايەتنىڭ تايكەشكېن، قىزىلتاغ ئېغىزى دېگەن ئىككى چېگرا ئېغىزى موڭغۇلىيىگە، جىمىنەي، ئاختۆبېك دېگەن ئىككى چېگرا ئېغىزى قازاقسىتانغا ئېچىۋېتىلدى.   ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن قىياتاش رەسىملىرى كارىدورى، شەمىرشەك قەبرىستانلىقى، يايلاق تاش ھەيكىلى قاتارلىقلار بار. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن قاناس كۆلى مەزىرىسى مۇھاپىزەت رايونى، تاڭبالى كۆلى، بۇرۇلتوقاي ئارشاڭ تېغى ئارشىڭى قاتارلىقلار بار.

ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قاراشلىق جايلار شەرقى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە شىمالىي ھونلار قويان خانلىقىنىڭ سۇيۇرغانلىق يېرى بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئالتۇنتاغ قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. غەربىي لىياۋ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي قىسىم بازا مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ ئۈستۈن ئاستانە دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئوگداي خابا ۋەئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى بولغان ۋە بېشبالىق ۋاقىتلىق دىۋان ۋازارىتىگە قارىغان. كېيىن لىڭبېي ۋاقىتلىق ۋازارىتىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئالتاي ئورانغاي مۇئاۋىن باش بۇغې، باش بۇغى قاتارلىق ئەمەلدارلار قويۇلغان. قۇمدۇ مەسلىھەتچى ئامبالغا قاراپ، ئۇلاستاي چېگرىنى تىنچلاندۇرغۇچى سول قانات مۇئاۋىن سانغۇنىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈ 32 - يىلى (1906 - يىلى) ئالتاي خان ئامبىلى قويۇلۇپ، بىۋاسىتە چىڭ ئوردىسى ۋالىيلار مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئالاھىدە رايون قىلىپ، بېيجىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە قارىغان. مىنگونىڭ 8 - يىلى (1919 - يىلى) شىنجاڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئاشەن دوتەي مەھكمىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 22 - يىلى (1933 - يىلى) ئاشەن مەمۇرىي رايونى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. مىنگونىڭ 34 - يىلى (1945 - يىلى) ئالتاي مەمۇرىي مەھكىمسى قۇرۇلغان. مىنگونىڭ 35 - يىلى (1946 - يىلى) ئاشەن مەمۇرىي رايونى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. جۇڭخۇدا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاشەن ۋالىي مەھكىمىسى، ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئالتاي ۋىلايىتى دەپ ئاتالغان.




#Article 207: خوتەن ۋىلايىتى (2411 words)


خوتەن ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچىدىكى بىر ۋىلايەت بولۇپ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبى ئېتەكلىرىگە، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالى باغرىغاجايلاشقان.ئومۇمىي يەر مەيدانى 247 مىڭ  900 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدار بىر شەھەر،. يەتتە ناھىيە خوتەن شەھىرى، گۇما ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى، خوتەن ناھىيىسى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى، كېرىيە ناھىيىسى، نىيە ناھىيىسى بار.ئومۇمى نوپۇسى 2 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئومۇمى نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.

خوتەن ۋىلايىتى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي جەنۇب تەرىپى كەشمىر (ھىندىستاننىڭ ئەمەللىي كونتروللىقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ. چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 200 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن  670  كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن 600 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 247 مىڭ  900 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدار بىر شەھەر،. يەتتە ناھىيە (خوتەن شەھىرى، گۇما ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى، خوتەن ناھىيىسى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى، كېرىيە ناھىيىسى، نىيە ناھىيىسى) بار. تەۋەسىدە ئشلەپچىقىرىش  -  قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خوتەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بار. مەمۇرىي مەھكىمە جايلاشقان خوتەن شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  1520 كىلومېتىر.  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى بىر مىليون  504 مىڭ  800 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  97.4%  نى، خەنزۇلار 2.66% نى، باشقا مىللەتلەر  0.2% نى تەشكىل قىلىدۇ.

جەنۇبىي ئېگىز، شىمالى پەس، غەربىي ئېگىز، شەرقىي پەس. بۇ تاغلىق رايون  33.3% نى، چۆل - چەزىرە  63% نى، بوستانلىقلار  3.7% نى ئىگىلەيدۇ.  36 چوڭ - كىچىك دەرياسى، 58 بۇلىقى بار. يەر ئاستى سۇ بايلىقى سەككىز مىليارد  770 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى ئۈچ مىليارد  246 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، تىبەت قۇلۇنى، قوتاز، تىبەت بۆكىنى، ئارقار، ياۋا تۆگە، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توشقان زەدىكى، قانتېپەر، قارلەيلىسى، رەۋەن قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، كۆمۈر، ئالتۇن، تۆمۈر، تانتال، لىتىي، پېرىللىي، سىندىي، نىئوبىي، سىڭىر تاش، ھاك تېشى، قاشتېشى قاتارلىقلار بار.

خوتەن ۋىلايىتىدە جەمئىي بىر شەھەر يەتتە ناھىيە بار بولۇپ، ئۇلار خوتەن شەھىرى، گۇما ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى، خوتەن ناھىيىسى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى، كېرىيە ناھىيىسى ۋە نىيە ناھىيىسىدىن ئىبارەت. 

خوتەن شەھىرىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى380مىڭ(2010-يىلىدىكى 6-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسى) بولۇپ، ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق قاتارلىق 13مىللەت ياشايدۇ.خوتەن شەھىرى يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن قاراقاش دەرياسىدىن ھاسىل بولغان تىنما تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، شەھەر مەركىزىدىن يۇرۇڭقاش دەرياسىغىچە بولغان ئارىلىق نەچچە كىلومىتېرلا كىلىدۇ. شەرقى تەرىپى لوپ ناھىيىسى بىلەن يۇرۇڭقاش دەرياسى ئارقىلىقلا ئايرىلىپ تۇرىدۇ، غەربى تەرىپى خوتەن ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ، قاراقاش ناھىيە بازىرى خوتەن شەھىرىنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقى 20كىلومىتېر كېلىدۇ. 

گۇما ناھىيىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، قاراقۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى خوتەن، قاراقاش ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى قاغىلىق ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى كەشمىر (ھىندسىتاننىڭ ئەمەلىي كونتروللۇقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 كىلومېتىر). شىمال تەرىپى مەكتى، مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى 41 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا ئىككى بازار، 13 يېزا، 197 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ.ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1596 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 202 مىڭ 400 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 97.69% نى، خەنزۇلار 1.44% نى، باشقا مىللەتلەر 0.87% نى تەشكىل قىلىدۇ

قاراقاش ناھىيىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە، شەرقىي تەرىپى خوتەن ناھىيىسى، لوپ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى گۇما ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى ئاۋات ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 319.5 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 45 ～ 5.112 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 23 مىڭ 100 كۋادىرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، 15 يېزا، 362 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. قاراقاشنىڭ يەر مايدانى 25،667 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ، جەنۇپ تەرىپى كوئىنلۇن تاغلىرىغا، شىمال تەرىپى تەكلىماكان قۇملۇقىغا تۇتىشىدۇ. 2010-يىلدىكى ستاتىستىكىغا ئاساسلاڭاندا ، ھازىر قاراقاش ناچىيىسىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 520،000بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئومۇمى نوپۇسنىڭ %98نى ئىگىلەيدۇ.

خوتەن ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا، قارا قۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى خوتەن شەھىرى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى دەريا ئارقىلىق قاراقاش ناھىيىسى، گۇما ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شەرقىي جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايون بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي جەنۇب تەرىپى كەشمىر (ھىندسىتاننىڭ ئەمەلىي كونتروللىقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ، (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 150 كىلومېتىر)، ئومۇمىي يەر مەيدانى 42 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېېتىر. قارمىقىدا بىر بازار، 11 يېزا، 214 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1520 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 231 مىڭ 600 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 99.42% نى، خەنزۇلار 0.46% نى، باشقا مىللەتلەر 0.21% نى تەشكىل قىلىدۇ.

لوپ ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى چىرا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب، شىمال تەرىپى خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى بىلەن دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شىمال تەرىپى ئاۋات ناھىيىسى، ئاقسۇ شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 337.5 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 45 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 13 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا ئىككى بازار، سەككىز يېزا، 238 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ.  ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1486 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 214 مىڭ 700، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 98.65% نى، خەنزۇلار 1.3% نى، باشقا مىللەتلەر 0.05% نى تەشكىل قىلىدۇ

چىرا ناھىيىسى كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبى چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى كېرىيە بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايون بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى لوپ ناھىيىسى، خوتەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى قۇملۇق ئارقىلىق ئاقسۇ شەھىرى، شايار ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 468 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 33 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، يەتتە يېزا، 124 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خوتەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر چارۋىچىلىقى فېرمىسى بارا. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 4131 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسىى 125 مىڭ 700 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 98.51% نى، خەنزۇلار 1.46% نى، باشقا مىللەتلەر 0.03% نى تەشكىل قىلىدۇ

كېرىيە ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى نىيە ناھىيىسىگە، غەرب تەرىپى چىرا ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايونىغا تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى شايار ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 471.7 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 122 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 39 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە ئىككى بازار، 13 يېزا، 168 ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1329 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 191 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 98.49% نى، خەنزۇلار 1.41% نى، باشقا مىلللەتلەر 0.1% نى تەشكىل قىلىدۇ.

نىيە ناھىيىسى كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى چەرچەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەر تەرىپى كېرىيە ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى شايار ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى 54 مىڭ 200 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، بەش يېزا، 32 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1215 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 30 مىڭ 500 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 90.86% نى، خەنزۇلار 9.01% نى، باشقا مىللەتلەر 0.13% نى تەشكىل قىلىدۇ.

خوتەن ۋىلايىتى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  10.4℃ ～ 12.2℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  43.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 28.9℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2400 - 2900 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4300℃ ～ 4100℃. قىروسىز مەزگىلى  210 ～ 024 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدرى 30 ～ 50 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2400 ～ 8002 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە قاقاس قۇم ئۇچۇش - بوران چىقىش ۋاقتى 30 ～ 25 كۈن. خوتەن ۋىلايىتى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 157 مىڭ گېكتار (ئىككى مىليون 365 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر،  263 مىڭ  300 گېكتار (ئۈچ  مىليون  950 مىڭ مو) تەبىئىي ئورمان،  94 مىڭ گېكتار (بىر مىليون  240 مىڭ مو) سۈنئىي ئورما، ئىككى مىليون  492 مىڭ  300 گېكتار ( 37  مىليون 391  مىڭ مو) ئوتلاق، 17 مىڭ  200 گېكتار (258 مىڭ مو) سۈنئىي ئوتلاق بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، ياغلىقدان ۋە ھۆل - قۇرۇق مېۋە - چېۋىلەر بار. چارۋىچىلىقى يايلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ ئايرىلىدۇ. دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، ئېشەك، تۆگە قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە خوتەن يېرىم ئىنچىكە يۇڭلۇق قويىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ. سانائىتىدىن ئاساسلىقى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، كۆمۈر سانائىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى، پاختا توقۇمىچىلىق، يىپەكچىلىك، گىلەمچىلىك، قاشتېشى ئويمىچىلىقى، ئاشلىق  - ماي ۋە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. 

يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە يىپەكچىلىك، گىلەمچىلىك ۋە قاشتېشى ئويمىچىلىقى خوتەننىڭ ئۈچ گۆھىرى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ  513 - لىنىيىسى تەۋەسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. تارىم قۇملۇق تاشيولىدا قاتناشنىڭ باشلىنىشى خوتەن بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى؛ ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان بولۇپ،  90% دىن كۆپرەكى ئاسفالىتلاشتۇرۇلۇپ بولدى. خوتەن ئايرودرومىغا چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولوچىلار ئايروپىلانى قونالايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۇچالايدۇ. ھەر ھەپتىدە قەرەللىك ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بار. يەتتە ناھىيە، بىر شەھەردىكى پروگراممىلىق تېلېفونلارنىڭ ھەممىسى مەملىكەتلىك ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوماتىك ئۇچۇر تورىغا كىرگۈزۈلدى. كۆچمە تېلېفون، چاقىرغۇ ئاپپاراتلىرى تەڭلا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

خوتەن ۋىلايىتى شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ،جەنۇبتا كوئىنلۇن تېغىدىن ھالقىپ،شىزاڭ شىمالي ئېگىزلىكى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرىقتە بايۇنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ ئىچكىرسىگە كىرىشىپ كىتىپ،ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ.غەرىبتە قەشقەر بىلەن ،غەربى جەنۇپتا قارا قۇرۇم تېغى ئارقىلىق ھىندىستان،پاكىستان بىلەن چىگىرلىنىدۇ،چىگرا لىنىيە ئۇزۇنلىقى 210كىلومېتىر،شەرقتىن غەربگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 670كىلومىتېر،جەنۇپتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن 600كىلومىتېر كىلىدۇ.ئۇمۇمى كۆلۈمى 247 مىڭ 800 كىۋادىرات كىلومېتىر،خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەيۋەتلىك كوئىنلۇن تېغى يايسىمان ھالەتتە شەرقتىن غەربكە كىسىپ ئۆتىدۇ.قاتمۇ-قات تاغ چوققىلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ،ئىنتايىن خەتەرلىك. كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالى يانتۇلۇققا قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ،جىلغىلىرى كۆپ،جەنۇب تەرىپى پەسرەك بولۇپ،بۆلۈنۈش دەرىجىسى يۇقىرى ئەمەس،تاغ تىزمىلىرى ئادەتتە دېڭىز يۈزىدىن 6000مىتېر ئەتراپىدا ئېگىز بولۇپ، ئەڭ ئېگىز يېرى 7000مىتېردىن ئاشىدۇ.ھاۋا كىلىماتىنىڭ قۇرغاق بولىشى سەۋەبىدىن قۇملۇق ئىگىزلىكى ئادەتتە 3300مىتېرغا،ئايرىم جايلىرىنىڭ 5000مىتېرغا يىتىدۇ.جەنۇب ۋە شىمالى ئېتىگىدىكى قار ئورنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 6000مىتېر ۋە 5500مىتېردىن يۇقىرى كىلىدۇ.كوئىنلۇن تېغى بىلەن قاراقۇرۇم تېغىنىڭ پاسىلىدا ئويمانلىق ھاسىل بولغان ،بۇنىڭدىن ھازىرقى تۇز كۆل ۋە شۇرلۇق،ساسلىق پەيدا بولۇپ،تاغلىق كۆل شەكىللەنگەن.تاغنىڭ شىمالى قىسمى چۆللۆك بولۇپ،دەريا ئېقىنلارنى بويلاپ يەلپۈگۈچسىمان شەكىلدىكى بوستانلىق ئۇزىراپ، بوستانلىق گىرۋەكلىرى تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن ئۇلىنىپ،بىۋاستە تارىم ئويمانلىقىنىڭ كىندىكىگىچە تۇتاشقان.مازا تاغدىكى قەدىمقى تاغ خارابە قالدۇقلىرى ھىلىھەم شىمالدىكى قۇملۇقنىڭ غەربى شىمالىدا مەۋجۇت بولۇپ،دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 430مىتېر كىلىدۇ.

خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە گويا، ئۇدۇن، كېرىيە، نىيە، روڭلۇ دۆلەتلىرىنىڭ يېرى بولغان. غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋەيسا تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇل ئەۋلادىدىن بولغان خانلارنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ  24  - يىلى (1759 - يىلى) خوتەن ئامبىلى قويۇلغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈنىڭ  9 - يىلى ( 1983 - يىلى) خوتەن بىۋاسىتە قاراشلىق ئايمىقى تەسىس قىلىنغان. قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگو  9 - يىلى ( 1920 - يىلى) خوتەن دوتەي مەھكىمىسىگە تەسىس قىلىنغان. كېيىن 7 - مەمۇرىي رايون دەپ ئۆزگەرتىلگەن.  مىنگو 32 - يىلى (1943 - يىلى) ۋالىي مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن.  1950 - يىلىنىڭ باشلىرىدا خوتەن ۋالىي مەھكىمىسى قۇرۇلغان.  1959 - يىلى خەنزۇچىدىكى 和 (خوتەن) دېگەن خەت 和田 دېگەن خەتكە ئۆزگەرتىلگەن.  1979 - يىلى خوتەن ۋىلايىتى قۇرۇلغان.

خوتەن ۋىلايىتىگە خوتەن شەھىرى،خوتەن ناھىيىسى،گۇما ناھىيىسى،قاراقاش ناھىيىسى،لوپ ناھىيىسى،چىرا ناھىيىسى،كېرىيە ناھىيىسى،نىيا ناھىيىسىدىن ئىبارەت 7 ناھىيە،1 شەھەر،89 يېزا-بازار،4 كۇچا ئىش بىجىرىش باشقارمىسى ،1383 مەمۇرىي كەنت،6232 كەنت مەھەللە گۇرۇپپىسى قارايدۇ.ۋىلايەت ئىچىدە يەنە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 14-دىۋىزىيسى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق نۇرى چارۋىچىلىق فىرمىسى،47-تۈەن مەيدانى،گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە 224-تۋەن مەيدان بار. تارىختىن بويان18 نەپەر ج ك پ خوتەن ۋىلايەتلىك كومىتېت شۇجىسى،13 نەپەر ۋالى ئۆتكەن،ھازىرقى ۋىلايەتلىك پارتكوم شۇجىسى يەن فىنشىن،مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىسى جۈرئەت ئىمىن

خوتەن ۋىلايىتى ياۋرۇپا، ئاسىيا چوڭ قۇرۇغلۇقىنڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان،پامىر ئېگىزلىكى بىلەن تەڭرىتاغلىرى تۇسۇپ تۇرغاچقا،غەربى،شىمالى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سىبىرىيە سۇغۇق ھاۋا كىلىماتى ئاسانلىقچە كىرەلمەيدۇ،جەنۇبى قىسمى كوئىنلۇن تېغى ۋە قاراقۇرۇم تاغلىرىغا تۇتاشقان بولۇپ،ھىندى ئوكياندىن كىلىدىغان نەملىك ۋە ئىسسىق ھاۋانى تۇسۇپ تۇرغاچقا،ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغنىڭ تىپىك قۇرغاق چۆل ئىقلىمىنى شەكىللەندۈرگەن،ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى: تۆت پەسىلنىڭ پەرقى  ئىنىق بولۇپ،يازدا قاتتىق ئىسسىق،قىشتا قاتتىق سۇغۇق بولىدۇ،ئەتىيازدا تىمپىرا تۇرىنىڭ ئۆرلىشى تىز ھەم تۇراقسىز بولغاچقا،دائىم ئەتىياز سۇغۇقى بولۇپ تۇرىدۇ.چاڭ-تۇزانلىق ھاۋا رايى كۆپ بولىدۇ.كۈزدە تىمپىراتۇرا تىز تۆۋەنلەيدۇ.پۈتۈن يىللىق ھۆل-يىغىن مىقدارى ئىنتايىن كەمچىل،قوياشنىڭ يۇرۇتۇشى يىتەرلىك،ئىسسىقلىق مىقدارى مول،قىرۇسىز مەزگىلى ئۇزۇن كىچە كۈندۈزلۈك پەرقى چوڭ.ھاۋا كىلىمات ئالاھىدىلىكى: ئەتىيازدا قۇم بوران كۆپ بولۇپ، ھاۋانى كۆپىنچە چاڭ تۇزان قاپلاپ تۇرىدۇ.ياز پەسىلىدە ھاۋا قاتتىق ئىسسىق ۋە قۇرغاق بولىدۇ.يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يىغىن مىقدارى 35مىللىمىتېر،يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2480مىللىمىتېر،تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە قۇم بوران كۆپ بولۇپ،ھەر يىلى قۇم بورانلىق ھاۋا رايى 220كۈندىن ئاشىدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە قويۇق چاڭ تۇزان(قۇم بوران)لىق ھاۋا رايى 60كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ.

خوتەننىڭ چاڭ- تۇزانلىق ھاۋارايى كۈن سانى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 2.5كۈن كۆپىيىدۇ،پۇتۇن يىلدا 1-،2-دەرىجىلىك ھاۋارايى كۆرۇلمەيدۇ،3-،4-دەرىجىلىك ھاۋارايى 28كۈن،5-دەرىجىلىك ھاۋارايى 300كۈن ئەتراپىدا بولۇپ،ئېيىغا ئوتتۇرىچە 124تونناكۇۋادىرات كىلومىتىر توپا ياغىدۇ.ۋىلايەتنىڭ دائىرىسى كەڭ،كۆلۈمى چوڭ بولۇپ،ئوخشاش بولمىغان يەر شەكلى شارائىتىدا،جانلىقلار ۋە كىلىمات پەرقى ئىنتايىن زور بولغاچقا،چوڭ جەھەتتىن جەنوبى رايۇن،بوستانلىق،تۈزلەڭلىك رايۇن،شىمالى قۇملۇق رايۇندىن ئىبارەت ئۈچ خىل كىلىمات تىپىغا ئايرىشقا بولىدۇ.

خوتەن ۋىلايىتى ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان كۆپ مىللەتلىك ۋىلايەت بولۇپ،ئۇيغۇر،خەنزۇ،خۇيزۇ،قازاق،قىرغىز،مانجۇ،موڭغۇل،زاڭزۇ،تۇجازۇ،ئۆزبەك قاتارلىق 22 مىللەت بار،ئاھالىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ،ۋىلايەتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليۇن 39 مىڭ 600 بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %96.4نى،خەنزۇلار %3.4نى،باشقا مىللەتلەر %0.2نى ئىگىلەيدۇ. يېزا ئىگىلىك 14- دىۋىزىيىسى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مۇھىم تەركىۋىي قىسمى بولۇپ،4 تۈەن (مەيدان) بار،ئومۇمىي نوپۇسى 36 مىڭ 700.

خوتەن ۋىلايىتى ئۆزىنىڭ ئۇزاق تارىخى جەريانىدا نۇرغۇنلىغان بايلىقلارنى بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن. ساياھەت بايلىقلىرى ئەنە شۇ بايلىقلار ئىچىدە بىزنىڭ كۆزىمىزگە ھەر ۋاقىت تاشلىنىپ تۇرىدىغان، خوتەننى پۈتۈن دۇنياغا تۇنۇشتۇرىدىغان ئابىدىلەردۇر. خوتەندە نۇرغۇنلىغان قەدىمىي خارىبىلىكلەر بار، بۇ خارابىلىكلەر ئىچىدە ئەندىر قەدىمىي خارابىلىكى، قەدىمىي نىيە خارابىلىكى قاتارلىقلار بار. ئۇندىن باشقا ھازىرقى دەۋىردە ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشىپ كېلىۋاتقان قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى، خوتەن كوئېنلۇن تېغى مەنزىرىسى، ماۋزېدۇڭ ئىزناكلىرى خاتىرە سارىيى، يامۇن يايلىقى ۋە مازار تاغ قەدىمى قەلئەسى قاتارلىق داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرىمۇ بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى بىلەن خەلىق تەرىپىدىن تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان يامۇن يايلىقى ھەر يىلى نەچچە مىڭلىغان ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ كەلمەكتە. يامۇن يايلىقى ناھىيە بازىرىدىن 160 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، نۇرى يېزىسىنىڭ سارلۇڭ كەنتىگە جايلاشقان، كۆلىمى 43 مىڭ مو، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3600 مېتىردىن 3700 مېتىرغىچە بولۇپ، يايلاقتا كوئىنلۇن ئەمىنى، كۈمۈش باشاق، ياۋا پىياز قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر بار. ھەر يىلى 6- ئايدىن 7- ئايغىچە بولغان تومۇز ياز مەزگىلىدە، يايلاققا بېرىپ ئىسسىقتىن ساقلىنىپ دەم ئالىدىغان ساياھەتچىلەر بىر قەدەر كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كوئېنلۇنغا يېقىنلاشقانسېرى «بىر كۈندە تۆت پەسىل، ھەر ئون چاقىرىمدا بىر خىل ھاۋا بولۇش» تەك ئاجايىپ تەسىرات بىرىدۇ. يامۇن يايلىقى ساياھەت قىلىش، ئېكىسكۇرسىيە قىلىش، كىنو- تېلىۋېزىيە فىلىملىرىگە ماتېرىيال توپلاش ۋە تاشقى كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىشتىكى ياخشى جاي.

　ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۆرۈنەرلىك تىز بولدى. دەسلەپكى ھىساۋاتقا ئاساسلانغاندا،2010- يىلى پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) 1 مىليارت 59 مىليۇن يۈەن بولۇپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %12.2 ئاشقان،بىرىنچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 3 مىليارت 376 مىليۇن يۈەن بولۇپ %4.9 ئاشقان،ئىككىنچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 1 مىليارت 920 مىليۇن يۈەن بولۇپ %17.2 ئاشقان،ئۈچىنچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 4 مىليارت 764 مىليۇن يۈەن بولۇپ %15.5 ئاشقان. بىرىنچى،ئىككىنچى،ئۈچىنچى كەسىپ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ۋىلايەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %33.6،%19.1،%47.3 بولغان. تۇرۇشلۇق نوپۇسنىڭ سانى بويىچە ھىساپلىغاندا،ۋىلايەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 5035 يۈەن بولۇپ %9.9 ئاشقان.

بازار باھاسى ئۆرلىگەن. نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا،2010- يىللىق ئاھالىلارنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرى باھاسى (CPI) ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.7 ئاشقان،8 خىل باھادىن قارىغاندا،«5تە ئۆسۈش،3تە تۆۋەنلەش» ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن،بۇنىڭ ئىچىدە باھا بىر قەدەر زور دەرىجىدە ئۆسكەنلىرى يىمەكلىك،ئولتۇراق،ھاراق-تاماكا،داۋالىنىش،ساقلىقنى ساقلاش،شەخسلەر تۇرمۇش بۇيۇملىرى،كىيىم-كېچەك تۈرىدىكىلەر بولۇپ،ئايرىم-ئايرىم ھالدا %13،%5،%5،%1.3،%0.6 بولغان،باھاسى بىر قەدەر تۆۋەنلىگەنلىرى كۆڭۈل ئېچىش،مائارىپ،مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ۋە مۇلازىمەت،قاتناش ۋە ئالاقە،ئائىلە سايمانلىرى ۋە رىمونتچىلىق مۇلازىمەت تۈرىدىكىلەر بولۇپ،ئايرىم-ئايرىم ھالدا %1.3،%0.3،%0.2 تۆۋەنلىگەن. يىمەكلىك تۈرى ئىچىدىكى سەي-كۆكتات،تۇخۇم،ماي،قۇرۇق مىۋە-چىۋە قاتارلىقلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بازار باھاسىنى ئۆرلەتكەن ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالغان،سانائەت بۇيۇملىرىنىڭ زاۋۇت باھاسى (PPI) %0.59 ئۆرلىگەن.

خوتەن ۋىلايىتىدە نۇرغۇنلىغان ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىۋاتقان مەكتەپلەر بار، بۇلارنىڭ ئىچىدا كىشىلەر تەرىپىدىن دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان ئىككى مەكتەپ بار بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومى ۋە خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى. ئۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان كەسپىي مەكتەپلەر بار بولۇپ، ئۇلار خوتەننىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك تۆھپىلىرىنى قوشماقتا.




#Article 208: مەۋلانا جالالىددىن رۇمى (1823 words)


مەۋلانا جالالىددىن رۇمى (1207 - 1273) سوفىستىك شائىر، ئىسلام دىنىنىڭ سوفىزم ئېقىمىنىڭ نەزەرىيەسىگە ئاساس سالغۇچى، دۇنياۋى مۇتەپەككۈر ۋە شائىر بولۇپ 1207-يىلى بەلخ (ھازىرقى ئافغانىستاندا) تە تۇغۇلغان. كېيىن ئائىلىسى بىلەن غەربكە كۆچۈپ، تەخمىنەن 1226-يىلى كىچىك ئاسىيادىكى سەلجۇق تۈركلىرىگە قاراشلىق كونيا شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان. ئاناتولىيە ئىلگىرى شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىگە قاراشلىق بولغاچقا ئەرەپلەر تەرىپىدىن رۇم دەپ ئاتىلاتتى. جالالىدىن رۇمىمۇ شۇنىڭ تەسىرىدە ئۆزى ياشىغان يۇرتنىڭ نامى بىلەن رۇمى دەپ ئاتالغان. جالالىدىن رۇمى 1230-يىلى دادىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، شۇ جايدا ئوقۇتقۇچى بولغان. سوفىزم پېشۋاسى شەمشىددىن تەبرىزى (؟ - 1247) نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىلمى تەتقىقاتتىن ۋاز كېچىپ تەسەۋۋۇپقا بېرىلگەن ۋە سىرلىقلاشتۇرمىچىلىقنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان. ئۆز ئەسەرلىرىنى پارىسچە يازغان. ئۇنىڭ ئاتاقلىق ئەسىرى 6 توملوق باياننامە داستان «مەسنەۋىي» (پەند - نەسىھەت) بىر قاتار مەسەل شېئىرىي چۆچەكلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، تەركى دۇنيالىق ۋە سىرلىقلاشتۇرمچىلىق كۆز قارىشىنى تەرغىپ قىلغان. بۇ ئەسەر كېيىن سوفىزمنىڭ «قۇرئان» ى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇستازى شەمشىددىنگە ئاتىغان لىرىك شېئىرلار توپلىمى قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. جالالىدىن رۇمى «ھەققە يەتكۈچە ئەقلىڭنى ئىشلەت، ھەققە يەتتىڭمۇ بولدى، ئەقلىڭنى تاشلاپ، تەقۋانى دوست تۇتۇپ پىكىرنى تەرك ئەت» دىگەن ئەقىدىنى قالدۇرۇپ ئۆزىدىن كېيىنكى سوپىزىم ئەقىدىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن ئاجايىپ دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە مۇتەپەككۈر بولغانلىقتىن ھۆرمەتلىنىپ مەۋلانە جالالىدىن رۇمى دەپ ئاتىلىدۇ.

 
  
جالالىدىن رۇمى پەلسەپىۋى ئىدىيىدە يېڭى ئەپلاتونىزمنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئىنسان يېتىشىدىغان ئالىي چەك ، يەنى ئاللا بىلەن پۈتۈنلەي قوشۇلۇپ كېتىش، دەپ قارىغان. جالالىددىن رۇمى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان ھەمدە مۇزىكىلىق ئۇسسۇلنى ئاساس قىلغان دىنىي مۇراسىمنى يارىتىپ، بۇ مۇراسىمنى مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن. كونيادا ئالەمدىن ئۆتكەن ھەمدە ئۆزى سالغان مەسچىتكە دەپنە قىلىنغان. ئىسلام دىنىدا ئەسلى تەۋھىد ئەقىدىسىنىڭ تەكىتلىنىشىگە ئەگىشىپ جالالىدىن رۇمىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى ئوبرازى ئاجىزلىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئۆتكۈر پىكىر ۋە ئاجايىپ تىل ئۇسلۇبى بىلەن يېزىلغان، ئىنسان قەدرى قىممىتى ۋە تەرىقەتنى كۈيلىگەن مەسنەۋىلىرى 19-ئەسىردىن كېيىن ياۋروپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ زور زىل-زىلە قوزغىغان ۋە ياۋروپا ئىرادىچىلىك، سېھرى رىيالىزىم ئېقىملىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان. ياۋروپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان شەرق ئەسەرلىرى ئىچىدە ئەڭ نوپۇزلۇق ھىساپلىنىدىغان «مەسنەۋى رۇمى» بۈگۈنكى كۈندىمۇ بازىرى ئىتتىك كىتاپ بولۇپ، دۇنيانىڭ نادىر مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

گەرچە جالالىدىن رۇمى بەلختە تۇغۇلغان بولسىمۇ ئەسەرلىرىنى شۇ دەۋردە مودا بولغان پارىس تىلىدا يازغانلىقتىن باشقىلار تەرپىدىن ئىرانلىق، پارىس دەپ تونۇلغان ئەمما بەلخ تۈركى تىللىقلارنىڭ قولىدا بولغان شۇ دەۋردىمۇ ۋە پارىس تىللىقلار كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغان ئافغانىستانغا تەۋە بولغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىزچىل تۈركى تىللىقلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر بولغاچقا ، تۈركىيە ئالىملىرى جالالىدىن رۇمىنىڭ ئىران نەسەبىدىن ئىكەنلىكىنى رەت قىلىدۇ. �
شۇ كۈنلەردە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قەدىمىي كونيا شەھىرىدە ئۆزگىچە بىر شادلىق ھۆكۈمران . كونيادا بۈيۈك مۇتەسسەۋۇف شائىر مەۋلانا جالالىدىن رۇمى ھەزرەتلىرى ۋاپاتىنىڭ 733يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرە مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلمەكتە. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن جالالىدىن رۇمى مەقبەرىسى، مەۋلانا جالالىدىن رۇمى مۇزېيى، مەدرىسىلەر، خانىقالاردا زىيارەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدۇ.
  

  
جالالىدىن رۇمى شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تەسەۋۋۇپ كۈي-نەغمىلىرى بويىچە 3-نۆۋەتلىك خەلقئارا فېستىۋال مېھمانلار ۋە كونيا پۇقرالىرىدا قالتىس گۈزەل تەسىرات-ئەسلىمىلەرنى قالدۇرماقتا. فېستىۋالغا ئەزەربەيجانلىق ھافىز ئالىم قاسىموۋ، ئۆزبېكىستان خەلق ھافىزى شىرئەلى جورايېۋ، داغىستاندىن ئەھمەد ئەھمەدوۋ ھەمدە ئىراندىن شەھرام نەزىرىي كەبى مەشھۇر تۈرك-ئەجەم سەنئەتكارلار ئىشتىراك قىلىپ كۈي-نەغمە پاساھىتىنى نامايان قىلماقتا ...
   

  
مەلۇمكى، 2007- يىل مەۋلانا جالالىدىن رۇمى ھەزرەتلىرى تۇغۇلغانلىقىغا 800يىل تولۇش مۇناسىۋىتىدە يۇنېسكو ( UNESKO) تەرىپىدىن «خەلقئارا جالالىدىن رۇمى يىلى» دەپ ئېلان قىلىنغان. كونيا ھاكىمى تاھىر ئاقيۈرەك جانابلىرى مەۋلانانى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ جاھان مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلۈش مۇناسىۋىتى بىلەن شۇنداق دېدى:« 2007-يىلنىڭ مەۋلانا يىلى دەپ ئېلان قىلىنىشى نىھايەتكى ئالەمچە خۇشاللىق ئىش. بۇ بىز تۈركىيە، جۈملىدىن كونيا مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى ۋە ئەدەبىياتىنى دۇنياغا قايتا نامايان قىلىدىغان ئىمكانىيەتنى بەردى. بىز 2007-يىلدا جالالىدىن رۇمى شېئىرلىرىنى تېكىست قىلىپ ناخشا ئېيتقۇچىلار مۇسابىقىسى، فىلىم فېستىۋاللىرى، مۇشائىرىلەر ئۆتكۈزۈش ھەمدە «مەسنەۋى» ئەسەرلىرىنىڭ ھەر خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشانلاپ تۇرۇپتىمىز. يەنە تېخى مەۋلەۋىيخانىلار ۋە سەلجۇقىيلەر ئەسەرلىرىدە ئۇچرايدىغان مەنزىرىلەردىن ئىستىراھەت بېغى ياسايمىز ھەمدە مەۋلانا جالالىدىن رۇمى تىنچلىق مۇكاپاتى تەسىس قىلىمىز!» 
شةرىق ھةقنى تاپتى كېچىپ دۇنيادىن ، 
  
غةرىب دۇنيا تاپتى كېچىپ ئاللاھدىن! 
  

كةز دۇنيانى ، كۆر كونيانى ! 
 

دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ كاتتا شائىرلىرىدىن ۋە مۇتەسسەۋۋۇپلىرىدىن بىرى بولغان مەۋلانا جالالىددىن رۇمى، يالغۇز تۈرك خەلقى ئىچىدىلا ئەمەس، ئىسلام ۋە غەرب دۇنياسىدىمۇ مەڭگۈلۈك ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ ـ مۇھەببەتكە سازاۋەر بولغان زات ئىدى. ئۇنىڭ .ئاتاقلىق ئەسىرى بولغان مەسنىۋى شەرق ئەللىرىدە گويا مۇقەددەس كىتابتەك سۆيۈلگەن ۋە ھەممىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان ئىدى. ئۇنىڭ دوستلىرى تەرىپىدىن تاللاپ خاتىرىلەنگەن سۆزلىرىدىمۇ ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى چۈشۈنچىلىرى ئۇچراپ تۇرىدۇ. بەزىدە بىر ـ بىرىگە زىتتەك تۇيىلىدىغان قاراشلىرىنى سىسىتېمىلاشتۇرۇش ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن قېيىن. ئۇنىڭ ئوخشاش بولمىغان سىمۋوللارنى ئىشلەتكەنلىكى ئوقۇرمەنلەرنى بەزىدە گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بەرگەن شېئىرلىرىدا، چەكسىز ھاياجان بىلەن تەڭرىنىڭ ھوزورىغا يۈكسىلىشتىن باشقا يەنە، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭمۇ رىئالىستىك شەكىلدە چۈشەندۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن ئوقۇرمەنلەر ئۆز قاراشلىرىنى ۋە ھېسسىياتلىرىنى ئوقۇغاندەك بولىدۇ. مەۋلانا جالالىددىن رۇمى مانا بۇ تۇقتىدىن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىي ھاياتىغا چۇڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.

مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ ئەڭ كەتتا ئەسىرى بولغان مەسنىۋى شېئىرىي نەسىھەت خاراكتېرلىك بىر ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭ مەۋلانا مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان ئەڭ قەدىمىي نۇسقىسى 26 مىڭ بىيىت ۋە 6 جىلدتىن تەشكىل تاپىدۇ. مەۋلانا ساپ تۈرك ئىرقىدىن بولغىنىغا قارىماي ئەينى چاغدا پارىسچە شېئىر يېزىش مۇدا بولغانلىقى يۈزسىدىن ئەسەرلىرىنى پارىسچە يازغان ئىدى. شۇڭا مەسنىۋىنىڭ پارىسچە يېزىلغان دەسلەپكى 18 بىيىتى مەۋلانانىڭ قولى بىلەن يېزىلغان  ۋە قالغان قىسمى بۇ ئەسەرنى يېزىشنى تەشەببۇس قىلغان دوستى ۋە مۇرىتى ھۇسامىدىن چەلەبىيگە سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق يازدۇرۇلغان ئىدى. مەسنىۋىنىڭ ھەر بىر جىلدى گويا ئەسەرنىڭ ئۆزىدەكلا تۈز كىرىش سۆز بىلەن باشلىنىدۇ. ئەسەر مۇئەييەن بىرەر قىلىپقا سېلىنماستىن ئىختيارى ئۇسلۇبتا يېزىلغان بولۇپ، بىر تېمىدىن تۇرۇپلا يەنە بىر تېمىغا ئۆتۈپ كېتىش، ئوتتۇرىغا ئۇزۇن ئۇزۇن نەسىھەتلەرنى قىستۇرۇش ئەھۋالى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ھەرخىل دىنىي ئەقىدىلەر، تەسەۋۋۇپ پىرىنپسلىرى، ئىلاھ، يارىتىلىش ۋە پەيغەمبەرلىك قاتارلىق تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئەسەر، مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ ھېسسىيات دۇنياسىنى، ئۆتكۈز ئەقلى ۋە ئادەمنى ئىچىگە تارتىپ كېرىپ كىتىدىغان ئۇسلۇبىنى ئىنتايىن گۈزەل بىر شەكىلدە ئەكىس ئەتتۇرۇپ بېرىدۇ. مەسنىۋى ئىسلام دۇنياسىدا ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قىلىنغان كىتاب بولۇپ، ئۇ تۈنجى قېتىم 1849 ـ يىلى 6 جىلد شەكىلدە بېسىلغان ۋە كېيىنكى چاغدا ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركچە تەجىمە قىلىنغان ئىدى. بۇ ئەسەر يەنە غەرب تىللىغىمۇ تەرجىمە قىلىندى. مەسنىۋىنىڭ بۇنىڭدىن باشقىمۇ نۇرغۇنلىغان شەرھىلىرى ۋە ئىزاھلىمىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. غەرب تىلىدا بولسا نېكولسوننىڭ تەرجىمىسى ئەڭ مەشھۇر ھېسابلىنىدۇ. تۈركچىگە ئاساسەن دېگۈدەك، «دىۋانى كەبىر» دەپ تونىلىدىغان « دىۋانى شەمس»نىڭ 6 جىلد شەكىلدىكى نۇسخىسى تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، نېمىسچە تەرجىمىسى ركېرت تەرىپىدىن نەشىر قىلدۈرۈلغان ئىدى. نېكولسون تەييارلىغان تاللانمىلار ئىنگىلىزچىدە، (Selected poem from the Divan-i shamsi tabriz) دېگەن ئىسىم بىلەن 1898 ـ يىلى نەشىر قىلىنغان ئىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە مەۋلانانىڭ ھاياتى، پىكىرلىرى ۋە ئەدەبىي كىشلىكى توغرۇلۇقمۇ تۈرك، پارىس ۋە غەرب تىللىرىدا نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ قاراشلىرىنى ئاساس قىلغان مەۋلىۋىلىك تەرىقىتى، 15 ـ ئەسىردە پۈتۈن ئانادولۇدىن ئىستانبۇلغىچە كەڭ تارقالغان ئىدى. مەۋلانا جالالىددىن رۇمى ئازىمۇ تەرىقەت پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلمايدىغان بولغاچقا، ئەگەشكۈچلىرىگىمۇ ھېچ قانداق قائىدە، پىرىنسىپ بەلگىلىمىدى.  ئۇنىڭ ھەممىگە مەلۇملۇق تەرىقەت قائىدىلىرى بولسا، ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ بۇرۇت ـ ساقىلىدىن بىر قانچە تال كېسىپ ئېلىش، خەلپەتلىك مەرتىۋىسى بېرىلگەنلەرگە كەڭ قوللۇق، ياقىسىز، ئالدى ئوچۇق يەكتەك كېيگۈزۈش ۋە خەلققە نۇر چېچىشنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئوراس گۇڭگۇرت بېرىشتىن ئىبارەت ئىدى. مەۋلانا جەلالىددىن رۇمى تەسەۋۋۇپ تەربىيىەسىنىڭ ئاساسىي سۈپىتىدە، شەرىئەتكە ئەگىشىشنى، ئىشق ۋە چەكىسز ھاياجاننى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ، ئۇ بىپايان ئاسماننىمۇ ئىشىق ۋە ھېسسىياتقا ياردەمچى ئامىل ھېسابلايتتى. ئۇنىڭ ئوغلى سۇلتان ۋەلىد ئۇنىڭ پىكىرلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا مەۋلىۋىلىكنى بىر تەرىقەتكە ئايلاندۈرغان ئىدى. مەۋلىۋىلىك تەرقىتىگە كۆرە، تەسەۋۋۇپ تەربىيەسىنىڭ مەقسىتى، كىشىنىڭ ئۆزىگە قايتىشىنى، ئۆزلۈكىنى تېپىپ چىقىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئىسىم سۆزلۈكلەردىن ھالقىپ، ئىلاھنى تېپىش ۋە مەۋجۇدىيەت ئالىمىدىن ئايرىلىش كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، باردەك كۆرۈنگەن نەرسىلەر ئەمەلىيەتتە يوق بولۇپ، باردەك كۆرۈنگەن نەرسىلەر ئارقىلىق ئىلاھ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ئېلان قىلاتتى.  جەلالىددىن رۇمىنىڭ قارىشىچە، مۇرىت ئۆزىگە نەزەر سالغان ھامان مۇرشىدىنى (يەنى يول كۆرسەتكۈچىسىنى) كۆرۈشى ۋە مۇرشىدىنىڭ پۈتۈن تەلەپلىرى ئېتىرازسىز شەكىلدە تولۇق قوبۇل قىلىشى، مۇرشىدىگە ئىتائەت قىلىشنى «ئىلاھقا ۋە ھەزرىتى مۇھەممە ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىش» دەپ ھېسابلىشى لازىم ئىدى. گەپ ـ سۆز قىلمايدىغان بولۇشى، مەنلىكىنى ئاجىزلىتىشقا ھەتتا پەرھىز تۇتۇش يولى ئارقىلىق  مەنلىكىنى ئۆلتۈرۈشكە تىرىشىدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى. ئىنساننى يامان ئىشلارغا باشلايدىغان نەپسىنى پەقەت مۇرشىدىلا ئۆلتۈرەلەيتتى.

مەۋلىۋىلىكنىڭ تەرىقەت مۇراسىمى سەمادىن ئىبارەت بولۇپ، «ئايىنى شەرىف» (يەنى پاك مۇراسىم) دەپ بىلىنىدىغان ۋە «مۇترىب» دەپ ئاتىلىدىغان سازەندىلەر خورى تەرىپىدىن ئوقۇلىدىغان ئاۋازلىق «ئايىنى شەرىف»نىڭ سۆزلىرى ئومۇمەن مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ پارىسچە مەسنىۋىسىدىن ئېلىنغان بىيىتلاردىن ئىبارەتتۇر. مەۋلىۋىلىكتە زىكىر تەلقىنى، تون كېيدۈرۈش، خىلۋەتكە ئۆتۈش، تەرەىقەتكە كىرىش ۋە خەلپەت بولۇش قاتارلىق ئىشلار مۇئەييەن قائىدىلەرگە باغلانغان بولۇپ، زىكىر تەلقىنىدە، شەيخ مۇرىدىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ قولىنى تۇتىدۇ ۋە بارلىق گۇناھلاردىن ساقلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە ئالىدۇ. تەلقىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شەيخ دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە مۇرىتنىڭ چېچىدىن بىر قانچە تال كېسىپ ئالىدۇ. خىلۋەتكە ئۆتۈش باشقا تەرىقەتلەردىكىگە ئوخشاش 40 كۈن داۋام قىلىدىغان پەرھىزگارلىق ۋە ئىبادەت قىلىش شەكىلىدە ئەمەس، بەلكى تەككىدە خىزمەت قلىش شەكلىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. خىلۋەتنى تاماملىغان كىشى «دەرۋىش» دەپ ئاتىلىدۇ. مەۋلىۋىلىكتە تاج ۋە تون كېيدۈرۈش كېچىك مۇراسىم بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. تاج كېيدۈرىلىدىغان مۇرىت، بېشىنى ئېچىپ شەيخنىڭ ئالدىدا ئولتۇۈپ، بېشىنى شەيخنىڭ تىزىغا قويىدۇ.  شەيخ مەۋلىۋى ھالقىسىنىڭ شەيخلىرىنىڭ ئىسمىنى ئوقۇيدۇ ۋە ئاللاھتىن مۇرىتنى پىقىرلىق يولىدا ئۇتۇققا ئېرىشتۈرىشنى، بېشىغا مەنىۋىي بىر تاج كېدۈرۈشنى  تىلەيدۇ. ئاندىن تاج كېيدۈرۈلۈپ، سۈرە فاتىھەنى ئوقۇپ دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن ئۆرە تۇرغۇزۇلۇپ تون كېيدۈرىلىدۇ.

مەۋلىۋىلىكتە، شەيخى تەرىپىدىن خىلۋەتتىن چىقىرىلغان دەرۋىشكە ۋە دەدەلەرگە بېرىلىدىغان خەلپەتلىك مەرتىۋىسى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. بىرىنچى تۈردىكىلەر بىرەر تەككىخانىنىڭ باشقۇرۇش ۋەزىپىسنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇلار باشقىلارغا يول باشلاش سالاھىيىتىگە ئىگە بولمايدۇ. ئىككىنچى تۈردىكىلەر، تەسەۋۋۇپ تەربىيەسىنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىنى بىلىدىغانلار بولۇپ، ئۇلار كىشىلەرگە مەلۇماتلىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۈچىنچى تۈردىكلەرگە بولسا،  كىشىلەرگە بىلىم ئۆگىتىش ۋە شەيخلىق قىلىش سالاھىيىتى بېرىلىدۇ. 

مەۋلىۋىلىك تەرىقىتىنىڭ كىشىنىڭ تەسەۋۋۇپ مۇساپىسىدىكى ئەمەلىي ئەھۋالىغا كۆرە بەلگىلىنىدىغان بىر قانچە تۈرلۈك باسقۇچى بار. بىرىنچى باسقۇچتىكىلەر مۇرىتلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنى تەشكلى قىلىدىغان «مۇھىبلەر» بولۈپ، ئۇلار ئەنئەنىلەرگە كۆرە، مەۋلىۋى كولاسىنى كېيىپ يولغا ئاتلانغان ئەمما دەرۋىشلىك ماقامىغا يەتمىگەن كىشىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى  باسقۇچتىكى دەرۋىشلەرگە بولسا، «دەدە» دەپ ئىسىم قويۇلىدۇ. بىرەر تەككىخانىنى باشقۇرۇش «مۇھىب» ۋە «دەرۋىش» يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسى بولغان شەيخلەر ئۈچىنچى باسقۇچتا ئورۇن ئالغان بولىدۇ. ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىدە خەلپەتلەر ئورۇن ئالىدۇ. مەۋلىۋىلىك تەرىقىتىنڭ مەركىزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تەككېخانا شەيخلىقى بولسا،  سۇلتان ۋەلىدتىن كېيىن دادىدىن ئوغۇلغا ياكى ئائىلە چوڭىغا مىراس قالىدىغان ئەنئەنە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

 *

كونيانىڭ شەھەر مەكىزىدە، مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ قەبرىسى جايلاشقان مەۋلىۋى دەرگاھى بار بولۇپ، 1926 ـ يىلى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مۇزېي قىلىپ تۈزەشتۈرۈلدى ۋە خەلق ئاممسىغا ئېچىۋېتىلدى. مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ سىرتى يېشىل رەڭلىك چىنە خىش بىلەن بېزەلگەن مەقبىرىسى بولسا، 1274 ـ يىلى ئانادولۇ سەلجۇق ئىمپېراتورلۇقى دەۋرىدە قىسمەن ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن 2 ـ بەيازىتنىڭ دەۋرىدە ئىچكى بېزەكلىرى قايتىدىن يېڭىلىنىپ، يېشىل گۈمبەرنىڭ چىنە خىشلىرى كۇتاھيا چىنە خىشلىرىغا ئالماشتۇرۇلدى.

مەۋلانەۋە ئوغلى سۇلتان ۋەلىدنىڭ كۆك مەرمەر تاشلىق مازارلىرى بار قەبرىستانلىققا شەرق، غەرب شىمال ئۈچ تەرەپتىن كېچىك گۈمبەزلەر بىلەن ئۇرالغان جايلار  قوشۇۋېتىلدى. ھازىر ئۇ يەردە جەمئىي 68 تاش قەبرە بار. قەبىرىگاھنىڭ ياڭاق ياغىچىدا ياسىلىپ، ئۈستى كۈمۈش بىلەن قايلانغان ئىككى قاناتلىق بىر ئىشىكى  بولۇپ، بۇ ئىشىكتىن تىلاۋەت ئۆيىگە ئۆتكىلى بولىدۇ. ھازىر بۇ ئۆي مۇزېينىڭ خۇشخەت بولىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىدا ئوسمان ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى مەشھۇر خەتتاتلارنىڭ ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىنماقتا.

بۇ تىلاۋەت ئۆيىنىڭ يېنىدىلا تۆت گۈمبەزلىك ئەڭ ئاخىرقى جامائەت مەركىزى  بار. بۇ مەسجىد قانۇنىي سۇلتان سۇلايماننىڭ دەۋرىدە ياسىتىلغان تۆت چاسا، بىر گۈمبەزلىك، يېپىق بىنا بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ جاي تەسبىھلەر، شاملار، شام قايچىلىرى، شامدانلار، گۈلدانلار دېگەنگە ئوخشاش دەرگاھقا ئائىت خىلمۇخىل بويۇملار كۆرگەزمە قىلىنىدىغان مۇزېي بۆلۈمىگە ئايلاندى. مەقبىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ساماخانا  بولسا، قانۇنىي سۇلتان سۇلايماننىڭ  دەۋرىدە ياسىتىلغان ئىدى. ئۇنىڭدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۈيلەش كۈرسى، تالىب ھۆجرىسى، ئايال ۋە ئەر زىيارەتچىلەر ئۈچۈن ئايرىم ـ ئايرىم ياسالغان سۇپىلار ساقلانماقتا. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ئىچىدە ھەر خىل گىلەملەر، مىتال بويۇملار، ياغاچ ئويما بويۇملار، مەۋلىۋى سازلىرى ۋە مەۋلانانىڭ كېيىملىرى كۆرگەزمە قىلىنماقتا. دەرھاگنىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان مورىلىق ۋە گۈمبەزلىك دەرۋىش ھوجرىلىرى، ئاشخانا ۋە كۈتۈپخانىلار 3 ـ مۇراتنىڭ دەۋرىدە قوشۇمچە قىلىنغان ئىدى. ئۇ يەدىكى ئاشخانا بولسا، رىيازەتخانا بىلەن ساماخانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ جاي ئوسمان ئىمپېرىيەسىگە ئائىت يازما ماتېرياللار، گىلەم، رەخت، ۋە مەۋلىۋى يېمەكلىرى كۆرگەزمەخانىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە. ھويلىدىكى گۈمبەزنىڭ تۈگەش قىسمىغا جايلاشقان چەلەبىي ھوجرىسى بولسا، دەرگاھ شەيىخلىرىنىڭ مېھمانلىرى ئۈچۈن ياسىتىلغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ يەردە ھەمدەم سائىت چەلەبى تەرىىپىن قۇرۇلغان ۋە مۇزېغا تەۋە قىلىنغان كۈتۈپخانا ساقلانماقتا. كۈتۈپخانىدا مەۋلاناغا ۋە مەۋلىۋىلىك تەرىقىتىگە ئائىت 1500 يازما ئەسەر ۋە 5500 پارچە كىتاب ساقلانماقتا. دەرگاھنىڭ ھويلىسىدا مەرمەردىن ياسالغان سۈپىدىن باشقا يەنە بىر قىسىم مۆتىۋەر دۆلەت ئەربابلىرىغا ئائىت بەش قەبرىگاھلىرىمۇ بار. 




#Article 209: ھون خانىدانلىقىنىڭ خاقانلىرى (524 words)


ھون خانىدانلىقىنىڭ خاقانلىرى

جەنۇبىي ھۇن خانىدانلىقىنىڭ خاقانلىرى

قوغشار تەڭرىقۇتنىڭ ئەسلى ئىسمى باتىسقان بېي بولۇپ ، ئۇ ھۇن خانىدانلىقىنىڭ 14- خاقانى قوغشار تەڭرىقۇتنىڭ نەۋرىسى ، پۇجۇلجۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيە 48-يىلىدىن 56-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ مىلادىيە 48-يىلى ھونلارنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا تۇرۇشلۇق سەككىز قەبىلىنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن مەسلىھەتلىشلىپ ، ئۆزىنى بوۋىسىنىڭ نامى بىلەن  دەپ ئاتىغان ھەمدە پانۇ تەڭرىقۇتتىن رەسمىي ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىغان . ئۇ شەرقىي خەن سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ ، مەڭگۈ خەن سۇلالىسىنىڭ قالقىنى بولۇپ شىمالىي ھۇنلاردىن مۇداپىئە كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، مىلادىيە 56-يىلى ۋاپات بولغان

قوغشار تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 56-يىلىدىن 57-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئاكىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھۇن تەختىگە ۋارسلىق قىلغان ، لېكىن بىر يىلدىن كېيىنلا ۋاپات بولغان .

كىئۇفۇيۇتى تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 57-يىلىدىن 59-يىلىغىچە تەختە ئولتۇرغان ، ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ، شىمالىي ھۇنلاردىن قۇيچۇ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ كېلىپ جەنۇبىي ھۇنلارغا تەسلىم بولغان ، ئۇ مىلادىيە 59-يىلى ۋاپات بولغان .

شىتۇڭشىجۇ قۇت تەڭرىقۇت -- قوغشار تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيە 59-يىلىدىن 63-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ، ئۇ تەختكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا شىمالىي ھۇنلار ئالتە -- يەتتە مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن مۇيۈ ەن قورۇلىغا تاجاۋۇز قىلىپ تاكى يۈ ەنياڭ ناھىيىسىگىچە بېسىپ كىرگەن . شىتۇڭشىجۇ تەڭرىقۇت شەرقىي خەن سۇلالىسى بىلەن ماسلىشىپ ئۇلارنى چېكىندۈرگەن .

كىئۇفۇيۇتى تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيە 63-يىلى تەختتە ئولتۇرغان ، ئۇ تارختا  دىگەن نام بىلەنمۇ ئاتالغان ، تەختكە چىقىپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ۋاپات بولغان .

غۇيەشى سۇقۇتى تەڭرىقۇت - شىتۇڭشىجۇ قۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 63-يىلىدىن 85-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ، ئۇ مىلادىيە 73-يىلى شەرقي خەن سۇلالىسى بىلەن بىرلىكتە خېشى رايونىغا بېسىپ كىرگەن شىمالىي ھۇنلارغا قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتكەن ، ئۇرۇشتا شىمالىي ھونلار قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ ، قۇملۇقتىن ئۆتۈپ قېچىپ كەتكەن ، بۇ ۋاقتتا شىمالىي ھونلار خېلىلا ھالسىرىغان بولۇپ ، ئالدى تەرەپتە جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ ، ئارقا تەرەپتە تۇرالارنىڭ ، سول تەرەپتە سىيانپىيلارنىڭ ، ئوڭ تەرەپتە غەربي يۇرتنىڭ ھۇقۇمىغا ئۇچراپ ، خەلقى تېرقتەك چېچىلىپ كەتكەن . غۇيەسى سۇيۇتى تەڭرىقۇت مىلادىيە 85-يىلى كېسەپ سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان .

ئىلىتونوغال تەڭرىقۇت -- ئىفايلۇت تەڭرىقۇت قاننىڭ ئوغلى ، دىلادىيە 85-يىلىدىن 88-يىلىغىچە چەختتە ئولتۇرغان . ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن شىمالىي ھۇنلارغا قارشى ئۇرۇش قوزغاپ ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئادەملىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلىغان . مىلادىيە 87-يىلى سىيانپىيلار ھۇجۇم قوزغاپ شىمالىي ھۇن تەڭرىقۇتى ئۇلۇغ تەڭرىقۇتنى ئۆلتۈرگەن ، مىلادىيە 88-يىلى ئىلىتونوغال تەڭرىقۇت ۋاپات بولغان .

شولان شىسۇقۇتى تەڭرىقۇت -- غۇيەشى سۇقۇتى تەڭرىقۇتنىڭ چاننىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 88-يىلىدىن 93-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ، بۇ مەزگىلدە شىمالىي ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا چوڭ قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ ، قەھەتچىلىك ۋە چىكەتكە ئاپىتى بولۇپ ، نۇرغۇن مال - چارۋا ۋە ئادەملەر قىرىلىپ كەتكەن ، بۇنىڭدىن تەشۋىشلەنگەن بىر قىسىم ئەمەلدار ئۆز قۇۋمىنى باشلاپ جەنۇبىي ھۇنلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن ، شولان شىسۇقۇتى تەڭرىقۇت بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شەرقىي خەن سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ شىمالىي ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى قاتتىق تارمار قىلغان ، شىمالىي ھۇن تەڭرىقۇتى ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ، مىلادىيە 93-يىلى شولان شىسۇقۇتى تەڭرىقۇت ۋاپات بولغان .

ئەنگور تەڭرىقۇت -- ئىلىتوغال تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 93-يىلىدىن 94-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ بۇرۇنقى تەڭرىقۇتلار تەرىپىدىن ئەتىۋارلانغان سول قول قان شىرغا ھەسەتخورلۇق قىلىپ ئۇنى ئۆلتۇرمەكچى بولغان ، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان سول قول قان شىرمۇ دائىم ھۇشيار تۇرغان ، كېيىن ئەنگور شىرغا ئالدى بىلەن ھۇجۇم قوزغىغان ، خەن سۇلالىسى بۇل ئىككىسىن ياراشتۇرۇپ قويۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ ئەنگور بۇنى رەت قىلغان ، نەتىجىدە خەن سۇلالىسى ئىنگورغا جازا يۈرۈشى قىلىپ ئۇنى قوغلىغاندا ئۇ ئانا تەرەپ تاغىسى قۇتبەگ شىۋىر قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن .




#Article 210: شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل (404 words)


شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل

رىزۋانگۈل1926-يىلى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ چىلەك يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، كېيىن ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئىككى يىللىق بولغالتىرلارنى تەربىيىلەش بۇرۇسىدا ئوقۇغان. 1944-يىلى يازدا ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ خىزمەتكە قاتناشقان. 
   
ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻥ ، «ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ھﻪﻣﺸﯩﺮﯨﺴﻰ » دەپ تونۇلغان ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯜﻝ 1925 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﺎﺋﺎﺗﺎ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﻰ ﭼﯩﻠﻪﻙ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ ھﺎﺷﯩﻢ ﺋﺎﺧﻮﻥ ، ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻣﻪﺭﻳﻪﻣﺨﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،   
ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻳﯘﯓ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ .
  

ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯘﺭﯛﭖ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ~'  
 
ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯜﻝ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ   ﯞﻩ  ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﭙﻪﺭﯞﻩﺭ  ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ  ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ    ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﻼ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ، ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﻚ ، ﻛﻪﻣﺴﯚﺯ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺧﻮﺭﻟﯘﻕ  ﯞﻩ  ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ   ﭼﯩﺪﺍﭖ  ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ  ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ  ﻗﯩﺰ  ﺑﻮﻟﯘﭖ  ﻳﯧﺘﯩﺸﻜﻪﻥ . ﺋﯘ  ﺋﻪﻳﻨﻰ  ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ  ﺋﯚﻛﺘﻪﻣﻠﻪﺭ  ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺭﻧﻰ  ﺑﯚﺯﻩﻙ  ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻧﺎﺭﺳﯩﺪﻩ     ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ  ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻯ  ﺋﻪﺭﮔﻪ  ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺧﻮﺭﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘ  ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ھﯩﭻ  ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪﻱ  ﻗﺎﺭﺷﻰ  ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ   

ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯘﻝ  ﭘﻮﭼﺘﺎ   ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﺪﻩ  ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ  ﻳﯘﺭﮔﻪﻥ   ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ 1944-يىلى غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان مىللى ئىنقىلابىي( گومىنداڭ ۋە جىوڭگۇ كومۇنىست پارتىيىىسى كېيىن ﺋﯜﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ   ﺋﯩﻨﻘﯩﻼبى دەپ ئاتىغان) باشلىنىدۇ. ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭖ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ  ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ  ﻛﯘﻧﯩﻼ   ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯜﻝ  ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ  ﺩﻭﺳﻠﯩﺮﻯ  ﺑﯩﻠﻪﻥ  ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘﭖ  ﺟﻪﯕﮕﻪ قاتنىشىدۇ . ﺋﯘ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺳﯧﭙﯩﮕﻪ  ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ   ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻗﯩﺴﯩﻤﻨﯩﯔ  ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ  ھﻪﻣﺸﯩﺮﯨﺴﻰ  ﺑﻮﻟﯘﭖ  ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ  ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﮔﻪ  ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺴﺎ ، ﻳﻪﻧﻪ  ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ   
ھﻪﺭبىي  ﻗﺎﺋﯩﺪ ﻩ ﯞﻩ   ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﻗﯧﺘﯩﺮﻗﯩﻨﯩﭗ   ئۆگەنگەن. ﺋﯘ ﺩﺍﺋﯩﻢ :  ﺩﯦﺴﻪ ، ھﻪﻣﯩﺸﯩﺮﻩ ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ : ﺩﻩﻳﺘﻰ .   ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯘﻝ   ﺟﻪﯓ   ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ  ﺟﺎﭘﺎ   ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻨﻰ   ﻳﯧﯖﯩﭗ ،ﺋﯚﻟﯘﻣﮕﻪ    ﭘﯩﺴﻪﻧﺖ   ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ، ﻣﻮﻟﺪﯗﺭﺩﻩﻙ    ﻳﯧﻐﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ    ﺩﯗﺷﻤﻪﻥ ﺋﻮﻗﻠﯩﺮﻯ   ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ   ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﭼﻪ   ﻳﯜﮔﯘﺭﯛﭖ   ﻳﯜﺭﯛﭖ   ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭ  ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ  ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ  يەتكۈزگەن.  ﺋﯘ   ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ  ﺟﺎﺳﺎﺭﯨﺘﻰ   ﯞﻩ  ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭ  ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭﮔ ﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ  ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ  ﺑﯩﻠﻪﻥ   ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨر  ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ  ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ  ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ، مىھرىبان ھﻪﻣﺸﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ .   

ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯘﻝ 1945 - ﻳﯩﻠﻰ 13 - ﻳﺎﻧﯟﺍﺭﺩﺍ ھﻪﺭﻩﻣﺒﺎﻍ  ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ  ﺷﯩﺪﺩﻩﺗﻠﯩﻚ   ﺟﻪﯕﺪﻩ  ﯞﯨﮋﯨﻠﺪﺍﭖ  ﺋﯘﭼﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ  ﺋﻮﻗﻼﺭ   ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ 
ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻥ   ﺋﯘﭺ   ﺟﻪﯕﭽﯩﻨﯩﯔ   ﻳﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ   ﺋﺎﺭﻗﺎ - ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ   ﺗﯧﯖﯩﭗ   ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ   ﺟﺎﻳﻐﺎ   ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﭗ ، ﺋﺎﺭﻗﯩﻐﺎ  ﻗﺎﺭﺍﭖ  ﺧﻪﯞﭘﻠﯩﻚ  
ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ  ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ   ﺟﻪﯕﭽﯩﻨﯩﯔ   ﻳﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ   ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ   ﺋﺎﺗﻘﺎﻥ   ﺋﻪﺟﻪﻟﻠﯩﻚ   ﺋوﻕ   ﺑﯩﺸﯩﻐﺎ   ﺗﯩﮕﯩﭗ   ﻗﻪھﯩﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﭼﻪ  
ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ   بولغان . ﺋﯘ   ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ   ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ   ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ  19 ﻳﺎﺷﻘﺎ   ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ   ﺋﯩﺪﻯ.  

شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كۈندىلىك ئورگان گېزىتى ئازاد شەرقىي تۈركىستان گېزىتىنىڭ 1945-يىلى 20-يانۋاردىكى سانىدا، قاسىمجان قەمبىرى ئىناق تەخەللۇسىدا  ھەمشىرەم ناملىق شېئىرىنى رىزۋانگۈلگە ئاتاپ يازغان.  

ھەمشىرەم

ئىناق 

ئاسارەتتىن قۇتۇلۇشقا ئاتلانغان، ئوق، پىلىموت، بومبىلاردىن ساقلانغان،  ۋەتىنىنى دۈشمەنلەردىن ساقلىغان، دائىم مېنىڭ مېھرىبانىم ھەمشىرەم.

ھەي رىزۋانگۈل قوڭغۇراقتەك ئاۋازىڭ، قىزىل گۈلنىڭ غۇنچىسىدەك جامالىڭ، تارىخىدا ئۇنتۇلمايدۇ ئەۋلاتنىڭ،  قەھرىمانە كۈرەشچان قىز ھەمشىرەم.

ھەي كۆزلىرىم پەرياد قىلىپ يىغلىغىن، دۇشمەنلەردىن دوستلىرىڭنى ئىزغىغىن، دۈشمەن ئۆلۈپ دوست قالسۇن دەپ تىلىگىن، دوستلار ئۈچۈن مەن يىغلايمەن ھەمشىرەم.

سەبىر تىلەپ ئاتاڭ بىلەن ئاناڭغا، تارىخ ئۈچۈن يازاي ساڭغا مەرسىيە، تارىخىڭنى ھەر ۋاراقلاپ ئۆتكەندە، سەن كېلەرسەن كۆز ئالدىمغا ھەمشىرەم.




#Article 211: ئوسمانجان ساۋۇت (163 words)


شائىر ئوسمانجان ساۋۇت 1945 - يىلى 26 - ئۆكتەبىر ماناس ناھىيىسىدىكى بىر موزدۇز ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1961 - يىلى ساۋەن ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، 1966 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن. 1968 - يىلىغا كەلگەندە، قۇمۇل ۋىلايىتىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ، قۇمۇلنىڭ ليۇ شۇچۈەن دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1974 - يىلى ساۋەن ناھىيىسىگە يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ، 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ، 3 - ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ساۋەن ناھىيىلىك پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى، ئىلمىي مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1981 - يىلى بېيجىڭدىكى لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1986 - يىلى 7 - ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، ئاۋۋال «كۆۋرۈك» ژۇرنىلىدا، كېيىن «تارىم» ژۇرنىلىدا مۇھەررىرلىك قىلغان. 
  
ئوسمانجان ساۋۇت ئىجادىيىتى 1960 - يىللارنىڭ باشلىرىدا يازغان «ياڭرا، ئەجرىم» ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ھازىرغىچە ئۇ مىڭ پارچىدىن كۆپرەك شېئىر يازدى. «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ»، «تاڭ لىرىكىلىرى»، «تەڭرىتاغ شاماللىرى»، «تۈن تىۋىشلىرى»، «تاڭلار بىلەن سۆزلىشىش»، «گۈللەر سۆزلەيدۇ» ناملىق ئالتە پارچە توپلىمى نەشر قىلىندى. 
 




#Article 212: بوغدا ئابدۇللا (715 words)


بوغدا ئابدۇللا 1941- يىلى 11- ئاينىڭ 5- كۈنى لەنجۇدا تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كېلىپ، 1960- يىلىغىچە ئۈرۈمچى 2- دارىلمۇئەللىمىن قارمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋە ئۈرۈمچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1960- يىلىدىن 1965- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مەزكۇر فاكۇلتېتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1980- يۈننەن ئۇنىۋېرستېتىدا «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات نەزەرىيىسى تەتقىقاتى» كەسپىدە بىلىم ئاشۇرغان. 1998- يىل پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2001- يىلى پېنسىيىگە چىققان.
   
شائىرنىڭ 1954- يىل «شىنجاڭ ياشلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «دېھقانچىلىق قىزلىرى ھەققىدە قوشاق» دېگەن شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن. 1960- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بالىلار شېئىرلىرىنى كۆپ يازغان. 1960- يىللاردا يازغان «چوغلۇق باللادىسى» ناملىق ئەسىرى ئۇنىڭ شېئىرىيەت تالانتىنى نامايان قىلغان. 1980- يىللارنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب شەكىللىنىشكە باشلىغان. 1990- يىللاردىن باشلاپ ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدە روشەن يۈكسىلىش بولدى. مۇشۇ يىللاردا يېزىلغان «سالغا تېشى» ناملىق داستانى ئۇنىڭ پىشقان ئۇسلۇبىنى نامايان قىلدى. ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ «باھار غۇنچىلىرى» (1978- يىل)، «يەلكەن» (1983-يىل)، «چۈش كۆرىدۇ بىر تۈپ ئانارگۈل» (1988- يىل)، «قىز قەلئەسى» (1993- يىل)، «سالغا تېشى» (1998- يىل)، «شېئىر مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ» (2002- يىل) ،«يېزىقچىلىق توغرىسىدا» (1983- يىل)، «يېزىقچىلىق ئىلمى» (1996- يىل)، «شېئىيەتتىكى بوشلۇق» (2004- يىل)، «كومزەك كۆتەرگەن قىز» (2004- يىل) قاتارلىق شېئىرلار توپلىمى، ئىلمىي ئەسەرلىرى ۋە تاللانغان ئەسەرلىرى نەشر قىلىندى. شائىرنىڭ ئەسەرلىرى خەنزۇ، رۇس، ئۆزبېك، قىرغىز، ئوردۇ قاتارلىق تىللارغا تارجىمە قىلىنغان.

 

بوغدا ئابدۇللا 1942-يىلى لەنجودا تۇغۇلغان (ئەسلى يۇرتى يېڭىسار ناھىيىسى). باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان. 1960-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات كەسپىنىڭ تولۇق كۇرسىدا ئوقۇغان. 1965-يىلىدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ۋە ھازىرقى فلولوگىيە ئىنستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتۇش، ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1987-يىلى دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا، 1998-يىلى پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 2004-يىلى دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئىجادىيەت، ئىلمىي تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. 
بوغدا ئابدۇللا 37 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا، 1980-يىلى يۈننەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات، نەزەرىيە تەتقىقاتى» كەسپىدە بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەندىن سىرت، ئىزچىل تۈردە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ بۇ جەرياندا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، مەخسۇس كۇرس، تولۇق كۇرس ئوقۇغچىلىرى ۋە ئاسپىرانتلارغا «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، «يېزىقچىلىق»، «يېزىقچىلىق ئىلمى»، «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى تەتقىقاتى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتتى. ئۇ ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۆزى ئۆتۈۋاتقان دەرسلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش پروگراممىسى» (ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن)، «يېزىقچىلىق ئوقۇتۇش پروگراممىسى» قاتارلىقلارنى تۈزۈشكە قاتناشقاندىن سىرت، «يېزىقچىلىق توغرىسىدا» (1983-يىلى) ناملىق دەرسلىكنىمۇ تۈزۈپ چىقتى. مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، ئۇ يەنە 1996-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى دەرسلىك باشقارمىسىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن «يېزىقچىلىق ئىلمى» ناملىق دەرسلىك كىتابنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ كىتاب بوغدا ئابدۇللا ئۇزاق مۇددەتلىك مائارىپ، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئەمەلىيىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، 2000-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن «1999-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملار ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى مۇنەۋۋەر دەرسلىك»لەرنى باھالاش بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە ئۇئار ئىككىنچى نۆۋەتلىك كىتاب مۇكاپاتى بويىچە 1-دەرىجىگە ئېرىشتى.
يېزىقچىلىق ئوقۇتۇشى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك پەن بولۇپ، بۇ ئاساسلار پۇختا بولمىسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي يېزىقچىلىق ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەن بوغدا ئابدۇللا ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىلمىي تەتقىقات بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ كەلدى. ئۇنىڭ «مىللىي تۇپراق – لىرىكا»، «بەدىئىي ئوبرازنىڭ مۇكەممەللىكى»، «قۇرۇلما سەنئىتى»، شېئىرىيەتكە قايتىش» ، «شېئىرىي ئوبيېكت ۋە غۇۋالىق ئىچىدىكى شېئىر»، «21-ئەسردىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرى ۋە يېقىندا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «شېئىرىيەتتىكى بوشلۇق» ناملىق ئىككى توملۇق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. پروفېسسورنىڭ يەنە بىر ئىلمىي تەتقىقات كىتابى نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.
بوغدا ئابدۇللا يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىدىن بىرى. لىرىك شائىر 13 يېشىدىن باشلاپ شېئىرىيەت دۇنياسىغا كىرىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ «باھار غۇنچىلىرى» (1978-يىل)، «يەلكەن» (1983-يىلى)، «چۈش كۆرىدۇ بىر تۈپ ئانار گۈل» (1988-يىلى)، «قىز قەلئەسى» (1993-يىلى)، «سالغا تېشى» (1998-يىلى) قاتارلىق شېئىرىي توپلاملىرىنى نەشر قىلىندى. ئاپتورنىڭ شېئىرلار توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن «مەلىكە ئاماننىسا»، «مەريەم»، «جۇڭغار يۇلتۇزى»، «يېتىم قىز ھەققىدە چۆچەك»، «شالدىراق گۈل»، «سالغا تېشى» قاتارلىق داستانلىرى جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. رىۋايەت تۈسىنى ئالغان «سالغا تېشى» ناملىق بۇ داستانى ھەققىدە، 1997-يىلى ئۈرۈمچىدە مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان. بۇلاردىن سىرت، بوغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرى خەنزۇ تىلىدىن باشقا رۇس، قازاق، ئۇزبېك تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ، بۇ تىللاردا چىقىدىغان جھۇرناللاردىمۇ ئارقىمۇ-ئارقا تونۇشتۇرۇلغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە بولغان دەرسلىك كىتابلارغا كىرگۈزۈلۈپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. ئۇ، بۇ نەتىجىلىرى بىلەن 1988-يىلى 5-ئايدا جۇڭگو يازغۇچىلار ۋەكىللىرى ئۆمىكى تەركىبىدە چەت ئەلدە زىيارەتتە بولغان ۋە «جۇڭگو ئەدەبىيات قامۇسى»نىڭ 2-تومىدا تونۇشتۇرۇلغان.
بوغدا ئابدۇللا 40 يىلغا يېقىن ئوقۇ-ئوقۇتۇش، ئەدەبىي ئىجادىيەت جەريانىدا، بىر تىرىشچان ئوقۇتقۇچىغا ۋە ئۆزىگە تەلەپنى قاتتىق قويغان بىر شائىرغا خاس پەزىلەت بىلەن كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇلدى. ئۇ، ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۇئار يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.

 

 

مەنبە: بۇغدا ئابدۇللانىڭ «سالغا تېشى» ناملىق ئەسىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن




#Article 213: تارباغاتاي ۋىلايىتى (818 words)


تارباغاتاي ۋىلايىتى بولسا شىنجاڭ دىكىبىخاھار 2000 نوپۇس بار، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ 892،397 نوپۇسىبار، 98،824 كۇۋادىرات كىلومەتىر دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاخكان، خىمالىكاڭ لىك 45.83°، خارىكى ئۇزۇنلۇك 84°83.

تارغاتاي ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي، شەرقىي شىمالى ئايرىم - ئايرىم ھالدا سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبى، غەربىي جەنۇبى ئايرىم - ئايرىم  ھالدا بايىغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربى، غەربىي شىمالى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيسى 784 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 300 نەچچە كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 437 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 93 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا 2 شەھەر، 5 ناھىيە (يەنى چۆچەك شەھىرى، دۇربىلجىن ناھىيىسى، شىخۇ شەھىرى، ساۋەن ناھىيىسى، تولى ناھىيىسى، چاغانتوقاي ناھىيىسى، قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى) قارايدۇ. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 7 - شىسى، 9 - شىسى مەمۇرىيىتى ۋە 7 - شىسى، 8 - شىسى، 9 - شىسى، 10 - شىسىنىڭ 30 - تۇەن مەيدانى بار. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي - چۆچەك شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 637 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 203 مىڭ 300 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 17.75% نى، ئۇيغۇرلار 3.34% نى، خەنزۇلار 69.91% نى، باشقا مىللەتلەر 9.0% نى تەشكىل قىلىدۇ.    تارباغاتاينىڭ يەر تۈزۈلۈش جەنۇب، شىمالى ئېگىز، شەرقى، ئوتتۇرىسى پەس، شىمالىي قىسمى، جەنۇبىي قىسمى تاغلىق رايون (مۇزلۇق ككلىمى 106.9  كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ)، شەرقىي، ئوتتۇرا قىسمى جۇڭغار ئويمانلىقىغا تەۋە. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى تەخمىنەن 40% نى، تۈزلەڭلىك ۋە فۇملۇق تەخمىنەن 40% نى، ئويمانلىق، ئېدىرلىق 20% نى ئىگىلەيدۇ. چوڭ - كىچىك دەرياسىدىن  107 سى بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى  6  مىليارد 100  مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 2 مىليارد  10 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن ئاساسلىقى يىلپىز، سايگاڭ بۆكىنى، غۇلجا، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، سۈر بۇغا، قوڭۇر ئېيىق، ئالتاي ئاق توشقىنى، سېرىق بۈركۈن، دۇغداق، ئاققۇ، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن ئاساسلىقى ياۋا بادام، چۈچۈكبۇيا، توشقان زەدىكى، سوغىگۈل، چاكاندا، قانتېپەر قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن ئاساسلىقى تۆمۈر، كۆمۈر، خروم، نېفىت، ئالتۇن، تۇز، بېنتونىت، ھاكتاش قاتارلىقلار بار.   تارباغاتاي ۋىلايىتى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. تارباغاتاينىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 7.3℃ ～ 2.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرسى 42.8℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 42.6℃ بولىدۇ. قىروسىز مەزگىلى  185 ～ 130 كۈن. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى تاغلىق رايوننىڭ  500 ～ 300 مىللىمېتىر، ئويمانلىقنىڭ  280 ～ 150  مىللىمېتىر؛ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2100 ～ 1600  مىللىمېتىر.   بۇ ۋىلايەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى بىر قەدەر ياخشى. ھازىر 217 مىڭ 100 گېكتار (4 مىليون 68 مىڭ مو) تېرىلغۇ يېرى، 780 مىڭ گېكتار (11 مىليون 700 مىڭ مو) ئورمانلىقى، 5 مىليون 720  مىڭ 700 گېكتار (85 مىڭ 810 مىڭ 500 مىڭ مو) ئوتلىقى بار، يەنە 666 مىڭ گېكتار 700 گېكتار (001 مىليون مو) تېرىقچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يېرى، 1 مىليون 526 مىڭ گېكتار (22 مىليون 830 مىڭ مو) ئورمان ئەھيا قىلىشق اباب كېلىدىغان قاقاس يېرى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى، بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، قىزىلچا، قىچا، ھەرخىل پۇرچاق، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چىۋە، كككتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقى ئوتلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى، دەپ ئايرىلىدۇ. چارۋىچىلىقتا قوي، كالا، ئاتنى  ئاساس قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە باشباي چوڭ قۇيرۇقلۇق قويى ۋە تولى تىۋىتلىق ئۆچكىسى بۇ جاينىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ. سانائىتىدىن ئاساسلىقى ئېنېرگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، تۇز - خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزۈلۈكسىز ياخشىلانماقتا. ۋىلايەتنىڭ جەنۇبىنى كېسىپ ئۆتكەن لەنجۇ - شىجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ غەربىي بۆلۈكى، دۆلەت تاشيولىنىڭ 312 - لىنىيىسى بىلەن ئۆلكە تاشيولىنىڭ 122 - لىنىيىسى ۋە ھەممە تەرەپكە تۇتۇشۇپ كەتكە ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى بىر قەدەر قولايلىق قاتناش تورى شەكىللەندۈرگەن. چۆچەك ئايرودورومىغا ئوتتۇرا تىپتىكى يولوچىلار ئايروپىلانى قونالايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۇچالايدۇ، بۇ يەردىن ئۈرۈمچىگە نۆۋەتچى ئايروپىلان قەرەللىك ئۇچۇپ تۇرىدۇ. ئاسىيا - ياۋروپا ئوپتىكا كابىلى تارباغاتايدىن ئۆتىدۇ. شىمالىي  شىنجاڭ ئوپتىكا كابىلىنىڭ چۆچەك - ماراماي بۆلىكى ئىشلىتىشكە باشلىدى. سىفىرلىق مىكرو دولقۇنلۇق ئالاقىلىشىش، كۆچمە ئالاقىلىشىش ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئالاقىلىشىش يەر شارى پونكىتى ئارقا - ئارقىدىن ئىشلىتىشكە باشلىدى، 5 ناھىيە، 2 شەھەردە 54 مىڭ تېلېفون پۈتۈنلەي پروگراممىلاشتۇرۇلدى ھەمدە تارباغاتايدىن قازاقىستاننىڭ شەمەي ئوبلاستى ئوتتۇرىسىدا خەلقئارا نۇقتىلار ئارا ئالاقىلىشىش يولغا قويۇلدى.   ۋىلايەتنىڭ ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن شارسۇلاما بۇتخانىسى، داغۇرلارنىڭ چېگرا رايوننى قوغداش خاتىرە مۇنارى، مانې خانلىقىنىڭ قەدىمى تۇرالغۇسى، قاناك مەسچىتى، قارائىمىل قەدىمكى تاش سىزمىسى، ئۇسۇنلار قەدىمكى قەبرىستانلىق خارابىسى قاتارلىقلار بار، ئاساسلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جالىرىدىن كويغولىن ئورمىنى، جيۈليەن بۇلىقى، قارىغاي جىلغىسى، بۇغا مۈڭگۈزى داۋىنى قاتارلىقلار بار.

تارباغاتاي ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. مىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان، سۇلالىسى دەۋرىدە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ باشلىرىغا قەدەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۇرغۇتلار، جۇڭغارلارنىڭ چارۋا باقىدىغان يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسنىڭ چيەنلوڭ 29 - يىلى (1764 - يىلى) بۇ يەردە تارباغاتاي مەسلىھەتچى ئامبىلى قويۇلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۇ 14 - يىلى (1888 - يىلى) تارباغاتاي تەمىنات يانداش ئايماق بېگى قىسقارتىلىپ، تاربااتاي ياردەمچى ئەمىنىيە بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى قۇرۇلغان. مىنگونىڭ 5 - يىلى (6191 - يىلى) تارباغاتاي دوتەي مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان، ئۇنىڭغا چۆچەك، شىخۇ، ساۋەن 3 ناھىيە قارىغان. مىنگونىڭ 18 - يىلى (1929 - يىلى) تارباغاتاي دوتەيلىكى تارباغاتاي مەمۇرىي رايون دەپ ئۆزگەرتىلگەن، مىنگونىڭ 34 - يىلى (1945 - يىلى) تارباغاتاي ۋالى مەھكىمىسى دەپ ئاتالغان. 1971 - يىلى تارباغاتاي ۋىلايىتى دەپ ئاتالغان.




#Article 214: سۇ ئاستى پاراخوتى (418 words)


كۆپ قىسىم ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە رايونلىرى سۇئاستى پاراخوتىغا ئىگە بولۇشقا شۇنداق تەشنا بولماقتا.ئۆتكەن15يىل ماباينىدە،جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسى روسىيەدىن12Kiloتىپلىق سۇئاستى پاراخوتى سېتىۋالدى ،ئۆزى ياسىغان宋تىپلىق سۇ ئاستى پاراخوتىمۇ13كە يەتتى.بۇنىڭدىن سىرت يەنە12明تىپلىق سۇ ئاستى پاراخوتى بار،بۇلار ئازادلىق ئارمىيە دېڭىز قىسىمىنىڭ دېزىل يېقۇلغۇلۇق سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈردى.يەنە،جۇڭگو يېقىندا بىرىنچى元تىپلىق دېزىل يېقىلغۇلۇق سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئورۇنلاشتۇردى،بۇ تىپتىكى سۇئاستى پاراخوتى ھاۋانىڭ ھاۋانىڭ ئىلگىرلىتىشى كېرەك قىلمايدىغان(AIP)سېستىمىسى ئورنىتىلغان دەپ قارىلىدۇ.بۇ سېستىما دېزىل يېقىلغۇلۇق سۇ ئاستى پاراخوتى سۇ ئاستىدا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى نەچچە كۈندىن ھەتتا نەچچە ھەپتىگىچە ئۇزارتالايدۇ.تېخىمۇ تەھدىد كۈچىگە ئىگە بولغىنى جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى商يادرو يېقىلغۇلۇق ھۇجۇمچى سۇ ئاستى پاراخوتى.بۇ تىپتىكى سۇئاستى پاراخوتى ئېھتىمال ئازادلىق ئارمىيە دېڭىز قىسىمىنىڭ ھازىر بار بولغان汉تىپلىق يادرو يېقىلغۇلۇق ھۇجۇمچى سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىن.ھازىر خەينەندە قۇرىلىۋاتقان يېڭى دېڭىز ئارمىيە بازىسى بۇ يېڭى تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ قالىدۇ. بۇ يېڭى تىپتىكى سۇئاستى پاراخوتلىرى جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇرۇش قىلىش ئەۋزەللىكى بېغىشلىدى.

   
مالاككا بوغۇزىنىڭ قارشىسىدىكى،ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىمۇ قورال-ياراغ سېستىمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ نۆۋەتتە كۆپلىگەن مۆلچەر قىلىنىۋاتقان ئاۋىياماتكىسى،قوغلىغۇچى پاراخوتى،مۇھاپىزەت پاراخوتى،يېنىك تىپتىكى مۇھاپىزەت پاراخوتى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرى بار.بۇ تۈرلەرنىڭ ئىچىدە فىرانسىيە لاھىيلىگەن6سىياھ بېلىقناملىق دېزىل يېقىلغۇلۇق سۇ ئاستى پاراخوتىمۇ بار،بۇ سۇ ئاستى پاراخوتىغاAIPسېستىمىسى ئورنىتىلغان.ئەمما،بۇ سۇ ئاستى پاراخوتلىرى پۈتمەي تۇرۇپلا،ھىندىستان تەرەپ يەنە 6دانەيېڭى تىپتىكىسىياھ بېلىقناملىق سۇئاستى پاراخوتىنى زاكاس قىلىش تەكلىپىنى سۇندى.نۆۋەتتە،ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سۇ ئاستى پاراخوتلىرى10دانەKiloناملىق دېزىل يېقىلغۇلۇق سۇئاستى پاراخوتى ۋە 4دانە 209تىپلىق دېزىل يېقىلغۇلۇق سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ھىندىستان تەرەپ يەنە روسىيەدىن بىر دانەشۇكا(Щука-Б)ناملىق يادرو يېقىلغۇلۇق ھۇجۇمچى سۇئاستى پاراخوتىنى ئىجارىگە ئالدى ھەمدە يەنە بىرنى ئىجارىگە ئېلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە،ھىندىستان داۋاملىق دۆلتىدە ئىشلەنگەن يادرو يېقىلغۇلۇق ھۇجۇمچى سۇئاستى پاراخوتى تۈرلىرىنى تەرقىي قىلدۇرىۋاتىدۇ.دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تەرەقىياتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن،ھنىدىستان يەنە كارۋاردا چوڭ تىپتىكى بىر دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇردى،بۇ بازا2005-يىلى ئىشىلتىلىشكە كىرىشتۈرۈلدى.Vishakhapatnamشەھىرىنىڭ جەنۇبىدا،ھىندىستان يەنە بىر دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى قۇرماقتا.  
بۇ مەزگىلدە،باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىمۇ دىققىتىنى دېزىل يېقىلغۇلۇق سۇئاستى پاراخوتىنىڭAIPتېخنىكىسىنى تەرەقىي قىلدۇرۇشقا قاراتتى.كورىيە بىرىنچى بولۇپAIPدائىمىي ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك سۇئاستى پاراخوتىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئاسىيا دۆلەتى،بۇ سۇئاستى پاراخوتKSS-2دەرىجىسىدە بولۇپ،گېرمانىيە ئىشلەپچىقارغان214تىپلىق سۇ ئاستى پارخوتىنىڭ لاھىيىسىنى ئاساس قىلغان.تېخىمۇ ئىلغار بولغان ئۆزى لاھىيلىگەنKSS-3تىپتىكى سۇئاستى پاراخوتىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىلگىرى،كورىيە KSS-2تىپلىق سۇئاستى پاراخوتىدىن ئەڭ ئاز دېگەندە3نى ياساشنى پىلانلىغان.كورىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھازىر بار بولغان سۇئاستى پاراخوتى9دانە장보고(زاڭبوگوۋ)تىپلىق دائىمىي ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك سۇئاستى پاراخوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.كورىيەگە ئوخشىمايدىغان يېرى،ياپونيە بىلەن سىنگاپور شېۋىتسارىيەنىڭ AIPسېستىمىسىنى تاللىدى.ياپونىيە دېڭىز ئارمىيسى2001-يىلىلائاساشىئودەرىجىلىك سۇ ئاستى پاراخوتىغا شېۋىتسارىيەنىڭسىتېرلىڭ(Stirling)ناملىقAIPسېستىمىسىنى ئورنىتىپ تۇنجى قېتىم سىناق قىلغان ئىدى.ھازىر ياپونىيە AIPسېستىمىسى لاھىيىسى ئاساسىدايېڭىياۋۇزناملىق سۇ ئاستى پاراخوتى سېتىۋالدى.تۇنجى ياۋۇزناملىق سۇ ئاستى پاراخوتى 2009-يىلى ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىگە سەپلەندى،ھازىر ياپونيە دېڭىز قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ سۇئاستى پاراخوتى كۈچى 16دانەجەڭ قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك دائىمىي ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك سۇ ئاستى پاراخوتلىرىدىن تەركىب تاپقان.سىنگاپور تېخىمۇ  بىۋاستەيول تاللىدى.ئۆتكەن ئەسىرنىڭ90-يىللىرى،سىنگاپور شېۋىتسارىيەدىن 4دانەخىرىس قىلغۇچىناملىق سۇئاستى پاراخوتى سېتىۋالدى،2005-يىلى يەنە 2دائىمىي ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك سۇئاستى پاراخوتى سېتىۋالدى،ئەمما بۇ ئىككى سۇئاستى پاراخوتىStirlingناملىق AIPسېستىمىسىغا ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرىلىدۇ. 
 




#Article 215: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى (1804 words)


جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى 

جۇڭگو دۇنيادا تارىخى ئەڭ ئۇزاق دۆلەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە پارلاق مەدەنىيەت ياراتتى، ئۇلار شانلىق ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ئىگە. 

فېئوداللىق جۇڭگو 1840 – يىلىدىن كېيىن، پەيدىنپەي يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى. جۇڭگو خەلقى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، مىللەتنىڭ ئازادلىقى ۋە دېموكراتىيە – ئەركىنلىك يولىدا ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ قەھرىمانە كۈرەش قىلدى. 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جەمئىيىتىمىز يېڭى دېموكراتىزمدىن پەيدىنپەي سوتسىيالىزمغا ئۆتتى. ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك جەھەتتىكى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئورۇندالدى، كىشىنى كىشى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان تۈزۈم يوقىتىلدى، سوتىسيالىستىك تۈزۈم ئورنىتىلدى. ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى - دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىسى، ماھىيەتتە پرولېتارىيات دىكتاتورىسى مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندى. جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى جاھانگىرلىك ۋە زومىگەرلىكنىڭ تاجازۋۇزى، بۇزغۇنچىلىقى ۋە قوراللىق ئىغۋاگەرچىلىكى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتى. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى. مۇستەقىل، بىرقەدەر مۇكەممەل سوتسىيالىستىك سانائەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ۋۇجۇدقا كەلدى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. مائارىپ، ئىلىم ـ پەن، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە باشقا ئىشلار زور دەرىجىدە راۋاجلاندى، سوتسىيالىستىك ئىدىيىۋى تەربىيىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. كەڭ خەلقنىڭ تۇرمۇشى خېلىلا ياخشىلاندى. 

جۇڭگودا يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسى ۋە سوتسىيالىزم ئىشىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىگەرەھبەرلىك قىلىپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقلارنى تۈزىتىشى، نۇرغۇن جاپا - مۇشەققەت ۋە خېيىمخەتەرلەرنى يېڭىشى ئارقىسىدا قولغا كەلدى. دۆلىتىمىز ئۇزاققىچە سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرىدۇ. دۆلەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى – جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ، كۈچنى توپلاپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش. جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى داۋاملىق تۈردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىسىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزمغا خاس تۈرلۈك تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى ۋە سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىكىنى، دۆلەت مۇداپىئەسىنى ۋە پەن ـ تېخنىكىنى پەيدىنپەي زامانىۋىلاشتۇرۇپ، ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ماسلاشما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنى باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي سوتسىيالىستىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ. 

دۆلىتىمىزدە، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار سىنىپ سۈپىتىدە يوقىتىلدى، لېكىن سىنىپىي كۈرەش يەنىلا مەلۇم دائىرىدە ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. جۇڭگو خەلقى مەملىكىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىگە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئىچكى - تاشقى دۈشمەن كۈچلەرگە ۋە دۈشمەن ئۇنسۇرلارغا قارشى كۈرەش قىلىشى كېرەك. تەيۋەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇقەددەس زېمىنىنىڭ بىر قىسمى. ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى ئورۇنداش تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. 

سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئىشچىلارغا، دېھقانلارغا ۋە زىيالىيلارغا تايىنىش، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىش كېرەك. ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش داۋامىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىك قىلىدىغان، دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى قاتناشقان، بارلىق سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەرنى، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى قۇرۇلدى، بۇ بىرلىك سەپ داۋاملىق مۇستەھكەملىنىپ ۋە راۋاجلىنىپ بارىدۇ. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بىرلىك سەپ تەشكىلاتى، ئۇ ئۆتمۈشتە مۇھىم تارىخىي رول ئوينىدى، بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەتنىڭ سىياسىي ھاياتىدا، ئىجتىمائىي ھاياتتا ۋە سىرت بىلەن بولغان دوستانە پائالىيەتلەردە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىش، مەملىكەتنىڭ بىرلىكىنى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش يولىدىكى كۈرەشلەردە ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋەسىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش تۈزۈمى ئۇزاققىچە ساقلىنىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرۇلىدۇ. 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكىتىمىزدىكى ھەممە مىللەت خەلقى بىرلىكتە بەرپا قىلغان، كۆپ مىللەتلىك بىر پۈتۈن دۆلەت. باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللىي مۇناسىۋەت ئورنىتىلدى ۋەبۇ مۇناسىۋەت داۋاملىق كۈچەيگۈسى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش كۈرىشىدە چوڭ مىللەتچىلىككە، ئاساسلىقى چوڭ خەنزۇچىلىققا قارشى تۇرۇش لازىم، شۇنداقلا يەرلىك مىللەتچىلىككىمۇ قارشى تۇرۇش لازىم. دۆلەت بارلىق تىرىشچانلىقلار بىلەن، مەملىكىتىمىزدىكى ھەممە مىللەتنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 

جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى دۇنيا خەلقىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگونىڭ ئىستىقبالى دۇنيانىڭ ئىستىقبالى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. جۇڭگو مۇستەقىل، ئۆزىگەئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تاشقى سىياسەتتە چىڭ تۇرۇپ، بىر – بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، بىر – بىرىگە تاجاۋۇز قىلماسلىق، بىر – بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچ بىللە تۇرۇشتىن ئىبارەت بەش پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ۋە ئىقتىسادىي ئالاقە، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى راۋاجلاندۇرىدۇ؛ جاھانگىرلىككە، زومىگەرلىككە ۋە مۇستەملىكىچىلىككە ئېغىشماي قارشى تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر خەلقى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىدۇ، ئېزىلگۈچى مىللەتلەرنىڭ ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە قوغداش، مىللىي ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدىكى ھەققانىي كۈرەشلىرىگە مەدەت بېرىدۇ، دۇنيا تىنچلىقىنى قودداش ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەقققىيپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. بۇ ئاساسىي قانۇندا جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈرەش نەتىجىلىرى قانۇن شەكلىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، دۆلەتنىڭ تۈپ تۈزۈمى ۋە تۈپ ۋەزىپىسى بەلگىلەندى. بۇ دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، بۇ ئالىي قانۇن كۈچىگە ئىگە. مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى، بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە قوراللىق كۈچلەر، ھەرقايسى پارتىيىلەر ۋە جامائەت تەشكىلاتلىرى، كارخانا تەشكىلاتلىرى، كەسپىي تەشكىلاتلار ئاساسىي قانۇننى ئۆز ھەرىكىتىنىڭ تۈپ مىزانى قىلىشى ھەمدە ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى قوغداش، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بۇرچىنى ئادا قىلىشى لازىم. 

(1) پۈتۈن مەملىكەت ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە بۆلۈنىدۇ

(2)ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلار ئاپتونوم ئوبلاست، ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەرلەرگە بۆلۈنىدۇ 

(3)ناھىيە ۋە ئاپتونوم ناھىيىلەر يېزا، مىللىي يېزا، بازارلارغا بۆلۈنىدۇ. بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە چوڭراق شەھەرلەر رايون، ناھىيىلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاستلار ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەرلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئاپتونوم رايونلار، ئاپتونوم ئوبلاستلار، ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ ھەممىسى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردۇر. 

(1) ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈىدۇ 

(2) ئاساسىي قانۇننىڭ ئەمەلگە قويۇلۇشىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ

(3) جىنايى ئىشلارغا، ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا، دۆلەت ئاپپاراتىغا ۋە باشقا ئىشلارغا دائىر نېگىزلىك قانۇنلارنى تۈزىدۇ ۋە ئۇلارغا تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ 

(4) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسىنى ۋە مۇئاۋىن رەئىسىنى سايلايدۇ

(5)جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىىتىنىڭ رەئىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ نامزاتىنى قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ؛ گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىنىڭ، دۆلەت كومىسسارلىرىنىڭ، مىنىستىرلارنىڭ، كومىتېت مۇدىرلىرىنىڭ، باش مۇپەتتىشنىڭ ۋە باش كاتىپنىڭ نامزاتلىرىنى قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ

(6) مەركىىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسىنى سايلايدۇ؛ مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەئىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەركىبىگە كىرىدىغان باشقا خادىملارنىڭ نامزاتلىرىنى قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ 

(7) ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى سايلايدۇ 

(8) ئالىي خەلق تەپىتىش مەھكىسىنىڭ باشلىقىنى سايلايدۇ 

(9)خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى، پىلاننىڭ ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ 

(10) دۆلەتنىڭ خام چوتىنى ۋە خام چوتنىڭ ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ 

(11) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نامۇۋاپىق قارارلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ

(12) ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى تەستىقلايدۇ 

(13) ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ تۈزۈملىرى توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ 

(14) ئۇرۇش ۋە تىنچلىق مەسىلىلىرى توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ 

(15) دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى يۈرگۈزۈشكە تېگىشلىك باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ. 

(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى 

(2)گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، مىنىستىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپ : 

(3) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى ۋ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەركىبىدىكى باشقا خادىملار 

(4) ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى 

(5) ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى. 

(1) ئاساسىي قانۇننى ئىزاھلايدۇ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئەمەلگە قويۇلۇشىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ 

(2) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلىدىغان قانۇنلاردىن باشقا قانۇنلارنى تۈزىدۇ ۋەئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ 

(3)مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۈزگەن قانۇنلارنى قىسمەن تولۇقلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ، لېكىن بۇ شۇ قانۇنلارنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىغا زىت كەلمەسلىكى كېرەك

(4) قانۇنلارنى ئىزاھلايدۇ 

(5)مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ، دۆلەت خام چوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى جەريانىدا ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك قىسمەن تەڭشەش توغرىسىدىكى لايىھىلەرنى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ 

(6) گوۋۇيۈەننىڭ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە نازارەتچىلىك قىلىدۇ 

(7) گوۋۇيۈەننىڭ ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلارغا زىت كېلىدىغان مەمۇرىي نىزام، قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى بىكار قىلىدۇ

(8)ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلارغا ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا زىت كېلىدىغان يەرلىك نىزام ۋە قارارلىرىنى بىكار قىلىدۇ 

(9)مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، مىنىستىرلارنىڭ، كومىتېت مۇدىرلىرىنىڭ، باش مۇپەتتىشنىڭ، باش كاتىپنىڭ نامزاتلىرىنى قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ 

(10) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەئىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان باشقا خادىملارنىڭ نامزاتلىرىنى قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ 

(11) ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىنى تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ 

(12) ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرىنى، تەپتىشلىرىنى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرىنى ۋە ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرىنى تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى تەستىقلايدۇ 

(13) چەت ئەللەردە تۇرىدىغان تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللەرنى تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ 

(14) چەت ئەللەر بىلەن تۈزۈشكەن شەرتنامىلەرنى ۋە مۇھىم كېلىشىملەرنى تەستىقلاش ۋە بىكار قىلىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ 

(15) ھەربىيلەر ۋە دىپلوماتىك خادىملارغا خاس ئۇنۋان ۋە تۈزۈمىنى ۋە باشقا مەخسۇس ئۇنۋان تۈزۈملىرىنى بەلگىلەيدۇ 

(16) دۆلەتنىڭ ئوردېن ۋە پەخرىي ناملىرىنى بەلگىلەيدۇ ۋە ئۇلارنى بېرىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ 

(17) ئالاھىدە كەچۈرۈم توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ 

(18) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، دۆلەت قوراللىق تاجاۋۇزغا ئۇچراپ قالسا ياكى تاجاۋۇزدىن ئورتاق مۇداپىئەلىنىش توغرىسىدىكى خەلقئارالىق شەرتنامىلەرنى ئىجرا قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلسا، ئۇرۇش ھالىتى ئېلان قىلىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ 

(19) مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك ياكى قىسمەن سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ

(20)پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ياكى ئايرىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ جىددىي ھالەتتە تۇرۇشى توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ 

(21) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بەرگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ. 

(1) ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن، مەمۇرىي تەدبىرلەرنى بەلگىلەيدۇ، مەمۇرىي نىزاملارنى تۈزۈپ چىقىدۇ، قارار ۋە بۇيرۇقلارنى چىقىرىدۇ 

(2)مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا تەكلىپ بېرىدۇ

(3) مىنسىتىرلىق ۋە كومىتېتلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلەيدۇ، مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلارنىڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ ھەمدە مىنىسىترلىق ۋە كومىتېتلارغا تەۋە بولمىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك مەمۇرىي ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلىدۇ 

(4) پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، مەركەزدىكى ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم راين، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ كونكرېت خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىنى بەلگىلەيدۇ 

(5) خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى، دۆلەت خام چوتىنى تۈزىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ 

(6) ئىتقىسادىي خىزمەتكە ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە بۇ ئىشلارنى باشقۇرىدۇ 

(7) مائارىپ، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە بۇ ئىشلارنى باشقۇرىدۇ 

(8) خەلق ئىشلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە مەمۇرىيىتى ۋە تەپتىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ ھەم بۇ خىزمەتلەرنى باشقۇرىدۇ � 

(9) تاشقى ئىشلارنى باشقۇرىدۇ، چەت ئەللەر بىلەن شەرتنامە ۋە كېلىشىم تۈزىدۇ 

(10)دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى باشقۇرىدۇ 

(11)مىللەتلەر ئىشلىرىغا رەھبەرلى قىلىدۇ ۋە بۇ ئىشلارنى باشقۇرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى ۋە مىللىي ئاپتونومى, يىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ E

(12) جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن مۇھاجىرلارنىڭ ۋە مۇھاجىرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قانۇنغا مۇۋاپىق ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ

(13) مىنىستىرلىقلار، كومىتېتلار چىقارغان نامۇۋاپىق بۇيرۇق، يوليۇرۇق ۋە نىزاملارنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ ) 

(14) يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ نامۇۋاپىق قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ 

(15) ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ چېگرىسىنى تەستىقلايدۇ، ئاپتونوم ئوبلاست، ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە ۋە شەھەرلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ۋە چېگرىسىنى تەستىقلايدۇ 

(16) قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر تەۋەسىدىكى قىسمەن رايونلارنىڭ جىددىي ھالەتتە تۇرۇشى توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ 

(17) مەمۇرىي ئاپپاراتلارنىڭ شىتاتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە مەمۇرىي خادىملارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ، تەربىيلەيدۇ، سىناپ كۆرىدۇ، مۇكاپاتلايدۇ ۋە جازالايدۇ؛ 

(18)مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى بەرگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ. 

ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ياكى مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان جايلاردا سوراق ئىشلىرى شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان تىل بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك؛ ئەيىبنامە، ھۆكۈمنامە، ئېلان ۋە باشقا ھۆججەتلەر ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىرنەچچە خىل يېزىق بىلەن جاكارلىنىشى كېرەك. 




#Article 216: تەكلىماكان قۇملۇقى (1373 words)


 

تەكلىماكان قۇملۇقى بولسا شىنجاڭ، خىمالىكاڭ لىك 38.53°، خارىكى ئۇزۇنلۇك 82°10.
تەكلىماكان قۇملۇقى شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىي رايونىغا جايلاشقان بولۇپ ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق ، دۇنيادىكى 2-چوڭ قۇملۇق ، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتچان قۇملۇق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . تەكلىماكان قۇملۇقنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1000 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 400 كىلومېتىر ، ئومۇمىي كۆلىمى 330 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ . تەكلىماكان قۇملۇقى ئۇيغۇر تىلىدا ‹‹ تەكتى ماكان›› ، ‹‹تەكلىك ماكان›› دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ ، يەرلىك كىشلەر تەكلىماكان قۇملۇقىنى ‹‹ ئۆلۈك دېڭىز›› دەپ تەرىپلىشىدۇ . 
تەكلىماكان بولسا ئۇيغۇرچىدە «بارسا كەلمەس،تەكتى ماكان»دىگەن مەنىلەردە بولۇپ،«ھالاكەت دېڭىزى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ.تەكلىماكان چوڭ قۇملۇقى بولسا دۆلىتىمىز چىگرىسى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق بولۇپ ،نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكىلەرنىڭ ساياھەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش پائالىيتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇھىم سورۇنىغا ئايلاندى.

بۇ قۇملۇق قەشقەرنىڭ شەرقىگە،تارىم ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ كۆلىمى337600 كۇۋادىرات كىلومىتىر كېلىدۇ،مەملىكەت بويىچە ئومۇمى قۇملۇق كۆلىمىنىڭ %47نى ئىگللەيدۇ. دۇنيا بويىچە يەتتە چوڭ قۇملۇقنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇ يەردە قۇم بارخانلىرىنىڭ ئۈستىدە بىر تال گىياھمۇ ئۈنمەيدىغان بولۇپ ،ياۋروپا -ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ قۇرغاقچىلىق مەركىزىدۇر.بۇ يەر غەربى شىمال شامىلى ۋە شەرقى شىمال شامىلىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ.بوران-چاپقۇن كۆپ ھەم قاتتىق بولىدۇ.جەنۇبى قىسمىنىڭ قۇم بورانلىق كۈنلىرى 100كۈندىن ئاشىدۇ،قۇملار ئۈزلۈكسىز جەنۇپقا يۈتكىلىدۇ.1000يىلدىن بىرى،قۇملۇقلار جەنۇپقا 10 مىتىردىن يۈزمىڭمىتىرچە يۈتكەلگەن.بۇخىل ئەھۋال تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىكى قۇملۇقتىن قالسا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ قۇملۇق بولىشىغا سەۋەپ بولغان. قۇم دۆۋىلىرىنىڭ ئۈستىدە بەزىدە يۇلغۇن ئۆسۈپ، قۇم بارخانلىرىنىڭ يۈتكىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. لوپنۇر كۆلى بولسا تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئەك پەس يىرىگە جايلاشقان بولۇپ تارىم دەريا سۈيىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدۇر،دېڭىز يۈزى بىلەن بولغان ئارلىقى 780 مىتىر كېلىدۇ.بۇرۇن قۇم بارخانلىرىنىڭ يۈتكىلىشى سەۋەپلىك بۇ كۆلنى «يۈتكەلمە كۆل» دەپ قاراپ كەلگەن.

تەكلىماكان قۇملۇقى ئافرىقىدىكى سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە 2  -  چوڭ قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. ئۇ قۇم دۆڭلىرىنىڭ ھەر خىللىقى، ئۆزگىرىشچانلىقى، قاتمۇقات قۇم بارخانلىرىنىڭ ئاجايىپ  -  غارايىپلىقى بىلەن دۇنيادىكى باشقا قۇملۇقلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.   ئۇيغۇر خەلقى بۇ سىرلىق قۇملۇقنى جانلىق ۋە ئوبرازلىق قىلىپ  دەپ ئاتايدۇ. بۇ سۆ  دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تارىم ئويمانلىقى (تەكلىماكان) دىن تېپىلىۋاتقان ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلار، تارىخىي  ھۆججەتلەر ۋە ئېغىزدىن، ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن ئەپسانە  -  رىۋايەتلەر تارىم ئويمانلىقى يەنى ھازىرقى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئەتراپى (بىر نەچچە 100 كىلومېتىر ئىچكىرى جايلار) نىڭ ناھايىتى قەدىم زامانلاردا سۈيى ئەلۋەك، مۇنبەت زېمىن ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلارنىڭ بۇيەردە ئولتۇراقلىشىپ تىرىكچىلىك قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. كېيىن تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ئېتەكلىرى ۋە تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدا تەدرىجى مۇھىت ئۆزگىرىشى بولغان، يامغۇر  -  يېشىن بارغانسىرى ئازىيىپ، سۇ مەنبەسى ۋە مۇزلۇقلارنىڭ دائىرىسى تارايغانلىقتىن، كۆللەر قۇرۇپ، دەريا  -  ئېقىنلار يۇرتلارغا يېتىپ كېلەلمىگەن. بۇرۇنقى بوستانلىقلار ۋە ئاۋات زېمىنلارنى قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىك قاپلىغان. نەتىجىدە قەدىمكى رورەن (كرورەن)، مىرەن، نىيە، چەرچەن، كېرىيە، ئاق سېپىل، كۈسەن (كۇچا)، شەھىرى يار (شايار)، چېدىر (بۈگۈر) قاتارلىق نۇرغۇنلىغان  قەدىمكى شەھەر  -  كەنىتلەر قۇمغا كۆمۈلگەن. تەكلىماكان ھازىرمۇ ئارخېئولوگىيە ۋە گېئولوگىيىنىڭ سىرلىق ئامبىرى، يەنى يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېدىرىش  -  چارلاش، قەدىمكى شەھەر خارابىلىرىنى قېدىرىش ۋە تارىخىي، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىش ئىشلىرىدا ئاجايىپ مۆجىزىلەر بىلەن تولغان سىرلىق جاي بولۇپ تۇرماقتا.   تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى تەڭرىتاغ تىزمىلىرى، پامىر، قاراقۇرۇم، كوئىنلۇن، ئالتۇنتاغ تىزمىلىرىدىن باشلانغان مىڭلارچە دەريا  -  ئېقىن، تارماق  -  تاراملار تارىم ئويمانلىقىغا قۇيۇلۇپ، ئويمانلىقنىڭ  گە ئايلانغان. ئاساسلىق دەريالاردىن تارىم دەرياسى (2190 كىلومېتىر) خوتەن دەرياسى (1090 كىلومېتىر، قاراقاش ۋە يورۇڭقاش دەريالىرى ئاساس قىلىنىدۇ)، يەكەن دەرياسى (1037 كىلومېتىر)، چەرچەن دەرياسى (725 كىلومېتىر)، قەشقەر دەرياسى (507 كىلومېتىر)، ئاقسۇ دەرياسى (419 كىلومېتىر) ۋەباشقىلار بار. تارىم ۋادىسىغا تەۋە رايونلاردا قەدىمدىن تارتىپ ياۋا تۆگە، ياۋا قوتاز، قۇلان، جەرەن، ياۋا ئېشەك، ئىپار كېيىك، ياۋا توڭگۇز، يىلپىز، مولۇن، تۈلكە، بۆرە، بۇغا، ئارقار، سۈلەيسۈ، ياۋا توشقان قاتارلىق ئەتىۋارلىق ھايۋانات؛ ئۇلار، ياۋاغاز، ئۆردەك، ھاڭگىرت، ئاق قۇ، تۇرنا، قىرغاۋۇل،  قارچىغا قاتارلىق ئۇچار قۇشلار؛ كان مەھسۇلاتلىرىدىن ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تاشپاختا، قاشتېشى، كۆمۈر، گەج، تۆمۈر، قاراماي (نېفىت)، چىرىمتال، ھاك تېشى، ئاشتۇزى (ئاق ۋە كۆك رەڭدە)؛ ياۋا ئۆسۈملۈكلەردىن يۇلغۇن، تېۋىلغا، يانتاق، قۇمۇش، توغراق، شىۋاق، يىكەن، جىغان، تەسكەن، چىگە (لوپنۇر كەندىرى) ۋە بىرمۇنچە ئەتۋارلىق دورا ئۆسۈملۈكلىرى، قاتارلىقلارنىڭ بولۇشى بۇ زېمىندا قەدىمدىن ياشاپ كېلىۋاتقان ئىنسانلار بىلەن ھايۋانات دۇنياسىنى زۆرۈر ھاياتلىق شارائىتى بىلەن تەمىن ئەتكەن، شۇڭا، قەدىمدىن مۇشۇ زېمىندا ياشاپ كەلگەن ئەجدادلىرىمىز تەبىئەت بىلەن كۆرەش قىلىپ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبقا ئىگە رەڭگارەڭ  يىغىندىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى خەزىنىسىگە تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشقان.

دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئويمانلىقنىڭ بىرى بولغان تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 530 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا كۆلىمى تەخمىنەن 330 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان، قۇملىرى توختىماي كۆچۈپ تۇرىدىغان، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ قۇملۇق– تەكلىماكان قۇملۇقى جايلاشقان. تەكلىماكان قۇملۇقى توغرىسىدا ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا چەكسىز-پايانسىز چۆل-باياۋان نامايان بولىدۇ. يېقىنقى زاماندىكى چەت ئەل مەدەنىيەت قاراقچىلىرى «كىرسە چىقماس» دەپ تەرىپلەشكەن بۇ زېمىندا، بىزنىڭ ئەقىل-پاراسەتلىك، ئەمگەكچان، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك يارىتىش روھىغا باي بولغان ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز ياشىغان. دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن ئىلگىرى ئۆزلىرى پائالىيەت ئېلىپ بارغان بوستانلىق ۋادىلارنى ئاساس قىلىپ، شەھەر بەگلىكلىرىنى قۇرۇپ چىققان. ئاقسېپىل خارابىسى، ئۇزۇنتات خارابىسى، قارا دۆڭ خارابىسى، نىيە خارابىسى قاتارلىقلار ئەنە شۇ دەۋرلەردىكى ئەجدادلىرىمىز ھاياتىنىڭ ئىزناسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئارخېئولوگلار، تارىخشۇناسلار نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە، خوتەن دەرياسى بىلەن كېرىيە دەرياسى ئارىلىقىدىكى قەدىمىي شەھەر خارابىلىقىنى خوتەن دەريا ئېقىنى بويىدىكى ئاقسېپىل مەركەز قىلىنغان رايون، دامىكو ئېقىن بويىدىكى تېترگرام، ئۇزۇنتات، دەندانئۆيلۈك مەركەز قىلىنغان رايون، كېرىيە دەرياسى بويىدىكى قارا دۆڭ مەركەز قىلىنغان رايوندىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ رايونغا بۆلدى. بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان «ئۇزۇنتات» دامىكۇ ئېقىن بويىدا قەدىمكى دەۋرلەردە ياشىغان ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن قۇرۇلغان شەھەر بەگلىكى بولۇپ، بۇ بەگلىكنىڭ جايلاشقان ئورنى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان.

غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى جاڭ چيەن بىرىنچى قېتىم (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 138-يىلى) غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە كېلىپ قايتقاندىن كېيىن، خەن ۋۇدىغا: «پەرغانە خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىگە توغرا كېلىدىكەن… شىمالىدا كانگا، غەربىدە تۇخارستان، غەربىي جەنۇبىدا باكتېرىيە، شەرقىي شىمالىدا ئۇيسۇن، شەرقىدە دەندانئۆيلۈك، ئۇدۇن بار ئىكەن» دەپ مەلۇمات بەرگەن. جاڭ چيەن تىلغا ئالغان «دەندانئۆيلۈك»، «تارىخىي خاتىرىلەر» نىڭ 519-بېتىدە: «دەندانئۆيلۈك، ئۇزۇنتېتىر (（ 弥غەربىي ئەلنىڭ قەدىمكى خانلىقلىرىدىن بىرى بولۇپ، مەنبەلەردە جۈمى (拘弥)، نىڭمى(宁弥) دەپمۇ يېزىلىدۇ. ئورنى كېرىيە دەرياسىنىڭ شەرقى، چىرىيە ناھىيىسىنىڭ شىمالىدا» دەپ ئىزاھلىغان. «خەننامە»دە: «ئۇزۇنتېتىر بەگلىكى –­ مەركىزى ئۇزۇنتېتىر شەھىرى، بۇ يەردىن چاڭئەنگە 9280 چاقىرىم كېلىدۇ. 3340 تۈتۈن، نوپۇسى 20 مىڭ 40 كىشى بولۇپ، ئەسكەرلىككە ياراملىقى 3540 نەپەر، بەگلىكتە بىر نەپەردىن نائىببەگ، ئوڭ-سول سەركەردە، ئوڭ-سول كاھىبەگ، ئوڭ-سول چەۋەندازلار بېگى، ئىككى نەپەر تىلماچ بېگى بار. شەرقىي شىمالدىن قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە 3553 چاقىرىم كېلىدۇ. جەنۇبى چىرا، شەرقىي شىمالى كۈسەن، غەربىي شىمالى قۇم (ئاقسۇ) بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىدىن خوتەنگە 390 چاقىرىم كېلىدۇ. ھازىرقى نامى ئۇزۇنتات» دېيىلگەن. چيەنداۋ شىنىسى، ستەيىن (stein) نىڭ پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ: «ستەيىن 1900-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادا بىرىنچى قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيىسىنى باشلىدى. خوتەنگە 96 كىلومېتىر يەردىكى (ئەمەلىيەتتە 160 كىلومېتىردىن كۆپرەك كېلىدۇ) دەندانئۆيلۈك (قەدىمكى ئۇزۇنتات بەگلىكى) خارابىلىقىدىن شۈەنزاڭ قاتارلىقلارنىڭ كىتابلىرىدا قەيت قىلىنغان ‹پىلىچىلىكنىڭ غەربكە تارقىلىشى ھەققىدىكى رىۋايەت› خاتىرىلەنگەن بىر پارچە مەشھۇر بېغىشلىما تاختىسىنى تېپىۋالغان.»

ئۇزۇنتات بەگلىكىنىڭ نامى مەتبۇئاتلاردا ئاساسەن «ئۇزۇنتات» ، «ئۇزۇنتېتىر» ، «ئۇزۇنتاتىي»، «ئۇزۇنتېتى» دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ. «ئۇزۇنتات» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ھەققىدە توختالغاندا، ئالدى بىلەن بۇ بەگلىك قۇرۇلغاندىن باشلاپ «ئۇزۇنتات» دەپ ئاتالغانمۇ ياكى بۇ بەگلىكنىڭ قەدىمكى جايلىرى نورمال سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ كاپالىتىگە ئىگە بولماسلىقى، قۇم- بوران ئاپىتى ۋە باشقا ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تاشلىنىپ قېلىپ، ئاھالىلەر شىمالدىن جەنۇبقا كۆچكەندىن كېيىن، «ئۇزۇنتېتىر» دەپ ئاتالغانمۇ؟ دېگەن مەسىلىنى ئېتىبارغا ئېلىشىمىز لازىم.

دەرۋەقە، بىزنىڭ قولىمىزدا يۇقىرىقى مەسىلىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان بىرەر پارچە يازما ھۆججەت يوق. شۇنداقتىمۇ بۇ بەگلىكنىڭ تارىختىكى ئورنى، تارىخىي تەرەققىياتى، بۇ جايدا ياشىغان قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياراتقان مەدەنىيىتى، «ئۇزۇنتات»، «ئۇزۇنتېتىر» دېگەن سۆزلەرنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، تۈرك تىلى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئۆز مەنىسى بويىچە ساقلىنىپ قېلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئېتىبارغا ئالساق، بىرىنچىدىن، بۇ بەگلىك قۇرۇلغاندىن باشلاپ «ئۇزۇنتات» دەپ ئاتالغان. ئىككىنچىدىن، بۇ بەگلىكنىڭ قەدىمكى جايلىرى تاشلىنىپ قېلىپ، ئاھالىلەر شىمالدىن جەنۇبقا كۆچكەندىن كېيىن، ئاندىن «ئۇزۇنتېتىر» دەپ ئاتالغان، دېگەن يەكۈنىنى چىقىرىشقا بولىدۇ. ئەگەر بىز ئىككىنچى خىل قاراش بويىچە، يەنى بۇ بەگلىكنىڭ قەدىمكى جايلىرى تاشلىنىپ قالغاندىن كېيىن «ئۇزۇنتېتىر» دەپ ئاتالغان دەپ قارىساق، ئۇنداقتا «ئۇزۇن» نىڭ مەنىسى «ئۇزۇن»، «ئۇزاق»، «بويىغا – ئالدىغا قاراپ سوزۇلغان»، «مۇساپىسى يىراق» ، «ئۇزۇن يول» دېگەنلىك بولىدۇ. مۇھەممەت رېھىم سايىت ئەپەندى نەشرگە تەييارلىغان «ئېرىق بىتىگ» دېگەن ماقالىدە، «تېتىر- (ئېسىل نەسىللىك) بۇغرا مەن» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. «ئېرىق تېتىگ» ياكى «پال كىتابى»، قەدىمكى تۈرك يېزىقىدا يېزىلغان ۋە بىزگە يېتىپ كەلگەن بىردىنبىر كىتاب. دېمەك، «ئېرىق بىتىگ» دىكى يەشمىگە ئاساسلانغاندا، «تېتىر» دېگەن سۆز قەدىمكى تۈرك تىلىدا «ئېسىل» ياكى «ئېسىل نەسىللىك» دېگەن مەنىدە قوللىنىلغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، «ئۇزۇنتېتىر» دېگەن سۆزگە «يىراقتا قالغان ئېسىل بايلىق» دەپ تەبىر بېرىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇ بەگلىكنىڭ قەدىمكى جايلىرىنى ئەينى ۋاقىتتا چىرا دەرياسى، نۇرى دەرياسى، كېرىيە دەرياسى سۇ بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ،سۈيى مول، تۇپرىقى مۇنبەت، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان زېمىن ئىدى. ھازىرقى زامان كىشلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولغاندەك، «يىراقتىكى گىياھ ئۈنمەيدىغان قاقاسلىق» ئەمەس ئىدى. ئەگەر بۇرۇنمۇ «گىياھ ئۈنمەيدىغان زېمىن» ئىدى دېيىلسە، قەدىمكى زاماندىكى ئەجدادلىرىمىز بۇ جايدا ياشىمىغان بولاتتى. ئەجدادلىرىمىز دەريا ئېقىنىنىڭ قىسقىرىشى نەتىجىسىدە، سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولماسلىقى ۋە ئىجتىمائىي داۋالغۇش تۈپەيلىدىن، تەدرىجىي ھالدا شىمالدىن جەنۇبقا كۆچكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار قەدىمدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان جايلار تاشلىنىپ قالغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلار شىمالدىن جەنۇبقا كۆچكەندىن كېيىن، ئەجدادلىرى ۋە ئۆزلىرى ياراتقان ئېسىل مەدەنىيەت، ئەجدادلىرىنىڭ تۇپراق بېشى، ئۆزلىرىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن زېمىن تاشلىنىپ قالغان. شۇڭا، جەنۇبقا كۆچكەن كىشىلەر ئەجدادلىرىنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت مىراسلىرى، ئەجدادلىرى ياشىغان تۇپراقنى قەدىرلەش، ياد ئېتىپ تۇرۇش يۈزىسىدىن، ئۇ جايلارنى «ئۇزۇنتېتىر» دەپ ئاتىغان، دېگەن يەكۈننى چىقىرىشقا بولىدۇ.




#Article 217: قەشقەر ۋىلايىتى (782 words)


قەشقەر ۋىلايىتى بولسا شىنجاڭ دىكى بىر ۋىلايەت 2000 نوپۇس بار، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 3،405،713 نوپۇسى بار، 139،077 كۇۋادىرات كىلومەتىر دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاشقان، شىمالى كەڭلىك 39.45°، شەرىقى ئۇزۇنلۇك 75°98.

قەشقەر ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. شىمال تەرىپى ئاقسۇ ۋىلايىتى، غەربىي شىمال تەرىپى خوتەن ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي، غەربىي جەنۇب تەرىپى ئايرىم - ئايرىم ھالدا تاجىكىستان، ئافغانىستان، كەشىمر (پاكىستان كونتروللىقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى  888 كىلومېتىر). ئومۇمىي يەر مەيدانى  141 مىڭ  600 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا بىر شەھەر،  11  ناھىيە (يەنى قەشقەر شەھىرى، قەقەر كونىشەھەر ناھىيىسى، قەشقەر يېڭشەھەر ناھىيىسى، يېڭىسار ناھىيىسى، مەكىت ناھىيىسى، پوسكام ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى، قاغىلىق ناھىيىسى، يۇپۇرغا ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىسى، پەيزىۋات ناھىيىسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى) بار. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇ بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 3 - شىسىنىڭ شتابى ۋە  21 - تۇەن - مەيدانى بار. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي - قەشقەر شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  1473 كىلومېتىر.  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  3 مىليون  82 مىڭ  400 بولۇپ، ئۇيغۇرلار  89.7% نى، خەنزۇلار  8.82% نى، باشقا مىللەتلەر  1.47% نى تەشكىل قىلىدۇ.  

يەر تۈزۈلۈشى: غەربتىن شەرققە قىيپاش، ئۈچ تەرىپىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ. تاغ يېرى  57.1% (دېڭىز يۈزىدىن  8611 مېتىر ئېگىز بولغان قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئاساسلىق چوققىسى چوگىر چوققىسى مەشھۇر تاغ چوققىسىدۇر). تۈزلەڭلىك  23% نى، قۇرم - چۆل  19% نى، سۇ كۆلىمى  0.9% نى ئىگىلەيدۇ. ۋىلايەت تەۋەسىدە زەرەپشان دەرياسى، تىزناپ دەرياسى قاتارلىق ئاساسلىق دەرياللار بار. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى مىقدارى  7 مىليارد  230 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى  8 مىليارد 70 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاساسلىقى يىلپىز، ياۋا ئات، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، ئۇلار، سۇغۇر قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن ئاساسلىقى چۈچۈكبۇيا، كىرەش، تورسۇلداق، قارلەيلىسى، ئالقات، پاقا يوپۇرماق، سېرىق يۆگەي قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىرىدىن ئاساسلىق تۆمۈر، ۋانادىي، فوسفور، بېرىلىي، سىنىك، تىتان، مىس، قوغۇشۇن، كۆمۈر، نېفىت، ئالماس، تاش پاختا، ئاق مەرمەر تاش، گەژ، چىرىمتال، تەبىئىي گۈڭگۈرت قاتارلىقلار بار.   قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىمغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  11.4℃ - 11.7℃. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  42.7℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 39.1℃. كۈننىڭ يىللىق چۈشۈش ۋاقتى  2750  - 3000 سائەت.  10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى تۈزلەڭلىك رايونلاردا  4000℃  دىن يۇقىرى بولىدۇ. قىروسىز مەزگىلى 210 - 240  كۈن بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 40 - 100 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2100 - 2700  مىللىمېتىر بولىدۇ.   قەشقەر ۋىلايىتىدە يېزا ئىگىلىك بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 393  مىڭ 500 گېكتار ( 5 مىليون  902 مىڭ  500 مو) تېرىلغۇ يەر،  332 مىڭ  500 گېكتار ( 4 مىليون  988 مىڭ مو) ئورمان،  2 مىليون  362 مىڭ  700 گېكتار ( 35 مىليون  440 مىڭ مو) ئوتلاق بار. يەنە  1 مىليون  94 مىڭ  700 گېكتار (16 مىليون  420 مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار.  282 مىڭ  700 گېكتار (4 مىليون  240 مىڭ مو) ئورمان بىنا قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر بار. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىق بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، شال، قىچا، كۈنجۈت، خۇاسېڭ، ماش - پۇرچاق، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقى ئوتلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونلىرىنى چارۋىچىلىقى دەپ ئايرىلىدۇ. چارۋىسىدىن ئاساسلىقى قوي، كالا، ئات، ئېشەك، قېچىر، چوشقا قاتارلىقلار بار، ئاساسلىقى پاختا توقۇمىچىلىق، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى، كۆن - خۇرۇم، گىلەم، ئاشلىق - ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائىتى بار. نېفىت قېزىشتا ئىستىقبالى پارلاق، ھازىر قاغىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدە كۆكيار نېفىتلىكى بار.   بۇ ۋىلايەتنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ  314 -،  315 - لىنىيىسى ۋىلايەت تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. ەشقەر شەھىرىدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلان بار. پروگراممىلىق تېلېفون قويدۇرغان ئابونت  28  مىڭ  100 ئائىلىگە يەتتى. كۆچمە تېلېفون، گۇرۇپپا بويىچە سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىلىرى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. قونجىراپ ئېغىزى دۆلىتىمىز پاكىستان ۋە 3 - دۆلەتكە ئېچىۋەتكەن مۇھىم خەلقئارا ئېغىز.

قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى، پۇلى، يەكەن، زىفې، شىيې دۆلەتلىرىنىڭ يېرى بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە چاغاتاي ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ  25 - يىلى ( 1760 - يىلى) قەشقەرگە مەسلىھەتچى ئامبال قويۇلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ  8  - يىلى (1882 - يىلى) قەشقەر لەشكىرىي ئىشلار دوتىيى قويۇلغان. مىنگو دەۋرىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 3 - (قەشقەر)،  10 - (يەكەن) مەمۇرىي رايۇن قۇرۇلغان. مىنگو  32 - يىلى ( 1943 ) مەمۇرىي رايون مەمۇرىي مۇپەتتىش ۋالىي مەھكىمىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن قەشقەر ۋە يەكەن ۋالىي مەھكىمىسى قۇرۇلغان. 1955 - يىلى قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئاتۇش ناھىيىسى بىلەن ئۇلۇغچات ناھىيىسىدىن باشقا ناھىيە، شەھەر بىۋاسىتە جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىسىگە قارايدىغان بولغان.  1956 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىسى بىلەن يەكەن ۋالىي مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.  1979 - يىلى قەشقەر ۋىلايىتى دەپ ئاتالغان.

قەشقەر ۋىلايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى قىزىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ بىرى. تەۋەسىدە ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ئاپئاق غۇجازىرى، (ئىپارخان مازىرىمۇ دېيىلىدۇ)، ھېيتكار جامەسى، ئەسكى ھېسار قەدىمكى شەھىرى خارابىسى،  نىڭ ئاپتورى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى، بەنچاۋ شەھىرى خاراببىسى، خانىئۆي قەدىمكى قەلئەسى،  نىڭ ئاپتورى مەھمۇد قەشقەرى مازىرى. شېھىتىيار قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، توققۇز ساراي قەدىمكى قەلئەسى خارابىسى قاتارلىقلار بار.

 




#Article 218: قاراقاش دەرياسى (573 words)


 

قاراقاش دەرياسى  شىنجاڭدىكى ئاساسلىق ئىچكى دەريالارنىڭ بىرى، قاراقاش ناھىيىسى مۇشۇ دەريانى غەربى قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، قاراقاش دەرياسى ئۇلارنىڭ جان تومۇرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

قاراقاش دەرياسى بولسا دەريا ۋادىسىدىكى نەچچە يۈزمىڭلىگەن خەلقنىڭ جان تومۇرى، ئۇنىڭسىز قاراقاش خەلقىنىڭ خۇشال-خۇرام،  باياشات تۇرمۇشى،  گۈزەل، ياپيېشىل قاراقاش بوستانلىقلىرى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. قاراقاش دەرياسى كوئىنلۇن تاغلىرىدىن باشلىنىپ، تۇپرىقى مۇنبەت، ياپيېشىل قاراقاش بوستانلىقىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ئومۇمى ئوزۇنلىقى 800كىلومىتىردىن ئارتۇق بولۇپ، ئەڭ ئاخىرى قوشۇلۇشتا ئاق قاشتېشى دەرياسى دەپ نام ئالغان يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ خوتەن دەرياسىنى ھاسىل قىلىدۇ
قاراقاش دەرياسىنىڭ يىللىق سۇ ئېقىم مىقدارى 2.2مىليارد كۇب مېتىر بولۇپ، پۇتكۈل قاراقاش ۋادىسىنى سۇ بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن خوتەن ناھىيىسىنىڭ قىسمەن رايۇنلىرىنىمۇ سۇ بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. قاراقاش دەرياسىنىڭ سۈيى يازدا نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، 7-ئايلاردا كەلكۈن سۈيى بەزى تېرىلغۇ يەرلەرنى ئېقىتىپ كېتىدۇ، دەريادىن كېچىپ ئۆتۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، بىراق كەلكۈن يوق ۋاقىتلىرىدا قاراقاش دەرياسى نۇرغۇنلىغان سۇ ئۈزگۈچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ؛ قىش كۈنلىرى، بەزى قاتتىق سوغۇق بولغان كۈنلەردە دەريا يۈزى مۇز تۇتىدىغان بولۇپ، دەريا يۈزى دەريا بويىدىكى كەڭ كەتكەن شاللىقلار بىلەن بىرلىشىپ، شۇنداق كەڭ، شۇنداق گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلىدۇ.

قاراقاش دەرياسى - قارا قۇرۇم تاغلىرىدىن باشلىنىپ 808 كىلومېتىر ئاققاندىن كېيىن، يورۇڭقاش دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ خوتەن دەرياسىنى ھاسىل قىلىدۇ. باش ئېقىنى تاغلار، ئوتتۇرا ئېقىنى تاغ، دۆڭلۈكلەر، تۆۋەن ئېقىنى تۈزلەڭلىكلەر ئارىسىدىن ئاقىدۇ. تاغ ئارىسىدىكى ئېقىننىڭ ئۇزۇنلىقى 569 كىلومېتىر بولۇپ، باش مەنبەدىن ئۇلۇغئاتا سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغىچە بولغان ئارىلىق باش ئېقىن ھېساپلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە شەيدۇللانىڭ يۇقىرىدىكى 359 كلومېتىر ئارىلىقتىكى دەريا قىرغىقىنىڭ يانتۇلىقى 20 گىرادۇستىن 60 گىرادۇسقىچە كېلىدۇ. بۇ ئارىلىقتا تىك چوققىلار ئاز، تاغلارنىڭ ئۈستى ئاساسەن تەكشى، يىلبويى قار- مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. شەيدۇللارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كەڭلىكى بىر كىلومېتىردىن 28 كىلومېتىرغىچە، ئۇزۇنلىقى 130 كىلومېتىر كېلىدىغان مۇزلۇق بار. شەيدۇللادىن ئۇلۇغئاتا سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغىچە بولغان 230 كىلومېتىر ئارىلىقتا تىك چوققىلىق ھەيۋەتلىك تاغلار جىق ئۇچرايدۇ. بۇ ئارىلىقتا  20 دىن كۆپرەك تارماق ئېقىن بار. چوڭ قىيا تاشلار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. دەريا جىلغىسىنىڭ تار يېرى 20 مېتىر، كەڭرەك يېرى 100 مېتىر كېلىدۇ. ئۇلۇغئاتىدىن قاراقاش دەرياسى كۆۋرۈكىگىچە بولغان 91 كىلومېتىرلىق ئارىلىق ئوتتۇرا  ئېقىن بولۇپ، ئىككى تەرىپى تاغ ۋە دۆڭلۈكلەردىن باشقا، قارا قاش ۋە خوتەن ناھىيىلىرىنىڭ تۇتاش كەتكەن باغۇ - بوستانلىقلىرىدۇر. باش ئېقىننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن 6500 مېتىرغىچە، ئەڭ ئېگىز چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7013 مېتىر  كېلىدۇ. ئوتتۇرا ئېقىنىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1300 مېتىردىن 3000 مېتىرغىچە، تۆۋەن ئېقىنىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن  ئېگىزلىكى 1100 مېتىردىن 1200 مېتىرغىچە كېلىدۇ. قاراقاش دەرياسىنىڭ كۈنلۈك ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقتارى 69.8 كۇب مېتىر بولۇپ، دەرياغا كەلگەن سۇنىڭ پەسىللەردىكى پەرقى ناھايىتى چوڭ. ئەتىيازدا كەلگەن سۇ يىللىق ئومۇمىي مىقتارىنىڭ % 9.8 نى، يازدا كەلگەن سۇ % 73.1 نى، كۆزدە كەلگەن سۇ %13.6 نى، قىشتا كەلگەن سۇ %3.5 نى تەشكىل قىلىدۇ.

ئۇزاق ئەسرلەردىن بۇيان قاراقاش دەرياسىدىن قارا قاشتېشى، سەيۋىرەڭ قاشتېشى، زۇمرەت  قاشتېشى، قىزىل قاشتېشى، سېرىق قاش تېشى تېپىلىپ كەلمەكتە. قاراقاش دەرياسى ساھىلىدىكى تۇزاقچى، ئۇچات، كۇسۇي، بوستانتوغراق، ئۇلۇغئاتا قاتارلىق جايلاردىن كېپەك ئالتۇن جىق تېپىلىدۇ. قاراقاش دەرياسىدىن 1945- يىلى بىر ئالماس تېپىلغان. بۇ ئالماس  ھازىرغىچە موسكۋا موزېيىدا ساقلانماقتا. 1984- يىلىدىن 1989- يىلىغىچە توزاچىدا كېپەك ئالتۇن ئىزدىگەن كىشىلەرگە يەتتە ئالماس ئۇچرىغان. بىراق ئالماس قېزىلىدىغان كان ئورنى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىغان

قاراقاش دەرياسىنىڭ يىللىق سۇ ئېقىم مىقدارى 2.2مىليارد كۇب مېتىر بولۇپ، پۇتكۈل قاراقاش ۋادىسىنى سۇ بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن خوتەن ناھىيىسىنىڭ قىسمەن رايۇنلىرىنىمۇ سۇ بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.قاراقاش دەرياسىنىڭ سۇ ئېنىرگىيە  بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، دەريانىڭ باش ۋە ئوتتۇرا ئېقىنىدا دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى - كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇ ساقلاش، توك چىقىرىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇلۇغئاتا سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى بولغان پەيزىۋات سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قاتارلىق چوڭ - كىچىك بەش سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى بار.ئۇنىڭ ئۈستىگە، قاراقاش دەرياسى يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ تەكلىماكاننى مۇھىم بولغان سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن چىققان قارا قاشتېشى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا داڭلىق بولۇپ، قاراقاشنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى كۆرىنەرلىك كۆتۈردى.




#Article 219: تارىم دەرياسى (599 words)


تارىم دەرياسى (لاتىن: Tarim Deryasi، كرىل: Тарим дәряси، ئىنگ: Tarim River)، بولسا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن دەرياسى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. شىمالدىكى تەڭرىتاغ ۋە جەنۇبتىكى قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ ئوتتۇرسىدىغا جايلاشقان بولۇپ، تارىختا لوپنۇر كۆلىگە قويۇلاتتى، ئەمما بۇگۈن لوپنۇرغا يەتمەيلا قۇرۇپ كەتمەكتە. بۇ دەريا سانسىكرىتچە سىتا (Śītā) دەپ قەيت قىلىنغان. جۇغراپىيىلىك كوردىناتى شىمالى كەڭلىك 41.05°، شەرقى ئۇزۇنلۇق 86°40 قا جايلاشقان. تارىم دەياسى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن 99. دەريادۇر.

تارىم دەرياسى ھاۋزىسى ۋەتىنىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريالىرى سۇ سىستېمىسىدۇر . ئۇ تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىن مەركىزىگە قاراپ يىغىلىپ ئاقىدىغان قارا شەھەر دەرياسى – كۆنچى دەرياسى، دىنار دەرياسى، ئۆگەن دەرياسى ، ئاقسۇ دەرياسى ، قەشقەر دەرياسى ، يەكەن دەرياسى ، خوتەن دەرياسى، كېرىيە دەرياسى ،چەرچەن دەرياسى قاتارلىق توققۇز سۇ سىستېمىسىدىكى جەمىئي 144 دەريانى ھەمدە تارىم دەرياسى غول ئېقىنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تارىم دەرياسى ھاۋزىسىنىڭ ئومومىي يەر كۆلىمى 1 مىليون 20 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر (چېگرا سىرتىدىكى ھاۋزىسىنڭ كۆلىمى 23 مىڭ 600 كۋدرات كىلومېتىر)، ئۇنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان نوپۇس 8 مىليون 257 مىڭ ئەتراپىدا. يەكەن دەرياسىنىڭ باشلىنىش مەنبەسى (يەنى تارىم دەرياسىنىڭ باشلىنىش مەنبەسى) بولغان لاسكوي دەرياسىدىن تېتما كۆلىگىچە تارىم دەرياسىنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلۇقى 2437 كىلومېتىر(بۇنىڭ ئىچىدە غول ئېقىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1321 كىلومېتىر) كېلىدۇ.

تارىم دەرياسى تەكلىماكان ئويمانلىقىغا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تەڭرىتاغ ۋە كوئىنلۇن تېغىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان. ئەتراپىدىكى تاغ رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا ئومۇمىي كۆلىمى 105 تۈمەن كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %63 نى ئويمانلىق كۆلىمىنىڭ 53 تۈمەن كۋادرات كىلومېتىر ئىگەللەيدۇ.

دەريانىڭ باشلىنىش مەنبەسى رايونىدا ھۆل–يېغىن بىر قەدەر مول بولۇپ ، ئادەتتىكى يىللىق ھۆل–يېغىن مىقدارى 300~900 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، ھەۋز ئىچىنىڭ يىللىق ھۆل–يېغىن مىقدارى 117 مىليارد 300 مىليون كۇپ مېتىر (ھەۋزىسىنىڭ ئوتتۇرچە يىللىق ھۆل–يېغىن مىقدارى 115 مىللىمېتىر، لېكىن قۇملۇق رايونلىرىنىڭ يىللىق ھۆل–يېغىن مىقدارى ئاران 25~50 مىللىمېتىر). ئېگىز تاغلاردىكى مۇزلۇقلارنىڭ كۆلىمى 23 مىڭ 320 كۋادرات كىلومېتىر (چەت ئەلدىكى قىسمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )، مۇزلۇق زاپىسى 2 تىرليون 404 مىليارد كۇپ مېتىر مۇزلۇقلارنىڭ يىللىق ئېرىگەن سۇ مىقدارى 17 مىليارد 200 مىليون كۇپ مېتىرغا يېتىپ ، تارىم دەرياسى ھەۋزىسى يەر ئۈستى سۈيى ئومومىي مىقدارى 39 مىليون كۇپ مېتىر (چەت ئەلدىن ئېقىپ كىرگەن سۇ مىقدارى 6 مىليارد 70 مىليون كۇپ مېتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) نىڭ ٪44 ئىنى ئىگىلەيدۇ.ھەۋزىسىنىڭ ھەر قايسى دەريالاردىكى لەيلىمە ماددىلار ئېتتىرىلىپ يۆتكىلىدىغان ماددىلار ، ئېرىگەن ماددىلار ھەمدە بۇ ئۈچۈنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن قاتتىق جىسىملارنىڭ ئومومىي ئېقىن مىقدارى ئايرىم–ئايرىم ھالدا 156 مىليون 600 مىڭ توننا / يىل،31 مىليون 320 مىڭ توننا / يىل ،16 مىليون 570 مىڭ توننا / يىل ، 204 مىليون 500 مىڭ توننا / يىلغا يېتىدۇ. تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۇلىرىنىڭ تەبىي تۇلۇقلاش مىقدارى 4 مىليارد 455 مىليون كۇپ مېتىر كېلىدۇ . ئېقىننىڭ يىللىق ئۆزگىرىشى بىرقەدەر مۇقىم، لېكىن يىل ئىچىدىكى كەلكۈن كېلىش بىلەن سۇ تارتىلىشنىڭ ئۆزگىرىشى چوڭ بولىدۇ .ھەۋز ئىچىدە ئىنسانلار پائالىيىتى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە تارىم دەرياسىنىڭ غول ئېقىنىدا يەر ئۈستى سۈيى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سۇ سېستېمىلىرى ئازىيىپ تۆتكە چۈشۈپ قالدى ،يەنە ئاقسۇ دەرياسى ، خوتەن دەرياسى ،كۆنچى دەرياسى ، يەكەن دەرياسىلا قالدى .

تارىم دەرياسىنىڭ 1978 يىلدىن 1987 يىلغىچە بولغان ئون يىللىق ئوتتۇرىچە يىللىق ئېقىن مىقدارى جەمىي 4 مىليارد 956 مىليون كۇپ مېتىر بولغان . تارىم دەرياسىنىڭ غول ئېقىنىدىكى ئالار گىدرولوگىيە پونكىتىنىڭ ئۆلچەپ چىقىشىچە ، 20– ئەسىرنىڭ 30– يىللىرىدىن 80–يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا يەر ئۈستى سۈيى ئېقىن مىقدارى 6 مىليارد كۇپ مېتىردىن ئازىيىپ 4 مىليارد 480 مىليون كۇپ مېتىرغا چۈشۈپ قالغان ، لېكىن ئوخشاش مەزگىلدە تۆۋەنكى ئېقىندىكى قارا گىدرولوگىيە پونكىتىدا يىللىق ئېقىن مىقدارى 4 مىليارد 480 مىليوندىن ئازىيپ 392 مىليون كۇپ مېتىرغا چۈشۈپ قالغان ، نەتىجىدە تۆۋەنكى ئېقىننىڭ ئېكولوگىيىسى ناچارلىشىپ ، دەريا ئېقىنى 280 كىلومېتىر قىسقىرىپ كەتكەن ؛لوپنۇر كۆلى 1972– يىلى ، تېتما كۆلى 1980–يىلى قۇرۇپ كەتكەن . 70– يىللارنىڭ ئاخىرى ھەۋزىسىدىكى كۆللەرنىڭ كۆلىمى 2957 كۋادرات كىلومېتىرغا چۈشۈپ قالدى. چوڭ–كىچىك سۇ ئامبىرىدىن 28ئى بولۇپ، سۇ سىغىمچانلىقى 4 مىليارد 660 مىليون كۇپ مېتىر قىلىپ لاھىيلەنگەن بوستانلىقلاردا سۇغۇرۇش كۆلىمى 1 مىليون 660 مىڭ گېكتارغا يېتىدۇ.




#Article 220: لوپنۇر (393 words)


 

لوپنۇر بولسا شىنجاڭ، شىمالى كەڭلىك 40.05°، شەرىقى ئۇزۇنلۇك 90°05. 

لوپنۇر —لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ،شۇنداقلا لوپنۇر كۆلىنىڭ نامى ،لوپنۇر رايونى تار مەنىدىن ھازىرقى لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ كەڭ مەنىدىن چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنىمۇ يەنى،لوپنۇر كۆلى ئەتراپى رايونلىرىنى ھەم قەدىمكى كروران دۆلىتىنىڭ ئومومىي دائىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

لوپنۇر رايونىدا قەدىمكى كرورانلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى ياشاپ كېلىۋاتقان بولۇپ ،تىل جەھەتتىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر شېۋسىدە سۆزلەيدۇ .

قەدىمكى كروران دۆلىتى ھازىرقى لوپنۇر كۆلى ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى رايونلىرى ،شۇنداقلا چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ كۆپ قسىم رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان .مىلادى 500–يىللىرى ئەتراپىدا قەدىمكى كروران دۆلىتى ئېغىر قۇرغاقچىلىق ،دەريا –ئېقىنلار ئازىيىش ،كۆل سۇيى تارتىلىش ،قۇم كۆچۇش ،يات قوۋملارنىڭ ھۇجۇمى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى قاتارلىق كۆپ خىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن قۇم ئاستىدا قالغان ،بۇ يەردە ياشاپ كەلگەن لوپنۇرلۇقلار تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا ئېقىن بويلىرىغا ،ھازىرقى لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ دۆڭقان،كاچۇڭ ئەتراپلىرىغا ،بۈگۈر ناھىيىسىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا ھەم چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلىرىغا كۆچۇشكە مەجبۇر بولغان .ئاز قىسىم ئاھالە لوپنۇر كۆلى ئەتراپىدىكى بوستانلىقلاردا ياشىغان.

قەدىمكى كروران شەھىرى ۋە قېپقالغان لوپنۇر ئاھالىسى 1896–يىلى لوپنۇر كۆلى ئەتراپىدىكى ئابدال كەنتىدە بايقالغان .نۇرغۇن ئېكسپېدېسيىچى مۇشۇ ئاھالىنى يىپ ئۇچى قىلىپ ۋە بۇ ئاھالىدىن ئىگىلىگەن تارىخىي ماتېرىياللار ،قەدىمكى كروران شەھىرى خارابىلىكلىرىدىن تېپىلغان يادىكارلىقلار ئاساسىدا قەدىمكى كروران دۆلىتىنىڭ ۋەيران بولۇش تارىخى،لوپنۇر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆتمۇشى ،كۆچۈش تارىخىنى ئىگىلىگەن.بۇ رايونلاردا ياشاۋاتقان ئاھالىلەرنىڭ ئۆرپ–ئادىتى،دەپنە مۇراسىملىرى ،ئىشلەپچىقىرىش ،تۇرمۇش شەكىللىرى قەدىمكى كروران ئاھالىسىنىڭ ئۆرپ –ئادەتلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كەتكەن .لوپنۇر ناھىيىسىدە ياشاۋاتقان لوپنۇرلۇقلار ئەجدادلىرىنىڭ لوپنۇر كۆلى ئەتراپلىرىدا ياشىغانلىقىنى ،كېيىن بۇ جايلارغا كۆچۇپ كەلگەنلىكىنى ئەستە ساقلاپ كەلگەن .بۇ يىپ ئۇچى ۋە ماددىي پاكىتلار 1896–يىلى ئېكسپېدېتسىيىچىلەر تەرىپىدىن مەركىزىي لوپنۇر رايونىدىكى ئابدال كەنتدە ئۇچرىتىلغان ،كۈنچىققانبەگ (1811–1898)ۋە ئۆردەك ئوماق (1864–1944) لاردىن ئېلىنغان .بۇ ئىككى تارىخىي شەخس لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادى بولۇپ ،كۇنچىققانبەگ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە لوپنۇر كۆلى ئەتراپىدىكى قەدىمكى مەھەللىدە ياشاپ كەلگەن .

لوپنۇرلۇقلار ئۇزۇندىن بۇيان سۇ ۋە ئوت –چۆپ قوغلىشىپ ،ئىلگىرى لوپنۇر كۆلى ئەتراپدىكى بوستانلىقلاردا ،كېيىن تارىم ۋە كۆنچى دەرياسى ئەتراپلىرىدا بېلىقچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ كەلگەن .ھازىرقى لوپنۇرلۇقلار ئۆرپ –ئادەت ۋە تىل شىۋىسى ،تۇرمۇش ئۇسۇللىرىدا قەدىمكى كرورانلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ كەلگەن ،دەپ قارالماقتا.لوپنۇرلۇقلار ھازىرمۇ توغراق ياغىچىدىن ياسالغان قېيىقلاردىن پايدىلنىپ تارىم دەرياسىدا بېلىق تۇتىدۇ .توغراق ياغىچى قومۇشلاردىن پايدىلنىپ تۇرالغۇ ئۆي ،كەپە ،سايىۋەنلەرنى ياسايدۇ .ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا توغراق ياغىچىدىن ياسالغان تۇرلۇك بۇيۇملار ھېلىھەم ئىشلىتىلىپ كېلىنمەكتە.

ھازىر ئۇلارنڭ دەپنە مۇراسىمى ۋە قەبرە قاتۇرۇش شەكلىدە ئىلگىرىكى بىلەن ئوخشىماسلىق بولسىمۇ ، ئەمما ؛لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ يىڭپەن خارابىلىكى ،چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ كروران ،مىرەن خارابىلىكلرىدىن تېپىلغان قەدىمكى جەسەتلەر ،مېيىتنڭ يەرلىككە قويۇلۇش ئادىتى،ئىشلىتىلگەن دەپنە بۇيۇملار ،بولۇپمۇ ‹‹قۇياش قەبرىستانلىقى ››دەپ ئاتالغان قەدىمكى ۋە بوستانلىقتىكى قەبرىلەر لوپنۇرلۇقلارنىڭ قەدىمكى تۇرمۇش ۋە ئۆرپ –ئادەتلىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان .




#Article 221: Xoten wilayiti (2416 words)


Xoten Wilayiti Shinjang Uyghur Aptonom Rayoni ichidiki bir wilayet bolup, tarim oymanliqining jenubi éteklirige, ko'inlun téghining shimali baghrighajaylashqan.omumiy yer meydani 247 ming  900 kwadrat kilométir. Qarmiqidar bir sheher,. Yette nahiye (xoten shehiri, guma nahiyisi, qaraqash nahiyisi, xoten nahiyisi, lop nahiyisi, chira nahiyisi, kériye nahiyisi, niye nahiyisi) bar.omumi nopusi 2 milyondin ashqan bolup, uyghurlar omumi nopusning mutleq köp qismini igileydu.

Xoten wilayiti tarim oymanliqining gherbiy jenubi qismigha jaylashqan. Sherq teripi shizang aptonom rayoni bilen tutishidu. Gherb teripi qeshqer wilayiti bilen tutishidu. Shimal teripi aqsu wilayiti bilen tutishidu. Gherbiy jenub teripi keshmir (hindistanning emelliy kontrolliqidiki rayon) bilen chégrilinidu. Chégra liniyisining omumiy uzunluqi 200 kilométir. Sherqtin gherbkiche bolghan uzunluqi texminen  670  kilométir, jenubtin shimalghiche bolghan kengliki texminen 600 kilométir. Omumiy yer meydani 247 ming  900 kwadrat kilométir. Qarmiqidar bir sheher,. Yette nahiye (xoten shehiri, guma nahiyisi, qaraqash nahiyisi, xoten nahiyisi, lop nahiyisi, chira nahiyisi, kériye nahiyisi, niye nahiyisi) bar. Teweside shlepchiqirish  -  qurulush bingtu'eni xoten déhqanchiliq meydanlirini bashqurush idarisi bar. Memuriy mehkime jaylashqan xoten shehirining ürümchi shehiri bilen bolghan ariliqi  1520 kilométir.  1995 - Yilining axiridiki omumiy nopusi bir milyon  504 ming  800 bolup, buning ichide uyghurlar  97.4%  ni, xenzular 2.66% ni, bashqa milletler  0.2% ni teshkil qilidu.      yer tüzülüshi: jenubiy égiz, shimali pes, gherbiy égiz, sherqiy pes. Bu taghliq rayon  33.3% ni, chöl - chezire  63% ni, bostanliqlar  3.7% ni igileydu.  36 Chong - kichik deryasi, 58 buliqi bar. Yer asti su bayliqi sekkiz milyard  770 milyon kub métir, tüzlengliktiki yer asti su bayliqi miqdari üch milyard  246 milyon kub métir. Yawayi haywanat bayliqidin yilpiz, tibet quluni, qotaz, tibet bökini, arqar, yawa töge, aq boghuz böken, ular qatarliqlar bar. Yawa dora ösümlük bayliqidin toshqan zediki, qantéper, qarleylisi, rewen qatarliqlar bar. Bayqalghan qézilma bayliqidin néfit, kömür, altun, tömür, tantal, litiy, périlliy, sindiy, ni'obiy, singir tash, hak téshi, qashtéshi qatarliqlar bar.   xoten wilayiti mötidil belwagh qurghaq iqlim rayonigha kiridu. Yilliq otturiche témpératurisi  10.4℃ ～ 12.2℃, eng yuqiri témpératurisi  43.2℃, eng töwen témpératurisi  - 28.9℃. Künning yilliq otturiche chüshüsh waqti  2400 - 2900 sa'et, 10℃  yighinda témpératurisi 4300℃ ～ 4100℃. Qirosiz mezgili  210 ～ 024 kün. Yilliq otturiche höl - yéghin miqdri 30 ～ 50 millimétir, suning yilliq otturiche pargha aylinish miqdari 2400 ～ 8002 millimétir. Yilliq otturiche qaqas qum uchush - boran chiqish waqti 30 ～ 25 kün.   xoten wilayiti déhqanchiliqni asas qilidu. Hazir 157 ming géktar (ikki milyon 365 ming mo) térilghu yer,  263 ming  300 géktar (üch  milyon  950 ming mo) tebi'iy orman,  94 ming géktar (bir milyon  240 ming mo) süniy orma, ikki milyon  492 ming  300 géktar ( 37  milyon 391  ming mo) otlaq, 17 ming  200 géktar (258 ming mo) süniy otlaq bar. Déhqanchiliq mehsulatliridin asasliqi bughday, kömmiqonaq, shal, kéwez, yaghliqdan we höl - quruq méwe - chéwiler bar. Charwichiliqi yaylaq charwichiliqi we déhqanchiliq rayoni charwichiliqi dep ayrilidu. Déhqanchiliq rayoni charwichiliqi asasliq orunda turidu. Charwisidin qoy, kala, at, éshek, töge qatarliqlar bar. Buning ichide xoten yérim inchike yungluq qoyining sani eng köp. Sana'itidin asasliqi éléktr énérgiyisi, kömür sana'iti, qurulush matériyalliri, déhqanchiliq mashiniliri, paxta toqumichiliq, yipekchilik, gilemchilik, qashtéshi oymichiliqi, ashliq  - may we yémekliklerni pishshiqlap ishlesh qatarliqlar bar. Yerlik alahidilikke ige yipekchilik, gilemchilik we qashtéshi oymichiliqi xotenning üch göhiri dep atilip kelmekte.   xoten wilayitining asasiy mu'esseliri üzlüksiz yaxshilanmaqta. Dölet tashyolining  513 - liniyisi tewesini késip ötidu. Tarim qumluq tashyolida qatnashning bashlinishi xoten bilen ürümchining ariliqini zor derijide qisqartti; nahiye, yéza tashyolliri terep - terepke tutashqan bolup,  90% din köpreki asfalitlashturulup boldi. Xoten ayrodromigha chong, ottura tiptiki yolochilar ayropilani qonalaydu we uningdin uchalaydu. Her heptide qerellik ürümchige uchidighan ayropilan bar. Yette nahiye, bir sheherdiki programmiliq téléfonlarning hemmisi memliketlik uzun yolluq aptomatik uchur torigha kirgüzüldi. Köchme téléfon, chaqirghu apparatliri tengla ishqa kirishtürüldi. 

Xoten wilayiti shinjang oyghur aptonom rayonining eng jenubigha jaylashqan bolup,jenubta ko'inlun téghidin halqip,shizang shimaly égizliki bilen tutishidu, sheriqte bayunghulin mongghul aptonom oblasti bilen tutishidu, shimalda teklimakan qumliqining ichkirsige kiriship kitip,aqsu wilayiti bilen tutishidu.gheribte qeshqer bilen ,gherbi jenupta qara qurum téghi arqiliq hindistan,pakistan bilen chigirlinidu,chigra liniye uzunliqi 210kilométir,sherqtin gherbgiche bolghan uzunluqi texminen 670kilomitér,jenuptin shimalghiche bolghan kengliki texminen 600kilomitér kilidu.umumi kölümi 247 ming 800 kiwadirat kilométir,xoten wilayitining jenubidiki heywetlik ko'inlun téghi yaysiman halette sherqtin gherbke kisip ötidu.qatmu-qat tagh choqqiliri gireliship ketken bolup,intayin xeterlik. Ko'inlun téghining shimali yantuluqqa qarap yüzlengen bolup,jilghiliri köp,jenub teripi pesrek bolup,bölünüsh derijisi yuqiri emes,tagh tizmiliri adette déngiz yüzidin 6000mitér etrapida égiz bolup, eng égiz yéri 7000mitérdin ashidu.hawa kilimatining qurghaq bolishi sewebidin qumluq igizliki adette 3300mitérgha,ayrim jaylirining 5000mitérgha yitidu.jenub we shimali étigidiki qar orni ayrim-ayrim halda 6000mitér we 5500mitérdin yuqiri kilidu.ko'inlun téghi bilen qaraqurum téghining pasilida oymanliq hasil bolghan ,buningdin hazirqi tuz köl we shurluq,sasliq peyda bolup,taghliq köl shekillengen.taghning shimali qismi chöllök bolup,derya éqinlarni boylap yelpügüchsiman shekildiki bostanliq uzirap, bostanliq girwekliri teklimakan qumluqi bilen ulinip,biwaste tarim oymanliqining kindikigiche tutashqan.maza taghdiki qedimqi tagh xarabe qalduqliri hilihem shimaldiki qumluqning gherbi shimalida mewjut bolup,déngiz yüzidin égizliki 430mitér kilidu.

Xoten wilayiti yawrupa, asiya chong qurughluqinng otturisigha jaylashqan,pamir égizliki bilen tengritaghliri tusup turghachqa,gherbi,shimali ottura asiya we sibiriye sughuq hawa kilimati asanliqche kirelmeydu,jenubi qismi ko'inlun téghi we qaraqurum taghlirigha tutashqan bolup,hindi okyandin kilidighan nemlik we issiq hawani tusup turghachqa,iqlimi mötidil belbaghning tipik qurghaq chöl iqlimini shekillendürgen,asasliq alahidiliki: töt pesilning perqi  iniq bolup,yazda qattiq issiq,qishta qattiq sughuq bolidu,etiyazda timpira turining örlishi tiz hem turaqsiz bolghachqa,da'im etiyaz sughuqi bolup turidu.chang-tuzanliq hawa rayi köp bolidu.küzde timpiratura tiz töwenleydu.pütün yilliq höl-yighin miqdari intayin kemchil,qoyashning yurutushi yiterlik,issiqliq miqdari mol,qirusiz mezgili uzun kiche kündüzlük perqi chong.hawa kilimat alahidiliki: etiyazda qum boran köp bolup, hawani köpinche chang tuzan qaplap turidu.yaz pesilide hawa qattiq issiq we qurghaq bolidu.yilliq otturiche höl-yighin miqdari 35millimitér,yilliq pargha aylinish miqdari 2480millimitér,töt pesilning hemmiside qum boran köp bolup,her yili qum boranliq hawa rayi 220kündin ashidu,buning ichide qoyuq chang tuzan(qum boran)liq hawa rayi 60kün etrapida bolidu. Xotenning chang- tuzanliq hawarayi kün sani ottura hisap bilen 2.5kün köpiyidu,putun yilda 1-,2-derijilik hawarayi körulmeydu,3-,4-derijilik hawarayi 28kün,5-derijilik hawarayi 300kün etrapida bolup,éyigha otturiche 124tonnakuwadirat kilomitir topa yaghidu.
　　Wilayetning da'irisi keng,kölümi chong bolup,oxshash bolmighan yer shekli shara'itida,janliqlar we kilimat perqi intayin zor bolghachqa,chong jehettin jenobi rayun,bostanliq,tüzlenglik rayun,shimali qumluq rayundin ibaret üch xil kilimat tipigha ayrishqa bolidu.
 

Xoten wilayitide jemiy bir sheher yette nahiye bar bolup, ular xoten shehiri, guma nahiyisi, qaraqash nahiyisi, xoten nahiyisi, lop nahiyisi, chira nahiyisi, kériye nahiyisi we niye nahiyisidin ibaret. Xotende 

Xoten shehirining omumi nopusi380ming(2010-yilidiki 6-qétimliq nopus tekshürüsh netijisi) bolup, uyghurlar mutleq köp qismini igileydu. Uyghurlardin bashqa yene xenzu, xuyzu, qazaq qatarliq 13millet yashaydu.xoten shehiri yurungqash deryasi bilen qaraqash deryasidin hasil bolghan tinma tüzlenglikige jaylashqan bolup, sheher merkizidin yurungqash deryasighiche bolghan ariliq nechche kilomitérla kilidu. Sherqi teripi lop nahiyisi bilen yurungqash deryasi arqiliqla ayrilip turidu, gherbi teripi xoten nahiyisige tutishidu, qaraqash nahiye baziri xoten shehirining gherbi shimaligha jaylashqan bolup, uning bilen bolghan ariliqi 20kilomitér kélidu. 

Guma nahiyisi teklimakan qumluqining jenubiy chétige, qaraqum téghining shimaliy étikige jaylashqan. Sherq teripi xoten, qaraqash nahiyisi bilen tutishidu. Gherbiy teripi qaghiliq nahiyisi bilen tutishidu. Jenub teripi keshmir (hindsitanning emeliy kontrolluqidiki rayon) bilen chégrilinidu (chégra liniysining uzunluqi 50 kilométir). Shimal teripi mekti, maralbéshi nahiyisi bilen tutishidu. Omumiy yer meydani 41 ming 400 kwadrat kilométir. Uninggha ikki bazar, 13 yéza, 197 kent ahale komitéti qaraydu.nahiye bazirining ürümchi shehiri bilen bolghan ariliqi 1596 kilométir. 1995 - Yilining axiridiki omumiy nopusi 202 ming 400 bolup, buning ichide uyghurlar 97.69% ni, xenzular 1.44% ni, bashqa milletler 0.87% ni teshkil qilidu

Qaraqash nahiyisi teklimakan qumluqining chétige, sherqiy teripi xoten nahiyisi, lop nahiyisi bilen tutishidu. Gherb teripi guma nahiyisi, maralbéshi nahiyisi bilen tutishidu. Shimal teripi awat nahiyisi bilen tutishidu. Jenubtin shimalghiche bolghan uzunluqi 319.5 kilométir. Sherqtin gherbkiche bolghan kengliki 45 ～ 5.112 kilométir. Omumiy yer meydani 23 ming 100 kwadirat kilométir. Nahiyige bir bazar, 15 yéza, 362 kent ahale komitéti qaraydu. Qaraqashning yer maydani 25,667 kuwadirat kilometer bolup, jenup teripi ko'inlun taghlirigha, shimal teripi teklimakan qumluqigha tutishidu. 2010-Yildiki statistikigha asaslanganda , hazir qaraqash nachiyisining omumi nopusi 520,000bolup, buning ichide uyghurlar omumi nopusning %98ni igileydu.

Xoten nahiyisi tarim oymanliqining jenubigha, qara qurum téghining shimaliy étkige jaylashqan. Sherq teripi xoten shehiri, lop nahiyisi, chira nahiyisi bilen tutishidu. Gherb teripi derya arqiliq qaraqash nahiyisi, guma nahiyisidin ayrilip turidu. Sherqiy jenub teripi shizang aptonom rayon bilen tutishidu. Gherbiy jenub teripi keshmir (hindsitanning emeliy kontrolliqidiki rayon) bilen chégrilinidu, (chégra liniyisining uzunluqi 150 kilométir), omumiy yer meydani 42 ming 700 kwadrat kilomé'étir. Qarmiqida bir bazar, 11 yéza, 214 kent ahale komitéti bar. Nahiye bazirining ürümchi shehiri bilen bolghan ariliqi 1520 kilométir. 1995 - Yilining axiridiki omumiy nopusi 231 ming 600 bolup, buning ichide uyghurlar 99.42% ni, xenzular 0.46% ni, bashqa milletler 0.21% ni teshkil qilidu.

Lop nahiyisi tarim oymanliqining jenubiy chétige, ko'inlun téghining shimaliy étikige jaylashqan. Sherq teripi chira nahiyisi bilen tutishidu. Jenub, shimal teripi xoten shehiri, xoten nahiyisi, qaraqash nahiyisi bilen derya arqiliq ayrilip turidu. Shimal teripi awat nahiyisi, aqsu shehiri bilen tutishidu. Jenubtin shimalghiche bolghan uzunluqi 337.5 kilométir, sherqtin gherbkiche bolghan kengliki 45 kilométir. Omumiy yer meydani 13 ming 600 kwadrat kilométir. Uninggha ikki bazar, sekkiz yéza, 238 kent ahale komitéti qaraydu.  Nahiye bazirining ürümchi shehiri bilen bolghan ariliqi 1486 kilométir. 1995 - Yilining axiridiki omumiy nopusi 214 ming 700, buning ichide uyghurlar 98.65% ni, xenzular 1.3% ni, bashqa milletler 0.05% ni teshkil qilidu

Chira nahiyisi ko'inlun téghining shimaliy étikige, teklimakan qumluqining jenubi chétige jaylashqan. Sherq teripi kériye bilen tutishidu, jenub teripi shizang aptonom rayon bilen tutishidu. Gherb teripi lop nahiyisi, xoten nahiyisi bilen tutishidu. Shimal teripi qumluq arqiliq aqsu shehiri, shayar nahiyisidin ayrilip turidu. Jenubtin shimalghiche bolghan uzunluqi 468 kilométir. Omumiy yer meydani 33 ming 100 kwadrat kilométir. Nahiyige bir bazar, yette yéza, 124 kent ahale komitéti qaraydu. Teweside ishlepchiqirish - qurulush bingtu'eni xoten déhqanchiliq meydanlirini bashqurush idarisining bir charwichiliqi férmisi bara. Nahiye bazirining ürümchi shehiri bilen bolghan ariliqi 4131 kilométir. 1995 - Yilining axiridiki omumiy nopusi'i 125 ming 700 bolup, buning ichide uyghurlar 98.51% ni, xenzular 1.46% ni, bashqa milletler 0.03% ni teshkil qilidu

Kériye nahiyisi tarim oymanliqining jenubiy étikige, ko'inlun téghining shimaliy étkige jaylashqan. Sherq teripi niye nahiyisige, gherb teripi chira nahiyisige tutishidu. Jenub teripi shizang aptonom rayonigha tutishidu. Shimal teripi shayar nahiyisige tutishidu. Jenubtin shimalghiche bolghan uzunluqi 471.7 kilométir. Sherqtin gherbkiche bolghan kengliki 122 kilométir. Omumiy yer meydani 39 ming 500 kwadrat kilométir. Nahiyige ikki bazar, 13 yéza, 168 ahale komitéti qaraydu. Nahiye bazirining ürümchi shehiri bilen bolghan ariliqi 1329 kilométir. 1995 - Yilining axiridiki omumiy nopusi 191 ming bolup, buning ichide uyghurlar 98.49% ni, xenzular 1.41% ni, bashqa millletler 0.1% ni teshkil qilidu.

Niye nahiyisi ko'inlun téghining shimaliy étikige, teklimakan qumluqining jenubiy chétige jaylashqan. Sherq teripi cherchen nahiyisi bilen tutishidu. Jenub teripi shizang aptonom rayoni bilen tutishidu. Gher teripi kériye nahiyisi bilen tutishidu. Shimal teripi shayar nahiyisi bilen tutishidu. Omumiy yer meydani 54 ming 200 kwadrat kilométir. Nahiyige bir bazar, besh yéza, 32 kent ahale komitéti qaraydu. Nahiye bazirining ürümchi shehiri bilen bolghan ariliqi 1215 kilométir. 1995 - Yilining axiridiki omumiy nopusi 30 ming 500 bolup, buning ichide uyghurlar 90.86% ni, xenzular 9.01% ni, bashqa milletler 0.13% ni teshkil qilidu.

　　Xoten wilayitige xoten shehiri,xoten nahiyisi,guma nahiyisi,qaraqash nahiyisi,lop nahiyisi,chira nahiyisi,kériye nahiyisi,niya nahiyisidin ibaret 7 nahiye,1 sheher,89 yéza-bazar,4 kucha ish bijirish bashqarmisi ,1383 memuriy kent,6232 kent mehelle guruppisi qaraydu.wilayet ichide yene ishlepchiqirish qurulush bingtü'eni yéza igilik 14-diwiziysi we uninggha qarashliq nuri charwichiliq firmisi,47-tü'en meydani,guma déhqanchiliq meydani we 224-twen meydan bar. Tarixtin boyan18 neper j k p xoten wilayetlik komitét shujisi,13 neper wali ötken,hazirqi wilayetlik partkom shujisi yen finshin,memuriy mehkimining walisi jüret imin`

Xoten wilayitige qarashliq jaylar xen sulalisi dewride goya, udun, kériye, niye, ronglu döletlirining yéri bolghan. Gherbiy yurt qoruqchibeg mehkimisige qarighan. Tang sulalisi dewride weysa tutuq mehkimisi tesis qilinghan. Yü'en sulalisi dewride mongghul ewladidin bolghan xanlarning suyurghalliq yéri bolghan. Ching sulalisining chyenlung  24  - yili (1759 - yili) xoten ambili qoyulghan. Ching sulalisi gu'angshüning  9 - yili ( 1983 - yili) xoten biwasite qarashliq aymiqi tesis qilinghan. Qeshqer dotey mehkimisige qarighan. Mingo  9 - yili ( 1920 - yili) xoten dotey mehkimisige tesis qilinghan. Kéyin 7 - memuriy rayon dep özgertilgen.  Mingo 32 - yili (1943 - yili) waliy mehkimisige özgertilgen.  1950 - Yilining bashlirida xoten waliy mehkimisi qurulghan.  1959 - Yili xenzuchidiki 和 (xoten) dégen xet 和田 dégen xetke özgertilgen.  1979 - Yili xoten wilayiti qurulghan.

Xoten wilayiti uyghurlarni asasiy gewde qilghan köp milletlik wilayet bolup,uyghur,xenzu,xuyzu,qazaq,qirghiz,manju,mongghul,zangzu,tujazu,özbek qatarliq 22 millet bar,ahalilarning köp qismi islam dinigha étiqad qilidu,wilayetning omumiy nopusi 2 milyun 39 ming 600 bolup,buning ichide uyghurlar %96.4ni,xenzular %3.4ni,bashqa milletler %0.2ni igileydu. Yéza igilik 14- diwiziyisi xoten wilayitining muhim terkiwiy qismi bolup,4 tü'en (meydan) bar,omumiy nopusi 36 ming 700.

Xoten wilayiti özining uzaq tarixi jeryanida nurghunlighan bayliqlarni bizge qaldurup ketken. Sayahet bayliqliri ene shu bayliqlar ichide bizning közimizge her waqit tashlinip turidighan, xotenni pütün dunyagha tunushturidighan abidilerdur. Xotende nurghunlighan qedimiy xaribilikler bar, bu xarabilikler ichide endir qedimiy xarabiliki, qedimiy niye xarabiliki qatarliqlar bar. Undin bashqa hazirqi dewirde sayahetchilerning qizghin alqishigha iriship kéliwatqan qurban tulum xatire sariyi, xoten ko'énlun téghi menzirisi, mawzédung iznakliri xatire sariyi, yamun yayliqi we mazar tagh qedimi qelesi qatarliq dangliq sayahet nuqtilirimu bar. Buning ichide özining güzel menziriliri bilen xeliq teripidin teriplinip kéliwatqan yamun yayliqi her yili nechche minglighan sayahetchilerni özige jelip qilip kelmekte. Yamun yayliqi nahiye baziridin 160 kilométir yiraqliqta bolup, nuri yézisining sarlung kentige jaylashqan, kölimi 43 ming mo, déngiz yüzidin égizliki 3600 métirdin 3700 métirghiche bolup, yaylaqta ko'inlun emini, kümüsh bashaq, yawa piyaz qatarliq ösümlükler bar. Her yili 6- aydin 7- ayghiche bolghan tomuz yaz mezgilide, yaylaqqa bérip issiqtin saqlinip dem alidighan sayahetchiler bir qeder köp, uning üstige ko'énlungha yéqinlashqanséri «bir künde töt pesil, her on chaqirimda bir xil hawa bolush» tek ajayip tesirat biridu. Yamun yayliqi sayahet qilish, ékiskursiye qilish, kino- téliwéziye filimlirige matériyal toplash we tashqi körünüshni süretke élishtiki yaxshi jay.

　Iqtisadiy tereqqiyat körünerlik tiz boldi. Deslepki hisawatqa asaslanghanda,2010- yili pütün wilayetning ishlepchiqirish omumiy qimmiti (GDP) 1 milyart 59 milyun yü'en bolup,aldinqi yildikidin %12.2 ashqan,birinchi kesipning qoshulma qimmiti 3 milyart 376 milyun yü'en bolup %4.9 ashqan,ikkinchi kesipning qoshulma qimmiti 1 milyart 920 milyun yü'en bolup %17.2 ashqan,üchinchi kesipning qoshulma qimmiti 4 milyart 764 milyun yü'en bolup %15.5 ashqan. Birinchi,ikkinchi,üchinchi kesip qoshulma qimmitining wilayetning ishlepchiqirish omumiy qimmitide igiligen nisbiti ayrim-ayrim halda %33.6,%19.1,%47.3 bolghan. Turushluq nopusning sani boyiche hisaplighanda,wilayetning otturiche ishlepchiqirish omumiy qimmiti 5035 yü'en bolup %9.9 ashqan.
　　Bazar bahasi örligen. Nusxa élip tekshürüshke asaslanghanda,2010- yilliq ahalilarning istémal buyumliri bahasi (CPI) oxshash mezgildikidin %5.7 ashqan,8 xil bahadin qarighanda,«5te ösüsh,3te töwenlesh» weziyiti körülgen,buning ichide baha bir qeder zor derijide öskenliri yimeklik,olturaq,haraq-tamaka,dawalinish,saqliqni saqlash,shexsler turmush buyumliri,kiyim-kéchek türidikiler bolup,ayrim-ayrim halda %13,%5,%5,%1.3,%0.6 bolghan,bahasi bir qeder töwenligenliri köngül échish,ma'arip,medeniyet buyumliri we mulazimet,qatnash we alaqe,a'ile saymanliri we rimontchiliq mulazimet türidikiler bolup,ayrim-ayrim halda %1.3,%0.3,%0.2 töwenligen. Yimeklik türi ichidiki sey-köktat,tuxum,may,quruq miwe-chiwe qatarliqlarning bahasining ösüshi bazar bahasini örletken asasliq amil bolup qalghan,sana'et buyumlirining zawut bahasi (PPI) %0.59 örligen.

Xoten wilayitide nurghunlighan iqtisas igilirini terbiyelep chiqiwatqan mektepler bar, bularning ichida kishiler teripidin da'im tilgha élinidighan ikki mektep bar bolup, ular shinjang uyghur tébabiti aliy téxnikomi we xoten pidagogika aliy téxnikomi. Undin bashqa yene nurghunlighan kespiy mektepler bar bolup, ular xotenning tereqqiyatigha özining tégishlik töhpilirini qoshmaqta.




#Article 222: ئامۇ دەرياسى (124 words)


ئامۇ دەريا (تۈركمەنچە: Ceyhun, Amıderya، ئۆزبېكچە: Amudaryo، ڧارسچە: آمودریا; Âmudaryâ)، تاجىكچە: Амударё، پەشتۇنچە: د آمو سيند‎؛ də Āmú Sínd) ، مەركەزىي ئاسىيانىڭ ئەڭ ئۇزۇن دەرياسى بولۇپ، جەيھۇن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تارىختا لاتىنلەرچە ئوكسۇس (Oxus) دەپ ئاتالغان دەريادۇر. شەرقتە ۋاخان دەرياسى ۋە پەنجاب دەرياسىدىن ئوزۇقلىنىپ، غەربىي شىمالغا قاراپ ئاقىدۇ ۋە ئاڧغانىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ھۇدۇدلىرىدىن كېچىپ ئاخىرىدا ئارال دېڭىزىغا قويىلىدۇ. قەدىمدە ئىران ۋە تۇران ئاراسىدىكى بۈيۈك چېگرا دەپ قارالغان.

ئاڧغانىستاندا جەنۇبىي پامىردىن پامىر ۋە پەنج دەريالىرى نامى بىلەن باشلىنىدۇ. تېخىمۇ شىمالدا قىرغىزىستاندىن باشلانغان قىزىلسۇ دەرياسى تارمىقىنىڭ قوشىلىشىدىن كېيىن جەيھۇن دەپ ئاتىلىدۇ. تاجىكىستان بىلەن شەرقىي شىمالىي  ئاڧغانسىتاننىڭ چىگراسى شەكىللەندۈرگەندىن سوڭرە كەڭ بىر دېلتا بىلەن ئارال كۆلىگە قويىلىدۇ. پەنج ۋە پامىر تارماقلىرىدىن ھېسابلانغاندا 1415 كلومېتر، لېكىن شەرقىي پامىردىن توغۇلغان ئەڭ ئۇزۇن قولى بولغان دەيايى ۋاھجىرنىڭ مەنبەسىدىن ھېساپلانغاندا ئۇزۇنلۇقى 2540 كىلومېترغا ئۇلىشىدۇ.




#Article 223: مەخمۇت سۇلايمان (119 words)


مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان،

مەخمۇت سۇلايمان 1968- يىلى ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ.

مەخمۇت سۇلايمان ئەپەندىم 1981 - ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ، 1985 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ،ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯚﻣﻪﻛﺘﻪ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ . ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯚﻣﻪﻛﺘﻪ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﭺ ،ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ . 

ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ، ، ، ،  ، ،،،،،،،،،،ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ،ﻛﯩﻨﻮﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ . 2005 - ﻳﯩﻠﻰ ،ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﯘﻧﯟﯨﺮﺳﯩﺴﺘﯩﺘﯩﻐﺎ ﺋﯩﻤﺘﺎﮬﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ، 2006 - ﻳﯩﻠﻰ  ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ MTV ﭘﯩﻼﺳﺘﯩﻨﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانى مەخمۇت سۇلايمان ئەپەندىم 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى كىچىدە، 52 يېشىدا يۈرەك كىسىلى سەۋەپلىك خەلقىمىزدىن ئايرىلىپ ، كۆڭلىدىكى بارچە قايغۇ - ھەسرەت ۋە دەرت - ئەلەملىرىنى ئۇ ئالەمگە ئېلىپ كەتتى.




#Article 224: ﭘﺎﺷﺎ ﺋﯩﺸﺎﻥ (938 words)


تەڭرىتاغ بۇلبۇلى پاشا ئىشان

ﭘﺎﺷﺎ ﺋﯩﺸﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻳﺎﯕﺮﺍﻕ، ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ، ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﺗﺎﻻﻧﺘﻰ ، ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﻣﺎﮬﺎﺭﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ  ﺩﻩﭖ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﻧﺎﻡ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﻮﺷﯘﻕ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ ، ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ، ﺟﯘﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺷﺘﻰ .
ﭘﺎﺷﺎ ﺋﯩﺸﺎﻥ 1940- ﻳﯩﻠﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﯙﯕﻤﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﮔﯜﻟﻠﯜﻙ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﻗﺎﺯﺍﻧﭽﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ . ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻗﺎﺯﺍﻧﭽﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﮬﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻧﻪﻏﻤﯩﭽﯩﻠﻪﺭ ، ﺋﯘﺳﺘﺎ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﻗﺎﺯﺍﻧﭽﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﻥ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻮﺯﺩﯗﺯﺧﺎﻧﺎ ، ﺳﺎﺗﯩﺮﺍﺷﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯖﺪﯗ ﭼﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﯗﺗﺎﺭﻯ ، ﻣﯘﯕﻠﯘﻕ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﭘﺎﺷﺎ ﺋﯩﺸﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺗﯘﺭﺍﺧﺎﻧﻤﯘ ﺩﯗﺗﺎﺭ ﭼﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻐﺎ ﮬﯩﺮﯨﺴﻤﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯩﺪﻯ ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﯘ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﯗﺗﺎﺭ ﭼﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻟﻠﻪﻳﻠﻪﭖ ﺋﯘﺧﻠﯩﺘﺎﺗﺘﻰ . ﭘﺎﺷﺎ ﺋﯩﺸﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﭼﺎﭼﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .

ﭘﺎﺷﺎ ﺋﯩﺸﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ،  ( ﺋﺎﻳﺨﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺋﻪﻝ ﺳﯚﻳﻪﺭ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﻰ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﮬﭙﯩﻜﺎﺭ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ.ﺋﺎﻳﺨﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎ 1888-ﻳﯩﻠﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺩﯨﻨﯩﻲ ﯞﻩ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ. 1933--1934-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻗﺎﺗﯩﻨﻰ ﺳﻪﺭﯨﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻏﯘﻟﺠﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﻧﭽﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺧﻪﻟﻖ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺋﺎﻳﺨﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺟﯩﻖ ﺋﺎﺯﺍﭖ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﺎﻳﺨﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﻣﻪﻛﺘﯩﯟﻯ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ 70 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ_ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺪﯨﻦ ) .ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯩﺪﻯ . ﭘﺎﺷﺎ ﺋﯩﺸﺎﻥ  ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﯩﻨﯩﺪﻩ ، ﺋﯘ ﺷﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻳﻮﯨﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻴﻪ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻟﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﭘﺎﺷﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﺎﻻﻧﺘﻨﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ، ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻛﯘﺭﯗﮊﯗﻛﯩﻐﺎ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﯩﮕﻪﻥ .ﭘﺎﺷﺎ ﺋﯩﺸﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻛﯘﺭﯗﮊﯗﻛﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﯨﯟﻩﺗﺘﻰ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﯧﺰﻻ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﺎﺭﺍﻟﺪﻯ . ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻗﺎﺯﺍﻧﭽﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ  ﭘﺎﺷﺎ ﺋﯩﺸﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﭖ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﮬﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭﻻﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﮬﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯚﻣﻪﻛﻜﻪ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻗﺎﺯﺍﻧﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺳﻪﺋﻪﺕ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﭼﻮﯓ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯚﻣﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﮬﯧﺰﯨﻢ ﻣﻮﻟﻼ ، ﻣﯘﺳﺎﺟﺎﻥ ﺭﻭﺯﻯ ، ﻣﺎﺧﻤﯘﺕ ﭼﺎﯓ ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯨﮭﯩﻢ ﻣﻪﺷﭽﻰ ، ﻳﯘﺳﯘﭘﺠﺎﻥ ﺳﯩﺪﯨﻖ ، ﺳﻪﻟﻪﻱ ﺗﯘﺭﺩﻯ ، ﺋﺎﺑﻠﯩﺰﺧﺎﻥ ﻣﺎﻣﯘﺕ ، ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺋﯚﻣﻪﺭ ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﻩﺵ ﺋﻪﻟﻰ ، ﻏﯩﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﺎ- ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﯘﺳﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭ ﭘﺎﺷﺎ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻣﻪﻛﺘﯩﯟﻯ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﯘ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﻪﮬﻨﯩﻠﻪﺭﺩﻩ  ،  ،  ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﭖ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﺯﻟﯩﻐﻰ ،ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﺟﻰ ،ﺋﻪﮔﯩﺘﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻘﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺗﺎﯓ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ .
ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﺳﻪﻳﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺯﯨﺰﻯ ﺑﯘ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ، 1953- ﻳﯩﻠﻰ ﭘﺎﺷﺎ ﺋﯩﺸﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯚﻣﻪﻛﻜﻪ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ . ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﭘﺎﺷﺎ ﭼﺎﯞﺷﯩﻴﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﻘﻰ ﺳﯧﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻴﻼﺭﺩﯨﻦ ﮬﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍﺵ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﺗﻪﺭﻛﯩﯟﯨﺪﻩ ﭼﺎﯞﺷﯩﻴﻪﻧﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮬﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻟﯩﻤﯩﻨﻰ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻴﻼﺭﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﺩﻯ . 1955- ﻳﯩﻠﻰ ﭘﺎﺷﺎ ﺋﯩﺸﺎﻥ ﯞﺍﺭﺷﺎﯞﺍﺩﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻓﯧﺴﺘﯘﯞﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ، ﮬﯜﺳﻪﻧﺠﺎﻥ ﺟﺎﻣﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ  ،  ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﻛﯜﻣﯜﺵ ﻣﯧﺪﺍﻟﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺷﺎﻥ -ﺷﻪﺭﻩﭖ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﺩﻯ .

ﭘﺎﺷﺎ ﺋﯩﺸﺎﻥ 1956 -ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﺩﯨﻠﮕﺎﺗﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﺷﯩﺮﺋﻪﻟﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ  ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺠﺎﺩﻯ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﺑﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ، ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ﺭﯨﯩﺴﭙﻮﺑﻠﯩﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﮬﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺯﯨﻠﺰﯨﻠﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﺪﻯ . 1961- ﺟﯘ ﺋﯧﻨﻠﻪﻱ ﺯﻭﯕﻠﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﮕﯩﺪﻩ ﺋﯘ ﮬﯩﻨﺪﻭﻧﯩﺰﯨﻴﻪ ، ﺑﯧﺮﻣﺎ ، ﻧﯩﭙﺎﻝ ﺋﯩﺮﺍﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺳﻪﮬﻨﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﭘﺎﺷﺎ ﺋﯩﺸﺎﻥ 20 -ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 50 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ( ﮬﺎﺯﯨﺮ 66 ﻳﺎﺷﺘﺎ، ﭘﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺩﻩ _ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺪﯨﻦ) ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﻮﺷﯘﻕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺳﻪﮬﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﺴﻰ . ﺋﯘ ﺋﯩﻠﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻼ ﯞﺍﻳﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ، ﻛﯘﭼﺎﻧﯩﯔ ﺷﻮﺥ ﭘﻪﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﻟﻪﺭﺯﺍﻥ ﺋﺎﮬﺎﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻴﺎﻻﻳﺪﯗ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘ ﮬﯜﺳﻪﻧﺠﺎﻥ ﺟﺎﻣﻰ ، ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ، ﻏﯩﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺭﺍﺕ ، ﺷﯩﺮﺋﻪﻟﻰ ، ﺋﻪﻣﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﺗﻼﺭ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺠﺎﺩﻯ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯ ﺗﺎﻻﻧﺘﻰ ، ﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﻛﯜﭺ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻐﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻥ -ﺳﯩﻦ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﻧﻼﺭ ﭘﺎﺷﺎ ﺋﯩﺸﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯚﺕ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻟﯧﻨﺘﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ . ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﺭﺍﺩﯨﺌﯘ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯧﻠﯩﯟﯦﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ، ﯞﻩ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻥ -ﺳﯩﻦ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ 1986 -ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯘ ﺋﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻐﺎﻥ  ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﺎ 1 -ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ . 1987 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ  ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﮕﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﯘ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻐﺎﻥ  ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﺍﻥ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ . 1992 -ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺳﯧﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﮬﭙﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﭽﯩﺴﻰ ، ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﺳﯧﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﮬﺎﻻﻧﺪﻯ . 1989 -ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﻗﻮﻳﯘﭖ  ﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﭖ ﺯﻭﺭ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ . 2000 -ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﮬﯜﺳﻪﻧﺠﺎﻥ ﺟﺎﻣﻰ ، ﻏﯩﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺭﺍﺕ، ، ﻣﯘﺳﺎﺟﺎﻥ ﺭﻭﺯﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﯘﺳﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ  ،  ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯚﮬﺮﻩﺕ ﺗﺎﭘﺘﻰ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ .

ﭘﺎﺷﺎ ﺋﯩﺸﺎﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ، ﺋﯩﻠﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﺷﺘﺎ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ ، ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯘﺭﮔﻪﻥ ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ، ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﺪﺍ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﺷﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﺮﻯ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﺭﺍﺩﯨﺌﯘ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ، ﺋﯩﻠﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺭﺍﺩﯨﺌﯘ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺧﻪﻟﻖ ﺭﺍﺩﯨﺌﯘ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻟﯧﻨﺘﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺧﻪﺯﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ .
ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺷﯘ ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﭘﺎﺷﺎ ﺋﯩﺸﺎﻧﻐﺎ 1985 -ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ  ( ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﺎﺭﺗﯩﺲ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ . ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻜﺎ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ ) ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ . ﺋﯘ 4 - ، 5 - ، 6 - ﻧﻮﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﻧﺘﻼﺭ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ، ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﻛﯧﯖﻪﺷﻨﯩﯔ 7 - ، 8 - ، ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ، ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﺌﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ، ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ ﺧﻪﻟﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻡ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﻣﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 2004 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ  ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﻧﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ.




#Article 225: تەمبۈر (282 words)


 

تەمبۈر

بۇ قەدىمكى مۇزىكا ئوركېستىرىدىكى بەش تارلىق بەربابتىن تەدرىجىي ئۆزگىرىپ مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، دۇنخۋاڭ مىڭئۆي تاشكېمىرلىرىدىكى رەسىملەرگە  ئاساسەن ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن باشلاپ (سۈي، تاڭ دەۋرلىرىدە) قىسقا ساپلىق شەكىلدىن تەدرىجىي ئاساستا ئۇزىرىپ، ئۇزۇن ساپلىق ھالىتىگە كەلگەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تەمبۈر ئۇزۇن دەستىلىك چالغۇ بولۇپ، تەخمىنەن 140 سانتىمېتىر كېلىدۇ. بېشى نەشپۈت شەكلىدە سوزۇنچاقراق، ياغاچتىن ئويۇلۇپ ياكى ياغاچ تالالىرىدىن چاپلىنىپ ياسىلىدۇ. يۈزلۈكى ۋە دەستىسى ئادەتتە كۆپرەك ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىپ، 30 غا يېقىن پەدە قويۇلىدۇ ھەمدە سىم تار سېلىنىپ، بارماق ئۇچىغا سىم ناخۇل بېكىتىلىپ چېكىپ چېلىنىدۇ. باش قىسمى ئوڭ پۇت تېقىمى ئۈستىگە قويۇلۇپ، دەستىسى سەل تىكرەك تۇتۇلىدۇ.  تەمبۈرنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، دەستىسى ئۇزۇن بولغانلىقتىن تارسىمۇ ئۇزۇن بولۇپ، ئاۋازى ئاجايىپ مۇڭلۇق، ئەكىس سادالىق ۋە يۇقىرى تەسىرچانلىققا ئىگە. تەمبۈرنىڭ دەستىسى، بېشى قاتارلىق ئورۇنلارغا سۆڭەك ۋە سۇلياۋدىن گۈللۈك نەقىشلەر قويۇلىدۇ. ئۇ كۆپىنچە مۇقام ۋە مەشرەپلەدە يالغۇز ياكى باشقا چالغۇلار بىلەن بىللە ئورۇندىلىدۇ، بولۇپمۇ مۇقام سىستېمىسىدا ئۇنىڭ تۇتقان ئورنى ساتار بىلەن ئوخشاش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. تەمبۈر ئىلى ۋە ئاقسۇ رايونلىرىدا كۆپرەك تارالغان. تەمبۈر بەش تارلىق بولۇپ، ئالدى تەرەپتىكى بىر جۈپ تارى مەخسۇس مېلودىيە ئورۇنداش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. تەمبۈرنىڭ ئاۋازى يۇمشاق، مۇڭلۇق، سادالىق بولۇپ، يۇقىرى تەسىرچانلىققا ئىگىدۇر.艾捷克  Ghirjek  پەنجىتار بۇ باش قىسمى ئاساسەن تەمبۈرگە ئوخشاش ياسىلىپ، بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىگە راۋابنىڭ مۈڭگۈزىدىن ئۆزگىچە ھالدا ياپىلاقراق، كۆركەم، قۇلاقسىمان ئويما نەقىش بېكىتىلىدۇ. پەدىلىرىمۇ ئاساسەن تەمبۈرگە ئوخشاش بولۇپ، بەش دانە سىم تار سېلىنىدۇ، ئەمما، دەستىسى قىسقا، تەخمىنەن 1 مېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. باش قىسمى ۋە دەستىلىرىگە تەمبۈر - راۋابلارغا ئوخشاش سۆڭەك، رەڭلىك سۇلياۋدىن خىلمۇ خىل كۆركەم نەقىشلەر قويۇلۇپ ياسىلىدۇ. چېلىش ئۇسۇلى تەمبۈرگە ئوخشاش، بىراق ناخۇل ئىشلەتمەي زەخمەك بىلەن چېلىنىدۇ. ئوڭ پۇت تېقىمىنىڭ ئۈستىگە قويۇلۇپ، دەستىسى سەل تىكېرەك تۇتۇلىدۇ. تارلىرىنى تەڭشەش ئۇسۇلىمۇ ئاساسەن تەمبۈر ۋە چاپلىما راۋاب قاتارلىقلارغا ئوخشاش. ئاۋاز تۈسى تەمبۈردىن يۇقىرى، ياڭراق، چاپلىما راۋابتىن جاراڭلىق، مۇڭلۇق كېلىدۇ. شۇڭلاشقا، بەزىلەر پەنجىتارنى يۇقىرى ئاۋازلىق تەمبۈر دەپمۇ ئاتىشىدۇ.




#Article 226: ئىتاليان تىلى (588 words)


ئىتالىيە تىلى ياكى ئىتاليانچە (italiano ياكى lingua italiana)، كۆپچىلىكى ئىتالىيە ۋە شۋېتسىيەวรวิทย์ สุภะดี تىجىنو كانتونىدا ياشاغۇچى 60 مىلىيون كىشى تەرەپىدىن سۆزلىشىلىدىغان بىر تىل.

ئىتاليان نەسلىدىن بولغان كۆچمەنلەر تەرىپىدىن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى، ئارگېنتىنا، برازېلىيە، كانادا ۋە ئاۋستىرالىيەدە كۆپرەك قوللىنىلىدۇ. ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسىغا تەۋە رومان تىللىرى ئائىلىسىغا تەۋەدۇر.

ئوتتۇرا ئەسردىن ئىتىبارەن خەلق لاتىنچە (ۋۇلگار لاتىنچە) تۈرلۈك شىۋەلەرگە ئايرىلدى. ئوتتۇرا ئەسرنىڭ ئاخىرىدا ڧلورانسا شەھرىنىڭ ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەتتىكى ئۈستۈلىكىنىڭ تەسىرى بىلەن، توسكانا يازما تىلىدىن بۇگۈنكى ئىتاليانچە شەكىللەنگەندۇر. بۇ تىلنىڭ تەرەققىياتىدا بوككاچىيو (Boccaccio)، دانتې (Dante Alighieri) ۋە پېتراركا (Petrarca) قاتارلىق ئىسىملەرنىڭ لاتىنچە ئورنىغا توسكانا شىۋىسىنى قوللىنىشلىرىنىڭ تەئسىىرى بۈيۈكتۇر. بۇنىغا قارشىن ئىتاليان تىلى، سىياسىي بىرلىكنىڭمۇ ئۇزۇندىن بېرى تاماملانمىغان بولىشىنىڭمۇ تەئسىرى بىلەن رايوندىن رايونغا پەرقلەر ئىنتايىن پەرقلىقتۇر. ھەر رايوننىڭ ئۆزىگە خاس شىۋەسى باردۇر ۋە بولۇپمۇ شىمال ۋە جەنۇب شىۋەلەرى ئاراسىندا بىر بىرىنى تۈشۈنۈشەلمىەۈدەك دەرىجىدە ئوخشىماسلىقلار باردۇر.

ئىتاليانچە رومانىي تىللار ئىچىدە لاتىنچەگە ئەڭ سادىق قالغانىدۇر، بۇ يۈزدىن زامانەۋىي لاتىنچە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. باشقا رومان تىللارى بىلەن (ڧرانسۇزچە، ئىسپانچە، پورتۇگالچە، رومانچە، كاتالانچە قاتارلىق) چوڭ جەھەتتە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئىتاليانچەنى ياخشى بىلىدىغان بىر كىشى باشقا رومانىس تىللارنىمۇ قىسقا ۋاقىتتىلا ئۆرگىنىپ كېتەلەيدۇ.

ئىتاليانچە، كەلىمەلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈگىشى ۋە كەسىڧ ئۇرغۇلارى بىلەن ئۆزىگە خاس بىر مېلودىيەگە ئىگە ۋە بۇ يۈزدىن ھەم دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل تىللىرىدىن قەبۇل قىلىندۇ. ئىتاليانچە، ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ قايتا ئويغىنىش دەۋرىدە زامانىسىنىڭ لىنگۇا ڧرانچاسى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىق ئۈچۈن باشقا تىللارغا بولغا تەئسىرى ئىنتايىن چوڭدۇر ۋە بولۇپمۇ مۇزىكا ساھەسىكىدىكى ئاتالغۇلار ئىتاليانچەدۇر. ئىتالىيەنچە دۇنيادا ئاز ساندىكى مېلودىك تىللارنىڭ بىرىدۇر. تۇيغۇلاندۇرغۇچى بايانلىرى مول بىر تىلدۇر. 

ئىتاليانچەدە 21 ھەرڧ باردۇر.  K, j, w, x ۋە y ھەرڧلىرى پەقەتلا چەتئەل تىلدىن كىرگەن سۆزلەردە قوللىنىلىدۇ. 

İ ۋە e’ دىن بۇرۇن كەلگەن c’ نى k ۋە g نى g ئوقۇماق  ئۈچۈن “h” ھەرڧى قوشۇلىدۇ؛ ; “chiamare” (چاقىرماق) kiyamare (كيامارې), “lunghezza” (ئۇزۇنلۇق) lungetza (لۇڭگېتزا) دەپ ئوقۇلىدۇ. . “Gl” لي شەلىدە , “gn”بولسا ny شەكلىدە ئوقۇلىدۇ: “Taglia” (مەندىن) talya (تاليا) شەكلىدە , “ogni” (ھەر) onyi (ئوني) شەكلىدە ئوقۇلىدۇ. “Z” تاۋۇشى dz شەكلىدە, “zz” ئىسە  ts شەكلىدە ئوقۇلىدۇ: “Zucchero” (شېكەر) dzukkero (دزۇككېرو), “pizza” بولسا pitsa (پىتسا)  دەپ ئوقۇلىدۇ. E ۋە i دىن بۇرۇنقى  “Sc” ش دەپ ئوقۇلىدۇ, “scegliere” (تاللىماق) shelyere (شەليەرە) ئوقۇلىدۇ. باشقا ھەرڧلەر ئۇيغۇرچىدىكىدەك ئوقۇلىدۇ. پەقەت “r” تاۋۇشى ئىتاليانچەدە ئۇيغۇرچىدىكىدىن تېخىمۇ كۈچلۈكرەك يۇمۇلاقلىنىدۇ.

ئىتاليان تىلىنىڭ گرامماتىكاسى ئىنتايىن ئوڭايدۇر. ئىسىملەرنىڭ تامامى ئەركەك ياكى تىشى شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئەركەك كەلىمەلەر ئادەتتە “-o” ھەرڧى بىلەن، تىشى كەلىمەلەر ئىسە “-a” ھەرڧى بىلەن تۈگەيدۇ. ئەركەك كۆپلۈك “-i”، تىشى كۆپلۈك “-e” قوشۇمچىسىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوغۇل بالا “bambino”، قىز بالا “bambina”؛ ئوغۇل بالالار “bambini”، قىز بالالار “bambine” شەكلىدە دېيىلىدۇ. 

سۈپەتلەر ئىسىملەرنىڭ جىنسىغا ئۇيىدۇ. Bambino bello=چىرايلىق ئوغۇلچاق؛ Bambina bella= گۈزەل قىزچە، Bambini belli=گۈزەل ئوغۇلچاقلار، Bambine belle=گۈزەل قىزچەلەر. ئەركەك رەۋش (articolo) بولسا “il”، تىشى رەۋىش “la” دۇر. “il” نىڭ كۆپلۈكى “i”،  “la”نىڭ كۆپلۈك شەكلى “le” دۇر. شۇنداقلا سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان كەلىمەلەر “l” رەۋىشىنى، , “s-جاراڭسىز تاۋۇش“, “ps-“, “gn-“, “z-“ بىلەن باشلانغان ئەركەك كەلىمەلەر بولسا “lo” رەۋىشىنى ئالىدۇ. “l” ۋە “lo” نىڭ كۆپلۈكى “gli” دۇر.

ئىتاليانچەدە  شەخسلەر io (مەن), tu (سەن), lui (ئەركەك ئۇ), lei (تىشى ئۇ ياكى سىز), noi (بىز), voi (سىلەر), loro (ئۇلار) دۇر. ڧىئېللەر شەخسلەرگە كۆرە ۋە زامانغا قارىتا تارتىدۇ. ھازىرقى زاماندا (Presente) پىئېل يىلتىزىنىڭ ئاخىرىغا قويۇلغان قوشۇمچىلار بىلەن شەخسلەر تاماملانغانلىقىدىن شەخس يۇشۇرۇن ئىگە شەكلىدە قالالايدۇ:

ئىتاليانچەدە 4 ئۆتكەن زامان، 1 ھازىرقى زامان، 1 كەلگۈسى زامان، 1 شەرت، 1 ئۆتكەن شەرت شەكلىدە نۇرغۇن زامان باردۇر. لېكىن زامانلارنىڭ بەئزىلىرى كۈنلۈك سۆزلىشىشلەردە قوللىنىلمايدۇ. 

پۈتۈن ھىندى-ياۋروپا تىللىرىدا بولغاندەك جۈملە تەرتىپى ئىگە-خەۋەر-تولۇقلىغۇچى شەكلىدە بولىدۇ:

دانتى: ئىلاھى كومىدىيە (La Divina Commedia), جەھەننەم (Inferno) نىڭ I. كانتو، تۇنجى كوبلىتىدىن بىر پاساژ:

Nel mezzo del cammin di nostra vita

mi ritrovai per una selva oscura,

ché la diritta via era smarrita.

(ئوقۇلىشى: نېل مېدزو دېل كاممىن دى نوسترا ۋىتا

مى رىتروۋاي پېر ئۇنا سېلۋا ئوسكۇرا، 

كە لە دىرىتتا ۋىئا ئەرا زماررىتا)

ھاياتىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا 

ئۆزۈمنى قاڭغۇ بىر ئورماندا يېڭىدىن تاپتىم،

ۋە توغرا يۇل يوقالغانىدى.

ئىتاليانلار




#Article 227: لاتىن تىلى (419 words)


 
 

ۋاتىكان شەھىرى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى دۆلەتلەتدە قوللىندۇ.

لاتىن تىلى ھىندى-ياۋروپا تىل سېستېمىسىنىڭ ئىتالىيە تىل تارمىقىغا كىرىدىغان تىل بولۇپ ،ئەسلىدە ئىتالىيىنىڭ Latium رايونىدىكى(ئىتالىيەلىكلەرLazioدەپ ئاتايدۇ)كىشىلەرنىڭ بىرخىل دىئالېكتى ئىدى.مۇشۇ رايوندا رېم ئىمپېرىيىسى تەرەققى قىلىپ زورايغانلقتىن بۇ دىئالېكت پۈتۈم ئىتالىيە رايونىغا تارقالغان،ھەمدە ئىتالىيىنىڭ ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ بېكىتىلگەن .خرىستىئان دىنى يارۋوپاغا تارقالغاندىن كىيىن لاتىن تىلىنىڭ تەسىرى تېخىمۇ زورايغان .ياۋروپادا ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە پوپلار ۋە خرىستىئان دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ ئورتاق قوللىنىدىغان تىلى بولۇپ قالغان ،پەننى ماقالىلەرنى مۇشۇ تىلدا يازغان .دۇنيادا ھازىر بۇ تىلنى ۋاتكاندىن ئىبارەت بىر دۆلەتلا ئىشلىتىلىۋاتقان بولسىمۇ ،ئىلىن-پەن ئاتالغۇلىرى ،ئىلمى ماقالىلەر ،جانلىقلارنىڭ ئىلمى نامى ....قاتارلىق ساھەلەردە يەنىلا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە. لاتىن تىلى ئۇنۋېرسال تىپتىكى تىل بولۇپ،سۆزلەرنىڭ ئۆزگىرىشى بۇ تىل گىرامماتېكىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ .ئىشلەتكەندە ئومۇمەن سۆزگە مەلۇم سۆز ئارقا قوشۇمچىسى قوشۇلىدۇ ياكى سۆزنىڭ تەركىبىدىكى سوزۇق ياكى ئۈزۈك تاۋۇشلار ئۆزگەرتىلىپ ئىشلىتىلىدۇ . لاتىن ھەرپلىرى خەلقئارادا رىم ھەرىپى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ ھەرپ بەلگىسى(قالغان ئىككىسى:خۇاشيا خەنزۇ يېزىقى،ئەرەب رەقىمى)بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.بۇ ھەرپلەر مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 6-7-ئەسىرلەردە گېرىتسيە ھەرپلىرىنى Etruscan ھەرىپىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق رىملىقلارنىڭ يېزىقىغا ئايلانغان ،رىملىقلارنىڭ ھەربى يۈرۈشىنىڭ كېڭىيشىغا ئەگىشىپ ،رىملىقلارنىڭ مەدەنىيىتى سۈپىتىدە ،غەربى ياۋروپاغا كەڭ تارقالغان .لاتىن يېزىقى ئەڭ دەسلەپكى 21ھەرپ بولۇپ ،شۇ ۋاقىتتىكى خەنزۇ يېزىقىغا ئوخشاش تىنىش بەلگىسى يوق ،پەقەت چوڭ ۋە كىچىك يېزىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكلى بار ئىدى.كىيىن تەرەققى قىلىپ ،بولۇپمۇ تەلەپپۇزى ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ كۆپىيىپ 26گە يەتكەن .يەنى G、J、K、V、Wقاتارلىق ھەرپلەر قوشۇلغان .ھەمدە چوڭ كىچىك ھەرخىل نۇسخىسى پەيدا بولغان . لاتىن يېزىقى ئاددى،رەتلىك ،چىرايلىق،ئوقۇش ۋە ئۇلاپ يېزىشقا ئەپلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ،فرانسىيە،پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇ يېزىققا ۋارىسلىق قىلىپ ،لاتىن يېزىقلىق مىللەتلەرنى شەكىللەندۈردى.مۇ لاتىن يېزىقىدا يېزىلغانلىقى ئۈچۈن ،ھەمدە خرىستىئان دىنىنىڭ تارقىلىشى،مۇستەملىكىسى تەسىردىن نۆۋەتتە غەربى ياۋروپا،ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر،ئوكئانىيە ،ئافرىقىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار بۇ يېزىقنى ئىشلەتمەكتە .خەنزۇتىلىنىڭ پىنيىنىمۇ مۇشۇ ھەرپ ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن . لاتىن يېزىقى ۋە لاتىن تىلى دۇنياۋى تىل ۋە يېزىق.ھازىرقى تىببى ئىلمىدىمۇ مۇھىم قۇرال ھېسابلىنىدۇ .تىببى تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن لاتىن يېزىقى قوللىنىلىدۇ.دۇنيا تىلمۇ لاتىن يېزىقىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن . ئەڭ دەسلەپكى لاتىن ئېلىپبەسى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى7-ئەسىردە،جەمئى21ھەرپ): Aa Bb Cc Dd Ee Ff Zz Hh Ii Kk Ll Mm Nn Oo Pp Qq Rr Ss Tt Vv Xx كلاسسىك لاتىن ئېلىپبەسى(مىلادى 41-يىلى،جەمئى 23ھەرپ ): Aa Bb Cc Dd Ee Ff Gg Hh Ii Kk Ll Mm Nn Oo Pp Qq Rr Ss Tt Vv Xx Yy Zz ھازىرقى لاتىن ئېلىپبەسى(26ھەرپ): Aa Bb Cc Dd Ee Ff Gg Hh Ii Jj Kk Ll Mm Nn Oo Pp Qq Rr Ss Tt Uu Vv Ww Xx Yy Zz بۇ ھەرپلەرنى ئاساس قىلىپ ھەرپ تۈزگەن مىللەتلەردىن ئاساسلىقى :ئىنگلىزلار،گېرمانلار،فرانسۇزلار،ئىتاليانلار،گوللاندىيىلىكلەر.....بار .لاتىن تىلى ۋە ئېنگىلىزتىلى ئوخشاش تىل سىستېمىسى ھەمدە ئوخشىمىغان تىل تارمىقىغا كىرىدۇ .ئېنگىلىزتىلىنىڭ ئېلىپبە تەرتىپى لاتىن يېزىقنىڭ ئېلىپبە تەرتىپىدىن كەلگەن.

Questa lingua fa cagareeeeee




#Article 228: ئۆزبېك تىلى (265 words)


دا سۆزلىشىدىغان رايۇنلار.

تىلشۇناس ئالىملىرى ئۆزبەكچەگە ئەڭ يېقىن تىل ئۇيغۇر تىلى دەپ قارايدۇ. ئۆزبەكچە ئۇيغۇر قارلۇق شىۋىسى، قىپچاق شىۋىسى ۋە ئوغۇز شىۋىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىردىنبىر تۈركىي تىلدۇر. ئەدەبىي تىلدا نەمەنگان - فەرغانە ۋادىسى ۋە تاشكەنت رايونىدا قوللىنىلدىغان قارلۇق تىلى ئاساس ئېلىنغاندۇر. 

كونا ئۆزبەكچە ياكى بۇرۇنقى چىغاتاي تىلى ۋە ياكى چىغاتاي ئۇيغۇر تىلى بىر تىلدۇر. سوۋېت ئىىتىپاقى دەۋرىدە 1921 يىلى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبەك ئىكى مىللەتكە ئايرىلىپ ھەر ئىككىسى ئۆز ئالدىغا يېڭىچە بىردىن تىل ئۆزبېكچە ۋە ئۇيغۇرچە بولۇپ تەرەققىي قىلدى. ئۆز ئالدىغا ئەدەبىيي تىلى ۋە ئېغىز تىلى شەكىللەندۈردى. لېكىن ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇرلار ئالدىرىماي سۆزلەشسە بىر بىرىنى تامامەن چۈشۈنەلەيدۇ. پەقەت ئۆزباكچىدە رۇسچە سۆزلەر كۆپراق، ئۇيغۇرچىدا خەنزۇچىدىن كىرگەن بەزىبىر تەركىپلەر بار. شۇنداق دېيش مۇمكىنكى ئۆزبەك تىلى ۋە ۇيغۇرتىلى ماھىيەتتە بىر تىلنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل شىۋىسىدۇر.

ئۆزبېكلەر ئۇيغۇرلارنى Eski O'zbekcha دە گەپ قىلىشىدۇ دەپ قارايدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە ھازىرقىزامان ئۆزبېك تىلى كونا چىغاتاي تىلىنىڭ ئىككى زامانىۋىي ۋارىسلىى، قوشكىزەك ئاكا ئۇكىلارغا ئوخشاش، ھەر ئىككىلىسى ئۆز ئالدىغا چىغاتاي تۈركچىسىنىڭ مۇئەييەن ئالاھىيدىلىكلىرىنى ساقلاپ قالغان ۋە داۋاملىق تۈردە ئۆز تىللىرىنى يۈكسەك مۇكەممەلىككە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرماقتا.

ھازىرقى زامان ئۆزبېك تىلى ئۈچ چوڭ لەھچە (شىۋە ياكى ئاغىز)غا بۆلىنىدۇ. ئۆزبېكىستاننىڭ فەرغانە ۋادىسى، تاشكەنت ۋە ئەتراپى بىلەن سەمەرقەند بۇخارا، قارشى، شەھرى سەبز ۋە تېرمىز شەسەرلىرىدە قالۇق لەھچەسى، جىززەھ، سۇرخەندەريا، قاشقادەريا ۋە سەمەقەند ۋىلايەتلىرىندە قىپچاق لەھچەسىدە، خارەزم ۋىلايەتىدە ئوغۇز لەھچەسىدە سۆزلىشىدۇ.

گرامماتىكا جەھەتتە ئۆز ئالدىغا قىسمەن ئالاھىيدىلەرگە ساھىب بولۇپ ئاساسەن ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى بىلەن يېقىنلىشىدۇ. بەزى ھەرپلەردىكى تەلەپپۇز جەھەتتىكى پەرقتىن تاشقىرى ئاساسىي لۇغەت ۋە لېكسىكا ، فونتىكا جەھەتتە ئوخشىشىدۇ.

ئاساسىي لۇغەت تەركىبى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسىي لۇغەت تەركىبى بىلەن ئىنتايىن زور دەرىخدە ئوخشىشىدۇ. ئۆز ئالدىغا باشقىچە مەنە بىلدۈردىغان بەزى سۆزلەردىن باشقا.

لاتىن يېزىقى

كىرىل يېزىقى(سىلاۋيان يېزىقى)




#Article 229: قىرغىز تىلى (228 words)


U¨J

قىرغىزىستان ۋە يېقىن ئەتراپتىكى دۆلەتلەتدە قوللىندۇ.

تەخمىنەن 5مىليۇن كىشى بۇ تىلنى بىلىدۇ.

قىرغىزلار ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەت. ئېلىمىزنىڭ خەنزۇچە سالنامىلىرىدە ناھايىتى بۇرۇنلا قىرغىز ئەجداتلىرىنىڭ پائالىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن. ھەممىدىن بۇرۇن «تارىخىي خاتىرىلەر»دە ئۇچرىغان 鬲昆ياكى 隔昆 سۆزلىرى قىرغىز ئەجدادلىرىنىڭ نامىدىن ئىبارەت. تارىختا خەنزۇچە سالنامىلەردە قىرغىز ئەجدادلىرىنىڭ نامى ھەرخىل تەرجىمە قىلىنغان، مەسىلەن، جىن سۇلالىسى دەۋرىدە كۆپرەك坚昆 (خاككاسلار)دەپ ئاتالغان؛ جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىن سۈي سۇلالىسى دەۋرىگە قەدەر 结骨(خاككاسلار)، 纥骨، 契骨،护骨(قۇتلۇغ غۇز)دەپ ئاتالغان؛ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كۆپرەك黠戛 斯(خاككاسلار)دەپ ئاتالغان، بەزىدە 坚昆 ياكى 纥挖斯 دەپ ئاتالغان؛ لياۋ، سۇڭ، جىن سۇلالىسى دەۋرلىرىدە辖戛斯، 黠戛 司، 纥里迄斯 دەپ ئاتالغان؛ موڭغۇللارنىڭ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئومۇمەن 吉利吉思(قىرغىز) دەپ ئاتالغان، بەزىدە 乞儿吉思(قىرغىز) دەپ ئاتالغان؛ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە 布鲁特(بۇيرۇت) ياكى 布依鲁特 دەپ ئاتالغان. «بۇيرۇت» سۆزى ئەسلىدە جۇڭغار موڭغۇللىرىنىڭ قىرغىزلارنى ئاتىشى ئىدى.كېيىن مانجۇ، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەرمۇ شۇ بۇيىچە ئاتىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە «ئېگىز تاغلىقلار» ئىكەن. مىنگونىڭ 24-يىلى (1935)، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەزكۇر مىللەت نامىنى خەنزۇچىغا 柯尔克孜دەپ ئاھاڭ تەرجىمىسى قىلىشنى رەسمىي بېكىتكەندىن كېيىن، ھازىرغا قەدەر شۇ بويىچە قوللىنىلماقتا.

خاككاس خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، تاڭ سۇلالىسى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن. تاڭ سۇلالىسىنىڭ خۇيچاڭ 6-يىلى(846)، تاڭ سۇلالىسى خانى ۋۇزۇڭ ئەلچى ئەۋەتىپ خاككاس قاغانىغا «دانا ۋە جەڭگىۋار قاغان» دېگەن ئوتۇغات نامىنى بەرمەكچى بولغان ئىدى. ئەمما ۋۇزۇڭ بۇرچىنى ئادا قىلماي تۇرۇپلا، ئالەمدىن ئۆتكەنلىكتىن، بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشمىدى. كېيىنكى يىلى تاڭ سۇلالىسى خانى تاڭ شۇەنزۇڭ خاككاسلارغا لى يېنى ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ قاغانىغا «دانا ۋە جەڭگىۋار قاغان»لىق ئوتۇغات نامىنى بەردى.

DLMURAT ANWAR KYRGYZ




#Article 230: ئاليۇمىن (174 words)


ئاليۇمىن مېتاللوئېد ئېلېمېنت، بەلگىسى (Aluminu)lA. كۈمۈشسىمان ئاق، يەڭگىل، ئېلاستىكىلىقى كۈچلۈك، ئاسان توك ئۆتىدۇ.

ئاليۇمىن مېتاللوئېد ئېلېمېنت، بەلگىسى (Aluminu)lA. كۈمۈشسىمان ئاق، يەڭگىل، ئېلاستىكىلىقى كۈچلۈك، ئاسان توك ئۆتىدۇ.

مەھسۇلاتلاردا دائىم تاياقچە، ياپىلاق ئۈزۈش پەردىسى، ياپراقچە، پاراشوكسىمان، بەلباغسىمان ۋە يىپسىمان شەكىللىك نەرسىلەر ياسىلىدۇ. نەم ھاۋادا بىر قەۋەت ئوكسىدلانغان پەردە ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئاليۇمىن پاراشوكى ھاۋادا قىزدۇرغاندا شىددەتلىك كۆيىدۇ ھەمدە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئاق يالقۇن چىقىرىدۇ. 

ئاليۇمىن سۇيۇق سۇلفات كىسلاتادا ئاسان ئېرىيدۇ؛ ئازوت كىسلاتاسى، تۇز كىسلاتاسى، ناترىي گىدروكسىد ۋە كالىي گىدروكسىد ئېرىتمىسى بار سۇدا تەستە ئېرىيدۇ. نىسپىي زىچلىق پەرقى 2.7 ھەسسە. ئاليۇمىن ئېلېمېنتى يەر پوستىدىكى مىقدارى ئوكسىگېن ۋە كرېمنىينىڭلا ئارقىدا يەنى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، يەر پوستىدىكى تەركىبى ئەڭ مول بولغان مېتال ئېلېمېنت. 

ئايروپىلان ھاۋادا ئۇچىشى، بىناكارلىق، ماشىنا قاتارلىق ئۈچ چوڭ مۇھىم سانائەت تەرەققىياتىدا ئاليۇمىن ماتېرىيال ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇلارنىڭ قېتىشما ئۆزگىچە خاراكتېرىگە ئىگە، بۇ خىل يېڭى پايدىلىق مېتال ئاليۇمىن ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، قوللىنىلىشى ئىنتايىن كەڭ.

ئۇمۇمىي

ئىسمى،سىمۋولى،نومۇرى:

ئىلمېنىت كاتېگورىيىسى:

گۇرۇپپىسى، دەۋرى،:

كۆرۈنىشى:

ئۆلچەملىك ئاتوم ئېغىرلىقى:

ئېلېكترون قەۋىتى:

فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى

ھالىتى:

قايناش نۇقتىسى:

ھورغا ئايلىنىش نۇقتىسى:

ئاتوم خۇسۇسىيىتى

كىرىستال تۈزىلىشى:

ئوكسىدلىنىش ئەھۋالى: ئاتوم رادىئوسى:

ۋاندېرۋالىس رادىئوسى:

ئىزوتوپلىرى:

قوللىنىشى:

تارىخى:

بايقىلىشى:

بىرىكمىلىرى:




#Article 231: پىياز (489 words)


پىياز (ئىلمىي نامى: Allium cepa)، يەنە توپ پىياز، يۇمىلاق غولپىياز، باشپىياز، پىياز بېشى، گوللاندىيە پىيىزى، سانا پىياز قاتارلىق ناملىرى بار؛ گۈلسامساق ئائىلىسى، پىياز ئۇرۇقدىشىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. 

باش پىياز ئۈچۈن ئىككى يىللىق ياكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىز خوردا شەكىللىك، سىلىندىر شەكىللىك، ئوتتۇرىسى كاۋاك، يوپۇرمىقى قېنىق يېشىل رەڭدە، سىرتقى يۈزىدە موم ماددىسى؛ يوپۇرماق غىلىپى قېلىن خالتىسىمان بولىدۇ، قىسقىراش غولىنىڭ ئەتراپىغا قاراپ زىچ توپلىنىپ قالغان، نىسبەتەن پىياز باشلىقلار (پىياز بېشى) دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى بولۇپ، ئاق رەڭلىك كىچىك گۈللىرى بولىدۇ؛ غوزەك ئۇرۇقلۇق. سىرتتا يىلتىز بىلەن ئورالغان بىر قەۋەت نېپىز پوستى (ئاق، سېرىق ياكى قىزىل) بار، ئىچىدىكى بىر قەۋەت بىر قەۋەت گۆشى، ئادەتتە ئاق ياكى سۇس سېرىق رەڭلىك بولىدۇ.

پىياز تېمپېراتۇرىغا ماسلىشىشچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك. ئۇرۇق ۋە پىياز باشلىقلار ℃3 ~ 5 لۇق شارائىتتا ئاستا-ئاستا بىخلىنىپ، ℃12 بىخلىنىشى تېزلىشىدۇ، مايسىنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كېلىدىغان تېمپېراتۇرا ℃20 ~ 12، يوپۇرمىقى ℃20 ~ 18، تەڭگىسىمان غولى ℃20 ~ 26، ساغلام مايسا ℃7 ~ 6 لۇق تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ئۆسىدۇ. تەڭگىسىمان غولى يوغىناپ، نىسبەتەن يۇقىرى تېمپېراتۇرا، تەڭگىسىمان غولى يوغىناپ، ℃15 تىن تۆۋەن بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى ℃22 ~ 27. تېمپېراتۇرا بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە چوقۇم چېكىنىپ، ئۈچەككە كىرىدۇ.  

پىيازپىياز ئۇزۇن كۈنلۈك زىرائەت تۈرىگە تەۋە، يوغىناش مەزگىلىدە ۋە تەڭگىچە غولى بولىدۇ چېچەك غولى سامساق چېچەكلەش مەزگىلىدە 12 سائەت يۇقىرى بولغان كۈننىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن شارائىت كېرەك. يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قىسقا كۈن شارائىتىدىلا پەقەت ئۇزۇن يوپۇرماقلىق بۇلۇپ، باش پىياز ھاسىل قىلالمايدۇ. پىيازنى مۇۋاپىق بولغان يورۇقلۇق كۈچى 40 ~ 20 مىڭ ليۇكس.

پىياز بىخ مەزگىلى، يۇمران مايسىلارنىڭ ئۆسۈپ چىقىش مەزگىلىدە غوللار ۋە تەڭگىسىمان غوللار يوغىناش مەزگىلىدە يېتەرلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئەمما يۇمران مايسا مەزگىلىدە ۋە قىشتىكى بۇرۇن سۇنى تىزگىنلەش كېرەك، مايسا بويىغا زورلاپ ئۆسۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بولمىسا ئۈششۈك ئاپىتى تېگىدۇ. ھوسۇل يىغىش ئالدىدا 12 ھەپتە سۇغىرىشنى كونترول قىلىپ، تەڭگىچە غولى ئارقىلىق قىسىملىرىنىڭ تولۇق يېتىلىشىنى تېزلىتىپ، پىشىپ يېتىلگەن تەڭگىسىمان غولى يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. پىياز قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، نەملىك %70 ~ %60، ھاۋانىڭ نەملىكى بەك ئېشىپ كەتسە، ئاسانلا كېسەللىك زىيانداشلىقى كېلىپ چىقىدۇ. 

پىيازپىياز تۇپراققا ماسلىشىشچانلىقى ياخشى بولۇپ، مۇنبەت، بوش، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى نېيترال ئەت تۇپراق بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ، قۇمساڭ ئەت تۇپراق ئاسان يۇقىرى مەھسۇلاتلىق، ئەمما يېپىشقاق ئەت تۇپراق تەڭگىسىمان غوللۇق تولۇقلاپ، رەڭگى ياخشى، ساقلاشقا چىداملىق. پىياز يىلتىز سىستېمىسىنىڭ ئوغۇت سۈمۈرۈش ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز، يۇقىرى ھوسۇللۇق يېتەرلىك ئۇزۇقلۇق شارائىتىغا موھتاج. ھەر 1000 كلوگىرام پىياز ئىككى كىلوگرام تۇپراقتىن ئازوت، فوسفور 0.8 كلوگرام، كالىي 2.2  توغرا كەلسە، مىس، بور، گۈڭگۈرت قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار كۆرۈنەرلىك مەھسۇلات ئاشۇرۇش رولى بار.  

پىياز تەركىبىدىكى پروستاگلاندىن A قان تومۇرلارنىڭ قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ، سەگەكلەشتۈرۈش، بېسىمنى پەسەيتىش، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدىنى ئېلىش رولى بار؛ بۇنىڭدىن سىرت، پىياز يەنە بەدەندىكى ئوكسىگېن ئەركىن رادىكالىنى تازىلاش، مېتابولىزم ئىقتىدارى، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۆڭەك شالاڭلىشىش ئالدىنى ئېلىشتا — ئوتتۇرا ياشلىق ۋە ياشانغانلاردىكى ساقلىقنى ساقلاشتىكى يېمەكلىك.

ئەسلى ماكانى ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، دۇنياغا كەڭ ئۆستۈرۈلىدۇ. پىيازنىڭ جۇڭگودا تارقىلىشى كەڭ، جەنۇب ۋە شىمالدىكى جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆستۈرۈلىدۇ، جۇڭگونىڭ ئاساسلىق كۆكتاتلىرىنىڭ بىرى. جۇڭگونىڭ پىياز ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلاردىن ئاساسلىقى شەندۇڭ جىنشياڭ، يۈتەي، شەنشەن ناھىيەسى (شەندۇڭدا)، جاڭسۇ، فېڭشيەن، گەنسۇ، جيۇچۈەن، ۋۇۋېي، يۈننەن، يۈەنموۋ، خىگاشىگاۋا، سىچۈەن، شىنجاڭ قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.




#Article 232: دۇتار (101 words)


دۇتتار ئۆگىنىش قوللانمىسى ھەققىدە خۇشخەۋەر

تالانتلىق سازەندە، دۇتتار ماھىرى تۇرسۇنجان توختىمەمەت تۈزگەن ‹‹دۇتتار ئۆگىنىش قوللانمىسى›› ناملىق كىتاپ بازارغا سېلىندى.
بۇ كىتابتا دۇتتار ئۆگىنىش نەزەرىيەلىرى ۋە دۇتتارغا ئائىت مەلۇماتلار سۆزلىنىپ، سىزنىڭ دۇتتار ئۆگىنىشىىڭزگە ياردەم بىرىدۇ. مەزكۇر كىتاب ھازىرغىچە دۇتتار ئۆگىنىش توغرىسىدا ھېچقانداق نەزەرىيىۋى ماتىريال بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان يېقىملىق سازى دۇتتار ھەققىدە مۇكەممەل تونۇشقا ئىگە بولۇشنى، شۇنداقلا دۇتتار ئۆگۈنۈشنى خالايدىغان دوستلارنىڭ ئەڭ ياخشى ياردەمچىسى بولالايدۇ. ئۆزلىكىمىزگە تەۋە بولغان بارلىق شەيئىلەر ئىچىدە دۇتتار ھەم بىزنىڭ پەخرىمىز ھېساپلىنىدۇ، ئەگەر دۇتتار ئۆگىنىشنى خالىسڭىز، ياكى بۇ جەھەتتىكى كەم بىلىملىرىڭىزنى تولۇقلىماقچى بولسىڭىز ‹‹دۇتتار ئۆگىنىش قوللانمىسى›› ناملىق كىتاپنى سىزگە تەۋسىيە قىلىمىز!




#Article 233: ساتار (1198 words)


 

ساتار

رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، تەڭرى ئول ۋاقىتىدا، ئاۋۋال يەتتە قات يەر، يەتتە قات ئاسماننى، ئاندىن دەريا، دېڭىز - ئوكياننى، مالائىكىلەرنى ياراتقان، تۇپراقتىن بىر چىمدىم توپا ئېلىپ ھەزرىتى ئادەمنىڭ ئادەم شەكلىنى ياساپ چىقىپ، جانغا ئەمىر قىلغان؛ خان ئادەمنىڭ تېنىنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن قورقۇپ كىرىشكە ئۇنىمىغانىكەن. شۇ چاغدا تەڭرى مالائىكىلەرگە ساز چېلىشنى ئەمىر قىپتۇ. مالائىكىلەر ھەزرىتى ئادەمنىڭ تىنىگە كىرىپ ساز چېلىپتۇ. قورقۇپ قاچقان جان بىر مەھەل ساز چالغان ئورۇننى ئىزدەپ، ئاران دېگەندە ھەزرىتى ئادەمنىڭ مودىلى ئىچىگە قارار تېپىپتۇ. جان چېلىنىۋاتقان  سازنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن  بۇ مودىلنىڭ ئىچىگە كىرگەنىكەن، تاقاق ئېتىلىپتۇ، ئادەم ئورنىدىن دەس تۇرۇپتۇ، سازمۇ توختاپتۇ، تەڭرى ئەڭ بالدۇر كەلتۈرگەن ساز - ساتار ئىكەن. ھەزرىتى ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزىدىن باشقا ھېچقانداق  مەخلۇقاتنىڭ بولمىغانلىقىغا يالغۇزچىلىق ھېس قىلىپ تەڭرىگە يىغلىغانىكەن، تەڭرى مالائىكىلەرگە چالغان سازنى  ئادەمگە تۇتقۇزۇپتۇ. ئادەم ساتارنى چېلىپ كۆڭلىنى خۇش قىپتۇ. كېيىن ئاللا ھەزرىتى ھاۋا ئانىنى يارىتىپتۇ. بۇ زات ناھايىتى چىرايلىق بولغىنى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئادەم ئۇنىڭ ئوت - پىراقىدا بىر مەھەل ساتار چېلىپتۇ. شۇ سەۋەبتىن ھەزرىتى ھاۋا ساتارنىڭ يېقىملىق ئاۋازىغا مەپتۇن بولۇپتۇ ۋە ساتارنى چالغان ئادەمگە يېقىنلىشىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ھەركۈنى بۇ ئىككىيلەن ساز چېلىپ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان بوپتۇ، كېيىن ھەزرىتى ئادەم ساز چېلىپ ئىبادەتتىن توختاپ قالغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئاللا ساتارنى پانىي دۇنيادىن باقىي دۇنياغا ئېلىپ كېتىشكە مالائىكىلەرگە ئەمىر قىلغانىكەن. ئول ئىشلارنىڭ سەۋەبىدىن ئادەم ئۆلگەندە، تەندىن جان چىقىپ كېتىپ، ئىككىنچىلەپ كىرىشكە جۈرئەت قىلمىغاندا، مالائىكىلەر ساز چالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن جان تەنگە كىرىپ، سوئال - سوراققا تەننى تەييار قىلىدىكەن.   رىۋايەتتە دەپتۇلەركى: ئادەم باقىي دۇنيادىن پانىي دۇنياغا ھەيدەلگەندە، سازنى بىللە ئېلىپ چىقىش ھەققىدە تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىدىكەن. تەڭرى ئادەمنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل كۆرۈپ، پانىي دۇنياغا بىللە ئېلىپ  چىقىشقا ئىجازەت بېرىدىكەن. شۇ ۋاقىت سەككىزىنچى ئاي مەزگىلى بولغاچقا، ھەزرىتى ئادەم ساتارنى بىر ئېگىز تاغنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ 12 ئاي چالغان، بۇ چاغ سەھەر ۋاقتى بولغاچقا،  ساتارنىڭ يېقىملىق ئاۋازدىن ئون سەككىزمىڭ ئالەمدىكى ئىنسى - جىنلاردىن تارتىپ جان - جانىۋالارغىچە، ئۇۋىسىدا ياتقان قۇرت قوڭغۇز، دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھلارغىچە، ھەتتاكى ئاسماندىكى پەرىشتىلەردىن تارتىپ بارلىق مەخلۇقاتلار ساتارنىڭ يېقىملىق ئاۋازىدىن ئېرىپ كېتىپ، ئىش  - ھەرىكەتلىرىنى توختاتقان. ئۇزاق چېلىنغان بۇ سازنىڭ يېقىملىقلىقىدىن بىھوش بولۇپ يېتىپ قالغان، مالائىكىلەرمۇ بىھوش بولۇپ قالغان. شۇ چاغدا ھەممىنىڭ يۈرەكلىرى ئېرىپ كەتكەن. شۇ سەۋەبتىن  ساتارنى بىر  مەزگىل چېلىشتىن توختاتقان. شۇنىڭ بىلەن ئون سەككىز مىڭ ئالەمدىكى  بارلىق مەخلۇقاتلار، ئۆسۈملۈك، جان - جانىۋارلارغىچە جىمجىتلىق ئىچىدە قالغانىكەن.   يەنە بىر رىۋايەتتە: ئول زاماندا ھاۋا  گۈلدۈرلەپ ، چاقماق چېقىلىپ، يامغۇر شارقىراپ كېتىپتۇ، بىر مەزگىلدىن كېيىن ھاۋا ئېچىلىپ كېتىپتۇ. شۇ مەزگىلىدە ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي بۇلۇتقا مىنىپ ، ئېگىز تاغ ئۈستىگە ئۇچۇپتۇ. بۇ ۋاقىت سەككىزىنچى ئاي مەزگىلى بولۇپ، بۇ زاتمۇ بىر مەزگىل ئېلىپ كەلگەن ساتارنى سەھەر ۋاقىتىدا چاپتۇ. بۇ چاغدا پۈتكۈل مەخلۇقاتتىن تارتىپ،  دەل - دەرەخ، ئۆسۈملۈك، جان - جانىۋارلارغىچە، ھەتتا  ئاسماندىكى مالائىكىلەرمۇ بۇ يېقىملىق سازغا سەمە بولۇپ تىڭشاپتۇ. سازنىڭ يېقىملىق ئاۋازىدىن ئېرىپ كېتىپ، بېھۇش بولۇپ قاپتۇ. ئۇلارنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياشلار زىمىندىكى تاغلارغا، دەريا - دېڭىزلارغا تۆكۈلۈپ كېتىپتۇ. شۇ ۋەجىدىن تاغلاردىكى تاشلارنىڭ بىرقىسمى ئالتۇن ، كۈمۈش، ئېسىل مەدەنلەرگە، دەريا - دېڭىزلارنىڭ ئاستىدىمۇ جانىۋارلارنىڭ بىرقىسىمى ئېسىل نەرسىلەرگە  ئايلىنىپ كېتىپتۇ. شۇ چاغدا مالائىكىلەرنىڭ تۆككەن يېشى كۆيۈك تاغقا تېمىپ كەتكەنىكەن،  تاشنىڭ بىر قىسمى لەئل - ياقۇتقا ئايلىنىپ كېتىپتۇ. ئىلگىرىكى كۆيۈك تاغ ئەتراپىغا ئورۇنلاشقان كىشلەر قەدىمكىلەرنىڭ رىۋايەتلىرىنى ئاڭلاپ يەتتىنچى ، سەككىزىنچى ئاي مەزگىلىدە يامغۇر ياققان كۈنلەردە ئېگىز تاغقا چىقىپ، ئېگىز ئۆسكەن دەرەخلەرگە چىقىپ، ھېلىقى بوۋاينىڭ ساز چېلىشىنى كۈتىدىكەن. ساز چالغان بوۋاينى سېغىنىپ، ساما سالىدىكەن. لېكىن، ساز چېلىنماپتۇ. شۇندىن كېيىن، ئۇلار ئورمانلىقتىكى دەل - دەرەخلەرنى كېسىپ، بوۋاي چالغان ساتارغا ئوخشىتىپ ياساپ چالسىمۇ، ئۇنداق يېقىملىق چىقماپتۇ. يەنە ياساشقا كىرىشىپ، پۈتكۈل ئورماننى كېسىپ تۈگىتىپتۇ. ئىلگىرى ئورمان بىلەن قاپلانغان لەئل تاغ كېيىن ئورمانلار كېسىلىپ تۈگەپ يالىڭاچلىنىپ قاپتۇ. شەھەرنىڭ پادىشاھلىرى: «كىمدە كىم بوۋاي چالغان سازغا ئوخشىتىپ ياساپ، شۇنىڭغا ئوخشىتىپ يېقىملىق ئاۋاز چىقرالىسا، نۇرغۇنلىغان ئالتۇن  - كۆمۈش ئىنئام قىلىدىغان»لىقى ھەققىدە پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ كېتىپتۇ.  كۈنلەردىن بىر كۈنى بېلىقچى بوۋاينڭ ئوغلى ساز ياساش ئۈچۈن، پالتا ئېلىپ ئورمانلىققا كېتەىپ بارسا، ئالدىدىن بىر ئاقساقال بوۋاي چىقىپ:   _ ئوغلۇم، قەيەرگە بارىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. يىگىت:   _ ساز ياساش ئۈچۈن ئورمان كەسكىلى ماڭدىم، -  دەپتۇ. بوۋاي كۈلۈپ كېتىپ:   _ ئوغلۇم، بۇشەھەردىكى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ئادەملەر ساتار ياسايمىز دەپ، جاڭگالدىكى دەرەخلەرنى كېسىپ تۈگەتتى. ئوغلۇم، مان ساڭا ئېيتايكى، ئون سەككىز مىڭ ئالەمدىكى ساتار بولىدىغان دەرەخنى كېسىپ ياساپ باقساڭمۇ ھەرگىز چالغۇ بولماس. سەن ساز چېلىشقا ئىشتىياق باغلاپسەن، سازنىمۇ ئىشتىياق تۇتقاندا ئۆگەنگىلى بولىدۇ. ساڭا ئېيتىپ بېرەي، ئوغلۇم، ھېلىقى بوۋاي چالغان ساتارنىڭ يېقىملىق ئاۋازىدىن باشقا دەرەخلەر ئۇخلاپ قالغان. سازنىڭ ئاۋازىغا يېرىم - يارتا سەمە بولالىغان بىرلا ئۈجمە دەرىخى بار، ئۇ سازنى باشتىن  - ئاخىر ئاڭلىغاچقا، ساتارنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئۈجىمىنىڭ تېنىگە يېرىم - يارتا سىڭىپ كەتكەن. باشقا دەرەخلەر تېنىدىن كۆتۈرلۈپ كەتكەن. شۇ سەۋەبتىن ساتارنى  ئۈجمە دەرىخىدىن ياساش بەخشەندە قىلىنىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئاۋازى جەننەتتىكى ھۆر - غىلمانلار،  جانىۋارلارنىڭ ئاۋازلىرىنىڭ ئۇچقۇندىسىدۇر.   بىر يىل ئون ئىككى ئايدۇر، بۇ ئون ئىككى ئاي ئىچىدە چىقىدىغان پۈتكۈل ئاۋازنى ئون ئىككى خىلغا بۆلۈپ چالىدۇ. تەڭرى ئون ئىككى خىل ئاۋازدىن باشقا ئاۋازنى زىمىنغا چۈشۈرمەيدۇ. بىلىپ قويغىنكى، ساتارنىڭ ئاۋازى جاھاندىكى ئەڭ قاتتىق نەرسىلەرنى ئېرىتەلەيدۇ. كىشىلەرنى خۇش قىلالايدۇ ھەم يىغلىتالايدۇ. ساتار بولسا ئول ئادەمنىڭ شەكلىدۇر. يۈرەكنىڭ چوڭ تۇمۇرى 32دۇر، ئادەملەر ئۇنى چالسا، يۈرەكتىكى دەرد - ئەلەم، قايغۇ - ھەسرەت، خۇشاللىق ئەنە شۇ 32 تومۇر ئارقىلىق ئېتىلىپ چىقىپ، 32 قۇلاققا مەركەزلەشكەندۇر. بۇ ئاۋاز دۇنيادا ئەڭ غالىبتۇر، ئۇنى ھېچكىممۇ توسالماس، ئۇ ئوتتا كۆيمەس، سۇدا ئاقماس، بازغاندا ئۇرسىمۇ ئېزىلمەس ھەم ئۇنىڭغا ئادەملەرنىڭ كۈچى يەتمەس، چۈنكى، ئۇنىڭغا يۈرەكنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئەجرى سىڭگەندۇر. ئادەملەر ھاۋالىق، باغۇ بوستانلىقتا يايرىغانغا ئوخشاش، جاننىڭمۇ  راھەتلىنىدىغان باغۇ بوستاندۇر. ساتار چېلىنسا، تىلسىز، تىللىقلارنىڭ جېنى يايرايدۇ. لېكىن، ئۈجمە شۇ چاغدا چېلىنغان سازنى يېرىم - يارتا ئاڭلاپ قالغاچقا، ئادەم شەكلىدە ساتارنى ياساش شۇنىڭدىن بەخشەندە بولۇپ قالغاندۇر،  -دەپتۇ.   ئۇنىڭدىن كېيىن يىگىت قايتىپ كېلىپ، ئۈجمە دەرىخىنى كېسىپ، ئادەم شەكلىدە  ساتار ياساپ، 32 قۇلاق ۋە يۈرەك تارىسىنى بېكىتىپ، پادىشاھ ئالدىغا بېرىپ چالغانىكەن، خۇددى تاغ ئۈستىدە بوۋاي چالغان ساتارنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش چىققاچقا، پادىشاھ بۇ يىگىتكە نۇرغۇنلىغان ئالتۇن - كۈمۈش ئىنئام  قىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سازەندىلەر ئۈجمە دەرىخىدىن ساتار ياساپ سېتىشنى ئۆگىنىۋالغانىكەن

ساتار — كامانچىلىق چالغۇ بولۇپ، گەۋدىسى بىر ئاز ئۇزۇن، بېشى يېرىم يۇمىلاق بولۇپ، ئۈجمە ياكى
ئۆرۈك ياغىچىدا ياسىلىدۇ. ماتېرىيال تاللاش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، دۇتارغا ماتېرىيال تاللاش بىلەن
ئوخشاش تەلەپ قويۇلىدۇ. ئومۇمىي ئوزۇنلۇقى 140 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇ مىللىي ئوركىستېردىكى
مۇھىم چالغۇلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ 12 دانە تارىسى بولىدۇ، ساپ قىسمىغا 18 پەدە ئورنىتىلىدۇ.
ئۇ مۇقام ئورۇنلاشتىكى ئاساسلىق چالغۇ بولۇپ، مۇقام ۋە مەشرەپلەردە مۇقەددىمە قىسىمىنى ئورۇنلاشتا
ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا ئۇنى باشلامچى چالغۇ دېيىشكە بولىدۇ. ساتارنىڭ ئەسلى نامى (ئىسىمى) ‹‹سەرتار››
بولۇپ، ‹‹باشلامچى چالغۇ›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۈ. ساتارنى يەككە چېلىشقىمۇ، باشقا ساز بىلەن تەڭكەش
قىلىپ چېلىشقىمۇ ھەم ئۆزى ناخشا ئېيتىپ ئۆزى چېلىشقىمۇ بولىدۇ

ساتارنى ياساش تەمبۇرغا ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇ ئاۋاز (سادا) قايتۇرۇش، باش، ساپ، كامالچە، بۇلبۇلەك (خارەك)، ئاساسىي تار قاتارلىق بۆلەكلەردىن تەركىب تاپىدۇ. باش قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 47 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 18 سانتىمېتىر بولۇپ، ئۈقمە ياغىچىدا ياسىلىدۇ. باش قىسمىنى ياساشتا ئالدى بىلەن بىر دانە ئۈجمە ياغىچىنى ئۆلچەم بويىچە يېرىم يۇمىلاق شەكىلدە تەييارلاپ، ئاندىن يۈز قىسىمىدىن باشلاپ ئۇيۇپ، چۆمۈچكە ئوخشاش تەييارلاپ، يۈزىگە ئاۋاز ئۆتكۈزۈشچانلىقى يۇقىرى بولغان ئۈجمە ياغىچىدىن يۈزلۈك تەييارلاپ، يۇمىلاق شەكىللىك يۈزىگە يەملىنىدۇ. ساپ قىسمى بىلەن باش قىسمى تۇتاشتۇرۇلىدىغان بۆلىكى ۋورۇنكا شەكىلدە تەييارلىنىدۇ، ئاندىن ساپ قىسمى ئۇزۇنلۇقى ۋە توملۇقى ماسلاشتۇرۇلۇپ تۇتاشتۇرۇلىدۇ. باش قىسمىنىڭ يۈزىگە ‹‹T›› شەكىللىك بىر دانە بۇلبۇلەك (ياكى خارەك) ئورنىتىلىدۇ. ساپ قىسىمىنىڭ يۈزىگە 18 دانە پەدە قويۇلىدۇ ۋە ساپ قىسىمىغا 12 دانە ئايرىم-ئايرىم ھەربىر تار ئۈچۈن بىردىن خارەك ئورنىتىلىدۇ ھەم ساپنىڭ سول يان تەرەپكە تەلەپ بويىچە ھەر بىر تار ئۈچۈن بىردىن قۇلاق تەرتىپلىك ئورنىتىلىدۇ. ساتارنىڭ بىرىنچى سىمى ئاساسلىق چېلىنىدىغان تار بولۇپ، ئاساسىي مېلودىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ياكى كامالچە ئاساسلىق سۈركەپ چېلىنىدۇ. قالدى تارلىرى بولسا ئەكس سادا قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ساتارنىڭ ساپ قىسمىنىڭ يۈزى، ئارقىسى، يان تەرەپلىرى ۋە باش، بوغۇز قىسمىنىڭ ئارقا، يان، بويۇن قىسمىغا ئۇستىخاندىن ياكى بىرىكمە سۇلياۋدىن ئۆزگىچە نەپىس گۈللەر قويۇلىدۇ. شۇڭا ئۇ خاس مىللىي چالغۇ بولۇپلا قالماي بەلكى، نەپس ئىشلەنگەن ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمىدۇر.




#Article 234: ياۋروپا ئىتتىپاقى (1488 words)


ياۋروپا ئىتتىپاقى
باش شتابى بېلگىيەنىڭ بېريۇسسېل شەھىرىدە،ئەسلىدىكى ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىدىن تەرەققى قىلىپ شەكىللەنگەن.24 خىل تىل ئىشلىتىدۇ.
ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى ماسترېخېد رەھبەرلەر يىغىنى 1991-يىلى 12-ئايدا،«ياۋروپا ئىتتىپاقى نىزامنامىسى»نى ماقۇللاپ،1993-يىلى 1-نويابىردا رەسمى كۈچكە ئىگە بولۇپ،ياۋروپا ئىتتىپاقى بارلىققا كەلگەن.2012-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋان لونپي،ياۋروپا ئىتتىپاقى كومېتىتىنىڭ رەئىسى باروززو،ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مارتېن.شۇرس.
ئومۇمى نوپۇسى 502486499،يەر مەيدانى 4324782 كۋادرات كىلومېتر،كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 34038 ئامېرىكا دوللىرى،پۇل بىرلىكى ياۋرو.  
ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتتە ياۋروپادىكى كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان،رايون خارەكتېرلىك خەلقئارالىق تەشكىلات.ئەزا دۆلەتلەر بىر قىسىم ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەشكىلاتقا تاپشۇرغان. مەسىلەن،پۇل،پۇل-مۇئامىلە سىياسىتى،ئىچكى بازار،تاشقى سودا قاتارلىق.
ئەزادۆلەتلەر:ئاۋستىرىيە،بېلگىيە،بۇلغارىيە،سىپرۇس،كرودىيە،چېخ،دانىيە،ئىستونىيە،فىنلاندىيە،فرانسىيە،گېرمانىيە،گرېتسىيە،ۋېنگرىيە،ئېرلاندىيە،ئىتالىيە،لاتۋىيە،لىتۋا،ليۇكسېمبۇرگ،مالتا،گوللاندىيە،پولشا،پورتۇگالىيە،رومىنىيە،سلوۋاكىيە،سلوۋېنىيە،ئىسپانىيە،
شۋېتسىيە،ئەنگىلىيە قاتارلىق 28 دۆلەت

تكررت المحاولات في تاريخ القارة الأوروبية لتوحيد أمم أوروبا، فمنذ انهيار الإمبراطورية الرومانية التي كانت تمتد حول البحر الأبيض المتوسط، مروراً بإمبراطورية شارلمان الفرنكية ثم الإمبراطورية الرومانية المقدسة اللتين وحدتا مساحات شاسعة تحت إدارة فضفاضة لمئات السنين، قبل ظهور الدولة القومية الحديثة. وفيما بعد حدثت محاولات لتوحيد أوروبا لكنها لم تتعد الطابع الشكلي والمرحلي، منها محاولة نابليون في القرن التاسع عشر، والأخرى في أربعينات القرن العشرين على يد هتلر، وهما تجربتان لم تتمكنا من الاستمرار إلا لفترات قصيرة وانتقالية..
بوجود مجموعة من اللغات والثقافات الأوروبية المتباينة، اشتملت هذه السيطرات على الإخضاع العسكري للأمم الرافضة، مما أدى إلى غياب الاستقرار وبالتالي كان مصيرها الفشل في النهاية. واحدة من أول أفكار التوحيد السلمي من خلال التعاون والمساواة في العضوية قدمها المفكر السلمي فكتور هوجو عام 1851 دون أن تحظى بفرصة جادة في التطبيق. وبعد كوارث الحرب العالمية الأولى والحرب العالمية الثانية، ازدادت بشدّة ضرورات تأسيس ما عرف فيما بعد باسم الإتحاد الأوروبي. مدفوعا بالرغبة في إعادة بناء أوروبا ومن أجل القضاء على احتمال وقوع حرب شاملة أخرى. أدى هذا الشعور في النهاية إلى تشكيل الجماعة الأوروبية للفحم والصلب عام 1951 على يد كل من ألمانيا (الغربية)، فرنسا، إيطاليا ودول بينيلوكس (benelux) (بلجيكا وهولندا ولوكسمبورغ).
أول وحدة جمركية عرفت بالأصل باسم المؤسسة الاقتصادية الأوروبية (European Economic Community)، وتسمى في المملكة المتحدة بشكل غير رسمي بـ السوق المشتركة، تأسست في اتفاقية روما للعام 1957 وطبقت في 1 يناير كانون ثاني 1958. هذا التغيير اللاحق للمؤسسة الأوروبية يشكل العماد الأول للإتحاد الأوروبي. تطور الإتحاد الأوروبي من جسم تبادل تجاري إلى شراكة اقتصادية وسياسية.

علم الاتحاد الأوروبي ليس فقط شعار للاتحاد الأوروبي وإنما هو أيضاً شعار الوحدة والهوية الأوروبية في اتجاه أوسع. دائرة النجوم الذهبية تمثل تماسك وتناغم الأوروبيين.

عدد النجوم لا تمت بصلة لعدد الدول الأعضاء. فهناك اثنتا عشر نجمة بسبب أن الرقم اثنا عشرة هو تقليديا رمز الإتقان والكمال والوحدة. لذى لم يتغير العلم بعد توسيعات الاتحاد الأوروبي.

يعود تاريخ العلم إلى عام 1955. في ذلك الوقت ظهر الاتحاد الأوروبي في شكل جمعية الفحم والفولاذ الأوروبية التي كان في عضويتها ستة أعضاء فقط. ولكن كان هناك هيئة منفصلة مع عدد أعضاء أكبر (المجلس الأوروبي) تم إنشاءها قبل عدة سنوات وكانت مشغولة بوضع حقوق الإنسان وتعزيز الثقافة الأوروبية.

المجلس الأوروبي كان مهتما بتبني رمز خاص به. وبعد نقاشات طويلة, تم تبني التصميم الحالي (دائرة الإثني عشر نجما ذهبيا والخلفية الزرقاء). في العديد من الثقافات, يرمز الرقم إثني عشر للكمال. كما أنه طبعا عدد أشهر السنة والعدد الظاهر على وجه الساعة. وتم اختيار الدائرة من بين باقي الأشكال كرمز للوحدة. لذا كانت ولادة علم الاتحاد الأوروبي تمثل فكرة الوحدة بين الأوروبيين.

ثم بعد ذلك شجع الاتحاد الأوروبي باقي المؤسسات الأوروبية لتبني ذات العلم وفي العام 1983, تبنى البرلمان الأوروبي العلم. وفي العام 1985 تم أخيرا تبني العلم من قبل كافة الرؤساء والحكومات كشعار رسمي للاتحاد الأوروبي.

جميع المؤسسات الأوروبية تستعمل هذا العلم منذ بداية العام 1986. العلم الأوروبي هو الرمز الوحيد للمفوضية الأوروبية (الذراع التنفيذي للاتحاد الأوروبي). باقي مؤسسات وهيئات الاتحاد الأوروبي تستعمل رمزها الخاص بالإضافة إلى العلم الأوروبي.

يمتد الاتحاد الأوروبي على مساحة 3975000 كم². أعلى قمة في الاتحاد هي جبل مونت بلانك (4808 م) والذي يقع بين فرنسا وإيطاليا. أكبر بحيرة هي بحيرة فينيرن في السويد وتبلغ مساحتها 5650 كم². أطول نهر هو الدانوب الذي ينبع من الغابة السوداء في ألمانيا ويجتاز الاتحاد بمسافة قدرها 1627 كم.

لم يضع الإتحاد الأوروبي بادئ الأمر أية شروط إضافية لانضمام الدول المرشحة للعضوية ما عدا الشروط العامة التي تم تبنيها في الاتفاقيات المؤسسة للإتحاد. لكن الفرق الشاسع في المستوى الاقتصادي والسياسي بين دول أوروبا الوسطى والشرقية ودول الإتحاد دفع مجلس الإتحاد الأوروبي في عام 1993 ليضع ما يعرف شروط كوبن هاغن:

التركيبة السكانية للاتحاد الأوروبي تظهر كثافة سكانية عالية، وتنوعا ثقافيا بين دوله الأعضاء. اعتبارا من 1 يناير 2010 بلغ سكان الاتحاد الأوروبي 501,260,000 نسمة (أي أنهم أكثر من خمسمائة مليون نسمة).[1] ويتوقع أن تشهد العديد من البلدان انخفاضا في أعداد سكانها خلال العقود القادمة،[2] لكن يمكن أن يُعَوَّضُ هذا النقص بانضمام دول جديدة إلى الاتحاد الأوروبي في غضون السنوات الـ 20 المقبلة التي قد تساهم في تحسنات في التنمية البشرية خاصة مع نسبة الشبخوخة العالية في القارة.

الدولة العضو الأكثر سكانا هي ألمانيا، بـ 82,100,000 نسمة. بينما الدولة الأقل سكاناً هي مالطة بأقل من نصف مليون نسمة وهذا راجع للمستوى المعيشي المنخفض. معدلات المواليد في الاتحاد الأوروبي منخفضة إذ يبلغ متوسط مواليد المرأة 1.6 طفلا. أعلى معدلات الولادة توجد في جمهورية أيرلندا بـ 16 ولادة لكل ألف شخص سنوياً، ثم في فرنسا بـ 13 ولادة لكل ألف شخص سنوياً. بينما لدى ألمانيا أدنى معدل مواليد في أوروبا بـ 8 ولادات لكل ألف شخص سنوياً.

تعد المسيحية أكبر ديانة في الإتحاد الأوروبي، فاستنادًا إلى احصائية يوروباروميتر لعام 2012 يُشكّل المسيحيين حوالي 72% من سكان الإتحاد الأوروبي وفي أوروبا يتواجد أكبر تجمع مسيحي في العالم. الكاثوليك هم أكبر جماعة مسيحية في الإتحاد الأوروبي ويشكلون نسبة 48% من مجمل السكان، أما البروتستانت يشكّلون 12%، بينما الأرثوذكس 8%، أما المسيحيين من الطوائف الأخرى يمثلون 4% من سكان الإتحاد الأوروبي. وبمثل المسلمين حوالي 2%، في حين أنّ الملحدين واللادينين يمثلون نسبة 23% من سكان الإتحاد الأوروبي. وتصل أعداد اليهود إلى مليون نسمة.

يصنف الإتحاد الأوروبي الدول الأوروبية إلى ثلاث تصنيفات:

يبلغ عدد الدول الأعضاء في الإتحاد الأوروبي ثمانية وعشرون دولة وهم:

وهي الدول التي تسعى للانضمام للإتحاد الأوروبي وتحاول تلبية متطلبات الإتحاد الأوروبي للانضمام وهي خمس دول:

ويبلغ عددها ست عشر دولة وهم:

يعتمد الإتحاد الأوروبي في بنيته التنظيمية على 3 أجهزة إدارية تعرف بما يسمى المثلث الإداري وهي مجلس الإتحاد الأوروبي، المفوضية الأوروبية والبرلمان الأوروبي.

مجلس الاتحاد الأوروبي يعتبر من أهم الأجهزة الإدارية في الاتحاد (على الرغم من تقليص صلاحياته لصالح البرلمان الأوروبي) ويقوم بتمثيل مصالح الدول الأعضاء على المستوى الأوروبي.

له صلاحيات واسعة ضمن المجالات المتعلقة بالركيزة الثانية والثالثة كالسياسية الخارجية المشتركة والتعاون الأمني لكنه لا يمكن أن يقرر في مسائل متعلقة بالركيزة الأولى إلا بناء على طلب من المفوضية الأوروبية.

يتكون المجلس من وزراء حكومات الدول الأعضاء والذي يعقد اجتماعاته حسب الحاجة في كل من بروكسل ولوكسمبورغ. أكثر الوزراء اجتماعا هم وزراء الزراعة (حوالي 14 مرة في السنة)، المالية والخارجية الذين يجتمعون مرة في الشهر تقريبا.

يتم التصويت في المجلس إما بالإجماع أو بالغالبية المؤهلة وذلك حسب المجال الذي ينتمي إليه الموضوع المصوت عليه. تملك كل دولة عضو في المجلس عدد من الأصوات يتناسب مع عدد سكانها. كما يتم زيادة عدد الأصوات المخصص للدول الصغيرة لخلق نوع من التوزان مع الدول الكبيرة.

يبلغ عدد الأصوات الكلي 321 صوتا موزعة على 25 دولة حيث يتطلب لنجاح التصويت بالأغلبية المؤهلة إلى 232 صوتا أي بنسبة تعادل 72.27% من الأصوات. كما يتطلب أيضا موافقة أغلبية الدول الأعضاء وأن يشكل سكان هذه الدول الموافقة مجتمعة ما يعادل 62% على الأقل من سكان الإتحاد.

تتولى الدول الأعضاء الرئاسة بالتناوب لمدة ستة أشهر وفقا لنظام محدد سلفا (من شهر يناير حتى شهر يونيو ومن شهر يوليو حتى شهر ديسمبر).

تهتم المفوضية الأوروبية والتي مقرها بروكسل بمصالح الاتحاد الأوروبي ككل، مما يفرض على المفوضين الالتزام بذلك بغض النظر عن جنسيتهم والدول التي ينتمون إليها.

تمتلك المفوضية صلاحيات واسعة في المجالات المتعلقة بالركيزة الأولى حيث يحق لها تقديم مقترحات القوانين والإشراف على تنفيذ القوانين المشتركة بوصفها المسؤلة عن حماية الاتفاقيات المبرمة. كما تقوم بوضع الميزانية العامة للإتحاد والإشراف على تنفيذها. بالإضافة لذلك تقوم المفوضية بتمثيل الإتحاد في المفاوضات الدولية كما يحق لها توقيع الاتفاقيات مع دول خارج الإتحاد ولها صلاحيات واسعة في مسألة قبول أعضاء جدد في الإتحاد.

يتم التصويت في المفوضية على أساس الأغلبية حيث يحق لكل دولة عضو في الإتحاد بموجب معاهدة نيس تعين مفوض واحد.

يملك البرلمان الأوروبي بعض الصلاحيات التشريعية ويعتبر الجهاز الرقابي والاستشاري في الإتحاد الأوروبي. يراقب عمل المفوضية الأوروبية ويوافق على أعضائها، يشارك بوضع القوانين، يصادق على الاتفاقات الدولية وعلى انضمام أعضاء جدد. كما يملك صلاحيات واسعة في مايتعلق بالميزانية المشتركة للإتحاد الأوروبي.

يقع مقر البرلمان الأوروبي في ستراسبورغ لكنه يعمل أيضا في بروكسل ولوكسمبورغ.

يتكون البرلمان بموجب معاهدة نيس من 785 مقعدا موزعة على الدول الأعضاء بشكل يتناسب مع عدد سكانها. يقوم مواطنو كل دولة من الدول الأعضاء باختيار ممثليهم في البرلمان ابتداء من العام 1979 عن طريق انتخابات مباشرة تتم كل 5 سنوات.

يفرض عدد المقاعد المحدد لكل دولة على النواب من الدول المختلفة التجمع ضمن تيارات حسب انتماءاتهم السياسية الحزبية. يتم التصويت وفق مبدأ الأغلبية.

المجلس الأوروبي (انتبه من الخلط بينه وبين مجلس الإتحاد الأوروبي أو مع مجلس أوروبا) هو اجتماع لروؤساء الدول والحكومات في الدول الأعضاء بالإتحاد الأوروبي بالإضافة إلى رئيس المفوضية الأوروبية. يعقد الاجتماع من 2 إلى 3 مرات في العام لاتخاذ القرارت السياسية والاقتصادية الهامة ورسم سياسة الإتحاد. وعادة ما يكون برأسة الدولة التي تترأس مجلس الإتحاد الأوروبي.

يتم اتخاذ القرارات بالإجماع. ولا يعتبر المجلس الأوروبي من الأجهزة الإدارية للاتحاد.




#Article 235: روزى سايىت (650 words)


روزى سايىت (تۇغۇل: 1944-يىلى 9- ئايد/ ) ـ ئۇيغۇر خەلق شائىرى.

شائىر روزى سايىت، 1944-يىلى 9- ئايدا خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىگە قاراشلىق شەيدۇللا دېگەن يېرىدە سايىتاخۇن ئىسىملىك كونا ئەسكەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان .

ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن ۋە لاڭرۇ يېزىلىق ئوتتۇر مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1980-يىلىدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە يېڭى قاشتېشى ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولغان. 

شائىر روزى سايىت 1973-يىلى قەشقەر گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان  ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇنىڭ نۇرغۇن شېئىر-داستانلىرى ئېلان قىلىنغان . ئۇ يەنە بارات يازغان ھېكايە قاتارلىق بىرقانچە نەسرىي ئەسەرلەرنى يازغان . ئۇنىڭ يىپەك يولىدا نورۇز، يۇرۇڭقاش ۋادىسىدا شادلىق قاتارلىق تېلىۋىزىيە بەدىئىي فىلىملىرىنىڭ سىنارىيىسى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن رەتكە ئېلىنغان . 

ھازىرغىچە ھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللاردا  قاتارلىق 12 پارچە داستان، باللادىسى، 1000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ۋە روبائىيسى،  قاتارلىق بىر قانچە پارچە ھېكايىسى،  نىڭ شېئىرىي يەشمىسى، ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرىيتىدىكى شەكىللەر توغرىسىدا ئېلان قىلىنىپ، جامائەت ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. 

 قاتارلىق داستان ۋە شېئىرلار توپلاملىرى نەشىر قىلىندى. 

روزى سايىتنىڭ يەنە قاتارلىق يۈزلىگەن ناخشا تېكىستى ئاھاڭغا سېلىنىپ ۋەتەننىڭ يېزا-سەھرالىرىدا ياڭرىماقتا. 

بىر قىسىم شېئىر-ھېكايىلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىندى ۋە دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈلدى. 

شائىرنىڭ قاتارلىق داستان، شېئىر، ھېكايە ۋە تېلېۋىزىيە بەدىئىي سەنئەت فىلىملىرى،  ناملىق ناخشا تېكىستلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلىرى مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى. 

ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن ناملىق قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى نەشىر قىلىنىپ نەچچە ئونمىڭ نۇسخا تارقىتىلدى. 

خەلق شائىرى روزى سايىت 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن خوتەن شەھىرىدە ۋاپات بولدى. مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيەت، تارىخ ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىقنىقېلىپلاشتۇرۇش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق 12 مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى. 

خەلق شائىرى روزى سايىتنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى ئۈچۈن زور يۇقىتىش. شائىر مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى بىلەن ئەل قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ. 

روزى سايىتنىڭ بەزى ئەسەرلىرى مەملىكەت ھەم ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن . ئۆزىمۇ بىرقانچە قېتىم ئاپتونۇم رايون ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس بولۇپ باھالانغان . 

روزى سايىتنىڭ ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن قاشتېشىنىڭ رىۋايىتى، بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن، مەرھابا، مۇھەببەتتىن پۈتكەن ناخشىلار، پاھ، دېھقاننىڭ ھەيكىلى، ناملىق شېئىر ۋە داستانلار توپلىمى بار . ئۇنىڭ دېھقانلار تېمىسىدا يازغان بىر تۈركۈم شېئىرلىرى ئەينى يىللاردا يېزىلارغا يۈرگۈزۈلگەن بەزى سول سىياسەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بەزىبىر ئاقىۋەتلەرگە قارىتىلغان . بۇ شېئىرلار ئۈنئالغۇ لېنتىسىغا ئېلىنىپ، دېھقان بولماق تەس دېگەن نامدا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، زور تەسىر قوزغىغان . ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن مىللەتلەر نەشرىياتى روزى سايىت شېئىرلىرىدىن دېگەن نامدا ئۇنىڭ بىر تۈكۈم شېئىرلىنى نەشىر قىلدى. 

تىل ئالاقە قورالى، تىل قەلبنىڭ ئەينىكى، 

تىل ئادەمنى، ئالەمنى باغلاپ تۇرغان زەر رىشتە . 

تىل غەزىنە، تىل ھىكمەت، تىل مۇھەببەت كۆۋرۈكى، 

تىل ھايۋاننى ئىنسانغا ئايلاندۇردى پەرۋىشتە . 

تىل نادانغا پەم بېرىپ، تىل زۇۋانغا تەم بېرىپ، 

ھاياتلىقنىڭ ئابادى مېھرى تاپتى سۆيۈكتە . 

شۇڭا ھەر بىر قۇۋمچۈن مەيلى كىچىك-چوڭ بولسۇن، 

ئاتا تىلى - ئۆز تىلى شۇنچە ئۇلۇغ، بۈيۈك -تە ! 

ئۇيغۇر تىلى ئۇۋاق تىل، ئۇيغۇر تىلى ئۇماق تىل، 

سەككىز مىليون بۇلبۇلنىڭ ئەشۇ تىلدا ناۋاسى . 

ئۇيغۇر تىلى كىچىك تىل، ئەمما تاتلىق چۈچۈك تىل، 

مەن شۇ تىلنىڭ شەيداسى، مىراسخورى -ھەقداسى. 

ئۇ -ئانا تىل ئانامغا ئانىسىدىن يادىكار، 

مەن بۇ تىلنى ئۈگەنگەن زاكامدىكى چاغلاردا . 

ئاشۇ ئانا تىل بىلەن ئوۋلاپ جانان مەيلىنى، 

پاراڭلاشقان، سىرداشقان ئالمىزارلىق باغلاردا . 

بوۋام مۇشۇ تىل بىلەن يۈرۈكۈمگە پىچىرلاپ، 

ۋاپادارلىق، مەردلىكنىڭ مىزانىنى بىلدۈرگەن. 

ئوغلۇم، قىزىم ھەر كۈنى تۇمۇچۇقتەك ۋىچىرلاپ، 

ھاياجانغا چۆمدۈرگەن، مۇرادىمنى بىلدۈرگەن . 

مۇشۇ تىلدا ناۋائىي كىيگەن ناۋا تاجىنى، 

شاھ مەشرەپنى مۇشۇ تىل ئېرىشتۈرگەن شەرەپكە . 

يۈسۈپكە خاس ھاجىپ لىق ئاتا قىلغان مۇشۇ تىل، 

مەھمۇد بوۋام مۇشۇ تىلدا دەرس ئۈگەتكەن ئەرەپكە . 

مەن شۇ ئانا تىل بىلەن پەرۋاز قىلىپ ئىجادتا، 

زىمىستاننى لەنەتلەپ، تاڭغا مەڭز-يۈز ياقتىم . 

كۈلسە يۇرتۇم تەڭ كۈلدۈم، ئەل يىغلىسا ياش تۆكتۈم، 

بىللە كۆيدۈم ئوتىدا، سۇلىرىدا تەڭ ئاقتىم . 

مەن شۇ ئانا تىل بىلەن باغاشلىدىم باھارنى، 

گۈل -چېچەككە پۈركەنگەن چىمەنلەرنى ئارىلاپ. 

مەن كۈلىمەن، قۇۋۇمنى كۈلدىرىمەن قەلەمدە، 

تىلغا ئۈنگەن ھارام شاخ، كۆتەكلەرنى پارچىلاپ . 

شۇڭا دەيمەن : ئۆز تىلىم - گۆھەر تىلىم، زەر تىلىم، 

بوپقالغىنى ئۇششاق تىل ئەمەس ھەرگىز ئىلىىتى . 

زەررە كىچىك، ئاتوم شۇ زەررىلەردىن تۈزۇلگەن، 

مىنىڭ تىلىم ئاشۇنداق، ئاتومچە بار قىممىتى . 

ئەي تەڭرىتاغ پەرزەنتى، ئۇزۇن سەپەر كارۋىنى، 

سىيپىماقتا مەڭزىڭنى تاڭنىڭ مەيىن شامىلى . 

مۇھەببەتلىك باغاشتا كۈلۈپ يايرا، ياڭرىسۇن، 

سەككىز مىليون شاد دىلنىڭ ئانا تىلدا ناۋاسى!! 




#Article 236: يۈسۈپ خاس ھاجىپ (1296 words)


يۈسۈپ خاس ھاجىپ (1019-1085) قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى بولغان تالانتلىق ئالىم ، مۇتەپەككۇر ، ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1019-يىلى بالاساغۇندا تۇغۇلغان. ياش مەزگىللىرىدە قەشقەرگە كەلگەن ھەمدە كېيىنكى ئۆمرىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن . ئەدىب ئۆزىنىڭ قۇتادغۇبىلىك  ناملىق بەدىئىي قامۇسىنى ھىجىرىيە 462- يىلى ( مىلادىيە 1069-يىلى ) قەشقەردە يېزىپ ، ئۇنى قاراخانىيلار خانى بۇغرا ئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان . قاراخانىيلار خانى بۇ ئەسەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ مۇئەللىپكە خاس ھاجىپلىق ئۈنۋانى بېرىپ ، ئۆزىگە ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچى ھاكىمىيەت تايانچىسى قىلغان . ئەدىب مىلادىيە 1085-يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان.

بۈيۈك ئۇيغۇر پەلسەپە ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ_ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ 11 – ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ، ﻣﯘﺗﻪﭘﭙﻪﻛﻜﯜﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﯩﮭﯩﺴﺎﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ «ﭘﺎﻳﻨﺎﭖ» ﻳﯧﺰﺍ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ « ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺒﯧﻠﯩﻖ» ﺗﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ. ﺑﯘ ﻗﯩﻞ ﺳﯩﻐﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﭘﺎﻛﯩﺖ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ: «ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﻗﺎﺩﯨﺮﺧﺎﻥ ﻏﺎﺯﻯ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﻯ»، « ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﺑﯩﻼﺩ ﺳﺎﻏﯘﻧﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﯩﻤﯘ ﺑﯩﻼﺩ ﺳﺎﻏﯘﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﻩﯞﺍﻻﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯜﺟﯩﻤﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﺳﺎﺳﺴﯩﺰ ﺩﻩﯞﺍﻻﺭ ﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺋﺎﺳﺎﺳﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺎﻟﻤﯩﺪﻯ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﯞﺍﻧﯩﯔ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ .

ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﯩﻐﺎ ﮬﯘﻝ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﮬﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺭﻧﻰ 3 ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ . ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﭘﻠﯩﺪﻯ . ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺧﻪﻟﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﺎﻟﯩﻢ ، ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ، ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ . ﺋﺎﻟﯩﻢ ﯞﻩ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭ ﭘﺎﻛﯩﺘﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ، ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻴﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﺩﻯ .

ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 410 – ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯩﻼﺩ ﺳﺎﻏﯘﻧﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ، ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 478 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ، ﺟﻪﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻦ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﺒﺎﻍ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ “ ﺑﺎﺭﯨﮕﺎﮬ “ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ، ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 514 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ “ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺒﯧﻠﯩﻖ “ ﻗﺎ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ . ﻣﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﯘ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﺩﯨﻦ 19 – ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻨﻰ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺗﯩﻤﻪﻥ .

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ -ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ “ (ﻧﻪﺳﻪﺏ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘﻧﻰ 19 – ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﺋﯧﻤﯘﺭ ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺳﻪﺑﯘﺭﻯ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ، ﺳﻪﺑﯘﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﻯ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ “ ﻧﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻳﺎﺭ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ، ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻰ ﻗﺎﺯﻯ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﺎﻳﯩﻢ ﺳﯘﻓﯩﺌﺎﻟﻼﻳﺎﺭﯨﻐﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ . ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ، ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﻗﺎﺯﻯ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﺎﻳﯩﻢ ﺳﻮﻓﯩﺌﺎﻟﻼﻳﺎﺭﻯ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﺳﻪﺑﯘﺭﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩﺳﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ “ ﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﻝ ﺑﯘﺭﺟﯩﻜﯩﮕﻪ : “ ﺋﻪﺯ ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﻳﯜﺳﯜﻑ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﺩﻩﺭﺳﯩﻨﻪ ﭼﻪﮬﺎﺭﺳﻪﺩ ﮬﻪﺟﺘﺎﺩ ﮬﻪﺷﺖ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ ﯞﻩﻓﺎﺕ ﺷﯘﺩﻩ . ﻗﻪﺑﺮﻯ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﯘﮬﻨﻪ ﮬﯩﺴﺎﺭ ﺯﻩﻣﯩﻨﻰ ﻓﺎﺑﻰ ﺋﺎﺏ ﻣﻪﺩﻓﯘﻥ ﺷﯘﺩﻩﺳﺖ ، ﺋﺎﻣﯩﻦ . ﻣﯩﻦ ﺷﻪﻳﺨﻰ ﺩﯗﺋﺎﮔﯘﻱ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﺎﺋﯩﻢ ﺳﯘﻓﻰ ﺋﺎﻟﻼﻳﺎﺭﻯ ﺳﯘﺑﮭﯘ ﺷﺎﻡ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻪﻟﻪﺩﺩﯞﺍﻡ ﻣﻪﺭﺍﺯﻯ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺳﯧﮭﺘﻪﻥ ﺑﯘﺯﯗﺭﯗﻛﯟﺍﺭ ﺭﻭﮬﻰ ﭘﯘﺭﻓﯘﺗﯘﮬ ﺩﯗﺋﺎﻳﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻣﯩﻜﯘﻧﻪﻡ “ ، ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﮬﯧﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 478 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ، ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﻮﮬﻨﻪ ﮬﯩﺴﺎﺭﺩﯨﻜﻰ “ ﻓﺎﻳﻰ ﺋﺎﺏ “ ﺗﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ، ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﻗﯩﺪﯨﺮﺧﺎﻥ ﻏﺎﺯﻯ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﻗﯩﺪﯨﺮﺧﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺷﺎﮬﺸﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯩﺰﺍﮬﻠﯩﻐﺎﻥ . ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ ، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﻗﯩﺪﯨﺮﺧﺎﻥ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1040 – ﻳﯩﻠﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻦ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﻼﺭ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﮕﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﻟﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﻩ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻗﺎﺭﻯ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﺎﻳﯩﻢ ﺳﻮﻓﻰ ﺋﺎﻟﻼﻳﺎﺭﻯ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ “ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ، ﺗﯚﯞﻩﻧﻜﻰ ﺋﻮﯓ ﺑﯘﺭﺟﯩﻜﯩﮕﻪ : “ ﺋﻪﺭ ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺳﺎﮬﯩﺐ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺋﯘﺳﺘﺎﺩﯨﻢ ﻣﻮﻟﻼ ﻣﯩﺮ ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺳﻪﺑﯘﺭﻯ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ‘ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ ‘ ﻧﯩﯔ ﺗﻪﻣﺎﻣﯩﻐﻪ ﻳﯜﺳﯜﺝ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﻯ ﺷﻪﺭﯨﻔﯩﻠﯩﺮﻯ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﯘﮬﻨﻪ ﮬﯩﺴﺎﺩﯗﺭ . ﻣﻪﺯﺍﻓﯩﺌﯩﻲ ﻓﺎﻳﻰ ﺋﺎﺑﺘﺎ ﻣﻪﺩﻓﯘﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﮬﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﺷﻨﻰ ﭘﻪﻗﯩﺮﮔﻪ ﺗﻪﻣﺎﻣﻼﺷﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺋﯘﺳﺘﺎﺩﯨﻢ ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﻣﻮﻟﻼ ﻣﯩﺮ ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺳﻪﺑﯘﺭﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩﺳﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ ﻳﯜﺳﯘﻑ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﺩﻩﻓﯩﻨﮕﺎﮬﯩﻨﻰ ﺑﯘ ‘ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ’ ﻗﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ، ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻗﺎﺯﻯ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﺎﻳﯩﻢ ﺳﯘﻓﻰ ﺋﺎﻟﻼﻳﺎﺭﻯ “ ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﭗ ، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ، ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ، ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﻧﯧﻤﻪ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺑﯘ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ“ ﻗﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﻜﻪﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺯﯨﻠﯩﻖ ﻣﯚﮬﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ .

ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻏﻰ 8.20 ﻣﯧﺘﯩﺮ ، ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ 26 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ “ ﻧﻰ 20 – ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﻧﯩﺸﻪﮬﻪﺭ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﻗﻮﻏﺎﻥ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻗﭽﯩﻼ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯨﺮﯨﻴﯩﻢ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ( 1877 – 1845 – ﻳﯩﻠﻼﺭ) . ﺋﺎﺑﺪﯨﺮﯨﻴﯩﻢ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ “ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺭﺳﯚﻳﻪﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﯩﻤﯩﻦ ﻗﺎﺭﯨﻤﻐﺎ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . 1965 – ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ “ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﯩﻤﯩﻦ ﻗﺎﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ 20 – ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 80 – ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﯧﻤﯩﺮ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻗﺎﺯﻯ ﮬﺎﺟﯩﻢ ( 1900- 1985 -ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ . ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ .ئﻤﯩﺮ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻗﺎﺯﻯ ﮬﺎﺟﯩﻢ 1985 – ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ “ ﻧﻰ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﮬﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﺩﯨﻤﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘ “ ﺑﯘﮬﺮﯗﻟﺌﻪﻧﺴﺎﺏ “ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﺩﯨﻤﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﺑﯚﻟﯩﻤﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ .

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ : “ ﻗﻪﻟﻪﻣﯩﻲ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ “ ( ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﯘ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻗﻮﻟﺪﺍ ، ﻗﯘﻣﯘﺵ ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﻩ ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻗﻪﻏﯩﺰﯨﮕﻪ ﺧﻮﺵ ﺧﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ، ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﺩﯨﻦ ) ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺭﻯ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭ ﺋﯧﻤﯩﺮ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻗﺎﺯﻯ ﮬﺎﺟﯩﻤﻐﺎ ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﯧﻤﯩﺮ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻗﺎﺭﻯ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﺑﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ 1984 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﮬﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .

ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ 726 ﺑﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻏﻰ 34 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ، ﻛﻪﯕﻠﯩﮕﻰ 22 ﺳﺎﻧﺘﻘﻤﯧﺘﯩﺮ ، ﻗﯧﻠﯩﻨﻠﯩﻘﻰ 6 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ 13 ﻗﯘﺭﺩﯨﻦ ﺧﻪﺕ ﺑﺎﺭ . ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﺵ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯧﺘﻰ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺗﺎﺵ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﺴﯩﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺭﻩﺧﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ، ﺋﯩﭻ ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ : “ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺑﯩﺘﻪﺭﻩﺕ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﺴﺎﻕ ﮔﯘﻧﺎﮬﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ “ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﯞﻩ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ : “ ﺳﯜﺭﻩ ﻓﺎﺗﯩﮭﻪ “ ﺑﯩﻠﻪﻥ “ ﺳﯜﺭﻩ ﺋﻪﻟﯩﻒ ، ﻻﻡ ، ﻣﯩﻢ “ ﻧﻰ ﺧﯘﺵ ﺧﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﭗ ، ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ . ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﮔﯜﭼﻰ ﻛﺎﺗﯩﭗ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ “ ﺋﻪﻟﻼﮬﯘﻣﻤﻪ ﺋﻪﻧﻔﻪﺋﯩﻨﺎ “ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﯗﺋﺎ ﺑﺎﺭ .
ﺑﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻗﻰ ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﻨﻰ ﺳﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1835 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ، ﺋﻪﯓ ﻛﻪﻡ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ 155 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .

ﺑﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ 1830 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1848 – ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﮬﯧﻜﯩﻤﺒﻪﮔﻠﯩﻜﯩﻜﻜﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﺯﻭﮬﯘﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﯧﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﺩﯨﯟﺍﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺯﯗﮬﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﯧﻜﯩﻤﺒﻪﮒ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﺋﻮﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺋﯧﺌﯩﺘﯩﻜﺎﭘﺘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﺋﯩﺴﺘﯩﺨﺎﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﯨﻘﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﻨﻰ ﺳﻮﻗﺴﺎ ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯘﺵ – ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﯩﺸﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﯧﺌﯩﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻐﻪ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺯﯗﮬﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﯧﻜﯩﻤﺒﻪﮒ ﻧﯧﺌﯩﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﮬﻪﺩﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺳﯚﻳﯜﻧﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻧﯧﺌﯩﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩﯔ 723 – ﺑﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﺷﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ( ﭼﻪﺕ ﭼﯚﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺟﺎﻳﻐﺎ ) ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ : “ ﺑﯘ ﺳﯘﺭﻩﺗﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﻤﯩﺌﻪ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺋﻮﻟﺪﯨﻜﯩﻢ ، ﮬﻪﺯﺭﻩﺗﻰ ﯞﺍﯓ ﺯﯗﮬﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺋﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﻓﻪﻗﯩﺮ ﺩﻩﺭﯞﯨﺶ ﻛﻪﻣﺘﻪﺭﻧﻰ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭ ﻗﻪﻟﺌﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺋﯩﻤﯩﺮﺍﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﻪﮬﯩﺲ – ﺳﻪﺋﯩﺪﻟﯩﻜﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﺨﺎﺭﻩ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭ ﻗﻪﻟﺌﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺋﯩﻤﯩﺮﺍﺗﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﻗﯩﺒﯩﺘﯩﮕﻪ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﺭﯗﺋﯩﻴﺎﻧﻰ ﮬﻪﺯﺭﻩﺗﻰ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺋﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻐﻪ ﺑﻪﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﺯﺭﺍﺗﻰ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺩﯨﯟﺍﻧﻪ ﺷﺎﮬﺎﻧﻪﺩﯨﻦ ﺑﯘ ﻛﻪﻻﻡ ﺷﻪﺭﯨﻔﺘﻰ ﻓﻪﻗﯩﺮﻏﻪ ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ ، ﺋﯩﻨﺌﺎﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ، ﻓﻪﻗﯩﺮ ﺳﺎﮬﯩﺐ ﺩﯗﺋﺎ ﻧﯧﺌﯩﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ ﻣﯘﮬﯘﺭﯗﻣﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯩﻢ . 1253 – ﮬﯩﺠﯩﺮﻯ “ .

ﺗﺎﻣﻐﺎ ( ﻣﯚﮬﯘﺭ ) ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 1238 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺗﺎﻣﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﺕ “ ﻧﯧﺌﯩﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﺑﯩﻦ ﺳﻪﺩﺭﯨﺪﺩﯨﻦ “ ﺩﯗﺭ .

ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ، ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﻰ ﯞﻩ 19 – ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯧﻤﯩﺮ ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺳﻪﺑﯘﺭﻯ ، ﻗﺎﺯﻯ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﺎﻳﯩﻢ ﺳﻮﻓﻰ ﺋﺎﻟﻼﻳﺎﺭﻯ ، ﺯﯗﮬﯘﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﯧﻜﯩﻤﺒﻪﮒ ، ﻧﯧﺌﯩﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﺪﻩﻙ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﺷﺘﺎ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ
]




#Article 237: سۇلتان سەئىدخان (243 words)


سۇلتان سەئىدخان (ئۇيغۇر لاتىن: Sultan Said Xan، كرىل ئۇيغۇر: Султан Сәидхан
) ھىجرى 892 - 939 / مىلادى 1487 - 1533 - يىللار ئارىسى ياشىغان، تۇغلۇق تۆمۈرخان (15=347 - 1363) پۇشتىدىن بولۇپ، شەرقىي چاغاتاي خانى سۇلتان ئەھمەد ئەلەقنىڭ ئوغلى، سۇلتان مەنسۇرخاننىڭ ئىنسى، ياركەند سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۇنجى سۇلتانىدۇر. 

دادىسى ئەھمەدخان 1504 - يىلى ئاقسۇدا ۋاپات تاپقۇنچە، سەئىدخان موغۇلىستان تۇپراقلىرىغا پاناھ تارتىپ بارىدۇ. ئۇ يەردە ئىنىسى خەلىلخان تەرىپىدىن قوغلىنىدۇ. ئامالسىر سەمەرقەندكە قايتىدۇ.

ئۆزبېكلەر باش قوشۇش ئارقىلىق ماۋەرائۇننەھردىكى پۈتۈن شەرقىي چاغاتاي خانلىقى ئۇرۇقلىرىنى قۇرۇتۇش قارار قىلىنىدۇ. ئۇ ئەسنادا گۇندىپاي سەئىدخاننى زىندان چىقىرىپ قويىدۇ. سەئىدخان ئۇنىڭ پۇشايمان بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ دەرھالبابۇر مىرزانىڭ يېنىغا پاناھ تارتىپ بارىدۇ.

سۇلتان سەئىدخان ھەزرەتلىرى ھ. 939 (م. 1533) - يىلى تىبەت (ئۇرساڭ) بۇددىستلىرىغا قارشى ئىسلام ئېچىپ لىخاسا كېسەل سەۋەبىدىن (نەپەس يېتىشمەسلىك) 1533 - يىلى 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ۋاپات تاپقاندىن كېيىن ئوشلى سۇلتان ئابدۇررەشىدخان ياركەند خانلىقىنىڭ تەختىگە چىققان. ئۆلگىنىدە 45 ياش ئەتراپىدا ئىدى. 

ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﺧﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﯧﺪﺍﺗﻠﯩﻖ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕﭘﻪﺭﯞﻩﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺟﯘﺵ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺯﻭﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻣﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﭘﺎﺭﺲ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ. 

قایسی گۇلشەننىڭ يۈزۈڭدەك بىر گۇلی رەئناسى بار،           

قایسی گؤلنىڭ بىر مېنىڭدەك بۇلبۇلی شەیداسی بار. 

هۇر بىرله جەننەتؤل مەئۋانی کۆڭلۈم نەیلەسۇن،                

یارنىڭ كويىدا يؤزمىڭ جەننەتؤل مەئۋاسی بار. 

لەئلىدىن خەتتی بۇدۇر هەر دەم تىرىکلىککە نىشان،              

خۇش نىشانىدۇر کی ئىککی قاشىدىن توغراسی بار. 

بر سۈچۈك سۆز بىرله ئۆلگەن جىسمىمه بەردىڭ هەيات،      

لەئلى جانبەخشىڭده گویاکىم مەسىھ ئەنفاسى بار . 

یۈزی ئۈزره کاکۇلۇ زۇلفىن پەرىشان کۆرگەلی،                     

ئەي سەئىد، ئاشۇفته کۆڭلۈمنىڭ ئەجەب سەۋداسی بار.




#Article 238: خوجىنىياز ھاجى (418 words)


خوجىنىياز ھاجى (چاغاتايچە: خواجە نياز حاجى)، (1889- قۇمۇل/1938 -ئۈرۈمچى)  1930-يىللىرى شەرقىي تۈركىستاندا خوجىنىياز ھاجىم رەھبەرلىكىدە قۇمۇل دېھقانلىرىنىڭ مىللىي-ئازادلىق قوزغىلىڭى يۈز بېرىپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى مەيدانغا كەلگەن ئىدى.

خوجا نىياز ھاجى ئېمىننىياز ھاجى ئوغلى: ئۇيغۇر، 1889 - يىلى قومۇل شارلار تېغىدا توغۇلغان. 1912- يىلىدىكى تۆمۈر خەلىپە يېغىلىقىغا قاتناشقانلىق جىنايىتى بىلەن شامەقسۇد ۋاڭ تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىدۇ. قومۇلدىن قېچىپ چىقىپ تۇرپان، ئالتاي، چۆچەك تەرەپلەردە بىر نەچچە يىل تۇرغاندىن كېيىن ئۆكتەبىر ئىنقىلابى ھارپىسىدا يەتتەسۇغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن مەككەگە ھەجگە بارىدۇ ۋە بىر نەچچە يىل تۇرغاندىن كېيىن ئاۋۋال رۇسىيەگە كېيىن 1923 - يىلى ۋەتەنگە قايتىدۇ. باشتا ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قومۇلنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرىدۇ. 1928 - يىلى 16 - مايدا شامەقسۇد ۋاڭ ئۆلگەندىن كېيىن قومۇلغا قايتىدۇ. كىچىكىدىن مەدرىسەدە تەھسىل ئالغان ۋە كېيىن يۇرت كېزىپ دۇنيا كۆرگەن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن قومۇل خەلقى ئىچىدە دىندارلىقى، پىكىرلىرى ۋە خەلقچىللىقى بىلەن تونۇلىدۇ. ئۆتمۈشتىكى قوزغىلاڭ ۋە جەھانكەزدى تەجرىبىلىرى بىلەن 1931 - يىلى باشباھاردا باشلىغان قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ. قۇمۇلدىن باشلىغان ئىنقىلاب تۇرپان، كورلا، قاراشەھەر ۋە ئاقسۇلارغىچە يېيىلىپ، 1933 - يىلى كاشغەردە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ئېلان قىلىنىپ، خوجا نىياز ھاجى جۇمھۇرىيەتنىڭ رەئىسى قوبۇل قىلىنىدۇ. خوجا نىياز ھاجى رەئىسى جۇمھۇرلۇق سالاھىيىتى بىلەن ئەنگىلىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەرگە رەسمىي مەكتۇبلار يازىدۇ. 86 كۈن مەۋجۇد بولغان بۇ جۇمھۇرىيەت ئىچكى نىزالار ۋە تۇنگانلارنىڭ توختاۋسىز پاراكەندىچىلىكى، رۇسلارنىڭ بېسىمى ۋە شېڭ شىسەينىڭ ھىيلە - نەيرەڭلىرى نەتىجىسىدە 1934 - يىلى فېۋرالدا شېڭ شىسەي بىلەن كېلىشىم تۈزۈلۈپ، تارىختا تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان «ئىسلام جۇمھۇرىيىتى»، ئاساسىي قانۇن، ھەربىي ۋە مەمۇرىي سېستىمىغا ئىگە، پاسپورت تارقىتىپ پۇل باستۇرغان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى تارقىلىپ كېتىدۇ. خوجا نىياز ھاجى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە جەنۇبىي تۈركىستان ھەربىي قۇماندانى ئۇنۋانى بىلەن 1934 - يىلى ئاۋغۇستتا ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. 1937 - يىلى 12 - ئۆكتەبىر كۈنى ئاتالمىش «ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ قۇيرۇقى» دېگەن تۆھمەت بىلەن شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قاماققا تاشلىنىدۇ. بىر يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن 1938 - يىلى كۈزدە سوراققا تارتىلىپ، شۇ قاتاردا سالىھ دورغا، يۇنۇسبەگ قاتارلىق 108 كىشى بوغۇپ ئۆلتۈرۈلۈپ، سايئوپۇنىڭ غەربىدىكى تاغقا كۆمۈلىدۇ. 1947 - يىلى 4 - ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار قاتناشقان تەزىيە مۇراسىمى بىلەن خوجا نىياز ھاجى ۋە شەرىپخان تۆرىلەرنىڭ جەسەدلىرى شامالباغدىكى شېھىدلىككە دەفىن قىلىنىدۇ.

خواجە نياز حاجى 1889- يىلى قۇمۇلدا قۇل دورغا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، دادىسى ئىمىن نىياز ئۇنى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن 17 يىشىدا ساۋۇراخۇن دېگەن قۇلنىڭ قىزىغا ئۆيلەپ قويىدۇ. 1907-يىلى ئالۋاڭغا ئىشلەپ قايتىشىدا 20 نەپەر گەنسۇ چىرىكلىرىگە تۇتۇلۇپ, بىر ئاي ھاشارغا ئىشلەيدۇ .بۇ چاغدا تورپاقلار قوزغىلىڭىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ قېچىپ قورايغا بارىدۇ ۋە ئاممىغا قوشۇلۇپ ۋاڭغا قارشى قوزغىلاڭغا قاتنىشىدۇ,قوزغىلاڭنىڭ مۇھىم ئادەملىرى قاتارىغا ئۆتىدۇ .قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ۋاڭ ئۇنى تۇتالماي, دادىسىنى زىندانغا تاشلايدۇ.ھاجىم ئانىسىنىڭ ياردىمىدە ھەج سەپىرىگە كېتىدۇ .1912-يىلى قايتىپ كېلىدۇ.

شۇ ئىشلاردىن كىيىن، ھاجىم 




#Article 239: زۇنۇن قادىرى (605 words)


 
زۇنۇن قادىرى

ﺯﻭﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮ 1911-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﺎﺭﻏﺎﺑﺎﺗﺎﻱ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﻨﯩﯔ ﺩﯙﺭﺑﯩﻠﺠﯩﻦ ﻧﺎﮬﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﯜﻙ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﮔﯘﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ،ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻧﺎﻣﺮﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻮﺗﻜﻪﻥ.

ﺋﯘ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺩﯦﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ .1937-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻮﻣﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﭖ ،ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯘﺭﮔﻪﻥ .ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺟﺎﮬﺎﻧﮕﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ،ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﺩﻧﯩﻴﻪﺕ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ .1940-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮ ﺋﯚﻣﯩﻜﯩﺪﻩ ﺋﺎﺭﺳﺖ ،ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﭽﻰ ﺭﯦﮋﯨﺴﻮﺭ ،ﺩﯨﻜﺮﺍﺗﻮﺭ ،ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺕ ﺑﯚﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ.ﺋﯜﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﯞﻩﻛﯜﺭﻩﺵﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮔﯧﺰﯨﺖ -ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﺪﺍ ﻣﯘﮬﻪﺭﺭﯨﺮ ،ﺑﺎﺵ ﻣﯘﮬﻪﺭﯨﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .1957-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1963-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺕ -ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﭼﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ،ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺟﻪﻣﻴﯩﺘﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺷﯚﺑﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .

ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺧﻪﻟﻖ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﭼﯚﭼﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﻣﻪﺩﺩﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﺴﻪ ﯞﻩ ﺟﻪﯕﻨﺎﻣﯩﻠﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﺳﺎﯞﺍﺗﻰ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ، ﻧﺎﯞﺍﺋﻰ ، ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﻰ .ﻛﯧﻴﻨﭽﻪ ﺷﺎﮬﻨﺎﻣﻪ ﮔﯘﻟﺴﺘﺎﻥﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﻧﯘﺷﺘﻰ .ﺭﯗﺱ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﻰ ﻛﯩﻠﺴﺴﯩﻜﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﭘﻮﺭﯗﻟﯧﺘﺎﺭﯨﻴﺎﺕ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﺴﻰ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﻢ ﮔﻮﺭﻛﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﯞﻩﺋﯚﺯﺑﯩﻚ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻧﻰ ،ﺳﻪﺩﯨﺮﺩﯨﻦ ﺋﻪﻳﻨﻰ ، ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﻧﯘﺭ ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻠﻨﯩﯔ ﺭﻭﻣﺎﻥ ،ﭘﻮﯞﺳﺖ ،ﮬﯧﻜﺎﻳﻠﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ .ﺩﯦﻤﻪﻙ ،ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﻰ ،ﯞﻩ ﻛﯩﻠﺴﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺕ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﻯ .

ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮﻯ 1936-ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ،50ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﭼﯧﻨﯩﻘﯩﺶ ﻏﯘﻧﭽﻪﻡ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﻣﻪﺳﻪﻝ ﯞﻩ ﭼﻮﭼﻪﻛﻠﻪﺭ ،ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﻯ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻥ .ﺋﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﺸﯩﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺕ ، ﻣﺎﺭﻛﺴﯩﻢ ﮔﻮﺭﻛﯩﻴﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ ﺑﻮﯞﺍ ﯞﻩ ﻟﯩﻴﻮﻧﻜﺎ ،ﺳﯧﯟﯨﺖ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻛﻮﺗﻮﻳﻨﯩﯔ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭ ،ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻥ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﯕﺠﺎﺭﯨﻘﯩﻨﯩﯔ ﮔﯘﻧﺪﯨﭙﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﻮﯞﯦﺴﺖ ،ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ،ﮬﯧﻜﺎﻳﻠﯩﺮﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ .ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﭼﯚﭼﻪﻙ ،ﻗﻮﺷﺎﻕ ، ﻣﺎﻗﺎﻝ -ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﭘﻼﭖ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ،ﺋﯚﺯ ﺩﻩﯞﻩﺭﻧﯩﯔ ﺋﻠﻐﺎﺭ ﺳﯧﻴﺎﺳﯩﻲ ،ﺋﯧﺴﺘﯧﯩﺘﯩﻚ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺳﯧﯖﺪﯗﺭﯗﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻲ ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﻻﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺧﯧﻠﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮﺯﻏﯘﻏﺎﻧﺪﻯ .

ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﺘﻰ ، ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﺰﻣﻠﯩﻖ ﺳﺎﻧﺌﻪﺕ ﺗﻪﻟﯩﻤﻪﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻲ ﺭﯦﺌﺎﻟﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﻪﯓ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺯﯦﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﻨﯩﻠﯩﺪﻯ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻠﻐﺎﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ،ﺳﻪﺯﮔﯜﺯﻩﺷﺖ ﺧﺎﺭﻩﺗﻜﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺭﻭﻣﺎﻥ( ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ ،ﺑﯘ ﺭﻭﻣﺎﻥ ﻣﻪﺩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﯩﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﭼﯩﯩﻘﯩﺪﺍ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ) ﺋﯜﭺ ﺩﺭﺍﻣﺎ ،ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻨﻮ ﺳﯧﻨﺎﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﻧﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﻳﯧﺰﯨﭗ ،ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﯩﺘﯩﻚ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ .

ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮﻯ ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﯩﮕﻪ ، ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺕ ﺳﯧﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻻﻧﺖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﺵ ،ﺗﻪﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﮕﻪﻥ .ﺋﺎﺗﻐﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﺗﯧﻴﯩﭙﺠﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﻴﯘﯞ ، ﺋﺎﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﻣﺎﻥ ﺋﻪﻟﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﺎﻻﻧﺖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﻰ ،ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﺪﻩ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮﻧﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ .ﺋﯘ ﺋﯚﺯﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺯﯦﮭﯩﻦ -ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﻨﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻐﺎﻥ .

ﺋﺎﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ، ﺩﺭﺍﻣﺎﺗﯘﺭﮒ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﭘﺮﻭﺯﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺩﺭﺍﻣﺎﺗﻮﺭﮔﯩﻴﯩﺴﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﭽﯩﻠﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮ 1989-ﻳﯩﻠﻰ - 9ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ -24-ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ 77 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﻮﯓ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮬﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘﺵ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﺑﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ،ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﮔﯚﮬﻪﺭ ، ﺷﯘﯕﺎ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﻡ -ﺷﻪﺭﭘﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﮕﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﺴﯩﺪﻩ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﭼﺎﻗﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﺩﯗ .

زۇنۇن قادىرىنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرى:
  «غۇنچەم» ــ مەسەل، ھىكايە، دىراممىلار توپلىمى. مىللەتلەر نەشرىياتى. 1957-يىل نەشرى.
  «چېنىقىش» ــ ھىكايىلەر توپلىمى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1957-يىل نەشرى.
  «غۇنچەم» ــ دىراممىلار توپلىمى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1980-يىل نەشرى.
  «خاتىرىلەر» ــ ئاپتوبىئوگىرافىك ئەسلىمە. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1984-يىل نەشرى.
  «مەسەل ۋە چۆچەكلەر» ــ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1986-يىل نەشرى.
  «زۇنۇن قادىرى ئەسەرلىرى» ــ ئومۇمىي توپلام. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1992-يىل نەشرى.
  «چېنىقىش» ـ ھىكايىلەر توپلىمى(خەنزۇچە). جۇڭگۇ يازغۇچىلار نەشرىياتى. 1958-يىل نەشرى.
  «غۇنچەم» ــ دىراممىلار توپلىمى(خەنزۇچە). جۇڭگۇ تىياتىر نەشرىياتى. 1960-يىل نەشرى.
زۇنۇن قادىرى يېزىشقا قاتناشقان «غېرىپ – سەنەم» كىنو سىنارىيەسى 1980-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. «چېنىقىش» دىگەن ھىكايىلار توپلىمى 1980-يىللاردا يەنە قايتا نەشىر قىلىنغان.




#Article 240: ئەسئەد سۇلايمان (384 words)


ئەسەد سۇلايمان 1969- يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان. 1986-يىلى قۇمۇل شەھەرلىك راھەتباغ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1991-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەنە شۇ فاكۇلتېتنىڭ ماگىستېر ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغان. 1994-يىلى فولكلور ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ماگىستېرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.    شۇنىڭدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانئغان. 1995-يىلى 10-ئايدىن 1996-يىلى 5-ئايغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىنستىتۇتىدا ھەمكارلاشما تەتقىقات تېمىسىنى ئىشلىگەن. 1996-يىلى 9-ئايدا جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ دوكتورلۇق ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۈچ يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش نەتىجىسىدە 1999-يىلى 7-ئايدا ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش تاماملاپ، ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

شۇنىڭدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇش، ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. بۇ جەرياندا فلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ماگىستېر ۋە دوكتور ئاسپىرانتلىرىغا «ئېپوسلار تەتقىقاتى»، «مىللىي ئەدەبىيات ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات»، «دىنشۇناسلىق»، «سېلىشتۇرما ئەدەبىيات»، «مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى»، «ئەپسانىشۇناسلىق»، «20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئەدەبىيات كەسپىدىكى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا «ئەپسانىشۇناسلىق»، «ئېپوسشۇناسلىق» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈپ كەلدى.

ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىن سىرت، ئۇ پۈتۈن زېھنىنى ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا قاراتتى ھەمدە بۇ جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھازىرغىچە ئۇنىڭ «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ» (2000-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى»)، «خەمسىچىلىك ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» (خەنزۇچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2002-يىلى)، «تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە» --- ئەسەت سۇلايمان ئەسەرلىرى (1) (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى)، «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» (2006-يىلى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشرى) «ئەلىشىر ناۋائىي»، «ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىندى ھەمدە ئىلمىي ساھەدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. مەملىكەت ئىچىدىكى نۇقتىلىق ژۇرناللاردىن «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «چەت ئەل ئەدەبىياتى ئوبزورى»، «غەربىي شىمال مىللەتلەر تەتقىقاتى» قاتارلىق يادرولۇق ژۇرناللاردا ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ژۇرناللاردا 50 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «مىراس» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت پسىخىكىسى ۋە بوستانلىق مەدەنىيىتىگە دائىر بىر يۈرۈش ماقالىلىرى خېلى زور تەسىر قوزغىدى. ئۇنىڭ «ئۇيغۇر مەدەنىيەت پسىخىكىسى ئۈستىدە تەتقىقات»، «ئۇيغۇرلاردا ئىسىم-فامىلە مەدەنىيىتى ئىسلاھاتى» قاتارلىق ئىككى پارچە ماقالىسى ياپونىيىدە، «ئالتاي مەدەنىيەت چەمبىرىكىدە يالماۋۇز ئوبرازى» ناملىق ماقالىسى تۈركىيىدە ھەمدە ئېپوسشۇناسلىققا دائىر بىر پارچە ماقالىسى قىرغىزىستاندا ئېلان قىلىندى.

ئۇنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى ئاساسىدا يوللىغان «پارس ۋە تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئەدەبىياتىدىكى خەمسىچىلىك ھادىسىسى ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات» ناملىق تېمىسى 2000-يىلى دۆلەت پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات تۈرى سۈپىتىدە تەستىقلاندى ھەمدە ئىككى يىللىق ئىزدىنىش نەتىجىسىدە غەلىبىلىك تاماملاندى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە مەكتەپ دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسىدىن ئىككىگە رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە دۆلەتلىك تەتقىقات تېمىلىرىدىن بىرقانچىگە قاتناشتى.

دوكتور ئەسەد سۇلايمان 2002-يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتى يۆنىلىشى بويىچە ماگىستېر ئاسپىرانتلارنى يېتەكلەشكە باشلىدى.




#Article 241: كالتەك توپ (130 words)


  
 
كالتەك توپ بولسا توپ ئۇرۇشنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان بىر خىل كوللىكتىپلىق ، قارشى تۇرۇشچانلىقى ناھايىتى كۇچلۇك بولغان تەنھەركەت تۈرى . ئۇنىڭ خەلىقئارادا تارقىلىشى كەڭ ، تەسىرى بىرقەدەر كۇچلۇك بولۇپ ، «كۈرەشچانلىق ۋە ئەقىل پاراسەتنىڭ بىرىكمىسى« دەپ ئاتالغان . ئامرىكا ۋە ياپۇنىيىدە بىر قەدەر كەڭ بولۇپ ، «دۆلەت توپ« دەپ ئاتالغان . كالتەك توپ قائىدىسىدە مۇسابىقىگە قاتناشقان ئادەم سانى ئەڭ ئاز دىگەندە 9 ئادەم بولىدۇ ، دەپ بەلگىلەنگەن ، ئوخشاش تۇردىكىلەردىن يەنە قورغان توپ بار .  كالتەك توپ ئەزالىرى ھۇجۇمچى ۋە قوغدىغۇچى دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ ، توپ كالتىكى ۋە پەلەي بىلەن بىر يەلپۇگۇچسىمان كالتەك توپ مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ . مۇسابىقىدە ، ئىككى تەرپ ئالمىشىپ ھۇجۇم قىلىدۇ ، ھۇجۇم قىلغان تەرەپ ئەزاسى ئەسلى ئورنىغا غەلبىلىك قايتىپ كىلەلىسە ، بىر نومۇرغا ئېرىشىدۇ . توققۇز مەيداندا ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن تەرەپ ئۇتقان بولىدۇ .




#Article 242: تۇغلۇق تۆمۇرخان (507 words)


ئىلى ۋىلايىتى قورغاس ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىدىن 38كىلومېتىر يىراقلىقتىكى 61-تۇەن مەيدانى تەۋەسىدە بىر ھەيۋەتلىك مازار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇ دەل تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرىدۇر. مازار چاسا شەكلىدە،ئۈستىدە گۈمبەز بار، توغرا لىمى يوق بولۇپ، ئېگىزلىكى 14مېتىر، كەڭلىكى 11مېتىر، ئىچىنىڭ ئېگىزلىكى 15مېتىر كېلىدۇ. مازاردا قەبرىدىن باشقا ھېچنىمە يوق بولۇپ، پەلەمپەي ئارقىلىق چوققىسىغا چىققىلى بولىدۇ. مازارنىڭ ئىشىكى شەرققە قارىتىلغان بولۇپ، كەڭلىكى تۆت مېتىر، ئېگىزلىكى سەككىز مېتىر، ئۈستىگە «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى، ئىككى يېنىغا ئەرەپچە مەدھىيىلەر ئويۇلغان، تاملىرى بىنەپشە،كۆك،ئاق ئۈچ خىل رەڭنى ئاساس قىلغان 26خىل نۇسخىدىكى گېئومېتىرىيىلىك ۋە ئۆسۈملۈك نەقىش چۈشۈرۈلگەن كاھىش بىلەن زىننەتلەنگەن بولۇپ، مازارنى خېلىلا ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگۈزگەن. جەنۇب تەرىپىدە بىر كىچىكرەك قەبرە بولۇپ، تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ سىڭلىسى دەپنە قىلىنغان دەپ قارىلىدۇ، ئۇمۇ خېلى مۇكەممەل ساقلانغان. ئۇنداقتا، تۇغلۇق تۆمۈرخان مۇڭغۇل خانى تۇرسا،مازىرى نېمىشقا ئىسلام ئۇسلۇبىدا ياسالغان؟ ئەسلىدە ئۇ شىنجاڭ تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنى قوبۇل قىلغان مۇڭغۇل خانىدۇر.

قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى پەقەت قەشقەر ۋە خوتەن ئەتراپلىرى بىلەنلا چەكلەنگەن،كۇچا،تۇرپان رايونى ۋە تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا يەنىلا بۇددا دىنى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. مىلادىيە 1219-يىلىدىن باشلاپ چىڭگىزخان قوشۇن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرغان، 1225-يىلى ئوغۇللىرىغا زېمىن بۆلۈپ بەرگەندە، شىنجاڭ ۋە ماۋەرائۇننەھر رايونى ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي قۇرغان چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. چىڭگىزخان ۋە مۇڭغۇل خانلىرى ھۆكۈمرانلىقنى قوغداش ئۈچۈن دىنىي كەڭچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويغاچقا، كۆپ دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە تۈركىي تىللىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم مۇڭغۇل خانلىىرى، ئالايلۇق مۇبارەكشاھ ۋە ئەڭ ئاخىرقى خان دارماشىرى تەدرىجىي ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان.
تۇغلۇق تۆمۈرخان چىڭگىزخاننىڭ 6- نەۋرىسى بولۇپ ، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر بىلەن بابۇر تۇغلۇق تۇمۇرخاننى ئەسەن بۇقاخاننىڭ ئوغلى دەپ يېزىپتۇ .مىلادى 1310- يىللىرى ئەسەن بۇقاخان چاغاتاي خانى بولغان ئىكەن. ئەسەن بۇقا خاننىنىڭ ئەركە خانىشى ساتمىش خاتۇن تۇغماس بولۇپ، ئەسەن بۇقانىڭ مەڭلىك ئىسىملىك ئايالى ھامىلىدار بولۇپ قالغاندا ساتمىش خوتۇن كۈندەشلىك قىلىپ ، خاننىڭ يوق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى باشقا بىرسىگە خوتۇنلۇققا بېرىۋېتىپتۇ.

    
ئەمما خان بىلەن كۇرۇشۇشنىڭ ئامالىنى قىلالماپتۇ. ئاخىرى ئۇ خاننىنىڭ چېدىرىغا يېقىن يەردىكى بىر تۆپىلىككە چىقىپ ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۈنلۈك ئاۋازدا ئەرزان توۋلاۋېرىپتۇ. بۇ ئىش تەكرارلىنىۋەرگەندىن كىيىن ، توغلۇق تومۇر ئۆزىنىڭ بىر خىزمەتچىسىگە بۇ كىشى بىر قانچە كۇن بولدى دائىملا مۇشۇ ۋاقىتتا ۋارقىرايدۇ. ئۇنى مىنىڭ يېنىمغا ئەلىپ كەلگىن  دەپتۇ. خىزمەتچى مەۋلانى ئەرشىدىننى ئەرزان توۋالاۋاتقان يېرىدىن تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئالدىغا ئەلىپ كەپتۇ. توغلۇق تومۇرخان مەۋلانى ئەرشىدىندىن سەن نىمە ئادەم؟ نىمىشقا ھەر كۇنى مىنىڭ ئۇيقۇمغا دەخلى قىلىسەن؟ دەپ سوراپتۇ. مەۋلانى ئەرشىدىن سىز بىر كىشىگە ئىسلام دىنىگە كىرىش توغرىلىق ۋەدە قىلغان ئىكەنسىز. مەن شۇ كىشىنىڭ ئوغلى بولىمەن دەپ ئاتىسى ۋە توغۇرلۇق تومۇر ئوتتۇرىسىدا بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى تەپسىلى سۆزلەپ بېرىپتۇ. توغلۇق تومۇر ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغاندا ، ئۇ دادام ئالەمدىن ئۆتتى، بۇ ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇرغان ئىدى دەپتۇ. توغلۇق تۆمۈرخان مەن خان بولغاندىن تارتىپ ۋەدەمنى ئويلۇدۇم، لېكىن مەن ۋەدە بەرگەن ئادەم زادى كەلمىدى، سەن كەپسەن سىنى قارشى ئالىمەن، قېنى سەن دەپ باقە ئەمدى مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟

تۇغلۇق تومۇرخان ۋەدىسى بۇيىچە 24 يېشىدا مۇسۇلمان بوپتۇ. مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ يازغانلىرىغا ئاساسلانغاندا مەۋلانى ئەرشىدىن تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئالدىغا ئەلىپ كېلىنگەن چاغاتاي خانلىقىدىن ئەمەلدار ، ئەسكەر بۇلۇپ 160 مىڭ كىشى بىراقلا ئىمان ئېيتقان ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن چاغاتاي خانلىقى مۇسۇلمان دۆلىتىگە ئايلانغان ئىكەن. مەۋلانى ئەرشىدىن ئەرزان توۋلىغان دوڭ ھازىرمۇ تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە قورغاس ناھىيىسىنىڭ شەرقى شىمالىدا كونا كىگەن دەرياسىنىڭ (كىگەن ساي دەپمۇ ئاتىلىدۇ) شەرقىدە ھازىرمۇ ئەزەن دوڭ دەپ ئاتىلىپ قەد كوتۇرۇپ تۇرۇپتۇ. 

مەنبەلەر:




#Article 243: مويۇنچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى (170 words)


مويۇنچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى

بۇ مەڭگۈ تاش يادىكارلىقى 1909- يىلى موڭغۇلىيەدىكى سېلىنگا دەرياسى ۋە شىنە ئۇسۇ كۆلى بويىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن ، يەنە «شىنە ئۇسۇ مەڭگۈ تېشى» دەپمۇ ئاتالغان. بۇ ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان دەپ ئاتالغان مويۇنچۇر قاغان (747- 759- يىللىق) نىڭ تۆھپىسى ئۈچۈن ئورنىتىلغان يەنە بىر يادىكارلىق.

مويۇنچۇر ئەسلىدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى كۆل بىلگە قاغان (742- 747- يىللار) نىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى تۇريان ئىدى . مەنبەلەردە يەنە ئەل بىلگە يابغۇ ۋە قارا قاغان دەپمۇ ئاتالغان. مەڭگۈ تاشقا جەمئىي 50 قۇر خەت ئويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مويۇنچۇر قاغان نامىدىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى دەسلەپكى تارىخى، ئۇنىڭ دادىسىغا ياردەملىشىپ كېيىنكى شەرقىي تۈرك خانلىقىغا قارىشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى، كېيىن قارلۇق، توققۇز تاتار باسمىل قاتارلىق قەبىلىلەرگە ئېلىپ بارغان جازا ئۇرۇشلىرى، تاڭ سۇلالىسىگە قىلغان يۈرۈشلىرى، تابغاچ ۋە سوغداقلارغا سېلىنگا دەرياسى بويىدا بايبالىق شەھىرىنى سالدۇرغانلىقى قاتارلىق تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، «مويۇنچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» دا كونا- يېڭى تاڭنامىلەردە تىلغان ئېلىنمىغان بىر قىسىم ۋەقەلىكلەر خاتىرلەنگەندىن سىرت، يەنە كونا- يېڭى تاڭنامىلەردە خاتىرلەرگەن بىر قسىم ۋەقەلىكلەر تېخىمۇ كونكىرېت، تېخىمۇ ئېنىق ۋە تېخىمۇ جانلىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن.




#Article 244: تەس مەڭگۈ تېشى (332 words)


بۇ مەڭگۈ تاش يادىكارلىقى 1976- يىلى موڭغۇلىيەدىكى تەس دەرياسىنىڭ سول قىرغىدىكى نوغۇن تولغوي ئىگىزلىكىنىڭ يېنىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن، «تەس مەڭگۈ تېشى» دەپ ئاتالغان. «تەس مەڭگۈ تېشى» ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە مەنسۇپ يادىكارلىقلارنىڭ ئىچىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ئېغىرراق. ئەڭ مۇھىم بولغان يازما يادىكارلىق. ئۇنىڭدا بۆگۈ قاغان (759- 780- يىللار) ئەجدادى (دادىسى) بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (مويۇنچۇر، 747- 759- يىللار9 دەۋرىگىچە بولغان ئۇيغۇر قاغانلىرىنىڭ تارىخى، جۈملىدىن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەقدىرى. كۆل بىلگە قاغان ۋە ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان باشچىلىقىدىكى ئۈچىنچى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بەرپا بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار كونا- يېڭى تاڭنامىلەردە ئۇچرىمايدۇ. شۇڭا تەس مەڭگۈ تېشىدىكى مەلۇماتلار زور سېلىشتۇرما قىممەتكە ئىگە. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، «تەس مەڭگۈ تېشى» نىڭ ئاپتورى مويۇنچۇر قاغاننىڭ يېقىن تۇققىنى تۈپەك ئالىپ شۇل دېگەن كىشى بولۇپ، مەڭگۈ تاشنى قاغان يېڭىدىن تەختكە چىققان ۋاقىتتا توغرىسى 761- 762- يىللىرى ئورنىتىلغان، دېيىشكە بولىدۇ

(بۆكۈ قاغان مەڭگۈ تېشى)

تەس مەڭگۈ تېشىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركولوگى س. گ . كىلياشتورنىي 1976- يىلى  ھازىرقى موڭغۇلىيەنىڭ خۇبسۇغۇل ئايمىقىدىكى  تەس دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىنىڭ سول قىرغىقىغا جايلاشقان نوغون ئوتلغوي دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۆپىلىكتىن تاپقان. بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ يېرىمىلا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، قىزىل رەڭلىك گىرانىت تاشتىن ياسالغان بولۇپ، ھازىر ئۇلانباتوردىكى موڭغۇلىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تارىخ تەتقىقات ئورنىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. 

بۇ مەڭگۈ تاش مويۇنچۇر قاغاننىڭ ئوغلى بۆكۈ قاغاننى خاتىرىلەش ئۈچۈن تىكلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا بۆكۈ قاغاننىڭ تەختكە چىققانلىقى ۋە دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، توققۇز بۇيرۇق ۋە «ئۇيغۇرلۇرۇم»نىڭ مەرىكىگە قاتناشقانلىقىغا دائىر ئەھۋاللار ھەققىدە توختالغان. بۇ ھەقتىكى ئەڭ دەسلەپكى تەتقىقاتنى موڭغۇلىيە ئالىملىرىدىن چارزائۇباي بىلەن م. شىنېخۇ باشلىغان. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى موڭغۇلىيەدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنغان.

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخچىمىز دوكتور ئابلەت كامالوف ئەپەندىم ئۆزىنىڭ  ناملىق ئىلمىي ئەمگىكىدە تېسىن مەڭگۈ تېشى ھەققىدە مۇنداق قۇرلارنى يازغان:
تېسىن تاش پۈتۈكى  بۇ يادىكارلىق 1976-يىلى س.كلياشتورنىي باشلىغان سوۋېت-موڭغۇل تارىخى_مەدەنىي ئېكسپېدىتسىيىسى نەتىجىسىدە تېسىيىن غول (غەربىي خانگاي) دەرياسى ۋادىسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىدا (پەقەت تۆۋەنكى قىسمىلا) تېپىلغان. يېزىق تاشنىڭ تۆرت تەرىپىگە يېزىلغان بولۇپ، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خېلى دەرىجىدە ئۇپرىغان. تېكسنىڭ ئىلمىي ئاساستىكى شەرھى ھەم ئوقۇلۇشى س.كلياشتورنىينىڭ ئىسمى بىلەن باغلىقتۇر. ئۇنىڭ پىكرىچە، تېسىن تاش پۈتۈكى 762-يىلى ئۇيغۇر بۆگۈخاقاننىڭ تەخىتكە ئولتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئورنىتىلغان.




#Article 245: Fransuz tili (265 words)


[Fransuz tili rim tilining bir terkiwi qismi bolup, asasliq fransiye, kanadada (asasliqi yéngi birunswik we kébek rayonlirida), bélgiyede (waloni, biryussil we flandiriye rayonining bezi sheherliride), Amérika Qoshma Shtatlirida (bolupmu lu'iziyan we men shitatlirida), shiwtisariyede (üch asasliq dölet tilining biri)qollinilidu.

Fransuzche dunyadiki bashqa bezi dölet we rayonlarda ikkinchi yaki üchinchi til qatarida ishlitilidu. Mesilen, konggo démokiratik jumhuriyiti, fransuz tili rayonidiki eng köp nopusluq dölet, shundaqla fransuz tili resmi til yaki qoshumche resmi til bolghan 29 döletning biri. Gherbi afriqidiki döletlerning mutleq köpchiliki we yene meghrip döletlirimu mushu qatargha kiridu. Bu döletlerning mutleq köpchiliki kona fransuz we bélgiye mustemlikiliri. Afriqining iwariye tumshuqi we gabongha oxshash bezi döletliride, pütünley fransuz tili qollinilidu.

Franisyede fransuz tili dölet musteqillikining muhim körsetküchliridin biri: jumhuriyet tili fransuz tili (1958-yilidiki asasi qanunning ikkinchi maddisi); yene shundaqla pütün dunyadiki fransuz medeniyiti we fransuz idiyisining heriket küchi.

Dunyada 201milyon kishi teripidin heqiqi asasliq til süpitide ishlitilidighan (dunya fransuz tili teshkilatining 2009-yilliq sitatiskisi), 309 milyon kishi teripidin qoshumche til yaki chetel tili süpitide qollinilidighan fransuz tili, dunyada eng köp sözlinidighan tillar ichide tötinchi orunda turidu. Mezkur til birleshken döletler teshkilatining alte resmi tili we ikki xizmet tilining biri, yawropa ittipaqigha oxshash dunyawi teshkilatlarning resmi yaki xizmet tili hésaplinidu. Kona fransuz réjimi, ruslarning char padishahi taki girmaniye we ispaniye padishahlirigha qeder, fransuz tili, éngliz we ispan tillirining qatarida asasliq déplomatiye tili bolup keldi. Emma, xelqara iqtisadi we ilmi tetqiqat saheliride, barghanséri éngli'iz tili teripidin bésilip kétiwatidu.

Fransuz tilining tereqqiyatida fransuz akadémiyisi we nurghun ziyaliylarning roli intayin chong. Bu til yene akadémik tili diyilidu. Adette, bu tilni terplesh üchün, fransuz diramatorgi mollérning ismi bilen mollér tili dep atilidu.




#Article 246: تاتارىستان (541 words)


 
paytahti Kazan shahare.Bugunke kunda Kazan Russiyaneng 3qong paytahte bolup yesaplendue

تاتارىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى

تاتارىستان 1991- يىلى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان ئىدى. موسكۋا رۇسىيە فىدىراتسىيىسى ئىچىدىكى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. تاتارىستان ۋە چېچېنىيە مۇستەقىللىقىنى قەتئى قوغداش پرىنسىپىدا چىڭ تۇردى. بارلىق ئەسكەر ۋە خەلقنى، ۋەتەننى قوغداشقا سەپەرۋەر قىلدى. رۇسىيە تاتارىستان بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، تاشقى دىپلوماتىيەدىن باشقا بارلىق ھوقۇقلارنى تاتارىستانغا بېرىش شەرتى بىلەن تەكرار كېلىشىم ھاسىل قىلدى. تاتارىستان مۇستەقىللىقتىن ۋاز كەچتى.

تاتارىستاننىڭ يەر مەيدانى 68000 كۋادرات كىلومېتىر.(ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 24 تىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ) 

نوپۇسى (2005.يىلدىكى مەلۇمات) 3.642.000.

پايتەختى – قازان 

تاتارلار 13-ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيادىن بۇ رايونغا كەلگەن تۈركى مىللەتلەرگە مەنسۇپ قىپچاقلارنىڭ بىر قولىدۇر. 922-يىلى ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلدى ۋە قېرىمدىن سىبىريىگىچە سوزۇلغان پايانسىز زېمىنلاردا ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى قۇردى. 

تاتار خانلىقلىرىنى بىر-بىرلەپ يۇتۇش ئارقىلىق كۈچەيگەن رۇس كىنەزلىكى 1552-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى تۈركى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم بۈشۈگىدىن بىرسى بولغان قازاننى ۋە تاتارسىتاننىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلدى. 

تاتارىستاندا رۇسلارغا بولغان قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى توختاپ قالمىدى. 1917-يىل، رۇسسىيەدە بولشىۋىك ئىنقىلابى باشلانغاندا، تاتارلار دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى. 1917-يىلى 6-ئايدا رۇسىيە-سىبىرىيە تاتار قۇرۇلتىيى قازاندا ئېچىلدى. 120 كىشىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سايلاندى. خەلق قۇرۇلتىيى “مۇسۇلمان تۈرك-تاتار مۇختارىيىتى”نى ئېلان قىلدى. 1917-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى “ئىدىل-ئۇرال دۆلىتى”قۇرۇلغانلىقى جاكالاندى. بۇ دۆلەت 1918-يىلى بولشېۋىكلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. بولشېۋىكلار مەۋجۇت تاتارىستاننى ئىككى گە بۆلۈپ، بىرىنىڭ ئىسمىنى باشقۇرۇتسىتان(باشقۇرت-بۆرىنىڭ باشلۇغۇچىسى ياكى بۆرىنىڭ سەركىسى -دېمەكتۇر)ئاتىدى. باشقۇرتىستان سوۋىت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى 1919-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، تاتارىستان سوۋىت سوتسالىستىك جۇمھۇرىيىتى 1920-يىلى5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلىندى. 

تاتارىستان نوپۇسىنىڭ 53% تاتار.(1991-يىلى 46% 
ئىدى)، 40% رۇس. 3.5% چۇۋاش (تۈركى خەلقلەرنىڭ بىر تۈرى)، قالغان قىسمى باشقا ئېتنىك مىللەتلەردىن تەركىب تاپماقتا. 

تاتارىستان زېمىنى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىققا مۇۋاپىق، ھۆل-يېغىن مول بولغان بىر مەملىكەت. سانائەت جەھەتتە، نېفىت ئايرىش، گاز، خمىيەۋى ئوغۇت، ئايروپىلان، ماشىناسازلىق، كومپيۇتېر، پاراخۇت، تۆمۈر-پولات، پىلاستىك ...سانائەت تەرەققىياتى دۇنيا بىلەن رىقابەت قىلىش كۇچىغا ئىگە. 

تاتارىستان 1994-يىلى موسكۋا بىلەن تۈزگەن كېلىشىم ئارقىلىق، يەر ئۈستى-يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئۆزى ئېچىش ۋە سېتىش ھوقۇقىنى تامامەن ئۆز كونترولىغا ئالغان ئىدى. يىللىق ئىشلەپچىقىرىۋاتقان نېفىت مىقدارى 100 مىليون توننادىن ئارتۇق. 

تاتارىستاننىڭ تاشقى تىجارىتىگە رۇسىيە ئارىلاشمايدۇ، ئارىلىشالمايدۇ. ھازىر رۇسىيە فىدىراتسىيەسى ئىچىدە ئەڭ كۆپ مەبلەغ كەلگەن ۋە ئەڭ كۆپ تاشقى پىرۋوتقا ئىگە بولغان ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت تاتارىستاندۇر. 

تاتارىستاندا مائارىپ ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان. نوپۇسىنىڭ 99% ساۋاتلىق. تاتارلار 1926-يىلى لاتىن يېزىقىغا ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىنلا تۈركىيىمۇ لاتىن يىزىغىغا ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، خەتەرلىك ھېسابلىنىپ، ستالىن تاتارلارنىڭ لاتىن يىزىغىنى ئىشلىتىشىنى بۇيرۇق بىلەن ئەمەلدىن قالدۇردى. 1940-يىلدىن كېيىن تاتارىستاندا رۇس يىزىغى مەجبۇرى يولغا قويۇلدى. 

تاتارىستاندا 13 ئۇنىۋېسىتىت بار بولۇپ، بۇ ئۇنىۋېسىتىتلەردە 70.000 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا. قازان ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپانىڭ 3.قەدىمى ئۇنىۋېرسىتېتى ھېسابلىنىدۇ. لېنىنمۇ قازان ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن پاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن. 

تاتارلار، دۇنيادا كىتاب ئوقۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر مىللەت ھېسابلىنىدۇ. تاتارىستاندا 1800 كۇتۇپخانا بار. 135 خىل گېزىت-ژورنال نەشر قىلىنماقتا. 

قازان شەھىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىغىنى خاتىرىلەش بايرىمى ئۆتكەن يىلى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن داغدۇغىلىق تەبىرىكلەندى. 

تارىختا، داۋاملىق بېسىم ۋە ۋەتىنىدىن كۆچۈپ كېتىشكە مۇجبۇرلانغان تاتارلار دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىگە تارقاپ كەتكەن بولۇپ، تاتارىستاندىكى تاتار نۇپۇسىدىن 3 ھەسسە ئارتۇق تاتار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشىماقتا. تاتارلار ئەڭ كۆپ ياشاۋاتقان دۆلەتلەر شۇلاردۇر؛ تۈركىيە، فىنلاندىيە، ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، رۇمىنىيە،لەھىستان. 

تاتارلار،20.ئەسىردە ئەڭ ئېغىر مىللىي پاجىئەگە ئۇچرىغان خەلق. 

ھەقىقى ئاپتونومىيىگە ئېرىشكەن تاتار خەلقى، ھەقىقى ئەركىنلىك ۋە باياشاتلىق، ھۇزۇر ئىچىدە ياشىماقتا. ئامما، تاتارىستاندا ۋە چەتئەلدىكى تاتار دىياسپورىسى ئىچىدە، تاتار خەلقىگە ھەقىقى ۋە ئەبىدىلىك بەخىت-سائادەت مۇستەقىل بولغاندىلا كىلىدىغانلىغىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان سىياسىي پارتىيە، تەشكىلات ۋە گۇرۇپپالار بار. زوراۋانلىق ئىشلەتمىگەن بۇ پىكىر-ئىقىملارنى موسكوۋا ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ كەلمەكتە. 

ئەمگەك كۇچىغا بولغان ئېھتىياج كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان تاتارىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئىشسىز قېرىنداشلىرىغا كەڭ قۇچاق ئاچماقتا، ئۇلارنى باغرىغا باسماقتا.




#Article 247: تېرخىن مەڭگۈ تېشى (434 words)


بۇ مەڭگۈ تاش يادىكارلىقى 1957- يىلى موڭغۇلىيىدىكى ھانگاي تېغىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تېرخىن دەرياسىغا (چاغاننۇر كۆلىگە يېقىن) يېقىن تاريات سۇمۇلىدىن (مەمۇرىي رايۇن) تېپىلغىنى ئۈچۈن، «تاريات مەڭگۈ تېشى» دەپمۇ ئاتالغان. رۇس تۈركولوگى س. گ. كىلياشتۇورنىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، مەڭگۈ تاش يېزىقىنىڭ ئاساسلىق قىسىمى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (خەنزۇچە مەبەلەردە مويۇنچۇر ياكى بايانچۇر دېيىلىدۇ. مىلادىيە 747- 759- يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) نامىدىن يېزىلغان. مەڭگۈ تاش تېكىستىنىڭ ئاپتورى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغاننىڭ ئوغلى قۇتلۇق تارقان سەنگۈي (يەنە بىلگە تارقان دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولۇپ، ئۇنىڭ نامى خەنزۇچەمەنبەلەردە ئىدىكەن قاغان، بۆگۈ قاغان، تەڭرى قاغان دەپ ئاتالغان. بۇ مەڭگۈ تاش ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا دائىر ئەڭ دەسلەپكى يادىكارلىقلار بولۇپ، ئۇ «ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان ئەلنى سوراپ تۇرغان يىللاردا 753- 756- يىللىرى تىكلەنگەن» [3]. تاش تېكىستىدە ئاساسلىقى ئەل ئەتمىشنىڭ نامىدىن بۆگۈب قاغان (759- 780- يىللار) دەۋرىگىچە بولغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا بىلگە تارقاننىڭ نامىدىن دادىسى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغاننىڭ تۆھپىلىرى مەدھىيلەنگەن. قىممەتلنك يېرى شۇكى، بۇنىڭدىن بىر قىسىم مەزمۇنلار باشقا مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىدا ۋە كونا، يېڭى تاڭنامىلەردە ئۇچرىمايدۇ

تېرخىن مەڭگۈ تېشى

 

ئۇلۇغ ئۆز ئىنانچۇ 

 

 

پۈتۈن خەلق ئۇنى توريان قاغان 

ئىزاھات: 
بۇ تاشنىڭ تىكىستىنى روسچىدىن ئىلچان شەھىدى ، پەرھات جىلانوف تەرجىمە قىلغان.

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخچىمىز دوكتور ئابلەت كامالوف ئەپەندىم ئۆزىنىڭ  ناملىق ئىلمىي ئەمگىكىدە تېرخىن مەڭگۈ تېشى ھەققىدە مۇنداق قۇرلارنى يازغان:
تېرخىن يېزىقى مەزكۈر يادىكارلىقنىڭ پارچىلىرىنى دەسلەپ مۇڭغۇل ئالىمى س.دورجىسۇرېن1957_يىلى تېرخىن دەرياسىنىڭ تېرخىنساگان كۆلى (خانگاي تاغلىرىنىڭ غەربىي شىمالى) ئەتراپىدا تاپقان. 1969-يىلى بۇ جايدا سوۋېت تۈركشۇناسى س.كلياشتورنىي تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك ئىزدىنىشلەر نەتىجىسىدە، تاشپاقا شەكىللىك پوستامېنتقا ئورنىتىلغان تاش پۈتۈكنىڭ بىر پارچىسى تېپىلدى. 1970-يىلى يادىكارلىقنىڭ يەنە ئىككى فاراگمېنتى (بۆلىكى، پارچىسى) نى ئارخېئولوگلار ن.سېرېجاۋ ۋە ۋ.ۋولكوفلار تاپتى. لېكىن مۇشۇ كەمگىچە تاش پۈتۈكنىڭ يۇقۇرى قىسمى ۋە تاش پۈتۈك ئۆزى كىرگەن ئارخېئولوگىيىلىك كومپلېكس (بىر پۈتۈنلۈك) تېپىلمىدى. ھازىر تېرخىن تاش پۈتۈكى موڭغولىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى تارىخى ئىنىستىتۇتى (ئۇلانباتۇر) دا ساقلانماقتا. يېزىق تېكستى بىر ۋاقىتنىڭ ئىچىدە موڭغۇل ئالىملىرى م.شىنېخۇ، ب.بازىلخان ھەم لېنىنگرادلىق ئالىم غ.كلياشتورنىي تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى.يادىكارلىقلارنى ئوقۇش،تەرجىمە قىلىشنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ھەم ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا كلياشتورنىي 1980-يىلى ماقالە ئېلان قىلدى (« سوۋېت تۈركولوگىيىسى »، 1980_يىل،3_سان). ئۇنىڭ تەكلىپ قىلغان تەرجىمىسى ۋە شەرھى مۇڭغول ئالىملىرىنىڭكىدىن تامامەن پەرقلىنىدۇ. چۈنكى م. شىنېخۇ ۋە ب.بازىلخانلار مەزكۈر يادىكارلىقنىڭ تېكستىنى ئېنىقلاشتا موڭغۇل تىل نورمىلىرىغا ئاساسلىنىپ، قەدىمىي ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىشتىن يىراق بولغان .

تېرخىن يېزىقى ھەققىدىكى كېيىنكى مۇلاھىزىلەرگە (بەزى تەتقىقاتلاردا «تاريات يېزىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ك.سېگلىدى، ئا.رونا تاش، ل.بازېن، تالات تېكىن قاتارلىق ئالىملار قاتناشتى. تالات تېكىننىڭ تەرجىمىسى ۋە ترانسكرىپىسسىيىسى س. كلياشتورنىينىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ. س.كلياشتورنىينىڭ ماقالىسى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، قاھار باراتنىڭ ئىزاھلىرى بىلەن ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىندى. س.كلاشتورنىينىڭ تەكىتلىشىچە تېرخىن يېزىقى قەبرگە قويۇلغان يادىكارلىق بولماي، بەلكى ئىككىنچى ئۇيغۇر خاقانى ئەلئەتمىش بىلگە خاقاننىڭ پەرمانى بىلەن ئورنىتىلغان زەپەر يادىكارلىقى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭدا ئاساسەن ئەلئەتمىش پائالىيىتى توغرىسىدا سۆز بولىدۇ. مەزكۇر يېزىقنىڭ مۇئەللىپى خاقاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى قۇتلۇق تارخان سەنگۈن (كېيىنكى بۆگۈ خاقان، 759—779) ئىدى.




#Article 248: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (699 words)


خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى- ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتى. ئۇ 1944-يىلى 7-ئايدا ئىمزالانغان «خەلقئارا پۇل فوندى كېلىشىمى»گە ئاساسەن، 1945-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى دۇنيا بانكىسى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا قۇرۇلغان. 1947-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى خىزمەتكە كىرىشكەن. 1947-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەخسۇس ئاپپاراتى بولغان، خىزمەتتە مۇستەقىللىققە ئىگە. باش ئورگىنى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتوندا تەسىس قىلىنغان. «ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر»نىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنى جەزمەن ئىسلاھ قىلىش كېرەك، دېدى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى IMF

ئەزا دۆلەتلەر: يېشىل رەڭلىك

لېدىرىنى قائىدە بويىچە بويىچە تارىختىن بۇيان ياۋروپالىقلار ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن. لىدىر- خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش خىزمەتچىسى، ئىجرائىيە مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى، ئۈچ مۇئاۋىن لىدىر بۇ تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىنى باشقۇرۇشقا ياردەملىشىدۇ.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە ئاساسەن، لىدىر مۇئاۋىن لىدىرنى نامزاتلىققا كۆرسىتىدۇ، نامزاتنى مۇدىرىيەت ئاخىرىدا تەستىقلايدۇ.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش مەقسىتى- خەلقئارا پېرېۋوتنى مۇقىملاشتۇرۇش، دۇنيا سودىسىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يوقىتىش، پۇل مەسىلىسىدە خەلقئارا بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە قىسقا مەزگىللىك قەرز پۇل بېرىش ئارقىلىق، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا كىرىم-چىقىمى ۋاقتىنچە تەكشىسىز بولغاندا كۆرۈلىدىغان تاشقى پېرېۋوت مەبلەغ ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش. ئۇنىڭ مەبلەغ مەنبىي ئەزا دۆلەتلەر تاپشۇرغان بەدەل پۇلىدىن كېلىدۇ. ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بەدەل پۇلىنى بۇ تەشكىلات ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلق ئىگىلىكى كىرىمى، ئالتۇن، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى، ئىمپورت، ئېكسپورت سودا سوممىسى شۇنداقلا ئېكسپورتتىكى تەۋرىنىش قاتارلىق ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچكە ئاساسەن بېكىتىدۇ. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق ھوقۇق مەنپەئەتى- تاپشۇرغان بەدەل پۇلى نىسبىتى بويىچە تاشقى پېرېۋوتنى ئۆتنە ئېلىش.

بۇ تەشكىلاتنىڭ مەبلەغ مەنبىي ئەزا دۆلەتلەر تاپشۇرغان بەدەل پۇلىدىن كېلىدۇ. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىغا ئەزا ھەر بىر دۆلەتنىڭ دۇنيا ئىقتىساددىكى نىسبىتىگە ماس كېلىدىغان نورمىسى بولىدۇ. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نورمىسى ئۇنىڭ بۇ تەشكىلات تاپشۇرغان پۇلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى ۋە بۇ تەشكىلاتتىن ئالىدىغان قەرز پۇل چېكىنى بەلگىلەيدۇ.

ئامېرىكا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىدا ئەڭ كۆپ نورمىغا ئىگە، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيىسى ھەل قىلغۇچ تەسىرىگە ئىگە.

ئەزا دۆلەتلەر پۇل ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە، تاپشۇرغان نورما بويىچە بەلگىلىك نىسبەتتە تاشقى پېرېۋوتنى ئۆتنە ئېلىپ ئىشلىتىدۇ. 1969-يىلى يەنە « ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى»نىڭ پۇل بىرلىكى تەسىس قىلىندى، بۇ خەلقئارا ئوبوروت ۋاستىسىدىكى بىر تولۇقلىما بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر قىسىم ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا كىرىمىدىكى پاسسىپ باھانىسىنى پەسەيتتى. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش مەجبۇرىيىتى بار ھەمدە تاشقى پېرېۋوت سىياسىتى ۋە باشقۇرۇش جەھەتتە بۇ تەشكىلاتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئالى ھوقۇقلۇق ئاپپاراتى- كېڭەش، ئۇ ئەزالار ئەۋەتكەن بىردىن باش ۋە مۇئاۋىن كېڭەش ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان. ئادەتتە ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ياكى مەركىزىي بانكا باشلىقى بۇنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەر يىلى 9-ئايدا بىر قېتىم يىغىن ئاچىدۇ، ھەر قايسى كېڭەش ئۆز ئالدىغا ئۆز دۆلىتىنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ؛ ئىجرائىيە مۇدىرىيەت 24 ئىجرائىيە مۇدىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ تەشكىلاتىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل، كېڭەش ھاۋالە قىلغان بارلىق ھوقۇقلارنى ئىجرا قىلىدۇ. ئىجرائىيە مۇدىر ئىككى يىلدا بىر سايلىنىدۇ، لېدىر ئىجرائىيە مۇدىرىيەتتە سايلىنىدۇ، ئۇ فوندى تەشكىلاتنىڭ كەسپىي خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۈچ مۇئاۋىن لېدىر بار. تارىختىن بۇيان لېدىرلىقنى ياۋروپالىقلار ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن.

بۇ تەشكىلاتنىڭ ۋاقىتلىق كومىتېتى دۇنيادىكى ئىككى چوڭ پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدىغان خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش ئاپپاراتى. بۇ كومىتېت سىياسەت جەھەتتە ھەمكارلىشىدۇ ۋە ماسلىشىدۇ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا باسقۇچلۇق ئىستراتېگىيە تۈزۈش جەھەتتە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ. كومىتېت 24 ئىجرائىيە مۇدىردىن تەركىب تاپىدۇ. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ھەر يىلى دۇنيا بانكىسى بىلەن بىرلىكتە يىللىق يىغىن ئاچىدۇ.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ھەر يىلى بىر قېتىم «خەلقئارا پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، يەر شارى پۇل مۇئامىلە بازىرى ۋەزىيىتىنى باھالايدۇ ھەمدە كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان پۇل مۇئامىلە خېيىم-خەتىرىدىكى يوشۇرۇن سىستېمىلىق نۇقساننى بېكىتىپ، يەر شارى پۇل مۇئامىلىسىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ھەققىدە تەكلىپ بېرىدۇ.

خەلقئارا پۇل مۇئامىلە فوندى تەشكىلاتى نورمىسىنى ئىسلاھ قىلىش

جۇڭگو 1945-يىلى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىغا كىرىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان. 1980-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى بۇ تەشكىلات جۇڭگونىڭ ۋەكىللىك ھوقۇقىنى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈردى. جۇڭگونىڭ بۇ تەشكىلاتتىكى نورمىسى 3 مىليارد 385 مىليون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى بولۇپ، ئومۇمىي نورمىنىڭ %2.34 نى ئىگىلەيدۇ. جۇڭگو 34 مىڭ 102 ئاۋازغا ئىگە بولۇپ، ئومۇمىي ئاۋاز ھوقۇقىنىڭ %2.28نى ئىگىلەيدۇ. جۇڭگو 1980-يىلى بۇ تەشكىلاتتىكى ئورنى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئايرىم بىر سايلام رايونى تەشكىللىدى ھەمدە ئىجرائىيە مۇدىرى ئەۋەتتى. 1991-يىلى بۇ تەشكىلات بېيجىڭدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانا تەسىس قىلدى.

ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 1969-يىلى تەسىس قىلغان بىر خەلقئارا زاپاس مال-مۈلۈك بولۇپ، ئۇ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت زاپىسىدىكى يېتەرسىزلىكنى تولۇقلايدۇ. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كىرىم چىقىمىدا پاسسىپ بالانسى كۆرۈلگەندە، ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقىنى سېتىش ئارقىلىق كىرىم چىقىم پاسسىپ بالانىسى ياكى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ قەرزىنى تۆلىگىلى بولىدۇ.




#Article 249: تۇنيۇقۇق (139 words)


 تۇنيۇقۇق ( ئەسلى يېزىلىشى : 𐱃𐰆𐰪𐰸𐰸 )

(?788 ——？ 668)

پەخرىي نامى بويلاباغا تارقان بولۇپ، تۈرك خانلىقى ( كۆك تۈرك خانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 552 ــ 745- يىللار ) نىڭ ئاخىرقى مەزگىلى، ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۆتكەن سىياسىيۇن، ھەربىي ئىستىراتېگىيىچى، مۇتەپەككۇر ۋە ئەدىب. ئاشىدى (خىتايچە : 阿史德) لار تۈرك خانلىقى دەۋرىدە ئاشىنا (خىتايچە :阿史那) دىن كېيىن تۇرىدىغان ئىككى ھۆكۈمران قەبىلىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ كېچە – كۈندۈز ئەل- ئولۇسىنىڭ غېمىنى يەيدىغان ۋەتەنپەرۋەر، خەلقپەرۋەر زات ئىدى. ئۇ مۇشۇنداق قابىلىيەت ۋە يۇقىرى ئەخلاققا ئىگە بولغاچقا دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلىرىغا قاتناشقان. تۈرك خانلىقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەندە ئۇ غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ قاغانى ئىلتەرىش ( ؟ ـ 691 ) قاغاننىڭ قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، تۈرك خانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ھەمدەم بولغان ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەزگىلى ( 683 ـ 716- يىللار )، بىلگە قاغاننىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرى ( 716 ــ 734- يىللار )غىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۈچ خانغا باش ۋەزىر بولغان.




#Article 250: قاراباغ (113 words)


تاغلىق قارا باغ، قارا باغ مۇرات III دەۋرىدە 1578- يىلى تۈركلەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرگەن. 18- ئەسىرگىچە ئوسمانلىلار بىلەن ساف ئەۋىلەر ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئىدارە قىلىنىپ كەلگەن. 18- ئەسىردە پەناھ ئەلىي بەگ قاراباغ خانلىقىنى قۇرغان. رۇسلار 1813- يىلى قاراباغنى چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالغاندىن كېيىن، نوپۇس جەھەتتىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان تۈركلەرنىڭ نوپۇس تەڭپۇڭلۇقىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن رايونغا بىر تۈركۈم ئەرمىنىلەرنى كۆچۈرگەن. 1917- يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، قاراباغ 1919- يىلى ئەزەربەيجانغا قوشۇۋېتىلگەن. 1923- يىلى 24 ئىيۇندا ئاپتونوم رايون بولۇپ قۇرۇلغان. 1985- يىلى گورباچيۋنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلىنىشى بىلەن دۆلەت مىقياسىدا مەيدانغا كەلگەن ئەركىن مۇھىتنى ئۆز مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلدۇرۇشنىڭ كويىدا يۈرگەن ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىمتىيازلىق مىللەتلەردىن بىرى بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ قاراباغنىڭ ئەرمەنىستان ياكى رۇسىيىگە قوشۇۋېتىلىشى پىلانلانغان.




#Article 251: سۇدىجىن مەڭگۈ تېشى (198 words)


بۇ يادىكارلىق 1909-يىلى موڭغۇلىيىنىڭ سۇدىجىن (بەزى ماتىرىياللاردا سۇجى دېيىلگەن) دېگەن يېرىدىن تېپىلغان. مەڭگۈ تاشقا جەمئىي 11 قۇر قەدىمكى تۈركچە خەت ئويۇلغان، يادىكارلىق تېكىستىنىڭ قەھرىمانى بويلا قۇتلۇق تارقان ئىسىملىك قىرغىز قەبىلىسىنىڭ فېئودال ئاقسۆڭىكى بولۇپ، يادىكارلىق تېكىستىدە ئۇبنىڭ ئۇيغۇرلار زېمىنىدا تۇرۇۋاتقانلىقى، ئىنتايىن باي كىشى ئىكەنلىكى، ئون قوتان چارۋىسى، سانسىزلىغان يىلقىسى بارلىقى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكى ، ھەتتە ئۆزىنىڭ مانى روھانسىغا 100 چاكار ۋە تۇرالغۇ ئۆي بەرگەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللار خاتىرىلەنگەن. بۇ يادىكارلىقنىڭ تەۋەلىكى ۋە دەۋرى ھەققىدە تۈركولوگ گېڭ شىمىن ئەپەندى ئۇنىڭ 1-ۋە 4- قۇرىدىكى «مەن ئۇيغۇرلار يېرىدىكى ياغلاقار قاغان تۇرشلۇق جايغا كەلدىم»، «مېنىڭ شۆھرىتىم، نامىم كۈنچىقىشتىن تارتىپ كۈنپېتىشقىچە تارالدى» دېگەنلەرگە ئاساسلىنىپ، «بۇ ۋاقىتتا قىرغىزلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ كونا زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىپ بولغان، خەنزۇچە ماتېرىياللاردىن بىلىشىىمىزچە بۇ ۋەقە 840-يىلىدىن كېيىن بولغان، شۇڭا بۇ پىكىرنى رۇس ئارخېئولوگى ئا. ن. بېرنىشتاممۇ قوللايدۇ. سۇدىجىن مەڭگۈ تېشىنىڭ ئىگىسى گەرچە قىرغىز دەپ قارالسىمۇ، بىراق قىرغىزلار كېيىنكى ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن قەبىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يادىكارلىقتىكى يايلاق جەمئىيىتىدىكى چارۋىچى فېئوداللارنىڭ ئائىلەر ئىگىلىكى ۋە مانى دىنىنىڭ ئائىلىلەرگىچە سىڭىپ كىرگەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى بىر قىسىم تارىخىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كىشىنى تېخىمۇ جەلپ قىلارلىقى شۇكى، س. گ. كىلياشتورنى بويا قۇتلۇق يارقان بويلا قۇتلۇق تارخاندۇر. ئۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قاغانىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل، دەپ قارايدۇ.

پايدالانغان ماتېرياللار:




#Article 252: ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن (2952 words)


 

ئۇيغۇرمەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتىرلىق ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم بەدىئىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى قايىل قىلارلىق ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇرئالىم. تالانتلىق ئەدىب، تۆھپىكار مائارىپچى، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 28- كۈنى ئاتۇشنىڭ مەشىھەدكە تۇتاش باغئېرىق كەنتىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن دىنىي تەربىيىنى قىسقا مۇددەت ئالغاندىن كېيىن 1950- يىلىغىچە نەزەرباغدىكى قەشقەردارىلمۇئەللىمىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىدا 4يىل ئوقۇغان. 

ئەپسۇسكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى، تالانتلىق ئەدىپى، تۆھپىكار باغۋىنى، مول مىۋىلىك پروفىپسورى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ئۆزنىڭ بىر تالاي يازمىلىرىنى، گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرىنى خەلقىگە قالدۇرۇپ، 1995-يىلى2-ئاينىڭ 27-كۈنى زىققا كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىشى سەۋەبى بىلەن62يېشىدا بۇئالەم بىلەن خەيىرلەشتى. 

مەنبە : شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى

ئۇيغۇرمەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىق ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم بەدىئىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇر ئالىم، تالانتلىق ئەدىب، تۆھپىكار مائارىپچى. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 28- كۈنى ئاتۇشنىڭ مەشىھەدكە تۇتاش باغېرىق كەنتىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن دىنىي تەربىيىنى قىسقا مۇددەت ئالغاندىن كېيىن، 1950- يىلىغىچە نەزەرباغدىكى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىدا 4يىل ئوقۇغان. 1950-يىلى غەربىي شىمال ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. يىغىندىن كىيىن شىئەن، بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردە ئىكىسكۇرسىيىدە بولغان ۋە شۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ بىئوخىميە فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1952- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان، شۇ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. مەكتەپتە بىر تەرەپتىن ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر پاتالوگىيىسى، ھاشاراتشۇناسلىق قاتارلىق دەرىسلەرگە تەرجىمان ئوقۇتقۇچى بولغان. يەنە بىر تەرەپتىن فىزىكا، ماتېماتىكا، بىئولوگىيە، خىمىيە ۋە ئاگرونومىيە سىنىپلىرىغا ماركسىزم ئاساسلىرى، پەلسەپە دەرسلىرىنى ئۆتىگەن. 1953- يىلى ئۇ شىئەندىكى غەربىي شىمال ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ ماركسىزم ئاسپىرانتورىيىسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ بىر يىل بىلىم ئاشۇرغان. ئاسپىرانتورىيىنى پۈتتۈرۈپ ئانا مەكتىپىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ماركسىزم كافىدىراسىدا پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ بىر نەچچە خىل دەرس ئۆتكەن ۋە بۇ دەرسلەرنىڭ دەرسلىكىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ ئىقتىدارلىق ياش ئوقۇتقۇچى 1955- يىلىدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغانbr ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى، جوڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، غەربىي دىيار سەنئەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يىپەك يولى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 

يازغۇچى : ﺋﺎﺯﺍﺕ ﺭﻩﮬﻤﯩﺘﯘﻟﻼ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ( ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ئۈﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ، ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ، ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ ) 

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۈﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻯ، ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ تۇنۇلغان ئاﻟﯩﻤﻰ ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ 10 ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۈﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ 2003 - ﻳﯩﻠﻰ 12 - ئاﻳﻨﯩﯔ 23 - ﻛﯜﻧﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ئەﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﭘﺎئاﻟﯩﻴﻪﺕ ئۆﺗﻜﯜﺯﯛﭖ، ﺑﯘ ﻣﯚﻫﺘﻪﺭﻩﻡ ئۈﺳﺘﺎﺯﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ئاﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ئەﯓ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ئوﭼﯩﻘﻰ، ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﺋﯧﺮﭘﺎﻥ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۈﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 80 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﻮﻳﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﺶ ﻫﺎﺭﭘﯩﺴﯩﺪﺍ ئاﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺟﺎﻣﺎئەﺕ ئەﺭﺑﺎﺑﻠﯩﺮﻯ، ﻣﺎئاﺭﯨﭙﭽﯩﻼﺭ، ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۈﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺑﺎﻏﯟﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ئەﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ، ﺗﯚﻫﭙﻪ - ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻛﻪﯓ -ﻛﯘﺷﺎﺩﻩ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﭗ، ئۇﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﺎ، ئەﻣﻤﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ئەﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﻫﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﻰ، ﻣﻮﻝ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﺷﺘﯘﺭﺩﻯ، ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺭﻭﻫﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﻠﯩﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ئاﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ . ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻦ ئەﻫﻠﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ئۇﻧﯩﯔ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻠﯩﺮﻯ ئۆﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﻪﺩﯨﺮﺩﺍﻥ ئۇﺳﺘﺎﺯﯨﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺩ ئەﺗﺘﻰ . ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۈﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ئۆﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﭘﺎئاﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ئەﯞﺟﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﯞﻩ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺷﻪﻙ - ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺭﺍﻳﯩﻨﻰ ئەﻛﺲ ئەﺗﺘﯜﺭﺩﻯ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﯘ جاﻱ، ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ئۆﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﻤﺪﯨﻦ ئاﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ . ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺑﯩﺰ ئوﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﯚﻫﺘﻪﺭﻩﻡ ئۇﺳﺘﺎﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺳﯧﻐﯩﻨﻤﺎﻗﺘﯩﻤﯩﺰ . ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ئاﻟﯩﻤﯩﺪﻩ ئۆﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ئاﺩﻩﻡ ﻳﻮﻕ . ﻣﻪﻳﻠﻰ ئۇ ئۆﻣﯜﺭ ﭼﻮﻟﭙﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ئۇﺯﯗﻧﺮﺍﻕ ﻳﺎﺷﯩﺴﯩﻤﯘ ئۇ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ئۆﻟﯩﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ئوﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ئاﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئۆﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺗﺎﺭﺍﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻟﻤﯩﻘﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ئوﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ئۆﻟﯜﭖ ﻟﻪﻫﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﻩ - ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﻼ ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئاﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻧﺎﻣﻰ - ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ئۆﭼﯜﭖ ﺗﯜﮔﻪﻳﺪﯗ . ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﺴﻤﻰ ﻛﯧﭙﻪﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯩﻤﯘ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺟﯩﺴﻤﻰ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻘﺎ ئاﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯩﻤﯘ، ئەﻣﻤﺎ ئۇﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻡ - ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ ئۆﭼﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯩﺰ - ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻳﯜﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺗﯚﻫﭙﻪ - ئەﻣﮕﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئاﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﻤﻪﻳﺪﯗ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ئۆﻟﯜﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﻫﺎﺯﯨﺪﺍﺭﻻﺭ، ئۇﺭﯗﻕ - ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ، ﻳﯧﻘﯩﻦ - ﻳﻮﺭﯗﻗﻼﺭﻻ ئەﻣﻪﺱ، ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺟﺎﻣﺎئەﺕ، ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ئەﻝ ﺯﺍﺭ - ﺯﺍﺭ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯗ . ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻰ ﯞﻩ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ئاﺑﺪﯗﺭﻩﻫﻤﺎﻥ ﺟﺎﻣﯩﻲ : ﻳﺎﺩﯨﯖﺪﯨﺪﯗﺭ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺳﻪﻥ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ئۈﻥ، ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻛﯜﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ، ﺳﻪﻧﻼ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻥ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺷﯩﻐﯩﻨﻜﻰ، ﻛﯧﺘﻪﺭ ﭼﯧﻐﯩﯖﺪﺍ، ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻗﺎﻟﺴﯘﻥ، ﺳﻪﻥ ﻣﺎﯕﻐﯩﻦ ﺧﻪﻧﺪﺍﻥ . ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ ﺭﯦئاﻟﻠﯩﻘﺘﺎ ﺯﺍﻫﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ئاﻟﯩﻢ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻯ ﺳﯩﻤﺎﭼﻴﻪﻧﻨﯩﯔ :  ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻫﯚﻛﯜﻣﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﺩﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﻪﭼﺘﻰ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، ﺩﻩﺭﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺕ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭئۆﻟﯩﺪﯗ _ ﺗﯜﮔﻪﻳﺪﯗ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ئۆﻟﯩﺪﯗ _ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ . ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ، ﺗﻮﻏﺮﻯ ﺑﺎﻫﺎ ﯞﻩ ئاﺩﯨﻞ ﻫﯚﻛﯜﻡ ئەﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ، ﻳﻪﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭼﯚﻛﺘﯜﺭﻣﯩﻼ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯗﻍ - ﻻﺗﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ئۆﺯ ئاﭘﻘﯩﻨﯩﺪﺍ ﺗﯩﻨﺪﯗﺭﯗﭖ، ﻏﯘﯞﺍﻟﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺭﻭﺷﻪﻧﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﯩﻚ ﺷﻪﻫﻪﺭ ئاﻟﻐﺎﻥ ئاﯕﺴﯩﺰﺍﻧﻪ ﻗﯩﻘﺎﺱ - ﭼﯘﻗﺎﻥ، ﭘﻮﺭﭘﺎﯓ - ﺳﯜﺭﻩﻧﻠﻪﺭ ﺑﯧﺴﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻼ، ﺋﯧﺰﯨﺘﻘﯘ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﯟﻯ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ ﺗﺎﻣﺎﻡ ﭘﺎﺭﻏﺎ ئاﻳﻠﯩﻨﯩﭗ، ئەﺑﻪﺩﯨﻴﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﺎﻫﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﭼﯩﻨﻠﯩﻖ ﭼﯩﺮﺍﻱ ئاﭼﯩﺪﯗ . ئاﻟﯩﻢ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﯘ ئاﻱ، ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﯚﻛﺘﯜﺭﻣﻪ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﺪﻯ . 

ئاﻟﯩﻢ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۈﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﻪﭘﻪﺭ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ  ﺳﻪﺭﻟﻪﯞﻫﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ئۇﻧﯩﯖﺪﺍ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﺎئاﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ، ﻣﺎئاﺭﯨﭗ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ، ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺳﺎﻫﻪﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﯧﻠﯩﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﻪﻡ ﺑﯚﺳﯜﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ئۆﺯﮔﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﻪﻫﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ئوﺭﻧﻰ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩ ئەﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺷﻮئاﺭﻧﻰ ئەﻣﻪﺱ، ﭘﺎﻛﯩﺘﻨﻰ ئاﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻛﻪﯓ ﺟﺎﻣﺎئەﺗﻨﯩﯔ ئاﻟﯩﻤﻨﻰ ﯞﻩ ئۇﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ئەﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﺪﻩ ئاﻛﺘﯩﭗ ﺭﻭﻝ ئوﻳﻨﯩﺪﻯ . ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﻩ ئاﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ( ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ) ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺗﯚﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﭘﯧﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ئۇﺳﺘﺎﺯ ئوﻗﯘﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﺑﯩﻠﯩﻢ ئاﺳﺎﺳﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ، ئۆﺯ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ، ﺭﯗﺳﭽﻪ ﺗﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ( ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺗﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ، ئۇﻧﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﭘﺎﺳﺎﻫﻪﺗﻠﯩﻚ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ )، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ئۇﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ، ﭘﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻘﺎ ﯞﻩ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺯﻭﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ئوﻗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ئۇﺗﯘﻗﻠﯘﻕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ ،  . ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ئاﻟﯩﻲ ﻣﺎئاﺭﯨﭙﺘﺎ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ - ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ئاﻟﻼﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﻪﻟﺘﯚﻛﯜﺱ ﻫﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻐﺎﻥ ئۆﺭﻧﻪﻛﻠﯩﻚ ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻢ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ئۈﭼﯜﻥ، ئاﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰ ﺑﺎﺳﺎﺭ ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﯞﻩ ئۇﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ئۇﺳﺘﺎﺯﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﺍﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺳﯚﻳﯜﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۈﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ئوﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺵ ﯞﻩ ﻳﺎﺵ ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ئۇﺳﺘﺎﺯﻧﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺸﻨﻰ، ئۇﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ئۈﮔﯩﻨﯩﺶ، ئۇﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﻳﺎﺷﺎﺷﺘﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﻚ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﭼﯜﻧﻜﻰ 80 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺷﻪﯞﻛﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯘ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﻰ ئۆﺯ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﻩ ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻨﺪﻩﻙ ﺑﺎﻏﯟﻩﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻣﯘﻫﺘﺎﺝ . ﺑﯘ ﻣﯚﻫﺘﻪﺭﻩﻡ ئۇﺳﺘﺎﺯﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ئۆﺯﻯ ﺋﯩﺨﻼﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﻧﯘﺭﻻﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﻣﻪﺷﺌﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ئۇﺯﯗﻧﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﺰ ﺑﺎﺳﺎﺭﺳﯩﺰ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ . ئۇ ئۆﺯ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯘﻧﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ : ،  . ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻﺭ ﻛﯚﭘﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ، ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻛﯚﭘﺮﻩﻛﻨﻰ ئوﻳﻠﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻧﯩﯔ ئۆﺯ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﭼﻮﯓ ئاﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﻪ ئەﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﯞﻩ ﺧﯩﺮﯨﺴﻘﺎ ﺑﺎﺗﯘﺭﻻﺭﭼﻪ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﭗ، ئۆﺯ ﺋﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯩﻠﻪﻛﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﺰﻫﺎﺭﯨﺪﯗﺭ . ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ئەﺳﻠﻪﺵ _ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﺎﺵ ﻗﯘﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ئەﺧﻼﻗﯩﻲ، ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ئەﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ئاﻻﻫﯩﺪﻩ ئەﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ، ئەﻟﯟﻩﺗﺘﻪ . ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ئۆﻣﯜﺭ ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ئاﻳﺎﻥ . ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ئۇﻧﯩﯔ ﻣﯘئەﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﺳﯜﭘﻪﺕ - ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﻪﻝ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻴﺮﻩﻙ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﺪﯗﻕ . ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﯩﺰ ئۇﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ئۆﺗﯩﻤﯩﺰ .

ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ئەﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ئاﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئەﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﻪﻧﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 40 - ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ئاﺧﯩﺮﻯ، 50 - ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ئۆﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻫﯚﺭﻟﯜﻙ، ئاﺯﺍﺩﻟﯩﻘﻘﺎ ﺗﻪﺷﻨﺎ ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻱ ﻣﯩﺴﺮﺍﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺰﻫﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . 1956 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﺗﺒﯘئاﺗﺘﺎ ئاﺷﻜﺎﺭﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ  ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ 23 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﺎﻫﯩﺒﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺳﺎﻫﯩﻠﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ئۇ ئۆﺯﯨﻨﯩﯔ ئاﻻﻫﻪﺯﻩﻝ 40 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ئاﻟﺪﻯ - ﻛﻪﻳﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ،  ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ،  ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ئەﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ . 137 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﯞﻩ ئەﺩﻩﺑﯩﻲ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ئۇﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﯞﻩ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ، ﻳﺎﭘﻮﻥ، ﺋﯧﻨﮕﻠﯩﺰ ﯞﻩ ئۆﺯﺑﯧﻚ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ . ئۇﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻳﻪﻧﻪ 10 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ئەﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ، ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ، ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﯩﻠﯩﺮﻯ ئاﺭﮔﯩﻨﺎﻝ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ئۆﻳﺪﻩ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ . ئۇﻧﯩﯔ ﭘﻪﻧﻨﻰ ئوﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ئائىت، ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ 44 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﮔﯧﺰﯨﺖ - ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ئەﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ( ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ئەﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻠﻪﺭﻣﯘ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ئەﺳﻪﺭ ﯞﻩ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ ) ئاﺯ ئەﻣﻪﺱ . ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ ئەﺩﯨﺐ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﮊﺍﻧﯧﺮﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ئەﺩﻩﺑﯩﻲ ئەﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ . ﺑﯘﻻﺭ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﯞﻩ ﻏﻪﺯﻩﻟﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻧﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻛﯩﻨﻮ ﺳﯩﻨﺎﺭﯨﻴﯩﺴﻰ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ئەﺳﻠﯩﻤﻪ، ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺭﻭﻣﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ئۆﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ئاﻟﯩﺪﯗ، ئۇﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﺎ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ . ئۇﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ئەﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ئاﺳﺎﺳﯩﻲ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯧﻤﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﻪﯓ، ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﺎﻫﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ئەﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﻛﯚﺯﻩﺗﺴﻪﻙ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﭼﯧﭽﯩﻼﯕﻐﯘ، ﺗﺎﺭﻗﺎﻗﺘﻪﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ئەﻣﮕﻪﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئاﺳﺎﺳﯩﻲ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﻤﯩﺰ، ئۇ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ _ ئۇﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﺪﯗﺭ . ئۇ ئۆﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ئاﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ئاﺳﺎﺳﯩﻲ ﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﭼﻮﯓ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻐﺎﻥ . ئەﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ئۇﻧﯩﯔ ﻣﺎﺭﻛﺴﯩﺰﻡ، ﻟﯧﻨﯩﻨﯩﺰﻡ، ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ، ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻜﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ئاﺯ ئەﻣﻪﺱ . ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﯧﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ، ئۇ ﺑﯘ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ئاﺳﺎﺳﯩﻨﻰ، ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺟﯘﻏﻼﻧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ئۇﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ . 

ئۇ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﺩﺩﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ، ﺗﯩﻞ - ئەﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ، ﺳﻪﻧئەﺕ، ﻓﻮﻟﻜﻠﻮﺭ، ﺩﯨﻦ، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ، ئاﺭﺧﯧئوﻟﻮﮔﯩﻴﻪ، ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ - ئاﻳﺎﻍ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﯩﺰﻡ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﯩﺰﻣﻠﯩﻖ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻫﻪﻡ ئۇﺳﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ، ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ئەﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻥ، ئۇ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ئاﻟﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ، ئەﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﺴﯩﺸﻜﻪﻥ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺳﻮﻏﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﯩﯔ ئاﺩﺩﯨﻲ، ﺗﯜﺯ، ﻳﯜﺯﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯘﻗﻨﻰ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻨﻰ، ﭼﯩﻨﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ئۈﭼﯜﻥ، ئۇﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﻪﺕ - ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ، ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ئاﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ئۈﺳﺘﯜﻥ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺑﯩﺰ ئۇﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ئەﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ، ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﻪﺕ - ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ، ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﺶ ﺯﯙﺭﯛﺭ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﯩﺰ ( ﺑﯘ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ) . ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺰ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻧﺎﭖ ئۆﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ . ﺑﯘ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭ ﺳﯩﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ، ﻫﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﺸﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ئاﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ئوﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ئۈﭼﯜﻥ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭ ( ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ) ئۈﭼﯜﻥ، ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻥ ﯞﻩ ئەﺩﯨﺒﻠﻪﺭ ئۈﭼﯜﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻤﯘ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ئۆﻣﺮﯨﻨﻰ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ئەﻗﯩﻞ - ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺕ، ﺯﯦﻬﯩﻦ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﭘﻤﯘ ﻫﯚﺩﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺗﻪﺳﺘﻪ ئوﺭﯗﻧﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻫﻪﻕ ﺩﺍﺩﯨﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻢ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎ، ﺑﯩﺰ ئۇﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰﻣﯘ ؟ ﺑﯩﺰ ئۇﻧﯩﯔ ﻏﺎﻳﻪ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ئاﺧﯩﺮﻗﻰ ﻧﻪﭘﯩﺴﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻟﯩﻜﯩﮕﻪ، ﺑﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ئۆﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ، ﻛﻪﻣﺪﯨﻦ - ﻛﻪﻡ ئۇﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ئەﻳﻠﯩﻤﻪﻳﻤﯩﺰﻣﯘ ؟ 

ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺭﯨﻴﺎﺯﻩﺕ ﭼﻪﻛﻜﻪﻥ ﺑﯘ ئاﻟﯩﻢ ﯞﻩﺗﻪﻥ ئاﺳﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻫﻪﻝ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﯘﻟﯘﺗﻼﺭ ﻗﻮﻏﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻫﺎﺭﻯ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻠﯩﻚ ﭼﺎﻏﻼﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﯩﻴﺎ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ . ئۇﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﯩﻤﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯜﻧﻤﯘ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ئاﻏﺮﯨﻖ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ . ﺑﺎﻟﻨﯧﺴﺘﺘﺎ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ئوﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻧﺎﺭﻛﻮﺯﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﻛﯧﺘﻪﺭ - ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﻼ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺧﺎﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ئۇﻧﯩﯔ ئۈﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻫﯘﺯﯗﺭ ﺋﯩﺪﻯ، ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﻩﻙ ئۆﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺩﻩﻡ ئاﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ئۇﻧﯩﯖﺪﺍ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ئۈﭼﯜﻥ، ئۇ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭼﺎﻱ، ﺑﻪﺯﻣﯩﻠﻪﺭﮔﻪ، ﺗﻮﻱ - ﺗﯚﻛﯜﻥ، ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﯩﺪﻯ، ئاﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺭﺳﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩئاﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ئوﻟﺘﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ، ﺩﻭﺳﺖ - ئاﻏﯩﻨﻪ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﺍﺵ، ئەﻝ - ﺟﺎﻣﺎئەﺗﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﻮﻗﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ . ئەﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻧﯩﯔ ﺳﯘﺳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺭﻩﻧﺠﯩﮕﻪﻥ، ﺑﯘﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ئەﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ . ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺋﯩﺶ ئۈﺳﺘﯩﺪﻩ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻳﻮﻕ ئەﻣﻪﺱ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ئاﻟﯩﻤﻐﺎ ئوﺧﺸﺎﺵ ﻳﯧﺰﯨﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﯦﺘﯩﭗ، ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ئۆﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ئاﺯ ئۇﭼﺮﯨﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺑﯩﺮ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ئۈﭼﯜﻥ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ئۈﭼﯜﻥ ئۆﺯ ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﻨﻰ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ، ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ، ﺩﻩﭖ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺴﻪﻙ ئاﺷﯘﺭﯗﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻤﯩﺰ ؟ 1996 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ  ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ئۇﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯚﺳﯜﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ئۈﻧﯜﻡ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ئۆﺯ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﯧﺸﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺗﯜﮔﯜﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺸﯩﺶ ئۈﭼﯜﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ، ﺷﯘ ﺳﺎﻫﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﺪﺍﻕ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺰ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﭖ ئوﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻳﻤﯩﺰ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ئاﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯘﻫﯩﻢ ئەﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ، ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ئۆﺗﻤﻪﻛﭽﯩﻤﯩﺰ . ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ئۆﺗﻜﻪﻥ ئەﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 90 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ، ، ، ، ، ، ،  ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ئاﺭﻗﺎ - ئاﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﺎ ﺭﯦئاﻝ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ، ئەﻣﻪﻟﯩﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ئەﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ . 

ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ئوﻗﯘﺭﻣﻪﻥ ! ﺳﯩﺰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﯞﻩ ئەﻧﺪﯨﻜﯩﺶ ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﭼﯚﻣﮕﻪﻥ ﺑﯘ ئەﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ئوﻗﯘﻏﺎﻧﻤﯘ ؟ ئەﮔﻪﺭ ئوﻗﯘﻣﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ئوﻗﯘﯓ، ئوﻗﯘﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ئوﻗﯘﯓ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘﻻﺭ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﺍﻧﻪ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﯞﻫﻪﺭﻟﯩﺮﻯ، ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺋﯩﺰﻫﺎﺭﯨﺪﯗﺭ . ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ئاﻧﭽﯩﻜﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻐﯘ، ﺩﻩﭘﻼ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺑﯘ ئەﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯ ﯞﻩ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﻛﯧﻠﻪﭼﯩﻜﯩﮕﻪ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ئوﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﻤﯩﺰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺯﯙﺭﯛﺭ . ﺑﯩﺰ ئۆﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ، ئەﺗﺮﺍﭘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺯﻩﻥ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ، ئوﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ئاﻟﺪﯨﺪﺍ ئاﻟﯩﻢ ﻗﯩﻴﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰﻏﯘ ! ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﯞﻩ ﺭﻩﻫﯩﻤﺴﯩﺰ ﺷﺎﻟﻼﺵ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ئەﻣﻪﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ئاﻟﯩﻢ 80 - ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ئاﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﮕﻪ ﻫﻪﺭ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻏﺎ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﯟﺍﻟﺴﺎﻕ ﺋﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﭼﺎﺗﺎﻕ، ﻫﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ، ﺷﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﻤﯩﺰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ئەﻧﺪﯨﻜﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘﺱ ئۆﺯﻟﻪﺭ ئەﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﯘﻻﻗﻘﺎ ﺧﯘﺷﻴﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﻣﺎﻧﺎ ﻫﺎﺯﯨﺮ ئاﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ئوﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻳﯩﻠﺴﯧﺮﻯ ﺗﻪﯕﺸﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ . ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﺸﻰ، ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ئوﻣﯘﻣﯩﻴﯜﺯﻟﯩﻚ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﻰ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﯩﻤﯘ، ﺧﯩﺮﯨﺴﻨﯩﻤﯘ ﺗﻪﯕﻼ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺟﯩﺪﺩﻯ ئوﻳﻼﻧﻤﯩﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ . ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺑﯩﺰ ئالىمنى ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ . ئۇﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮئاﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯧﻬ، ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ئۇﺳﺘﺎﺯ ! ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﺭﯨﯖﯩﺰ ﺧﯧﻠﻰ ئۆﺗﯜﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ئوﺧﺸﺎﻳﺪﯗ . 

ئاﻟﯩﻢ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ 10 ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻻﻱ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ئۇﻧﻰ ﻣﯘﺷﯘ 10 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﺗﻮﻧﯘﺩﻯ، ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﻯ . ئۇﻧﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻤﯘ ﺗﻮﻧﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﺭﺍﻕ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺩﯗﺭﯗﺳﺮﺍﻕ ﺗﻮﻧﯘﺩﻯ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﻣﻠﻪ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ئاﻟﯩﻢ، ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﻪﻟﯩﮕﻪﻥ ئۇﻳﻐﯘﺭ ئاﻟﯩﻤﻰ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ئۇ ئەﯞﻟﯩﻴﺎ ئەﻣﻪﺱ، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺧﺎﺱ ﺭﻭﻫ ﯞﻩ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺧﺎﺱ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ئەﻣﻪﺱ ئاﺩﺩﯨﻲ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ . ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ئوﻥ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺗﺎﺭﺍﺯﯨﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﻫﺎﻻﺷﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺑﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩﻛﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺴﻤﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ئاﯓ ﺗﺎﻧﺎﺳﯩﭗ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯗﻕ . ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻫﺎﺭﻣﺎﺱ ﺗﯘﻟﭙﺎﺭﯨﻨﻰ ئۇﻟﯘﻏﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ئۇﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯗﺭ . ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ئۆﺯ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﻳﺎﻟﯩﻐﯘﺩﻩﻙ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺑﺎﺭ، ﻛﯚﺭﻩﻟﯩﮕﯜﺩﻩﻙ ئەﻗﯩﻞ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﺎﺭ . 

ﺑﯘ 10 ﻳﯩﻠﺪﺍ ﻣﻪﺭﻫﯘﻣﻨﯩﯔ ئوﺭﮔﯩﻨﺎﻝ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ئەﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ . ﺑﯘﻧﻰ ئەﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﻣﻪﺭﻫﯘﻣﻨﯩﯔ ﺳﻪﭘﺪﺍﺵ، ﺷﺎﮔﯩﺮﯨﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ئاﻳﺮﯨﭗ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﯘ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺭﻩﻧﺎ ئاﭘﭙﺎﻱ ( ﻣﻪﺭﻫﯘﻣﻨﯩﯔ ﺭﻩﭘﯩﻘﯩﺴﻰ )ﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ئاﻻﻫﯩﺪﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ئەﺭﺯﯨﻴﺪﯗ . ﺭﻩﻧﺎ ئاﭘﭙﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻫﯘﻣﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ _ ئەﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ئەﺳﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ئۇﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯗﺭ . ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻣﻪﺭﻫﯘﻣﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ئەﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ _ ﻣﻪﺭﻫﯘﻣﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ئەﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯗﺭ . 

ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻜﺎﺑﻼﺭﺩﺍ ﺳﺎﻗﻼﯞﻩﺭﻣﻪﻱ، ئۇﻻﺭﻧﻰ ئوﻗﯘﭖ ئۈﮔﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ، ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺳﯚﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ - ئەﺗﯩﯟﺍﺭﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ئوﻗﯘﻏﯘﭼﻰ، ئاﻣﻤﺎ ئەﺗﯩﻜﻰ ﺋﯩﺰ ﺑﺎﺳﺎﺭ ئاﻟﯩﻤﻼﺭﻏﺎ ﺗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ _ ﺑﯘ ﺑﻪﻛﻤﯘ ئاﻗﯩﻼﻧﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﺎﻟﻼﺵ . ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻣﻪﻧﭙﻪئەﺗﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ئۆﺭﻟﻪﭖ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻫﯧﺴﺎﺑﺎﺕ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺳﻤﺎﻳﻪ ﯞﻩ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﺍﺭﺍﻣﻪﺕ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻦ ﻫﺎﻟﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ئاﺳﺎﻥ ئەﻣﻪﺱ . ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﺑﯘﻣﯘ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻕ . ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻗﻘﺎ ئاﭘﯩﺮﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ . 

ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻨﮕﻪ ئوﺧﺸﺎﺵ ﺗﯚﻫﭙﯩﻜﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﻣﯘﻫﺘﺎﺝ . ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻩﻧﺎ ئاﭘﭙﺎﻳﻐﺎ ئوﺧﺸﺎﺵ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻻﺭﻏﯩﻤﯘ ﻣﯘﻫﺘﺎﺝ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﺎئاﺭﯨﭙﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ئوﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﻮﻟﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﻫﺘﺎﺝ . ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﻰ ئۈﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ .

سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى

كاككۇكنامە

مارجاننەمە

سۇمۇرغنامە

جاھاننەمە

ئۇلۇغ قانال

گۆھەرگە دەسسەپ تۇرغان كور گاداي

ئائىلە

ئۆزلۈك ئەينىكى

ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ

قالغان ئەسەرلىرىنى دېگەن تۈردىن كۆرگەيسىز.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚﺳﯜﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻡ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺗﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯚﮬﺮﻩﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ،ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺋﻪﺩﯨﺐ،ﺗﯚﮬﭙﯩﻜﺎﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﭽﻰ. ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﻤﯩﻦ 1933-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﯩﮭﻪﺩﻛﻪ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺑﺎﻏﺌﺮﯨﻖ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.

ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩﺋﯩﻤﯩﻦ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﭙﻴﯩﻦ، 1950- ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ- ﺑﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﺪﺍ 4ﻳﯩﻞ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ.1950-ﻳﯩﻠﻰ ﻏﻪﺭﺑﻰ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﻳﺎﺷﻼﺭﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻐﺎ ﯞﻩﻛﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ. ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺷﯩﺌﻪﻥ،ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ،ﺗﻴﻪﻧﺠﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﻜﯩﺴﻜﯘﺭﺳﯩﻴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺌﻮ- ﺧﯩﻤﻴﻪ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﭙﺘﯩﻐﺎ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. 1952- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﺷﯘﻳﯩﻠﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪﺭﻓﯩﺰﯨﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﻰ،ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪﺭ ﭘﺎﺗﺎﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﻰ،ﮬﺎﺷﺎﺭﺍﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ،ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ،ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ،ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺋﺎﮔﺮﻭﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻐﺎﻣﺎﺭﻛﺴﯩﺰﻡ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﯨﭙﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺗﯩﮕﻪﻥ. 1953- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﺷﯩﺌﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺋﯘﻧﯩﯟﭘﺮﺳﯩﺘﭙﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺭﻛﺴﯩﺰﻣﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﻳﯩﻞ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺷﯘﺭﻏﺎﻥ.ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﻧﺎ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭙﻜﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﺎﺭﻛﺴﯩﺰﻡ ﻛﺎﻓﯩﺪﯨﺮﺍﺳﯩﺪﺍ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯩﮕﻪﻥ ﯞﻩﺑﯘ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﺋﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻳﺎﺵ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ 1955- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ(ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ)ﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﻣﯘﮬﻪﺭﺭﯨﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ.ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ 11-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ 1956-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.ﺑﯘ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺗۈﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ20ﻳﯩﻞ ﺋﻮﯕﭽﻰ ﻗﺎﻟﭙﯩﻘﻰ ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ.1959- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﻳﺪﻩﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﭗ،ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ.1961- ﺋﯘ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.

ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩﺋﯩﻤﯩﻦ1966- ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻞ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺋﯩﻠﯩﻤﺨﯘﻣﺎﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ«ﺋﻪﻟﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯚﺭﻧﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ،24ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ،ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺩﺭﺍﻣﺎﺗﻮﺭﮔﻰ ﺷﭙﻜﺴﭙﯩﺮﻧﯩﯔ 36ﺳﻪﮬﻨﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ،ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺭﺍﻣﺎﻧﺎﻳﺎ،ﻣﺎﺧﺎﭘﯩﺮﺍﺗﺎ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎ- ﻗﯩﺪﺍ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ 15ﺗﻮﻣﻠﯘﻕ(32ﻛﯩﺘﺎﺏ) ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻧﻰ، ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﺎﯓ ﻧﻪﺯﻣﯩﻠﯩﺮﻯ ﻧﻰ، ﺑﺎﻳﺮﯗﻧﻨﯩﯔ ﺩﻭﻥ ﺟﯘﺋﺎﻥ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﻨﻰ،ﮬﻮﻣﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻼﺩﺍ ﯞﻩ ﺋﻮﺩﯦﺴﺴﺎ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻳﯘﻧﺎﻥ ﯞﻩ ﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ - ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ، ﺋﯩﻨﺠﯩﻞ ﯞﻩ ﺗﻪﯞﺭﺍﺕ ﻧﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻧﯘﺳﺨﯩﻠﯩﺮﻯ،ﺋﻪﭘﻼﺗﯘﻥ،ﺋﺎﺭﺳﺘﻮﺗﯩﻞ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺩﺍﻧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻛﻮﻣﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﻨﻰ، ﮔﻮﻣﻮﺭﻭ ﯞﻩ ﺗﻴﻪﻧﺨﻪﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺩﺭﺍﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ،ﻣﺎﺭﻛﯩﺲ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ، ﺑﺎﺑﯘﺭ، ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺋﯘ ﺑﯘﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ 30 ﻧﻪﭼﭽﻪﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.ﺋﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﻍ ﺷﻪﺟﻪﺭﯨﺴﻰ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺳﯘﻣﯘﺭﻏﻼﺭ ﻗﻮﺷﯩﻘﻰ،ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ،ﺧﻪﻥ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﺪﺍﺑﺎﮬﺎﺭ،ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﺧﯘﺍﺭﯗﯓ،ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ،ﺩﺍﺕ ﺑﺎﺳﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭻ، ﭘﯩﻠﻪ ﻣﻪﻟﯩﻜﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﺭﺍﻣﺎ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.ﺟﺎﯞﺍﮬﯩﺮﯗﻝ ﮬﺎﻗﺎﻳﯩﻖ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﯞﺯﯗﺩﺍ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ(ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺏ1995-ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﭙﺸﯩﺪﺍ4-ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﯚﺯﯨﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺖـﺋﺎﺑﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺭﻣﺎﻕ ﯞﻩﺯﯨﻨﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺭﻭﮬﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﺎﻕ ﺗﯧﺮﺭﻭﺭﻟﯘﻕ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﻪﻧﺴﯩﺰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﭘﺎﺭﭼﻪ - ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ 500 ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺭﯗﺑﺎﺋﯩﻴﺴﯩﻨﻰ ﺭﻩﺗﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺳﻪﯞﺩﺍﻟﯩﻖ ﺗﻪﺋﻪﺟﺠﯘﭘﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ( ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻧﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ)ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻟﯩﺮﯨﻚ ﻧﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻥ.

ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ،ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ،ﺗﯚﮬﭙﯩﻜﺎﺭ ﺑﺎﻏﯟﯨﻨﻰ، ﻣﻮﻝ ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﻚ ﭘﺮﻭﻓﭙﺴﻮﺭﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯚﻛﯚﺭﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩﺋﯩﻤﯩﻦ ﺋﯚﺯﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻻﻱ ﻳﺎﺯﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﺎﺭﺯﯗ- ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ، 1995-ﻳﯩﻠﻰ2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 27-ﻛﯜﻧﻰ ﺯﯨﻘﻘﺎ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺸﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ62ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺑﯘﺋﺎﻟﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻳﯩﺮﻟﻪﺷﺘﻰ.




#Article 253: ئاپپاق خوجا (2462 words)


   ئاپئاق خوجا - خوجا مەخدۇم ئەزەمنىڭ پەي نەۋرىسى - (مۇھەممەد يۈسۈپ خوجىنىڭ ئوغلى) بولۇپ، مىلادى 1626- يىلى قۇمۇلدا قەشقەرلىك سەئىدجېلىل قەشقىرى دېگەن كىشىنىڭ قىزى زۇلەيخا بىكىم (بىكىم بېگىم مەنىسىدە - ئا) دېگەن خاتۇنىدىن تۇغۇلغان. 1633- يىلى دادىسى بىلەن سوپىلىق قىلىپ قەشقەرگە پەيدا بولغان. 1660-يىلى 34- يېشىدا يەكەندە مەكىتلىك ئوبۇل ھادى بەگنىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەن. 1678- يىلدىن 1694- يىلغىچە 16 يىل قەشقەرىيە (ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭ) گە «خان» لىق قىلغان. ئۆمرىدە «ئەۋلادى پەيغەمبەر خوجا» - «ئەۋلىيا خوجام»، «ئاپئاق خوجا»،«ئىشان نۇر ئاللاھ»،«ئىشان ئەلەيھى»، «ئاللاھ خوجام»، «پېشىۋاھى ھەزرەت»، «ئاباخخوجا». «تورلوك ئاباخ» دېگەندەك ناملارنى قوللانغان ياكى قوبۇل قىلغان. 1693- يىلى يازدا ئوغلى (شۇ چاغدىكى قەشقەرنىڭ باش ھۆكۈمرانى) يەھيا خوجا (خان خوجا دەپ ئاتىلىدۇ) غا: «... ئەي قەدىرلىك پەرزەنت، مۇشۇ يەر ھەممە يەرلەردىن ئوبدانراق ئىكەن. بۇ يەرگە ئېگىز بىر گۈمبەز قىلىڭ، ئۇ - تا قىيامەتكىچە بۇزۇلمىسۇن....» (ئاپئاق خوجا تەزكىرىسى كۆچۈرۈلمە نۇسخا 41- بەت) دېگەن بۇيرۇقنى بېرىپ، دادىسىمۇھەممەد يۈسۈپ خوجىنىڭ قەبرىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا ھازىرقى ئاپئاق خوجامازىرىنىڭ ئەسلىنى ياساتقان ھەم ئۇنىڭغا دەسلەپتە «مازارى شاھان» (مازارلار شاھى) دەپ نام قويغان. ھىجرىيە 1115- پەلەڭ يىلى يەنى يولبارس يىلى ماھى سەپەر ئېيىنىڭ16- كۈنى (مىلادى 1694- يىلى 2-ئاينىڭ 10- كۈنى) ئۆزىنىڭ تاغىسى خوجا ئىشاق ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن ھوقۇق، ئىنتىقام، ئاداۋىتى بىلەن يەكەن شەھىرىدە 68 يېشىدازەھەرلەپ مەخپىي ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. جەسىتى شۇ يىلى قەشقەر شەھىرىگە يۆتكىلىپ كېلىنىپ، ئۆزى ئۆلۈشتىن يەتتە ئاي بورۇن ياسىتىپ قويغان «مازارى شاھان» غا دەپنەقىلىنغان. ئاپئاق خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى خوجا يەھيا شۇ يىلى دادىسىنىڭ قەبرىسىنى چوڭ گۈمبەز ئىچىگە ئالدۇرۇپ، گۈمبەزنىڭ ئۈستىگە پارسچە «ئاپئاق خوجا خۇدانىڭ ئاشىقى ئىدى»، «يەككە - يېگانە مەشۇق ئىدى» دېگەن خەتنى يازدۇرۇپ، بۇ يەرنىڭ نامىنى«مەزرىنى ئاپئاق مازىرى» قىلىپ بېكىتكەن.
   ئاپئاق خوجا مىلادى 1640- يىللار ئەتراپىدا دادىسىنىڭ سوپىلىقىنى ئۆگىنىپ قەشقەردە مۇرەتتەپ (پىششىق) سوپى ھەم تونۇلغان ۋائىز (مەدداھ) لاردىن بولۇپ قالغان. 1644- يىللىرى دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجا ئۆزىنىڭ بىر نەۋرەئىنىسى (خوجا ئىشاقنى ۋەلىنىڭ نەۋرىسى) خوجا ئابدۇللا ئىشان تەرىپىدىن دىنىي ھوقۇق،ئىمتىياز تالىشىش ئاداۋىتى بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ دەرھال دادىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، ئۆزىنى «پىر» ئېلان قىلغان ھەم دادىسى يۈرگۈزۈپ كەلگەن«ئىشقىيە سۈلۈكى» گە ۋە بۇ «سۈلۈك» مۇرىتلىرىنىڭ ئومۇمىي ھەرىكەتلىرىگە باشچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا ئالغان. ئاپئاق خوجا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ چاغ _ قەشقەرىيەدەبىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىككى چوڭ سوپىلىق سېپى _ «ئىشقىيە» چىلەر سېپى بىلەن «ئىشاقىيە» چىلەر سەپلىرىنىڭ ئىچكى كۈرەشلىرى ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ تۇرغان يامان چاغقا توغرا كەلگەن( ). مۇشۇنداق كەسكىن كۈرەش ئىچىدە باش كۆتۈرگەن ئاپئاق خوجا يەنىلا ئۆز رەقىبى بولغان «ئىشاقىيە» چىلەرگە قارشى كۈرەشتەغەلىبە قىلىش، ئاخىرى بېرىپ پۈتۈن قەشقەرىيىنىڭ بىردىنبىرى چوڭ دىنىي ھۆكۈمرانى بولۇپ مەيدانغا چىقىشنىڭ بىر يۈرۈش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، ئىجرا قىلىشقاكىرىشكەن:

   مىلادى1666- يىللار ئەتراپىدا قەشقەرىيىدە ئاپئاق خوجا باشچىلىقىدىكى «ئىشقىيە» چى سوپىلار بىلەن ئەبەيدۇللا خوجا باشچىلىقىدىكى «ئىشاقىيە» چى سوپىلار ئوتتۇرىسىدائۆز سەپلىرىنى تەرتىپكە سېلىش، كۈچەيتىش ھەرىكىتى كۆتۈرۈلگەن.ئاپئاق خوجا ئۆزمۇرىتلىرىنى «ئىشاقىيە» تەرەپدارلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ھەم ئۆز سېپىنىڭ چېگرىسىنى ئېنىق قىلىپ بەلگىلەش ئۈچۈن، ئۆز مۇرىتلىرىنى ئاق تەقى (ئاق تۇماق - ئاق دوپپا) كىيىشكە بۇيرۇغان ھەم بۇ شەرتلىك بەلگىنى «ئىشقىيە» لەر سېپىنىڭ مۇقىم بەلگىسىقىلىپ بېكىتكەن. ئەبەيدۇللا خوجىمۇ ئۆز مۇرىتلىرىنى «ئىشقىيە» تەرەپدارلىرىدىنپەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قارا تەقى (قارا تۇماق) كىيىشىكە بۇيرۇغان ھەم بۇ شەرتلىكبەلگىنى «ئىشاقىيە» لەر سېپىنىڭ مۇقىم بەلگىسى قىلىپ بېكىتكەن.ئىككى گۇرۇھنىڭ باشلىقلىرى دىن ۋە دىنىي ئىشلارنىڭ ھوقۇقىنى ئۆز قوللىرىغا مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن،ئۆزئارا قانلىق كۈرەشلەرنى زادىلا توختاتماي، ئىسمائىلخان ھاكىمىيىتىڭ مۇقىم،تېنچ-ئىتتىپاق بولۇشىغا خەۋپ يەتكۈزۈشكە باشلىغان،بولۇپمۇ ئاپپاق خوجا  1671- يىلىئاپئاق خوجا سوپىلىرى ئىسمائىلخان ئەمەلدارلىرىنىڭ نەسىھەت، توسۇشلىرىغا بوي بەرمەي يەكەندە «قارا تاغلىق خوجىلار» نىڭ ئەدىپىنى يەنىمۇ قاتتىقراق بېرىشكە كىرىشكەن. بۇئەمەلىيەتتە ئىسمائىلخانغا قىلىنىۋاتقان بىر خىل خىرىس ئىدى. ئىسمائىلخان بۇنى سېزىپ قېلىپ، شۇ يىلى يازدا ئاپئاق خوجىنى بىر نەچچە چوڭ شېرىكى بىلەن قوشۇپ قەشقەرىيەدىن زورلۇق كۈچ بىلەن ھەيدەپ چىقارغان. ئۇنىڭ زوراۋان «سوپى» لىرىدىن،قاتىل «پىر» لاردىن بىر نەچچىنى جازالاپ، قالغانلىرىنى تېنچ پۇقرادارچىلىق قىلىشقابۇيرۇغان. قارا تاغلىق خوجا ئىشانلارمۇ خانلىقنىڭ تېگىشلىك قانۇن، چەكلىمىلىرى ئىچىدە پۇقرادارچىلىق قىلىشقا بۇيرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن قەشقەرىيىدە «ئاق تاغلىق»،«قارا تاغلىق» لار ماجرالىرى بىر مەھەل پەسىيىپ جەمئىيەت تىنجىغان.
    ئاپئاق خوجا قەشقەرىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بىر نەچچە شېرىكى بىلەن قوغلاندىلىق سەپىرىنى باشلاپ، ئاخىرى سېرىقۇل (تاشقورغان) دىكى مىڭ تىكە، كۆكتۈرك داۋىنىدىن ئافغانىستان تەۋەسىگە ئېشىپ، شۇ يىلى 9- ئايدا بەدەخشان شەھىرىگەبېرىۋالغان. خۇددى «تەزكىرە پىر ياران» دا كۆرسىتىلگەندەك: «... بۇ زات بەدەخشان دىيارىدا خۇدايى مۇساپىر، خودايى ساھىل ...» بولۇپ قالغان. يەنى بەدەخشاندا ھەمتىلەپ، ھەم «دۇئا» قىلىپ يەيدىغان خۇدايى گادايلاردىن بولۇپ كۈن ئۆتكۈزۈش ھالىتىگەچۈشۈپ قالغان. مىلادى 1676- يىلغىچە بەدەخشاننى چۆرىدەپ كەشمىر، رەجىدان، ۋاخان،پەرغانە، كاسان، ئىلى، تىبەت، ھىرات قاتارلىق جايلاردا دۇئاگۇيلۇق بىلەن سوپىلىققىلىپ يۈرۈپ، ئاخىرى 1677- يىلى كۈزدە ئۈچ ھەمراھى بىلەن شىنجاڭنىڭ جۇڭغارىيەقىسمىدا شۇ چاغدا ياشىغان تورغۇۋۇت موڭغۇل قەبىلىسىنىڭ 27- خوپۇسى (لاماسى) شىڭ جىڭخوپۇنىڭ دالاينى تاۋاپ قىلغۇچى ھەمراھلىرىغا قوشۇلۇپ، تىبەتنىڭ لىخاسا شەھىرىگەبېرىپ، مىڭ تەسلىكتە شۇلارنىڭ تەركىبىي ھېسابىدىن دالاي لاما 5 (ئەسلى ئىسمى دوبىدون سېرىن جامبول لاما) نىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان.

  دەپ ئىلىدىكى قالماقلار تۆرەسى (غالدان قۇنتەيجىگەدېمەكچى - ئا) گە نامە پۈتتىكى:«... ئەي! بۇشۇدىخان خوجا ئاباخ بىسىيار ئۇلۇغ كىشى ئىكەن. ياركىند، كاشغىرنىڭ خوجىسى ئىكەن. بۇنىڭ يۇرتىنى ئىسماىلخان سويۇپ ئېلىپ، بۇقوغلاپ چىقىرىپتۇر. كېرەككى ئەسكەر بۇيرۇپ يۇرتىنى قولىغا ئېلىپ بەرگەيسىز. ۋاللاھ ئىشى كامال بولغۇسىدۇر. نامە - تامام...»
  بۇ نامەنى ئالغان  ئاپئاق خوجا كۆككۈل (چىڭخەي) ئارقىلىق قۇمۇلغا كېلىپ قىشلاپ، 1678- يىلى باش ئەتىيازدا ئىلىغا كېلىپ، دالاي 5 نىڭ خېتىنى غالدان قۇنتەيجىگە تاپشۇرغان. بۇچاغلاردا لىخاسا شەھىرىدىكى دالاي لاما ئىبادەتخانىسى پۈتۈن ئاسىيادىكى بۇددىستلارنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان دىنىي مەركىزى بولۇپ، ئۇلارنىڭ دالاي لاماغا بولغاندىنىي ئېتىقادى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. دالايغا چوقۇناتتى، ئەمرىدىن چىقمايتتى.غالدان قۇنتەيجى مۇشۇ خەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئاپئاق خوجىنى كاتتا ئىززەت- ھۆرمەتلەر بىلەن كۈتۈۋېلىپ، ئۇنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاش (قەشقەرىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ ئۆزىنىڭ «بۈيۈك جۇڭغار» دۆلىتىنى كېڭەيتىش) تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتكەن. ئاپئاق خوجىمۇ قەشقەرىيە تەۋەسىدىكى بەزى شېرىك، مۇرىتلىرى بىلەن مەخپىي ئالاقىلەرنى ئورنىتىپ، ئىسمائىل خاننى ئىچكى جەھەتتىن ئاغدۇرۇپ تاشلاشنىڭ چارىلىرىنى ئىزدىگەن.  ئاپئاق خوجا 1678- يىلى 6- ئايدا غالدان قۇنتەيجى قوشۇپ بەرگەن، غالداننىڭ ئوغلى سېرىن رابدان قوماندانلىق قىلىدىغان 12 مىڭ كىشىلىك جۇڭغارقوشۇنىنى ئەگەشتۈرۈپ، قەشقەر تەۋەسىگە بېسىپ كىرىپ، ئىچكى جەھەتتە بىر قىسىم «ئاقتاغلىق» خوجىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، قاتتىق جەڭلەر ئارقىلىق، قەشقەر ھاكىمى - ئىسمائىل خاننىڭ ئوغلى باباق سۇلتان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر سەركەردىلىرىنى تامامەن قىرىپ تاشلاپ، قەشقەرنى بېسىۋالغان. شۇ يىلى 8- ئايدا يەكەنگە ھۇجۇم قىلىپ، 40 كۈن سوقۇشۇپ ئاران دېگەندە يەكەن شەھىرىنىلا ئالغان. «بورقۇم ئەۋلىيا» داكۆرسىتىلىشىچە: ئىسمائىلخان مۇسۇلمانلار قانلىرىنىڭ بىھۇدە، ناھەق، ئورۇنسىز ئېقىشىدىن ساقلىنىپ قېلىش، ئىشلارنى گەپ - سۆز بىلەن، مادارا، مۇرەسسە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش نىيىتىدە ئۇلارغا شەھەر دەرۋازىسىنى قارشىلىقسىز ئاچقۇزۇپ بەرگەن. لېكىن ئاپئاق خوجا كۈچلىرى شەھەرگە كىرىۋالغاندىن كېيىنلا، ئىنتايىن چوڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە، شەھەرنى ۋەيران قىلىپ تاشلاشقا باشلىغان. يەكەن مۆتىۋەرلىرىدىن قولغا چۈشكەن ھەۋەزبېك قاتارلىق 81 چوڭ ئەربابنى قاتار باغلاپ، بىرباشتىن تىرىك تۇرغۇزۇپ يۈرىكىنى ئېلىپ ئۆلتۈرۈپ، يۈرەك قېنىنى غالدان ئەسكەرلىرىنىڭ قىلىچلىرىغا سۈرتۈپ، قان سۈرتۈلگەن قىلىچلارنى كۆتۈرگەن ئەسكەرلەرنى كوچىلارنى«تەكشۈرۈش»، «تىنچىتىش»، جازالاش ئىشلىرىغا قويۇۋەتكەن. بۇ خىل «تىنجىتقۇچى» قاتىللار يەكەن شەھەر ئىچىدە چوڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن. ئوت قويۇپ شەھەرنىڭ بىرقىسمىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. قىرغىندىن قېچىپ شەھەر ئىچىدىكى ئالتۇن مەدرىسگە كىرىپ ئىبادەت قىلغۇچىلار سۈپىتىدە جىم ئولتۇرۇۋالغان مىڭدىن ئارتۇق بىگۇناھ كىشىنى مەدرىسنىڭ 360 خانىلىق ھوجىرىسى ۋە پۈتۈن مەدرىسە بىناسى بىلەن قوشۇپ بىراقلا كۆيدۈرۈۋەتكەن. يەكەن شەھەر ئىچىدە ئەنە شۇ زامانلاردىن بېرى «جىن مەدرىسە» نامى بىلەن يادلىنىپ كېلىۋاتقان بۇ ئورۇن - شۇ چاغلاردا ھەزرىتى ئاپئاق خوجا «ئىلتىپاتى» بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن 1000 دىن ئارتۇق بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ «جىن» لىرى (روھىناتلىرى) ساقلىنىپ تۇرغان تارىخىي ئورۇندۇر. شۇنداق قىلىپ ئاپئاق خوجا يېتەكچىلىكىدىكى رەھمسىز جۇڭغار قوشۇنلىرى يەكەن ئەھلىنى - «قارا تاغلىق» لار نامى بىلەن دەھشەتلىك قىرغان. نۇرغۇن كوچا، مەھەللىلەرنى كۆيدۈرگەن، مىڭلىغان ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنى دەپسەندە، ئاياق - ئاستى قىلغان. ئۇيغۇر خانى ئىسمائىلخاننىمۇ ئەسىر ئېلىپ پۈتۈن ئۇرۇق - ئەۋلادى بىلەن قوشۇپ «بوز قۇم ئەۋلىيا» دا ...... «67 كىشىنى ....» دېيىلگەن) ھەممە تۇخۇمىنى بىراقلا قۇرۇتۇۋېتىش ھۆكۈمى بىلەن ئىلى جۇڭغار خانلىقىنىڭ ئىختىيارىغا ئەۋەتىپ بەرگەن. قەشقەرىيەنىڭ ھەممە جايلىرىدا جۇڭغار ئىدارىچىلىق تۈزۈمى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ «يېڭى مەجبۇرىيەت» لىرى ئورنىتىلغان. پۈتۈن خەلق ئۇلارغاشەرتسىز بىردەك ئىتائەت قىلىشقا، قۇل بولۇشقا مەجبۇر قىلىنغان. تېگىشلىك مۇھىم شەھەر، بازار، يۇرتلارنىڭ ھەممىسىدە جۇڭغار قىسىملىرىنىڭ مۇقىم تۇرالغۇ - باشقۇرۇش،ئىدارە قىلىش ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنىپ «دەخلىسىز»لىكى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەن. بەزى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ئاپئاق خوجا شۇ يىلى قەشقەرىيەنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇشىدا قولغا چۈشكەن «ئەسىر»لەردىن بىر قېتىمدىلا 120 ئورۇندا 400 دىن ئارتۇق«قارا تاغلىق» «چوڭ ئۇرۇش جىنايەتچىسى» نى ئۆلتۈرگەن. 300 «ئىشاقىيە» چى خوجا،ئىشاننى «ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى» سۈپىتىدە باغلاپ، چېتىپ ماڭغۇزۇپ، ئىلىغا - غالداننىڭ جازالىشىغا ئەۋەتىپ بەرگەن. ئاپئاق خوجا ئەمەلدارلىرىمۇ قەشقەرىيەدىن شۇ قېتىمدا نەچچە مىڭلىغان «تۇتقۇن» خوتۇن - قىزلارنى جۇڭغار ئەسكەرلىرىنىڭ خوتۇن قىلىشى، ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەتلىك «غالجا» لىققا تۇتۇپ بېرىشكەن. ھەم بىربۆلۈم خوتۇن - قىزلارنى يىغىپ غۇلجىدىكى جۇڭغار ئەمەلدارلىرىغا «سوۋغات» ھېسابىدايوللاپ بېرىشكەن. غالدان سېرىن قەشقەردىن ئىلىغا (دادىسى ئالدىغا) قايتماقچى بولغاندا، ئاپئاق خوجا: «... ئەھلى مەملىكەتنىڭ مەشھۇرىيىتى بىلەن قۇرۇق قايتمىغايلەر» دەپ 4000 ياقا ئېسىل تون، سەرپاي، 400 مىڭ سەر كۈمۈش تەڭگە...» («تارىخىي نادىرىيە» دىن) يوللۇق تۇتۇپ ھەم شۇ چاغدىن كېيىن ھەر يىلى يەنە 400 مىڭسەردىن كۈمۈش تەڭگە بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى مەجبۇرىيەت ۋەدىسى قىلىپ، ئەگەشتۈرۈپ ماڭغان «غالجا» لىرى قوشۇپ (ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرى ئىدى) تولۇق قۇللۇق بىجا كەلتۈرۈپ، رازى قىلىپ ئۇزىتىپ قويغان. پاك، پاكىز، باكىر،گۈزەل مۇسۇلمان قىزلىرىنى ئابرويى ئۈچۈن ئەڭ ياۋۇز، قانخور، ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمەنلىرى ھېسابلىنىدىغان بىر بۆلۈم قارابىس زالىملارنىڭ قولىغا «تۆھپە»،«ئولجا»، «غەنىمەت» قىلىپ «تەقدىم» قىلىش، تۇتۇپ بېرىش - مۇھتەرەم ئاپئاق خوجائىدىيىسىنىڭ ئەڭ يىرگىنچلىك خاسىيىتىدۇر.
ئاپئاق خوجا«خان» لىق تەختتە ئاپئاق خوجا يۇقۇرىدىكى چوڭ تۆھپىلىرى بىلەن غالدان قۇنتەيجى ئوردىسىدىن ئىسمائىلخاننىڭ «ئورنى» نى ئېلىپ مىلادى 1678- يىلى 10- ئايدىن ئېتىبارەن قەشقەرىيەگە «خان» لىق قىلىشقا باشلىغان. لېكىن قەشقەرىيە خەلقى ئاپئاقخوجىنىڭ بۇ خىل رەزىل «ھاكىمىيىتى» گە قارشى كۈرەشنى زادىلا توختاتمىغان. 1679- يىلى ئەتىيازدا ئىسمائىلخاننىڭ ئىنىسى_ئۈچتۇرپان ھاكىمى مۇھەممەد ئىمىنخان(ئىمىرخان) باشچىلىقىدا ئۈچتۇرپان خەلقى ئاپئاق خوجا بىلەن ھامىلىقىدىكى جۇڭغاركۈچلىرىگە قارشى كۆتۈرۈلۈپ، ئاخىرى تاجاۋۇزچىلارنى ئاپئاق خوجا بىلەن قوشۇپ قەشقەرىيە تەۋەسىدىن تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن. 30 مىڭىنى تۇتۇۋېلىپ توۋاقىلدۇرغان. لېكىن ئاپئاق خوجا بۇ مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەي. ئىچكى جەھەتتىن قەشقەرىيە تەۋەسىدىكى «ئاق تاغلىق» شېرىكلىرىنى، مۇرىت - سوپىلىرىنى قۇترىتىپ،تاشقى جەھەتتىن غالدان قۇنتەيجىنىڭ يەنە 15 مىڭ كىشىلىك تاللانغان ئاتلىق قوشۇنىنى ئىشقا سېلىپ (كۈچ كۆرسىتىپ) 1679 –يىلى كۈدە مۇھەممەد ئىمىن خاننىڭ قان تۆكۈشنى توختىتىش شەرتىگە قول قويۇپ سۇلھىلىشىپ، مۇھەممەد ئىمىن خانغا كۈيئوغۇل بولۇپ،قەشقەرىيىدە شېرىك «خان» لىق ئورنىغا ئىگە بولۇۋالغان. بىر نەچچە ئايدىن كېيىنلا سۇلھىنى بۇزۇپ مۇھەممەد ئىمىن خاننى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈپ، «خان» لىقنى تولۇق ئىگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن 1514- يىلىدىن 1679- يىلىغىچە 165 يىل داۋام قىلغانسەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقى ئاخىرلىشىپ، قەشقەرىيەدە ئاپئاق خوجا ۋاستىچىلىقىدىكى جۇڭغار (قالماق) لار ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان. يەنى قەشقەرىيە جۇڭغار ھەربىي فېئودال خانلىقىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقى جۇڭغار زالىملىرىنىڭ قۇللۇق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ كەتكەن.غالدان ئاپئاق خوجىنى قەشقەرىيەگە «خان» قىلىپ تەيىنلىگەندىن كېيىن، ئىلىنى پايتەخت قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى پەۋقۇلئاددە ياۋۇزلۇق بىلەن داۋاملاشتۇرغان. بۇ توغرىدا «تارىخىي ھەمىدىيە»دەمۇنداق دېيىلىدۇ: «قالماقلار خوجاملار بىلەن بىرلىشىپ شېرىكلىك بىلەن يۇرتنى سورايدىغان بولدىلەر. بىر تورەنج (بىر نەسەب) قالماقلار بىر شەھەردە تۇرىدىغان بولدى. خوجاملار باج - خىراج ئورنىدا ھەر يىلدا ئىلىغا ماتا، پۇل چىقىرىپتۇردىلەر... خوجاملارمۇ قۇنتەيجى پەرمان - ئىتائىتىگە بويسۇنۇپ، ھەر يىلدا بىر ۋەيا ئىككى نۆۋەت تارتىق - پېش - كەش بىلەن چىقىپ كۆرۈنۈش قىلىپ، جاۋاب بولغانلىرىدايېنىپ كېلىپ ھەر قايسىلىرى ئۆز جايلىرىدا بەر قارار بولۇر ئىكەنلەر...». بىزنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىمىزدا پەيدا بولغان تۇنجى قورچاق «ھاكىمىيەت»_ئەنە شۇ ئاپئاق خوجا «خان» لىقىدۇر. بۇ خانلىقنىڭ ھىمايىسىدىكى جۇڭغار ھۆكۈمرانلىرى ئەنە شۇچاغلاردا قەشقەرىيەدىن مىڭ - مىڭلاپ گۈزەل ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنى، ماھىرھۈنەرۋەن، ئالىم، سەنئەتكار، يازغۇچى، دوختۇر، ئولىما، مۇدەررىسلەرنى «ئەسىر» قىلىپ تۇتۇپ ئېلىپ كېتىشكەن. قەشقەرىيە خەلقىدىن ھەر يىلى سانسىزلىغان ئېغىر سېلىقلار(ئالتۇن، كۈمۈش، يىپەك، يىپەك توقۇلما، قول ھۈنەر بويۇملىرى، تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى قاتارلىقلار) نى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىپ تۇرغان. بۇ خىل سېلىق توغرىسىدا «تارىخىي نادىرىيە» دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «... ئەھلى بىدئەتلەر (تۆۋەن قاتلام نامراتلادېمەكچى - ئا) ... سائەتەن بىسائەتەن (ھەر ۋاقىت، ۋاقىتىسز - ئا) زىيارە قىلىپ(نارازىلىق بىلدۈرۈپ - ئا) ... پەقىرلەر باشتىن خالى بولماي (نامراتلارنىڭ باش ئاغرىتىشى تۈگىمەي - ئا) ئارانلىقتا ھەر يىلدا 400 مىڭ سەر تەڭگىگە توختىدىلەر...». ئاپئاق خوجا بولسا، خۇددى «تەزكىرە پىر ياران»نىڭ تەرىپات بابىدا تەرىپلەنگەندەك: «تەخت - سەلتەنەتتە ئولتۇرۇپ، ھەمىشە مەسنىۋى شىرىپ ئوقۇپ، رەئىيەگە (پۇقرالارغا) تەرىقەت، مەرىپەت، شەرىئەت بابىدا شېكەردەك سۆزلەرنى چېچىپ، ئاللاھتىن بەندىلەرگە«دىيانەت، ئىنساپ - تەۋپىق، ئىمان، شۈكرە - قانائەت تىلەپ ۋە ئۇلارنى ساھىب كامال قىلىپ، ياخشى ئىستىقبالغا باشلاپ...» تۇرغان. دەرۋەقە ئاپئاق خوجا «تەخت - سەلتەنەت» كە چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بارلىق ھوقۇق، كۈچ - ئىمتىيازلىرىنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش روھىنى سۇندۇرۇپ، كۈچ، مادارىدىن تولۇق كەتكۈزۈشكە ھەم ئۇلارنى تاجاۋۇزچىلارنىڭ قانلىق ھۆكۈمرانلىقىنى قارشىلىقسىز،شەرتسىز، تەخىرسىز، دائىم، تولۇق، ياۋاشلىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان «مۆمىن» مەھكۇملاردىن قىلىپ تۇتۇشقا ۋە بۇ خىل ھالەتنى ئەجدادلىرىمىز ئېڭىغا «تەقدىر» ئۇقۇمى بىلەن سىڭدۈرۈش (پەقەت بويسۇنۇشقا «يارىتىلغان» لىقىغا تەن بەرگۈزۈشكە،قارشىلىق قىلالمايدىغان قىلىۋېتىش) كە سەرپ قىلغان. بۇ بىزگە تارىختا تۇنجى قېتىم تېڭىلغان ئاپئاق خوجاچە «ئىستىقبال» دۇر. شۇنداقلا بۇ، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز تارىختا تۇنجى قېتىم باسقان پۇشايمانلىق خاتا قەدەمدۇر. دېمەك، ئاپئاق خوجا  زامانىنى ئەجدادلىرىمىز ئالدانغان، جاھالەت پاتقىقىغا پاتقان، شىنجاڭنىڭ ئىستىقبالى بۇزۇلغان لەنىتى جاھان دەپ قاراشقا تامامەن ھەقلىقمىز.ئاپئاق خوجا «تەخت»كەئولتۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ «ئىشقىيە» سۈلۈكىنى ئاساس قىلغان سوپىزمنى ئۆز«خانلىقى» نىڭ «دۆلەت» دىنىي ۋە «دۆلەت» تەلىماتى قىلىپ جاكالاپ، باش قانۇن سۈپىتىدە ئىجرا قىلغان، يۈرگۈزگەن. 300 مىڭدىن ئارتۇق مۇرىت قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ «سوپىلىق يولى» نى پۈتۈن شىنجاڭغا ھەتتا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىغا كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشقا سەپەرۋەر قىلغان. قەشقەردە«خان خوجا ئوردىسى» يەكەندە «ئالتۇنلىرىم» (ئالتۇن مازىرى)، تۇرپاندا «ئەشابۇل كەئەب»، كۇچادا «مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىئوللا»، ئاقسۇدىكى «قۇرمىش ئاتام» قاتارلىقمازارلارنى تاللاپ ياكى «مازار» قىلىپ تىكلەپ ھەم بۇ ئورۇنلارنى سوپىزمنى تارقىتىدىغان. كېڭەيتىدىغان مەركەزلەرگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن شىنجاڭداسوپىلىق ھەرىكىتىنى يەنى ئىسلام دىنىينىڭ «شىئە»، «سۈننىي» مەزھەپلىرىگە ياكى بۇمەزھەپلەرنىڭ ھەر قانداق تارماق، بۆلەكلىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان، «ئۇلۇغ ئىسلام دىنىي» شوئارى ئېگىز كۆتۈرۈلگەن «تەرىقەت»، «شەرىئەت»، «مەرىپەت»، «ھەقىقەت» ماركىلىرىنىڭ ھەممىسىلا چاپلانغان، پەقەت چوڭ پىر، خوجا، ئىشانلارنىلا دىنىي مەركەز، دىنىي يېتەكچى قىلىۋالغان، ھەددىدىن زىيادە زۇلمەتلىك ئاپئاق خوجاچە سوپىزم ئىستىبداتلىقىنى جانلاندۇرۇۋەتكەن. نەتىجىدە پۈتۈن قەشقەرىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قەۋەت ھالقىلىق ساپايە، كۆپ پۇتاق كۆزلۈك سوتا (خاسلا سوپى كالتىكى) كۆتۈرۈۋالغان،تىكىشى يوق يوغان يەنجە (قەلەندەر خالتىسى) يۈدۈۋالغان، بېشىغا ئۇزۇن كۇلا،ئۇچىسىغا يەڭسىز، ياقىسىز «سوپىچە كىيىم» لىرىنى كىيىشىۋالغان رەھىمسىز، ئەسەبىي،نادان، بەدقىلىق «تىلەمچى» ئەمەلىيەتتە بۇلاڭچى سوپىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى جەمئىيەتكە ئايلىنىپ كەتكەن. بۇ سوپى، مۇرىتلار ئەمەلىيەتتە ئاپئاق خوجىچىلارتەرىپىدىن ئاپئاق خوجىغا سادىق بولۇشقا، ئۇنىڭ «ئىشقىيە» يولىدا ئۆزلىرىنى قۇربان قىلىشقا، ئۇنىڭ بۇيرۇق، تەلىم، چاقىرىقلىرىنى قەتئىي، شەرتسىز، قارىغۇلارچەئورۇنلاشقا، خوجا ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرۈشكە. ھەر قانداق ئىشتىن يانماسلىققا، ئۆلۈمدىن قورقماسلىققا، سىر ساقلاشقا، «ئاللاھ ئاتا قىلغان» بارلىق «مەئىشەت» لەردىن قانغۇدەك پايدىلىنىپ تۇرۇشقا ئۆگىتىلگەن دىنىي چىرىكلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ سۆزلەيدىغان ۋە ئىجرا قىلىدىغىنى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرە، چەۋرىلىرىدىن بولغان ئاپئاق خوجا ھەزرىتى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئىلىمنىڭ ۋارىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي، سىياسىيداھىيسى، پۈتۈن ئەھلى ئىسلامنىڭ ئەڭ ئالىي يېتەكچى، ئۇنىڭغا شەك كەلتۈرگەن، قارشىچىققانلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىمىز، ئۆلتۈرىمىز ياكى ئۆلىمىز دېگەندەك ئەڭ ئەسەبىي شوئار ھەم پائالىيەتلەر ئىدى. «... پىرلەرنىڭ غەزىپىدىن - زۇلۇمدىن،زاماننىڭ خېيىم - خەتىرىدىن، كۈندۈزنىڭ قازاسىدىن، كېچىنىڭ بالاسىدىن، قۇرۇق سۆز،قۇرۇق تۆھمەتتىن، زەخمەتلىك سوئال - سوراقتىن، بالا- قازادىن، دەردتىن - ئەلەمدىن،كۆزى ياماننىڭ كۆزىدىن، تىلى ياماننىڭ تىلىدىن، دىلى ياماننىڭ دىلىدىن، ئىبادەتسىز دۇئادىن، لەنىتى رەھمەتتىن، نەپسى يامان ئىشان پىشكەل سوپىدىن، خۇنخورنىڭ كۈلكىسىدىن، ئىنساپسىز خوجىدىن، ئاغرىقتىن - سىلاقتىن پاناھ بېرىڭ خۇدايىم .... ( )» دېگەن ئىلتىجالىق دۇئا - تىلەكلەر ئاپئاق خوجا زامانىسىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن كېچىرمىش نامەلىرىدۇر. بىز بۇ دۇئا - تىلەكلەر قۇرۇلمىسىدىن ئاپئاق خوجا جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى ھالىتىنى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارتقان زۇلۇم، كۆرگەن دەرد - ئەلەملىرىنىڭ نەقەدەر ئېغىر بولغانلىقىنى چوڭقۇر ھېسقىلىمىز، ئەلۋەتتە.  
    دېمەك، ئاپئاق خوجا زامانى_ قەشقەرىيەى پۈتۈنلەي زۇلۇم، خۇراپات، نامراتلىق، ۋەھىمە، جەڭگى - جېدەل، خۇنخورلۇق، قاچ - قاچ راسا قاپلىغان ۋە قان پۇراپ تۇرغان زاماندۇر. چىداشقا «تەقدىر» پەتىۋاسى بىلەن ئەنەشۇنداق «كۆندۈرۈلگەن» ئۇيغۇر خەلقى تىرىكچىلىك، ئىنسانچىلىق قىزغىنلىقلىرىدىن بوشاپ، ئەۋھاپەرەسلىكنىڭ (دىنىي، روھىي ۋەھىمەنىڭ) دەردىدە چىرايلىرى توپا - تەرەت،ئۈستى - بېشى جۇلجۇل، جەندە، كۇلالىق سوپىلار، دەرۋىشلەر، شەيخلار، قەلەندەرلەر،ھەر شەكىلدىكى تەركىي دۇنيا ئىبادەتچىلەرنىڭ توپلىرىغا ئەگىشىپ، جاننىمۇ، جاھاننىمۇ ئۇنتۇپ، «ئۇ دۇنيالىقنىلا ئويلاپ» ئىمانى كامىللىققا يەنى ئاتالمىش «ئاخىرەت» نىغېمىنى قىلىشقا بەند قىلىنغان. شۇڭا ئۇ جەمئىيەتتىن سانسىزلىغان مۇسۇلمان ئەجدادلىرىمىز ياشاش، كۈن ئېلىش ئۈمىدى بىلەن ئۆي - ماكان، پەرزەنت، ئاتا - ئانىلىرىنى تاشلاپ قۇرۇق قول، غەيرىي يۇرت، چەت ئەللەرگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ تۇرغان.ئاپئاق خوجا ۋە ئاپئاق خوجىچىلار زامانىسىدا قەشقەرىيەدە مەدەنىيەت،مائارىپ، ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات-سەنئەت، مۇزىكا، ناخشا-ئۇسسۇل، گۈزەل-سەنئەت،تىياتىر، سېرىكچىلىك، تېبابەتچىلىك،مەتبەئەچىلىك، تەرجىمە، خەتتاتلىق.... تەكبارلىق ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى قەتئىي مەنئى قىلىۋېتىلگەن. بۇنداق ئىشلاربىلەن شۇغۇللانغۇچىلار «كاپىر»، «جادۇگەر»، «مۇرتەد» لەر ھېسابلىنىپ جازاغاتارتىلىپ تۇرغان، ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ھەتتا خەت يېزىشنى ئۆگىنىش، ساز ئۆگىنىش، ياساش،مەشرەپ ئويناش، ئويۇن - كۈلكە، خوتۇن - قىزلار پەرەنجىسىز، ئاشكارا يۈرۈش قاتارلىق ئادەتتىكى ئىجتىمائىي ئىنسانچىلىق خىسلەتلىرىمۇ قەتئىي مەنئى قىلىۋېتىلگەن. پۈتۈن جەمئىيەتتە قۇرئان ۋە ھەپتىيەكتىن باشقا بارلىق يېزىلما ئەسەرلەر، بولۇپمۇ مىللىي ئەسەرلەر، خاتىرە، نەمۇنىلار كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، يوق قىلىپ تاشلانغان. ئىلىم - مەرىپەت ئورۇنلىرى بۇزۇۋېتىلگەن، چەكلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئورنىغا زىكرى - سۆھبەتخانىقالىرى، گۈلەخ، سازايى ھەمىدانلار (توۋا قىلدۇرۇش ئورۇنلىرى)، خوجا، ئىشانلارتۇرالغۇ جايلىرى، ئەمەلدار بىنالىرى دەسستىلگەن. پۈتۈن جەمئىيەتتە دۇئا-تىلاۋەت،خەتمە ئىستىقپار ئوقۇش (ئاللاھتىن «گۇناھ»ىنى تىلەپ تۇرۇش) ئاممىۋى ئىجتىمائىي مەشغۇلاتقا ئايلاندۇرۇلغان.




#Article 254: مەشرەپ (345 words)


رىھىم بابا مەشرەپ 1657 - يىلى تۇغۇلغان .ئۇ سەبى ۋاقىتلىرىدا قەشقەردىكى يىرىك ئىشان ئاپپاق خوجىغا چاكار بولۇپ 7 يىل تۇرغان . ئاپپاق خوجا مەشرەپنىڭ شىئېرلىرىدىن ۋە پىكىر قابىلىيىتىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلاتتى ۋە جاھىل مۇرت - سوپىلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭغا بولغان تەقىبىنى كۆچەيتىدۇ . كېيىن بەشرەپنىڭ ئاپپاق خوجىنىڭ ھەرىمىدىكى بىر قىزغا كۆڭلى چۇشۇپ قالىدۇ ، بۇ ھال ياش ئەركىن پىكىرلىك شائىرنىڭ جىسمانى زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ، سەرگاندارلىق دالاسىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن مەشرەپ قەلەندەر - دەرۋىشلەر تونىنى كىيىپ يۇرتمۇ - يۇرت يۇرىدۇ . ئۇ دەسلەپ يەركەن ، خوتەن ئاندىن غالدان ھۆكۇمرانلىغىدىكى ئىلىدا بىرقانچە يىل تۇرىدۇ . ئىلىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەشرەپ قەشقەردە بىرقانچە ۋاقىت تۇرۇپ ئاندىن پىيادا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يىراق شەرىقتىكى كەڭ رايۇنلارنى ئايلىنىپ چىقىدۇ . ئۇ بۇ رايۇنلاردا فىيۇدانلىق تۇزۇمنىڭ ئېغىر دەھشىتىنى ، ناھەقلىق ۋە زوراۋانلىقنى ، ھەرقايسۇ خانلىقلاردىكى چىرىكلىك ۋە ماجرالارنى كۆرىدۇ . بۇ جەرياندا مەشرەپ تۇۋەن قاتلامدىكى خەلىق بىلەن ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتى بىلەن يىقىن تونىشىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ پىكىر ھىسلىرىنى كۇيلەيدۇ .

رەھىم مەشرەپ ئۆزىنىڭ پۇتۇن سەرگاندار ھاياتىدا نۇرغۇن شىئېرلارنى ئىجات قىلغان . بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ساز بىلەن ناخشا قىلىپ ئېيتقان ، بەزىلىرىنى جامائەت تۇپلانغان جايلاردا ئوقىغان ھەتتا بازىلىرىنى ياغاچلارغا ۋە دەرەىلەرگە يىزىپ قويغان . مەشرەپ ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن شائىرلارنىڭ بولۇپمۇ ناۋايى ، ھاپىز شىرازى ، ئابدۇراخمان جامى ۋە جالالدىن رومىلارنىڭ تۇركى ۋە فارىس شىئېرلىرىنى پۇختا ئۇگەنگەن . ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن شائىرلارغا قارىغاندا تىخىمۇ راۋان ، خەلىق تىلىغا يېقىن ، جاراڭلىق ۋە جۇشقۇن شىئېرى ئۇسلۇپنى ئىلگىرى سۇرگەنلىگى بىلەن كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ .  دىگەن كىتاپتا ئىيتىلىشىچە ئۇ خوتەندە بىر شىئېرى دىۋانىنى ئوتقا تاشلىغانلىغى مەلۇم .بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ  دىگەن ئەسىرى بىزگە يىتىپ كەلگەن .

مەشرەپ شىئېرلىرى فىيۇدانلىق تۇزۇمگە ۋە بەگ سۇلتانلارغا قارىتا كۇچلۇك شىكايەت بىلەن تولغان . ئۇ ھاكىملارنى بىر تىيىنچىلىك كۆزگە ئېلمىغان . سوپى - ئىشان ، كالانلارنى مەسخىرە قىلىپ خەلىقنى ئەزىزلىگەن . ئۇ ئۆزىنى مەنسۇر ھەللاجىنىڭ مەسلەكدىشى دەپ جاكارلىغان ، مەشرەپ بۇ جەھەتتە مەنسۇر ھەللاجىدىنمۇ ئىزچىل ھالدا ئىسلام تىلوگىيىسىگىلا ئەمەس ، بارلىق روھانلىققا قارشى ئىسلام تۇغىنى ئېگىز كۆتەرگەن .

شۇنىڭ بىلەن مەشرەپكە قارشى ھۆكۇمرانلار بىرلاشمە قەسىت پىلانلاشقان ۋە ئۇنىڭ نامىغا بوھتانلارنى ئويدۇرۇشقان . ئاخىرى 1711 - يىلى ئەشتەرخانلار سۇلالىسىنىڭ زالىمى ، مەلىخ شەھىرىنىڭ ھۆكۇمرانى مەخمۇت قۇتۇغان مەشرەپنى دەھرىلىك بەدنامى بىلەن دارغا ئاستۇرغان .




#Article 255: ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﺑﯩﻦ ﻣﻮﻟﻼ ﻳﯜﺳﯜﭖ ( ﻧﺎﺯﯨﻢ) (187 words)


ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﺑﯩﻦ ﻣﻮﻟﻼ ﻳﯜﺳﯜﭖ ( ﻧﺎﺯﯨﻢ )

ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﻼ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ، ﻧﺎﺯﯨﻢ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﯩﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻏﻪﺯﻩﻝ ﯞﻩ ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﻜﺰﯨﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﻏﻪﺯﻩﻟﻴﺎﺕ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﺩﻯ . ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﺋﯘﺳﻠﯘﺏ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯚﻳﯜﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ . ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭ ﻧﺎﺯﯨﻢ  ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﮬﺎﯕﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ .

ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﺋﯚﺯ ﺋﯚﻣﺮﯨﺪﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ، ﻏﺎﺯﺍﺕ ﺩﻩﺭﻣﯜﻟﻜﻰ ﭼﯩﻦ ( ﭼﯩﻦ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﯓ ) ، ﭼﺎﯕﻤﻮﺯﺍ ﻳﯜﺳﯜﭘﺨﺎﻥ ، ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ . ﻏﺎﺯﺍﺕ ﺩﻩﺭﻣﯜﻟﻜﻰ ﭼﯩﻦ ﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭼﻮﯓ .

ﺧﻪﻟﻖ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺑﯘ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ . 1864 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﭼﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﺒﺪﺍﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﯩﻠﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻟﻤﯘ ﺑﯘ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻨﯩﯔ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺳﯧﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﭘﺎﻟﯟﺍﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺟﻪﯕﺪﻩ ﻣﻪﺭﺩﻟﯩﻚ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ . ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻰ ﻣﯘﭘﻪﺳﺴﻪﻝ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﻏﺎﺯﺍﺕ ﺩﻩﺭﻣﯜﻟﻜﻰ ﭼﯩﻦ  ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﺒﺎﺷﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺩﮬﯩﻴﯩﻠﯩﺪﻯ .




#Article 256: ﺳﺎﺩﯨﺮ ﭘﺎﻟﯟﺍﻥ (807 words)


سادىر پالۋان 1798-يىلى 
ھازىرقى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ مولتوختى يۇزىدىكى يانچى ئەخمەت قارىقاش ئائىلىسىدە 
تۇغۇلىدۇ . 1762- يىلى 10-ئايدا چىڭ ئوردىسى ئىلىدا گېنىرال مەھكىمىسى تەسىس قىلپ 
،پۇتۇن شىنجاڭدا بىۋاستە ھۇكۇمرانلىق قىلىشقا باشلىدى .ئىلى جاڭجۇنىگە قاراشلىق 
مانجۇ چىرىكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ھەمدە ھەر قايسى شەھەرلەردىكى 
مانجۇ مۇلكىي ،ھەربىي ئەمەلدارلار نىڭ تەمىناتىنى قامداش ئۇلارنى ئوزوق –تۇلۇك 
بىلەن قامداش ئۇچۇن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر ،يەركەن ،خوتەن ،ئاقسۇ، 
كۇچا،تۇرپان،قۇمۇل،قاتارلىق جايلاردىن ئۆزىگە خەۋىپلىك دەپ قارالغان كىشىلەردىن 
بىرىنجى قىتىمدا 6000،ئىككىنچى قېتىمدا 2000 جەمئىي 8000تۇتۇننى ئىلىغا 
پالايدۇ.سادىرنىڭ دادىسى ئەخمەت ئاشۇ بېرىنچى قېتىم كوچۇرۇلگەن 6000 تۇتۇننىڭ بىرى 
ئىدى .

شۇ چاغدا جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا پالانغانلار ئەڭ يېقىن يول دەپ ھېساپلىنىدىغان 
يول مۇز داۋان يولى بىلەن ئىلىغا كۆچۇرىلىدۇ.بۇ كۆك مۇز بىلەن قاپلانغان بۇ مۇز 
داۋاندا دەھشەتلىك ھاڭ ،يۇشۇرۇنغان مۇز-قار ئۆڭكۇرلىرى ،مۇز يېرىقلىرى بار ئىدى .ئالدىنقىلار 
ماڭغان يولىغا مۇز، تاش پارچىلىرىنى بەلگە قىلىپ قوياتتى . كېيىنكىلەر شۇ ئىز بىلەن 
ماڭاتتى . ئات –ئۇلاغلار ،ئالدىنقى ئۇلاغلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ ماڭاتتى . بۇ ئېگىز 
مۇز تاغ ئۇستىگە ئەتىگەن سائەت تۆت بىلەن ماڭغان ئادەملەر داۋانچىلار مۇزنى چوقۇپ 
ياسىغان پەلەمپەيلەرگە كېگىز، پالاس ،ۋە جۇۋا چاپانلارنى سېلىپ ئات-ئېشەكلەرنى 
ئۆتكۇزۇپ .ئوزلىرى داۋانچىلارنىڭ ياردىمىدە مۇز داۋان ئۇستىگە چىقاتتى .داۋان ئۇستى 
بىردەم-بىردەم ئاق –قارا بۇلۇتلار ۋە قېلىن قارلار بىلەن قاپلىنىپ ئۈچ مېتىر 
ئالدىدىكى نەرسىنى كورگىلى بولمايتتى .بۇنداق چاغلاردا ئادەم ۋە ئۇلاغلار چوڭقۇر 
ھاڭلارغا چۈشۈپ كېتەتتى ،گاھىدا تاغنى تۈتەك قاپلاپ ئادەملەرنىڭ بىر قىسمى ئولۇپ 
كېتەتتى . ھاۋا ئوچۇق بولغان چاغلاردا ،ھاڭدىن غۇلاپ كېتىپ ئۆلگەن ئات. ئۇلاغ ، 
ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرى ،سودىگەرلەرنىڭ مال –مۇلكى كورۇنۇپ تۇراتتى .شۇ 
قېتىمقى كۆچ- كۆچتە نۇرغۇن كىشىلەر مۇز داۋاندا ئىس تۇتەك ئېلىپ كېتىپ مۇزلاپ، 
ھاڭغا چۈشۈپ ئولگەن ئىدى. شۇڭا مۇز داۋاندىن ساق ئوتەلىگەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ 
تارتقان چەكسىز دەرت –ئەلەملىرىنى مۇنداق قوشاق بىلەن ئىپادىلەشكە باشلىغان ئىدى .
بۇ تاغلار ئېگىز تاغلار ،غېرىپنىڭ يولىنى باغلار.غېرېپ ئولسە كىم 
يىغلار،غېرېپقا غېرېپ يىغلار. 

يانچىلار ئىلىغا چىققاندىن كېيىن دەسلەپ قوتان تام دىگەن يەرگە ئورۇنلاشقان .كېيىن 
ئىلى دەريا بويىدىكى قاينۇق ،قاش، بولغۇجىر، جىرغىلاڭ ،تاش ئوستەڭ ،بايتوقاي ،خۇنۇقاي، 
دادامتۇ، ئارا ئوستەڭ قاتارلىق ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە تارقاق ئولتۇراقلاشقانىدى. 
سادىرنىڭ دادىسى ئەخمەت دەسلەپ ئارا ئۆستەڭگە تەقسىم قىلىندى .كېيىن ئۇ خوتەن 
قارىقاشلىقلار ئورۇنلاشقان خوتەن مەھەللىسگەكۆچۇپ كېلىدۇ.بۇ مەھەللە كېيىن «قاش 
مەھەللىسى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

يۇقارقى جايلارغا ئورۇنلاشقان ئېستىبىداتلىرى ئۆستەڭ چېپىپ قاغجىرغان باياۋانلار ،چۆل- 
جەزىرىلەرگە سۇ چىقىرىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئۆي-ماكانسىز بۇ جەزىرىدە ئېغىر ئەمگەك 
قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بالا- چاقىللىرى بىلەن ئوچۇق –يورۇق دالىلاردا ھايات 
كەچۇرىدۇ.ئۆستەڭ چېپىش زۇلىمىنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئۇلار توۋەندىكى 
قوشاقلار بىلەن بايان قىلىدۇ:
ئۆستەڭنىڭ تېگى قاتتىق، چاپسا كەتمەن ئۆتمەيدۇ.مانجۇ تۇڭچىسى بەگلەر ،
بېشېمىزدىن كەتمەيدۇ. 

مانجۇ ئىستىبىداتى يانچىلارنى قورغان سوقۇش، ئوي سېلىش قاتارلىق ھەر خىل ھاشار- 
سېلىقلارنى ئادا قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ . دەسلەپتە مانجۇلار ھەر بىر تۇتۇندىن 16خو 
،كېيىنرەك 32خودىن ئاشلىق سېلىق ئالىدۇ.مانجۇ ئەمەلدارلىرى شۇنداق قەبىھ ئىدىكى ، 
كوچىلاردا مانجۇ ئەمەلدارلىرىنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشى تىزلىنىپ تازىم قىلاتتى . 
مانجۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ قىز- چوكاللىرىغا ئاپئاشكارە زورلۇق قىلاتتى. مانجۇلانىڭ 
شۇنداق زورلۇقلىرى ئاستىدا ئازاپ چەككەن ئۇيغۇرلار مۇنۇ قوشاقلارنى ناخشىغا قېتىپ 
ئېغىر كۇنلەرنى بايان قىلىدۇ:
قاننى چىرىتىپ ئەتتى،ئالۋانچىلارنى دەردەي.جاندىن ئوتۇپ كەتتى،
تۇڭچىلارنى زەرەي. 

سادىر كىچىگىدىن شوخ تىتىك ،خۇشىخۇي ۋە جاسارەتلىك چوڭ بولغان .ئۇ كىچىگىدىن تارتىپ 
جاپا مۇشەققەتىمۇ،راھەتتىمۇ ئائىلىسى ۋە خەلق بىلەن بىللە بولغانلىقى ئۇچۇن زالىمغا 
بولغان غەزەپ- نەپرىتى ، ئىزىلگۇچى خەلقەرگە بولغان سۆيۇنىشى كىچىگىدىن پىشىپ 
يىتىلگەن . ئۇ ھەر قېتىم خەلىقنىڭ دەرت-ئەلەم بىلەن تولغان مۇڭلۇق ناخشىللىرىنى 
ئاڭلىغاندا غەزەپكە تولسا ، ئەركىنلىككە تەلپۇنگەن باتۇر ھەركەتلىرىنى كۆرگەندە ئۆز 
غايىسىنى يېتىلدۇرۇشكە بەل باغلىغان . پىشقەدەملەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا سادىر 
ئېگىز بويلۇق ،كەڭ كۆكسىلىك ، غەيرەت جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ،ھىچنەرسىدىن 
قورۇقمايدىغان ،ناھەق ئىشلارغا چىداپ تۇرالمايدىغان ،ھەققانىيەتچى كىشى ۋە ئاتاقلىق 
ئۇستا قوشاقچى ئىدى .سادىر قات _قات زۇلۇمغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ۋە ھاشار 
تۆلەلمىگەنلەر تەرەپتە تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ھالىغا يىتەتتى.شۇ چاغدا ئالۋان ياساقتىن 
قۇتۇلۇش ئۇچۇن چۆل –جەزىرىلەرگە كەتكەنلەر ئاز ئەمەس ئىدى.زالىملار 
ئۇلارنى(قاچاقلار ) دەپ ئاتايتتى .ئۇلارنى تۇتماقچى بولسا سادىر ئۇلارنى ھىمايە 
قىلاتتى. سادىر ئاخىر بۇ قاچاقلارنى قوزغاپ ئوقيا ،نەيزە،ئايپالتا،چوماق ۋە قىلىچ 
بىلەن قوراللاندۇرۇپ ،مانجۇ چىرىكلىرى بىلەن ئۇرۇش قوزغايدۇ.شۇ كۇنلەردىن باشلاپ 
سادىرنى «سادىر پالۋان»دەپ ئاتايدۇ.ئىلى جياڭجۇنى كۆپ قېتىم سادىرنى تۇتۇش 
ھەققىدە پەرمان چۇشۇرىدۇ. خەلق سادىر تەرەپتە تۇرىدۇ.سادىرنىڭ تۇتۇلۇپ قالغان 
ۋاقىتلىرىمۇ بولدى. ئۇ زىنداندا قامالغان ۋاقىتلىرىدا ئۇستىلىق بىلەن قىچىپ كۇرەشنى 
داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مانجۇ ئىستىبىداتى قىلغان كۈرەشلىرىنى مۇنداق دەپ 
قوشاققا قاتقان ئىدى.
سادىر دەپ ئېتىم يامان،ئون بەش ياشتا ئاتالغان .دەسلەپكى تۇتۇلغاندا
قۇمۇل ۋاڭغا پالانغان.يامۇلنى تېشىپ قويوپ ،ئىككى چىقتىم تالاغا .
مېنى باققان بەش يايى ،ئەمدى قالدى بالاغا. 

مانجۇ ئىستىبىداتىغا قارشى خەلق قوزغىلىڭى 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ ئالدى 
بىلەن خەنزۇ خەلقىدىن باشلىنىدۇ.1863-يىلنىڭ ئاخىرى گەنسۇ ،شەنشى ،نىڭشىيا 
،ئۆلكىلىرىدىكى خۇيزۇلار ئارىسىدا ۋە 1864-يىلى شىنجاڭنىڭ شىمالىي،جەنۇبىدىكى 
جايلارداقوزغىلىدۇ.ئىلى ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلىڭى دەل شۇ چاغدا 
باشلىنىدۇ.سادىر پالۋان ئىلى ۋىلايىتىدە پارتىلغان قوزغىلاڭنىڭ قاتناشقۇچىللىرىدىن 
بىرى ئىدى.

ھۇجۇم قىلىدۇ، شەھەر خەلقى ئىچىدىن ماسلىشىدۇ.نەتىجىدە ئون كۇنلۇك ئۇرۇشتىن كېيىن 
غۇلجا ئازات قىلىنىدۇ..قارىغاندا سادىر پالۋان 1864-يىلى چىلپەڭزىگە ھۇجۇم40 
ئۆچكىنىڭ مۆڭگۇزىگە باغلانغان شامنى ياندۇرۇپ قويۇپ ،قۇيرۇقىغا پوجاڭزا باغلاپ ئوي 
تۇتاشتۇرۇپ چىلپەڭزىگە قارىتىپ قويۇپ بەرگەن ، شام يورىقى ۋە پوجاڭزىلارنىڭ 
ئېتىلىشىدىن چۆچۇگەن چىلپەڭزە ئامبىلى تېزلا تەسلىم بولغان. بايانداي 
ئۇرىشىدا سادىر پالۋان ئۆزىنىڭ ئۈچ ئوغلى بىلەن سېپىلنىڭ ئاستىدا لەخمە كولاپ دورا 
كۆمۇپ سىپىلنى پارتىلتىدۇ. بۇ چاغدا 5000دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى سېپىلدىن پەيدا 
بولغان يوچۇقتىن قەلئە ئىچىگە بېسىپ كىرىپ ،سېپىلنى مانجۇ چىرىكلىرىنىڭ قولىدىن 
تارتىۋالىدۇ.

ياشىنىپ قالغاب سادىر پالۋان ئۆز يېزىسى مولتوختى يۈزىگە قايتىپ كېلىدۇ.تۆت يىل 
ئۆتۇپ 1871-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولىدۇ.

خەلق ئۆزىنىڭ بۇ باتۇر پەرزەنتى ئۈچۇن قاتتىق قايغۇرىدۇ ئۇنى داۋاملىق ئەسلەش ئۇچۇن 




#Article 257: تەجەللى (3485 words)


تەجەللى

مەشھۇر ئالىم، بۈيۈك شائىر، داڭلىق تېۋىپ، مائارىپچى ۋە خىمىك ھۈسەنجان ئەكبەر تەجەللى ھەزرەتلىرى مىلادى 1856-يىلى قاغىلىق ناھىيسى زوڭلاڭ يېزا ئايكەن كەنتىدىكى دىنىي ئالىم، ماھىر تېۋىپ قۇتبىدىن شاھ ھەزرەتلىرىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ مەلۇماتىنى مەككىدە ئالغان. كېيىن دىھلى شەھرىدىكى دىھلى دارىلمۇئەللىمىن مەدرىسىدە، ئاندىن ئىراننىڭ ئىسپاغان دارىلفۇنۇننى ۋە ئاۋغانىستاننىڭ كابول دارىلفۇنۇندا ئوقۇغان.

تەجەللى ئوقۇش جەريانىدا خىمىيە، تىبابەت، ئىلمىي نۇجۇم، تارىخ، لوگىكا، تىلشۇناسلىق، جۇغراپىيە قاتارلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىپ يۇقىرى ماھارەت ۋە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپلا قالماستىن، ئەرەب، پارىس، ئوردۇ ۋە ھىندى تىللىرىنىمۇ مۇكەممەل ئۆگەنگەن. تەجەللى ئوقۇشنى تۈگىتىپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەمرالىقىدا ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەكەن، قەشقەر، قاغىلىق، گۇما قاتارلىق جايلاردا مۇددەرىسلىك قىلغان ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. خىمىيە ئىلمى بويىىمۇ تەجرىبە تەتقىقاتى ئېىلىپ بېرىپ، ئۇنى تىبابەتچىلىك بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتىرىش ئۈچۈن تىرىشقان. تىبابەتچىلىك، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىمارلارنىڭ دەردىگە داۋا، رەنجىگە شىپا بولۇپ، يوقسۇللارنى داۋالىغاندا ھەق ئالمىغان ياكى ئاز ھەق ئالغان.

ئۇ، ئۆزىنىڭ تىببى ماھارىتى بىلەن خەلق ئارىسىدىكى ھەرخىل كېسەللىكلەرنى، جۈملىدىن يۈرەك كېسىلى، ئۆپكە ۋە سىل كېسىلى قاتارلىق كىسەللەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋالاپلا قالماي، بەلكى راك (سەرتان) كېسىلىنىمۇ يىلان گۆشى (زەھىرى) بىلەن داۋالاپ ساقايتقان. دورىگەرلىك جەھەتتە قەدىمكى تىببى كىتابلاردىكى نۇسخىلار ۋە ئۆزى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈپ چىققان نۇسخىلار ئاساسىدا تەرياق، ھەببى زۇفا، ھەببى جەدۋار، ھەببى ئازراقى (سترخىنىن كۇمۇلىسى)، پولات كۇشتىسى، سىماب كۇشتىسى، پۈتۈن بەدەننى كۈچلەندۈرىدىغان ھالۋايى بىزە قاتارلىق ئېسىل دورىلارنى ئىجاد ۋە ئىختىرا قىلىپ خەلقنى داۋالاپ كېسەللىك ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغان.

تەجەللى ھەزرەت «تەجەللى نۇسخىلىرى» ناملىق قول يازما كىتابلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەندىن باشقا، نۇرغۇنلىغان شاگىرتلارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى خەلقىمىزنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشقان. خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسىنىڭ 125ياشلىق مۇدىر ۋىراچى مەرھۇم تۇردى ھاجى، قاغلىقتىن يۈسۈپ ئەپەندى، ياسىن ئاخۇن داموللا، سەيدىنا ئەپەندىم (ئاۋغانىستانلىق)، سادىق مەخسۇم، گۇمىدىن مەھمۇد ھاجى، ئىبراھىم ھاجى، قەشقەردىن يۈسۈپ ھاجى قەشقىرى (سۆھبەتدىشى)، مۇسا ئاخۇنۇم قاتارلىقلار تەجەللىنىڭ تىببى ماھارىتىدىن تەربىيە ئالغان داڭلىق تېۋىبلاردۇر.

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇقادىر ھاجىدا مىزان تىب» ناملىق بىر كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭ باش ۋە ئاخىرقى قىسىملىرىدا تەجەللىنىڭ يەككە دورا رېتسىپى 75پارچىنى ئىگىلىگەندىن باشقا، قۇرۇق يۆتەلنىڭ رېتسىپى ئۈچ پارچە، قورساق ئاغرىقى (ئىچ ئۆتكۈ)، قىزىل، باش ئاغرىقى، بوۋاسىر، باش، قۇلاق، چىش ئاغرىقلىرىغا شىپا بولىدىغان رېتسىپلار بار. چارۋا ماللارنى داۋالاش توغرىسىدىمۇ رېتسىپلار بار.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانى ئالىم ھۈسەيىنخان ئەكبەر (تەجەللى)نىڭ تىبابىتىمىزگە قوشقان تۆھپىسى، ئۆزى ياشىغان دەۋرىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە كىشلەر ئارىسىدا مەدھىيلىنىپ كەلمەكتە.

مۇختار مامۇت مۇھەممىدى 

(بۇ ماقالەمنى تەجەللي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 160 يىللىقىغا، ۋاپاتىنىڭ 81 يىللىقىغا بېغىشلايمەن) 

ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن ئۇيغۇر دېموكراتىك ئەدەبىياتىنى باغلاشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغۇچى ئەدىبلەرنىڭ بىرى، مەشھۇر ئالىم، ئاتاقلىق شائىر، داڭلىق تېۋىپ، مائارىپچى ۋە خىمىك ھۈسەيىنخان ئەكبەر تەجەللى مىلادىيە ھىجرىيە 1262– يىلى (1848– يىلى) ① خوتەن ② ۋىلايەتلىك، قاغىلىق ناھىيە زوڭلاڭ يېزا ئايكەن كەنتىدە ئىسلام دىنىي ئالىمى، ماھىر تېۋىپ قۇتبىدىن شاھ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 

ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە ئاتا– ئانىسى تەجەللىنى مەككىگە بارغان، ئۇ باشلانغۇچ مەلۇماتنى مەككىنىڭ مەدرىسلىرىدە ئالغان. ئوغلىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ئىلىمگە بولغان قىزغىنلىقى ۋە ئىجتىھاتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئاتىسى سەئىد قۇتبىدىن شاھ ئۆز پەرزەنتىنى يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشى قىلىپ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە ھىندىستانغا ئېلىپ بېرىپ ئىمتىھان بەرگۈزۈپ، ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىن كېيىن، دېھلى شەھىرىنىڭ دېھلى دارىلئولۇم مەدرىسىدە، ئاندىن ئىراننىڭ ئىسفاھان دارىلفۇنۇنىدا، ئافغانىستاننىڭ كابۇل دارىلفۇنۇنىدا ئوقۇتىدۇ. تەجەللى ئوقۇش جەريانىدا ئەرەب، پارس، ئوردۇ، ھىندى تىللىرىنى مۇكەممەل ئىگىلىگەندىن تاشقىرى، خىمىيە، تېبابەت، ئىلمىي نۇجۇم، تارىخ، لوگىكا، تىلشۇناسلىق، جۇغراپىيە قاتارلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىپ، يۇقىرى ماھارەت ۋە ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئەدەبىياتقىمۇ قىزغىن ئىشتىياق باغلاپ، دۇنيا ئەدەبىياتى ۋە شەرق كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن پىششىق تونۇشىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەلۇم تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ نەتىجىلىرى بىلەن ‹‹مەۋلىۋى›› ③ لىك ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، مەدرىسنى تاماملىغان تەجەللى ئوقۇش تۈگەتكەندىن كېيىن مەككە، مەدىنە، دېھلى، كابۇل، تېھران، تۈركىيە، ھەتتا روسىيىلەرگىچە بېرىپ ساياھەت ۋە سودا– سېتىق ئىشلىرى بىلەن خېلى بىر مەزگىل تۇرۇپ قالىدۇ. 

تەجەللى ھەج قىلىش ۋە ئىلىم ئېلىش پائالىيەتلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئاتا– ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھىندىستاندىن قايتىش يولىدا پاكىستاننىڭ گىلىگىتقا كەلگەندە ئانىسى بۈبى گۈلسۈم خېنىم ④ بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەركەن دەرياسى باش ئېقىنىنىڭ چاتۇلى يولىدىكى كېچىكتىن ئۆتۈشىدە بارلىق بېساتلىرى دەرياغا غەرق بولىدۇ. تەجەللى قاتمۇقات مۇسىبەت، يول ئازابىدا غەم– قايغۇغا چۆمگەن ھالدا يەركەنگە كېلىپ، ئۇرۇق– تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە چۈشىدۇ. بۇ چاغدا شائىر تېخى يىگىرمە نەچچە ياشلىق يىگىت ئىدى. شۇ چاغدىكى يەركەن ۋالىيسى شائىرنىڭ ئۇلۇغ پەزىلەت– كامالەتلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئاتىسى بىلەن بىرگە ئوردىغا تەكلىپ قىلىدۇ ۋە ئىلىم– مەرىپەت بىلەن تولغان سۆزلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ، كۆپلەپ ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ. شائىرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا يازغان بەزى شېئىرلىرى ۋە باشقا ئەسەرلىرى ئۆلىمالار ۋە زىيالىيلار ئارىسىدا قولدىن– قولغا ئېلىنىپ ئوقۇلىدۇ. شۇنداقلا ئالىملار ۋە ئەدىبلەرگە سۆزلىگەن دىنىي، پەننىي، ئەدەبىي بايانلىرى تىللاردا داستان بولۇپ، ئېغىزدىن– ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىل ئالىيجاناب خىسلىتى ھەر تەبىقە زاتلىرىنى، ئاۋام خەلقىنى مەھلىيا قىلىۋالىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇ يەركەندىكى ‹‹يېشىل مەدرىسە››گە مۇدەررىس بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. نۇرغۇن تالىپلار ئۇنىڭ ئىلىم– مەرىپەت دەرياسىدىن قېنىپ سۇ ئىچىپ، شېئىرىيەت گۈلشەنىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. شۇ چاغلاردا ئۇ يەنە تېبابەتچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، نۇرغۇن بىمارلارنىڭ كېسەلدىن شىپا تېپىشىغا يېقىندىن يار– يۆلەكتە بولىدۇ. يوقسۇزلاردىن ھەق ئالمايدۇ ھەم خىمىيە ئىلمى بويىچىمۇ تەجرىبە– تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى تېبابەتچىلىك بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ سەۋىيىسىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئەپسۇسكى، مۇنداق ئوڭۇشلۇق شارائىت تەجەللىگە ئىنتايىن ئاز ۋاقىت خۇشاللىق ۋە يورۇقلۇق كەلتۈرىدۇ. ئالىمنىڭ ئىلىم– مەرىپەت ئىگىلىرى ۋە خەلق ئارىسىدا مۇنداق چوڭ ئىناۋەتكە ئىگە بولۇشى ئاز ساندىكى مۇتەئەسسىپ، خۇراپىي بىدئەتچىلەرنىڭ يۈرەكلىرىگە ھەسەت ئوتىنى تۇتاشتۇرىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ ئالىمغا بولغان ئۆچمەنلىكى بارغانسېرى كۈچىيىدۇ. ئاخىر ئالىمغا ئىنتايىن رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن زىيانكەشلىك قىلىش كويىغا چۈشىدۇ. تەھدىت، ئەپسانىلەرنى توقۇپ ۋە ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئالىمنىڭ ئىناۋەت ھۆرمىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەتتا، ئالىمنىڭ ئالدىدا يۈزمۇيۈز بىئەدەپلىك قىلىپ، ئۇنىڭ پاك قەلبىنى ئازاب– كۈلپەت خەنجىرى بىلەن جاراھەتلەندۈرىدۇ. مۇشۇنداق ھەسەتخور نادانلارنىڭ غەيۋەت شىكايەتلىرىگە نىشان بولۇپ قالغان نازۇك تەبىئەتلىك، يۈكسەك غەيرەتلىك ئالىم خېلى ئۇزاق مۇددەت يەركەن شەھىرىدە دەرد– ئەلەملەر بىلەن ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ قەلەم شەمشىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئەرەب، پارس، ئۇيغۇر تىللىرىدا قەسىدە– شېئىرلارنى يېزىپ، ھەسەتخورلارنىڭ ئەپت– بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. بۇ قەسىدىلەر ۋە شېئىرلار ئالىمنىڭ ‹‹بەرق تەجەللى››، ‹‹سەبەقە مۇجەللى››، ‹‹دىۋان ئەرەبى›› ۋە ‹‹توھىپەتۇل بەھرەيىن›› قاتارلىق ئەسەرلىرىگە كىرگۈزۈلگەن. 

بۇ ۋاقىتتا ئۇ يېقىن بۇرادىرى مۇتىۋۇللا ئەلەم ⑤ ئاخۇنۇمنىڭ جان– دىل بىلەن قوغدىشىغا ئېرىشىدۇ ۋە بىر مەزگىل خاتىرجەم ھايات كەچۈرۈشكە مۇيەسسەر بولىدۇ. بىراق، مەرىپەت ئەھلىگە ھەسەت قىلىش ۋە دۈشمەنلىك زەھىرىنى چېچىشنى ئۆزىگە كەسىپ قىلىۋالغان ئەبلەخلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى يەنە ئەۋجىگە چىقىدۇ. ھەتتا ئۇلار بۇ ۋاقىتتا ئەينى دەۋردىكى مۇستەبىت ئەمەلدارلارغا تەجەللى ئۈستىدىن نۇرغۇن تۆھمەتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، بەتنام چاپلاپ، ئۇنىڭ خاتىرجەم ھايات كەچۈرۈشىگە تەھدىت سالىدۇ. ئاخىرى ئۇ مۇتىۋۇللا ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ مەسلىھەتى بىلەن يەركەننى تاشلاپ قاغىلىققا يۆتكىلىدۇ. ئالىم مۇتىۋۇللا ئەلەم ئاخۇنۇم باشلىق قاغىلىقتىكى يۇرت مۆتىۋەرلىرى تەجەللىنى قاغىلىق بازىرىدا ئولتۇرۇپ مۇددەرىسلىك قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئالىم ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى بولغان زوڭلاڭ يېزا ئايكەن كەنتىگە ئورۇنلىشىپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، بورا كەنتىدە تۆت يىل تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن خوتەن گۇما ناھىيىسىنىڭ كوھتامغا (ھازىرقى كىلىياڭ) يېزىسىنىڭ دەريا بويىغا ئورۇنلىشىدۇ ۋە سۈپۈرگە ھاجىم دېگەن كىشىدىن 82 تەڭگىگە بىر يۈرۈش ئۆي، يەر، ئورمان سېتىۋېلىپ، بۇ جايدا ئائىلىسى بىلەن يەتتە يىلنى ئۆتكۈزىدۇ. شائىر ھەم خەتتات ئىسمائىل ھاجىمنىڭ قىزى ھەمراخاننى ئوغلى ئوبۇل ھۇداخانغا ئېلىپ بېرىپ، ئىسمائىل ھاجىم بىلەن قۇدا بولۇشىدۇ. بۇ جەرياندا تېۋىپلىق ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كېيىن قاغىلىقتىكى ئۆلىما، يۇرت– مۆتىۋەرلىرىنىڭ تەلىپى بىلەن كىلىياڭ يېزىسىدىكى ئۆينى مۇساق ئاخۇن دېگەن كىشىگە 50 تەڭگىگە سېتىۋېتىپ قاغىلىققا كېلىدۇ. قاغىلىقتىكى بارلىق خەلقلەر ئۇنى مۇددەرىسلىك ياكى خاتىپلىققا ئوخشاش بىرەر خىزمەت ئۆتەشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئەمما، ئالىم ئۇلارنىڭ ياخشى كۆڭلىگە رەھمەت ئېيتىپ، ھاۋالىقراق يېزىلارنىڭ بىرىدە ئىلىم ۋە ئىبادەت بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنى ئاڭلىغان قاغىلىق چارباغ يېزا شور ئېرىق كەنتىدىكى مەرىپەتپەرۋەر شائىر، مۆتىۋەر زات نازارىخان ھاجىم تەجەللىگە ئىخلاس قىلغانلىقتىن، يېڭىدىن ياساپ ئەمدىلا كۆچۈپ چىقاي دەپ تۇرغان يەتتە ئېغىز ئۆي، بىر يۈرۈش باغلىق ھويلىنى ياردەم قىلىدۇ. ئالىم بۇ جايغا چىققاندىن كېيىن، ئايالى بۈۋى مەينىسا خېنىم ۋە ھىندىستاندىن قايتىپ كەلگەن شائىر فۇرقەت بىلەن تېبابەتچىلىك ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنى سەرپ قىلىپ، كۆپلىگەن كىشىلەرگە ئىلىم ئۆگىتىپ، مەدەنىيەت ۋە مەرىپەتنىڭ ئۇرۇقىنى ھەممە يەرگە چاچىدۇ. تەجەللىنىڭ ئىلىم– پەزىلىتى ۋە ئۆلىمالىقتىكى شۆھرىتىدىن خەۋەر تاپقان قەشقەر، يەركەن، پوسكام، گۇما، خوتەن قاتارلىق يىراق– يېقىندىكى بىر قىسىم ئىلىم تەلەپكارلىرى ئۇنىڭ تەربىيىسىگە ھازىر بولۇپ، ئىلىم– مەرىپەت ئۆگىنىپ، ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن باشقا، ئۆز دەۋرىنىڭ خېلى يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشىلىرى دەپ سانالغان پېشقەدەم ئۆلىما مۇددەرىسلەرمۇ ئۆز بىلىملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلىم ئىقتىدارىنى سىناش يۈزىسىدىن تەجەللىنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۇنىڭدىن دەرس ئالىدۇ. مەسىلەن، ئۇنىڭ ئىلمىي ئەدەبىي تەلىماتلىرىدىن ئەڭ سۆيۈملۈك شاگىرتى گۇمىلىق ئابدۇجېلىل داموللا ھاجىم، شۇنىڭدەك ئالىم ۋە ئەدىبلەردىن ئابدۇقادىر داموللا، تاتار ئالىمى مۇسا جارۇللا، يەركەنلىك سالىھ داموللا، زىرىپ قارى ھاجىم، قەشقەرلىك ئابدۇقادىر زىيائى، پوسكاملىق ئىسراپىل داموللام، تۇرپاندىن مۇتىۋۇللا ئەلەم، قاغىلىقتىن ئابدۇۋايىت قازاخۇنۇم ⑥ قاتارلىقلار ئىلھام ۋە روھىي ئوزۇق ئالغان. 

ئۇ ئۆز تېببىي ماھارىتى بىلەن خەلق ئارىسىدىكى ھەر خىل كېسەللەرنى، جۈملىدىن يۈرەك كېسىلى، ئۆپكە، سىل كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈردە داۋالاپلا قالماي، بەلكى، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا بويىچە داۋاسى تېپىلمىغان راك ⑦ (سەرتان) كېسىلىنى يىلان گۆشى (زەھىرى) بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋالاپ ساقايتقان. تەجەللى يەرلىك چۆپ– دورىلارنىڭ خىمىيىۋى تەركىبلىرىنى تەكشۈرۈپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلاپ چىققانلىقى ئۈچۈن، كېسەل كىشىلەرنى كۆپىنچە ئاددىي دورىلار بىلەن داۋالاپ ساقايتقان. 

دورىگەرلىك جەھەتتە، قەدىمكى تېببىي كىتابلاردىكى نۇسخىلار ۋە ئۆزى تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزۈپ چىققان نۇسخىلار ئاساسىدا تەرياك، ھەبىبى زۇفا، ھەبىبى جەۋھىرى، ئازاراقى سىستىرخىنىن كومۇلىچى، پولات كۆشتىسى، سىماب كۆشتىسى، پۈتۈن بەدەننى كۈچلەندۈرىدىغان ھالۋايى بىزە قاتارلىق ياخشى دورىلارنى ئىجاد قىلىپ، خەلقنى داۋالاپ، كېسەللىك ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغان ھەمدە بۇ تېببىي ئەسىرىدىن ‹‹تەجەللى نۇسخىلىرى››، ‹‹شىپايى سىيادادى›› ⑧، ‹‹مۇجەررىباتى تەجەللى›› ⑨، ‹‹شىپايى شەيىخ›› ⑩، ‹‹مۇرەببى تەجەللى›› ⑾ قاتارلىق قوليازما كىتابىنى قالدۇرۇپ كەتكەندىن باشقا، نۇرغۇنلىغان شاگىرتلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى خەلقىمىزنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشقان. خوتەن ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسىدىكى 125 يېشىدا ۋاپات بولغان مۇدىر ۋراچ، داڭلىق پېشقەدەم تېۋىپ تۇردى ھاجىم (مەزكۇرغا 1983– يىلى مۇدىر ۋراچلىق ئۇنۋانى بېرىلگەن ئىكەن) ۋە ئۇنىڭدىن باشقا، داڭلىق تېۋىپلاردىن قاغىلىقتىن يۈسۈپ ئەپەندىم، ياسىن ئاخۇن داموللام، سەيدىنا ئەپەندىم، سادىق مەخسۇم، گۇمىدىن مەھمۇد ھاجىم، ئىبراھىم ھاجىم، قەشقەردىن يۈسۈپ ھاجىم قەشقىرى (سۆھبەتدىشى)، مۇسا ئاخۇنۇم (شاگىرتى) قاتارلىقلار ئۇنىڭ تېببىي ماھارىتىدىن تەربىيە ئالغان تېۋىپلاردۇر. 

تەجەللى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئۆز شاگىرتلىرىنىڭ مەزمۇنلارنى توغرا ئىزاھلاش، توغرا شەرھلەش، چۈشەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش يۈزىسىدىن مۇسۇلمان ئۆلىمالارنىڭ بىر قىسىم مەشھۇر كىتابلىرىنى قايتا ئىشلەپ تولۇقلىغان. يېتەرسىزلىكلىرىنى تۈگىتىپ مۇكەممەللەشتۈرگەن ئاساستا ئۇنىڭغا شەرھ يازغان. ھىجىرىيە 515– يىلى (مىلادىيە 1121– يىلى) ياشىغان خۇراسانلىق مەشھۇر ئالىم ئەللامە زەمەھشەرىنىڭ ‹‹تەپسىرى كەششاف›› ناملىق كىتابىنى يېڭىلاپ يازغان ‹‹تەجدىدى كەششاف›› ⑿ دېگەن ئەسىرى ئەنە شۇ مەقسەتتە قىلغان ئىجادىي ئەمگەكلىرىنىڭ بىرىدۇر. 

تەجەللى جامائەتچىلىككە گەرچە ئاتاقلىق دىنىي ئالىم ۋە مەشھۇر تېۋىپ سۈپىتىدە تونۇلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ خېلى كۆپ ۋاقتى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بېغىشلىنىپ، ئۆز ئانا تىلىدا ئەدەبىيات ۋە تېبابەتكە دائىر مول مەزمۇنلۇق گۈزەل ئەسەرلەرنى ياراتقاندىن باشقا، شېئىرىيەت ساھەسىدىمۇ كۈچ سەرپ قىلىپ ھىندى، ئەرەب، ئوردۇ، پارس، ئۇيغۇر تىللىرىدا كۆپلىگەن غەزەل ۋە قەسىدىلەرنى يېزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەدىئىي تالانتىنى نامايان قىلغان. 

ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى بولغان ‹‹بەرقى تەجەللى››، ‹‹سەبەقە مۇجەللى›› ناملىق دىۋانى ھىجىرىيە 1317– يىلى (مىلادىيە 1899– يىلى) 43 يېشىدا ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن باھاۋۇدۇن باينىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان قەشقەردىكى ‹‹مەتبەئى خۇرشىد›› ⒀ مەتبەئەسىدە 1000 دانە بېسىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ شان– شۆھرىتى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغا، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىياغا قەدەر تارقىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. تەجەللىنىڭ تالانتىغا قايىل بولغان نۇرغۇن يازغۇچى– شائىرلار ئۇنى ئۇستاز سۈپىتىدە تىلغا ئېلىپ، خەت يېزىپ ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق ئالاقىسى ئورناتقان. 

تەجەللىنىڭ قوقانلىق شائىر مۇھى، شائىر زاكىرجان خال مۇھەممەد ئوغلى فۇرقەت ⒁، گۇمىلىق شائىر ئىسمائىل ھاجى قاتارلىقلار بىلەن ئالماشتۇرغان خەتلىرى بۇنىڭ دەلىلىدۇر. تەجەللى مۇھىنىڭ دوستلۇق خېتىگە نەزمە يېزىپ، مۇنداق جاۋاب قايتۇرىدۇ ⒂ . 

ئابى ھايات ئىچكەن كەبى مەسىھ قولىدىن، 

سېنىڭ شېرىن سۆزلىرىڭدىن تىرىلىپ كەتتىم. 

فۇرقەت گويا تولا قەدەھ مەي ئۇزارتقاندەك، 

سېنىڭ لەتىپ مەكتۇبىڭنى بەردى سۆيۈندۈم. 

فۇرقەت قەلبلەر تېۋىپىدۇر دائىم ساق بولسۇن، 

خەت تاپشۇرۇپ بېرەلىدى دىللەرگە شىپاھ، 

سەن ياخشى سۆز بۇلبۇلى سەن سايرا ۋەر مۇدام، 

بۇ ئالەمدە ناۋايىدەك بولۇپ قال يەكتا. 

مانا بۇ جاۋاب خەتتىن تەجەللىنىڭ مۇھىغا بولغان كۆڭۈل ئىزھارى ۋە تەشەككۈرىنى، مۇھىنىڭ نەتىجىسىگە بولغان قايىل بولۇش ھېسسىياتىنى، تىلەكداشلىق پوزىتسىيىسىنى، شۇنداقلا ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر– قويۇقلۇقىنى ھەم بۇ دوستلۇقنىڭ مۇستەھكەملىنىشىدە فۇرقەتنىڭ ۋاسىتىلىك رول ئوينىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. تەجەللىنىڭ شان– شۆھرىتى ئەينى دەۋردە يالغۇز قاغىلىققىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن شەرقىي ئاسىيا، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىياغا قەدەر تارقىلىشى ئۇنىڭ بىر قىسىم دۈشمەنلىرىنىڭ قاتتىق ھەسەتخورلۇقىنى قوزغايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەجەللىنى يوقىتىش كويىغا چۈشكەن بۇ چۈپرەندىلەر ئۆزئارا تېپىشىپ، بۇلۇڭ– پۇشقاقلاردا ئېغىز– بۇرۇن يالىشىپ، تەجەللىگە قارشى بىرلەشمە سۇيىقەست پىلانلاپ، جاي– جايلارغا ئادەم ئەۋەتىپ، تەجەللىنىڭ كىتاب ئەسەرلىرىنى يىغىپ يەركەندە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. 

ئۇنىڭدىن كېيىن تەجەللىنى قاغىلىقتىكى مۇھەممەد نىياز بېگىم دېگەن كىشى يېتىملىقۇم يېزىسىنىڭ كاسكى مەھەللىسىگە تەكلىپ قىلىدۇ. تەجەللى مەرھەمەت قىلىپ كېلىپ بۇ يەردە 25يىلغا يېقىن تۇرۇپ، ھىجىرىيە 1345– يىلى (مىلادىيە 1927– يىلى) رامىزان ئېيىنىڭ 11– كۈنى سەيشەنبە كەچ 73 يېشىدا كېسەللىك بىلەن ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئالىمنىڭ جەسىتى قاغىلىق ناھىيە بازىرى مەركىزىدىن بەش چاقىرىم يىراقلىقتىكى غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان كاسكا مازىرىغا دەپنە قىلىنىدۇ. 

ئالىم ئوتتۇرا بوي، چاچ– ساقاللىرى قويۇق، ئۇستىخانلىرى چىڭ، قاڭشارلىرى ئىنچىكە، چىرايلىق ۋە تۈز، بۇغداي ئۆڭلۈك، گۈلدەك ئېچىلغان تەبەسسۇملۇق، چىرايىدىن مېھىر– مۇھەببەت جۇلالاپ، كۆزلىرىدىن تەپەككۇر نۇرلىرى يېغىپ تۇرىدىغان، جەسۇر ئىرادىلىك كىشى بولۇپ، ئىلمىي مەشغۇلاتى كۆپ، تۇرمۇشى رىيازەت بىلەن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ۋۇجۇدى ئورۇقراق ئىدى. 

تەجەللى ئوغۇللارنىڭ ئۈچىنچىسى بولۇپ، تەجەللىنىڭ ئىككى ئاكىسىنىڭ چوڭىنىڭ ئىسمى سەبدەر ئىلى، كىچىكىنىڭ ئىسمى ھەيدەر ئىلى ئىكەن. ئەنگلىيە ھىندىستاننى ئىشغال قىلغان ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەن، تەجەللىنىڭ ئۆگەي ئانىسى بۈبى خەدىچە خېنىم، تەجەللى ھەزرەتنىڭ ئانا بۆلەك بىر تۇغقانلىرى: مۇنىردىنخان ھەزرىتىم، نۇسرىدىنخان ھاجىم، سەئىد پارۇخخان ھەزرىتىم، مەختۇم خېنىم، مەپىزە خېنىم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. نۇسىردىنخان ھاجىم گۇما ناھىيىسىنىڭ قوشتاغ يېزا ئىسمىسسىلا كەنتىدە ياشاپ ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۇنىڭ نەۋرىلىرىدىن: ئىسراپىلخان بار، قالغان تۆت بىر تۇغقىنىنىڭ ئەۋلادلىرى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ زوڭلاڭ يېزا دۆڭچاقار، ئايكەنت، قاغىچى، قاراڭغۇ ئېغىز قاتارلىق كەنتلەردە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. تەجەللى ھەزرەت ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەن. تۇنجى ئايالىدىن تۆت ئوغۇل، تۆت قىز پەرزەنت كۆرگەن. بۇ ئايالىنىڭ ئىسمى بۈبى مەينىسا خېنىم بولۇپ، زوڭلاڭ مازىرىنىڭ شەيخى يۇنۇس شەيخىمنىڭ قىزى. ئىككىنچى ئايالى زىننەت خېنىم گۇمىنىڭ پىشنا يېزىسىدىن بولۇپ، ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى ئايالىدىن كارامەتنىسا خېنىم ئىسىملىك بىر قىزى بولغان. بىرىنچى ئايالىدىن بولغان بالىلىرىنىڭ ئىسىملىكى: سەئىد ئەبۇلھۇداخان، سەئىد رۇھۇلھۇداخان، سەئىد نۇرۇلھۇداخان، سەئىد زورۇلھۇداخان، قەمەرنىسا خېنىم، بۈبى ئالىي خېنىم، ھاسسانى خېنىم، مەھبۇبە خېنىم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

تەجەللىنىڭ ئىجادىيىتى 19– ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20– ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ نادىر ئۈلگىسى بولۇپ، ئۇ ئەدەبىيات تارىخىمىزدا كلاسسىك ئەدەبىياتىمىز بىلەن يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىمىزنى ئۆزئارا باغلاشتۇرۇپ تۇرغانلىقى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەينى زاماندىكى ئىجتىمائىي ھاياتىنى ھەر تەرەپلىمە يورۇتۇپ بەرگەنلىكىدەك مۇھىم قىممىتى بىلەن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. 

تەجەللى يازغان ئەدەبىيات، تېبابەت، پەلسەپە، دىن ئىلمىگە دائىر كۆپلىگەن مول مەزمۇنلۇق نادىر ئەسەرلەردىن خەلق قولىدا ساقلىنىپ قالغان ‹‹بەرق تەجەللى›› ⒃، ‹‹سەبەق مۇجەللى›› ناملىق 114 بەتلىك چوڭ ھەجىملىك شېئىرىي دىۋانى بىلەن خوتەن، گۇمىدا ياشىغان مەزگىللەردە يازغان شېئىرلىرىدىن جەملەنگەن ۋە 20– ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر يېزىقىدا بۇلغارىيىدە نەشر قىلىنغان ‹‹دىۋان تەجەللى›› ناملىق ئەسىرى ۋە شۇ زاماندىكى تۈركىيە سۇلتانى ئابلىمىت خانغا يېزىپ تەقدىم قىلغان ‹‹رەيىت›› ⒄ ناملىق كىتابى ھەمدە ‹‹دىۋان ئەرەبى›› ⒅، ‹‹مەجمەئەتۇل قەسايئىد›› ⒆، ‹‹سەبدەر نامە›› ⒇، ‹‹تىلسىم ئىشىق››، ‹‹ساقى نامە››، ‹‹مۇراققى كەلىمە شېرىف›› قاتارلىق كىتابلىرى يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىمىزدىكى قىممەتلىك بەدىئىي يادىكارلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ‹‹بەرەقى تەجەللى››، ‹‹سەبەقە مۇجەللى›› ناملىق توپلىمى ئالىمنىڭ ھىندىستاندىكى ئوقۇش مەزگىللىرىدىن تارتىپ تاكى 19– ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرچە، پارسچە، ئەرەبچە ۋە ھىندى تىللىرىدا يازغان شېئىرلىرىدىن مۇجەسسەملەنگەن 17– پارچە قەسىدە، 31– پارچە مۇسەددەس، 15 پارچە ھەر خىل تېمىدىكى شېئىرلىرىدىن ۋە شائىرنىڭ دوستلىرىغا يازغان نەزمىلىك سالام خەتلىرىدىن تەركىب تاپقان لىرىك شېئىرلار توپلىمىدىن ئىبارەت. ئالىم توپلىمىدىكى شېئىرلىرىنى زور ئىجتىھات بىلەن بەدىئىي جەھەتتىن كامالەتكە يەتكۈزگەنلىكتىن، ئەينى ۋاقىتتا ئالىمنىڭ ھايات چاغلىرىدىن باشلاپلا، كونا مەكتەپلەردە ئەدەبىيات دەرسلىكى قىلىپ ئوقۇلغان، ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئوي– پىكىرلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، پەلسەپىۋى مۇلاھىزىسىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، مەنتىقە باغلىنىشچانلىقىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، تىلىنىڭ گۈزەل، نەپىسلىكى، ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرىنىڭ خىلمۇخىل رەڭدارلىقى ھەمدە بەدىئىي سۈپەتلەش ئېلېمېنتلىرىغا باي بولۇش، كۈچلۈك لوگىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇشتەك خۇسۇسىيىتى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. مەسىلەن: 

سەنسىز ئۆلسەم باغ ئارا، ئول باغ مېھنەت تاغىدۇر، 

سەن بىلەن باغ ئىچرە يۈرسەم تاغ جەننەت باغىدۇر. 

(سەن بولمىساڭ باغ ئىچرە يۈرگىنىم بىلەن ئۇ باغ ماڭا زۇلۇمنىڭ تېغىدۇر، سەن بىلەن تاغدا يۈرسەم ئۇ تاغ ماڭا جەننەتنىڭ بېغىدۇر) 

بۇ مىسرالاردىن شائىرنىڭ يۇقىرىقى ھېسسىياتىنى قىسمەن بولسىمۇ چۈشىنىۋېلىش مۇمكىن، شائىر ھۈسەيىنخان تەجەللى بىلىم ئۆگىنىش، مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى خاسىيەتلىك ئىش دەپ بىلىدۇ. ‹‹دۇنياغا كېلىش ۋە ياشاشتىن مەقسەت، بەخت– سائادەت يارىتىش ۋە بىلىم ئېلىش ئۈچۈندۇر›› دېگەن ئىلغار قاراشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۈملىدىن، ‹‹ھايات گۈلىستانىغا››، ‹‹شامالدەك ئۇچۇپ كىرىپ››، ‹‹چىمەن ئىچىدە بەزمە قۇرايلى›› دەپ يېزىپ، ئەجىر ھەم مېھنەت بىلەن ھايات ھۇزۇرىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى تەكىتلەيدۇ. 

مەسىلەن: 

ھەقايىقدە گاھ ئەجدىھادەك ئۇرۇپ دەم، 

مەئارىفدە گاھ ئارسلاندەك يۈرەلىم. 

باھاردا ۋە فايوق غەنىيمەتتۇر ئول كىم، 

چىمەن ئىچرە، بىر بەزمە ئىشرەت قۇرەلىم. 

ھەقىقەت ئىلمىدە ئەجدىھاغا ئوخشاش دەم تارتىپ مائارىپتا يولۋاس سۈپەت يۈرەيلى، باھارنىڭ ۋاپاسى يوق ئۇنى غەنىيمەت بىلىپ، گۈلشەن ئارا ئىشرەت بەزمىسى قۇرايلى). 

تەجەللى 19– ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا يازغان بۇ قەسىدىسىدە ‹‹ھەبىب ئەجەم مازىرى›› ۋە ئۇنىڭ يېنىدا تەسىس قىلىنغان ‹‹ھۈسەينىيە›› مەكتىپىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ھەمدە بۇ ئىككى بىنانىڭ قۇرۇلۇشىدا مەردلىك كۆرسەتكەن مۇسا ھاجىم ۋە ئۇنىڭ ۋەسىيىتى بىلەن بۇ قۇرۇلۇشقا بەل باغلىغان ئوغۇللىرى ھۈسەيىن ھاجى، باھاۋۇدۇن بايلارنى ئىنتايىن يۈكسەك بەدىئىي تىل بىلەن مەدھىيىلىگەن. 

ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ ‹‹بەرق تەجەللى›› ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن ‹‹قارا رەڭ ئاقتىن گۈزەل›› ماۋزۇلۇق قەسىدىسى ئالاھىدە خاراكتېرلىكتۇر. ھۈسەيىنخان بۇ قەسىدىدە ئۆتكۈر پەلسەپىۋى مۇلاھىزىسى ئارقىلىق ‹‹قارا›› بىلەن ‹‹ئاق››نىڭ ئۆزئارا باغلىنىشلىقىنى ۋە زىددىيەتلىرىنى كۆركەم بىر بەدىئىي شەكىلدە ئۇتۇقلۇق ئىپادىلەپ بەرگەن. 

قەسىدىدە ‹‹ئاق››، ‹‹قارا›› سۆزى باشتىن– ئاخىر مەجازى ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللىنىلغان، ئۇنىڭدىن بىز پىشقان بىر پەيلاسوپنىڭ ئىجتىمائىي پەلسەپىۋى ئانالىزلىرىدىن ھادىسە ۋە شەيئىلەرگە بولغان ئوبيېكتىپ باھالىرىنى، مەلۇم قىممەتكە ئىگە ئىلمىي چۈشەنچىلىرىنى ھېس قىلالايمىز. 

تەجەللى ئىجادىيىتىنىڭ خۇسۇسىيىتى ھەققىدە يەنە شۇنىمۇ ئېيتىشقا تېگىشلىككى، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا لىرىك ھېسسىيات چوڭقۇر ئىپادىلەنگەن. ھايات ھادىسىلىرىگە بولغان چۈشەنچە ۋە باھالار بىر قەدەر كەڭ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بولۇپمۇ شائىرنىڭ شېئىرلىرى بەدىئىي سۈپەتلەش ئېلېمېنتلىرىغا باي بولۇش خۇسۇسىيىتى بىلەنمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ. 

بولدى چۈن زەررىن لەۋا سۈبىھ ئاقلىقىدىن نۇرى بار، 

قىلدى ئالەم ئەرسەسىدىن قارا تۈن فەۋجى فىرار. 

كەيمىش ئېردى قارا ئەتلەستىن ھاۋا بىر تەيلىسان، 

ئانى مېھىر ئەتتى زىيا تىرناغى بىرلە تار تار. 

چەشمائى خۇرشىد نۇر ئەمۋاجى بىرلە دەھىرنىڭ، 

يۇپ يۈزىدىن قارسىن كۆزگۈدەك ئەتتى ئابدار. 

(سۈبھى ئاق نۇرىدىن ئالتۇن بايرىقىنى تىكلىگەن ئىدى، ئالەم سەھنىسىدىن تۈننىڭ قارا گۇرۇھى قاچتى. 

قارا ئەتلەستىن پۈركەنجى تون كىيىۋالغان ھاۋانىڭ قارا تونىنى قۇياش نۇر تىرنىقى بىلەن تال تال قىلىپ يىرتىۋەتتى. 

قۇياشنىڭ نۇر دولقۇنلىرى جاھاننىڭ يۈزىدىكى قارىنى (قاراڭغۇلۇقنى) يۇيۇپ، سۈپسۈزۈك ئەينەكتەك روشەن قىلدى). 

بۇ مىسرالاردا قوللىنىلغان ئوخشىتىش، مۇبالىغە، جانلاندۇرۇش، روشەن سېلىشتۇرۇش ۋە ئىلمىي يەكۈن قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر ھەرقانداق كىشىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ. 

ھۈسەيىنخان (تەجەللى)نىڭ ئىجادىيەتلىرىدە پارس تىلىدا يېزىلغان شېئىرلارمۇ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ پارسچە شېئىرلىرىدىن ئۇنىڭ پارس تىلىغا ماھىر كىشى ئىكەنلىكىنى، بۇ تىلدىمۇ ئەسەرلەر يارىتىشقا ئالاھىدە قابىلىيىتى بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 

شائىرنىڭ ‹‹بەرق تەجەللى››، ‹‹سەبەق مۇجەللى›› ناملىق ئەسىرىمۇ ئاساسەن ئىشق– مۇھەببەت تېمىسىدا يېزىلغان بولۇپ، ئاپتور ئۇنىڭدا مۇھەببەتنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ھايات، گۈزەللىكنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئازادلىق، ھۆرىيەتكە ئىنتىلىشتەك ئىلغار ۋە جەڭگىۋار قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ، ئىجتىمائىي تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئادالەتسىزلىك، تەڭسىزلىكنى چوڭقۇر پاش قىلغان. ساداقەت، سەمىمىيەت، مۇھەببەت قاتارلىق ئالىيجاناب ئىنسانىي پەزىلەتلىرىنى ئۇلۇغلاپ، ساختىپەزلىك، زالىملىققا ئوخشاش رەزىل، ئىپلاس قىلمىشلارنى كەسكىن قارىلىغان. 

ئۇ يەنە ‹‹تېببىي ئەزەم›› ناملىق پارسچە تېبابەت كىتابىنى قاغىلىقنىڭ زوڭلاڭدا ياشىغان مەزگىلىدە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان بولسىمۇ، كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يوقىلىپ كەتكەن. 

تەجەللىنىڭ قەبرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ يېڭىلاش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى. تەجەللى دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن، قاغىلىق خەلقى ئالىمغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە ھۆرمىتى بىلەن قەبرىسىنىڭ چۆرىسىگە ياغاچتىن پەنجىرە ياسىغان، قەبرىنىڭ تۆت ئەتراپىغا بىر مو چامىسىدىكى دائىرىنى قورشىغان ھالدا قورۇ– تام ياسىغان ھەمدە قەبرە قورۇسىغا كىرىدىغان چوڭ ياغاچ دەرۋازا بېكىتكەن. ئازادلىقتىن كېيىن، بولۇپمۇ پارتىيە 11– نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3– ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن قاغىلىق ناھىيە بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئالىمنىڭ قەبرىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. بولۇپمۇ پارتىيىنىڭ 11– نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3– ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي سىياسىتى پارلاق نۇرىنى چاچتى. 2– بىناكارلىق ئەترىتىدىكى ئۇستا نەققاشچىلار ۋە يەركەندىن چىققان ئۇستىكارلار قاغىلىقنىڭ بىشېرىق يېزىسىدىكى ئۇستا نەققاشچىلار تەرىپىدىن ئورنى يىتۇپ كېتەي دېگەن مەقبەرىنىڭ ئەسلىگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا سەككىز پۇڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، پىششىق خىش بىلەن ئىككى يېرىم مېتىر ئېگىزلىكتە قورۇ– تام چۆرۈدى. قەبرىنى كۆركەم قىلىپ ياساپ، گۈل– نەقىش چىقىرىپ ياغاچ پەنجىرىنىڭ ئىچىگە ئالدى ھەمدە خىش، سېمونت، پولات چىۋىق بىلەن ئۇيغۇرچە نۇسخىدا قەبرىگە كىرىش ئىشىكى ۋە گۈمبەز چىقاردى ھەمدە چوڭ قاتناش يولىدىن قەبرىگە بېرىش ئۈچۈن، كەڭلىكى تۆت مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 680 مېتىر قىلىپ يول ياسالدى. مەخسۇس بىر كىشىنى قەبرىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا بېكىتتى. 2007 يىلى 10– ئاينىڭ باشلىرىغا قەدەر بۇ جاينى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن، بۇ ناھىيىنىڭ ھەرقايسى يېزىلىرىدىن كەلگەندىن باشقا قوشنا ناھىيە، ۋىلايەتلەردىن بىر قىسىم يازغۇچى، شائىر، مۇخبىرلار، تەتقىقاتچىلار ۋە چەت ئەلدىن ئۇرۇق– تۇغقان يوقلاشقا كەلگەن ساياھەتچىلەردىن بولۇپ، نەچچە ئون مىڭلىغان كىشى بۇ مەقبەرىنى زىيارەت قىلدى. 

شائىر ھۈسەيىنخان تەجەللى خوجا– ئىشانلارنىڭ پىتنە– پاساتلىرىدىن خالىي بولۇش مەقسىتىدە، شائىر ھەم خەتتات ئىسمائىل ھاجىمنىڭ تەكلىپى بىلەن شۇ زاماندا گۇما ناھىيىسىنىڭ كىلىياڭ يېزا كۇتام مەھەللىسىگە كېلىپ، بۇ يەردىكى سۈپۈرگە ئاخۇن دېگەن كىشىدىن بىر يۈرۈش ئۆي ۋە يەر سېتىۋالغان، كۇتام گۇما دەرياسى (تازغۇن دەرياسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بويىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمدىن باشلاپ يىپەك يولىنىڭ بىر تارمىقى مۇشۇ يەردىن كېسىپ ئۆتكەن. بۇ جاينىڭ ناھىيە مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 70 كىلومېتىر كېلىدۇ. تەجەللى مۇشۇ جايدا تۇرغان مەزگىللەردە نۇرغۇنلىغان نادىر ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئىلغار پىكىرلىك زاتلار بىلەن تونۇشقان، ھەمسۆھبەتتە بولغان. ئەتراپتىكى نۇرغۇن دېھقان، چارۋىچىلارنى داۋالاپ ساقايتقان، نۇرغۇن ياشلارنى ئوقۇتقان. تەجەللى كۇتامدا ئالتە يىل تۇرۇپ، 1922– يىلى ئۆيلىرىنى مۇساق ئاخۇن دېگەن كىشىگە سېتىۋېتىپ، قاغىلىقنىڭ كاسكى يېزىسىغا كۆچۈپ كەلگەن. 

تەجەللى ئەسەرلىرىنى قېزىش ئىشلىرىمۇ ياخشى ئىشلەندى. يېقىندىن بۇيان، تەجەللىنىڭ ئاق كېسەل قاتارلىق كېسەللەر ئۈچۈن يازغان 80 پارچىگە يېقىن يەككە دورىلار رېتسېپى ‹‹شىپايى سىيادادى››، ‹‹تەجەللى نۇسخىلىرى››، ‹‹مۇجبەرىباتى تەجەللى›› ناملىق ئەسەرلىرى دوست– بۇرادەرلىرىگە يازغان 280 مىسرادىن ئارتۇق ئەرەبچە، پارسچە، تۈركچە، ئۇيغۇرچە شېئىرىي سالاملىرى ‹‹تۆھپەتۇل بەررەئىن››، ‹‹دىۋان ئەرەبى››، ‹‹بەرق تەجەللى››، ‹‹سەبەق مۇجەللى››، ‹‹مەجمەتۇل قەسەئىد›› قاتارلىق كىتابلىرى ھايات ۋاقتىدا بېشىغا ئورىغان مەللە رەڭ سەللىسى، يېزىقچىلىق ئىشلىرىدا ئىشلەتكەن رەڭ چىلىغان دۈۋىتى، كېسەل داۋالىغاندا راك كېسىلىگە تاماق بەرگەن چىلان ياغىچىدىن ياسالغان تەخسىسى، دورا قۇتىسى ۋە ھاسىسى قاتارلىق نەرسىلىرى تېپىلغاندىن باشقا، ئۇلۇغ ئالىم تەجەللىنىڭ ئاسترونومىيە ئىلمى ھەققىدە يازغان بىر قوليازما كىتابىنى يەركەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتى تاپشۇرۇۋېلىپ ساقلىغان بولۇپ، 1958– يىلى بېيجىڭدىن ئۇيغۇر تارىخىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن خادىملارغا يەركەن مەدەنىيەت– مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى تاپشۇرۇپ بەرگەن. 

قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشر قىلغان ‹‹قەدىمكى ئەسەرلەر تىزىملىكى›› ناملىق كىتابتا يەنە مەۋلانە ھۈسەيىن ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ مىلادى 1894– يىللىرى ‹‹تەمەتىل ھەۋاشى ئىزلەتىل غەۋاش›› ناملىق بىر كىتاب توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەن، بۇنىمۇ مەن ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ كىتابى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن. 

ئۇلۇغ ئالىم تەجەللىنىڭ مەقبەرىسىنىڭ قايتىدىن ياسىلىشى ‹‹تۆت كىشىلىك گۇرۇھ›› تارمار قىلىنغاندىن كېيىن، پارتىيە مىللىي دىنىي سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى. خەلقىمىزنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىي ھاياتىدىكى چوڭ ئىش. بۇ خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى. بولۇپمۇ، ئىلىم سۆيەر، ئەمگەكچان قاغىلىق خەلقىنىڭ يۇرتىنى گۈللەندۈرۈش، ئىلىم– پەننى ئۆگىنىپ، تۆتنى ئىشقا ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىغا زور ئىلھام بەردى. 

نۆۋەتتىكى خۇش خەۋەر شۇكى، ئالىم تەجەللى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىشنى ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئون ئىككى مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتى مەخسۇس تەستىقلىدى. تەجەللىنىڭ مازىرىنىڭ قورۇسىغا قويۇلغان باشقا مېيىتلەر يۆتكىۋېتىلدى. تەجەللى مازىرى بۇ يىل ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان يادىكارلىق قىلىپ تەستىقلاندى. ئۇلۇغ ئالىم تەجەللىنىڭ ‹‹شىپايى سەھىيددى›› ناملىق تېببىي كىتابى نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. 

ئاخىرىدا كىتابخانلاردىن ئۆتىنىدىغىنىم، ئالىم تەجەللىنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى ھازىرغىچە تېپىلمىدى. بولۇپمۇ تېببىي ئىلىمگە دائىر رېتسېپلىرى ئاز تېپىلدى. ئۇلۇغ ئالىم توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى ۋە ھاياتىغا دائىر ماتېرىياللارنى ساقلاپ قويغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 

ئىزاھاتلار: 

تەجەللى— ئەرەبچە سۆز بولۇپ، چاقناپ تۇرغان نۇر، مۇجەللى مۇسابىقە مەيدانىدا بىرىنچىلىكنى ئالغۇچى دېگەن مەنىدە. 

پايدىلانمىلار: 




#Article 258: ھوشۇر ئىسلام (1532 words)


پروفېسسور ھوشۇر ئىسلام 1942 - يىلى 8 - ئايدا تۇغۇلغان. دۆلەت دەرىجىلىك تۆھپىكار مۇتەخەسسىس، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاھىدە تۆھپە قوشقان مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى. ئاساسلىقى كومپيۇتېردا كۆپ خىل يېزىق ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر تېخنىكىسى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. 

ھوشۇر ئىسلام دۆلەتنىڭ «863» پىلانىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر تەتقىقات تۈرى (جەمئىي 6 قارار)گە، دۆلەتنىڭ تەبىئىي پەنلەر تەتقىقات فوندى تۈرى، 7-بەش يىللىق، 8-بەش يىللىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تۈرى قاتارلىق 15 تۈرلۈك پەن تەتقىقات تۈرىنى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 6 تۈر خەلقئارا ئىلغار سەۋىيىگە يەتكەن، تۆت تۈر دۆلىتىمىزدىكى ئىجادىيەت بولۇپ باھالانغان. بىر تۈردە دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بىر تۈردە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؛ 3 تۈردە ئاپتونوم رايوننىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەللەردە 60 نەچچە پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. 7 پارچە دەرسلىك تۈزگەن ۋە تەرجىمە قىلغان. 

ھازىر دۆلەتنىڭ «863» پىلان تۈرى، دۆلەتنىڭ تەبىئىي پەن فوندى تۈرى ئىچىدىكى 6 تۈرلۈك پەن تەتقىقات تېمىسى ئۈستىدە ئىشلىمەكتە. ھوشۇر ئىسلام مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى. ئۇدا 3 يىل ئاپتونوم رايوننىڭ مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسى بولۇپ باھالانغان، دۆلەتنىڭ «8-بەش يىللىق» پىلانى يۇقىرى تېخنىكا بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا، دۆلەتنىڭ گۇئاڭخۇئا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. پروفېسسور ھوشۇر ئىسلام ھازىر جۇڭگو يېزىق ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، شىنجاڭ كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىيەت باشلىقى، شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىيەت باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇتەخەسسىس مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى،  كومپىيۇتېر مۇتەخەسسىسى، دوكتۇر ئاسپىرانىت يېتەكچىسى ھوشۇر ئىسلام 1942-يىلى 20-ئاۋغۇسىت غۇلجا شەھىرى چاپچال ناھىيىسى جاغىستاي يېزىسىدا تۇغۇلغان . بۇ قەدىمى يۇرت چاپچال ناھىيىسى ئىلى دەرياسى بىلەن تەڭرىتاغ تىزمىلىرى ئارىلىقىدىكى 40~50 كىلومېتىرچە يانتۇ تەكشىلىككە، تاغ باغرى ئېتىكىدىكى يېشىل ۋادىغا جايلاشقان بولۇپ، يىراقتىن تارىختىن قالغان، سۈكۈتتە تۇرغان يادنامىدەك تەسىر بېرەتتى. ھەيران قالغىنىم ئاز ئۇچرايدىغان ئۈچ خىل يايلاق ئېكولوگىيىسى، تەبىئى ئەۋزەللىك شۇ ئارىلىقتا تېپىلىدىكەن . سېزىم بويىچە بىر خىل كۆرۈنمەس لىرىكا بېغىشلاپ تۇرىدىغان دەريا دولقۇنلىرى، يېنىدىلا قارىغايلىق، ياۋا گۈللەرگە پۈركەلگەن بىر تەبىئى بوستانلىق، مېۋىلىرىنى كسەلدىن قورۇيدىغان سالقىن تاغ ھاۋاسى، تىرىك سۈزۈك سۇ، مۇنبەت تۇپرىقى، ئىللىق گۈزەل قوينى خۇددى داڭلىق سەيلىگاھ تەبىئەت كۆرگەزمىسىدەك مۇقەددەس، جىلۋىدار، مۇڭلۇق، يېقىملىق تۇيۇلاتتى. كىشىلىرى جۇشقۇن، يۇمۇرىستىك، گەپدان، قورقۇمسىز سالماق، ئاق كۆڭۈل ئۆتكۈر كۆرۈنەتتى . 

ئۇ ئەنە شۇ گۈزەل ۋادىنىڭ ئەركىن قۇشىدەك ئارزۇ-ئارماننى بويلاپ، « پەلەك چاقى» دېگەندەك بىراقلا يىراقلارغا پەرۋاز قىلىپ، ئىلى پېداگوگىكا مەكتىپى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدا فىزىكا كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، 22 يېشىدا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا كېلىپ نەق 17 يىل ئىشلەپ، ياشلىقتىن قىرانلىققا دەۋرىگە قەدەم باسقان تەقدىرىي قىسمەتنى تۇيمايلا قالدى. ئۇ 1981-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا يۆتكىلىپ كېلىپلا يېڭى شارائىتقا غەرق بولۇپ، بىر قاتار كەسپىي، مەمۇرىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى ئۈستىگە ئېلىپ ئىشلەشكە باشلىدى . بولۇپمۇ تەتقىقات، ئوقۇتۇش مەسئۇلىيەت جاۋابكارلىقى ئېغىر خىزمەت بولغاچقا، باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك بېسىم، ئەندىشە، تەقەززالىق ئىچىدە ياشىدى . ئەلۋەتتە نەتىجىلەردىن ئۇلا ئەمەس، خەلقىمىز خۇش بولدى. 

ئۇ خىزمەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق، نەتىجىلىك راۋاجى ئۈچۈن، ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئىلمىي پوزىتسىيىدە بىر قانچە مۇلازىمەت ئامىلىنى توغرا ھەل قىلىپ ماڭالىدى. ۋاقىت، ئومۇمىي پائالىيەت، ئىش ئۈنۈمدارلىقى ؛ يەككە، كۆپ قاتلاملىق ھەم بىرلەشمە تېما ؛ كەسپىي، مەمۇرىي ھەم ئىجتىمائىي خىزمەت ؛ شەخسىي ياكى ئائىلە ھەم كوللىكتىپ ئىشلار قاتارلىق تۆت قاتلامدىكى ئۈچ خىل مۇناسىۋەت باغلىنىشىنى توغرا ماسلاشتۇرۇپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت، جاسارەتتە، تۈنلەرنى تاڭلارغا، خىياللارنى نىشانلارغا، تەسەۋۋۇرنى تەپەككۇرغا ئۇلاپ، پىلانلىق، سىتېمىلىق ئىشلەپ ماڭدى . 

تەتقىقات مەزمۇنى تېمىدىن تېمىغا، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، رايون سەۋىيىسىدن دۆلەت، خەلقئاراغا يۆتكەلگەندە ئەلۋەتتە مۇناسىپ ئىزدىنىش، ئۇسۇل، سەۋىيە، تەپەككۇر ئالدىن يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىدى . بەزى زىددىيەت-خىرىسلىق ئىشلارنى ئازابلىق كەچۈرمىشلىرىنى باشقىلارنى ئاياپ پىنھان تۇتۇپ، باش چۆكۈرۈپ ئىشلىدى . 

ھوشۇر ئىسلام شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر ئاسپىرانت يېتەكچىسى . مەركىزىي كومپارتىيە تەشكىلات بۆلۈمى باشقۇرۇشىدىكى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس ۋە ش ئۇ ئا ر رايونلۇق ئالاھىدە دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ( 500 مىڭ يۈەن ) ئېرىشكەن بىردىنبىر ئازسانلىق مىللەت ئالىمى . 

ئۈچ قېتىم جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېميىسىنىڭ ئاكادېمىلىكىگە كۆرسىتىلگەن نامزات . دۆلەتلىك ئالاھىدە تۆھپىكار مۇتەخەسىس، دۆلەتلىك ئىلغار خىزمەتچى، ئاپتونۇم رايونلۇق مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس ( ئۈچ نۆۋەت )، دۆلەتلىك 10 مۇنەۋۋەر مۇھاجىر خادىمىنىڭ بىرى . ئاپتونۇم رايونلۇق مۇتەخەسىسلەر مەسلىھەتچىلەر كومىتىتى ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق ئىلمىي ئۈنۋان كومىتىتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق كومپىيۇتېر، ئۇچۇر جەمىيئەتلىرىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەم مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك «211 قۇرۇلۇشى » « شىنجاڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى ھەم ئالاقە ئىلمى » نۇقتىلىق پەن قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىسى، دوكتۇر ۋە دوكتۇر ئاشتى تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى، 4 خىل كومپىيۇتېر ئۇچۇر ماگىستىرلىق تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ھەم كۆپ خىل تىل –يېزىقلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى . ئۇ 50 تىن ئارتۇق ئاسپىرانت ۋە ياش تايانىچنى تەربىيىلىگەن . خەلقئارالىق، مەملىكەتلىك ژۇرناللاردا 70 تىن ئارتۇق ماقالە ئېلان قىلغان . ئىككى قېتىم خەلقئارالىق، مەملىكەتلىك يىغىنلارغا رىياسەتچىلىك قىلغان، 15 قېتىمدىن كۆپرەك خەلقئارالىق يىغىنلاردا ماقالە ئوقۇغان . 10 پارچە ئالىي مەكتەپ دەرىسلىكى يازغان . 10 مىڭدىن ئارتۇق كومپىيۇتېر –ئېلىكترون سۆزلۈكلىرىنىڭ ئۆلچەملىك ئاتالغۇسىنى بېكىتىپ چىققان . بۇلار ھەرقايسى ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ . 

ھازىرغىچە دۆلەت «863 » يۇقىرى تېخنىكىلىق تەتقىقات پىلانىدىكى ئىقتىدارلىق ماشىنا تەتقىقات تۈرىدىن يەتتىگە، دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى تەتقىقات تۈرىدىن ئۈچكە، يەنە مەملىكەت ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرلىرى بولۇپ جەمئى 20 تۈرگە يېتەكچىلىك قىلغان . 20 دىن ئارتۇق كۆپ خىل يېزىق ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش يېڭى سىستېمىلىرىنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى ئۇسۇل، يېڭى تېخنىكىلارنى ئوتتۇرىغا قويغان . بۇ مۇۋەپپىقىيەتلىرى بىلەن مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن . ئۈچ تۈردە ئاپتونۇم رايونلۇق پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن . ئالتە تۈر « مەملىكەتلىك تۇنجى ئىجادىيەت » ۋە « خەلقئارالىق ئىلغار سەۋىيە » دەپ بېكىتىلگەن . بەش تۈردە مەملىكەتلىك ئالدىنقى سەۋىيىگە يەتكەن . سەككىز تۈردە مەملىكەتلىك پاتېنىت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن . نۆۋەتتە دۆلەتلىك ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق تەتقىقات تۈرىدىن سەككىزگە يېتەكچىلىك قىلماقتا . 

ئۇ ئازسانلىق مىللەتلەر ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ساھەسىنى ئاچقان . ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى كۆپ خىل يېزىقلىق dos2. 0 دىن dos6. 0 گىچە، windows3. 1/95/98/2000/xp تۈرىدىكى ھەرخىل مەشغۇلات سىستېمىلىرى ۋە يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپ چىققان . ئوخشىمىغان يۆنىلىشتىكى، ئوخشاشمىغان كەڭلىكتىكى كۆپ خىل يېزىقلارنى قوش يۆنىلىشتە ئارىلاشما بىر تەرەپ قىلىشنى ھەل قىلغان . 

ئۇ تۇنجى بولۇپ تەتقىق قىلىپ چىققان ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە چاقىرغۇ ۋە يانفونلار شىنجاڭدا تورلاشتى . ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆلچەملىك توچكىلىق ھەرپ ئامبىرىنى قۇرۇپ، ۋېكتورلۇق ھەرپ، ئۈچ ئۆلچەملىك ئەگرى سىزىقلىق ھەرپ دەرىجىسىگە كۆتۈردى . مېخانىك خەت بېسىش، مىخ مەتبەئە ساھەسىنىڭ ئېلىكترونلۇق ماشىنا، ئاپتوماتلىشىش دەۋرىگە كىرىشىگە زور تۆھپە قوشتى . 

دۆلەت ئىچى-سىرتىدا altay تىل سىستېمىسىدا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرچە ئاۋاز تونۇش سىستېمىسىنى ئىشلەپ چىقتى . ئۇنىڭ 40 مىڭغا يېقىن سۆزلۈكنى تونۇش ئىقتىدارى %95 كە يەتتى . مۇئاۋىن زۇڭلى بۇ سىستېمىنى كۆرۈپ يۇقىرى باھا بەردى . ھوشۇر ئىسلام 10 نەچچە يىللىق جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە يېزىق ئۇچۇرلىرىنىڭ خەلقئارالىق ۋە دۆلەتلىك ئۆلچىمىنى بېكىتىش ۋە ئۇنى unicode غا كىرگۈزۈپ ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈشتە ئالاھىدە تۆھپە ياراتتى . ھازىر يېڭى يېزىقنى ۋە كونا ئۇيغۇر يېزىقى (orkhun) نى خەلقئارالىق ئۆلچەمگە كىرگۈزۈشكە كۈچەۋاتىدۇ . ئۇ تورلاشتۇرۇشتىكى « كۆرۈش، مۇلازىمەتچى، مەلۇمات ئامبىرى » دىن ئىبارەت ئۈچ قەۋەتلىك سىستېما قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى . 

ھوشۇر ئىسلام ۋە ئۇنىڭ شاگىرىتلىرى، خىزمەتداشلىرى 20 نەچچە يىللىق جاپالىق ئەمگىكى نەتىجسىدە، شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەتلەر ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىنى كۆپ مۇھىتلاشتۇرۇش، تورلاشتۇرۇشنى يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈردى . 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرىدىن ياسالغان مەھسۇلاتلار جۇڭگو،شىنجاڭ ھەم چەتئەللەرگە تارقالدى .

كۆپ خىل يېزىق « شىڭ خەن » ۋە «بوغدا » مەتبەئە سىستېمىسى، ئازسانلىق مىللەت ئۇچۇر ئامبىرىنى ئاپتوماتىك شەكىللەندۈرۈش سىستېمىسى، ئۇيغۇرچە ئاۋاز تونۇش-سىتېزلاش سىستېمىسى، « ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېرلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى »، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە چاقىرغۇ، ئىنگىلىزچە-خەنزۇچە –ئۇيغۇرچە ئىلىكترونلۇق لۇغەت، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى «863» ۋە «سەردار » تور بېكەتلىرى، « دەن چىن » ماركىلىق ئۇيغۇرچە –خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە ئېلىكترونلۇق كۇتۇپخانا، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە يانفۇن (ئۈچ خىل )، رادىئو ئىستانسىسى ھۆججەت تور سىستېمىسى، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئېلىكترونلۇق ھۆججەتلىرىنى يوللاش، قوبۇللاش سىستېمىسى، ئۇيغۇرچە ئىشخانا، ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئىمتىھان ئېلىش سىستېمىسى، ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، روسچە linux مەشغۇلات سىستېمىسى قاتارلىقلار . 

ھازىر كومپىيۇتېر كۆپ خىل يېزىقلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى ھەم نەزەرىيىسى ساھەسىدە مەملىكەتلىك ھەم ئاپتونۇم رايونلۇق سەككىز نۇقتىلىق تەتقىقات تېمىسىنى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىياغا يۈزلەندۈرۈش تەتقىقاتىدىن ئىككىنى ئىشلىمەكتە . ئۇ يېتەكلىگەن ستۇدېنىتلارنىڭ كەشپىياتلىرىمۇ ئالاھىدە نەتىجىلىك بولماقتا . 6-نۆۋەتلىك « غالىبلار لوڭقىسى » مەملىكەتلىك سىتۇدېنىتلار ئىلىم-پەن، تېخنىكا ئەسەرلىرى مۇسابىقىسىگە 322 ئالىي مەكتەپتىن 1049 ئەسەر ( شىنجاڭدىن 11 ) قاتناشتۇرۇلغانىدى . شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى 7-لىككە ( مەملىكەت ئىچىدە چىڭخۇادىن قالسىلا 2-لىككە ) ئېرىشكەن . ھوشۇر ئىسلام « مۇنەۋۋەر باغۋەن » مۇكاپاتىغا ۋە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى « رىغبەتلەندۈرۈش »، « تەشكىللەش » مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . 

بۇ مۇسابىقە دەرىستىن سىرتقى پائالىيەت بولغاچقا بەزى چەكىلىمىلەرگە ئۇچرىسىمۇ، ئەمما ئەركىن ئىشلەش ھەم بازار ئىگىلىكىنىڭ تۈرتكىسىدە ھەقىقى قەھرىماننى، ئىقتىدارلىقلارنى سىنايدىغان جەڭگاھتەك رول ئوينايدۇ . بۇ مەنىدىن قارىساق نەتىجىنىڭ قىممىتى يەنىمۇ ئاشىدۇ . مانا بۇ نەتىجىلەرنىمۇ پروفېسسورنىڭ يېتەكچىلىكىدىن ۋە ئەجرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . 

ھوشۇر ئىسلامنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ شۇنداق يۇقىرى باھالارغا ئېرىشىپ، دۆلەت ۋە خەلقئارالىق ئىلىم-پەن مۇنبىرى ۋە ژۇرناللاردا تونۇشتۇرۇلۇشى ئۇنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى، تېخنىكىلىق قىممىتى ۋە نەزەرىيىۋى سەۋىيىدە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . شۇ ۋەجىدىن ئۇ مەملىكەتلىك ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان مۇتەخەسسىس، غەربىي شىمالنى ئېچىشتا تۆھپىسى ئالاھىدە مۇتەخەسسىس، پارتىيە مەركىزىي كومىتىتى تەشكىلات بۆلۈمى ئالاقىلىشىدىغان، يەنە ئاپتونۇم رايونىمىزدا « پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئالاھىدە مۇكاپاتى » غا ئېرىشكەن بىردىنبىر ئازسانلىق مىللەت مۇتەخەسسىس . گوۋۇيۈەن فوندىدىن بەھرىمەن بولغۇچى مۇتەخەسسىس، دۆلەتلىك 10 مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس قاتارلىق ھەرخىل كەسپىي مۇكاپات، يۇقىرى شەرەپ، ئىنئام ۋە مەمۇرىي خىزمەت ئورۇنلىرىغا مۇيەسسەر بۇلالىغان . فاكۇلتىت مۇدىرى ۋە باشقا بىر قاتار مەمۇرىي، ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنىمۇ بىللە ئىشلىگەن . 

يۇقىرىقى نەتىجىلەرنىڭ سان-سۈپىتىدىن ھەم سېلىنما مەھسۇلات نىسبەت قائىدىسىدىن قارىساق، بىر كىشىنىڭ ئەمەس، خۇددى نەچچە ئون كىشىنىڭ، شۇنداقلا سېلىنمىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن ھاسىلات تۇيغۇسى بېرىپ، ھۆرمىتىمىزمۇ شۇنچە ئېشىپ ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايمىز . 

ئادەمنىڭ ئىقتىدارىغا ئىقتىسادىي مۇھىت، قاتتىق دېتال قىسمى سەپلەنسە، مۆجىزە يارىتالىشى مۇمكىن ئىكەن . بىرەر ئىشنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ھامان مەلۇم قوللاشتىن ئايرىلالمايدۇ . پروفېسسور ئېرىشكەن شان-شەرەپ، نەتىجىلەر تەشكىلنىڭ قوللىشى، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، دەۋرىمىزنىڭ مەھسۇلى –نەمۇنىسى . 

ھوشۇر ئىسلامدەك تەبىئى پەن ئالىملىرىمىز، ئوخشاشلا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر، ئىسلاھات-رىقابەت دەۋرىنىڭ پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەقلىي-قۇۋۋەت كارامىتىنى كۆرسىتىپ، مەملىكەتلىك، خەلقئارالىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇرتىمىزنىڭ شان-شۆرىتىنى ئاشۇرۇپ، كەڭ سەپ بويىچە ئىجادىي روھ، جاسارەت ئۇرغۇتىشىدا زور رول ئوينىماقتا . بۇلار ئازسانلىق مىللەت ئىلىم-پەن خادىملىرىنىڭمۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە ئۈلگە-نەمۇنە تىكلەپ بەردى . 

مىجىت ناسىرنىڭ « شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەت تەبىئىي پەن تۆھپىكارلىرى » ناملىق كىتابىدىن ئېلىپ تورغا يوللاندى 




#Article 259: تۇمارىس (192 words)


تارىختىكى« ئايال خاقان تۇمارىس»نىڭ قىسقىچە تارىخى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئانىسى ، ئەقىل-پاراسەتلىك ، باتۇر يۈرەكلىك ،ۋەتەنپەرۋەر تۇران ( 7-ئەسىرگىچە ئۇيغۇرلار تۇران دەپ ئاتالغان )خوتۇن-قىزلىرىنىڭ شانلىق ئۈلگىسى بولغان ،سىر دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ماساجىتلارنىڭ ئايال خاقانى مەلىكە تومېرىس( يەنى ، ئەسلى تۆمۈر بولۇپ،يۇنانچە ئاتىلىشى تۇمارىس، تۆمۈرىس دەپ ئاتىلىپ كەلگەن) ئالپ ئەرتوڭا (تۇران ئېمپىراتۇرلىقىنىڭ خاقانى بولۇپ،دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر خاقانلاردىن بىرى )نىڭ ئەۋرىسى ئىكەنلىكى ئېھتىمالغا ناھايتى يىقىن. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئىران -ئەھمانىلار سۇلالىسىنىڭ پادشاھى كەيكاۋۇس( يۇنانچە كىروس) ماساجىتلارنىڭ ئايال خانى تومېرىسقا ئۆيلىنىش تەكلىپى قويغان،تومېرىس بۇنى رەت قىلغاندىن كيىن، كەيكاۋۇس بۇنى ئۆزىگە ھاقارەت بىلىپ،ماساجىتلارنىڭ يۇرتىغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇرۇشتا تومېرىسنىڭ باش قوماندان ھەم ۋەلىئەھدى بولغان ئوغلى سىيارغاس يارىدار بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن، سىيارغاس ئەسىرلىكىنى ئۆزىگە نۇمۇس بىلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان. ئوغلىنىڭ ئۆلۈمدىن قاتتىق غەزەپكە كەلگەن ئايال خاقان تومېرىس چوڭ بىر قوشۇن بىلەن كەيكاۋۇسقا ھۇجۇم قىلدۇ،رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، شۇ زامانغىچە ،ھىچبىر بۇنداق مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇزۇن ۋە قانلىق ئۇرۇش خېلى زامانغىچە داۋام ئېتىدۇ، ئاخىرى،ماساجىتلار غەلبە قىلىپ ئېران قوشۇنلىرىنىڭ بۆيۈك قىسمى ئۆلۈپ،ئاز بىر قىسمى قېچىپ قۇتۇلىدۇ. مەلىكە تومېرىس ئۆلگەنلەرنىڭ ئارسىدىن كەيكاۋۇسنىڭ جەسدىنى تاپقۇزۇپ،بېشىنى كىسىپ، قان بىلەن تولدۇرۇلغان تولۇمغا ئېسپ قويۇپ؛«مەن غەلبە قىلدىم ھەم ياشاۋاتىمەن! سەن ھىيلە بىلەن ئوغلۇمنى مەندىن ئايرىدىڭ! قانغا تويمىغان قانخور ،ئەمدى مەن سىنى قانغا تويغۇزىمەن!» دەپ ئۆچىنى ئالغانمىش.(مىلادىدىن ئىلگىرى 520-يىلى) 

پايدالانغان ماتېرياللار:




#Article 260: سەئىد جېلىل شەمسىددىن ئۆمەر (846 words)


سىياسەتچى سەئىد جېلىل شەمسىددىن ئۆمەر

سەئىد جېلىل شەمسىددىن ئۆمەر (1211 -1279 ) يۈەن دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان داڭدار سىياسىئون ھەم يۈننەن قاتارلىق جايلارنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي،دىنىي ۋە مەدەنىي مائارىپ ئىشلىرىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان مەشھۇر تارىخىي شەخس ئىدى .

مىلادى 1251 - يىلى مۆڭكۈخان تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن ، ئۆمەر يەنجىڭ ۋې ئۇنىڭغا قاراشلىق ئۈچ ئايماققا باش بۇغ بولغاندا ھەمدە مەركىزى ھۆكۈمەت نامىدىن ھەر قايسى ناھىلەرگىچە بېرىپ يەرلىك مەمۇرى ئەمەلدارلارنىڭ خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ، ئادىل ئىش باشقۇرغانلارنى تارتۇقلاپ ، خىيانەتچى پارخورلارنى جازاغا تارتقان . مۆڭكۈخان سىچۈەنگە يۈرۈش قىلغاندا ، ئۆمەر ئەسكەرلەرنىڭ مائاشى ۋە يېمەك -ئىچمەك تەمىناتىغا مەسئۇل بولۇپ ، غەلبە قىلغانغا قەدەر  تەمىناتنى ئۆكسۈتۈپ قويمىغان .

قۇبلايخان تەختكە چىققاندىن كېيىن ، ئۆمەر يەنجىڭ ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئۈچ ئايماقنىڭ ھەربىي ، مەمۇرىي باش ئەمەلدارى بولغان . جۇڭتوڭنىڭ 2 - يىلى (مىلادى1261 -يىلى ) دىۋان ۋازارەت مۇئەككىلى بولغان . بۇ مۇئاۋىن ۋەزىر بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى مەنسەپ بولۇپ ، ئۆمەرنىڭ دەرىجىسى ئۆسكەنسېرى ئوردىدىكى ئابرويىمۇ تەدرىجى ئۆسۈپ ، خان - ۋەزىرلەرنىڭ قاتلاممۇ قاتلام تارتۇقلىشىغا مۇيەسسەر بولغان .

جىيۈەن 1- يىلى (مىلادى1264 - يىلى )، ئۆمەر شەنشى ، سىچۇەن ئىككى ئۆلكىنىڭ دىۋان مۇئەككىلى بولغان . جىيۈەننىڭ 7 - يىلى (مىلادى 1270 - يىلى ) ئۇ ئىككى ئۆلكىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن ۋە سۇڭ سۇلالىسىنىڭ جيادىڭدىكى قالدۇق قوشۇنلىرى ئۈستىگە يۈرۈش قىلغان ، قۇرۇقلۇق ھەم سۇ يولى بىلەن ئىلگىرلەپ ، سۇڭ سۇلالىسىنىڭ داڭدار ئىككى سانغۇنىنى ئەسىر ئالغان ،ھەم 28 ئۇرۇش كېمىسىنى غەنىمەت ئالغان .

جيۈەن 11 - يىلى (مىلادى 1274 - يىلى ) قۇبلايخان ئۆمەرگە :  دەپ ، ئۇنى يۈننەننىڭ دىۋان مۇئەككىلى قىلىپ تەيىنلىگەن ، بۇ ۋاقىتتا ئۇ 63 ياشقا كىرگەنىدى ، لېكىن ئۇ يۈننەندە 6 يىل جاپالىق ئىشلەپ ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن . جىيۈەن 16 - يىلى (مىلادى1279 - يىلى ) كېسەل سەۋەبى بىلەن 69 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن .

ئۆمەر دىۋان ۋازارەت مۇئەككىلى ھەم دۆلەتلىك مالىيە مەھكىمىسىنىڭ باش ئەمەلدارى بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە ، پۇل چىقىرىش ۋە تارقىتىشنى قاتتىق تىزگىنلەپ ، پۇلنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ، مال باھاسى بىلەن تارقىتىلغان پۇللارنىڭ نىسبىتىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشتەك بىر يۈرۈش چارە - تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ ، دۆلەت مالىيەسىنىڭ مۇقۇملىقىنى ساقلىغان . ئۇ ئۈچ يىل ئىچىدە جۇڭتۇڭ پۇلىدىن ئارانلا 24 تۈمەن تىزىق تارقاتقۇزۇپ ، پۇلنىڭ پاخاللىشىشى بىلەن مال باھاسى ئوتتۇرسىدىكى ئۆتكۈر زىددىيەتنى يۇمشاتقان . ئۇ يەنە دۆلەت تەۋەلىكىدىكى ھەرقايسى غەزىنىلەرگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ،باج كىرىمىنى ئاشۇرۇش ، قالايمىقان پۇل چىقىم قىلماسلىق ، پۇخرالارنى قاقشاتماسلىق ۋە مال باھاسى بىلەن ھايانكەشلىكنى قاتتىق تىزگىنلەشتەك ئۈنۈملىك سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ ، دۆلەت مالىيەسىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىغان .

ئۆمەر داڭدار  مالىيە ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى بولۇپلا قالماي ، بەلكى ھەربىي جەھەتتىن پىشقان ماھىر سىياسەتچى ئىدى . جىيۈەن 12 - يىلى (مىلادى1275- يىلى ) ئۆمەر خان ئوردىسىغا مەكتۇپ يوللاپ ، ھەربىي ئىشلار بىلەن مەمۇرىيەتنى ئايرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ، بۇ ئىش قۇبلايخاننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن مەمۇرى ئەمەلدارلار ئۆز ئالدىغا سىياسەت يۈرگۈزۈشتەك باش - باشتاقلىق ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىلىپ ، ئايغاقچى مەھكىمىسى بىلەن باش ئەمىر لەشكەر مەھكىمىسى ۋاقىتلىق دىۋان مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن ھەم ۋاقىتلىق دىۋان مەھكىمىسىنىڭ ھوقۇقى كۈچەيتىلىپ ، ھەربىي ئەمەلدارلار يەرلىك ھاكىمىيەتلەرنى باشقۇرالمايدىغان بولغان .

ئۆمەر يۈننەنگە ئۆلكە باشلىقى بولغاندا بۇ جايدىكى خەلقنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىپ ، پۇخرالارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالانى ئىگىلەپ ، ئۇلارنىڭ ئىلەپچىقىرىشنى جانلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرىنى ئاڭلاپ  دېگەن . ئۆمەر يەرلىك دېھقانلار بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق سۆھبىتىدە : دەپ سورىغاندا ، دېھقانلار :دەپ جاۋاب بېرىشكەن . ئۆمەر دېھقانلاردىن :  دەپ سورىغاندا ،دېھقانلار : دەپ جاۋاب بېرىشكەن . شۇنىڭ بىلەن .ئۆمەر : دېگەندە ،  دېھقانلار :  دېيىشكەن . ئۆمەر يەنە دېگەندە دېھقانلار بۆكىنى ئاسمانغا ئېتىشىپ ، ناھايىتى خوشال بولۇشقان ھەم ئۆمەرنى ماختاشقان .

ئۆمەر يۈننەننىڭ مەدەنىي - مائارىپ ئىشلىرىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ۋە زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان . يۈننەن چىگرا رايون بولغاچقا ، تارىختىن بۇيانقى ئۇرۇش - نىزالار تۈپەيلىدىن مەدەنىي -مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىي تاپمىغانىدى ، ھەتتا يۈەن دەۋرىنىڭ دەسلىپىگىچە مەكتەپمۇ بولمىغان . جىيۈەن 13 - يىلى (مىلادى 1276 - يىلى ) ئۆمەر شەنچەن ۋىلايىتىنىڭ ۋۇخۇسەن دېگەن يېرىگە بىر مەكتەپ سالدۇرغان ھەم 50 مو يەر ئاجىرتىپ بەرگەن . كېيىن يەنە ئەمەلدارلار يېرىدىن 33 مو يەر ئاجىرتىپ بەرگەن ، بۇ مەكتەپتە ھەر مىللەت پەرزەنتلىرى ئوقۇغان ، شىنجاڭ ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىن ئوقۇتقۇچى ئەكىلىپ دەرس ئۆتكۈزگەن . ئۆمەر ئىلگىرى كېيىن بولۇپ شەنچەن ، دالى ، چۇشيۇڭ ۋە چۇچېڭ قاتارلىق جايلاردا 30 دىن كۆپىرەك مەكتەپ ئاچقۇزغان .يۈننەننىڭ خېلى كۆپ جايلىرىدا مۇسۇلمان رەسەتخانىلىرىنى تەسىس قىلىپ ، ئاسترونومىيە ئىشلىرىنى يولغا قويغان . دوختۇرخانا ۋە دورا دۇككانلىرىنى تەسىس قىلغان . شىنجاڭنىڭ ئىلغار توقۇمىچىلىقىنى يۈننەنگە تارقاتقان ۋە يولغا قوغان .
لېكىن يۈننەندىكى بىر قىسىم جايلارنىڭ يەرلىك مۇتەئەسسىپلىرى ئۆمەر كەلگەندىن كېيىن مەنسىپىدىن ئايرىلىپ ، پۇخرالاردىن نەپ ئالالمىغان ، شۇڭا ، ئۇلار ئۆمەر يىراق ۋىلايەتكە مەسىلە ھەل قىلغىلى كەتكەندە ، پۇرسەت تېپىپ خان ئوردىسىغا بارغان ھەم قۇبلايخانغا  دەپ شىكايەت قىلغان . قۇبلايخان ئۇلارغا :  دەپ ، شىكايەت قىلىپ كەلگەنلەرنى ئۆمەرنىڭ ئۆز قولى بىلەن جازالىشى ئۈچۈن يۈننەنگە پالىغان ، ئەمما ئۆمەر ئۇلاردىن ئۆچ ئالمىغان ،ئەكسىچە ئۇلارغا : دېگەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆمەرگە باش ئۇرۇپ ، ئۆزلىرىنىڭ قايتىدىن ئەمەلگە ئېرىشكەنلىكىگە مەمنۇن بولغان ھەم توغرا نىيەتلىك ئادەم بولۇشقا ۋەدە بەرگەن .

مىلادى 1279 - يىلى ، ئۇ ھازىرقى كۈنمىڭ شەھىرىدە ۋاپات بولغاندا داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ھەم خەلق شائىرلىرى تەرىپىدىن :  دەپ تەرىپلەنىدى . خان ئوردىسىدىن ئۇنىڭغا ،،،،دېگەن ئۇنۋانلار بېرىلگەن . ئۆمەرنىڭ ئەۋلادلىرى 4- نەۋرىسىگىچە يۈننەن مەمۇرىي ئۆلكىسىنى ئىدارە قىلغان . ئۇنىڭ نەسىرىدىن ، ھەسەن ، خوشىن ، مەسئۇد ۋە جەمسىدىن ، ئۇمۇلى قاتارلىق بەش ئوغلى بولۇپ ، ئەڭ يۇقۇرىسى مۇئەككەل (ۋەزىر بىلەن ئوخشاش)، ئەڭ تۆۋىنى باش بۇغ بولغان .

پايدالانغان ماتېرياللار:




#Article 261: تاشكەنت ۋىلايىتى (736 words)


 

تاشكەنت ۋىلايىتى بولسا ئۆزبېكىستان دىكىبىخاھار 2005 نوپۇس بار، تاشكەنتنىڭ 4،450،000 نوپۇسىبار، 15،300 كۇۋادىرات كىلومەتىر دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاخكان، خىمالىكاڭ لىك 41.10°، خارىكى ئۇزۇنلۇك 69°45.

ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى تاشكەنت- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىرىنچى چوڭ شەھەر. تاشكەنت مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردە بەرپا بولۇشقا باشلىغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 262-يىلى پارىس شاھى «ئاتەشپەرەسلىك دىنىنىڭ مۇقەددەس ماكانى» دېگەن كىتاپقا يازغان بېغىشلىمىسىدا تاشكەنت بوستانلىقىنى چاچ دەپ ئاتىغان. مىلادى 6-ئەسىردىكى تۇرك خانلىقى دەۋرىدە، تاشكەنت يۈكسەك تەرەققىي قىلغان سودىسى ۋە قول سانائىتى بىلەن داڭ چىقارغان ھەم شەرق ۋە غەرب سودىسىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولۇپ قالغان.

تاشكەنت مىلادى 8-ئەسىردىن باشلاپ مۇسۇلمانلار شەھىرى بولۇشقا باشلىغان، شۇنداقلا قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم سودا تۈگۈنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

تاشكەنت شەھىرى 1220-يىلى چىڭگىزخان ئىمپېرىيىسىنىڭ خەرىتىسىگە كىرگەن. 13-ئەسىردىن باشلاپ ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ پارىس ئېمپىرىيىسىگە، تېمۇرىيلەر ئىمپىرىيىسىگە، بۇخارا خانلىقىغا ۋە قوقان خانلىقىغا تەۋە بولغان. 1865-يىلى چار روسىيە قوشۇنى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، تۇركىستان رايونىنىڭ پايتەختى بولغان. 1930-يىلدىن باشلاپ تاكى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغىچە ئۆزبېكىستان سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بولغان. 1991-يلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىۋارەن ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بولغان.

تاشكەنت ئۆزبېكىستاننىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى بولۇپ، شەھەر كۆلىمى جەھەتتە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدە موسكۋا، سانت–بېتىربۇگ ۋە كىيېۋدىن قالسىلا 4-چوڭ شەھەر.
تاشكەنت كونا ۋە يېڭى شەھەر دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۇنگەن. مەسچىت ۋە مازار قاتارلىق ئاسارە–ئەتىقىلەر كونا شەھەرگە جايلاشقان.

قايتا قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تاشكەنت زامانىۋىي شەھەر بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە گۈلزارلىق شەھەردۇر. شەھەر قۇرۇشلىرى تولىمۇ رەتلىك، كوچىلىرى ئازادە ، ھەممە يەردە ياپ – يېشىل دەرەخلەر قەد كۆتىرىپ تۇرىدۇ، ماڭدامدا بىر فونتالار ئۇچراپ تۇرىدۇ. يېڭى سېلىنغان تىياتىرخانا، تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى، تەنتەربىيە مەيدانى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ۋە ئىگىز قەۋەتلىك بىنالار شەھەر ھۆسنىگە ھۆسن قوشۇپ تۇرىدۇ.

تاشكەنت ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت شەھىرى بولۇپ، مەملىكەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ۋە توقۇمۇچىلىق ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدۇر. ئاساسلىق سانائەت تارماقلىرىدىن ئېلىكتىر كۈچى، ئاۋىئاتسىيە، ماشىنىسازلىق، مېتالورگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرياللىرى ۋە يېنىڭ سانائەت تارماقلىرى بار. داڭلىق چوڭ كارخانىلاردىن: تاشكەنت چېكاروپ ئايرۇپىلان ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى،« تاشكەنت تەرەكتۇر زاۋۇدى» بىرلەشمە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى زاۋۇدى، توقۇمىچىلىق زاۋۇدى قاتارلىقلار بار. ئاساسلىق ئېكىسپورت تاۋارلىرىدىن يىپەك، پاختا، ئىلمە – توقۇلما بويۇملار، نېفىت، كۆمۈر، مىس ، گۈڭگۈرت، گۈرۈچ شۇنداقلا تېلىۋىزور زاپچاسلىرى، ماشىنا ۋە تەرەكتۇرلار بار.

تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاساسلىق قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، موسكۋا ۋە سىبىريەگە بارىدىغان تۆمۈر يوللار، جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى دۆلەتلەر پايتەختلىرىگە ۋە بېيجىڭغا بارىدىغان ئاۋىئاتسىيە يولى بار. تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىردىنبىر مېترو بار شەھەر بولۇپ مېترو شەھەر ئىچى قاتنىشىنى تولىمۇ راۋانلاشتۇرغان.

تاشكەنتنىڭ مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىمۇ ناھايىتى تولۇق. تاشكەنت شەھرىدە 19 ئالىي مەكتەپ بار، بۇنىڭ ئىچىدە 1920-يىلى قۇرۇلغان تاشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ناھايىتى داڭلىق. تاشكەنت شەھرىدە 200 كۈتۇپخانا، 10 تىياتىرخانا، 8 مۇزېي ۋە كۆرگەزمەخانا بار. تاشكەنت خەلقئارالىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى بولۇپ بۇ شەھەردە ئاسىيا ئافرىقا دۆلەتلىرى كىنو كۆرگەزمىسى ۋە تۈرلۈك خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ.

تاشكەنتتە كوكۇلداش مەدرىسى، كاففال شاش مازىرى، باراقخان مەدرىسىسى، جۇمە مېچىتى قاتارلىق 15-ۋە 16-ئەسىرلەردىكى ئىسلام ئىمارەتلىرى ۋە مازارلار بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى باراقخان مەدرىسى- ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقستاندىكى مۇسۇلمانلار ئويۇشمىسى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ باش مەھكىمىسىدۇر. تاشكەنتتە ئاسارە ئەتىقىلەر كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن موزېيلار ۋە ھازىرقى زامان مېمارچىلىقىنىڭ نەمۇنىلىرى كۆپتۇر.

مۇزېيلار: تاشكەنتتە سەنئەت مۇزىيى، تۆمۇريول مۇزىيى ، ئەمىر تۆمۇر مۇزىيى ۋە دۆلەت تارىخ مۇزىيى قاتارلىق كۆپلىگەن مۇزېيلار بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى سەنئەت مۇزىيى، ئەمىر تۆمۇر مۇزىيى ۋە دۆلەت تارىخ مۇزىيى چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك جايلاردۇر. ئەمىر تۆمۈر موزىيى 1996-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شۇ يىلنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مائارىپ كومىتېتى ئەمىر تۆمۇر يىلى قىلىپ بېكىتكەن. تۆمۈر مۇزېيى ھازىرقى زامان مېمارچىلىقىنىڭ نادىر ئەسىرىدۇر.

ئۆزبېكىستان دۆلەت تارىخ مۇزىيى ئەسلى تاشكەنت ئاممىۋىي موزېيى ئىدى. ئۇشبۇ مۇزېي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ موزېيلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردە تېرمېزدىن ، فاياز توپىدىن تېپىلغان بۇتنىڭ ھەيكىلىمۇ بار. مۇزېيدىكى بىر پارچە رەسىمدىن بۇ رايوننىڭ بۇددا دىنى ۋە ئاتەشپەرەسلىك دىنىدىن ئىسلام دىنىغا ئۆتۈش جەريانىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

خاتىرە مەيدانى: تاشكەنتتىكى ئەڭ ئاساسلىق سەيلىگاھ «خاتىرە مەيدانى »دۇر. 1999-يىلى 3-ئايدا ئۆزبېكىستان زوڭتۇڭى ئىسلام كەرىموف بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، 5-ئاينىڭ 9-كۈنى (ئەسلىدىكى غەلىبە كۈنى)نى «خاتىرە ۋە شەرەپ كۈنى» قىلىپ ئۆزگەرتتى ھەمدە تاشكەنت شەھەر مەركىزىدىكى «نامسىز ئىنقىلاۋىي قۇربانلار مەيدانى» نى «خاتىرە مەيدانى» غا ئۆزگەرتتى. مەيدانغا ھەسرەت چەككەن ئانا ھەيكىلىنى ئورناتتى. بۇ ئارقىلىق فاشىسىزىمغا قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئىنقىلاۋىي قەھرىمانلارنى ۋە ۋەتەننىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن جان پىدا قىلغان ئەجدادلارنى خاتىرلىدى. ھەسرەت چەككەن ئانا ھەيكىلىنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرىدىغان گۈلخان بار. ھەيكەلنىڭ ئىككى قاسنىقىدا مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ياغاچ نەقىشلىق كارىدور بولۇپ، ئۇنىڭدىكى سىموۋول خاراكتىرلىك شەرەپ خاتىرىسىگە فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغانلارنىڭ ئىسمى ئويۇلغان.

تاشكەنت تېلۋىزىيە مۇنارى: تاشكەنت تېلۋىزىيە مۇنارىنىڭ ئىگىزلىگى 375 مېتىر بولۇپ ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ ئىگىز قۇرۇلۇش بولۇپ، دۇنيا بويىچە 9-ئورۇندا تۇرىدۇ. تاشكەنت تېلۋىزىيە مۇنارى تاشكەنتتىكى نامايەندە خاراكتېرلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. تېلۋىزىيە مۇنارى 1978-يىلى سېلىشقا باشلانغان بولۇپ، 1985-يىلى1-ئاينىڭ 15-كۈنى پۇتۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. تېلۋىزىيە مۇنارىنىڭ 100 مېتىردىن 120 مېتىرغىچە بولغان بۆلىكىدە ئايلانما رېستۇران بولۇپ، «قىزىل زال» ۋە «كۆك زال» دەپ ئىككىگە بۆلۇنىدۇ، 120 ئادەم بىرلا ۋاقىتتا تاماقلىنالايدۇ. ئېكىسكۇرسىيىچىلەر تاماق يېگەچ تاشكەنتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلالايدۇ.




#Article 262: مەھمۇد ئۆمەر (213 words)


تۇنجى ئۇيغۇر ئولىمپىك چىمپىيونى مەھمۇد ئۆمەر

مەھمۇد بەدەلجان ئۆمەر ئوغلى 1924-يىلى ئالمۇتا شەھرىدە تۇغۇلغان . باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالمۇتادا  تاماملاپ تىببى ئىنىستىتۇتقا ئوقۇشقا چۈشكەن . 1941-يىلى ئۇلۇغ ئانا ۋەتەن سوقۇشى پارتلىغاندا كېڭەيش ھۆكۈمىتى ئۇنى كىروف نامىدىكى ھەربى تىببى ئۇنىۋېرستېتقا ئوقۇشقا ئېۋەتكەن .1943-يىلى بىر قولىدا داۋالاش سومكىسى يەنە بىر قولىدا قورال ئېلىپ دۇشمەن ئالدىنقى سېپىگە كىرىپ جەڭ قىلغان . ئۇلۇغ ئانا ۋەتەن سوقۇشى غەلبە قىلغاندىن كېيىن ئۇ گېرمانىيەدە ھەربى خىزمەت ئۈتىگەن . ھەربى خىزمەت ئۆتەپ بولغاندىن كىيىن كىروف نامىدىكى تىببى ئۇنىۋېرستېتتە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان ۋە 1953 -يىلى تىببى پەنلەر نامزاتلىق دېسىرتاسىيىسىنى غەلبىلىك ياقىلىغان .

ئۇندىن باشقا ماھمۇد ئۆمەر كوماندىلار ئارا مۇسابىقىدە 5 نۆۋەت يوۋروپا چىمپىيونى ، 3 نۆۋەت دۇنيا چىمپىيونى بولغان .
ماھمۇد ئۆمەر بىلىملىك زىيالى كىشى ئىدى .ئۇيغۇرچە ۋە روس تىلىدىن باشقا يەنە نېمىسچە ۋە لاتىن تىلىنىمۇ ياخشى بىلەتتى. دۇتار چېلىپ ناخشا ئېيتىشنى تولىمۇ ياختۇراتتى . ئۇنىڭ ئىجادى نەتىجىلىرى زور بولۇپ ، پىسىخىكىغا ئائىت نۇرغۇن قىممەتلىك كىتاپلارنى يېزىپ قالدۇرغان . ئۇنىڭ بۇ كىتاپلىرى روسىيە تىببى ئاكادىمىيىدە ساقلىنىپ يۈكسەك باھالارغا ئېرىشكەن .

ماھمۇد ئۆمەر توغۇرلۇق تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئېرىشەي دىسىڭىز  1982-يىلى موسكىۋادا نەشىر قىلىنغان «مەشھۇر كىشىلەر ھاياتى » ياكى « سوۋېت ئولىمپىكى » دىگەن كىتاپلاردىن مەرھۇمنىڭ ئىش ئىزلىرىنى بىلىۋالالايسىز . ئۇ كىتاپ ۋە تەشۋىقات رەسىم  تاختىلىرىدا  مەرھۇم ماھمۇد ئۆمەرنىڭ سۈرىتى  باشقا روس داڭلىق كىشىلىرى بىلەن تەڭ بىرىنجى قۇردىن 3-كىشى بولۇپ تىزىلغان .

پايدىلانغان ماتېرىياللار:




#Article 263: لۇتپۇللا مۇتەللىپ (1615 words)


لۇتپۇللا مۇتەللىپ ـ ئۇيغۇر خەلق شائىرى.

ﺋﻮﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺷﺎﺋﯩﺮﯨﻤﯩﺰ لوﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ 1922-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22-ﻛﯜﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻤﯘتاﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﭼﯜﻧﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﺒﻮﻳﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . 1931 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﮬﯧﺰﯨﻤﺎﺧﯘﻥلوتپۇللانىﺭﻭﺱﯞﻩتاتارﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﺎﻥ ...

لۇتپۇللا 14 يېشىدىن باشلاپلا نادىر شېئىرلارنى يېزىشقا كىرىشكەن بولۇپ ،ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە 23 يىللىق ھاياتىدا «يىللارغا جاۋاپ » خىيالچان تىلەك « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنى ،«پادىشاھ سامورايلىرى ھالسىرايدۇ » « ئەجەل ھودۇقۇشىدا » ناملىق مەشھۇر فېلىيەتونلارنى يېزىپ قالدۇردى ،شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تىلى گۈزەل ،چۈشۈنۈشلۈك ، ئوبرازلىق بولغاندىن سىرىت مىللەتپەرۋەرلىك ، خەلىقپەرۋەرلىك مەزمۇندارلىقى بىلەن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ،ۋە ئۈلگە قىلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا !!

لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1941-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىدا خىزمەت قىلغان، كىيىن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن كۆزگە قادالغان مىخ دەپ ئاقسۇغا يۆتكىۋېتىلگەن ، كېيىن ئاقسۇ گېزىتىدە ئىشلىگەن ۋە بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئىلغار ياشلار بىلەن تونۇشۇپ ، ئاقسۇدا ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان .

لوتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر يېڭى ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن شائىر ، ئەدىب بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ، تىنىچلىقى ، ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا قۇربان بولغان كۈرەشچان ئەزىمەت . بىز مەرھۇمنىڭ قىسقىغىنا ئەمما ئۇلۇغ ھاياتىدا قالدۇرغان ئۆچمەس ئىش -ئىزلىرىنى چەكسىز سېغىش ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەپ ، ياد ئېتىپ تۇرىمىز !

ئەي شىنجاڭ خەلقى، خىزمەتكە دائىم تەييار بول،

ئۈستۈنلۈكلەرنى جانلاندۇرۇشتا ھوشيار بول.

نېمىلەر چۆرگىلىمەكتە جۇڭگو بېشىدا،

خەلقىم، پۇرسەت يەتتى، ھەممىگە تەييار بول.

جەڭ مەيدانىدا غالىب بولماقتىمىز،

قەھرىمانلارغا ياردەم توپلاش كويىدا بول.

ئاخىرقى چوڭ ئۈستۈنلۈكنى ئېلىپ چىقىشقا،

جاھانگىرلارغا توسالغۇ ئۆڭكۈر-غار بول.

تىرىشقىن، خەلقىم، كېچە-كۈندۈز ئىش يولىدا،

ئاداققى دەمدە سائادەتلىك باھار بول.

ياخشى چۈشىنىپ سوۋېت بىلەن دوستلۇقىنى،

كۈرەشتە سەن قەھرىمان، جەسۇر بول.

قەدەم چىقماستىن ئازادلىقنىڭ يولىدىن،

مەھكەم بۇزۇلماس سەپنىڭ قوينىدا بول.

ماڭغىن سائادەت دۇنياسىغا كەڭ ئاتلاپ،

ۋەتەن، ئەل ئۈچۈن قايتماس پىداكار بول.

ئازادلىق يولىنى مەزلۇملارغا ئېچىشقا،

ئۇلارنىمۇ ئىنسان قاتارىغا قېتىشقا.

قاراڭغۇ ماكانغا ساپ چېچشقا،

سۆيۈملۈك خەلقىم، قۇۋۋەتلىك ساپ  نۇر بول.

 
بۇ يىل ئون ئىككى يىل بولۇپ قالدى، ئۇكام،

بۇ، ئەپەندى بولماق مېنى بىر بالاغا سالدى، ئۇكام.

شۇ ئون ئىككى يىل ئىچىدە ساقلىمىنى قىرىپ يۈردۈم،

كەينى يىرتىق چاپانلارنىمۇ كىيىپ يۈردۈم.

لېكىن «ئەپەندى» دېگۈچىلەرنى ھېچ كۆرمىدىم، ئۇكام،

بىر جاۋاب بەرسىڭىزچۇ، «ئەپەندى» دېمەسكە يەنە نېمەم كام؟

غەم يېمەڭ، ئاكا، ئۇنىڭ ئىشى بۇ زاماندا بەك ئاسان،

ھازىر ئۇدۇللا ماگىزىنغا بارىسىز.

ئازراق پۇلىڭىزغا كاستۇمدىن بىرنى ئالىسىز،

يەنە كازبىكتىن يانچۇققا بىرنى سالىسىز،

يەنە ئالىسىز ئاق كۆڭلەك ۋە ئۇزۇن گالىستۇك،

بىر سېرىق شىبلىت كىيىسىز ئاندىن ئۇنى موك.

تاماكىڭىزنى قىڭغىر چىشلەپ يۈرۈۋېرىڭ،

سىزنى «ئەپەندى» دېگۈچىلەرنى كۆرۈۋېرىڭ.

 
قىشلار كەتتى،
كۆكلەم يەتتى.
كۈننىڭ نۇرى 
چېچىلدى.

ئاپئاق قارلار 
ئېرىدى،
دېھقىنىم، باھارنى
سېغىندىڭمۇ؟

بوستانلاردا 
قۇشلار سايراپ، 
ئىشقى-شوقى
بىلەن قاراپ 

دەردلىك كۆڭۈلنى 
ئاچقان 
ئوماق قۇشلارنى
سېغىندىڭمۇ؟

يەر قوينىنى
تىلغاشنى 
بۈگۈن يەنە 
سېغىندىڭمۇ؟

ئېتىزلارنى 
بوستان قىلىپ،
يەر باغرىغا 
پاك كۈچ سېلىپ.

نۇرغۇن ھوسۇل 
ئېلىشنى،
ئەي دېھقىنىم
سېغىنىدىڭمۇ؟

كېچە-كۈندۈز
كەتمەن چېپىپ
قارا يەردىن 
ئالتۇن تېپىپ؛

ماڭلاي تەرنى 
يەرگە سېپىپ 
ئېتىزلارنى
سېغىنىدىڭمۇ؟

تىتىرەك، قارا يىللارنىڭ بىر «دانىشمىنى»(!؟)

بىز ئەمدى ئارقىغا
تاشلىدۇق، بىز يىراققا،

دېگەن چىگىش ئۆتمۈشنى.

ئەقلىڭ بىلەن تەڭشەپ ئۆتمۈش يىللىرىنىڭ،

دەل كۆكسىگە كۈرەش خەنجىرىنى ئۇرساڭ؛

مىڭ بىر بالالار بىلەن چاپلاشتۇرغان سىرلىرى

ئېچىلىدۇ روشەن بولۇپ، قىلنى قىرىق يارساڭ.

ھەممىمىز كۈرەشچان بىز، يىللىرىمىز كۈرەش يىللىرى،

كۈرەشنىڭ نازۇك سىرلىرىنى ئۆگەندى

بىزدەك ئەر-خوتۇن قىز
ئۆتمۈشنىڭ تار يوللىرى قالدى ئارقىدا

ماڭىمىز،ئېچىلىدى 

ئالدىمىزدا داغدام يول ــ ئىز.

كۈرەش، كۈرەش دەپ دائىما تىرىشىپ تۇرساق،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

ھەر قەدەمدە كونا تۇرمۇش بىلەن ئېلىىشپ تۇرساق،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

جاھانگىرلار يەر يۈزىدىن تامام يوقالسا،

مەزلۇم ئەللەر يېڭى ھاياتتىن كەڭ يول ئالسا،

زادى تۈگىمەس سائادەتكە قەدەم قويسا،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

ئۆمەكلىىشپ مەزلۇملار بىلەن بىللە ئىشلىسەك،

ھەقىقەتەن يېڭى يولغا راست كىرىشسەك،

باراۋەرلىك ئۇللىرىنى مەھكەم قۇرساق،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

يوقسۇل، مىسكىنلەر ئەمدى تارتمىسا مۇشەققەت،

ئازادلىقتىن شۇلارغا ياغسا مېھىر-شەپقەت،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

ئېلىمىزدە ئىلىم-مەرىپەت تېشىپ تۇرسا،

دولقۇنلاپ ئۆزىمىزدىن ئېشىپ تۇرسا،

خائىنلار يوللىرى كېسىپ تۇرسا،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئچىلاتتى.

ھەربىر يەردە زاۋۇت-فابرىكا ۋارقىراپ تۇرسا،

تۆمۈر يولدا ئوت ھارۋىلار جارقىراپ تۇرسا،

ھاۋا قۇشلىرى ئۈستىمىزدە غارقىراپ تۇرسا،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

قەھرىمان ياشلار ئەمدى تەييار تۇرسا،

قەھرىمانلارچە ھەربىر ئىشتا ھوشىيار تۇرسا،

قاراڭغۇ بۇلۇڭلارغىمۇ چىراغلار يېقىلسا،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

ئەسكى تۇرمۇش ھەر قەدەمدە ۋەيران بولسا،

ئىسىبداتچى قارا كۈچلەر گۇمران بولسا،

ئوقۇمىغان نادانلار ئەمدى ئىنسان بولسا،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

گۇرۇھ-گۇرۇھ زىيالىيلار قىلسا خىزمەت،

ھەربىر ئېغىر ئىشلارغا قىلسا جۈرئەت،

پۈكسە كۆڭلىگە دائىما توغرا نىيەت، 

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

مىللەتچىلىك يىلتىزىنى يۇلۇپ تۇرساق،

ھەقىقەت دەپ مەيدىمىزنى كېرىپ تۇرساق،

جۇڭگونىڭ ئازادچى ئەللىرى بولساق،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

ھەربىر ئىشتا ئەل خىزمىتىگە ئاساسلانساق،

قۇرۇپ تېخنىكا، ئېغىر ئىشنى ئاسانلاتساق،

تەرەققىيات يولىغا ئەزىز جاننى ئاتىساق،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

مۇتەللىپ، سەن ھەقىقەتنى تارتىنماي سۆزلە،

غەيرەت بىلەن قۇزغۇنلار يوللىرىنى تورا.

بۇ يولداۋارقىرىساڭ ھەيۋەت بىلەن «ھۇررا»

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

يېشل كۆكلەم،سەن پەسىللەر ئەركىسى،
سېغىندىم،سېغىنغاندۇ سېنى ھەر كىشى.
يەنە گۈللەر بۇلبۇل ۋە سۇمبۇللار،
سېنىڭ نەقىش زىننىتىڭدۇر بۇلار ھەممىسى.
يەنە سۇلار،شارقىراتمىلار، شوخ شاماللار،
ئەركىلەپ، سۆيۈپ باغرىڭدا جەۋلان قىلغۇسى.
سۈزۈك تاڭ، سۈزۈك كەچ، ئايدىڭ تۈنلىرىڭ،
ئەمگەك كۈنلىرىڭ سىردىشىدۇر دېھقان بالىسى.
ئېتىز چىرايلىق، ئېتىز قايناق، ئېتىز يېقىملىق،
ئېتىز ئەمگەكنىڭ كەڭتاشا، ئەركىن سەھنىسى.
قۇش-قۇرتلار سازەندە، تورغايلار داپچى،
ئۇرغۇپ جاراڭلار ھەريەردە ئەمگەك نەغمىسى.
چاپ كەتمەننى، تىلغا يەرنى، تەڭكەش قىلىپ،
شۇ سەھنىنىڭ سەنئەتكارى ــ دېھقان ئاممىسى.
ئانىسى ئۇرۇقچى، قىزلىرى سۆرەمدە، ئائىلە ئىشتا،
ھەربىر ئايال ــ داڭدار مېھنەت ئارتىسكىسى.
ئېتىزدە توي، داغدۇىلىق كونسېرتنى قوي،
كۆكلەم ئىشقى ــ ياش شائىرنىڭ ئىلھامچىسى.

چىمەن ــ ئىشچان قىز، زادى ھارمايدۇ،
ئىشلەپ كېچە-كۈندۈز بىكار يۇرمايدۇ.
ئەمگەك يارىتىدۇ، ئاڭا جان ئاتىدۇ،
خۇشاللىلق تاپىدۇ، لايغەزەل بولمايدۇ.

خوراز قىچقارغاندا،تاڭلار ئاتقاندا،
ئىلدام ئېتىزغا قاراپ چامدايدۇ.
ناخشىلار ئېيتىپ، تەرلەر ئاققۇزۇپ،
ئىشلاردا ئۈزۈپ، مۆلچەر قامدايدۇ.

كۈمۈش ئايدىڭلاردا، ساپ ھاۋالاردا،
ئورۇپ ئورمىلار چوڭلاردىن قالمايدۇ.
ئالتۇن باشچىلاردىن ئۈنچىلەر تىزىپ،
سۈرەتتەك قىلىپ باغنى باغلايدۇ.

كەينىدە قالغانلار «ئۇھ» دەپ ھارغانلار،
چىمەن كۈلۈپ قويغاندا ئالغا ئاتلايدۇ.
چىمەنگۈل شۇنداق، بىرىنچى ھەرۋاق،
ئاھ، ھەممە ئامراق «چىمەن» دەپ يادلايدۇ.

تېخى چىمەنگۈل «بەشىنچى» بۇ يىل،
خۇددى ئۇ بۇلبۇل، كىتابقا قارايدۇ.
سەھنىگە چىقىپ ئوقۇساناخشا،
شېئىر يادلىسا، بۇلبۇلدەك سايرايدۇ.

ئوقۇش تۈگىسە، ئاتا-ئانىسى كۆنسە،
يەنە مەكتەپتە ئوقۇشنى ئويلايدۇ.
ئىلىم ئوقۇپ نىيەتكە، چۈشىنىپ سىياسەتكە،
ئەل ئارا خىزمەتكار بىر يوللا بويلايدۇ.

چىمەننىڭ مەقسىتى شۇ، ئاڭا يەتمەكچى ئۇ،
ئېيتىپ «قوزغال» نى خۇشال ئوينايدۇ.
دەۋر چىمەنلىرى بەرگەندە سالام،
مۇتەللىپ يۈرىكىدە ئىلھام قاينايدۇ.

بىز شىنجاڭ ئوغۇل-قىزلىرى، بىز ئۈمىد يۇلتۇزلىرى،
كۈرەش قاينىمىدا ئۆسكەن، كىرسىز-پاك قۇندۇزلىرى.
بىز ئۈمىد يۇلتۇزلىرى،
كەلگۈسىنى كۆزلەيمىز ھامان.

ئالىي بىزنىڭ تىلەكلەر، ئىشچان باتۇر بىلەكلەر،
دائىم ئالغا ئىنتىلىدۇ دولقۇنلاپ ياش يۈرەكلەر.
ئالىي بىزنىڭ تىلەكلەر،
ئالغا ئاتلايمىز تىنماي ھەر زامان.

ناخشا ئېيتىمىز تارتىماي، ۋەتەن يولىدا تىنماي،
بىرلىك سەپتە تەكشى ماڭىمىز، بىر-بىرىمىزدىن قالماي.
ۋەتەن، ئەل يولىدا تىنماي،
قەھرىمانلارچە ماڭىمىز كۆزلەپ مەيدان.

ئېگىز-پەسنى تۈزلەيمىز، يېڭىلىقنى كۆزلەيمىز،

ئېگىز-پەسنى تۈزلەيمىز،
پۈتۈن جۇڭگونى قىلىمىز گۈلىستان.

بىزگە قەدىرلىك ئەمگەك، شۇڭا يېپىىشىمىز بەك،
ئەمگەك بىلەن ھەر ئىشىمىز ئالغا ماڭار دېگەندەك. 
بىزگە قەدىرلىك ئەمگەك،
ئەمگەك بىلەن پەيدا بولار ھۆر ماكان.

بىز كۈرەش يارىتىمىز، بنىز ئۇنىڭغا جان ئاتىمىز،
كۈرەش بىزگە شۇنداق يېقىن، ئۇ ئاتا-ئانىمىز.
بىز كۈرەش يارىتىمىز،
كۈرەش بىلەن كېلىدۇ بىزگە چوڭ دەرمان.

سازىمىزنى قولغا ئېلىپ، بىرلىك پەدىگە چېلىپ،
خەلقئالەم دىققىتىنى ئۆزىمىزگە جەلپ قىلىپ.
بىرلىك پەدىگە چېلىپ،
قويمايمىز يۈرەكتە ھېچ ئارمان.

جەڭ قاينىمىدا قايناپ، جەسۇرانە مەيداندا ئويناپ،
ھەر مىنۇتتا غالىب كېلىپ، ئەزىز تۇپراقنى قوغداپ.
ھەرمىنۇتتا غالىب كېلىپ،
بولىمىز راست ئازادچىل قەھرىمان.

جەڭ قايناملىرى دېڭىزدەك قايناپ تۇرىدۇ،
ئاچ كۆز ياپونلار بىزگە قارشى سويلاپ تۇرىدۇ.
ياغدۇرۇپ بومبا، چېچىشىپ زەھەرلىك گازلار،
يىرتقۇچ ھايۋاندەك قان ئىچىپ، بويلاپ يۈرىدۇ.
شۇ پۇرۇقلىغان چوڭ كۈرەش، مەيدان ئىچىدە،
كۆكرەكلەر كېرىپ بارماقتا بىزنىڭ پارتىزانلار.
سوققىلار بېرىپ ھەر قەدەمدە فاشىستلارغا،
قانلار كېچىشىپ، ئىنتىقام ئالماقتا ئارسلانلار.
تۈن كېچىلىرى ياتمايدۇ دۈشمەننى كۆزلەپ،
قايتىدۇ جەڭدىن ياۋنى يۇملىتىپ يۈزلەپ.
ئالىي بولغاچقا تىلىكى، قىلماي ھېچ نالە،
كېتىپ بارىدۇ ياپوننىڭ ئاكوپىنى تۈزلەپ.
ئېغىرلىقلارغا چىدايدۇ، ئىزدىن تايمايدۇ،
قىزغىن جەڭلەردە ھەرگىز ئارقىغا يانمايدۇ.
ۋەتەننى ئازادلىق-ھۆرلۈككە يەتكۈزمەي تۇرۇپ،
كۈرەش كەۋسىرىن ئىچىپ يۈرىكى قانمايدۇ.
ئەنە قولىدا جۇڭگو ئەلىمى يەلپۈنىدۇ،

باسقۇنچىلارنىڭ يىلتىزىن قۇمۇرۇپ تاشلاشقا
ھەر چامدامدا ئالغا قاراپ تەمشىلىدۇ.
ئىشقا ئاشمايدۇ ياۋنىڭ مەخپىي پىلانلىرى،
چۆچۈتەلمەيدۇ بومبىلاپ ئايروپىلانلىرى.
كۆتۈرەلىسە گەر دۈشمەن كۆككە خۇددى قۇشتەك،
چۈشۈرىدۇ تىك، مەرد جۇڭگو پارتىزانلىرى.

كۈرشنى قىزىتتۇق بىز، ئاخىرقى يېڭىش بىزنىڭدۇر،
كۈرەشكەنسرى چېڭىش، زەپەرلىك سۈرئەت بىزنىڭدۇر.

كۈرەشكەن ھەر فرونتتا، ھەر دائىما بىزلەر يەڭدۇق،
يېڭىشتە ئالغا مېڭىش، كۈچ-قۇۋۋەت بىزنىڭدۇر.

ئەسىر بويى مەزلۇملار زۇلۇم-زۇقۇملار تارتىپ كەلدى،
جاھانگىر-جاللاتلارنى يوق قىلىش نۆۋەت بىزنىڭدۇر.

شۇڭلاشقا بۇ كۈرەشنىڭ قايناملىرىغا چۈشتۇق بىز،
ئازادلىقنىڭ يولىدا چىن غالىبىيەت بىزنىڭدۇر.

بۇ كۈرەش ئىقبالىدىن قايناق تىلەك تاغدەكتۇر،
ئەڭ ئاداققى زور يېڭىش، يېڭى ھايات بىزنىڭدۇر.

جانان ئەيلەر

بۇ كۈرەش مەزلۇملارنىڭ بەختى-تەلىيىن گۈلىستان ئەيلەر،
ئەزگۈچى، قانخور جاھانگىرلارنىڭ باغرىن كېسەر، قان ئەيلەر.

مەزلۇملارنىڭ قۇدرەتلىك بىرلىك كۈچىن يېڭەلمەيدۇ دۈشمەن،
دۇنيادا ۋەھشىيلەر تەختىن قويماستىن چاقار، ۋەيران ئەيلەر.

يورۇقتۇر مەزلۇملار ئىقبالى كۈرەشكەندە ئالغا چامداپ،
گاڭ بىلەكلەر تاۋلانغان، دۇنيانى چاپسان كەڭ مەيدان ئەيلەر.

كۈرەش، ئالغا چامدا، بۇ كۈرەش بەختىڭنى ئاچار، جانان ئەيلەر.

 
ئەي شىنجاڭ خەلقى، خىزمەتكە دائىم تەييار بول،
ئۈستۈنلۈكلەرنى جانلاندۇرۇشتا ھوشيار بول.
نېمىلەر چۆرگىلىمەكتە جۇڭگو بېشىدا،
خەلقىم، پۇرسەت يەتتى، ھەممىگە تەييار بول.

جەڭ مەيدانىدا غالىب بولماقتىمىز،
قەھرىمانلارغا ياردەم توپلاش كويىدا بول.
ئاخىرقى چوڭ ئۈستۈنلۈكنى ئېلىپ چىقىشقا،
جاھانگىرلارغا توسالغۇ ئۆڭكۈر-غار بول.

تىرىشقىن، خەلقىم، كېچە-كۈندۈز ئىش يولىدا،
ئاداققى دەمدە سائادەتلىك باھار بول.
ياخشى چۈشىنىپ سوۋېت بىلەن دوستلۇقىنى،
كۈرەشتە سەن قەھرىمان، جەسۇر بول.

قەدەم چىقماستىن ئازادلىقنىڭ يولىدىن،
مەھكەم بۇزۇلماس سەپنىڭ قوينىدا بول.
ماڭغىن سائادەت دۇنياسىغا كەڭ ئاتلاپ،
ۋەتەن، ئەل ئۈچۈن قايتماس پىداكار بول.

ئازادلىق يولىنى مەزلۇملارغا ئېچىشقا،
ئۇلارنىمۇ ئىنسان قاتارىغا قېتىشقا.
قاراڭغۇ ماكانغا ساپ چېچشقا،
سۆيۈملۈك خەلقىم، قۇۋۋەتلىك ساپ  نۇر بول.

جەڭ قايناملىرى دېڭىزدەك قايناپ تۇرىدۇ،
ئاچ كۆز ياپونلار بىزگە قارشى سويلاپ تۇرىدۇ.
ياغدۇرۇپ بومبا، چېچىشىپ زەھەرلىك گازلار،
يىرتقۇچ ھايۋاندەك قان ئىچىپ، بويلاپ يۈرىدۇ.
شۇ پۇرۇقلىغان چوڭ كۈرەش، مەيدان ئىچىدە،
كۆكرەكلەر كېرىپ بارماقتا بىزنىڭ پارتىزانلار.
سوققىلار بېرىپ ھەر قەدەمدە فاشىستلارغا،
قانلار كېچىشىپ، ئىنتىقام ئالماقتا ئارسلانلار.
تۈن كېچىلىرى ياتمايدۇ دۈشمەننى كۆزلەپ،
قايتىدۇ جەڭدىن ياۋنى يۇملىتىپ يۈزلەپ.
ئالىي بولغاچقا تىلىكى، قىلماي ھېچ نالە،
كېتىپ بارىدۇ ياپوننىڭ ئاكوپىنى تۈزلەپ.
ئېغىرلىقلارغا چىدايدۇ، ئىزدىن تايمايدۇ،
قىزغىن جەڭلەردە ھەرگىز ئارقىغا يانمايدۇ.
ۋەتەننى ئازادلىق-ھۆرلۈككە يەتكۈزمەي تۇرۇپ،
كۈرەش كەۋسىرىن ئىچىپ يۈرىكى قانمايدۇ.
ئەنە قولىدا جۇڭگو ئەلىمى يەلپۈنىدۇ،

باسقۇنچىلارنىڭ يىلتىزىن قۇمۇرۇپ تاشلاشقا
ھەر چامدامدا ئالغا قاراپ تەمشىلىدۇ.
ئىشقا ئاشمايدۇ ياۋنىڭ مەخپىي پىلانلىرى،
چۆچۈتەلمەيدۇ بومبىلاپ ئايروپىلانلىرى.
كۆتۈرەلىسە گەر دۈشمەن كۆككە خۇددى قۇشتەك،
چۈشۈرىدۇ تىك، مەرد جۇڭگو پارتىزانلىرى.

بۇ كۈرەش مەزلۇملارنىڭ بەختى-تەلىيىن گۈلىستان ئەيلەر،
ئەزگۈچى، قانخور جاھانگىرلارنىڭ باغرىن كېسەر، قان ئەيلەر.

مەزلۇملارنىڭ قۇدرەتلىك بىرلىك كۈچىن يېڭەلمەيدۇ دۈشمەن،
دۇنيادا ۋەھشىيلەر تەختىن قويماستىن چاقار، ۋەيران ئەيلەر.

يورۇقتۇر مەزلۇملار ئىقبالى كۈرەشكەندە ئالغا چامداپ،
گاڭ بىلەكلەر تاۋلانغان، دۇنيانى چاپسان كەڭ مەيدان ئەيلەر.

كۈرەش، ئالغا چامدا، بۇ كۈرەش بەختىڭنى ئاچار، جانان ئەيلەر.

 

 




#Article 264: ئەلبانى (727 words)


ئەلبانى

ھىجرىيە 1332-يىلى، مىلادىيە 1914-يىلى، كېيىن ئالبانىيەنىڭ پايتەختى بولغان ئاشكودېرادا بىر كەمبەغەل ئائىلىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى ئەلھەج نۇھ نەججاتى ئەل ئەلبانى ئىستانبۇلدا شەرىئەت ئىلمىدە ئوقۇغان ۋە ئالبانىيەگە ئالىم بولۇپ قايتقانىدى. ئالبانىيە ئاتىزىمنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى دەمەشىققە ھىجرەت قىلىدۇ. بۇ يەردە شەيخ ئەلبانى ئۆزىنىڭ دەسلەپكى تەربىيىلىرىنى تاماملايدۇ ۋە شۇ چاغدىكى مۆتىۋەر ئالىملاردىن ۋە دادىسىنىڭ دوستلىرىدىن قۇرئان، تەجۋىد، ئەرەب تىلى ئىلىملىرى، ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ فىقھىسى ۋە باشقا شاخچە دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىنىدۇ.

شەيخ ئەلبانى ئۇنىڭغا ھەدىس ئىلمىنى ئۆگەتكەن ئۇستازى ئەللامە شەيخ مۇھەممەد رەغىب ئەت تەباغدىن ئۇنىڭدىن ھەدىس رىۋايەت قىلىشقا ئىزنى ئالىدۇ ۋە ئىجازەت(گۇۋاھنامە) ئالىدۇ. شەيخ بۇ ئىجازەتنى مۇختەسەر ئەل-ئۇلۇۋ (72-بەت) ۋە تەخدىر ئەس سەجىد(63-بەت) تە تىلغا ئالغان. ئۇنىڭ يەنە شەيخ باخجەتۇل بەيتار (ئۇنىڭ ئىسنادى ئىمام ئەھمەدكە تۇتىشىدۇ) دىنمۇ مۇشۇنداق ئىجازەت ئالغان. بۇلار مۇھەممەد شەيبانىنىڭ ئەلبانىنىڭ ھاياتى دېگەن ئەسىرىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇنداق ئىجازەت پەقەت ھەدىس ئىلمىدە ناھايىتى ياخشى نەتىجە ئالغان، ناھايىتى ئىشەنچلىك، ھەدىس رىۋايەت قىلسا بولىدۇ، دەپ قارىلىدىغانلارغىلا بېرىلەتتى. بۇ ئىجازەتنىڭ بىر نۇسخىسى ھازىر ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەلى ھەسەن ھەلەبى تەرىپىدىن ساقلانماقتا.

ئۇ دادىسىدىن يەنە سائەت ياساشنى ۋە رېمونت قىلىشنى ئۆگەنگەنىدى، كۆپ ئۆتمەيلا ئۇ بۇ ساھەدە پىشىپ يېتىلىشكە باشلايدۇ ھەم شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئازراق كىرىم قىلىدۇ. ئۇ 20 ياش ئەتراپىدىلا ئەل مەنار ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرى بىلەن ھەدىس ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئىلىملەردە بارا-بارا كۆز-كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. ئۇ ھەدىس ساھەسىدىكى خىزمىتىنى ھافىز ئەل ئىراقىنىڭ داڭلىق ئەسىرى ئەل مۇغنى ئەن ھەملىل ئەسفار فى تەخرىج مە فىل ئىھيا مىنەل ئەخبار دېگەن ئەسىرىگە شەرھ يېزىش بىلەن باشلايدۇ.

ئۇ ھەدىس ۋە ئۇنىڭ شاخچە ئىلىملىرىگە ئىچكىرىلەپ كىرمەكچى بولغاندا دادىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. يەنە كېلىپ، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا ھەدىس ئىلمىگە ئالاقىدار كىتابلار كۆپ ئەمەس بولۇپ، ئاساسەن ھەنەفىي فىقھىسىگە ئائىت كىتابلار بىلەن توشقۇزۇلغان ئىدى. ئەلبانىنىڭ كىتاب سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەيتتى. شۇڭا ئۇ دەمەشىقتىكى داڭلىق كۈتۈپخانا ئەل مەكتەبە ئەد-داھىرىييە دىن، بەزى چاغلاردا كىتابپۇرۇشلاردىن كىتابلارنى ئارىيەتكە ئېلىپ كۆرەتتى.
ھەدىس ئىلمى ئۇنى ئۆزىگە پۈتۈنلەي جەلپ قىلىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەدىس ئۆگىنىشكە بېشىچىلاپ كىرىپلا كېتىدۇ، ئۇ بەزى چاغلاردا دۇكىنىنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ قويۇپ، ئۇدا 12 سائەتلەپ كىتاب كۆرەتتى، پەقەت ناماز ئۈچۈنلا ئىشىنى توختىتىپ سىرتقا چىقاتتى. ھەتتا تاماقنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتى، پەقەت يېنىغا ئازراق ئىچىملىكلا قويۇۋالاتتى.

كۈتۈپخانا ئۇنىڭ تەتقىقاتىنى خاتىرجەم ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ئايرىم بىر ئۆي ئاجرىتىپ بېرىدۇ. يەنە ئۇنىڭغا كۈتۈپخانا ئېچىلىشتىن بۇرۇن كېلىپ كىتاب كۆرۈشى ئۈچۈن كۈتۈپخانىنىڭ ئاچقۇچىدىن بىرنى بېرىدۇ. ئۇ شۇ يەردىكى ئايرىم ئىشخانىسىغا ئەتىگەندىلا كىرىۋالسا تاكى خۇپتەندىن كېيىنگىچە شۇ يەردە بولاتتى. مۇشۇ مەزگىلدە ئۇ نۇرغۇنلىغان ئېسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىدۇ. بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەزىلىرى تا ھازىرغىچە كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكىنى يوق.

شەيخ كىىشلەرگە تەۋھىدنى تارىتىش ۋە سۈننەتنى ئومۇملاشتۇرۇش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان قارشىلىقلارغا ئۇچرايدۇ. لېكىن ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇنى دەمەشىقتىكى نۇرغۇن مۆتىۋەر ئۆلىمالار ئۇنى قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا كۈچلۈك مەدەت بېرىدۇ، بۇلاردىن شەيخ بەھجەتۇل بەيجار، شەيخ ئابدۇلفەتتا ۋە تەۋفىق بەرزەخ رەھىمەھۇللا قاتارلىقلار بار ئىدى.

كېيىن ئۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېتىت مۇئەللىملىرىگە ئەقىدە، فىقھى، ئۇسۇل ۋە ھەدىس ئىلمىدىن دەرس ئۆتۈشكە باشلايدۇ. ئۇ يەنە سۈرىيە ۋە ئىئوردانىيەگە دەئۋەت ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ.
شەيخ ئۆزى ئۇزۇندىن بېرى كۆرۈشۈشنى ئىستەپ كەلگەن ھەدىس ئۇستازى ئەھمەد شاكىر بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەدىس ئىلمى توغرىلىق ناھايىتى قىزغىن سۆھبەتلەردە بولىدۇ.
شەيخ دائىم ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدىكى ناھايىتى نامراتلىق ئىچىدە ئۆتكەن ھاياتىنى ئەسلەپ قالاتتى. ئۇ دائىم كوچىدىكى تاشلىۋېتىلگەن قەغەز پارچىلىرى، باغاقلاردىن تارتىپ يىغىۋېلىپ، ئۇنى ھەدىس خاتىرىلەشكە ئىشلىتەتتى. ئۇ يەنە دائىم كىشىلەر ئىشلىتىپ تاشلىۋەتكەن قەغەز پارچىلىرىنى سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ ئىشلىتەتتى.

ئۇنىڭ ھەدىس ساھەسىدىكى بىر قانچە كىتابى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، شەيخ مەدىنىدە يېڭى قۇرۇلغان بىر ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەدىس دەرسى ئۆتۈشنى قارار قىلىدۇ. ھىجرەتنىڭ 13381-يىلىدىن 1383-يىلىغىچە بولغان مۇددەتتە ئۇ ھەم مەكتەپ باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ تۇرىدۇ.ئاندىن ئۇ بۇرۇنقى قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى قايتىدىن قولىغا ئالىدۇ، دۇكىنىنى ئىنىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزى مەكتەبە ئەد زاھىرىييە دىكى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

ئۇ دەۋەت خىزمىتى بىلەن قاتار، مىسىر، كۇۋەيت، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئىسپانىيە ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ نۇرغۇن قېتىم يۆتكىلىشكە مەجبۇر قىلىنىدۇ. سۈرىيەگە، سۈرىيەدىن ئىئوردانىيەگە، ئاندىن يەنە سۈرىيەگە، ئاندىن بېيرۇتقا، ئاندىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە، ئاندىن ئوممانغا، ئاندىن ئىئوردانىيەگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇنىڭ ھەدىس ئىلمىدە يازغان ئەسەرلىرى 100 پارچىدىن ئاشىدۇ.

ئۇھىندىستانلىق ئۇلۇغ ھەدىس ئالىمى، نەسەئىنىڭ سۇنەن كۇبراغا ۋە مىززىنىڭ تەخفەتۇل ئەشرەفكە شەرھ يازغان شەيخ ئابدۇسسەمەد شەرىفىدىن بىلەن ئۇچرىشىدۇ، كېيىن ئۇلار داۋاملىق خەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ ھەدىس ئىلمى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئالماشتۇرىدۇ. بىر قېتىملىق خېتىدە شەيخ ئابدۇسسەمەد شەيخ ئەلبانىنى شۇ دەۋردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ھەدىس ئالىمى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ناھايىتى كۆپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە داڭلىقراقلىرىدىن: شەيخ ئابدۇل مۇھسىن ئاباد، شەيخ رابى مادالى، شەيخ ھەمدى ئابدۇلمەجىد، شەيخ مۇھەممەد ئىد ئابباسى، دوكتور ئۇمەر سۇلايمان ئەشقەر، شەيخ مۇھەممەد ئىبراھىم شەقرەھ، شەيخ مۇقبىل ئىبن ھەدى ئەل ۋادىيە، شەيخ ئالى خۇشخان، شەيخ مۇھەمەد جەمىل زەينۇ، شەيخ ئابدۇراھمان ئابدۇسسەمەد، شەيخ مەشۇر ھەسەن، شەيخ ئالى ھەسەن ئابدۇلھەمىد ئەل ھەلەبى، شەيخ سەلىم ئەل ھىلالى، شەيخ مۇھەممەد مۇسا نەسىر ۋە شەيخ ھۇسەيىن ئەۋەيشەھ قاتارلىقلار بار.




#Article 265: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر (1696 words)


ﺗﺎﻻنتلىق ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﻰ 1901- ﻳﯩﻠﻰ 2 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺷﻪھىرىدە ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻧﯧﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖﺋﯘﻳﻐﯘﺭ 5 ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻼ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 12 ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺋﻪﺭﻩﭖ، ﭘﺎﺭس ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﻩﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮىنى ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ .

ﺑﯘ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺷﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ، ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﺩﺍﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﯨﻜﻰﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﮬﺎﻛﯩﻤﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ . ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﯘﻧﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﯩﻦ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﭼﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯗ .

ﺋﯚﺯ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﯧﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ ﺭﻭﮬﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖﺋﯘﻳﻐﯘﺭ 1932 - ﻳﯩﻠﻰ 11- ﺋﺎﻳﺪﺍ « ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ » ، « ﺋﺎﭼﯩﻞ » ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰﺋﺎﻕ ﺭﻩﺧﺘﻜﻪ ﭼﻮﯓ ﺧﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﭗ، ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﭼﺎﭘﻼﭖ، ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﯟﯨﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .

ئەي پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر،

سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر. 

بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قۇتقۇزمىساڭ،

ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.

قوپ ! دېدىم، بېشىڭ كۆتۈر! ئۇيقۇڭنى ئاچ!

رەقىبىڭ باشىنى كەس، قانىنى چاچ !

كۆز ئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ،

ئۆلىسەن ئارماندا بىر كۈن نائىلاج .

ھېلىمۇ جانسىزغا ئوخشايدۇ تېنىڭ،

شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۆلۈمدىن غېمىڭ ؟

قىچقارسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن،

ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ ؟!

كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا باق،

ئۆز ئىقبالىڭ ھەققىدە ئويلا ئۇزاق. 

كەتسە قولدىن بۇ غەنىيمەت پۇرسىتى،

كېلەچەك ئىشىڭ چاتاق، ئىشىڭ چاتاق .

ئېچىنار كۆڭلۈم ساڭا ئەي ئۇيغۇرۇم،

سەپدىشىم، قېرىندىشىم، بىر تۇغقىنىم. 

كۆيۈنۈپ ھالىڭغا، ئويغاتسام سېنى،

ئاڭلىمايسەن زادى، نېمە بولغىنىڭ ؟

كېلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن،

تەكتىگە گەپنىڭ شۇ چاغدا يېتىسەن.

شۇندا ئۇيغۇر سۆزىگە تەن بېرىسەن. 

گۈلۈم ئاچىلاي دەيدۇ، 

باشقا سانچىلاي دەيدۇ. 

يارىمنىڭ يۈرەك ئوتى، 

تەنگە يامىشاي دەيدۇ. 

يارىم ماڭا ناز قىلۇر، 

كۈلۈپ مېنى مەست قىلۇر. 

يار قەدرىنى بىلمەيسەن، 

زىمىستاننى ياز قىلۇر. 

يار دەردىدە خۇن بولدۇق، 

تۈگمەنلەردە ئۇن بولدۇق. 

قورقۇنچۇڭدىن قاتتىق تاش، 

بىرلىشەلمەي قۇم بولدۇق. 

ياش تەلەپلەر ئۇخلاشما، 

يار يولىدا پۇتلاشما. 

يارىم ئۈچۈن جان پىدا، 

قەدىمىڭگە مىڭ تىللا.

غەيرەت گۈلۈم ئاچىلغىل، 

ھىممەت يولۇم ئاچىلغىل. 

يارىم ئۈچۈن بەرسەم جان، 

قاچان بولسا بىر ئۆلۈم. 

 

جاھالەت سەمەرەسىدىن بىزگە بىر كۈن كۆپ جاپا باردۇر، 

ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر. 

زاماننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بولۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا، 

بىرىنى شاڭيو سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر. 

ئىلىمنىڭ ئىجتىھادىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر، 

ئوقۇرمىز-ئوقۇتۇرمىز سېغىز چايناشمىز باردۇر. 

تەاۋۇنۇ-تەناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت، 

يېڭى باشنى كۆتۈرگەننى ئۇرۇپ يىققانىمىز باردۇر. 

يەنە يۇرت پايدىسىغا جەمئىي بولماقلىق بەسى مۈشكۈل، 

ئەگەر بىر يەردە توي بولسا، بېرىپ ياتقانىمىز باردۇر. 

ئومۇمنىڭ پايدىسىغا يۈز يىلدا ھەم ئەسلا چۈشەنمەيمىز، 

زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا ئەجەب چاققانىمىز باردۇر. 

بىرى بىر ياخشىلىق قىلسا، ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق، 

ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىنى ئاچقانىمىز باردۇر. 

ئەگەر مىللەت ئۈچۈن بىر پۇل چىقىش كەلسە تاپالماسمىز، 

چىقىمى يوق ناۋا پۇلغا تولا ئىخلاسىمىز باردۇر. 

ئىخۋان ھەم بۇرادەرلىك نىشانى قالمىدى بىزدە، 

مەگەر دوست بولساقمۇ ئەسلى، بۆلەك مۇددىايىمىز باردۇر. 

خاتاەن دوستىمىزدا بىر ئەيىب زاھىر بولۇپ قالسا، 

يوشۇرماي بىرگە ئوننى تېپىپ قاتقانىمىز باردۇر. 

بابالار شۆھرىتى، غەيرىتىنى ھېچ سېغىنماسمىز، 

قېلىپ غەپلەت جاھالەتتە يۇمۇپ كۆز، پو ئاتقانىمىز باردۇر. 

كېرەكسىز مۇستەھەپ ئىشلار ئۈچۈن جاننى پىدا قىلماق، 

ۋە لېكىن ھەجگە باج ئالسا، توزۇپ قاچقانىمىز باردۇر. 

ئويۇن-چاخچاق تۈپەيلىدىن ئۆزئارا بىەپ بولساق، 

ياراشتۇرۇپ قويۇش نەدە، ئارىغا ئوت ياققانىمىز باردۇر. 

خۇشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستىسى ھەم يوقتۇر، 

قۇۋلۇغۇ شۇملۇق بىلەن رەڭمۇرەڭ يالغانىمىز باردۇر. 

ئىت ئۇرغاننى تونۇر دەپ بار ئىدى بىر تەمسىلى، 

لويى، ئامبال ۋە دارىن دەپ سېمىز باققانىمىز باردۇر. 

ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە-ئۈزەر سۇدا، 

مىنىشكە قوتۇر ئېشەك يوق، پىيادە قالغانىمىز باردۇر. 

گۈركىرەپ كەلسە ئاپتوموبىل، نېمە بۇ ئەي خۇدايىم دەپ، 

ئەقىلنى ئىشلىتەلمەي ھاڭ-تاڭ قېتىپ قالغانىمىز باردۇر. 

ھۈنەر بىلەن ساناەتتە يېتىشتۇق ئەمدى ئىش پۈتتى، 

ئۇماچ ئىچمەككە خۇمداندا غېدىر قۇيغانىمىز باردۇر. 

مىسلى جەننەت تاغۇ-دەريانى بېزەشكە يوق كىشى، 

ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ بىغەم ياتقانىمىز باردۇر. 

مۇنەججىم ھەم ئىنژېنېر، ئالىملارنىڭ ئورنىغا، 

تونۇر سەللە، نەپسى بالا موللىمىز-سۇلتانىمىز باردۇر. 

قىزىل كۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىق، 

قىلاي دەپ بەل باغلىغانلارغا تۈرلۈك تۈمەن بۆھتامىنىز باردۇر. 

ئەل-يۇرتنىڭ دەردىگە قىلچىمۇ دەرمان بولمىدۇق بىزلەر، 

كېلۇر بىر كۈن ئاشۇ چاغدا ئورنىغا كەلمەس پۇشمانىمىز باردۇر. 

ئابدۇخالىق بەس، يېتەر ئاۋارە بولما، قاقشىما، 

شۇ چاغ كەلگەندە بىزلەردە ئازابقا تەييار ۋىجدانىمىز باردۇر. 

 

ئەي نىگار، ھىجرىڭدە كۆڭلۈم ئىنتىلىشنى ئىستىمەس، 

مەن خىتاب قىلسام ۋەتەنگە ئىزدىنىشنى ئىستىمەس. 

ئوت بولاتتىم، تولغىناتتىم مەن يېنىپ چاقماسمەن، 

ئەل ئېغىر ياتقۇدا بولدى ھەم بىلىشنى ئىستىمەس. 

ئۇ ئۇزۇن، بۇ قىسقا دەپ ھاۋشىپ يۈرىدۇ بېزىلەر، 

ئوغرى تەگسە ئۆيدە مالغا ئىز تېپىشنى ئىستىمەس. 

ئېھتىياجاتى ئۈچۈن سەن بىر كېڭەش بەرسەڭ ئەگەر، 

بىز بىلۇرمىز دەپ تۇرۇپ ئىجرا قىلىشنى ئىستىمەس. 

ھەممىنىڭ ئەۋلادىدىن قۇللۇقتا بىرسى قالمىدى، 

ئۇيغۇر ئەۋلادى بۇنى ئەسلا سېزىشنى ئىستىمەس. 

يەپ زەھەر بولدى كېسەل، ئەھۋالىدا كوپتۇر خەتەر، 

مىللىتىم جان چىقسىمۇ داۋالىنىشنى ئىستىمەس. 

باشقىلار كۆكتە، دېڭىزدا ئۈزدى شوخ پەرۋاز قىلىپ، 

بىزگە كەلسە بىر قوتۇر ئېشەك مىنىشنى ئىستىمەس. 

ئىزلىدى ھوما قۇشىنى كۈندە ئاسمانغا قاراپ، 

ئىزدىگەنلەر باشىغا ھوما قونۇشنى ئىستىمەس. 

مىللىتىم تارتقان ئازاپغا بۇ كۆڭۈل قانداق چىدار؟ 

ئەل غېرىب ئىڭرايدۇ ئەمما تەۋرىنىشنى ئىستىمەن. 

ئابدۇخالىق قىل سۇبات ئىزدە سىراتىل مۇستەقىم، 

بۇ سۇبات بارىندا دىل ۋەيران كېزىشنى ئىستىمەس. 

مەنزىلى مەقسەت ئۇزاق، تېز ماڭمىدى مىنگەن ئۇلاق، 

تاش قۇراملىقتا مېڭىپ، ئاقساپ يامان بولدى ياداپ. 

ئازغىنا بىر ئىستىراھەتنى قىلاي ھاسىل دېسەم، 

ھېچ ئارام بەرمەس ماڭا تۆت تەرەپتە ئىت قاۋاپ. 

گاھى ئوخشايمەن مۇھىت ئاتلاسىدە بىر كېمىگە، 

تاغ كەبى دولقۇن ئىچىدە خەس كەبى ھالىم خاراب. 

بىر چۆكۈپ بىر چىقىمەن، تۇنجۇقۇپ بىر تىنىمەن، 

كۆرۈنەر ساھىل قاچان، دەپ كۆزلىرىم كەتتى قاماپ. 

ھەققە باغلىدىم دىلىمنى، ئىشقا سالالماي تىلىمنى، 

زوقلىنىپ سوقۇر يۈرەك، مىڭ پارە قىلسىمۇ چاناپ. 

جان ئۆلۈم خەۋپىدە قالدى، كۆزلىرىمدىن ئوت ياندى، 

ئۆلمىسەم غازى ئەگەر، ئۆلسەم شېھىدلەردىن ھېساب. 

ئېقى ئاق، قارىسى قارا، ھەرگىزمۇ ئاق بولماس قارا، 

ئاجرىسۇن مىتن تازا ئالتۇن كۆيۈپ ئوتتا چىداپ. 

كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك، يا ئابدۇخالىق ئۆلگۈلۈك، 

ئىككىنىڭ بىرىگە تۇرماق، ھەر جانغا بولسۇن شۇ خىتاب. 

سېغىنىش

ئەي پەرى سەن كەتكىلى بولدى قاراڭغۇ بۇ جاھان،

مېنى يالغۇز مۇندا تاشلاپ، ئاھ، ئەجەب قىلدىڭ يامان.

كەتمىدى كەتكەندىكى كۆز بېقىشىڭ  ، قاش قېقىشىڭ،

ئىختىيارسىز مەن ئۇزاتتىم، نائىلاج بولدۇڭ راۋان.

مەن ئۇزاتقان يەردە تۇردۇم، سەن كۆزۈمدىن يىتكۈچە،

سەن يوقالغاچ ئايلىنىپ باش، يەر بولدى گويا ئاسمان.

يىغلىغانغا يانمىدىڭ، ئەسلا يېشىمغا باقمىدىڭ،

خەت – خەۋەرمۇ بەرمىدىڭ ئەي پەرى بولدۇڭ قايان؟

يول يىراق، يوق ۋاسىتە دەپ بىكار باھانە ئەيلىمە،

ئوڭىمىزدا بولمىسا، كەلگىل چۈشۈمدە قىل بايان.

سېغىنغانىڭ كېلىدۇ، سۈزۈلۇر شۇنداق جاھان .

ئىنتىزارلىق

بېشىڭنى ئېلىپ كەتتىڭ،

بىرمۇ كەلمىدىڭ ئەي يار.

خېتىڭ يوق، خەۋىرىڭمۇ يوق،

دىققەت، ھەيرىتىم ئارتار.

ھەر كۈنى قاراپ بويلاپ،

مىڭ مەرتەم سېنى ئويلاپ.

يوللاردا سېنى سوراپ،

ئۆيگە قايتىمەن ناچار. 

تۈن، كۆز ئۇيقۇدىن قاچتى،

ئوتى ئۆتۈپ تۇتاشتى.

دەردى ھەددىدىن ئاشتى،

ئەھۋالىم يامان دىشۋار.

كۆزلىرىم قاماپ قالدى،

مۇنتەزىر بولۇپ تالدى.

يارىم شۇنداق ئوت سالدى،

چىقتى پەلەكتە شەرار.

خىيال ئەيلىسەم يېتىپ،

يېنىپ كەلمىدى بېرىپ. 

يۈرەك – باغرىمنى يېرىپ،

ئازاب قىلادۇر بىسيار.

ھەر كۈن يۈز تۈمەن مىڭ ئوي،

يار كۆرسەتۇرمۇ دەپ بوي.

بولدى ماڭا ئۇلۇغ كوي،

دەپ يارىم قاچان قايتار.

كۆز يۇمماي، بولۇر تۈن تاڭ،

ئۇيقۇ كەلمەيدۇ ياتسام.

شۇنداق دەردىڭنى تارتسام،

ئەجەب بولمىدىڭ غەمخار.

ھەر تاڭ ئەرتە تۇرارمەن،

ئىشىكىڭدىن سورارمەن.

بەك ئاۋارە يۈرەرمەن،

كۆرسەت يۈزۈڭنى ئاشكار.

ئىشىكىڭ ئېتىك مەھكەم،

كىرمەككە ئىلاجىم كەم.

ئاچمامسەن بابۇ كەرەم،

جانغا بەرمىگىل ئازار.

كۆرسەتمەمسەن يۈزۈڭنى،

پىنھان قىلىپ ئۆزۈڭنى؟

ئاڭلاتمامسەن سۆزۈڭنى،

ئەيلەپ ئوتقا گىرىپتار ؟

ئۇيغۇر زار – زار يىغلار،

بىرمۇ ئاڭلىماس ئۇل يار.

بولدۇم كويۇڭدا خۇمار،

كىمگە قىلارمەن ئىزھار .

باھار چېچىكىدىن بىر تەسىر 

نازىنىن نازلىق چېچەك، كىملەر ساڭا مەپتۇن ئەمەس، 

گەر نېسىپ بولسا جامالىڭ، كىمدۇر ئۇ مەجنۇن ئەمەس. 

قىش بويى قويۇق بۇلۇت ئاستىدا مۇزلاپ بۇ كۆڭۈل ،

كۈن كۆرەلمەي، تىن سۈرەلمەي غەمگە پاتتى بۇ كۆڭۈل.

بۇ زەئىپ كۆكرەكتە ئۇل يارنىڭ خىيالى مۇتتەسىل؟

كۆيدۈرۈپ كۆپ ئۆرتىدى، كۆپ قالدى سۆزلەردىن بۇ تىل.

كېچە مەن كۆرگەچ چېچەكنى خۇددى كۆرۈشتۈم يار ئىلە،

يىغلىدىم بىئىختىيار ئەرزىمنى ئېيتتىم زار ئىلە.

دېدىم : ئەي مەھبۇبى شاھى، مېنىڭ بۇ ئەرزىمنى ئال،

لۇتفى قىل مۇڭداشقىلى، بىرنەچچە كۈن يانىمدا قال.

ئەرزۇ ھالىمنى ساڭا باشتىن – ئاياغ قىلسام بايان،

دىلدىكى ئارمانۇ ئارزۇيۇم بولغۇسى ئاز – ماز ئايان.

ئەي، پەرىلەر نە ئۈچۈن سىزلەردە يوق، قىلچە ۋاپا؟

كۆيدۈرۈپ مەجنۇن قىلىپ، جانغا قىلۇرسىزلەر جاپا. 

قايتۇرۇڭ لۇتفەن جاۋاب، ئاشىقنىڭ كۆڭلىن تىندۇرۇڭ،

بىۋاپالىق رەسمىنى، ئەھدىنى ئەمدى سۇندۇرۇڭ .

ئاڭلىغاچ ئاقتى چېچەكىمنىڭ كۆزىدىن ياش تارام،

كۆپ پۇشايمانلار يېدىم، ئېيتقان سۆزۈمگە مەن قارام.

كۆزنى باستى قاپقاراڭغۇلۇق، جاھان زۇلمەت بولۇپ،

ئىختىيارسىز كۆزلىرىمدىن ئاقتى قانلىق ياش تولۇپ.

كۆيدى ئۇل شاھى چېچەك ھالى پەرىشانىم قاراپ،

سورىدى : «ئەي بىچارە ئاشىق، نە ئۈچۈن ھالىڭ خاراب؟...»

يىغا قايناپ بۇ تىلىم سۆزلەرگە ھالى يوق ئىدى،

ئۇدۇلۇمدا ئۇل چېچەك خۇددى قىزىل بىر چوي ئىدى. 

دېدى: «ئەي بىچارە، مىسكىن، يىغلىما، ھالىڭ دېگىل،

بىلگىنىمچە مۇڭدىشاي، بولسۇن پىدا جانۇ ۋە دىل.»

يىغلىبان دېدىم : «پەلەك باشىمغا نە كوي سالمىدى،

يىغلىماقتىن تاشقىرى بەندەڭدە ھېچ كوي قالمىدى.»

دېدى : «ئەي نادان، بىلەمسەن تاش باغىردۇر بۇ پەلەك،

كۆرمىدىڭمۇ ئۈندۈرۈر ئۇ بىر پەلەكتىن مىڭ خەمەك.»

قايدىسەن 

ئەي، ماڭا ئوتلار سېلىپ، ئەقلىمنى ئالغان قايدىسەن؟

بېشىمغا غەم ياغدۇرۇپ، كويلارغا سالغان قايدىسەن؟

بارمىدى يا بىر ئۆچۈڭ، يالغۇز ماڭا يەتتى كۈچۈڭ،

يوقلىمايسەنغۇ كېلىپ، تۈنلەردە بالىجان قايدىسەن؟

بۇ جاھان تار كەلدىمۇ، ھەمراھ بولۇش ھار كەلدىمۇ،

دەردى دەۋران ئۈستىگە ئىشقىڭنى قوشقان قايدىسەن؟

سەنسىز زۇلمەتتۇر جاھان، نۇر ئېمەر سەندىن قاچان،

سەن ئۈچۈن تىكىلدى جان، بولمامسەن قالقان، قايدىسەن؟

قىل باھار

ئىچ پۇشۇپ كۆڭلۈم يېرىم ، يار كەلمىدى دەپ خارۇ زار،

يوق ۋۇجۇدۇم خۇشلۇقى، بولدى خىيالىم تارۇ مار.

دەسلىپى يالغۇز غېرىب، ئەلۋەتتە يالغۇز كەچكىچە، 

قايسى ياقتىن يار كېلۇر، دەپ جىق يولىغا ئىنتىزار.

كاشكى تۈنلەردە جانىم قىلسىچۇ ئەرزۇ جامال،

ياكى توختاتسا پالان چاغ كۆرۈشكەيمىز، دەپ قارار.

ۋاقىتنى ساقلاپ كۆڭۈلگە ھاي بېرىپ : «سەن ساقلا» دەپ، 

بۇ ئۈمىد بىرلە كۆڭۈل بەلكى كەچۈرگەي روزىغار.

قايسى كۈن كىردى سارايىغا يەنە بىر چىقمىدى،

باقمىدى قايتىپ مېنىڭ ھالىمغا ئۇ شەپقەت شوئار .

ياكى بولماس بارغىلى ئورداڭنىڭ ئالدىغا جېنىم،

پاسىبانلىقتا تۇرۇپتۇ قانچە – قانچە ئەجدىھار.

بويلىغان بىرلە يىراقتىن زەررىچە يوق پائىدە،

ياكى بولمايسەن راۋاقتىن بەزى – بەزى ئاشكار.

بىۋاپا ياردىن ئۈمىد ئۈزگىل، دېسەممۇ گاھىدا،

شەۋقى بارغانچە ئاشۇر يوقتۇر كۆڭۈلگە ئىختىيار.

مەيلى يوق، زوقى كۆڭۈل ياردىن بۆلەك ھېچ ئۆزگىگە،

يوق بۇ چاغدا بىر رەپىق ياكى غېمىمگە غەمگۇزار.

مەستۇ مەدھوشتۇر كۆڭۈل يارنىڭ پىراقىدا ھامان،

بولمىسا قانداقسىگە بولغاي كۆڭۈللەر ھوشيار.

بىلمىدىم، مەن ھەم ئۇنىڭ يادىدا بارمۇ ياكى يوق، 

ياكى كەلسەممۇ بىلىندۈرمەي قىلامدۇ ئۇ ۋىقار .

ياكى ئۆزۈمنى بىلمىدىم ياكى خىيالىنى نەتەي، 

مەن تەرەددۇت بىرلە ھەيرەتتە يامان بولدۇم خۇمار. 

لۇتپى قىل، كۆرسەت جامالىڭنى، قاچۇرماي ئەي جېنىم،

تاشلىما، بىئېتىبار، ئەرزىمنى جان قىل ئېتىبار.

مۇددىئايىم شۇ، قىيا بىر باقسا ئۇ ساھىبجامال،

ھىممىتىم نەرخى كۆتۈرۈلسە ئېشىپ ئەندەك بازار.

دەۋرى جەبرىدىن ئىسىت ! ھالىڭغا ئۇيغۇر ۋايىكىم،

قىش كېلىپ مۇزلاتمىسۇن، پاتراق غەنىيمەت قىل باھار !

ھار

ئوت ھارۋىسى بىلەن ياكى ھاۋا كېمە بىلەن،

يول يۈرۈش يۈرمەك، يولىن تاپقاننىڭكى.

چۆل ئارا غىچىڭلىتىپ، يول ئۈستىگە تىنماي سىيىپ، 

ئارقىدا قالماق ھارۋىغا كالا قاتقاننىڭكى.

مەرىكىدە كىيگىلى بولماس، لېكىن ئۇ ئوبدان نېمە، 

خىزمىتى چوڭدۇر ئەجەب، تۈنلەردە بۇ يوتقاننىڭكى.

ھاكىمى مۇتلەق بولۇپ، پارا يەپ، يامبۇ قويۇپ،

ئەينى توڭگۇزدەك سەمرىمەك، يامۇلدا ئولتۇرغاننىڭكى.

زۇلۇمغا مەھكۇم بولۇپ، باش ئۇرۇپ، قول قوۋۇشتۇرۇپ،

نېمە دېسە راست دېمەك، قوللۇقتا قالغاننىڭكى.

ۋەزنى يېرىم پۇڭ ئەمەلگە مىنىپ، سىغماي تېرىگە،

ئەلنى سالماق پېرىگە، يالاقتا جان باققاننىڭكى.

ئىلىم – پەنگە يول ئېچىپ، جەۋلان قىلىپ نۇر چېچىپ،

يايرىماق كۆكرەك كېرىپ، تەدبىر – ئەقىل تاپقاننىڭكى.

پەنگە قارشى كاپشىماق، خۇددى ئىتتەك ھاۋشىماق،

خارۇ زەبۇن ياشىماق، تەرسا – تەتۈر ناداننىڭكى .

تەۋبە — تەقسىر ئوقۇشۇپ، كانايدىن ئالسا قورقۇشۇپ،

ئەستاغپۇرۇللا ئوقۇش، ئالۋاستى باسقاننىڭكى.

ئۇيغۇرا كۆپ سۆزلىمە، جاھىلنىڭ بەختىن كۆزلىمە،

ھەق تېپىلماس بۇ جاھاندا، ھەممە ئىش يالغاننىڭكى .




#Article 266: ئەبۇبەكرى (158 words)


ئابدۇللاھ بىن ئەبى قۇھافە بىن كەئەب ئەتتەيمى ئەل قۇرەيشى (ئەرەبچە:عبد الله بن أبي قحافة عثمان بن كعب التيمي القرشي أبو بكر الصديق)، ياكى قىسقا ئىسمى بىلەن ئەبۇ بەكرى (573 - 634 - ئاۋغۇست 23)، ئىسلام پەيغەمبەرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ساھابىسى ۋە قېيناتىسى. ھەزرىتى مۇھەممەددىن سوڭرە مۇسۇلمان توپلۇغىنىڭ 632 - 634 ئارىسى رەھبەرى ۋە باشقۇرغۇچىسى، بۇ ۋەجدىن ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ خالەفى بولىشى ئۇنىڭغا تۇنجى خەلىپە ئۇنۋانىنى قازاندۇرغان. 

مۇسۇلمانلىقتىن بۇرۇنقى ئىسمى ئابدۇلكەئبە ئېرۇر. مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەبۇ بەكرىگە ئابدۇللاھ ئىسمىنى بەرگەن. سۇننى ئىتىقادىغا كۆرە ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئەڭ ياخشى دوستىدۇر. ئەڭ كەڭ قوللىنىلغان لەقەبلىرىدىن بولمىش ئەسسىددىق (سادىق، ساداقەتمەن، دەلىللىگۈچى) سەبەبى بىلەن دائىما ئەبۇ بەكرى سىددىق دەپ يادلىنىلىدۇ. سىددىق لەقەبىنىڭ مىراج رىۋايىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پەيغەمبەر بىلەن تالاش تارتىش قىلغان مەككە ئەھلىگە ئەگەر ۋەقەنى بايان قىلغۇچى پەيغەمبەر ئىسە راست گەپ قىلغاندۇر. دېگەندىن كېيىن بېرىلگەن دەپ قارىلىدۇ.

جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن 10 ساھابەنىڭ بىرىدۇر

ھەزرىتى پەيغەمبەر، ئەبۇ بەكرى ر.ئە نىڭ قىزى ھەزرىتى ئائىشە بىلەن ھىجرەتتىن بۇرۇن مەككەدە توي قىلغانلىقى ئۈچۈن قېيناتىسىدۇر. 




#Article 267: ئوسمان بىننى ئەففان (194 words)


ئەبۇ ئابدۇللاھ ئوسمان ئىبنى ئەففان ئەل ئەمەۋىي ئەلقۇرەشىي (أبو عبد الله عثمان بن عفَّان الأموي القرشي) ئوسمان ئىبنى ئەففان ئەلئۇمەۋىي ئەلقۇرەشىي (ئەبۇ ئابدۇللاھ). (ھ. بۇرۇن 47 - ھ. 35 / م. 576 - 656) راشىد خەلىپىلەرنىڭ ئۈچىنچىسى، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى قىزى بىلەن ئۆيلەنگەنلىكى ئۈچۈن «زۇننۇرەين (ئىككى نۇر ئىگىسى)» دەپ نام ئالغان.  ساھابىلەردىن تۇنجى بولۇپ ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان، ئادەتتىن تاشقىرى ھاياسى ۋە ئىسلام ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغانلىقى بىلەن تونۇلغان زات. ئوسمان ئۆمەر بىن ئەلخەتتاب ۋاپات بولغاندىن كېيىن توپلانغان شۇرادىن كېيىن خەلىپىلىككە سايلانغان، ئۇنىڭ خەلىپىلىكى تەخمىنەن ئون ئىككى يىل داۋاملاشقان. ئۇنىڭ خەلىپىلىكىدە، قۇرئان توپلانغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتى كېڭەيتىلگەن ۋە ئۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە ئەرمېنىيە، خۇراسان، كېرمان، سىجىستان، ئىفرىكيە ۋە سىپرۇس فەتىھ قىلىنغان. ئۇ تۇنجى ئىسلام دېڭىز فىلوتىنى قۇرغان. 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن 146 ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ھ. 35 - يىلى 18 - زۇلھەججە / م. 656- يىلى 17 - ئىيۇلدا ئۆيىدە «قۇرئان» ئوقۇۋاتقاندا شەھىد قىلىنغان.

ئۇ ئۆمەردىن كېيىن خەلىپە بولغان، ئۇنىڭ دەۋرىدە ئىسلام ئۈزلۈكسز كېڭەيگەن، مىسىر ۋە شىمالى ئافرىقىغا ئەسكەر ئەۋەتكەن، ئۇنىڭ قوشۇنى جەيھۇن دەرياسىغىچە بېرىپ، ما ۋەرائۇن نەھر ئابدۇللا بىننى ئەبى ئامىرنىڭ قولىغا ئۆتكەن، ۋىزانتىيىلىكلەر بىلەنمۇ ئۇرۇش قىلغان، زەيد بىننى سابىتنى ئۆزى جەملىگەن قۇرئاننىڭ نۇسخىسىنى يېزىشقا بۇيرىغان. ئۇنى يەھۇدىي ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن 10 ساھابە




#Article 268: ئەبۇ ئۇبەيدە بىننى جەرراھ (126 words)


ئەبۇ ئۇبەيدە بىننى جەرراھ: (ھ. بۇرۇن 40 / م. 584 - ھ. 18 / م. 639) ئىسلام دىنىنى تۇنجى قوبۇل قىلغان سەككىز كىشىنىڭ بىرىدۇر، 

جەننەت بىلەن بېشارەت بېرىلگەن 10 ساھابەنىڭ بىرى. 

مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئۈممەتنىڭ كاتىپى دەپ ئاتىغان ۋە مۇنداق دېگەن: «ئى ئۇممەت، ھەر مىللەتنىڭ بىر ۋەكىلى بار، بىزنىڭ ۋكىلىمىز ئەبۇ ئۇبەيدە بىن ئەل جەرراھتۇر».  

ئۇ رەسۇلۇللاھ بەدر ئۇرۇشى ۋە بارلىق غازاتلارغا شاھىت بولدى، ئەبۇ ئۇبەيدە ئەبۇ بەكرى تەرىپىدىن شام دىيارىنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن تەيىنلەنگەن تۆت رەھبەرنىڭ بىرى بولۇپ، خەلىپە ئۆمەر بىن ئەلخەتتاب خالىد بىن ۋەلىدنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئەبۇ ئۇبەيدەنى تەيىنلىگەن. ئەبۇ ئۇبەيدە دەمەشىق، ھىمىس، ئانتاكىيە، ھەلەب ۋە باشقا شەھەر - كەنتلەردە غەلىبە قىلغان. ھىجرى 18 - يىلى (مىلادىيە 639)، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىئوردانىيە ۋادىسىدىكى ئېممۇس ۋاباسى سەۋەبىدىن قازا قىلغان ۋە شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان. 




#Article 269: سەئد بىننى ئەبى ۋەققاس (155 words)


سەئىد ئىبىنى ئەبى ۋەققاس مالىك ئەل قۇرەشىي ئەززۇھرىي (سَعْد بن أَبي وقاص مَالِك القرشي الزهري) سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس مالىك ئىبنى ئەھيەب ئەلقۇرەشىي (ئەبۇ ئىسھاق) (ھ. بۇرۇن 23 ياكى 27 - ھ. 55 / م. 595 ياكى 599 - م. 674) تۇنجى مۇسۇلمان بولغان يەتتە كىشىنىڭ ۋە جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە (ئەشەرەئى مۇبەششەرە) نىڭ بىرى. ئۇ تۇنجى بولۇپ ئاللاھ يولىدا ئوق چىقارغان، ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ئانا تەرەپ تاغىسىنىڭ ئوغلى، ئۇ پەيغەمبەر بىلەن بىللە بارلىق غازاتلارغا شاھىت بولغان. ئۇ ماھارەتلىك ئوقياچىلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ قەدىسسىيە ئۇرۇشىدا پارسلارنى مەغلۇب قىلدى ۋە جالاۋلادىكى پارسلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتتى، ئۇلارنى مەغلۇب قىلدى، ئۇ ئىراقتىكى خۇسرا شەھەرلىرىنى بويسۇندۇردى. ئۇ ئىسلامنىڭ پېرسىيەنى بويسۇندۇرۇشىدىكى رەھبەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ھىجرىيە 17 - يىلى كۇفەنىڭ تۇنجى ھۆكۈمرانى بولغان، ئۆمەر بىن خەتتاب ئۇنى خەلىپە سايلايدىغان ئالتە كىشىلىك شۇراغا قوشقان. پارس زېمىنى فەتىھ قىلىپ، كۇفەگىچە بارغان.

ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنى خەلىپە تاللايدىغان ئالتە كىشىلىك «شۇرا ھەيئىتى»گە تاللىغان.

جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن 10 ساھابە




#Article 270: ئەخمەتجان قۇربان سابىرى (414 words)


ئەخمەتجان قۇربان سابىرى1960-9-ئايدا قورغاس ناھىيىسىنىڭ كۆكدالا دېھقانچىلىق مەيدانىدا بىر ھەربىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز يۇرتىدا تاماملاپ،1978-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىنىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان.

ئۇ1983-يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنىپ،بۇ بۆلۈمنىڭ تۇنجى ئەدەبىي مۇھەررىرى بولۇپ قالغان.ئۇ بۇ جەرياندا 150دىن ئوشۇق ناخشا تېكىستىنىڭ تەھرىرلىكىنى ۋە ئون نەچچە درامما ئوپېرانىڭ تەھرىرلىكىنى قىلغان ،ئۆزىمۇ رادىئو تېلىۋىزىيە ئۇچۇن ناخشا تېكىستى يازغان.

ئۇ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتقاندا ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ ،ناخشا-ئۇسۇل،دىرامما ئوپىرالارنى لېنتىغا ئېلىشقا ئەدەبىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ،ئۇيغۇر تېلىۋىزىيە سەنئىتىنىڭ دەسلەپكى شەكىللىنىشى ئۇچۇن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقان.
ئۇ، 1986-يىلى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ تەرجىمە-تەھرىر بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ،مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مەخسۇس پىرگۇراممىلىرى،نى تەرجىمە قىلىپ بېرىشتە مەسئۇل مۇھەررىرلىكنى قىلغان.
مەخسۇس پىروگراممىلاردا ئۇچرايدىغان قەدىمقى ۋە ھازىرقى شېئىرلاردىن 300 دىن ئوشۇقنى تەرجىمە قىلىپ،مۇشۇجەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشتا تېگىشلىك تۆھپە قوشقان.

ئۇ1991-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسى ئۇيغۇر مەخسۇس پروگرامما بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ چىققاندىن كېيىن ،ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە مەخسۇس پرگراممىلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋەتەرەققىياتى ئۇچۇن يول ئېچىپ ئىلگىرلەپ ،ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە مەخسۇس پروگراممىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە گۈللىنىشى ئۇچۇن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.

ئۇ 1994-يىلىدىن تارتىپ شۇ چاغدىكىپرگۇراممىسىنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ،ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدامۇخپىرلىق قىلىپ،500دىن ئوشۇق مەخسۇس پروگراممىنىڭ سىنارىيىسىنى يازغان.ئۇ سىنارىيىسىنى يازغان،، ، ،، قاتارلىق مەخسۇس فىلىملەر تۇرلۇك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.ئۇ مەخسۇس فىلىملەرنىڭ سىنارىيىسىنى يېزىش بىلەن بىللە تېلېۋىزىيە سەنئەت فىلىملىرىنىڭ سىنارىيىسىنىمۇ يازغان.ئۇ ھازىرغىچە،،،،،،،قاتارلىق 50 نەچچە تېلېۋىزىيە سەنئەت فىلىمىنىڭ سىنارىيىسىنى يازغان.ئۇ يەنە رادىئو-تېلېۋىزىيە سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ناخشا تېكىستىنى،ئېتوت يېزىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى،ھازىر ئۇ تېكىستىنى يازغانقىممەتلىك ھايات، ،،،،، ،، قاتارلىق 150دىن ئوشۇق ناخشا رادىئو تېلېۋىزىيىدە ئاڭلىتىلماقتا،ئۇنىڭ يەنە ، ،،،، قاتارلىق 90 نەچچە ئېتوتى تېلېۋىزىيىدە كۆرسىتىلگەن.

ئۇ ئەمەلىي خىزمەت ئىشلەش بىلەن ئىلمىي تەتقىقاتنىمۇ توختىتىپ قويمىغان.ئۇ بۇ جەرياندا،،،،،قاتارلىق 30 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالىنى يېزىپ ئېلان قىلدى.ئەخمەتجان 2001-يىلى4-ئايدا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى مەخسۇس پروگرامما بۆلۇمىنىڭ  مۇئاۋىن مۇدىرلىق ئورنىغا رقابەت ئارقىلىق چىققاندىن كېيىن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ،پروگرامما ئىسلاھاتى ۋە نادىر پروگرامما يارتىشتا باشلامچىلىق رول ئويناپ كەلمەكتە،ئۇ ھازىر ،،،،، قاتارلىق پروگراممىلارنىڭ فىلىم مۇدىرلىقى ۋە مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلەپ كەلمەكتە.

ئەخمەتجان قۇربان سابىرى سىنارىيىسىنى يازغان ،، ناملىق تېلىۋىزىيە سىنارىيىلىرى فىلىم قىلىپ ئىشلىنىپ كەڭ تاماشبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.ئۇنىڭ چوڭ تىپتىكى بالىلار چۆچىكىقا ئاساسەن شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسى ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن شۇ ناملىق كۆپ قىسىملىق رادىئو دراممىسى ئىشلىنىپ كەڭ رادىئو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى .ئەخمەتجان قۇربان سابىرى خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەش بىلەن بىرگە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللنىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى.ئۇ ھازىرغىچە ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى گېزىت -ژورناللاردا 500 پارچىدىن ئوشۇق،،، قاتارلىق 30 پارچە پوۋېست ۋە ھېكايە،،، قاتارلىق 40 نەچچە نەسىر،،،،قاتارلىق 30غا يېقىن ئىلمىي ماقالە ۋە ئەدەبىي ئوبزورلارنى ئېلان قىلدى. 

يېقىندا ئەخمەتجان قۇربان سابىرى بالىلار ئۈچۈن نەشىر قىلدۇرغان «ئۇيغۇر بالىلار مەسەللىرى (1-5) » ئۇيغۇر مەسەللىرى خەزىنىسىگە قۇشۇلغان يېڭى يۇلتۇز، ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن قىلىنغان ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . 
  




#Article 271: پەرھات جىلان (131 words)


تالانتلىق يازغۇچى پەرھات جىلان 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 8- كۈنى غۇلجا شەھرىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1954-يىلىدىن 1961-يىلىغىچە غۇلجا ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىرىدىكى روس مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان. 1961-يىلىدىن 1966-يىلىغىچە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان.

ئۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە «سول» چىللىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ تاشچىلىق ۋە ھەرىكەشلىككە ئوخشاش ياللانما ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان.

پەرھات جىلان 1966-يىلىدىن بۇيان «پۇل»، «ئالتۇن قاندىكى توي» قاتارلىق ھېكايىلەرنى يېزىپ، جامائەتچىلىكنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىغان. ئۇنىڭدىن باشقا ن . ئا . باسكا كوۋنىڭ «تۈركىي تىللار» ناملىق ئەسىرىنى، «گراف مونتې- كرىستو» ناملىق مەشھۇر روماننى، تىلشۇناسلىققا ئائىت بىر قىسىم ئىلمىي ماقالىلەرنى ۋە ھېكايىلەرنى روسچىدىن تەرجىمە قىلغان.
پەرھات جىلان ھازىر جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋە شىنجاڭ چەت ئەل تىللىرى تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

پەرھات جىلان «مەھمۇد قەشقىرى» ناملىق تارىخىي روماننىڭ مۇئەللىپى.




#Article 272: خالىدە ئىسرائىل (2644 words)


خالىدە ئىسرائىل 1985 - يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ئۇ گويا بىردىنلا بەرق ئۇرۇپ چېچەكلىگەن باھار گۈلىدەك ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۆزىنىڭ ئاز، ئەمما ساز بولغان، كىتابخانلار قەلبىنى لەرزىگە سالالىغان ئەسەرلىرى بىلەن ئەدەبىياتىمىز مۇنبىرىدە ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇن ئالدى. 

ئۇ 1985 - يىلى ئېلان قىلغان تۇنجى ھېكايىسى - »ئېھ، ھايات«تىن باشلاپ ھازىرغىچە «ئانا»، «ئويغىنىش»، «ئەڭ گۈزەل خاتىرە»، «يىلتىز»، «ھاڭگىرت كۆلى»، «قۇملۇقنىڭ چۈشى»، «ئۇ كۆزلەر»، «رەڭدار قۇيۇن»، «باھاردا ياغقان قار»، «ئوربىتا»قاتارلىق ساناقلىقلا ھېكايە، پوۋېستلىرى بىلەن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا تەسىرى زور يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بىر قىسىم ھېكايە، پوۋېستلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ياخشى باھالارغا ئېرىشتى. مۇھىم ئەسەرلىرى «قۇملۇقنىڭ چۈشى» دېگەن نام ئاستىدا توپلام قىلىنىپ قايتا نەشر قىلىندى. 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئاپتورلار قوشۇنى كۈنسايىن زورايغان، ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلەر كۆپلەپ يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن كىتابخانلار ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان، ئەسەرلىرى زور غۇلغۇلا قوزغىغان يازغۇچىلار ناھايىتى ئاز، خالىدە ئىسرائىل دەل مۇشۇ تىپتىكى ساناقلىقلا يازغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر. 

بىز خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئىجادىيەت يولىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا مۇنداق بىر ئالاھىدە ئەھۋالنى ھېس قىلىمىز: ئۇنىڭ ئىجادىيەت قەدىمى نىسبەتەن كېيىن تاشلانغان 1985 - يىلدىن بۇرۇن ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنمىغان، ئۇنداقتا ئۇ تاسادىپىيلا نامەلۇم بىر غايىۋى كۈچتىن ئىلھاملىنىپ يازغۇچى بولۇپ قالدىمۇ كىتابخانلار نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەممىلا ئەسەرلىرىنى شۇنچىلىك ياقتۇرۇپ ئوقۇيدۇ؟ ئەلۋەتتە بۇنداق بولۇشنىڭمۇ مەلۇم ئاساسى بار. خالىدە ئىسرائىل بىر سەنئەتكارغا خاس سەۋرىچانلىق بىلەن رېئال تۇرمۇشنى ئۇزۇن مۇددەت كۆزەتكەن، مىللىي ئەدەبىياتىمىز ۋە دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغان ۋە ھايات، جەمئىيەت، شۇنداقلا ئەدەبىيات توغرىسىدا تەپەككۇر قىلغان. ئالدىراپ نام چىقىرىشنى مەقسەت قىلماي، ئۇزۇن كۈنلەر بىلەن جىمجىت تۈنلەرنى جاپالىق ئىزدىنىشكە، ئۆزىدە ئالاھىدە بەدىئىي دىت يېتىلدۈرۈشكە سەرپ قىلغان. شۇنىسى ئېنىقكى، دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى ھەرقانداق بىر مەشھۇر ئەسەر تاسادىپىيلا مەيدانغا كەلگەن ئەمەس. بەلكى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كەينىگە سانسىزلىغان جاپالىق ئىزدىنىشلەر بىلەن ئۈن - تىنسىز تۆككەن قان - تەرلەر يوشۇرۇنغان. شۇڭا، بىز خالىدە ئىسرائىل قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىلا قولغا كەلتۈرگەن بەدىئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇزۇن مۇددەتلىك يوشۇرۇن چېنىقىش، يەنى تەييارلىنىشنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز. چۈنكى، خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدە نىسبەتەن ئاددىي، پىششىقلاشتىن ئۆتمىگەن، بەدىئىيلىكى تۆۋەن ئەسەرلەر يوق دېيەرلىك. ئۇ گويا ئۇزاق مۇددەتلىك تىمتاسلىقتىن كېيىن تۇيۇقسىزلا چېقىلغان چېقىندەك شاۋقۇنسىز ئىلگىرىلەۋاتقان ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا ئۆز جىلۋىسىنى نامايان قىلدى. ئاددىي، ئەمما ھەقىقىي «ئادەم»لىك ھېس - تۇيغۇغا، مۇرەككەپ، قېلىپسىز ھەم زىددىيەتلىك خاراكتېرگە ئىگە پېرسوناژلىرى، رىۋايەتتەك ساددا ۋە گۈزەل ئۇسلۇبى، دەبدەبىسىز، ئەمما ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ پىنھان ۋە ئەڭ نازۇك روھىي تۈگۈنلىرىنى سۈرەتلەپ بېرەلەيدىغان چۆچۈك تىلى بىلەن كىتابخانلار قەلبىنى لەرزىگە سالالىدى … قىسقىسى، خەلق خالايدىغان ئەسەرلىرى بىلەن خەلق كۆڭلىنى مايىل قىلدى. 

يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئۆزگىچە بەدىئىي ماھارىتى ئۇنىڭ تۇنجى ھېكايىسى - «ئېھ، ھايات»تىن باشلاپلا ئىپادىلىنىشكە باشلىغان. ئاپتور بۇ ھېكايىسىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ - غارايىپ ۋەقەلەرنى يازغان ئەمەس، بەلكى ناھايىتى ئاددىي، كىشىلەر تەرىپىدىن ئاياللارنىڭ غەيۋەتلىرى دەپ ئاتالغان «كۇس - كۇس» پاراڭلار ئارقىلىق ھاياتلىقنىڭ كىشىلەر تازا زەن سېلىپ كەتمەيدىغان، ئاسانلا ھېس قىلالمايدىغان نازۇك تەرەپلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن سۈرەتلەپ بېرىدۇ. 

دەرۋەقە، ھايات گۈزەل، ئۇنىڭ پىنھان چوڭقۇرلۇقلىرىغا ئىنسانلارنىڭ تاتلىق تەبەسسۇمى بىلەن ئاچچىق كۆز يېشى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. يازغۇچى ئارىشاڭدىن ئىبارەت بۇ ھاياتلىقنىڭ كىچىككىنە بۇلۇڭنى تۇتقا قىلىپ، بىر تەرەپتىن، ئارىشاڭنىڭ مۇڭلۇق ئۆتمۈشىنى سۆزلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، كۆزلىرىدىن ياشلىق نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان ياش چوكان گۈلچېھرەنىڭ دوختۇر قاسىمغا بولغان مۇھەببىتىنى تەسۋىرلەيدۇ. 

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، پۈتكۈل ھېكايە بىر گۈزەل شېئىرغا ياكى يېقىملىق مۇزىكىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا مۇكەممەل سيۇژىت قۇرۇلمىسى ۋە «ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن» پېرسوناژلار ئوبرازى يوق. يازغۇچى بىر ماھىر قەلەم ئىگىسىگە خاس سەزگۈرلۈك بىلەن تۇرمۇشنىڭ ناھايىتى ئاددىي ۋە «تۇتامغا چىقمايدىغان» تەرەپلىرىنى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن سۈرەتلەپ بېرىدۇ. 

ھېكايىدە تۇراخۇن بوۋاينىڭ گويا چۈشكە ئوخشاش بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن ئۇلانما ھېكايىلىرى بىزگە ھاياتلىقنىڭ مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ئۈزۈلمەس ئېقىمىدىكى تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولمايدىغان چۈچۈك كارتىنىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 

ئارىشاڭغا كەلگەندىن كېيىن ياش چوكان گۈلچېھرەنىڭ قەلبىدە ئويغانغان مۇھەببەت ئۇنىڭ كېسىلىنى ساقايتىۋېتىدۇ. ئۇ باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ … يەنە بىر تەرەپتىن، ئارىشاڭدىكى ھەننىۋا كىشىلەر ئۇنىڭغا قىزىقىدۇ. ئاياللار ھاۋا ئانىدىن قېپقالغان كۈنداشلىق ۋە رەشىك ئازابى بىلەن گۈلچېھرەگە ھەم ئۆچلۈك، ھەم قىزىقىش ئىچىدە قارايدۇ، ئەرلەر ئۆز نازاكىتى ۋە ئاياللارغا خاس ناز - خۇلقى بىلەن ھەممە ئەركەكلەرنىڭ ۋۇجۇدىنى لەت قىلىۋاتقان بۇ يېقىملىق چوكانغا ھەۋەس بىلەن قارىشىدۇ … - 

دېمەك ئارىشاڭ ئۆز نۆۋىتىدە بىر جەمئىيەت، شۇنداقلا ھاياتلىق دۇنياسى. يازغۇچى كىچىككىنە ئارىشاڭدىن ئىبارەت بۇ كۆزنەك ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ خىلۋەت بوشلۇقلىرىغا يوشۇرۇنغان ئاچچىق خۇشاللىق بىلەن شېرىن ئازابنى تولۇق ئېچىپ بېرىدۇ، مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، گۈزەللىكنىڭ ھەممىنى مەپتۇن قىلىدىغانلىقىنى، ئاددىي تۇرمۇش قاينىمىغا مۇرەككەپ ھايات كەچۈرمىشلىرىنىڭ مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 

خالىدە ئىسرائىلنىڭ 1988 - يىلى ئېلان قىلىنغان «يىلتىز» ناملىق ھېكايىسىمۇ خېلى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلغان ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. ھېكايە باشلىنىشى بىلەنلا ئاپتور ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان دىلئارا بىلەن ئادىلنىڭ مۇھەببىتىنى تەسۋىرلەشنى ئاساس قىلغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ھېكايىنىڭ ئاساسىي تېمىسى باشقا يەردە، يەنى ھېكايىدە ئادىلنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى - تەكلىماكان باغرىدىكى خىلۋەت، نامرات يېزىنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. 

ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېزا تۇرمۇشىغا بېغىشلانغان ئەسەرلەر خېلىلا كۆپ يېزىلدى. بىراق، بۇ تۈردىكى ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە بېيىشقا باشلىغان دېھقانلارنىڭ خۇشاللىقى، پارتىيىنىڭ سىياسىتىگە بولغان مىننەتدارلىقى، بېيىغاندىن كېيىن قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكى قاتارلىق يۈزە ۋەقەلەر ۋە تۇرمۇشنىڭ ئايرىم قىسىملىرىلا ئەكس ئەتتۈرۈلدى. دېھقانلار ھاياتىنىڭ تاشقى پوستىلا سۈرەتلىنىپ، ئىچكى قىسمى، نېگىزلىك زىددىيەتلىرى، خۇشاللىق ۋە ھەسرىتى، قايغۇ - ئەلىمى ۋە ئەرزدادى ئەكس ئەتتۈرۈلمىدى. 

شۇنىسى ئېنىقكى، بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى شۇ مىللەتنىڭ خۇشاللىقى بىلەن كۈلكىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شۇ مىللەتنىڭ ئازابى بىلەن يىغىسىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈشى لازىم. ئۆز مىللىتىنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، كۈلكىسىنى كۈلەلمىگەن ئەدەبىيات كىتابخانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدۇ. 

يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل بۇ ھېكايىسىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بىلەن تەكلىماكان باغرىدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ ھەقىقىي رېئاللىقىنى ئېچىپ بەرگەن. قۇرغاق مۇھىت، جاپالىق شارائىت، ئەسىر - ئەسىرلەردىن بۇيان قۇملۇق بىلەن بولغان پۈتمەس - تۈگىمەس ئېلىشىش، خىلۋەت، پىنھان مۇھىتتا دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىلەردىن ئايرىلىپ قېلىش، دىنىي ئاسارەتنىڭ قاتتىق ئىسكەنجىسىگە ئۇچراش جەريانىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ خاراكتېرىدە باشقا خەلقلەرگە ئوخشىمايدىغان، تەكلىماكان مۇھىتىغا خاس بولغان، تىنىمسىز پاجىئەلەرگە يانداشقان ۋە ئۆز خاراكتېرىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدىغان ئالاھىدىلىك شەكىللەنگەن. 

بۇ خىل ئالاھىدىلىك قۇملۇق روھى (ياكى تەكلىماكان روھى) بىلەن چەمبەرچاس گىرەلىشىپ كەتكەن. ? 

بىز يازغۇچىنىڭ بىۋاسىتە تۇرمۇش تەسۋىرلىرىدىنلا ئەمەس، ھەتتا تەبىئەت ۋە مەنزىرە تەسۋىرلىرىدىنمۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ساپ، ساددا، سۆيۈملۈك شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر قەدەمدە ئۆز ئاجىزلىقىدىن غالىب كېلەلمەيدىغان روھىنى ھېس قىلغاندەك بولىمىز. بىز تۆۋەندىكى قۇرلارنى ئوقۇغىنىمىزدا ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ ئىككى خىل روھىنىڭ بۇ ئەسەردىكى ئىپادىسىنىڭ تەسىرىدىن زوقلىنىمىز ۋە قايىل بولماي تۇرالمايمىز. 

ئۇ پەرداز قىلىشنى بىلمەيدىغان سەھرا ئاياللىرىدەك ساددا، بېزەكسىز، كۆرۈمسىز، ئەمما ئۇنىڭ ئىچ - باغرى پۈتمەس - تۈگىمەس خەزىنە … 

دېمەك، «يىلتىز» ھېكايىسى ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى جانلىق، تەسىرلىك سۈرەتلەپ بەرگەن. ئاپتور ھېكايىدە خۇشاللىقنى ئەمەس، ئاچچىق كۆز ياشنى، تىپىكلەشتۈرۈلگەن مۇھىتنى ئەمەس، بەلكى سىدام تۇرمۇشنى تەسۋىرلەيدۇ، شۇ ئارقىلىق گويا ئۈگدەپ ياتقان تەكلىماكان بارخانلىرىدەك جىملىققا كۆنۈككەن، شۈكرى - قانائەتكە ئۆگەتكەن، شاۋقۇنلۇق تۇرمۇشقا، گۈزەل كەلگۈسىگە ۋە دۇنياۋى ئۆزگىرىشلەرگە پەرۋاسىز، شۇنىڭدەك روھىي بۇرۇقتۇرمىلىققا مەھكۇم بولغان دېھقانلىرىمىز ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشقا چاقىرىدۇ. 

ھېكايە ھاڭگىرت كۆلىدىكى گويا گۈزەل بىر رىۋايەتكە ئوخشاپ كېتىدىغان ئىككى سەبىي بالىنىڭ سېھىرلىك ھېكايىسىدىن باشلىنىپ، تەدرىجىي ھالدا رېئال تۇرمۇشقا قايتىدۇ. بالىلىق چاغلىرىدا ھاڭگىرت كۆلىدە بىللە سۇغا چۆمۈلۈپ گويا شوخ قۇمچاقلاردەك پىلتىڭلاپ ئويناپ قەلبىدە مەڭگۈ ئۇنتۇلماس گۈزەل بالىلىق خاتىرىلەرنى قالدۇرغان بۇ ئىككى بالا تۇرمۇش رەھىمسىزلىكى تۈپەيلىدىن بىر - بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ. بىراق، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى خاتىرە گويا ھاڭگىرت كۆلىنىڭ تىنىق سۈيىگە ئوخشاش مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ. ئارىدىن ئۇزاق يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالىدۇ ۋە بالىلىق چاغلىرىدىكى ھېسسىيات بىردىنلا مۇھەببەتكە ئايلىنىدۇ. زۆھرە ئۈچۈن ھاڭگىرت كۆلىدىكى گۈزەل ھايات قايتىدىن باشلىنىدۇ. مۇھەببەت ئۇنى ئازابلىق، ئەمما شېرىن تۇيغۇلارغا ئەسىر قىلىدۇ … بىراق تەلپۈنۈش ئىچىدىكى گۈزەل ھايات ئۇزاققا بارمايدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشتىكى يېڭى پاجىئەلەر، تراگېدىيىلىك توقۇنۇشلار ئۇنىڭ ساپ مۇھەببىتىنى قانداق ئويغاتقان بولسا شۇ پېتى ھاڭگىرت كۆلىنىڭ سۈيىگە دەپنە قىلىۋېتىدۇ. 

زۆھرە ئاخىر تەقدىرگە بويسۇنۇپ، ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان يەنە بىر ئەرگە ياتلىق بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا ۋۇجۇدىدىكى كىچىككىنە ئۈمىد بىلەن تىرىشىپ تىرمىشىدۇ. مۇھەببەتتىن سۇ ئىچمىگەن كۆڭلىنى كەسىپكە بېغىشلايدۇ. كەسىپتىن ئۆزىگە تەسەللى ئىزدەيدۇ. بىراق، ئارقا - ئارقىدىن كېلىۋاتقان زەربىلەر، تۇرمۇشتىكى سوغۇقچىلىقلار ئۇنىڭ ئاخىرقى تىرىشچانلىقلىرىنىمۇ خورىتىشقا باشلايدۇ. دەل مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئۆز ئۆيىدە تۇنجى سۆيگەن كىشىسى يۈسۈپنى كۆرىدۇ ۋە قايتىدىن روھىي ئىزتىراپ ئىچىگە چۆكۈپ قالىدۇ. ئۆزىنى چىرماپ تۇرغان روھىي كىشەنلەردىن ۋاز كېچىش كېرەكمۇ؟ شۇنداق، ئۇ قولدىن كەتكەن بەختى ۋە مۇھەببىتى ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كېچىش قارارىغا كېلىدۇ، ئۇ ئۆز خاراكتېرىدىن غالىب كېلىدۇ ۋە بۇ ئائىلىنى تاشلاپ كېتىدۇ، گەرچە زۆھرەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەقدىرى تراگېدىيىگە ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن مۇھەببەتلىك ۋۇجۇدىنىڭ ئىسيانكارلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ. 

ھېكايىدىكى پۈتكۈل بايانلار بىزگە بىر خىل چىنلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ. بولۇپمۇ پېرسوناژلار خاراكتېرىدىكى تۇراقسىزلىق، مۇرەككەپلىك ۋە زىددىيەتلىك ئامىللار ئەسەرنىڭ بەدىئىي چىنلىقىنى نامايان قىلىشتا كۈچلۈك رول ئوينايدۇ. بىز ئەسەردىكى ئۈچ پېرسوناژنىڭ ھەممىسىگە نەزەر سالساق، ئۇلاردىكى ئوخشاش بولمىغان مۇرەككەپلىكلەرنى بايقايمىز. يۈسۈپ بىلەن ئەخمەتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئوبرازنىڭ قايسىسىنى ياخشى كۆرۈپ، قايسىسىغا نەپرەتلىنىشىمىزنى بىلەلمەيمىز، ئۇلارغا باشتا ھېسداشلىق قىلساق، ئاخىرىغا بېرىپ نەپرەتلىنىمىز، يازغۇچى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن پېرسوناژ يارىتىشتىكى ئەنئەنىۋى قېلىپنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆز پېرسوناژلىرى يۈسۈپ بىلەن ئەخمەتنىڭ ئۆز خاراكتېرىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدىغان تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. 

زۆھرە ھېكايىدىكى باش پېرسوناژدۇر. ئۇنىڭ پۈتكۈل خاراكتېرى مۇھەببەت، ئۈمىد، پاجىئە ئىچىدە خۇشاللىق بىلەن ئازاب ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن مۇھىتتا يارىتىلىدۇ. يازغۇچى ئىنسان خاراكتېرىنىڭ زىددىيەتلىك، تۇراقسىز ۋە قېلىپقا چۈشمەيدىغان تەرەپلىرىنى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن زۆھرە ئوبرازىنى يارىتىشقا سەرپ قىلىدۇ. 

بولۇپمۇ زۆھرەنىڭ پسىخىك خاراكتېرىنى ۋە روھىي داۋالغۇشلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن يورۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەم ئۇنىڭ روھىيىتىدىكى كىچىككىنە ئۆزگىرىشلەرنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ، زۆھرە ئۇزۇن مۇددەتلىك روھىي بۇرۇقتۇرمىلىقتىن كېيىن، چۆچۈپ ئويغىنىپ ئۆز خاراكتېرى ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ، ئائىلە، جەمئىيەت، ئەخلاق ۋە قائىدە - يوسۇن قاتارلىق رامكىلارنى بىراقلا ئىرغىتىپ تاشلىۋېتىپ، مۇھەببەتكە ئېرىشىش يولىنى تاللىۋالىدۇ. شۇڭا، زۆھرەنىڭ پاجىئەگە ۋە تراگېدىيىگە يولۇققان ئاخىرقى تەقدىرىنى ئوقۇغىنىمىزدا، ئۇنىڭغا بولغان ھېسداشلىقىمىز ھەسسىلەپ ئاشىدۇ … ئۇ ساپ مۇھەببەتكە ئېرىشەلمەيدۇ، ئۈستى - ئۈستىلەپ ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كېلىدۇ. لېكىن، ئۇ بىر ئىنسان بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ساپ مۇھەببەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن تىنىمسىز ئۇرۇنىدۇ، ئىسيانكارلىق روھىنى ئىپادە قىلىدۇ. 

خالىدە ئىسرائىلنىڭ يۈكسەك بەدىئىي ماھارىتى «قۇملۇقنىڭ چۈشى» ناملىق پوۋېستىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن، «قۇملۇقنىڭ چۈشى» يازغۇچىنىڭ يۈكسەك بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتى ۋە ئىجادىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى سۈپىتىدە كىتابخانلار تەرىپىدىن قىزغىن ئالقىشلاندى ۋە سۆيۈپ ئوقۇلدى. 

ھەممىگە مەلۇمكى، رېئالىزملىق روھ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئاساسىي ئېقىم بولۇپ كەلدى، گەرچە بۇ خىل ئەھۋال كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىزدىكىدەك روشەن كۆرۈلمىسىمۇ، لېكىن يوشۇرۇن ۋە ۋاسىتىلىك ئىپادىلەندى. مانا مۇشۇنداق روھ خالىدە ئىسرائىلنىڭ قەلىمى ئاستىدا ھەۋزىخاندىن ئىبارەت «قان ۋە گۆشى» بار ئوبرازدا يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى. 

پوۋېستنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ ئاخىرلاشقىچە بولغان جەريان گويا بىر گۈزەل رىۋايەتكە ياكى ئاق چاچلىق مومايلارنىڭ ئاغزىدىن چىقىپ سەبىي بالىلارنىڭ قەلبىگە قۇيۇلۇۋاتقان سېھىرلىك چۆچەككە ئوخشايدۇ، بىراق بىز ئەسەرنىڭ تەرەققىياتىدىن ھېچقانداق غەلىتىلىك، بىمەنىلىك ۋە ساختىلىق ھېس قىلمايمىز.

دەرۋەقە، «قۇملۇقنىڭ چۈشى» پوۋېستى خەلقىمىز ئىچىدە تارقىلىپ كېلىۋاتقان ھەۋزىخان رىۋايىتىگە ئاساسەن يېزىلغان، بىراق ئاپتور ئەسەرنى يېزىش جەريانىدا بۇ رىۋايەتكە كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، قايتا - قايتا پىششىقلاپ ئىشلىگەن ۋە بەدىئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن. رىۋايەتلەردىكى ئۇقۇملاشقان ۋە قېلىپلاشقان ھەۋزىخان ئوبرازىنى جانلىق، ئىشىنەرلىك ۋە كىتابخانلارنىڭ بەدىئىي ھەزىمى كۆتۈرگۈدەك دەرىجىدە يورۇتۇپ بەرگەن. 

ئەسەر باشلىنىشى بىلەنلا بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا يالتىراپ تۇرغان قۇم بارخانلىرى ئىچىگە ئورالغان خىلۋەت يېزىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى نامايان بولىدۇ، ئاپتور ئاجايىپ سىپتا، نازۇك ۋە ئاددىي تەسۋىرلەر ئارقىلىق تەكلىماكان قوينىدىكى بۇ بوستانلىقنىڭ قىياپىتىنى خۇددى كىنو لېنتىسىدەك كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدۇ، شۇڭا بىز ئەسەر ئوقۇۋاتقىنىمىزدا گويا يېقىملىق بىر مۇزىكا ئاڭلاۋاتقاندەك ياكى شېئىر ئوقۇۋاتقاندەك بىر تۇيغۇغا كېلىپ قالىمىز. 

ئەسەردىكى زىددىيەت - توقۇنۇشلارنىڭ ئۆتكۈرلۈكى پېرسوناژلار خاراكتېرىنىڭ مۇرەككەپلىكى، تراگېدىيە تۈسىنىڭ قويۇقلۇقى مەزكۇر پوۋېستنىڭ ئېستېتىك قىممىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ. ئەسەرنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئاخىرلىشىشى تراگېدىيىلىك بىر جەرياننى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بىزدە مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇرىدۇ: 

ئاستا - ئاستا ھۆسنىگە تولۇپ، بويىغا يەتكەن ھەۋزىخان گۈزەل ۋە تىمتاس باغ ئىچىدە بىر يات ئەركىشى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكىدە مەڭگۈ ساقايماس جاراھەت قالىدۇ، بىراق كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭ يۈرىكىدىكى بۇ جاراھەت ياشلىق ئۇچقۇنلىرى بىلەن كۆمۈپ تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتىغا يېڭى بىر كىشى بۆسۈپ كىرىدۇ، ھەقىقىي ۋاپارلىققا ۋە پاك مۇھەببەتكە ئىنتىلىپ كېلىۋاتقان ھەۋزىخان كېلىشكەن، ۋۇجۇدىدا ئەرلەرگە خاس جاسارەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت ئۇرغۇپ تۇرغان ئابدۇللانى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئابدۇللامۇ ھەۋزىخاننىڭ كۆيۈك ئوتىدا تالاي ئازابلارنى چېكىدۇ. ئاقىۋەت ئۇلار مۇرادىغىمۇ يېتىدۇ، لېكىن بۇنداق بەختلىك كۈنلەر ئۇزاققا بارمايدۇ، ئابدۇللا بىردىنلا ھەۋزىخاننىڭ جانجىگەر دوستى ھەمراخاننى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ - دە، ۋۇجۇدىدا ۋاپاسىزلىق، ئاسىيلىق ۋە رەھىمسىزلىكنىڭ بورىنى قۇتراشقا باشلايدۇ.ل ئۇزۇندىن بۇيان ۋاپادارلىققا ۋە چىن مۇھەببەتكە پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن تەلپۈنۈپ كەلگەن ھەۋزىخان ئابدۇللارنىڭ ئاسىيلىقى نەتىجىسىدە يۈرىكى لەختە - لەختە قانغا تولىدۇ، كۈنداشلىق ۋە رەشىك ئوتى ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنى مىتىدەك غاجاپ، ئەسەبىيلىك ۋە غالجىرلىق دەرىجىسىگە ئېلىپ بارىدۇ، نەتىجىدە ئۇ كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان جانجىگەر دوستى ھەمراخاننىڭ قاتىلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، قاراڭغۇ زىندانغا سولىنىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ھەۋزىخان ئەنە ئاشۇ دەقىقىلەردە يەنىلا دوستى ھەمراخاننى ياد ئېتىدۇ ۋە ئۆز قىلمىشىدىن ئۆكۈنىدۇ. 

دېمەك، مۇھەببەت بىلەن تراگېدىيە ئىچىدە دولقۇنسىمان تەرەققىي قىلغان ئەسەر - سيۇژىتى كىتابخانلارغا چىنلىق تۇيغۇسى بېرەلەيدىغان، ھەزىمى كۆتۈرەلەيدىغان دەرىجىدە سۈرەتلىنىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ھەقىقىي پېرسوناژلار ئوبرازى يارىتىلىدۇ. 

بىز ئەسەردىكى ئۈچ ئاساسىي پېرسوناژنىڭ ھېچقايسىسىدىن ياسالمىلىق ۋە شەكىلۋازلىق تۇيغۇسى ھېس قىلمايمىز، يازغۇچىنىڭ ئاستىدا پېرسوناژلار ئوبرازىدىكى قېلىپبازلىق بۇزۇپ تاشلىنىدۇ، مەيلى ھەۋزىخان بولسۇن ياكى ئابدۇللا بولسۇن، مۇرەككەپلىككە ئىگە ئوبرازلاردۇر. 

ئەسەرنىڭ بېشىدىن تارتىپلا بىز ھەۋزىخاننىڭ روھىي دۇنياسىدىكى مۇرەككەپ تەرەپلەرنى ھېس قىلىمىز. ئۇ شۇنچە ئاق كۆڭۈل، ساپ ۋە ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بىر ۋاپادار ئايال بولۇشىغا قارىماي، يەنە پۈتكۈل ئاياللارغا خاس بولغان ھېسسىياتچانلىق، كۈنداشلىق قاتارلىق روھىي ئامىللارغىمۇ ئىگە ئايال، مۇھەببەت ئاياللارنىڭ كۆزىنى قارىغۇ قىلىپ قويىدۇ، كۈنداشلىق گويا بىر يالقۇنغا ئوخشاش ئۇلارنى ئەسەبىيلىك دەرىجىسىگە ئېلىپ بارىدۇ. 

دېمەك، ھەۋزىخانمۇ ھاۋا ئانىمىزدىن تارتىپ يەر شارىغا مۇھەببەت ۋە مۇلايىملىق بېغىشلاۋاتقان سانسىزلىغان ئاياللارغا ئوخشاشلا ئۆز خاراكتېرىنىڭ چەكلىمىلىكلىرىدىن ھالقىپ چىقىپ كېتەلمەيدىغان ئوبرازدۇر. شۇڭا، بىز ھەۋزىخاننىڭ كۈنداشلىق تۈپەيلىدىن دوستى ھەمراخانغا پىچاق سالغىنىنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىشنىڭ ئورنىغا ھېسداشلىق قىلىمىز، يازغۇچى ئەسەردە ئىنسان خاراكتېرىنىڭ رامكىغا چۈشمەيدىغان، قېلىپقا سېلىنمايدىغان كۆپ قىرلىق، تۇراقسىز ئالاھىدىلىكلىرىنى ھەۋزىخان بىلەن ئابدۇللا ئوبرازىنى يارىتىشتا ئىپادە قىلغان. شۇڭا، بىز ھەۋزىخان ئوبرازىنى مۇكەممەللەشكەن ۋە تەگكىلى بولمايدىغان ئىلاھ ياكى مەبۇد سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ۋۇجۇدى ئويغاق، ئوڭ مۈرىسىدە پەرىشتە، سول مۈرىسىدە شەيتان قاراپ تۇرغان، تومۇرلىرىدا ئىسسىق قانلار غۇيۇلداۋاتقان ھەقىقىي ئادەم سۈپىتىدە ھېس قىلىمىز. يازغۇچىنىڭ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتىمۇ دەل مۇشۇ يەردىدۇر. 

ئۇنىڭدىن باشقا خالىدە ئىسرائىلنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلان قىلغان ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە مۇھەببەت تېمىلىرىغا بېغىشلانغان بىر قىسىم ئەسەرلىرىمۇ بىزنىڭ دىققىتىمىزنى ئۆزىگە تارتىدۇ. بولۇپمۇ «رەڭدار قۇيۇن»، «ئوربىتا»، «باھاردا ياغقان قار»، «ئۇ كۆزلەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى شۇ جۈملىدىندۇر، يازغۇچى بۇ ئەسەرلىرىدە جەمئىيىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان بىر قىسىم رېئال مەسىلىلەرنى، مىللىتىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدا بىخ سۈرگەن كېسەللىكلەرنى جانلىق پېرسوناژلار ئوبرازى ئارقىلىق ئېچىپ تاشلىغان ۋە كىتابخانلارنى ئويغا سالغان. بولۇپمۇ «رەڭدار قۇيۇن»نىڭ بۇ جەھەتتىكى بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. 

خۇلاسە قىلغاندا، يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىدىكى مۇھىم ئالاھىدىلىكلەردىن تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن: 

بىرىنچى، پېرسوناژلار ئوبرازىنى يارىتىشتا ئەنئەنىۋى قېلىپلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىنسان خاراكتېرىنىڭ رامكىغا چۈشمەيدىغان، تۇراقسىز، ئۆزگىرىشچان، مۇرەككەپ، تىنچسىز ۋە كۆپ قىرلىق ھالەتلىرىنى ئېچىپ بەردى. ئۇنىڭ تۇنجى ھېكايىسى «ئېھ، ھايات»تىكى گۈلچېھرە ئوبرازىدىن تارتىپ، «ھاڭگرت كۆلى»دىكى زۆھرە، يۈسۈپ ۋە ئەخمەتلەر: «قۇملۇقنىڭ چۈشى»دىكى ھەۋزىخان، ئابدۇللا ۋە ھەمراخانلار، «رەڭدار قۇيۇن» دىكى ئايشەم بىلەن ھامىدلارنىڭ ئوبرازىغا قەدەر ھەممىسى گۆشى ۋە ئۇستىخىنى بار پېرسوناژلاردۇر، بىز بۇ پېرسوناژلاردىن ئاددىيلىق ئىچىدىكى مۇرەككەپلىكنى، ئومۇمىيلىق ئىچىدىكى خاسلىقنى، پسىخىك ھالىتىدىكى توختاۋسىز ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىمىز. _ 

ئىككىنچى، تەبىئەت ياكى مەنزىرە تەسۋىرى بىلەن پېرسوناژلارنىڭ روھىي ھالىتىنى ئۆزئارا گىرەلەشتۈرۈۋېتىدۇ ياكى تەبىئەت بىلەن ئىنساننى بىرگەۋدە قىلىپ يۇغۇرۇپ تاشلايدۇ. بىز دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى ھەرقانداق بىر مەشھۇر ئەسەرنى ئوقۇغىنىمىزدا، ئۇنىڭدىكى ئىنتايىن نازۇك ۋە ئىنچىكە بولغان روھىي ھالەت تەسۋىرىنى بايقايمىز. مەسىلەن، ھېمىڭۋاينىڭ «بوۋاي ۋە دېڭىز» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ۋەقەلىك يوق، بىراق ئاپتور بېلىقچى بوۋاينىڭ دېڭىزدىكى بىر كېچىلىك پائالىيىتى داۋامىدا ئىنسان بىلەن تەبىئەت (دېڭىز) ئوتتۇرىسىدىكى ھەم بىر - بىرى بىلەن تىنىمسىز كۈرەش قىلىدىغان ھەم بىر - بىرىگە باغلىنىدىغان ئىچكى مۇناسىۋەتنى ئېچىپ بېرىدۇ. بېلىقچى بوۋاينىڭ خاراكتېرى دېڭىز تەسۋىرى ئىچىدە تەدرىجىي ئاشكارىلىنىدۇ. خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ مانا مۇشۇنداق ئۆزگىچە ماھارەت ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. مەسىلەن، «ھاڭگىرت كۆلى»دە ئەسەر باشلىنىشى بىلەنلا گويا بىر يېقىملىق مۇزىكىدەك سۈرەتلەنگەن كۆل تەسۋىرى بىزنى چەكسىز ھاياجانغا سالىدۇ، بىز زۆھرەنىڭ ھېسسىياتىدىكى داۋالغۇشلار بىلەن ھاڭگىرت كۆلىنىڭ قاتتىق يامغۇردىكى چايقىلىشلىرىنىڭ ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى، تەبىئەتنىڭ ھەربىر تىنىقىدا ئىنسان ھېسسىياتىنىڭ ئەكس ئېتىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز، ئۇنىڭدىن باشقا «قۇملۇقنىڭ چۈشى» پوۋېستىدىكى ھەۋزىخاننىڭ مۇرەككەپ ھېسسىياتى بىلەن چەكسىز قۇملۇق تەسۋىرىدىكى ئۆزئارا باغلىنىش، «رەڭدار قۇيۇن»دىكى چۈشنىڭ تەكرارلىنىشى؛ «باھاردا ياغقان قار»دىكى ئەكبەرنىڭ شامالدا قېپقالغان ھالىتى ۋە قىلغان خىياللىرى دەل بۇ خىل بەدىئىي ماھارەتنىڭ يارقىن ئىپادىلىرىدۇر. 

ئۈچىنچى، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ئەپسانىۋى تۈس بىلەن رىۋايەت ئۇسلۇبىغا قايتىشتىن ئىبارەت يېڭى يۈزلىنىش خالىدە ئىسرائىل ئەسەرلىرىدە روشەن ئىپادىلەنگەن 

تۆتىنچى، خالىدە ئىسرائىل ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان پىكرىنى ئۇجۇر - بۇجىرىغىچە يېزىپ ھەممىنى تولۇقى بىلەن كىتابخانغا تاپشۇرۇپ بەرمەستىن، بەلكى كىتابخانلارغا يېڭىۋاشتىن ئويلىنىش ۋە قايتا ئىجاد قىلىش پۇرسىتى قالدۇرىدۇ، شۇڭىمۇ نۇرغۇن كىتابخانلار ۋە ئوبزورچىلار خالىدە ئىسرائىل ئەسەرلىرىنىڭ رەڭدارلىقى ئۇنىڭ قەلىمىنىڭ «بېخىل» لىقىدا دەيدۇ، ئەدەبىياتىمىزدا بارلىققا كەلگەن نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئوقۇساق، بېشىنى كۆرۈپلا ئاپتورنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ بولىمىز، بۇنداق «تەييار ئاش» سۈپىتىدىكى ئەسەرلەر ئېسىمىزدىن تېزلا كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، بىراق بىز خالىدە ئىسرائىل ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى ئۇزاققىچە ئەسەردىكى پېرسوناژلار بىلەن بىللە، خۇشال بولىمىز ھەم ئازابلىنىمىز، ھاياجان ئىچىدە خىيال سۈرىمىز … مانا بۇ ئاپتورنىڭ كىتابخانلارغا قالدۇرغان ئويلىنىش پۇرسىتى ۋە چەكسىز ئېستېتىك ئۈنمىدۇر. 

بەشىنچى، خالىدە ئىسرائىل ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى پاجىئە بىلەن سۇغۇرۇلغان، تراگېدىيىلىك توقۇنۇش ۋە زىددىيەتلەر بىلەن تولغان. 

مەلۇمكى، تراگېدىيىلىك گۈزەللىك - گۈزەللىكنىڭ بىر خىل يۇقىرى شەكلى، دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا قەدىمكى يۇنان تراگېدىيىلىرىدىن تارتىپ ھازىرقى مۇدېرنىزىم ئەدەبىياتىغا قەدەر تراگېدىيە پۇرىقى قويۇق ئەسەرلەر ئىزچىل ئالقىشلىنىپ كەلدى، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىمۇ توختاۋسىز تەكرارلىنىپ تۇرغان تراگېدىيىلەر ئىچىدە ئۆز - ئۆزىنى راۋاجلاندۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ باردى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تراگېدىك ئەسەرلەر كۆپ يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقىي سەنئەت قىممىتىگە ئىگە تراگېدىيىلىك ئەسەرلەر كۆپ ئەمەس. خالىدە ئىسرائىل بىر ئايالغا خاس سەزگۈر كۆز بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى تراگېدىك زىددىيەتلەرنى چوڭقۇر كۆزەتكەن، بولۇپمۇ ئاياللار دۇچ كېلىۋاتقان نۇرغۇن ئىجتىمائىي پاجىئەلەرنى بەدىئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، ماھىرلىق بىلەن سۈرەتلەپ بەرگەن، شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ھەۋزىخان ئوبرازىغا ئوخشاش بەدىئىي ئوبرازلارنىڭ بىزدە قالدۇرغان تەسىراتى ئۇزاققىچە تارقالمايدۇ. بىزگە يىغا بىلەن يانداشقان مۇڭ، شېرىن ئازاب، ئىچكى ئىزتىراپ ۋە پاجىئە بىلەن سۇغۇرۇلغان شادلىق بەخش ئېتىدۇ. 




#Article 273: سەمى يۈسۈف (169 words)


Sami Yusuf

سەمى يۈسۈف ئەنگىلىيىلىك كومپوزىتور ،ناخشىچى ۋە تالانتلىق مۇزىكانت ،ئۇ1980-يىلى 7-ئايدا ئەزەربەيجان مىللىتىدىن بولغان مۇزىكانت ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئائىلىسىنىڭ تەسىرىدە،مۇزىكا ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلانغان.

سەمى كىچىكىدىن باشلاپلا نۇرغۇن سازلارنى چېلىشنى ئۆگەنگەن ھەم تەدرىجى ھالدا ناخشا ئېيتىش ۋە ناخشا يېزىشقا قىزىقىشقا باشلىغان.ئۇ دۇنياغا داڭلىق مۇزىكا مەكتىپى---ئەنگىلىيە خان جەمەتى مۇزىكا ئىنىستوتىدا كومپوزىتورلۇق كەسپىدە ئوقۇغان.
سەمى كىچىكىدىن باشلاپلا ناخشا يېزىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئۇنىڭ مۇزىكىغا ماسلىشىش ۋە مۇزىكا نەزەرىيىسى جەھەتتىكى بىلىملىرىنى كېڭەيتىشكە تولۇقلىما رول ئوينىغان. ئۇ يەنە ئوتتۇرا شەرق سازلىرىنى (مۇقاملىرى)چېلىشنىمۇ ياخشى بىلىدۇ.

ئۇنىڭ ئىناۋىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرىلىشى بىلەن، سەمىنىڭ تۇنجى ئالبومى بولغان al muallim＿مۇئەللىٿبىر مىليون پارچىدىن ئارتۇق سېتىلغان.ھەم ئۇنىڭ ئىككىنچى ئالبومى my ummah、）(ئۈممىتىم)نىڭ سېتىلىش نىسپىتىمىۇ دۇنيا مىقياسىدا ئۈچ مىليۇن پارچىدىن ئېشىپ كەتكەن.

سەمى بىر ئىخلاسمەن مۇسۇلمان بولۇپ، ئۇنىڭ ناخشىلىرى ئاڭلىغان كىشىنى مىھرى-مۇھەببەت،رەھىمدىللىك ،تىنىچلىققا ۋە كەڭ قورساق بولۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ھەم ياشلارنى ئۆزىنىڭ دىنى (ئىسلام )دىنى ۋە (مۇسۇلمان)لىق سالاھىتىدىن پەخىرلىنىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.
ئۇ ھازىرغىچە ئامىرىكا،ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىدا30دىن ئاتۇق دۆلەتتە كېچىلىك ئۆتكۈزگەن .بۇنىڭ ئىچىدە تۈركىيەدە ئۆتكۈزگەن كېچىلىكى ئەڭ چوڭ بولۇپ تاماشىبىن سانى200000 (ئىككى يۈز مىڭ) دىن ئېشىپ كەتكەن .




#Article 274: زەپەر ئابلىز (821 words)


زەپەر ئابلىز 1961 - يىل 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. ئاتىسى ئابلىز نازىرى خەلقىمىزگە تونۇلغان پېشقەدەم شائىر، جۇرنالىست ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدىكى ئىقتىدارلىق رەھبەر، ئانىسى ئايىم كېۋىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىسى ئىدى، زەپەر 1979 - يىل 9 - ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردى.

زەپەر ئابلىز 1988 - يىل 4 - ئايدا ۋەتەنگە قايتىپ، ئانا مەكتىپى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە فاكۇلتېتىدا داۋاملىق ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. 1989 - يىل 3 - ئايدا لېكتور بولدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ ئىلگىرىكى بىلىملىرى ئاساسىدا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىپ تۇردى. يازغان ئىلمىي ماقالىلىرى ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1989 - يىلللىق مۇنەۋۋەر ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى مۇكاپاتىغا، 1990 - يىلى شىنجاڭ پەن - تەخنىكا جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر ماقالە مۇكاپاتىغا، 1992 - يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن - تەخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر ماقالە (بىرىنچى دەرىجىلىك) مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ مەزگىلدە ئۇ يەنە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان تەجرىبىخانا قۇرۇپ، كۆپ ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ خىمىيىلىك ئىسسىقلىق خالتىسى نى سىناق قىلىپ ياساپ چىقتى. ئۇ يۇقىرىقىدەك نەتىجىلىرى ئارقىلىق 1991 - يىلى دوتسېنتلىققا كۆتۈرۈلدى.

زەپەر ئابلىز 1991 - يىل 4 - ئايدا ياپونىيە توھو ئۇنىۋەرسىتەتى تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ياپونىيىگە يەنە بىر قېتىم بېرىپ، جاپالىق ئىلىم سەپىرىنى باشلىدى. بۇ مەزگىلدىمۇ ئۇ توي قىلغىنىغا ئانچە ئۇزاق بولمىغان ئايالى ۋە باشقا ئۇرۇغ - تۇغقانلىرىغا بولغان سېغىنىشىنى ئۆز يۇرتى ۋە خەلقىگە بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقىغا بويسۇندۇرۇپ، ئىلىم - پەن دېڭىزىغا يەنىمۇ چوڭقۇر چۆكتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشكە، يازغان ئىلمىي ماقالىلىرى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىشكە يۈزلەندى. ئۇ دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان شۇ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىدا بىر ياقتىن ئۆسۈملۈك خىمىيىگە ئائىت بىلىملىرىنى ئۇيغۇر دورىگەرلىكىگە تەدبىقلاپ، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى يۇقىرى سەۋىيىلىك ئىلىم نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلسا، يەنە بىر ياقتىن ماسسا سپەكترو ئىلمى ساھەسىدىكى يېڭى بايقاشلارنى ۋە پۇراقلىق ھىدرو كاربون ماددىلىرىدا بولىدىغان ھىدروگەن باغقا ئوخشايدىغان مولېكۇلا ئىچىدىكى ئاجىز تارتىش كۈچى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى ئەمەلىي تەجرىبىلەر ئارقىلىق دەلىللەپ چىقتى. ئۇنىڭ خەلقئارا ئىلغار سەۋىيىگە يەتكەن بۇ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ ھەممىسى دەگۈدەك خەلقئارا ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي جۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. ئۇندىن باشقا ئىلمىي جۇرناللارغا ۋە ماقالىلەر توپلاملىرىغا كۆچۈرۈپ بېسىلدى. ئۇ ئەنە شۇنداق مول نەتىجىلىرى بىلەن دوكتورلۇق ئوقۇشىنى ئىككى يىلدىلا غەلىبىلىك تاماملاپ، 1993 - يىل 5 - ئايدا خىمىيە ھەم فىزىكا كەسپى بويىچە تەبىئىي پەنلەر دوكتورى ئۇنۋانىنى ئالدى. 1993 - يىل 4 - ئايدىن باشلاپ، توھو ئۇنىۋېرسىتېتى دورىگەرلىك ئىلمى ئىنستىتۇتىدا تەكلىپلىك تەتقىقاتكى سۈپىتىدە تەبىئىي مەھسۇلاتلار خىمىيىسىنىڭ تەتقىقات خىزمىتىنى ئىشلىدى.

زەپەر ئابلىز ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، جۇڭگودىن بارغان ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ياپونىيىلىك دوستلارنىڭ ئارىسىدا كەسىپ ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتتە باشلامچىلىق رولىنى ئوينىدى ۋە غوللۇق ماھىر دەپ نام ئالدى. دەرۋەقە، بۇ غوللۇق ئىختىساس ئىگىسى 1993 - يىلى ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇكىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى مۇكاپاتى غا، 1995-يىل 7 - ئايدا جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ياش پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ 2 - نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنىدا مۇنەۋۋەر ماقالە مۇكاپاتىغا، شۇ يىلى 10 - ئايدا  لياڭ شاۋتيەن ياشلار فوندى مۇكاپاتى  غا ئېرىشتى. خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم نوپۇزلۇق گېزىتلەردە ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى، ئىش - ئىزلىرى، تەتقىقات نەتىجىلىرى تونۇشتۇرۇلدى. نۆۋەتتە ئۇنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي جۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىسى 60 پارچە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 30 پارچىسى سكى پايدىلىنىلغان ماقالىلەر كاتالوكىغا كىرگۈزۈلدى. شۇنداقلا، بۇ ماقالىلەردىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭى بايقاشلار ۋە يېڭى قاراشلار مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى كەسپداش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچلۈك دىققەت - ئېتىبارىغا سازاۋەر بولدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى ئۇ بۇ ماقالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى يېقىنقى 5 يىلدا يازدى؛ بۇنىڭدىن باشقا 3 پارچە كىتابنى ۋە ئانالىز خىمىيە لۇغىتىدىن بىرنى يېزىشقا قاتناشتى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېيجىڭ شەھەرلىك ۋەتەنپەرۋەر تۆھپىكارلار ئۈلگىسى دېگەن نامغا، جۇڭگو ئانالىز تەجرىبە جەمئىيىتىنىڭ 2-دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا (2 قېتىم) ئېرىشتى. 2004-يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى «يېڭى ئەسىردىكى مىليونلىغان ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى»دىكى دۆلەت دەرىجىلىك نامزات بولۇپ تاللاندى.

زەپەر ئابلىز يەنە قابىل پائالىيەتچى بولۇپ، 1993-يىل 5-ئايدا  ياپونىيىدىكى جۇڭگولۇق پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئىتتىپاقى  دەيدىغان بىر ئىلىم تەشكىلاتىنى قۇرۇشتا ئاساسلىق رول ئوينىدى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولدى؛ 1995 - يىل 3 - ئايدا ياپونىيىدە ئېچىلغان  جۇڭگو - ياپونىيە ياش ئالىملىرى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى  غا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى ھەم بۇ يىغىننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى.

زەپەر ئابلىز 1994 - يىل 7 - ئايدا ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، 10 - ئايدىن تا ھازىرغىچە جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى دورا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەبىئىي دورا خىمىيىسى بۆلۈمىدە تەبىئىي دورىغا كېرەكلىك ئۆسۈملۈكلەردىكى ئۈنۈملۈك تەركىبلەر ۋە قۇرۇلمىلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە خىمىيىلىك بىرىكمىلەرنىڭ ماسسا سپەكترو ئىلمى تەتقىقاتى بويىچە دوكتور ئاشتى تەتقىقات خىزمىتىدە بولدى. بۇ ھىزمەت 1996 - يىل 10 - ئايدا تاماملاندى.

زەپەر ئابلىز ھازىر جۇڭگو ئانالىز-تەجرىبا جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو سپېكتىر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىيەت باشلىقى، بېيجىڭ فىزىكا-خىمىيە ئانالىز تېخنىكىسى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىيەت باشلىقى، بېيجىڭ سپېكتىر شۆبە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى؛ ياپونىيە سپېكتىر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ چەت ئەللىك ئەزاسى؛ «ياپونىيە سپېكتىر ئىلمىي جۇرنىلى، جمسسج»، «سپېكتىر ئىلمى جۇرنىلى»، «ئانالىز-ئۆلچەش ئىلمىي جۇرنىلى» «ئانالىز تەجرىبىخانىسى» ۋە «جوڭنەن دورىگەرلىك ئىلمى» قاتارلىق جۇرناللارنىڭ تەھرىر ھەيئىتى؛ ھەمدە يەنە خەلقئارالىق ئاساسلىق سپېكتىر ئىلمى جۇرنىلى «راپىد كوممۇن. ماسس سپەكتروم» ۋە «ج. ئام.سوك. ماسس سپەكتروم»نىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك ماقالە باھالىغۇچى مۇتەخەسسىسى؛ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىلىك پروفېسسورى، دۆلەتلىك دورا نازارەتچىلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دورا باھالىغۇچى مۇتەخەسسىسى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىكى تېخنىكىلىق مەسلىھەت بەرگۈچى مۇتەخەسسىسلەر خەزىنىسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو تەجرىبىخانىلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش كومىتېتى دورا شۆبە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى؛ بېيجىڭ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنى ئۆتىمەكتە.




#Article 275: ئىسمائىل غاسپىرالى (820 words)


ئىسمائىل غاسپىرالى

(1851-1914)

تۈرك دۇنياسىنىڭ مەشھۇر مۇتەپەككۇر ۋە ئىسلاھاتچىلىرىنىڭ بىرى ئىسمائىل غاسپىرالىي قىرىم ئۇرۇشى (1853-1856) پۈتۈن شىددىتى بىلەن داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە باغچا سارايغا ئىككى سائەتلىك يىراقلىقتىكى ئوۋچى يېزىسىدا دۇنياغا كەلدى. ئاتىسى دۇنياغا كەلگەن يېزىنىڭ ئىسمى Gaspirinski (غاسپىرالى) غا ئاساسەن «غاسپىرالى» تەخەللۇسىنى قوللانغان ئىسمائىل ئەپەندىنىڭ بالىلىق دەۋرى قىرىم- تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ بۈشۈكى- باغچا سارايدا ئۆتتى ۋە بۇ شەھەر ئۇنىڭ روھى دۇنياسىدا كوچىلىرى، مەسچىتلىرى، ئۆيلىرى، بولۇپمۇ خانسارىيى قاتارلىقلار بىلەن ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى.

ئون ياش چېغىدىلا «ئاق مەسچىت» مەدرىسىسىگە ئەۋەتىلگەن ئىسمائىل غاسپىرالى ئىككى يىل ئۇ يەردە تۇرغاندىن كېيىن، ۋارونېژ شەھىرىدىكى ھەربىي مەكتەپكە يۆتكەلدى. بۇنىڭدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن موسكۇۋا ھەربىي ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ باردى.
غاسپىرالىنىڭ بۇ مەزگىلدە ئەڭ كۆپ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىغان بىر ئىش روسلارنىڭ تۈركلەرگە قارشى پانسىلاۋىزم سىياسىتى ئىدى. ياش ئىسمائىل بۇ سىياسەتكە ئېتىراز بىلدۈرۈشنى ئويلايتتى. ئۇ بۇ سەۋەبلىك مەكتەپتىن ئايرىلدى.
مەكتەپتىن ئايرىلغان غاسپىرالى زەنجىرلىك مەدرىسىسىدە روس تىلى ئوقۇتقۇچىسى سۈپىتىدە خىزمەتكە كىردى. بىر يېرىم يىل داۋاملاشقان بۇ ئوقۇتقۇچىلىق جەريانىدا ناھايىتى كۆپ ماتېرىيال كۆرۈش ئارقىلىق روس ئەدەبىياتى ۋە پىكىر ئېقىملىرى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئېرىشكەن ئىسمائىل غاسپىرالى بىر تەرەپتىن روس مەتبۇئاتىغا دىققەت قىلىش ئارقىلىق سىياسىي يېڭىلىقلار ۋە روسىيەنىڭ دۆلەت ئىچى- سىرتىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىلىشكە تىرىشتى. كەلگۈسىدە مېڭىسىنى بەكلا مەشغۇل قىلىدىغان «سوتسىيالىزم» توغرىسىدىمۇ ھاياتىنىڭ مۇشۇ مەزگىلىدە ناھايىتى كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولغان غاسپىرالى، 1869- يىلىدا مائاشى 600 روبلىگە ئۆستۈرۈلۈپ ياللادىكى تېرەكۆي مەكتىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ يەردىمۇ ئىككى يىل تۇرغاندىن كېيىن، باغچا سارايغا قايتىپ كېلىپ، يېڭىدىن زەنجىرلىك مەدرىسىسىدە روس تىلى دەرسلىرىنى بېرىشكە باشلىغان.
غاسپىرالى شۇ چاغقا قەدەر ئىدىيىسىدە شەكىللەندۈرگەن «يېڭىلىقچى» پىكىرلىرىنى تۇنجى قەدەمدە زەنجىرلىك مەدرىسىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تىرىشتى، ئوقۇغۇچىلىرىغا خىزمەتتىن سىرت «ئۇسۇلى جەدىد» (يېڭى مېتود) نى ئاساس قىلغان تۈركچە دەرسلەرنى ئۆگىتىش بىلەن بىرگە، مەدرىسىلەردە ئاساس قىلىنىپ كېلىۋاتقان «ئەنئەنىۋىي» مائارىپ شەكلىنى تەنقىد قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ بۇ مېتودى دەسلەپكى مەزگىللەردە قارشىلىققا ئۇچىرىدى.

غاسپىرالىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارزۇلىرىنىڭ بىرى ئىستانبۇلغا كېتىش ئىدى. ئىستانبۇلغا بېرىپ ئەسكەر بولۇشنى خالايتتى، ئەمما يېرىم يولدا توختاپ قالغان ئوقۇشىنىڭ بۇنىڭغا توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ 1871-يىلى پارىژغا بېرىپ يېرىم قالغان ئوقۇشىنى تاماملىدى. غاسپىرالى 1874-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر پارىژدا تۇرۇپ قالدى.
ئىسمائىل غاسپىرالى پارىژدىن ئىستانبۇلغا باردى، ئەمما ھەر قانچە قىلىپمۇ خىيالىدىكى خىزمەتنى ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى. ئۇنىڭ يازغۇچىلىق ھاياتى بۇ مەزگىلدە باشلاندى. ئەسكەر بولۇش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقى چۈشىنىپ يەتكەندىن كېيىن، 1875-يىلى قىشتا قىرىمغا قايتقان غاسپىرالى، 1878- يىلى باغچاساراينىڭ شەھەر باشلىقلىقىغا سايلانغا قەدەر باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن شۇغۇللانمىدى، ئۇنىڭ شۇغۇللانغىنى پەقەت ئوقۇش ۋە مىللىتىنىڭ ھاياتىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت بولدى.
ئىسمائىل غاسپىرالى 1878-يىلى باغچاساراي شەھەر باشلىقلىقىغا سايلاندى؛ ئۇ بۇ ۋەزىپە سايىسىدا ئىدىيىسىدىكى بەزى يېڭىلىقلارنى روياپقا چىقىرالايمەن، دەپ ئويلايتتى، مىڭ ئەپسۇسكى ئۇ يەنە بەزى توسۇلغۇلاردىن خالىي بولالمىدى. شەھەر باشلىقى سۈپىتىدە ۋەزىپىلىرىنى- بارلىق ئىمكانسىزلىقلاردىن قەتئىي نەزەر- جايىدا بىجىرىشكە تىرىشقان، ئەمما ئەسلى غايىسىنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالمىغان غاسپىرالى 1879- يىلى بىر گېزىت چىقىرىش ئۈچۈن روس ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، بۇ ئىلتىماس رەت قىلىندى. ئەمما ئۇ قانداقلا بولمىسۇن مىللىتىگە مەتبۇئات يولى ئارقىلىق خىزمەت قىلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. 1881-يىلى «ياش موللا» دېگەن تاقىما ئىسىم بىلەن كەلگۈسىدە كىتاب شەكلىدە نەشىر قىلىنىدىغان «Russkoe Musulmanstovo» (روسىيە مۇسۇلمانلىرى) تېمىسى ئاستىدىكى ماقالىلىرىنى يېزىپ ئاق مەسچىتتە چىقىدىغان «تەۋرىدە» گېزىتىدە ئىلان قىلدۇرۇشقا باشلىدى.
غاسپىرالى رۇخسەت ئالالمىغىنىغا قارىماي، گېزىت چىقىرىش قارارىدىن ۋاز كەچمىگەن ئىدى. بۇ قارارىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن زېمىن ھازىرلاش مەقسىتىدە 1881-يىلىدىن باشلاپ «تونغۇچ»، «ئاي»، «گۈنەش» (قۇياش)، «يۇلتۇز» ۋە «مىرئاتۇل جەدىد» (يېڭى ئەينەك) كە ئوخشىغان تۈرلۈك ئىسىملاردىكى كىچىك رىسالىلەرنى نەشىر قىلىشقا باشلىغان. ئەپسۇسكى، روسىيە دائىرىلىرى بۇ رىسالىلەرنىڭ نەشىر قىلىنىشىنى ئىسمى باشقا بولسىمۇ، گېزىت سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا نەشىر قىلىنىشىنى مەنئىي قىلدى.

غاسپىرالى بىر گېزىت چىقىرىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تولۇق تۆت يىل كۆرەش قىلدى، قانچە قېتىملاپ پېتېسبورگقا بېرىپ ئىلتىماسلانى سۇندى ۋە ئاخىرىدا 1883-يىلى تۈركچە قىسمى ئەينەن روسچىغا تەرجىمە قىلىنىش شەرتى بىلەن «تەرجۇمانى ئەھۋالى زامان» نى چىقىرىش روخسىتىنى ئالالىدى. ئىسمىنى تۈركىيەدە چىقىدىغان «تەرجۇمانۇل ئەھۋال» گېزىتىدىن ئالغان بۇ گېزىتنىڭ روسچە ئىسمى «پەرەۋوتجىك» ئىدى.
زوھرە خانىمنىڭ زىننەت بۈيۈملىرى ۋە ئانىسىدىن قالغان قىممەتلىك كىيىم- كىچەكلىرىنى سېتىپ توپلانغان پۇلغا 300 روبلى ئەتراپىدىكى مۇشتەرىلىك پۇلىنى قوشۇپ كونا بىر ماشىنا ۋە بىر مىقدار ھەرپلەرنى سېتىۋالغان غاسپىرالى گېزىتىنىڭ تۇنجى سانىنى 1883-يىلى 10- ئاپرىلدا چىقاردى.

كىچىك ھەجىمدە تۆت بەتلىك شەكىلدە نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان «تەرجۇمان» ئۇزۇن ئۆتمەيلا شۇ دەۋرنىڭ شەرت- شارائىتى ۋە ئوقۇرمەن- يازغۇچىلىرىنىڭ سانىغا قارىغاندا ناھايىتى يۇقىرى دېيىش مۇمكىن بولىدىغان تىراژ بىلەن نەشىر قىلىندى. كافقاز، قازان، سىبىرىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، جۇڭگۇ، ھەتتا ئىران ۋە مىسىرلاردا سېتىلغان «تەرجۇمان» نىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپىقىيىتى غاسپىرالىنىڭ يالغۇز روسىيە تۈركلىرىنى ئەمەس، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىدە ئىپادىسىنى تاپاتتى. بۇ ئوخشاش ۋاقىتتا «تىلدا بىرلىك» ئىدىيىسىنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشى، شۇ تىلنىڭ ئىستېمال قىلىنىشىدا مۇھىم بىر غايە ئورنىغا قويۇلىشى ئوقۇمىنى بىرەتتى.

مۇسۇلمان ئىتتىپاقى «تەرجۇمان» گېزىتىنىڭ سايىسىدا ئۆتمۈشتە يالغۇز خىيال ھېسابلىدىغان تىلدا بىرلىك ئىدىيىسى بىلەن بىرگە، ئۇسۇلى جەدىد مەكتىۋىنىمۇ شەكىللەندۈرگەن ۋە كېڭەيتكەن ئىسمائىل غاسپىرالى 1905 كىرىزىسىدىن كېيىن ”روسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىتتىپاقى“ غايىسى بىلەن توپلانغان ئۈچ قېتىملىق قۇرۇلتايدا مۇھىم رول ئوينىدى. مائارىپ مەسىلىسى مەركەزلىك ھالدا مۇزاكىرە قىلىنغان ئۈچىنچى قېتىملىق قۇرۇلتايدا «تىل بىرلىگى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرىنى پۈتۈن روسىيە مۇسۇلمانلىرىغا رەسمىي شەكىلدە قۇبۇل قىلدۇردى (1906).

مەشرۇتىيەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئىستانبۇلغا كەلگەن ۋە ناھايىتى كۈچلۈك بىر خىل ھاياجان ئىچىدە قارشى ئېلىنغان (1909). تۈركىيە تۈركلىرىگە تولىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن غاسپىرالى قىرىمدىكى چېغىدىمۇ روسىيە مەتبۇئاتىغا قارشى تۈركىيەنى ھىمايە قىلىشتىن، تۈركىيە تۈركلىرىگە قارشى يېزىلغان ماتېرىياللارغا رەددىيە قايتۇرۇشتىن قەتئىي باش تارتمىغان ئىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدا ئىستانبۇلغا تەكرار كىلىپ، تۈركىيەنى ئۇرۇشقا كىرمەسلىك خۇسۇىسدا ئاگاھلاندۇرۇشقا تىرىشقان غاسپىرالى تۈرك دۇنياسىدا يېتىشىپ چىققان ئاز ئۇچرايدىغان زىيالىلارنىڭ بىرى ئىدى، يېتىشكەن ئىسلاھاتچى، ھەقىقىي مۆمىن كىشى ئىدى.




#Article 276: سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان (1978 words)


سۇلتان ساتۇق بۇغراخان (خاقانىيە:  حضرت سلطان ستوق بغرا خان غازي) تەخمىنەن ھىجرى 309 (مىلادى 922) - يىلى توغۇلغان. ئالتە يېشىدا ئاتىسى تەڭرى قادىر بۇغرا خان بىر قېتىملىق بۇخارا سەپىرىدە ۋاپات بولغان. ساتۇق تۇل ئانىسى بىلەن بىرلىكتە تاغىسى ۋە ئاتىسىنىڭ ئورنىغا خان بولغان ھارۇن بۇغراخاننىڭ ھىمايىسىدە چوڭ بولغان، 932 - يىلى ئۇلۇغ قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ سۇلتانى ۋە 934 - يىلى تۇنجى مۇسۇلمان قاراخانىي خاقانىدۇر. ھىجرىيە 344  (مىلادى 955/956) - يىلى ئەتراپىدا پانىي ئالەمدىن باقىي ئالەمگە سەپەر قىلغان.

سۇلتان ساتۇق بۇغراخان تىلغا ئېلىنغان بىر نەچچە تارىخىي مەنبەلەر بار بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى «سۇراھ» نامى بىلەن تونۇلغان، جامال قارشى (ت. 1230/31)نىڭ «مۇلھەقاتۇل سۇراھ» ئەسىرى، يەنە بىرى 11 - ئەسرگە تارىخلەنگەن ئەبۇ ئەلفۇتۇھ ئابدۇلغافىر ئىبن ئەل ھۈسەين ئەل ئالمائى قەلىمىدىن «تارىخى كاشغەر»، شۇنداقلا ئوسمانلى تارىخچىسى مۇنەججىمباشى تەرىپىدىن چاغاتاي ئىملاسىدا قەلەمگە ئېلىنغا «تەزكىرەئى بۇغراخان» قاتارلىقلاردۇر.

ئەبۇ پۇتۇھ ئابدۇغەفۇر بىننى ھۇسەيىن ئەلمايى قەشقەرىنىڭ  دىمۇ ئىنىق خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان . 1028 - يىلى ئەلجەۋھىرىنىڭ  ناملىق ئەرەپچە سۇزلىكنى پارىسچە تەرجىمە قىلغان جامال قارشى قەشقەر تارىخىدىن نەقىللەر ئىلىپ قاراخانىلار خانلىقىنىڭ تارىخىغا دائىر قىممەتلىك مەنبەلەرنى بەرگەن . مۇشۇنىڭ بەرگەن مەنبەلىرىگە قارىغاندا ، سۇتۇق كۆل بىلگە قىدىرخاننىڭ ئەۋلادى بارىز ئارسلانخاننىڭ ئۇغلى بۇلۇپ ، فىرانسىيە ئالىمى سىرناندى گىرىننارتنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ، سۇتۇق مىلادىيە 900 - يىللىرى ياكى 910 - يىللىرى تۇغۇلغان ، ئاتىسى بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن ، تەختكە ئۇنىڭ تاغىسى ئۇغۇلچاق ۋارىسلىق قىلغان . ئۇنىڭ ئانىسى ئۇغۇلچاققا نىكاھلىنىلغان . بۇنىڭ بىلەن ئۇغۇلچاق ھاكىميەت يۇرگۇزگەن . ئىلگىرى خاننىڭ سامانىيلار سۇلالىسىدىن قىچىپ چىققان شاھزادە ئەبۇ نەسىر بىننى سۇلايماننى 932 - يىلى كۇتىۋالغان ۋە ئۇنىڭ قەشقەرگە يىقىن ئاتۇشتا بىر مەسچىت سىلىشقا ئىجازەت بەرگەن . ئاتۇشتىكى بۇ مەسچىت بۇ جايدىكى تۇنجى ئىسلام مەسچىتى ئىدى . شۇ چاغدا ، مۇسۇلمان كارۋانلىرى بۇخارا ۋە سەمەرقەنتتىن ئاتۇشقا كىلىپ سودا قىلغان . شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىنى كىڭەيتىش ئۇچۇن ھەركەت قىلىپ 12 ياشقا توشقان سۇتۇق بىلەن ئۇچرىشىپ ، ئۇزلىرىنىڭ كارۋانلىرى ئىلىپ كەلگەن ماللارنى كۇزدىن كەچۇرۇش نىقابى بىلەن ئەبۇ نەسىر سامانىي بىلەن ئۇچراشقان ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئۇقۇش ئەھۋالىنى كۇرگەن . ئۇ ئەبۇ نەسىر سامانىدىن سۇئال سورىغان ،  . ئۇغۇلچاقنىڭ جىيەنى سۇتۇق ، ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ سۆزلىرىدىن چۇڭقۇر تەسىرلىنىپ ، ئاتۇشنىڭ ئاغۇ كەنتىدە ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان ھەم ئۇزىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى ، تۇغقانلىرىنى مەخپىي ھالدا ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلدۇرغان ، سامانىيلارنىڭ شاھزادىسى ئەبۇ نەسىر سامانىي سۇتۇقنى ئىسلام دىنىغا كىرىشنى دالالەت قىلىشى ھەرگىز يەككە - يىگانە تاساددىبىي يۇز بەرگەن ۋەقە ئەمەس . مىلادىيە سەككىزىنجى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئەرەبلەر ئۇتتۇرا ئاسىيانى ئىستىلا قىلىشقا باشلىغان . ئۇتتۇرا ئاسىيا رايۇنى ئىسلاملاشقاندىن كىيىن ئىسلام دىنى ئىككى يۇز نەچچە يىل داۋامىدا مەخپىي ، ئاشكارا ۋە تۇرلۇك ئۇسۇللار بىلەن قۇرۇقلۇق يۇلى ئارقىلىق ئانا دىيار رايۇنىمىزغا كىرگەن . ئۇتتۇرا ئاسيادىكى ماۋەرائۇننەھىرنىڭ شىمالىدا سامانىي خانلىقىنىڭ چىگراسىدا يۇز بەرگەن تۇرلۇك ھەربىي ھەركەتلەر ۋە سودا ئالاقىلىرى شۇ جايلاردىكى تۇرۇكلەرنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشقا سەۋەبچى بولغان ، بۇ ئەھۋاللار قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشتىكى تارىخى ئارقا كۇرۇنىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۇرگەن .

سۇتۇقنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى سىزىپ قالغان ئۇغۇلچاق ئۇنىڭغا قەتئىي يۇل قۇيماسلىقنى بىلدۇرگەن سۇتۇق ئۇغۇلچاقنىڭ بۇ ھەركىتىگە قارتا مەخپىي تەشكىلات قۇرۇپ ئۇزى بىلەن مۇسۇلمان بۇلغان 50 نۇكەرنى باشلاپ چىقىپ ، ئۇردا - قەلئەنى ئىگەللەش ۋە ئۇغۇلچاقتىن ھاكىميەتنى تارتىۋىلىش پىلانىنى تۇزگەن . بۇنىڭ بىلەن قەشقەردىن بىر قىسىم مۇسۇلمان پىدائىلاردىن 300 دەك ئەسكەرنى ئۇز يىنىغا تۇپلىغان ۋە پەرغانەلەردىكى مۇسۇلمان پىدائىيلارنىڭ ياردىمىنى قۇلغا كەلتۇرۇپ ، ئۇمۇمىي ئەسكەر سانىنى مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە كۇپەيىتكەن . ئۇلار ئالدى بىلەن ئات بىشى تايانچ پۇنكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ ، 3000 دەك قۇشۇن بىلەن جىددىي تەييارلىق قىلغان . ئۇ شەرت -شارائىت تەدرىجى پىشىپ يىتىلگەندىن كىيىن ئىچكى ۋە تاشقى كۇشلەرنىڭ ماسلىشىغا تەيىنىپ ھەربىي ئۇزگۇرۇش قۇزغاپ ، قىدىرخان ئۇغۇلچاق بۇغراخاننىڭ ئۇردىسىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ ، قارشىلىق قىلغان تاغىسى ئۇغۇلچاقنى قۇلغا ئىلىپ تەخىتنى تارتىۋالغان .

ئۇغۇلچاقنىڭ شاھزادە تىكىنلىرى ۋە ئۇردا مەنسەپدارلىرىنى قۇلغا ئىلىپ بەزىلىرىنى ئۇلتۇردى بەزىلىرىنى ئىمان ئىتقۇزۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگۇزدى ، مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن قەشقەر ھاكىميىتى پۇتۇنلەي سۇتۇقنىڭ قۇلىغا ئۇتتى . قەشقەر نۇپۇسىنىڭ يىرىمىغا قەدەر مۇسۇلمان بۇلغان قەشقەر خەلىقى ھەر تەرەپتىن سۇتۇقنىڭ ياردىمىگە ئىرىشكەنلىكتىن تەنتەنە قىلىپ پۇتۇن قەشقەر خەلىقى سۇتۇق تىكىننىڭ ھاكىميىتىنى قۇبۇل قىلغان . مىلادىيە 1027 - يىلى قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ خانى دەپ ئىلان قىلىپ قەھىرمانلىق مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان بۇغرا خانلىق ئۇنۋانىنى قۇللاندى . ئىسلام دىنىنى دۇلەت دىنى قىلىپ ئىلان قىلدى . سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار خاندانلىقى ئىچىدە بىرىنجى بۇلۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن . ئىسلام دىنىنى تاراتقۇچى نامى بىلەن تارىختا مەشھۇردۇر ۋە قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئاساسىنى سالغان ئادەم ھىساپلىنىدۇ .

مىلادى 840- يىلى ، تەبىئىي ئاپەت ۋە باشقا ئۇلۇسلار بىلەن ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇش ئاقىۋىتىدە ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ بىرلىكى شىكەست يېدى .15ياشلىق شاھزادە پانتىكىن ۋە ۋەزىر سارچىق باشچىلىقىدىكى 15 قەبىلە ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى قېرىنداش تۇغقانلىرى بولغان قارلۇق ئۇيغۇرلىرى ئولتۇرۇشلۇق رايونلارغا (ئالتاي تاغلىرىنىڭ غەرىبى ، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارغا ) كۆچۈپ كەلدى . (قارلۇقلار ئەسلىدە مىلادى 766- يىللىرى يەتتە سۇ بىلەن سىر دەرياسىنىڭ شەرقى قىسمىدىكى تۈركەشلەر ئىگەللىۋالغان زىمىننى قايتۇرۇپ ئېلىپ ، سۈيئاپ (بۈگۈنكى توقماق ) شەھرىنى پايتەخت قىلىشقان ئىدى . ) قارلۇقلار ئورۇنلاشقان جايلارنىڭ ئىچىگە تالاس شەھىرى ۋە تالاس ۋادىللىرىمۇ كىرەتتى .  كۆچكەندىن كېيىن توققۇز ئوغۇز ئۇيغۇرلىرى بىلەن قارلۇق ئۇيغۇرلىرى يېڭىۋاشتىن ئارلىشىپ كەتتى . بۇلار مىلادى 870- يىللىرى قۇرۇلغان قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ ئاساسى گەۋدىسىگە ئايلاندى .Ⅸئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا توققۇز ئوغۇز ئۇيغۇرلىرى بىلەن قارلۇق ئۇيغۇرلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر چوڭ خانلىق شەكىللەندى ، بۇ خانلىق  ئۇلۇغ  ،  كەڭ  ۋە  كۈت پېتىش تەرەپ  دېگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدىغان  قارا  سۆزىنى ئۆز خانلىقىنىڭ نامى قىلىپ قاراخانىلار دەپ ئاتالدى . قاراخانىلار زىمىنى ئۈچ قىسىمغا بۆلىنەتتى . بىرىنجى قىسمى : قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان مەركىزى قىسىم بولۇپ ، خاقانىيە ئۆلكىسى  دەپ ئاتىلاتتى . ئىككىنجى قىسمى : سەمەرقەند ۋە تالاسنى مەركەز قىلغان غەربىي قىسىم ، ئۈچىنجى قىسمى : خوتەننى مەركەز قىلغان شەرقى جەنۇبى قىسىم ئىدى .

ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان دەل ئاشۇ بايانىمىزدىكى ئۇلۇغ قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ  سۇلتانى ۋە ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۇنجى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغۇچى ئىدى .

جامال قارشى يازغان  دىگەن كىتابىدىكى مەلۇماتقا قارغاندا سۇتۇق بۇغراخاننىڭ بۇۋىسى كۇل بىلىگ قىدىرخان  ( بالاساغۇندا ) مەركىزى ھۇكۇمەتنى باشقۇرغان ۋاقىتتا ئەتراپىدىكى تۇركى قەبىللەرگە ھۇكۇمرانلىق قىلغان . ئۇنىڭ زامانىسىدا تۇركى قۋملەردىن شاش  رايۇنى ئىسلامنى بۇرۇنراق قۇبۇل قىلغان . ئۇ مىلادىيە 819 - يىللىرىدىن بۇيان ماۋەرائۇننەھردە بۇرۇن ھۇكۇم سۇرگەن ئۇز ھاكىميەتنى كىڭەيتىپ سامانىيلار خانلىقى بىلەن ئۇرۇشۇشقا مەجبۇر بۇلغان شۇنى ئىيتىپ ئۇتۇش كىرەككى كۇل بىلىگ قىدىرخاننىڭ ھۇكۇم سۇرگەن زامانى ، پائالىيىتى ھەققىدە بىز ھىشقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس قامال قارشىنىڭ پىكىرىچە كۇل بىلىگ قىدىرخاندىن كىيىن ھاكىميەتنى ئۇنىڭ ئىككى ئۇغلى قۇلغا ئالغان كۇل بىلىگ قىدىرخاننىڭ بارىز ( ئارىسلانخان ) ئۇغۇلچاق ( قىدىرخان ياكى بۇغراخان ) دىگەن ئىككى ئۇغلى بۇلۇپ بۇ تۇغۇرلۇق پىرىستاك قاتارلىق بەزى ئالىملار بازىر ( ئارىسلانخان ) نىڭ بالاساغۇندا ئۇلۇغ خاقان سۇپىتى بىلەن ، ئۇغۇلچاق قادىرخان بۇغراخان نامى بىلەن تىراز ۋە كىيىن قەشقەردە ھۇكۇم سۇرگەن . مىلادىيە 893 - يىللىرى ئۇغۇلچاق بىلەن سامانىيلار خانلىقى ئۇتتۇرسىدا كۇپ قىتىم سۇقۇشلار بۇلۇپ ئۇتكەنىدى . مىلادىيە 893 - يىلى ئىسمايىل شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ مەركىزى تىرازنى ئىشخال قىلىپ ، خۇتۇن بالىلىرى بىلەن 15 مىڭ ئەسكەرنى ئەسىرگە ئالغان بۇنىڭ بىلەن ئۇغۇلچاق ئارىسلانخان مەركەزنى قەشقەرگە يۇتكەش بىلەن سامانىيلار خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق كۇرگەن سامانىيلار ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلانغان ئۇغۇلچاق ، سامانىيلاردىن بىرىنى ئۇز پاناھىغا ئىلىشقا ھەركەتمۇ قىلغان ئىدى .

سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىلار خاندىنلىقنىڭخاقانى بۇلغاندىن باشلاپ ، قاراخانلىيلار خاندانلىقى تارىخىدا مەدەنىيەت گۇللەنگەن ۋە ئىسلاملىشىش دەۋرى باشلانغان  . بۇ دەۋېردە قاراخانىيلار قۇدرەتلىك ، مەدەنىيەتلىك باي بىر دۇلەت سۇپىتىدە جاھانغا تۇنۇلغان . سۇتۇق بۇغرا قاراخان  ئىسلاملاشتۇرۇش ئىشىدا ، خەلىقلەرنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىشتا ئالدى بىلەن قەشقەر ، يەكەن ، ئاقسۇ ، ئىلى ، بالاساغۇن ، بارسغان ( ئىسسىقكۇل ئەتراپى ) قاتارلىق جايلاردا ، ئىسلام دىنىنى ناھايىتى تىز ۋاقىتنىڭ ئىچىدە تارقىتىپ ، بۇ رايۇنلاردا يىلتىز تارتتى ۋە ئىسلام دىنىغا ئۇمۇملاشتى . بۇنىڭ بىلەن سامانىيلار خاندانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ ، تالاس شەھىرىنى قايتۇرۇپ كەلدى ، 10 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ تەشەببۇسۇ بىلەن ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئارقىلىق ، ئىككى يۇزمىڭغا يىقىن تۇركلەر ئىسلام دىنىغا كىردى ۋە جۇڭغارىيە ئۇيمانلىقىدا ئىسلام دىنى زۇر كۇچ بىلەن ئۇمۇملاشتى . بۇ ۋاقىتتا سۇتۇق بۇغراخان ئۇزىنىڭ پايتىختىنى قەشقەر قىلىپ بەلگىلىدى . قاراخانيلارنىڭ پايتەختى قەشقەرگە ماۋەئۇننەھر ، خۇراسا ، ئافغانىستان قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىدىن نۇرغۇن دىن پىشىۋالىرى ، دىن ئالىملىرى كەلدى .  . ( پىرىتساكنىڭ  كىتابىدىن ئىلىندى )

سۇتۇق بۇغراخان دەۋرېدە ئۇنىڭ نامىغا قۇيدۇرۇلغان تىللا پۇل سۇتۇق بۇغراخان نامى بىلەن مۇسۇلمانچە ئابدۇكېرىم دىگەن خەت قۇيۇلغان تىللا پۇللار ھازىر لىنىنىگىراتتىكى مۇزېيدا ساقلانماقتا . سۇتۇق بۇغراخان بالاساغۇننى بۇي سۇندۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن قەشقەرگە قايتىپ ئىدىقۇت ئۇىيغۇر خانلىقىغا قارشى زىر غازاتقا تەييەرلاندى . سۇتۇق بۇغراخان ئۇزى ئىسلام قۇشۇنىغا رەھبەرلىك قىلىپ ، خۇتەنگە يۇرۇش قىلدى . سۇتۇق بۇغراخان بۇ قىتىمقى يۇرۇشتە خۇتەن بۇددىسى ئۇيغۇرلىرىنى بۇسۇندۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن كۇچالارغا يۇرۇش قىلدى ۋە قەدىمدىن بىرى بىددا دىنىنىڭ مەركىزىدىن بىرى بۇلغان كۇچار قاتتىق قارشىلىق قىلىپ . ئىسلام دىنىغا كىرىشكە تەرسالىق قىلغان بۇلسىمۇ ، ئاھالىنىڭ زۇر كۇپچىلىكى يەنىلا مۇسۇلمان بۇلماي بۇرۇنقى بۇددا دىنىغا ئىتقادىدا بۇلدى .
سۇتۇق بۇغراخان خۇتەن ، كۇچالارنى بۇيسۇندۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن ئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقىنى بۇيسۇندۇرۇش تاكتىكىسىدا ئاۋۋال مىلادىنىڭ 950 - يىللىرى شىمالى تەرەپتىن ئىلىغا ، جەبۇبىي تەرەپتىن قارا شەھەر تەرەپتىكى ئۇرۇش يۇنىلىشى بۇيچە قۇشۇن تەشكىللەپ ماڭدى . بۇ غازاتقا ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ئۇغىلى ئەبۇ فەتتاھنى قۇماندان قىلدى . مىلادىيە 950 - يىللىرى ئەتراپىدا ئەبۇ فەتتاھ قۇماندانلىقىدىكى قاراخانىيلار قۇشۇنى ھەشەمەتلىك بايراق ، داقا دۇمباق ئەلەملىرىنى كۇتۇرۇپ ، ھەيۋەتلىك قۇشۇن بىلەن شەرىققە يۇرۇش قىلدى . قاراخانىيلارنىڭ ئەبۇ فەتتاھ قۇماندانلىقىدىكى قۇشۇنى كۇچار ، كۇرلا ، قاراشەھەر قاتارلىق جايلارنى ئىشخال قىلىپ ، تۇقسۇن يۇىلى بىلەن تەڭرى تىغىنىڭ شىمالىدىكى بەشبالىق شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن تەڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بەشبالىق ۋە قارا خۇجا شەھىرىدىن نۇرغۇن قۇشۇن يۇتكەپ تەڭرىتاغ ئىغىزىدا ئەبۇ فەتتاھ قۇشۇنلىرىغا قاتتىق قارشىلىق قىلدى ، بۇ ۋاقىتتا سۇتۇق بۇغراخان قارا خاننىڭ چۇڭ ئۇغلى مۇسا تىكىن ( بايتاش ) نىڭ قۇماندانلىقىدا قارا شەھەرگە ۋاقتىنچە چىكىنىپ بۇ جايدا قۇشۇنلىرىنى تەرتىپكە سالدى . بۇ قىتىمقى ئۇرۇشتا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىمۇ ناھايىتى زۇر چىقىمغا ئۇچۇردى . سۇتۇق بۇغراخان بۇددىسى ئۇيغۇرلار بىلەن بۇلغان جەڭدە ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ ئۇغلى ئەبۇل فەتتاھ زۇر قۇماندانلىق بىلەن خىزمەت كۇرسەتكەنلىكى ئۇچۇن ، سۇتۇق بۇغراخان ئۇنىڭغا  ( قەھىرمان شاھزادە ) دىگەن ئۇنۋاننى بەردى . ئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقى بۇددا دىنىدا قىلىش شەرتى بىلەن قاراخانىيلار خاندانلىقىغا بۇي سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن . سۇتۇق بۇغراخان ئۇز دۇلىتىنىڭ شەرقى چىگراسى قىلىپ كۇچانى بىكىتتى مىلادىيە 954 - يىلى سۇتۇق بۇغراخان ئىغىر كىسەلگە دۇچار بۇلغانلىقىدىكى خەۋەر مۇسا تىكىنگە يەتكۇزۇلدى مۇسا تىكىن دەرھال قەشقەرگە قايىتتى . ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر ، دىننىي ئالىم ، سىياسىيۇن ، تالانتلىق ھەربىي ئالىم ۋە ھەربىي سەركەردە سۇتۇق بۇغراخان 22 يىل قاراخانىيلار خاقانى بۇلۇپ ، مىلادىيە 955 - يىلى ئالەمدىن ئۇتتى . ئۇنىڭ جەستىنى ئاتۇشتىكى مەشھەتتە ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانىنىينىڭ قەبرىگاھىنىڭ يىنىغا قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئائىلە مازارى بۇلغان  ناملىق ھۇكۇمدارلار گۇمبىزىگە دەپنە قىلىنغان .

سۇتۇق بۇغراخان ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بۈيۈك خاقان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەينى دەۋىردىكى ئادالەتپەرۋەرلىكى ، جاسارىتى ۋە توغرا ئېتىقادى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ گۈللىنىشىگە نېگىزلىك تۈرتكە بولغان . شۇڭا قەدىمدىن تارتىپ ئۇ ھەققىدىكى قوشاقلار ئۈزۈلمەي داۋام قىلىپ كەلمەكتە :

ئاتۇش دېگەن ئوبدان يۇرت ،

دۈشەنبە بازارى بار .

غېرىپلارنى قوللايدۇ ،

ھەز سۇلتان مازارى بار...

 

ھەز سۇلتاندا تۇغ -ئەلەم ،

قولىدا قىلىچ -قەلەم .

يىغلىماڭلار ياش باللا ،

ئۆتۈپ كېتىدۇ ئالەم .

 

سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى قىستۇرما :

سۇتۇق بۇغراخان ئالەمدىن ئۇتكەندىن كىيىن چۇڭ ئۇغلى مۇسا ئىبىن ئابدۇكەرىم بۇغراخان ( تۇرۇكچە ئىسىمى  بايتاش ) ئارسلان بۇغراخان ئۇنۋانى بىلەن قاراخانىيلار تەختىدە ئۇلتۇردى ئۇ يەنىلا قەشقەرنى قاراخانىيلار پايتەختى قىلدى . ئۇنىڭ ئىنىسى سۇلايمان بالاساغۇندا تۇردى . مۇسا ئارسلان بۇغراخان ئۇتكۇر سىياسەتچىلەردىن بۇلۇپ ، كۇپ ئىقتىدارلىق ئالىم ئىدى . ئۇ قاراخانىيلارنىڭ تەختىگە چىققاندىن كىيىن بىر قەدەر مۇكەممەل بۇلغان دۇلەت مەمۇرىي تۇزۇمىنى بەرپا قىلىپ ، كۇپ قاتلاملىق ، كۇپ شەكىللىك ئىجدىمائىي تۇزۇمنى بىكىتتى . شەرق قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي ھۇقۇقىنى ئىتىراپ قىلىش بىلەن ئۇلارغا مەلۇم مەمۇرىي ھۇقۇق بەردى . قاراخانىيلارنىڭ ئىجدقمائىي تۇزىمىدە مەمۇرىي تۇزۇمنى ئۇڭۇشلۇق يۇلغا قۇيۇش ئۇچۇن بىر قاتار قانۇن تۇزۇم ، نىزامنامىلەر تۇرغۇزۇلغان . مۇشۇ تۇزۇملەرنى تۇرغۇزۇپ ، قاراخانىيلار ھاكىميىتىنىڭ بالاساغۇن ۋە قەشقەردىكى مەركىزى ھۇكۇمەتنى مۇستەھكەملىگەن ھەم دىننىي مۇئەسسەسەلىرىنى قۇرۇپ ، ئىسلام دىنىنى زۇر كۇچ بىلەن كېڭەيتىكەن . خۇتەندىكى بۇددىسلارغا جىھات قىلىپ خۇتەننى ئىسلام دىنىغا كىرگۇزگەن . ئۇ ئالىپ تىكىن باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمان قۇشۇننى تەشكىللەپ ئىلىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇستىدە يۇرۇش قىلىپ ئالدى بىلەن قارا شەھەرنى ئىشخال قىلغان . ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى مىڭلاق قاتارلىق رايۇنلارغا يۇرۇش قىلدى . قاراخانىيلار قۇشۇنى ئىلىنى ئىشخال قىلىپ ، بۇ جايدىكى ئىبادەتخانىلىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدى . بۇددىست ئۇيغۇرلىرىنى مىڭلاقتىن سۇرۇپ چىقىرىپ . ئۇ يەرلەرگە مۇسۇلمان تۇركلەرنى ئۇرۇنلاشتۇردى . دەل مۇشۇ مەزگىلدە قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى ئىلىغا ھۇجۇم قىلدى . قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن قاراخانىيلار مۇسۇلمان قۇشۇنلىرى ئۇتتۇرسىدا شىددەتلىك جەڭ بۇلدى ئالىپ تىكىن قاتتىق جەڭلەردىن كىيىن قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ ، قۇجۇنى ئىشخال قىلدى . قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلماي ئۇزلىرىنىڭ بۇددا دىنىدا قىلىپ ، ئىچكى مۇستەقىللىقنى ساقلاپ قىلىش شەرتى بىلەن قاراخانىيلارغا تەۋە بۇلدى .

ئۇيغۇر تارىخي مەنبەلەردە قاراخانىيلار ئىسلام دىنىنى ئۇمۇملاشتۇرۇش ئۇچۇن قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن بەشبالىقتا ئىلىپ بارغان بىر قىتىملىق شىددەتلىك جەڭدە ئەبۇ ناسىر سامانىينىڭ ئۇغلى ئەبۇ فەتتاھ باتۇرلۇق بىلەن خىزمەت كۇرسۇتۇپ شىھىت بۇلىدۇ . ئالىپ تىكىننىڭ مازىرى جەنۇبىي تاغ ئىتىكىدە بۇلۇپ ، ھازىرمۇ خەلىقلەر بۇ مازارنى  مازىرى دەپ ئاتايدۇ .

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار




#Article 277: ئېلىخان تۆرە (1112 words)


ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يەنى 1944–يىلىدىن 1946–يىلى 6–ئايغىچە (ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن گومىنداڭ ئوتتۇرىسىدا 11ماددىلىق بىتىم تۈزۈلۈپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغىچە) ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە ئېلىخان تۆرە رەئىس بولدى. نۇرغۇن كىشى ئېلىخان تۆرىنىڭ كىملىكىنى، قانداق ئىش–پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئانچە بىلمىسە كېرەك، مەن بۇ ماقالەمدە ئۆزۈم بىلگەن ۋە ئىگىلىگەن بەزى ماتېرىياللارغا ئاساسەن ئېلىخان تۆرىنىڭ ھايات پائالىيىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. 

ئېلىخان تۆرە (ئەدەبىي تەخەللۇسى ساغۇنى، ئۇ بالاساغۇندا تۇغۇلغاچقا، ساغۇنى دەپ تەخەللۇس قويغان)، ئۆزبېك، ئۇ 1885–يىلى 3–ئاينىڭ 21–كۈنى سابىق تۈركىستان ئۆلكىسىنىڭ توقماق (بالاساغۇن؟) شەھىرىدە (ھازىرقى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە) ھاللىق دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى شاكىرخان تۆرە تۆت پەرزەنت كۆرگەن، ئېلىخان تۆرە ئۇلارنىڭ ئىككىنچىسى. شاكىرخان تۆرە ئۆز زامانىسىغا نىسبەتەن تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەردىن بولغاچقا، بالىلىرىنى ئوقۇتۇشقا كۆڭۈل بۆلگەن ھەمدە ئېلىخان تۆرىنى چوڭ ئوغلى ئالىمخان تۆرە بىلەن بىللە ئەرەبىستانغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. ئېلىخان تۆرە ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، بۇخارا مەدرىسلىرىدە داۋاملىق ئوقۇپ ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئېلىخان تۆرە ئوقۇش مەزگىللىرىدە، بىر تەرەپتىن ئەرەب، پارس تىللىرىنى ھەم بىر قاتار تۈركىي تىللارنى پۇختا ئۆگىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن تېبابەتچىلىككە ئىشتىياق باغلاپ، ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا قاتارلىق تېبابەت ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدۇ ھەمدە ئۆز زامانىسىدىكى ئاتاقلىق تېۋىپلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇستا تېۋىب بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. 
  
ئېلىخان تۆرىنىڭ بىلىم ئىگىلەۋاتقان ۋاقتى دەل چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىستېلا قىلغان، يەرلىك خەلقلەرنىڭ چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىگە قارشى قورغىلاڭلىرى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. 1916–يىلى توقماق تەۋەسىدىكى قىرغىز ۋە باشقا مىللەت خەلقلىرى بىرلىكتە چارروسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتىرىدۇ. ئېلىخان تۆرىمۇ بۇ قوزغىلاڭغا قاتنىشىدۇ. لېكىن قوزغىلاڭ چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلىدۇ، قوزغىلاڭ قاتناشقۇچىلىرى ھەرتەرەپكە قاچىدۇ، جۈملىدىن ئېلىخان تۆرىمۇ مۇھاجىر بولۇپ قەشقەرگە كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئۆكتەبر ئىنقىلابى غەلىبە قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئېلىخان تۆرە 1918–يىلى ۋەتىنىگە قايتىدۇ. ئۇ 1920–يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ھەج–تاۋاب قىلغىلى ئەرەبىستانغا بارماقچى بولىدۇ، بىراق، بۇ چاغلاردا سوۋېت ئارقىلىق ئەرەبىستانغا بېرىش مۈمكىنچىلىكى ناھايىتى ئاز بولغاچقا، شىنجاڭ ئارقىلىق بېرىش ئۈچۈن غۇلجا شەھىرىگە كېلىدۇ. شۇ چاغدىكى ۋەزىيەت تۈپەيلى، ئۇ ھەج–تاۋاب قىلىش سەپىرىگە چىقالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن غۇلجىدا مۇقىم ماكانلىشىپ قالىدۇ. يەنى غۇلجا شەھىرىدىكى ئۆزبېك مەكتەپ (ھازىرقى 5–ئوتتۇرا مەكتەپ)نىڭ ئارقا تەرىپىدىكى مەھەللىگە ئورۇنلىشىدۇ، كېيىنچە بۇ مەھەللە «تۆرەم مەھەللىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.
  
ئېلىخان تۆرە دىنىي ئۆلىما ۋە ئۇستا تېۋىب بولغاچقا، ناھايىتى تېزلا جامائەتچىلىككە تونۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. 
 

 
ئېلىخان تۆرە غۇلجىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەنە جامائەت بىلەن ئارىلىشىپ، تېۋىپلىق كەسپىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەسچىت، مەدرىسىلەردە ۋە جامائەت توپلانغان سورۇنلاردا ئاشكارا ۋە مەخپىي ھالدا گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئەكسىيەتچىل سىياسەتلىرىگە قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ. ئازادلىققا تەشنا بولۇپ تۇرغان خەلق ئېلىخان تۆرىنىڭ تەشۋىقاتىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇ بارىدىغان، جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان جامالەرگە تېخىمۇ كۆپلەپ يىغىلىدۇ. 1944–يىلى غۇلجىدا يەرئاستى «ئازادلىق جەمئىيىتى» قۇرۇلىدۇ. ئېلىخان تۆرە بۇ تەشكىلاتقا قاتنىشىدۇ ۋە بۇ تەشكىلاتقا رەئىس بولۇپ تەيىنلىنىدۇ، بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش لازىمكى، 1944–يىلىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى باش كونسۇلى يېۋسىيېف غۇلجىغا كېلىپ، غۇلجىدىكى سوۋېت كونسۇلى ئارقىلىق غۇلجىدىكى سالىخ جانباي قاتارلىق يۇرت مۆتىۋەرلىرى بىلەن تەشكىلات قۇرۇش ھەققىدە مەسلىھەتلەشكەن ھەمدە بۇ تەشكىلاتنىڭ نامىنى «ئازادلىق جەمئىيىتى» دەپ ئاتاشقا كېلىشكەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەمەلىي پائالىيەتلىرىگە تەشكىلات قۇرۇلغاندىن باشلاپلا غۇلجىدىكى سوۋېت دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ھاكىم جاپپاروۋىچ يارۇللابېكوف دېگەن ئۇيغۇر كىشى مەسئۇل بولغان. «ئازادلىق جەمئىيىتى» تەشكىلاتىغا ھەرمىللەت، ھەرساھە كىشىلىرىدىن ئىلغار زىيالىيلار، تەرەققىيپەرۋەر زاتلار ۋە ئاز ساندىكى دىنىي زاتلار قاتنىشىدۇ. بۇلاردىن: رەھىمجان سابىرھاجىيوف، قاسىمجان قەمبىرى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، سالىخ جانباي باباجان (مىللىتى ئۆزبېك، غۇلجىدا دادامتۇ يېزىسىدا بىر چوڭ بىنا قىلغان. ئاڭلىشىمىزچە مەخپىي تەشكىلات ئەزالىرى پات–پات مۇشۇ باغقا چىقىپ يىغىلىش قىلغان. سالىخ جانباي «ئازادلىق جەمئىيىتى» تەشكىلاتىغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى ھاكىم جاپپار يارۇللابېكوفنىڭ شىرەم تۇققىنى. ئۇ ئۆز زامانىسىدىكى تەرەققىيپەرۋەر، يېڭىلىق تەرەپدارى بولغاچقا، مەرۇپ سەئىدى قاتارلىقلار بىلەن ئەڭ دەسلەپتە دەرنەك ‹جەدىتچىلەر› مەكتىپىنى قۇرغان. مائارىپ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن. سالىخ جانباي «ئازادلىق جەمئىيىتى» تەشكىلاتىنى تەشكىللىگۈچىلەردىن بولۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىدە يېزا ئىگىلىك نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان، 1952–يىلى غۇلجىدا ۋاپات بولغان)، زۇنۇن تېيىپ، ھەبىب يۇنىچى (تاتار، ئۇ زىيالىي بولۇپ، گېرمانىيە، تۈركىيىلەردە ئوقۇغان. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇن ئىلى گېزىتىدە ئىشلىگەن. «ئازادلىق جەمئىيىتى» تەشكىلاتىدا تەشۋىقات ئىشلىرىنى ئىشلىگەن. ئۇ ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىرلىكتە ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ دېكلاراتسىيىسىنى يېزىپ چىققان. ئۇ ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىدە مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى ۋە قوشۇمچە گېزىتخانىنىڭ باشلىقى بولغان. 1945–يىلىنىڭ بېشىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان)، مۇھەممەدجان مەخسۇم (خەلق ئىچىدە خېلى زور تەسىرى بار تەرەققىيپەرۋەر ئادەم. ئۇ ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىدە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئازادلىقتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، 1960–يىللاردا ئالەمدىن ئۆتكەن)، ئابدۇرۇف مەخدۇم (سودىگەر، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندا باش كاتىپ بولغان، كېيىن بانكا باشلىقى بولغان. 1955–يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن)، جانى يولداشوف (بۇ كىشى 19–ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20–ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غۇلجىدا ئۆتكەن چوڭ باي — ۋېلىباي يولداشوفنىڭ نەۋرىسى بولۇپ، غۇلجىدا سودىگەرچىلىك قىلغان. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ پروكورورى بولغان. ئازادلىقتىن كېيىن چارۋىچىلىق ساھەسىدە ئىشلىگەن. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ غۇلجىدا ۋاپات بولغان)، مۇختەر ئاخۇن خەلپەت، نۇردۇنبەك، ئۆمەرجان پىرمۇھەممەت، مۇھىددىن ئەخمىدىلەر بارئىدى.
 

  
ئېلىخان تۆرە 1944–يىلى 11–ئاينىڭ 12–كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە رەئىس بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. 1945–يىلىنىڭ بېشىدا شۇ چاغدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ قارارى بىلەن ئېلىخان تۆرىگە مارشال ئۇنۋانى بېرىلىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن گومىنداڭ ئوتتۇرىسىدا 11ماددىلىق بىتىم تۈزۈلۈپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا، ئېلىخان تۆرە ھۆكۈمەتكە ھەيئەت ئەزا بولۇپ كىرگۈزۈلىدۇ، بىراق ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەنى 1946–يىلى 7–ئاينىڭ 13–كۈنى ئېلىخان تۆرە غۇلجىدىن مەخپىي يوسۇندا سوۋېتكە ئېلىپ چىقىپ كېتىلىدۇ.
  
ئېلىخان مەخپىي يوقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، خەلق ئىچىدە ھەرخىل گەپلەر بولىدۇ. بەزىلەر ئېلىخان تۆرە قورغاسقا يىغىنغا كېتىپتۇ دېسە، بەزىلەر ئارىشاڭغا كېتىپتۇ دېيىشىدۇ، شۇ چاغدا ئېلىخان تۆرىگە مۇھاپىزەتچى بولغانلاردىن ئالائىدىن ئېمىر بىلەن سونۇرمۇنىر (بۇ ئىككى كىشى ھازىر غۇلجىدا دەم ئېلىشتا) مۇنداق دەيدۇ؛ «....بىز ئاشۇ 12–ئىيۇن كۈنى ئېلىخان تۆرە بىلەن بىللە 2–نومۇرلۇق قورۇ ‹رۇسچە دوم دېيىلەتتى، ئۇ سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجىدىكى مەخسۇس تاپشۇرۇقىنى ئورۇندايدىغان مەھكىمىسى ئىدى› غا باردۇق، قورۇنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى، ئېلىخان تۆرىنى قورۇ ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى. بىرئازدىن كېيىن قورۇدىن بىر كىشى چىقىپ، سىلەر قايتىپ كېتىڭلار، دەپ بۇيرۇق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز قايتىپ كەتتۇق. شۇنىڭدىن كېيىن ئېلىخان تۆرىنى كۆرمىدۇق، نەگە كەتكىنىنىمۇ بىلمىدۇق».
  
مېنىڭ ئىگىلىشىمچە 1946–يىلى 7–ئاينىڭ 13–كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلجىدا قۇرغان 2–ئۆيدىكى سوۋېت رازۋېدكىچىلىرىدىن ئۆزىنى ئىسكەندەر ئەپەندى دەپ ئاتىۋالغان پولكوۋنىك ئىۋان ئىۋانوف، 30–يىللارنىڭ باشلىرىدا ئوشدىن ئاقسۇغا كېلىپ بىرمەزگىل «قارىلىق» بىلىمىنى ئالغان ۋە شۇ يەردە ئۆيلىنىپ ئىككى ئوغۇل، بىر قىزپەرزەنت كۆرگەن، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا غۇلجىغا كېلىپ تېكەس ئاتلىق پولكتا، كېيىن ئۈچ ۋىلايەت ئىچىكى ئىشلار نازارىتىدە مەخسۇس رازۋېدكىغا مەسئۇل بولغان ۋە مەخسۇس تەربىيىلەنگەن پولكوۋنىڭ ئەلى ئەپەندى ھامىدوف ھەمدە ئۆزىنى زاكىر ئەپەندى دەپ ئاتىۋالغان 2–ئۆي رازۋېدكىچى زاخار كوز نېتسوفتىن ئىبارەت ئۈچ كىشى ئېلىخان تۆرىنى «قورغاستا ئوسمان يۈسۈپوف (ئۆزبېكىستان 1–سېكرىتارى) سىز بىلەن كۆرۈشمەكچى» دەپ «زىس» ماشىنىدا سوۋېتكە ئېلىپ كەتكەن.
  
ئېلىخان تۆرە سوۋېتكە بارغاندىن كېيىن، تاشكەنتتە ئۆزى ئۈچۈن مەخسۇس ھازىرلانغان قورۇدا 30يىل نەزەربەند ئاستىدا ياشايدۇ. ئۇ دەسلەپتە سىرتتىن كەلگەنلەردىن مەخپىيرەك تۇتۇلسىمۇ، كېيىنچە سىرتتىن يوقلاپ كەلگەنلەر بىلەن كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ.
 
ئېلىخان تۆرە تاشكەنتتە نەزەربەند ئاستىدا تۇرغان 30 يىل داۋامىدا بەزى ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇ بۇ جەرياندا ئەخمەت دانىشنىڭ «نەۋادىرۇل ۋاقىئە»، «دەرۋىش ئەلى چانگىنىڭ «مۇزىكا رىسالىسى» ۋە «تۆمۈر تۈزۈكلىرى»گە ئوخشاش نادىر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىدۇ. «تارىخىي مۇھەممىدى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تارىخى» دېگەن ئەسەرنى 1959–يىلى يېزىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ يەنە «دىۋانى ساغۇنى» نامىق شېئىرلار توپلىمى بارلىقىمۇ مەلۇم.
  
ئېلىخان تۆرىنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقتىدا ئىشلىگەن غاپپارخان، ئاسارخان، ئەخمەتيار، مۇھەممەتيار ئىسىملىك بالىلىرى بولۇپ، ئازادلىقتىن كېيىن ئىلگىرى–ئاخىر بولۇپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەن.
_  
ئېلىخان تۆرە 1976–يىلى 91 يېشىدا تاشكەنتتە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ھايات چېغىدىكى ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، ئۇ تاشكەنتتىكى شەيخ زەينىدىن بابا قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.
  
پايدىلانغان ماتېرىياللار:




#Article 278: قەييۇم تۇردى (125 words)


يازغۇچى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت تەشكىلاتچىسى قەييۇم تۇردى 1937-يىلى قەشقەر شەھىرىدە كىچىك تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1946 - يىلىدىن 1951 - يىلىغىچە باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1951 - يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1954 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، «شىنجاڭ گېزىتى» دە مۇخبىر ۋە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1961 - يىلى تۆۋەنگە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈپ، «يەكەن گېزىتى» دە ئىشلىگەن. قەييۇم تۇردى 1979 - يىلىدىن 1981 - يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن، 1981 - يىلىدىن 1989 - يىلىغىچە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە كەسپىي يازغۇچىسى بولغان، 1989 - يىلىدىن تارتىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن. يولداش قەييۇم تۇردى 1999 - يىلى 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى قاراماي شەھىرىدە يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. 
  




#Article 279: ئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ (147 words)


ئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ 1942 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﯪﻳﺪﺍ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، ﻳﻪﺭ ﯪﺳﺘﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻲ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﭘﺎﯪﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ . 1943 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﯪﻳﺪﺍ ﺷﯩﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﯪﻳﺪﺍ ﯴﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻳﺎﻻﭖ ﻛﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ . 1944 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﯪﻳﺪﺍ ﻗﻮﻳﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ شەرقى تۈركىستان مىللى ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻐﺎ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ - ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،«ئازاد شەرقى تۈركىستان گېزىتى» نىڭ مۇئاۋىن تەھرىرى،  شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ھەربى ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑۆﻟﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﻰ ، ھﯚﻣﯜﻣﻪﺕ ﯬﺯﺍﺳﻰ ، ھﻪﺭبى ﺋﺸﻼﺭ ھﻪﻳﯭﺗﻠﯩﮕﯩﻨﯩﯔ ﯬﺯﺍﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 1946 - ﻳﯩﻠﻰ 7 - ﯪﻳﺪﺍ ئىلى تەرەپ ﯞﻩﻛﯩﻠى ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﯴﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﯲﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﯪﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 1947 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﯪﻳﺪﺍ  ﯲﻟﻜﯜﻟۈﻚ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ،شەرقى تۈركىستان ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭىشىﯩﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺷﯩﻐﺎ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .

ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن
ماھىنۇر قاسىمى   ئايالى
ئادالەت قاسىمى   قىزى
ئادىلجان قاسىمى  ئوغلى




#Article 280: ئەھمەت زىيائى (507 words)


ئەھمەد زىيائى ( 1913 - 1989 - 27 - ئۆكتەبر) ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى ۋەكىللىرىدىن بىرى ، پېشقەدەم شائىر ، تالانتلىق درامماتورگ ۋە ئەدەبىياتشۇناس ئەھمەد زىيائى 19 47- يىلىلا « توزىماس چېچەكلەر » « لاداخ يولىدا كارۋان » « ۋىجدان ۋە مۇھاكىمە » قاتارلىق كىتابلارنى نەشىر قىلدۇرۇپ زور شۆھرەت قازانغان . ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا ناھايىتى شانلىق ئىز قالدۇرۇپ كەتتى . ئۇنىڭ ئەسەرلىرى جۇشقۇن ھېسسىيات ، باي تەسەۋۋۇر ۋە چوڭقۇر مۇھاكىمە كەيپىياتى بىلەن تولغان بولۇپ ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى خەزىنىسىدە پارلاق نۇرچاچىدۇ .

كىشىلەر «ئەھمەت زىيائى» دېگەن بۇ نامنى ئاڭلىغىنىدا ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنى 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىر «كۆۋرۈك» شۇنداقلا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر گېزىتچىلىكى تارىخىدىكى بىر «ئۇل تاش» دەپ قارىشىدۇ.

ئەھمەت زىيائى ھەقىقەتەنمۇ بىر «كۆۋرۈك»، ئۇ 20-ئەسىردىكى زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى كلاسسىك تۈركىي ئەدەبىياتىنىڭ باي ئەنئەنىلىرىگە باغلىغان ۋە بۇ جەھەتتە «كۆۋرۈك» لۈك رول ئوينىغان بىر شەخس.

ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى مەرھۇم ئەھمەت زىيائىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تۆھپىلىرىگە ئالاھىدە زور باھا بېرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەھمەت زىيائى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئىجادىيەت ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىكى ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا ئېلىپ كىرگەن ۋە ئۇنى يېڭىچە مۇھىتتا بېيىتقان ئەدىبلەرنىڭ بىرىكەن.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن دوكتور ئابلەت سەمەتمۇ مەرھۇم ئەھمەت زىيائى ۋاپاتىنىڭ 26 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شائىرنى چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە سېغىنىش بىلەن تىلغا ئالىدۇ.

ئۇ، مەرھۇم ئەھمەت زىيائى بىر شائىر، بىر يازغۇچى، بىر ئاخباراتچى بولۇپلا قالماستىن ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر ئىلمىي تەتقىقاتچى ھەم ئۆتكۈر تىلچىدۇر، دەپ قارايدۇ.

ئەھمەت زىيائى 1913-يىلى 17-ئاپرېلدا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق يېزىسىدا بىر دىنىي ئۆلىما ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.

ئەھمەت زىيائىنىڭ دادىسى موللاخۇن 14 ياش ۋاقتىدا ھەجگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى مەدرىسىلەردە 12 يىل ئوقۇپ، 26 يېشىدا قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ھەمدە ئابدۇقادىر داموللام بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئەھمەت زىيائىنىڭ دادىسى قەشقەر خانئېرىقتا 24 ھوجرىلىق مەدرىسە بىنا قىلىپ، ئۆزى مۇدەررىس بولغان.

ئەھمەت زىيائى موللائاخۇن ھاجىم ئائىلىسىدىكى 13 بالىنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاكىسى مۇھەممەت پەيزىمۇ ئۆز دەۋرىدە يېتىلگەن ئىلىم ئىگىلىرىدىن بولغان. ئەھمەت زىيائىنىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئاكىسى مۇھەممەت پەيزى 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى باش ۋاكالەتخانىسىنىڭ كاتىپى بولغان.

ئەھمەت زىيائىنىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، شۇ يىللاردا ئۇ ئۆزىنىڭ پارسچىنى ياخشى بىلگەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىراندا چىقىدىغان «تېھران گېزىتى»، ئافغانىستاندا چىقىدىغان «ئامان ئافغان» گېزىتلىرىنىڭ خەلقئارا خەۋەرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، «يېڭى ھايات» گېزىتىگە تەييارلىغان. بۇ گېزىت كېيىنچە «قەشقەر شىنجاڭ گېزىتى» گە ئۆزگەرتىلگەن. ئەھمەت زىيائىي بۇ گېزىتتە تاكى 1943-يىلىغىچە تەھرىر، باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن.

ئۇ، شۇ يىلى «رابىيە-سەئىدىن» ئوپېراسىنى يېزىپ، «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلغان. ئەپسۇسكى، 1944-يىلى 4-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، تاكى 1946-يىلىنىڭ بېشىغىچە شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ياتىدۇ.

تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، لاداق يولىغا ئاتلىنىدۇ ھەمدە قەشقەر بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا سودىگەرچىلىك قىلىدۇ. 1946-يىلى «11 بىتىم» ئىمزالانغان كۈنلەردە ئۇ يەنە «قەشقەر شىنجاڭ گېزىتى» گە قايتىپ كېلىپ باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەشكە باشلايدۇ.

دوكتور ئابلەت سەمەت يەنە مەرھۇم ئەھمەت زىيائىنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ ئىنتايىن مول ۋە كۆپ قاتلاملىق ئەدەبىي، ئىلمىي مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى ئاخىرىدا، ئەھمەت زىيائىنىڭ «لاداق يولىدا كارۋان» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى ساياھەت خاتىرىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنتايىن مۇھىم ئەدەبىي ۋە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئەھمەت زىيائى ئەپەندىنىڭ 1946-يىلى نەشر قىلىنغان «لاداق يولىدا كارۋان» ناملىق ئەسىرىنىڭ مۇقاۋىسى.

ئاپتۇرى: قۇتلان

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ




#Article 281: سەيپىدىن ئەزىزى (243 words)


سەيپىدىن ئەزىزى (خەنزۇچە: 赛福鼎·艾则孜)؛ 1915- يىلى ئارتۇشتا توغۇلغان. «سۇتۇق بۇغراخان» ، «ئۆمۈر داستانى» (2 قىسىم) قاتارلىق رومان، ئەسلىمىلەرنىڭ مۇئەللىڧى، كۆزگە كۆرۈنگەن جامائەت ئەربابى، شائېر ،دراماتورگ. گەرچە كوممۇنىستىك ئىدىيىگە قاتتىق ئىشىنىپ، رۇھىنى ماركىسىزىمغا تەسلىم قىلغان بولسىمۇ، سەيپىدىن ئەزىزى قەلەم بىلەن ئەلەمنى تەڭ ئېلىپ ماڭالىغان بىردىنبىر مەسئۇلىيەتچان رەھبەر، تېرىشچان يازغۇچى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مەزمۇن جەھەتتىن روشەنلىككە ، بەدىئىيلىك جەھەتتە مۇكەممەللىككە ئىگە . ئۇنىڭ رەھبەرنىڭ خىزمىتىدە تۇرۇپمۇ قەلەمنى تاشلىمىغان ئېسىل خىسلىتى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆرنەك بولۇپ قالغۇسى . 

ئۇ گومىنداڭ ھۆكىمىتىگە قاراشلىق شىنجاڭ ئۆلكىسى دەۋرى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دەۋرى،  شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دەۋرى قاتارلىق تۆرت دەۋىرنى باشتىن كەچۈرگەن. 

ئۇ ئۆسمۈرلۇك چاغلىرىدا، ئاتۇشتا دىنى مەكتەپتە ئوقۇغان. 

يازغۇچى، شائىر، دراماتورگ سەيپىدىن ئەزىزى ئىلگىرى - ئاخىرىي بولۇپ تارىخىي رومان «سۇتۇق بۇغراخان»، تارىخىي ئوچرىك «تەڭرىتاغ ئوغلى» ، بئوگرافىك ئەسەر «ئۆمۈر داستانى» (1،-2،- قىسىم )، تارىخىي ئوپىرا «ئاماننىساخان» ، ھېكايە ،نەسرلەر توپلىمى «ئەۋلىيا ئاتا» ، «ئۇيغۇر مۇقاملىرى توغرىسىدا»، «شانلىق يىللار» قاتارلىق ئون نەچچە پارچە كىتاپ نەشىر قىلدۇرغان . 500 دىن ئارتۇق روبائىي ، 300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ئېلان قىلغان .

ئاتاقلىق يازغۇچى سەيپىدىن ئەزىزى «سۇتۇق بۇغراخان» دا ھەقىقىي پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ، قۇدرەتلىك قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ نادىر نامايەندىسى سۇتۇق بۇغراخاننى ۋە ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائى ، ئىقتىسادىي ، مەدىنىيەت جەھەتلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ بەدئى كارتىسىنى ئاممىباپ تىل بىلەن شۇنچە گۈزەل، شۇنچە رەڭدار قىلىپ سىزىپ چىققان .

ئۇنىڭ «ئاماننىساخان» ناملىق سەھنە ئەسىرى درامالاشتۇرۇلغان . بۇ ئەسەر «خانىش ئاماننىساخان» دېگەن ماۋزۇدا كىنولاشتۇرۇلدى ، ھەم بەش قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلىنىپ كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ئىنتايىن زور تەسىر پەيدا قىلدى.




#Article 282: مەھمۇت مۇھىتى (569 words)


مەھمۇت مۇھىتى (لاتىن: Mehmut Muhiti، خەنچە:馬木提·穆依提) گېنېرال. 1887- يىلى تۇرپان ئاستانەدە ھاللىق ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن ئۆز يۇرتىدىكى كونا مەكتەپ ۋە مەدرىسلەردە ئوقىغان، كېيىن سودا- تىجارەتكە ئارلىشىپ ئۈرۈمچى، چۆچەك ۋە روسىيىنىڭ شەمەي، قازان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى چوڭ -كىچىك شەھەرلىرىدە ھەتتا موسكۋا، پېتىربورىگكىچە بېرىپ تىجارەت قىلغان.ئۇ شۇ مەزگىلدە يېڭى ئىلىم -پەن ئۆگەنگەن ۋە رۇس تىلى ئۆگەنگەن. كېيىنكى مەزگىلدە ئاكىسى مەخسۇت مۇھىتىنىڭ يېڭى مەكتەپ ئېچىش ئىشىغا ياردەمدە بولغان.

خوجىنىيازھاجى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغاندىن كېيىن ئۇ ئۈرۈمچىگە مېڭىش ئالدىدا، ئۆز قىسىملىرىدىن ھامۇتخان لۈيجاڭنى 500 ئەسكەر بىلەن ئۆزىنى قوغداشقا ئېلىپ قالىدۇ، شېڭ شىسەي خوجىنىياز ھاجىنىڭ قالدۇق قىسىملىرىنى بىر دىۋىزىيە قىلىپ تەشكىللەپ، ئۇنى 6- دىۋىزىيە دەپ ئاتايدۇ. بۇ دىۋىزىيىگە مەھمۇت مۇھىتىنى قوماندانلىققا تەيىنلەيدۇ. دىۋىزىيە بىر برگادا، 4 پولك (تۇەن)، بىر مۇھاپىزەتچى ئىسكادروندىن تەركىب تاپىدۇ. بىرگادا كوماندىرلىقىغا قۇمۇللۇق سالى دورغا،مۇئاۋىنى قىلىپ تۇرپانلىق توختىبەگ تەيىنلىنىدۇ.1- پولك تۇەن كوماندىرى تۇرپانلىق سەمەت ھاجى،2- پولك كوماندىرى تۇرپانلىق قۇرباننىياز گاجىدى(شاھىدى دەپمۇ ئاتىلاتتى )،3-پولك كوماندىرى توقسۇنلۇق غوپۇر،،4- پولك كوماندىرى تۇرپانلىق پولاتبەگلەر بولىدۇ. 36-ماخۇسەن قىسمى مارالبېشىدىن چېكىنگەندىن كېيىن قوماندان مەھمۇت مۇھىتى گېنېرال لېيتنانت ئونۋانى بىلەن 6- دىۋىزىيىنى باشلاپ، 1934-يىلى 20- ئىيۇل قەشقەر شەھرىگە يېتىپ بېرىپ،دىۋىزىيە باش شىتابىنى قەشقەر شەھرىدىكى سابىق شىتەي يامۇلىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.بۇلاردىن بىر تۇەن باش شىتاب ئورۇنلاشقان جايدىكى يۇمۇلاق شەھەرگە،بىر تۇەن شەھەر ئىچىدىكى سودا- سارايلارغا، بىر تۇەن يېڭىسار قەلئەسىگە،بىر تۇەن يەركەن كونا شەھەرگە ئورۇنلىشىدۇ. 1933-يىلى تەشكىللىنگەن يەرلىك قوشۇنلاردىن « قەشقەر ئۈستىن ئاتۇش بىرىگادىسى » دەپ ئاتالغان زەيدىن كارۋاننىڭ قالدۇق قوشۇنلىرى،«ئاستىن ئاتۇش بىرىگادىسى »دەپ ئاتالغان كىچىك ئاخۇننىڭ قالدۇق قوشۇنلىرى ۋە كىچىك ئاخۇن قوشۇنىدىكى «پارتىزان ئەترەت قوماندانى» دەپ ئاتالغان رىشتەم (بۇ نامنى تەسلىمىچىلىكى ئۈچۈن مافۇيەن بارگەن )نىڭ بىر پەي ئەسكىرى مەھمۇت مۇھىتىغا قوشۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن 6- دىۋىزىيە ئەسكىرىنىڭ ئومۇمى سانى 4000 ئەتراپىدا بولىدۇ.

مەھمۇت مۇھىتى قەشقەرگە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۈرۈمچىدىن گوڭ جىنخەن دېگەن كىشى باشچىلىقىدا بىر تۇەن ئەسكەر قەشقەرگە كېلىپ يېڭىشەھەرگە، لىيۇ سىڭچۇڭ باشچىلىقىدا بىر تۇەن ئەسكەر يەركەنگە ئورۇنلىشىدۇ.بۇ ما جوڭيىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتۈپ كەتكەن،ئۇنىڭ قارمىقىدىكى قوشۇن ماخۇسەنگە تاپشۇرۇلۇپ، ماخۇسەن خوتەنگە ئورۇنلاشقان ۋاقىت ئىدى. شۇ كۈنلەردە شېڭ شىسەي 6- دىۋىزىيىنى تەرتىپكە سېلىش باھانىسى بىلەن، رۇس گېنېراللىرىدىن بىرىنچى قېتىم رابالكىن (ساقاللىق گېنېرال )،ئىككىنچى قېتىم ئوبخوپ، ئۈچىنچى قېتىم دوتكىن قاتارلىقلارنى قەشقەرگە ئەۋەتىپ، ئەسلىدىكى ھەربىي تەلىم كۆرمىگەن مىللىي قىسىمغا بىرىنچى قەدەمدە ئىنتىزام تەربىيىسى،ئىككىنچى قەدەمدە زامانىۋى ھەربىي تەلىم -تەربىيە دەرسى ئۆتىدۇ. دوتكىن كېلىشى بىلەن ھەربىي ئۆزگىرىش بولۇپ،باشقا ئىشلار ئېلىپ بېرىلمايدۇ.

شۇ كۈنلەردە شېڭ شىسەي 6- دىۋىزىيەدىن قۇرباننىياز سەئىدى (مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئاچىسىنىڭ ئوغلى)،دىۋىزىيە قورال -ياراغ مەسئۇلى ئابدۇللا ئەپەندى (ئابدۇللا تۇەنجاڭ)،مۇئاۋىنى ئەخمەت تۇەنجاڭ،تۇەنجاڭ قۇرباننىياز شاھىدى ۋە شىتاب باشلىقى سايىمئاخۇنلارنى ئوقۇشقا دەپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇلار 1934-يىلىدىن 1935- يىلىغىچە تاشكەنتتە ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇپ ئىدىيە ئۆزگەرتىپ كېلىدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن 6- دىۋىزىيە ئىچىدىكى ۋەزىيەت ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. مەسىلەن، شەرقىي شىمال پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ سابىق گېنېرالى لۇ بىن گارنىزون قوماندانى بولۇپ كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مەھمۇت مۇھىتى مۇئاۋىن سىجاڭ بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى قوراللارنى يىغىۋېلىش ئۈچۈن «6- دىۋىزىيىنىڭ قوراللىرى كونا، بۇ قوراللارنى تاپشۇرۇڭلار،بىز سىلەرگە يېڭى قورال بېرىمىز » دەيدۇ. مەھمۇت مۇھىتى « ئالدى بىلەن يېڭى قورالنى بېرىڭلار،ئاندىن كونا قورالنى بېرىمىز » دەپ قورال تاپشۇرغىلى ئۇنىمايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شېڭ شىسەي توقسۇنلۇق غوپۇر تۇەنجاڭ،مۇئاۋىنى ئابدۈشۈكۈر تۇەنجاڭ،مۇھاپىزەتچى ئەترەت باشلىقى ھۈسىيىن ئاخۇن،قۇمۇللۇق سالى لۈيجاڭ،پازىل لۈيجاڭ،شايارلىق ھەمدەم بەگ ھاجى، پولات تۇەنجاڭ، مەسلىھەتچىلەر باشلىقى نىزامىدىن ئەپەندى، قورال-ياراغ باشلىقى ئابدۇمۆمىن ھاجى، مەمەت خەلىپەت،ئەييۇپ بەگ قاتارلىق پىشقەدەملەرنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا باشقا ئادەملەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 6- دىۋىزىيىنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ،مەھمۇت مۇھىتىنىڭ بەزى يېقىن ئادەملىرىمۇ ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ. سەمەت ھاجى شېڭ شىسەي ئالدىدا مەھمۇت مۇھىتىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قەسەم بېرىدۇ. توقسۇنلۇق غوپۇر تۇەنجەڭ،قەشقەرلىك مۇئاۋىن تۇەنجاڭ ئابدۈشۈكۈر ئاخۇنلار ئەھۋالنى مەھمۇت مۇھىتىغا ئېيتىپ قويىدۇ. مەھمۇت مۇھىتى سەمەت ھاجىنى قولغا ئالىدۇ. يۇقۇرقىدەك بىر قاتار ھەركەتلەر مەھمۇت مۇھىتىنىڭ شىنجاڭدا 1937-يىلى 4- ئاينىڭ 2- كۈنى بىر قانچە يېقىن ئادەملىرىنى ئېلىپ، ھىندىستانغا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلىدۇ.




#Article 283: مەخسۇت مۇھىتى (489 words)


مەخسۇت مۇھىتى (لاتىن: Mexsut Muhiti، خەنچە: 马合苏提·穆依提) ئۇيغۇر، تۇرپان ئاستانىلىق. ئۇيغۇر سودىگەر، مائارىپچى ۋە ئىنقىلابچى. 1932- يىلىدىكى تۇرپان دېھقانلار قوزغىلاڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى.

مەشھۇر مەرىپەتپەرۋەر زات،ئوت يۈرەك ئىنقىلابچى،تەرەققىيپەرۋەر زىيالى مەخسۇت مۇھىتى مۇھىت ھاجىنىڭ 2- ئوغلى بولۇپ،1885-يىلى تۇرپان ئاستانىنىڭ غۇجامئالدى مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن. بالىلىق مەزگىللىرىدە ئاستانىدىكى دىنىي مەكتەپ، مەدرىسەلەردە ئوقۇغان.كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاكىسى موسۇل مۇھىتى بىلەن بىللە سودىگەرچىلىك ئىشى بىلەن ئۈرۈمچى، چۆچەكلەرگە ۋە روسىيەنىڭ شەمەي، قازان، موسكۋا قاتارلىق شەھەرلىرىگىچە بېرىپ،بىر تەرەپتىن تىجارەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن سەيلى-ساياھەت، تۇرمۇش ئۆگىنىش بىلەن مەشغۇل بولغان.ئۇ بۇ يەردىكى يېڭىلىقلار بىلەن يۇرتىدىكى قالاقلىقنى، جاھالەتنى سېلىشتۇرۇپ، قاتتىق ئىزتىراپقا چۈشكەن ۋە خەلقنى قاراڭغۇلۇقتىن قۇتقۇزۇشقا بەل باغلىغان. 

مەخسۇت مۇھىتى 1910-يىللىرى تۇنجى قېتىم روسىيەگە چىققاندا قازان شەھىرىدىكى تاتارلارنىڭ مەدەنىيتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيتىدىن ناھايىتى چوڭ پەرق قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ،تاتار زىيالىيلىرى بىلەن ئۇچىرىشىپ،بۇ ھەقتە پاراڭلاشقان،تاتار زىيالىيلىرى«ئەڭ مۇھىم مەسىلە مەكتەپ ئېچىپ،خەلىقنى ئاقارتىش» دەپ تەكلىپ بەرگەن.ئەينى يىللاردا قاراڭغۇ زۇلمەت قاپلىغان شىنجاڭ زېمىنىدا مۇتەئەسسىپ دىنىي مەكتەپلەردىن باشقا،مىللى مەدەنىيەت، مىللى مائارىپىمىزدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس ئىدى. 

مۇشۇنداق شارائىتتا مەخسۇ مۇھىتى روسىيەگە بېرىپ قازانلىق تاتار زىيالىي ھەيدەر سايرانىنى تۇرپانغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىدۇ. مەخسۇ مۇھىتىنىڭ ئۇلۇغۋار شىجائىتىدىن تەسىرلەنگەن ھەيدەر ئەپەندى ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ تۇرپانغا كېلىدۇ.شۇنداق قىلىپ مەخسۇت مۇھىتى 1913-يىلى ئۆز قوروسىنىڭ سەل يۇقىرسىدىكى ئاكىسى موسۇل باينىڭ ھويلىسىدا تۇنجى يېڭىچە مەكتەپنى ئاچىدۇ.كېيىنچە«مەخسۇدىيە مەكتىپى»دەپ ئاتالغان بۇ مەكتەپ شەرقىي شىنجاڭ تارىخىدىكى تۇنجى پەننىي مەكتەپ بولۇپ قالىدۇ. 

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، نەچچە سىنىپلىق مەكتەپ سېلىش، چەتئەلدىن تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىراجىتى، مەكتەپ خىراجىتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىنات ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامداش قاتارلىقلار ئۈچۈن زور خىراجەت كېتەتتى. بۇ نۇقتىنى توغرا چۈشەنگەن مەخسۇت مۇھىتى ئۆزىنىڭ پاراسەتلىك، بىلىملىك، رۇس تىلىنى پۇختا بىلىشتەك ئالاھىدىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،تىجارەت دائىرسىنى ئىزچىل تۈردە كېڭەيتكەن. چۆچەك، گۇچۇڭ، مورى قاتارلىق جايلاردا كونتېر،دۇكانلارنى،مال ساقلاش ئىسكىلاتلىرىنى قۇرۇش بىلەن بىللە،روسىيەنىڭ شەمەي، قازان شەھەرلىرى بىلەن بولغان سودىسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. يەنە بىر تەرەپتىن مەخسۇت مۇھىتى ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان مەڭگۈ بۇلاق، چىگىبۇلاق، خېنىمكارىز، قاراغۇجا كارىز، ھاجى كارىز، تۆت سوقما، مۇجاڭ كارىز، ياڭخى قاتارلىق جايلاردىكى كارىزلىرىنى ياخشى باشقۇرغان. شۇڭا، مەخسۇت مۇھىتى كېيىنكى ۋاقىتلاردا«مەخسۇت باي»دەپ ئاتالغان ۋە مۇشۇ بايلىقى بىلەن غايەت زور مەبلەغ كېتىدىغان مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىنى ۋە دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ بىر قىسىم چىقىمنى ئىقتىسادىي كاپالەتكە ئىگە قىلغان. 

مىلادىيە 1913- يىلى مەرىپەتپەرۋەر زىيالى،تەرەققىيپەرۋەر ئىنقىلابچى مەخسۇت مۇھىتى تۇرپان ئاستانىدا«مەخسۇدىيە مەكتىپى»نامىدىكى تۇنجى پەننى مەكتەپنى ئاچتى.تۇرپان زېمىنىدا ئاتۇش ئىكساقتىكى «ھۈسەينىيە مەكتىپى» دىن كېيىنلا ئېچىلغان بۇ يېڭىچە مەكتەپ شەرقى شىنجاڭ زىمىنى، جۈملىدىن ئىدىقۇت ۋادىسىدىكى تۇنجى مەرىپەت مەشئىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان جەمئىيەتنى ئاقارتىشتا غايەت زور رول ئوينىدى. تۇنجى مەرىپەت مەشئىلى بولغان «مەخسۇدىيە مەكتىپى» بوران-چاپقۇنلۇق 100 يىلنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن،ھازىرقى گۈللەپ ياشنىغان ئېرپان بۆشۈكى ئاستانە مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئايلاندى. ئانا مەكتەپنىڭ 100 يىللىق تويىنى ئۆتكۈزىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە بۇ مەرىپەت باغچىسىنىڭ 100 يىللىق مۇساپىسى ۋە ئېرپان مەشئىلىنى تۇنجى قېتىم تۇتاشتۇرغان تۆھپىكار ئەجدادلارنى ئەسلەپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتۇق.

مىلادىيە 1885-يىلى كۈزدە ئىدىيەسى ۋەتەنپەرۋەرلىك،مەرىپەتپەرۋەرلىك،تەرەققىيپەرۋەرلىك روھى بىلەن سۇغۇرغان ئۇلۇغ زادلاردىن مۇسابايېۋنىڭ ئوغۇللىرى ئاكا-ئۇكا ھۈسەيىنباي بىلەن باۋۇدۇنباي ئاتۇشنىڭ ئىكساق كەنتىدە«ھۈسەينىيە مەكتىپى»نى قۇرۇپ،تەڭرىتاغ باغرىدا تۇنجى يېڭى مائارىپ مەشئىلىنى ياقتى،شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر زېمىنىنىڭ قەدىمكى ئانا ماكانلىرىنىڭ،مەرىپەت ئوچاقلىرىنىڭ بىرى بولغان تۇرپان ئاستانىدا تارىخىمىز مۇھىم روللارنى ئوينىغان مۇھىتى ھاجى ئائىلىسىنىڭ تۇنجى ئوغلى موسۇل باينىڭ قوللىشى بىلەن،2-ئوغلى مەخسۇت مۇھىتى «مەخسۇدىيە مەكتىپى»نى قۇرۇپ،ئىدىقۇت دىيارىنى مەرىپەت مەشئىلى ئاتۇشتىن كېيىنلا ئىككىنچى بولۇپ يالقۇنجىغان زېمىنىغا ئايلاندۇردى.




#Article 284: تۆمۈر خەلىپە (1051 words)


تۆمۈر خەلىپە

 
( 1871~ 1913) 
 

بىر كۈنى، تۆمۈر خەلپە ۋاڭ ئوردىسىدىكىلەر تەرىپىدىن چوڭ دەرەخكە باغلاپ ئۇرۇپ، چالا ئۆلۈك قىلىپ قويۇلغان بىر دېھقاننى ئۇستىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ داۋالاپ ساقايتىدۇ، ئۇنىڭ بۇ ياخشى خىسلىتى پۈتۈن قۇمۇل يېزىلىرىغا تارقىلىدۇ. دېھقانلار «بۇ قالتىس باتۇر بالىكەن–ھە، بۇ ۋاقىتقىچىمۇ ۋاڭ جازالىغان كىشىنى قۇمۇلدا ھېچ كىشى قۇتۇلدۇرالىغان ئەمەس………» دېيىشىپ، تۆمۈر ھەققىدە تەرىپلەر قىلىشىدۇ.

دېھقاننىڭ يارىلىرى ساقىيىپ ئائىلىسىگە قايتىش ۋاقتىدا ئۇنى ئۇزىتىپ ماڭغان تۆمۈر: «سىز ئوبدان ساقىيىڭ، بىزمۇ رەجەپ ئاكىدەك ۋاڭ ئوردىسىنى تاقىۋىتىمىز، خۇدا نۇسرەت ئاتا قىلسا، ۋاڭنى قۇمۇلدىن قوغلىۋىتىمىز……» دەيدۇ. تۆمۈرنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن دېھقانلار ۋە ئۇنىڭ ئۇستىسى ناھايىتى رازى بولىدۇ. تۆمۈرنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغانلىقى (ۋەقە تېرىيدىغانلىقى) نى ئويلاپ، شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئۇنى ئاسرايدۇ. شۇنداقتىمۇ تۆمۈرنىڭ ھېلىقى دېھقاننى قۇتۇلدۇرغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئوردىغا ئاڭلىنىدۇ، ۋاڭ تۆمۈر خەلپىنى تۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ.

بۇ كۈنلەردە تۆمۈر خەلپە ۋەزىيەتكە ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ، ئىچكىرىدىكى ئىنقىلاۋى پارتىيە ئەھۋالىنى، جۇمھۇرىيەت ئورنىتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلايدۇ. ئۇ ئېپى كەلسە ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن قۇمۇلغا قايتىدۇ. تۆمۈر خەلپە ئۈرۈمچىدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى ئۇستىسىغا بىر–بىرلەپ سۆزلەپ بېرىدۇ ۋە ئاخىرقى ھېسابتا ئۆلۈپ كەتسىمۇ رەجەپ ئاكىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالماي قويمايدىغانلىقىى توغرىسىدا قەسەم ئىچىدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنقىلاپ يولىدا ئىزدىنىدۇ.

تۆمۈر خەلىپە ئىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ غەلبە قىلىپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق خەۋەر ئاڭلىغاندىن كېيىن، قۇمۇل دېھقانلىرىغا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئىلى ئىنقىلاۋىنى تەشۋىق قىلىدۇ ۋە ئاشكارا ھالدا «قۇمۇل ۋاڭنىڭ كۈنى ئاز قالدى» دەيدۇ. تۆمۈر خەلپە قۇتقۇزۇپ قالغان ھېلىقى دېھقان ھەممىلا يەردە تۆمۈر خەلپىنى تەرىپلەپ تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ، جۈملىدىن ئۇنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئابرويى ئۆسىدۇ قۇمۇل دېھقانلىرى زور ئۈمۈت بىلەن ۋاڭنىڭ ئاغدۇرىلىشىنى كۈتمەكتە ئىدى.

يېڭىدىن ئەسكەرلىككە ئېلىنغان 500 كىشى قۇمۇلدىن يولغا چىقىدۇ. تۆمۈر خەلپە يول بويى قوزغىلاڭ قىلىش توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى ئېلىپ ماڭغان خەنزۇ باشلىقنى پالتا بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرىدۇ. 500 ئەسكەر تۆمۈر خەلپىنى قولدىن قولغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ ۋە ئۇنى سەردار قىلىپ بەلگىلەيدۇ. بۇ قوشۇن كەينىگە قايتىپ، چاقماق تىزلىكىدە قۇمۇلغا باستۇرۇپ كىرىدۇ، دېھقانلار ئۇلارغا كېلىپ قوشۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنقىلاپ باشلىنىدۇ. شەھەرگە قامالغان شاھ مەھسۇت بىلەن شەھەر ئامبىلى بەي ۋېنچاۋ يۈەن داخۇادىن ياردەم سورايدۇ.

ياڭ زېڭشىن بار كۆلدە تۇرۇشلۇق ھەربىي قوشۇن باشلىقى يې شىڭفۇغا قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ.

تۆمۈر خەلىپە باركۆلدىكى ھەربىي قوشۇننىڭ قۇمۇلغا يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرىدۇ. يې شىڭفۇ قوشۇننى باشلاپ نەنسەن ئېغىزىغا كەلگەندە ئوق تېگىپ ئۆلىدۇ، قىسىملىرى تەسلىم بولىدۇ، نۇرغۇن قورال غەنىمەت ئېلىنىدۇ ۋە قوزغىلاڭچىلار سانى 2000 دىن ئاشىدۇ.

يۈەن داخۇا بىلەن چيەن گۇاڭخەي بىرلىشىپ قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. تۆمۈر خەلىپە بۇ ئۇرۇشتىمۇ كۆپلىگەن قورال غەنىمەت ئالىدۇ (يۈەن داخۇا، چيەن گۇاڭخەيلەر 6– ئاينىڭ 15– كۈنى يېڭىلىپ، ئىچكىرىگە كېتىدۇ).

جىددى ئۇرۇش ھازىرلىقىدا تۇرغان ياڭ زېڭشىن بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، پىلانىنى ئۆزگەرتىپ ھىيلە–مىكىر پىلانلايدۇ. ئۇ ئوردىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان ھاكىمدىن تۆۋەنرەك ئەمەلدار جاڭ سەيتىڭنى تۆمۈر خەلپە بىلەن سۆھبەت قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. ئون كۈن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت نەتىجىسىز بولۇپ، جاڭ سەيتىڭ قايتىدۇ.

ياڭ زېڭشىن كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق، تۆمۈر خەلىپىنىڭ ئەڭ يېقىنلىرىدىن بولغان مۇھەممەتجان ھاپىز دېگەن كىشىدىن تۆمۈر خەلىپىگە خەت ئەۋەتىدۇ. بۇ خەتتە مۇنداق دېيىلگەنىدى: «مەن سىزنىڭ ئىسيان كۆتۈرىشىڭىزنىڭ قۇمۇل ۋاڭىغا قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلاشماقچى ئەمەسلىكىڭىزنى ئوبدان چۈشىنىمەن، سىلەرنىڭ ھەركىتىڭلارغا نىسبەتەن مېنىڭ باشتىن–ئاخىر زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىم يوق ….» دېيىلگەن.

دەل شۇ كۈنى ياڭ زېڭشىن قۇمۇل ئامبىلى بەي ۋىنچاۋغا يازغان بىر پارچە مەخپىي خېتىدە :«تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، تۆمۈر قارا نىيەت ئادەم ئىكەن، ئاسىيلىق قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، پېقىر تۇتۇق كەلگۈسىدىكى بالايى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى قەتئىي باستۇرۇش نىيىتىگە كەلدىم ….» (ياڭ زېڭشىن: «ئىستىغبار ھۇجرىسىدا يېزىلغان خاتىرىلەر» 2– توپلام)

تۆمۈر خەلىپە مۇھەممەتجان ھاپىزدىن: «سىز ياڭ تۇتۇققا (قوماندان ياڭغا) ئىشىنەمسىز؟ ياڭ تۇتۇقنىڭ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتى بولمىسا، نېمە ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئەسكەر ئەۋەتىپ بىزنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىدۇ؟ ياڭ تۇتۇق مىنگونىڭ تۇتۇقى تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسى خانلىقى قۇمۇل ۋاڭىغا بەلگىلەپ بەرگەن ھاشار تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدۇ ؟…» قاتارلىق 10 نەچچە سوئال قويىدۇ. مۇھەممەتجان ھاپىز جاۋاپ بېرەلمەي قايتىدۇ.

بۇ ھىيلىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ياڭ زېڭشىن خۇيزۇ باتالىيونىنىڭ كوماندىرى لى شۇفۇ، ئىچكى ئىشلار كابېنتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جايى گەنسۇ–شىنجاڭ تەپتىش خادىمى يۈەن ساڭ قاتارلىقلارنى 1913– يىلى 3– ئايدا سۆھبەتكە ئەۋەتىدۇ.

لى شۇفۇ پۇقراچە ياسانغان بولۇپ، دىنى بىلىمنى ئىشقا سېلىپ، ئىسلام مۆتىۋەرلىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، تۆمۈر خەلىپە تۇرغان ئۆيگە كىرىش بىلەن تەكبىر ئېيتىپ، قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ مەنىسىنى يېشىپ، نەقىل كەلتۈرۈپ سۆز باشلايدۇ ۋە ياڭ زېڭشىن ئەۋەتكەن ئالاقىنى ئوقۇيدۇ. ياڭ زېڭشىننىڭ خېتىدە مۇنداق دېيىلگەنىدى: «بىرىنجى، قۇمۇل ۋاڭنىڭ دېھقانلارنىڭ ئۈستىگە قويغان ھەرئايدىكى يەتتە كۈنلۈك ھاشار تۈزۈمى ئىككى كۈنگە قىسقارتىلىدۇ. ئىككىنجى، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ھۆكۈمەتنىڭ ئاتلىق باتالىيونىغا ئۆزگەرتىلىپ، تۆمۈر باتالىيون كوماندىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ ۋە ئۆلكە مەركىزىگە بېرىپ ئورۇنلىشىدۇ. ئۈچىنچى، قوشۇندىن قايتىپ دېھقانچىلىق قىلىشنى خالايدىغان قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەممىسى ئەسلى يۇرتىغا بېرىپ دېھقانچىلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ ….» لى شۇفۇ بۇ خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر ئايەت ئوقۇپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ يەنە تەكبىر باشلايدۇ. ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە تۆمۈر خەلىپە تەكبىرگە قوشۇلۇش ۋە دۇئاغا قول كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تۆمۈر خەلپە ياڭ زېڭشىن قويغان يۇقىرىقى ئۈچ شەرتنى شەرتسىز قوبۇل قىلغان بولۇپ قالىدۇ.

بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان ياڭ زېڭشىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن قۇۋلۇق–شۇملۇق ئىشلىتىپ، قۇمۇلدىكى ھەرقايسى تەبىقىدىكى زاتلار ۋە خەلقلەرنى ئارقا–ئارقىدىن تاغقا چىقىرىپ تۆمۈر خەلپىنى تەبرىكلەيدۇ ۋە قائىدە بويىچە «خەلىپە» دەپ ئاتايدۇ.

تۆمۈر خەلىپە قىسىمنى باشلاپ ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ بۇ پاجىئەنىڭ باشلىنىشى ئىدى. ئۇ چاغدا ئۈرۈمچىنىڭ شەرقىي كىچىك دەرۋازىسى سىرتىدا بىر–بىرىگە تۇتىشىپ تۇرىدىغان ئېگىز گازارما بار ئىدى. بىرى، شەرقىي گازارما بولۇپ، شور بۇلاققا، يەنە بىرى غەربىي گازارما بولۇپ، دۇڭمىنغا يېقىن ئىدى.

تۆمۈر خەلىپە قىسىمىنى شەرقىي گازارمىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. غەربىي گازارمىغا ياڭ زېڭشىن ئۆزىنىڭ سادىق ئادىمى بولغان ما فۇشىڭ (ماتىتەي) باتالىيونىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، ياڭ زېڭشىن ئەندىشە قىلىپ بىئارام بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇش غەرىزىدە تۆمۈر خەلىپىنىڭ تۇڭچىسىنى سېتىۋېلىپ، تۆمۈر خەلىپىنى نازارەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، مافۇشىڭغا ھۇشيار تۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ. مافۇشىڭ 1913– يىلى 9– ئاينىڭ 6– كۈنى روزى ھېيتنى تەبرىكلەشكە تەييارلىق كۆرۈش باھانىسى بىلەن تۆمۈر خەلىپىنى غەربىي گازارمىغا ئالداپ ئېلىپ كېلىدۇ ۋە قولغا ئالىدۇ. تۆمۈر خەلىپىنىڭ قوشۇنىنى ئۆز گازارمىسىدا قورالسىزلاندۇرىدۇ. ئۇنى تۈرمىدە قىيىن–قىستاققا ئالىدۇ. خائىن ئىلگىرىكى سۆھبەتلىرىنى پاش قىلىدۇ ياڭ زېڭشىن قاقاقلاپ كۈلگىنىچە تۆمۈر خەلىپىگە: «گۇناھ مەندە ئەمەس، مانا بۇ ئۆز ئادىمىڭىز، مەن سىزنىڭ باتۇرلۇقىڭىز ۋە ئەقىل–پاراسىتىڭىزگە ئىشىنىمەن. سىزگە كەلگەن ئۆلۈمنى تەڭرى ئالدىدىمۇ مەندىن كۆرمىگەيسىز ئۆلۈم ئالدىدا مەن سىزنىڭ قاتىلىڭىزنى ئۆلتۈرۈپ، سىز ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىپ بېرىمەن» دەيدۇ–دە، خائىن تۇڭچىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ.

خائىن نالە–پەريات قىلغاندا، «ئۆز مىللىتىگە ۋاپا كەلمىگەن سەن ئىتتىن ماڭا ۋاپا كېلەتتىمۇ ؟…» دەيدۇ ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا.

مافۇشىڭ تۆمۈر خەلىپىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئەتىسى ئوردىغا تەكلىپ قىلىنغان ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى تۆمۈر خەلىپىگە ھەربىي تۈزۈم بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. پېشقەدەم يىڭجاڭ روزى ھاجى ياڭ زېڭشىنغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. ياڭ زېڭشىن بۇ ئىشنى مافۇشىڭغا دۆڭگەپ قويىدۇ.

خەلق ئاممىسى داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، تۆمۈر خەلىپىنىڭ جەسىتىنى خاڭچىڭدىكى قەبرىستانلىقنىڭ ھازىرقى خاڭچىڭ مەسچىتىدىن 50 قەدەملەر ئىچكىرىدىكى بىر جايغا دەپنە قىلىدۇ.

تۆمۈر خەلىپە ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ قولىدىكى 300 نەپەر جەڭچىنى قورالسىزلاندۇرۇپ قۇمۇلغا ئاپىرىپ قويىمىز، دېگەن باھانە بىلەن ئېلىپ مېڭىپ گۇچۇڭدىكى چۈەنزىگەي دېگەن يەردىن ئۆتكەندە، ئالدىن تەييارلاپ قويغان قىسىملىرى ئارقىلىق قىرغىن قىلىپ تۈگىتىدۇ.




#Article 285: تۇردى ئاخۇن (544 words)


تۇردى ئاخۇن (1881~ 1956)، ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻣﺸﯘﻧﺎﺱ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ 1881-ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭ ﻧﺎﮪﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﭼﺎﺭ ﻳﯧﺰﯨﺴﺪﺍ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﻪﻟﻨﻪﻏﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﯩﻼﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻝ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﯚﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻧﻪﻏﻤﯩﭽﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﻰ ﺋﺎﻛﺎ-ﺋﯘﻛﺎ ﭼﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺧﯘﻥ, ﻣﻮﻟﻼﺧﯘﻥ ﻣﯘﻗﺎﻡ, ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺋﯘﺳﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ, ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯜﻝ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺟﺎﮪﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﻮﻧﺎ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ-ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ, ﺳﺎﺗﺎﺭﯨﻨﻰ ﮪﻪﻣﺮﺍﮪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﺎﺭﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﺳﻪﺭﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯘ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭ ﻧﺎﮪﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻻﯞﺍ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﭗ, ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻧﻪﻏﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ, 88 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ.
ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻝ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻧﻨﻰ ﺑﺎﻻ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﻳﺪﯗ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﻪﻟﻨﻪﻏﻤﻪ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ 15-16 ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ, ﺋﺎﺗﺎ-ﺑﺎﻻ ﺋﯜﭼﻪﻳﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻟﻨﻪﻏﻤﻪ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﻳﯘﺷﯘﭖ, ﻧﻪﻏﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯜﻝ ﺋﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﮭﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ, ﺧﯘﺵ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ, ﺋﯧﻐﯩﺮ-ﺑﯧﺴﯩﻖ, ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎﻕ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﯘﻻﺭ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻧﻪﻏﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯗ.
ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﮪﺎﻝ ﺋﻮﻗﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﻱ-ﺋﻮﭼﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﮪﻮﺷﯘﺭ ﺋﺎﺧﯘﻧﻤﯘ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺩﺍﭘﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﺩﺍ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﻪﻟﻨﻪﻏﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ, 1930-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﺯ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﻳﯘﺭﺗﻰ-ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺵ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﻣﺎﮪﺎﺭﻩﺕ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﯩﭗ, ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ «ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ» ﺩﻩﭖ ﮪﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﻰ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻥ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﺪﯗ, ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻣﯘﮪﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ, ﻛﻪﻡ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﻳﺪﯗ. ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﻰ ﮪﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻥ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻥ ﺋﺎﻛﯩﻤﯘ «ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎ-ﺋﯘﻛﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﺎﮪﺎﺭﯨﺘﯩﯖﻼﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻥ, ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﻜﻪﻥ» ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﻮﻝ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ.
ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ, ﻗﺎﻏﯩﻠﯩﻖ ﻧﺎﮪﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﻪﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ, ﻗﺎﻏﯩﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﮪﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﻳﺪﯗ.

ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻗﺎﯞﯗﻝ ﺋﺎﺧﯘﻧﻤﯘ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻟﯘﻥ, ﭼﺎﯓ ﭼﯧﻠﯩﺸﺘﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ, ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯗ.
ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﯞﯨﺴﻰ ﻗﺎﯞﯗﻝ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ (ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ) ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺋﺎﻧﺴﺎﻣﺒﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﻣﺎﮪﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻗﺎﯞﯗﻝ ﺋﺎﺧﯘﻧﻐﯩﭽﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ-ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺑﻮﻳﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ, ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﺱ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﯩﺪﻩﻙ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺪﻩ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺗﯚﮪﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯗﺭ.
ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﯩﺪﯨﺮﯨﺨﺎﻥ ﻳﻪﺭﻛﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎﻻﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﻰ ﺭﻩﺗﻠﻪﭖ, ﻳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ ﺩﯦﻴﯩﻠﺴﻪ, ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ ﯞﻩ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻰ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ, ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﻰ ﭼﻮﯓ ﻧﻪﻏﻤﻪ, ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﺗﻮﻟﯘﻕ, ﺋﻪﯓ ﺳﺎﭖ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﯩﺘﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ, ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﮪﺎﺭﻯ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ. ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﭘﯜﻛﻜﻪﻥ ﺋﺎﺭﺯﯗ-ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﺘﻰ.

ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﯩﯔ ﻧﻮﺗﯩﺴﻰ 1956-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻮﻣﻠﯘﻕ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ, ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ-ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.
ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻧﻮﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺩﻩﯞﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ, ﻣﯘﻗﺎﻡ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﺩﻯ. ﺑﯘ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺗﯚﮪﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺘﻰ.
ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ 1956-ﻳﯩﻠﻰ 6-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8-ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﺪﻩ 75 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﺘﻰ.




#Article 286: ئىپارخان (469 words)


ئىپارخان

ئىپارخان (1734- يىلى تۇغۇلۇپ، 1789- يىلى 4- ئاينىڭ 19- كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن)

گۈزەللىكى بىلەن كىشى ئەقلىنى لال قىلسا، باتۇر ۋە قەيسەرلىكى بىلەن دىللاردا ھۆرمەت ۋە قايىللىق تۇيغۇسى ئويغاتقۇچى ئۇيغۇر قىزى ئىپارخان 18-ئەسىردە شىنجاڭدا ئۆتكەن چوڭ-كىچىك خوجىلاردىن خوجا جاھاننىڭ ئايالى. ئاپاق خوجىنىڭ ئەۋلادى، بەزى تارىخىي كىتابتا ئىپارخاننى ئەسلى ئىسمىنىڭ ئەلانۇر خېنىم ياكى مەمۇرى ئەزەم ئىكەنلىكى يېزىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىپارخان لاتاپەت بابىدا تەڭداشسىز گۈزەل بولغانلىقى ۋە تېنىدىن تەبىئىي ھالدا ئىپار ھىدى كېلىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن «ئىپارخان» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. جەڭگە ماھىر بۇ گۈزەل باتۇرلۇقتا داڭ چىقارغان خوجا جاھانغا ياتلىق بولغان. 1760- يىلى شىنجاڭدىكى ئاپاق خوجا ئەۋلادىدىن بولغان خوجا بۇرھانىددىن بىلەن خوجا جاھان چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققان. ئۇلارنىڭ سانى ۋە تەسىر دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىشكە باشلىغان. بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن چىڭ سۇلالىسى جاۋخۇي باشچىلىقىدا زور قوشۇننى توپىلاڭچىلارنى تىنچىتىشقا ئەۋەتكەن. ئادەم سانى جەھەتتىكى چوڭ پەرق تۈپەيلىدىن خوجىلار مەغلۇپ بولۇپ، خوجا جاھان ئۆلتۈرۈلگەن. ئىپارخان بولسا ئەسىر سۈپىتىدە بېيجىڭدىكى خان ئوردىسىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئىپارخاننىڭ گۈزەللىكىدىن ھەيرانۇ-ھەس قالغان چيەنلۇڭ خان ئىپارخانغا مەپتۇن بولۇپ قالغان.

ئىپارخاننىڭ خان ئوردىسىغا كەلگۈچە بولغان ھاياتى ھەققىدە تارىخىي مەنبەلەر بىردەكلىككە ئىگە بولسىمۇ، ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپى بويىچە قارىغاندا، ئۇيغۇر تارىخىي مەنبەلىرى ۋە ناھايىتى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن چىڭ سۇلالىسى ئوردا تارىخنامىلىرىدىن مەلۇمكى، يۈرت-قەۋمىدىن، ئېرىدىن ئايرىلغان ئىپارخان ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن خانغا قاتتىق ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان، پۇرسەت تېپىپ ئىنتىقام ئېلىش ئارزۇسىدا يېنىدا پىچاق ساقلاپ يۈرگەن. ئىپارخاننىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش، ئۇنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ۋە يۈرتىنى سېغىنىش ئارزۇسىنى يوق قىلىش ئۈچۈ ن چيەنلۇڭ خان خىلمۇ -خىل چارىلەرنى ئىشلەتكەن. ئىپارخان ئۈچۈن ئۇيغۇر پاسونىدا ئىمارەت سېلىپ، ئۇيغۇر مەھەللىسى بىنا قىلغان، لېكىن ئىپارخان نىيىتىدىن ھەرگىز يانمىغان، چيەنلۇڭ خاننى ئۆزىگە يېقىن يولاتمىغان ۋە يەڭ ئىچىدە ساقلىغان خەنجەرنى كۆرسىتىپ: «ئەل-يۇرتۇم خانىۋەيران بولدى، ئۆلۈشكە رازىمەنكى، ئوغۇل-قىزلىرىمىزنىڭ بىكاردىن بىكار ئۆلۈپ كېتىشىگە چىداپ تۇرالمايمەن، ئىنتىقام ئالماي قويمايمەن» دېگەن. چيەنلۇڭ خان يەنىلا ئۇنىڭدىن ئۈمىدىنى ئۈزەلمىگەن، ئىپارخان خانغا قول سالماقچى بولغان بولسىمۇ، مەخپىي پايلاقچىلارنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىشى تۈپەيلىدىن ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان، بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن خان ئانا چيەنلۇڭ سىرتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىپارخاننى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. گەرچە كېيىن بەزى ۋەقەلىكلەر قوشۇلۇپ ئىپارخان ھەققىدىكى بايانلار رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ۋە ئۇنىڭ نەسەبى، كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، خەنزۇ تارىخ مەنبەلىرىدە بىردەكلىككە ئىگە يۇقىرىقى بايانلار ئىپارخانىڭ ھەقىقىي ھايات سەرگۈزەشتىلىرىدۇر.

سېغىنىپ ئۆز يۇرتىنى چەكسىز مېھىر-شەپقەت بىلەن.

تەلپۈنەر راۋاقتا قىز ئۆز يۇرتىغا غەمكىن بېقىپ،

كىيىمى قانغا بويالغان يىغلىغاچ ھەسرەت بىلەن.

قاقشىتىپ ئەپكەلدى خان شۇ قىزنى خان دىيارىغا،

تەڭرىتاغ قالغان غەزەپتە بوغۇلۇپ نەپرەت بىلەن.

بېيجىڭ تىياتىرى ۋە دراما ساھەسىدىكىلەر بۇ بايانلارغا ئاساسەن «ئىپارخاننىڭ غەزىپى»، «ئىپارخان» ناملىق تىياتىرلارنى ئوينىغان. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە «ئىپارخان» ناملىق بېيجىڭ تىياتىرى ئوينالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئىپارخان خوجا جاھاننىڭ ۋاپادار ئايالى، پادىشاھقا تىز پۈكمىگەن قەھرىمان، قەيسەر ئايال سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. ئاتاقلىق خەنزۇ شائىرى يەنچېڭ ئىپارخان ھەققىدە تۆۋەندىكى شېئىرنى يېزىپ قالدۇرغان:

باھار نۇرلىرىدا جانلانغان دالا،

جىگدىلەر چۆمۈلدى چاچقان پۇراققا.

گۈپۈلدەپ ئۇرۇلغان جىگدىنىڭ ھىدى،

ھالقىپ تەڭرىتاغدىن كېتەر يىراققا.

ئۆتمۈشتە بۇ ئانچە قەدىم چاغ ئەمەس،

قەشقەردىن چىققانىدى بىر ئۇيغۇر قىزى.

ئىسمىدۇر ئىپارخان، گۈزەللىكتە ئۇ،

پۇراقلىق ئېچىلغان چېچەكنىڭ ئۆزى.

بوزەك قىلىپ بولامدۇ باتۇر مىللەتنى،

ئىپارخان شۇلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى …




#Article 287: ئابدۇراخمان مۇھىتى (142 words)


ئابدۇراخمان مۇھىتى 1910 - يىلى تۇرپان ئاستانە يېزىسىنىڭ غۇجام ئالدى مەھەللىسىدە ھاللىق دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. 1918 - يىلىدىن 1924 - يىلىغىچە ئاستانىدىكى «مەقسۇدىيە مەكتىپى» دە ئوقۇدى. 1924 - يىلىدىن 1931 - يىلىغىچە ئائىلىسىدە بولدى. 1932 - يىلى مەقسۇت مۇھىتى، مەھمۇت مۇھىتلار باشچىلىقىدا قوزغالغان دېھقانلار ئىنقلابىغا قاتناشتى.1933 - يىلى ئەتىيازدا دېھقانلار قوزغىلىڭى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا، كىچىك ئاتىسى مەھمۇت سىجاڭ قوشۇنى بىلەن قەدىمى شەھەر - قەشقەرگە باردى.

ئابدىراخمان مۇھىتى تۇرپانغا ھاكىم بولغان مەزگىلدە تۇرپانغا ئىنقىلابىي تەشكىلات - خەلق پارتىيىسىگە رەھبەرلىك قىلدى.

ئابدۇراخمان مۇھىتى 1956 - يىلى كوممۇنىستىك پارتىيىگە كىردى ۋە خەلق ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى، سىياسىي كېڭەش كاتىبى، مىللىي ئىشلار كومىتېتى ئەزاسى. 1 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەيئىتى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. ئۇ 1957 - يىلى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن 47 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.

 




#Article 288: سەييارە (489 words)


تۇرغۇن يۇلتۇزنى ئايلىنىپ دەۋرىيلىك ھەركەت قىلىدىغان چوڭ پىلانىت . 
سەييارەلەر

يەرشارى:

ھاۋا ئوچۇق ئاخشاملىرى ئاسمانغا قارىسىڭىز، چاقناپ تۇرغان نەچچە مىڭ دانە يۇلتۇز ئارىسىدا ناھايىتى يورۇق كۆرۈنىدىغان بىرنەچچە يۇلتۇزنى كۆرىسىز، ئۇلارنىڭ يۇلتۇزلۇق ئاسماندىكى ئورنى دائىم يۆتكىلىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇلار سەييارىلەر دەپ ئاتىلىدۇ. ئاددىي كۆز بىلەن بىۋاسىتە كۆرگىلى بولىدىغان سەييارىدىن بەشى بار، ئۇلار ۋېنېرا، يۇپىتېر، مېركۇرىي، مارس، ساتۇرندىن ئىبارەت. قۇياش سىستېمىسىدا ئاددىي كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان سەييارىدىن ئۈچى بار، ئۇلار ئۇران، نېپتۇن، پلۇتوندىن ئىبارەت. يەر شارىمۇ سەييارىدۇر. بۇلار قوشۇلۇپ توققۇز چوڭ سەييارە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنى قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ يېقىندىن يىراققا قارىغان تەرتىپ بويىچە تىزغاندا مۇنداق تىزىلىدۇ: مېركۇرىي، ۋېنېرا، يەر شارى، مارس، يۇپىتېر، ساتۇرن، ئۇران، نېپتۇن، پلۇتون. 

سەييارىلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ھەرىكەت قىلىشى مەلۇم قانۇنىيەتكە ئىگە. ئۇلارنىڭ ھەممىسى غەربتىن شەرققە قاراپ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ، يەنە كېلىپ مۇتلەق كۆپ ساندىكى سەييارىلەر قۇياشنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى بىلەن ئاساسەن بىردەك ئايلىنىدۇ، بۇ«ئوخشاش يۆنىلىشلىك» دېيىلىدۇ. توققۇز چوڭ سەييارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش ئوربىتىسى ئومۇمەن ئوخشاش بىر تەكشىلىكتە بولىدۇ (پەقەت مېركۇرىي بىلەن پلۇتوننىڭ ئوربىتا تەكشىلىكىنىڭ يانتۇلۇق دەرىجىسى سەل چوڭ بولىدۇ)، بۇ «ئورتاق تەكشىلىكلىك» دېيىلىدۇ. توققۇز چوڭ سەييارە ئىچىدە مېركۇرىي بىلەن پلۇتوندىن تاشقىرى، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش ئوربىتىسى يۇمىلاقراق ئېللىپس شەكلىدە بولۇپ، «تەخمىن يۇمىلاقلىق» دېيىلىدۇ. سەييارىلەر ئۆزىدىن نۇر تارقاتمايدۇ، ئۇ قۇياش نۇرىنى قايتۇرۇش ئارقىلىق ئاندىن يورۇق كۆرۈنىدۇ. 

ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن كۆزەتكەندە، توققۇز چوڭ سەييارە ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. يەر شارى ئوربىتىسىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى قىسمىغا جايلاشقان سەييارىلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا يەر ئوربىتىسى ئىچىدىكى سەييارىلەر ۋە يەر ئوربىتىسى سىرتىدىكى سەييارىلەر دەپ ئاتىلىدۇ. كىچىك سەييارىلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى قىسمىغا جايلاشقان سەييارىلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىچكى سەييارىلەر ۋە تاشقى سەييارىلەر دەپ ئاتىلىدۇ. تاشقى سەييارىلەر بەزىدە يەنە گىگانت سەييارىلەر (يۇپىتېر ۋە ساتۇرن) ۋە قۇياشتىن يىراق سەييارىلەر (ئۇران، نېپتون، پلۇتون) دەپ ئايرىلىدۇ. پلۇتوندىن تاشقىرى، قالغان تاشقى سەييارىلەر بىلەن ئىچكى سەييارىلەرنىڭ پەرقى ناھايىتى روشەن، شۇڭا ئۇلار يەنە ئايرىم - ئايرىم ھالدا يۇپىتېر تۈرىدىكى سەييارىلەر ۋە يەر تۈرىدىكى سەييارىلەر دەپ ئاتىلىدۇ. 

سەييارىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاسترونوملىرى نەچچە ئون خىل ئوخشاش بولمىغان تەلىماتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، يىغىنچاقلىغاندا، ئاساسەن مۇنۇ ئۈچ چوڭ تۈردىن ئىبارەت: بىرىنچى خىلى«ئايرىلىش تەلىماتى»، بۇنىڭدا سەييارىلەرنى ھاسىل قىلغان ئەڭ دەسلەپكى ماددىلار قۇياشتىن ياكى باشقا تۇرغۇن يۇلتۇزلاردىن ئايرىلىپ چىققان دەپ قارايدۇ. ئىككىنچى خىلى «قوشۇۋېلىش تەلىماتى»، بۇنىڭدا قۇياش شەكىللەنگەندىن كېيىن، ئۇ ھەرىكەت قىلىش داۋامىدا كۆپلىگەن تۇمانلىق ماددىلارنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، كېيىن تەدرىجىي ھالدا سەييارە ۋە ھەمراھلارنى ھاسىل قىلغان دەپ قارايدۇ. ئۈچىنچى خىلى «ئورتاق شەكىللىنىش تەلىماتى»، بۇنىڭدا قۇياش بىلەن سەييارىلەرنىڭ ھەممىسى بىر «ئىپتىدائىي تۇمانلىق» تىن ئورتاق شەكىللەنگەن، ئۇنىڭ مەركىزىي قىسمى ئۇيۇشۇپ قۇياشنى ھاسىل قىلغان، تۆت ئەتراپىدا سەييارىلەر ۋە ھەمراھلار ھاسىل بولغان دەپ قارايدۇ. «ئورتاق شەكىللىنىش تەلىماتى» نۆۋەتتە بىرقەدەر كۆپلىگەن ئاسترونوملارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. 

چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ئېللىپىس شەكلىدىكى ئوربىتىلاردا قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان ئاسمان جىسىملىرى. ئۇلار ئۆزلىرى نۇر چىقارماي، پەقەت كۈن نۇرىنى قايتۇرىدۇ. قۇياش سىسېتمىسىدا مېركۇرىي، ۋېنېرا، يەر شارى، مارس، يۇپىتېر، ساتۇرن، ئۇران، نېپتون ۋە پلۇتوندىن ئىبارەت توققۇز چوڭ سەييارىلەردىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇششاق سەييارىلەر بولىدۇ. 

قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان ھەم قۇياشتىن نۇر ئالىدىغان يۇلتۇزلار. 

قۇياش سىستېمىسىدا توققۇز چوڭ سەييارە بار. «ئۈرۈمچى» دەپ نام بېرىلگەن كىچىك سەييارە يېقىندا خەلقئارا ئاسترونومىيە ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، ئۇنىڭغا 2729 - رەت نومۇرى بېرىلگەن. 




#Article 289: Wikipédiye (103 words)


 

Wikiqamus bolsa bir xil ochuq qamus.

Wikiqamus wexpi teripidin otturigha qoyulghan. Wiki dégen söz «tiz» dégen menide qollinilghan. Qamusde hazir jemi 15 milyondin artuq maqale bar. Ingilzchisde üch milyon 200 ming parche maqale bar. Bu maqalilar nurghun namsiz qehrimanlarning yézishi we tehrirlishi arqiliq hazirqi haletke keldi.

Alexa ning bergen sanliq melumatigha asaslanghanda ziyaret qilish qétim sani dunyada 6-orunda turidu. Ziyaretchilerning köp qismi amérikida.

Wikiqamus bolsa bir xil heqsiz qamus bolup hazir 270din artuq tilda mulazimet qiliwatidu. 

Undin bashqa yéqindin buyan uninggha yéngi türler qétildi.

Wiki sistémisi uning ichidiki nurghunlighan mulazimet türliri bashquridu yaki birbirige baghlaydu.

Jimi Walis (Jimmy Wales) wikiqamusni qurghuchi kishlerdin biri.




#Article 290: تاۋۇز (295 words)


مىڭ نەچچە يىللار ئىلگىرى، تاۋۇز ئافرىقا قۇملۇقلىرىدىكى ياۋا ئۆسۈملۈك بولۇپ، پەقەت پىل ۋە كەركىدان قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ يېمەكلىكى ئىدى. كېيىن، ئىنسانلار سۈنئىي كۆندۈرۈپ ئۆستۈرگەندىن كېيىنلا كىشىلەرنىڭ يېمەكلىكىگە ئايلانغان. ئېلىمىزنىڭ  10-ئەسىردىكى بەش سۇلالە دەۋرىدە تاۋۇز  ئوتتۇرا ئاسىيادىن «يىپەك يولى» ئارقىلىق ئېلىمىزگە تارقالغان. تاۋۇز غەربتىن كەلگەچكە، خەنزۇلار ئۇنىڭغا «شىگۇا(西瓜) » دەپ نام بەرگەن. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تاۋۇز چاڭجياڭنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىغا كەڭ تارقالغان ھەم ئۆزلەشتۈرۈلگەن.

تاۋۇز كاۋا ئائىلىسىگە تەۋە بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى توق يېشىل رەڭدە بولۇپ، چوڭقۇر يېرىقچىلىرى بولىدۇ. گۈلى بىر جىنسلىق بولۇپ، رەڭگى سېرىق كېلىدۇ. تاۋۇزنىڭ مېۋە ئېتى كۆپ شىرنىلىك ھەم تاتلىق بولۇپ، توق قىزىل، ھال رەڭ، سېرىق ياكى ئاق رەڭلەردە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە ئاقسىل، فوسفات كىسلاتا، مالىك كىسلاتا(ئالما كىسلاتاسى) ، فرۇكتوزا، ساخاروزا، گلۇكوزا، ئامىنو كىسلاتالىرى ۋە كاروتىن قاتارلىق كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بولىدۇ. تاۋۇز ئۇرۇقىدىكى ئاقسىل مىقدارى بولسا گۈرۈچ ۋە بۇغدايلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەر تاۋۇزنىڭ نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ يېڭى سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. مەسىلەن، خېيلۇڭجياڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى 1 مېتىر ئېگىزلىكتىن يەرگە چۈشۈپ كەتسىمۇ چېقىلمايدىغان، توشۇشقا قۇلايلىق بىر خىل يېڭى تاۋۇزنى يېتىشتۈرۈپ چىققان؛ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گاۋخې ناھىيىسى دۆۋىلەش ۋە توشۇشقا قۇلايلىق بولغان بىر خىل چاسا شەكىللىك يېڭى تاۋۇز سورتىنى تېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان؛ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى سورت بايلىقى تەتقىقات ئورنى كېچىكىپ پىشىدىغان بىر خىل يېڭى تاۋۇز سورتىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق كۈزنىڭ ئاخىرلىرى ۋە قىشنىڭ باشلىرىدىمۇ بازالارنى تاۋۇز بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. ياپونىيىنىڭ باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسلىرى بىر خىل كۋادرات شەكىللىك ئۇرۇقسىز تاۋۇز يېتىشتۈرۈپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ تەرەپ ئۇزۇنلۇقى  15 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. كۆرۈنۈشى چىرايلىق، سۈپىتى ياخشى بولۇپ، خەلقئارا بازارلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

تاۋۇزنىڭ ھەممىلا يېرى گۆھەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ شاپىقى، ئېتى، شىرنىسى ۋە ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ سالقىنلىتىش، قىزىق قايتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق روللىرى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ھەقتە «تومۇزدا تاۋۇز يېيىشنى قىلسىڭىز ئادەت، دەل ئۆزى شىپالىق دورىغا نەھاجەت» دەيدىغان تەمسىل بار.




#Article 291: توغراق (150 words)


ئى 

توغراق – زېمىن تاللىمايدىغان، ماسلىشىشچانلىقى، چىدامچانلىقى كۈچلۈك، ئۆمرى ئۇزۇن، دۆلەت تەرىپىدىن 2 – دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان دەرەخ. ئاقسۇ ۋىلايىتىدىلا 3 مىليون 400 مىڭ مودىن كۆپرەك توغراقلىق بار. بۇ توغراقلىقلار ئاساسلىقى تارىم دەرياسى، يەكەن دەرياسى ۋە ئاقسۇ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا مەركەزلەشكەن.

ئىپتىدائىي توغراقلىقلار ئەزەلدىن بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش، سۇ مەنبەسىنى قوغداش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. 2000 – يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى – سىرتىدا توغراق نامىدىكى بايراملار، سەيلىگاھلار، ئەسەرلەر ۋە توغراقلىقنى قوغداش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان تەشۋىقات پائالىيەتلىرى كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلدى. 2007 – يىلى مارالبېشى ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك توغراق بايرىمىدا نەچچە 10 مىڭ ساياھەتچى كۈتۈۋېلىندى. ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن قۇرۇلغان سەيلىگاھلارنىڭ كۆپىنىڭ نامىنىڭ ‹‹توغراق›› بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى، شۇ ئورۇننىڭ جۇغراپىيەلىك يەر شارائىتى ۋە شۇ جايدىكى توغراقلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

قىسقىسى، توغراق نامىدىكى بايراملار، سەيلىگاھلار، ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە تۈرلۈك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، تارىم ۋادىسىدىكى توغراقلىقنى قوغداش خىزمىتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. توغراق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشتىكى مۇھىم كوزىرغا ئايلاندى.




#Article 292: قاغا تىرنىقى (212 words)


قاغا تىرنىقى
      
تونۇش:    بۇ  پىياز ئائىلىسىدىكى باش باھاردا ئۆسىدىغان  كۆپ يىللىق سامان 
غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 5 ~ 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يەر ئاستى 
تەڭگىسىمان غولى شار شەكلىدە بولۇپ، سىرتىنى كۆپ قەۋەت قارامتۇل خورما رەڭلىك 
پەردىلەشكەن تەڭگىچىلەر ئوراپ تۇرىدۇ، يەر ئۈستىدىكى غولى تىك بولۇپ، 
شاخلىمايدۇ؛ يوپۇرمىقى ئىككى - ئۈچ دانە بولۇپ، تۈۋىدىن ئۆسىدۇ، شەكلى ئۇزۇن 
تېمىنىسىمان، يوپۇرماق تومۇرى تۈز، يوپۇرماقلىرى تولۇق گىرۋەكلىك بولۇپ، تۈۋى 
تۆۋەن سوزۇلۇپ، غولىنى يۆگەپ تۇرىدۇ؛  گۈلى ئۇچىدىن ئۆسىدۇ، قوڭغۇراقسىمان، 
سېرىق، گۈل تاجى يوپۇرمىقى ئالتە دانە، غوزا مېۋىسى سوقىچاق، ئۈچ قىرلىق 
بولىدۇ.دورىلىق قىسمى دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تەڭگىسىمان غولى ئىشلىتىلىدۇ.
يىغىپ تەييارلاش:   بۇ ئۆسۈملۈكنى ئەتىياز پەسلىدە قېزىۋېلىپ، يۇيۇپ تازىلاپ، 
ئوبدان قاينىتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى:   ھۆل سوغۇق.

ئۆسۈش ئورنى:   ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇرۇق تاغ باغرى ۋە  دالىلاردا  ئۆسىدۇ.

خۇسۇسىيىتى:   توسالغۇلارنى ئېچىش، ھارارەت پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، بۇزۇق 
ماددىلارنى تارقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.ئىشلىتىش مىقدارى ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

قاغا تىرنىقى تەركىبلىك رېتسېپلار
      
قاغا تىرنىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، 
غەلۋىرەك،  لىمفا سىلى ۋە سېرىقلىق چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى قاغا تىرنىقىنى يۇمشاق ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ 
بەرسە، غەلۋىرەك ۋە ھەرخىل چاقىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قاغا تىرنىقىدىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، 
سىرتقى  تەسىردىن بولغان ئىششىق ۋە سېرىقلىق چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى قاغا تىرنىقىنى ئېزىپ، ئاچچىقسۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، 




#Article 293: Muweppeqiyet (957 words)


مەن بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى ئۇنىڭ قارارى بەلگىلەيدۇ، دەپ قارايمەن. مەن ئىلگىرى نوتۇق سۆزلەشنى نىيەت قىلغان ۋاقىتلىرىمنى ئەسكە ئالغىنىمدا، ئېتراپ قىلىمەنكى- سەل قورقۇپ قالغانىدىم، چۈنكى مەن ئىلگىرى ئۇنداق نوتۇقلارنى سۆزلەپ باقمىغان تۇرسام. ئەمما بۇ يولغا ئاللىقاچان قەدەم ئېلىپ بولغانىدىم. بىرىنچى بولىمەن (« ! NO.1 sales» ) دەپ پونى ئېتىپ قويۇپ ئەمدى بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرمىسام بولماس؟ ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئىش بىر قېتىملىق ئەڭ چوڭ سىناق ئىدى.
بىراق مەن بۇ ئىشنى چوقۇم ياخشى قىلىشقا، شۇنداقلا بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغا شەخسكە ئايلىنىشقا بەل باغلىدىم. شۇڭا مەن ئىزچىل كاللامدا :  مەن ئىلگىرى ئوخشاش بولمىغان 18 تۈرلۈك خىزمەتنى قىلىپ بېقىپتىمەن، ئۈزلۈكسىز تۈردە شىركەتنى ، مەھسۇلاتنى، تۈزۈمنى ياخشى ئەمەس،  ئېلان يېتەرلىك تەشۋىق قىلىنمىدى، مەشىق يېتەرسىز.... دىگەندەك باھانىلارنى كۆرسىتىپ كەپتىمەن، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماپتۇ. 
مەن بۈگۈن چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن دەپ تۇرۇپ، ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ داڭدار  يوشۇرۇن قابىلىيەتنى ئۇرغۇتۇش پىرىنىڭ شىركىتىدە ئىشلەۋېتىپ، مۇشۇ شىركەتتە يەنە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىسام، ئۇنداقتا مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمغا پۇرسەت بولسۇنمۇ؟ 
شۇڭا مەن شۇ خىزمىتىمنى ناھايتى قەدىرلەپ ئىشلىدىم. 85 ئادەمنىڭ ئىچىدىن پەقەت مەنلا قۇبۇل قىلىنىش ئاسان ئىش دەمسىز؟ شۇ سەۋەپلىك مەن چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا بەل باغلىدىم. نۆۋەتتە بىز باشلىماقچى بولغان مەشىق: «قەتئىي نىيەتكە كېلىش» .
ئەمەلىيەتتە كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىقىدىكى سەۋەپ شۇكى، ئۇلار دائىم بىر ئىشنى قارا قىلىشتا تولا ھاللاردا ئىككىلىنىپ قالىدۇ. ئۇلاردا ئاتالمىش «ئىشنى كېسىپ بىر تەرەپ قىلىش» كۈچى كەمچىل. بىر ئادەم ھەقىقىي يۇسۇندا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا بەل باغلىغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ يۇشۇرۇن قابىلىيتى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ئۇرغۇپ چىقىدۇ. 
تۆۋەندە بىز قەتئىي نىيەتكە كېلىشنىڭ بەش موھىم ھالقىسىنى ئۆگىنىمىز: 
بىرىنچى ھالقا: چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىن ئىبارەت روھ بولۇش كېرەك. مەن يوقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك خىلمۇ-خىل ھايات سەرگۈزەشتىلىرىدىن كېيىن، ئانتونىي.روبىن ماڭا دەرس ھەققىي 595 دوللار بولغان يەنە بىر دەرسى بارلىقىنى ئېيتتى.  مەندەك بىر گاداينىڭ بۇ دەرسكە قاتنىشىشىنى ھەقىقەتەن تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتى. ئەمما بۇ ئۇستاز مەندىن:« سەن زادى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىلا ئويلامسەن ياكى چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچىمۇ؟» دەپ سورىدى. مەن:« مەن چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن» دەپ جاۋاپ بەردىم ھەمدە پۇل ئۆتنە ئېلىپ تۇرۇپ بۇ دەرسكە قاتناشتىم. 
بۇ دەرس ھەقىقەتەن مېنىڭ ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ھاياتىمنى ئۆزگەرتكىنى دەرسنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى ئۇلار دەرس جەريانىدا تەشۋىق قىلغان مەھسۇلات ئۇمۇملاشتۇرغۇچى تەكلىپ قىلىدىغانلىقى بولدى. مەن چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا بەل باغلىدىم. چۈنكى مېنىڭ ئويۇمچە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ تېز ئۇسۇلى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ خىزمىتىگە ياردەم بېرىش ئىدى. شۇڭا مەن بۇ ئىشنى قىلىشقا تىزىملاتتىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تاللانغىنى پەقەتلا مەن ئىدىم. شۇغىنىسى مەن بىر شەرقلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاران 21 ياش بولغاچقا، دائىم كۆڭلۈمدە :« ئەجەپ ئىش، شۇنچە كۆپ ئاقىل-پازىللار، دانىشمەنلەر، شۇنداقلا ياشتا مەندىن چوڭلار تۇرۇپ قۇبۇل قىلىنمىدا؟ » دەپ ئويلايتىم.  كېيىنچە مەن  بۇ ئىشنى ئانتونىي. روبىن شىركىتىنىڭ كەسپىي ئىشلارغا مەسئۇل باش دېرىكتورىدىن :« نېمە ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا پەقەت مىنىلا قۇبۇل قىلغان ئىدىڭ؟ » دەپ سورىغاندا، ئۇ: __ چۈنكى قارىماققا سىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىستىكىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت سەنلا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى قارار قىلدىڭ، باشقىلار بولسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا قىزىققانلار ئىدى، خالاس_دېدى.  شۇنىڭ بىلەن مەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ موھىم سىرىنىڭ  قەتئىي بەل باغلاش ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. شۇڭا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلايدىكەنسىز جەزمەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا قەتئىي بەل باغلىشىڭىز كېرەك. 
ئىككىنچى ھالقا: مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلاردىن قانداق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئۆگىنىش كېرەك. جەزمەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن دەيدىكەنمىز، چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلاردىن (بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرغانلاردىن) مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىنىشمىز كېرەك. چۈنكى پەقەت بىرىنچى بولالىغانلارلا سىزگە قانداق قىلىپ بىرىنچى بولۇشنى ئۆگىتىپ قويالايدۇ. بىز ناھايتى زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلەرنىڭمۇ باشقىلارنىڭ تەجرىبىسى ۋە ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق شۇنچىلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلىمىز. سىز پەقەت ئۇلارنى يېتەرلىك چۈشەنگەندىلا، ئۇلاردىن ئۆگەنگەندىلا، ئۇلارنى ئۇسۇلى بويىچە مەسىلىلەرنى تەپەككۈر قىلىپ، ئوخشاش ھەرىكەتنى تەكرارلىغىنىڭىزدىلا ئاندىن سىز ئېرىشمەكچى بولغان نەتىجىگە ئېرىشەلەيسىز. 
ئۈچىنچى ھالقا: بىرىنچى بولغانلاردىنمۇ ھالقىپ كېتىشكە بەل باغلاڭ. سىز بىرىنچى بولغانلارنىڭ قانداق مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى، يەنى قانداق ئىشلارنى قىلىپ، قانداق ئەمەلىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى چۈشەنگەندىن كېيىن ئۇلار قىلغان ئىشنى ئوخشاش قىلىپ قىلالىسىڭىز، سىز چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايتى ياخشى ئۇسۇل بولسىمۇ، مېنىڭچە يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى بىرىنچى بولغانلار پەقەت بىرلا بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا بىز چوقۇم ئۇنى بېسىپ چۈشۈشكە بەل باغلىشىمىز كېرەك. پەقەت ئۇنى بېسىپ چۈشەلىگەندىلا، ئاندىن سىز بىرىنچى بولالايسىز. 
باشقىلار كۈنىگە 3 قېتىم لېكسىيە سۆزلىگەندە مەن كۈنىگە 9 قېتىم سۆزلىدىم؛ باشقىلار بىر كۈندە 30 قېتىم تېلېفۇن قىلسا، مەن كۈنىگە 100 دىن ئارتۇق ناتۇنۇش كىشىگە تېلېفۇن قىلدىم. مېنىڭ ئىدىيەم: مەڭگۈ ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ قىلغىنىدىنمۇ كۆپرەك قىلىش. 
تۆتىنچى ھالقا: ئۆزىڭىزنىڭ زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىڭىز كېرەك. ھېس قىلىشىمچە، تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالدا بىر ئادەم ناھايتى تېزلا بىر قارارنى چىقىرىشقا ئامالسىز. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى: شۇ كىشىگە نىسبەتەن زادى نېمىگە ئىرىشمەكچى بولغانلىقى تېخى كاللىسىدا ئايدىڭ ئەمەس. مەسىلەن دەيلى: مەن بۈگۈن مەلۇم دۇكانغا بېرىپ كاستيۇم-بۇرۇلكا سېتىۋالماقچى، كۆك رەڭدىكىسى بولسىمۇ، كۈل رەڭلىكى بولسىمۇ، يېشىل رەڭلىكى بولسىمۇ ۋە ياكى كافىي رەڭلىك بولسىمۇ بولىدۇ؛ قوش تۈگمىلىكمۇ بولىدۇ، تاق تۈگمىلىكىمۇ ھەم.... مەن ئۇ يەرگە بارغىنىمدا مەن ئۇمۇ بولىدىكەن، بۇمۇ بولىدىكەن، دەپ قايسىنى ئېلىشنى قارار قىلالماسلىقىم مۇمكىن. چۈنكى سىز زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەيسىز-دە.ئەگەر سىز زادى نېمىگە ئېىشمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرىۋالسىڭىز، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلىسىڭىز، سىز چوقۇم قىلالايسىز. ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلىغاچقا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ شىركىتىدە ئىشلىگەن. چۈنكى بۇ مەن ئېرىشمەكچى بولغان نەرسە، شۇڭا مەن بۇ ئىشنى چوقۇم قىلىشقا بەل باغلىغان. شۇڭا ھەر بىر ئادەمگە نىسبەتەن قانداق ئىش بولۇشى مۇھىم ئەمەس، ئۇ ئىش ماڭا نىسبەتەن ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، چۈنكى مەن ئاللىقاچان نېمىگە ئېرىشىش كېرەكلىكىمنى ئاللىقاچان قارار  قىلىپ بولغان. 
بەشىنچى ھالقا: ھەر كۈنى پەقەت ئېرىشمەكچى بولغىنىڭىزنىلا ئويلاڭ، سىز  قەتئىي  قۇتۇلماقچى بولغاننى ئەمەس. نۇرغۇن كىشىنىڭ نۇرغۇن ئىشلاردا كۆرۈنەرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلالماسلىقىدىكى سەۋەپ، ئۇ ھەر كۈنى ئۆزىگە لازىم ئەمەس ئىشنىلا ئويلايدۇ ( ياكى قۇتۇلماقچى بولغىنىلا  )، ماڭا بېسىم بولمىسىكەن، مەن مەسئۇل بوپ قالمىسامكەن، ئاغرىپ قالمىسامكەن.... ئۇ كىشى پەقەت ئۆزىنىڭ قورقۇنچىنىلا دەيدۇ، ئاخىرىدا ئېرىشىدىغىنى يەنىلا شۇ. 
مىسالەن: سىز ھازىر كۆك رەڭنى ئويلىماڭ، كۆپچىلىك كۆك رەڭنى قەتئىي ئويلىماڭلار. سوراپ باقاي، سىز ھازىر بىرىنچى بولۇپ ئويلىغان رەڭ قايسى؟ لېكسىيەدە جىددىيلەشمەڭ، جىددىيلەشمەڭ، ئاخىرىدا ئېرىشىدىغىنىڭىز جىددىيلىك، خالاس. 
شۇڭا ھاياتىمىزدا، سىز ئېرىشمەكچى بولغىنىڭىز ياكى قۇتۇلماقچى بولغان نەرسىلىرىڭىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسىگە ئىگە بولۇپ قالىسىز. شۇنداق تۇرۇقلۇق سىز نېمىشقا سىز پەقەت ئېرىشمەكچى بولغاننىلا ئويلىمايسىز؟ ناۋادا ھەقىقەتەن ئەمەلگە ئېشىپ قالسا نېمە دىگۈلۈك؟ شۇڭلاشقا دەيمەنكى بۇ نوقتا ئىنتايىن موھىم. 
مۇۋەپپەقىيەتچىلەر بىلەن مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى شۇكى: ئۇ تېخى نېمە ئىش قىلىشنى قارار قىلىپ بولالمىدى. مۇۋەپپەقىيەتچىلەر بىلەن مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ ئىككىنچى پەرقى شۇكى: ئۇ تېخى نېمە ئىش قىلىشنى قارار قىلىپ بولالمىدى. مۇۋەپپەقىيەتچىلەر بىلەن مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ ئۈچىنچى پەرقى شۇكى: ئۇ تېخى نېمە ئىش قىلىشنى قارار قىلىپ بولالمىدى.




#Article 294: ئەھمەد داۋۇد ئوغلۇ (643 words)


Profesör Dr. Ahmet Davutoğlu تۈركچىە ئىسمى.

ئەھمەد داۋۇدئوغلۇئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى مەزگىلىدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ سىرتىدىن تەيىنلەنگەن تۇنجى مىنىستىر بولغان .

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى.

ئەخمەت داۋۇتئوغلى كىم؟

بوغاز ئىچى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىقتىساد ۋە سىياسەت كەسپىدە ئوقۇدى، شۇ مەكتەپنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت(kamu yönetimi) كەسپىدە ماگىستىرلىق، سىياسەت ۋە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر كەسپىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇدى. 

.

ئەخمەت داۋۇتئوغلىنىڭ باشقا ئەسەرلىرى:

ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ 1959- يىلى 26- فېۋرالدا تۈركىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتى تاشكەنت رايونىدا قول ھۇنەرۋەنچىلىك ۋە سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. ئاتىسى مەھمەت ئەپەندى بىلەن ئانىسى مەمنۇنە خانىم ئۇنى مەھەللىسىدىكى ھاجى سۇلايمان ئەپەندى باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئاپىرىپ بەردى. ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ تۆتىنچى سىنىپنى تۆگەتكەندىن كېيىن ئائىلە ئىستانبۇلغا كۆچتى، شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئەھمەد بەشىنچى سىنىپنى ئىستانبۇل باھچەلىئەۋلەردە ئوقۇدى. ئىستانبۇلدا ئوغۇللار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى، ئارقىدىن بوغاز ئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزدى. 1984- يىلى باكلاۋورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن يەنە شۇ مەكتەپتە مەمۇرىي باشقۇرۇش ساھەسىدە ماگېستىرلىق، سىياسەت ئىلمىي ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ساھەسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، 1990- يىلى مالايسىيا خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ياردەمچى دوتسېنت سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشقا باشلىدى. ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىياسىي پەنلەر كافېدىراسىنى ئاچتى ۋە كافېدىرا باشلىقى بولدى. 1993- يىلى دوتسىنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. 1995- يىلى تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن دوكتور ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ، 1999- يىلىغىچە مەرمەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىدە ئاكادېمىك خادىم بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى. ئوخشاش ۋاقىتتا 1998- يىلىدىن 2002- يىلىغىچە ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچى بولۇپ لېكسىيە سۆزلىدى. 1999- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن داۋۇتئوغلۇ، بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئاقساقاللار مەجلىسىنىڭ ئەزاسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى. شۇ يىللاردا يەنە مەرمەر ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىدە تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچى بولۇپ دەرس ئۆتتى.

خەلقئارالىق مۇزاكىرىلەرگە رەسمىي سۈپەت بىلەن ئىشتىراك قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن 2003- يىلى 18- يانۋاردا ئۆز دەۋرىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ئاھمەت نەجدەت سەزەر ۋە باش مىنىستىرى ئابدۇللاھ گۈل تەرىپىدىن قارار ماقۇللىنىپ باش ئەلچىلىك ئۇنۋانى بېرىلدى. 2009- يىلى 11- مايدا پارلامېنت سىرتىدىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەندى.

ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ 2011- يىلى 12 – ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلاملاردا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى سېپىدىن 24- نۆۋەتلىك كونيا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە كىردى.

تاشقى سىياسەت ۋە دىپلوماتىيە ساھەسىگە قەدەم بېسىشتىن ئىلگىرى نەزىرىيە تەتقىقاچىسى سۈپىتىدە دۇنيا ئىلىم سەھنىسىدە تونۇلغان ئەھمەد داۋۇتئوغلۇنىڭ تاشقى سىياسەت تېمىسىدا يېزىلغان كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالە ۋە كىتابلىرى بار بولۇپ، سېلىشتۇرمىلىق مەدەنىيەتلەر تارىخى ۋە مەدەنىيەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەر، سېلىشتۇرمىلىق سىياسەت پەلسەپىسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە تۈرك ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا يېزىلغان مەزكۇر ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياپون، پورتۇگال، رۇس، ئەرەب، پارىس ۋە ئالبان تىللىرىغا ئوخشاش كۆپ ساندىكى دۇنيا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى. ئۇ 2001- يىلى ئاپرېل ئېيىدا نەشردىن چىققان «ئىستراتېگىيەلىك چوڭقۇرلۇق» (Stratejik Derinlik) (تۈركچە) ناملىق كىتابى ئارقىلىق سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى تۈركىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ نەزىرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈردى. ئۇ يەنە 1993- يىلى نەشر قىلىنغان «تاللاشقا بولىدىغان پارادىگمالار» (ئىنگلىزچە) ناملىق كىتابى ئارقىلىق ئىسلام بىلەن غەربنىڭ سىياسەت چۈشەنچىسى توغرىسىدا سېلىشتۇرمىلىق ئانالىز ئېلىپ باردى. ئىنگلىز تىلىدا يېزىپ 1994- يىلى نەشر قىلدۇرغان «مەدەنىيەتنىڭ ئالمىشىشى ۋە مۇسۇلمان دۇنياسى» ناملىق كىتابىدا بولسا، غەرب مەدەنىيىتى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان كىرىزىس ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىپ، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بۇ كىرىزىسنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش مۇمكىنچىلىكى ۋە شەرت – شارائىتى ئوتتۇرىغا قويدى. 11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن دۇنيا ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت ۋە ئانالىزلىرى توپلانغان ‹يەر شارى خاراكتېرلىك چۈشكۈنلۈك» ناملىق سۆھبەت ۋە ئانالىزلار توپلىمى 2002- يىلى نەشىردىن چىقتى. 2013- يىلى «نەزەرىيەدىن ئەمەلىيەتكە» ناملىق يەنە بىر سۆھبەت خاتىرىلىرى توپلىمى نەشردىن چىقتى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئاچقۇچلۇق كىشىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ، قوشنا ئەللەر بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى نۆلگە چۈشۈرۈش توغرىسىدىكى قاراش ۋە ئاكتىپ دىپلوماتىيە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ ساھەدە كۈچ چىقاردى.

كۆپلىگەن جەھەتلەردە يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلارغا قەدەم باسقان پىروفېسسور داۋۇتئوغلۇ 2010- يىلى ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا قەشقەردە زىيارەتتە بولدى. شۇ قېتىملىق زىيارىتى بىلەن داۋۇتئوغلۇ ھەم قەشقەردە زىيارەتتە بولغان تۇنجى تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھەم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى قەشقەردىن باشلىغان تۇنجى دىپلوماتىيە مىنىستىرى، دېگەن نامغا ئېرىشتى...

ئانا تىلى تۈركچىدىن باشقا ئىنگلىز، ئەرەب ۋە نىمىس تىللىرىنى بىلىدىغان داۋۇتئوغلۇ، ئامېرىكىدا چىقىدىغان «فوربىس» ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيادىكى تەسىرى كۈچى ئەڭ يۇقىرى 100 زىيالىيسى قاتارىغا كىردى. ئىلمىي نەزەرىيەلەر بىلەن سىياسەت رېئاللىقى ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق يارىتىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان پىروفېسسور دوكتور ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ ھازىرمۇ (2014- يىلى) تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.




#Article 295: بۇگۇت مەڭگۈ تېشى (136 words)


بۇگۇت مەڭگۈ تېشى 1956– يىلى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى دورجى سولۇى 8- ئەسىرگە مەنسۇپ تۈرك مەڭگۈ تاشلىرى تېپىلغان يەرنىڭ شەرقىي شىمالىغا تەخمىنەن 170 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇگۇت دېگەن جايدىكى تۈرك قەبرىستانلىقىدىن سوغدى يېزىقىدىكى بىردانە مەڭگۈ تاشنى تاپتى ۋە تېپىلغان جاينىڭ نامى بىلەن بۇ مەڭگۈ تاشنى «بۇگۇت مەڭگۈ تېشى» دەپ ئاتىدى. ئەمما، بۇ مەڭگۈ تاشنى ئوقۇش ۋە تەرجىمىسىنى ئىشلەش خىزمىتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركشۇناسى س . گ . كىلياشتورنىي ۋە سوغدى تىل – يېزىقى مۇتەخەسسىسى ۋ . ئا . لىۋىش تەرىپىدىن ئورۇنلاندى. بۇ ئىككى ئالىم ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئالدى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلدۇردى . كېيىنكى يىلى ۋېنگرىيىدە ئېلان قىلدى .

بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىنى لىن مېيسۈن ‹‹ شەرق مەدەنىيتى تەرەققىياتىنىڭ نامايەندىسى ›› ناملىق ماقالىسىگە كىرگۈزگەن بولۇپ ، بۇ ماقالە ئۇيغۇرچە ‹‹ شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ›› ژورنىلى 1995–يىلى 4–سانىدا ئېلان قىلىنغان .




#Article 296: نەسىرىدىن ئەپەندى (1087 words)


نەسىردىن ئەپەندى (تۈركچە: Hoca Nasrettin) تەخمىنەن 1208 – يىلى بۇگۈنكى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاناتولىيە رايونى كونيا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئاقشەھىردىكى سەرۋىھسار قەلئەسىنىڭ خورتۇ يېزىسدا تۇغۇلغان. دادىسى ئابدۇللا ئەپەندى، ئانىسى سەدىكا خانىم شۇ دەۋرنىڭ ئوقۇمۇشلۇق زاتلىرىدىن بولغان. ئۇ دادىسىدىن باشلانغۇچ مەلۇمات ئېلىپ، سەرۋىھسار مەدرىسەسىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتكۈزگەن مەزگىللىرىدە قازا قىلغان دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، بىر مەزگىل خورتۇدا ئىمام بولغان. ئۇ ئىلىم ئېلىش ئارزۇسى بىلەن مەھمۇد ئىسملىك خوجىغا ئىماملىقىنى ھاۋالە قىلغاندىن كېيىن، ئەينى دەۋردە ئاناتولىيىنىڭ ئىلىم ئوچىقى ھېسابلانغان كونيا شەھىرىگە بېرىپ، مەۋلانا جالالىدىن رۇمى (1207-1274) مەدرىسەسىدە مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى، شائىر ۋە ئالىم سەئىد مەھمۇد ھەيرانىدىن دەرس ئالغان. مەدرىسەنى تاماملاپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ، ئاتىكە ئىسملىك قىزغا ئۆيلەنگەن، ئۇنىڭىدىن تۇغۇلغان پاتىمە ئىسىملىك قىزى 1226 – يىلى 8 – ئايدا كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. كېيىن يەنە بىر قىز پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭغىمۇ پاتىمە دەپ ئىسىم قويغان. شۇ مەزگىللەردە كىر شەھىرىنىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى، ئالىم ۋە شائىر ھاجى بەكىتاشى (1210-1261) نىڭ تەۋسىيىسى بىلەن نەسرىدىن ئەپەندى كونيادىن ئاقشەھىرگە كېلىپ مەدرىسە ئاچقان، سەئىد مەھمۇد ھەيرانى ئۇنى ئاقشەھىر جامەسىنىڭ مۇدەررىسىلىكىگە تەكلىپ قىلغان. 1237 – يىلى باھاردا ئائىلىسى بىلەن ئاقشەھىرگە كۆچۈپ كەلگەن نەسرىدىن ئەپەندى شەھەر ھاكىمى سەئىد ئىبراھىم سۇلتان ھەدىيە قىلغان ئۆيدە ئولتۇراقلاشقان. نەسرىدىن ئەپەندى كېيىنچە يەنە بىر خوتۇنلۇق بولۇپ، ئۇنىڭدىن دۇررى مەلىكە ئىسملىك قىز، چوڭ ئايالىدىن جالالىدىن ئىسىملىك ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن ۋە ئىككى ئايالى بىلەن ئىناق، تۇرمۇشتا خاتىرجەم ئۆتكەن. ئۇ ھەر ئاخشىمى «قۇرئان كەرىم»، تەپسىر، ھەدىس، «دەدە قۇرقۇت مەسەللىرى»، «كەلىلە–دەمىنە»، «باتتالنامە» (ھىندى مەھەللىرى)، ۋەلىد يازغان «مەرىپەتنامە»، نىزامىلۇلمۈلۈك يازغان «سىياسەتنامە»، شەيخ سەئىدى يازغان «بوستان» ۋە «گۈلىستان» قاتارلىق مەشھۇر كىتابلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەن. ئۇستازى سەئىدى مەھمۇد ھەيرانىدىن ۋە تۈرك شائىرى ئاشىق پاشانىڭ دىلكىشى بابا ئىلياستىن تەلىم ئالغان. بوش ۋاقىت تاپسىلا، «گۈدەك مۇنارى مەدرىسە»، «فەرۇخ شاھ مەدرىسە»، «ئالتۇن قەلەم مەدرىسە» قاتارلىق ئاقشەھىردىكى ئوتتۇرا ئاناتولىيە بويىچە مەشھۇر مەدرىسەلەرنى زىيارەت قىلغان. ھەتتا ئىلىم ئىزدەپ، كۆپ قېتىم كونيا شەھىرىگە ئېشەك مىنىپ بارغان. شۇنداق قىلىپ، ئەينى دەۋردە تۈرك دۇنياسىغا مەشھۇر مۇتەپەككۇر، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ دىنىي مۇراسىملارنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئېقىمىغا مەنسۇپ كامىل دىنشۇناس ۋە تەڭداشسىز سۆز سەنئەتكارى بولۇپ يېتىلگەن نەسرىدىن ئەپەندى سانسىزلىغان لەتىپە–چاقچاق، شېئىر ۋە باشقا تۈردىكى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان. ئۇ تەخمىنەن 1285 – يىلى ئاقشەھىردە ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئۇستازى سەئىد مەھمۇد ھەيرانى قەبرىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان. بۇ جاي كېيىنچە، «خوجا نەسرىدىن مازىرى» دەپ ئاتىلىپ، مازار يېنىغا «خوجا نەسرىدىن مەدرىسەسى» تەسىس قىلىنغان.

XIV ئەسىردە ئاناتولىيىگە بېسىپ كىرگەن مۇغۇل ھۆكۈمدارى ئەمىر تېمۇر (1336-1405) دەۋردە ئاقشەھىر ئېغىر ۋەيرانچلىققا ئۇچرىغان، نۇرغۇن يادىكارلىقلار كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. شۇ قاتاردا نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ شېئىر دىۋانلىرى ۋە باشقا قوليازما ئەسەرلىرىمۇ يوقالغان.

ئابدۇلھەمىدخان (1876-19090 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) زامانىدا كونيا ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى فايىك بەگ ئاقشەھىرنى ئوراپ تۇرغان سۇلتان تېغىنىڭ باغرىدىكى باغچە ئوتتۇرىسىغا خوجا نەسرىدىن مەقبەرىسىنى ئەسلىى شەكلى بويىچە مەرمەردىن ياساپ، 1905 – يىل 7 – ئاينىڭ 12 – كۈنى پۈتكۈزگەن. مەقبەرە يېنىدىكى «خوجا نەسرىدىن مەدرىسەسى» ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، ئاقشەھىر مەركىزىگە نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ ئېشەككە مىنىپ تۇرغان مەرمەر ھەيكلى تىكلەنگەن. ھازىر ئىستانبۇل مۇزېيىدا نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ ئۇزۇن ساقال–بۇرۇت قويغان، كىچىككىنە ئېشەككە مىنگەن قىياپەتتىكى سۈرىتى؛ ئاقشەھىردىكى «خوجا نەسرىدىن مۇزېيې» دا ئۇنىڭ ھاياتىغا دائىر ماددىي بۇيۇم ۋە خاتىرىلەر بار. ئەنقەرە دۆلەتلىك كۇتۇپخانا، ئىستانبۇل ئەدرنە تارىخىي مۇزېيى ۋە بەزى چەت ئەل مۇزېيلىرىدا نەسرىدىن ئەپەندى ھەققىدە 500 پارچىدىن ئارتۇق تارىخىي كىتاب ساقلانماقتا. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوسمانىيە دەۋرىدىكى جەم سۇلتاننىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئەبۇلغازى رۇمى 1480 – يىلى يازغان «سالتۇقنامە» دېگەن ئەسەردە، نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ XIII ئەسىردىكى مەشھۇر تۈرك ئالىمى سارى سالتۇق بىلەن ھەمسۆھبەت بولغانلىقى، ئۇنىڭ نامى ۋە لەتىپلىرى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان.

نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ ئۆز ئىسمى خوجا نەسرىدىن بولۇپ، «موللا نەسرىدىن»، «نەسرىدىن ئەپەندى» دېگەن ئىسمىلا كېيىنچە ئۇنى ھۆرمەتلەپ قويۇلغان ۋە سىڭىپ كەتكەن. «ئەپەندى» دېگەن سۆز تۈركچە «مۇئەللىم»، «ئۇستاز» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ۋە نوپۇزلۇق ئەرلەرگە قارىتىلىغان ھۆرمەت نامى.

نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى ئۇنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئەرەبلەر ئارىسىدا تارقىلىپ، ئىسلامىيەتتىن كېيىن تۈركىيىگە ئېقىپ كىرگەن ھاجراد، ئەشاپ، ئەبۇ نەۋۋاس، جۇھا، ھاپىز ئىبراھىم قاتارلىقلارنىڭ قىزىقارلىق گەپ–سۆزلىرى نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ۋە ئۇنىڭ نامىدا ئاتىلىپ، ئاناتولىيە يېرىم ئارىلىدىن ئوتتۇرا–يېقىن شەرق، بالقان يېرىم ئارىلى، ئەرەب ئەللىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەتتا تارىم ۋادىسى ئەتراپلىرىغىچە كەڭ تارقالغان. نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپلىرى XVI ئەسىردە تۈركىيە يازغۇچىسى ۋە شائىرى رامىن تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم يىغىلىپ ۋە تەھىرىرلىنىپ توپلام قىلىنغان. XVII ئەسىردە ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان، XVIII ئەسىردە رەسمىي كىتاب بولۇپ شەكىللەنگەن. XIX ئەسىردە «نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى توپلىمى» تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل ۋە مىسىرنىڭ قاھىرە شەھەرلىرىدىكى تاش مەتبەئەدە تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىنغان. تۈركىيە ئالىمى ۋىلتائىز بوداق تۈزۈپ، 1909 – يىلى نەشىر قىلىنغان «ئەپەندى لەتىپلىرى توپلىمى» غا 392 پارچە لەتىپە كىرگۈزۈلگەن. XX ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىغا كەلگەندە، «ئەپەندى لەتىپلىرى توپلىمى» نىڭ ئالتە خىل نۇسخىسى نەشىر قىلىنىپ، 445 پارچە لەتىپە كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ فىرانسۇزچە نۇسخىسى 1978 – يىلى ئىتسانبۇلدا نەشىر قىلىنغان. ئەنگلىيىدە 1966 – يىلى، 1973 – يىلى ۋە 1978 – يىلى ئۈچ خىل نۇسخىدىكى «ئەپەندى لەتىپىلىرى توپلىمى» نىڭ تەرجىمىسى نەشىر قىلىنغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا «نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى» 1936 – يىلى تۇنجى قېتىم، 1957 – يىلى، 1959 – يىلى ۋە 1963– يىلى قايتا نەشىر قىلىنغان. 1959 – يىلى تاشكەنت «شەرق ھەقىقىتى» نەشرىياتى ل.ۋ.سولۇيىۋنىڭ «خوجا نەسرىدىن ھەققىدە قىسسە» ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلغان. بۇ كىتاپ كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. ياپونىيىدە «نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپلىرى» نىڭ تەرجىمىسى 1965 – يىلى تۇنجى قېتىم، 1977 – يىلى قايتا نەشىر قىلىنغان. دۆلىتىمىزدە 1958 – يىلىدىن كېيىن، نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپلىرى ھەر مىللەت تىلىدا تەرجىمە ۋە نەشىر قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنىغان «نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى» بىر قەدەر تولۇق. جاۋ شىجيې ئەپەندى تەرجىمە قىلىپ تۈزگەن، دۇنخۇئاڭ ئەدەبىيات–سەنئەت نەشرىياتى 1990 – يىلى لەنجۇدا خەنزۇچە نەشىر قىلغان «ئۇيغۇر لەتىپە–چاقچاقلىرىدىن تاللانما» ناملىق توپلامغا نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ 217 پارچە لەتىپىسى كىرگۈزۈلگەن. ئۇيغۇر خەلقى يىپەك يولى مەدەنىيتىنىڭ بۈيۈك ئەلچىسى، دۇنياۋى فولكلور قەھرىمانى، ھازىرجاۋاب سۆز سەنەتكارى، ئۆتكۈر پىكىرلىك ۋە ساغلام ئەقىللىق نەسرىدىن ئەپەندىنى ئۆزىنىڭ قىزىقچىسى دەپ بىلىدۇ. خەلقىمىز ئۆز ئەقىل–پاراسىتى، تەپەككۇر جەۋھەرلىرىنى قوشۇپ ۋە ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ھەرخىل زامان–ماكان شارائىتىدا ئۇنىڭ نامىدا تارقىتىپ، ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن لەتىپلەر 2000 پارچىدىن ئاشىدۇ. چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرگە ئىگە نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە ئىنتايىن باي بولۇپ، ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىدا مەڭگۈ ئۆلمەس دۇنياۋىي بەدىئىي ئوبراز ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيىدىكى بىر قەبرە نەسىردىن ئەپەندىنىڭ دەپ بېكىتىلگەن. بۇ قەبرە بىر يانتۇ دۆڭلۈككە سېلىنغان، ئەسلى قائىدە بويىچە قەبرىنىڭ ئاستىغا يىقىلىپ چۈشمەسلىك ئۈچۈن تىرەك قويۇلاتتى . ئەمما بۇ تىرەك ئۈستى تەرەپكە قويۇلغان، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك دەرۋزىغا يوغان ئاتنىڭ كاللىسىدەك قۇلۇپ سىلىنغانۇ ئەمما چۆرىسىدە تام قوپۇرلمىغان ، نەسىردىن ئەپەندىنىڭ مىللىتى توغىرلىق نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار بولسىمۇ ئەمما يەنىلا تۈركى خەلقلەرگە ئورتاق شەخس دەپ قارىلىدۇ.

نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ تارىخىي شەخس ياكى خەلق ئەدەبىياتىدىكى غايىۋى ئوبراز ئىكەنلىكى توغرىسدا خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلار ئارىسدا ئوخشاشمىغان قاراشلار بولغان، ھەتتا نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى تارقالغان رايونلاردىكى خەلقلەر ئۇنى ئۆز يۇرتىدا ياشىغان دانىشمەن دەپ قاراپ كەلگەن. XIX ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا تۈركىيىلىك ئالىم مىجىت ھاسان يەرلىك ئارخىپلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ XIII ئەسىردە تۈركىيىدە ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. كونيالىق ئىبراھىم خاككى يازغان ۋە 1945 – يىلى نەشىر قىلىنغان «ئاقشەھەر تارىخى» ناملىق ئەسەردە نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ تارىخىدىن ئېنىق مەلۇمات بېرىلگەن. 1993 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 6 – كۈنىگىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئېچلىغان «يىپەك يولى مىللەتلىرى ئارا خەلق ئەدەبىياتى ئىلمىي كېڭىشى» گە ئېلىمىز ۋەكىلى سۈپىتىدە قاتناشقان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇكېرىم راخمان تۈركىيىدىكى ئىلمىي پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ يازغان: «ئىككى قېتىملىق ھاسىلات» ناملىق ماقالىسىدە نەسرىدىن ئەپەندى ھەققىدە مەخسۇس توختالغان.




#Article 297: چىڭ سۇلالىسى (253 words)


چىڭ سۇلالىسى, (1616- يىلى 17- ڧېۋرال، 1636- يىلى 15- ماي ياكى 1644- يىلى 30- ئۆكتەبىر - 1912- يىلى 12- ڧېۋرال)، رەسمى ئاتى «بۈيۈك چىڭ» (مانجۇچە: ᡩᠠᡳᠴᡳᠩ

ᡤᡠᡵᡠᠨ  daicing gurun، تەيچىڭ: daiqing gurun) سىرتقا قارىتا ئۆزىنى بۈيۈك چىڭ ئىمپېرىيىسى ياكى بۈيۈك چىڭ دۆلىتى، ياكى جۇڭگو شەكلىدە ئاتىلىدۇ.

جۇڭگو تارىخىدا مانجۇلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر ڧېئوداللىق سۇلالە، شۇنداقلا ئاخىرىقى مۇتلەق مۇنارخىيىلىك پادىشاھلىق. ھۆكۈمدارلار جىيەنجو قىتانلىرىدىن ئايسىنگىرو ئۇرۇقىدىندۇر. دەستلەپكى ھالى كېيىنكى 1616- يىلى نۇرخاچ تەرىپىدىن قۇرۇلغان كېيىنكى جىن، 1636- يىلى قونتەيجى ئۆزىنى پادىشاھ ئېلان قىلغان ۋە دۆلەت نامىنى «بۈيۈك چىڭ»غا ئۆزگەرتدى. 1644- يىلى نامدا مىڭ قوشۇنىغا ياردەملىشىپ خەلق ئسيانىنى باستۇرماق ئۈچۈن شەنخەيگۈەندىن كىردى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى خانىنى تەختتىن تۈشۈرۈپ پۈتۈن جۇڭگونىڭ ھاكىمىيىتىنى قولغا كىرگۈزدى، 1912- يىلى جۇڭخۇا مىنگونىڭ قۇرۇلىشى بىلەن تارىخ بېتىگە كۆمۈلدى. 

چىڭ سۇلالىسى نۇپۇسى جۇڭگو تارىخىدا ئەڭ يوقرى پەللىگە چىققان دۆلەت، GDP ئومۇمىي قىممىتى دۇنيا مىقياسقدا جۇڭگو يېقىنقى 3000 يىللىق تارىخدا ئەڭ يوقرى سەۋىيەگە چىققان، ئىنگىلىز ئىقتىسادشۇناس ئانگۇس مەددىسۇن (Angus Maddison) نىڭ تەتقىقاتىچە، 1820- يىلى چىڭ سۇلالىسى  GDP  سى 228.6 مىلىيارد دوللار بولغان بولۇپ، دۇنيا  GDP سىنىڭ 32،9%نى ئىگىلىگەن، كىشى بېشى  GDP  600 دوللار بولغان. ئەۇ ۋاقىتلاردا بىرىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنى باشتىن كەچەرگەن ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ كشىى بېشى GDP سى 1706 دوللار ئىدى. ئۇنىڭ تەتقىقاتىچە جۇڭگو تارىخىدا ئىقتىسادى ئەڭ گۈللەنگەن دەۋىر بولسا سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدۇر.  GDP ئۇمۇمىي قىممىتى 26.65 مىلىيارد دوللار بولۇپ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 22.7% سىنى ئىگىلىگەن. سۇڭ دەۋرى كىشى بېشى GDP قىممىتى 450 دوللار بولغان، ئەرەب ئابباسىي خەلىپىلىكىنىڭ GDP سىدىن تۆۋەن بولغان (621دوللار)؛ بۇ ئىككى ئەل غەربىي ياۋروپادىن باي ئىدى (427 دوللار). 

ئەپيۇن ئۇرىشى بىلەن جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخى باشلىدى.

چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر بەگ تۆرىلەر




#Article 298: غىلاجىدىن ئوسمان (351 words)


غىلاجىدىن ئوسمان 1938 - يىلى 15 - ئىيۇندا غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1958 - يىلى ئىلى ئەرلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەلگەن. 1962 - يىلى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەنزۇ تىلى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى تەرجىمانلار تەربىيىلەش كۇرسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەرجىمە باشقارمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن. 1978 - يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى ۋەزىپىسىنى ھەمدە شىنجاڭ تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ ھازىر جۇڭگو تىل ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو خەلق ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ كەلمەكتە.

غىلاجىدىن ئوسمان كۆپ خىل تىل مۇھىتىدا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ، ئوقۇپ بىلىم ئالغانلىقى ئۈچۈن، خىزمەت، ئۆگىنىش، تەتقىقات، تەرجىمە ئىشلىرىدە كۆپ خىل تىل بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇپ، داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، تاتار تىللىرىدا تەھرىرلىك - تەرجىمانلىق، تىل ۋە تەرجىمە تەتقىقاتى خىزمىتى بىلەن ھارماي - تالماي شۇغۇللىنىپ كەلدى.
ئۇ ئۇيغۇر تىلىدا قىزغىن ھەۋەس بىلەن تىل ۋە تەرجىمە تەتقىقاتىغا كىرىشىپ كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدى. شۇنداقلا، » تەرجىمە تەتقىقاتى « ناملىق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇردى ھەمدە خەنزۇ تىلىدىن » ھايات « ناملىق روماننى تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. ئۇ قازاق تىلىدا نۇرغۇنلىغان تەتقىقات ماقالىلىرى ۋە » تەرجىمە ئاساسىي بىلىملىرى « ناملىق بىر كىتاب يېزىپ نەشصر قىلدۇرۇشتىن تاشقىرى، خەنزۇ تىلىدىمۇ ، ( قىسقىچە قازاق تىلى گرامماتىكىسى ) ناملىق بىر كىتاب يېزىپ نەشر قىلدۇردى. ئۇ تاتار شائىرى  نى تاتار تىلى، ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشرگە تەييارلىدى، شۇنداقلا  نىڭ دەسلەپكى لايىھىسىنى تۈزدى.

غىلاجىدىن ئوسمان ئىلمىي تەتقىقات ئىشى بىلەن قەغەز يۈزىدىلا شۇغۇللىنىپ قالماستىن، ئۆزىنىڭ ھاسىل قىلغان ئىلمىي نەتىجىلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكلىپى بويىچە سۆزلەپ بېرىپ تۇردى. مەسىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرجىمە باشقارمىلىرىدا تەرجىمە پرىنسىپلىرى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى، شۇنداقلا يەنە شىنجاڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشرىياتىدا، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىدا تەھرىرلىك ۋە تەرجىمە خىزمىتى ھەققىدە دەرسلەر ئۆتتى. ئۇ 1994 - يىلى يەنە ئۆزىنىڭ تىل ۋە تەرجىمە تەتقىقاتى جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان  غا كىرگۈزۈلدى. ئۇ ھازىرمۇ ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار باشقۇرۇپ ئاچقان تەرجىمە كۇرسلىرىدا داۋاملىق ئۇيغۇر - خەنزۇ تىللىرىدا تەرجىمە نەزەرىيىسى دەرسىنى سۆزلەپ كەلمەكتە.




#Article 299: قارشىلىق (672 words)


قارشىلىق : جىسىم ئىچىدىكى ئىلىكتىرونلار تەرتىپلىك ئاققان چاغدا ، ئاتوم يادىروسىنىڭ ئىلىكتىروننى تارتىش كۈچىنى يىڭىشقا توغرا كىلدۇ .

شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە مولىكۇلىلارغا ، ئاتۇملارغا ئۈزلىكسىز سوقۇلىشىدىن ھاسىل بولغان توسقۇنلۇقنىمۇ يېڭىشقا توغرا كىلىدۇ .
ئىلىكتىرونلار جىسىمنىڭ ئىچىدە تەرتىپلىك ئاققاندا ئۇچرىغان قارشىلىق كۈچى ئىلىكتىر قارشىلىقى دەپ ئاتىلىدۇ .
ئۇ R ھەرىپى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . ئىلكتىر قارشىلىقىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى «ئىلىكتىر قارشىلىق قىممىتى » ياكى قارشىلىق قىممىتى دەپ ئاتىلىدۇ .

ئۇنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى ئوم

قارشىلىق ۋە ئۇنىڭ تۇرلىرى 

قارشىلىق (电阻，Resistor ) ئادەتتە توك يولىدا كۆپ قوللىنىدىغان دېتال بولۇپ ، ئسمىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتىكى (as it’s name ,so is it )   ئۇ توك ئوتۇشىگە قارشىلىق قىلىدىغان بىرخىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە . يەنى توك بولسا زەرەتلەرنىڭ يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشى ، قارشىلىق بولسا مۇشۇ زەرەتلەرنىڭ يۆتكىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان فىزىكىلىق مىقدار .

ئادەتتە ،توك يولىدىكى قارشىلىق ئومومى سايمانلار (توك يولىغا بېكىتىلگەن ئومومىي ماتىرياللار ) سانىنىڭ   %30  نى ئىگەللەيدۇ . قارشىلىق توك يولىدا توك بىسىمى ۋە توك كۇچى (توك ئىقىمى ) نى چەكلىش ، يەنى بىسىم تۆۋەنلىتىش ، توك كۇچىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ . قارشىلىقنىڭ بىرلىكى ئوم Ω    (欧姆)، توك يولىدا R  ( Resistor   ) بەلگىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ .
ئادەتتە بىر مىگا ئوم= بىر مىڭ كىلو ئوم = بىر مىليۇن ئوم بويىچە ھىسابلىنىدۇ . 

قارشىلىقنىڭ توك يولدىكى بەلگىسى 

ئادەتتە ئشلەتكەن ماتىريالىغا ئاساسەن ، ئورام قارشىلىق (سىمنى زىچ ئوراش ئارقىلىق ياسىلىدۇ ) ۋە پەردىلەنگەن قارشىلىق (膜式电阻، film resistor) (يەنى ئوخشىمىغان فىزىلىك خۇسۇسىيەتتىكى ماددىلارنى ئارلاشتۇرۇپ ياساپ چىقىلىدۇ ، ).

ئشلىتىش ئورنىغا ئاساسەن ، نازۇك قارشىلىق (ئشلەپچىقىرىش ھۇنەر سەنئىتى ناھايتى سىپتا ، نازۇكلۇق بىلەن ئشلەنگەن قارشىلىقلار )، يۇقرى چاستۇتىلىق قارشىلىق (يەنى يۇقرى چاستۇتىلىق توك ئۆتۇشىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قارشىلىق ) ، يۇقرى بىسىملىق قارشىلىق (يەنى يۇقرى بىسىملىق  توك ئۆتۇشىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قارشىلىق )، چوڭ قۇۋەتلىك قارشىلىق (مەسىلەن 5W  لىق لامپا ،پوزا ) ،كىچىك قۇۋەتلىك قارشىلىق ، ئسسىقلىققا سەزگۇر قارشىلىق ( يەنى تىمپىراتۇرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ، قارشىلىق قىممىتى ئۆزگىرىپ بارىدىغان قارشىلىق ) ، ئھتىيات قارشىلىق (يەنى ئھتىيات سىمى ئورنىدا ئشلەتكىلى بولىدىغان قارشىلىق ) ، بىسىمغا سەزگۇر قارشىلىق ، يورۇقلۇققا سەزگۇر قارشىلىق ۋە گازغا سەزگۇر قارشىلىق دېگەندەك تۇرلەرگە بۆلىنىدۇ .

 
كاربون پەردىلىك  (كاربون )قارشىلىق 碳膜电阻  Carbon film resistor  . 
كاربون پەردىلىك قارشىلىق بۇرۇن ئشلىتىلگەن ھەم ئشلىتىش دائىرسى بىر ئاز كەڭرەك بولغان قارشىلىق بولۇپ ، ئادەتتە كاربوننى فار فۇر ئۇستىگە يالىتىش ياكى قوندۇرۇش يولى بىلەن ياسىلىدۇ ،يالىتىلغان كاربون قەۋىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە قىلىنلىقىغا ئاساسەن قارشىلىق قىممىتى بېكىتىلىدۇ . بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ، تۇغىرلىقى يۇقرى （准确度高）، يۇقرى چاستۇتا耐高频 ）（، يۇقرى تىمپىراتۇرغا چىداملىقلىقى ياخشى ، ئادەتتە ئۆلچەش ئەسۋابلىرى ۋە قىممەت باھالىق ئۇسكىنىلەرگە ئشلىتىلىدۇ .

مىتال ئوكسىدلىق پەردىلەنگەن قارشىلىق 金属氧化膜电阻  Metal Oxide Film Resistor
بۇخىل قارشىلىق ئادەتتە مىتال ئوكسىد پەردىنى  فار فۇر ئۇستىگە يالىتىش ياكى قوندۇرۇش يولى بىلەن ياسىلىدۇ，ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولسا ، توغىرلىقى يۇقرى ، مۇقملىقى ياخشى . تاشقى كۆرۇنىشى كاربون پەردىلىك قارشىلىقتىن كۆپ پەرىق قىلمايدۇ .

ئورام قارشىلىق  绕线电阻 Winding resistor  
(سىمنى زىچ ئوراش ئارقىلىق ياسىلىدۇ )   

توپلاشتۇرۇلغان قارشىلىق 集成电阻       Integrated resistor
توپلاشتۇرۇلغان توك يولىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مەيدانغا كەلگەن مەھسۇلات بولۇپ ، ئشلىتىش قولاي ، ھەرخىل قارشىلىق قىممىتى بىلەن تەمىن ئېتەلەيدۇ .

پۇتسىز (چاپلايدىغان ) قارشىلىق  无引线电阻 
بۇمۇ بىر خىل يىڭىدىن بارلىققا كەلگەن مەھسۇلات بولۇپ ، بىۋاستە توك تاختىسىغا داغماللاپ قويۇلىدۇ ، ھەجىمى كېچىك بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئالاھىدىلىكى .

 
تەڭشىلىدىغان قارشىلىق ياكى ئۆزگىرىشچان قارشىلىق ۋە ياكى پوتنىسئومىتىر 可调电阻 ， 电位器 ，Potentiometer ，VR，Variable Resistor
بۇنى سۆزلىمىسەممۇ بولا ، ئسمىدىنلا چىقىپ تۇرمامۇ ئەينا  lol lol lol  

ئسسىقلىققا سەزگۇر قارشىلىق : 热敏电阻
يەنى تىمپىراتۇرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ، قارشىلىق قىممىتى ئۆزگىرىپ بارىدىغان قارشىلىق 

بىسىمغا سەزگۇر قارشىلىق : يەنى بىسىم كۇچنىڭ  ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ، قارشىلىق قىممىتى ئۆزگىرىپ بارىدىغان قارشىلىق ، بەزى سېزمچان ئكران ئشلىتىلگەن يانفۇنلارنىڭ بەزىسى ئكرانغا بىسىمغا سەزگۇر قارشىلىق تخىنىكىسى قوللىنىلغان .

قارشىلىقتىكى ئككى مۇھىم نوقتا
 

بىۋاستە قارشىلىق ئۇستىگە يىزىلىپ قويۇلىدۇ ، ئاساسلىقى كونىراق توك سايمانلىرىدا كۆپرەك كۆرۇلىدۇ ، 30-40 يىلنىڭ ئالدىدىكى جىڭ سايمانلاردا بولىدۇ . بىۋاستە ئوقۇشقا بولىدۇ .

رەڭ بەلباغلىرى بىلەن ئپادىلىنىدۇ ، تۆۋەندىكى جەدىۋەل بويىچە ھىسابلىنىدۇ . يەنى 4خىل رەڭلىك قارشىلىقلاردا ئوڭدىن باشلاپ  بىرىنچى ۋە ئككىنچى رەڭگە ماس كېلىدىغان سان قوشۇپ يىزىلىپ ، ئۇچىنچى خانىسىدىكى سان ئوننىڭ دەرىجىلىك  سانى بويىچە كۆپەيتىپ ھىسابلىنىدۇ ، ئاخىرقى خانىسى خاتالىق پەرقى بولىدۇ .
مەسىلەن : مەلۇم قارشىلىقىنىڭ رەڭگى قىزل،  يىشىل ، سىرىق ،ئالتۇن بولسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قارشىلىق قىممىتى %5± 104x25 يەنى ئككىيۇز ئەللىك مىڭ ئوم قوشۇلغان ياكى ئېلىنغان  خاتالىق پەرقى  بولىدۇ 

%2± 108x960 بولىدۇ.

 




#Article 300: تۇراقلىق توك (147 words)


تۇراقلىق توك :

ئېلېكتىر توكى (ياكى ئېلېكتىر بېسىمىنىڭ ) يۆنىلىشى ئۆزگەرمىسە تۇراقلىق توك دىيىلىدۇ . ئۇ « _ » بەلگىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ .
تۇراقلىق توك ئۆتىدىغان توك يولى «تۇراقلىق توك يولى » دىيىلىدۇ . تۇراقلىق توك ئېلېكتىر بىسىمىنى تەمىنلەيدىغان توك مەنبەسى 

توك باشتىن - ئاخىر توك مەنبەسىنىڭ مۇسبەت قۇتبىدىن مەنپىي قۇتۇپىغا قاراپ ئاقىدۇ . تۇراقلىق توك يەنە « مۇقىم تۇراقلىق توك »
ۋە « ئۇرغۇلۇق تۇراقلىق توك » دەپ بۆلۈنىدۇ .

(1) مۇقىم تۇراقلىق توك : - يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدىغان ، چوڭ - كىچىكلىكى نىسپىي مۇقىم بولغان تۇراقلىق توك «مۇقىم تۇراقلىق توك » دىيىلىدۇ .

مەسىلەن : قول چىرىغىنىڭ كىچىك لامپۇچكىسىدىن ئۆتىدىغان ئېلېكتىر توكى (ياكى ئېلېكتىر بېسىمى ) نىڭ يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيلا قالماستىن ،
چوڭ - كىچىكلىكىمۇ نىسپىي مۇقىم بولغان سانلىق قىممەتكە ساقلىنىدۇ . شۇڭا بۇخىل توك مۇقىم تۇراقلىق توكقا مەنسۇپ .

(2) ئۇرغۇلۇق تۇراقلىق توك : - يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدىغان ، لېكىن چوڭ - كىچىكلىكى ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغان توك 




#Article 301: قارشىلىق تەڭلەشتۈرۈش (166 words)


قارشىلىق تەڭلەشتۈرۈش

قارشىلىق تەڭلەشتۈرۈش يۈك قارشىلىقنىڭ ئۈسكۈنىدىن ئەڭ چوڭ قۇۋۋەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرنى كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن يۈكنىڭ قارشىلىقى ۋە ئېلېكتىر مەنبەسىنىڭ ئىچكى قارشىلىقى ئوخشاشلا ساپ قارشىلىق بولغان ئەھۋالنى مىسالغا ئالساق ، بۇ خىل ئەھۋالدا يۈكنىڭ قارشىلىقى ئېلېكتىر مەنبەسىنىڭ ئىچكى قارشىلىقىدىن چوڭ ياكى كىچىك بولسا ئوخشاشلا ئىرىشكەن قۇۋۋەت بىرقەدەر كىچىك بولىدۇ ، پەقەت يۈكنىڭ قارشىلىقى ئىلىكىتىر مەنبەسىنىڭ ئىچكى قارشىلىقى بىلەن تەڭ بولغاندىلا ، يۈك ئەڭ چوڭ قۇۋۋەتكە ئېرىشەلەيدۇ . بۇ خىل يۈك قارشىلىقى بىلەن ئېلېكتىر مەنبەسىنىڭ ئىچكى قارشىلىقى تەڭلەشتۈرۈپ ئەڭ چوڭ قۇۋۋەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىر « قارشىلىق تەڭلەشتۈرۈش » دىيىلىدۇ . 

ئەگەر يۈكنىڭ قارشىلىقى بىلەن ئېلېكتىر مەنبەسىنىڭ ئىچكى قارشىلىقى «ساپ قارشىلىق » بولمىسا ، بۇ ۋاقىتتىكى تەڭلەشتۈرۈش بىرقەدەر مۇرەككەپ ، بۇ ۋاقىتتا قارشىلىق قىسمىنىڭ تەڭ بولىشى تەلەپ قىلىنىپلا قالماستىن ، بەلكى ئېلېكتىر توسقۇنلۇق قىسمىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنىڭ تەڭ بولىشى ، ئالامىتىنىڭ قارمۇ قارشى بولىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك . ئېلېكتىر توسقۇنلۇقى -- سىغىم توسقۇنلۇق ۋە ئىندۇكتىۋ توسقۇنلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

سىگنال ئۇزاتقاندا ، يۈكنىڭ قارشىلىق توسقۇنلۇقنى ئۇزىتىش سىمىنىڭ قارشىلىقىغا تەڭ قىلىش ئەھۋالىمۇ «قارشىلىق تەڭلەشتۈرۈش » دىيىلىدۇ . 




#Article 302: ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﻗﺎﻧﻠﯩﺮﻯ (681 words)


قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ خاقانلىرى 

قاراخانىيلار خانلىقى ---- ئۇرخۇن دەريا ۋادىسىدىن غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇر ياغما قەبىلىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان مەشھۇر خانلىق بولۇپ ، 9 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە جەمئىي ئۈچ ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ۆكۈم سۈرگەن .قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان الدا شەرقتە ئاقسۇدىن غەربتە ئامۇ دەرياسى ۋە سىر دەرياسى ۋادىلىرىغىچە ، شىمالىي ئالتاي تاغلىرىدىن جەنۇبتا قاراقۇرۇم تاغلىرىغىچە بولغان كەڭ رايونلارنى باشقۇرغان . بۇ خانلىق دەۋردە ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر پەيدىنپەي ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ، ئىسلان مەدەنىيىتى دائىرىسىگە كىرگەن . بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە  ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى  نىڭ تەرەققىيات دەۋرى باشلىنىپ ، تارىختىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى مەزمۇن ۋە شەكىل جەەتلەردىن زور دەرىجىدە تولۇقلىنىپ بارغان . شۇڭا ، قاراخانىيلار دەۋرى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخىدا ناايىتى مۇىم ئورۇن تۇرىدۇ . نۆۋەتتە ، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئىقتىساد نۇقتىلىق الدا تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ . لېكىن ، خانلىقنىڭ جەمئىيەت ئەۋالى ، سىياسىي تۈزۈمى ۋە اكىمىيەت تەشكىلىي توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار ئانچە چوڭقۇر ئەمەس . قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ جەمئىيىتى ەمدە ئومۇمىي تارىخىنى بىر قەدەر تەپسىلىي شەرلەپ بېرىش ئۈچۈن ، خاقانلار نەسەبنامىسى ئۈستىدە مەخسۇس توختىلىش ئىنتايىن مۇىم ئەمىيەتكە ئىگە .

بېلىگە كۆل قادىرخان ياغما قەبىلىسىنىڭ باشلىقى . بۇ قەبىلە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ناايىتى زور رول ئوينىغان .

بازىر ئارسلانخان قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئىككىنچى خاقانى . ئۇ بەزى مەنبەلەردە بارلىقخان . قاراخان دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان . بېلگە كۆل قادىرخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئۇ بالاساغۇن شەىرىدە ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

ئوغۇلچاق بۇغراخان ئاكىسى بازىر ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، قەشقەر شەىرىدە خاقانلىق تەختىگە چىققان .

ساتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار خاقانلىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان كىشى . 933 - يىلىدىن 955 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

مۇسا تېكىن بەزى تارىخىي مەنبەلەردە مۇسا تۇڭا ئېلىگ ، بايتاش تېكىن ، مۇسا ئىبنى ئالدۇلكەرىم ، مۇسا بۇغرا قاراخان دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان .956 - يىلىدىن 992 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . 

ارۇن بۇغراخان مۇا تېكىننىڭ ئىنىسى سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئوغلى . 993 - يىلىدىن 998 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

تۇغانخان مۇسا تېكىننىڭ نەۋرىسى . ئۇ تارىخىي مەنبەلەردە تۇغانخان ئەۋۋەل دېگەن نام بىلەن ئاتالغان بولۇپ ، مىلادى 999 - يىلى ارۇن بۇغراىاننىڭ خاقانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

مەنسۇر ئارسلانخان تۇغانخاننىڭ ئىنىسى . ئۇ تۇغانخاندىن كېيىن قاراخانىيلار تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . 1019 - يىلىدىن 1024 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

يۈسۈپ قادىرخان قاراخانىيلار خاقانلىرى ئىچىدىكى باتۇر ەم ئىستىداتلىق كىشى بولۇپ ، تارىختا مەلىكۈل مەشرىق (شەرق پادىشاى) دېگەن نام بىلەن تونۇلغان . 1025 - يىلىدىن 1032 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

سۇلايمان ئارسلانخان يۈسۈپ قادىرخاننىڭ چوڭ ئوغلى . يۈسۈپ قادىرخان ئۆلگەندىن كېيىن ئۇ ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . 1033 - يىلىدىن 1056 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

مۇەممەت بىننى يۈسۈپ ئاكىسى سۇلايمان ئارسلانخاندىن كېيىن قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ خاقانلىق تەختىگە چىققان . 1056 - يىلىدىن 1058 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

ئىبراىم بىننى مۇەممەت مۇەممەت بىننى يۈسۈپنىڭ يەنە بىر ئوغلى . 1058 - يىلىدىن 1059 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . 

مەمۇد بىننى يۈسۈپ (توغرال تېكىن) ئىبراىم بىننى مۇەممەدنىڭ تاغىسى بولۇپ ، مىلادىيە 1059 - يىلى قاراخانىيلارنىڭ خاقانلىق تەختىگە چىققان .

ئۆمەر بىننى مۇەممەد مەمۇد بىننى يۈسۈپنىڭ ئوغلى . ئۇ ئاتىسىدىن كېيىن شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ خاقانلىق تەختىگە چىققان . تەختتە ئاران ئىككى ئايلا ئولتۇرغان بولۇپ ، ەسەن بىننى سۇلايمان تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان . 

ەسەن بىننى سۇلايمان مەمۇد بىننى يۈسۈپنىڭ جىيەنى بولۇپ ، 1075 - يىلىدىن 1102 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

ئەمەد بىننى ەسەن بىننى سۇلايماننىڭ ئوغلى . ئۇ ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن قاراخانىيلار تەختىگە چىققان . 1103- - يىلىدىن 1128 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

ئىبراىم بىننى ئەمەد ئەمەد بىننى ەسەننىڭ ئوغلى . ئۇ ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن قاراخانىيلارنىڭ خاقانلىق تەختىگە چىققان . 1129 - يىلىدىن 1158 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

مۇەممەد بىننى ئىبراىم بىننى ئەمەدنىڭ ئوغلى . ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن 1159 - يىلى شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ خاقانلىق تەختىگە چىققان .

مۇەممەد بىننى يۈسۈپ مۇەممەد بىننى ئىبراىمنىڭ نەۋرىسى . 1204 - يىلىدىن 1211 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

مۇەممەد شەرقىي قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خاقانى . ئۇ 1211 - يىلى خاقانلىق تەختىگە چىققان . 

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ جەمىئىي 20 خاقان تەختتە ئولتۇرغان بولۇپ ، ئۇلار ۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە خانلىقتا چوڭ - كىچىك نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەر يۈز بەرگەن . بۇ خاقانلارنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇش قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ بىر پۈتۈن تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇئەييەن ئەمىيەتكە ئىگە .




#Article 303: ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ (456 words)


ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻮﻏﺪﯨﻴﺎﻧﻼﺭ ۋەيا سوغداقلار - ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﻰ. ﺑﯘ ﺧﻪﻟﻖ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﻰ 4- 5- ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﯩﻼﺩﻯ 10- ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﯩﭽﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﻰ 2- ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﯞﺍﺳﺘﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ. ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﮔﺮﯦﻚ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﻣﺎﯞەﺭﺍﺋﯘﻧﻨﻪﮬﺮﯨﺪە ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ. ﺋﻪﺭﻩﭖ ﯞﻩ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﺸﯩﭽﻪ، ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﺯﻩﺭﻩﭘﺸﺎﻥ ﯞﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﯞﺍﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ. ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ (9- ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ) ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﺑﺎﻻ ﺳﺎﻏﯘﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﻛﻮﭼﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻻﺭ ﺗﯘﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﭖ -ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﻠﺪﺍ (ﺳﻮﻏﺪﯨﭽﻪ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻛﭽﻪ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﺍ) ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺳﻮﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮﻏﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ.

ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻗﺎﭘﻘﺎ (ﺑﻮﺯﻏﺎﻝ ﺋﻮﺗﻜﯩﻠﻰ) ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺋﻮﺗﻜﻪﻟﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﺍ ﺗﯘﺧﺎﺭﻻﺭ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ. ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﻩ ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ، ﺋﺎﻣﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﯞﻩﻧﻜﻰ ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﺭﻩﺯﯨﻤﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺧﻮﺷﻨﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻻﺭﻣﯘ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺧﻪﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ. ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﭼﯩﮕﺮﯨﺴﻰ ﺳﯩﺮ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﻗﺎﻧﻘﯩﻠﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ(ﺑﯘﻻﺭ ﺗﯘﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺳﻮﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻮﭼﻤﻪﻥ ﺧﻪﻟﻖ) ﺧﻮﺷﻨﺎ ﺋﯩﺪﻯ، ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﯩﮕﻪ ﭼﯩﮕﺮﯨﺪﺍﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﺎﻛﺎﻧﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ، ﺧﯘﺩﺩﻯ  ﯞﻩ ﺩﻩ ﺯﯨﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺑﺎﺷﺒﺎﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭﻧﯩﯔ 5 ﻛﻪﻧﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ، ﺗﯩﻴﺎﻧﺸﺎﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻮﺗﻜﻪﻟﻠﯩﺮﻯ، ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ، ﺧﯧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﻜﻰ(ﻛﺎﺭﯨﺪﻭﺭﻯ) ﯞﻩ ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﭼﺎﯕﺌﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺳﻮﻏﺪﻯ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻧﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﻏﺪﻯ ﻛﻪﻧﺘﻰ ﺑﻪﻙ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻣﯩﻼﺩﻯ 7- 8- ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﻮﻏﺪﻯ ﻛﻪﻧﺘﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻣﯩﻴﻪ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ. ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﭘﺎﺭﺱ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻰ ﺩﺍﺭﺍ (ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﻰ 496- 52- ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﺋﻮﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺗﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﻮﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﺎﺭﻩﺯﯨﻤﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺳﺎﻧﺎﭖ ﺋﻮﺗﯩﺪﯗ. ﺩﺍﺭﺍﻧﯩﯔ ﭘﯧﺮﺳﯩﭙﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﯞﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﺳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﻳﻤﺎ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺧﺎﺭﻩﺯﯨﻤﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ. ﻛﯩﺴﯩﺮﻛﯩﺴﻨﯩﯔ ﮔﺮﯦﺘﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﻳﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻤﯘ ﺧﺎﺭﻩﺯﯨﻢ ﯞﻩ ﺳﻮﻏﺪﻯ ﺋﻪﺗﺮﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺯﯗﻟﻘﻪﺭﻧﻪﻳﻦ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ﻳﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ( ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﻰ 327- 330- ﻳﯩﻠﻼﺭ)، ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﺩﺍﺭﺍﺩﯨﻦ ﻳۈﺯ ﺋﻮﺭﯗﭖ، ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﻮﺗﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﻰ 4- ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﻰ 2- ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﯩﭽﻪ ﮔﺮﯦﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ (ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﮔﺮﯦﻚ- ﺑﺎﻛﺘﯩﺮﯨﻴﻪ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ) ﮬۆﻛﯘﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﻰ 2- ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ، ﮬﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯘﭼﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﮬﻮﻧﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﻗﺎﯕﻘﯩﻠﯩﻼﺭ ﻗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﻮﺗﺘﻰ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﮔﺮﯦﻚ ﺑﺎﻛﺘﯩﺮﯨﻴﻪ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﻮﺷﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﺎﯞﭼﯩﻼﺭ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺗﯘﺭﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﯧﺮﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﺷﺎﻛﯩﺪﯨﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ (ﺑﯘ ﺳﯘﻻﻟﻪ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﺎﻣﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ «ﺋﻪﻧﺸﻰ 安息 ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ» ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ «ﺋﻪﻧﺸﻰ» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﻮﺯ ﺑﯘ ﺳﯘﻻﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺴﻤﻰ «ﺋﻪﻧﺴﺎﻙ» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﻮﺯﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ)ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺧﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺭﺷﺎﻛﯩﺪﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻰ ﻣﯧﺘﺮﯨﺪﺍﺕ 2- (ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﻰ 87- 124- ﻳﯩﻠﻼﺭ)ﻏﻪﺭﯨﺒﺘﻪ ﺭﯨﻢ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ، ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﭗ، ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ ﺋﯩﺪﻯ. ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺧﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻮﺗﻜﻪﻟﺪﻩ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺷﯘﯕﺎ ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺑﯘ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.




#Article 304: ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ (1723 words)


ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ _ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ 

ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1900 - ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28 - ﻛﯜﻧﻰ ﭘﻪﯞﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ، ﻗﯘﻡ ، ﺗﻮﭘﺎ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﻛﯚﻣﯜﻟﯜﭖ ، ﻏﺎﻳﯩﺐ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ 1500 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﻰ ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻮﻥ ، ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻴﯩﭽﻰ ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ ( 1865 - 1952 )ﻧﻰ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ ، ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺷﺎﻥ - ﺷﯚﮬﺮﻩﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﯩﮕﻪ ﺷﻪﺭﺕ - ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺩﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺩﻩﻝ ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﻩ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﺗﯜﺳﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺷﻪﺧﺲ ، ﻟﻮﭖ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ . 
ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ 1860 - ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯚﻧﭽﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺳﺎﮬﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﺭﺍ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﻝ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﻝ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﻛﯚﻧﭽﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺳﺎﮬﯩﻠﯩﺪﺍ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﻟﻮﭘﻠﯘﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﯘﯕﺎ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﻝ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﺩﻩﺭﻳﺎ - ﻛﯚﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﯜﺯﯛﭖ ، ﻛﯚﻛﺘﻪ ﭘﻪﺭﯞﺍﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﺎﮬﺎﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﯓ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﻪ ﻗﯘﺷﻰ ﺋﯚﺭﺩﻩﻛﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﺪﻯ . 

ﺋﯚﺭﺩﻩﻛﻨﯩﯔ ﺑﻮﯞﯨﺴﻰ ﺋﻮﻣﺎﻕ ﺋﯚﺗﻪﯓ _ ﻗﯘﺭﯗﻗﺘﺎﻍ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻳﺎﻳﻼﻕ ( ﻳﻪﻧﻰ ﺷﯩﻨﺪﻯ _ ﻳﯧﯖﯩﻴﻪﺭ )ﺗﯩﻦ ﻛﻮﻧﺎ ﭼﺎﺭﺍﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﺘﺎ ﺋﻮﯞﭼﻰ ، ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺋﯩﺰﭼﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﯜﻙ ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﯞﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ . ﺋﯘ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﯞﻩ ﻛﯚﻧﭽﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺋﯧﻘﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﺎﻳﺎﻕ ﺑﺎﺳﺘﻰ . ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ، ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺗﻮﻏﺮﺍﻕ ﻳﺎﻏﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻤﻪ - ﻗﯧﻴﯩﻖ ، ﭼﺎﺭﺍ ( ﺗﻪﯕﻠﻪ ) ، ﺋﯧﮕﻪﺭ ﭼﯧﭙﯩﺸﻨﻰ ﭼﯚﭼﻪﻙ ( ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺗﺎﯞﺍﻕ ) ، ﮬﺎﯞﺍﻧﭽﺎ ﺋﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ، ﻗﻮﺷﯘﻕ ، ﭼﯚﻣﯜﭺ ﻳﺎﺳﺎﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﺍﻟﺪﻯ . ﺋﯘ ﻟﻮﭖ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍﻕ ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺶ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺭﻗﯘﻣﺴﯩﺰ ، ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ ﯞﻩ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﻰ . ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ، ﺋﻮﻳﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻖ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺧﯘﻱ - ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ، ﻗﻮﻟﯘﻡ - ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯚﭘﻨﯩﯔ ﺩﯗﺋﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﭼﻜﻪ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ  ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﻰ . ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﻚ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﻟﻮﭖ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﺯﯗﻟﯘﻕ ﻳﯘﺭﺕ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . 

ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﺵ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ، ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎﺯﺍ ﺭﻭﻧﺎﻕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ، ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﻪﻟﺌﻪ - ﻗﻮﺭﻏﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ، ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻗﻪﺳﯩﺮ - ﺳﺎﺭﺍﻳﻠﯩﺮﻯ ، ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﯞﯗﻥ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﺯ ﭼﺎﻗﻨﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ - ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺩﯗﺭﺩﺍﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﺮﺍﻕ - ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ، ﺷﻪﺭﻕ ﯞﻩ ﻏﻪﺭﺑﻨﯩﯔ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﮬﻪﻡ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ، ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﻪﻟﮕﻪ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﯖﻪﻳﻤﯩﭽﻰ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﯚﻟﮕﯩﻴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻗﻘﯘﺯﯗﭖ ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﺰﺍﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻟﺠﺎ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﯩﺮﺍﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﯨﻦ 2 - ﺋﯩﺮﺍﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻼﭖ ﺧﺎﺭﺍﺑﻠﯩﺸﯩﺶ ، ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﯩﺶ ، ﻗﯧﺰﯨﺶ ، ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﻪﻙ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ 19 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ  ﯞﻩ ﻗﯧﺪﯨﺮﯨﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻴﯩﭽﻰ ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ 1899 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻟﻮﭖ ﻛﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﻢ ، ﻛﯚﻧﭽﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻕ ﺋﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯧﺪﯨﺮﯨﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ، ﻟﻮﭖ ﺋﯧﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ، ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﻣﻮﻝ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ، ﺯﯦﺮﻩﻙ ، ﻗﻮﺭﻗﯘﻣﺴﯩﺰ ، ﺟﺎﭘﺎﻏﺎ ﭼﯩﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻣﻪﺭﺩ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﺎﻟﻼﻳﺪﯗ . 1900 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﺯﺳﯩﺰ ﻛﯚﻝ _ ﻗﺎﺭﺍﻗﻮﺷﯘﻥ ﻛﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﻟﻮﭖ ﻛﯚﻟﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﺗﺮﻩﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 27 - ﻛﯜﻧﻰ ( ﺳﻪﻳﺸﻪﻧﺒﻪ ) ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﺭﺍﻗﻮﺷﯘﻥ ﻛﯚﻟﯩﮕﻪ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 3 - 4 ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﻳﻮﻝ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻟﻐﯘﻧﻠﯘﻗﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، ﻗﯘﺩﯗﻕ ﻗﯧﺰﯨﭗ ﺳﯘ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﻗﯧﺰﯨﺶ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ _ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﮔﯜﺭﺟﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﻮﻧﺎﻟﻐﯘﺩﺍ ( ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺪﻩ ) ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯘ ﮔﯜﺭﺟﻪﻙ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ، ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ  ﺋﯚﺭﺩﻩﻛﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯜﺭﺟﻪﻛﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺪﯗ . ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯜﻥ ﻛﻪﭼﻜﻪ ﻗﯩﻴﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻏﯘﺭ - ﻏﯘﺭ ﭼﯚﻝ ﺷﺎﻣﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﻗﯘﻡ - ﺷﻮﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﯗﭖ ، ﻣﯧﯖﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻴﯩﻨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ . ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﻪﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯘﻡ ، ﺑﻮﺭﺍﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﯚﺯ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ، ﺑﻮﺭﺍﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﯩﻴﭙﺎﺵ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﻳﺪﯗ . ﭼﯚﻝ ﺷﺎﻣﯩﻠﻰ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﻮﺭﺍﻧﻐﺎ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﻗﯘﻡ - ﺗﻮﭘﺎ ﻗﺎﭘﻼﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﭼﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺭﺩﺍﯕﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ - ﺩﻩ ، ﻳﺎﺭﺩﺍﯕﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﻮﺭﺍﻧﺪﯨﻦ ﺩﺍﻟﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ . ﺗﺎﯕﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﺭﺍﻥ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﺋﻪﺗﺮﺍﭖ ﻳﻮﺭﯗﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﺳﯩﻨﭽﯩﻼﭖ ﻗﺎﺭﺍﯞﯦﺘﯩﭗ ، ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﻮﯞﯨﺴﻰ ﺋﻮﻣﺎﻕ ﺋﯚﺗﻪﯓ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﻪﻙ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯘ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻧﻪﭘﯩﺲ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺑﯧﺰﻩﻛﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﭘﯜﻛﯜﯞﯦﻠﯩﭗ ﮔﯜﺭﺟﻪﻛﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﻜﻪ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ . ﺋﯘ ﮔﯜﺭﺟﻪﻛﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻳﯧﯖﻰ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﻡ ﺑﺎﺭﺧﺎﻧﻰ ، ﮬﻪﺭ ﺗﯜﭖ ﻳﯘﻟﻐﯘﻥ ، ﺗﻮﻏﺮﺍﻕ ﯞﻩ ﭼﻮﻗﭽﯩﻴﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺩﻭﻗﺎﻝ - ﺗﯚﻣﺒﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻪﻟﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ . ﺋﯚﺭﺩﻩﻛﺘﯩﻦ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﭘﺴﯩﻼﺗﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﭼﺎﭼﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﯞﺳﯩﺰ ﺋﯩﺸﻘﯩﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، ﭼﺎﻻ - ﺑﯘﻻ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﯩﻠﺪﺍ :  ﺩﻩﭖ ﺗﻮﯞﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﮬﺎﻳﺎﻟﺴﯩﺰ ﺋﻪﺗﺮﻩﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ . ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻧﯧﺮﯨﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ، ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ . ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﯩﭽﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﻛﻮﻻﭖ ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﺋﯘﻧﻰ - ﺑﯘﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ، ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﺯﺩﯗﺭﯨﺪﯗ ، ﻳﯩﻐﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . ﺋﯚﺯﻯ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ ، ﺳﯩﺰﯨﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﺯﺩﯗﺭﻏﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﯞﺍﻳﻼﭖ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﻗﺎﭼﯩﻠﯩﺘﯩﺪﯗ . 

ﺑﯘ ﺩﻩﻝ 1900 - ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28 - ﻛﯜﻧﻰ ( ﭼﺎﺭﺷﻪﻧﺒﻪ ) ﺋﯩﺪﻯ . ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﺮﺍﮬﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺭﺩﺍﯕﻠﯩﻘﺘﺎ ﻛﯧﺴﻪﻛﺘﻪ ﻗﻮﭘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﮔﻤﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﻛﻮﻻﻳﺪﯗ . ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﯧﻘﯩﺸﻘﺎ ﭘﯧﺘﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ . ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ، ﺋﯚﻱ ﺋﯩﭽﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭼﻮﯓ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯩﻜﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻟﮕﯜﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻏﯘﻻﭺ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﯘﭖ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﺴﯩﻤﺎﻥ ﺟﺎﮬﺎﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ . ﺋﯘﻧﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﺗﻜﯜﺯﯨﯟﯦﺘﯩﭗ ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ . ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ . . . ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ ﺳﯘ ، ﺋﻮﺯﯗﻕ ، ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻛﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﭘﯜﻛﯜﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ ﺧﺎﺭﺍﺑﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﯧﺪﯨﺮﯨﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻏﺎﻳﯩﺐ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻣﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺗﺎﯓ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﺍ ﺑﯘ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﻣﯜﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻱ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﺴﯩﻤﺎﻥ ﺟﺎﮬﺎﺯﯨﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺭﺩﻩﻛﻜﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﮬﻪﻕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺑﯘ ﺩﻩﻝ ﺋﯚﺭﺩﻩﻛﻨﯩﯔ 38 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻘﺎﻥ ، ﺗﺎﺯﺍ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻪﺭﺩﻩﻡ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ . ﺩﯦﻤﻪﻙ ، ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ 38 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﭘﻪﯞﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻳﻘﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻼ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 5 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ 15 ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯩﺰ - ﺩﯦﺮﻩﻛﺴﯩﺰ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯚﺷﯜﻛﻰ ، ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ _ ﻛﺮﻭﺭﺍﻧﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ، ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻨﮕﯩﻤﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﺳﺎﮬﻪﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺷﯚﮬﺮﻩﺕ ﺗﺎﺟﻰ ﻛﯩﻴﺪﯛﺭﮔﻪﻥ . ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ 2 - ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ 8 ﺗﻮﻣﻠﯘﻕ  ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺩﻭﻛﻼﺗﻰ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ، 1904 - ، 1907 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻟﻮﭖ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺪﻩ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﻳﻮﻟﺒﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻭﺳﺖ ، ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﺭﺩﻩﻛﻨﯩﯔ ﺑﺎﻻ - ﭼﺎﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯ ﻓﻮﻧﺪﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﭘﯘﻝ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . 

ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ 1901 - ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 29 - ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻼﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺯﻯ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ 1910 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﻡ ﺑﺎﺭﺧﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﺪﯗ . ﺑﯘ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ  ،  ،  ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ . 1927 - 1935 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮ - ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﺗﺎﺭﯨﻢ ﯞﻩ ﻛﯚﻧﭽﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 1921 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻗﯘﻡ ﺩﻩﺭﻳﺎ ( ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﻛﯚﻧﭽﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯧﻘﯩﻨﻰ ) ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﻟﻮﭖ ﻛﯚﻟﯩﮕﻪ ﻗﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﻛﯧﻤﻪ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﻰ ﺳﯘ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻟﻮﭖ ﻛﯚﻟﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . 1934 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ، ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﭼﺎﺭﺍﺩﯨﻜﻰ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﺩﻩﺭﻳﺎﺩﺍ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻨﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ 30 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ ﮬﻪﻣﺮﺍﮬﻰ ، ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮒ ﻓﻮﻥ ﺑﺮﮔﻤﺎﻥ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ ، ﺋﯚﺭﺩﻩﻛﻨﯩﯔ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﺸﯩﺪﺍ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ 1934 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻤﯘ ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻩﯞﺭﺩﺍﺵ ﮬﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻟﻮﭖ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﺘﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﻭﺭ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﻩ ﻗﯧﺪﯨﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ 70 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﺎﺷﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﻮﯞﺍﻳﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . 
ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ 1500 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﯚﻣﺮﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘﻝ ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ _ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ . ﻗﯩﺰﻯ ﮔﯚﺩﻩﻙ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻼ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ . ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺩﻩﺷﺖ - ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻥ ، ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﯧﺰﯨﭗ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ . 1934 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﯩﮕﯩﭽﻪ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ . ﺋﯘ ﺋﺎﯞﺭﯨﻞ ﺳﺘﻪﻳﻨﮕﯩﻤﯘ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ، ﻳﻪﻧﻰ 1940 - ﻳﯩﻠﻰ 2 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ . ﺳﺎﺩﯨﻘﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ ﻧﯩﻴﺎﺯﺧﺎﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﮬﺎﻳﺎﺕ ، ﺋﯘ 70 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﺎﺷﻼﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺷﯩﯖﭙﯩﻚ ﻳﯧﺰﺍ ﺗﯘﯕﭽﯩﻜﻪ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯗ . ﻧﯩﻴﺎﺯﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻞ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﺗﺎﺷﻴﻮﻝ ﺋﻮﭼﺎﺳﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﯧﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ﺋﯩﺸﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﯩﺪﻩ . ﺧﻮﺗﯘﻥ - ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻛﺘﻪ . 
ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺳﺎﻕ ، ﺋﯘ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎ
ﺧﯩﺮﻗﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﭼﺎﺭﺍ ، ﻳﯧﯖﯩﺴﯘ ، ﺋﺎﺑﺪﺍﻝ ، ﺋﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯧﻠﯩﭗ - ﻛﯧﺘﯩﭗ ، ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ، ﺑﯚﻙ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺗﻮﻏﺮﺍﻗﺰﺍﺭﻻﺭﺩﺍ ﯞﻩ ﺗﻮﻗﺎﻱ - ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ . ﺋﯘ 1944 - ﻳﯩﻠﻰ 84 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖﯩﺴﯘ ، ﺋﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ . ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ، ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﯞﻩ ﻟﻮﭖ ﺋﯧﻠﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﮬﻪﻡ ﺗﻪﻗﻠﯩﺪﯨﻲ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﺘﻪ . 
ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ _ ﻟﻮﭖ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ، ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﺍ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻛﯚﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ،  ( ﻓﻮﻥ ﺑﯩﺮﮔﻤﺎﻥ ) ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﻪﻥ ، ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﻪﺧﺴﺘﯘﺭ . 

ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭ :
 
(1) ﻣﯚﻳﺪﯨﻦ ﺳﺎﺑﯩﺖ :  ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2003 - ﻳﯩﻞ 4 - ﺋﺎﻱ 1 - ﻧﻪﺷﺮﻯ 

(2) ﻏﺎﻟﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﻪﺭﻙ :  ، ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻧﯘﺳﺨﺎ 




#Total Article count: 303
#Total Word count: 199711